فاتىر سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 45 ئايەتمەنىسى: ياراتقۇچى. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاللاھنىڭ مەزكۇر گۈزەل ئىسمى بىلەن باشلانغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ جَاعِلِ الْمَلَائِكَةِ رُسُلًا أُولِي أَجْنِحَةٍ مَثْنَىٰ وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ ۚ يَزِيدُ فِي الْخَلْقِ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھ يارىتىشتا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھ يارىتىشتا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق ۋە تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھ يارىتىشتا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، چۈنكى ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، بەزى پەرىشتىلەرنى ئەلچىلەر قىلىپ، ئۇلار بىلەن باشقا پەرىشتىلەرگە بۇيرۇقلىرىنى ئەۋەتىدىغان، ئۇلار بىلەن ئىنسانلاردىن تاللىغان ئەلچىلىرىگە ۋەھىي نازىل قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى ئۆزى خالىغان باشقا ئىشلارنى بېجىرىشكە ئەۋەتىدىغان، ئۇلارنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قاناتلىق قىلىپ ياراتقان، خالىغىنىنى خالىغىنى بويىچە يارىتىشقا ۋە باشقۇرۇشقا قۇدرىتى يېتىدىغان زاتتۇر. ئى بەندىلەر! ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، چۈنكى ئاللاھ ئاسمان ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى يوقتىن يارىتىپ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَا يَفْتَحِ اللَّهُ لِلنَّاسِ مِنْ رَحْمَةٍ فَلَا مُمْسِكَ لَهَا ۖ وَمَا يُمْسِكْ فَلَا مُرْسِلَ لَهُ مِنْ بَعْدِهِ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
ئاللاھ رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاچقان نەرسىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالىغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ رەھمىتىدىن توسقان نەرسىنى، ئاللاھ توسقاندىن كېيىن، ئۇنى ھېچ قويۇپ بەرگۈچى بولمايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاچقان نەرسىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالىغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ رەھمىتىدىن توسقان نەرسىنى، ئاللاھ توسقاندىن كېيىن، ئۇنى ھېچ قويۇپ بەرگۈچى بولمايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئىنسانلارغا قانداق رەھمەت ئاچسا، ئۇنى تۇتۇۋالىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئاللاھ نېمىنى تۇتۇپ قالسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نەرسىنى قويۇۋېتەلەيدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ياخشىلىقنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئاللاھ بىرەر ياخشىلىقنىڭ ئىشىكىنى ئاچسا ئۇنى ھېچكىم ئېتىۋېتەلمەيدۇ، ئاللاھ بىرەر ياخشىلىقنىڭ ئىشىكىنى ئېتىۋەتسە ئۇنى ھېچكىم ئاچالمايدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ بىرەر كىشىگە بايلىق، ئەۋلاد، ساقلىق، خاتىرجەملىك ۋە ئىلىم... گە ئوخشاش بىرەر نېمەت ئاتا قىلسا ئۇنى ھېچكىم توسىيالمايدۇ، قايتۇرۇۋېتەلمەيدۇ ۋە توختىتالمايدۇ. ئاللاھ بىرەر كىشىدىن بىرەر نېمىتىنى ئېلىۋالسا ئۇنى ئۇ كىشىگە ھېچكىم بېرەلمەيدۇ، بىرەر كىشىدىن بىرەر ياخشىلىقىنى توختىتىۋالسا ئۇنى ھېچكىم قويۇۋېتەلمەيدۇ. ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەتكە ۋە خاتالاشمايدىغان ھېكمەتكە ئىگىدۇر؛ خالىغىنىنى، خالىغان چېغىدا، خالىغان شەكىلدە مەيدانغا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەر ئىشى مۇكەممەل، ھەر سۆزى راست، ھەر ھۆكمى توغرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا النَّاسُ اذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ ۚ هَلْ مِنْ خَالِقٍ غَيْرُ اللَّهِ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، (ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، -ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن- قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار. ئاللاھتىن باشقا ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئۇ سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى، سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلار چۈشىدىغان ھەر نەرسىنى يارىتىپ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا قويدى. ئاللاھ ئاتا قىلغان ئۇ نېمەتلەرنى ياد ئېتىڭلار، ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، شۈكۈر قىلىڭلار. ئاللاھتىن باشقا ياراتقۇچى بارمۇ؟ يوق! سىلەر بۇنى ئېتىراپ قىلىسىلەر. ئۇنداقتا، ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىڭلار. ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتنى ئاللاھ ياراتتى، ئاللاھ سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتىدۇ. سىلەر بۇلارنىمۇ قوبۇل قىلىسىلەر. ئىبادەت قىلىنىشقا ئەنە شۇ ئاللاھتىن باشقا لايىق بولىدىغان ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم يوقتۇر. ھەقىقەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر باتىلغا قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؛ قانداقمۇ ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىسىلەر؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنْ يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كُذِّبَتْ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِكَ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا (قايغۇرۇپ كەتمە)، ھەقىقەتەن سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىنغان، ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ئەگەر ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا، بىلگىنكى، ھەقىقەتەن سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىنغان، ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئەگەر بۇ مۇشرىكلار سېنى يالغانچى دېسە، بىلگىنكى، سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن ئەلچىلەرمۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر قەۋمىڭنىڭ تەرسالىرى پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلسا ۋە ساڭا قارشى چىقسا سەۋر قىلغىن ۋە بىلگىنكى، سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىمۇ قەۋملىرى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا قارشى چىققان. ئۇ پەيغەمبەرلەر قەۋملىرىنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىپ ئاخىرىدا غەلىبىگە ئېرىشكەن. بەندىلەر قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ ۋە ھېساب نەتىجىسىدە ھەر كىشىنى لايىق بولغان يېرىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ (جەننەتكە ياكى دوزاخقا). شۇڭلاشقا سەنمۇ سەۋر قىلغىن، تەرسالارنىڭ ناشايان سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن ۋە دەۋەت پائالىيىتىڭنى دادىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرغىن، شۇنىڭغا جەزمەن ئىشەنگىنكى: ئاخىرىدا سەن زەپەر قۇچىسەن، دۈشمەنلىرىڭ مەغلۇپ بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ نام - نىشانى قالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ ۖ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا ۖ وَلَا يَغُرَّنَّكُمْ بِاللَّهِ الْغَرُورُ
ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالداپ قويمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئالدىشىغا يول قويماڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشىغا يول قويماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. سىلەرنى دۇنيا ھاياتى ئالدىمىسۇن. ئالدامچى سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئالدىمىسۇن[1]. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ قىيامەتنى قايىم قىلىش، بارلىق خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈش ۋە ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئېلىش توغرىسىدىكى ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ھاياتىغا ئالدانماڭلار؛ دۇنيا ھاياتىنىڭ ۋاقىتلىق نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇ كۈنگە تەييارلىق قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. شۇنىڭدەك، ئالدامچىلارغا ئالدانماڭلار؛ جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان تۈرلۈك شەيتانلارنىڭ ھەر خىل ۋەسۋەسىلىرى، مال - دۇنيانىڭ جازىبىلىرى، نەپسى خاھىشىڭلارنىڭ ئۈندەشلىرى قاتارلىق ئالدامچىلار سىلەرنى، «ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭ، ئەپۇ - مەغپىرىتى كۆپ، كەرەمى چەكسىز، ئەتە - ئۆگۈن تەۋبە قىلسىڭىزمۇ قوبۇل قىلىدۇ...» دېگەندەك سۆز ۋە ۋەسۋەسىلەر بىلەن ئالداپ، سىلەرنى ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلەشكە ۋە گۇناھ قىلىشقا ئېلىپ بارمىسۇن، سىلەرنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئەمەلسىز ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرمىسۇن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمْ عَدُوٌّ فَاتَّخِذُوهُ عَدُوًّا ۚ إِنَّمَا يَدْعُو حِزْبَهُ لِيَكُونُوا مِنْ أَصْحَابِ السَّعِيرِ
شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار، شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دوزاختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، شۇڭا ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار، شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دوزاختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. شۇڭلاشقا، سىلەرمۇ ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار. ئۇ ئۆز گۇرۇھىنى دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشقا چاقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! شەيتان سىلەرنىڭ قەدىم ۋە ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر؛ ئۇ سىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن جان - جەھلى بىلەن تىرىشىدۇ. شۇڭلاشقا، سىلەرمۇ ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار؛ ئۇنىڭ ۋەدىلىرىگە ئالدانماڭلار، ۋەسۋەسىلىرىگە مايىل بولماڭلار، بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى نەپسى خاھىشىغا بويسۇنۇشقا، دۇنيا ھاياتىنىڭ زىبۇزىننەتلىرىگە ئالدىنىشقا، تەۋبىنى كېچىكتۈرۈشكە، شۇنداقلا دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشقا چاقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ ۖ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ
كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بولسا مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم
شەيتاننى دوست تۇتۇپ ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلغانلار ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقان كۈنى دوزاخقا تاشلىنىپ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئەمما شەيتاننى دۈشمەن تۇتۇپ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن، ئاللاھ ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بولسا ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى، ھىمايىسى ۋە كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَفَمَنْ زُيِّنَ لَهُ سُوءُ عَمَلِهِ فَرَآهُ حَسَنًا ۖ فَإِنَّ اللَّهَ يُضِلُّ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۖ فَلَا تَذْهَبْ نَفْسُكَ عَلَيْهِمْ حَسَرَاتٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِمَا يَصْنَعُونَ
ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى چىرايلىق ھېسابلىغان كىشى (ھىدايەت تاپقان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ (خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ). شۇڭا سەن ئۇلار ئۈچۈن (يەنى ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرى ئۈچۈن) قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋالمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى چىرايلىق ھېسابلىغان كىشى؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. شۇڭا سەن ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋالمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
يامان ئەمىلى ئۆزىگە چىرايلىق كۆرسىتىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەمەل دەپ كۆرگەن كىشىچۇ؟ - ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ - ئۇنداقلار ئۈچۈن ھەسرەتلەر چېكىپ ھالاك بولمىغىن[2]. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ يامان ئىشلارنى قىلغان ۋە شەيتانغا ئالدىنىپ ئۆزىنىڭ سەت ئىشلىرىنى چىرايلىق كۆرگەن ئادەم، شەيتانغا ئالدانماي توغرا يولنى قوبۇل قىلغان ۋە سەتنى سەت، چىرايلىقنى چىرايلىق كۆرگەن ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ ياق. ئەسلا ئوخشاش بولمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرۇۋېتىشكە لايىق كۆرگەن ئادەمنى ئازدۇرۇۋېتىدۇ، ھىدايەت قىلىشقا لايىق كۆرگەن ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن ئۆز تاللىشى ۋە قىلمىشى سەۋەبلىك ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋەتكەن ئادەملەر ئۈچۈن ھەسرەتلەر چېكىپ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلمىغىن، شۇنى ئېسىڭدىن چىقارمىغىنكى: ئاللاھ ئۇ ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارنى جازالايدۇ. ئەسكەرتىش: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىمان كەلتۈرمىگەن تەرسالارغا قاراپ بەك قايغۇراتتى، ھەسرەت چېكەتتى. ھەتتا قايغۇ - ھەسرەتتىن ئۆزىگە زىيان يەتكۈزگىلى تاس قالغان ئىدى . ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە باشقا ئىككى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىمان ئېيتمىغانلارغا ھەسرەت چېكىشتىن، ئەپسۇسلىنىشتىن ۋە قايغۇرۇشتىن توسقان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاللَّهُ الَّذِي أَرْسَلَ الرِّيَاحَ فَتُثِيرُ سَحَابًا فَسُقْنَاهُ إِلَىٰ بَلَدٍ مَيِّتٍ فَأَحْيَيْنَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ كَذَٰلِكَ النُّشُورُ
ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ (ئۇنىڭ بىلەن) بۇلۇتنى قوزغايدۇ، بىز بۇلۇتلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراق) بىر يەرگە ھەيدەيمىز (بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىمىز)، شۇ يامغۇر بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئەنە شۇنداقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنى قوزغايدۇ، بىز بۇلۇتلارنى ئۆلۈك بىر يەرگە ھەيدەيمىز، شۇ يامغۇر بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئەنە شۇنداقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار بۇلۇتلارنى قوزغايدۇ. ئاندىن بىز ئۇ بۇلۇتلارنى ئۆلۈك يەرگە ھەيدەيمىز، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈش مانا شۇنداقتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتنى يوقتىن ياراتقان ئاللاھنىڭ قۇدرىتى شۇنداق ئۇلۇغكى، ئاسمان - زېمىننىڭ ئارىسىدىكى ھادىسىلەرنىمۇ ئاللاھ مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ شاماللارنى خالىغان يېرىگە، خالىغان چېغىدا ئەۋەتىدۇ، شاماللار ئاللاھ سۇ يۈكلەپ تەييارلىغان بۇلۇتلارنى ئاللاھ بەلگىلىگەن بويىچە ئورنىدىن قوزغايدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇ بۇلۇتلارنى زېمىننىڭ ئۆلۈپ كەتكەن قاقاس يەرلىرىدىن ئۆزى خالىغان بىرەر يەرگە ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇ بۇلۇتلاردىكى سۇنى ئۇ يەرگە چۈشۈرۈپ ئۇ سۇ بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش ئارقىلىق ئۇ ئۆلۈك يەرنى تىرىلدۈرىدۇ، جانلاندۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن چىقىرىشى ئەنە شۇنداق بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَنْ كَانَ يُرِيدُ الْعِزَّةَ فَلِلَّهِ الْعِزَّةُ جَمِيعًا ۚ إِلَيْهِ يَصْعَدُ الْكَلِمُ الطَّيِّبُ وَالْعَمَلُ الصَّالِحُ يَرْفَعُهُ ۚ وَالَّذِينَ يَمْكُرُونَ السَّيِّئَاتِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ ۖ وَمَكْرُ أُولَٰئِكَ هُوَ يَبُورُ
كىمكى (دۇنيادا) شەرەپ ئىزدەيدىكەن، شەرەپنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا مەنسۇپ (ئۇنى ئاللاھتىن تىلىسۇن). ياخشى سۆز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ، (پەيغەمبەرگە قارشى) ھىيلە ـ مىكىرلەرنى تۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ئىشقا ئاشمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كىمكى شەرەپ ئىزدەيدىكەن، بىلسۇنكى شەرەپنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ياخشى سۆز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ، -پەيغەمبەرگە قارشى- ھىيلە ـ مىكىرلەرنى تۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ئىشقا ئاشمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كىم ئىززەتنى ئىرادە قىلىدىكەن، بىلسۇنكى، ئىززەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. پاك سۆز ئاللاھقا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ. يامان ئىشلارنى پىلانلاۋاتقانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ رۇبۇبىيىتىدە (ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغۇچى ئىكەنلىكىدە) قىلچە شەك قىلمايتتى. لېكىن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئەگىشىپ تەۋھىدنى قوبۇل قىلسا ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە شان - شەرىپىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلايتتى. ئاللاھ ئۇلارغا ئېيتىدۇكى: «كىم ئىززەت، ئۈستۈنلۈك ۋە كۈچ - قۇۋۋەتكە ئېرىشىشنى ئىرادە قىلىدىكەن ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلسۇن، چۈنكى ئىززەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىبادەت قىلغانلار ئىززەتكە ئېرىشەلەيدۇ. ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىبادەت - دىل، تىل ۋە قول - پۇت ئەزالار بىلەن ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلماقتۇر؛ ئەقىدىنى توغرىلاش، تىل ۋە بەدەن بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنى خالىس نىيەت بىلەن ئادا قىلىشتۇر. تەۋھىد سۆزىنى تىلىدا ئېيتىش كۇپايە قىلمايدۇ، ياخشى ئەمەللەرنىمۇ قىلىش كېرەك، ئاللاھ پاك ئەقىدە ۋە خالىس نىيەت بىلەن قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنى قوبۇل قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇنداق ئەمەللەرنى قىلغان كىشىنى مۇكاپاتلايدۇ؛ دۇرۇس ئەقىدىسىز ئەمەل ياكى ئەمەلسىز دۇرۇس ئەقىدە ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. مۇئمىنلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ؛ ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرى رەسۋا بولىدۇ، ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاللَّهُ خَلَقَكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ جَعَلَكُمْ أَزْوَاجًا ۚ وَمَا تَحْمِلُ مِنْ أُنْثَىٰ وَلَا تَضَعُ إِلَّا بِعِلْمِهِ ۚ وَمَا يُعَمَّرُ مِنْ مُعَمَّرٍ وَلَا يُنْقَصُ مِنْ عُمُرِهِ إِلَّا فِي كِتَابٍ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ
ئاللاھ سىلەرنى (يەنى ئەسلىڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن ياراتتى. ئاندىن ئابىمەنىيدىن پەيدا قىلدى. ئاندىن سىلەرنى (ئەر ـ ئايالدىن ئىبارەت) بىر جۈپ قىلدى، ھەر قانداق ئايالنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسان — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتتى. ئاندىن ئابىمەنىيدىن پەيدا قىلدى. ئاندىن سىلەرنى جۈپتىلەر قىلدى، ھەر قانداق ئايالنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسان — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى جۈپلەر قىلدى. ھېچبىر چىشى ئاللاھنىڭ خەۋىرى بولماستىن ھامىلىدار بولمايدۇ، ھەم تۇغمايدۇ. ئۆمرى ئۇزارتىلغان كىشىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزارتىلىشىمۇ، ئۇنىڭ ئۆمرىدىن قىسقارتىلىشىمۇ ئەلۋەتتە كىتابتا مەۋجۇتتۇر. شۈبھىسىزكى، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپتە تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ئەرلەر ۋە ئاياللار ھالىتىڭلاردا ياراتتى، ھەربىرىڭلارغا ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپلەر يارىتىپ بەردى. كائىناتتىكى ھەرقانداق چىشى نەرسە، جۈملىدىن ھەرقانداق ئايال ھامىلىدار بولسىمۇ، تۇغسىمۇ ئاللاھ ئۇ ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. كائىناتتىكى بىرەر نەرسىنىڭ، جۈملىدىن ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزارتىلىشىمۇ، ئۆمرىنىڭ قىسقارتىلىشىمۇ ئەلۋەتتە كىتابتا (لەۋھى مەھفۇزدا) مەۋجۇتتۇر. بۇ ئىشلار ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاساندۇر، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىدىغان ۋە ھەر ئىشقا قۇدرىتى يېتىدىغان زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا يَسْتَوِي الْبَحْرَانِ هَٰذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ سَائِغٌ شَرَابُهُ وَهَٰذَا مِلْحٌ أُجَاجٌ ۖ وَمِنْ كُلٍّ تَأْكُلُونَ لَحْمًا طَرِيًّا وَتَسْتَخْرِجُونَ حِلْيَةً تَلْبَسُونَهَا ۖ وَتَرَى الْفُلْكَ فِيهِ مَوَاخِرَ لِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
ئىككى دېڭىز ئوخشاش ئەمەس. بۇنىڭ سۈيى تاتلىق، تەملىك بولۇپ (گالدىن) سىلىق ئۆتىدۇ، بۇ ناھايىتى ئاچچىق، تۇزلۇق، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېڭى گۆشلەرنى (يەنى بېلىقلارنى) يەيسىلەر، سىلەر تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى (يەنى ئۈنچە ـ مارجانلار) نى چىقىرىسىلەر. (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن يۈك ـ تاق، يېمەك ـ ئىچمەكلەر قاچىلانغان) كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. بۇ ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تەلەپ قىلىپ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئىككى دېڭىز ئوخشاش ئەمەس. بۇنىڭ سۈيى تاتلىق، تەملىك بولۇپ گالدىن سىلىق ئۆتىدۇ، بۇ بولسا ناھايىتى ئاچچىق، تۇزلۇق، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېڭى گۆشلەرنى يەيسىلە ۋە دېڭىزدىن سىلەر تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى -ئۈنچە ـ مارجانلار- نى چىقىرىسىلەر، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تەلەپ قىلىشڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىككى دېڭىز ئوخشاش بولمايدۇ. بىرى شېرىندۇر، تاتلىقتۇر، سۈيى گالدىن سىلىق ئۆتىدۇ. يەنە بىرى تۇزلۇقتۇر، ئاچچىقتۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن يېڭى گۆش يەيسىلەر، تاقايدىغان زىننەت بۇيۇمىڭلارنى چىقىرىسىلەر. سەن ئۇلاردا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئىككى دېڭىز بار، ئۇلارنىڭ ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان بەزى مەنپەئەتلىرى ئوخشاش بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ سۇلىرى ئوخشاش ئەمەس؛ بىرىنىڭ سۈيى ئىچكەنلەر ئۈچۈن شېرىن ۋە تاتلىق، گالدىن سىلىق ئۆتىدۇ، يەنە بىرىنىڭ سۈيى ئىچكەنلەر ئۈچۈن تۇزلۇق ۋە ئاچچىقتۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن تۈرلۈك بېلىقلارنى تۇتۇپ يېڭى گۆش يەيسىلەر، ئۈنچە - مارجان ۋە مەرۋايىتلارنى چىقىرىپ پايدىلىنىسىلەر. ئى ئىنسان! سەن ئۇ دېڭىزلاردا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە بۇ نېمەتلەرنى كېمە ۋە پاراخوتلاردا شەھەردىن شەھەرگە، رايوندىن رايونغا، قىتئەدىن قىتئەگە ساياھەت ۋە تىجارەت قىلىشىڭلار، شۇنداقلا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاتا قىلدى. ئەنە شۇلاردا ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتى، چوڭقۇر ھېكمىتى ۋە چەكسىز رەھمىتىنىڭ، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ۚ وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ مَا يَمْلِكُونَ مِنْ قِطْمِيرٍ
ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقا بولۇشى جايلار، پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى. ھەر ئىككىلىسى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ھەر ئىككىلىسى مۇئەييەن مۇددەتكىچە سەير قىلىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن يالۋۇرغانلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە قېتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە قېتىپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر. سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگىمۇ ئىگە بولالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ كېچىنى قىسقارتىپ ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بىر مىقدار ۋاقىتنى كۈندۈزگە قوشۇپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى قىسقارتىپ ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بىر مىقدار ۋاقىتنى كېچىگە قوشۇپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. سىلەر كېچە - كۈندۈزنىڭ دائىم ئۇزىراپ قىسقىرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى نېمىشقا ئەقىل كۆزۈڭلار بىلەن كۆرمەيسىلەر؟ نېمىشقا كېچە - كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ ۋە بىرىنى ئۇزارتىپ يەنە بىرىنى قىسقارتىپ سىلەرگە ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىۋاتقان، شۇنداقلا رەھمىتىنى سۇنۇۋاتقان ئاللاھقا چوقۇنمايسىلەر؟ ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى يوقتىن يارىتىپ ئىنسانىيەتكە، جۈملىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەجەل توشقۇچىلىك ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ سىلەرگە خىزمەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتىنى نېمىشقا ئەقىل كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرمەيسىلەر؟ ئەنە شۇ مەخلۇقاتنى يوقتىن ياراتقان ۋە ئۇلاردا ئۆزگىرىشلەر پەيدا قىلىپ سىلەرگە مەنپەئەتلەر يەتكۈزۈۋاتقان كۈچ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ ياراتقۇچىڭلار، باشقۇرغۇچىلار ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچىڭلار بولغان ئىگەڭلاردۇر، كائىناتنىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر نەرسىنىڭ يېگانە پادىشاھىدۇر. سىلەرنىڭ ئەنە شۇ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان، خۇسۇسەن يېلىنىپ - يالۋۇرۇۋاتقان (دۇئا قىلىۋاتقان) مەبۇدلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگىمۇ ئىگە بولالمايدۇ. ئۇنداقتا، ئۇ مەبۇدلىرىڭلار چوقۇنۇشۇڭلارغا لايىق بولامدۇ؟ ئەسلا بولمايدۇ. سىلەر نېمىشقا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەيسىلەر؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ تَدْعُوهُمْ لَا يَسْمَعُوا دُعَاءَكُمْ وَلَوْ سَمِعُوا مَا اسْتَجَابُوا لَكُمْ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُونَ بِشِرْكِكُمْ ۚ وَلَا يُنَبِّئُكَ مِثْلُ خَبِيرٍ
ئەگەر ئۇلارنى چاقىرساڭلار، سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار (ئاللاھقا ئۇلارنى) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ، (مۇشرىكلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنى ھېچ ئەھەدى) ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار زاتتەك (يەنى ئاللاھتەك) ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلارنى چاقىرساڭلار، سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھقا ئۇلارنى شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ، ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار زات -ئاللاھ- دەك ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا دۇئا قىلساڭلار دۇئايىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ ئىجابەت قىلالمايدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ. ھېچكىم ساڭا ھەر نەرسىدىن خەۋەردار زاتتەك خەۋەر بېرەلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلارغا دۇئا قىلساڭلار، ئۇلار ئاۋازىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلالمايدۇ؛ تىلىكىڭلارنى ھەل قىلالمايدۇ، ھاجىتىڭلارنى راۋا قىلالمايدۇ. ئۇ مەبۇدلىرىڭلار قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە چوقۇنغانلىقىڭلارنى، ئۇلارنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ. ئى ئىنسان! ھېچكىم ساڭا ئاخىرەتتە بولىدىغان ئىشلار، خۇسۇسەن ئۇ مەبۇدلارنىڭ ۋە ئۇلارغا چوقۇنغانلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا ھەر نەرسىدىن خەۋەردار ئاللاھتەك خەۋەر بېرەلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا النَّاسُ أَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ إِلَى اللَّهِ ۖ وَاللَّهُ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ھالبۇكى ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر. ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! خۇسۇسەن ئى مۇشرىكلار! سىلەر يارىتىلىشىڭلاردا، ياشىشىڭلاردا ۋە پۈتكۈل ئىشلىرىڭلاردا ئاللاھقا موھتاجسىلەر؛ ئاللاھنىڭ رەھمىتىسىز كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ ياشىيالمايسىلەر. ئاللاھ بولسا سىلەردىن ۋە سىلەرنىڭ ئىبادىتىڭلاردىن بىھاجەتتۇر. سىلەرنى ئاللاھ ياراتقان، ئىلكىڭلاردىكى ھەر نەرسە ئاللاھتىن كەلمەكتىدۇر، ئاللاھ ھەمدۇسانا ئېيتىلىشقا، مەدھىيىلىنىشكە ۋە ئۇلۇغلىنىشقا لايىقتۇر، چۈنكى ئاللاھ زاتى مۇكەممەل، ئىشلىرى توغرا، سۆزلىرى راست ۋە ھۆكۈملىرى ئادىل يەككە - يېگانە زاتتۇر، ئاللاھنىڭ سىلەرنى تەۋھىدكە ۋە ئىبادەتكە بۇيرۇشى، موھتاجلىقىدىن ئەمەس، ئەكسىچە سىلەرگە مەرھەمەت قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَأْتِ بِخَلْقٍ جَدِيدٍ
ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ (ئورنۇڭلارغا) يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ -ئورنۇڭلارغا- يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ خالىسا سىلەرنى كەتكۈزۈۋېتىپ يېڭى خەلق كەلتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(16-17) ئى ئىنسانلار! ئاللاھ ئەگەر خالىسا سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ، باشقىلارنى يارىتىدۇ ۋە ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئورنۇڭلاردا قويىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭغا ئەلۋەتتە قادىردۇر. لېكىن ئاللاھنىڭ ھېكمىتى سىلەرنى ھالاك قىلىۋەتمەي قايسىڭلارنىڭ ياخشى ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى سىناشنى تەلەپ قىلدى. شۇڭلاشقا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ئىلاھىي سىناقتىن ئۆتۈشكە تىرىشىڭلار، دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىگە ئالدانماڭلار. بىلىڭلاركى، ھەقىقىي ھايات ئاخىرەت ھاياتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ بِعَزِيزٍ
بۇ ئاللاھقا قىيىن ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ
بۇ ئاللاھقا قىيىن ئەمەس — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ئاللاھقا تەس ئەمەس. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۚ وَإِنْ تَدْعُ مُثْقَلَةٌ إِلَىٰ حِمْلِهَا لَا يُحْمَلْ مِنْهُ شَيْءٌ وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَىٰ ۗ إِنَّمَا تُنْذِرُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَيْبِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ ۚ وَمَنْ تَزَكَّىٰ فَإِنَّمَا يَتَزَكَّىٰ لِنَفْسِهِ ۚ وَإِلَى اللَّهِ الْمَصِيرُ
ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم باشقا بىراۋنى ئۆز گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشقا چاقىرسا، ئۇ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئازراق نەرسىنى ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ، سەن پەقەت پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنى، نامازنى ئادا قىلىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرىسەن، كىمكى (گۇناھلاردىن) پاكلىنىدىكەن، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن پاكلانغان بولىدۇ. ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم باشقا بىراۋنى ئۆز گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشقا چاقىرسا، ئۇ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئازراق نەرسىنى ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ، سەن پەقەت رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنى، نامازنى ئادا قىلىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرىسەن، كىمكى پاكلىنىدىكەن، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن پاكلانغان بولىدۇ. ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئەگەر گۇناھى ئېغىر بولغان كىشى گۇناھ يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن باشقىسىنى ياردەمگە چاقىرسا، ئۇنىڭ يۈكىدىن ھېچبىر نەرسە ئۇ باشقىسى تەرىپىدىن ئۈستىگە ئېلىنمايدۇ، ئۇ باشقىسى ئۇنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ. سەن پەقەت رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغانلارنىلا ئاگاھلاندۇرىسەن. كىم ئۆزىنى پاك تۇتسا، ئۆزى ئۈچۈن پاك تۇتىدۇ. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر. — ئەنەس ئالىم
قىيامەت كۈنى گۇناھكارلار قايتا تىرىلىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا گۇناھلىرىنى يۈدۈگەن ھالەتتە كېلىدۇ. ھەر گۇناھكار ئۆز گۇناھىنى يۈدۈپ ماڭىدۇ، ھېچبىر گۇناھكار كىشى باشقا گۇناھكار كىشىنىڭ گۇناھىنى يۈدۈمەيدۇ، كۆتۈرۈشۈپ بەرمەيدۇ. ئەگەر گۇناھ يۈكى ئېغىر كەلگەن كىشى گۇناھ يۈكىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىش ئۈچۈن باشقىسىنى ياردەمگە چاقىرسا، ئۇ باشقىسى ئۇنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلمايدۇ، ئۇنىڭ گۇناھ يۈكىدىن ھېچبىر نەرسىنى كۆتۈرۈشۈپ بەرمەيدۇ؛ ئىلاھىي ئادالەت ھەر گۇناھكارغا ئۆز گۇناھىنى كۆتۈرتىدۇ ۋە ئۆز جازاسىنى چەكتۈرىدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن تەبلىغنى بارلىق ئىنسانلارغا ئوخشاشلا قىلساڭمۇ، ھەممەيلەننى ئوخشاشلا ھەقىقەتكە دەۋەت قىلساڭمۇ، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن پەقەت رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغانلارنىلا ئاگاھلاندۇرىسەن. كىم ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىش بىلەن ئۆزىنى پاكلىسا ۋە پاك تۇتسا، ئۆزى ئۈچۈن پاكلىنىدۇ ۋە پاك تۇتىدۇ؛ قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىپ مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئاخىرى ھەممەيلەن ئۆلىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئاللاھ ھەر كىشىدىن ھېساب ئېلىپ ئۇنى لايىق بولغان يېرىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنىشتا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەت (توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى) بولۇپ نازىل قىلىنغان، لېكىن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئۇ پەقەت ئاللاھتىن ئەيمىنىدىغان (تەقۋادار)لارغىلا ھىدايەت بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەت بۇ ئىنچىكىلىككە ئىشارەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، قۇرئانغا ئەگەشكەن، ئاللاھنىڭ ھەيۋىتىدىن ئەيمەنگەن ۋە ئاگاھلاندۇرۇشتىن قورققان كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ
كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم (يەنى كاپىر بىلەن مۆمىن) باراۋەر بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كور ئادەم بىلەن كۆرىدىغان ئادەم باراۋەر بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كور ئادەم بىلەن كۆرىدىغان ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
(19-21) كور ئادەم بىلەن كۆرىدىغان ئادەم، قاراڭغۇلۇقلار بىلەن يورۇقلۇق، سايە بىلەن ئاپتاپ ئوخشاش بولمايدۇ. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكى تۈپەيلىدىن ھەقىقەتنى كۆرمىگەن ئادەم بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدىشى ۋە ئىنتىلىشى نەتىجىسىدە ھەقىقەتنى كۆرگەن، شۇنداقلا ئۇنى قوبۇل قىلغان ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، باتىل بىلەن ھەق، راست بىلەن يالغان، يامانلىق بىلەن ياخشلىق ئوخشاش بولمايدۇ، ئىمان ۋە ئىتائەتكارلىقنىڭ مۇكاپاتى بىلەن كۇفرى ۋە ئاسىيلىقنىڭ جازاسى ئوخشاش بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا الظُّلُمَاتُ وَلَا النُّورُ
زۇلمەت بىلەن نۇر (يەنى باتىل بىلەن ھەق) باراۋەر بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
زۇلمەت بىلەن نۇر باراۋەر بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
قاراڭغۇلۇقلار بىلەن يورۇقلۇق ئوخشاش بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَا الظِّلُّ وَلَا الْحَرُورُ
سايە بىلەن ئىسسىق (يەنى جەننەت بىلەن دوزاخ) باراۋەر بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
سايە بىلەن ئىسسىق باراۋەر بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سايە بىلەن ئىسسىق ئوخشاش بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَا يَسْتَوِي الْأَحْيَاءُ وَلَا الْأَمْوَاتُ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُسْمِعُ مَنْ يَشَاءُ ۖ وَمَا أَنْتَ بِمُسْمِعٍ مَنْ فِي الْقُبُورِ
تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلار) باراۋەر بولمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھەق دەۋەتنى) خالىغان كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبرىلەردىكىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن — مۇھەممەد سالىھ
تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر باراۋەر بولمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغان كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبرىلەردىكىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر ئوخشاش بولمايدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبىرلەردىكى كىشىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن. — ئەنەس ئالىم
(22-23) ئى مۇھەممەد! تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر ئوخشاش بولمايدۇ، خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دەىۋىتىڭنى قوبۇل قىلىپ دىلىنى ھەقىقەتنىڭ روھى بىلەن جانلاندۇرغانلار بىلەن سەزگۈ ئەزالىرىنى ھەقىقەتكە قارشى ئېتىۋېلىپ دىلىنىڭ ئۆلۈك ھالەتتە قېلىشىنى تاللىغانلار ئوخشاش بولمايدۇ. ئاللاھ ئۆزى لايىق كۆرگەن كىشىلەرنى ھەقىقەتنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ. سەن قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرگە ئاۋازىڭنى ئاڭلىتالمىغاندەك، تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكى تۈپەيلىدىن دىللىرى مەنىۋى جەھەتتىن ئۆلۈك ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئادەملەرگىمۇ ھەقىقەتنى ئاڭلىتالمايسەن. ئۇلار ئاڭلىمايدۇ، لېكىن سەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىسەن، چۈنكى سېنىڭ ۋەزىپەڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشتىنلا ئىبارەتتۇر، ئۇلار سېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىڭغا پەرۋا قىلمىسا ھېسابىنى ئۆزلىرى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ أَنْتَ إِلَّا نَذِيرٌ
سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن — مۇھەممەد سالىھ
سەن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن پەقەتلا ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ بِالْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا ۚ وَإِنْ مِنْ أُمَّةٍ إِلَّا خَلَا فِيهَا نَذِيرٌ
ھەقىقەتەن بىز سېنى ھەق (دىن) بىلەن (مۆمىنلەرگە) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارغا) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن — مۇھەممەد سالىھ
ھەقىقەتەن بىز سېنى ھەق بىلەن مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگۈچى، كاپىرلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز سېنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق بىلەن ئەۋەتتۇق. ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتىلمىگەن ھېچبىر ئۇممەت يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز سېنى پەقەت پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەق بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق؛ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ بەخت - سائادەت يولىنى كۆرسىتىشىڭ ۋە قوبۇل قىلىپ ماڭغان تەقدىردە ئۇ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر بېرىشىڭ ئۈچۈن، ھەمدە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ زىيىنى بولغان يولنى كۆرسىتىشىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يانمىغان تەقدىردە يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇشىڭ ئۈچۈن قۇرئان بىلەن ئەۋەتتۇق. بىز ھەر ئۇممەتكە ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتتۇق. ئەسكەرتىش: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنكارچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىشى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى يەتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا بىر ئايەتتە خۇش خەۋەر بېرىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش قۇرئان كەرىمنىڭ سۈپىتى بولۇپ كەلگەن. بۇ مەنىنى بۇ ئايەتنىڭ «خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق بىلەن ئەۋەتتۇق» دېگەن مەزمۇندىكى ئىپادىسىمۇ تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنْ يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ وَبِالزُّبُرِ وَبِالْكِتَابِ الْمُنِيرِ
ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى، (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش) سەھىپىلەرنى، (تەۋرات، ئىنجىلدەك) نۇرلۇق كىتابلارنى ئېلىپ كەلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا، بىلگىنكى، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ -ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى- يالغانغا چىقارغان ئىدى، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى، سەھىپىلەرنى ۋە نۇرلۇق كىتابلارنى ئېلىپ كەلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئەگەر بۇ مۇشرىكلار سېنى يالغانچى دېسە، بىلگىنكى، بۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ يالغانچى دېگەن ئىدى. ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى، ئىلاھىي سەھىپىلەرنى ۋە نۇرلۇق كىتابنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
(25-26) ئى مۇھەممەد! ئەگەر بۇ مۇشرىكلار سېنى يالغانچى دېسە، بىلگىنكى، بۇلاردىن ئىلگىرىكى قەۋملەرمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دېگەن ئىدى. پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى، ئىلاھىي سەھىپىلەرنى ۋە نۇرلۇق كىتابنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار بولسا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن كافىرلارنى جازالىدىم. ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ أَخَذْتُ الَّذِينَ كَفَرُوا ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
ئاندىن كاپىرلارنى جازالىدىم، (ئۇلارغا بەرگەن) ئازابىم قانداق ئىكەن؟ (يەنى ئۇلارغا قانداق قاتتىق ئازاب قىلدىم؟) — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن ئۇ كاپىرلارنى جازالىدىم، مېنى ئىنكار قىلىش قانداق ئىكەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن مەن كافىرلارنى جازالىدىم. ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟ — ئەنەس ئالىم
-
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ ثَمَرَاتٍ مُخْتَلِفًا أَلْوَانُهَا ۚ وَمِنَ الْجِبَالِ جُدَدٌ بِيضٌ وَحُمْرٌ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهَا وَغَرَابِيبُ سُودٌ
كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك ئاللاھ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى چىپارلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار — مۇھەممەد سالىھ
كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردۇق، تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار — تەرجىمە ھەيئىتى
كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردۇق. تاغلارنىڭمۇ رەڭگارەڭ - ئاق، قىزىل يوللىرى، قاپقارا قىسىملىرى بار. — ئەنەس ئالىم
(27-28) ئى مۇھەممەد! ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈرۈپ، ئۇ سۇ بىلەن ئاچچىق، تاتلىق، چۈچۈمەل، شېرىن، ئاق، قىزىل، سېرىق، كۆك... قىلىپ ھەر خىل تۈر، شەكىل ۋە رەڭدە مېۋىلەرنى ياراتتى. تاغلارنىمۇ ئاق ۋە قىزىل يوللۇق، قاپقارا قىلىپ ھەر خىل رەڭدە ياراتتى. شۇنىڭدەك، ئاللاھ ئىنسانلارنى، جانلىقلارنى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ شەكىل، بوي، رەڭ ۋە خۇي - مىجەزدە ئەنە شۇنداق ھەر خىل قىلىپ ياراتتى. ئۇ مەخلۇقات ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغان، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۇلاردىكى قۇدرەت ۋە ھېكمىتى تونۇپ يەتكەن كىشىلەرلا ئاللاھتىن ئەيمىنىدۇ، شۇنداقلا سېنىڭ دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن شۇنچە دەلىللەرگە ئەقىل كۆزى بىلەن قارىمايدىغانلار ئاللاھتىن ئەيمەنمەيدۇ ۋە سېنىڭ دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە كۆپ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر؛ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى جازالايدۇ، تەۋبە قىلغانلارنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ يەردە «ئۇ مەخلۇقات ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغان، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۇلاردىكى قۇدرەت ۋە ھېكمىتىنى تونۇپ يەتكەن كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە مول بىلىملىك، مەخسۇس بىلىم ئىگىسى ۋە مۇتەخەسسىس دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «ئالم، ئەلىم - عالم، عليم»نىڭ كۆپلۈكى «ئۇلەما- علماء» بولۇپ، بۇ كۆپلۈك كەلىمە بۇ يەردە ئاللاھ تائالا ياراتقان ئۆسۈملۈك، زىرائەت، باغ، تاغ، ئىنسان، ھايۋان ۋە باشقا بارلىق جانلىقلار ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلاردىكى قۇدرىتى، ئىلمى، ھېكمىتى ۋە مەرھەمىتىنى تونۇپ يەتكەن، شۇنداقلا ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھ تائالادىن قورقۇنچ ۋە ئەيمىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ئاللاھ تائالاغا تەزىم قىلغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى بۇ كەلىمىنىڭ بېشىدا زىكىر قىلىنغان مەزمۇنلار ۋە بۇ كەلىمىنىڭ ئېنىق ئىسىم ئىكەنلىكى (مەئرىپەلىكى) كەلىمىنىڭ مەنىسىنى خاسلاشتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنَ النَّاسِ وَالدَّوَابِّ وَالْأَنْعَامِ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ كَذَٰلِكَ ۗ إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ غَفُورٌ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭدەك ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىكلىكلىرى بار. ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلارنىڭمۇ، جانلىقلارنىڭمۇ، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭمۇ ئەنە شۇنداق ھەر خىل رەڭدىكىلىرى بار. ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا ئەيمىنىدۇ[3]. ئاللاھ ئەزىزدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ الَّذِينَ يَتْلُونَ كِتَابَ اللَّهِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَنْفَقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً يَرْجُونَ تِجَارَةً لَنْ تَبُورَ
ئاللاھ ئۇلارغا ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەر، ئەسلا كاسات بولمايدىغان بىر تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، بىز بەرگەن رىزىقتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلىدىغان كىشىلەر، ھەرگىزمۇ كاساتلاشمايدىغان تىجارەت ئۈمىد قىلسا بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(29-30) ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇيدىغان، چۈشىنىدىغان ۋە ئەمەل قىلىدىغان، خۇسۇسەن بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، بىز بەرگەن رىزىقتىن ياخشى يوللارغا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلىدىغان كىشىلەر، ئاللاھ بىلەن ھەرگىزمۇ كاساتلاشمايدىغان تىجارەت قىلغانلىقىنى ئۈمىد قىلسا بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتىپ ئەجر بېرىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن مۇكاپات ئاتا قىلىدۇ؛ قىيامەت كۈنى جەننىتى بىلەن مۇكاپاتلاپ مەڭگۈلۈك نېمەتلىرىگە ئېرىشتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ تەخسىراتىنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە ياخشىلىقىغا ئەجر بېرىدۇ. ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىغا مەغپىرىتى، شۈكۈر قىلغۇچىغا ئىلتىپاتى كۆپ زاتتۇر. ئەسكەرتىش: 29 - ئايەتنىڭ تەرجىمىسىدە «ئوقۇش، چۈشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «تىلاۋەت - تلاوة» بولۇپ، بۇ كەلىمىنىڭ ئەسلى مەنىسى «ئەگەشمەك»تۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ كىتابىنى لايىق رەۋىشتە تىلاۋەت قىلىش - ئۇنىڭ لەۋزىنى ئوقۇش، مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ھۆكمىگە بويسۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِيُوَفِّيَهُمْ أُجُورَهُمْ وَيَزِيدَهُمْ مِنْ فَضْلِهِ ۚ إِنَّهُ غَفُورٌ شَكُورٌ
ئاللاھ ئۇلارغا ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
چۈنكى ئاللاھ ئۇلارغا ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئارتۇق ئىنئام ئاتا قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، شۈكۈر قىلغۇچىغا كۆپ ئىنئام ئاتا قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ هُوَ الْحَقُّ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ بِعِبَادِهِ لَخَبِيرٌ بَصِيرٌ
