شاھادەت
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
مۇسۇلماننىڭ ئىمان باياننامىسى — ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلۇقىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش.
ئەرەبچىىسى: الشهادة
ئېنگلىزچىسى: Shahada
4 ئايەت
3 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئەھدە ۋە گۇۋاھلىق /
- 📄 شاھادەت
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
شَهِدَ اللَّهُ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ وَالْمَلَائِكَةُ وَأُولُو الْعِلْمِ قَائِمًا بِالْقِسْطِ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئادىللىقنى يۈرگۈزگەن ھالدا ئۆزىدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەقنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلدى، پەرىشتىلەر ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەقنىڭ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆزىدىن باشقا ھېچ ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. پەرىشتىلەر بىلەن ھەققانىيەتچى ئىلىم ئىگىلىرىمۇ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
3 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَحَسَّ عِيسَىٰ مِنْهُمُ الْكُفْرَ قَالَ مَنْ أَنْصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنْصَارُ اللَّهِ آمَنَّا بِاللَّهِ وَاشْهَدْ بِأَنَّا مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىيسا ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ ئۈچۈن (ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟» دېدى. ھەۋارىيلار (يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۆمىنلەر) ئېيتتى: «ئاللاھ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز بويسۇنغۇچىلارمىز[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىيسا يەھۇدىيلارنىڭ كۇفردا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ يولىدا ماڭا كىملەر ياردەمچى بولىدۇ؟» دېدى. ھاۋارىيلار[1] ئېيتتى: «ئاللاھ يولىدا بىز ساڭا ياردەمچى بولىمىز، بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. سەن بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزغا گۇۋاھ بولغىن
ئەنەس ئالىم: ئىيسا ئۇلاردىن كۇفرىلىقنى سېزىپ: «كىملەر ئاللاھ يولىدا مېنىڭ ياردەمچىلىرىمدۇر؟» دېگەن ئىدى. ھەۋارىيلار مۇنداق دېدى: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز16. بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز مۇسۇلمانمىز.
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِنْ بَنِي آدَمَ مِنْ ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ أَلَسْتُ بِرَبِّكُمْ ۖ قَالُوا بَلَىٰ ۛ شَهِدْنَا ۛ أَنْ تَقُولُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَٰذَا غَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى ياكى «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر[172ـ173].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقىرىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلارمۇ: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، بىز گۇۋاھلىق بەردۇق» دېگەن ئىدى. بۇنداق قىلىشىمىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكى ياكى «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىزلا بار، گۇمراھلارنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ ئادەم بالىلىرىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ بەللىرىدىن ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنى ئېلىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ھەئە، رەببىمىزسەن، بىز بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇق» دېدى. ئى ئىنسانلار! بۇ «بىز بۇنىڭدىن غاپىل ئىدۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر
مۇمتەھىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
60 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا جَاءَكَ الْمُؤْمِنَاتُ يُبَايِعْنَكَ عَلَىٰ أَنْ لَا يُشْرِكْنَ بِاللَّهِ شَيْئًا وَلَا يَسْرِقْنَ وَلَا يَزْنِينَ وَلَا يَقْتُلْنَ أَوْلَادَهُنَّ وَلَا يَأْتِينَ بِبُهْتَانٍ يَفْتَرِينَهُ بَيْنَ أَيْدِيهِنَّ وَأَرْجُلِهِنَّ وَلَا يَعْصِينَكَ فِي مَعْرُوفٍ ۙ فَبَايِعْهُنَّ وَاسْتَغْفِرْ لَهُنَّ اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى (جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك قىز بالىلىرىنى نومۇستىن ياكى كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ) ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلسا (يەنى يۇقىرىقى شەرتلەر ئاساسىدا ۋەدە بەرسە)، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! مۇئمىنە ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىككە، قوللىرى بىلەن پۇتلىرى ئارىسىدا بىر تۆھمەت توقۇپ كەلمەسلىككە، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلىش ئۈچۈن كەلسە، ئۇلارنىڭ بەيئەتلىرىنى قۇبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! مۇئمىن ئاياللار يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىق، ئوغرىلىق قىلماسلىق، زىنا قىلماسلىق، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك، قوللىرى بىلەن پۇتلىرىنىڭ ئارىسىدىن بوھتان ئويدۇرۇپ كەلتۈرمەسلىك ۋە ياخشى ئىشتا ساڭا ئاسىيلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ساڭا بەيئەت قىلسا، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.