ھېيت-بايرام
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئاندا ئىشارەت قىلىنغان بايرام كۈنى - ئىيسانىڭ ھاۋارىيلىرى بايرام سۈپىتىدە داستىخان سېلىشنى تەلەپ قىلغان - ۋە ئاللاھنى كوللىكتىپ ھالدا بىرلىكتە ئۇلۇغلاش سەۋەبى بىلەن ئىبادەتلىرىنى تاماملىغان.
ئېنگلىزچىسى: Eid and Celebration
6 ئايەت
2 سۈرە
0 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
مائىد سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَوْحَيْتُ إِلَى الْحَوَارِيِّينَ أَنْ آمِنُوا بِي وَبِرَسُولِي قَالُوا آمَنَّا وَاشْهَدْ بِأَنَّنَا مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز» دېدى[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ چاغدا مەن ھاۋارىيلارغا(سەن ئارقىلىق) : «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھيى چۈشۈرگەن ئىدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، سەن بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزغا گۇۋاھ بولغىن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ ئەلچىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلغان ئىدىم. ئۇلار: «ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز مۇسۇلمانمىز» دېگەن ئىدى.
5 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ هَلْ يَسْتَطِيعُ رَبُّكَ أَنْ يُنَزِّلَ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ ۖ قَالَ اتَّقُوا اللَّهَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېدى. ئىيسا: «ئەگەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنسەڭلار (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېدى[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ چاغدا ھاۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئاسماندىن تاماق بار بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى. ئىيسا: «ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى، ئىيسا: «مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دېدى.
5 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا نُرِيدُ أَنْ نَأْكُلَ مِنْهَا وَتَطْمَئِنَّ قُلُوبُنَا وَنَعْلَمَ أَنْ قَدْ صَدَقْتَنَا وَنَكُونَ عَلَيْهَا مِنَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، كۆڭلىمىزنىڭ تىنچلىنىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى بىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا (يەنى داستىخانغا) گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، (بۇ ئارقىلىق) كۆڭلىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ۋە شۇ داستىخاننىڭ چۈشكەنلىكىگە گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى خالايمىز» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، قەلبلىرىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سېنىڭ بىزگە راست سۆزلىگەنلىكىڭنى بىلىشنى ۋە شاھىتلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى.
5 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا أَنْزِلْ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ تَكُونُ لَنَا عِيدًا لِأَوَّلِنَا وَآخِرِنَا وَآيَةً مِنْكَ ۖ وَارْزُقْنَا وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرگىن، بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە (قۇدرىتىڭنى ۋە پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن» دېدى[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە تائام بار بىر داستىخان چۈشۈرگىنكى، بۇ كۈن بىزگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەن بىزگە ئاتا قىلغان بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئېيتتى: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرۈپ بەرگىنكى، بىز ئۈچۈن، ئاۋۋىلىمىز ۋە ئاخىرىمىز ئۈچۈن بايرام، سەندىن بىر ئايەت بولسۇن34. بىزگە رىزىق بەرگىن. سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».
5 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اللَّهُ إِنِّي مُنَزِّلُهَا عَلَيْكُمْ ۖ فَمَنْ يَكْفُرْ بَعْدُ مِنْكُمْ فَإِنِّي أُعَذِّبُهُ عَذَابًا لَا أُعَذِّبُهُ أَحَدًا مِنَ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولسا، ئۇنى شۇنداق بىر ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى مۇنداق ئازابلىمايمەن» دېدى[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن تۇزكورلۇق قىلسا، ئۇنى ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى ئازابلىمىغان ئازاب بىلەن ئازابلايمەن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «مەن ئۇ داستىخاننى سىلەرگە چوقۇم چۈشۈرىمەن. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن كىم تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، ئۇنى شۇنداق ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئالەملەردىن ھېچكىمنى ئۇ ئازاب بىلەن ئازابلىمايمەن» دېدى.
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مَوْعِدُكُمْ يَوْمُ الزِّينَةِ وَأَنْ يُحْشَرَ النَّاسُ ضُحًى
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغ بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن»[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغ بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «سىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىمىز زىننەت كۈنى بولسۇن، خەلق چاشگاھ ۋاقتىدا يىغىلسۇن» دېدى.