ناماز
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىبادەت: ناماز
ئېنگلىزچىسى: Salah
127 ئايەت
49 سۈرە
10 تارماق تېما
تېمىلار
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
18 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ وَيُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىز بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىغا) سەرپ قىلىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدىغان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، بىز بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئۇلار غەيىبكە ئىشىنىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدىغان كىشىلەردۇر4.
2 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَارْكَعُوا مَعَ الرَّاكِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار(يەنى نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇڭلار)
ئەنەس ئالىم: نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە رۇكۇ قىلىڭلار.
2 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ ۚ وَإِنَّهَا لَكَبِيرَةٌ إِلَّا عَلَى الْخَاشِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (ئاللاھتىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھتىن قورققۇچىلار (كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلار) دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (ئاللاھتىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر
ئەنەس ئالىم: سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز ھەقىقەتەن ئېغىر ۋەزىپىدۇر. لېكىن ئۇ ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس.
2 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَقُولُوا لِلنَّاسِ حُسْنًا وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْكُمْ وَأَنْتُمْ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا ـ ئانىغا، خىش ـ ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، ناماز ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق. ئاندىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە (ئەھدەڭلاردىن) يېنىۋالىسىلەر[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا ـ ئانىغا، يېقىن تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، نامازنى مۇكەممەل ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە يېنىۋالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن: «ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار؛ ئاتا -ئاناڭلارغا، ئۇرۇق -تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار؛ ئىنسانلارغا ياخشى گەپ قىلىڭلار؛ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار!» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. ئاندىن كېيىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنە كىشىلەردىن باشقا ھەممىڭلار بۇ ئەھدىڭلاردىن يېنىۋالدىڭلار. سىلەر سۆزىدە تۇرمايدىغان كىشىلەرسىلەر.
2 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ ۚ وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئىشلىگەن ھەرقانداق ياخشى ئەمەل بولسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قىلغان ھەرقانداق ياخشى ئەمەل بولسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تاپىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ الْمَشْرِقُ وَالْمَغْرِبُ ۚ فَأَيْنَمَا تُوَلُّوا فَثَمَّ وَجْهُ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ (يەنى پۈتۈن يەر يۈزى) ئاللاھنىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپى (يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسى) دۇر. ئاللاھ (نىڭ مەغپىرىتى) ھەقىقەتەن كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن) قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپى (يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسى) دۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن كەرىمى كەڭ، ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر. قەيەرگە يۈزلەنسەڭلار، ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر33.
2 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ جَعَلْنَا الْبَيْتَ مَثَابَةً لِلنَّاسِ وَأَمْنًا وَاتَّخِذُوا مِنْ مَقَامِ إِبْرَاهِيمَ مُصَلًّى ۖ وَعَهِدْنَا إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ أَنْ طَهِّرَا بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْعَاكِفِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان ۋە تىنچ جاي قىلىپ بەردۇق. (كىشىلەرگە) ماقامى ئىبراھىمنى نامازگاھ قىلىڭلار (يەنى شۇ يەردە ناماز ئوقۇڭلار دېدۇق). ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى (يەنى كەبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرۇدۇق[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز كەئبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان جاي ۋە ئامان – ئېسەن تۇرىدىغان جاي قىلىپ بەرگەن ۋە ئۇلارغا ماقامى ئىبراھىمدا ناماز ئوقۇڭلار دېگەن ئىدۇق. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: «مېنىڭ ئۆيۈم (كەئبەم)نى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇڭلار» دەپ تاپىلىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن جەم بولىدىغان ۋە ئامانلىقتا بولىدىغان يەر قىلغان ۋە ئۇلارغا: «ئىبراھىمنىڭ ماقامىدىن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ناماز ئۆتەيدىغان جاي قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: «ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇڭلار» دەپ تاپىلىغان ئىدۇق.
2 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَقُولُ السُّفَهَاءُ مِنَ النَّاسِ مَا وَلَّاهُمْ عَنْ قِبْلَتِهِمُ الَّتِي كَانُوا عَلَيْهَا ۚ قُلْ لِلَّهِ الْمَشْرِقُ وَالْمَغْرِبُ ۚ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى ئەخمەق كىشىلەر: «ئۇلارنى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۆمىنلەرنى) قاراپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن (يەنى بەيتۇلمۇقەددەستىن) نېمە يۈز ئۆرۈگۈزگەندۇ؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەشرىق ۋە مەغرىب (ھەممە تەرەپ) ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»[142].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى ئەخمەق كىشىلەر: «ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۆمىنلەر) نى يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن (بەيتۇلمۇقەددەستىن) نېمە بۇرىۋەتكەندۇر؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەشرىقمۇ ۋە مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن بىر قىسىم ئەخمەقلەر: «ئۇلارنى44 يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن نېمە يۈز ئۆرۈگۈزگەندۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر. ئۇ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ».
2 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا لِتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ وَيَكُونَ الرَّسُولُ عَلَيْكُمْ شَهِيدًا ۗ وَمَا جَعَلْنَا الْقِبْلَةَ الَّتِي كُنْتَ عَلَيْهَا إِلَّا لِنَعْلَمَ مَنْ يَتَّبِعُ الرَّسُولَ مِمَّنْ يَنْقَلِبُ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ ۚ وَإِنْ كَانَتْ لَكَبِيرَةً إِلَّا عَلَى الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ ۗ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَانَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان تەرەپنى (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسنى) قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئاسىيلىق قىلغانلاردىن (يەنى مۇرتەد بولۇپ كەتكەنلەردىن) ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى. ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا بۇ (يەنى قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى) ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر[143].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرنى توغرا يولغا باشلىغاندەك سىلەرنىڭ كىشىلەرگە شاھىت بولۇشۇڭلار ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئادىل ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان تەرەپ (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) نى قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئىماندىن يېنىۋالغانلاردىن ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى. ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا بۇ قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، بىز سىلەرنى ئوتتۇراھال ئۇممەت45 قىلدۇق. بۇ سىلەرنىڭ ئىنسانلارغا شاھىت بولۇشۇڭلار، رەسۇلنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈندۇر. سەن يۈز كەلتۈرگەن تەرەپنى قىبلە قىلىپ بەلگىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، رەسۇلغا ئەگىشىدىغانلارنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئارقىسىغا يېنىۋالىدىغانلاردىن ئايرىپ بىلىشىمىز ئۈچۈندۇر، خالاس. قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىسىغا چوقۇم ئېغىر كېلىدۇ. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارغا شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
2 : 144 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ نَرَىٰ تَقَلُّبَ وَجْهِكَ فِي السَّمَاءِ ۖ فَلَنُوَلِّيَنَّكَ قِبْلَةً تَرْضَاهَا ۚ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَحَيْثُ مَا كُنْتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ ۗ وَإِنَّ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّهِمْ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سېنىڭ (كەبە قىبلەڭ بولۇشىنى تىلەپ) قايتا ـ قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولماڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) بۇنىڭ (يەنى قىبلىنىڭ كەبىگە ئۆزگەرتىلىشىنىڭ) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن غاپىل ئەمەس[144].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سېنىڭ (كەئبىنىڭ قىبلەڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ) قايتا ـ قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. نامازدا يۈزۈڭنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامازدا يۈزۈڭلارنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن بىخەۋەر ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن بۇيرۇقىمىزنى كۈتۈپ پات - پات ئاسمانغا قاراۋاتىسەن. بىز سېنى چوقۇم سەن رازى بولىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن نامىزىڭدا يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن! ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى ئۇنىڭ تەرىپىگە قىلىڭلار. كىتاب بېرىلگەنلەر ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇكى، قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئۆزلىرىنىڭ رەببىدىن كەلگەن ھەق ھۆكۈمدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس.
2 : 145 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَتَيْتَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ بِكُلِّ آيَةٍ مَا تَبِعُوا قِبْلَتَكَ ۚ وَمَا أَنْتَ بِتَابِعٍ قِبْلَتَهُمْ ۚ وَمَا بَعْضُهُمْ بِتَابِعٍ قِبْلَةَ بَعْضٍ ۚ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ ۙ إِنَّكَ إِذًا لَمِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كىتاب بېرىلگەنلەرگە بارچە دەلىلنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سېنىڭ قىبلەڭگە بويسۇنمايدۇ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە بويسۇنمايسەن؛ ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ھەم ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنىڭ قىبلىسىگە بويسۇنمايدۇ. ساڭا ئىلىم (ۋەھىي) كەلگەندىن كېيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا بويسۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم زۇلۇم قىلغانلاردىن بولىسەن[145].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كىتاب بېرىلگەنلەرگە بارچە دەلىلنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سېنىڭ قىبلەڭگە يۈزلەنمەيدۇ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈزلەنمەيسەن؛ ئۇلار ھەم ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈزلەنمەيدۇ. ساڭا ئىلىم (يەنى ۋەھيى) كەلگەندىن كېيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن
ئەنەس ئالىم: كىتاب بېرىلگەنلەرگە پۈتكۈل دەلىللەرنى كەلتۈرسەڭمۇ ئۇلار يەنىلا سېنىڭ قىبلەڭگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيسەن. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى يەنە بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. ئەگەر سەن ئۆزۈڭگە كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، بىلىپ قويغىنكى سەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ كېتىسەن.
2 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ حَيْثُ خَرَجْتَ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۖ وَإِنَّهُ لَلْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (قەيەردىن سەپەرگە چىقساڭ، نامىزىڭدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم (كەبە) تەرەپكە قىلغىن؛ بۇ، شەكسىز پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر[149].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەيەردىن سەپەرگە چىققىن، نامىزىڭدا يۈزۈڭنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلغىن؛ بۇ راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن بىخەۋەر ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: قەيەردە نامازغا تۇرساڭ يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. بۇ چوقۇم رەببىڭدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس.
2 : 150 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ حَيْثُ خَرَجْتَ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَحَيْثُ مَا كُنْتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَيْكُمْ حُجَّةٌ إِلَّا الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ فَلَا تَخْشَوْهُمْ وَاخْشَوْنِي وَلِأُتِمَّ نِعْمَتِي عَلَيْكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلار (يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلار) غا سىلەرگە قارشى دەلىل ـ ئىسپات بولماسلىقى ئۈچۈن، (ئى مۇھەممەد! سەپەر قىلىشقا) قەيەردىن چىقمىغىن، (نامىزىڭدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولماڭلار، (نامىزىڭلاردا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلارلا (قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىۋالىدۇ)، ئۇلاردىن (يەنى زالىملاردىن) قورقماڭلار، (مېنىڭ ئەمرىمنى تۇتۇش بىلەن) مەندىن قورقۇڭلار. (قىبلىنى ئۆزگەرتىشكە ئەمر قىلىشىم) سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزۈشۈم ۋە توغرا يولدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر[150].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارغا سىلەرگە قارشى دەلىل ـ ئىسپات بولماسلىقى ئۈچۈن، (ئى مۇھەممەد!) سەپەرگە قەيەردىن چىققىن، نامىزىڭدا يۈزۈڭنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولۇڭلار، نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى شۇ (ھەرەم مەسجىدى) تەرەپكە قىلىڭلار. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارلا قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىۋالىدۇ، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. (مېنىڭ قىبلىنى ئۆزگەرتىشكە ئەمر قىلىشىم) يەنە سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. بۇ، ئىنسانلارنىڭ سىلەرگە قارشى دەلىلى بولماسلىقى ئۈچۈندۇر. زالىملار مۇستەسنا46. ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. شۇنىڭدەك، بۇ مېنىڭ سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىشىم ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
2 : 153 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر[153].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
2 : 177 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ الْبِرَّ أَنْ تُوَلُّوا وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَٰكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآتَى الْمَالَ عَلَىٰ حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّائِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُوا ۖ وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ وَحِينَ الْبَأْسِ ۗ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش ـ ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل ـ مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل ـ مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر[177].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈزلىنىشىڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەبغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن يېقىن تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يول خىراجىتى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل ـ مال ياردەم بېرىش، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇ يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر ئىمانىدا راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر
ئەنەس ئالىم: مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەنلىكىڭلار ياخشىلىق ئەمەس. لېكىن ياخشىلىق ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە نەبىيلەرگە ئىمان ئېيتقان، مېلىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يولۇچىلارغا، ياردەم سورىغۇچىلارغا ۋە قۇللارنى ئازاد قىلىشقا بەرگەن، نامازنى كامىل ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەن كىشىنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. شۇنىڭدەك، قىلىشقان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. بولۇپمۇ قىيىنچىلىقتا، جاپا - مۇشەققەتتە ۋە ئۇرۇش ۋاقتىدا سەۋر قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. ئەنە شۇلار راست سۆزلىگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار بولغۇچىلاردۇر.
2 : 238 - ئايەت
كۆرۈش
حَافِظُوا عَلَى الصَّلَوَاتِ وَالصَّلَاةِ الْوُسْطَىٰ وَقُومُوا لِلَّهِ قَانِتِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (بەش) نامازغا بولۇپمۇ نامازدىگەرگە ئەھمىيەت بېرىڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار). ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا (يەنى نامازدا) ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار[238].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر نامازلارغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرىدىكى نامازغا(يەنى ناماز دىگەرگە) ئەھمىيەت بېرىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرى (يەنى ناماز) دا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار
ئەنەس ئالىم: نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى69 مۇھاپىزەت قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار.
2 : 239 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ خِفْتُمْ فَرِجَالًا أَوْ رُكْبَانًا ۖ فَإِذَا أَمِنْتُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُمْ مَا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ (ناماز ئوقۇڭلار). ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا ئاللاھنىڭ سىلەرگە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگەتكىنىدەك ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (يەنى قورقۇنچ تۈگىگەندە، ئاللاھ نامازنى قانداق ئۆتەشكە ئەمر قىلغان بولسا، تولۇق ئەركانلىرى بىلەن شۇنداق ئۆتەڭلار)[239].
تەرجىمە ھەيئىتى: قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، سىلەر نامازنى پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ ئوقۇساڭلار بولىدۇ. ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا، ناماز ئوقۇشنى بىلمەيدىغان ۋاقتىڭلاردا ئاللاھنىڭ سىلەرگە تەلىم بەرگىنى بويىچە ئوقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئەگەر قورقۇنچ ئىچىدە بولساڭلار، نامىزىڭلارنى پىيادە مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ئوقۇڭلار. بىخەتەرلىككە ئېرىشكەن چېغىڭلاردا بولسا، ئاللاھنى سىلەرگە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگەتكىنى بويىچە زىكىر قىلىڭلار.
2 : 277 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (چوڭ) ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم ـ ئەندىشە قىلمايدۇ[277].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇغان ۋە زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەنلەر رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَنَادَتْهُ الْمَلَائِكَةُ وَهُوَ قَائِمٌ يُصَلِّي فِي الْمِحْرَابِ أَنَّ اللَّهَ يُبَشِّرُكَ بِيَحْيَىٰ مُصَدِّقًا بِكَلِمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَسَيِّدًا وَحَصُورًا وَنَبِيًّا مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: «ساڭا ئاللاھنىڭ كەلىمىسى (يەنى ئىيسا) نى تەستىق قىلغۇچى، سەييىد، پەرھىزكار ۋە ياخشىلاردىن بولغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» دەپ نىدا قىلدى[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: « ئاللاھ ھەقىقەتەن ساڭا ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدقا كەل دېگەن كەلىمىسى(ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىيسانىڭ پەيغەمبەرلىكى) نى ئىسپاتلىغۇچى، سەييىد(يولباشچى)، پەرھىزكار ۋە سالىھ پەيغەمبەر بولىدىغان يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» دەپ نىدا قىلدى
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدى: «ئاللاھ ساڭا يەھيا بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ14. ئۇ ئاللاھنىڭ كەلىمىسنى15 تەستىقلىغۇچىدۇر، ئېسىلدۇر، نومۇسچاندۇر ۋە سالىھلاردىن بىر نەبىيدۇر».
3 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
يَا مَرْيَمُ اقْنُتِي لِرَبِّكِ وَاسْجُدِي وَارْكَعِي مَعَ الرَّاكِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىل»[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىلغىن، سەجدە قىلغىن ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: ئى مەريەم! رەببىڭگە چىن كۆڭلۈڭدىن ئىتائەت قىلغىن، سەجدە قىلغىن ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلغىن».
3 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسُوا سَوَاءً ۗ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ أُمَّةٌ قَائِمَةٌ يَتْلُونَ آيَاتِ اللَّهِ آنَاءَ اللَّيْلِ وَهُمْ يَسْجُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىرخىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالاردىن) كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە بار[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئوخشاش ئەمەس، ئەھلى كىتاب ئىچىدە كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر توپ كىشى بار
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىچىدە توغرا بىر ئۇممەت بار. ئۇلار كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، سەجدە قىلىدۇ،
نىسا سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْرَبُوا الصَّلَاةَ وَأَنْتُمْ سُكَارَىٰ حَتَّىٰ تَعْلَمُوا مَا تَقُولُونَ وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍ حَتَّىٰ تَغْتَسِلُوا ۚ وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَىٰ أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَفُوًّا غَفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەست بولساڭلار، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە، جۇنۇپ بولساڭلار، ـ يول ئۈستىدە بولغانلار (بۇنىڭدىن) مۇستەسنا، ـ غۇسلى قىلمىغىچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار، ئەگەر كېسەل (يەنى كېسەلگە سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى ھاجەت قىلساڭلار ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈن ئىبادەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر)(ئىزاھات: بۇ، ھاراق ھارام قىلىنشتىن ئىلگىرىكى ھۆكۈم ئىدى.)[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەست بولۇپ قالغاندا، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگۈدەك بولغۇچە (نامازغا يېقىنلاشماڭلار) *[1]، جۇنۇپ بولۇپ قالغاندا غۇسلى قىلمىغۇچە نامازغا (يەنى مەسجىدكە) يېقىنلاشماڭلار؛ (مەسجىدنىڭ ھويلىسىدىن) ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار بۇنىڭدىن مۇستەستا؛ ئەگەر (سۇ زىيان قىلىدىغان) كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى ھاجەت قىلساڭلار، ياكى خوتۇنۇڭلار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراققا ئۇرۇلغان قولۇڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاپ تەيەممۇم قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەر مەست چېغىڭلاردا نېمە دەۋاتقانلىقىڭلارنى بىلگىنىڭلارغا قەدەر نامازغا يېقىنلاشماڭلار. جۇنۇپ چېغىڭلاردىمۇ غۇسۇل قىلغىنىڭلارغا قەدەر نامازغا يېقىنلاشماڭلار، يولدىن ئۆتكۈچىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا23. ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولغان بولساڭلار، ئاندىن سۇ تاپالمىساڭلار، پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئالىقىنىڭلارنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ، يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاڭلار24. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
4 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ قِيلَ لَهُمْ كُفُّوا أَيْدِيَكُمْ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقِتَالُ إِذَا فَرِيقٌ مِنْهُمْ يَخْشَوْنَ النَّاسَ كَخَشْيَةِ اللَّهِ أَوْ أَشَدَّ خَشْيَةً ۚ وَقَالُوا رَبَّنَا لِمَ كَتَبْتَ عَلَيْنَا الْقِتَالَ لَوْلَا أَخَّرْتَنَا إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ ۗ قُلْ مَتَاعُ الدُّنْيَا قَلِيلٌ وَالْآخِرَةُ خَيْرٌ لِمَنِ اتَّقَىٰ وَلَا تُظْلَمُونَ فَتِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى مەككىدە تۇرۇپ ئۇرۇشۇشنى تەلەپ قىلغانلارغا): «(ئۇرۇشتىن) قولۇڭلارنى يىغىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار» دېگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (يەنى ئۇلاردىن ئەجەبلەنمەمسەن؟) بۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر دۈشمەندىن گويا ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورققاندەك بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەررەك قورقىدۇ. ئۇلار (ئۆلۈمدىن قورقۇپ): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن جىھادنى پەرز قىلدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ئۇزاققا قالماي كېلىدىغان ئەجەلگۈچە تەخىر قىلمىدىڭ؟ (يەنى ئەجىلىمىز يەتكۈچە تەخىر قىلساڭ، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلمىسەك بولماسمىدى؟)» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دۇنيانىڭ مەنپەئەتى ئازدۇر (يەنى دۇنيانىڭ نېمىتى پانىيدۇر)، (ئاللاھتىن) قورققان (ۋە ئۇنىڭ ئەمرىنى تۇتقانلار) ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)»[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «(جىھاد قىلىشتىن) قولۇڭلارنى يىغىڭلار، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار» دېيىلگەن، ئۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا بولسا بىر تۈركۈمى دۈشمەندىن خۇددى ئاللاھتىن قورققاندەك، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك قورقۇپ: «ئى رەببىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن جىھاد قىلىشنى پەرز قىلدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن بىزگە يېقىندا كېلىدىغان ئەجەل يېتىپ كەلگۈچە تەخىر قىلمىدىڭ؟» دېگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دۇنيانىڭ مەنپەئىتى ئازدۇر، تەقۋادارلار ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك ئۇۋال قىلىنمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! «ئۇرۇشتىن قوللىرىڭلارنى يىغىڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار» دېيىلگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلارغا ئۇرۇش پەرز قىلىنغاندا، ئۇلاردىن بىر پىرقە، ئىنسانلاردىن خۇددى ئاللاھتىن قورققاندەك قورقىدۇ ياكى تېخىمۇ قاتتىق قورقىدۇ ۋە: «رەببىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن ئۇرۇشنى پەرز قىلدىڭ! بىزنى يېقىن مۇددەتكە قەدەر كېچىكتۈرسەڭ بولماسمىدى؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «دۇنيانىڭ مەنپەئەتى ئازدۇر. تەقۋادارلار ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىمايسىلەر».
4 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا ضَرَبْتُمْ فِي الْأَرْضِ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَقْصُرُوا مِنَ الصَّلَاةِ إِنْ خِفْتُمْ أَنْ يَفْتِنَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ إِنَّ الْكَافِرِينَ كَانُوا لَكُمْ عَدُوًّا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قەسرى قىلىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كاپىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر (ناماز ئوقۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايدۇ)[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كافىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قىسقارتىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىپ) ئوقۇساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كافىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سەپەرگە چىققان چېغىڭلاردا كافىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقساڭلار، نامازدىن قىسقارتىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق48. شۈبھىسىزكى، كافىرلار سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر.
4 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا كُنْتَ فِيهِمْ فَأَقَمْتَ لَهُمُ الصَّلَاةَ فَلْتَقُمْ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا أَسْلِحَتَهُمْ فَإِذَا سَجَدُوا فَلْيَكُونُوا مِنْ وَرَائِكُمْ وَلْتَأْتِ طَائِفَةٌ أُخْرَىٰ لَمْ يُصَلُّوا فَلْيُصَلُّوا مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا حِذْرَهُمْ وَأَسْلِحَتَهُمْ ۗ وَدَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ تَغْفُلُونَ عَنْ أَسْلِحَتِكُمْ وَأَمْتِعَتِكُمْ فَيَمِيلُونَ عَلَيْكُمْ مَيْلَةً وَاحِدَةً ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِنْ كَانَ بِكُمْ أَذًى مِنْ مَطَرٍ أَوْ كُنْتُمْ مَرْضَىٰ أَنْ تَضَعُوا أَسْلِحَتَكُمْ ۖ وَخُذُوا حِذْرَكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادتا) بىللە بولۇپ ئۇلارغا ناماز ئوقۇپ بەرمەكچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن، سەجدىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن (يەنى ناماز ئوقۇپ بولغان پىرقە ئارقاڭلاردا كۆزەتچىلىك قىلىپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە (يەنى ئارقاڭدا) ناماز ئوقۇسۇن، (دۈشمەنلىرىدىن) ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھوشيار تۇرسۇن. (دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييار تۇرۇش يۈزىسىدىن) قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن، كاپىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلاردىن، ئەشيالىرىڭلاردىن غەپلەتتە قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا (تۇيۇقسىزدىن) ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەرنىڭ سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى ئۈچۈن، ھەممىڭلار بىرلا ۋاقىتتا يىغىلىپ ناماز ئوقۇماي، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئوقۇڭلار). ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبلىك ھەرەج بولىدىغان بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادتا) بىللە بولۇپ ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن، سەجدە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن، (ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر قىسمى كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇسۇن، ھوشيار تۇرسۇن، قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن. كافىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلارنى، ماددىي ئەشيالىرىڭلارنى تاشلاپ قويۇپ بىخەستەلىك قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبىدىن قىيىنچىلىق تۇغۇلسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن كافىرلار ئۈچۈن خارلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا ئىمام بولۇپ نامازنى تولۇق ئۆتىگەن چېغىڭدا، ئۇلاردىن بىر جامائە سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن. ئۇلار قورال - ياراغلىرىنى تۇتسۇن. ئۇلار سەجدە قىلىپ بولغاندا ئارقاڭلاردا قوغدىغۇچى بولۇپ تۇرسۇن. ناماز ئۆتىمىگەن يەنە بىر جامائە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە ناماز ئۆتىسۇن. بۇلارمۇ ھوشيار تۇرسۇن ۋە قورال - ياراغلىرىنى تۇتسۇن. كافىرلار سىلەرنىڭ قورال - ياراغلىرىڭلاردىن ۋە نەرسە - كېرەكلىرىڭلاردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سىلەرگە يامغۇردىن بىرەر ئەزىيەت بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، قورال - ياراغلىرىڭلارنى قويۇپ قويۇشۇڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كافىرلار ئۈچۈن خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى.
4 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا قَضَيْتُمُ الصَّلَاةَ فَاذْكُرُوا اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَىٰ جُنُوبِكُمْ ۚ فَإِذَا اطْمَأْنَنْتُمْ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ ۚ إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا
مۇھەممەد سالىھ: نامازنى تۈگەتكىنىڭلاردا ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتتە ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (ئاللاھ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىشى مۇمكىن). خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى (پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن) مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن (پەرز) پەرز قىلىندى[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: نامازدىن بوشىغان ۋاقتىڭلاردا ئۆرە تۇرۇپمۇ، ئولتۇرۇپمۇ ۋە يېتىپ تۇرۇپمۇ ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى
ئەنەس ئالىم: نامازنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى تولۇق ئۆتەڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلىنىپ پەرز قىلىنغان ۋەزىپىدۇر49.
4 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُنَافِقِينَ يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَهُوَ خَادِعُهُمْ وَإِذَا قَامُوا إِلَى الصَّلَاةِ قَامُوا كُسَالَىٰ يُرَاءُونَ النَّاسَ وَلَا يَذْكُرُونَ اللَّهَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كۈتىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: « بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ (كاپىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ (ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ)، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ (يەنى رىياكارلىق قىلىدۇ)، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ[142]
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار نامازغا تۇرغاندا خۇشياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، ئاللاھنى ئازلا ياد ئېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇنافىقلار ئاللاھنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىغا جازا بەرگۈچىدۇر. ئۇلار نامازغا تۇرغاندا ھۇرۇنلۇق قىلىشقان ھالدا تۇرىدۇ، ئىنسانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆتەيدۇ ۋە ئاللاھنى بەك ئاز ياد ئېتىدۇ.
4 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
لَٰكِنِ الرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ مِنْهُمْ وَالْمُؤْمِنُونَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ ۚ وَالْمُقِيمِينَ الصَّلَاةَ ۚ وَالْمُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالْمُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ أُولَٰئِكَ سَنُؤْتِيهِمْ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، سەندىن ئىلگىرى (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدىغان مۆمىنلەرگە، نامازنى ئۆتىگۈچىلەرگە، زاكات بەرگۈچىلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا (جەننەتتە مەڭگۈ قېلىشتىن ئىبارەت) كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز[162].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدىغان مۆمىنلەرگە، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغۇچىلارغا، زاكات بەرگۈچىلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلاردىن ئىلىمدە چوڭقۇرلاشقانلار ۋە مۇئمىنلار، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. خۇسۇسەن نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچىلەر، زاكاتنى بەرگۈچىلەر، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگۈچىلەر قۇرئانغا ۋە ئۇ كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. بىز ئەنە شۇلارغا يېقىندا كاتتا ئەجىر بېرىمىز.
مائىد سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ ۚ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا ۚ وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَىٰ أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ ۚ مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ حَرَجٍ وَلَٰكِنْ يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار). ئەگەر كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (سۇ تاپالمىساڭلار) ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان) بولساڭلار ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن (غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن) نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭلاردا يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار؛ ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار؛ ئەگەر (سۇ زىيان قىلىدىغان) كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن بولۇپ، ياكى خوتۇنۇڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغان بولۇپ سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراققا ئۇرۇلغان قولۇڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى، قولۇڭلارنى سىلاپ تەيەممۇم قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى مۇشەققەتتە قالدۇرۇشنى خالىمايدۇ. لېكىن، ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، نېمىتىنى سىلەرگە تولۇق بېرىشنى خالايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئىككى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار7. ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار ئوبدان پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولساڭلار، ئاندىن سۇ تاپالمىساڭلار8، پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئالىقىنىڭلارنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاڭلار9. ئاللاھ سىلەرگە قىيىنلاشتۇرۇشنى ئىرادە قىلمايدۇ، لېكىن سىلەرنى پاكلاشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر!
5 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَبَعَثْنَا مِنْهُمُ اثْنَيْ عَشَرَ نَقِيبًا ۖ وَقَالَ اللَّهُ إِنِّي مَعَكُمْ ۖ لَئِنْ أَقَمْتُمُ الصَّلَاةَ وَآتَيْتُمُ الزَّكَاةَ وَآمَنْتُمْ بِرُسُلِي وَعَزَّرْتُمُوهُمْ وَأَقْرَضْتُمُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا لَأُكَفِّرَنَّ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَلَأُدْخِلَنَّكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۚ فَمَنْ كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ مِنْكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مەھكەم ئەھدە ئالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن (يەنى ئون ئىككى ئايماقنىڭ ھەر بىرسىدىن بىردىن) ئون ئىككى باشلىقنى (كېپىللىك ئۈچۈن جەببارلارغا يەنى ئەمالىقەلەرگە) ئەۋەتتۇق ھەمدە ئاللاھ : «مەن سىلەرگە ياردەم بېرىمەن، (ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى) ئەگەر سىلەر نامازنى (تەلەپكە لايىق) ئۆتىسەڭلار، زاكات بەرسەڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىڭلارنى سەرپ قىلساڭلار)، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىمەن، سىلەرنى ئەلۋەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. شۇنىڭدىن (يەنى مەھكەم ئەھدىدىن) كېيىن سىلەردىن كىمكى (ئەمر قىلغان نەرسىلىرىمنى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ» دېدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن چىن ۋەدە ئالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئون ئىككى باشلىقنى تاللاپ چىقىتۇق ھەمدە ئاللاھ: «مەن سىلەر بىلەن بىللە، ئەگەر سىلەر نامازنى مۇكەممەل ئۆتىسەڭلار، زاكات بەرسەڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىڭلارنى سەرپ قىلساڭلار، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىمەن، سىلەرنى ئەلۋەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. شۇنىڭدىن (يەنى چىن ۋەدىدىن) كېيىن سىلەردىن كىمكى ئۇنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدى. بىز ئۇلاردىن ئون ئىككى باشلىقنى خىزمەتكە بەلگىلىدۇق. ئاللاھ ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن. ئەگەر نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسەڭلار، زاكاتنى بەرسەڭلار، ئەلچىلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار، ئۇلارنى قوللاپ ھۆرمەتلىسەڭلار ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار، مەن سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىمەن ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. سىلەردىن كىم ئۇنىڭدىن كېيىن كافىر بولىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ».
5 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا وَلِيُّكُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَالَّذِينَ آمَنُوا الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ رَاكِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە نامازنى تەلەپكە لايىق ئۆتەيدىغان، زاكات بېرىدىغان ۋە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) كەمتەرلىك بىلەن بويسۇىدىغان مۆمىنلەردۇر [55].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە نامازنى مۇكەممەل ئۆتەيدىغان، زاكات بېرىدىغان، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) كەمتەرلىك بىلەن بويسۇنىدىغان مۆمىنلەردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ ۋەلىيىڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، زاكاتنى بېرىدىغان مۇئمىنلاردۇر. ئۇ مۇئمىنلار ئاللاھقا تولۇق ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر.
5 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا نَادَيْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ اتَّخَذُوهَا هُزُوًا وَلَعِبًا ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر نامازغا چاقىرغان (يەنى ئەزان ئېيتقان) چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى (ھەم سىلەرنى) مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (نامازنىڭ ھېكمىتىنى ۋە نامازنىڭ نەپسىنى پاكلاشتىكى غايىسىنى) چۈشەنمەس قەۋمدۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر نامازغا ئەزان ئېيتقان چېغىڭلاردا، ئۇلار ئەقلى ئىشلىمەيدىغان قەۋم بولغاچ، نامازنى مەسخىرە ۋە ئويۇن-تاماشا دەستىكى قىلىۋالىدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەر نامازغا ئەزان ئېيتقان چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى مەسخىرە ۋە ئويۇن ئوبيېكتى قىلىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدىغان قەۋمدۇر.
5 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا يُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَنْ يُوقِعَ بَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ فِي الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ وَيَصُدَّكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَعَنِ الصَّلَاةِ ۖ فَهَلْ أَنْتُمْ مُنْتَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئۆچمەنلىك تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، شەيتان مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار بىلەن ئاراڭلارغا دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك سېلىشنى، سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن ۋە نامازدىن توسۇشنى ئىرادە قىلىدۇ. ئەمدىغۇ يانىدىغانسىلەر؟
5 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَوْحَيْتُ إِلَى الْحَوَارِيِّينَ أَنْ آمِنُوا بِي وَبِرَسُولِي قَالُوا آمَنَّا وَاشْهَدْ بِأَنَّنَا مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز» دېدى[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ چاغدا مەن ھاۋارىيلارغا(سەن ئارقىلىق) : «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھيى چۈشۈرگەن ئىدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، سەن بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزغا گۇۋاھ بولغىن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ ئەلچىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلغان ئىدىم. ئۇلار: «ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز مۇسۇلمانمىز» دېگەن ئىدى.
5 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ هَلْ يَسْتَطِيعُ رَبُّكَ أَنْ يُنَزِّلَ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ ۖ قَالَ اتَّقُوا اللَّهَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېدى. ئىيسا: «ئەگەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنسەڭلار (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېدى[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ چاغدا ھاۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئاسماندىن تاماق بار بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى. ئىيسا: «ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى، ئىيسا: «مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دېدى.
5 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا نُرِيدُ أَنْ نَأْكُلَ مِنْهَا وَتَطْمَئِنَّ قُلُوبُنَا وَنَعْلَمَ أَنْ قَدْ صَدَقْتَنَا وَنَكُونَ عَلَيْهَا مِنَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، كۆڭلىمىزنىڭ تىنچلىنىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى بىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا (يەنى داستىخانغا) گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، (بۇ ئارقىلىق) كۆڭلىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ۋە شۇ داستىخاننىڭ چۈشكەنلىكىگە گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى خالايمىز» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، قەلبلىرىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سېنىڭ بىزگە راست سۆزلىگەنلىكىڭنى بىلىشنى ۋە شاھىتلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى.
5 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا أَنْزِلْ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ تَكُونُ لَنَا عِيدًا لِأَوَّلِنَا وَآخِرِنَا وَآيَةً مِنْكَ ۖ وَارْزُقْنَا وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرگىن، بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە (قۇدرىتىڭنى ۋە پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن» دېدى[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە تائام بار بىر داستىخان چۈشۈرگىنكى، بۇ كۈن بىزگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەن بىزگە ئاتا قىلغان بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئېيتتى: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرۈپ بەرگىنكى، بىز ئۈچۈن، ئاۋۋىلىمىز ۋە ئاخىرىمىز ئۈچۈن بايرام، سەندىن بىر ئايەت بولسۇن34. بىزگە رىزىق بەرگىن. سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».
5 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اللَّهُ إِنِّي مُنَزِّلُهَا عَلَيْكُمْ ۖ فَمَنْ يَكْفُرْ بَعْدُ مِنْكُمْ فَإِنِّي أُعَذِّبُهُ عَذَابًا لَا أُعَذِّبُهُ أَحَدًا مِنَ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولسا، ئۇنى شۇنداق بىر ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى مۇنداق ئازابلىمايمەن» دېدى[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن تۇزكورلۇق قىلسا، ئۇنى ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى ئازابلىمىغان ئازاب بىلەن ئازابلايمەن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «مەن ئۇ داستىخاننى سىلەرگە چوقۇم چۈشۈرىمەن. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن كىم تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، ئۇنى شۇنداق ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئالەملەردىن ھېچكىمنى ئۇ ئازاب بىلەن ئازابلىمايمەن» دېدى.
ئەنئام سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْ أَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَاتَّقُوهُ ۚ وَهُوَ الَّذِي إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ناماز ئوقۇشقا ۋە ئاللاھتىن قورقۇشقا بۇيرۇلدۇق. (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب ئۈچۈن) يىغىلىسىلەر[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز نامازنى مۇكەممەل ئوقۇشقا ۋە ئاللاھتىن قورقۇشقا بۇيرۇلدۇق، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەر دەرگاھىغا يىغىلىدىغان زاتتۇر»
ئەنەس ئالىم: ھەمدە بىزگە «نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى. ئۇ ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر.
6 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَهَٰذَا كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ مُبَارَكٌ مُصَدِّقُ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَلِتُنْذِرَ أُمَّ الْقُرَىٰ وَمَنْ حَوْلَهَا ۚ وَالَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ يُؤْمِنُونَ بِهِ ۖ وَهُمْ عَلَىٰ صَلَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (قۇرئان) مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن بىز نازىل قىلغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان (تەۋرات ۋە ئىنجىلغا ئوخشاش) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى مۇبارەك كىتابتۇر. ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىدىغانلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، ئۇلار نامازلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىدۇ[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ قۇرئان سېنىڭ مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن بىز نازىل قىلغان، ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى ئېتىراپ قىلىدىغان مۇبارەك كىتابتۇر. ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، ئۇلار نامىزىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بۇ بىز نازىل قىلغان كىتابتۇر، بەرىكەتلىكتۇر، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچىدۇر. بۇ كىتابنى ساڭا نازىل قىلىشىمىز يۇرتلارنىڭ ئانىسى بولغان مەككىدىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈندۇر. ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلار ئۇ كىتابقا ئىشىنىدۇ. ئۇلار نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.
ئەئراف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَمَرَ رَبِّي بِالْقِسْطِ ۖ وَأَقِيمُوا وُجُوهَكُمْ عِنْدَ كُلِّ مَسْجِدٍ وَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ ۚ كَمَا بَدَأَكُمْ تَعُودُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ھەر سەجدە قىلغاندا پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر ئاللاھ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلاردا (ئەسلىگە) قايتىسىلەر»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيىتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. سىلەر ھەر سەجدىدە پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلارغا قايتىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ئى مۇئمىنلار! ھەر سەجدە قىلغان چېغىڭلاردا پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقاندەك ئەسلىڭلارغا قايتىسىلەر».
7 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سَاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سېھىرگەرلەر سەجدىگە باردى[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر سەجدىگە باش قويدى
ئەنەس ئالىم: سېھىرگەرلەر بولسا، ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە كەتتى.
7 : 170 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يُمَسِّكُونَ بِالْكِتَابِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجْرَ الْمُصْلِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كىتابنى مەھكەم تۇتىدىغانلار، ناماز ئوقۇيدىغانلار (ساۋابقا ئېرىشىدۇ)، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەقىقەتەن زايا قىلىۋەتمەيمىز[170].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتابقا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغانلار، نامازنى تولۇق ئوقۇيدىغانلارغا كەلسەك، بىز بۇنداق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەقىقەتەن بىكار قىلىۋەتمەيمىز
ئەنەس ئالىم: كىتابنى چىڭ تۇتىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇ ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيمىز.
7 : 206 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ عِنْدَ رَبِّكَ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيُسَبِّحُونَهُ وَلَهُ يَسْجُدُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ[206].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغىلا سەجدە قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ يېنىدىكىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ.
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار نامازنى مۇكەممەل ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن پۇل ـ مالدىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدۇ، بىز بەرگەن رىزىقتىن چىقىم قىلىدۇ.
تەۋبە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ ۗ وَنُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلسا، ناماز ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولىدۇ (يەنى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتە ئۇلار سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر). ئۇقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، نامازنى مۇكەممەل ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇقىدىغان قەۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسە، زاكاتنى بەرسە، سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلار بولىدۇ. بىز بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز.
9 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا يَعْمُرُ مَسَاجِدَ اللَّهِ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَلَمْ يَخْشَ إِلَّا اللَّهَ ۖ فَعَسَىٰ أُولَٰئِكَ أَنْ يَكُونُوا مِنَ الْمُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، ناماز ئۆتىگەن، زاكات بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ (يەنى مەسجىدنى رېمونت قىلىش، سەرەمجانلاشتۇرۇش، تازىلاش، مەسجىدتە داۋاملىق ناماز ئۆتەش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ)، ئەنە شۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، نامازنى مۇكەممەل ئۆتىگەن، زاكات بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ، ئەنە شۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشىدا ئۈمىد بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىنى پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىسىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ. ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى مۇمكىن.
9 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا مَنَعَهُمْ أَنْ تُقْبَلَ مِنْهُمْ نَفَقَاتُهُمْ إِلَّا أَنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَبِرَسُولِهِ وَلَا يَأْتُونَ الصَّلَاةَ إِلَّا وَهُمْ كُسَالَىٰ وَلَا يُنْفِقُونَ إِلَّا وَهُمْ كَارِهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ بەرگەن نەپىقىلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇكى، ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، نامازنى خۇش ياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدۇ، (پۇل ـ مېلىنى) رازىلىق بىلەن بەرمەيدۇ[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ بەرگەن نەپىقىلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇكى، ئۇلار ئاللاھ نى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، نامازنى خۇش ياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدۇ، پۇل ـ مېلىنى رازىلىق بىلەن بەرمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ چىقىملىرىنىڭ قوبۇل بولۇشىغا، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كافىر بولۇشلىرى، نامازغا خۇشياقماسلىق بىلەن كېلىشلىرى ۋە چىقىملىرىنى نارازىلىق بىلەن قىلىشلىرى توسالغۇ بولدى.
9 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُصَلِّ عَلَىٰ أَحَدٍ مِنْهُمْ مَاتَ أَبَدًا وَلَا تَقُمْ عَلَىٰ قَبْرِهِ ۖ إِنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَمَاتُوا وَهُمْ فَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، (دەپنە قىلىش، زىيارەت ياكى دۇئا ئۈچۈن) ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ نى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە كافىر بولدى ھەمدە فاسىق18 ھالىتى بىلەن ئۆلدى.
9 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَقُمْ فِيهِ أَبَدًا ۚ لَمَسْجِدٌ أُسِّسَ عَلَى التَّقْوَىٰ مِنْ أَوَّلِ يَوْمٍ أَحَقُّ أَنْ تَقُومَ فِيهِ ۚ فِيهِ رِجَالٌ يُحِبُّونَ أَنْ يَتَطَهَّرُوا ۚ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُطَّهِّرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مەسجىدتە مەڭگۈ ناماز ئوقۇمىغىن، بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد ھەقىقەتەن سېنىڭ ناماز ئوقۇشۇڭغا ئەڭ لايىقتۇر ، ئۇنىڭدا (گۇناھلاردىن) پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار، ئاللاھ (ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مەسجىدتە مەڭگۈ ناماز ئوقۇمىغىن، بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋا ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد، ھەقىقەتەن سېنىڭ ناماز ئوقۇشۇڭغا ئەڭ لايىقتۇر، ئۇنىڭدا گۇناھلاردىن پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار، ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ مەسچىتتە ھەرگىزمۇ ناماز ئۆتىمىگىن! بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد، سېنىڭ ناماز ئۆتىشىڭگە ئەڭ لايىقتۇر. ئۇنىڭدا پاك بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بار. ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ وَأَخِيهِ أَنْ تَبَوَّآ لِقَوْمِكُمَا بِمِصْرَ بُيُوتًا وَاجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قِبْلَةً وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۆمىنلەرگە (دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلدۇق: «ئىككىڭلار مىسىردا قەۋمىڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر تەييارلاڭلار. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھ قىلىڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار. ئى مۇسا! مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن».
ھۇد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَقِمِ الصَّلَاةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ وَزُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ ۚ إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِ ۚ ذَٰلِكَ ذِكْرَىٰ لِلذَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە (يەنى ئەتىگەندە ۋە كەچقۇرۇن ۋاقىتلىرىدا) ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر (ئىزاھات: بۇ يەردە پەرز نامازلاردىن بامدات، ئەسىر، شام ۋە خۇپتەن نامازلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.)[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە - يەنى ئەتىگەندە ۋە كەچقۇرۇن ۋاقىتلىرىدا- ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئۆتىگىن[1]. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر
ئەنەس ئالىم: نامازنى كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە15 ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا16 تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن17. شۈبھىسىزكى، ياخشىلىقلار يامانلىقلارنى يوقىتىدۇ. بۇ ئېسىدە تۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئەسلىتىشتۇر18.
رەئد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَظِلَالُهُمْ بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلار) ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن - ئاخشامدا (يەنى داۋاملىق تۈردە) ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ سەجدە قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ئىخىتىيارىي ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ8. ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن كۈن ئولتۇرغۇچە بولغان ۋاقىتلاردا ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ.
13 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ صَبَرُوا ابْتِغَاءَ وَجْهِ رَبِّهِمْ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَنْفَقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً وَيَدْرَءُونَ بِالْحَسَنَةِ السَّيِّئَةَ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عُقْبَى الدَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ (يەتكەن كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغانلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدىغانلار (يەنى يامان ئىش قىلىپ قالسا، ئارقىدىن ياخشى ئىش قىلىدىغانلار، يامانلىق قىلغۇچىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلار) ـ ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغانلار، نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن ئاللاھ يولىدا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدىغانلار؛ ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەببىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ سەۋر قىلغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، بىز بەرگەن رىزىقتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلغان، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار ئاخىرەتتە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدۇ.
ئىبراھىم سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لِعِبَادِيَ الَّذِينَ آمَنُوا يُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُنْفِقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ يَوْمٌ لَا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خِلَالٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار نامازنى ئادا قىلسۇن، ئالدى ـ ساتتىمۇ، دوستلۇقمۇ بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) كېلىشتىن بۇرۇن، بىز ئۇلارغا بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەدىقە قىلسۇن[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىن بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى: ئۇلار نامازنى ئادا قىلسۇن، ئالدى ـ ساتتىمۇ، دوستلۇقمۇ بولمايدىغان قىيامەت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، بىز ئۇلارغا بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەدىقە قىلسۇن
ئەنەس ئالىم: مۇئمىن بەندىلىرىمگە ئېيتقىن: «نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسۇن، ئېلىم - سېتىم ۋە دوستلۇق بولمايدىغان كۈن كېلىشتىن ئىلگىرى، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلسۇن».
14 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا إِنِّي أَسْكَنْتُ مِنْ ذُرِّيَّتِي بِوَادٍ غَيْرِ ذِي زَرْعٍ عِنْدَ بَيْتِكَ الْمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُوا الصَّلَاةَ فَاجْعَلْ أَفْئِدَةً مِنَ النَّاسِ تَهْوِي إِلَيْهِمْ وَارْزُقْهُمْ مِنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسىمىنى (يەنى بالام ئىسمائىل بىلەن ئايالىم ھاجەرنى) ناماز ئوقۇسۇن (يەنى ساڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ) سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادىغا (يەنى مەككىگە) ئورۇنلاشتۇردۇم. پەرۋەردىگارىمىز! بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگىن[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسمى- بولغان بالام ئىسمائىل بىلەن ئايالىم ھاجەر-نى ناماز ئوقۇسۇن دەپ سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادى-مەككە-گە ئورۇنلاشتۇردۇم، رەببىمىز! بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگىن، شۈكرى قىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس!
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! مەن ئائىلەمنىڭ بىر قىسمىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ يېنىدىكى تېرىقچىلىققا ناباب قاقاس ۋادىغا يەرلەشتۈردۈم. رەببىمىز! ئۇلارنى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم. شۇڭا بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارغا ھەر خىل مېۋە ۋە مەھسۇلاتلاردىن رىزىق ئاتا قىلغىن. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئۇلار شۈكۈر قىلغاي.
14 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ اجْعَلْنِي مُقِيمَ الصَّلَاةِ وَمِنْ ذُرِّيَّتِي ۚ رَبَّنَا وَتَقَبَّلْ دُعَاءِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! مېنى ۋە بىر قىسىم ئەۋلادىمنى نامازنى ئادا قىلغۇچى قىلغىن، پەرۋەردىگارىمىز! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! مېنى ۋە بىر قىسىم ئەۋلادىمنى نامازنى ئادا قىلغۇچى قىلغىن، رەببىمىز! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن
ئەنەس ئالىم: رەببىم! مېنى نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچى قىلغىن، نەسلىمدىنمۇ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچى كىشىلەر چىقارغىن. رەببىمىز! دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن.
ھىجىر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا سَوَّيْتُهُ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِنْ رُوحِي فَقَعُوا لَهُ سَاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار) »[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇنىڭغا شەكىل بېرىپ، ئىچىگە روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار».
15 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَجَدَ الْمَلَائِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ ئايرىلىپ قالماي ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن پەرىشىتىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك سەجدە قىلدى.
15 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَكُنْ مِنَ السَّاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭگە ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن
ئەنەس ئالىم: سەن رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن، سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن،
نەھىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَىٰ مَا خَلَقَ اللَّهُ مِنْ شَيْءٍ يَتَفَيَّأُ ظِلَالُهُ عَنِ الْيَمِينِ وَالشَّمَائِلِ سُجَّدًا لِلَّهِ وَهُمْ دَاخِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھ ياراتقان شەيئىلەرنىڭ سايىلىرى بويسۇنغان ھالدا ئاللاھقا سەجدە قىلىش يۈزىسىدىن ئوڭ ـ سولغا مايىل بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟[48]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھ ياراتقان شەيئىلەرنىڭ سايىلىرىنىڭ بويسۇنغان ھالدا ئاللاھقا سەجدە قىلىش يۈزىسىدىن ئوڭ ـ سولغا مايىل بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە قارىمىدىمۇ؟ ئۇ نەرسىلەرنىڭ سايىلىرى ئوڭ تەرەپكە ۋە سول تەرەپلەرگە يۆتكىلىدۇ ۋە بۇ شەكىلدە ئاللاھقا بويۇن ئېگىپ سەجدە قىلىدۇ.
16 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ مِنْ دَابَّةٍ وَالْمَلَائِكَةُ وَهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار، پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئۇلار (ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار، پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق جانلىقلار ۋە پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ. ئۇلار چوڭچىلىق قىلمايدۇ.
ئىسرا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
أَقِمِ الصَّلَاةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَىٰ غَسَقِ اللَّيْلِ وَقُرْآنَ الْفَجْرِ ۖ إِنَّ قُرْآنَ الْفَجْرِ كَانَ مَشْهُودًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇغىن . بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، (كۈندۈزنىڭ ۋە كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى) چوقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بولىدۇ.(ئىزاھات: بۇ يەردە پېشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن نامازلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇغىن[1]. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، چۈنكى كۈندۈزنىڭ ۋە كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى چوقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! نامازلارنى كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن. سەھەرنىڭ قۇرئانىنىمۇ9 ئۆتىگىن، چۈنكى سەھەرنىڭ قۇرئانى كۆرۈلگۈچىدۇر.
