جامائەت نامىزى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىمامنىڭ ئارقىسىدا بىر توپ (جامائەت) بولۇپ ناماز ئوقۇش توغرىسىدىكى ئايەتلەر.
ئېنگلىزچىسى: Congregational Prayer
1 ئايەت
1 سۈرە
0 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا كُنْتَ فِيهِمْ فَأَقَمْتَ لَهُمُ الصَّلَاةَ فَلْتَقُمْ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا أَسْلِحَتَهُمْ فَإِذَا سَجَدُوا فَلْيَكُونُوا مِنْ وَرَائِكُمْ وَلْتَأْتِ طَائِفَةٌ أُخْرَىٰ لَمْ يُصَلُّوا فَلْيُصَلُّوا مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا حِذْرَهُمْ وَأَسْلِحَتَهُمْ ۗ وَدَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ تَغْفُلُونَ عَنْ أَسْلِحَتِكُمْ وَأَمْتِعَتِكُمْ فَيَمِيلُونَ عَلَيْكُمْ مَيْلَةً وَاحِدَةً ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِنْ كَانَ بِكُمْ أَذًى مِنْ مَطَرٍ أَوْ كُنْتُمْ مَرْضَىٰ أَنْ تَضَعُوا أَسْلِحَتَكُمْ ۖ وَخُذُوا حِذْرَكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادتا) بىللە بولۇپ ئۇلارغا ناماز ئوقۇپ بەرمەكچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن، سەجدىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن (يەنى ناماز ئوقۇپ بولغان پىرقە ئارقاڭلاردا كۆزەتچىلىك قىلىپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە (يەنى ئارقاڭدا) ناماز ئوقۇسۇن، (دۈشمەنلىرىدىن) ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھوشيار تۇرسۇن. (دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييار تۇرۇش يۈزىسىدىن) قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن، كاپىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلاردىن، ئەشيالىرىڭلاردىن غەپلەتتە قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا (تۇيۇقسىزدىن) ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەرنىڭ سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى ئۈچۈن، ھەممىڭلار بىرلا ۋاقىتتا يىغىلىپ ناماز ئوقۇماي، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئوقۇڭلار). ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبلىك ھەرەج بولىدىغان بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادتا) بىللە بولۇپ ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن، سەجدە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن، (ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر قىسمى كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇسۇن، ھوشيار تۇرسۇن، قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن. كافىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلارنى، ماددىي ئەشيالىرىڭلارنى تاشلاپ قويۇپ بىخەستەلىك قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبىدىن قىيىنچىلىق تۇغۇلسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن كافىرلار ئۈچۈن خارلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا ئىمام بولۇپ نامازنى تولۇق ئۆتىگەن چېغىڭدا، ئۇلاردىن بىر جامائە سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن. ئۇلار قورال - ياراغلىرىنى تۇتسۇن. ئۇلار سەجدە قىلىپ بولغاندا ئارقاڭلاردا قوغدىغۇچى بولۇپ تۇرسۇن. ناماز ئۆتىمىگەن يەنە بىر جامائە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە ناماز ئۆتىسۇن. بۇلارمۇ ھوشيار تۇرسۇن ۋە قورال - ياراغلىرىنى تۇتسۇن. كافىرلار سىلەرنىڭ قورال - ياراغلىرىڭلاردىن ۋە نەرسە - كېرەكلىرىڭلاردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سىلەرگە يامغۇردىن بىرەر ئەزىيەت بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، قورال - ياراغلىرىڭلارنى قويۇپ قويۇشۇڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كافىرلار ئۈچۈن خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى.