تەكۋىر سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 29 ئايەتمەنىسى: ئۆچۈش (نۇرى). ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەتتە قۇياشنىڭ نۇرى ئۆچىدىغانلىقى بىلەن باشلانغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا الشَّمْسُ كُوِّرَتْ
كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
كۈن يۆگەلگەن چاغدا، — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا قۇياش بىلەن ئاينى يارىتىپ ئىنسانلارنىڭ خىزمىتىگە سۇنغان، شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئەجەل (مۇددەت) توشقۇچىلىك ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ، شۇنداقلا ئىنسانلارغا پايدا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. ئەمما قىيامەت قايىم بولغاندا (بىرىنچى قېتىم سۇر چېلىنغاندا) ئۇلارنىڭ ئىنتىزامى بۇزۇلىدۇ: قۇياش يۆگىلىپ نۇرى ئۆچىدۇ، ئاي تۇتۇلىدۇ، شۇنداقلا ئۆز ئوربىتىلىرىدىن چىقىپ ئىككىسى بىر يەرگە جەم بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا النُّجُومُ انْكَدَرَتْ
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
يۇلتۇزلار ئۆچكەن چاغدا، — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا يۇلتۇزلارنىمۇ ئىنسانلارنىڭ خىزمىتىگە سۇنغان. قىيامەت قايىم بولغاندا يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئۆچىدۇ، ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ ھەممىسى چېچىلىپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا الْجِبَالُ سُيِّرَتْ
تاغلار گۇمران بولغان چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
تاغلار يۈرۈتۈلگەن چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
تاغلار يۈرۈتۈلگەن چاغدا، — ئەنەس ئالىم
قالايمىقان ھەرىكەت قىلىپ ئىنسانلارنى بىئارام قىلمىسۇن دەپ زېمىنغا قوزۇقتەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاغلار، بىرىنچى قېتىم سۇر چېلىنىشى بىلەن ئورنىدىن قوزغىلىپ كۇكۇم - تالقان بولۇپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا الْعِشَارُ عُطِّلَتْ
بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
ئون ئايلىق بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا، — ئەنەس ئالىم
ئىنسانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان، شۇنداقلا ئۇلارنى گۆش، سۈت، يۇڭ ۋە تېرە بىلەن تەمىنلەيدىغان تۆت تۈرلۈك ھايۋاننىڭ (ئەنئام - تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىنىڭ) ئەڭ قىممەتلىكى تۆگىدۇر، چۈنكى تۆگىنىڭ، ئىگىسىنى يۇقىرىدىكى لازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېنىدا ئۇنى ۋە يۈكىنى توشۇش ئالاھىدىلىكىمۇ بار. قىيامەت قايىم بولغاندا ئەنە شۇ قىممەتلىك تۆگىنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىقىمۇ يەنى ئۇلارنىڭ تۇغۇشقا ئاز قالغان بوغازلىرىمۇ، ئىگىلىرى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىدۇ. چۈنكى قىيامەت دەھشىتى ئۇلارنى قاتتىق قورقۇتۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇ تۆگىلەر ئۇلارنىڭ ئېسىگە كەلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا الْوُحُوشُ حُشِرَتْ
ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم
«ياۋايى ھايۋانلار» - پۈتۈن ھايۋانلارنى ئىپادىلەيدۇ. قىيامەت كۈنى ھايۋانلارمۇ توپلىنىدۇ (ھەشر قىلىنىدۇ). ھايۋانلار مەھشەرگاھقا توپلىنىپ، ئۇلارنىڭ زالىملىرىدىن مەزلۇملىرى ئۈچۈن قىساس ئېلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ھەقلەرنى ئۆز ئىگىسىگە ئادا قىلىسىلەر، ھەتتا مۈڭگۈزسىز قوي ئۈچۈن مۈڭگۈزلۈك قويدىن قىساس ئېلىنىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا الْبِحَارُ سُجِّرَتْ
دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
دېڭىزلار ئوتقا ئايلاندۇرۇلۇپ لاۋۇلدىتىلغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم
قىيامەت قايىم بولغاندا دېڭىزلاردا پارتلاش مەيدانغا كېلىدۇ، ئارقىسىدىن ئۇلارغا ئوت كېتىدۇ ۋە لاۋۇلداپ كۆيىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا النُّفُوسُ زُوِّجَتْ
جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
روھلار قوشۇلغان چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
نەفسلەر[1] بىر-بىرىگە قوشۇلغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم
«ئاللاھ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرىنى ئۆلگەن چېغىدا، ئۆلمىگەنلەرنىڭ روھلىرىنى ئۇخلىغان چېغىدا ئالىدۇ. ئاندىن ئۆلۈمىگە ھۆكۈم قىلغان روھلارنى تۇتۇپ قالىدۇ ۋە باشقىلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە قويۇپ بېرىدۇ». ئاللاھ تائالا تۇتۇپ قالغان روھلارنى، قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئاندىن ئۇلار بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا الْمَوْءُودَةُ سُئِلَتْ
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سورالغان چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سورالغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم
(8-9) جاھىلىيەت دەۋرىدە بەزى ئەرەبلەر قىز بالىسى بولۇشىنى ھېچ ياقتۇرمايتتى. ئۇلارنىڭ بىرىگە «قىز بالىڭىز بولدى» دەپ خۇش خەۋەر بېرىلسە قاتتىق ئىچى پۇشاتتى. ئۇ، ئەسلىدە خۇش خەۋەر بولغان بۇ خەۋەرنى يامان خەۋەر دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئىزا تارتىپ ئىنسانلاردىن يوشۇرۇنۇشقا تىرىشاتتى، ھەتتا «ئۇنى كۆمۈۋېتەيمۇ ياكى نومۇسقا چىداپ باقايمۇ» دەپ ئويلايتتى. ئۇلار بۇ ئىشنى كەمبەغەل بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى كەلگۈسىدە كەمبەغەل بولۇپ قېلىشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن قىلاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بۇ قىلمىشتىن توسقان. ئاللاھ تائالانىڭ تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىز بالىنىڭ ئاتىسىدىن «قىزىڭنى نېمىشقا تىرىك كۆمۈۋەتتىڭ؟» دەپ سورىماستىن ئۇنىڭ يېنىدا، تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىز بالىدىن «سېنىڭ گۇناھىڭ نېمە ئىدى؟ سەن نېمىشقا تىرىك كۆمۈۋېتىلدىڭ؟» دېگەن شەكىلدە سوئال سورىشى، ئۇ ئادەمنى دارىتمىلاپ تەنقىد قىلغانلىق بولۇپ، بۇ ئەڭ قاتتىق تەنقىد ھېسابلىنىدۇ. قىيامەت كۈنى بولىدىغان بۇ ئەھۋالنى بىلدۈرىدىغان بۇ ئايەتلەر بۇ قەبىھ گۇناھتىن ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە مەنئى قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بِأَيِّ ذَنْبٍ قُتِلَتْ
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ — تەرجىمە ھەيئىتى
قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذَا الصُّحُفُ نُشِرَتْ
نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
ئەمەل دەفتەرلىرى ئېچىلغان چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەمەل دەپتەرلىرى تارقىتىلغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم
قىيامەت كۈنى ھەر ئىنسانغا دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان پۈتكۈل ئەمەللىرى يېزىلغان بىر كىتاب بېرىلىدۇ، ھەر ئادەم ئۆز كىتابىنى ئۆزى ئوقۇيدۇ ۋە ئۆز قىلمىشىنى بىر - بىرلەپ ئەسلەيدۇ. ھەر كىشىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئورنى ئۆز كىتابىدىكى ئەمەللىرىگە قارىتا بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئايەت ئەنە شۇ ھەقىقەتنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەردىن بىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا السَّمَاءُ كُشِطَتْ
ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمان سويۇپ ئېلىنغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئۆز قۇدرىتى بىلەن يارىتىپ، قىيامەتكە قەدەر زېمىننىڭ تورۇسى قىلغان ۋە مۇھاپىزەت قىلغان مۇستەھكەم ئاسمان، قىيامەت قايىم بولغاندا خۇددى بىر ھايۋاننىڭ تېرىسى سويۇلغاندەك ئۆز ئورنىدىن سويۇپ ئېلىنىدۇ ۋە كىتابنىڭ ۋاراقلىرى تۈرۈلگەندەك تۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا الْجَحِيمُ سُعِّرَتْ
دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم
(12-13) قىيامەت كۈنى ھېسابتىن كېيىن تېگىشلىك بولغانلارنىڭ ۋە بىر قىسىم تاشلارنىڭ ئېتىلىشى بىلەن دوزاخنىڭ ئوتى يالقۇنجىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دوزاخنىڭ ئوتى تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ. جەننەت تېگىشلىك بولغانلارنىڭ كىرىشى ئۈچۈن ئۇلارغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا الْجَنَّةُ أُزْلِفَتْ
جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
جەننەت يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
جەننەت يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم
-
عَلِمَتْ نَفْسٌ مَا أَحْضَرَتْ
ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەر نەفس نېمە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەنە شۇ ئون ئىككى تۈرلۈك ئىش بولغان كۈندە ھەر كىشى ئاخىرەتكە نېمە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَا أُقْسِمُ بِالْخُنَّسِ
كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ
كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنداق ئەمەس[2]، يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن، — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلار قۇرئان كەرىم ھەققىدە «شائىرنىڭ سۆزى، كاھىننىڭ سۆزى، ساھىرنىڭ سۆزى، ئەقلىدىن ئازغان ئادەمنىڭ سۆزى» دېگەن سۆزلەرنى قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ يەردە ئۇلارغا «ياق!» دەپ رەددىيە بېرىدۇ. بۇ «ياق»نىڭ مەنىسى «قۇرئان مۇشرىكلار ئېيتقاندەك شائىرنىڭ ياكى كاھىننىڭ ياكى ساھىرنىڭ ۋە ياكى ئەقلىدىن ئازغان ئادەمنىڭ سۆزى ئەمەس!» دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الْجَوَارِ الْكُنَّسِ
كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ
ۋە پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاققۇچى ۋە جايىغا كىرگۈچى يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن، — ئەنەس ئالىم
(16-17) ئاخشاملىقتا چىقىپ، ئەتىگىنى پېتىپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلار. تەپسىرلەردە بۇلارنىڭ «يۇلتۇزلار» ياكى «كېيىكلەر» ۋە ياكى «ياۋا كالىلار» ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆزقاراشلار زىكىر قىلىنسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن «يۇلتۇزلار» دېگەن كۆزقاراش ئېغىر باسىدۇ ۋە بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ: 1) ئۇلار قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەردۇر، 2) ئۇلار بارلىق يۇلتۇزلاردۇر. بۇ ئىككى كۆزقاراشقا ئاساسەن، بۇ ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق بولىدۇ: «ئۆز ئوربىتىلىرىدا ئايلىنىدىغان، چىقىدىغان ۋە پاتىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى». ئۇلار توغرىسىدا يەنە يېقىنقى زامان مۇپەسسىرلىرىنىڭ مۇنداق بىر كۆزقارىشىمۇ بار: ئۇلار «قارا ئۆڭكۈر»لەردۇر. بۇ كۆزقاراشقا ئاساسەن، «يوشۇرۇنغۇچىلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «ئەلخۇننەسى - الخنس» كەلىمىسى ھەمىشە يوشۇرۇن بولغۇچى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، «ئۇۋىلىرىغا كىرگۈچىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «ئەلكۇننەسى - الكنس» كەلىمىسى بولسا ئۇ مەنىنى ئەمەس، ئۇدۇلىغا كەلگەن جىسىملارنى شوراپ كەتكۈچى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كۆزقاراشتىكىلەر ئېيتىدۇكى: «خۇننەس» بىلەن «كۇننەس»گە «يوشۇرۇنغۇچى» دەپ ئوخشاش مەنە بېرىش قۇرئان كەرىمنىڭ چوڭقۇرلۇق ۋە ئىنچىكىلىگە دىققەت قىلمىغانلىق بولىدۇ. ھالبۇكى، «خۇننەس» تولۇق (دائىم) يوشۇرۇن بولغۇچى دېگەن مەنىدىكى «خانىس»نىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر، «كۇننەس» سۈپۈرگۈچى دېگەن مەنىدىكى «كانىس»نىڭ كۆپلۈكىدۇر. ئەرەبچىدە «سۈپۈرگە» «مىكنەسە - مكنسة» كەلىمىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۈچ كەلىمە، ھەمىشە يوشۇرۇن تۇرىدىغان، ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلىنىپ يۈرۈيدىغان ۋە ئۇدۇلىغا كەلگەن جىسىملارنى ئۆزلىرىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن شوراپ كېتىدىغان «قارا ئۆڭكۈرلەر» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ تەقدىردە بۇ ئىككى ئايەتنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق بولىدۇ: «دائىم يوشۇرۇن بولغۇچى ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلىنىپ تۇرغۇچى قارا ئۆڭكۈرلەر بىلەن قەسەمكى». بۇ ئايەتلەر ئىلىم ئەربابلىرى تېخى ئەمدى كەشىپ قىلغان ھەقىقەتنى 14 ئەسىر ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان بولىدۇ، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاللَّيْلِ إِذَا عَسْعَسَ
قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ
قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى
قاراڭغۇ سالغان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن، — ئەنەس ئالىم
-
وَالصُّبْحِ إِذَا تَنَفَّسَ
يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ
يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى — تەرجىمە ھەيئىتى
نەپەس ئالغان چاغدىكى تاڭ بىلەن قەسەم قىلىمەن، — ئەنەس ئالىم
(18-19) كېچە كېتىپ تاڭ سۈزۈلۈشى ۋە كۈندۈز بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى ۋە مەرھەمىتىگە دالالەت قىلىدىغان چوڭ دەلىللەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەنىسى 74 - سۈرە (مۇددەسسىر)نىڭ 33 - ۋە 34 - ئايەتلىرىنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاشتۇر. چۈنكى سۈبھىنىڭ نەپەس ئېلىشى تاڭ ئېتىشنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ، كېچىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ، شۇنداقلا «ئەسئەسە - عسعس»نىڭ مەنىسىنىڭ «كېچە كەلدى» ئەمەس، «كېچە كەتتى» بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّهُ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ
قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
قۇرئان، ھەقىقەتەن ئىززەتلىك بىر ئەلچىنىڭ سۆزىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان ھۆرمەتلىك ئەلچىنىڭ سۆزىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
ذِي قُوَّةٍ عِنْدَ ذِي الْعَرْشِ مَكِينٍ
ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئەلچى كۈچلۈكتۇر، ئەرشنىڭ ئىگىسىنىڭ يېنىدا مەرتىۋىلىكتۇر، — ئەنەس ئالىم
(20-21) ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە باشقا يەردە كۆز كۆرىدىغان ۋە كۆز كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ «ھۆرمەتلىك ئەلچىنىڭ سۆزى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە بولسا، ئۆزىنىڭ بەزى مەخلۇقاتى بىلەن قەسەم قىلىپ ئوخشاش مەنىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇ ئەلچىنىڭ كىملىكىنى بايان قىلىدۇ. «ئەرشنىڭ ئىگىسى» ئاللاھ تائالا دېمەكتۇر، بۇ «ئەلچى» جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدۇر، چۈنكى قۇرئان كەرىمنى ئاللاھ تائالادىن ئېلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ئەلچى، پەرىشتە جىبرىئىلدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مُطَاعٍ ثَمَّ أَمِينٍ
پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە ئۇ ئىشەنچلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ يەردە ئىتائەت قىلىنغۇچىدۇر، ئىشەنچىلىكتۇر[3]. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَا صَاحِبُكُمْ بِمَجْنُونٍ
سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار مەجنۇن ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
قېرىندىشىڭلار ھەرگىزمۇ جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەس. — ئەنەس ئالىم
(22-25) سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار مۇھەممەدنىڭ ۋەھىي تاپشۇرۇپ ئېلىش بىلەن ئەقلىدىن ئازغان ئادەم بولۇپ قالغىنى يوق، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئەقىل - ھوشى مۇكەممەلدۇر. ئۇ قۇرئان نازىل قىلىنىش بىلەن كاتتا ئەخلاققا ئىگە بولغان. ئۇ ئۆزىگە ۋەھىي نازىل قىلغان پەرىشتە ئەلچى جىبرىئىلنى روشەن ئۇپۇقتا كۆرگەن. ئۇ ئۆزىگە نازىل قىلىنغان ۋەھىينى يەتكۈزۈشتە ۋە ئۇنى ئۆگىتىشتە بېخىللىق قىلمايدۇ. ئۇ ھەر پۇرسەتتە سىلەرگە ۋەھىينى ئۆگىتىدۇ. «قۇرئان قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەس»، چۈنكى شەيتانلار ۋەھىينى تىڭشىيالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ رَآهُ بِالْأُفُقِ الْمُبِينِ
ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، قېرىندىشىڭلار ئۇ ئەلچىنى روشەن ئۇپۇقتا كۆردى. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ رَآهُ بِالْأُفُقِ الْمُبِينِ
ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ غەيبنى تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
قېرىندىشىڭلار غەيبكە بېخىل ئەمەس[4]. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَا هُوَ عَلَى الْغَيْبِ بِضَنِينٍ
ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
قۇرئان ھەرگىزمۇ قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەس. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَيْطَانٍ رَجِيمٍ
قەيەرگە بارىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
قەيەرگە بارىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ھالدا قەيەرگە كېتىۋاتىسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن جىبرىئىل ئارقىلىق مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان كىتاب ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىلچە شەك يوق. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر بۇ قۇرئاننى تاشلاپ قەيەرگە كېتىۋاتىسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ
ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن بىر ئەسلەتمىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىمدىنلا ئىبارەتتۇر، — ئەنەس ئالىم
«قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن پەقەتلا زىكىردۇر» ئىپادىسىنىڭ مەنىسى «قۇرئان قىيامەتكە قەدەر ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ياشىغان ئىنسانلار ئۈچۈن ئېسىدە مۇستەھكەم تۇتۇشى، قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىقى ۋە ھاياتىنى ئۇنىڭغا قارىتا شەكىللەندۈرۈشى كېرەك بولغان جاھانشۇمۇل ئىلىملەر يىغىندىسىدۇر» دېگەن بولىدۇ، چۈنكى «زىكر - ذكر» كەلىمىسى مەسدەر (تۈپ سۆز) بولغاندا ئەسلىمەك، ئەسكە ئالماق، ئەستە تۇتماق ۋە تىلغا جارى قىلماق مەنىلىرىدە كېلىدۇ. ئىسىم بولغاندا شان - شۆھرەت، ئىلاھىي كىتاب ۋە ئىلاھىي كىتاب ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلىملەر مەنىسىدە كېلىدۇ. شۇنىڭدەك، ناماز، دۇئا، ھەمدۇسانا ۋە قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق مەنىلەردىمۇ كېلىدۇ. «زىكر - ذكر» كەلىمىسىگە لۇغەت كىتابلىرىدىمۇ يۇقىرىدىكى مەنىلەر بېرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە، قۇرئان كەرىمنىڭ «زىكىر» دەپ ئاتىلىشى، قۇرئان كەرىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلىملەرنىڭ، ھاياتقا تەتبىقلىنىشى ئۈچۈن ھەر دائىم ئەستە تۇتۇلۇشى ۋە تىلغا جارى قىلىنىشى (باشقىلارغا ئۆگىتىلىشى) كېرەك بولغان زۆرۈر ئىلىملەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاراڭلاردىن داغدام يولدا مېڭىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەردىن توغرا بولۇشنى خالىغان كىشى ئۈچۈن. — ئەنەس ئالىم
قۇرئان كەرىم نازىل بولۇش ئېتىبارى بىلەن پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىم بولسىمۇ، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن پەقەت خالىغان كىشى ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىم بولغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِمَنْ شَاءَ مِنْكُمْ أَنْ يَسْتَقِيمَ
پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەرغىچە — مۇھەممەد سالىھ
ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئىرادە قىلغاننىلا سىلەر ئىرادە قىلالايسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ خالىغاننىلا خالىيالايسىلەر[5]. — ئەنەس ئالىم
بۇ قۇرئان پۈتۈن ئىنسانلارغا قايسى يولنىڭ توغرا، قايسى يولنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان جاھانشۇمۇل ئىلىمدۇر. ئىنسانلار قايسى يولنى تاللاشتا ھۆر بولغانلىقى ئۈچۈن خالىغان كىشى ئۇ ئىلىم ئارقىلىق ھەر ئىككى يولنى تونۇيدۇ، شۇنداقلا خاتا يولدىن ساقلىنىپ توغرا يولدا ماڭىدۇ ۋە توغرا ئادەم بولىدۇ. لېكىن ھېچكىم ئاللاھ تائالا قۇرئاندا «ئەگرى يول» دېگەن يولدا مېڭىپ «توغرا ئادەم» بولالمايدۇ. ئۇ، توغرا بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئاندا «توغرا» دېگەن يولنى تاللىغاندىلا «توغرا» بولالايدۇ. رەببىگە يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىغان كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى، ئۇنىڭ رەببى توغرا يول دەپ تونۇتقان يولنى تاللىشى ۋە ئۇ يولغا كىرىشىگە باغلىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا، خاتا تاللاشتا بولۇپ ئەگرى يولغا كىرگەن كىشىنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى