تاغۇت
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھقا قارشى چىقىپ ئىبادەت قىلىنغان ياكى ئىتائەت قىلىنغان ساختا ئىلاھلار ۋە كۈچلەر — تاغۇتنى رەت قىلىش ئاللاھقا ئىشىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ قارىلىدۇ.
ئەرەبچىىسى: الطاغوت
ئېنگلىزچىسى: Taghut
34 ئايەت
16 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 تەۋھىد (ئاللاھنىڭ بىرلىكى) /
- 📄 تاغۇت
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 165 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَتَّخِذُ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَنْدَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللَّهِ ۖ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَشَدُّ حُبًّا لِلَّهِ ۗ وَلَوْ يَرَى الَّذِينَ ظَلَمُوا إِذْ يَرَوْنَ الْعَذَابَ أَنَّ الْقُوَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا وَأَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعَذَابِ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۆمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار (قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان) ئازابنى كۆرگەن چاغدا پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتى)[165].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن باشقىلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى دوست تۇتقاندەك دوست تۇتىدۇ. مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار ئازابنى كۆرگەن ۋاقىتتا پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەيتتى)
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار بەزى كىشىلەرنى49 ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ زالىملار پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئۇ ئازابنى كۆرىدىغان كۈندە بىلگەندەك ھازىر بىلگەن بولسىچۇ!
2 : 256 - ئايەت
كۆرۈش
لَا إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ ۖ قَدْ تَبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ ۚ فَمَنْ يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ وَيُؤْمِنْ بِاللَّهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ لَا انْفِصَامَ لَهَا ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (بارلىق شەيتانىي كۈچ ۋە تۈزۈم) نى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[256].
تەرجىمە ھەيئىتى: دىندا زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى باتىل مەبۇدلارنى رەت قىلىپ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: دىندا ھېچ زورلاش يوق. توغرىلىق ئازغۇنلۇقتىن ئېنىق ئايرىلدى. كىمكى تاغۇتنى74 ئىنكار قىلىپ ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ سۇنۇپ كەتمەيدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى چىڭ تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 257 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ وَلِيُّ الَّذِينَ آمَنُوا يُخْرِجُهُمْ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ ۖ وَالَّذِينَ كَفَرُوا أَوْلِيَاؤُهُمُ الطَّاغُوتُ يُخْرِجُونَهُمْ مِنَ النُّورِ إِلَى الظُّلُمَاتِ ۗ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) زۇلمەتلىرىدىن (ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىغا چىقىرىدۇ؛ كاپىرلارنىڭ ئىگىسى تاغۇتتۇر، ئۇلارنى (ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىدىن (گۇمراھلىقنىڭ) قاراڭغۇلۇقلىرىغا چىقىرىدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر[257].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىگىسىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنى كۇفرنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن ئىماننىڭ يورۇقلۇقىغا چىقىرىدۇ؛ كافىرلارنىڭ ئىگىسى شەيتاندۇر، ئۇ ئۇلارنى ئىماننىڭ يورۇقلۇقىدىن چىقىرىپ كۇفرنىڭ قاراڭغۇلىقىغا كىرگۈزىدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ ۋەلىيسىدۇر75. ئاللاھ ئۇلارنى زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقىرىدۇ. كافىرلارنىڭ ۋەلىيلىرى تاغۇتلاردۇر. ئۇلار كافىرلارنى نۇردىن زۇلمەتلەرگە چىقىرىدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَأْمُرَكُمْ أَنْ تَتَّخِذُوا الْمَلَائِكَةَ وَالنَّبِيِّينَ أَرْبَابًا ۗ أَيَأْمُرُكُمْ بِالْكُفْرِ بَعْدَ إِذْ أَنْتُمْ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پەرىشتىلەرنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى رەب قىلىۋېلىشىڭلارغا بۇيرۇشى لايىق بولمايدۇ. مۇسۇلمان بولغىنىڭلاردىن كېيىن پەيغەمبىرىڭلار سىلەرنى كۇفرىغا بۇيرۇمدۇ؟[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پەرىشتىلەرنى، پەيغەمبەرلەرنى خۇدا قىلىۋېلىشىڭلارغا بۇيرۇشى مۇمكىن ئەمەس. مۇسۇلمان بولغىنىڭلاردىن كېيىن پەيغەمبىرىڭلار سىلەرنى كۇفرغا بۇيرۇمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ كىشىنىڭ سىلەرنى، پەرىشتىلەرنى ۋە نەبىيلەرنى رەب قىلىۋېلىشقا ئەمر قىلىشقىمۇ ھەددى ئەمەس. سىلەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئۇ سىلەرنى كافىر بولۇشقا بۇيرۇمدۇ؟
نىسا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِنَ الْكِتَابِ يُؤْمِنُونَ بِالْجِبْتِ وَالطَّاغُوتِ وَيَقُولُونَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا هَٰؤُلَاءِ أَهْدَىٰ مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار بۇتقا ۋە شەيتانغا ئىشىنىدۇ، كاپىرلارنى كۆرسىتىپ: «بۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) نىڭ يولى ئىمان ئېيتقانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ توغرىدۇر» دەيدۇ[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەۋراتتىن ئىلىم بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار بۇتقا ۋە شەيتانغا ئىشىنىدۇ، كافىرلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇلارنىڭ يولى ئىمان ئېيتقانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ توغرىدۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار جىبتكە ۋە تاغۇتقا ئىشىنىدۇ28، كافىرلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئۇلار مۇئمىنلاردىن بەكرەك توغرا يولدىدۇر» دەيدۇ.
4 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يَزْعُمُونَ أَنَّهُمْ آمَنُوا بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ يُرِيدُونَ أَنْ يَتَحَاكَمُوا إِلَى الطَّاغُوتِ وَقَدْ أُمِرُوا أَنْ يَكْفُرُوا بِهِ وَيُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَنْ يُضِلَّهُمْ ضَلَالًا بَعِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەرزىنى تاغۇتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار تاغۇتنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان، شەيتان ئۇلارنى چوڭقۇر ئازدۇرۇشنى خالايدۇ[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەرزىنى (ئادىمىي) شەيتاننىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا سۇنماقچى بولۇۋاتىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار شەيتاننى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان، شەيتان ئۇلارنى قاتتىق ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىر تەرەپتىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشەنگەنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرماقچى بولىدىغان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار تاغۇتنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان. شەيتان ئۇلارنى چوڭقۇر ئازدۇرۇشنى ئىرادە قىلىدۇ.
4 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ آمَنُوا يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ وَالَّذِينَ كَفَرُوا يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ الطَّاغُوتِ فَقَاتِلُوا أَوْلِيَاءَ الشَّيْطَانِ ۖ إِنَّ كَيْدَ الشَّيْطَانِ كَانَ ضَعِيفًا
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، كاپىرلار تاغۇتنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ؛ شەيتاننىڭ دوستلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار (سىلەر ئۇلارنى يېڭىسىلەر)، شەيتاننىڭ تەدبىرى ھەقىقەتەن ئاجىزدۇر[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۆمىنلەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، كافىرلار شەيتان يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ؛ شۇڭا، (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر شەيتاننىڭ دوستلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار، شەيتاننىڭ تەدبىرى ھەقىقەتەن ئاجىزدۇر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇشىدۇ. كافىرلار تاغۇتنىڭ يولىدا ئۇرۇشىدۇ34. ئۇ ھالدا ئى مۇئمىنلار! سىلەر شەيتاننىڭ ۋەلىيلىرى بىلەن ئۇرۇشۇڭلار35. شۈبھىسىزكى، شەيتاننىڭ ھىيلىسى ناھايىتى ئاجىزدۇر.
4 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ إِلَّا إِنَاثًا وَإِنْ يَدْعُونَ إِلَّا شَيْطَانًا مَرِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ، پەقەت (ئۆزلىرى) چىشى (ناملار بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ، چىشى (يەنى ئايال ئىسمى بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغىلا ئىبادەت قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ پەقەت چىشىلەرگە دۇئا قىلىدۇ، ئۇلار پەقەت ئىسيانكار شەيتانغا دۇئا قىلىدۇ53.
4 : 139 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَتَّخِذُونَ الْكَافِرِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ الْمُؤْمِنِينَ ۚ أَيَبْتَغُونَ عِنْدَهُمُ الْعِزَّةَ فَإِنَّ الْعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مۆمىنلەرنى قويۇپ، كاپىرلارنى ۋەلى قىلىۋالىدۇ، ئۇلار كاپىرلارنىڭ قېشىدىن ئىززەت ۋە قۇدرەت تەلەپ قىلامدۇ؟ (يەنى كۇففارلارنىڭ دوستلۇقىدىن ئىززەت ۋە غەلىبە تىلەمدۇ؟) ئىززەت ۋە قۇدرەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر[139].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار مۆمىنلەرنى قويۇپ، كافىرلارنى دوست تۇتىدۇ، ئۇلار كافىرلارنىڭ قېشىدىن ئىززەت ۋە قۇدرەت ئىزدەمدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئىززەت ۋە قۇدرەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، مۇئمىنلارنى قويۇپ كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋالىدۇ. ئۇلار ئىززەتنى ئۇ كافىرلارنىڭ يېنىدا ئىزدەمدۇ؟ شۈبھىسىزكى، پۈتۈن ئىززەت ئاللاھنىڭدۇر.
مائىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هَلْ أُنَبِّئُكُمْ بِشَرٍّ مِنْ ذَٰلِكَ مَثُوبَةً عِنْدَ اللَّهِ ۚ مَنْ لَعَنَهُ اللَّهُ وَغَضِبَ عَلَيْهِ وَجَعَلَ مِنْهُمُ الْقِرَدَةَ وَالْخَنَازِيرَ وَعَبَدَ الطَّاغُوتَ ۚ أُولَٰئِكَ شَرٌّ مَكَانًا وَأَضَلُّ عَنْ سَوَاءِ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى بۇنىڭدىنمۇ يامان جازانى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ (ئۇ شۇنداق) كىشىلەرنىڭ (جازاسىكى)، ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە چوشقا قىلدى، بىر قىسمىنى شەيتانغا ئىبادەت قىلىدىغان قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر (يەنى دوزاختۇر)، (ئۇلار) توغرا يولدىن ئەڭ ئاداشقاندۇر»[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى بۇنىڭدىنمۇ يامان جازانى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ شۇنداق كىشىلەرگە بېرىلگەن جازاكى، ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە توڭگۇزغا ئايلاندۇرۇۋەتتى، بىر قىسمىنى شەيتانغا چوقۇنىدىغان قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر، ئۇلار توغرا يولدىن بەكمۇ ئاداشقانلاردۇر»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا جازاسى ئۇنىڭدىنمۇ يامان بولغانلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار ئاللاھ لەنەت قىلغان، غەزەپ قىلغان، بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە توڭگۇزلارغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن كىشىلەردۇر، شۇنداقلا ئۇلار تاغۇتقا ئىبادەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار ئورنى ئەڭ يامان بولغان ۋە توغرا يولدىن بەكمۇ ئاداشقان كىشىلەردۇر».
5 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
تَرَىٰ كَثِيرًا مِنْهُمْ يَتَوَلَّوْنَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ لَبِئْسَ مَا قَدَّمَتْ لَهُمْ أَنْفُسُهُمْ أَنْ سَخِطَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَفِي الْعَذَابِ هُمْ خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنىڭ كاپىرلارنى (يەنى رەسۇلۇللاھنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆچ كۆرۈش يۈزىسىدىن مۇشرىكلارنى) دوست تۇتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان ئەمەللىرى نېمىدېگەن يامان! (بۇ ئەمەللەر) ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەڭگۈ ئازابقا قالغۇچىلاردۇر[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ كافىرلارنى دوست تۇتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدىن قىلغان قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! بۇ قىلمىشلار ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەڭگۈ ئازابقا قالغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ كافىرلارنى ئۆزلىرىگە ۋەلىي قىلىۋالغانلىقىنى كۆرىسەن. نەپسىلىرى ئۇلار ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان نەرسە، يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا غەزەپ قىلىشى نېمىدېگەن يامان! ئۇلار ئازابنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَنَدْعُو مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنْفَعُنَا وَلَا يَضُرُّنَا وَنُرَدُّ عَلَىٰ أَعْقَابِنَا بَعْدَ إِذْ هَدَانَا اللَّهُ كَالَّذِي اسْتَهْوَتْهُ الشَّيَاطِينُ فِي الْأَرْضِ حَيْرَانَ لَهُ أَصْحَابٌ يَدْعُونَهُ إِلَى الْهُدَى ائْتِنَا ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى اللَّهِ هُوَ الْهُدَىٰ ۖ وَأُمِرْنَا لِنُسْلِمَ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلامدۇق؟ بىزنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ (يەنى مۇرتەد بولامدۇق؟) (مۇبادا بىز شۇنداق قىلىدىغان بولساق، مۇنداق) بىر ئادەمگە: شەيتانلار ئۇنى بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، (چۆلدە ئۇ) تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان (ئۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلماي ئاخىر ھالاك بولغان ئادەمگە) ئوخشاپ قالىمىز. (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ھەقىقەتەن ھەقىقىي ھىدايەتتۇر. بىز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلامدۇق؟ بىزنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ شۇنداق قىلىدىغان بولساق، شەيتانلار بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، چۆلدە تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان ئادەمگە ئوخشاپ قالىمىز. (بۇ كافىرلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ ھىدايىتىلا ھەقىقىي ھىدايەتتۇر، بىز ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلامدۇق؟ ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ شەيتانلار خاھىشىغا ئەگەشتۈرۈپ چۆلدە تېڭىرقىغان ھالىتىدە تاشلىۋەتكەن، دوستلىرى: ‹يېنىمىزغا كەل› دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان ئادەمدەك بولامدۇق؟» ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىزكى، پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر. بىز ئالەملەرنىڭ رەببىگە تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇلدۇق،
ئەئراف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَرِيقًا هَدَىٰ وَفَرِيقًا حَقَّ عَلَيْهِمُ الضَّلَالَةُ ۗ إِنَّهُمُ اتَّخَذُوا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ مُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (سىلەردىن) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى؛ يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، شەيتانلارنى دوست تۇتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىنسانلاردىن) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى، يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى دوست تۇتقان تۇرۇقلۇق، ئۆزىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى ھىدايەت قىلدى. ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى ئېزىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولدى. چۈنكى بۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەلىيلىرى قىلىۋالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ.
7 : 192 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَسْتَطِيعُونَ لَهُمْ نَصْرًا وَلَا أَنْفُسَهُمْ يَنْصُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ نەرسىلەر چوقۇنغۇچىلىرىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ[192].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ نەرسىلەر چوقۇنغۇچىلىرىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ نەرسىلەر ئۇلارغا ياردەم بېرىش تۈگۈل، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ.
7 : 197 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَكُمْ وَلَا أَنْفُسَهُمْ يَنْصُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىڭلار سىلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ»[197].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان مەبۇدلىرىڭلار سىلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ»
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۇنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر سىلەرگە ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ.
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ هَدَى اللَّهُ وَمِنْهُمْ مَنْ حَقَّتْ عَلَيْهِ الضَّلَالَةُ ۚ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ، (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ھەر ئۇممەتكە ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن ساقلنىڭلار» دېدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشتى، بەزىسى ئازغۇنلۇققا لايىق بولدى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار.
مەريەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ آلِهَةً لِيَكُونُوا لَهُمْ عِزًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن (يەنى ئىلاھلىرىنىڭ شاپائىتى بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىززەتلىك بولۇش ئۈچۈن)، ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھلارغا چوقۇندى[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئاللاھ نى قويۇپ ئىلاھلارغا چوقۇندى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىززەت تاپىمىز دەپ ئاللاھنى قويۇپ بىر قىسىم ئويدۇرما ئىلاھلارغا چوقۇندى.
19 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا ۚ سَيَكْفُرُونَ بِعِبَادَتِهِمْ وَيَكُونُونَ عَلَيْهِمْ ضِدًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئىش ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك ئەمەس (يەنى ئىلاھلىرى ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئىززەت تېپىشلىرىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ)، (ئىلاھلار) ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ) چوقۇنۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىش ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك ئەمەس، ئۇلار، بۇلارنىڭ چوقۇنۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياق، ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك بولمايدۇ. ئۇ ئويدۇرما ئىلاھلار، ئۆزلىرىگە ئۇ مۇشرىكلارنىڭ چوقۇنىشىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ.
تاھا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخْرَجَ لَهُمْ عِجْلًا جَسَدًا لَهُ خُوَارٌ فَقَالُوا هَٰذَا إِلَٰهُكُمْ وَإِلَٰهُ مُوسَىٰ فَنَسِيَ
مۇھەممەد سالىھ: سامىرى (ئېرىتىلگەن زىبۇ - زىننەتلەردىن) ئۇلار ئۈچۈن بىر موزاي ھەيكەل ياسىدى، ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقاتتى، ئۇلار (يەنى سامىرى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرى) ئېيتتى: «بۇ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلاردۇر ۋە مۇسانىڭ ئىلاھىدۇر، مۇسا (ئىلاھنى بۇ يەردە) ئۇنتۇپ قېلىپ (ئۇنى ئىزدەپ تۇرسىناغا كەتتى)»[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: سامىرى -ئېرىتىلگەن زىبۇزىننەتلەردىن- ئۇلار ئۈچۈن بىر موزاي ھەيكەل ياسىدى، ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقاتتى، ئۇلار ئېيتتى: «بۇ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلاردۇر ۋە مۇسانىڭ ئىلاھىدۇر، مۇسا -ئىلاھنى بۇ يەردە- ئۇنتۇپ قېلىپ -ئۇنى ئىزدەپ تۇرسىناغا كەتتى-»
ئەنەس ئالىم: سامىرىي ئۇلارغا، ئىچىدىن مۆرىگەندەك ئاۋاز چىقىدىغان موزاي ھەيكىلى ياساپ چىقتى. ئاندىن سامىرىي ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى: «بۇ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلاردۇر. بۇ مۇسانىڭمۇ ئىلاھىدۇر، لېكىن ئۇ ئۇنتۇدى» دېدى.
20 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَا يَرَوْنَ أَلَّا يَرْجِعُ إِلَيْهِمْ قَوْلًا وَلَا يَمْلِكُ لَهُمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ موزاينىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ موزاينىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بۇ ھەيكەلنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۆزىگە جاۋاب قايتۇرالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە زىيانمۇ، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمەمدۇ؟
ئەنبىيا سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
أَمِ اتَّخَذُوا آلِهَةً مِنَ الْأَرْضِ هُمْ يُنْشِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئىلاھ قىلىۋالدى، ئۇلار (يەنى بۇ نەرسىلەر) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەمدۇ؟[21]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار زېمىندىن ئىلاھلارنى قىلىۋالدىمۇ؟ ئۆلۈكلەرنى ئۇلار تىرىلدۈرەمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلار زېمىندىن بولغان بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئىلاھلار قىلىۋالدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇ ئىلاھلىرى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەمدۇ؟
21 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ لَهُمْ آلِهَةٌ تَمْنَعُهُمْ مِنْ دُونِنَا ۚ لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَ أَنْفُسِهِمْ وَلَا هُمْ مِنَّا يُصْحَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ بىزدىن باشقا ئۆزلىرىنى (قوغدايدىغان) مەبۇدلىرى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ (چوقۇنۇۋاتقان) مەبۇدلىرى ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ، بىزنىڭ ياردىمىمىزگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلارنىڭ بىزدىن باشقا ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان مەبۇدلىرى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ، بىزنىڭ ياردىمىمىزگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلارنىڭ بىزگە قارشى ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان ئىلاھلىرى بارمۇ؟ ئۇ باتىل ئىلاھلارنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشقىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ، ئۇلار بىزدىن يېقىنلىقمۇ كۆرمەيدۇ.
21 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَلْ فَعَلَهُ كَبِيرُهُمْ هَٰذَا فَاسْأَلُوهُمْ إِنْ كَانُوا يَنْطِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئىبراھىم: «(ياق) بەلكى ئۇلارنىڭ مۇنۇ چوڭى شۇنداق قىلدى، ئەگەر ئۇلار سۆزلىيەلىسە، (كىمنىڭ چاققانلىقىنى) ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئىبراھىم-: «-ياق-، بەلكى ئۇلارنىڭ مۇنۇ چوڭى شۇنداق قىلدى، ئۇلار سۆزلىيەلەيدىغان بولسا، كىمنىڭ چاققانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «ياق، بۇ ئىشنى ئاشۇ چوڭى قىلغان بولسا كېرەك. بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن سوراڭلار، ئەگەر گەپ قىلالىسا!» دېدى.
21 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ نُكِسُوا عَلَىٰ رُءُوسِهِمْ لَقَدْ عَلِمْتَ مَا هَٰؤُلَاءِ يَنْطِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار (خىجالەتچىلىكتىن) باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ: «ئۇلارنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟» دېدى[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار خىجالەتچىلىكتىن باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ: «ئۇلارنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇرۇنقى ئېتىقادىغا قايتىپ: «ئىبراھىم! سەنمۇ ئوبدان بىلىسەن، بۇلار گەپ قىلالمايدۇ ئەمەسمۇ!» دېيىشتى.
21 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكُمْ وَمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ حَصَبُ جَهَنَّمَ أَنْتُمْ لَهَا وَارِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇشرىكلار!) ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسەڭلار بىلەن دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇشرىكلار!- ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسەڭلار بىلەن دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئۇلارغا: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار بىلەن دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر. دوزاخقا كىرىسىلەر!» دېيىلىدۇ.
21 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ كَانَ هَٰؤُلَاءِ آلِهَةً مَا وَرَدُوهَا ۖ وَكُلٌّ فِيهَا خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار ئىلاھلار بولىدىغان بولسا، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى (ئىبادەت قىلغۇچى ۋە ئىبادەت قىلىنغۇچىلارنىڭ) ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلار ئىلاھلار بولىدىغان بولسا، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار ئىلاھ بولسا ئىدى، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى. ھالبۇكى، ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىدۇر.
شۇئەرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَئِنِ اتَّخَذْتَ إِلَٰهًا غَيْرِي لَأَجْعَلَنَّكَ مِنَ الْمَسْجُونِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر مەندىن غەيرىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلايمەن»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر مەندىن غەيرىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلايمەن»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «ئەگەر مەندىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلانغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلىۋېتىمەن» دېدى1.
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ أَنْزَلْنَا عَلَيْهِمْ سُلْطَانًا فَهُوَ يَتَكَلَّمُ بِمَا كَانُوا بِهِ يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلارغا ئۇلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنىشىنىڭ توغرىلىقىنى سۆزلەيدىغان بىرەر كىتاب نازىل قىلدۇقمۇ؟ (مۇنداق بولغىنى يوق)[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلارغا ئۇلارنىڭ چوقۇنىۋاتقانلىرىنىڭ توغرىلىقىنى سۆزلەيدىغان بىرەر دەلىل نازىل قىلدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى بىز ئۇلارغا مۇشرىك بولۇشلىرىنى سۆزلەيدىغان بىرەر دەلىل نازىل قىلدۇقمۇ؟
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ اجْتَنَبُوا الطَّاغُوتَ أَنْ يَعْبُدُوهَا وَأَنَابُوا إِلَى اللَّهِ لَهُمُ الْبُشْرَىٰ ۚ فَبَشِّرْ عِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: تاغۇتقا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھقا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇشخەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر[17 ـ 18].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەيتانغا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا ۋە ئاللاھقا قايتقانلارغا -جەننەت بىلەن- خۇش خەۋەر باردۇر، خۇش مېنىڭ شۇ بەندىلىرىمگە خەۋەر بەرگىنكى،
ئەنەس ئالىم: تاغۇتقا3 ئىبادەت قىلىشتىن يىراق بولۇپ، ئاللاھقا يۆنەلگەنلەرگە خۇش خەۋەر بار. ئۇ ھالدا بەندىلىرىمگە خۇش خەۋەر بەرگىن.
ئەھقاف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا حُشِرَ النَّاسُ كَانُوا لَهُمْ أَعْدَاءً وَكَانُوا بِعِبَادَتِهِمْ كَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (قىيامەت كۈنى) ئىنسانلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توپلانغان چاغدا، بۇتلار ئۇلارغا (يەنى بۇتپەرەسلەرگە) دۈشمەن بولىدۇ، ئۇلار تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلار -ھېساب بېرىش ئۈچۈن- توپلانغان چاغدا، ئۇلار يالۋۇرغان نەرسىلەر ئۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ ۋە ئۇلار تەرىپىدىن يالۋۇرۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلار ھەشىر قىلىنغان چاغدا، ئۇ كىشىلەر بۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇلار تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ.
46 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا نَصَرَهُمُ الَّذِينَ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ قُرْبَانًا آلِهَةً ۖ بَلْ ضَلُّوا عَنْهُمْ ۚ وَذَٰلِكَ إِفْكُهُمْ وَمَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا ئازاب كەلگەندە) ئۇلارنىڭ خۇداغا يېقىن قىلىدۇ، دەپ ئاللاھتىن باشقا تۇتقان مەبۇدلىرى ئۇلارغا نېمىشقا ياردەم قىلمىدى؟ بەلكى ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى غايىب بولدى، بۇ (يەنى بۇتلار بىزنى خۇداغا يېقىن قىلىدۇ دېگەن سۆزى) ئۇلارنىڭ ئويدۇرمىسىدۇر ۋە (ئاللاھقا) چاپلىغان بوھتانلىرىدۇر[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ دەپ ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن ئىلاھ قىلىۋالغان نەرسىلىرى ئۇلارغا نېمىشقا ياردەم قىلمىدى؟ بەلكى ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى بۇلارنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئويدۇرمىسىدۇر ۋە ئاللاھقا چاپلىغان بوھتانلىرىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىن قىلىدۇ دەپ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان ئىلاھلىرى، نېمىشقا ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى؟ بەلكى ئۇ ئىلاھلار ئۇلارنى تاشلىۋەتتى. ئۇ سۆز، ئۇلارنىڭ ئويدۇرمىسى ۋە ئاللاھقا چاپلىغان بوھتانىدۇر.
نەجم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَرَأَيْتُمُ اللَّاتَ وَالْعُزَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (ئاللاھتائالادەك كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟)[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرمۇ لات، ئۇززانى كۆردۈڭلارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! نېمىدۇر، لات ۋە ئۇززا؟
53 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنَاةَ الثَّالِثَةَ الْأُخْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (ئاللاھتائالادەك كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟)[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۈچىنچىسى بولغان ماناتنىچۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۈچىنچىسى ۋە ئاخىرقىسى بولغان مەنات؟
نوھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَا تَذَرُنَّ آلِهَتَكُمْ وَلَا تَذَرُنَّ وَدًّا وَلَا سُوَاعًا وَلَا يَغُوثَ وَيَعُوقَ وَنَسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: ‹مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار› دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئىلاھلىرىڭلارنى ھەرگىزمۇ تەرك ئەتمەڭلار. بولۇپمۇ ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرنى ھەرگىزمۇ تەرك ئەتمەڭلار» دېدى1،