ئاياللارنىڭ مالىيە ۋە نىكاھ ھوقۇقى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئان كەرىمنىڭ ئاياللارنى قوغدايدىغان بەلگىلىمىلىرى - مەجبۇرىي مەھر، ئاجرىشىش ھوقۇقى ۋە ئاياللارنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە قارشى مىراس ئېلىشىنى چەكلەش قاتارلىقلار.
ئېنگلىزچىسى: Women's Financial and Marital Rights
16 ئايەت
2 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئاياللارنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە مەنىۋى باراۋەرلىك /
- 📄 ئاياللارنىڭ مالىيە ۋە نىكاھ ھوقۇقى
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 228 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْمُطَلَّقَاتُ يَتَرَبَّصْنَ بِأَنْفُسِهِنَّ ثَلَاثَةَ قُرُوءٍ ۚ وَلَا يَحِلُّ لَهُنَّ أَنْ يَكْتُمْنَ مَا خَلَقَ اللَّهُ فِي أَرْحَامِهِنَّ إِنْ كُنَّ يُؤْمِنَّ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ وَبُعُولَتُهُنَّ أَحَقُّ بِرَدِّهِنَّ فِي ذَٰلِكَ إِنْ أَرَادُوا إِصْلَاحًا ۚ وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ وَلِلرِّجَالِ عَلَيْهِنَّ دَرَجَةٌ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، بەچچىدانلىرىدىكى ئاللاھ ياراتقان نەرسىنى (يەنى بالىنى ياكى ھەيزنى) يوشۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەگەر ئەپلىشىپ قېلىشنى خالىسا، شۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە (باشقىلارغا قارىغاندا) ئەڭ ھەقلىقتۇر. ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[228].
تەرجىمە ھەيئىتى: تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، بالىياتقۇسىدىكى ئاللاھ ياراتقان نەرسىنى (يەنى بالىنى ياكى ھەيزنى) يوشۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەگەر ئەپلىشىپ قېلىشنى خالىسا، شۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەڭ ھەقلىقتۇر. خوتۇنلىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: تالاق قىلىنغان ئاياللار ئېرى بىلەن بىر يەردە بولماستىن ئۈچ قۇرئى ساقلايدۇ64. ئۇلارنىڭ، ئۆز بالىياتقۇلىرىدا ئاللاھ ياراتقان نەرسىنى65 يوشۇرۇشلىرى ھالال بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن بولسا ئۇنى يوشۇرمايدۇ. ئەگەر ئەرلىرى يارىشىپ قېلىشنى خالىسا، ئۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارغا قايتىشقا تېخىمۇ ھەقلىقتۇر. ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بولغاندەك، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىرى ئۈستىدە مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھەقلىرى بار. لېكىن ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى بىر دەرىجە ئارتۇقتۇر66. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
2 : 229 - ئايەت
كۆرۈش
الطَّلَاقُ مَرَّتَانِ ۖ فَإِمْسَاكٌ بِمَعْرُوفٍ أَوْ تَسْرِيحٌ بِإِحْسَانٍ ۗ وَلَا يَحِلُّ لَكُمْ أَنْ تَأْخُذُوا مِمَّا آتَيْتُمُوهُنَّ شَيْئًا إِلَّا أَنْ يَخَافَا أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا فِيمَا افْتَدَتْ بِهِ ۗ تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلَا تَعْتَدُوهَا ۚ وَمَنْ يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (قايتا يارىشىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن (خوتۇنىنى) چىرايلىقچە تۇتۇش ياكى ياخشىلىق بىلەن (زۇلۇم قىلماي، يامان گېپىنى قىلماي، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرماي) قويۇۋېتىش لازىم، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى (يەنى ياخشى ئۆتەلمەسلىك، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەر ـ خوتۇنلۇق ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى) بولمىسىلا، ئۆزەڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلارغا (مەھرى ئۈچۈن) بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن ھېچقانداق نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلار (يەنى ئەر ـ ئايال) نىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ (تالاق خېتىنى ئېلىش مەقسىتىدە) مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىسىگە (يەنى ئەر ـ خوتۇنغا) گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر[229].