17 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ اللَّيْلِ فَتَهَجَّدْ بِهِ نَافِلَةً لَكَ عَسَىٰ أَنْ يَبْعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامًا مَحْمُودًا
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھەممەد
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا نەپلە - ئىبادەت- بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا -ناماز ئوقۇش ۋە قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن- ئويغانغىن، -ئى مۇھممەد
ئەنەس ئالىم: كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئويغۇنۇپ قۇرئان بىلەن تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغىن، بۇ ناماز ساڭا ئارتۇقچە ۋەزىپىدۇر. شۇنداق قىلساڭ رەببىڭ سېنى مەدھىيەلىنىدىغان ماقامغا ئېرىشتۈرىشى مۇمكىن.
17 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ آمِنُوا بِهِ أَوْ لَا تُؤْمِنُوا ۚ إِنَّ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ مِنْ قَبْلِهِ إِذَا يُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ يَخِرُّونَ لِلْأَذْقَانِ سُجَّدًا
مۇھەممەد سالىھ: «قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار (مەيلى، چۈنكى ئىشىنىشىڭلار قۇرئانغا كامالەت، ئىشەنمەسلىكىڭلار قۇرئانغا نۇقسان ئېلىپ كەلمەيدۇ)» دېگىن. شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (تەسىرلىنىپ) دەرھال سەجدىگە بارىدۇ[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيقىنكى، «قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار بەرىبىر». شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا دەرھال سەجدىگە بارىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: قۇرئانغا خالىساڭلار ئىشىنىڭلار، خالىساڭلار ئىشەنمەڭلار. شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىلىم بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىلگەن چاغدا، دەرھال سەجدىگە بارىدۇ،
17 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَخِرُّونَ لِلْأَذْقَانِ يَبْكُونَ وَيَزِيدُهُمْ خُشُوعًا ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يىغلىغان ھالدا سەجدە قىلىشقا يىقىلىدۇ (قۇرئاننى ئاڭلاش بىلەن ئۇلار ئاللاھتىن) تېخىمۇ ئەيمىنىدۇ[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يىغلىغان ھالدا سەجدە قىلىشقا يىقىلىدۇ قۇرئاننى ئاڭلاش بىلەن ئۇلار ئاللاھقا تېخىمۇ تەزەررۇ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە يىغلىغان ھالدا سەجدىگە بارىدۇ. قۇرئان ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بولغان ھۆرمىتىنى زىيادە قىلىدۇ.
مەريەم سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلَنِي مُبَارَكًا أَيْنَ مَا كُنْتُ وَأَوْصَانِي بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ مَا دُمْتُ حَيًّا
مۇھەممەد سالىھ: قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى
ئەنەس ئالىم: مېنى قەيەردە بولسام ئىنسانلارغا پايدىلىق بىرى قىلدى، ھاياتلا بولسام نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇدى،
19 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَانَ يَأْمُرُ أَهْلَهُ بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ وَكَانَ عِنْدَ رَبِّهِ مَرْضِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى، رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئائىلىسىنى نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇيتتى. ئۇ رەببىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن بىرى ئىدى.
19 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ مِنْ ذُرِّيَّةِ آدَمَ وَمِمَّنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ وَمِنْ ذُرِّيَّةِ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْرَائِيلَ وَمِمَّنْ هَدَيْنَا وَاجْتَبَيْنَا ۚ إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُ الرَّحْمَٰنِ خَرُّوا سُجَّدًا وَبُكِيًّا ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز (ئىمانغا) ھىدايەت قىلغان، (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا (زېمىنغا) يىقىلىدۇ[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر، ئادەم-ئەلەيھىسسالام-نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل-يەئقۇب ئەلەيھىسسالام-نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز-ئىمانغا-ھىدايەت قىلغان ۋە - پەيغەمبەرلىككە- تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا - زېمىنغا- يىقىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ ئىنئام قىلغان نەبىيلەردۇر. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئادەمنىڭ نەسلىدىندۇر، بەزىسى بىز نۇھ بىلەن بىللە قۇتقۇزغانلارنىڭ نەسىلىدىندۇر، بەزىسى ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلنىڭ نەسلىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ھىدايەت قىلغان ۋە تاللىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا رەھماننىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا، يىغلىشىپ سەجدىگە يىقىلىدۇ.
19 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
فَخَلَفَ مِنْ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ ۖ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلمىدى، نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار - قىيامەت كۈنى- گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يامان بىر نەسىل كەلدى. ئۇلار نامازنى زايە قىلدى ۋە ھاۋايى -ھەۋەسلىرىگە ئەگەشتى. ئۇلار ئازغۇنلۇقىنىڭ جازاسىنى يېقىندا تارتىدۇ.
تاھا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّنِي أَنَا اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدْنِي وَأَقِمِ الصَّلَاةَ لِذِكْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن ئاللاھدۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھيوق، شۇنىڭ ئۈچۈن يالغۇز ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنداقتا سەن ماڭا ئىبادەت قىلغىن ۋە مېنىڭ زىكرىم ئۈچۈن نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن!
20 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مَوْعِدُكُمْ يَوْمُ الزِّينَةِ وَأَنْ يُحْشَرَ النَّاسُ ضُحًى
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغ بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن»[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغ بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «سىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىمىز زىننەت كۈنى بولسۇن، خەلق چاشگاھ ۋاقتىدا يىغىلسۇن» دېدى.
20 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
فَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سُجَّدًا قَالُوا آمَنَّا بِرَبِّ هَارُونَ وَمُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋەتتى) شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر (سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىپ): «ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: -مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋەتتى- شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر -سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىپ-: «ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ رەببىغا ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: نەتىجىدە سېھىرگەرلەر ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە باش قويۇپ: «بىز ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى.
20 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى، ئۇ (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى، ئۇ -سەجدە قىلىشتىن- باش تارتتى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار سەجدە قىلدى. ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى.
20 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا ۖ لَا نَسْأَلُكَ رِزْقًا ۖ نَحْنُ نَرْزُقُكَ ۗ وَالْعَاقِبَةُ لِلتَّقْوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر
ئەنەس ئالىم: ئائىلەڭنى نامازنى ئۆتەشكە ئەمر قىلغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنىڭغا سەۋر قىلغىن. بىز سەندىن رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. بەلكى بىز ساڭا رىزىق بېرىۋاتىمىز. ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا خاستۇر.
ھەج سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يَسْجُدُ لَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ وَالنُّجُومُ وَالْجِبَالُ وَالشَّجَرُ وَالدَّوَابُّ وَكَثِيرٌ مِنَ النَّاسِ ۖ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيْهِ الْعَذَابُ ۗ وَمَنْ يُهِنِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ مُكْرِمٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ ۩
مۇھەممەد سالىھ: بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)، زېمىندىكىلەر (يەنى ئىنسانلار، جىنلار ۋە زېمىندا ياشايدىغان بارلىق مەخلۇقاتلار)، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋاناتلار ئاللاھقا بويسۇنۇپ، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپ قىلىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ) ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر (كۇفرى سەۋەبلىك) ئازابقا دۇچار بولدى، ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى ئازاب قىلىش، رەھىم قىلىش، ئەزىز قىلىش، خار قىلىش، باي قىلىش، كەمبەغەل قىلىش ئاللاھنىڭ خاھىشىدىكى ۋە ھېكمىتىدىكى ئىش بولۇپ، ئاللاھقا ھېچ كىشى تەئەررۇز قىلالمايدۇ)[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر، زېمىندىكىلەر، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ئۆمۈلىگۈچىلەر ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرگە بولسا ئازاب ھەق بولدى، ئاللاھ خار قىلغان كىشىنى ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ: ئاسمانلاردىكى كىشىلەر، زېمىندىكى كىشىلەر، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، پۈتكۈل جانلىقلار ۋە نۇرغۇن ئىنسانلار ئاللاھقا سەجدە قىلماقتا. ئىنسانلارنىڭ تولىسى بولسا ئازابقا لايىق بولماقتىدۇر. ئاللاھ خار قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
22 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَالصَّابِرِينَ عَلَىٰ مَا أَصَابَهُمْ وَالْمُقِيمِي الصَّلَاةِ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى ئاللاھ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى قورقۇپ (تىترەيدۇ)، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ناماز ئۆتەيدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) بېرىدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى ئاللاھ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى قورقۇپ -تىترەيدۇ-، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ناماز ئۆتەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار «ئاللاھ» دېيىلسە قورقۇپ يۈرەكلىرى تىترەيدىغان، باشلىرىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
22 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ إِنْ مَكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ أَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ وَأَمَرُوا بِالْمَعْرُوفِ وَنَهَوْا عَنِ الْمُنْكَرِ ۗ وَلِلَّهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر (يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ئاللاھقا قايتىدۇ)[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، بىز زېمىندا ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدۇ، زاكاتنى بېرىدۇ، ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقدىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا ئائىتتۇر10.
22 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ارْكَعُوا وَاسْجُدُوا وَاعْبُدُوا رَبَّكُمْ وَافْعَلُوا الْخَيْرَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار (يەنى تەزەررۇ بىلەن ناماز ئوقۇڭلار)، (يالغۇز) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئىشلارنى (يەنى خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىش، يېتىم ـ يېسىرلەرنىڭ بېشىنى سىلاش، كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئۆتەش قاتارلىق ئىشلارنى) قىلىڭلار[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، يالغۇز رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
22 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاهِدُوا فِي اللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِ ۚ هُوَ اجْتَبَاكُمْ وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ ۚ مِلَّةَ أَبِيكُمْ إِبْرَاهِيمَ ۚ هُوَ سَمَّاكُمُ الْمُسْلِمِينَ مِنْ قَبْلُ وَفِي هَٰذَا لِيَكُونَ الرَّسُولُ شَهِيدًا عَلَيْكُمْ وَتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ ۚ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَاعْتَصِمُوا بِاللَّهِ هُوَ مَوْلَاكُمْ ۖ فَنِعْمَ الْمَوْلَىٰ وَنِعْمَ النَّصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن) تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە جىھاد قىلىڭلار، ئاللاھ (دىنغا ياردەم بېرىشكە ئۈممەتلەر ئارىسىدىن) سىلەرنى تاللىدى. (ئەڭ مۇكەممەل شەرىئەت ۋە ئۇلۇغ پەيغەمبەرنى سىلەرگە خاس قىلدى). سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى). (بۇ) ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر (بۇ توغرا دىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مەھكەم ئۇچلاڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرى (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرىكى كىتابلاردا) مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان ئىدى. قۇرئاندىمۇ شۇنداق ئاتىدى. (ئاللاھ) پەيغەمبەرنى سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا ۋە سىلەرنى كىشىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا (تاللىدى)، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا يېپىشىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە! نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار![78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ يولىدا لايىق رەۋىشتە جىھاد قىلىڭلار، سىلەرنى ئاللاھ تاللىدى ۋە سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى. بۇ، ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشى ۋە سىلەرنىڭ ئىنسانلارغا گۇۋاھ بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرىمۇ ۋە بۇ قۇرئاندىمۇ مۇسۇلمان دەپ ئاتىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار ۋە ئاللاھقا ئېسىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە! نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا ئۆز لايىقىدا جىھاد قىلىڭلار. ئۇ سىلەرنى بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن تاللىدى. دىندا سىلەرنى ھېچبىر ئېغىر ئىشقا تەكلىپ قىلمىدى. بۇ ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرىكى كىتابلاردا ۋە قۇرئاندا «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىدى. ئاللاھ بۇنى، ئەلچىسىنى سىلەرگە شاھىت بولسۇن، سىلەرنى باشقا ئىنسانلارغا شاھىت بولسۇن دەپ قىلدى. ئۇنداقتا نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە ۋە نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچىدۇر!
مۆئمىنۇن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: -شۇنداق مۇئمىنلاركى،- ئۇلار نامازلىرىدا ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نامىزىدا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچى كىشىلەردۇر.
23 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَوَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار نامازلىرىنى (ۋاقتىدا، تەئدىل ئەركان بىلەن) ئادا قىلغۇچىلاردۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار نامازلىرىنى -ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن تەلەپكە لايىق- ئادا قىلىپ مۇھاپىزەت قىلغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى كىشىلەردۇر.
نۇر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
رِجَالٌ لَا تُلْهِيهِمْ تِجَارَةٌ وَلَا بَيْعٌ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَإِقَامِ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءِ الزَّكَاةِ ۙ يَخَافُونَ يَوْمًا تَتَقَلَّبُ فِيهِ الْقُلُوبُ وَالْأَبْصَارُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا ـ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن قورقىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا ـ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھ نى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان - قىيامەت كۈنى-دىن قورقىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، تىجارەت ۋە ئېلىم - سېتىمغا بېرىلىپ ئاللاھنىڭ زىكرىدىن، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشتىن، زاكاتنى بېرىشتىن غەپلەتتە قالمايدۇ. ئۇلار قەلبلەر ۋە كۆزلەر دەھشەت بىلەن سىلكىنىدىغان كۈندىن قورقىدۇ.
24 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يُسَبِّحُ لَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالطَّيْرُ صَافَّاتٍ ۖ كُلٌّ قَدْ عَلِمَ صَلَاتَهُ وَتَسْبِيحَهُ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِمَا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ۋە قاناتلىرىنى كەرگەن ھالدا (ئۇچۇپ كېتىۋاتقان) قۇشلارنىڭ تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقىنى سەن بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر(مەخلۇق) نىڭ دۇئاسىنى ۋە تەسبىھىنى بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ۋە قاناتلىرىنى كەرگەن ھالدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر مەخلۇقنىڭ دۇئاسىنى ۋە تەسبىھىنى بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر، سەپ - سەپ ئۇچارقاناتلار ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتماقتىدۇر. ھەر بىرى نامىزىنى ۋە تەسبىھىنى بىلدى8. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
24 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلەيسىلەر.
فۇرقان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اسْجُدُوا لِلرَّحْمَٰنِ قَالُوا وَمَا الرَّحْمَٰنُ أَنَسْجُدُ لِمَا تَأْمُرُنَا وَزَادَهُمْ نُفُورًا ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «رەھمانغا (يەنى مەرھەمەتلىك ئاللاھقا) سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ سۆز ئۇلارنى (ئىماندىن) تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «رەھمان-مەرھەمەتلىك ئاللاھ- غا سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ نەپرىتىنى تېخىمۇ زىيارە قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا «رەھمانغا سەجدە قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ بۇيرۇق ئۇلارنى تېخىمۇ ئۈركۈتىۋېتىدۇ.
25 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَبِيتُونَ لِرَبِّهِمْ سُجَّدًا وَقِيَامًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار كېچىلەرنى پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن (يەنى ناماز ئوقۇش بىلەن) ئۆتكۈزىدۇ[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كېچىلەرنى رەببىغا سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كېچىلىرىنى رەببىگە سەجدە قىلىپ ۋە قىيامدا تۇرۇپ ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەردۇر.
شۇئەرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
فَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سَاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىھىرگەرلەر سەجدىگە باردى[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن سىھىرگەرلەر سەجدىگە باردى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە باش قويۇپ،
26 : 219 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَقَلُّبَكَ فِي السَّاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى (سەجدىگە بارغانلىق، رۇكۇغا تۇرغانلىق ۋە قىيامدا تۇرغانلىق) ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدۇ[219].
تەرجىمە ھەيئىتى: ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ھەرىكىتىڭنىمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەرىكەتلىرىڭنىمۇ كۆرىدۇ.
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق مۇئمىنلاركى، ئۇلار نامازنى تەلەكپە لايىق ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدۇ، زاكاتنى بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
اتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ وَأَقِمِ الصَّلَاةَ ۖ إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَىٰ عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ ۗ وَلَذِكْرُ اللَّهِ أَكْبَرُ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَصْنَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتاب- قۇرئان- نى تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى تەئدىل ئەركان بىلەن ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، ئاللاھ نى ياد ئېتىش ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان ھەممە ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ناماز قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلەردىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنىڭ زىكرى ئەڭ بۈيۈكتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىدۇ.
رۇم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
فَسُبْحَانَ اللَّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاخشامدا ۋە ئەتىگەندە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاخشامغا كىرگە ۋاختىڭلاردا ۋە ئەتىگەنلىگىنىڭلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان، ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان چاغلىرىڭلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار.
30 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
مُنِيبِينَ إِلَيْهِ وَاتَّقُوهُ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَلَا تَكُونُوا مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا تەۋبە بىلەن قايتىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، نامازنى ئادا قىلىڭلار، مۇشرىكلاردىن بولماڭلار[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا تەۋبە بىلەن قايتىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، نامازنى ئادا قىلىڭلار، مۇشرىكلاردىن بولماڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا داۋاملىق يۆنىلىڭلار، ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، مۇشرىكلاردىن بولماڭلار.
لوقمان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ) (تەئدىل ئەركان بىلەن) ناماز ئوقۇيدىغان، (ئاللاھنىڭ رىزاسىنى تىلەش يۈزىسىدىن كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن) زاكات بېرىدىغان ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان ياخشى ئىش قىلغۇچى كىشىلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر[3ـ4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار، تەئدىل ئەركان بىلەن ناماز ئوقۇيدىغان، زاكات بېرىدىغان ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغانلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، زاكاتنى بېرىدىغان، ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر.
31 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بُنَيَّ أَقِمِ الصَّلَاةَ وَأْمُرْ بِالْمَعْرُوفِ وَانْهَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا أَصَابَكَ ۖ إِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن قىلىش ئۈچۈن ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى -ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن- ئوقۇغىن، -كىشىلەرنى- ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن ۋە بېشىڭغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغىن. مانا بۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا يُؤْمِنُ بِآيَاتِنَا الَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُوا بِهَا خَرُّوا سُجَّدًا وَسَبَّحُوا بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقەتەن شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا شۇ ئايەتلەر بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن ئاللاھقا) سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىدۇ، پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمد ئېيتىدۇ. ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقەتەن شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىدۇ، رەببىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ھەمدۇ ئېيتىدۇ. ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا ئۇ ئايەتلەر ئەسلىتىلسە دەرھال سەجدە قىلىدۇ، رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە چوڭچىلىق قىلمايدۇ.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار (چۈنكى بۇ ئىككى ۋاقىتتا پەرىشتىلەر چۈشۈپ تۇرغانلىقتىن، ئۇ ۋاقىتلارنىڭ ئەۋزىلى ھېسابلىنىدۇ)[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئۇنىڭغا ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن تەسبىھ ئېيتىڭلار.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ هُوَ قَانِتٌ آنَاءَ اللَّيْلِ سَاجِدًا وَقَائِمًا يَحْذَرُ الْآخِرَةَ وَيَرْجُو رَحْمَةَ رَبِّهِ ۗ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ ۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)». ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ»[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مۇشۇنداق ئادەم ياخشىمۇ؟- ياكى ئاخىرەت ئازابىدىن قورقۇپ، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم ياخشىمۇ؟». ئېيتقىنكى: «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا ئىبرەت ئالىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كافىر ياخشىمۇ؟ ياكى ئاخىرەت ئەندىشىسى ۋە رەببىنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن كېچىنىڭ ۋاقىتلىرىنى سەجدە قىلىپ ۋە قىيامدا تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن كىشى ياخشىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟» بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ.
شۇرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِرَبِّهِمْ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَمْرُهُمْ شُورَىٰ بَيْنَهُمْ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر[36ـ39].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇلار، رەببىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغان، نامازنى تەئدىل ئەركان بىلەن ئۆتەيدىغان، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغان، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خەجلىيەلەيدىغانلاردۇر
ئەنەس ئالىم: رەببىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، كېڭىشىپ قارار قىلىدىغان ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدىغان كىشىلەر ئېرىشىدۇ،
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
كَانُوا قَلِيلًا مِنَ اللَّيْلِ مَا يَهْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى
ئەنەس ئالىم: كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى،
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْجُدُوا لِلَّهِ وَاعْبُدُوا ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: قېنى ئەمدى ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئىبادەت قىلىڭلار.
رەھمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَالنَّجْمُ وَالشَّجَرُ يَسْجُدَانِ
مۇھەممەد سالىھ: ئوت ـ چۆپلەر، دەل ـ دەرەخلەر سەجدە قىلىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ)[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئوت ـ چۆپلەر ۋە دەل ـ دەرەخلەر سەجدە قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەرەخلەر سەجدە قىلماقتىدۇر.
