ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىۋى باراۋەرلىكى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئاندىكى ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئىمان، ئەمەل ۋە ساۋاب جەھەتتە ئاللاھنىڭ ئالدىدا باراۋەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ئايەتلەر.
ئېنگلىزچىسى: Spiritual Equality of Men and Women
4 ئايەت
3 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئاياللارنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە مەنىۋى باراۋەرلىك /
- 📄 ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىۋى باراۋەرلىكى
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 195 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَجَابَ لَهُمْ رَبُّهُمْ أَنِّي لَا أُضِيعُ عَمَلَ عَامِلٍ مِنْكُمْ مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَىٰ ۖ بَعْضُكُمْ مِنْ بَعْضٍ ۖ فَالَّذِينَ هَاجَرُوا وَأُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ وَأُوذُوا فِي سَبِيلِي وَقَاتَلُوا وَقُتِلُوا لَأُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَأُدْخِلَنَّهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ثَوَابًا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عِنْدَهُ حُسْنُ الثَّوَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلىپ: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر ـ بىرىڭلاردىن (تۆرەلگەن)» دېدى. ئاندىن ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، مېنىڭ يولۇمدا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن) ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار، (يەنى مېنىڭ يولۇمدا ئۇرۇشقانلار) ۋە مېنىڭ يولۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى (مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن) ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ (ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياخشى مۇكاپات (يەنى جەننەت) بار[195].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋاردىگارى ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر ـ بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن. مېنىڭ يولۇمدا ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يەنە ياخشى مۇكاپات بار
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن رەببى ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن سىلەردىن ھېچبىرىڭلارنىڭ ئەمىلىنى زايە قىلىۋەتمەيمەن. سىلەر بىر - بىرىڭلاردىنسىلەر. بۇنىڭغا ئاساسەن مەن ھىجرەت قىلغان، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مېنىڭ يولۇمدا ئەزىيەت چەككەن، ئۇرۇشقان ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىمەن ۋە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. بۇ ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ياخشى مۇكاپاتلار بار».
نىسا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَتَمَنَّوْا مَا فَضَّلَ اللَّهُ بِهِ بَعْضَكُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ لِلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبُوا ۖ وَلِلنِّسَاءِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبْنَ ۚ وَاسْأَلُوا اللَّهَ مِنْ فَضْلِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەردىكى بىر ـ بىرىڭلاردىن ئارتۇق قىلغان نەرسىلەرنى (ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئارزۇ قىلماڭلار، ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ. ئاللاھتىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار (ئاللاھ بېرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ بىرىڭلارنى بىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلىپ بەرگەن ئالاھىدىلىكلەرنى تەمە قىلماڭلار. ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھتىن ئۇنىڭ مەرھەمىتىنى تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن پەرقلەندۈرۈشكە ۋاسىتە قىلغان نەرسىنى ئارزۇ قىلماڭلار14. ئەرلەرگە ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار، ئاياللارغىمۇ ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھتىن ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىشىنى تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَعْمَلْ مِنَ الصَّالِحَاتِ مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولَٰئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ وَلَا يُظْلَمُونَ نَقِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەر ـ ئاياللاردىن مۆمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ)[124].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەر ـ ئاياللاردىن مۆمىنلىك ھالىتىدە تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن كىم مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئەمەللەردىن قىلىدىكەن، ئۇلار جەننەتكە كىرىدۇ ۋە قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىتىلمايدۇ.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ وَالْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَالْقَانِتِينَ وَالْقَانِتَاتِ وَالصَّادِقِينَ وَالصَّادِقَاتِ وَالصَّابِرِينَ وَالصَّابِرَاتِ وَالْخَاشِعِينَ وَالْخَاشِعَاتِ وَالْمُتَصَدِّقِينَ وَالْمُتَصَدِّقَاتِ وَالصَّائِمِينَ وَالصَّائِمَاتِ وَالْحَافِظِينَ فُرُوجَهُمْ وَالْحَافِظَاتِ وَالذَّاكِرِينَ اللَّهَ كَثِيرًا وَالذَّاكِرَاتِ أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ مَغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا، تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھتىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھتىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھ نى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھ نى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا، ئىتائەتچان ئەرلەر ۋە ئىتائەتچان ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋرچان ئەرلەر ۋە سەۋرچان ئاياللارغا، ئاللاھقا ئېھتىرام قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام قىلغۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، ئىپپەتلىرىنى ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە ئىپپەتلىرىنى ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر تەييارلىدى.