ھۆكۈمدارالارنىڭ جاۋبكارلىقى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئاندىكى ھۆكۈمدارلارنىڭ باشقۇرۇشتا ئادىل بولۇش توغرىسىدىكى ئاللاھقا ۋە جەمئىيەتكە بولغان جاۋابكارلىقى پرىنسىپى.
ئېنگلىزچىسى: Accountability of Rulers
10 ئايەت
9 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ھۆكۈمرانلىق /
- 📄 ھۆكۈمدارالارنىڭ جاۋبكارلىقى
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ أُمَّةٌ قَدْ خَلَتْ ۖ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُمْ مَا كَسَبْتُمْ ۖ وَلَا تُسْأَلُونَ عَمَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشى توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىر ئۇممەت ئىدى، كېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىسى ئۆزىنىڭ، سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسەڭلار سىلەرنىڭدۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر.
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تُؤَدُّوا الْأَمَانَاتِ إِلَىٰ أَهْلِهَا وَإِذَا حَكَمْتُمْ بَيْنَ النَّاسِ أَنْ تَحْكُمُوا بِالْعَدْلِ ۚ إِنَّ اللَّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُمْ بِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ سَمِيعًا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇشقا ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغان چېغىڭلاردا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان بۇ ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
مائىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ لِلَّهِ شُهَدَاءَ بِالْقِسْطِ ۖ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآنُ قَوْمٍ عَلَىٰ أَلَّا تَعْدِلُوا ۚ اعْدِلُوا هُوَ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَىٰ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ئادالەتنى بەرپا قىلىڭلار. ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغىمۇ) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلايدىغان، ئادىل گۇۋاھلىق بېرىدىغان بولۇڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغىمۇ) ئادىل بولۇڭلار، بۇنداق قىلىشىڭلار تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ئۈچۈن راۋۇرۇس تۇرغۇچىلار، ئادالەت بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بولۇڭلار. بىرەر قەۋمگە ساقلىغان ئۆچمەنلىكىڭلار سىلەرنى ئادىل بولماسلىققا ئېلىپ بارمىسۇن. ئادىل بولۇڭلار، بۇ تەقۋادارلىققا يېقىندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
5 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ أَكَّالُونَ لِلسُّحْتِ ۚ فَإِنْ جَاءُوكَ فَاحْكُمْ بَيْنَهُمْ أَوْ أَعْرِضْ عَنْهُمْ ۖ وَإِنْ تُعْرِضْ عَنْهُمْ فَلَنْ يَضُرُّوكَ شَيْئًا ۖ وَإِنْ حَكَمْتَ فَاحْكُمْ بَيْنَهُمْ بِالْقِسْطِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، (پارا ۋە جازانىغا ئوخشاش) ھارامنى يېگۈچىلەردۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا (دەۋالىشىپ) كەلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ قويساڭ ياكى ئۇنى رەت قىلساڭ بولىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ياكى ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈش سېنىڭ ئىختىيارىڭ)، ئەگەر ئۇلارنى رەت قىلساڭ، ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ (چۈنكى ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ)، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلساڭ، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يالغانغا بەك قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ھارامنى بەك يېگۈچىلەردۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا (دەۋالىشىپ) كەلسە ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ قويساڭمۇ ياكى ئۇنى رەت قىلساڭمۇ بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنى رەت قىلساڭ، ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلماقچى بولساڭ، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار دائىم يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ھارامنى كۆپ يېگۈچىلەردۇر. ئەگەر ئۇلار يېنىڭغا كەلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغىن ياكى ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. ئەگەر ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈسەڭ، ئۇلار ساڭا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر ھۆكۈم قىلساڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقْرَبُوا مَالَ الْيَتِيمِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ حَتَّىٰ يَبْلُغَ أَشُدَّهُ ۖ وَأَوْفُوا الْكَيْلَ وَالْمِيزَانَ بِالْقِسْطِ ۖ لَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۖ وَإِذَا قُلْتُمْ فَاعْدِلُوا وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَىٰ ۖ وَبِعَهْدِ اللَّهِ أَوْفُوا ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ (قۇرامىغا يېتىپ) ئەقلى يېتىلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار، ھېچقانداق ئادەمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان (ھۆكۈم چىقارغان ياكى گۇۋاھلىق بەرگەن) چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار ، (ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئادەم) تۇققىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار. ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ»[152].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر يېتىمنىڭ مال-مۈلكىگە تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكۈچىلىك يېقىنلاشماڭلار، ئۇنىڭغا پەقەت ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار. بىز ھېچقانداق ئادەمگە كۈچى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيمىز. سۆز قىلغان چېغىڭلاردا (ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئادەم) تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى»
ئەنەس ئالىم: يېتىمنىڭ مېلىغا يېقىنلاشماڭلار. لېكىن ئۇ، قىرانلىق دەۋرىگە يەتكەنگە قەدەر ئەڭ ياخشى يول بىلەن يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. كەمچەننى ۋە مىزاننى ئادىللىق بىلەن توغرا تۇتۇڭلار. بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار. ھەققىدە سۆز قىلىنىدىغان كىشى تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى، ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر.
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَمَرَ رَبِّي بِالْقِسْطِ ۖ وَأَقِيمُوا وُجُوهَكُمْ عِنْدَ كُلِّ مَسْجِدٍ وَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ ۚ كَمَا بَدَأَكُمْ تَعُودُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ھەر سەجدە قىلغاندا پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر ئاللاھ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلاردا (ئەسلىگە) قايتىسىلەر»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيىتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. سىلەر ھەر سەجدىدە پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلارغا قايتىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ئى مۇئمىنلار! ھەر سەجدە قىلغان چېغىڭلاردا پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقاندەك ئەسلىڭلارغا قايتىسىلەر».
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْإِحْسَانِ وَإِيتَاءِ ذِي الْقُرْبَىٰ وَيَنْهَىٰ عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ وَالْبَغْيِ ۚ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز ـ ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند ـ نەسىھەت قىلىدۇ[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن كىشىلەر ئارىسىدا ئادىل بولۇشقا، جىمى خەلققە ياخشىلىق قىلىشقا، خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ سۆز ـ ھەرىكەتلەردىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە پەند ـ نەسىھەت قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىل بولۇشقا، ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلارغا ياردەم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلەردىن، يامانلىقتىن ۋە ناھەقچىلىكتىن توسىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ. ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر!
ساد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ دَخَلُوا عَلَىٰ دَاوُودَ فَفَزِعَ مِنْهُمْ ۖ قَالُوا لَا تَخَفْ ۖ خَصْمَانِ بَغَىٰ بَعْضُنَا عَلَىٰ بَعْضٍ فَاحْكُمْ بَيْنَنَا بِالْحَقِّ وَلَا تُشْطِطْ وَاهْدِنَا إِلَىٰ سَوَاءِ الصِّرَاطِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا كىردى. داۋۇد ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار (داۋۇدقا): «قورقمىغىن، بىز بىرىمىز ـ بىرىمىزگە چېقىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا كىردى. داۋۇد ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار -داۋۇدقا-: «قورقمىغىن، بىز بىرىمىز ـ بىرىمىزگە چېقىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: داۋۇدنىڭ يېنىغا ئۇشتۇمتۇت كىرگەن ئىدى، داۋۇد ئۇلاردىن چۆچۈپ كەتتى. ئۇلار مۇنداق دېدى: «قورقمىغىن، بىز بىر - بىرىمىزگە زۇلۇم قىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز. بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، زۇلۇم قىلمىغىن ۋە بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن»،
شۇرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَلِذَٰلِكَ فَادْعُ ۖ وَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ ۖ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ ۖ وَقُلْ آمَنْتُ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنْ كِتَابٍ ۖ وَأُمِرْتُ لِأَعْدِلَ بَيْنَكُمُ ۖ اللَّهُ رَبُّنَا وَرَبُّكُمْ ۖ لَنَا أَعْمَالُنَا وَلَكُمْ أَعْمَالُكُمْ ۖ لَا حُجَّةَ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ ۖ اللَّهُ يَجْمَعُ بَيْنَنَا ۖ وَإِلَيْهِ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭ ئۈچۈن (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد! بارلىق ئىنسانلارنى توغرا دىن ئاساسىدا ئىتتىپاق بولۇشقا) چاقىرغىن، بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە ئېيتقىن: «ئاللاھ نازىل قىلغان (بارلىق) كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم، ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، ئاللاھ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا جېدەللىشىشكە (ئورۇن) يوق (چۈنكى ھەقىقەت ئاشكارىدۇر)، ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) بىزنى (ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر»[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن سەن دەۋەت قىلغىن، بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە ئېيتقىنكى: «ئاللاھ نازىل قىلغان بارلىق كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم، ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، ئاللاھ بىزنىڭ رەببىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا جېدەللىشىشكە ئورۇن يوق، ئاللاھ قىيامەت كۈنى بىزنى يىغىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلغىن، ئەمر قىلىنغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە مۇنداق دېگىن: «مەن ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندىم، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. ئاللاھ بىزنىڭمۇ رەببىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز بىزگە، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار سىلەرگە. سىلەر بىلەن ئارىمىزدا مۇنازىرىلىشىشكە ئورۇن يوق. ئاللاھ بىزنى قىيامەت كۈنى بىر يەرگە يىغىدۇ. ئاخىرى ھەممىمىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىپ بارىمىز».
ھۇجۇرات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
49 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ طَائِفَتَانِ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ اقْتَتَلُوا فَأَصْلِحُوا بَيْنَهُمَا ۖ فَإِنْ بَغَتْ إِحْدَاهُمَا عَلَى الْأُخْرَىٰ فَقَاتِلُوا الَّتِي تَبْغِي حَتَّىٰ تَفِيءَ إِلَىٰ أَمْرِ اللَّهِ ۚ فَإِنْ فَاءَتْ فَأَصْلِحُوا بَيْنَهُمَا بِالْعَدْلِ وَأَقْسِطُوا ۖ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر مۆمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر (يەنى تاجاۋۇزىنى توختاتقانغا قەدەر) ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى (ھېچبىر تەرەپكە يان باسماستىن) ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، (ھەممە ئىشتا) ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر مۇئمىنلاردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر مۇئمىنلاردىن ئىككى جامائە بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ قويۇڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغان تەرەپ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قايتقانغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئەگەر ئۇ قايتسا، ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىنى ئادىللىق بىلەن تۈزىتىڭلار. ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.