تەرجىمە ھەيئىتى: (قايتا يارىشىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن (خوتۇنىنى) چىرايلىقچە تۇتۇش ياكى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىش لازىم، ئەگەر ئەر-خوتۇننىڭ ئاللاھنىڭ ئەر ـ خوتۇنلار ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى بولسا، خوتۇن ئاجرىشىش ئۈچۈن ئەرگە بىر نەرسە بەرسە ھەر ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ بەلگىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر
ئەنەس ئالىم: يېنىۋالغىلى بولىدىغان تالاق ئىككى قېتىمدۇر. ھەر بىرىدىن كېيىن ئەر ئايالىنى يا ياخشىلىق بىلەن نىكاھىدا تۇتۇشى ياكى ئۇنى چىرايلىقچە قويۇۋېتىشى لازىم. ئى ئەرلەر! ئاياللىرىڭلارغا ئىلگىرى تويلۇق سۈپىتىدە بەرگەن مال - مۈلكۈڭلاردىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ كېتىش ئەسناسىدا بىرەر نەرسە قايتۇرۇۋېلىشىڭلار سىلەرگە ھالال بولمايدۇ. لېكىن ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالارغا رىئايە قىلالماسلىقتىن قورقسا، سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالارغا رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، بۇ ئەھۋالدا ئايالنىڭ ئېرىگە مال بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇزىشىدا ھەر ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ67. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدۇر. ئۇلاردىن ئۆتمەڭلار. ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدىن ئۆتكەنلەر ھەقىقەتەن زالىملاردۇر.
2 : 232 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا تَعْضُلُوهُنَّ أَنْ يَنْكِحْنَ أَزْوَاجَهُنَّ إِذَا تَرَاضَوْا بَيْنَهُمْ بِالْمَعْرُوفِ ۗ ذَٰلِكَ يُوعَظُ بِهِ مَنْ كَانَ مِنْكُمْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۗ ذَٰلِكُمْ أَزْكَىٰ لَكُمْ وَأَطْهَرُ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان ۋە قائىدە بويىچە (بۇرۇنقى) ئېرى بىلەن پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى نىكاھلىنىشتىن توسماڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئىچىڭلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە نەسىھەت قىلىنىدۇ، بۇ (يەنى ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىش، ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىنى تۇتۇش)، سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقتۇر ۋە ئەڭ پاكتۇر، (شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن سىلەرگە نېمىلەر ئەڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر[232].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر تالاق قىلىپ ئىددىتى توشۇپ بولغان ئاياللار بولغۇسى ئېرى بىلەن قائىدە بويىچە پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى نىكاھلىنىشتىن توسماڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئاراڭلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە نەسىھەت قىلىنىدۇ، بۇ نەسىھەت سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقتۇر ۋە ئەڭ پاكلىق ئېلىپ كەلگۈچىدۇر. بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلار ئىددىتىنى توشقۇزۇپ، تەگمەكچى بولغان ئەرلىرى بىلەن ئۆزئارا مەئرۇف68 بويىچە كېلىشكەن بولسا، ئۇلارنى ئۇ ئەرلەرگە تېگىشتىن توسماڭلار. بۇ سىلەردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەنلەرگە قىلىنغان نەسىھەتتۇر. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.
