ھەج ۋە ئۆمرە
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىبادەت: ھەج ۋە ئۆمرە
ئېنگلىزچىسى: Hajj and Umrah
34 ئايەت
8 سۈرە
5 تارماق تېما
تېمىلار
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ جَعَلْنَا الْبَيْتَ مَثَابَةً لِلنَّاسِ وَأَمْنًا وَاتَّخِذُوا مِنْ مَقَامِ إِبْرَاهِيمَ مُصَلًّى ۖ وَعَهِدْنَا إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ أَنْ طَهِّرَا بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْعَاكِفِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان ۋە تىنچ جاي قىلىپ بەردۇق. (كىشىلەرگە) ماقامى ئىبراھىمنى نامازگاھ قىلىڭلار (يەنى شۇ يەردە ناماز ئوقۇڭلار دېدۇق). ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى (يەنى كەبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرۇدۇق[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز كەئبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان جاي ۋە ئامان – ئېسەن تۇرىدىغان جاي قىلىپ بەرگەن ۋە ئۇلارغا ماقامى ئىبراھىمدا ناماز ئوقۇڭلار دېگەن ئىدۇق. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: «مېنىڭ ئۆيۈم (كەئبەم)نى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇڭلار» دەپ تاپىلىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن جەم بولىدىغان ۋە ئامانلىقتا بولىدىغان يەر قىلغان ۋە ئۇلارغا: «ئىبراھىمنىڭ ماقامىدىن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ناماز ئۆتەيدىغان جاي قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: «ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇڭلار» دەپ تاپىلىغان ئىدۇق.
2 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يَرْفَعُ إِبْرَاهِيمُ الْقَوَاعِدَ مِنَ الْبَيْتِ وَإِسْمَاعِيلُ رَبَّنَا تَقَبَّلْ مِنَّا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەئبىنىڭ ئۇلىنى سېلىۋېتىپ: «ئى رەببىمىز! بىزنىڭ ئىشىمىزنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئىسمائىل بىلەن بىرلىكتە كەبىنىڭ ئۇللىرنى كۆتۈرۈۋېتىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «رەببىمىز! قىلغان بۇ ئىشىمىزنى قوبۇل قىلغىن! سەن چوقۇم ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، بىلىپ تۇرغۇچىسەن.
2 : 144 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ نَرَىٰ تَقَلُّبَ وَجْهِكَ فِي السَّمَاءِ ۖ فَلَنُوَلِّيَنَّكَ قِبْلَةً تَرْضَاهَا ۚ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَحَيْثُ مَا كُنْتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ ۗ وَإِنَّ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّهِمْ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سېنىڭ (كەبە قىبلەڭ بولۇشىنى تىلەپ) قايتا ـ قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولماڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) بۇنىڭ (يەنى قىبلىنىڭ كەبىگە ئۆزگەرتىلىشىنىڭ) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن غاپىل ئەمەس[144].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سېنىڭ (كەئبىنىڭ قىبلەڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ) قايتا ـ قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. نامازدا يۈزۈڭنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامازدا يۈزۈڭلارنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن بىخەۋەر ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن بۇيرۇقىمىزنى كۈتۈپ پات - پات ئاسمانغا قاراۋاتىسەن. بىز سېنى چوقۇم سەن رازى بولىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن نامىزىڭدا يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن! ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى ئۇنىڭ تەرىپىگە قىلىڭلار. كىتاب بېرىلگەنلەر ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇكى، قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئۆزلىرىنىڭ رەببىدىن كەلگەن ھەق ھۆكۈمدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس.
2 : 158 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الصَّفَا وَالْمَرْوَةَ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ ۖ فَمَنْ حَجَّ الْبَيْتَ أَوِ اعْتَمَرَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِ أَنْ يَطَّوَّفَ بِهِمَا ۚ وَمَنْ تَطَوَّعَ خَيْرًا فَإِنَّ اللَّهَ شَاكِرٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەفا بىلەن مەرۋە ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. ھەج قىلغان ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ گۇناھ يوق. كىمكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن (ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ)، ئاللاھ ئەلۋەتتە شۈكۈرنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[158].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەفا بىلەن مەرۋە ئوتتۇرىسىدا سەئيى قىلىش ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. ھەج قىلغان ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ گۇناھ يوقتۇر. كىمكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سەفا بىلەن مەرۋە ئاللاھ ئىبادەت يەرلىرى قىلىپ بەلگىلىگەن نىشانلاردىندۇر. كىم ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نىيىتى بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلسا، ئۇنىڭغا سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشىدا ھېچ گۇناھ يوق. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلسا، بىلسۇنكى ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، قىلمىشىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 189 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْأَهِلَّةِ ۖ قُلْ هِيَ مَوَاقِيتُ لِلنَّاسِ وَالْحَجِّ ۗ وَلَيْسَ الْبِرُّ بِأَنْ تَأْتُوا الْبُيُوتَ مِنْ ظُهُورِهَا وَلَٰكِنَّ الْبِرَّ مَنِ اتَّقَىٰ ۗ وَأْتُوا الْبُيُوتَ مِنْ أَبْوَابِهَا ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يېڭى چىققان ئاي (يەنى ئاينىڭ كىچىك چىقىپ چوڭىيىدىغانلىقى، ئاندىن كىچىكلەيدىغانلىقى) توغرۇلۇق سورىشىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ كىشىلەرنىڭ (تىرىكچىلىك، سودا ـ سېتىق، مۇئامىلە، روزا تۇتۇش، ئېغىز ئېچىش قاتارلىق) ئىشلارنىڭ ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلىشى ئۈچۈندۇر». (جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلاردەك ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا) ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن (تۆشۈك ئېچىپ) كىرىش ياخشىلىققا ياتمايدۇ. (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپ ئىش قىلىشتىن) قورققان ئادەم ياخشى ئەمەل (ئىگىسى) دۇر. (ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا ئادەتتىكىدەك) ئۆيلەرنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، بەختكە ئېرىشىشڭلار ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار[189].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ھىلال ئاي توغرۇلۇق سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇ كىشىلەرنىڭ (ئۆز ئىشلىرىنىڭ ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى بەلگىلەش ۋاسىتىسىدۇر». (ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك) ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن تۆشۈك ئېچىپ كىرىش ياخشىلىققا ياتمايدۇ. لېكىن تەقۋادار ئادەمنىڭ ئەمەلى ياخشى ئەمەلدۇر. (ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا ئادەتتىكىدەك) ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىدىن كىرىڭلار، نىجاد تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن ھىلاللار توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ھىلاللار ئىنسانلار ئۈچۈن ۋە ھەج ئۈچۈن ۋاقىت ئۆلچەملىرىدۇر». ئۆيلەرگە ئارقىسىدىن كىرىشىڭلار ياخشىلىق ئەمەس57، لېكىن ياخشىلىق تەقۋادار بولغان كىشىنىڭ قىلمىشىدۇر. ئۇنداقتا ئۆيلەرگە ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
2 : 196 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ ۚ فَإِنْ أُحْصِرْتُمْ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ ۖ وَلَا تَحْلِقُوا رُءُوسَكُمْ حَتَّىٰ يَبْلُغَ الْهَدْيُ مَحِلَّهُ ۚ فَمَنْ كَانَ مِنْكُمْ مَرِيضًا أَوْ بِهِ أَذًى مِنْ رَأْسِهِ فَفِدْيَةٌ مِنْ صِيَامٍ أَوْ صَدَقَةٍ أَوْ نُسُكٍ ۚ فَإِذَا أَمِنْتُمْ فَمَنْ تَمَتَّعَ بِالْعُمْرَةِ إِلَى الْحَجِّ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ ۚ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ فِي الْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ ۗ تِلْكَ عَشَرَةٌ كَامِلَةٌ ۗ ذَٰلِكَ لِمَنْ لَمْ يَكُنْ أَهْلُهُ حَاضِرِي الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا نېمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار)، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى كېسەل (يەنى چېچىنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بېشىدا ئىللەت (يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (چېچىنى چۈشۈرسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن، ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر[196].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا (قۇربانلىققا يارايدىغان چارۋىلاردىن) نېمىنى تاپلىساڭلار، شۇنى ھەديە قىلىڭلار. ھەيدە قىلىنىدىغان مال بەلگىلەنگەن جايىغا يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا ئىللەت بولۇپ چېچىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرسە، فىديە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن. ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى ھەديە قىلسۇن، ھەيدە قىلالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، ھەجدىن قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، بۇ تولۇق ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ ھۆكۈم ھەرەم مەسجىدى دائىرىسى (يەنى مەككە) دە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ھەج ۋە ئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن تاماملاڭلار. ئەگەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزۈڭلارغا ئاسان بولغىنىنى ئەۋەتىڭلار. بۇ مال جايىغا يېتىپ بارمىغىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. لېكىن ئىچىڭلاردىن بىرى كېسەل بولغانلىقى ياكى بېشىدىن بىرەر ئەزىيەت چەككەنلىكى ئۈچۈن چېچىنى ۋاقتىدىن ئىلگىرى چۈشۈرسە فىدىيە بەرسۇن. فىدىيە روزا تۇتۇش ياكى سەدىقە بېرىش ياكى قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا، كىمكى ھەجگىچىلىك ئۆمرە بىلەن پايدىلانسا59 قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزىگە ئاسان بولغىنىنى قۇربانلىق قىلسۇن. تاپالمىغانلار ھەج ئەسناسىدا ئۈچ كۈن، قايتقان چېغىڭلاردا ۋەتىنىدە يەتتە كۈن بولۇپ، جەمئىي تولۇق ئون كۈن روزا تۇتسۇن. بۇ ھۆكۈم ئائىلىسى مەسجىدى ھەرەمنىڭ تەۋەلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغانلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ جازاسى بەك قاتتىقتۇر.
2 : 197 - ئايەت
كۆرۈش
الْحَجُّ أَشْهُرٌ مَعْلُومَاتٌ ۚ فَمَنْ فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ يَعْلَمْهُ اللَّهُ ۗ وَتَزَوَّدُوا فَإِنَّ خَيْرَ الزَّادِ التَّقْوَىٰ ۚ وَاتَّقُونِ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقىگە مۇناسىۋەتلىك سۆز قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (ھەج ئۈچۈن) ئوزۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار[197].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەجگە ئېھرام باغلىغان ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقىگە دائىر سۆزلەرنى قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جىدەل-ماجىرا قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. (ھەج ئۈچۈن) ئوزۇقلۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! مەندىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ھەج مەلۇم ئايلاردىدۇر. كىم بۇ ئايلاردا ھەجگە ئېھرام باغلىسا، بىلسۇنكى ھەج ئەسناسىدا ئەر - خوتۇن بىر يەردە بولۇشقا، گۇناھ قىلىشقا ۋە جېدەللىشىشكە قەتئىي بولمايدۇ. ياخشىلىقتىن نېمە قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئوزۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋالىقتۇر. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى، ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار!
2 : 198 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَبْتَغُوا فَضْلًا مِنْ رَبِّكُمْ ۚ فَإِذَا أَفَضْتُمْ مِنْ عَرَفَاتٍ فَاذْكُرُوا اللَّهَ عِنْدَ الْمَشْعَرِ الْحَرَامِ ۖ وَاذْكُرُوهُ كَمَا هَدَاكُمْ وَإِنْ كُنْتُمْ مِنْ قَبْلِهِ لَمِنَ الضَّالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدە (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھ ئىدىڭلار (ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى گۇمراھلار قاتارىدا ئىدىڭلار)[198].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرۇلھەرامدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھلىقتا ئىدىڭلار
ئەنەس ئالىم: ھەج مەۋسۇمىدە تىجارەت قىلىپ رەببىڭلاردىن ئىلتىپات تەلەپ قىلىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر. ئەرەفاتتىن سەلدەك ئاققان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. ئاللاھنى سىلەرگە كۆرسەتكىنى بويىچە زىكىر قىلىڭلار. سىلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئازغۇنلاردىن ئىدىڭلار.
2 : 199 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَفِيضُوا مِنْ حَيْثُ أَفَاضَ النَّاسُ وَاسْتَغْفِرُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن كېيىن، سىلەر (ئەرەفاتتىن) كىشىلەر قايتقان جاي بىلەن قايتىڭلار، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[199].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن كېيىن، سىلەر كىشىلەر قايتقان جايدىن (ئەرەفاتتىن) قايتىڭلار، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئىنسانلار سەلدەك ئاققان يەردىن سىلەرمۇ سەلدەك ئېقىڭلار. ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
2 : 200 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا قَضَيْتُمْ مَنَاسِكَكُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَذِكْرِكُمْ آبَاءَكُمْ أَوْ أَشَدَّ ذِكْرًا ۗ فَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنى ئاتا ـ بوۋاڭلارنى ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار. بەزى كىشىلەر: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر[200].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنى ئاتا ـ بوۋاڭلارنى ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار، بەزى كىشىلەر: «ئى رەببىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋە يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: ھەج ئىبادەتلىرىڭلارنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنى زىكىر قىلغاندەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى: «رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادا بەرگىن» دەيدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋىسى بولمايدۇ.
2 : 201 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى كىشىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ[201].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى كىشىلەر: «ئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى: «رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ.
2 : 203 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرُوا اللَّهَ فِي أَيَّامٍ مَعْدُودَاتٍ ۚ فَمَنْ تَعَجَّلَ فِي يَوْمَيْنِ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ وَمَنْ تَأَخَّرَ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ لِمَنِ اتَّقَىٰ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ساناقلىق كۈنلەردە (تەشرىق كۈنلىرى يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 1 – 2 – 3 كۈنلىرىدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار)، (مىنادىن) ئالدىراپ ئىككى كۈندە قايتقان ئادەمگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، تەخىر قىلىپ قايتقان ئادەمگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (يۇقىرىقى ئەھكاملار) تەقۋادارلىق قىلىپ (ھەجنى تولۇق ئادا قىلماقچى بولغان) ئادەم ئۈچۈندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار؛ بىلىڭلاركى، سىلەر ھېساب ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر[203].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى قۇربان ھېيتتىن كېيىنكى تەشرىق كۈنلىرىدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (يەنى نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار)، مىنا تېغىدا قۇربان ھېيت كۈنىدىن كېيىن ئىككى كۈن تۇرۇپ ئالدىراپ قايتقان ئادەمگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، بۇ تەقۋادار ئادەم ئۈچۈندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار؛ بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ساناقلىق كۈنلەردە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. كىمكى ئالدىراپ مىنادىن ئىككى كۈندە قايتسا، ئۇنىڭغا گۇناھ يوق. كىمكى مىنادا يەنە بىر كۈن قالسا، ئۇنىڭغىمۇ گۇناھ يوق. بۇ تەقۋادار بولغان كىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر.
ئال ئىمران سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكًا وَهُدًى لِلْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) تۇنجى سېلىنغان ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) مەككىدىدۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن، جاھان ئەھلىگە بەرىكەت ۋە ھىدايەت بولغان، ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) سېلىنغان تۇنجى ئۆي مەككىدىكى ئۆي (بەيتۇللاھ) دۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ بەرىكەتلىكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر.
3 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
فِيهِ آيَاتٌ بَيِّنَاتٌ مَقَامُ إِبْرَاهِيمَ ۖ وَمَنْ دَخَلَهُ كَانَ آمِنًا ۗ وَلِلَّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا ۚ وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم (شۇلارنىڭ بىرى)، بەيتۇللاھقا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم شۇلارنىڭ بىرىدۇر، بەيتۇللاھغا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەئبىنى تاۋاپ قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى بۇنى ئىنكار قىلىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەردە روشەن ئايەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. بەيتۇللاھقا بېرىشقا يول تاپالىغان كىشىلەرنىڭ ھەج قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. كىم كافىر بولسا، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ئالەملەردىن بىھاجەتتۇر.
مائىد سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَوْفُوا بِالْعُقُودِ ۚ أُحِلَّتْ لَكُمْ بَهِيمَةُ الْأَنْعَامِ إِلَّا مَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ غَيْرَ مُحِلِّي الصَّيْدِ وَأَنْتُمْ حُرُمٌ ۗ إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ مَا يُرِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە (يەنى ئاللاھ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار. سىلەرگە ھاراملىقى بايان قىلىنىدىغانلاردىنباشقا، ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن (يېيىش) ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر ئېھرام (ياكى ھەرەم) دە بولغىنىڭلاردا شىكارنى ھالال سانىماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھالال ـ ھارام توغرۇلۇق) خالىغان نەرسىنى ھۆكۈم قىلىدۇ[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلارغا ۋاپا قىلىڭلار. تۆۋەندە سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىلىدىغانلاردىن باشقا چارۋىلارنىڭ ھەممىسىنى (بوغۇزلىغاندىن كېيىن يېيىش) ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر ئېھرامدا بولغىنىڭلاردا ئوۋ ئوۋلاشنى ھالال سانىماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! توختاملىرىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار. سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلار ھالال قىلىندى. پەقەت ئۇلاردىن سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا1. ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاشنى ھالال سانىماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ.
5 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُحِلُّوا شَعَائِرَ اللَّهِ وَلَا الشَّهْرَ الْحَرَامَ وَلَا الْهَدْيَ وَلَا الْقَلَائِدَ وَلَا آمِّينَ الْبَيْتَ الْحَرَامَ يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِنْ رَبِّهِمْ وَرِضْوَانًا ۚ وَإِذَا حَلَلْتُمْ فَاصْطَادُوا ۚ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآنُ قَوْمٍ أَنْ صَدُّوكُمْ عَنِ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ أَنْ تَعْتَدُوا ۘ وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ ۖ وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىنى (يەنى ھەجدە تائەتنىڭ بەلگىسى ھېسابلانغان ئىشلارنى) (تەرك ئېتىش بىلەن) چەكلەنگەن ئايلار (دا ئۇرۇش قىلىش) نى، ھەدىيەنى (يەنى كەبىگە ئاتالغان قۇربانلىققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىشنى)، قەلادە (يەنى ھەجدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھايۋانغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسە) لەرگە (چېقىلىشنى)، پەرۋەردىگارىنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەپ بەيتۇللاھقا (ھەج ئۈچۈن ياكى ئۆمرە ئۈچۈن) كەلگۈچىلەرگە (چېقىلىشنى) ھالال سانىماڭلار. ئىھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا شىكار قىلساڭلار بولىدۇ. بىرەر قەۋمنىڭ سىلەرنى مەسجىدى ھەرەم (زىيارىتى) دىن توسقانلىقتىن ئىبارەت دۈشمەنلىكى ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەبچى بولمىسۇن. ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىگە، ئۇرۇش چەكلەنگەن ئايغا، ھەرەمگە ئاتالغان ھەديەگە، (ھەديەلەرگە ئېسىپ قويۇلغان) بويۇنچۇقلارغا، پەرۋاردىگارىنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەپ بەيتۇللاھقا كەلگۈچىلەرگە چېقىلىشنى ھالال سانىماڭلار. ئېھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا ئوۋ ئوۋلىساڭلار بولىدۇ. بىرەر قەۋمنىڭ سىلەرنى ھەرەم مەسجىدىگە كىرىشتىن توسقانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆچمەنلىكىڭلار ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ نىشانلىرىنى2، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى، ھەرەمگە يوللانغان قۇربانلىقلارنى، ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرنى، رەببىدىن پەزل ۋە رازىلىق تىلەپ ھۆرمەتلىك بەيتۇللاھنى نىيەت قىلىپ ماڭغانلارنى ھالال سانىماڭلار3. ئېھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا ئوۋلىساڭلار بولىدۇ4. بىرەر قەۋمگە بىزنى مەسجىدى ھەرەمدىن توسقان دەپ ساقلىغان ئۆچمەنلىكىڭلار، سىلەرنى ھەددىڭلاردىن ئېشىشقا ئېلىپ بارمىسۇن! ياخشىلىققا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر.
5 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْتُلُوا الصَّيْدَ وَأَنْتُمْ حُرُمٌ ۚ وَمَنْ قَتَلَهُ مِنْكُمْ مُتَعَمِّدًا فَجَزَاءٌ مِثْلُ مَا قَتَلَ مِنَ النَّعَمِ يَحْكُمُ بِهِ ذَوَا عَدْلٍ مِنْكُمْ هَدْيًا بَالِغَ الْكَعْبَةِ أَوْ كَفَّارَةٌ طَعَامُ مَسَاكِينَ أَوْ عَدْلُ ذَٰلِكَ صِيَامًا لِيَذُوقَ وَبَالَ أَمْرِهِ ۗ عَفَا اللَّهُ عَمَّا سَلَفَ ۚ وَمَنْ عَادَ فَيَنْتَقِمُ اللَّهُ مِنْهُ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ ذُو انْتِقَامٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئىشنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر ياكى كەففارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە ئاش بېرىشتۇر ياكى ھەر مىسكىنگە بېرىدىغان ئاشنىڭ باراۋىرىگە بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. ئۆتكەنكى گۇناھنى (يەنى بۇ ئايەت چۈشۈشتىن بۇرۇن ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئۆلتۈرگەن بولساڭلار، بۇنى) ئاللاھ ئەپۇ قىلدى، كىمكى قايتا گۇناھ ئۆتكۈزسە (يەنى قايتىدىن ئوۋ ئۆلتۈرسە)، ئاللاھ ئۇنى جازالايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) جازالىغۇچىدۇر[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا تەڭداش كەلگۈدەك چارۋىدىن بىرنى كەئبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر، ياكى كەفارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە ئاش بېرىشتۇر، ياكى ھەر مىسكىنگە بېرىدىغان ئاشنىڭ باراۋىرىگە بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. (ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئۆلتۈرگەن) بۇرۇنقى گۇناھنى ئاللاھ ئەپۇ قىلدى، كىمكى بۇ گۇناھنى قايتا ئۆتكۈزسە، ئاللاھ ئۇنى جازالايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، گۇناھكارلارنى) جازالىغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا ئوۋنى ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىم ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن جازاسى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئۇ كىشى ئۆلتۈرگەن ئوۋغا تەڭ كېلىدىغان بىر ھايۋاندۇر - بۇنىڭغا سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشى ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ ھايۋاننى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىش لازىم - ياكى مىسكىنلەرگە تائام بېرىش كەففارىتىدۇر ياكى ئۇنىڭ باراۋىرىگە روزا تۇتۇشتۇر. بۇ جازا ئۇ كىشىنىڭ ئۆز قىلمىشىنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئىلگىرىكى گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلدى. كىمكى قايتا گۇناھ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ئىنتىقام ئىگىسىدۇر.
