ئاللاھنىڭ مۇكەممەللىكى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھنىڭ مۇتلەق نۇقسانسىزلىقى ۋە ئۇلۇغلۇقى، مەخلۇقاتلاردا بولىدىغان ھەر قانداق كەمچىلىكتىن ياكى ئوخشاشلىقتىن خالىيدۇر ۋە ئۈستۈندۇر.
ئېنگلىزچىسى: Divine Perfection
24 ئايەت
19 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 تەۋھىد (ئاللاھنىڭ بىرلىكى) /
- 📄 ئاللاھنىڭ مۇكەممەللىكى
قۇرئان ئايەتلىرى
ئەنئام سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ الْجِنَّ وَخَلَقَهُمْ ۖ وَخَرَقُوا لَهُ بَنِينَ وَبَنَاتٍ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، (مۇشرىكلار) جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتى. ئاللاھقا جاھالەتتىن ئوغۇل، قىز پەرزەنتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشتى. ئاللاھ (مۇشرىكلار ئىپتىرا قىلغان نەرسىلەردىن) پاكتۇر، ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر [100].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، مۇشرىكلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتى، نادانلىقتىن «ئاللاھنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى بار» دېگەننى ئويدۇرۇپ چىقىشتى.
ئەنەس ئالىم: ئۇلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ھالبۇكى، جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان. ئۇلار ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن «ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى بار» دېگەن يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.
6 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تُدْرِكُهُ الْأَبْصَارُ وَهُوَ يُدْرِكُ الْأَبْصَارَ ۖ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆزلەر ئاللاھنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: كۆزلەر ئاللاھنى ئىدراك قىلالمايدۇ. ئاللاھ كۆزلەرنى ئىدراك قىلىدۇ13. ئاللاھ پۈتۈن ئىنچىكىلىكلەرنى بىلگۈچى ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زاتتۇر!
ھۇد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الر ۚ كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِنْ لَدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان، ئايەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا، (ئەقىدە، ئەھكام، ۋەز ۋە قىسسەلەر) تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «ئىنسانلارنىڭ پەرۋىشكارى،
ئەنەس ئالىم: ئەلىف، لام، را. بۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن، ئايەتلىرى ئىخچام ۋە ئېنىق قىلىپ تۈزۈلگەن ھەمدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر1.
ئىسرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يَقُولُونَ عُلُوًّا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ بوھتان سۆزلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئالىيدۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ بوھتان سۆزلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئالىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرىدىن پاكتۇر ۋە ناھايىتى ئۈستۈندۇر.
17 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي لَمْ يَتَّخِذْ وَلَدًا وَلَمْ يَكُنْ لَهُ شَرِيكٌ فِي الْمُلْكِ وَلَمْ يَكُنْ لَهُ وَلِيٌّ مِنَ الذُّلِّ ۖ وَكَبِّرْهُ تَكْبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، سەلتەنىتىدە شېرىكى بولمىغان، خارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستقا موھتاج بولمىغان (يەنى خار بولمىغان، ياردەمچىگە موھتاج بولمىغان) ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن»[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، سەلتەنىتىدە شېرىكى بولمىغان، خارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستقا موھتاج بولمىغان ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھ نى مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! «ئاتا بولمىغان، پادىشاھلىقتا شېرىكى بولمىغان ۋە ئاجىزلىق سەۋەبىدىن ياردەمچىگە موھتاج بولمىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن» دېگىن، ئاللاھنى شەنىگە لايىق رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن.
مەريەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا فَاعْبُدْهُ وَاصْطَبِرْ لِعِبَادَتِهِ ۚ هَلْ تَعْلَمُ لَهُ سَمِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شېرىكى بارلىقىنى بىلەمسەن؟[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شېرىكى بارلىقىنى بىلەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر. ئۇ ھالدا سەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتا سەۋرلىك بولۇشقا تىرىشقىن. سەن ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان باشقا بىرىنى بىلەمسەن؟».
19 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَنْبَغِي لِلرَّحْمَٰنِ أَنْ يَتَّخِذَ وَلَدًا
مۇھەممەد سالىھ: بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، بالىسى بولۇش رەھماننىڭ شەنىگە لايىق بولمايدۇ.
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر، چىرايلىق ئىسىملارنىڭ ئىگىسىدۇر.
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ أَرَدْنَا أَنْ نَتَّخِذَ لَهْوًا لَاتَّخَذْنَاهُ مِنْ لَدُنَّا إِنْ كُنَّا فَاعِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز ئىچ پۇشۇقى قىلماقچى بولساق، قېشىمىزدىكى نەرسىلەر بىلەن قىلاتتۇق، ئەگەر (شۇنى) ئىرادە قىلغان بولساق (لېكىن بۇ ئۇلۇغ زاتىمىزغا مۇھال بولغانلىقتىن بۇنداق قىلىشنى ئىرادە قىلمىدۇق)[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز ئىچ پۇشۇق چىقارماقچى، ئەلۋەتتە ئۇنى قېشىمىزدىن قىلاتتۇق، ئەگەر قىلماقچى بولساق
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئوينىماقچى بولغان بولساق، يېنىمىزدىكى نەرسىلەر بىلەن ئوينايتتۇق. لېكىن ئۇنداق قىلمىدۇق.
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَهُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، ھەمدۇساناغا لايىقتۇر[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، ھەمدۇساناغا لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى پەقەتلا ئاللاھتۇر. ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
مَا اتَّخَذَ اللَّهُ مِنْ وَلَدٍ وَمَا كَانَ مَعَهُ مِنْ إِلَٰهٍ ۚ إِذًا لَذَهَبَ كُلُّ إِلَٰهٍ بِمَا خَلَقَ وَلَعَلَا بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭغا باراۋەر باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ھەرگىزمۇ بالىسى يوق. ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. بولغان بولسا ھەر ئىلاھ ئۆزىنىڭ ياراتقىنىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنى خالىغان تەرەپكە ئېلىپ باراتتى ۋە بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلىشكە تىرىشاتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ جَاهَدَ فَإِنَّمَا يُجَاهِدُ لِنَفْسِهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَغَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى جىھاد قىلىدىكەن، ئۇنىڭ قىلغان جىھادى ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تامامى ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: كىم جىھاد قىلسا، ئۆزى ئۈچۈن جىھاد قىلىدۇ. ئاللاھ ئالەملەردىن بىھاجەتتۇر.
لوقمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقاتىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. شۈھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ ۖ وَبَدَأَ خَلْقَ الْإِنْسَانِ مِنْ طِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ھەممە نەرسىنى چىرايلىق (يەنى ھېكمىتىگە مۇۋاپىق، جايىدا) ياراتتى. دەسلەپتە ئىنساننى (يەنى ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) لايدىن ياراتتى[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ھەممە نەرسىنى چىرايلىق ياراتتى. دەسلەپتە ئىنساننى لايدىن ياراتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى چىرايلىق ياراتتى، ئىنساننى يارىتىشنى لايدىن باشلىدى.
فاتىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّاسُ أَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ إِلَى اللَّهِ ۖ وَاللَّهُ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ھالبۇكى ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر. ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
ساففات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر.
37 : 180 - ئايەت
كۆرۈش
سُبْحَانَ رَبِّكَ رَبِّ الْعِزَّةِ عَمَّا يَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر[180].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇدرەت ئىگىسى بولغان رەببىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: سېنىڭ ئىززەتنىڭ ئىگىسى بولغان رەببىڭ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر7.
شۇرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَاطِرُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ جَعَلَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا وَمِنَ الْأَنْعَامِ أَزْوَاجًا ۖ يَذْرَؤُكُمْ فِيهِ ۚ لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ ۖ وَهُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى (يەنى ئاياللارنى) ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن جۈپلەر يارىتىپ بەردى. ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى جۈپلۈك قىلىپ يارىتىپ بەردى. ئاللاھ بۇ ئارقىلىق سىلەرنى كۆپەيتىدۇ. ئاللاھقا ئوخشايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
زۇخرۇف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
سُبْحَانَ رَبِّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ رَبِّ الْعَرْشِ عَمَّا يَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن پاكتۇر[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى، ئەرشنىڭ رەببى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى، ئەرشنىڭ رەببى ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
مَا أُرِيدُ مِنْهُمْ مِنْ رِزْقٍ وَمَا أُرِيدُ أَنْ يُطْعِمُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنىمۇ تىلىمەيمەن
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇلاردىن ھېچقانداق رىزىق ئىرادە قىلمايمەن، ئۇلارنىڭ ماڭا تائام بېرىشىنىمۇ ئىرادە قىلمەيمەن.
تۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ لَهُ الْبَنَاتُ وَلَكُمُ الْبَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئاللاھنىڭ قىزلىرى، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلار بارمۇ؟[39]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئاللاھنىڭ قىزلىرى، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلار بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى قىزلار ئاللاھنىڭ، ئوغۇللار سىلەرنىڭمۇ؟
مۈلك سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا ۖ مَا تَرَىٰ فِي خَلْقِ الرَّحْمَٰنِ مِنْ تَفَاوُتٍ ۖ فَارْجِعِ الْبَصَرَ هَلْ تَرَىٰ مِنْ فُطُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن. سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن؟[3]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
ئىخلاس سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
112 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
112 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمْ يَكُنْ لَهُ كُفُوًا أَحَدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا ھېچكىم تەڭ ئەمەستۇر».