2 : 233 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْوَالِدَاتُ يُرْضِعْنَ أَوْلَادَهُنَّ حَوْلَيْنِ كَامِلَيْنِ ۖ لِمَنْ أَرَادَ أَنْ يُتِمَّ الرَّضَاعَةَ ۚ وَعَلَى الْمَوْلُودِ لَهُ رِزْقُهُنَّ وَكِسْوَتُهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ لَا تُكَلَّفُ نَفْسٌ إِلَّا وُسْعَهَا ۚ لَا تُضَارَّ وَالِدَةٌ بِوَلَدِهَا وَلَا مَوْلُودٌ لَهُ بِوَلَدِهِ ۚ وَعَلَى الْوَارِثِ مِثْلُ ذَٰلِكَ ۗ فَإِنْ أَرَادَا فِصَالًا عَنْ تَرَاضٍ مِنْهُمَا وَتَشَاوُرٍ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا ۗ وَإِنْ أَرَدْتُمْ أَنْ تَسْتَرْضِعُوا أَوْلَادَكُمْ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِذَا سَلَّمْتُمْ مَا آتَيْتُمْ بِالْمَعْرُوفِ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئانىلار (بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك ـ ئىچمەك ۋە كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق، ئاتىنى بالىسى سەۋەپلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. (ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى (يەنى ئانا بولغۇچىغا نەپىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش قاتارلىقلارنى) ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا ـ ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) ئايرىۋەتمەكچى بولسا، ئۇلارغا ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلارلا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھتىن (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[233].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئانىلار بالىلىرىنى تولۇق تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، ساق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى شەرىئەت بويىچە يېمەك ـ ئىچمەك ۋە كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك، كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا بۇيرۇلىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق، ئاتىنىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. (ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا ـ ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) سۈتتىن ئايرىۋەتمەكچى بولسا، ئۇلارغا ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلارلا، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئانىلار بالىلىرىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىدۇ. بۇ ئېمىتىشنى تاماملىماقچى بولغانلار ئۈچۈندۇر. ئاتىلار ئۇلارغا مەئرۇف بويىچە يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك بېرىشى كېرەك. ھېچكىم كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىنمايدۇ. ئانا بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن، ئاتىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن. مىراسچىنىڭ مەسئۇلىيتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. ئەگەر ئاتا - ئانا ئۆز - ئارا كېڭىشىپ ئۆز رازىلىقلىرى بىلەن بالىنى ئىككى يىل توشماستىن ئەمچەكتىن ئايرىۋەتسە، ئۇ ئىككىسىگە ھېچ گۇناھ يوق. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، بېرىدىغىنىڭلارنى مەئرۇف بويىچە تاپشۇرساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 234 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يُتَوَفَّوْنَ مِنْكُمْ وَيَذَرُونَ أَزْوَاجًا يَتَرَبَّصْنَ بِأَنْفُسِهِنَّ أَرْبَعَةَ أَشْهُرٍ وَعَشْرًا ۖ فَإِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا فَعَلْنَ فِي أَنْفُسِهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى قېلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم، ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق قائىدە بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە (يەنى شۇ ئاياللارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلارغا) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[234].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاراڭلاردا ئېرى ۋاپات بولۇپ كېتىپ تۇل قالغان خوتۇنلار بولسا، ئۇلار تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم. ئۇ ئاياللار ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ نىكاھ ئىشى توغرۇلۇق قائىدە بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە (يەنى شۇ ئاياللارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلارغا) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ۋاپات بولغانلارنىڭ ئارقىسىدا قويغان ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتىدۇ. ئۇلار ئىددىتىنى توشقۇزغاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق مەئرۇف بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
2 : 236 - ئايەت
كۆرۈش
لَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِنْ طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ مَا لَمْ تَمَسُّوهُنَّ أَوْ تَفْرِضُوا لَهُنَّ فَرِيضَةً ۚ وَمَتِّعُوهُنَّ عَلَى الْمُوسِعِ قَدَرُهُ وَعَلَى الْمُقْتِرِ قَدَرُهُ مَتَاعًا بِالْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مەھرى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار (يەنى نىكاھىڭلارغا ئالغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولمىغان ياكى مەھرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن شارائىتتا) ئۇنى قويۇۋەتسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا مۇتئە (بەلگىلىك مىقداردا پۇل ـ مال) بېرىشىڭلار كېرەك، ئۇلارغا پۇل - مال بېرىڭلار، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا قائىدە بويىچە بەرسۇن، (بۇ) ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر[236].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر خوتۇنلىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مەھرى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ئۇلارنى قويۇۋەتسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، (لېكىن) ئۇلارغا بەلگىلىك مىقداردا پۇل ـ مال بېرىڭلار كېرەك، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا قائىدە بويىچە بەرسۇن، بۇ ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر
ئەنەس ئالىم: نىكاھىڭلارغا ئېلىپ تېخى بىر يەردە بولمىغان، تويلۇقىنىمۇ بەلگىلىمىگەن ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارغا تويلۇق بېرىش مەجبۇرىيىتىڭلار يوق. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا پايدىلانغۇدەك نەرسە بېرىڭلار. بۇنى قولى ئۇزۇن بولغانلارمۇ ھالىغا يارىشا، قولى قىسقا بولغانلارمۇ ھالىغا يارىشا مەئرۇفقا ئۇيغۇن شەكىلدە بەرسۇن. بۇ ياخشىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ھەقتۇر.
2 : 237 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِنْ قَبْلِ أَنْ تَمَسُّوهُنَّ وَقَدْ فَرَضْتُمْ لَهُنَّ فَرِيضَةً فَنِصْفُ مَا فَرَضْتُمْ إِلَّا أَنْ يَعْفُونَ أَوْ يَعْفُوَ الَّذِي بِيَدِهِ عُقْدَةُ النِّكَاحِ ۚ وَأَنْ تَعْفُوا أَقْرَبُ لِلتَّقْوَىٰ ۚ وَلَا تَنْسَوُا الْفَضْلَ بَيْنَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار، ئەمما ئاياللار ئۆتۈنسە (يەنى مەھرىدىن ۋاز كېچىپ پۈتۈنلەي ئالمىسا) ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆتۈنسە (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە)، شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. سىلەر ئۆتۈنسەڭلار، (ئۆتۈنگەن ئادەم) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[237].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار، ئەمما ئاياللار ئۆزىگە تېگىشلىكىنى ئەرگە ئۆتۈنسە ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆزىگە تېگىشلىكىنى خوتۇنىغا ئۆتۈنسە (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە)، سىلەر ئۆتۈنگىنىڭلار تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: نىكاھىڭلارغا ئېلىپ تېخى بىر يەردە بولمىغان، لېكىن تويلۇقىنى بەلگىلەپ بولغان ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارغا بەلگىلىگەن تويلۇقۇڭلارنىڭ يېرىمىنى بېرىشىڭلار كېرەك. لېكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەققى بولغان ئۇ يېرىم تويلۇقنى ياكى ئۇنىڭ بىر مىقدارىنى ئالمىسىمۇ ياكى ئەر ئۇنىڭغا تويلۇقنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق بەرسىمۇ بولىدۇ. ئى ئەرلەر! سىلەرنىڭ ئۇلارغا تويلۇقنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق بېرىشىڭلار تەقۋالىققا تېخىمۇ يېقىندۇر. بىر - بىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 240 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يُتَوَفَّوْنَ مِنْكُمْ وَيَذَرُونَ أَزْوَاجًا وَصِيَّةً لِأَزْوَاجِهِمْ مَتَاعًا إِلَى الْحَوْلِ غَيْرَ إِخْرَاجٍ ۚ فَإِنْ خَرَجْنَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِي مَا فَعَلْنَ فِي أَنْفُسِهِنَّ مِنْ مَعْرُوفٍ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئايالى قېلىپ قالىدىغانلار ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللىرىنىڭ) بىر يىلغىچە يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلىنىشىنى، ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلماسلىقىنى ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر (ئاياللىرى) ئۆزلىرى چىقىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى توغرىسىدا قىلغان قائىدىلىك ئىشلىرى ئۈچۈن سىلەرگە (يەنى مېيىتنىڭ ئىگىلىرىگە) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[240].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاراڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ خوتۇنى قېلىپ قېلىش ئېھتىمالى بارلار خوتۇنىنىڭ بىر يىلغىچە يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلىنىشىنى، ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلماسلىقىنى ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر ئۆزى چىقىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئۆزى توغرىسىدا قىلغان قائىدىلىك ئشلىرى ئۈچۈن سىلەر (يەنى مېيىتنىڭ ئىگىلىرى) گە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ۋاپات بولغانلارنىڭ ئارقىسىدا قويغان ئاياللىرى ئۈچۈن سىلەرگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە، ئۇلارنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتمەي بىر يىلغىچە تۇرمۇشىنى قامداشتۇر. ئەگەر ئۇ ئاياللار چىقىپ ئۆزلىرى توغرۇلۇق مەئرۇف ئىش قىلسا، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
نىسا سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتُوا النِّسَاءَ صَدُقَاتِهِنَّ نِحْلَةً ۚ فَإِنْ طِبْنَ لَكُمْ عَنْ شَيْءٍ مِنْهُ نَفْسًا فَكُلُوهُ هَنِيئًا مَرِيئًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى مەززىلىك، سىڭىشلىق (يەنى پاك ـ ھالال بىلىپ) يەڭلار[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭ بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنسە، سىلەر ئۇنى خۇشاللىق بىلەن بىمالال ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاياللىرىڭلارغا تويلۇقلىرىنى كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار كۆڭۈللىرى خالاپ تويلۇقنىڭ بىر قىسمىنى سىلەرگە بېرىۋەتسە، ئۇنى يەڭلار، مەززىلىك ۋە سىڭىشلىق بولسۇن.
4 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
لِلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ وَلِلنِّسَاءِ نَصِيبٌ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ مِمَّا قَلَّ مِنْهُ أَوْ كَثُرَ ۚ نَصِيبًا مَفْرُوضًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاتا ـ ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا (يەنى مېيىتنىڭ تەرەكىسىدە) ئەرلەرنىڭ ھەسسىسى بار. ئاتا-ئانىسى ۋە توغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئاياللارنىڭمۇ ھەسسىسى بار. مەيلى ئۇ (يەنى تەرەكە) ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ھەر ئادەم (ئاللاھنىڭ ئادىل شەرىئىتىدە) بەلگىلەنگەن ھەسسىسىنى ئالىدۇ (ئىزاھات: جاھىلىيەت دەۋرىدىكى بەزى ئەرەبلەر ئاياللاغا ۋە كىچىك بالىلارغا مىراس بەرمەيتتى. جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ بۇ ئادىتى مۇشۇ ئايەت نازىل بولۇش بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.)[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاتا ـ ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئەرلەرنىڭ ھەسسىسى بار. ئاتا ـ ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئاياللارنىڭمۇ ھەسسىسى بار. مەيلى ئۇ مىراس ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ھەر ئادەم شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ھەسسىسىنى ئالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەرلەر ئۈچۈن ئاتا - ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئاتا - ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئۇ مىراس ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن نېسىۋىسى بار.
4 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يُوصِيكُمُ اللَّهُ فِي أَوْلَادِكُمْ ۖ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ ۚ فَإِنْ كُنَّ نِسَاءً فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ ۖ وَإِنْ كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ ۚ وَلِأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِنْ كَانَ لَهُ وَلَدٌ ۚ فَإِنْ لَمْ يَكُنْ لَهُ وَلَدٌ وَوَرِثَهُ أَبَوَاهُ فَلِأُمِّهِ الثُّلُثُ ۚ فَإِنْ كَانَ لَهُ إِخْوَةٌ فَلِأُمِّهِ السُّدُسُ ۚ مِنْ بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِي بِهَا أَوْ دَيْنٍ ۗ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ لَا تَدْرُونَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ لَكُمْ نَفْعًا ۚ فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ قىزى (ئىككى ياكى) ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر (ۋارىس) بىر قىزلا بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنى ئاتىسىغا تېگىدۇ). ئەگەر مېيىتنىڭ (ئاتا ـ ئانىسىدىن باشقا يەنە) قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنىنى ئاتىسى ئالىدۇ). (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاتا ـ ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن (يەنى بۇ ئىككىسىدىن) قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ قىزى (ئىككى ياكى) ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر (ۋارىس) بىر قىز بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي، مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنى ئاتىسىغا تېگىدۇ). ئەگەر مېيىتنىڭ (ئاتا ـ ئانىسىدىن باشقا يەنە) قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنىنى ئاتىسى ئالىدۇ). (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. سىلەر ئاتا ـ ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئۆلچەمدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ئۈلۈشى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىلار ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالا بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ. مېيىتنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. بۇ ئۇنىڭ بالىسى بولغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولماي ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا ۋارىس بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ ئەر بىر تۇغقانلىرىمۇ بولسا، ئانىسىغا ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. بۇ تەقسىمات مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئادا قىلىنىپ ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاتا - ئانىلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ قايسىسى سىلەرگە پايدا جەھەتتە ئەڭ يېقىن؟ بۇنى بىلمەيسىلەر. بۇ ئۈلۈشلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا يَحِلُّ لَكُمْ أَنْ تَرِثُوا النِّسَاءَ كَرْهًا ۖ وَلَا تَعْضُلُوهُنَّ لِتَذْهَبُوا بِبَعْضِ مَا آتَيْتُمُوهُنَّ إِلَّا أَنْ يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ ۚ وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِنْ كَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَىٰ أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئًا وَيَجْعَلَ اللَّهُ فِيهِ خَيْرًا كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق (يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس ئورنىدا قىلىۋالماق سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشىنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىنىڭ بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشتا ئاللاھ كۆپ ياخشىلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاياللارغا زورلۇق بىلەن ۋارىس بولۇشۇڭلار سىلەرگە ھالال بولمايدۇ. ئۇلارغا بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ بەزىسىنى ئېلىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار. ئۇلارنىڭ ئاشكارا پاھىشە قىلغان ھالەتلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلار بىلەن مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار. ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، بىلىڭلاركى سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئاللاھ ئۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
4 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ أَرَدْتُمُ اسْتِبْدَالَ زَوْجٍ مَكَانَ زَوْجٍ وَآتَيْتُمْ إِحْدَاهُنَّ قِنْطَارًا فَلَا تَأْخُذُوا مِنْهُ شَيْئًا ۚ أَتَأْخُذُونَهُ بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ، ئورنىغا يەنە بىر خوتۇننى ئالماقچى بولساڭلار، قويۇۋەتمەكچى بولغان خوتۇنغا (مەھرى قىلىپ) كۆپ مال بەرگەن بولساڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرۇۋالماڭلار. ئۇنى (ئايالغا) قارا چاپلاپ ۋە ئوچۇق زۇلۇم قىلىپ ئالامسىلەر؟[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ، ئورنىغا يەنە بىر خوتۇننى ئالماقچى بولساڭلار، قويۇۋەتمەكچى بولغان خوتۇنغا ئىلگىرى كۆپ تويلۇق بەرگەن بولساڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرۇۋالماڭلار. ئۇنى خوتۇنغا قارا چاپلاپ ۋە ئوچۇق ئۇۋال قىلىپ ئالامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ ئورنىغا باشقا بىر خوتۇن ئالماقچى بولساڭلار ۋە خوتۇنلىرىڭلارنىڭ ئىچىدىن قويۇۋەتمەكچى بولغىنىڭلارغا كۆپ مال بەرگەن بولساڭلار، ئۇ مالدىن ھېچ نەرسە ئېلىۋالماڭلار. ئۇنى بوھتان چاپلاپ ۋە ئوچۇق گۇناھ قىلىپ تۇرۇپ ئېلىۋالامسىلەر؟
4 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّهُ بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ وَبِمَا أَنْفَقُوا مِنْ أَمْوَالِهِمْ ۚ فَالصَّالِحَاتُ قَانِتَاتٌ حَافِظَاتٌ لِلْغَيْبِ بِمَا حَفِظَ اللَّهُ ۚ وَاللَّاتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ وَاضْرِبُوهُنَّ ۖ فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ فَلَا تَبْغُوا عَلَيْهِنَّ سَبِيلًا ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيًّا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ ـ قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر). ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئاللاھنىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر. سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەبلەپ قويۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (ئاللاھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ)(ئىزاھات: بۇ ئىسلامنىڭ دەسلىۋېدىكى ھۆكۈم بولۇپ، كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.)[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەرلەر ئاياللارنى باشقۇرغۇچىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئەرلەرنى ئاياللاردىن ئارتۇقچىلىققا ئىگە قىلغانلىقىدىن ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ـ ماللىرىنى ئۇلارغا سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر. ياخشى ئاياللار ئىتائەتمەن، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردىمۇ ئاللاھنىڭ تەلىپى بويىچە ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلايدىغان ئاياللاردۇر. سىلەر ئۆزۈڭلارغا بوي ئەگمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەپلەپ قويۇڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئەرلەر ئاياللىرىنى باشقۇرغۇچى ۋە ساقلىغۇچىلاردۇر. بۇ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقى17 ۋە ئەرلەرنىڭ ماللىرىدىن چىقىم قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر18. ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر ۋە ئاللاھ ساقلىغانلىقى ئۈچۈن يالغۇز چاغلىرىدا ئۆزلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر19. سىلەر نۇشۇزىدىن20 قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، ئۇلارنى تۆشەكلەردە يالغۇز قويۇڭلار، ئۇلارنى ئۇرۇڭلار21. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا قارشى باشقا يول ئىزدىمەڭلار22. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر.
4 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْتَفْتُونَكَ فِي النِّسَاءِ ۖ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِيهِنَّ وَمَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ فِي يَتَامَى النِّسَاءِ اللَّاتِي لَا تُؤْتُونَهُنَّ مَا كُتِبَ لَهُنَّ وَتَرْغَبُونَ أَنْ تَنْكِحُوهُنَّ وَالْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الْوِلْدَانِ وَأَنْ تَقُومُوا لِلْيَتَامَىٰ بِالْقِسْطِ ۚ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِهِ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئاياللار توغرىسىدا پەتىۋا سورايدۇ، ئېيتقىنكى، ئۇلار توغرىسىدا ئاللاھ سىلەرگە پەتىۋا بېرىدۇ. قۇرئاندا سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغان (ئاياللارنىڭ مىراسىغا ئائىت) ئايەتلەرمۇ پەتىۋا بېرىدۇ. شۇنداق يېتىملەر توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇكى، سىلەر ئۇلارنىڭ تەيىن قىلىنغان مىراسىنى بەرمەيسىلەر، (ئۇلارنىڭ مىراسى قولىمىزدىن چىقىپ كېتىپ قالىدۇ-دەپ) ئۇلارنى ئەرگە بەرمەيسىلەر (يەنى مۇنداق قىلماسلىقىڭلارغا پەتىۋا بېرىدۇ)، بوزەك قىلىنغان بالىلار(نىڭ ھەققىنى بېرىشىڭلار) ۋە يېتىملەرگە ھەققانىي بولۇشۇڭلار ھەققىدە پەتىۋا بېرىدۇ . (ئاياللارغا ۋە يېتىملەرگە) قانداقلا ياخشىلىق قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (يەنى (ئىزاھات: جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر كىچىك بالىلارغا ۋە ئاياللارغا مىراس بەرمەيتتى، ئاللاھ بۇنى مەنئى قىلىپ ئۇلارنىڭ مىراستىكى نېسىۋىسىنى بېرىشنى بۇيرىدى. )شۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ)[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ئاياللار توغرىسىدا پەتىۋا سورايدۇ، ئېيتقىنكى، ئۇلار توغرىسىدا ئاللاھ سىلەرگە ھۆكۈم قىلىپ بېرىدۇ. قۇرئاندا سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغان ئايەتلەر باركى، ئۇ ئايەتلەر سىلەر تەيىن قىلىنغان مىراسىنى بەرمەيدىغان، (مىراسى قولىمىزدىن كېتىپ قالىدۇ دەپ) ئەرگىمۇ بەرمەيدىغان يېتىم قىزلار توغرىسىدا، بوزەك قىلىنغان بالىلار ۋە يېتىملەرگە ھەققانىي بولۇشۇڭلار توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇ*[1]. قانداقلا ياخشىلىق قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئاياللار ھەققىدە پەتىۋا سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇلار ھەققىدە سىلەرگە ئاللاھ پەتىۋا بېرىدۇ. شۇنىڭدەك، سىلەرگە كىتابتا يېتىم ئاياللار توغرىسىدا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان ئايەتلەرمۇ پەتىۋا بېرىدۇ. ئۇ يېتىم ئاياللار شۇنداق ئاياللاركى، سىلەر ئۇلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن نەرسىنى بەرمەيسىلەر، لېكىن ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا قىزىقىسىلەر. شۇنىڭدەك، سىلەرگە بوزەك قىلىنغۇچى بالىلار توغرىسىدا ۋە يېتىملەر ئۈچۈن ئادالەتنى بەرپا قىلىشىڭلار توغرىسىدا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان ئايەتلەرمۇ پەتىۋا بېرىدۇ56. قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ».
4 : 176 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْتَفْتُونَكَ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِي الْكَلَالَةِ ۚ إِنِ امْرُؤٌ هَلَكَ لَيْسَ لَهُ وَلَدٌ وَلَهُ أُخْتٌ فَلَهَا نِصْفُ مَا تَرَكَ ۚ وَهُوَ يَرِثُهَا إِنْ لَمْ يَكُنْ لَهَا وَلَدٌ ۚ فَإِنْ كَانَتَا اثْنَتَيْنِ فَلَهُمَا الثُّلُثَانِ مِمَّا تَرَكَ ۚ وَإِنْ كَانُوا إِخْوَةً رِجَالًا وَنِسَاءً فَلِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ ۗ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ أَنْ تَضِلُّوا ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ئاتا ـ ئانىسى، بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق) پەتىۋا سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئاتا ـ ئانىسى، بالىسى يوق كىشى (قالدۇرغان مىراس) توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇ؛ ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇ تەرەكىنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ. ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ بالىسى بولمىسا، ئەر بىر تۇغقىنى ئۇنىڭ ۋارىسى بولىدۇ (يەنى مىراسنىڭ ھەممىسىنى ئالىدۇ). ئەگەر ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلار تەرەكىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىنى ئالىدۇ. ئەگەر ۋارىسلار ھەم ئەر، ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى) بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى بېرىلىدۇ. ئاداشماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە (شەرىئەت ئەھكاملىرىنى) بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»[176].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن پەتىۋا سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئاتا ـ ئانىسى، بالىسى يوق كىشى (قالدۇرغان مىراس) توغرىسىدا مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ: ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولۇپ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسىلا بولسا، ئۇ ھەمشىرىسى مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ھەمشىرىسىنىڭ بالىسى بولمىسا، ئەر بىر تۇغقىنى ئۇنىڭ ۋارىسى بولىدۇ (يەنى مىراسنىڭ ھەممىسىنى ئالىدۇ)، ئەگەر ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلار مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ، ئەگەر ۋارىسلار ھەم ئەر، ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى) بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ئۈلۈشى بېرىلىدۇ، ھەقتىن ئاداشماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بۇلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن پەتىۋا سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ئاللاھ سىلەرگە ئاتىسى ۋە بالىسى يوق ھالەتتە ۋاپات بولغان كىشى توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇ - ئەگەر بىر ئەر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ ھېچ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسىلا بولسا، مىراسنىڭ يېرىمى بۇ ھەمشىرىگە تېگىدۇ. ناۋادا ۋاپات بولغان كىشى ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر قېرىندىشىلا بولسا، مىراسنىڭ ھەممىسىنى بۇ قېرىندىشى ئالىدۇ. ئەگەر ھەمشىرە ئىككى بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ۋارىسلار ھەم ئەر ھەم ئايال قېرىنداشلار بولسا، بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ئۈلۈشىگە ئوخشاش ئۈلۈش تېگىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئاداشماسلىقىڭلار ئۈچۈن بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.