ساڭا بىز ۋەھىي قىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر. ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ (راستلىقىنى) ئىسپاتلىغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ساڭا بىز ۋەھيى قىلغان كىتاب-قۇرئان- ھەقتۇر. ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتاب ھەقتۇر. ئۆزىدىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلىغۇچىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان بۇ قۇرئان ھەقتۇر؛ ئۇنى بىزنىڭ ھەقىقەت بىلەن نازىل قىلغانلىقىمىز ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ نازىل قىلىنغانلىقى راستتۇر. ئۇ، بىز ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلارنىڭ مەزمۇنىنى بايان قىلىپ ئۇ كىتابلاردىكى ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىدۇر. شۇڭلاشقا نىجاتلىق تەلەپ قىلىدىغانلارنىڭ قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈشى ۋە ئەمەل قىلىشى كېرىك. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە قىلمىشلىرىنى تولۇق بىلىپ ۋە كۆرۈپ تۇرىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ھەر كىشىگە ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ أَوْرَثْنَا الْكِتَابَ الَّذِينَ اصْطَفَيْنَا مِنْ عِبَادِنَا ۖ فَمِنْهُمْ ظَالِمٌ لِنَفْسِهِ وَمِنْهُمْ مُقْتَصِدٌ وَمِنْهُمْ سَابِقٌ بِالْخَيْرَاتِ بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَضْلُ الْكَبِيرُ
ئاندىن بىز كىتاب (يەنى قۇرئان) نى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر (يەنى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغان بىلەن بەك ئەمەل قىلىپ كەتمەيدۇ)، بەزىسى ئوتتۇراھالدۇر (يەنى كۆپ چاغلاردا قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ، قىسمەن چاغلاردا ئەمەل قىلمايدۇ) ۋە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىدۇر. ئەنە شۇ كاتتا مەرھەمەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن بىز كىتاب -قۇرئان- نى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، بەزىسى ئوتتۇراھالدۇر ۋە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىدۇر. ئەنە شۇ كاتتا مەرھەمەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن بىز كىتابنى بەندىلىرىمىزدىن ئۆزىمىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، بەزىسى ئوتتۇرا ھال يول تۇتقۇچىدۇر، بەزىسى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ياخشى ئىشلار ئارقىلىق ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكۈچىدۇر. ئەنە شۇ بۈيۈك ئىلتىپاتتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان كافىرلارنى ھالاك قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بۇ قۇرئاننى بەندىلىرىمىزدىن ئۆزىمىز تاللىغان كىشىلەرگە يەنى سېنىڭ ئۇممىتىڭگە ئاتا قىلدۇق. بۇ ئۇممەت قۇرئان ئالدىدا ئۈچكە ئايرىلىدۇ: 1) قۇرئانغا ئىشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش بىلەن بىرگە مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزۈش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلار، 2) پەرزلەرنى ئادا قىلىش ۋە ھاراملاردىن ساقلىنىش بىلەن ئوتتۇرا ھال يول تۇتقانلار، 3) ئاللاھنىڭ مۇيەسسەر قىلىشىغا لايىق بولۇپ ھارام ۋە مەكرۇھلاردىن ساقلىنىش، پەرز ۋە نەپلە ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغانلار. ئاللاھنىڭ تاللىشى ۋە قۇرئاننى بېرىشى ناھايىتى چوڭ ئىلتىپات قىلىشىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
جَنَّاتُ عَدْنٍ يَدْخُلُونَهَا يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِنْ ذَهَبٍ وَلُؤْلُؤًا ۖ وَلِبَاسُهُمْ فِيهَا حَرِيرٌ
ئۇلار ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى، مەرۋايىتلارنى تاقايدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئەدن -ھەمىشە تۇرىدىغان- جەننەتلەرگە كىرىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى، مەرۋايىتلارنى تاقايدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ پەزل ئەدن جەننەتلىرىدۇر. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرگە كىرىدۇ، ئۇ جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر ۋە مەرۋايىتلار بىلەن زىننەتلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇ جەننەتلەردىكى كىيىملىرى يىپەكتۇر. — ئەنەس ئالىم
قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى «ئەدن باغلىرى» بولىدۇ. ئۇلار ئۇ باغلارغا كىرىدۇ، ئۇ باغلاردا ئالتۇن بىلەزۈكلەر ۋە مەرۋايىتلار بىلەن زىننەتلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇ باغلاردىكى كىيىملىرى يىپەكتىن بولىدۇ. جەننەتنىڭ نازۇنېمەتلىرى بۇلار بىلەن چەكلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئۆتكەن بەزى ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَذْهَبَ عَنَّا الْحَزَنَ ۖ إِنَّ رَبَّنَا لَغَفُورٌ شَكُورٌ
ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزدىن غەم ـ قايغۇنى كەتكۈزۈۋەتكەن ئاللاھقا مەنسۇپتۇر! بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزدىن غەم ـ قايغۇنى كەتكۈزۈۋەتكەن ئاللاھقا مەنسۇپتۇر! بىزنىڭ رەببىمىز ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىزدىن غەم - قايغۇنى كەتكۈزۈۋەتكەن ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. شۈبھىسىزكى، رەببىمىز مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، شۈكۈر قىلغۇچىغا كۆپ ئىنئام ئاتا قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(34-35) ئاللاھ تاللىغان ۋە قۇرئاننى ئاتا قىلغان ئۇ بەندىلەر قىيامەت كۈنى ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇ باغلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان چاغدا مۇنداق دەيدۇ: «بىزدىن غەم - قايغۇنى كەتكۈزۈۋەتكەن ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. بىزنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان، ياخشى ئۇممەت بولۇشقا تاللىغان ۋە قۇرئاننى ئاتا قىلغان ئىگىمىز - ئاللاھ تەۋبە قىلغان بەندىلىرىنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، شۈكۈر قىلغان بەندىلىرىگە ئەجر ئاتا قىلغۇچىدۇر ۋە ھەر ئىككى تۈرلۈك بەندىلىرىگە كۆپ ئىنئام ئاتا قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن بىزنى ئەبەدىي يۇرت بولغان بۇ جەننەت باغلىرىغا ئورۇنلاشتۇردى. بىز بۇ يۇرتتا ھېچ ھارمايمىز ۋە ھېچ چارچىمايمىز، ساڭا شۈكۈرلەر بولسۇن، يارەب!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِي أَحَلَّنَا دَارَ الْمُقَامَةِ مِنْ فَضْلِهِ لَا يَمَسُّنَا فِيهَا نَصَبٌ وَلَا يَمَسُّنَا فِيهَا لُغُوبٌ
ئاللاھ مەرھەمىتىدىن بىزنى جەننەتتە تۇرغۇزدى. جەننەتتە بىز ھەرگىز جاپا تارتمايمىز، ھەرگىز چارچىمايمىز» — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ مەرھەمىتىدىن بىزنى جەننەتتە تۇرغۇزدى. جەننەتتە بىز ھەرگىز جاپا تارتمايمىز، ھەرگىز چارچىمايمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن بىزنى ئەبەدىي يۇرتقا يەرلەشتۈردى. بىز بۇ يۇرتتا ھېچ ھارمايمىز ۋە ھېچ چارچىمايمىز». — ئەنەس ئالىم
-
وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ نَارُ جَهَنَّمَ لَا يُقْضَىٰ عَلَيْهِمْ فَيَمُوتُوا وَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُمْ مِنْ عَذَابِهَا ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي كُلَّ كَفُورٍ
كاپىرلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ (ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەر ئىنساننى ئەنە شۇنداق جازالايمىز — مۇھەممەد سالىھ
كاپىر بولغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا دوزاخ ئازابى باردۇر، ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەر ئىنساننى ئەنە شۇنداق جازالايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلار جەھەننەم ئوتىغا دۇچار قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىگە ھۆكۈم قىلىنمايدۇ - بۇ تەقدىردە ئۆلۈپ كېتىشكەن بولاتتى -، ئۇلارنىڭ ئازابى يەڭگىللىتىلمەيدۇ. بىز ھەرقانداق تۇزكورنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. — ئەنەس ئالىم
كافىرلارغا يەنى دۇنيادىكى چېغىدا كۇفرىلىق بىلەن ئۆتكەنلەرگە كەلسەك، قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ جازاسى دوزاخ بولىدۇ؛ ئۇلار دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە تۈرلۈك ئازابلانى مەڭگۈ چېكىدۇ. ئۇلار دوزاختا يا ئۆلۈپ قۇتۇلالمايدۇ ياكى ئازابلىرى يەڭگىللەپ ئارام تاپمايدۇ. بىز كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن، پەيغەمبەرگە قارشى چىققان ۋە نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلغان ھەر كافىرنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(35-سۈرە فاتىر، 37-ئايەت) دوزاخ ئازابى ئىلاھىي ئازاب قىيامەت كۈنىدىكى پۇشايمان ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەروَهُمْ يَصْطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَا أَخْرِجْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُمْ مَا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَنْ تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ ۖ فَذُوقُوا فَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ نَصِيرٍ
ئۇلار دوزاختا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئاللاھ ئېيتىدۇ:) «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز ـ نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار دوزاختا: «رەببىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. -ئاللاھ ئېيتىدۇ- : «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز ـ نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدىغۇ؟ ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۇ ئوتنىڭ ئىچىدە: «رەببىمىز! بىزنى چىقارغىن، قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ياخشى ئەمەللەر قىلايلى» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلىشىدۇ. بۇ چاغدا بىز ئۇلارغا مۇنداق دەيمىز: «سىلەرگە نەسىھەت ئالىدىغان كىشى نەسىھەت ئالغۇدەك ئۆمۈر بەرمىدۇقمۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن ئىدىغۇ! ئەمدى تېتىڭلار! زالىملارغا ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر». — ئەنەس ئالىم
ئۇ كافىرلار دوزاختا ئازاب چېكىۋېتىپ مۇنداق دەپ نالە - پەرياد قىلىدۇ: «ئى بىزنىڭ ئىگىمىز - ئاللاھ! بىزنى دوزاختىن چىقىرىپ دۇنياغا قايتا ئەۋەتسىلە، بىز بۇ قېتىم دۇنيادا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ھۇزۇرلىرىغا قايتا كېلەيلى؛ ئۆز ۋاقتىدا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىپتۇق، يامان ئىشلار بىلەن ياشاپتۇق. بۇ نۆۋەت ئىمان كەلتۈرەيلى، ياخشى ئىشلارنى قىلايلى، شۇنداقلا ھۇزۇرلىرىغا ئوبدان ئادەم بولۇپ چىقايلى، يارەب!»، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ نالىسىگە مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «سىلەرگە يېتەرلىك ئۆمۈر بەردۇق، ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئەمەل قىلىشىڭلارغا ئىمكان بەردۇق، پەيغەمبەرلەر سىلەرنى بۇ ئازابتىن ئاگاھلاندۇردى، شۇنداق ئەمەسمۇ! سىلەر ئۆز ۋاقتىدا بېرىلگەن پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدۇڭلار؛ ئالدىڭلاردا جەننەتنى قازىنىش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق ئۆزۈڭلارنى بۇ ئازابقا تېگىشلىك قىلدىڭلار. شۇڭلاشقا ئەمدى دوزاختا مەڭگۈ قېلىپ ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى چېكىڭلار! دۇنيادىكى چېغىدا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بۈگۈن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ياردەمچىسى بولمايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ اللَّهَ عَالِمُ غَيْبِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى بىلگۈچىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى كافىرلار! ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا نېمە بولسا ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا سىلەر ئۈچۈن غەيىب بولغان بارلىق نەرسىلەر ئاللاھ ئۈچۈن ئاشكارىدۇر. شۇنىڭدەك، ئاللاھ كۆڭۈللەرگە كەلگەن خىياللارنى ۋە دىللاردىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، جۈملىدىن سىلەرنىڭ دىلىڭلاردىكى يامان نىيەت، بۇزۇق ئەقىدە ۋە ئەسكى پىلانلارنى بىلىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ھېسابىنى ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُوَ الَّذِي جَعَلَكُمْ خَلَائِفَ فِي الْأَرْضِ ۚ فَمَنْ كَفَرَ فَعَلَيْهِ كُفْرُهُ ۖ وَلَا يَزِيدُ الْكَافِرِينَ كُفْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ إِلَّا مَقْتًا ۖ وَلَا يَزِيدُ الْكَافِرِينَ كُفْرُهُمْ إِلَّا خَسَارًا
ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسارلار قىلدى، كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇفرى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت غەزەپنىلا زىيادە قىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كۇفرى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ)، كاپىرلارنىڭ كۇفرى ئۇلارغا پەقەت ھالاكەتنىلا زىيادە قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسارلار قىلدى، كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇفرى رەببىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت غەزەپنىلا زىيادە قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇفرى ئۇلارغا پەقەت زىياننىلا زىيادە قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسارلار قىلدى. كىم كافىر بولسا ئۆزىگە كافىر بولىدۇ. كافىرلارنىڭ كۇفرىلىقى ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا نەپرەتتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمايدۇ، كافىرلارنىڭ كۇفرىلىقى ئۆزلىرىگە زىياندىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى كافىرلار! ئاللاھ ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋملەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ، سىلەرنى ئۇلارغا ئورۇنباسارلار قىلدى، سىلەرگە پەيغەمبەر ئەۋەتتى، ياخشى - ياماننى تونۇتتى ۋە نەسىھەت ئېلىشىڭلارغا يەتكۈدەك ئۆمۈر بەردى؛ ئاللاھ سىلەرگە بۇ نېمەت ۋە ئىمكانلارنى شۈكۈر قىلىشىڭلار، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن بەردى. ئەمدى سىلەر كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىسەڭلار زىيىنىنى ئۆزۈڭلار تارتىسىلەر، چۈنكى كۇفرىلىق قىلغانلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ناھايىتى يامان كۆرۈلىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى ئازابقا مەھكۇم قىلىنىپ تامامەن زىيان تارتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَرَأَيْتُمْ شُرَكَاءَكُمُ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُوا مِنَ الْأَرْضِ أَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِي السَّمَاوَاتِ أَمْ آتَيْنَاهُمْ كِتَابًا فَهُمْ عَلَىٰ بَيِّنَتٍ مِنْهُ ۚ بَلْ إِنْ يَعِدُ الظَّالِمُونَ بَعْضُهُمْ بَعْضًا إِلَّا غُرُورًا
ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار (نېمە سەۋەبتىن چوقۇنۇشقا لايىق بولدى؟) ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلاركى، ئۇلار زېمىندىن نېمىلەرنى ياراتتى؟ يا ئۇلار ئاسمانلارنى ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ياراتتىمۇ؟ يا ئۇلارغا بىز بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابتىكى روشەن دەلىللەرگە ئاساسلىنامدۇ؟» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، زالىملار بىر ـ بىرىگە پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ سىلەر ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن يالۋۇرىۋاتقانلىرىڭلارنىڭ زېمىندىن نېمىلەرنى ياراتتى؟ يا ئۇلار ئاسمانلارنى ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ياراتتىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا بىز بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابتىكى روشەن دەلىللەرگە ئاساسلىنامدۇ؟ دەپ بېقىڭلار» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، زالىملار بىر ـ بىرىگە پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان شېرىكلىرىڭلارغا قاراپ باقتىڭلارمۇ؟ ماڭا كۆرسىتىپ بېقىڭلار قېنى! ئۇلار زېمىننىڭ قايسى پارچىسىنى ياراتتى ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلارنىڭ يارىتىلىشىدا شېرىكچىلىكى بارمۇ ۋە ياكى ئۇلارغا بىز كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇ كىتابتىكى دەلىللەرگە ئاساسەن ئىش قىلامدۇ؟» ياق، ئۇ زالىملار بىر - بىرىنى پەقەتلا يالغان ۋەدىلەر بىلەن ئالدايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان مەبۇدلىرىڭلارغا قاراپ باقتىڭلارمۇ؟ ئۇلارنىڭ چوقۇنۇشىڭلارغا لايىق بولۇپ بولمىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ماڭا كۆرسىتىپ بېقىڭلار قېنى! ئۇ مەبۇدلىرىڭلار سىلەرنىڭ چوقۇنۇشىڭلارغا لايىق بولۇش ئۈچۈن نېمە ياراتتى؟ ئۇلارنىڭ زېمىندا ياراتقان بىرەر نەرسىسى بارمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە يارىتىپ چوقۇنۇشىڭلارغا لايىق بولدىمۇ؟ ياكى ئاللاھ سىلەرگە بىرەر كىتاب بەرگەن بولۇپ سىلەر ئۇ كىتابتىكى دەلىللەرگە ئاساسلىنىپ شېرىك كەلتۈرۈۋاتامسىلەر؟» ياق، بىز ئۇلارغا ھەرگىزمۇ كىتاب بەرمىدۇق. ئەسلىدە شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقان ئۇ مۇشرىكلار بىر - بىرىنى، «بۇلار بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ»، «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە شاپائەت قىلىدۇ» دېگەن يالغان ۋەدىلەر بىلەن ئالداپ شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلەيدۇ ۋە بۇ دۇنيادا ئېغىز - بۇرۇن يالىشىپ ئۆتىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلار بىر - بىرىگە تاپا - تەنە قىلىشىدۇ ۋە ھەربىرى ئۆز ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، ھەسرەت - نادامەت چېكىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ اللَّهَ يُمْسِكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ أَنْ تَزُولَا ۚ وَلَئِنْ زَالَتَا إِنْ أَمْسَكَهُمَا مِنْ أَحَدٍ مِنْ بَعْدِهِ ۚ إِنَّهُ كَانَ حَلِيمًا غَفُورًا
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى (قۇدرىتى ۋە گۈزەل ھېكمىتى بىلەن) چۈشۈپ كېتىشتىن توختىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئەھەدى توختىتىپ تۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەلىمدۇر (يەنى كۇففارلار ئازابقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى چۈشۈپ كېتىشتىن توختىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى توختىتىپ تۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەلىمدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى زاۋال تېپىشتىن ساقلاۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار زاۋال تاپىدىغان بولسا، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەلىيمدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئورۇنلىرىدا ساقلاۋاتىدۇ؛ ئۇلارنى ۋەيران بولۇش، ئۆز ئورۇنلىرىدىن يۆتكىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نىزامنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىقلاردىن توسۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ناۋادا ئۇلار ئۆز ئورۇنلىرىدىن يۆتكەلسە ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم تۇتالمايدۇ، ئۇلار ۋەيران بولسا ھېچكىم قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ ئاللاھ شۇنچە قۇدرەتلىك تۇرۇقلۇق گۇناھكارلارنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ، ئۇلارغا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ، تەۋبە قىلغان گۇناھكارلارنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لَئِنْ جَاءَهُمْ نَذِيرٌ لَيَكُونُنَّ أَهْدَىٰ مِنْ إِحْدَى الْأُمَمِ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُمْ نَذِيرٌ مَا زَادَهُمْ إِلَّا نُفُورًا
ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلسە، ھەر قانداق ئۈممەتكە قارىغاندا ئەڭ ھىدايەت تاپقۇچى بولىدىغانلىقلىرى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشتى. ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن چاغدا (ھىدايەتتىن) تېخىمۇ يىراق بولۇشتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كېلىدىغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ھەر قانداق ئۈممەتكە قارىغاندا ئەڭ ھىدايەت تاپقۇچى بولىدىغانلىقلىرى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشتى. ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەندە بولسا، ئۇلار ھەقتىن تېخىمۇ يىراق بولۇشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ئەگەر بىزگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلسە، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇممەتلەرنىڭ ئەڭ ھىدايەت تاپقۇچىسى ئەلۋەتتە بىز بولىمىز» دەپ كۈچلۈك قەسەم قىلدى. لېكىن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەندە، ئۇلار تېخىمۇ ئۈركۈپ كەتتى، — ئەنەس ئالىم
(42-43) ئى مۇھەممەد! بىز سېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى بۇ مۇشرىكلار: «ئەگەر بىزگە پەيغەمبەر كەلسە، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئىلگىرى پەيغەمبەر كەلگەن ئۇممەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن بەك ھىدايەت تاپقۇچى بولىمىز» دەپ ئەڭ كۈچلۈك قەسەملىرىنى ئىچكەن ئىدى، لېكىن ئۇلار بىز سېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتسەك ئىنكار قىلدى، ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىدى ۋە ساڭا قارشى يامان پىلانلارنى تۈزۈپ زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇندى. ھالبۇكى، يامان پىلان پىلانلىغۇچىسىنىلا نابۇت قىلىدۇ؛ ھەركىم ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشىدۇ. بىزنىڭ، ئەلچىلىرىمىزگە قارشى چىققان قەۋملەرنى بۇ دۇنيادا مەغلۇپ ۋە ھالاك قىلىش، ئۇ دۇنيادا دوزاخقا مەھكۇم قىلىش قانۇنىمىز بار، بىز بۇ قانۇنىمىزنى ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئىجرا قىلىپ كەلدۇق، بۇ قانۇن قىيامەتكە قەدەر ئەسلا ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ مۇشرىكلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلىش ۋە ساڭا قارشى چىقىش بىلەن بىزنىڭ ئەنە شۇ قانۇنىمىزنى ئۆزلىرىگە ئىجرا قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن بىزنىڭ بۇ قانۇنىمىزنىڭ تېگىشلىك بولغانلارغا ئىجرا قىلىنمغانلىقىنى كۆرەلمەيسەن. سەن بىزنىڭ بۇ قانۇنىمىزنىڭ تېگىشلىك بولمىغانلارغا ئىجرا قىلىنغانلىقىنىمۇ كۆرەلمەيسەن. بۇ، تارىخ بويىچە مۇشۇنداق كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. دەرۋەقە ئۆز ۋاقتىدىكى مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشتىن ئىلگىرى بەزىدە: «بىزگە، يەھۇدىيلارغا ۋە ناسالارغا نازىل قىلىنغاندەك كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا ئىدى، بىز ئۇلاردىن بەك ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق» دەپ ئۆزلىرىگە كىتاب نازىل قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن گۇمراھلىقتا قالغانلىقىنى ئاشكارا ئېيتاتتى، بەزىدە قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگە كەلگەندەك ئۆزلىرىگە پەيغەمبەر كەلگەن بولسا ئەڭ ھىدايەت تاپقان ئۇممەت بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيتتى. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قۇرئان كەرىم بىلەن ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ بۇ باھانىسىنى يوق قىلدى؛ ئۇلارنى بۇنداق دېيەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈردى. ئۇلار بولسا، تەكەببۇرلۇق قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمىدى، قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ تائالا ئۆزى ۋەدە قىلغان بويىچە ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ باتىل تۈزۈمىنى يوق قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا زەپەر ئاتا قىلدى، نەتىجىدە شېرىك نىزامى يوق بولۇپ، ئىسلام نىزامى ھاكىم بولدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اسْتِكْبَارًا فِي الْأَرْضِ وَمَكْرَ السَّيِّئِ ۚ وَلَا يَحِيقُ الْمَكْرُ السَّيِّئُ إِلَّا بِأَهْلِهِ ۚ فَهَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا سُنَّتَ الْأَوَّلِينَ ۚ فَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّتِ اللَّهِ تَبْدِيلًا ۖ وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّتِ اللَّهِ تَحْوِيلًا
(بۇنداق بولۇشى) ئۇلارنىڭ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقلىرى ۋە ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەنلىكلىرىدىندۇر. ھىيلە ـ مىكىرنىڭ ۋابالى پەقەت ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئۇلار پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە قوللىنىلغان (ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت) يولىنىلا كۈتىدۇ، ئاللاھنىڭ (مەخلۇقاتلار ئۈستىدە قوللانغان) يولىدا ھەرگىزمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى كۆرمەيسەن، ئاللاھ يولىدا ھەرگىز يۆتكىلىشنىمۇ (يەنى ئازابنىڭ ئازابقا تېگىشلىك بولغانلار ئۈستىدىن باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۆتكىلىشىنى) كۆرمەيسەن — مۇھەممەد سالىھ
#نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
زېمىندا تېخىمۇ چوڭچىلىق قىلدى ۋە يامان ئىشلارنى تېخىمۇ كۆپ پىلانلىدى. ھالبۇكى، يامان پىلان پەقەت پىلانلىغۇچىسىنىلا نابۇت قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكىلەرگە ئىجرا قىلغان ئۆزگەرمەس قانۇنىنىڭ ئۆزلىرىگە ئىجرا قىلىنىشىنىلا كۈتۈۋاتىدۇ. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ تېگىشلىك بولغانلارغا ئىجرا قىلىنمغانلىقىنى كۆرەلمەيسەن. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ تېگىشلىك بولمىغانلارغا ئىجرا قىلىنغانلىقىنىمۇ كۆرەلمەيسەن. — ئەنەس ئالىم
-
أَوَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ وَكَانُوا أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً ۚ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُعْجِزَهُ مِنْ شَيْءٍ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَلِيمًا قَدِيرًا
ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەر (يەنى ھالاك بولغان ئۈممەتلەر) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) بۇلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھنى ئىلاجىسىز قالدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھ نى ئىلاجسىز قالدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ مۇشرىكلار نېمە ئۈچۈن يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدى؟ ئۇلار ئەگەر سەير قىلىپ كۆزەتكەن بولسا ئىدى، بۇرۇنقىلارنىڭ خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن يۇرتلىرىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ھالاك قىلىنغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش ئاقىۋەتكە يولۇقماسلىق ئۈچۈن توغرا يولنى قوبۇل قىلغان بولاتتى. ئىلگىرى ئۆتكەن ۋە پەيغەمبەرلەرگە قارشى كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھالاك قىلىنغان ئۇ كافىرلار، ياشاۋاتقان بۇ كافىرلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە ھەر ئىشقا قۇدرىتى يېتىدۇ، جۈملىدىن ئۇ كافىرلار ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى؛ ئاللاھ ئۇلارنى كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققانلىقى سەۋەبلىك ھالاك قىلىۋەتتى. بۇ كافىرلارمۇ ناۋادا پۇرسەت بار چاغدا تەۋبە قىلىپ توغرا يولنى قوبۇل قىلمىسا ئۇ كافىرلارنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش ئاقىۋەتكە يولۇقىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ يُؤَاخِذُ اللَّهُ النَّاسَ بِمَا كَسَبُوا مَا تَرَكَ عَلَىٰ ظَهْرِهَا مِنْ دَابَّةٍ وَلَٰكِنْ يُؤَخِّرُهُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۖ فَإِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِعِبَادِهِ بَصِيرًا
ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى ۋەلېكىن ئاللاھ ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش) نى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش) نىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قاراپ جازا بېرىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى ۋە لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دەرھال جازالايدىغان بولسا ئىدى، يەر يۈزىدە ھېچبىر جانلىق قويمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر كېچىكتۈرىدۇ[4]. ئۇلارنىڭ ئەجىلى كەلگەندە قىلمىشلىرىغا قارىتا جازالايدۇ. چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دەرھال جازالايدىغان بولسا ئىدى، يەر يۈزىدە ھېچبىر جانلىق قويمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر كېچىكتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەجىلى توشقاندا قىلچە ئىلگىرى - كېيىن قىلماي جازالايدۇ، چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇلارنىڭ، مۆھلەتنىڭ ئاخىرىغىچە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ جازالىنىشقا تېگىشلىك بولغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى جازالاش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ، بېرىلگەن مۆھلەت توشۇپ بولغۇچىلىك تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرنى ئەپۇ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى