قىبلە
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
مەككىدە ناماز ئوقۇغاندا كەئبە تەرەپكە يۈزلىنىش توغرىسىكى ئايەتلەر.
ئەرەبچىىسى: القبلة
ئېنگلىزچىسى: Direction of Prayer
8 ئايەت
2 سۈرە
0 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ الْمَشْرِقُ وَالْمَغْرِبُ ۚ فَأَيْنَمَا تُوَلُّوا فَثَمَّ وَجْهُ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ (يەنى پۈتۈن يەر يۈزى) ئاللاھنىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپى (يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسى) دۇر. ئاللاھ (نىڭ مەغپىرىتى) ھەقىقەتەن كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن) قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپى (يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسى) دۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن كەرىمى كەڭ، ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر. قەيەرگە يۈزلەنسەڭلار، ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر33.
2 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَقُولُ السُّفَهَاءُ مِنَ النَّاسِ مَا وَلَّاهُمْ عَنْ قِبْلَتِهِمُ الَّتِي كَانُوا عَلَيْهَا ۚ قُلْ لِلَّهِ الْمَشْرِقُ وَالْمَغْرِبُ ۚ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى ئەخمەق كىشىلەر: «ئۇلارنى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۆمىنلەرنى) قاراپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن (يەنى بەيتۇلمۇقەددەستىن) نېمە يۈز ئۆرۈگۈزگەندۇ؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەشرىق ۋە مەغرىب (ھەممە تەرەپ) ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»[142].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى ئەخمەق كىشىلەر: «ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۆمىنلەر) نى يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن (بەيتۇلمۇقەددەستىن) نېمە بۇرىۋەتكەندۇر؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەشرىقمۇ ۋە مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن بىر قىسىم ئەخمەقلەر: «ئۇلارنى44 يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن نېمە يۈز ئۆرۈگۈزگەندۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر. ئۇ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ».
2 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا لِتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ وَيَكُونَ الرَّسُولُ عَلَيْكُمْ شَهِيدًا ۗ وَمَا جَعَلْنَا الْقِبْلَةَ الَّتِي كُنْتَ عَلَيْهَا إِلَّا لِنَعْلَمَ مَنْ يَتَّبِعُ الرَّسُولَ مِمَّنْ يَنْقَلِبُ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ ۚ وَإِنْ كَانَتْ لَكَبِيرَةً إِلَّا عَلَى الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ ۗ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَانَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان تەرەپنى (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسنى) قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئاسىيلىق قىلغانلاردىن (يەنى مۇرتەد بولۇپ كەتكەنلەردىن) ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى. ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا بۇ (يەنى قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى) ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر[143].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرنى توغرا يولغا باشلىغاندەك سىلەرنىڭ كىشىلەرگە شاھىت بولۇشۇڭلار ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئادىل ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان تەرەپ (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) نى قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئىماندىن يېنىۋالغانلاردىن ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى. ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا بۇ قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، بىز سىلەرنى ئوتتۇراھال ئۇممەت45 قىلدۇق. بۇ سىلەرنىڭ ئىنسانلارغا شاھىت بولۇشۇڭلار، رەسۇلنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈندۇر. سەن يۈز كەلتۈرگەن تەرەپنى قىبلە قىلىپ بەلگىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، رەسۇلغا ئەگىشىدىغانلارنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئارقىسىغا يېنىۋالىدىغانلاردىن ئايرىپ بىلىشىمىز ئۈچۈندۇر، خالاس. قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىسىغا چوقۇم ئېغىر كېلىدۇ. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارغا شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
2 : 144 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ نَرَىٰ تَقَلُّبَ وَجْهِكَ فِي السَّمَاءِ ۖ فَلَنُوَلِّيَنَّكَ قِبْلَةً تَرْضَاهَا ۚ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَحَيْثُ مَا كُنْتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ ۗ وَإِنَّ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّهِمْ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سېنىڭ (كەبە قىبلەڭ بولۇشىنى تىلەپ) قايتا ـ قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولماڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) بۇنىڭ (يەنى قىبلىنىڭ كەبىگە ئۆزگەرتىلىشىنىڭ) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن غاپىل ئەمەس[144].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سېنىڭ (كەئبىنىڭ قىبلەڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ) قايتا ـ قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. نامازدا يۈزۈڭنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامازدا يۈزۈڭلارنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن بىخەۋەر ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن بۇيرۇقىمىزنى كۈتۈپ پات - پات ئاسمانغا قاراۋاتىسەن. بىز سېنى چوقۇم سەن رازى بولىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن نامىزىڭدا يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن! ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى ئۇنىڭ تەرىپىگە قىلىڭلار. كىتاب بېرىلگەنلەر ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇكى، قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئۆزلىرىنىڭ رەببىدىن كەلگەن ھەق ھۆكۈمدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس.
2 : 145 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَتَيْتَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ بِكُلِّ آيَةٍ مَا تَبِعُوا قِبْلَتَكَ ۚ وَمَا أَنْتَ بِتَابِعٍ قِبْلَتَهُمْ ۚ وَمَا بَعْضُهُمْ بِتَابِعٍ قِبْلَةَ بَعْضٍ ۚ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ ۙ إِنَّكَ إِذًا لَمِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كىتاب بېرىلگەنلەرگە بارچە دەلىلنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سېنىڭ قىبلەڭگە بويسۇنمايدۇ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە بويسۇنمايسەن؛ ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ھەم ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنىڭ قىبلىسىگە بويسۇنمايدۇ. ساڭا ئىلىم (ۋەھىي) كەلگەندىن كېيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا بويسۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم زۇلۇم قىلغانلاردىن بولىسەن[145].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كىتاب بېرىلگەنلەرگە بارچە دەلىلنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سېنىڭ قىبلەڭگە يۈزلەنمەيدۇ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈزلەنمەيسەن؛ ئۇلار ھەم ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈزلەنمەيدۇ. ساڭا ئىلىم (يەنى ۋەھيى) كەلگەندىن كېيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن
ئەنەس ئالىم: كىتاب بېرىلگەنلەرگە پۈتكۈل دەلىللەرنى كەلتۈرسەڭمۇ ئۇلار يەنىلا سېنىڭ قىبلەڭگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيسەن. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى يەنە بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. ئەگەر سەن ئۆزۈڭگە كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، بىلىپ قويغىنكى سەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ كېتىسەن.
2 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ حَيْثُ خَرَجْتَ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۖ وَإِنَّهُ لَلْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (قەيەردىن سەپەرگە چىقساڭ، نامىزىڭدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم (كەبە) تەرەپكە قىلغىن؛ بۇ، شەكسىز پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر[149].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەيەردىن سەپەرگە چىققىن، نامىزىڭدا يۈزۈڭنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلغىن؛ بۇ راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن بىخەۋەر ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: قەيەردە نامازغا تۇرساڭ يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. بۇ چوقۇم رەببىڭدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس.
2 : 150 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ حَيْثُ خَرَجْتَ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَحَيْثُ مَا كُنْتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَيْكُمْ حُجَّةٌ إِلَّا الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ فَلَا تَخْشَوْهُمْ وَاخْشَوْنِي وَلِأُتِمَّ نِعْمَتِي عَلَيْكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلار (يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلار) غا سىلەرگە قارشى دەلىل ـ ئىسپات بولماسلىقى ئۈچۈن، (ئى مۇھەممەد! سەپەر قىلىشقا) قەيەردىن چىقمىغىن، (نامىزىڭدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولماڭلار، (نامىزىڭلاردا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلارلا (قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىۋالىدۇ)، ئۇلاردىن (يەنى زالىملاردىن) قورقماڭلار، (مېنىڭ ئەمرىمنى تۇتۇش بىلەن) مەندىن قورقۇڭلار. (قىبلىنى ئۆزگەرتىشكە ئەمر قىلىشىم) سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزۈشۈم ۋە توغرا يولدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر[150].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارغا سىلەرگە قارشى دەلىل ـ ئىسپات بولماسلىقى ئۈچۈن، (ئى مۇھەممەد!) سەپەرگە قەيەردىن چىققىن، نامىزىڭدا يۈزۈڭنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولۇڭلار، نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى شۇ (ھەرەم مەسجىدى) تەرەپكە قىلىڭلار. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارلا قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىۋالىدۇ، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. (مېنىڭ قىبلىنى ئۆزگەرتىشكە ئەمر قىلىشىم) يەنە سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. بۇ، ئىنسانلارنىڭ سىلەرگە قارشى دەلىلى بولماسلىقى ئۈچۈندۇر. زالىملار مۇستەسنا46. ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. شۇنىڭدەك، بۇ مېنىڭ سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىشىم ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ وَأَخِيهِ أَنْ تَبَوَّآ لِقَوْمِكُمَا بِمِصْرَ بُيُوتًا وَاجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قِبْلَةً وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۆمىنلەرگە (دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلدۇق: «ئىككىڭلار مىسىردا قەۋمىڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر تەييارلاڭلار. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھ قىلىڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار. ئى مۇسا! مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن».