ئۆمرە
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
يىلنىڭ ھەر قانداق ۋاقتىدا ئادا قىلسا بولىدىغان، قىلىش پەرز ئەمەس كىچىك ھەج پائالىيىتى.
ئېنگلىزچىسى: Umrah
2 ئايەت
1 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ھەج ۋە ئۆمرە /
- 📄 ئۆمرە
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 158 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الصَّفَا وَالْمَرْوَةَ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ ۖ فَمَنْ حَجَّ الْبَيْتَ أَوِ اعْتَمَرَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِ أَنْ يَطَّوَّفَ بِهِمَا ۚ وَمَنْ تَطَوَّعَ خَيْرًا فَإِنَّ اللَّهَ شَاكِرٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەفا بىلەن مەرۋە ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. ھەج قىلغان ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ گۇناھ يوق. كىمكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن (ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ)، ئاللاھ ئەلۋەتتە شۈكۈرنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[158].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەفا بىلەن مەرۋە ئوتتۇرىسىدا سەئيى قىلىش ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. ھەج قىلغان ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ گۇناھ يوقتۇر. كىمكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سەفا بىلەن مەرۋە ئاللاھ ئىبادەت يەرلىرى قىلىپ بەلگىلىگەن نىشانلاردىندۇر. كىم ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نىيىتى بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلسا، ئۇنىڭغا سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشىدا ھېچ گۇناھ يوق. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلسا، بىلسۇنكى ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، قىلمىشىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 196 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ ۚ فَإِنْ أُحْصِرْتُمْ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ ۖ وَلَا تَحْلِقُوا رُءُوسَكُمْ حَتَّىٰ يَبْلُغَ الْهَدْيُ مَحِلَّهُ ۚ فَمَنْ كَانَ مِنْكُمْ مَرِيضًا أَوْ بِهِ أَذًى مِنْ رَأْسِهِ فَفِدْيَةٌ مِنْ صِيَامٍ أَوْ صَدَقَةٍ أَوْ نُسُكٍ ۚ فَإِذَا أَمِنْتُمْ فَمَنْ تَمَتَّعَ بِالْعُمْرَةِ إِلَى الْحَجِّ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ ۚ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ فِي الْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ ۗ تِلْكَ عَشَرَةٌ كَامِلَةٌ ۗ ذَٰلِكَ لِمَنْ لَمْ يَكُنْ أَهْلُهُ حَاضِرِي الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا نېمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار)، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى كېسەل (يەنى چېچىنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بېشىدا ئىللەت (يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (چېچىنى چۈشۈرسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن، ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر[196].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا (قۇربانلىققا يارايدىغان چارۋىلاردىن) نېمىنى تاپلىساڭلار، شۇنى ھەديە قىلىڭلار. ھەيدە قىلىنىدىغان مال بەلگىلەنگەن جايىغا يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا ئىللەت بولۇپ چېچىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرسە، فىديە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن. ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى ھەديە قىلسۇن، ھەيدە قىلالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، ھەجدىن قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، بۇ تولۇق ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ ھۆكۈم ھەرەم مەسجىدى دائىرىسى (يەنى مەككە) دە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ھەج ۋە ئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن تاماملاڭلار. ئەگەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزۈڭلارغا ئاسان بولغىنىنى ئەۋەتىڭلار. بۇ مال جايىغا يېتىپ بارمىغىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. لېكىن ئىچىڭلاردىن بىرى كېسەل بولغانلىقى ياكى بېشىدىن بىرەر ئەزىيەت چەككەنلىكى ئۈچۈن چېچىنى ۋاقتىدىن ئىلگىرى چۈشۈرسە فىدىيە بەرسۇن. فىدىيە روزا تۇتۇش ياكى سەدىقە بېرىش ياكى قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا، كىمكى ھەجگىچىلىك ئۆمرە بىلەن پايدىلانسا59 قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزىگە ئاسان بولغىنىنى قۇربانلىق قىلسۇن. تاپالمىغانلار ھەج ئەسناسىدا ئۈچ كۈن، قايتقان چېغىڭلاردا ۋەتىنىدە يەتتە كۈن بولۇپ، جەمئىي تولۇق ئون كۈن روزا تۇتسۇن. بۇ ھۆكۈم ئائىلىسى مەسجىدى ھەرەمنىڭ تەۋەلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغانلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ جازاسى بەك قاتتىقتۇر.