زاھىدلىك
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
دۇنيانى تەرك ئېتىش — ئىگە بولغان نەرسىلەرنىڭ ئازلىقى ئەمەس، بەلكى دۇنياۋىي نەرسىلەرنىڭ قەلبتە ئاز ئورۇنغا ئىگە بولۇشى.
ئېنگلىزچىسى: Zuhd
4 ئايەت
3 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 روھىي كۈرەش /
- 📄 زاھىدلىك
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
زُيِّنَ لِلنَّاسِ حُبُّ الشَّهَوَاتِ مِنَ النِّسَاءِ وَالْبَنِينَ وَالْقَنَاطِيرِ الْمُقَنْطَرَةِ مِنَ الذَّهَبِ وَالْفِضَّةِ وَالْخَيْلِ الْمُسَوَّمَةِ وَالْأَنْعَامِ وَالْحَرْثِ ۗ ذَٰلِكَ مَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَاللَّهُ عِنْدَهُ حُسْنُ الْمَآبِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن ـ كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (باقاسى يوق) شەيئىلەردۇر؛ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر (شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە قىزىقىش كېرەك)[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاياللار، ئوغۇللار، يېغىپ توپلانغان ئالتۇن ـ كۈمۈشلەر، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەر ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان شەيئىلەردۇر؛ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا ياخشىلار قايتىدىغان گۈزەل جاي باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاياللار، ئوغۇللار، توپلانغان كۆپ ئالتۇن - كۈمۈشلەر، ئارغىماقلار، تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلەر6 ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت جازىبىلىك نەرسىلەرگە مەپتۇن بولۇش ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرىدۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بولسا ئەبەدىي ھاياتنىڭ گۈزەللىكلىرى بار.
نىسا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
فَلْيُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ الَّذِينَ يَشْرُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا بِالْآخِرَةِ ۚ وَمَنْ يُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَيُقْتَلْ أَوْ يَغْلِبْ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتكە تېگىشىدىغانلار ئاللاھ يولىدا (جېنىنى، پۇل ـ مېلىنى پىدا قىلىپ) جىھاد قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتكە تېگىشىدىغانلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلسۇن. كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتنىڭ بەدىلىگە ساتىدىغانلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشسۇن. كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز يېقىندا ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز.
4 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ كَانَ يُرِيدُ ثَوَابَ الدُّنْيَا فَعِنْدَ اللَّهِ ثَوَابُ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ سَمِيعًا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى (قىلغان ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ نېمىتىنى تىلەيدىكەن، (ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويغىنكى) دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (بەندە ئۆز پەرۋەردىگارىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتىنى تىلىسۇن). ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى دۇنيانىڭ نېمىتىنى تىلەيدىكەن، (ئۇ بىلسۇنكى) دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: كىم دۇنيانىڭ ساۋابىنى ئىرادە قىلسا59، بىلسۇنكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلَّا لَعِبٌ وَلَهْوٌ ۖ وَلَلدَّارُ الْآخِرَةُ خَيْرٌ لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن، غەپلەتتىنلا ئىبارەت. تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇ دۇنيا ياخشىدۇر، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ۋە تاماشىدىنلا ئىبارەت، تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئاخىرەت يۇرتى ئىنتايىن خەيرىلىكتۇر. بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ۋە بىھۇدە مەشغۇلاتتۇر. ئاخىرەت يۇرتى بولسا، تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئەڭ ياخشىدۇر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