5 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
أُحِلَّ لَكُمْ صَيْدُ الْبَحْرِ وَطَعَامُهُ مَتَاعًا لَكُمْ وَلِلسَّيَّارَةِ ۖ وَحُرِّمَ عَلَيْكُمْ صَيْدُ الْبَرِّ مَا دُمْتُمْ حُرُمًا ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دېڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى، مادامىكى سىلەر ئېھرامدا ياكى ھەرەمدە ئىكەنسىلەر، قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش سىلەرگە ھارام قىلىندى، سىلەر (قىيامەت كۈنى) دەرگاھىغا توپلىنىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ (ئېھرامدىكىلەرنىڭ) ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ۋە ئۇلارنى يېيىش ھالال قىلىندى. سىلەر ئېھرامدا بولغان ۋاقتىڭلاردا قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش سىلەرگە ھارام قىلىندى. سىلەر دەرگاھىغا توپلىنىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە دېڭىزنىڭ ئوۋى ۋە يېمەكلىكى ھالال قىلىندى. بۇ سىلەرنى ۋە يولۇچىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. سىلەر ئېھرامدىلا بولىدىكەنسىلەر، قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋى سىلەرگە ھارام قىلىندى. سىلەر ھۇزۇرىغا يىغىلىدىغان ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.
5 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
جَعَلَ اللَّهُ الْكَعْبَةَ الْبَيْتَ الْحَرَامَ قِيَامًا لِلنَّاسِ وَالشَّهْرَ الْحَرَامَ وَالْهَدْيَ وَالْقَلَائِدَ ۚ ذَٰلِكَ لِتَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَأَنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بەيتۇلھەرەم بولغان كەبىنى، ھەج ئېيىنى، ھەجدە قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى، (قۇربانلىقنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە) بويۇنلىرىغا بەلگە ئېسىلغان تۆگىلەرنى ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ تۇتقۇسى قىلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر شەيئىنى بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بەيتۇلھەرام بولغان كەئبىنى، ھەج ئېيىنى، ھەجدە قىلىنىدىغان ھەديەنى، (ھەديە ماللارغا ئېسىپ قويۇلغان) بويۇنجۇقلارنى ئىنسانلارنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك) ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا پايدىلىق قىلدى، بۇ ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر شەيئىنى بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيى بولغان كەبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىسى قىلدى29. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى، ھەرەمگە يوللانغان قۇربانلىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرنىمۇ شۇنداق قىلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّ صَلَاتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت ـ ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر[162].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر.
تەۋبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَذَانٌ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ إِلَى النَّاسِ يَوْمَ الْحَجِّ الْأَكْبَرِ أَنَّ اللَّهَ بَرِيءٌ مِنَ الْمُشْرِكِينَ ۙ وَرَسُولُهُ ۚ فَإِنْ تُبْتُمْ فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۖ وَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ غَيْرُ مُعْجِزِي اللَّهِ ۗ وَبَشِّرِ الَّذِينَ كَفَرُوا بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ) چوڭ ھەج كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ئېلاندۇركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇشرىكلاردىن ئادا ـ جۇدادۇر. ئەگەر (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەرگە (گۇمراھلىقتا كېتىۋېرىشتىن) ياخشىدۇر، ئەگەر (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: (بۇ) چوڭ ھەج كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ئېلاندۇركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇشرىكلاردىن بىزاردۇر. ئەگەر (كۇفردىن) تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەرگە ياخشىدۇر، ئەگەر (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ (نىڭ جازاسى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. (ئى مۇھەممەد!) كافىرلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن
ئەنەس ئالىم: بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن چوڭ ھەج كۈنىدە ئىنسانلارغا چىقىرىلغان ئېلاندۇركى: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇ مۇشرىكلاردىن ئادا - جۇدادۇر. ئى مۇشرىكلار! ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى سىلەر ئاللاھتىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
ھەج سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَاهِيمَ مَكَانَ الْبَيْتِ أَنْ لَا تُشْرِكْ بِي شَيْئًا وَطَهِّرْ بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْقَائِمِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمغا بەيتۇللاھنىڭ ئورنىنى تەيىنلەپ بەردۇق، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگىن، تاۋاپ قىلغۇچىلارغا، قىيامدا تۇرغۇچىلارغا، رۇكۇ قىلغۇچىلارغا، سەجدە قىلغۇچىلارغا مېنىڭ ئۆيۈمنى پاك قىلغىن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمغا بەيتۇللاھنىڭ ئورنىنى تەيىنلەپ بەردۇق، -ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى-: «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگىن، تاۋاپ قىلغۇچىلارغا، قىيام قىلغۇچىلارغا، رۇكۇ قىلغۇچىلارغا، سەجدە قىلغۇچىلارغا مېنىڭ ئۆيۈمنى پاك قىلغىن
ئەنەس ئالىم: بىز ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغىن، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ - سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇتقىن.
22 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَذِّنْ فِي النَّاسِ بِالْحَجِّ يَأْتُوكَ رِجَالًا وَعَلَىٰ كُلِّ ضَامِرٍ يَأْتِينَ مِنْ كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٍ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا (ئۇلارنى) ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن، ئۇلار پىيادە ۋە ئورۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىدۇ، ئورۇق تۆگىلەر يىراق يوللارنى بېسىپ كېلىدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇلارنى ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن، ئۇلار پىيادە ۋە ئۇرۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىدۇ، ئۇرۇق تۆگىلەر يىراق يوللارنى بېسىپ كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىلغىن. ئۇلار يېنىڭغا پىيادىمۇ كېلىدۇ، چوڭقۇر ۋە كەڭ يوللاردىن كەلگەن ئورۇق ئۇلاغلارنىڭ ئۈستىدىمۇ كېلىدۇ.
22 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَشْهَدُوا مَنَافِعَ لَهُمْ وَيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ فِي أَيَّامٍ مَعْلُومَاتٍ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُمْ مِنْ بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ ۖ فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْبَائِسَ الْفَقِيرَ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن». سىلەر قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، موھتاجقا، پېقىرغا بېرىڭلار[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن». سىلەر قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، موھتاجقا، پېقىرغا بېرىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مەنپەئەتلىرىنى كۆرسۇن، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلاردىن مەلۇم كۈنلەردە بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلسۇن. ئى قۇربانلىق قىلغۇچىلار! قۇربانلىقىڭلاردىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، موھتاجلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار،
22 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ لْيَقْضُوا تَفَثَهُمْ وَلْيُوفُوا نُذُورَهُمْ وَلْيَطَّوَّفُوا بِالْبَيْتِ الْعَتِيقِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار كىرلىرىنى تازىلىسۇن (يەنى ئېھرامدىن چىققاندىن كېيىن چاچلىرىنى، تىرناقلىرىنى ئالسۇن)، ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن، قەدىمىي بەيت (يەنى بەيتۇللاھنى) تاۋاپ قىلسۇن[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار كىرلىرىنى تازىلىسۇن[1]، ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن، قەدىمىي ئۆي-بەيتۇللاھ-نى تاۋاپ قىلسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەجنىڭ قالغان پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ ئېھرامدىن چىقسۇن1، نەزىرلىرىگە ۋاپا قىلسۇن2 ۋە بەيتى ئەتىقنى تاۋاف قىلسۇن3».
22 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
لَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ثُمَّ مَحِلُّهَا إِلَى الْبَيْتِ الْعَتِيقِ
مۇھەممەد سالىھ: مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى بوغۇزلايدىغان ۋاقىتقىچە قۇربانلىق ماللىرىدىن (سېغىپ، نەسىللەندۈرۈپ، مىنىپ) پايدىلىنىسىلەر، ئاندىن ئۇنى بوغۇزلاشقا تېگىشلىك جاي بەيتۇللاھنىڭ يېنىدۇر (يەنى ھەرەمدۇر)[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئەييەن مۇددەتكىچە پايدىلىنىسىلەر، ئاندىن ئۇنى بوغۇزلاشقا تېگىشلىك جاي بەيتۇللاھنىڭ يېنىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۈچۈن قۇربانلىق ماللاردا مۇئەييەن مۇددەتكىچە مەنپەئەتلەر بار. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېتىپ بارىدىغان يېرى بەيتى ئەتىقتۇر.
22 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنْسَكًا لِيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُمْ مِنْ بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ ۗ فَإِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ فَلَهُ أَسْلِمُوا ۗ وَبَشِّرِ الْمُخْبِتِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلغانلىرىدا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، ئىتائەتمەنلەرگە خۇشخەۋەر بەرگىن[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى - قۇربانلىق قىلغانلىرىدا- ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، ئىتائەتمەنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: بىز ھەر ئۇممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى5 بەلگىلىدۇق. بىز بۇنى ئۇلارنىڭ ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلارنى بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق. سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. ئۇنداقتا پەقەت ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار. ئاللاھقا چىن قەلبىدىن بويسۇنغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
22 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْبُدْنَ جَعَلْنَاهَا لَكُمْ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ لَكُمْ فِيهَا خَيْرٌ ۖ فَاذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهَا صَوَافَّ ۖ فَإِذَا وَجَبَتْ جُنُوبُهَا فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْقَانِعَ وَالْمُعْتَرَّ ۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرْنَاهَا لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (كەبىگە ئېلىپ بېرىلىدىغان) تۆگىنى ئاللاھنىڭ (دىننىڭ) ئالامەتلىرىدىن (يەنى ھەجنىڭ ئەھكاملىرىدىن) قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەرگە نۇرغۇن پايدا بار، ئۇلارنى قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپ (يەنى ئۇلارنىڭ ئالدى سول پۇتىنى باغلاپ، ئۈچ پۇت بىلەن تۇرغۇزۇپ بوغۇزلىغىنىڭلاردا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار (يەنى بىسمىللاھ دەڭلار)، ئۇلار بوغۇزلىنىپ جېنى چىققاندا، ئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: تۆگىنى ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرى-ھەجنىڭ ئەھكاملىرى-دىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەرگە نۇرغۇن پايدا بار، ئۇلارنى قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ - بىسمىللا دەڭلار-، ئۇلار بوغۇزلىنىپ جېنى چىققاندا، ئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز سىلەرگە قۇربانلىق قىلىدىغان گەۋدىلىك ھايۋانلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ نىشانلىرىدىن قىلىپ بەردۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا ياخشىلىق بار. ئۇ ھايۋانلارنى قاتار تۇرغۇزۇپ قۇربانلىق قىلىشقا تەييار ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا بىسمىللاھ دەپ بوغۇزلاڭلار. ئۇلارنىڭ يانلىرى يەرگە چۈشۈپ جېنى چىققاندا ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە ئېھتىياجىنى بىلدۈرگەن موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار. بىز ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شۈكۈر قىلغايسىلەر.
22 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
لَنْ يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَاؤُهَا وَلَٰكِنْ يَنَالُهُ التَّقْوَىٰ مِنْكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرَهَا لَكُمْ لِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ ۗ وَبَشِّرِ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا (ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى ئەسلا يېتىپ بارمايدۇ، لېكىن ئاللاھقا تەقۋادارلىق يېتىپ بارىدۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلىگەنلىكىنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشلىرىمۇ، قانلىرىمۇ يەتمەيدۇ. لېكىن ئاللاھقا سىلەرنىڭ تەقۋالىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
ساففات سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ السَّعْيَ قَالَ يَا بُنَيَّ إِنِّي أَرَىٰ فِي الْمَنَامِ أَنِّي أَذْبَحُكَ فَانْظُرْ مَاذَا تَرَىٰ ۚ قَالَ يَا أَبَتِ افْعَلْ مَا تُؤْمَرُ ۖ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ مِنَ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا مېنى (ئۇنىڭغا) سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن»[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ چۈشەپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئوغۇل چوڭىيىپ ئاتىسى ئىبراھىم بىلەن بىللە ئىش قىلغۇدەك بولغاندا ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئى ئوغۇلچىقىم! مەن چۈشۈمدە سېنى قۇربانلىق قىلغانلىقىمنى كۆرۈۋاتىمەن، ئويلاپ باققىنا، سەن قانداق قارايسەن!» دېدى. ئوغۇل: «ئى دادىكا! ساڭا بۇيرۇلغاننى قىلغىن، ئىنشائاللاھ مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن!» دېدى.
37 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَسْلَمَا وَتَلَّهُ لِلْجَبِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى يېنى ياتقۇزدى
ئەنەس ئالىم: ئاتا - بالا ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تەسلىم بولۇپ، ئىبراھىم ئوغلىنى دۈم ياتقۇزغاندا،
37 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ صَدَّقْتَ الرُّؤْيَا ۚ إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[104ـ105].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ». بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: چۈشۈڭنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ». شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
37 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
وَفَدَيْنَاهُ بِذِبْحٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئبراھىمغا ئوغلىنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىق ئاتا قىلدۇق.
كەۋسەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
108 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمدى سەن رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنداقتا، رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئۆتىگىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن.