خەلىپە
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىنساننىڭ زېمىندا ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرغۇچىسى (مەسئۇل) ۋە ھاۋالىچىسى سۈپىتىدە رول ئوينىشى.
ئەرەبچىىسى: الخليفة
ئېنگلىزچىسى: Vicegerency on Earth
15 ئايەت
11 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئىنسان تەبىئىتى /
- 📄 خەلىپە
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي جَاعِلٌ فِي الْأَرْضِ خَلِيفَةً ۖ قَالُوا أَتَجْعَلُ فِيهَا مَنْ يُفْسِدُ فِيهَا وَيَسْفِكُ الدِّمَاءَ وَنَحْنُ نُسَبِّحُ بِحَمْدِكَ وَنُقَدِّسُ لَكَ ۖ قَالَ إِنِّي أَعْلَمُ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيەلەيمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە بىر خەلىپە*[1] يارىتىمەن» دېگەن ئىدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان ئىنساننى (خەلىپە قىلىپ) يارىتامسەن؟ ھالبۇكى، بىز بولساق سىنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن زېمىندا خەلىپە قىلىمەن»15 دېگەن ئىدى، پەرىشتىلەر: «ئۇ يەردە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە قان تۆكىدىغان كىشىنى خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى، بىز سېنى ھەمد ئېيتىپ ئۇلۇغلاۋاتىمىز ۋە سېنى پاك دەپ تونۇۋاتىمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن سىلەر بىلمەيدىغاننى بىلىمەن» دېدى.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 165 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَكُمْ خَلَائِفَ الْأَرْضِ وَرَفَعَ بَعْضَكُمْ فَوْقَ بَعْضٍ دَرَجَاتٍ لِيَبْلُوَكُمْ فِي مَا آتَاكُمْ ۗ إِنَّ رَبَّكَ سَرِيعُ الْعِقَابِ وَإِنَّهُ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى بەرگەن نېمەتلىرى بىلەن سىناش ئۈچۈن بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى قىلدى. پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر[165].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ) ئورنىدا ياشايدىغان قىلدى. ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىگە شۈكۈر قىلىشىڭلارنى سىناش ئۈچۈن، بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى قىلدى. پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە (ئاسىيلارنى) تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدى، بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىرقانچە دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. ئاللاھ بۇنى سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلىرىدە سىلەرنى سىناش ئۈچۈن قىلدى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
ئەئراف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ مَكَّنَّاكُمْ فِي الْأَرْضِ وَجَعَلْنَا لَكُمْ فِيهَا مَعَايِشَ ۗ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سىلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈردۇق، زېمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق، (سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مۇشۇنداق نېمەتلىرى بار تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا) ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى زېمىندا ماكانلاشتۇردۇق، زېمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازېمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق، (مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق پەرۋەردىگارىڭلارغا) سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىۋاتىسىلەر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە زېمىندا كۈچ - قۇۋۋەت بەردۇق ۋە زېمىندا سىلەرگە ھەر خىل تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بار قىلدۇق. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.
7 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: ‹‹سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر››[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «چۈشۈڭلار. بەزىڭلارنىڭ دۈشمىنى بولىدىلەر. سىلەر ئۈچۈن زېمىندا قارارگاھ ۋە بىر مۇددەتكىچە مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار.
7 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فِيهَا تَحْيَوْنَ وَفِيهَا تَمُوتُونَ وَمِنْهَا تُخْرَجُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: ‹‹يەر يۈزىدە ياشايسىلەر، يەر يۈزىدە ئۆلۈسىلەر، (قىيامەت كۈنى) يەنە يەر ئاستىدىن چىقىرىلىسىلەر››[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «يەر يۈزىدە ياشايسىلەر، يەر يۈزىدە ئۆلىسىلەر، (قىيامەت كۈنى) يەنە يەر ئاستىدىن چىقىرىلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئۇ يەردە ياشايسىلەر، ئۇ يەردە ئۆلۈسىلەر ۋە ئۇ يەردىن چىقىرىلىسىلەر» دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
7 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ اسْتَعِينُوا بِاللَّهِ وَاصْبِرُوا ۖ إِنَّ الْأَرْضَ لِلَّهِ يُورِثُهَا مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ئىگە قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار ۋە سەۋر قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، زېمىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە مىراس قىلىپ بېرىدۇ. ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارنىڭ بولىدۇ» دېدى.
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ جَعَلْنَاكُمْ خَلَائِفَ فِي الْأَرْضِ مِنْ بَعْدِهِمْ لِنَنْظُرَ كَيْفَ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى (يەنى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنى) (ھالاك قىلغان) دىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسار قىلدۇق[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇلاردىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى ئورۇنباسار قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قاراش ئۈچۈن سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆتكۈزۈپ يەر يۈزىدە ھاكىم قىلدۇق.
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ يُجِيبُ الْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَاءَ الْأَرْضِ ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ قَلِيلًا مَا تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى بېشىغا ئېغىرچىلىق كەلگەن كىشى دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان زات ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەكمۇ ئاز ئويلىنىسىلەر!
قەسەس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُرِيدُ أَنْ نَمُنَّ عَلَى الَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا فِي الْأَرْضِ وَنَجْعَلَهُمْ أَئِمَّةً وَنَجْعَلَهُمُ الْوَارِثِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز (مىسىر) زېمىنىدا بوزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز، ئۇلارنى يولباشچىلاردىن قىلىشنى، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ (مۈلكىگە) ۋارىس قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: بىز بولساق، ئۇ مەملىكەتتە بوزەك قىلىنغانلارغا ياخشىلىق قىلىشنى، ئۇلارنى يېتەكچىلەر قىلىشنى ۋە ئۇلارنى مەملىكەتنىڭ ۋارىسلىرى قىلىشنى ئىرادە قىلاتتۇق.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا عَرَضْنَا الْأَمَانَةَ عَلَى السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالْجِبَالِ فَأَبَيْنَ أَنْ يَحْمِلْنَهَا وَأَشْفَقْنَ مِنْهَا وَحَمَلَهَا الْإِنْسَانُ ۖ إِنَّهُ كَانَ ظَلُومًا جَهُولًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى (يەنى پەرزلەرنى ۋە شەرىئەت تەكلىپلىرىنى) ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئۇنىڭ (ئېغىرلىقى) دىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى، ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ھەقىقەتەن ناداندۇر[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئۇنىڭدىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى، ئىنسان ھەقىقەتەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ھەقىقەتەن ناداندۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق. ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئېلىشتىن چېكىندى، ئۇنىڭدىن قورقتى. ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەقىقەتەن زالىمدۇر، جاھىلدۇر.
فاتىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي جَعَلَكُمْ خَلَائِفَ فِي الْأَرْضِ ۚ فَمَنْ كَفَرَ فَعَلَيْهِ كُفْرُهُ ۖ وَلَا يَزِيدُ الْكَافِرِينَ كُفْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ إِلَّا مَقْتًا ۖ وَلَا يَزِيدُ الْكَافِرِينَ كُفْرُهُمْ إِلَّا خَسَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسارلار قىلدى، كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇفرى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت غەزەپنىلا زىيادە قىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كۇفرى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ)، كاپىرلارنىڭ كۇفرى ئۇلارغا پەقەت ھالاكەتنىلا زىيادە قىلىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسارلار قىلدى، كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇفرى رەببىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت غەزەپنىلا زىيادە قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇفرى ئۇلارغا پەقەت زىياننىلا زىيادە قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسارلار قىلدى. كىم كافىر بولسا ئۆزىگە كافىر بولىدۇ. كافىرلارنىڭ كۇفرىلىقى ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا نەپرەتتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمايدۇ، كافىرلارنىڭ كۇفرىلىقى ئۆزلىرىگە زىياندىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمايدۇ.
مۈلك سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ ذَلُولًا فَامْشُوا فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا مِنْ رِزْقِهِ ۖ وَإِلَيْهِ النُّشُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، شۇنداق بولغانىكەن زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. ئاللاھنىڭ رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، زېمىننى سىلەرگە كۆنۈك ئۇلاغقا ئوخشاش قىلىپ بەردى. ئۇ ھالدا زېمىننىڭ ئۈستىدە مېڭىڭلار ۋە ئۇ زات بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار، قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
67 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هُوَ الَّذِي ذَرَأَكُمْ فِي الْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى يەر يۈزىدە يارىتىپ كۆپەيتتى، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرنى يەر يۈزىدە يارىتىپ كۆپەيتتى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئۇ رەھمان سىلەرنى كۆپەيتىپ زېمىنغا تارقاتقان زاتتۇر. سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر».
نوھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ بِسَاطًا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى يېيىپ بەردى»[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى يېيىپ بىسات قىلىپ بەردى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك قىلىپ بەردى.
قىيامەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
أَيَحْسَبُ الْإِنْسَانُ أَنْ يُتْرَكَ سُدًى
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟[36]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئىنسان ئۆزىنىڭ بىكار قويۇۋېتىلىدىغانلىقىنى ئويلامدۇ؟