شېھىتلىك
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئورنى - ئۇلارنى ئۆلۈك دېمەسلىك كېرەكلىكى، ئۇلارنىڭ روھى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا تىرىك ئىكەنلىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر - قۇرئاندا بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنغان ئالاھىدە ئۇقۇم.
ئېنگلىزچىسى: Martyrdom
24 ئايەت
11 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 جىھاد ۋە مۇداپىئە /
- 📄 شېھىتلىك
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقُولُوا لِمَنْ يُقْتَلُ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَمْوَاتٌ ۚ بَلْ أَحْيَاءٌ وَلَٰكِنْ لَا تَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى (يەنى شەھىدلەرنى) ئۆلۈك دېمەڭلار، بەلكى ئۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر بۇنى سەزمەيسىلەر[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دېمەڭلار، بەلكى ئۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر بۇنى سەزمەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى «ئۆلۈك» دېمەڭلار. بەلكى ئۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر تۇيمايسىلەر.
2 : 207 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْرِي نَفْسَهُ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ رَءُوفٌ بِالْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ (قىلغان ئەمەلى بىلەن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنىلا تىلەيدۇ). ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر[207].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەپ جېنىنى پىدا قىلىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە شەپقەتلىكتۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَمْسَسْكُمْ قَرْحٌ فَقَدْ مَسَّ الْقَوْمَ قَرْحٌ مِثْلُهُ ۚ وَتِلْكَ الْأَيَّامُ نُدَاوِلُهَا بَيْنَ النَّاسِ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَيَتَّخِذَ مِنْكُمْ شُهَدَاءَ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەرگە شىكەستىلىك يەتكەن بولسا (يەنى بۇ جەڭدە سىلەر يارىلانغان ۋە شەھىد بولغان بولساڭلار)، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى جېڭىدە) ئوخشاشلا شىكەستىلىك يەتتى (يەنى ئۇلار يارىلاندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى). بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز (يەنى غەلىبىنى ھەمىشە بىر پىرقىدە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە، بىركۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز)، (بۇ) ئاللاھنىڭ (ھەقىقىي) مۆمىنلەرنى (مۇناپىقلاردىن) ئايرىشى ئۈچۈندۇر، سىلەرنى شەھىدلەردىن قىلىشى (يەنى سىلەردىن بەزىلەرنى شەھىدلىك دەرىجىسىگە مۇشەررەپ قىلىشى) ئۈچۈندۇر، ـ ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەرگە تالاپەت يەتكەن بولسا، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى جېڭىدە) ئوخشاشلا تالاپەت يەتكەن ئىدى. بۇنداق كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز، بۇ ئاللاھنىڭ ھەقىقىي مۆمىنلەرنى پەرقلەندۈرۈشى، سىلەردىن شېھىتلەرنى چىقىرىشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر بۇ ئۇھۇد ئۇرۇشىدا يارىلانغان بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئۇ قەۋممۇ بەدىر ئۇرۇشىدا ئوخشاشلا يارىلانغان. بىز بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا نۆۋەتلەشتۈرۈپ تۇرىمىز. بۇ ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنى بىلىشى24 ۋە بەزىڭلارنى شېھىتلىك ماقامىغا يەتكۈزۈشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
3 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ كُنْتُمْ تَمَنَّوْنَ الْمَوْتَ مِنْ قَبْلِ أَنْ تَلْقَوْهُ فَقَدْ رَأَيْتُمُوهُ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئۆلۈم (يەنى دۈشمەن) بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، مانا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار [143].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئۆلۈم بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، مانا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۆلۈم بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار. مانا ئەمدى ئۇنى كۆرۈپ قاراپ تۇرىسىلەر.
3 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ قُتِلْتُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَوْ مُتُّمْ لَمَغْفِرَةٌ مِنَ اللَّهِ وَرَحْمَةٌ خَيْرٌ مِمَّا يَجْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ يولىدا (يەنى غازاتتا) ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى (غازاتقا كېتىپ بېرىپ ئۆز ئەجىلىڭلار بىلەن) ئۆلسەڭلار، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە رەھمەت، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ توپلايدىغان دۇنياسىدىن ئارتۇقتۇر[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى ئۆلسەڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ توپلايدىغان دۇنياسىدىن ئەۋزەلدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى ئۆلسەڭلار، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنىدىغان مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر.
3 : 169 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَمْوَاتًا ۚ بَلْ أَحْيَاءٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ يُرْزَقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يولىدا شېھىت بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇلۇپ تۇرىدۇ)[169].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغانلارنى ھەرگىز ئۆلۈك دەپ قارىمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دەپ ھېسابلىمىغىن! بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا تىرىكتۇر، بېرىلگەن رىزىقتىن بەھرىمەن بولماقتىدۇر،
3 : 170 - ئايەت
كۆرۈش
فَرِحِينَ بِمَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ وَيَسْتَبْشِرُونَ بِالَّذِينَ لَمْ يَلْحَقُوا بِهِمْ مِنْ خَلْفِهِمْ أَلَّا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر، ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن (يەنى شېھىت بولماي تىرىك قالغان) قېرىنداشلىرىغا (ئاخىرەتتە) نە قورقۇنچ، (دۇنيادىن ئايرىلغانلىقىغا) نە قايغۇ يوق ئىكەنلىكى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ[170].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن قېرىنداشلىرىغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچمۇ، قايغۇمۇ يوق ئىكەنلىكىدىن خۇشال بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىلتىپات قىلىپ بەرگەن نېمەتلەر بىلەن خۇرسەن بولماقتىدۇر. ئۇلار ئارقىلىرىدىن يېتىشمىگەنلەرگە: «سىلەرگە ھېچ قورقۇنچ يوق ھەمدە قايغۇرمايسىلەر» دەپ خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
3 : 171 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْتَبْشِرُونَ بِنِعْمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن نېمەت ۋە پەزلنى، مۆمىنلەرنىڭ ئەجرىنى ئاللاھنىڭ بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ[171].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلىدىن، مۆمىنلەرنىڭ ئەجرىنى ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ ئەجرىنى ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى، ئىلتىپاتى ۋە ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
3 : 195 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَجَابَ لَهُمْ رَبُّهُمْ أَنِّي لَا أُضِيعُ عَمَلَ عَامِلٍ مِنْكُمْ مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَىٰ ۖ بَعْضُكُمْ مِنْ بَعْضٍ ۖ فَالَّذِينَ هَاجَرُوا وَأُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ وَأُوذُوا فِي سَبِيلِي وَقَاتَلُوا وَقُتِلُوا لَأُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَأُدْخِلَنَّهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ثَوَابًا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عِنْدَهُ حُسْنُ الثَّوَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلىپ: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر ـ بىرىڭلاردىن (تۆرەلگەن)» دېدى. ئاندىن ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، مېنىڭ يولۇمدا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن) ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار، (يەنى مېنىڭ يولۇمدا ئۇرۇشقانلار) ۋە مېنىڭ يولۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى (مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن) ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ (ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياخشى مۇكاپات (يەنى جەننەت) بار[195].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋاردىگارى ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر ـ بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن. مېنىڭ يولۇمدا ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يەنە ياخشى مۇكاپات بار
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن رەببى ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن سىلەردىن ھېچبىرىڭلارنىڭ ئەمىلىنى زايە قىلىۋەتمەيمەن. سىلەر بىر - بىرىڭلاردىنسىلەر. بۇنىڭغا ئاساسەن مەن ھىجرەت قىلغان، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مېنىڭ يولۇمدا ئەزىيەت چەككەن، ئۇرۇشقان ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىمەن ۋە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. بۇ ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ياخشى مۇكاپاتلار بار».
نىسا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَالرَّسُولَ فَأُولَٰئِكَ مَعَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ وَالصِّدِّيقِينَ وَالشُّهَدَاءِ وَالصَّالِحِينَ ۚ وَحَسُنَ أُولَٰئِكَ رَفِيقًا
مۇھەممەد سالىھ: كىملەركى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار![69]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان كىشىلەر (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلغانلار ئاللاھ ئىنئام قىلغان نەبىيلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ. ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلاردۇر!
4 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
فَلْيُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ الَّذِينَ يَشْرُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا بِالْآخِرَةِ ۚ وَمَنْ يُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَيُقْتَلْ أَوْ يَغْلِبْ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتكە تېگىشىدىغانلار ئاللاھ يولىدا (جېنىنى، پۇل ـ مېلىنى پىدا قىلىپ) جىھاد قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتكە تېگىشىدىغانلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلسۇن. كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتنىڭ بەدىلىگە ساتىدىغانلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشسۇن. كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز يېقىندا ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز.
4 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُهَاجِرْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ يَجِدْ فِي الْأَرْضِ مُرَاغَمًا كَثِيرًا وَسَعَةً ۚ وَمَنْ يَخْرُجْ مِنْ بَيْتِهِ مُهَاجِرًا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ يُدْرِكْهُ الْمَوْتُ فَقَدْ وَقَعَ أَجْرُهُ عَلَى اللَّهِ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ زېمىندا چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ زېمىندا چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن يولدا ۋاپات تاپسا، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: كىم ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، زېمىندا پاناھلىنىدىغان كۆپ جاي ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىم ئۆيىدىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ھىجرەت قىلىپ چىقىپ ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھ چوقۇم ئۇنىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
ئەئراف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا إِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا مُنْقَلِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر ئېيتتى: «بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، بىز رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچى كىشىلەرمىز.
7 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تَنْقِمُ مِنَّا إِلَّا أَنْ آمَنَّا بِآيَاتِ رَبِّنَا لَمَّا جَاءَتْنَا ۚ رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَتَوَفَّنَا مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن بىزنى پەقەت پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن»[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىزنى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. ئى رەببىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ جېنىمىزنى مۇسۇلمان ھالىتىمىزدە ئالغىن»
ئەنەس ئالىم: سەن رەببىمىزنىڭ بىزگە كەلگەن ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىزگە نەپرەت قىلىۋاتىسەن. رەببىمىز! ئۈستىمىزگە سەۋر ياغدۇرغىن ۋە بىزنى مۇسۇلمانلار ھالىتىمىزدە ۋاپات قىلدۇرغىن».
تەۋبە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هَلْ تَرَبَّصُونَ بِنَا إِلَّا إِحْدَى الْحُسْنَيَيْنِ ۖ وَنَحْنُ نَتَرَبَّصُ بِكُمْ أَنْ يُصِيبَكُمُ اللَّهُ بِعَذَابٍ مِنْ عِنْدِهِ أَوْ بِأَيْدِينَا ۖ فَتَرَبَّصُوا إِنَّا مَعَكُمْ مُتَرَبِّصُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «سىلەر پەقەت بىزنىڭ (غەلىبە قىلىش ياكى شېھىت بولۇشتىن ئىبارەت) ئىككى خىل ياخشى ئاقىۋەتنىڭ بىرىگە ئېرىشىشىمىزنى كۈتۈۋاتىسىلەر، بىزمۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن ئازاب چۈشۈرۈشنى ياكى بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىق سىلەرنى جازالىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتەيلى»[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەر پەقەت بىزنىڭ -غەلىبە قىلىش ياكى شېھىت بولۇشتىن ئىبارەت- ئىككى خىل ياخشى ئاقىۋەتنىڭ بىرىگە ئېرىشىشىمىزنى كۈتۈۋاتىسىلەر، بىزمۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن ئازاب چۈشۈرۈشنى ياكى بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىق سىلەرنى جازالىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتكۈچىلەرمىز»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «سىلەر بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىككى ئاقىۋەتنىڭ بىرىنىلا كۈتۈۋاتىسىلەر. بىز بولساق، سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يا ئۆز تەرىپىدىن ياكى بىزنىڭ قولىمىز بىلەن سىلەرگە ئازاب يەتكۈزىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. ئۇنداقتا كۈتۈڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتمەكتىمىز».
9 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
لَٰكِنِ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ جَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ ۚ وَأُولَٰئِكَ لَهُمُ الْخَيْرَاتُ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن، پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلار ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى، ئەنە شۇلار (ئىككىلا دۇنيانىڭ) ياخشىلىقلىرىغا نائىل بولىدۇ، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن، پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلار ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى، پۈتۈن ياخشىلىقلار ئەنە شۇلار ئۈچۈندۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: لېكىن رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلار ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى. ياخشىلىقلار ئەنە شۇلارنىڭدۇر، مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر.
9 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ اشْتَرَىٰ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ أَنْفُسَهُمْ وَأَمْوَالَهُمْ بِأَنَّ لَهُمُ الْجَنَّةَ ۚ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَيَقْتُلُونَ وَيُقْتَلُونَ ۖ وَعْدًا عَلَيْهِ حَقًّا فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنْجِيلِ وَالْقُرْآنِ ۚ وَمَنْ أَوْفَىٰ بِعَهْدِهِ مِنَ اللَّهِ ۚ فَاسْتَبْشِرُوا بِبَيْعِكُمُ الَّذِي بَايَعْتُمْ بِهِ ۚ وَذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۆمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ (دۈشمەنلەرنى) ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەر بىلەن جىھاد قىلىپ شېھىت بولىدۇ)، (جىھاد قىلغۇچىلارغا جەننەتنى ۋەدە قىلىش) تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان (ئاللاھنىڭ) راست ۋەدىسىدۇر، ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار ، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر[111]
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلاردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ دۈشمەنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ، بۇ، تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان ئاللاھنىڭ راست ۋەدىسىدۇر، ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلارغا جەننەتنى بېرىپ، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلاردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشىدۇ. بۇ يولدا ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان راست ۋەدىسىدۇر. ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلىدىغان كىم بار؟ ئۇنداقتا ئاللاھ بىلەن قىلىشقان بۇ سوداڭلارغا خۇشال بولۇڭلار. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر23.
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ هَاجَرُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ قُتِلُوا أَوْ مَاتُوا لَيَرْزُقَنَّهُمُ اللَّهُ رِزْقًا حَسَنًا ۚ وَإِنَّ اللَّهَ لَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا، ئاندىن (جىھاد قىلىپ) ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە ياكى (كېسەل بىلەن) ئۆلگەنلەرگە ئاللاھ چوقۇم ياخشى رىزىق (يەنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلىدۇ. رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھەقىقەتەن يالغۇز ئاللاھتۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ يولىدا ھىجرەت قىلغان، ئاندىن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆلگەنلەرگە ئاللاھ چوقۇم ياخشى رىزىق ئاتا قىلىدۇ. رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھەقىقەتەن يالغۇز ئاللاھدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆلگەن كىشىلەر بولسا، ئاللاھ ئۇلارغا چوقۇم ياخشى رىزىق ئاتا قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
شۇئەرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا لَا ضَيْرَ ۖ إِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا مُنْقَلِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سېھىرگەرلەر: «(بۇنىڭدىمۇ بىزگە) ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز، بىز مۇساغا ھەممىدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلىمىز» دېدى[50 ـ 51].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر: «ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئېيتتى: «ھېچ زىيان يوق. شۈبھىسىزكى، بىز رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچى كىشىلەرمىز.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
مِنَ الْمُؤْمِنِينَ رِجَالٌ صَدَقُوا مَا عَاهَدُوا اللَّهَ عَلَيْهِ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ قَضَىٰ نَحْبَهُ وَمِنْهُمْ مَنْ يَنْتَظِرُ ۖ وَمَا بَدَّلُوا تَبْدِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا ساباتلىق بولۇپ، شېھىت بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرۇلۇق) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىسى (شېھىت بولۇشنى) كۈتكمەكتە، ئۇلار (پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى) ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ شېھىت بولدى، بەزىسى شېھىت بولۇشنى كۈتكمەكتە، ئۇلار ئەھدىسىنى ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە سادىق بولغان ئەرلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى جېنىنى پىدا قىلدى، بەزىسى كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتمىدى.
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي آمَنْتُ بِرَبِّكُمْ فَاسْمَعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى ياراتقان) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان ئېيتتىم، (ئىمانىمغا) قۇلاق سېلىڭلار (ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار)»[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتتىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار»
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلارغا ئىشەندىم. ماڭا قۇلاق سېلىڭلار».
مۇھەممەد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّىٰ إِذَا أَثْخَنْتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاءً حَتَّىٰ تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا ۚ ذَٰلِكَ وَلَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَانْتَصَرَ مِنْهُمْ وَلَٰكِنْ لِيَبْلُوَ بَعْضَكُمْ بِبَعْضٍ ۗ وَالَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَلَنْ يُضِلَّ أَعْمَالَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر كۇففارلارغا (جەڭ مەيدانىدا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەر ئۇلارنى قىرىپ (مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلاردا سىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچ قالمىغان چاغدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توختاپ)، ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، تاكى ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر (يەنى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر) ئىش مانا شۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە (سىلەرنى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (يەنى ئىمانىڭلارنى سىناش ئۈچۈن جىھادقا ئەمر قىلدى)، ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ (يەنى شېھىتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر كۇففارلارغا -جەڭ مەيدانىدا- ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەر ئۇلارنى قىرىپ، ئۇلاردا سىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچ قالمىغاندا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خالىساڭلار ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، تاكى ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر ئىش مانا شۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنىماقچى، ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئەسلا زايا قىلىۋەتمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: جەڭ مەيدانىدا كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلارنى قىرىپ تاشلاڭلار. ئاخىرى ئۇلارنى يېڭىپ، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ چىڭ تۇتۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىديە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار. ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلىغانغا قەدەر شۇنداق قىلىڭلار. بۇ ئىش مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالاتتى. لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنايدۇ. ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھەرگىزمۇ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ،
47 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُدْخِلُهُمُ الْجَنَّةَ عَرَّفَهَا لَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئۇلارغا تونۇتتى (يەنى جەننەتكە كىرگەن ئادەم ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىكى جايىنى ئىلگىرى كۆرگەندەكلا بىلىدۇ)[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۈلارنى ئۇلارغا تۇنۇشتۇرغان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ
ئەنەس ئالىم: ۋە ئۇلارنى، ئۇلارغا تونۇتقان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ أُولَٰئِكَ هُمُ الصِّدِّيقُونَ ۖ وَالشُّهَدَاءُ عِنْدَ رَبِّهِمْ لَهُمْ أَجْرُهُمْ وَنُورُهُمْ ۖ وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلار ـ ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا سىددىقلاردۇر، شېھىتلەردۇر، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ساۋابقا ۋە نۇرغا ئىگە بولىدۇ، بىرنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ۋە يالغانغا چىقارغانلار ـ ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار رەببىنىڭ دەرگاھىدا سىددىقلاردۇر ۋە شېھىتلەردۇر، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتلىرى ۋە نۇرلىرى باردۇر، بىرنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ۋە يالغانغا چىقارغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەنگەنلەر راستچىللاردۇر ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا شاھىتلاردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇكاپاتىغا ۋە نۇرىغا ئېرىشىدۇ. كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر.