پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى توغرىسىدىكى ئايەتلەر
ئېنگلىزچىسى: Wives of the Prophet
14 ئايەت
2 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئاياللار /
- 📄 پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى
قۇرئان ئايەتلىرى
ئەھزاب سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
النَّبِيُّ أَوْلَىٰ بِالْمُؤْمِنِينَ مِنْ أَنْفُسِهِمْ ۖ وَأَزْوَاجُهُ أُمَّهَاتُهُمْ ۗ وَأُولُو الْأَرْحَامِ بَعْضُهُمْ أَوْلَىٰ بِبَعْضٍ فِي كِتَابِ اللَّهِ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُهَاجِرِينَ إِلَّا أَنْ تَفْعَلُوا إِلَىٰ أَوْلِيَائِكُمْ مَعْرُوفًا ۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي الْكِتَابِ مَسْطُورًا
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ چارىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، كىتابۇللاھتا ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە (مىراس ئېلىشتا) مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن يېقىندۇر، لېكىن (مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن بولغان) دوستلىرىڭلارغا ۋەسىيەت قىلساڭلار دۇرۇس بولىدۇ، بۇ (يەنى تۇغقانلارنىڭ ئۆز ئارا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشى) كىتابتا (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىدا) يېزىلغاندۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەر مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ ئەۋلادۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، كىتابۇللاھتا ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە مۇئمىنلاردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن تېخىمۇ ئەۋلادۇر، لېكىن دوستلىرىڭلارغا يوللۇق رەۋىشتە ۋەسىيەت قىلساڭلار ئۇ باشقا، بۇ، كىتابتا يېزىلغاندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ نەبىي مۇئمىنلارغا ئۆزلىرىدىنمۇ يېقىندۇر3. ئۇنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر. ئۇرۇق -تۇغقانلار ئاللاھنىڭ كىتابىدا بىر - بىرىگە مۇئمىن ۋە مۇھاجىرلاردىن يېقىندۇر. يېقىنلىرىڭلارغا قىلىدىغان ياخشىلىقىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا4. بۇ، كىتابتا يېزىلغاندۇر.
33 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُلْ لِأَزْوَاجِكَ إِنْ كُنْتُنَّ تُرِدْنَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا وَزِينَتَهَا فَتَعَالَيْنَ أُمَتِّعْكُنَّ وَأُسَرِّحْكُنَّ سَرَاحًا جَمِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: . ئى پەيغەمبەر! (ئارتۇق خىراجەت سوراپ سېنى رەنجىتكەن) ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (يەنى پاراۋان تۇرمۇشنى) ۋە دۇنيانىڭ زىبۇ زىننىتىنى كۆزلىسەڭلار، كېلىڭلار، سىلەرگە بىر ئاز نەرسە بېرەي، سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەر دۇنيا تېرىكچىلىكىنى ۋە دۇنيانىڭ زىبۇ زىننىتىنى كۆزلىسەڭلار، كېلىڭلار، سىلەرگە بىر ئاز نەرسە بېرەي، سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! ئاياللىرىڭغا ئېيتقىن: «ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيا ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ زىننىتىنى كۆزلەيدىغان بولساڭلار، كېلىڭلار سىلەرگە مەنپەئەتلەنگۈدەك بىر نەرسە بېرەي ۋە سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي.
33 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كُنْتُنَّ تُرِدْنَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَالدَّارَ الْآخِرَةَ فَإِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْمُحْسِنَاتِ مِنْكُنَّ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى (يەنى كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نازۇنېمەتلەر بار جەننەتنى) تەييار قىلدى»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر ئاللاھ نى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى تەييار قىلدى»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەردىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا كاتتا ئەجىر تەييارلىدى».
33 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ مَنْ يَأْتِ مِنْكُنَّ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ يُضَاعَفْ لَهَا الْعَذَابُ ضِعْفَيْنِ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! ئىچىڭلاردىن كىمكى ئاشكارا قەبىھ ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! ئىچىڭلاردىن كىمكى ئاشكارا قەبىھ ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىينىڭ ئاياللىرى! سىلەردىن كىم ئاشكارا پاھىشە قىلسا، ئۇنىڭ ئازابى ئىككى ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ. بۇ ئاللاھقا بەك ئاساندۇر.
33 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَقْنُتْ مِنْكُنَّ لِلَّهِ وَرَسُولِهِ وَتَعْمَلْ صَالِحًا نُؤْتِهَا أَجْرَهَا مَرَّتَيْنِ وَأَعْتَدْنَا لَهَا رِزْقًا كَرِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ساۋابنى ئىككى قاتلاپ بېرىمىز، ئۇنىڭغا (جەننەتتە) ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ساۋابنى ئىككى قاتلاپ بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا ئەجرىنى ئىككى قېتىم بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق.
33 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِنَ النِّسَاءِ ۚ إِنِ اتَّقَيْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَعْرُوفًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازلىنىپ سۆز قىلماڭلار، (نازلىنىپ سۆز قىلساڭلار) دىلىدا كېسەل بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (گۇماندىن خالىي) ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر ئاللاھتىن قورقۇدىغان بولساڭلار يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار، بولمىسا دىلىدا نىفاق بار ئادەم تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، كۆرسەتمىگە ئۇيغۇن سۆزلەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىينىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارغا ئوخشىمايسىلەر. ئەگەر تەقۋادار بولسڭلارا، نازلىنىپ گەپ قىلماڭلار، بولمىسا قەلبىدە كېسەل بار كىشى تەمەدە بولۇپ قالىدۇ. لايىقىدا گەپ قىلىڭلار.
33 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَىٰ ۖ وَأَقِمْنَ الصَّلَاةَ وَآتِينَ الزَّكَاةَ وَأَطِعْنَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيُذْهِبَ عَنْكُمُ الرِّجْسَ أَهْلَ الْبَيْتِ وَيُطَهِّرَكُمْ تَطْهِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئاياللىرىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار. ئى نەبىينىڭ ئائىلىسى! ئاللاھ سىلەرنى گۇناھ ۋە يامانلىقلاردىن تازىلاپ، پاك - پاكىز ھالەتكە كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلىدۇ.
33 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْنَ مَا يُتْلَىٰ فِي بُيُوتِكُنَّ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ وَالْحِكْمَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ لَطِيفًا خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆيلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى) دىن ئوقۇلۇۋاتقان نەرسىلەرنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىرلارنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆيلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەتتىن ئوقۇلۇۋاتقان نەرسىلەرنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىرلەرنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆيلىرىڭلاردا تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ھېكمەتنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پۈتۈن ئىنچىكىلىكلەرنى ۋە مەخپىيەتلىكلەرنى بىلگۈچىدۇر، ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر.
33 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَحْلَلْنَا لَكَ أَزْوَاجَكَ اللَّاتِي آتَيْتَ أُجُورَهُنَّ وَمَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ مِمَّا أَفَاءَ اللَّهُ عَلَيْكَ وَبَنَاتِ عَمِّكَ وَبَنَاتِ عَمَّاتِكَ وَبَنَاتِ خَالِكَ وَبَنَاتِ خَالَاتِكَ اللَّاتِي هَاجَرْنَ مَعَكَ وَامْرَأَةً مُؤْمِنَةً إِنْ وَهَبَتْ نَفْسَهَا لِلنَّبِيِّ إِنْ أَرَادَ النَّبِيُّ أَنْ يَسْتَنْكِحَهَا خَالِصَةً لَكَ مِنْ دُونِ الْمُؤْمِنِينَ ۗ قَدْ عَلِمْنَا مَا فَرَضْنَا عَلَيْهِمْ فِي أَزْوَاجِهِمْ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ لِكَيْلَا يَكُونَ عَلَيْكَ حَرَجٌ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! ساڭا بىز سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن، ئەسىر چۈشكەن ئاياللاردىن ئىلكىڭگە ئۆتكەنلەرنى ھالال قىلدۇق، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى (ساڭا ھالال قىلدۇق). بۇلار سەن بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلدى. ئەگەر بىر مۆمىن خوتۇن ئۆزىنى پەيغەمبەرگە بەخش قىلسا، پەيغەمبەر ئۇنى (مەھرىسىز) ئېلىشنى خالىسا، بۇنى مۆمىنلەرگە ئەمەس، يالغۇز ساڭىلا (ھالال قىلدۇق)، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىزنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىلىرىمىز بىزگە مەلۇمدۇر، ساڭا ھەرەج بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن (سېنى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلدۇق)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! بىز ساڭا سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىمەت قىلىپ بەرگەن، ئەسىر چۈشكەن ئاياللاردىن ئۆزۈڭ ئېگە بولغانلارنى ھالال قىلدۇق، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى ساڭا ھالال قىلدۇق. بۇلار سەن بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلدى. ئەگەر بىر مۇئمىن خوتۇن ئۆزىنى پەيغەمبەرگە بەخش قىلسا، پەيغەمبەرمۇ ئۇنى ئېلىشىنى خالىسا، بۇنى مۇئمىنلارغا ئەمەس، يالغۇز ساڭىلا -ھالال قىلدۇق-، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىزنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىلىرىمىز بىزگە مەلۇمدۇر، ساڭا ھەرەج بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن -سېنى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلدۇق-، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! بىز، سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا ئۇرۇشسىز ئاتا قىلغان غەنىيمەتلەردىن سەن ئىگە بولغان چۆرىنى، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشىنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشىنىڭ ۋە ئاناڭنىڭ ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ سەن بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان قىزلىرىنى، ئۆزىنى نەبىيگە ھەدىيە قىلغان ۋە نەبىي نىكاھىغا ئېلىشنى ئىرادە قىلغان مۇئمىن ئايالنى ساڭا ھالال قىلدۇق. بۇلار مۇئمىنلارغا ئەمەس پەقەت ساڭىلا ھالالدۇر. بىز مۇئمىنلارغا ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق نېمىلەرنى پەرز قىلغانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىمىز. بۇنى قىيىنچىلىق تارتماسلىقىڭ ئۈچۈن قىلدۇق. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
33 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
تُرْجِي مَنْ تَشَاءُ مِنْهُنَّ وَتُؤْوِي إِلَيْكَ مَنْ تَشَاءُ ۖ وَمَنِ ابْتَغَيْتَ مِمَّنْ عَزَلْتَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكَ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَنْ تَقَرَّ أَعْيُنُهُنَّ وَلَا يَحْزَنَّ وَيَرْضَيْنَ بِمَا آتَيْتَهُنَّ كُلُّهُنَّ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا فِي قُلُوبِكُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنىڭ نۆۋىتىنى ئارقىغا سۈرسەڭ، خالىغىنىڭ بىلەن (نۆۋىتىدىن باشقا ۋاقىتتا) بىر يەردە بولساڭ بولىۋېرىدۇ، (ۋاقىتلىق) ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن بىرى بىلەن ھەمتۆشەك بولماقچى بولساڭ، ساڭا ھېچ گۇناھ يوقتۇر، (مانا) بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا، بەرگەنلىرىڭگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رازى بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنىڭ نۆۋىتىنى ئارقىغا سۈرسەڭ، خالىغىنىڭ بىلەن نۆۋىتىدىن باشقا ۋاقىتتا بىر يەردە بولساڭ بولىۋېرىدۇ، ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن بىرى بىلەن ھەمتۆشەك بولماقچى بولساڭ، ساڭا ھېچ گۇناھ يوقتۇر، مانا بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا، بەرگەنلىرىڭگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رازى بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر - جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ-
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭ بىلەن بىر يەردە بولۇشنى كېچىكتۈرۈپ، خالىغىنىڭنى يېنىڭغا ئالساڭ بولىدۇ. ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنى يېنىڭغا ئالساڭ گۇناھكار بولمايسەن. بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، غەمكىن بولماسلىقىغا ۋە ھەممىسىنىڭ سېنىڭ بەرگىنىڭگە رازى بولۇشىغا ئەڭ مۇۋاپىقتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكىنى بىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھەلىيمدۇر.
33 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَحِلُّ لَكَ النِّسَاءُ مِنْ بَعْدُ وَلَا أَنْ تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنْ أَزْوَاجٍ وَلَوْ أَعْجَبَكَ حُسْنُهُنَّ إِلَّا مَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ رَقِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى پەيغەمبەر! ئىلكىڭدىكى ئاياللىرىڭدىن باشقا) يەنە خوتۇن ئالساڭ، ساڭا ھالال بولمايدۇ، باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى جەلپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئاياللىرىڭنى قويۇۋېتىپ ئۇلارنى ئەمرىڭگە ئېلىش (ساڭا ھالال بولمايدۇ). پەقەت سېنىڭ ئىلكىڭدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇندىن كېيىن يەنە خوتۇن ئالساڭ، ساڭا ھالال بولمايدۇ، باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى يەڭگۈشلىشىڭمۇ ھالال ئەمەس. پەقەت سېنىڭ ئىلكىڭدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشقا ئاياللارنى ئېلىشىڭ، ئاياللىرىڭنى ئالماشتۇرۇشۇڭ - باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ - ساڭا ھالال بولمايدۇ. قول ئاستىڭدىكى مۇستەسنا. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
تەھرىم سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
66 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَسَرَّ النَّبِيُّ إِلَىٰ بَعْضِ أَزْوَاجِهِ حَدِيثًا فَلَمَّا نَبَّأَتْ بِهِ وَأَظْهَرَهُ اللَّهُ عَلَيْهِ عَرَّفَ بَعْضَهُ وَأَعْرَضَ عَنْ بَعْضٍ ۖ فَلَمَّا نَبَّأَهَا بِهِ قَالَتْ مَنْ أَنْبَأَكَ هَٰذَا ۖ قَالَ نَبَّأَنِيَ الْعَلِيمُ الْخَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئاياللىرىدىن بىرىگە (يەنى ھەفسەگە) بىر سۆزنى يوشۇرۇن ئېيتقان ئىدى. ئۇ (يەنى ھەفسە) ئۇنى (ئائىشەگە) ئېيتىپ قويغان، ئاللاھ بولسا سىرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى (پەيغەمبەرگە) بىلدۈرگەن چاغدا، ئۇ (يەنى پەيغەمبەر) ئۇنىڭغا (ھەفسەگە) ئۇ (يەنى ھەفسە) ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى ئېيتتى (يەنى يۈزىگە سالدى)، يەنە بەزىسىنى ئېيتمىدى (يەنى يۈزىگە سالمىدى). پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ (يەنى ھەفسە): «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى. پەيغەمبەر: «ماڭا (بۇنى) ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئاياللىرىدىن بىرىگە بىر سۆزنى يوشۇرۇن ئېيتقان ئىدى، ئۇ بولسا، ئۇنى ئېيتىپ قويغان ئىدى، ئاللاھ سىرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى پەيغەمبەرگە بىلدۈرگەن چاغدا، پەيغەمبەر ئۇنىڭغا ئۇ ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى ئېيتتى، بەزىسىنى بولسا ئېيتمىدى. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ : «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، پەيغەمبەر: «ماڭا بۇنى ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا نەبىي ئاياللىرىنىڭ بىرىگە بىر سۆزنى مەخپىي ئېيتقان ئىدى. ئۇ ئايال بۇ سۆزنى باشقىسىغا خەۋەر قىلغان ۋە ئاللاھ بۇ ئەھۋالنى نەبىيگە ئاشكارىلىغان چاغدا، نەبىي بۇنىڭ بەزىسىنى ئۇ ئايالنىڭ يۈزىگە سالدى، بەزىسىنى يۈزىگە سالمىدى. نەبىي بۇنى ئۇ ئايالغا خەۋەر قىلغان چاغدا، ئۇ ئايال: «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، نەبىي: «ماڭا ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زات خەۋەر قىلدى» دېدى.
66 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تَتُوبَا إِلَى اللَّهِ فَقَدْ صَغَتْ قُلُوبُكُمَا ۖ وَإِنْ تَظَاهَرَا عَلَيْهِ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ مَوْلَاهُ وَجِبْرِيلُ وَصَالِحُ الْمُؤْمِنِينَ ۖ وَالْمَلَائِكَةُ بَعْدَ ذَٰلِكَ ظَهِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (ئائىشە، ھەفسە) ئىككىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار (ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر). سىلەرنىڭ دىلىڭلار (رەسۇلۇللاھقا ئىخلاس قىلىشتىن) بۇرۇلۇپ كەتتى، ئەگەر سىلەر (رەسۇلۇللاھ خوپ كۆرمەيدىغان ئىش ئۈستىدە) ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرساڭلار، ئۇ چاغدا ئاللاھ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر، جىبرىلمۇ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر، مۆمىنلەرنىڭ ياخشىلىرىمۇ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر. ئۇلاردىن باشقا، پەرىشتىلەرمۇ (ئۇنىڭغا) يۆلەنچۈكتۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئىككىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار، بىلىڭلاركى سىلەر ئىككىڭلارنىڭ دىلىڭلار بۇرۇلۇپ كەتتى. ئەگەر سىلەر ئىككىڭلار ئۇنىڭغا قارشى ھەمكارلاشساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر، ئۇلاردىن باشقا پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭغا يۆلەنچۈكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىينىڭ ئىككى ئايالى! ئەگەر ئىككىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار، قەلبىڭلار ھەقكە يۆنەلگەن بولىدۇ. ئەگەر ئىككىڭلار نەبىيگە قارشى بىر - بىرىڭلارغا يار - يۆلەك بولساڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر. ئاندىن كېيىن جىبرىئىل، مۇئمىنلارنىڭ ياخشىلىرى ۋە پەرىشتىلەر ياردەمچىدۇر.
66 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
عَسَىٰ رَبُّهُ إِنْ طَلَّقَكُنَّ أَنْ يُبْدِلَهُ أَزْوَاجًا خَيْرًا مِنْكُنَّ مُسْلِمَاتٍ مُؤْمِنَاتٍ قَانِتَاتٍ تَائِبَاتٍ عَابِدَاتٍ سَائِحَاتٍ ثَيِّبَاتٍ وَأَبْكَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، پەرۋەردىگارى سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا، سىلەردىن ياخشى، (ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچى، (ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە) ئىمان ئېيتقۇچى، ئىتائەت قىلغۇچى، گۇناھلاردىن تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، روزا تۇتقۇچى چوكانلارنى ۋە قىزلارنى ئۇنىڭغا بېرىشى مۇمكىن[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، رەببى سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا، سىلەردىن ياخشى، بويسۇنغۇچى، ئىمان ئېيتقۇچى، ئىتائەتكار، گۇناھلاردىن تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، روزا تۇتقۇچى چوكانلارنى ۋە قىزلارنى ئۇنىڭغا بېرىشى مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىينىڭ ئاياللىرى! ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، رەببى ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا سىلەردىن ياخشى، مۇسۇلمان، مۇئمىن، ئىتائەتكار، تەۋبىكار، ئىبادەتكار، ئاللاھ يولىدا سەپەرگە چىققۇچى، چوكان ۋە قىز جۈپلەرنى بېرىشى مۇمكىن.