ئەھدە ۋە گۇۋاھلىق
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئەقىدە (ئىسلام ئەقىدىسى): ئەھدە ۋە گۇۋاھلىق
ئېنگلىزچىسى: Covenant and Testimony
41 ئايەت
17 سۈرە
3 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَنْقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پاسىقلار ئاللاھ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ. ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان شەيئىنى ئۈزۈپ قويىدۇ (يەنى سىلە ـ رەھىم قىلمايدۇ)، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پاسىقلاردىن ۋەدە ئالغاندىن كېيىن ئۇلار بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ، ئاللاھ داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇغان تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويىدۇ، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ فاسىقلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى، ئاللاھ ئۇنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزىدۇ، ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمر قىلغان نەرسىنى ئۈزىدۇ14 ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
2 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اذْكُرُوا نِعْمَتِيَ الَّتِي أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَوْفُوا بِعَهْدِي أُوفِ بِعَهْدِكُمْ وَإِيَّايَ فَارْهَبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار، ماڭا بەرگەن (ئىمان ئېيتىش ۋە تائەت ـ ئىبادەت قىلىش ھەققىدىكى) ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان (ساۋاب بېرىش ھەققىدىكى) ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ى ئسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار، ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، سىلەر مەندىنلا قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار. سىلەر ماڭا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە بەرگەن ئەھدىمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار!19.
2 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَكُمْ وَرَفَعْنَا فَوْقَكُمُ الطُّورَ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُمْ بِقُوَّةٍ وَاذْكُرُوا مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، بىز سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويغان، سىلەرگە: «(دۇنيادا ھالاك بولۇشتىن، ئاخىرەتتە ئازابقا قېلىشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىز بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار (يەنى تەۋراتقا ئەمەل قىلىڭلار)، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار» (دېگەن ئىدۇق)[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويۇپ، سىلەرگە: «تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، بىز بەرگەن كىتابقا ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار» (دېگەن ئىدۇق)
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان ئىدۇق ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلاردا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: «بىز سىلەرگە بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، تەقۋادار بولغايسىلەر!» دېگەن ئىدۇق.
2 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَنْ تَمَسَّنَا النَّارُ إِلَّا أَيَّامًا مَعْدُودَةً ۚ قُلْ أَتَّخَذْتُمْ عِنْدَ اللَّهِ عَهْدًا فَلَنْ يُخْلِفَ اللَّهُ عَهْدَهُ ۖ أَمْ تَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ» دەيدۇ. (ئۇلارغا) «سىلەرگە ئاللاھ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ، (ۋەدە بەرگەن بولسا) ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ، ياكى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغاننى ئاللاھ نامىدىن دەۋاتامسىلەر؟» دېگىن[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلا كۆيدۈرىدۇ» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «سىلەرگە ئاللاھ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ؟ شۇنداق بولسا، ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ ياكى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نېمىنى ئاللاھ نامىدىن دەۋاتامسىلەر؟» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز دوزاخ ئوتىدا ساناقلىق بىرقانچە كۈنلا كۆيىمىز» دېدى. سەن ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن ئەھدە ئالدىڭلارمۇ؟ - ئالغان بولساڭلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ئەھدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ - ياكى سىلەر ئاللاھ نامىدىن بىلمەي گەپ قىلىۋاتامسىلەر؟».
2 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَقُولُوا لِلنَّاسِ حُسْنًا وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْكُمْ وَأَنْتُمْ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا ـ ئانىغا، خىش ـ ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، ناماز ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق. ئاندىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە (ئەھدەڭلاردىن) يېنىۋالىسىلەر[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا ـ ئانىغا، يېقىن تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، نامازنى مۇكەممەل ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە يېنىۋالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن: «ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار؛ ئاتا -ئاناڭلارغا، ئۇرۇق -تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار؛ ئىنسانلارغا ياخشى گەپ قىلىڭلار؛ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار!» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. ئاندىن كېيىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنە كىشىلەردىن باشقا ھەممىڭلار بۇ ئەھدىڭلاردىن يېنىۋالدىڭلار. سىلەر سۆزىدە تۇرمايدىغان كىشىلەرسىلەر.
2 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَكُمْ لَا تَسْفِكُونَ دِمَاءَكُمْ وَلَا تُخْرِجُونَ أَنْفُسَكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ ثُمَّ أَقْرَرْتُمْ وَأَنْتُمْ تَشْهَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىر ـ بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر ـ بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئېتىراپ قىلغان ئىدىڭلار، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھسىلەر[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىر ـ بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر ـ بىرىڭلارنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن بۇنى ئېتىراپ قىلغان ئىدىڭلار، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن يەنە: «بىر - بىرىڭلارنىڭ قانلىرىنى تۆكمەيسىلەر، بىر - بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەيسىلەر» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. بۇنىڭغا سىلەرمۇ ئەھدە بەرگەن ئىدىڭلار، بۇنى ئوبدان بىلىسىلەرغۇ!
2 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَكُمْ وَرَفَعْنَا فَوْقَكُمُ الطُّورَ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُمْ بِقُوَّةٍ وَاسْمَعُوا ۖ قَالُوا سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا وَأُشْرِبُوا فِي قُلُوبِهِمُ الْعِجْلَ بِكُفْرِهِمْ ۚ قُلْ بِئْسَمَا يَأْمُرُكُمْ بِهِ إِيمَانُكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن (تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا) چىن ۋەدە ئالغان ئىدۇق، سىلەرگە: «مەن نازىل قىلغان كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار (بولمىسا ئۈستۈڭلارغا تاغنى تاشلايمىز)» دەپ تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلىدۇق ۋە (تەۋراتقا) قۇلاق سېلىڭلار (دېدۇق). ئۇلار: «سۆزۈڭگە قۇلاق سالدۇق، ئەمرىڭگە ئاسىيلىق قىلدۇق» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن دىللىرىغا موزاينىڭ مۇھەببىتى سىڭىپ كەتتى. ئۇلارغا: «ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنا؟ (سىلەر مۆمىن ئەمەس، چۈنكى ئىمان موزايغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇمايدۇ)» دېگىن[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويۇپ، سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە سىلەرگە: «مەن نازىل قىلغان تەۋراتنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار: «سۆزۈڭگە قۇلاق سالدۇق، (لېكىن) بىز ئۇنىڭغا ئەمەل قىلالمايمىز» دېيىشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى تۈپەيلىدىن، دىللىرىغا موزاينىڭ مۇھەببىتى سىڭىپ كەتتى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنا؟)» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان ئىدۇق ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلاردا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: «بىز سىلەرگە بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. سىلەر: «قۇلاق سالدۇق ۋە ئاسىي بولدۇق» دېگەن ئىدىڭلار. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقى تۈپەيلىدىن قەلبلىرىگە موزاينىڭ مۇھەببىتى ئىچۈرۈلگەن ئىدى27. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر مۇئمىن بولىدىغان بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنا!؟».
2 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَكُلَّمَا عَاهَدُوا عَهْدًا نَبَذَهُ فَرِيقٌ مِنْهُمْ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر قاچان ئۇلار بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، بىر تۈركۈمى ئۇنى بۇزىدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ (يەھۇدىيلارنىڭ) تولىسى (تەۋراتقا) ئىمان ئېيتمايدۇ[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار ھەر قاچان بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، بىر تۈركۈمى ئۇنى بۇزىدۇ، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى (تەۋراتقا) ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قاچانىكى بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، ئىچىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ئۇ ئەھدىنى چۈرۈۋەتمىدىمۇ؟ ئەسلىدە ئۇلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ.
2 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذِ ابْتَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ رَبُّهُ بِكَلِمَاتٍ فَأَتَمَّهُنَّ ۖ قَالَ إِنِّي جَاعِلُكَ لِلنَّاسِ إِمَامًا ۖ قَالَ وَمِنْ ذُرِّيَّتِي ۖ قَالَ لَا يَنَالُ عَهْدِي الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى پەرۋەردىگارى بىر قانچە ئەمىرلەر (شەرىئەت تەكلىپلىرى) بىلەن سىنىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى بەجا كەلتۈردى. ئاللاھ (ئۇنىڭغا): «سېنى چوقۇم كىشىلەرگە (دىندا) پېشۋا قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «مېنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىمنىمۇ پېشۋا قىلساڭ» دېدى. ئاللاھ: «مېنىڭ (پېشۋا قىلىش) ئەھدەمگە زالىملار (يەنى كاپىرلار) ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى[124].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى پەرۋەردىگارى بىر قانچە پەرمان بىلەن سىنىغان ئىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى بەجا كەلتۈردى. ئاللاھ (ئۇنىڭغا): «سېنى چوقۇم كىشىلەرگە پېشۋا قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «مېنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىمنىمۇ پېشۋا قىلساڭ» دېدى. ئاللاھ: «يامان ئىش قىلغۇچىلار مېنىڭ بۇ ۋەدەمگە ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى رەببى بىرقانچە كەلىمە39 بىلەن سىنىغان ئىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى تولۇق ئورۇنداپ بولغاندا رەببى ئۇنىڭغا: «مەن سېنى ئىنسانلارغا يېتەكچى قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «نەسلىمدىنمۇ...» دېگەن ئىدى، رەببى: «ئەھدىم زالىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ» دېدى.
