تىنچلىق ۋە يارىشىش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ۋە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدىكى ئايەتلەر.
ئەرەبچىىسى: الصلح والإصلاح
ئېنگلىزچىسى: Peace and Reconciliation
19 ئايەت
10 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 جامائەت ۋە جەمئىيەت /
- 📄 تىنچلىق ۋە يارىشىش
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 182 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ خَافَ مِنْ مُوصٍ جَنَفًا أَوْ إِثْمًا فَأَصْلَحَ بَيْنَهُمْ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى ياكى قەستەن ناتوغرا قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ (يەنى ۋەسىيەت قىلغۇچىلار بىلەن ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلارنىڭ) ئارىسىنى تۈزەپ قويسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[182].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىنى ياكى قەستەن ناتوغرا قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلار (يەنى ۋەسىيەت قىلغۇچىلار بىلەن ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلار) نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ قويسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: كىمكى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ بىرەر ناھەقچىلىك قىلىشىدىن ياكى بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈشىدىن قورقىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ قويسا ھېچ گۇناھكار بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
2 : 192 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنِ انْتَهَوْا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا (سىلەرمۇ ئۇرۇشتىن قول يىغىڭلار)، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[192].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا (يەنى مۇسۇلمان بولسا)، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار توختىسا، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
2 : 224 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَجْعَلُوا اللَّهَ عُرْضَةً لِأَيْمَانِكُمْ أَنْ تَبَرُّوا وَتَتَّقُوا وَتُصْلِحُوا بَيْنَ النَّاسِ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشىلىق قىلماسلىققا، تەقۋادار بولماسلىققا ۋە كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرمەسلىككە قەسەم قىلىش شەكلى بىلەن (ئۇلارنى قىلىشقا) ئاللاھنى توسالغۇ قىلماڭلار (يەنى ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشنى ياخشى ئىشلارنى قىلماسلىقنىڭ سەۋەبى قىلماڭلار)، ئاللاھ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[224].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشىلىق قىلماسلىققا، تەقۋادار بولماسلىققا ۋە كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرمەسلىككە قەسەم قىلىش شەكلى بىلەن ئاللاھنى شۇ ياخشى ئىشلارغا توسالغۇ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچتىم دەپ ياخشىلىق قىلىشتىن، تەقۋادارلىق قىلىشتىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويۇشتىن باش تارتماڭلار. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
نىسا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ خِفْتُمْ شِقَاقَ بَيْنِهِمَا فَابْعَثُوا حَكَمًا مِنْ أَهْلِهِ وَحَكَمًا مِنْ أَهْلِهَا إِنْ يُرِيدَا إِصْلَاحًا يُوَفِّقِ اللَّهُ بَيْنَهُمَا ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئىناقسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى ئەۋەتىڭلار، ئەگەر بۇ ئىككى كىشى بۇلارنى ئەپلەشتۈرۈشنى خالىسا، ئاللاھ ئەر ـ خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئىناقسىز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسەڭلار، ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى ئەۋەتىڭلار؛ ئەگەر بۇ ئىككى كىشى ئۇلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشنى خالىسا، ئاللاھ ئەر ـ خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئايرىلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ ئائىلىسىدىن بىر ئادىل كىشى، خوتۇننىڭ ئائىلىسىدىن بىر ئادىل كىشى ئەۋەتىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئىسلاھ قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئەپلەشتۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، خەۋەرداردۇر.
4 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
لَا خَيْرَ فِي كَثِيرٍ مِنْ نَجْوَاهُمْ إِلَّا مَنْ أَمَرَ بِصَدَقَةٍ أَوْ مَعْرُوفٍ أَوْ إِصْلَاحٍ بَيْنَ النَّاسِ ۚ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمىر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش) لارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ كۆپىنچىسىدە ياخشىلىق يوقتۇر. پەقەت سەدىقىگە ياكى ياخشىلىققا، ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە بۇيرۇغان كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى يۇقىرىقى ئىشلارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا پات يېقىندا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ مەخپىي قىلىشقان سۆزلىرىنىڭ تولىسىدا ياخشىلىق يوق. لېكىن سەدىقىگە ياكى ياخشىلىققا ۋە ياكى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا بۇيرۇغان كىشىلەرنىڭ مەخپىي قىلىشقان سۆزلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىم ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىكەن، بىز يېقىندا ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر بېرىمىز.
4 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنِ امْرَأَةٌ خَافَتْ مِنْ بَعْلِهَا نُشُوزًا أَوْ إِعْرَاضًا فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا أَنْ يُصْلِحَا بَيْنَهُمَا صُلْحًا ۚ وَالصُّلْحُ خَيْرٌ ۗ وَأُحْضِرَتِ الْأَنْفُسُ الشُّحَّ ۚ وَإِنْ تُحْسِنُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كېلىشىشى ھېچ گۇناھ ئەمەس، كېلىشىش (ئۈزلۈشۈپ كېتىشتىن) ياخشى. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن، ئەگەر (ئاياللىرىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار، (ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار (ئاللاھ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇپ قېلىشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كېلىشىشى ھېچ گۇناھ ئەمەس، كېلىشىپ قېلىش (ئاجرىشىپ كېتىشتىن) ياخشى. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەندۇر، ئەگەر سىلەر (خوتۇنلىرىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار ۋە (ئۇلارغا ئۇۋال قىلىشتىن) ساقلانساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغانلىرىڭلارنى تولۇق ئۇقۇپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىر ئايال ئېرىنىڭ نۇشۇزىدىن57 ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن قورقسا، ئەر - خوتۇن ئۆزئارا كېلىشسە ئىككىسىگە ھېچ گۇناھ يوق. كېلىشىش ياخشىدۇر. نەفسلەرگە بېخىللىق ۋە ئاچ كۆزلۈك سىڭىپ كەتكەن. ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
ئەنفال سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تَسْتَفْتِحُوا فَقَدْ جَاءَكُمُ الْفَتْحُ ۖ وَإِنْ تَنْتَهُوا فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۖ وَإِنْ تَعُودُوا نَعُدْ وَلَنْ تُغْنِيَ عَنْكُمْ فِئَتُكُمْ شَيْئًا وَلَوْ كَثُرَتْ وَأَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى كۇففارلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە كەلدى (يەنى ئۇ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا كەلدى). ئەگەر (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار، بىز ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بېرىمىز، قوشۇنۇڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلىپ بېرەلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى كافىرلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە قارشى (يەنى سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا) كەلدى. ئەگەر (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار، بىز ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بېرىمىز، قوشۇنۇڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ قوشۇن سىلەرگە ھېچقانداق نەپ يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر غەلىبە تىلىسەڭلار، ئەنە سىلەرگە غەلىبە كەلدى. ئەگەر توختىساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر2. ئەگەر قايتساڭلار، بىزمۇ قايتىمىز3. قوشۇنۇڭلار ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ سىلەردىن ھېچ نەرسە دەپئى قىلالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلار بىلەن بىللىدۇر.
8 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ جَنَحُوا لِلسَّلْمِ فَاجْنَحْ لَهَا وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
مەريەم سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَلَامٌ عَلَيْهِ يَوْمَ وُلِدَ وَيَوْمَ يَمُوتُ وَيَوْمَ يُبْعَثُ حَيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋاپات بولغان كۈنىدە، تىرىلىپ (قەبرىدىن) تۇرغۇزۇلغان كۈنىدە (ئاللاھتائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋاپات بولغان كۈنىدە، تىرىلىپ قەبرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنىدە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: تۇغۇلغان كۈنىدە، ئۆلىدىغان كۈنىدە ۋە قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنىدە ئۇنىڭغا سالام بولسۇن.
19 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّلَامُ عَلَيَّ يَوْمَ وُلِدْتُ وَيَوْمَ أَمُوتُ وَيَوْمَ أُبْعَثُ حَيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە (ئاللاھتائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىمەن»[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە ئامانلىققا ئېرىشىمەن»
ئەنەس ئالىم: تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ئۆلىدىغان كۈنۈمدە ۋە قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنۈمدە ماڭا سالام بولسۇن».
19 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَلَامٌ عَلَيْكَ ۖ سَأَسْتَغْفِرُ لَكَ رَبِّي ۖ إِنَّهُ كَانَ بِي حَفِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئېيتتى: «ساڭا ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئېيتتى: «ساڭا ئامانلىق بولسۇن، رەببىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «خوش ئەمىسە ئاتا! سەن ئۈچۈن رەببىمدىن مەغپىرەت تىلەيمەن. ئۇ ماڭا بەك مەرھەمەتلىكتۇر.
19 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا إِلَّا سَلَامًا ۖ وَلَهُمْ رِزْقُهُمْ فِيهَا بُكْرَةً وَعَشِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ، پەقەت (پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا بەرگەن) سالامىنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن ـ ئاخشامدا (كۆڭلى تارتقان يىمەك ـ ئىچمەكلەردىن) رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ، پەقەت سالامنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن ـ ئاخشامدا رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە بىھۇدە سۆز ئەمەس، پەقەتلا «سالام» ئاڭلايدۇ. ئۇ جەننەتلەردە ئۇلارنىڭ رىزىقلىرى چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن ھازىردۇر.
نۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ عَلَى الْأَعْمَىٰ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْأَعْرَجِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْمَرِيضِ حَرَجٌ وَلَا عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ أَنْ تَأْكُلُوا مِنْ بُيُوتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ آبَائِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أُمَّهَاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ إِخْوَانِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخَوَاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَعْمَامِكُمْ أَوْ بُيُوتِ عَمَّاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخْوَالِكُمْ أَوْ بُيُوتِ خَالَاتِكُمْ أَوْ مَا مَلَكْتُمْ مَفَاتِحَهُ أَوْ صَدِيقِكُمْ ۚ لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَأْكُلُوا جَمِيعًا أَوْ أَشْتَاتًا ۚ فَإِذَا دَخَلْتُمْ بُيُوتًا فَسَلِّمُوا عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ تَحِيَّةً مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُبَارَكَةً طَيِّبَةً ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (جىھادقا چىقالمىسا) ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغا گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگە گۇناھ يوقتۇر. (ئى ئىنسانلار!) سىلەر ئۆز ئۆيلىرىڭلاردا (يەنى ئەرلىرىڭلارنىڭ، ئاياللىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە) ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، سىلەر ئاچقۇچلىرىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە (يەنى ئۆي ئىگىسى سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ئۆي بىلەن ئاچقۇچنى سىلەرگە تاپشۇرغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە)، ياكى دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە (ئىجازەتسىز) بىرەر نېمە يېسەڭلار گۇناھ يوقتۇر، سىلەر توپلىشىپ يېسەڭلارمۇ، يا يەككە يېسەڭلارمۇ گۇناھ يوقتۇر. سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى چۈشەنسۇن، دەپ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. (ئىزاھات: مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە غازاتقا چىققان ۋاقىتلىرىدا ئۆيلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى باشقىلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە قاراپ قويۇشنى ۋە ئۆيلىرىدىكى نەرسىلەردىن يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى، لېكىن ئۆيگە قارىغۇچىلار بۇ ئۆيلەردىن يېسەك بولمايدۇ دەپ قارايتتى. بۇ توغرىدا بۇ ئايەت نازىل بولغان.)[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: -جىھادقا چىقالمىسا- ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغا گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگە گۇناھ يوقتۇر. سىلەر ئۆز ئۆيلىرىڭلاردا، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداىشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا سىلەر ئاچقۇچلىرىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ[1] ئۆيلىرىدە، يا دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئىجازەتسىز بىرەر نېمە يېسەڭلار گۇناھ يوقتۇر، سىلەر توپلىشىپ يېسەڭلارمۇ، يا يەككە يېسەڭلارمۇ گۇناھ يوقتۇر، سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەما، توكۇر ۋە كېسەل كىشىلەر سىلەر بىلەن ھەمداستىخان بولسا ھېچ گۇناھكار بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، سىلەرمۇ ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ھەمشىرىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاچقۇچلىرىنى سىلەر باشقۇرۇۋاتقان ئۆيلەردىن ۋە دوستۇڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن بىر نەرسە يېسەڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر. ھەممىڭلار بىر يەرگە جەم بولۇپ يېسەڭلارمۇ، ئايرىم - ئايرىم يېسەڭلارمۇ ھېچ گۇناھكار بولمايسىلەر. ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئاللاھتىن بەرىكەت، سالامەتلىك ۋە ياخشىلىق تىلەپ ئۆزۈڭلارغا سالام بېرىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر.
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
سَلَامٌ قَوْلًا مِنْ رَبٍّ رَحِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: مېھرىبان پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (ئۇلارغا) سالام دېيىلىدۇ[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېھرىبان رەببى تەرىپىدىن ئۇلارغا «سالام» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئىنئامى كۆپ رەب تەرەپتىن «سالام!» دېيىلىدۇ.
شۇرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَزَاءُ سَيِّئَةٍ سَيِّئَةٌ مِثْلُهَا ۖ فَمَنْ عَفَا وَأَصْلَحَ فَأَجْرُهُ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر (يەنى ساڭا بىر كىشى قانچىلىك چېقىلسا، شۇنچىلىك چېقىلماي ئاشۇرۇۋەتسەڭ بولمايدۇ)، كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر، كىمكى ئەپۇ قىلسا ۋە ئارىنى تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بىر يامانلىقنىڭ جازاسى، ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر. لېكىن كىم ئەپۇ قىلسا ۋە تۈزىتىش يولىنى تۇتسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ھۇجۇرات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
49 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ طَائِفَتَانِ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ اقْتَتَلُوا فَأَصْلِحُوا بَيْنَهُمَا ۖ فَإِنْ بَغَتْ إِحْدَاهُمَا عَلَى الْأُخْرَىٰ فَقَاتِلُوا الَّتِي تَبْغِي حَتَّىٰ تَفِيءَ إِلَىٰ أَمْرِ اللَّهِ ۚ فَإِنْ فَاءَتْ فَأَصْلِحُوا بَيْنَهُمَا بِالْعَدْلِ وَأَقْسِطُوا ۖ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر مۆمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر (يەنى تاجاۋۇزىنى توختاتقانغا قەدەر) ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى (ھېچبىر تەرەپكە يان باسماستىن) ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، (ھەممە ئىشتا) ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر مۇئمىنلاردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر مۇئمىنلاردىن ئىككى جامائە بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ قويۇڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغان تەرەپ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قايتقانغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئەگەر ئۇ قايتسا، ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىنى ئادىللىق بىلەن تۈزىتىڭلار. ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
49 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ فَأَصْلِحُوا بَيْنَ أَخَوَيْكُمْ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلار ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر، شۇنداق بولغانىكەن قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار قېرىنداشتۇر. ئۇنداقتا ئىككى قېرىندىشىڭلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ قويۇڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر.
ۋاقىئە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا قِيلًا سَلَامًا سَلَامًا
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت «سالام! سالام!» سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت «سالام! سالام!» سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ
ئەنەس ئالىم: لېكىن «سالام! سالام!» دېگەن سۆزنىلا ئاڭلايدۇ.
قەدر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
97 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
سَلَامٌ هِيَ حَتَّىٰ مَطْلَعِ الْفَجْرِ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتۇر ئىبارەتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ تاڭ يورۇغانغا قەدەر سالام كېچىسىدۇر1.