ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاتا-ئانىغا بولغان مەسئۇلىيەت، ھۆرمەت ۋە مېھرى-شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئەڭ ئالىي مەجبۇرىيەت دەپ قاراش.
ئەرەبچىىسى: بر الوالدين
ئېنگلىزچىسى: Kindness to Parents
18 ئايەت
9 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 مۇھەببەت ۋە مېھىر-شەپقەت /
- 📄 ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَقُولُوا لِلنَّاسِ حُسْنًا وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْكُمْ وَأَنْتُمْ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا ـ ئانىغا، خىش ـ ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، ناماز ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق. ئاندىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە (ئەھدەڭلاردىن) يېنىۋالىسىلەر[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا ـ ئانىغا، يېقىن تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، نامازنى مۇكەممەل ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە يېنىۋالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن: «ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار؛ ئاتا -ئاناڭلارغا، ئۇرۇق -تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار؛ ئىنسانلارغا ياخشى گەپ قىلىڭلار؛ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار!» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. ئاندىن كېيىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنە كىشىلەردىن باشقا ھەممىڭلار بۇ ئەھدىڭلاردىن يېنىۋالدىڭلار. سىلەر سۆزىدە تۇرمايدىغان كىشىلەرسىلەر.
2 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَصَّىٰ بِهَا إِبْرَاهِيمُ بَنِيهِ وَيَعْقُوبُ يَا بَنِيَّ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَىٰ لَكُمُ الدِّينَ فَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىنىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)» دېدى[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا بۇنى ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىننى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، شۇڭا پەقەت مۇسۇلمان ھالىتىڭلار بىلەنلا ئۆلۈڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: بۇ دىنغا ئەمەل قىلىشنى ئىبراھىم ئۆز بالىلىرىغا ۋەسىيەت قىلدى، يەئقۇبمۇ شۇنداق قىلدى، ئۇلار: «ئى بالىلىرىم! ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن بۇ دىننى تاللىدى. ئاخىرقى نەپىسىڭلارغا قەدەر مۇسۇلمان بولۇڭلار!» دېدى.
2 : 215 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنْفِقُونَ ۖ قُلْ مَا أَنْفَقْتُمْ مِنْ خَيْرٍ فَلِلْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ماللىرىدىن) قانداق نەرسىنى سەرپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «مال ـ مۈلكىڭلاردىن نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا - ئاناڭلارغا، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئىبن سەبىللەرگە سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ»[215].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قانداق نەرسىنى نەگە سەرپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «مال ـ مۈلكۈڭلاردىن قانداق نەرسىنى سەرپ قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا-ئاناڭلارغا، يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە يول خىراجىتى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. سىلەر قانداقلا ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن نېمە چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «قانداق مال چىقىم قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا - ئاناڭلارغا، ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە يولۇچىلارغا چىقىم قىلىڭلار. قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ».
نىسا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُؤْتُوا السُّفَهَاءَ أَمْوَالَكُمُ الَّتِي جَعَلَ اللَّهُ لَكُمْ قِيَامًا وَارْزُقُوهُمْ فِيهَا وَاكْسُوهُمْ وَقُولُوا لَهُمْ قَوْلًا مَعْرُوفًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ تىرىكچىلىكىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان ماللىرىڭلارنى ئەخمەقلەرگە تۇتقۇزۇپ قويماڭلار، ئۇلارنى يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەڭلار. ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن تىرىكچىلىك ئاساسى قىلىپ بەرگەن مال-مكۈڭلارنى (يەنى يېتىملەرنىڭ سىلەر ۋەسىي بولۇپ باشقۇرۇۋاتقان مال-مۈلكىنى ئۇلار ئىچىدىكى) گالۋاڭلارغا تۇتقۇزۇپ قويماڭلار، ئۇلارنى يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە تىرىكچىلىك ئاساسى قىلىپ بەرگەن ماللىرىڭلارنى ئەقلى يېتىلمىگەن ئادەملەرگە بەرمەڭلار، ئۇ ماللارنى ئىشقا سېلىپ تاپقان پايداڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك ئېھتىياجىنى قامداڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار1.
4 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا يَحِلُّ لَكُمْ أَنْ تَرِثُوا النِّسَاءَ كَرْهًا ۖ وَلَا تَعْضُلُوهُنَّ لِتَذْهَبُوا بِبَعْضِ مَا آتَيْتُمُوهُنَّ إِلَّا أَنْ يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ ۚ وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِنْ كَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَىٰ أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئًا وَيَجْعَلَ اللَّهُ فِيهِ خَيْرًا كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق (يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس ئورنىدا قىلىۋالماق سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشىنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىنىڭ بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشتا ئاللاھ كۆپ ياخشىلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاياللارغا زورلۇق بىلەن ۋارىس بولۇشۇڭلار سىلەرگە ھالال بولمايدۇ. ئۇلارغا بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ بەزىسىنى ئېلىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار. ئۇلارنىڭ ئاشكارا پاھىشە قىلغان ھالەتلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلار بىلەن مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار. ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، بىلىڭلاركى سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئاللاھ ئۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
4 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا ۖ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَىٰ وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالْجَنْبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَنْ كَانَ مُخْتَالًا فَخُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل ـ چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر ، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا، يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداش قاتارلىقلارغا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل ـ چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار. ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشناڭلارغا، يىراق قوشناڭلارغا، يېنىڭلاردىكى ھەمراھىڭلارغا، يولۇچىلارغا ۋە قول ئاستىڭلاردىكىلەرگىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇرنى ۋە مەنمەنچىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 151 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ تَعَالَوْا أَتْلُ مَا حَرَّمَ رَبُّكُمْ عَلَيْكُمْ ۖ أَلَّا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا ۖ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ۖ وَلَا تَقْتُلُوا أَوْلَادَكُمْ مِنْ إِمْلَاقٍ ۖ نَحْنُ نَرْزُقُكُمْ وَإِيَّاهُمْ ۖ وَلَا تَقْرَبُوا الْفَوَاحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ ۖ وَلَا تَقْتُلُوا النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «سىلەر كېلىپ (ئاڭلاڭلار)، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ (ناھەق) ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ[151].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «سىلەر كېلىڭلار، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار؛ ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «كېلىڭلار، رەببىڭلار سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ئوقۇپ بېرەي: ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار، ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، كەمبەغەللىك سەۋەبىدىن بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز سىلەرگە ۋە ئۇلارغا رىزىق بېرىمىز. قەبىھ ئىشلارنىڭ ئاشكارىسىغىمۇ، يوشۇرۇنىغىمۇ يېقىنلاشماڭلار. ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەڭلار. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر!
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْإِحْسَانِ وَإِيتَاءِ ذِي الْقُرْبَىٰ وَيَنْهَىٰ عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ وَالْبَغْيِ ۚ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز ـ ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند ـ نەسىھەت قىلىدۇ[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن كىشىلەر ئارىسىدا ئادىل بولۇشقا، جىمى خەلققە ياخشىلىق قىلىشقا، خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ سۆز ـ ھەرىكەتلەردىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە پەند ـ نەسىھەت قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىل بولۇشقا، ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلارغا ياردەم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلەردىن، يامانلىقتىن ۋە ناھەقچىلىكتىن توسىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ. ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر!
ئىسرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ۚ إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِنْدَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُلْ لَهُمَا أُفٍّ وَلَا تَنْهَرْهُمَا وَقُلْ لَهُمَا قَوْلًا كَرِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا، ئوھوي! دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن). ئۇلارنى دۈشكەللىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا «ئوھوي» دېمىگىن، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئاتا - ئاناڭنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇف!»3 دېگەن سۆزنىمۇ قىلمىغىن. ئۇلارغا ئازار بەرمىگىن، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن.
17 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُلْ رَبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىق بىلەن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە : «ئى رەببىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دەپ دۇئا قىلغىن!
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ناھايىتى مېھرىبان ۋە كەمتەر بولغىن، ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دەپ دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا - ئانام مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگەندەك سەن ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن!».
مەريەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَرًّا بِوَالِدَيْهِ وَلَمْ يَكُنْ جَبَّارًا عَصِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى ئاتا ـ ئانىسىغا كۆيۈمچان (قىلدۇق)، ئۇ مۇتەكەببىر (يەنى ئاتا ـ ئانىسىنى قاخشاتقۇچى)، (پەرۋەردىگارىغا) ئاسىيلىق قىلغۇچى بولمىدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى ئاتا ـ ئانىسىغا كۆيۈمچان قىلدۇق، ئۇ مۇتەكەببىر، رەببىغا ئاسىيلىق قىلغۇچى بولمىدى
ئەنەس ئالىم: ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلغۇچى ئىدى. ئۇ ھېچقاچان قوپال ۋە ئاسىي بولمىدى.
19 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَرًّا بِوَالِدَتِي وَلَمْ يَجْعَلْنِي جَبَّارًا شَقِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى بەدبەخ مۇتەكەببىر قىلمىدى
ئەنەس ئالىم: ئانامغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدى، مېنى قوپال ۋە بەختسىز بىرى قىلمىدى.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَصَّيْنَا الْإِنْسَانَ بِوَالِدَيْهِ حُسْنًا ۖ وَإِنْ جَاهَدَاكَ لِتُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا ۚ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق، ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، سىلەر مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىپ بارىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشلىرىڭلارنى خەۋەر قىلىمەن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىنسانغا ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق، ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، سىلەر مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىپ بارىسىلەر، سىلەرگە قىمىشلىرىڭلارنى خەۋەر قىلىمەن
ئەنەس ئالىم: بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق: ئاتا - ئاناڭغا ياخشىلىق قىلغىن. ئەگەر ئۇلار سېنى ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان بىرەر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن1. ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرىمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن.
لوقمان سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ لُقْمَانُ لِابْنِهِ وَهُوَ يَعِظُهُ يَا بُنَيَّ لَا تُشْرِكْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا لوقمان (ھەكىم) ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى ئوغۇلچىقىم، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر» دېدى[13]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا لوقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى ئوغۇلچىقىم، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر».
31 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَصَّيْنَا الْإِنْسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْنًا عَلَىٰ وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِي عَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى ـ ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا ـ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى -قورسىقىدا- ئۈستى ـ ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. -ئى ئىنسان!- ماڭا ۋە ئاتا ـ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق - ئانىسى ئۇنى ئۈستى - ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇ ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ -: «ماڭا ۋە ئاتا - ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن. ئاخىرى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قايتىپ كېلىسەن.
31 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ جَاهَدَاكَ عَلَىٰ أَنْ تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا ۖ وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفًا ۖ وَاتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَيَّ ۚ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار سېنى ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان بىرەر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن2، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتكىن. ماڭا داۋاملىق يۆنەلگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن».
ئەھقاف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَصَّيْنَا الْإِنْسَانَ بِوَالِدَيْهِ إِحْسَانًا ۖ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ كُرْهًا وَوَضَعَتْهُ كُرْهًا ۖ وَحَمْلُهُ وَفِصَالُهُ ثَلَاثُونَ شَهْرًا ۚ حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ أَشُدَّهُ وَبَلَغَ أَرْبَعِينَ سَنَةً قَالَ رَبِّ أَوْزِعْنِي أَنْ أَشْكُرَ نِعْمَتَكَ الَّتِي أَنْعَمْتَ عَلَيَّ وَعَلَىٰ وَالِدَيَّ وَأَنْ أَعْمَلَ صَالِحًا تَرْضَاهُ وَأَصْلِحْ لِي فِي ذُرِّيَّتِي ۖ إِنِّي تُبْتُ إِلَيْكَ وَإِنِّي مِنَ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): «پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن (يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن» دەيدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ بوۋاق ئۆسۈپ كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، ئۇ : «رەببىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن، مەن ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى مۇشەققەت بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى ۋە مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنى قورساقتا كۆتۈرۈش ۋە ئەمچەكتىن ئايرىش مۇددىتى ئوتتۇز ئايدۇر. ئاندىن ئۇ كامالەتكە يېتىپ قېرىق يېشىغا بارغاندا مۇنداق دەيدۇ: «رەببىم! مېنى، ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا ئىنئام قىلغان نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا قىزىقتۇرغىن، نەسلىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن. مەن راستىنلا ساڭا يۆنەلدىم ۋە مەن ساڭا تەسلىم بولغۇچىلاردىنمەن».
46 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِي قَالَ لِوَالِدَيْهِ أُفٍّ لَكُمَا أَتَعِدَانِنِي أَنْ أُخْرَجَ وَقَدْ خَلَتِ الْقُرُونُ مِنْ قَبْلِي وَهُمَا يَسْتَغِيثَانِ اللَّهَ وَيْلَكَ آمِنْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ فَيَقُولُ مَا هَٰذَا إِلَّا أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى ئادەم (يەنى ئاتا ـ ئانىسى ئىمانغا دەۋەت قىلغان فاجىر بالا): «ۋاي ـ ۋۇي! سىلەر مېنى قايتا تىرىلىشتىن قورقۇتۇۋاتامسىلەر، (مەندىن ئىلگىرى) نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتتى (ئۇلاردىن ھېچ ئادەم تىرىلدۈرۈلگىنى يوق)» دەيدۇ، ئۇ ئىككىسى ئاللاھقا پەرياد قىلىپ: «ۋاي ساڭا! ئىمان ئېيتقىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر» دەيدۇ. ئۇ: «بۇ پەقەت ئاۋالقىلاردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر» دەيدۇ[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى ئادەم : ۋاي ـ ۋۇي! سىلەر مېنى قايتا تىرىلىشتىن قورقۇتۇۋاتامسىلەر، مەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتتى -ئۇلاردىن ھېچ ئادەم تىرىلدۈرۈلگىنى يوق-» دەيدۇ، ئۇ ئىككىسى ئاللاھقا پەرياد قىلىپ: «ۋاي ساڭا! ئىمان ئېيتقىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر» دەيدۇ. ئۇ: «بۇ پەقەت ئاۋالقىلاردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنداق كىشىمۇ باركى، ئاتا - ئانىسىغا: «ۋاي - ۋۇي، سىلەر مېنى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ قەبرەمدىن چىقىرىلىدىغانلىقىمدىن قورقۇتۇۋاتامسىلەر؟ ھالبۇكى، مەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەر ئۆتتىغۇ!» دەيدۇ. ئۇلار ئاللاھقا پەرياد قىلىپ: «ئىسىت ساڭا! ئىمان ئېيتقىن. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ» دەيدۇ. ئۇ: «بۇ قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرى، خالاس» دەيدۇ.