مۇجادىلە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قِيلَ لَكُمْ تَفَسَّحُوا فِي الْمَجَالِسِ فَافْسَحُوا يَفْسَحِ اللَّهُ لَكُمْ ۖ وَإِذَا قِيلَ انْشُزُوا فَانْشُزُوا يَرْفَعِ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ وَالَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ دَرَجَاتٍ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئەگەر (سورۇندا) بەزىلەر سىلەرگە: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (رەھمىتىنى ۋە جەننىتىنى) كېڭەيتىپ بېرىدۇ، ئەگەر سىلەرگە (باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن): «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئەگەر سىلەرگە: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە كەڭرىلىك بېرىدۇ، ئەگەر سىلەرگە: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە سورۇنلاردا: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئورۇن چىقىرىپ بېرىدۇ. «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار»، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ دەرىجىلىرىنى كۆتىرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
58 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
أَأَشْفَقْتُمْ أَنْ تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيْ نَجْوَاكُمْ صَدَقَاتٍ ۚ فَإِذْ لَمْ تَفْعَلُوا وَتَابَ اللَّهُ عَلَيْكُمْ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقىلەر بېرىشتىن (كەمبەغەل بولۇپ قالىمىز) دەپ قورقتۇڭلارمۇ؟ سىلەر سەدىقە بەرمىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن ئاللاھ تولۇق خەۋەرداردۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقىلەر بېرىشتىن قورقتۇڭلارمۇ؟ سىلەر سەدىقە بەرمىدىڭلار ۋە ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قۇبۇل قىلدى، ئەمدى نامازنى تەلەپكە لايىق ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۇنىڭ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقىلەرنى بېرىشتىن قورقتۇڭلارمۇ؟ سىلەر سەدىقە بەرمىدىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئۇ ھالدا نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
جۇمۇئە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
62 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِنْ يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە (يەنى جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا) ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم ـ سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە ئالدىراڭلار ۋە ئېلىم ـ سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئېيتىلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۈگۈرۈڭلار. ئېلىم - سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار.
قەلەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يُكْشَفُ عَنْ سَاقٍ وَيُدْعَوْنَ إِلَى السُّجُودِ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئىش قىيىنلىشىدۇ. ئۇلار (ئىمانىنى سىناش ئۈچۈن) سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، ئۇلار سەجدە قىلالمايدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئىش قىيىنلىشىدۇ؛ ئۇلار سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، لېكىن ئۇلار سەجدە قىلالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى پاچاق ئېچىلىدۇ2. ئۇلار سەجدە قىلىشقا دەۋەت قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇلار قادىر بولالمايدۇ.
مائارىج سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الْمُصَلِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر[22ـ23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ناماز ئۆتەيدىغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇركى
ئەنەس ئالىم: ناماز ئوقۇغۇچىلار ئۇنداق ئەمەس.
70 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَاتِهِمْ دَائِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر[22ـ23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نامىزىنى داۋاملىق ئۆتىگۈچى كىشىلەردۇر.
70 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار نامىزىنى ئادا قىلغۇچىلاردۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار نامىزىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
مۇزەممىل سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
قُمِ اللَّيْلَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە ـ دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن[2ـ4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچىسى ئورنۇڭدىن تۇر! ئازغىنىسى مۇستەسنا؛
ئەنەس ئالىم: كېچىنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقىسىدا ئورنۇڭدىن تۇرغىن،
73 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
نِصْفَهُ أَوِ انْقُصْ مِنْهُ قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە ـ دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن[2ـ4].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ئورنۇڭدىن تۇرغىن
ئەنەس ئالىم: يەنى كېچىنىڭ يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىن ئازراقىدا
73 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ رَبَّكَ يَعْلَمُ أَنَّكَ تَقُومُ أَدْنَىٰ مِنْ ثُلُثَيِ اللَّيْلِ وَنِصْفَهُ وَثُلُثَهُ وَطَائِفَةٌ مِنَ الَّذِينَ مَعَكَ ۚ وَاللَّهُ يُقَدِّرُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ ۚ عَلِمَ أَنْ لَنْ تُحْصُوهُ فَتَابَ عَلَيْكُمْ ۖ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنَ الْقُرْآنِ ۚ عَلِمَ أَنْ سَيَكُونُ مِنْكُمْ مَرْضَىٰ ۙ وَآخَرُونَ يَضْرِبُونَ فِي الْأَرْضِ يَبْتَغُونَ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ ۙ وَآخَرُونَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنْهُ ۚ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا ۚ وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ هُوَ خَيْرًا وَأَعْظَمَ أَجْرًا ۚ وَاسْتَغْفِرُوا اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلارنىڭ (يەنى ساھابىلەر) دىن بىر توپ ئادەمنىڭ (تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن) كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ (ئۇزۇنلۇقى) نى ئاللاھ ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلدى قۇرئاندىن سىلەرگە قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار. ئاللاھ بىلىدۇكى، بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىسىلەر، بەزىلەر ئاللاھنىڭ پەزلىنى تىلەپ (يەنى تىجارەت قىلىپ) يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنى بەزىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن (يەنى تەھەججۇد نامىزىدىن) قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ مال سەرپ قىلىڭلار)، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر (دۇنيا بولسا پانىيدۇر، ئاخىرەت بولسا باقىيدۇر. ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ھەممىدىن ئارتۇقتۇر). ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- شۈبھىسىزكى، رەببىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلاردىن بىر توپ ئادەمنىڭ كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئاللاھ ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قۇبۇل قىلدى،ئەمدى قۇرئاندىن سىلەرگە قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، ئاللاھ بىلىدۇكى، بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىسىلەر، بەزىلەر ئاللاھنىڭ پەزلىنى تىلەپ يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاندىن قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! رەببىڭ بىلىپ تۇرىدۇكى، سەن كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىگە يېقىن قىسمىدا، كېچىنىڭ يېرىمىدا، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە ئورنۇڭدىن تۇرۇۋاتىسىەن. سەن بىلەن بىللە بولغانلاردىن بىر جامائەمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ مىقدارىنى ئاللاھ بەلگىلەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى بىلدى، شۇڭلاشقا سىلەرگە يىنىكلەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن قۇرئاندىن سىلەرگە ئاسان بولغان مىقدارنى ئوقۇڭلار. ئاللاھ بىلىپ تۇرىدۇكى، يېقىندا سىلەردىن كېسەل كىشىلەر، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تىلەپ زېمىندا سەپەر قىلىدىغان باشقا كىشىلەر ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇشىدىغان يەنە باشقا كىشىلەر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاندىن سىلەرگە ئاسان بولغان مىقدارنى ئوقۇڭلار. نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىڭلار. ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ ياخشى ۋە مۇكاپاتى ئەڭ بۈيۈك ھالەتتە تاپىسىلەر. ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار. شۈبھىىسزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
مۇدەسسىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا لَمْ نَكُ مِنَ الْمُصَلِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز ناماز ئۆتىگۈچىلەردىن بولمىغان ئىدۇق،
قىيامەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا صَدَّقَ وَلَا صَلَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (كاپىر قۇرئانغا) ئىشەنمىدى، ناماز ئوقۇمىدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىشەنمىگەن ۋە ناماز ئوقۇمىغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ8، تەستىقلىمىدى9 ۋە ناماز ئۆتىمىدى،
ئىنسان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تُطِعْ مِنْهُمْ آثِمًا أَوْ كَفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەتىگەن ـ ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭغا كۆپ تائەت ـ ئىبادەت قىلغىن)[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەتىگەن ـ ئاخشامدا رەببىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن
ئەنەس ئالىم: چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن رەببىڭنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىن،
76 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، ئۇزۇن كېچىدە ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت
ئەنەس ئالىم: كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىن، كېچىنىڭ ئۇزۇن بىر قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن.
مۇرسەلات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
77 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار رۇكۇ قىلمايدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار رۇكۇ قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، رۇكۇ قىلمايدۇ.
ئىنىشقاق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
84 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قُرِئَ عَلَيْهِمُ الْقُرْآنُ لَا يَسْجُدُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟[21]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇلغاندا سەجدە قىلمايدۇ.
ئەئلا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَذَكَرَ اسْمَ رَبِّهِ فَصَلَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە رەببىنىڭ نامىنى ياد ئېتىپ ناماز ئۆتىگەن ئادەم مەخسىتىگە يېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ۋە رەببىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ناماز ئۆتىگەن3.
ئىنشىراھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
94 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا فَرَغْتَ فَانْصَبْ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! دەۋەتتىن) بوشىغان چېغىڭدا (ئاللاھقا) ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن بوشىغان چېغىڭدا دەرھال تىرىشقىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا بىر ئىشتىن بوشىغان چېغىڭدا، يەنە بىر ئىشقا كىرىشكىن.
ئەلەق سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
96 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
أَرَأَيْتَ الَّذِي يَنْهَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟[9ـ10]
تەرجىمە ھەيئىتى: توسقان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟
ئەنەس ئالىم: شۇ ئادەمنىڭ ھالىنى كۆردۈڭمۇ: ئۇ چەكلەۋاتىدۇ،
96 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
عَبْدًا إِذَا صَلَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟[9ـ10]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر بەندىنى ناماز ئوقۇۋاتقاندا
ئەنەس ئالىم: ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى.
96 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
سَنَدْعُ الزَّبَانِيَةَ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن، (ئاللاھقا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئەسلا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن! سەجدە قىلغىن ۋە يېقىنلاشقىن
ئەنەس ئالىم: ياق!3 ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمغىن، سەجدە قىلغىن ۋە يېقىنلاشقىن4.
بەييىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
98 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ ۚ وَذَٰلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھالبۇكى ئۇلار، دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلغانىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، ئۇلار دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان ۋە ھەقىقەتنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشكە، زاكاتنى بېرىشكە ئەمر قىلىنغان ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر.
مائۇن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
107 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَيْلٌ لِلْمُصَلِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتىدۇر [4ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋايكى
ئەنەس ئالىم: شۇنداق ناماز ئۆتىگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋايكى،
107 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ هُمْ عَنْ صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتىدۇر [4ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار نامازلىرىدىن بىخەۋەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نامازلىرىدىن غاپىل كىشىلەردۇر.
كەۋسەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
108 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمدى سەن رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنداقتا، رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئۆتىگىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن.