مۆمىنلەرنى پەرقلەندۈرۈش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ھەقىقىي، سەمىمىي ئېتىقادنى پەقەت تاشقى كۆرۈنۈشتىكى ئېتىقادلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان سىناقلار.
ئەرەبچىىسى: تمييز
ئېنگلىزچىسى: Distinguishing Believers
5 ئايەت
3 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 سىناقلارنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكمەت /
- 📄 مۆمىنلەرنى پەرقلەندۈرۈش
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَمْسَسْكُمْ قَرْحٌ فَقَدْ مَسَّ الْقَوْمَ قَرْحٌ مِثْلُهُ ۚ وَتِلْكَ الْأَيَّامُ نُدَاوِلُهَا بَيْنَ النَّاسِ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَيَتَّخِذَ مِنْكُمْ شُهَدَاءَ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەرگە شىكەستىلىك يەتكەن بولسا (يەنى بۇ جەڭدە سىلەر يارىلانغان ۋە شەھىد بولغان بولساڭلار)، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى جېڭىدە) ئوخشاشلا شىكەستىلىك يەتتى (يەنى ئۇلار يارىلاندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى). بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز (يەنى غەلىبىنى ھەمىشە بىر پىرقىدە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە، بىركۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز)، (بۇ) ئاللاھنىڭ (ھەقىقىي) مۆمىنلەرنى (مۇناپىقلاردىن) ئايرىشى ئۈچۈندۇر، سىلەرنى شەھىدلەردىن قىلىشى (يەنى سىلەردىن بەزىلەرنى شەھىدلىك دەرىجىسىگە مۇشەررەپ قىلىشى) ئۈچۈندۇر، ـ ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەرگە تالاپەت يەتكەن بولسا، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى جېڭىدە) ئوخشاشلا تالاپەت يەتكەن ئىدى. بۇنداق كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز، بۇ ئاللاھنىڭ ھەقىقىي مۆمىنلەرنى پەرقلەندۈرۈشى، سىلەردىن شېھىتلەرنى چىقىرىشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر بۇ ئۇھۇد ئۇرۇشىدا يارىلانغان بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئۇ قەۋممۇ بەدىر ئۇرۇشىدا ئوخشاشلا يارىلانغان. بىز بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا نۆۋەتلەشتۈرۈپ تۇرىمىز. بۇ ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنى بىلىشى24 ۋە بەزىڭلارنى شېھىتلىك ماقامىغا يەتكۈزۈشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
3 : 166 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَصَابَكُمْ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ فَبِإِذْنِ اللَّهِ وَلِيَعْلَمَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار توقۇنۇشقان ئۇھۇد جېڭىدە) سىلەرگە كەلگەن مۇسىبەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كەلگەندۇر، بۇ ھەقىقىي مۆمىنلەرنى بىلىش (يەنى ئايرىش) ئۈچۈندۇر[166].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە (ئۇھۇد ئۇرۇشىدا) سىلەرگە كەلگەن تالاپەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كەلگەندۇر، بۇ (تالاپەتنىڭ كېلىشى) ھەقىقىي مۆمىنلەرنى ئايرىش ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىككى قوشۇن ئۇرۇشقان كۈنى بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەت ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كەلدى. بۇ ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنى بىلىشى ئۈچۈندۇر،
3 : 179 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ اللَّهُ لِيَذَرَ الْمُؤْمِنِينَ عَلَىٰ مَا أَنْتُمْ عَلَيْهِ حَتَّىٰ يَمِيزَ الْخَبِيثَ مِنَ الطَّيِّبِ ۗ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُطْلِعَكُمْ عَلَى الْغَيْبِ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَجْتَبِي مِنْ رُسُلِهِ مَنْ يَشَاءُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ ۚ وَإِنْ تُؤْمِنُوا وَتَتَّقُوا فَلَكُمْ أَجْرٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ياماننى (يەنى مۇناپىقنى) ياخشىدىن (يەنى مۆمىندىن) ئايرىمىغىچە مۆمىنلەرنى (يەنى سىلەرنى) ھازىرقى پېتىڭلارچە قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى غەيبتىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ ۋەلېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇناپىقلارنىڭ ھالىنى بىلدۈرگەندەك) غەيبنى بىلدۈرىدۇ؛ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە (پەرۋەردىگارىڭلاردىن) قورقساڭلار، چوڭ ساۋابقا ئېرىشىسىلەر[179].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھ ياماننى ياخشىدىن ئايرىمىغۇچە سىلەرنى ھازىرقى ھالتىڭلارچە تاشلاپ قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى غەيبتىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ، لېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا غەيبنى بىلدۈرىدۇ؛ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادار بولساڭلار، چوڭ ساۋابقا ئېرىشىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ناپاكنى پاكتىن ئايرىمىغىچە سىلەر مۇئمىنلارنى ھازىرقى ئەھۋالىڭلاردا قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرگە غەيبنى بىلدۈرمەيدۇ. لېكىن ئاللاھ غەيىبنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەلچىلىرىدىن كىمنى خالىسا ئۇنى تاللايدۇ. ئۇنداقتا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر ئىمان كەلتۈرسەڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار سىلەرگە كاتتا ئەجىر بار.
مائىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَيَبْلُوَنَّكُمُ اللَّهُ بِشَيْءٍ مِنَ الصَّيْدِ تَنَالُهُ أَيْدِيكُمْ وَرِمَاحُكُمْ لِيَعْلَمَ اللَّهُ مَنْ يَخَافُهُ بِالْغَيْبِ ۚ فَمَنِ اعْتَدَىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَلَهُ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! كۆرمەي تۇرۇپ ئاللاھتىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەن ئوۋلىنىدىغان بىر ئاز ئوۋ بىلەن ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم سىنايدۇ، كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورقىدىغانلارنى ئايرىش ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەنلا ئوۋلىغىلى بولغۇدەك ئوۋ بىلەن چوقۇم سىنايدۇ. كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى قوللىرىڭلار ۋە نەيزىلىرىڭلار بىلەن ئوۋلىيالىغۇدەك ئوۋ بىلەن سىنايدۇ. ئاللاھ بۇنى، كۆرمەي تۇرۇپ ئۆزىدىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن قىلىدۇ. كىم بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشىدىكەن، ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
تەۋبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ حَسِبْتُمْ أَنْ تُتْرَكُوا وَلَمَّا يَعْلَمِ اللَّهُ الَّذِينَ جَاهَدُوا مِنْكُمْ وَلَمْ يَتَّخِذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَا رَسُولِهِ وَلَا الْمُؤْمِنِينَ وَلِيجَةً ۚ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى جىھاد قىلغانلارنى، ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە مۆمىنلەردىن باشقىنى سىرداش قىلىۋالمىغانلارنى بىلمەي (يەنى ئوتتۇرىغا چىقارماي) تۇرۇپ سىلەر ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىلىمىز، (يەنى سىنالمايمىز) دەپ ئويلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى جىھاد قىلغانلارنى، ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە مۆمىنلەردىن باشقىنى سىرداش قىلىۋالمىغانلارنى بىلمەي (يەنى ئوتتۇرىغا چىقارماي) تۇرۇپ سىلەر ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىلىمىز (يەنى سىنالمايمىز) دەپ ئويلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىلىمىز دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟ ئاللاھ سىلەردىن جىھاد قىلغان، ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن ۋە مۇئمىنلاردىن باشقىسىنى ئۆزلىرىگە سىرداش قىلىۋالمىغان كىشىلەرنى تېخى بىلمىگەن تۇرسا! ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.