ۋەسۋەسە
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
مۆمىنلەرنى ئىتائەتتىن يىراقلاشتۇرىدىغان دۇنياۋىي جەلپكارلىقلار ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرى.
ئېنگلىزچىسى: Temptation
17 ئايەت
8 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 روھىي كۈرەش /
- 📄 ۋەسۋەسە
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَزَلَّهُمَا الشَّيْطَانُ عَنْهَا فَأَخْرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِ ۖ وَقُلْنَا اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇردى (يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ خاتالاشتۇردى)، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى. (ئادەمگە، ھەۋۋاغا، ئىبلىسقا) «بىر ـ بىرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا (جەننەتتىن يەر يۈزىگە) چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق (ئەجىلىڭلار توشقۇچە) يەرلىشىڭلار ۋە (نېمەتلەردىن) بەھرىمەن بولۇڭلار» دېدۇق[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇرۇپ (يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ)، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقارغۇزۋەتتى. بىز (ئادەمگە، ھەۋۋاغا، ئىبلىسقا): «بىر ـ بىرىڭلار بىلەن دۈشمەنلەشكەن ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق يەرلىشىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولىسىلەر» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: لېكىن شەيتان ئۇ ئىككىسىنى ئۇ دەرەخ ئارقىلىق خاتالاشتۇرۇپ، تۇرۇۋاتقان ماقاملىرىدىن چىقىرىۋەتتى16. بىز ئۇلارغا: «چۈشۈڭلار. بەزىڭلار بەزىڭلارنىڭ دۈشمىنى بولىسىلەر. سىلەر ئۈچۈن زېمىندا قارارگاھ ۋە بىر مۇددەتكىچە مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار» دېدۇق17.
2 : 268 - ئايەت
كۆرۈش
الشَّيْطَانُ يَعِدُكُمُ الْفَقْرَ وَيَأْمُرُكُمْ بِالْفَحْشَاءِ ۖ وَاللَّهُ يَعِدُكُمْ مَغْفِرَةً مِنْهُ وَفَضْلًا ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقىتىدۇ، يامان ئىشلارغا (يەنى بېخىللىققا، زاكات بەرمەسلىككە) بۇيرۇيدۇ؛ ئاللاھ سىلەرگە ئۆز مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[268].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقىتىدۇ، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ؛ ئاللاھ سىلەرگە ئۆز مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقۇتۇپ، قەبىھ ئىشقا76 بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئۆز تەرىپىدىن مەغپىرەت ۋە ئىلتىپات ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
زُيِّنَ لِلنَّاسِ حُبُّ الشَّهَوَاتِ مِنَ النِّسَاءِ وَالْبَنِينَ وَالْقَنَاطِيرِ الْمُقَنْطَرَةِ مِنَ الذَّهَبِ وَالْفِضَّةِ وَالْخَيْلِ الْمُسَوَّمَةِ وَالْأَنْعَامِ وَالْحَرْثِ ۗ ذَٰلِكَ مَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَاللَّهُ عِنْدَهُ حُسْنُ الْمَآبِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن ـ كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (باقاسى يوق) شەيئىلەردۇر؛ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر (شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە قىزىقىش كېرەك)[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاياللار، ئوغۇللار، يېغىپ توپلانغان ئالتۇن ـ كۈمۈشلەر، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەر ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان شەيئىلەردۇر؛ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا ياخشىلار قايتىدىغان گۈزەل جاي باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاياللار، ئوغۇللار، توپلانغان كۆپ ئالتۇن - كۈمۈشلەر، ئارغىماقلار، تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلەر6 ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت جازىبىلىك نەرسىلەرگە مەپتۇن بولۇش ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرىدۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بولسا ئەبەدىي ھاياتنىڭ گۈزەللىكلىرى بار.
نىسا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ يُرِيدُ أَنْ يَتُوبَ عَلَيْكُمْ وَيُرِيدُ الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الشَّهَوَاتِ أَنْ تَمِيلُوا مَيْلًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ (بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەكرارلاندى). شەھۋەتلەرگە ئەگىشىدىغانلار (يەنى شەيتانغا ئەگىشىدىغانلار) توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشىڭلارنى (شۇلارغا ئوخشاش فاجىر بولۇشۇڭلارنى) خالايدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىدىغانلار سىلەرنىڭ توغرا يولدىن تولۇق چىقىپ كېتىشىڭلارنى خالايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكۈچىلەر سىلەرنىڭ تامامەن يولدىن چىقىشىڭلارنى خالايدۇ.
4 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَأُضِلَّنَّهُمْ وَلَأُمَنِّيَنَّهُمْ وَلَآمُرَنَّهُمْ فَلَيُبَتِّكُنَّ آذَانَ الْأَنْعَامِ وَلَآمُرَنَّهُمْ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلْقَ اللَّهِ ۚ وَمَنْ يَتَّخِذِ الشَّيْطَانَ وَلِيًّا مِنْ دُونِ اللَّهِ فَقَدْ خَسِرَ خُسْرَانًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن (يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت، ھېساب ئېلىش يوق دېگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن)، ئۇلارنى چوقۇم چاھارپايلارنىڭ قۇلاقلىرىنى يېرىشقا بۇيرۇيمەن، ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرۇيمەن». كىمكى ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن، ئۇلارنى چوقۇم (بۇتلارغا نەزىر قىلىنغانلىقىغا بەلگە بولۇشى ئۈچۈن) چاھار پايلارنىڭ قۇلاقلىرىنى يېرىشقا، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە (يەنى قۇللارنى ئاختا قىلىش، ئۇلارغا مەڭ ئويدۇرۇشقا ئوخشاش ئىشلارغا) بۇيرۇيمەن». كىمكى ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى چوقۇم ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى چوقۇم قۇرۇق ئارزۇلارغا سالىمەن. ئۇلارنى چوقۇم بۇيرۇيمەن، ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىنى يارىدۇ. ئۇلارنى چوقۇم بۇيرۇيمەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ». كىم ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى ۋەلىي قىلىۋالىدىكەن54، ئۇ ئاشكارا زىيان تارتقان بولىدۇ.
4 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
يَعِدُهُمْ وَيُمَنِّيهِمْ ۖ وَمَا يَعِدُهُمُ الشَّيْطَانُ إِلَّا غُرُورًا
مۇھەممەد سالىھ: شەيتان ئۇلارغا (يالغان) ۋەدىلەرنى بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى خام خىيالغا سالىدۇ (يەنى ئەمەلدە ئىشقا ئاشمايدىغان ئارزۇلارنى كۆڭلىگە سالىدۇ)، شەيتان ئۇلارغا پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىدۇ[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەيتان ئۇلارغا ۋەدە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى خام خىيالغا سالىدۇ، شەيتان ئۇلارغا پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شەيتان ئۇلارغا ۋەدە قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى قۇرۇق ئارزۇلارغا سالىدۇ. شەيتان ئۇلارنى ئالداش ئۈچۈنلا ۋەدە قىلىدۇ.
مائىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَطَوَّعَتْ لَهُ نَفْسُهُ قَتْلَ أَخِيهِ فَقَتَلَهُ فَأَصْبَحَ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى قابىل) نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى (يەنى ھابىلنى) ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ (قابىل) نىڭ نەپسى خاھىشى ئۇنى قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ (قابىل) ئۇنى ئۆلتۈرۈپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئاخىرى نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشنى قوبۇل قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ الْأَنْعَامِ حَمُولَةً وَفَرْشًا ۚ كُلُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ وَلَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ چاھارپايلارنى (يەنى تۆگە، كالا، قويلارنى)، يۈك كۆتۈرىدىغانلارنى، بوغۇزلىنىدىغانلارنى ياراتتى. ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوچۇق دۈشمەندۇر[142].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ چارۋىلاردىن يۈك كۆتۈرىدىغانلىرىنى، ياتقۇزۇپ بوغۇزلىنىدىغانلىرىنى ياراتتى. ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەڭلار. شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوچۇق دۈشمەندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن يۈك توشۇيدىغانلارنى ۋە تۆشەك قىلىنىدىغانلارنى ياراتتى25. ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر.
ئەئراف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَنْظِرْنِي إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبلىس: ‹‹ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگۈچە (يەنى قىيامەت كۈنىگۈچە) مۆھلەت بەرگىن» دېدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبلىس: «ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگىچە مۆھلەت بەرگىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىبلىس: «ماڭا ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر مۆھلەت بەرگىن» دېدى.
7 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّكَ مِنَ الْمُنْظَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: ‹‹ساڭا مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ: «ساڭا چوقۇم مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «سەن مۆھلەت بېرىلگەنلەردىنسەن» دېدى.
7 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَبِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبلىس ئېيتتى: ‹‹ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ سەۋەبلىك ئۇلار (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش) ئۈچۈن چوقۇم توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبلىس ئېيتتى: «سەن مېنى گۇمراھلىقتا قالدۇرغانلىقتىن، مەن ئۇلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن
ئەنەس ئالىم: ئىبلىس ئېيتتى: «قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، سەن مېنى ئازدۇرغان سەۋەبتىن مەن ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن.
7 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ لَآتِيَنَّهُمْ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَنْ شَمَائِلِهِمْ ۖ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭىدىن، سولىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن››[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭ يېنىدىن، سول يېنىدىن ھۇجۇم قىلىمەن. سەن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن5. كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ساڭا شۈكرى قىلمايدۇ».
7 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَسْوَسَ لَهُمَا الشَّيْطَانُ لِيُبْدِيَ لَهُمَا مَا وُورِيَ عَنْهُمَا مِنْ سَوْآتِهِمَا وَقَالَ مَا نَهَاكُمَا رَبُّكُمَا عَنْ هَٰذِهِ الشَّجَرَةِ إِلَّا أَنْ تَكُونَا مَلَكَيْنِ أَوْ تَكُونَا مِنَ الْخَالِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلدى، شەيتان ئېيتتى: ‹‹پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر››[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن، شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن شەيتان ئۇ ئىككىسىگە ۋەسۋەسە قىلدى، مەقسىتى ئۇلارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى ئۇلارغا ئاشكارىلاش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «رەببىڭلار ئىككىڭلارغا بۇ دەرەخنى پەقەت ئىككى پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى مەڭگۈ ياشىغۇچىلاردىن بولۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈنلا چەكلىدى».
تاھا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَإِنَّا قَدْ فَتَنَّا قَوْمَكَ مِنْ بَعْدِكَ وَأَضَلَّهُمُ السَّامِرِيُّ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «سەندىن (يەنى سەن كەتكەندىن) كېيىن قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئۇلارنى سامىرى ئازدۇردى»[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «سەن كەتكەندىن كېيىن قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئۇلارنى سامىرى ئازدۇردى»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «بىز سەندىن كېيىن قەۋمىڭنى سىنىدۇق. سامىرىي ئۇلارنى ئازدۇردى» دېدى.
20 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُلْنَا يَا آدَمُ إِنَّ هَٰذَا عَدُوٌّ لَكَ وَلِزَوْجِكَ فَلَا يُخْرِجَنَّكُمَا مِنَ الْجَنَّةِ فَتَشْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بىز دېدۇق: «ئى ئادەم! بۇ ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭدۇر، خوتۇنۇڭنىڭ دۈشمىنىدۇر، ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، (ئۇ چاغدا) سىلەر جاپا - مۇشەققەتتە قالىسىلەر[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز دېدۇق: «ئى ئادەم! بۇ ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭدۇر، خوتۇنۇڭنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، -ئۇ چاغدا- سىلەر جاپا مۇشەققەتتە قالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئادەمگە مۇنداق دېدۇق: «ئى ئادەم! مانا بۇ سېنىڭمۇ دۈشمىنىڭدۇر، جۈپتىڭنىڭمۇ دۈشمىنىدۇر. بۇ، ئىككىڭلارنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتمىسۇن. بولمىسا، بەختسىز بولۇپ قالىسەن.
20 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَسْوَسَ إِلَيْهِ الشَّيْطَانُ قَالَ يَا آدَمُ هَلْ أَدُلُّكَ عَلَىٰ شَجَرَةِ الْخُلْدِ وَمُلْكٍ لَا يَبْلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: شەيتان ئۇنىڭغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «ئى ئادەم! ساڭا (مەن يېگەن ئادەم) ئۆلمەيدىغان دەرەخنى ۋە زاۋال تاپماس پادىشاھلىقنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەيتان ئۇنىڭغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «ئى ئادەم! ساڭا ئۆلمەيدىغان دەرەخنى ۋە زاۋال تاپماس پادىشاھلىقنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئەسنادا شەيتان ئادەمگە مۇنداق دەپ ۋەسۋەسە قىلدى: «ئى ئادەم! ساڭا مېۋىسىدىن يېگەن كىشى ئۆلمەيدىغان ۋە مەڭگۈ پادىشاھ بولىدىغان دەرەخنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟».
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ دُخِلَتْ عَلَيْهِمْ مِنْ أَقْطَارِهَا ثُمَّ سُئِلُوا الْفِتْنَةَ لَآتَوْهَا وَمَا تَلَبَّثُوا بِهَا إِلَّا يَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر شەھەرگە تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىلسە، ئاندىن ئۇلاردىن ئىمانىدىن قايتىش، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇلار بۇ تەلەپنى ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا قوبۇل قىلاتتى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر شەھەرگە تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىلسە، ئاندىن ئۇلاردىن ئىمانىدىن قايتىش، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇلار بۇ تەلەپنى ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا قوبۇل قىلاتتى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەدىنىنىڭ ھەر تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىنىپ، ئۇلاردىن فىتنە5 تەلەپ قىلىنسا ئىدى، ئۇلار ھېچ ئىككىلەنمەستىن دەرھال ئىشقا كىرىشكەن بولاتتى.