ئىنفىتار سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 19 ئايەتمەنىسى: يېرىلىش. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەتتە ئاسمان يېرىلدىغانلىقى بىلەن باشلانغان
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 1-ئايەت)بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا السَّمَاءُ انْفَطَرَتْ
ئاسمان يېرىلغان چاغدا
ئاسمان يېرىلغان چاغدا
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 2-ئايەت)وَإِذَا الْكَوَاكِبُ انْتَثَرَتْ
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 3-ئايەت)وَإِذَا الْبِحَارُ فُجِّرَتْ
دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا
دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 4-ئايەت)وَإِذَا الْقُبُورُ بُعْثِرَتْ
قەبرىلەر ئاستى ـ ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا
قەبرىلەرنىڭ ئىچىدىكىلەر تاشقىرىغا چىقىرىلغاندا
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 5-ئايەت)عَلِمَتْ نَفْسٌ مَا قَدَّمَتْ وَأَخَّرَتْ
ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ
ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 6-ئايەت)يَا أَيُّهَا الْإِنْسَانُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ الْكَرِيمِ
ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟
ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك رەببىڭگە ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 7-ئايەت)الَّذِي خَلَقَكَ فَسَوَّاكَ فَعَدَلَكَ
ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى
ئۇ سېنى ياراتتى، ئەزالىرىڭنى بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 8-ئايەت)فِي أَيِّ صُورَةٍ مَا شَاءَ رَكَّبَكَ
سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى
ئۇ سېنى خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 9-ئايەت)كَلَّا بَلْ تُكَذِّبُونَ بِالدِّينِ
ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر
ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار. بەلكى سىلەر كۈنىنى ئىنكار قىلىۋاتىسىلەر
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 10-ئايەت)وَإِنَّ عَلَيْكُمْ لَحَافِظِينَ
ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار
ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 11-ئايەت)كِرَامًا كَاتِبِينَ
ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ
ئۇلار ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، يېزىپ تۇرىدۇ
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 12-ئايەت)يَعْلَمُونَ مَا تَفْعَلُونَ
ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 13-ئايەت)إِنَّ الْأَبْرَارَ لَفِي نَعِيمٍ
مۆمىنلەر شەك ـ شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ
شەك ـ شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلەر جەننەتتە بولىدۇ
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 14-ئايەت)وَإِنَّ الْفُجَّارَ لَفِي جَحِيمٍ
كاپىرلار شەك ـ شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ
ۋە شەك ـ شۈبھىسىزكى، كاپىرلار دوزاختا بولىدۇ
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 15-ئايەت)يَصْلَوْنَهَا يَوْمَ الدِّينِ
ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ
ئۇلار ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى كىرىدۇ
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 16-ئايەت)وَمَا هُمْ عَنْهَا بِغَائِبِينَ
ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ
ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 17-ئايەت)وَمَا أَدْرَاكَ مَا يَوْمُ الدِّينِ
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
سەن قىيامەت كۈنىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 18-ئايەت)ثُمَّ مَا أَدْرَاكَ مَا يَوْمُ الدِّينِ
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
يەنە سەن قىيامەت كۈنىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
-
(82-سۈرە ئىنفىتار، 19-ئايەت)يَوْمَ لَا تَمْلِكُ نَفْسٌ لِنَفْسٍ شَيْئًا ۖ وَالْأَمْرُ يَوْمَئِذٍ لِلَّهِ
ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىش قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر
ئۇ كۈندە ھېچبىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيدۇ، شۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھقىلا خاستۇر