ئەمەللەرنى خاتىرلىگۈچى پەرىشتىلەر
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىنساننىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى خاتىرىلەشكە تەيىنلەنگەن ھۆرمەتلىك خاتىرىلىگۈچى پەرىشتىلەر.
ئەرەبچىىسى: كيرامان كاتبين
ئېنگلىزچىسى: Angels Recording Deeds
10 ئايەت
8 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 غەيبكە ئىشىنىش /
- 📄 ئەمەللەرنى خاتىرلىگۈچى پەرىشتىلەر
قۇرئان ئايەتلىرى
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي يَتَوَفَّاكُمْ بِاللَّيْلِ وَيَعْلَمُ مَا جَرَحْتُمْ بِالنَّهَارِ ثُمَّ يَبْعَثُكُمْ فِيهِ لِيُقْضَىٰ أَجَلٌ مُسَمًّى ۖ ثُمَّ إِلَيْهِ مَرْجِعُكُمْ ثُمَّ يُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى كېچىسى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزدىكى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە ياشىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزدە سىلەرنى ئويغىتىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى كېچىسى (ئۆلۈككە ئوخشاش) ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزدىكى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقۇچە كۈندۈزدە سىلەرنى (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەندەك) ئويغىتىدۇ، ئاندىن (ئەجىلىڭلار توشقاندا) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، كېچىسى روھىڭلارنى ئېلىپ سىلەرنى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن ئەجەلنىڭ توشۇشى ئۈچۈن كۈندۈزدە روھىڭلارنى ئەۋەتىپ سىلەرنى ئويغىتىدۇ. ئاندىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ5.
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا نَحْنُ نُحْيِي الْمَوْتَىٰ وَنَكْتُبُ مَا قَدَّمُوا وَآثَارَهُمْ ۚ وَكُلَّ شَيْءٍ أَحْصَيْنَاهُ فِي إِمَامٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز، شۈبھىسىزكى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئەمەللىرىنى ۋە ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ۋە ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەر -لەۋھۇلمەھپۇز- دا تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ۋە قالدۇرغان ئەسەرلىرىنى يازىمىز. بىز ھەر نەرسىنى روشەن دەپتەردە بىر - بىرلەپ خاتىرىلىدۇق.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَشْرَقَتِ الْأَرْضُ بِنُورِ رَبِّهَا وَوُضِعَ الْكِتَابُ وَجِيءَ بِالنَّبِيِّينَ وَالشُّهَدَاءِ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْحَقِّ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەھشەرگاھ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ، نامە ـ ئەماللار ھازىر قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەھشەرگاھ رەببىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ، نامە ـ ئەماللار ھازىر قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: زېمىن رەببىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ. كىتابلار قويۇلىدۇ. نەبىيلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
فۇسسىلەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا مَا جَاءُوهَا شَهِدَ عَلَيْهِمْ سَمْعُهُمْ وَأَبْصَارُهُمْ وَجُلُودُهُمْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاخقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاخقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار دوزاخقا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
زۇخرۇف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ يَحْسَبُونَ أَنَّا لَا نَسْمَعُ سِرَّهُمْ وَنَجْوَاهُمْ ۚ بَلَىٰ وَرُسُلُنَا لَدَيْهِمْ يَكْتُبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار گۇمان قىلامدۇكى، بىز ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ۋە پىچىرلاشقانلىقلىرىنى ئاڭلىمايمىز، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (ئۇنى ئاڭلاپ تۇرىمىز)، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلىرىمىز) ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى) يېزىپ تۇرىدۇ[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا ئۇلار گۇمان قىلامدۇكى، بىز ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ۋە پىچىرلاشقانلىقلىرىنى ئاڭلىمايمىز، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېزىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھ بىزنىڭ سىرلىرىمىزنى ۋە يوشۇرۇن قىلىشقان سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ ئەمەلىيەت ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس، بىز ئەلۋەتتە ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەلچىلىرىمىز بار. ئۇ ئەلچىلىرىمىز يېزىپ تۇرىدۇ.
قاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ يَتَلَقَّى الْمُتَلَقِّيَانِ عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ قَعِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار، ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۈزىتىپ تۇرىدۇ[17ـ18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان ئىككى خاتىرىلىگۈچى بار. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى ئۇنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرماقتىدۇر.
مۇجادىلە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ مَا يَكُونُ مِنْ نَجْوَىٰ ثَلَاثَةٍ إِلَّا هُوَ رَابِعُهُمْ وَلَا خَمْسَةٍ إِلَّا هُوَ سَادِسُهُمْ وَلَا أَدْنَىٰ مِنْ ذَٰلِكَ وَلَا أَكْثَرَ إِلَّا هُوَ مَعَهُمْ أَيْنَ مَا كَانُوا ۖ ثُمَّ يُنَبِّئُهُمْ بِمَا عَمِلُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئۈچ ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسىدۇر، بەش ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسىدۇر، مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئادەم پىچىرلاشسۇن، ئۇلار قەيەردە بولمىسۇن، ئاللاھ ھامان ئۇلار بىلەن بىللىدۇر، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئۈچ ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسىدۇر، بەش ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسىدۇر، مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئادەم پىچىرلاشسۇن، ئۇلار قەيەردە بولمىسۇن، ئاللاھ ھامان ئۇلار بىلەن بىللىدۇر، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. مەخپىي سۆزلىشىۋاتقان ئۈچ كىشىنىڭ تۆتىنچىسى ئاللاھتۇر. بەش كىشىنىڭ ئالتىنچىسى ئاللاھتۇر. كىشى ئۇنىڭدىن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ۋە قەيەردە بولسا بولسۇن ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇلار بىلەن بىللىدۇر. ئاندىن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
ئىنفىتار سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
82 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ عَلَيْكُمْ لَحَافِظِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى ئۈستۈڭلاردا كۆزەتكۈچىلەر بار.
82 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
كِرَامًا كَاتِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، يېزىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ھۆرمەتلىكتۇر، يېزىپ تۇرغۇچىلاردۇر.
82 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَعْلَمُونَ مَا تَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.