مەريەم
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
مەريەم ئانا توغرىدىكى ئايەتلەر
ئېنگلىزچىسى: Maryam (Mary)
21 ئايەت
7 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئاياللار /
- 📄 مەريەم
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا وَضَعَتْهَا قَالَتْ رَبِّ إِنِّي وَضَعْتُهَا أُنْثَىٰ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا وَضَعَتْ وَلَيْسَ الذَّكَرُ كَالْأُنْثَىٰ ۖ وَإِنِّي سَمَّيْتُهَا مَرْيَمَ وَإِنِّي أُعِيذُهَا بِكَ وَذُرِّيَّتَهَا مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ قىز تۇغقان ۋاقتىدا: «ئى پەرۋەردىگارىم! قىز تۇغدۇم» دېدى، ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. (ئۇ تەلەپ قىلغان) ئوغۇل، (ئاتا قىلىنغان) قىزغا ئوخشاش ئەمەس، (بەلكى بۇ قىز ئارتۇقتۇر). (ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى) «مەن ئۇنى مەريەم دەپ ئاتىدىم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سىغىنىپ، قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن»[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ قىز تۇغقان ۋاقتىدا: «ئى رەببىم! مەن قىز تۇغۇپ قالدىم» دېدى، ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ تەلەپ قىلغان ئوغۇل بىلەن بۇ قىز ئوخشاش ئەمەس (يەنى بۇ قىز ئەۋزەلدۇر). (ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى) «مەن ئۇنىڭغا مەريەم دەپ ئات قويدۇم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ، قوغلاندى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئايال قىزىنى تۇغقاندا: «رەببىم! بۇنى قىز تۇغدۇم» - ئاللاھ ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ - «ئوغۇل قىزغا ئوخشاش ئەمەس. مەن بۇنىڭ ئىسمىنى مەريەم قويدۇم. رەببىم! سەن بۇنى ۋە بۇنىڭ ئەۋلادىنى ئۆز پاناھىڭغا ئېلىپ، قوغلاندى شەيتاندىن ساقلىغىن» دېدى.
3 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَقَبَّلَهَا رَبُّهَا بِقَبُولٍ حَسَنٍ وَأَنْبَتَهَا نَبَاتًا حَسَنًا وَكَفَّلَهَا زَكَرِيَّا ۖ كُلَّمَا دَخَلَ عَلَيْهَا زَكَرِيَّا الْمِحْرَابَ وَجَدَ عِنْدَهَا رِزْقًا ۖ قَالَ يَا مَرْيَمُ أَنَّىٰ لَكِ هَٰذَا ۖ قَالَتْ هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۖ إِنَّ اللَّهَ يَرْزُقُ مَنْ يَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى پەرۋەردىگارى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنىڭغا زەكەرىيانى كېپىل قىلدى (يەنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا زەكەرىيانى قويدى). زەكەرىيا ھەر قېتىم (ئۇنىڭ) ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم: «ئۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى» دەيتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا ـ مۇشەققەتسىزلا) ھەددى-ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى پەرۋەردىگارى ياخشى رەۋىشتە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنى تەربىيەلەشنى زەكەرىيياغا تاپشۇردى. زەكەرىييا ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم: «بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ» دەيتتى.
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مەريەمنى رەببى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى ۋە ئۇنى بېقىشقا زەكەرىييانى مەسئۇل قىلدى. زەكەرىييا مەريەم تۇرۇۋاتقان ئىبادەتخانىغا ھەر كىرگىنىدە، ئۇنىڭ يېنىدا رىزىق كۆرۈپ: «ئى مەريەم! بۇ رىزىق ساڭا قەيەردىن كېلىدۇ؟» دەيتتى. مەريەم بولسا: «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن» دەيتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.
3 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَتِ الْمَلَائِكَةُ يَا مَرْيَمُ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَاكِ وَطَهَّرَكِ وَاصْطَفَاكِ عَلَىٰ نِسَاءِ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى (پۈتۈن ئاياللار ئىچىدىن) تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئەۋزەل قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مەريەمگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى مەريەم! ئاللاھ سېنى تاللىدى، سېنى پاك قىلدى ۋە سېنى تاللاپ ئالەملەرنىڭ ئاياللىرىدىن ئۈستۈن قىلدى.
3 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
يَا مَرْيَمُ اقْنُتِي لِرَبِّكِ وَاسْجُدِي وَارْكَعِي مَعَ الرَّاكِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىل»[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىلغىن، سەجدە قىلغىن ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: ئى مەريەم! رەببىڭگە چىن كۆڭلۈڭدىن ئىتائەت قىلغىن، سەجدە قىلغىن ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلغىن».
3 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَتِ الْمَلَائِكَةُ يَا مَرْيَمُ إِنَّ اللَّهَ يُبَشِّرُكِ بِكَلِمَةٍ مِنْهُ اسْمُهُ الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ وَجِيهًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز) ئاللاھنىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى، مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسادۇر. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا ۋۇجۇدقا كەل دېگەن كەلىمىسى ئارقىلىق تۆرىلىدىغان بىر پەرزەنت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسادۇر، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مەريەمگە يەنە مۇنداق دېدى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا ئۆزىنىڭ بىر كەلىمىسى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى ئىيسا مەسىھتۇر. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق بولىدۇ. ئۇ ئاللاھقا يېقىن بەندىلەردىن بولىدۇ.
3 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي وَلَدٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكِ اللَّهُ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ إِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ (يەنى ئاتا ـ ئانا ئارقىلىقمۇ ۋە ئۇنىڭسىزمۇ يارىتىدۇ). بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ‹ۋۇجۇدقا كەل› دەيدۇ – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم: «ئى رەببىم! ماڭا ھېچبىر ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا، قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ. بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، < ۋۇجۇدقا كەل > دەيدۇ-دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: مەريەم: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ بالام بولسۇن؟ مەن بىلەن ھېچكىم بىر يەردە بولمىغان تۇرسا!» دېدى. ئاللاھ: «شۇنداق. لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئۇ بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلسا ئۇنىڭغا پەقەتلا: ‹بول› دەيدۇ. ئۇ بولىدۇ» دېدى.
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
وَبِكُفْرِهِمْ وَقَوْلِهِمْ عَلَىٰ مَرْيَمَ بُهْتَانًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق)[156].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق)
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كافىر بولغانلىقى ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق.
مائىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
مَا الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِ الرُّسُلُ وَأُمُّهُ صِدِّيقَةٌ ۖ كَانَا يَأْكُلَانِ الطَّعَامَ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُبَيِّنُ لَهُمُ الْآيَاتِ ثُمَّ انْظُرْ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەت (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش) پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايالدۇر، ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى (يەنە ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا گۆش، سۆڭەك، تومۇر ۋە پەيلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى). ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ باتىللىقىغا) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغىمۇ قارىغىن[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەتلا پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايال ئىدى، ئۇ ئىككىسى (باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا) تاماق يەيتتى. بىزنىڭ ئۇلارغا (يەنى ناسارالارغا) بۇ ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىۋاتقانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغىمۇ قارىغىن
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ پەقەتلا ئەلچىدۇر. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئەلچىلەر ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايالدۇر. ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى. قارىغىنا، ئۇلارغا ئايەتلەرنى قانداق بايان قىلىۋاتىمىز. ئاندىن يەنە قارىغىنا، ئۇلار قانداق بۇرۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ.
5 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ اذْكُرْ نِعْمَتِي عَلَيْكَ وَعَلَىٰ وَالِدَتِكَ إِذْ أَيَّدْتُكَ بِرُوحِ الْقُدُسِ تُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا ۖ وَإِذْ عَلَّمْتُكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ ۖ وَإِذْ تَخْلُقُ مِنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ بِإِذْنِي فَتَنْفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِي ۖ وَتُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ تُخْرِجُ الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ كَفَفْتُ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَنْكَ إِذْ جِئْتَهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن؛ ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە) بۆشۈكتە ۋە (پەيغەمبەر بولغان) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ. ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم. ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ ـ دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزنىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى. مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ. ئەينى زاماندا، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقىراتتىڭ. ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: «بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر» دېدى[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ ۋاقتىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن: شۇ چاغدا سېنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن قوللىغان ئىدىم، بۆشۈكتىكى چېغىڭدا ۋە ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرچە) سۆزلەيتتىڭ؛ شۇ چاغدا ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى بىلدۈرگەن ئىدىم. شۇ چاغدا مېنىڭ ئىرادەم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ، ئۇنى پۈۋلىسەڭ، ئۇ مېنىڭ ئىرادەم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى؛ سەن مېنىڭ ئىرادەم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ؛ شۇ چاغدا سەن مېنىڭ ئىرادەم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقىراتتىڭ؛ شۇ چاغدا مەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى ساڭا چېقىلىشتىن توسقان ئىدىم. سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چېغىڭدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كافىرلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! مېنىڭ ساڭا ۋە ئاناڭغا ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئەتكىن. سېنى روھۇلقۇدۇس بىلەن كۈچلەندۈرگەن ئىدىم. سەن ئىنسانلارغا بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش چېغىڭدىمۇ گەپ قىلاتتىڭ. ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتكەن ئىدىم. مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن لايدىن قۇش شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ ئىچىگە پۈۋلەيتتىڭ، ئۇ مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن قۇش بولاتتى. تۇغما كور ئادەمنى ۋە ئاقكېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەمنى مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن ساقايتاتتىڭ. مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن چىقىراتتىڭ. ئىسرائىل ئەۋلادىنى سەندىن توسقان ئىدىم، ئۇ چاغدا سەن ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدىڭ، ئۇلاردىن كافىر بولغانلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن ئىدى.
مەريەم سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مَرْيَمَ إِذِ انْتَبَذَتْ مِنْ أَهْلِهَا مَكَانًا شَرْقِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) قۇرئاندا مەريەم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا قۇرئاندا مەريەم قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا مەريەمنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتە بىر يەرگە كەتتى.
19 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّخَذَتْ مِنْ دُونِهِمْ حِجَابًا فَأَرْسَلْنَا إِلَيْهَا رُوحَنَا فَتَمَثَّلَ لَهَا بَشَرًا سَوِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ پەردە تارتىپ كىشىلەردىن يوشۇرۇندى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىزنى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ پەردە تارتىپ كىشىلەردىن يۇشۇرۇندى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىز-جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام-نى ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىلەن ئۆز ئارىسىغا پەردە تارتتى. ئۇ ئەسنادا بىز ئۇنىڭغا روھىمىزنى ئەۋەتتۇق. روھىمىز ئۇنىڭغا نورمال ئەر كىشى سۈرىتىدە كۆرۈندى.
19 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ إِنِّي أَعُوذُ بِالرَّحْمَٰنِ مِنْكَ إِنْ كُنْتَ تَقِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سىغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)»[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سېغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ ماڭا چېقىلمىغىن»
ئەنەس ئالىم: مەريەم: «مەن سەندىن رەھمانغا سېغىنىمەن. ئەگەر تەقۋادار بىرى بولساڭ، ماڭا چېقىلمغىن!» دېدى.
19 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ وَلَمْ أَكُ بَغِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئېيتتى: «ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟»[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئېيتتى: «ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟»
ئەنەس ئالىم: مەريەم: «مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟ مەن بىلەن ھېچكىم بىر يەردە بولمىغان تۇرسا، مەن بۇزۇق بىرىمۇ بولمىسام!» دېدى.
19 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
فَحَمَلَتْهُ فَانْتَبَذَتْ بِهِ مَكَانًا قَصِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ھامىلدار بولدى، (ئائىلىسىدىن) يىراق بىر جايغا كەتتى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ھامىلدار بولدى، ئائىلىسىدىن يىراق بىر جايغا كەتتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مەريەم ھامىلىدار بولدى ۋە بۇ ھالى بىلەن يىراق بىر يەرگە كەتتى،
19 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَجَاءَهَا الْمَخَاضُ إِلَىٰ جِذْعِ النَّخْلَةِ قَالَتْ يَا لَيْتَنِي مِتُّ قَبْلَ هَٰذَا وَكُنْتُ نَسْيًا مَنْسِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى (يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن) بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!»[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!»
ئەنەس ئالىم: ئاندىن تولغاق تۇتۇپ بىر خورما دەرىخىنىڭ ئاستىغا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى، «كاشكى بۇ ئىش بېشىمغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولسامچۇ!» دېدى.
19 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَتَتْ بِهِ قَوْمَهَا تَحْمِلُهُ ۖ قَالُوا يَا مَرْيَمُ لَقَدْ جِئْتِ شَيْئًا فَرِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم بوۋاقنى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى) كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم بوۋاق-ئىسا ئەلەيھىسسالام-نى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مەريەم بالىسىنى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ!
19 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أُخْتَ هَارُونَ مَا كَانَ أَبُوكِ امْرَأَ سَوْءٍ وَمَا كَانَتْ أُمُّكِ بَغِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى»[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى»
ئەنەس ئالىم: ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ بۇزۇق ئايال ئەمەس ئىدى».
19 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَشَارَتْ إِلَيْهِ ۖ قَالُوا كَيْفَ نُكَلِّمُ مَنْ كَانَ فِي الْمَهْدِ صَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم بوۋاقنى كۆرسەتتى، ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز» دېدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم بوۋاقنى كۆرسەتتى، ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاق بىلەن قانداق گەپلىشىمىز؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: مەريەم بالىغا ئىشارەت قىلدى5. ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاق بىلەن قانداقمۇ سۆزلىشىمىز؟» دېدى.
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّتِي أَحْصَنَتْ فَرْجَهَا فَنَفَخْنَا فِيهَا مِنْ رُوحِنَا وَجَعَلْنَاهَا وَابْنَهَا آيَةً لِلْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نومۇسىنى ساقلىغان ئايالنىڭ (يەنى مەريەمنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن) ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (پۈۋلەنگەن روھ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇ ئىيساغا ھامىلدار بولدى)، ئۇنى ۋە ئوغلىنى (يەنى ئىيسا بىلەن مەريەمنى) ئەھلى جاھان ئۈچۈن (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل قىلدۇق[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: نومۇسىنى ساقلىغان ئايال-مەريەمنىڭ قىسسى-نى بايان قىلغىن. ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق، ئۇنى ۋە ئوغلىنى ئەھلى جاھان ئۈچۈن دەلىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئىپپىتىنى ساقلىغان قىزنى زىكىر قىلغىن. بىز ئۇنىڭغا روھىمىزدىن پۈۋلىدۇق، ئۇنى ۋە ئوغلىنى ئالەملەر ئۈچۈن ئايەت قىلدۇق.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا ابْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُ آيَةً وَآوَيْنَاهُمَا إِلَىٰ رَبْوَةٍ ذَاتِ قَرَارٍ وَمَعِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مەريەمنىڭ ئوغلىنى (يەنى ئىيسانى) ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) (كامالى قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلدۇق، ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مەريەمنىڭ ئوغلى-ئىسا-نى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى-مەريەم-نى بىرەر دەلىل قىلدۇق؛ ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىيسانى ۋە مەريەمنى بىر ئايەت قىلدۇق، ئۇلارنى ياشاشقا ئۇيغۇن ۋە ئېقىن سۈيى بولغان ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق.
تەھرىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
66 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَرْيَمَ ابْنَتَ عِمْرَانَ الَّتِي أَحْصَنَتْ فَرْجَهَا فَنَفَخْنَا فِيهِ مِنْ رُوحِنَا وَصَدَّقَتْ بِكَلِمَاتِ رَبِّهَا وَكُتُبِهِ وَكَانَتْ مِنَ الْقَانِتِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەمدە ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇ ئىپپىتىنى ساقلىدى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (پۈۋلەنگەن روھ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىيساغا ھامىلىدار بولدى). ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە (نازىل قىلغان) كىتابلىرىنى تەستىق قىلدى ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەمدە ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇ نومۇسىنى ساقلىدى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق، ئۇ رەببىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە كىتابلىرىنى تەستىق قىلدى، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنىمۇ مىسال قىلدى. ئۇ ئىپپىتىنى ساقلىغان قىز ئىدى. بىز ئۇنىڭ بالىياتقۇسىغا روھىمىزدىن پۈۋلىدۇق، ئۇ رەببىنىڭ سۆزلىرى ۋە كىتابلىرىغا چىن قەلبىدىن ئىشەندى، ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى.