ۋاقىئە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 96 ئايەت
مەنىسى: زور ۋەقە. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەت ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا وَقَعَتِ الْوَاقِعَةُ
    قىيامەت قايىم بولغان چاغدا — مۇھەممەد سالىھ

    قىيامەت قايىم بولغان چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەمەلگە ئاشقۇچى ئەمەلگە ئاشقان چاغدا[1]، — ئەنەس ئالىم

    (1-10) «قىيامەت كۈنى» - بىرىنچى قېتىم سۈر چېلىنىش بىلەن باشلىنىپ، ھېساب نەتىجىسىدە ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى جەننەتكە، بىر قىسمى دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش بىلەن ئاخىرلىشىدىغان كۈندۇر. «قىيامەت قايىم بولماق» - بولسا، بىرىنچى قېتىم سۈر چېلىنىش بىلەن ئۇ كۈننىڭ باشلىنىشى دېمەكتۇر. بۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشى ۋە قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى قەتئىيدۇر، چۈنكى بۇ ئىلاھىي ئادالەتنىڭ تەلىپىدۇر. ئەنە شۇ كۈن كېلىپ قىيامەت قايىم بولغاندا تۆۋەندىكى ئىشلار بولىدۇ: 1) ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ھېچكىم يالغان دېيەلمەيدۇ، چۈنكى ئىلگىرى ئۇنى ئىنكار قىلغانلار ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە قايىم بولغانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ؛ ئۆلىدۇ، قايتا تىرىلىدۇ ۋە قەبرىسىدىن چىقىپ مەھشەرگە كېلىدۇ، 2) دۇنيادا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلغانلار دوزاخقا تاشلىنىپ پەسلىنىدۇ، دۇنيادا ئىمان ئېيتقان ۋە تائەت - ئىبادەت قىلغانلار جەننەتكە كىرگۈزۈلۈپ كۆتۈرۈلىدۇ. 3) زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلىپ تاغلار بىلەن ببر - بىرىگە ئۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تاغلار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىدۇ، باشتا پارچىلىنىپ قۇم دۆۋىلىرىگە ئايلىنىدۇ، ئاندىن كۇكۇم - تالقان قىلىنىدۇ، ئاندىن ئېتىلغان رەڭگارەڭ يۇڭدەك ھالەتكە كېلىدۇ؛ پارچىلىرى ناھايىتى يەڭگىل، رەڭلىك ۋە ئۇچۇپ كېتىشكە تەييار ھالەتتە بولىدۇ، ئاندىن سورۇۋېتىلىدۇ ۋە چاڭ - توزانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاغلارنىڭ ئورنى خۇددى سەراپتەك بولۇپ قالىدۇ. 4) جىنلار ۋە ئىنسانلار ئۈچ پىرقىگە ئايرىلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) دۇنيادىكى چېغىدا ئۆزىنىڭ تاللاش ئەركىنلىكى بىلەن توغرا يولنى تاللاپ ئۆز بەختنى ھاسىل قىلغان سائادەتمەن كىشىلەر! (2) دۇنيادىكى چېغىدا ئۆزىنىڭ تاللاش ئەركىنلىكى بىلەن ئازغۇنلۇقتا قېلىشنى تاللاپ ئۆز بەختسىزلىكىنى ھاسىل قىلغان بەتبەخت كىشىلەر! (3) دۇنيادىكى چېغىدا توغرا يولنى تاللاش بىلەن بىرلىكتە، ئاللاھ تائالانىڭ «ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىڭلار» دېگەن مەزمۇندىكى بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغان ۋە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان، شۇنداقلا ئەڭ ئالىي دەرىجىگە لايىق بولغان كىشىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (56-سۈرە ۋاقىئە، 2-ئايەت) قىيامەت ۋاقتى شەكسىز ئىتىقاد
    لَيْسَ لِوَقْعَتِهَا كَاذِبَةٌ
    ھېچ ئادەم ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھېچ ئادەم ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ھېچكىم يالغان دېيەلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

  3. (56-سۈرە ۋاقىئە، 3-ئايەت) قىيامەت ۋاقتى ئىلاھىي ھۆكۈم
    خَافِضَةٌ رَافِعَةٌ
    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قىيامەت بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ، بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ پەسلەتكۈچىدۇر، كۆتۈرگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  4. (56-سۈرە ۋاقىئە، 4-ئايەت) قىيامەت ھادىسىلىرى
    إِذَا رُجَّتِ الْأَرْضُ رَجًّا
    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، — ئەنەس ئالىم

  5. (56-سۈرە ۋاقىئە، 5-ئايەت) قىيامەت ھادىسىلىرى
    وَبُسَّتِ الْجِبَالُ بَسًّا
    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    تاغلار پارچىلىلانغان — تەرجىمە ھەيئىتى

    تاغلار پارچىلىنىپ، — ئەنەس ئالىم

  6. (56-سۈرە ۋاقىئە، 6-ئايەت) قىيامەت ھادىسىلىرى
    فَكَانَتْ هَبَاءً مُنْبَثًّا
    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە توزاندەك توزۇپ كەتكەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    چاڭ - توزان بولۇپ كەتكەن — ئەنەس ئالىم

  7. (56-سۈرە ۋاقىئە، 7-ئايەت) ھىساب تىرىلىش
    وَكُنْتُمْ أَزْوَاجًا ثَلَاثَةً
    سىلەر (قىيامەتتە) ئۈچ پىرقىغە بۆلۈنىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە سىلەر ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنگەن چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە سىلەر ئۈچ پىرقە بولغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم

  8. فَأَصْحَابُ الْمَيْمَنَةِ مَا أَصْحَابُ الْمَيْمَنَةِ
    (بىرىنچى پىرقە) سائادەتمەنلەردۇر، سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان) ئادەملەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سائادەتمەنلەرگە كەلسەك؛ بۇ سائادەتمەنلەر كىملەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سائادەتمەنلەر، نېمىدېگەن بەختلىك بۇ سائادەتمەنلەر! — ئەنەس ئالىم

  9. (56-سۈرە ۋاقىئە، 9-ئايەت) دوزاخ ئەھلى ئىلاھىي ئازاب
    وَأَصْحَابُ الْمَشْأَمَةِ مَا أَصْحَابُ الْمَشْأَمَةِ
    (ئىككىنچى پىرقە) بەختسىز ئادەملەردۇر، بەختسىز ئادەملەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە ـ ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئادەملەردۇر) — مۇھەممەد سالىھ

    بەختسىزلەرگە كەلسەك؛ بۇ بەختسىزلەر كىملەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇم كىشىلەر، نېمىدېگەن بەختسىز بۇ شۇم كىشىلەر! — ئەنەس ئالىم

  10. (56-سۈرە ۋاقىئە، 10-ئايەت) ساھابىلەر مەنىۋىي يۈكسىلىش
    وَالسَّابِقُونَ السَّابِقُونَ
    (ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلارنى) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ئەڭ ئالدىدا ماڭغۇچىلار، ئەڭ ئالدىدا ماڭغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئالدىدا ماڭغۇچىلار، ئالدىدا ماڭغۇچىلار[2]، — ئەنەس ئالىم

    (10-24) دۇنيادا ياخشى ئىشلاردا ئالدى سەپتە مېڭىپ ئالىي دەرىجىگە لايىق بولغان ئۇ كىشىلەر، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە جەننەت باغچىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ نېمەتلەردىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ - ئۇلارنى ئۆتمۈشتىكى ئۇممەتلەردىن كۆپ كىشىلەر، كېيىنكى ئۇممەتلەردىن ئاز كىشىلەر تەشكىل قىلىدۇ - ئۇلار ئالتۇن ۋە گۆھەرلەر بىلەن توقۇلغان تەختلەرنىڭ ئۈستىدە، ئۇ تەختلەرنىڭ يۆلەنچۈكلىرىگە يۆلەنگەن ۋە بىر - بىرىگە قاراشقان ھالەتتە ئولتۇرۇپ كەيپ سۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا قېرىمايدىغان، ئەكسىچە ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان بالىلار ئايلىنىپ، ئۇلارغا بۇلاقتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك ۋە قەدەھلەرنى سۇنۇپ تۇرىدۇ. ئۇ قەدەھلەردىكى ئىچىملىكلەر ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ئاغرىتمايدۇ، ئۇلارنى مەست قىلمايدۇ. ئۇ بالىلار ئۇلارغا يەنە ئۇلار تاللايدىغان مېۋىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تارتىدىغان قۇش گۆشلىرىنى سۇنۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا يەنە ئاق يۈزلۈك، شەھلا كۆزلۈك ۋە ساقلانغان مەرۋايىتلاردەك چىرايلىق قىزلار ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلارغا، دۇنيادىكى چاغلىرىدا ياخشى ئەمەل قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەنە شۇ مۇكاپاتلار بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. (56-سۈرە ۋاقىئە، 11-ئايەت) مەنىۋىي يۈكسىلىش
    أُولَٰئِكَ الْمُقَرَّبُونَ
    ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇلار ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار يېقىنلاشتۇرۇلغۇچىلاردۇر، — ئەنەس ئالىم

  12. فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ
    ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    نەئىم جەننەتلىرىدىدۇر، — ئەنەس ئالىم

  13. ثُلَّةٌ مِنَ الْأَوَّلِينَ
    بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاۋۋالقىلاردىن كۆپتۇر، — ئەنەس ئالىم

  14. وَقَلِيلٌ مِنَ الْآخِرِينَ
    بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە بولسا ئازدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاخىرقىلاردىن ئازدۇر، — ئەنەس ئالىم

  15. عَلَىٰ سُرُرٍ مَوْضُونَةٍ
    ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەر ئۈستىگە يۆلەنگەن ھالدا بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار توقۇلغان تەختلەر ئۈستىدە بولۇپ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئالتۇن ۋە گۆھەرلەر بىلەن توقۇلغان كارىۋاتلار ئۈستىدىدۇر، — ئەنەس ئالىم

  16. مُتَّكِئِينَ عَلَيْهَا مُتَقَابِلِينَ
    ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەر ئۈستىگە يۆلەنگەن ھالدا بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا يۆلەنگەن ھالدا بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كارىۋاتلارغا يۆلەنگەن ۋە بىر - بىرىگە قاراشقان ھالەتتىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  17. يَطُوفُ عَلَيْهِمْ وِلْدَانٌ مُخَلَّدُونَ
    (قېرىماي) ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئېقىپ تۇرغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئۇلارنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان بالىلار ئايلىنىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  18. بِأَكْوَابٍ وَأَبَارِيقَ وَكَأْسٍ مِنْ مَعِينٍ
    (قېرىماي) ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئېقىپ تۇرغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئېقىپ تۇرغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك ۋە جاملار بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بالىلار ئۇلارغا پىيالە، چەينەك ۋە بۇلاقتىن تولدۇرۇلغان قەدەھلەرنى سۇنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  19. لَا يُصَدَّعُونَ عَنْهَا وَلَا يُنْزِفُونَ
    ئۇ شارابنى ئىچىش بىلەن ئۇلارنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، مەست بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ شارابنى ئىچىش بىلەن ئۇلارنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، مەست بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ شاراب ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ئاغرىتمايدۇ، ئۇلارنى مەست قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  20. وَفَاكِهَةٍ مِمَّا يَتَخَيَّرُونَ
    ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بالىلار يەنە ئۇلارغا ئۇلار تاللايدىغان مېۋىلەرنى — ئەنەس ئالىم

  21. وَلَحْمِ طَيْرٍ مِمَّا يَشْتَهُونَ
    ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تارتىدىغان قۇش گۆشلىرىنى سۇنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  22. وَحُورٌ عِينٌ
    ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا يەنە شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر ئايلىنىپ تۇرىدۇ[3]، — ئەنەس ئالىم

  23. كَأَمْثَالِ اللُّؤْلُؤِ الْمَكْنُونِ
    ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ساقلانغان مەرۋايىتلارغا ئوخشايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  24. (56-سۈرە ۋاقىئە، 24-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات تەقۋادارلىق
    جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ نېمەتلەر ئۇلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇلار ئەمەل قىلغان. — ئەنەس ئالىم

  25. لَا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا وَلَا تَأْثِيمًا
    ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە بىھۇدە ۋە گۇناھكار قىلىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (25-26) ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە بىھۇدە سۆزمۇ ئاڭلىمايدۇ، گۇناھكار قىلىدىغان سۆزمۇ ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار پەقەت «سالام! سالام!» دېگەن سۆزنىلا ئاڭلايدۇ، چۈنكى جەننەتتە ئۇلارغا ئاللاھ سالام قىلىدۇ، پەرىشتىلەر سالام قىلىدۇ، ئۇلار بىر - بىرىنى «سالام» دېيىشىپ تەبرىكلىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. إِلَّا قِيلًا سَلَامًا سَلَامًا
    پەقەت «سالام! سالام!» سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار پەقەت «سالام! سالام!» سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن «سالام! سالام!» دېگەن سۆزنىلا ئاڭلايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  27. وَأَصْحَابُ الْيَمِينِ مَا أَصْحَابُ الْيَمِينِ
    سائادەتمەنلەرنىڭ (يەنى نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەرنىڭ) ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سائادەتمەنلەرنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەمەل دەپتىرى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر، نېمىدېگەن بەختلىك بۇ ئەمەل دەپتىرى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر! — ئەنەس ئالىم

    (27-40) دۇنيادىكى چېغىدا ئۆزىنىڭ تاللاش ئەركىنلىكى بىلەن توغرا يولنى تاللاپ ئۆز بەختىنى ھاسىل قىلغان سائادەتمەن كىشىلەرگە ئەمەل دەپتەرلىرى ئوڭ قوللىرىغا بېرىلىدۇ ۋە ئۇلار بەخت - سائادەتكە لايىق كۆرۈلىدۇ؛ ئۇلار تىكەنسىز گىلاس، سانجاق - سانجاق بانان، يوقالمايدىغان (دائىم تۇرىدىغان) سايە، ئېقىن سۇ، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان كۆپ مېۋە، يۇمشاق ۋە ئېگىز تۆشەكلەر قاتارلىق نېمەتلەردىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن يېڭىدىن ياراتقان، نازاكەتلىك، تەڭتۇش نازىنىن قىزلارنى ھەمراھ قىلىپ بېرىدۇ. ئەمەل دەپتىرى ئوڭ قولىغا بېرىلىدىغانلارنى ئۆتمۈشتىكى ئۇممەتلەردىنمۇ كۆپ، كېيىنكى ئۇممەتلەردىنمۇ كۆپ كىشىلەر تەشكىل قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. فِي سِدْرٍ مَخْضُودٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار تىكەنسىز گىلاس، — ئەنەس ئالىم

  29. وَطَلْحٍ مَنْضُودٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    سانجاق - سانجاق بانان، — ئەنەس ئالىم

  30. وَظِلٍّ مَمْدُودٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇزىتىلغان سايە، — ئەنەس ئالىم

  31. وَمَاءٍ مَسْكُوبٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئېقىپ تۇرغان سۇدىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېقىتىلغان سۇ، — ئەنەس ئالىم

  32. وَفَاكِهَةٍ كَثِيرَةٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    تۈگىمەيدىغان مېۋىلەردىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆپ مېۋە - — ئەنەس ئالىم

  33. لَا مَقْطُوعَةٍ وَلَا مَمْنُوعَةٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    تۈگىمەيدىغان ۋە مەنئى قىلىنمايدىغان - — ئەنەس ئالىم

  34. وَفُرُشٍ مَرْفُوعَةٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە يۇمشاق تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە يۈكسەلدۈرۈلگەن تۆشەكلەر قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  35. إِنَّا أَنْشَأْنَاهُنَّ إِنْشَاءً
    شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇ ئاياللارنى يېڭىدىن ياراتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇ خانىملارنى يېڭىدىن ياراتتۇق، — ئەنەس ئالىم

  36. فَجَعَلْنَاهُنَّ أَبْكَارًا
    شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى قىزلار قىلىپ ياراتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى قىزلارغا ئايلاندۇردۇق، — ئەنەس ئالىم

  37. عُرُبًا أَتْرَابًا
    شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    نازاكەتلىك، تەڭتۇش قىزلار ھالىتىگە كەلتۈردۇق. — ئەنەس ئالىم

  38. لِأَصْحَابِ الْيَمِينِ
    بۇ ھۆرلەر سائادەتمەنلەر ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ ھۆرلەر سائادەتمەنلەر ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئەمەل دەپتىرى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم

  39. ثُلَّةٌ مِنَ الْأَوَّلِينَ
    بۇلار بولسا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇلار بولسا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاۋۋالقىلاردىن كۆپتۇر، — ئەنەس ئالىم

  40. وَثُلَّةٌ مِنَ الْآخِرِينَ
    كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاخىرقىلاردىنمۇ كۆپتۇر. — ئەنەس ئالىم

  41. (56-سۈرە ۋاقىئە، 41-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئەھلى
    وَأَصْحَابُ الشِّمَالِ مَا أَصْحَابُ الشِّمَالِ
    بەختسىزلەر (يەنى نامە ـ ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلگەنلەر) (دوزىخىلاردۇر). بەختسىزلەر قانداق ئادەملەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    بەختسىزلەرگە كەلسەك؛ بەختسىزلەر قانداق ئادەملەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەمەل دەپتىرى سول قولىغا بېرىلگەنلەر، نېمىدېگەن بەختسىز بۇ ئەمەل دەپتىرى سول قولىغا بېرىلگەنلەر! — ئەنەس ئالىم

    (41-48) دۇنيادىكى چېغىدا ئۆزىنىڭ تاللاش ئەركىنلىكى بىلەن ئازغۇنلۇقتا قېلىشنى تاللاپ ئۆز بەختسىزلىكىنى ھاسىل قىلغان بەتبەخت كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا ئەمەل دەپتەرلىرى سول قوللىرىغا بېرىلىدۇ ۋە ئۇلار بەختسىزلىككە لايىق كۆرۈلىدۇ؛ ئۇلار ئوتلۇق شامال، قايناق سۇ ۋە سالقىنمۇ ئەمەس كۆركەممۇ ئەمەس قاپقارا سايە قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدە ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار دۇنيادىكى چاغلىرىدا باياشاتچىلىققا چۆمۈپ ۋە كەيپ - ساپاغا بېرىلىپ ھەددىدىن ئاشقان ئادەملەر ئىدى، شېرىك كەلتۈرۈش، قىيامەتنى ئىنكار قىلىش ۋە پەيغەمبەرگە قارشى چىقىش قاتارلىق چوڭ گۇناھلارنى قىلىشتا ئەزۋەيلەيتتى، ئۇلار قىيامەتنى مەسخىرە قىلىپ ۋە ئۇ كۈنى قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى ئېھتىمالدىن يىراق ھېسابلاپ: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. (56-سۈرە ۋاقىئە، 42-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    فِي سَمُومٍ وَحَمِيمٍ
    ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان) ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ئىچىدە بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئوتلۇق شامال، قايناق سۇ — ئەنەس ئالىم

  43. (56-سۈرە ۋاقىئە، 43-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    وَظِلٍّ مِنْ يَحْمُومٍ
    ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان) ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قارا تۈتۈندىن بولغان بىر سايىنىڭ ئىچىدە — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە قاپقارا سايە قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  44. (56-سۈرە ۋاقىئە، 44-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    لَا بَارِدٍ وَلَا كَرِيمٍ
    ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان) ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ سايە، سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ سايە سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس. — ئەنەس ئالىم

  45. (56-سۈرە ۋاقىئە، 45-ئايەت) ئىسراپ ھاياتقا ھېرىسمەنلىك
    إِنَّهُمْ كَانُوا قَبْلَ ذَٰلِكَ مُتْرَفِينَ
    چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادا) شەھۋەتكە چۆمگەن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى شەھۋەتكە چۆمگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملەر ئىدى، — ئەنەس ئالىم

  46. (56-سۈرە ۋاقىئە، 46-ئايەت) كاپىرلىق شېرىك
    وَكَانُوا يُصِرُّونَ عَلَى الْحِنْثِ الْعَظِيمِ
    ئۇلار چوڭ گۇناھتا (يەنى كۇفرىدا) چىڭ تۇرغان ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار چوڭ گۇناھتا چىڭ تۇرغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    چوڭ گۇناھنى ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇراتتى — ئەنەس ئالىم

  47. (56-سۈرە ۋاقىئە، 47-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق
    وَكَانُوا يَقُولُونَ أَئِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَإِنَّا لَمَبْعُوثُونَ
    ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار مۇنداق دەيتتى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە مۇنداق دەيتتى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ — ئەنەس ئالىم

