ئۆزىنى قوغداش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئۆزىنى، ئائىلىسىنى ۋە جەمئىيىتىنى تاجاۋۇزچىلىقتىن قوغداش ھوقۇقى.
ئېنگلىزچىسى: Self-Defense
19 ئايەت
10 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 جىھاد ۋە مۇداپىئە /
- 📄 ئۆزىنى قوغداش
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 190 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَاتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَكُمْ وَلَا تَعْتَدُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ[190].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى سىلەرمۇ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. لېكىن تاجاۋۇز قىلماڭلار، چۈنكى ئاللاھ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
2 : 191 - ئايەت
كۆرۈش
وَاقْتُلُوهُمْ حَيْثُ ثَقِفْتُمُوهُمْ وَأَخْرِجُوهُمْ مِنْ حَيْثُ أَخْرَجُوكُمْ ۚ وَالْفِتْنَةُ أَشَدُّ مِنَ الْقَتْلِ ۚ وَلَا تُقَاتِلُوهُمْ عِنْدَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ حَتَّىٰ يُقَاتِلُوكُمْ فِيهِ ۖ فَإِنْ قَاتَلُوكُمْ فَاقْتُلُوهُمْ ۗ كَذَٰلِكَ جَزَاءُ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى (يەنى تاجاۋۇزچىلارنى) ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتكەن جايدىن، سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلىش ئۇرۇشتىنمۇ ياماندۇر. تاكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچمىغىچە مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەگەر ئۇلار (مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا) سىلەرگە ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېرىڭلار. كاپىرلارنىڭ جازاسى شۇنداق بولىدۇ[191].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار سىلەرنى چىقىرىۋەتكەن جايدىن چىقىرىۋېتىڭلار، (دىندىن قايتۇرۇش ئۈچۈن مۆمىنلەرگە) زىيانكەشلىك قىلىش ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر. تاكى ئۇلار ئۆزى ئۇرۇش ئاچمىغۇچە ھەرەم مەسجىدى ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەگەر ئۇلار ھەرەم مەسجىدى ئەتراپىدا ئۆزى ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋېرىڭلار. كافىرلارنىڭ جازاسى شۇنداق بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى قەيەردە تاپساڭلار ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار سىلەرنى چىقارغان يەردىن سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىڭلار. فىتنە58 ئۆلتۈرۈۋېتىشتىنمۇ ياماندۇر. مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدا ئۇلار سىلەرگە ئۇرۇش ئاچمىغىچە سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن ئۇ يەردە ئۇرۇشماڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇ كافىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇنداقتۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
لَنْ يَضُرُّوكُمْ إِلَّا أَذًى ۖ وَإِنْ يُقَاتِلُوكُمْ يُوَلُّوكُمُ الْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ قاچىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ بەدەر قاچىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سىلەرگە ھاقارەت قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا ئارقىلىرىنى قىلىپ قاچىدۇ. ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ.
نىسا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا خُذُوا حِذْرَكُمْ فَانْفِرُوا ثُبَاتٍ أَوِ انْفِرُوا جَمِيعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! (دۈشمەنلەرنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن) تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇڭلار، ئۇرۇشقا تۈركۈم ـ تۈركۈم بولۇپ ياكى ھەممىڭلار بىر بولۇپ چىقىڭلار[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرۇڭلار، ئۇرۇشقا تۈركۈم ـ تۈركۈم بولۇپ ياكى ھەممىڭلار بىر بولۇپ چىقىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! مۇداپىئە تەدبىرىڭلارنى ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇرۇشقا قىسىم - قىسىم ھالەتتە چىقىڭلار ياكى ئومۇميۈزلۈك چىقىڭلار.
4 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا لَكُمْ لَا تُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَالْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الرِّجَالِ وَالنِّسَاءِ وَالْوِلْدَانِ الَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا أَخْرِجْنَا مِنْ هَٰذِهِ الْقَرْيَةِ الظَّالِمِ أَهْلُهَا وَاجْعَلْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ وَلِيًّا وَاجْعَلْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرگە نېمە بولدىكى، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر ۋە (دۇئا قىلىپ): «ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئاھالىسى زالىم بۇ شەھەردىن بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى مۇيەسسەر قىلغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى مۇيەسسەر قىلغىن» دەيدىغان ئاجىز ئەرلەر، ئاجىز ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىھاد قىلمايسىلەر؟(بۇ يەردە مەككە كۆزدە تۇتۇلىدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا مەككە كۇفرىنىڭ ماكانى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن ھىجرەت قىلغان ئىدى.)[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ۋە: «ئى رەببىمىز! بۇ ئاھالىسى زالىم شەھەردىن *[1] بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى ئاتا قىلغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى بەرگىن» دەپ دۇئا قىلىۋاتقان ئاجىز ئەر-ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە نېمە بولدىكىن ئاللاھنىڭ يولىدا ۋە «رەببىمىز! بىزنى بۇ ئاھالىسى زالىم يۇرتتىن چىقارغىن، بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن ۋەلىي33 ئاتا قىلغىن ۋە بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن ياردەمچى ئاتا قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىۋاتقان چارىسىز ئەر، ئايال ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۇرۇش قىلمايسىلەر؟
4 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
سَتَجِدُونَ آخَرِينَ يُرِيدُونَ أَنْ يَأْمَنُوكُمْ وَيَأْمَنُوا قَوْمَهُمْ كُلَّ مَا رُدُّوا إِلَى الْفِتْنَةِ أُرْكِسُوا فِيهَا ۚ فَإِنْ لَمْ يَعْتَزِلُوكُمْ وَيُلْقُوا إِلَيْكُمُ السَّلَمَ وَيَكُفُّوا أَيْدِيَهُمْ فَخُذُوهُمْ وَاقْتُلُوهُمْ حَيْثُ ثَقِفْتُمُوهُمْ ۚ وَأُولَٰئِكُمْ جَعَلْنَا لَكُمْ عَلَيْهِمْ سُلْطَانًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىمانىنى ئىزھار قىلىش بىلەن سىلەردىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى ۋە قەۋمىگە قايتقاندا (كۇفرىنى ئىزھار قىلىش بىلەن) ئۆز قەۋمىدىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى بولغان ئىككىنچى بىر خىل كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرىسىلەر، ئۇلار ھەر قاچان پىتنە ـ پاساتقا (يەنى كۇفرىغا ياكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا) چاقىرىلسا ئۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن تارتىدۇ، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرمىسا، سىلەرگە تەسلىم بولمىسا، (سىلەر بىلەن) ئۇرۇشۇشتىن قول يىغمىسا، بۇ چاغدا ئۇلارنى قەيەردە كۆرسەڭلار شۇ يەردە (ئەسىر ئېلىڭلار) تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرگە (ئۇلارنىڭ خىيانىتى سەۋەبلىك) ئۇلارغا قارشى (ئەسىر ئېلىشقا، ئۆلتۈرۈشكە) روشەن پاكىت ئاتا قىلدۇق[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمانىنى ئىزھار قىلىش بىلەن سىلەردىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى ۋە قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتقاندا (كۇفرنى ئىزھار قىلىش بىلەن) ئۆز قەۋمىدىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى بولغان ئىككىنچى بىر خىل كىشىلەرنى كۆرىسىلەر، ئۇلار ھەر قاچان كۇفرغا (ياكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا) چاقىرىلسا، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاتىدۇ، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرمىسا، سىلەرگە تەسلىم بولمىسا، سىلەر بىلەن ئۇرۇشۇشتىن قول يىغمىسا، بۇ چاغدا ئۇلارنى قەيەردە كۆرسەڭلار شۇ يەردە تۇتۇڭلار ۋە ئۆلتۈرۈڭلار، (ئۇلارنىڭ خىيانىتى سەۋەبلىك) بىز سىلەرنىڭ ئۇلارغا قارشى تەدبىر قوللىنىشىڭلارنى روشەن دەلىل بىلەن تەمىنلىدۇق
ئەنەس ئالىم: سىلەر يېقىندا باشقا بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئۇچرىتىسىلەركى، ئۇلار سىلەردىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى بولىدۇ، ئۆز قەۋمدىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى بولىدۇ43. ئۇلار قاچان پىتنىگە يۆنەلدۈرۈلسە، ئۇنىڭغا موللاق ئاتىدۇ44. ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرمىسا، سىلەرگە تەسلىم بولمىسا ۋە قوللىرىنى ئۇرۇشتىن يىغمىسا ئۇلارنى كۆرگەن يېرىڭلاردا تۇتۇڭلار ۋە ئۆلتۈرۈڭلار. بىز سىلەرگە ئەنە شۇلارغا قارشى ئاشكارا ھوقۇق بەردۇق45.
4 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا ضَرَبْتُمْ فِي الْأَرْضِ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَقْصُرُوا مِنَ الصَّلَاةِ إِنْ خِفْتُمْ أَنْ يَفْتِنَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ إِنَّ الْكَافِرِينَ كَانُوا لَكُمْ عَدُوًّا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قەسرى قىلىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كاپىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر (ناماز ئوقۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايدۇ)[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كافىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قىسقارتىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىپ) ئوقۇساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كافىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سەپەرگە چىققان چېغىڭلاردا كافىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقساڭلار، نامازدىن قىسقارتىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق48. شۈبھىسىزكى، كافىرلار سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر.
ئەنفال سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِمَّا تَثْقَفَنَّهُمْ فِي الْحَرْبِ فَشَرِّدْ بِهِمْ مَنْ خَلْفَهُمْ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇرۇشتا ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلساڭ، ئارقىدىكىلىرىنىڭ قېچىشى ۋە ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق جازالىغىن (يەنى ئۇلارنى باشقىلارغا ئىبرەت قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ سەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا دەرمانى قالمىسۇن)[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇرۇشتا ئۇلار بىلەن تۇتۇشۇپ قالساڭ، ئۇلارنى قاتتىق جازالاش ئارقىلىق ئارقىدىكىلىرىنى تىرىپىرەن قىلىۋەتكىن، (بۇنىڭدىن) ئۇلار ئىبرەت ئالسۇن
ئەنەس ئالىم: شۇڭا ئەگەر ئۇلارنى ئۇرۇشتا تۇتۇۋالساڭ، ئۇلارنى ئارقىلىرىدىكىلەر ئۈركۈپ قاچقۇدەك شەكىلدە جازالىغىن، ئويلىنىشى مۇمكىن.
8 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَعِدُّوا لَهُمْ مَا اسْتَطَعْتُمْ مِنْ قُوَّةٍ وَمِنْ رِبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِنْ دُونِهِمْ لَا تَعْلَمُونَهُمُ اللَّهُ يَعْلَمُهُمْ ۚ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ شَيْءٍ فِي سَبِيلِ اللَّهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا سىلەر بىلمەيدىغان، ئاللاھ بىلىدىغان دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى بۇ ساۋابتىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ)[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر، ئۇلارنى سىلەر تونۇمايسىلەر، ئاللاھ تونۇيدۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت ۋە جەڭ ئاتلىرى تەييارلاڭلار. ئۇلار بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر9. ئۇ باشقا دۈشمەنلەرنى سىلەر بىلمەيسىلەر، ئۇلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدا نېمە چىقىم قىلساڭلار، ئۇنىڭ ساۋابى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەر زۇلۇمغا ئۇچرىتىلمايسىلەر.
تەۋبە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَا تُقَاتِلُونَ قَوْمًا نَكَثُوا أَيْمَانَهُمْ وَهَمُّوا بِإِخْرَاجِ الرَّسُولِ وَهُمْ بَدَءُوكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۚ أَتَخْشَوْنَهُمْ ۚ فَاللَّهُ أَحَقُّ أَنْ تَخْشَوْهُ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر جامائەسى! ئەھدە بەرگەندە) ئىچكەن قەسىمىنى بۇزغان، پەيغەمبەرنى (مەككە) دىن ھەيدەپ چىقىرىشنى قەستلىگەن ۋە سىلەرگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلغان قەۋمگە ئۇرۇش ئاچمامسىلەر؟ ئۇلاردىن قورقامسىلەر؟ ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، قورقۇشۇڭلارغا ئاللاھ ئەڭ لايىقتۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر (ۋەدە بەرگەندە) ئىچكەن قەسىمىنى بۇزغان، پەيغەمبەرنى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان، سىلەرگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلغان قەۋمگە ئۇرۇش ئاچمامسىلەر؟ ئۇلاردىن قورقامسىلەر؟ ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قورقۇشۇڭلارغا ئەڭ لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! قەسەملىرىنى بۇزغان، رەسۇلۇللاھنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان ۋە سىلەرگە قارشى دەسلەپتە ئۇرۇش باشلاتقان قەۋم بىلەن ئۇرۇشمامسىلەر؟ ئۇلاردىن قورقامسىلەر؟ ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار قورقۇشۇڭلارغا ئاللاھ ئەڭ لايىقتۇر.
9 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قَاتِلُوا الَّذِينَ يَلُونَكُمْ مِنَ الْكُفَّارِ وَلْيَجِدُوا فِيكُمْ غِلْظَةً ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن جايدىكى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار (يەنى سىلەرگە خەتەر بولماسلىق ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەتراپىڭلاردىكى سىلەرگە ئورۇش ئاچقان كۇففارلارنى ئۇجۇقتۇرۇڭلار)، سىلەرنى ئۇلار قاتتىق ھېس قىلسۇن (يەنى ئۇرۇش ئۈستىدە ئۇلارغا قاتتىق قول بولۇڭلار ، ئۇلارغا ئىچىڭلار ئاغرىمىسۇن)، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (يەنى ئاللاھ تەقۋادارلارغا مەدەتكاردۇر)[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن جايدىكى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار، سىلەرنى ئۇلار ھېس قىلسۇن، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن بولغان كافىرلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئۇلار سىلەردە قاتتىق قوللۇق ھېس قىلسۇن. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر.
ھەج سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
أُذِنَ لِلَّذِينَ يُقَاتَلُونَ بِأَنَّهُمْ ظُلِمُوا ۚ وَإِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ نَصْرِهِمْ لَقَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى سەۋەبلىك، -قارشىلىق كۆرسىتىشكە- رۇخسەت قىلىنىدى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر
ئەنەس ئالىم: ئۇرۇش ئېچىلغانلارغا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلدى. چۈنكى ئۇلار زۇلۇمغا ئۇچرىدى. ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر.
22 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ أُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ بِغَيْرِ حَقٍّ إِلَّا أَنْ يَقُولُوا رَبُّنَا اللَّهُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لَهُدِّمَتْ صَوَامِعُ وَبِيَعٌ وَصَلَوَاتٌ وَمَسَاجِدُ يُذْكَرُ فِيهَا اسْمُ اللَّهِ كَثِيرًا ۗ وَلَيَنْصُرَنَّ اللَّهُ مَنْ يَنْصُرُهُ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار) پەقەت پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر ـ بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى. كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت رەببىمىز ئاللاھ دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى، ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى بىر قىسمى بىلەن مۇداپىئە قىلمىغان بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پەقەت «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلغان كىشىلەردۇر. ئەگەر ئاللاھ بەزى ئىنسانلارنى بەزى ئىنسانلار بىلەن توسۇپ تۇرمىغان بولسا ئىدى، موناستىرلار6، چېركاۋلار7، سىناگوگلار8 ۋە ئىچىدە ئاللاھنىڭ ئىسمى كۆپ زىكىر قىلىنىدىغان مەسچىتلەر چىقىپ تاشلانغان بولاتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىگە ياردەم بەرگۈچىلەرگە ياردەم بېرىدۇ9. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.
22 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ وَمَنْ عَاقَبَ بِمِثْلِ مَا عُوقِبَ بِهِ ثُمَّ بُغِيَ عَلَيْهِ لَيَنْصُرَنَّهُ اللَّهُ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىش مانا شۇنداق، كىمكى قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچراپ شۇنچىلىك ئىنتىقامىنى ئالغان بولسا، ئاندىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىش مانا شۇنداق، كىمكى قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچراپ شۇنچىلىك ئىنتىقامىنى ئالغان بولسا، ئاندىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ مانا مۇشۇنداقتۇر. كىمكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىنى، ئۆزىگە يەتكەن زۇلۇمنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالىغاندىن كېيىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرايدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
شۇئەرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 227 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَذَكَرُوا اللَّهَ كَثِيرًا وَانْتَصَرُوا مِنْ بَعْدِ مَا ظُلِمُوا ۗ وَسَيَعْلَمُ الَّذِينَ ظَلَمُوا أَيَّ مُنْقَلَبٍ يَنْقَلِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ[227].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھ نى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىنتىقام ئالغان شائىرلار ئۇنداق ئەمەس5. زالىملار يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ تامامەن يىقىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
شۇرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ إِذَا أَصَابَهُمُ الْبَغْيُ هُمْ يَنْتَصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر[36ـ39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلاردۇر.
ئەنەس ئالىم: ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىسا قارشى تۇرىدىغان كىشىلەر ئېرىشىدۇ.
42 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَنِ انْتَصَرَ بَعْدَ ظُلْمِهِ فَأُولَٰئِكَ مَا عَلَيْهِمْ مِنْ سَبِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئادەم ئىنتىقامنى ئالسا ئۇنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىنتىقامىنى ئالغانلارنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىنتىقام ئالغانلارنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ.
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا تَهِنُوا وَتَدْعُوا إِلَى السَّلْمِ وَأَنْتُمُ الْأَعْلَوْنَ وَاللَّهُ مَعَكُمْ وَلَنْ يَتِرَكُمْ أَعْمَالَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: (كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلغان چېغىڭلاردا) بوشاپ قالماڭلار، (كاپىرلارنى) سۈلھكە چاقىرماڭلار، ھالبۇكى، سىلەر غالىپتۇرسىلەر، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگىدۇر، ئاللاھ ھەرگىز ئەمەلىڭلارنىڭ (ساۋابىنى) كېمەيتىۋەتمەيدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن بوشاپ قالماڭلار، سىلەر غالىپتۇرۇپ -كاپىرلارنى- سۈلھكە چاقىرماڭلار، ھالبۇكى، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگىدۇر، ئاللاھ ھەرگىز ئەمەلىڭلارنىڭ كېمەيتىۋەتمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇڭا بوشاڭلىق قىلماڭلار ۋە سۈلھىگە چاقىرماڭلار. ھالبۇكى، سىلەر ئۈستۈنسىلەر. ئاللاھ سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى ھەرگىز كېمەيتىۋەتمەيدۇ.
فەتىھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ قَاتَلَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوَلَّوُا الْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يَجِدُونَ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر كاپىرلار سىلەر بىلەن (ھۇدەيبىيەدە) ئۇرۇشسا، ئەلۋەتتە، ئارقىسىغا قاراپ قاچاتتى، ئاندىن (ئۆزلىرىگە) ھېچ ئىگە ۋە ياردەمچى تاپالمايتتى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر كاپىرلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئارقىلىرىغا قاراپ قېچىشقان بولاتتى، ئاندىن ئۆزلىرىگە ھېچ ئىگە ۋە ياردەمچى تاپالمايتتى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر كافىرلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان بولسا ئىدى، چوقۇم ئارقىلىرىنى قىلىپ قاچاتتى، ئاندىن ۋەلىي ۋە ياردەمچى تاپالمايتتى.