2 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَصَّىٰ بِهَا إِبْرَاهِيمُ بَنِيهِ وَيَعْقُوبُ يَا بَنِيَّ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَىٰ لَكُمُ الدِّينَ فَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىنىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)» دېدى[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا بۇنى ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىننى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، شۇڭا پەقەت مۇسۇلمان ھالىتىڭلار بىلەنلا ئۆلۈڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: بۇ دىنغا ئەمەل قىلىشنى ئىبراھىم ئۆز بالىلىرىغا ۋەسىيەت قىلدى، يەئقۇبمۇ شۇنداق قىلدى، ئۇلار: «ئى بالىلىرىم! ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن بۇ دىننى تاللىدى. ئاخىرقى نەپىسىڭلارغا قەدەر مۇسۇلمان بولۇڭلار!» دېدى.
ئال ئىمران سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا إِنَّكَ جَامِعُ النَّاسِ لِيَوْمٍ لَا رَيْبَ فِيهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُخْلِفُ الْمِيعَادَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! شۈبھىسىزكى، كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى ھېساب ئېلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدە) كىشىلەرنى توپلىغۇچىسەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ»[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! سەن شەكسىز كېلىدىغان قىيامەت كۈنىدە كىشىلەرنى توپلىغۇچىسەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! سەن ئىنسانلارنى چوقۇم كېلىدىغان كۈندە بىر يەرگە يىغقۇچىسەن. ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ».
3 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
شَهِدَ اللَّهُ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ وَالْمَلَائِكَةُ وَأُولُو الْعِلْمِ قَائِمًا بِالْقِسْطِ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئادىللىقنى يۈرگۈزگەن ھالدا ئۆزىدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەقنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلدى، پەرىشتىلەر ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەقنىڭ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆزىدىن باشقا ھېچ ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. پەرىشتىلەر بىلەن ھەققانىيەتچى ئىلىم ئىگىلىرىمۇ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
3 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَحَسَّ عِيسَىٰ مِنْهُمُ الْكُفْرَ قَالَ مَنْ أَنْصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنْصَارُ اللَّهِ آمَنَّا بِاللَّهِ وَاشْهَدْ بِأَنَّا مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىيسا ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ ئۈچۈن (ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟» دېدى. ھەۋارىيلار (يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۆمىنلەر) ئېيتتى: «ئاللاھ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز بويسۇنغۇچىلارمىز[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىيسا يەھۇدىيلارنىڭ كۇفردا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ يولىدا ماڭا كىملەر ياردەمچى بولىدۇ؟» دېدى. ھاۋارىيلار[1] ئېيتتى: «ئاللاھ يولىدا بىز ساڭا ياردەمچى بولىمىز، بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. سەن بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزغا گۇۋاھ بولغىن
ئەنەس ئالىم: ئىيسا ئۇلاردىن كۇفرىلىقنى سېزىپ: «كىملەر ئاللاھ يولىدا مېنىڭ ياردەمچىلىرىمدۇر؟» دېگەن ئىدى. ھەۋارىيلار مۇنداق دېدى: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز16. بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز مۇسۇلمانمىز.
3 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَشْتَرُونَ بِعَهْدِ اللَّهِ وَأَيْمَانِهِمْ ثَمَنًا قَلِيلًا أُولَٰئِكَ لَا خَلَاقَ لَهُمْ فِي الْآخِرَةِ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ اللَّهُ وَلَا يَنْظُرُ إِلَيْهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا (رەھمەت كۆزى بىلەن) قارىمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (رەھمەت نەزىرى بىلەن) گەپ قىلمايدۇ، قاراپمۇ قويمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھتىن پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچبىر نېسىۋە يوق. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
3 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ النَّبِيِّينَ لَمَا آتَيْتُكُمْ مِنْ كِتَابٍ وَحِكْمَةٍ ثُمَّ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهِ وَلَتَنْصُرُنَّهُ ۚ قَالَ أَأَقْرَرْتُمْ وَأَخَذْتُمْ عَلَىٰ ذَٰلِكُمْ إِصْرِي ۖ قَالُوا أَقْرَرْنَا ۚ قَالَ فَاشْهَدُوا وَأَنَا مَعَكُمْ مِنَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدىلا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: «سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى نەرسىلەرنى (يەنى كىتاب بىلەن ھېكمەتنى) ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك» (دېدى). ئاللاھ: «(بۇ ئەھدىنى) ئىقرار (يەنى ئېتىراپ) قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ (يەنى بۇ ئىش) ئۈچۈن مېنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ئېتىراپ قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىندۇرمەن» دېدى[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: «مەن سىلەرگە كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلسام، كېيىن سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىكى شۇ كىتابنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك» دېدى. ئاللاھ: «بۇ ئەھدەمنى ئېتىراپ قىلىپ، شەرتلىرى بىلەن قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ئېتىراپ قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ: «ئۇنداقتا بۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ نەبىيلەردىن ئەھدە ئېلىپ: «مەن سىلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەندىن كېيىن، قولۇڭلاردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان ئەلچى كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىمان كەلتۈرۈشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك. بۇ توغرىدا ماڭا ئەھدە بېرىپ ئېغىر يۈكۈمنى ئۈستۈڭلارغا ئالدىڭلارمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «ئەھدە بەردۇق» دېدى. ئاللاھ: «ئۇنداق بولسا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىنمەن» دېدى.
3 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ تَوَلَّىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرۈسە (يەنى ئەھدىنى بۇزسا)، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدىن كېيىن ئەھدىنى بۇزغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭدىن كېيىن كىم يۈز ئۆرۈسە، ئەنە شۇلار فاسىقلاردۇر18.
3 : 187 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَتُبَيِّنُنَّهُ لِلنَّاسِ وَلَا تَكْتُمُونَهُ فَنَبَذُوهُ وَرَاءَ ظُهُورِهِمْ وَاشْتَرَوْا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۖ فَبِئْسَ مَا يَشْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كىتابنى (يەنى كىتابتىكى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى) كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالدى، لېكىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئۇلار ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇنى ئازغىنا بەدەلگە (يەنى دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىسىگە) تېگىشتى. ئۇلارنىڭ تېگىشىپ ئالغىنى نېمىدېگەن يامان![187].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەردىن كىتابنى كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالغان ئىدى، لېكىن ئۇلار بۇنى ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئازغىنا پۇلغا سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ سېتىۋالغىنى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ، كىتاب بېرىلگەنلەردىن: «كىتابنى ئىنسانلارغا چوقۇم بايان قىلىسىلەر ۋە ئۇنى يوشۇرمايسىلەر!» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇ ئەھدىنى ئارقىلىرىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇ كىتابنى ئازغىنە پۇلغا سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئېلىم - سېتىمى نېمىدېگەن يامان!
نىسا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَيْفَ تَأْخُذُونَهُ وَقَدْ أَفْضَىٰ بَعْضُكُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ وَأَخَذْنَ مِنْكُمْ مِيثَاقًا غَلِيظًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزئارا خىلۋەتتە بولۇشقان تۇرساڭلار ۋە ئاياللار سىلەردىن (نىكاھ ئەقدىسىدىن ئىبارەت) مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ قايتۇرۇۋالىسىلەر؟[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزئارا بىر يەردە بولۇشقان تۇرساڭلار ۋە ئۇ خوتۇن سىلەردىن (نىكاھ ئارقىلىق) مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ قايتۇرۇۋالىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۇنى قانداقمۇ ئېلىۋالىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر بىر يەردە بولۇشقان ۋە ئۇلار سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا!
4 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَفَعْنَا فَوْقَهُمُ الطُّورَ بِمِيثَاقِهِمْ وَقُلْنَا لَهُمُ ادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُلْنَا لَهُمْ لَا تَعْدُوا فِي السَّبْتِ وَأَخَذْنَا مِنْهُمْ مِيثَاقًا غَلِيظًا
مۇھەممەد سالىھ: (تەۋرات شەرىئىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقلىرى سەۋەبلىك) ئۇلاردىن ئەھدە ئالماق ئۈچۈن ئۈستىگە تۇر (تېغى) نى تىكلەپ قويدۇق، ئۇلارغا: «(بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاڭلار (يەنى شەنبىدە بېلىق تۇتۇش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار)» دېدۇق. ئۇلاردىن (بۇ ھەقتە) مەھكەم ۋەدە ئالدۇق[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئەھدە ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇر تېغىنى تىكلەپ قويۇپ: «سىلەر بەيتۇلمۇقەددەس دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار» دېگەن ھەمدە: «شەنبىدە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار (يەنى بېلىق تۇتماڭلار)» دەپ، ئۇلاردىن مەھكەم ۋەدە ئالغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىن ئەھدە ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇر تېغىنى كۆتۈردۇق ۋە ئۇلارغا: «دەرۋازىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبە كۈنىدە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار» دېدۇق ۋە ئۇلاردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق.
مائىد سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمِيثَاقَهُ الَّذِي وَاثَقَكُمْ بِهِ إِذْ قُلْتُمْ سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن (ئۇلۇغ) نېمىتىنى ۋە سىلەر بىلەن قىلغان مۇئاھىدىسىنى ئەسلەڭلار. ئەينى زاماندا سىلەر: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېگەن ئىدىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار (يەنى ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى بۇزۇشتىن ساقلىنىڭلار). ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ) دىللىرىدىكى سىرلىرىنى بىلگۈچىدۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ۋە ئەينى چاغدا ئۆزۈڭلارنىڭ: «چوقۇم ئاڭلايمىز ۋە ئىتائەت قىلىمىز» دەپ ئاللاھقا چىن ۋەدە بەرگەنلىكىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىلىڭلاردىكىنىمۇ بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ۋە سىلەردىن ئالغان مۇستەھكەم ئەھدىنى ياد ئېتىڭلار. سىلەر ئۇ چاغدا: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېگەن ئىدىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.
5 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَبَعَثْنَا مِنْهُمُ اثْنَيْ عَشَرَ نَقِيبًا ۖ وَقَالَ اللَّهُ إِنِّي مَعَكُمْ ۖ لَئِنْ أَقَمْتُمُ الصَّلَاةَ وَآتَيْتُمُ الزَّكَاةَ وَآمَنْتُمْ بِرُسُلِي وَعَزَّرْتُمُوهُمْ وَأَقْرَضْتُمُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا لَأُكَفِّرَنَّ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَلَأُدْخِلَنَّكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۚ فَمَنْ كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ مِنْكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مەھكەم ئەھدە ئالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن (يەنى ئون ئىككى ئايماقنىڭ ھەر بىرسىدىن بىردىن) ئون ئىككى باشلىقنى (كېپىللىك ئۈچۈن جەببارلارغا يەنى ئەمالىقەلەرگە) ئەۋەتتۇق ھەمدە ئاللاھ : «مەن سىلەرگە ياردەم بېرىمەن، (ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى) ئەگەر سىلەر نامازنى (تەلەپكە لايىق) ئۆتىسەڭلار، زاكات بەرسەڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىڭلارنى سەرپ قىلساڭلار)، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىمەن، سىلەرنى ئەلۋەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. شۇنىڭدىن (يەنى مەھكەم ئەھدىدىن) كېيىن سىلەردىن كىمكى (ئەمر قىلغان نەرسىلىرىمنى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ» دېدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن چىن ۋەدە ئالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئون ئىككى باشلىقنى تاللاپ چىقىتۇق ھەمدە ئاللاھ: «مەن سىلەر بىلەن بىللە، ئەگەر سىلەر نامازنى مۇكەممەل ئۆتىسەڭلار، زاكات بەرسەڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىڭلارنى سەرپ قىلساڭلار، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىمەن، سىلەرنى ئەلۋەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. شۇنىڭدىن (يەنى چىن ۋەدىدىن) كېيىن سىلەردىن كىمكى ئۇنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدى. بىز ئۇلاردىن ئون ئىككى باشلىقنى خىزمەتكە بەلگىلىدۇق. ئاللاھ ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن. ئەگەر نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسەڭلار، زاكاتنى بەرسەڭلار، ئەلچىلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار، ئۇلارنى قوللاپ ھۆرمەتلىسەڭلار ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار، مەن سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىمەن ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. سىلەردىن كىم ئۇنىڭدىن كېيىن كافىر بولىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ».
5 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّا نَصَارَىٰ أَخَذْنَا مِيثَاقَهُمْ فَنَسُوا حَظًّا مِمَّا ذُكِّرُوا بِهِ فَأَغْرَيْنَا بَيْنَهُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۚ وَسَوْفَ يُنَبِّئُهُمُ اللَّهُ بِمَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ناسارامىز دېگەنلەردىنمۇ (ئاللاھنى بىر دەپ تونۇشقا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشقا) مەھكەم ئەھدە ئالدۇق، ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى، (بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق، (شۇ چاغدا) ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ ئەمەللىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ)[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ناسارامىز دېگەنلەردىنمۇ چىن ۋەدە ئالغان ئىدۇق، ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق، (قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز «شۈبھىسىزكى، بىز ناسارا» دېگەنلەردىنمۇ مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق. ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. بۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان دۈشمەنلىكنى ۋە ئۆچمەنلىكنى سالدۇق. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
5 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَأَرْسَلْنَا إِلَيْهِمْ رُسُلًا ۖ كُلَّمَا جَاءَهُمْ رَسُولٌ بِمَا لَا تَهْوَىٰ أَنْفُسُهُمْ فَرِيقًا كَذَّبُوا وَفَرِيقًا يَقْتُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز بەنى ئىسرائىلدىن ھەقىقەتەن چىن ئەھدە ئالدۇق. ئۇلارغا (دىننىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن) پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا ھەر قاچان بىرەر پەيغەمبەر ئۇلار ياقتۇرمايدىغان ئەھكامنى ئېلىپ كەلسە، (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ) بىر بۆلۈكىنى يالغانچى قىلدى، بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈردى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ھەقىقەتەن چىن ۋەدە ئالدۇق. ئۇلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھەر قاچان بىرەر پەيغەمبەر ئۇلار ياقتۇرمايدىغان ئەھكامنى ئېلىپ كەلسە، ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بىر قىسمىنى يالغانچى دېدى، بىر قىسمىنى ئۆلتۈردى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق ۋە ئۇلارغا ئەلچىلەر ئەۋەتتۇق. قاچانىكى بىرەر ئەلچى ئۇلارغا، كۆڭۈللىرى ياقتۇرمايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلسە، ئەلچىلەرنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچى دېدى، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتى.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقْرَبُوا مَالَ الْيَتِيمِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ حَتَّىٰ يَبْلُغَ أَشُدَّهُ ۖ وَأَوْفُوا الْكَيْلَ وَالْمِيزَانَ بِالْقِسْطِ ۖ لَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۖ وَإِذَا قُلْتُمْ فَاعْدِلُوا وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَىٰ ۖ وَبِعَهْدِ اللَّهِ أَوْفُوا ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ (قۇرامىغا يېتىپ) ئەقلى يېتىلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار، ھېچقانداق ئادەمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان (ھۆكۈم چىقارغان ياكى گۇۋاھلىق بەرگەن) چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار ، (ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئادەم) تۇققىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار. ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ»[152].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر يېتىمنىڭ مال-مۈلكىگە تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكۈچىلىك يېقىنلاشماڭلار، ئۇنىڭغا پەقەت ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار. بىز ھېچقانداق ئادەمگە كۈچى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيمىز. سۆز قىلغان چېغىڭلاردا (ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئادەم) تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى»
ئەنەس ئالىم: يېتىمنىڭ مېلىغا يېقىنلاشماڭلار. لېكىن ئۇ، قىرانلىق دەۋرىگە يەتكەنگە قەدەر ئەڭ ياخشى يول بىلەن يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. كەمچەننى ۋە مىزاننى ئادىللىق بىلەن توغرا تۇتۇڭلار. بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار. ھەققىدە سۆز قىلىنىدىغان كىشى تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى، ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر.
ئەئراف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا وَجَدْنَا لِأَكْثَرِهِمْ مِنْ عَهْدٍ ۖ وَإِنْ وَجَدْنَا أَكْثَرَهُمْ لَفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغانلىقىنى بايقىمىدۇق. ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ شەكسىز پاسىقلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمر ـ پەرمانىدىن باش تارتقۇچىلار) ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ نۇرغۇنىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىنى كۆرمىدۇق، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنىنىڭ شەكسىز پاسىقلار ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىنى كۆرمىدۇق. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ فاسىق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆردۇق.
7 : 163 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْأَلْهُمْ عَنِ الْقَرْيَةِ الَّتِي كَانَتْ حَاضِرَةَ الْبَحْرِ إِذْ يَعْدُونَ فِي السَّبْتِ إِذْ تَأْتِيهِمْ حِيتَانُهُمْ يَوْمَ سَبْتِهِمْ شُرَّعًا وَيَوْمَ لَا يَسْبِتُونَ ۙ لَا تَأْتِيهِمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَبْلُوهُمْ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن دېڭىز (يەنى قۇلزۇم دېڭىزى) بويىدىكى (ئەيلە) شەھىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. (ئۇنىڭ ئاھالىسى بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن كۈن) شەنبىدە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقاتتى. چۈنكى شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. شەنبىدىن باشقا كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى. پاسىق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز[163].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلاردىن دېڭىز بويىدىكى شەھەر (ئەيلە) نىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. ئۇنىڭ ئاھالىسى شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتۇپ، ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقىپ كېتەتتى. چۈنكى، شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. شەنبىدىن باشقا كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى، پاسىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلاردىن دېڭىز بويىدىكى يۇرتنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ يۇرتنىڭ خەلقى شەنبە كۈنىدە ھەددىدىن ئاشاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بېلىقلىرى، ئۇلارنىڭ دۇنيا ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشى كېرەك بولغان شەنبە كۈنىدە ئالدىلىرىغا توپ - توپ ھالدا كېلەتتى، شەنبە كۈنىدىن باشقا كۈنلىرىدە كەلمەيتتى. بىز ئۇلارنى يولدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن ئاشۇنداق سىنايتتۇق.
7 : 171 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ نَتَقْنَا الْجَبَلَ فَوْقَهُمْ كَأَنَّهُ ظُلَّةٌ وَظَنُّوا أَنَّهُ وَاقِعٌ بِهِمْ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُمْ بِقُوَّةٍ وَاذْكُرُوا مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا (تۇر) تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق، ئۇلار تاغنى ئۈستىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «تەقۋادارلار قاتارىدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار»[171].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا تۇر تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق. ئۇلار تاغ ئۈستىمىزگە چۈشۈپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «سىلەرنىڭ تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز تۇر تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەن ئىدۇق، تاغ خۇددى سايىۋەندەك ئىدى. ئۇلار بۇ تاغ ئۈستىمىزگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى. بىز بۇ ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارغا: «بىز سىلەرگە بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، تەقۋادار بولالايسىلەر!» دېگەن ئىدۇق.
7 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِنْ بَنِي آدَمَ مِنْ ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ أَلَسْتُ بِرَبِّكُمْ ۖ قَالُوا بَلَىٰ ۛ شَهِدْنَا ۛ أَنْ تَقُولُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَٰذَا غَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى ياكى «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر[172ـ173].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقىرىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلارمۇ: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، بىز گۇۋاھلىق بەردۇق» دېگەن ئىدى. بۇنداق قىلىشىمىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكى ياكى «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىزلا بار، گۇمراھلارنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ ئادەم بالىلىرىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ بەللىرىدىن ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنى ئېلىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ھەئە، رەببىمىزسەن، بىز بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇق» دېدى. ئى ئىنسانلار! بۇ «بىز بۇنىڭدىن غاپىل ئىدۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر
7 : 173 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ تَقُولُوا إِنَّمَا أَشْرَكَ آبَاؤُنَا مِنْ قَبْلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةً مِنْ بَعْدِهِمْ ۖ أَفَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ الْمُبْطِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى ياكى «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر[172ـ173].
ئەنەس ئالىم: ياكى: «ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى شېرىك كەلتۈرگەن ئىكەن، بىز بولساق ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن نەسىل ئىدۇق. باتىلغا چۆمگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.
تەۋبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ عَاهَدَ اللَّهَ لَئِنْ آتَانَا مِنْ فَضْلِهِ لَنَصَّدَّقَنَّ وَلَنَكُونَنَّ مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر: «ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا (يەنى رىزقىمىزنى كەڭ قىلسا) ئەلۋەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق» دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلدى[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر: «ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا، ئەلۋەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق» دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، «ئەگەر بىزگە ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا ئەلۋەتتە سەدىقە بېرىمىز ۋە ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھقا ئەھدە بەردى.
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَمْلِكُونَ الشَّفَاعَةَ إِلَّا مَنِ اتَّخَذَ عِنْدَ الرَّحْمَٰنِ عَهْدًا
مۇھەممەد سالىھ: مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئۇلار شاپائەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. رەھماننىڭ ئەھدىسىگە ئېرىشكەن كىشى مۇستەسنا.
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ عَهِدْنَا إِلَىٰ آدَمَ مِنْ قَبْلُ فَنَسِيَ وَلَمْ نَجِدْ لَهُ عَزْمًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىلگىرى ئادەمگە (دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى) تەۋسىيە قىلدۇق، ئۇ (بۇ تەۋسىيەنى) يادىدىن چىقاردى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىلگىرى ئادەمگە تەۋسىيە قىلدۇق، بىراق ئۇ -بۇ تەۋسىيەنى- يادىدىن چىقاردى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرى ئادەمدىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. لېكىن ئۇ ئۇنتۇدى. بىز ئۇنى ئىرادىلىك كۆرمىدۇق.
قەسەس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ ذَٰلِكَ بَيْنِي وَبَيْنَكَ ۖ أَيَّمَا الْأَجَلَيْنِ قَضَيْتُ فَلَا عُدْوَانَ عَلَيَّ ۖ وَاللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «بۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدىكى توختامدۇر، ئىككى مۇددەت (يەنى سەككىز يىل بىلەن ئون يىل) نىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام توشقۇزاي، ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاللاھ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر»[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «بۇ، ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدىكى توختامدۇر، ئىككى مۇددەتنىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام توشقۇزاي، ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاللاھ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر»
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «بۇ دېگەنلىرىڭىز ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا توختام بولسۇن. مەن ئىككى مۇددەتنىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام، ماڭا ھەقسىزلىق قىلىنمايدۇ. ئاللاھ دېيىشكەن سۆزلىرىمىزگە گۇۋاھتۇر».
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا ۚ فِطْرَتَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا ۚ لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ (فىترەت) بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەگەشكىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنداقتا سەن يۈزۈڭنى ھەقكە يۆنەلگەن ھالدا بۇ دىنغا توغرىلىغىن، ئاللاھ ياراتقان فىترەتكە بويسۇنغىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇنىڭ بىلەن ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ2.
ئەھزاب سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذْنَا مِنَ النَّبِيِّينَ مِيثَاقَهُمْ وَمِنْكَ وَمِنْ نُوحٍ وَإِبْرَاهِيمَ وَمُوسَىٰ وَعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ ۖ وَأَخَذْنَا مِنْهُمْ مِيثَاقًا غَلِيظًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەيغەمبەرلەردىن ئەھدە ئالدۇق، سەندىن، نۇھتىن، ئىبراھىمدىن، مۇسادىن، مەريەم ئوغلى ئىيسادىن مەھكەم ئەھدە ئالدۇق[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەيغەمبەرلەردىن ئەھدە ئالدۇق، سەندىن، نۇھتىن، ئىبراھىمدىن، مۇسادىن، مەريەم ئوغلى ئىسادىنمۇ، ئۇلاردىن مەھكەم ئەھدە ئالدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۆز ۋاقتىدا نەبىيلەردىن ئەھدە ئالدۇق. سەندىنمۇ، نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسالاردىنمۇ ئەھدە ئالدۇق. شۇنداق، بىز ئۇلاردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق.
33 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ كَانُوا عَاهَدُوا اللَّهَ مِنْ قَبْلُ لَا يُوَلُّونَ الْأَدْبَارَ ۚ وَكَانَ عَهْدُ اللَّهِ مَسْئُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئىلگىرى ئاللاھقا (جەڭدە) چېكىنمەسلىككە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسى سورىلىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئىلگىرى ئاللاھقا -جەڭدە- چېكىنمەسلىككە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بېرىلگەن ۋەدىدىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، ئۇلار ئىلگىرى «ئارقىمىزنى قىلىپ قاچمايمىز» دەپ ئاللاھقا ئەھدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىنىڭ ھېسابى چوقۇم سورىلىدۇ.
فەتىھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يُبَايِعُونَكَ إِنَّمَا يُبَايِعُونَ اللَّهَ يَدُ اللَّهِ فَوْقَ أَيْدِيهِمْ ۚ فَمَنْ نَكَثَ فَإِنَّمَا يَنْكُثُ عَلَىٰ نَفْسِهِ ۖ وَمَنْ أَوْفَىٰ بِمَا عَاهَدَ عَلَيْهُ اللَّهَ فَسَيُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، (ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىيەدە) ساڭا (رىزۋان) بەيئىتىنى قىلغانلار (ھەقىقەتتە) ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر (يەنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان بەيئىتىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنى بەيئەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلايدۇ)، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زېيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، -ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىيىدە- ساڭا بەيئە قىلغانلار ھەقىقەتتە ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ساڭا بەيئەت قىلغانلار، ئەلۋەتتە ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر. كىم يېنىۋالسا ئۆزىنىڭ زىيىنىغا يانىدۇ، كىم ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ.
قاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِكُلِّ أَوَّابٍ حَفِيظٍ
مۇھەممەد سالىھ: مانا بۇ (نېمەتتىن) سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتقۇچى، (ئەمرىنى) ساقلىغۇچى ھەر بىر (بەندە) ئۈچۈندۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: مانا بۇ، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ تائىتىگە قايتقۇچى، ئەمرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ھەر بىر بەندە ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «مانا بۇ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىدۇر. بۇ ئاللاھقا يۆنەلگۈچى ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ساقلىغۇچى ھەر كىشى ئۈچۈندۇر،
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِبْرَاهِيمَ الَّذِي وَفَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ)[37 ـ 38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋاپادار ئىبراھىمنىڭكىدىنچۇ؟
ئەنەس ئالىم: ۋاپادار ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى نەرسىدىنچۇ؟
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا لَكُمْ لَا تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ ۙ وَالرَّسُولُ يَدْعُوكُمْ لِتُؤْمِنُوا بِرَبِّكُمْ وَقَدْ أَخَذَ مِيثَاقَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى كۇففارلار!) سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، پەيغەمبەر سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىدۇ، ئاللاھ سىلەردىن چىن ئەھدە ئالدى، ئەگەر ئىمان كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلساڭلار (ئىمانغا ئالدىراڭلار)[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، پەيغەمبەر سىلەرنى رەببىڭلارغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىدۇ، ئاللاھ سىلەردىن چىن ئەھدە ئالدى، ئەگەر ئىمان كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلىدىغان بولساڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە نېمە بولدىكىن، ئاللاھقا ئىشەنمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھ سىلەرنى رەببىڭلارغا ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ، ئاللاھ سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدى! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار.
مۇمتەھىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
60 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا جَاءَكَ الْمُؤْمِنَاتُ يُبَايِعْنَكَ عَلَىٰ أَنْ لَا يُشْرِكْنَ بِاللَّهِ شَيْئًا وَلَا يَسْرِقْنَ وَلَا يَزْنِينَ وَلَا يَقْتُلْنَ أَوْلَادَهُنَّ وَلَا يَأْتِينَ بِبُهْتَانٍ يَفْتَرِينَهُ بَيْنَ أَيْدِيهِنَّ وَأَرْجُلِهِنَّ وَلَا يَعْصِينَكَ فِي مَعْرُوفٍ ۙ فَبَايِعْهُنَّ وَاسْتَغْفِرْ لَهُنَّ اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى (جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك قىز بالىلىرىنى نومۇستىن ياكى كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ) ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلسا (يەنى يۇقىرىقى شەرتلەر ئاساسىدا ۋەدە بەرسە)، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! مۇئمىنە ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىككە، قوللىرى بىلەن پۇتلىرى ئارىسىدا بىر تۆھمەت توقۇپ كەلمەسلىككە، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلىش ئۈچۈن كەلسە، ئۇلارنىڭ بەيئەتلىرىنى قۇبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! مۇئمىن ئاياللار يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىق، ئوغرىلىق قىلماسلىق، زىنا قىلماسلىق، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك، قوللىرى بىلەن پۇتلىرىنىڭ ئارىسىدىن بوھتان ئويدۇرۇپ كەلتۈرمەسلىك ۋە ياخشى ئىشتا ساڭا ئاسىيلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ساڭا بەيئەت قىلسا، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.