قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
چىدىغۇسىز بېسىم، قاتتىق ئېغىرچىلىق ۋە مۇسىبەتلەرگە قارشى سەۋرلىك بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ نۇسرىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىك توغرىسىدىكى ئايەتلەر
ئەرەبچىىسى: الصبر
ئېنگلىزچىسى: Patience in Hardship
2 ئايەت
2 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 سىناقلارغا ئىنكاسلار /
- 📄 قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىش
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 214 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ حَسِبْتُمْ أَنْ تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُمْ مَثَلُ الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلِكُمْ ۖ مَسَّتْهُمُ الْبَأْسَاءُ وَالضَّرَّاءُ وَزُلْزِلُوا حَتَّىٰ يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ مَتَىٰ نَصْرُ اللَّهِ ۗ أَلَا إِنَّ نَصْرَ اللَّهِ قَرِيبٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۆمىن) لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: «ئاللاھنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟» دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر[214].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۆمىنلەرمۇ ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە پاراكەندىچىلىككە سېلىنغان ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچانمۇ كېلەر؟» دېيىشكەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟ سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرنىڭ ئوخشىشى تېخى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلمىدىغۇ! ئۇلار چىدىغۇسىز بېسىم ۋە قاتتىق ئېغىرچىلىقلارغا ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى. بۇ شۇ دەرىجىدە بولغان ئىدىكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلار: «ئاللاھنىڭ نۇسرىتى قاچان كېلىدۇ؟» دەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ناھايىتى يېقىندۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 153 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ تُصْعِدُونَ وَلَا تَلْوُونَ عَلَىٰ أَحَدٍ وَالرَّسُولُ يَدْعُوكُمْ فِي أُخْرَاكُمْ فَأَثَابَكُمْ غَمًّا بِغَمٍّ لِكَيْلَا تَحْزَنُوا عَلَىٰ مَا فَاتَكُمْ وَلَا مَا أَصَابَكُمْ ۗ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر (ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كېلىڭلار، مەن رەسۇلۇللاھتۇرمەن، كىمكى جىھاد مەيدانىغا قايتسا، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ دەپ) ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىرىپ تۇراتتى، سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچاتتىڭلار، (بۇنىڭدىن كېيىن) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە (يەنى غەنىيمەتكە)، بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە (يەنى مەغلۇبىيەتكە) قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە غەم ئۈستىگە غەم بەردى (يەنى سىلەرنى غەنىيمەتتىن مەھرۇم قىلغاننىڭ ئۈستىگە مەغلۇبىيەت بىلەن جازالىدى). ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[153].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر سىلەرنى ئارقاڭلاردىن چاقىرىپ تۇرسىمۇ، سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچقان ئىدىڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە، بېشىڭلارغا كەلگەن كېلىشمەسلىككە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى قاتمۇقات غەمگە مۇپتىلا قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ھېچكىمگە بۇرۇلۇپ قارىماستىن يۇقىرى تەرەپكە قاچاتتىڭلار، رەسۇلۇللاھ ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ غەم ئۈستىگە غەم بېرىپ سىلەرنى جازالىدى. ئاللاھ بۇنى قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە ۋە بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.