جىن
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئوتنىڭ يالقۇنىدىن يارىتىلغان، ئىنسانلارغا ئوخشاش بىر قىسمى ئىمان ئېيتقان، ئىنسانلارغا كۆرۈنمەيدىغان ئاڭلىق مەخلۇقاتلار.
ئېنگلىزچىسى: Jinn
43 ئايەت
12 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 غەيبكە ئىشىنىش /
- 📄 جىن
قۇرئان ئايەتلىرى
ئەنئام سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ الْجِنَّ وَخَلَقَهُمْ ۖ وَخَرَقُوا لَهُ بَنِينَ وَبَنَاتٍ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، (مۇشرىكلار) جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتى. ئاللاھقا جاھالەتتىن ئوغۇل، قىز پەرزەنتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشتى. ئاللاھ (مۇشرىكلار ئىپتىرا قىلغان نەرسىلەردىن) پاكتۇر، ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر [100].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، مۇشرىكلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتى، نادانلىقتىن «ئاللاھنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى بار» دېگەننى ئويدۇرۇپ چىقىشتى.
ئەنەس ئالىم: ئۇلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ھالبۇكى، جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان. ئۇلار ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن «ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى بار» دېگەن يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.
6 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوًّا شَيَاطِينَ الْإِنْسِ وَالْجِنِّ يُوحِي بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ زُخْرُفَ الْقَوْلِ غُرُورًا ۚ وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ مَا فَعَلُوهُ ۖ فَذَرْهُمْ وَمَا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك (يەنى بۇ مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر ـ بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى (يەنى پەيغەمبەرلەرگە دۈشمەنلىكنى) قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۈزگەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى بىلەن قويۇپ بەرگىن (ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ)[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە مۇشۇنداق دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن بىر ـ بىرىنى گوللاپ شەپە بېرىشىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇنداق قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئويدۇرما سۆزلىرىگە قويۇپ بەرگىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، بىز ھەر نەبىيگە ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى دۈشمەن قىلدۇق. ئۇلار ئالداش ئۈچۈن بىر - بىرلىرىگە شېرىن سۆزلەرنى پىسىلدايدۇ. ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئۇلار ئۇنى قىلالمايتتى. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئويدۇرغان بوھتانلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن.
6 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ قَدِ اسْتَكْثَرْتُمْ مِنَ الْإِنْسِ ۖ وَقَالَ أَوْلِيَاؤُهُمْ مِنَ الْإِنْسِ رَبَّنَا اسْتَمْتَعَ بَعْضُنَا بِبَعْضٍ وَبَلَغْنَا أَجَلَنَا الَّذِي أَجَّلْتَ لَنَا ۚ قَالَ النَّارُ مَثْوَاكُمْ خَالِدِينَ فِيهَا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىنسانلارنى، جىنلارنى ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈننى ئەسلىگىن، (بۇ كۈندە ئاللاھ ئېيتىدۇكى) «ئى جىنلار جامائەسى!سىلەر نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار». ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىر ـ بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىق ھالدا ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىنسانلارنى، جىنلارنى (ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈنى: «ئى جىنلار جامائەسى! سىلەر ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار» (دەپ خىتاب قىلىدۇ). ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى رەببىمىز! بىز بىر ـ بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىتلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگە يىغقان كۈندە: «ئى جىنلار جامائەسى! ئىنسانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردۇڭلار» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان ۋەلىيلىرى: «رەببىمىز! بىز بىر -بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق ۋە سەن بىزگە بەلگىلىگەن ئەجەلنىڭ ئاخىرىغا يەتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىت ئۇنىڭدىن مۇستەسنا» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
6 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ أَلَمْ يَأْتِكُمْ رُسُلٌ مِنْكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي وَيُنْذِرُونَكُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا ۚ قَالُوا شَهِدْنَا عَلَىٰ أَنْفُسِنَا ۖ وَغَرَّتْهُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَشَهِدُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ أَنَّهُمْ كَانُوا كَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتىدۇكى، «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟» ئۇلار: «گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كاپىر بولغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟» (دېيىلگەندە)، ئۇلار: «گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغاندۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كافىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا «ئى جىن ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە ئەينەن بايان قىلىدىغان ۋە سىلەرنى بۇ كۈنۈڭلارغا مۇلاقات بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەلچىلەر كەلمىگەنمىدى؟» دېيىلىدۇ. ئۇلار: «ئەلۋەتتە كەلگەن ئىدى، گۇناھ بىزدە» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا ھاياتى ئالدىغان ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كافىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ الشَّيَاطِينِ مَنْ يَغُوصُونَ لَهُ وَيَعْمَلُونَ عَمَلًا دُونَ ذَٰلِكَ ۖ وَكُنَّا لَهُمْ حَافِظِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمانغا يەنە بىر قىسىم شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۇنىڭغا ئۈنچە ـ مارجان (گۆھەرلەرنى سۈزۈپ چىقاتتى)، ئۇلار يەنە (شەھەرلەرنى، ئېگىز سارايلارنى سېلىشتەك) باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى، بىز ئۇلارنى (سۇلايماننىڭ ئىتائىتىدىن چىقىشتىن) ساقلايتتۇق[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمانغا يەنە بىر قىسىم شەيتانلارنى مۇسەخخەر قىلىپ بەردۇق، ئۇلار دېڭىزلاردا چۆكۈپ ئۇنىڭغا ئۈنچە ـ مارجان - گۆھەرلەرنى- سۈزۈپ چىقاتتى، ئۇلار يەنە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى، بىز ئۇلارنى كۆزىتەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز يەنە سۇلەيمانغا بىر قىسىم شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. ئۇلار سۇلەيمان ئۈچۈن دېڭىزغا چۆكەتتى ۋە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى. بىز ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇراتتۇق.
نەمىل سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَحُشِرَ لِسُلَيْمَانَ جُنُودُهُ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ وَالطَّيْرِ فَهُمْ يُوزَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى توپلاندى (سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالدىدا دەبدەبە بىلەن ماڭاتتى). ئۇلار تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى توپلاندى ئۇنىڭ ئۈچۈن توپلاندى، ئۇلار تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: سۇلەيماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى ھۇزۇرىدا توپلىنىپ، قىسىملارغا ئايرىلغان ئىدى.
27 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ أَيُّكُمْ يَأْتِينِي بِعَرْشِهَا قَبْلَ أَنْ يَأْتُونِي مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ئۇلار مېنىڭ قېشىمغا مۇسۇلمان بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، (سىلەردىن) كىم ئۇنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلىدۇ»[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمان ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ئۇلار مېنىڭ قېشىمغا تەسلىم بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، قايسىڭلار ئۇنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلىدۇ؟»
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمان: «ئى دۆلەت ئەركانلىرى! ئۇلار تەسلىم بولۇپ يېنىمغا كېلىشتىن بۇرۇن قايسىڭلار ئۇ ئايالنىڭ تەختىنى ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىسىلەر؟» دېدى.
27 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ عِفْرِيتٌ مِنَ الْجِنِّ أَنَا آتِيكَ بِهِ قَبْلَ أَنْ تَقُومَ مِنْ مَقَامِكَ ۖ وَإِنِّي عَلَيْهِ لَقَوِيٌّ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: جىندىن بولغان ئىفرىت ئېيتتى: «مەن ئۇنى ئورنۇڭدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ساڭا ئېلىپ كېلىمەن، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن»[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىندىن بولغان ئىفرىت ئېيتتى: «مەن ئۇنى ئورنۇڭدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ساڭا ئېلىپ كېلىمەن، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن»
ئەنەس ئالىم: جىنلاردىن يامان بىرى: «مەن ئۇنى سەن ئورنۇڭدىن تۇرغۇچە ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كېلىمەن. بۇنىڭغا كۈچۈم يېتىدۇ، ئۇنى زايە قىلماستىن ساق - سالامەت ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىشەنچلىك بىرىمەن» دېدى.
سەبەئ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِسُلَيْمَانَ الرِّيحَ غُدُوُّهَا شَهْرٌ وَرَوَاحُهَا شَهْرٌ ۖ وَأَسَلْنَا لَهُ عَيْنَ الْقِطْرِ ۖ وَمِنَ الْجِنِّ مَنْ يَعْمَلُ بَيْنَ يَدَيْهِ بِإِذْنِ رَبِّهِ ۖ وَمَنْ يَزِغْ مِنْهُمْ عَنْ أَمْرِنَا نُذِقْهُ مِنْ عَذَابِ السَّعِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمانغا شامالنى (بويسۇندۇرۇپ بەردۇق)، شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس (چىقىدىغان) بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، بەزى جىنلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بويىچە سۇلايماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس چىقىدىغان بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، بەزى جىنلار رەببىنىڭ ئەمرى بويىچە سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، بىز ئۇنىڭغا دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. سۇلەيمان ئۇ شامال بىلەن چۈشتىن بۇرۇن بىر ئايلىق، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتەتتى. بىز يەنە ئۇنىڭغا مىس بۇلىقىنى ئېقىتىپ بەردۇق. جىنلارنىڭ بىر قىسمى رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى. ئۇلاردىن كىم ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇنىڭغا يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئازابىدىن تېتىتىمىز.
34 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
يَعْمَلُونَ لَهُ مَا يَشَاءُ مِنْ مَحَارِيبَ وَتَمَاثِيلَ وَجِفَانٍ كَالْجَوَابِ وَقُدُورٍ رَاسِيَاتٍ ۚ اعْمَلُوا آلَ دَاوُودَ شُكْرًا ۚ وَقَلِيلٌ مِنْ عِبَادِيَ الشَّكُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سۇلايمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، (مىستىن ـ ئەينەكتىن ئاجايىپ) ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، (چوڭلۇقتىن) مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى، (ئېيتتۇقكى) «ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! (ئاللاھنىڭ بۇ چوڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار»، مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئاز[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سۇلەيمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى، -ئېيتتۇقكى،- «ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! شۈكۈر قىلىڭلار»، مېنىڭ بەندىلىرىمدىن شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئازدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سۇلەيمان ئۈچۈن سۇلەيماننىڭ تەلىپى بويىچە سارايلار، ھەيكەللەر، كۆلدەك لېگەنلەر ۋە مۇقىم قازانلارنى ياسايتتى. «ئى داۋۇد ئائىلىسى! ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار» دېدۇق. بەندىلىرىمدىن شۈكۈر قىلغۇچىلار بەك ئاز.
ساففات سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَحِفْظًا مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ مَارِدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى ھەر بىر شەيتاندىن ئۇنى قوغدىدۇق[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى ھەر بىر شەيتاندىن ئۇنى قوغدىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇنى ھەر ئىسيانكار شەيتاندىن ساقلىدۇق.
37 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَسَّمَّعُونَ إِلَى الْمَلَإِ الْأَعْلَىٰ وَيُقْذَفُونَ مِنْ كُلِّ جَانِبٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ[8ـ9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ -سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى- ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن، ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ،
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن شەيتانلار ئەڭ ئالىي جامائەگە قۇلاق سالالمايدۇ، ئۇلار ھەر تەرەپتىن ئوققا تۇتۇلىدۇ،
37 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
دُحُورًا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ وَاصِبٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ[8ـ9].
تەرجىمە ھەيئىتى: يىراقلاشتۇرۇلىدۇ...ئۇلار ئۈچۈن دائىملىق ئازاب باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قوغلىنىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن دائىمىي ئازاب بار.
37 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا مَنْ خَطِفَ الْخَطْفَةَ فَأَتْبَعَهُ شِهَابٌ ثَاقِبٌ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىدىن) ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئاڭلىغان شەيتاننى يورۇق يۇلتۇز قوغلاپ (كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئاڭلىغان شەيتاننى يورۇق يۇلتۇز قوغلاپ -كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ-
ئەنەس ئالىم: لېكىن كىم ئوغرىلىقچە بىرەر نەرسە ئاڭلىۋالغان بولسا، دەرھال ئۇنى تېشىپ ئۆتكۈچى ئاقار يۇلتۇز قوغلايدۇ.
37 : 158 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلُوا بَيْنَهُ وَبَيْنَ الْجِنَّةِ نَسَبًا ۚ وَلَقَدْ عَلِمَتِ الْجِنَّةُ إِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا ـ باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك ـ شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار (يەنى شۇ سۆزنى قىلغۇچىلار) (دوزاخقا) چوقۇم ھازىر قىلىنىپ (شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ)[158].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا ـ باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك ـ شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار -دوزاخقا- چوقۇم ھازىر قىلىنغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھ بىلەن جىنلار ئارىسىدا نەسەب ئويدۇردى. ھالبۇكى، جىنلار ئۆزلىرىنىڭ ھېساب مەيدانىغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
ساد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَالشَّيَاطِينَ كُلَّ بَنَّاءٍ وَغَوَّاصٍ
مۇھەممەد سالىھ: ھەمدە ئۇنىڭغا (كاتتا بىنالارنى سالالايدىغان) قۇرغۇچى ۋە (دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۈنچە ـ مارجانلارنى ئېلىپ چىقالايدىغان) غەۋۋاس شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەمدە ئۇنىڭغا -كاتتا بىنالارنى سالالايدىغان- قۇرغۇچى ۋە -دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۈنچە ـ مارجانلارنى ئېلىپ چىقالايدىغان- غەۋۋاس شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا يەنە بىناكار، غەۋۋاس شەيتانلارنىڭ ھەممىسىنى
38 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَآخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِي الْأَصْفَادِ
مۇھەممەد سالىھ: يەنە نۇرغۇن شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنغاندۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە نۇرغۇن شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنغاندۇر
ئەنەس ئالىم: ۋە ئىشكەل سېلىنغان باشقىلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق.
فۇسسىلەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا رَبَّنَا أَرِنَا اللَّذَيْنِ أَضَلَّانَا مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ نَجْعَلْهُمَا تَحْتَ أَقْدَامِنَا لِيَكُونَا مِنَ الْأَسْفَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار: «پەرۋەردىگارىمىز! ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بىزنى ئازدۇرغانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن، (ئۇلارنىڭ) ئەڭ خارلاردىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاياغلىرىمىزنىڭ ئاستىدا چەيلەيمىز» دېدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار: «رەببىمىز! ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بىزنى ئازدۇرغانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن، ئۇلارنىڭ ئەڭ خارلاردىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاياغلىرىمىزنىڭ ئاستىدا چەيلەيمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: كافىرلار: «رەببىمىز! بىزنى ئازدۇرغان جىن ۋە ئىنسانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن. ئۇلارنى دەسسەپ چەيلىۋېتەيلى، ئەڭ خارلاردىن بولسۇن» دەيدۇ.
ئەھقاف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ صَرَفْنَا إِلَيْكَ نَفَرًا مِنَ الْجِنِّ يَسْتَمِعُونَ الْقُرْآنَ فَلَمَّا حَضَرُوهُ قَالُوا أَنْصِتُوا ۖ فَلَمَّا قُضِيَ وَلَّوْا إِلَىٰ قَوْمِهِمْ مُنْذِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر ـ بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا بىر ـ بىرىگە: «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ئۆز ۋاقتىدا بىر توپ جىننى قۇرئاننى ئاڭلىسۇن دەپ سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلار قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشىغا ھازىر بولغان چاغلىرىدا بىر - بىرىگە: «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشى ئاخىرلاشقاندا ئاگاھلاندۇرغۇچىلار بولۇپ ئۆز قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتىشتى.
46 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا قَوْمَنَا إِنَّا سَمِعْنَا كِتَابًا أُنْزِلَ مِنْ بَعْدِ مُوسَىٰ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ وَإِلَىٰ طَرِيقٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق»[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى، ھەقىقەتكە ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان بىر كىتابنى تىڭشىدۇق»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىمىز! بىز مۇسادىن كېيىن نازىل قىلىنغان، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلايدىغان، ھەقكە ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان بىر كىتابنى ئاڭلىدۇق.
46 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
يَا قَوْمَنَا أَجِيبُوا دَاعِيَ اللَّهِ وَآمِنُوا بِهِ يَغْفِرْ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُجِرْكُمْ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: «ئى قەۋمىمىز! ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ بەزى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ»[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى قەۋمىمىز! ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ گۇناھلارنىڭ بىر قىسمىنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىمىز! ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئەلەملىك ئازابتىن قۇتقۇزىدۇ.
رەھمان سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَخَلَقَ الْجَانَّ مِنْ مَارِجٍ مِنْ نَارٍ
مۇھەممەد سالىھ: جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى
ئەنەس ئالىم: جاننى5 ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى.
55 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
سَنَفْرُغُ لَكُمْ أَيُّهَ الثَّقَلَانِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەردىن (يەنى سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن) ھېساب ئېلىشقا يۈزلىنىمىز[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەردىن ھېساب ئېلىشقا يۈزلىنىمىز
ئەنەس ئالىم: ئى ئىككى يۈك بولغان جىن ۋە ئىنسانلار! سىلەردىن يېقىندا ھېساب ئالىمىز.
55 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ إِنِ اسْتَطَعْتُمْ أَنْ تَنْفُذُوا مِنْ أَقْطَارِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ فَانْفُذُوا ۚ لَا تَنْفُذُونَ إِلَّا بِسُلْطَانٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر سىلەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار، ئۆتۈپ كېتىڭلار، سىلەر پەقەت قۇۋۋەت بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر [33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر سىلەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار، ئۆتۈپ كېتىڭلار، سىلەر پەقەت قۇۋۋەت بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئەتراپىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە كۈچۈڭلار يەتسە، ئۆتۈپ كېتىڭلار. پەقەت كۈچ بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر.
55 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
يُرْسَلُ عَلَيْكُمَا شُوَاظٌ مِنْ نَارٍ وَنُحَاسٌ فَلَا تَنْتَصِرَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (قىيامەت كۈنى) سىلەرگە قىزىق ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە تۈتۈنى ئەۋەتىلىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە قىزىق ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە تۈتۈنى ئەۋەتىلىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! سىلەرگە ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە مىس ئېرىتمىسى ئەۋەتىلىدۇ. ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر.
جىن سۈرىسى
15 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ أُوحِيَ إِلَيَّ أَنَّهُ اسْتَمَعَ نَفَرٌ مِنَ الْجِنِّ فَقَالُوا إِنَّا سَمِعْنَا قُرْآنًا عَجَبًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (مەندىن قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھىي قىلىندى. ئۇلار (قەۋمىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن) ئېيتتى: بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ قۇرئان تىڭشىغانلىقى ماڭا ۋەھيى قىلىندى، ئۇلار ئېيتتى: « ھەقىقەتەن بىز، ئاجايىپ بىر قۇرئاننى ئاڭلىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ماڭا مۇنداق ۋەھىي قىلىندى: بىر توپ جىن قۇرئاننى ئاڭلىدى، ئاندىن ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: «بىز ئاجايىپ قۇرئان ئاڭلىدۇق1.
72 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
يَهْدِي إِلَى الرُّشْدِ فَآمَنَّا بِهِ ۖ وَلَنْ نُشْرِكَ بِرَبِّنَا أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: . ئۇ توغرا يولغا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، رەببىمىزغا ھېچكىمنى ئەسلا شېرىك كەلتۈرمەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق قۇرئانكى، كامالەتكە يەتكۈزىدۇ. بىز ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، رەببىمىزگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمىز.
72 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُ تَعَالَىٰ جَدُّ رَبِّنَا مَا اتَّخَذَ صَاحِبَةً وَلَا وَلَدًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەزىمىتى كاتتىدۇر، خوتۇنى ۋە بالىسى يوقتۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىزنىڭ ئەزىمىتى كاتتىدۇر، خوتۇنى ۋە بالىسى يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: بىز مۇنۇلارغا ئىشەندۇق: رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقى بەك ئۈستۈندۇر. ئۇنىڭ رەپىقىسى ۋە بالىسى يوقتۇر.
72 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُ كَانَ يَقُولُ سَفِيهُنَا عَلَى اللَّهِ شَطَطًا
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەخمەق (يەنى ئىبلىس) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ كاتتىلىقىغا نالايىق سۆزلەرنى قىلدى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ھالەنكى بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەخمەق ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ كاتتىلىقىغا نالايىق سۆزلەرنى قىلىدىكەندۇق
ئەنەس ئالىم: ئىچىمىزدىكى ھاماقەت، ئاللاھ توغرىسىدا نالايىق سۆزلەرنى قىلىپتۇ.
72 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّا ظَنَنَّا أَنْ لَنْ تَقُولَ الْإِنْسُ وَالْجِنُّ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز، ئىنسانلار ۋە جىنلار ئاللاھقا يالغاننى چاپلىمايدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدۇق[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزمۇ، «ئىنسانلار ۋە جىنلار ئاللاھقا يالغاننى چاپلىمايدۇ» دەپ ئويلىغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىنسان ۋە جىنلار ئاللاھ توغرىسىدا يالغان سۆزلىمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىپتىمىز.
72 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُ كَانَ رِجَالٌ مِنَ الْإِنْسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٍ مِنَ الْجِنِّ فَزَادُوهُمْ رَهَقًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەر جىنلاردىن بولغان بەزى كىشىلەرگە سىغىناتتى، شۇنىڭ بىلەن جىنلار تېخىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كەتتى[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەر جىنلاردىن بولغان بەزى كىشىلەرگە سېغىناتتى، شۇنىڭ بىلەن جىنلار تېخىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: بىر قىسىم ئىنسانلار بىر قىسىم جىنلارغا سېغىنىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپتۇ.
72 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُمْ ظَنُّوا كَمَا ظَنَنْتُمْ أَنْ لَنْ يَبْعَثَ اللَّهُ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئىنساننىڭ كۇففارلىرى)، سىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھ ھېچ ئادەمنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرمەيدۇ، دەپ گۇمان قىلدى»[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارمۇ، سىلەر گۇمان قىلغانغا ئوخشاش، ئاللاھنىڭ ھېچ ئادەمنى تىرىلدۈرمەيدىغانلىقىنى گۇمان قىلىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سىلەر گۇمان قىلغاندەك، ئاللاھ ھېچكىمنى قايتا تىرىلدۈرمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىپتۇ.
72 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّا لَمَسْنَا السَّمَاءَ فَوَجَدْنَاهَا مُلِئَتْ حَرَسًا شَدِيدًا وَشُهُبًا
مۇھەممەد سالىھ: (جىنلار ئېيتتى) «بىز (ئاسمان ئەھلىنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسمانغا (چىقىشنى) تىلىدۇق، ئاسماننىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) بىلەن ۋە (كۆيدۈرگۈچى) يۇلتۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە بىز ئاسمانغا چىقماقچى بولدۇق-يۇ، ئاسماننىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن ۋە كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسمانغا چىقماقچى بولدۇق، لېكىن ئۇنى كۈچلۈك مۇھاپىزەتچى ۋە ئاقار يۇلتۇزلار بىلەن توشقۇزۇلغان ھالەتتە كۆردۇق.
72 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّا كُنَّا نَقْعُدُ مِنْهَا مَقَاعِدَ لِلسَّمْعِ ۖ فَمَنْ يَسْتَمِعِ الْآنَ يَجِدْ لَهُ شِهَابًا رَصَدًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەمىشە (ئوغرىلىقچە تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان جايلىرىدا ئولتۇراتتۇق، كىمكى ئەمدى (ئوغرىلىقچە) ئاڭلاشقا ئورۇنىدىكەن، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارنى بايقايدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەمىشە ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان جايلىرىدا تىڭشاش ئۈچۈن ئولتۇراتتۇق، ئەمدى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشقا ئورۇنغان كىشى، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارنى بايقايدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرى ئاسماننىڭ تىڭشاشقا مۇۋاپىق يەرلىرىدە ئولتۇراتتۇق. لېكىن ھازىر كىم تىڭشاشقا ئۇرۇنسا، ماراپ تۇرغان ئاقار يۇلتۇز بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
72 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّا لَا نَدْرِي أَشَرٌّ أُرِيدَ بِمَنْ فِي الْأَرْضِ أَمْ أَرَادَ بِهِمْ رَبُّهُمْ رَشَدًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز (جىنلار جامائەسى) زېمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز زېمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى رەببى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز
ئەنەس ئالىم: زېمىندىكى كىشىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى رەببى ئۇلارغا كامالەت ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز.
72 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّا مِنَّا الصَّالِحُونَ وَمِنَّا دُونَ ذَٰلِكَ ۖ كُنَّا طَرَائِقَ قِدَدًا
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئىچىمىزدە ياخشىلارمۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارمۇ بار، بىز تۈرلۈك يوللارغا بۆلۈندۇق[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئىچىمىزدە ياخشىلارمۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارمۇ بار، بىز تۈرلۈك يوللارغا بۆلۈندۇق
ئەنەس ئالىم: بىزگە كەلسەك، ياخشىلىرىمىزمۇ بار، ياخشى ئەمەسلىرىمىزمۇ بار. بىز تۈرلۈك يوللارغا ئايرىلىپتىمىز.
72 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّا ظَنَنَّا أَنْ لَنْ نُعْجِزَ اللَّهَ فِي الْأَرْضِ وَلَنْ نُعْجِزَهُ هَرَبًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز جەزمەن ئىشەندۇقكى، ئاللاھنى (ئۆز ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن) ھەرگىز ئاجىز قىلالمايمىز، ئۇنىڭ (ئازابى) دىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايمىز[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز جەزمەن بايقىدۇقكى، ئاللاھنى ھەرگىز ئاجىز قىلالمايمىز، ئۇنىڭدىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بىز زېمىندا ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە توسالغۇ بولالمايمىز، ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.
72 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّا لَمَّا سَمِعْنَا الْهُدَىٰ آمَنَّا بِهِ ۖ فَمَنْ يُؤْمِنْ بِرَبِّهِ فَلَا يَخَافُ بَخْسًا وَلَا رَهَقًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھىدايەتنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈردۇق، كىمكى پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتىدىكەن، (ياخشىلىقلىرىنىڭ) كېمىيىپ كېتىشىدىن ۋە (يامانلىقلىرىنىڭ ئارتتۇرۇلۇپ) زۇلۇم قىلىنىشتىن قورقمايدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھىدايەت - قۇرئان - نى ئاڭلىغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈردۇق، كىمكى رەببىغا ئىمان ئېيتىدىكەن، ھەققىنىڭ كەم بېرىلىشىدىنمۇ، زۇلۇم قىلىنىشىدىنمۇ قورقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز توغرا يولنىڭ رەھبىرى بولغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق. كىم رەببىگە ئىمان ئېيتسا، ئۇ ئەجرىنىڭ كېمەيتىلىشىدىن ۋە زۇلۇمغا ئۇچراشتىن قورقمايدۇ.
72 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّا مِنَّا الْمُسْلِمُونَ وَمِنَّا الْقَاسِطُونَ ۖ فَمَنْ أَسْلَمَ فَأُولَٰئِكَ تَحَرَّوْا رَشَدًا
مۇھەممەد سالىھ: بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ئىچىمىزدە مۇسۇلمانلارمۇ بار، زالىملارمۇ بار. مۇسۇلمان بولغانلار، كامالەتكە يېتىشنى مەقسەت قىلدى.
72 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا الْقَاسِطُونَ فَكَانُوا لِجَهَنَّمَ حَطَبًا
مۇھەممەد سالىھ: توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ»[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ»
ئەنەس ئالىم: زالىملارغا كەلسەك، ئۇلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولدى».
تەكۋىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
81 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا هُوَ عَلَى الْغَيْبِ بِضَنِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: قۇرئان ھەرگىزمۇ قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەس.
ناس سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
114 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ
مۇھەممەد سالىھ: «ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ، بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: يوشۇرۇنۇۋالىدىغان ۋەسۋەسىچىنىڭ يامانلىقىدىن قاچىمەن.
114 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ
مۇھەممەد سالىھ: «ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئۇ جىنلاردىنمۇ بولىدۇ، ئىنسانلاردىنمۇ بولىدۇ.