  48. (56-سۈرە ۋاقىئە، 48-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق
    أَوَآبَاؤُنَا الْأَوَّلُونَ
    ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟». — ئەنەس ئالىم

  49. (56-سۈرە ۋاقىئە، 49-ئايەت) ھىساب تىرىلىش
    قُلْ إِنَّ الْأَوَّلِينَ وَالْآخِرِينَ
    ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئىلگىرىكىلەرمۇ، كېيىنكىلەرمۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئاۋۋالقىلار ۋە ئاخىرقىلار، — ئەنەس ئالىم

    (49-56) ئى مۇھەممەد! قىيامەتنى ۋە ئۇ كۈنى قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتقان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىپ ئېيتقىنكى: «ئاۋۋالقى ئۇممەتلەر ۋە ئاخىرقى ئۇممەتلەر، جۈملىدىن سىلەر - ھەممىڭلار مەلۇم كۈننىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا چوقۇم قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ مەھشەرگە توپلىنىسىلەر. ئاندىن سىلەر - ئى قىيامەتنى ئىنكار قىلغان ئازغۇنلار! - چوقۇم دوزاخقا تاشلىنىسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە ئاچلىقتىن زەققۇم دەرىخىدىن يەپ قورساقلىرىڭلارنى ئۇنىڭ بىلەن تولدۇرىسىلەر، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە دوزاخنىڭ قايناق سۈيىدىن، ئۇسساپ كەتكەن تەشنا تۆگىلەر سۇ ئىچكەندەك ناھايىتى ئىشتىھا بىلەن كۆپ ئىچىسىلەر». مانا بۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا بېرىلىدىغان زىياپەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. (56-سۈرە ۋاقىئە، 50-ئايەت) تىرىلىش قىيامەت ۋاقتى
    لَمَجْمُوعُونَ إِلَىٰ مِيقَاتِ يَوْمٍ مَعْلُومٍ
    ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەلۋەتتە، مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا توپلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەلۇم كۈننىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا چوقۇم توپلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  51. (56-سۈرە ۋاقىئە، 51-ئايەت) كاپىرلىق ئازغۇنلۇق
    ثُمَّ إِنَّكُمْ أَيُّهَا الضَّالُّونَ الْمُكَذِّبُونَ
    ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار! — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن سىلەر، ئى راستنى يالغان دېگۈچى ئازغۇنلار! — ئەنەس ئالىم

  52. (56-سۈرە ۋاقىئە، 52-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    لَآكِلُونَ مِنْ شَجَرٍ مِنْ زَقُّومٍ
    چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر، — ئەنەس ئالىم

  53. (56-سۈرە ۋاقىئە، 53-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    فَمَالِئُونَ مِنْهَا الْبُطُونَ
    ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    قورساقلىرىڭلارنى ئۇنىڭدىن تولدۇرىسىلەر، — ئەنەس ئالىم

  54. (56-سۈرە ۋاقىئە، 54-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    فَشَارِبُونَ عَلَيْهِ مِنَ الْحَمِيمِ
    ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى ئىچىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناق سۇدىن ئىچىسىلەر، — ئەنەس ئالىم

  55. (56-سۈرە ۋاقىئە، 55-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    فَشَارِبُونَ شُرْبَ الْهِيمِ
    ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    سۇغا تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    تەشنا تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر». — ئەنەس ئالىم

  56. (56-سۈرە ۋاقىئە، 56-ئايەت) تىرىلىش ئىلاھىي ئازاب
    هَٰذَا نُزُلُهُمْ يَوْمَ الدِّينِ
    مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مانا بۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا بېرىلىدىغان زىياپەتتۇر. — ئەنەس ئالىم

  57. نَحْنُ خَلَقْنَاكُمْ فَلَوْلَا تُصَدِّقُونَ
    (ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرنى بىز ياراتتۇق، نېمىشقا تەستىقلىمايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنكارچىلار! سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن بىز ياراتتۇق، سىلەرنى يوقتىن يارىتىشقا يەتكەن قۇدرىتىمىز سىلەرنى قىيامەت كۈنى قايتا يارىتىشقا ئەلۋەتتە يېتىدۇ، بۇنىڭ راستلىقىغا نېمىشقا ئىشەنمەيسىلەر؛ ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ يوقتىن ياراتقانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرۇقلۇق بىزنىڭ قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىمىزنى نېمىشقا راست دەپ بىلمەيسىلەر! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. أَفَرَأَيْتُمْ مَا تُمْنُونَ
    سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا) تۆكۈلگەن مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ! — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر تۆكۈۋاتقان مەنىنىي دەپ بېقىڭلارچۇ! — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر بالىياتقۇلارغا تۆكۈۋاتقان مەنىيىڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى! — ئەنەس ئالىم

    (58-59) ئى ئىنكارچىلار! سىلەر بالىياتقۇلارغا تۆكىدىغان مەنىيىڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى! ئۇلارنىڭ ئۆلچەملىرىنى بەلگىلەپ ۋە باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ سىلەر ئىنسان قىلىپ يارىتىۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز يارىتىۋاتامدىمىز؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. أَأَنْتُمْ تَخْلُقُونَهُ أَمْ نَحْنُ الْخَالِقُونَ
    ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز (ئىنسان قىلىپ) يارىتامدۇق؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى سىلەر يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز يارىتامدۇق؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنى سىلەر يارىتىۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز يارىتىۋاتامدىمىز؟ — ئەنەس ئالىم

  60. (56-سۈرە ۋاقىئە، 60-ئايەت) ئۆلۈم ئىلاھىي ھۆكۈم
    نَحْنُ قَدَّرْنَا بَيْنَكُمُ الْمَوْتَ وَمَا نَحْنُ بِمَسْبُوقِينَ
    بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق ۋە بىز ئاجىز ئەمەسمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بىز بەلگىلىدۇق. بىز ئاجىز ئەمەس، — ئەنەس ئالىم

    (60-61) ئى ئىنكارچىلار! سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بىز بەلگىلىدۇق؛ ھەربىرىڭلارنى ئەجەل بەلگىلەپ ياراتتۇق، ئەجىلىڭلار توشقانلىرىڭلارنىڭ جانلىرىنى بىز ئېلىۋاتىمىز. بىز سىلەرنى ئەجىلىڭلار توشقاندا ئۆلتۈرۈپ قىيامەت كۈنى ھازىرقى شەكلىڭلارنى سىلەر بىلمەيدىغان باشقا شەكىللەرگە ئالماشتۇرۇپ، سىلەرنى قايتا يارىتىشقا قادىرمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. (56-سۈرە ۋاقىئە، 61-ئايەت) تىرىلىش ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى
    عَلَىٰ أَنْ نُبَدِّلَ أَمْثَالَكُمْ وَنُنْشِئَكُمْ فِي مَا لَا تَعْلَمُونَ
    بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىنتىن ئاجىز ئەمەسمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرنى ئوخشاشلىرىڭلار بىلەن ئالماشتۇرۇشقا ۋە سىلەرنى يېڭىدىن سىلەر بىلمەيدىغان شەكىلدە يارىتىشقا قادىرمىز. — ئەنەس ئالىم

  62. (56-سۈرە ۋاقىئە، 62-ئايەت) تىرىلىش ئىنساننىڭ يارىتىلىشى
    وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ النَّشْأَةَ الْأُولَىٰ فَلَوْلَا تَذَكَّرُونَ
    شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار (يەنى دەسلەپتە ئاللاھنىڭ سىلەرنى يوقتىن بار قىلغانلىقىنى تونۇدۇڭلار). سىلەر (ئاللاھنىڭ سىلەرنى دەسلەپ ياراتقاندەك قايتا يارىتىشىنى) ئويلىمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار. سىلەر ئويلىمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار، نېمىشقا ئويلاپ باقمايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنكارچىلار! سىلەر بىزنىڭ بارلىق مەخلۇقاتنى، جۈملىدىن ئۆزۈڭلارنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقانلىقىمىزنى بىلدىڭلار، دەسلەپتە يارىتىشقا يەتكەن قۇدرىتىمىزنىڭ ئىككىنچى قېتىم يارىتىشقىمۇ يېتىدىغانلىقى ھەققىدە نېمىشقا ئويلانمايسىلەر؟ نېمىشقا بۇنىڭ مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يەتمەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. أَفَرَأَيْتُمْ مَا تَحْرُثُونَ
    سىلەر تېرىغان زىرائەتنى دەپ بېقىڭلارچۇ! — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر تېرىغان زىرائەتنى دەپ بېقىڭلارچۇ! — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر تېرىۋاتقان نەرسەڭلەر توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى! — ئەنەس ئالىم

    (63-67) ئى ئىنكارچىلار! سىلەر يەرگە تېرىۋاتقان ئۇرۇق ۋە ئۇرۇقچىلىرىڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى! ئۇلارنى سىلەر ئۈندۈرۈپ زىرائەت ھالىتىگە كەلتۈرۈرۈۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز ئۈندۈرۈپ زىرائەت ھالىتىگە كەلتۈرۈۋاتامدىمىز؟ بىز خالىغان بولساق ئۇلارنى زىرائەت ھالىتىگە يەتكۈزمەستىن قۇرۇتۇپ ئوت - چۆپ ھالىتىگە كەلتۈرەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەيران قېلىپ: «بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتىپ كەتتۇق، تۈگەشتۇق، بەلكى بىز ئەسلىدە تەلەيسىز، رىزىقتىن مەھرۇم كىشىلەرمىز» دەيتتىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  64. (56-سۈرە ۋاقىئە، 64-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى رىزىق
    أَأَنْتُمْ تَزْرَعُونَهُ أَمْ نَحْنُ الزَّارِعُونَ
    ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۈندۈرۈپ (دان چىقىدىغان زىرائەت قىلىپ ئۆستۈردۇقمۇ؟) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۈندۈردۇكمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنى سىلەر ئۈندۈرۈپ زىرائەت ھالىتىگە كەلتۈرۈرۈۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز ئۈندۈرۈپ زىرائەت ھالىتىگە كەلتۈرۈۋاتامدىمىز؟ — ئەنەس ئالىم

  65. لَوْ نَشَاءُ لَجَعَلْنَاهُ حُطَامًا فَظَلْتُمْ تَفَكَّهُونَ
    ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇراتتۇق ـ دە، سىلەر ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇراتتۇق ـ دە، سىلەر ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    خالىغان بولساق ئۇنى قۇرۇق چۆپ قىلىۋېتەتتۇق، ھەيران قالاتتىڭلار ۋە: — ئەنەس ئالىم

  66. إِنَّا لَمُغْرَمُونَ
    سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار) — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتتۇق» — تەرجىمە ھەيئىتى

    «بىز زىيان تارتىپ كەتتۇق، — ئەنەس ئالىم

  67. بَلْ نَحْنُ مَحْرُومُونَ
    سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار) — مۇھەممەد سالىھ

    بەلكى «بىز مەھرۇم قالدۇق» دەيتتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى تامامەن مەھرۇم قىلىندۇق» دەيتتىڭلار. — ئەنەس ئالىم

  68. (56-سۈرە ۋاقىئە، 68-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر سۇ ۋە يامغۇر
    أَفَرَأَيْتُمُ الْمَاءَ الَّذِي تَشْرَبُونَ
    سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ! — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ! — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ئىچىۋاتقان سۈيۈڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى! — ئەنەس ئالىم

    (68-70) ئى ئىنكارچىلار! سىلەر ئىچىۋاتقان تاتلىق ۋە شېرىن سۈيۈڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى! ئۇ سۇنى بۇلۇتلاردىن سىلەر چۈشۈرۈۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز چۈشۈرۈۋاتامدىمىز؟ بىز خالىغان بولساق ئۇ سۇنى ئاچچىق ۋە تۇزلۇق قىلىۋېتەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇ سۇنى ئىچەلمەيتتىڭلار، ھايۋانلرىڭلارنى ۋە زىرائەتلىرىڭلارنى سۇغىرالمايتتىڭلار. ئۇنداقتا، ئۆزۈڭلارغا شۇ تاتلىق سۇنى چۈشۈرۈپ بەرگەن ئاللاھقا نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  69. أَأَنْتُمْ أَنْزَلْتُمُوهُ مِنَ الْمُزْنِ أَمْ نَحْنُ الْمُنْزِلُونَ
    ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنى بۇلۇتلاردىن سىلەر چۈشۈرۈۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز چۈشۈرۈۋاتامدىمىز؟ — ئەنەس ئالىم

  70. (56-سۈرە ۋاقىئە، 70-ئايەت) سۇ ۋە يامغۇر شۈكۈر
    لَوْ نَشَاءُ جَعَلْنَاهُ أُجَاجًا فَلَوْلَا تَشْكُرُونَ
    ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق (پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ زور نېمەتلىرىگە) نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق، نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    خالىغان بولساق ئۇنى ئاچچىق قىلاتتۇق، نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  71. أَفَرَأَيْتُمُ النَّارَ الَّتِي تُورُونَ
    سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ! — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ! — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتۇڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى! — ئەنەس ئالىم

    (71-73) ئى ئىنكارچىلار! سىلەر ئىسسىنىش، سۇ ئىسسىتىش ۋە تاماق ئېتىپ يېيىش ئۈچۈن ياندۇرۇۋاتقان ئوتۇڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى! ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈرۈۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز ئۆستۈرۈۋاتامدىمىز؟ بىز ئۇ ئوتنى دوزاخنىڭ ئوتىنى ئەسلەشكە ۋاسىتە قىلدۇق ۋە يولۇچىلارغا پايدىلىنىدىغان لازىمەتلىك قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. أَأَنْتُمْ أَنْشَأْتُمْ شَجَرَتَهَا أَمْ نَحْنُ الْمُنْشِئُونَ
    ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۆستۈردۇقمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۆستۈردۇقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈرۈۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز ئۆستۈرۈۋاتامدىمىز؟ — ئەنەس ئالىم

  73. (56-سۈرە ۋاقىئە، 73-ئايەت) ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى رىزىق
    نَحْنُ جَعَلْنَاهَا تَذْكِرَةً وَمَتَاعًا لِلْمُقْوِينَ
    ئۇنى بىز ئىبرەت ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى بىز ئىبرەت ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنى ئەسلەش ۋاسىتىسى[4] ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

  74. فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ
    ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنداق بولسا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ھالدا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنى ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ ئەنە شۇنداق قۇدرەتلىكتۇر، ئۇنىڭ سۆزلىرى توغرا، ھۆكۈملىرى ئادىل ۋە خەۋەرلىرى راستتۇر. ئۇنداقتا سەن بۇ مۇشرىكلارنىڭ تەرسالىقىغا پەرۋا قىلمىغىن، ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىشنى ۋە پاكلىقىنى سۆز ھەرىكىتىڭ بىلەن ئىپادىلەشنى داۋاملاشتۇرغىن؛ ئىبادەت ۋە دەۋەت پائالىيەتلىرىڭدىن بوشاشمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  75. (56-سۈرە ۋاقىئە، 75-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر قەسەملەر
    فَلَا أُقْسِمُ بِمَوَاقِعِ النُّجُومِ
    يۇلتۇزلارنىڭ جايلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    يۇلتۇزلارنىڭ جايلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداق ئەمەس، يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى - — ئەنەس ئالىم

    (75-82) ئۇنداق ئەمەس، يۇلتۇزلارنىڭ ئاسماندىكى بۇرجلىرى، مەنزىللىرى ۋە ئورۇنلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى - بىلسەڭلار بۇ ناھايىتى چوڭ قەسەمدۇر - ئەمەلىيەت مۇشرىكلار ئېيتقاندەك ئەمەس؛ قۇرئان ھەرگىزمۇ سېھىر ياكى شېئىر ۋە ياكى ئويدۇرما ئەمەس. ئەكسىچە ئەلچىمىز مۇھەممەد سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتقىنى چوڭقۇر ھېكمەت، پايدىلىق ئىلىم ۋە چىرايلىق نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆرمەتلىك قۇرئاندۇر، ئۇنىڭ ئايەتلىرى «لەۋھى مەھفۇز»نىڭ پاك سەھىپىلىرىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن جىبرىئىل باشچىلىقىدىكى پەرىشتە جامائەسى ئۇ سەھىپىلەردىن باشقا پاك - پاكىز سەھىپىلەرگە كۆچۈرۈپ ئەلچىمىز مۇھەممەدكە ئېلىپ چۈشىدۇ ۋە ئوقۇپ بىلدۈرىدۇ. ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىپ شۇ ئىلاھىي سۆز بولغان قۇرئانغا بويسۇنۇشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئىنكار قىلامسىلەر؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  76. (56-سۈرە ۋاقىئە، 76-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى قەسەملەر
    وَإِنَّهُ لَقَسَمٌ لَوْ تَعْلَمُونَ عَظِيمٌ
    شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇ (يۇلتۇزلار ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە كاتتا قەسەمدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇ ئەلۋەتتە كاتتا قەسەمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىلسەڭلەر بۇ ناھايىتى چوڭ قەسەمدۇر - — ئەنەس ئالىم

  77. إِنَّهُ لَقُرْآنٌ كَرِيمٌ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئان بولۇپ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئۇ ھۆرمەتلىك قۇرئاندۇر، — ئەنەس ئالىم

  78. فِي كِتَابٍ مَكْنُونٍ
    كىتابتا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ساقلانغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كىتاب- لەۋھۇلمەھپۇز-دا ساقلانغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ساقلانغۇچى كىتابتىدۇر، — ئەنەس ئالىم

  79. لَا يَمَسُّهُ إِلَّا الْمُطَهَّرُونَ
    ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى پاك بولغانلاردىن باشقىسى تۇتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنى پاك قىلىنغانلاردىن باشقىسى تۇتالمايدۇ، — ئەنەس ئالىم

  80. (56-سۈرە ۋاقىئە، 80-ئايەت) قۇرئاننىڭ ئىلاھىي مەنبەسى ۋەھىي
    تَنْزِيلٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ، ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  81. (56-سۈرە ۋاقىئە، 81-ئايەت) كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش
    أَفَبِهَٰذَا الْحَدِيثِ أَنْتُمْ مُدْهِنُونَ
    (ئى كۇففارلار جامائەسى!) بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر مۇشۇ سۆزنى كەمسىتىۋاتامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر مۇشۇ سۆزگە ياغلامچىلىق قىلامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  82. (56-سۈرە ۋاقىئە، 82-ئايەت) كاپىرلىق شۈكۈر
    وَتَجْعَلُونَ رِزْقَكُمْ أَنَّكُمْ تُكَذِّبُونَ
    (سىلەر ئاللاھنىڭ رىزىق بەرگەنلىكىگە) شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا (رىزىق بەرگۈچىنى) ئىنكار قىلامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    رىزقىڭلارغا ئۇنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق شۈكۈر قىلامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنى يالغان دېيىشنى رىزقىڭلار قىلامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  83. (56-سۈرە ۋاقىئە، 83-ئايەت) ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۆلۈم
    فَلَوْلَا إِذَا بَلَغَتِ الْحُلْقُومَ
    جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى

    نېمىشقا جان ھەلقۇمغا يەتكەندە - — ئەنەس ئالىم

    (83-87) ئى مۇشرىكلار! سىلەرنىڭ بىرىڭلار سەكراتقا چۈشۈپ جان ئۈزگىلى قوپقاندا، سىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرىسىلەر - بىز سەكراتتىكى ئۇ ئادەمگە سىلەردىن يېقىن، لېكىن سىلەر كۆرمەيسىلەر - نېمىشقا ئۇ ئادەمنىڭ جېنىنى تۇتۇۋالالمايسىلەر؟! ئەگەر قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى چەكمەيدىغان بولساڭلار، ئۇ ھەلقۇمغا يەتكەن جاننى نېمىشقا قايتۇرۇۋالالمايسىلەر؟ ئەگەر سىلەر: «ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش، ھېساب بېرىش ۋە جازا چېكىش يوق» دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار بۇنى قىلاتتىڭلار، لېكىن سىلەر يالغان ئېيتىۋاتىسىلەر، ئەمەلىيەتكە خىلاپ گەپلەرنى قىلىۋاتىسىلەر، شۇڭلاشقا ھەرگىزمۇ ئۆلۈم ئالدىدىكى جاننى تۇتۇۋالالمايسىلەر، چىققان جاننى قايتۇرۇۋالالمايسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  84. (56-سۈرە ۋاقىئە، 84-ئايەت) ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۆلۈم
    وَأَنْتُمْ حِينَئِذٍ تَنْظُرُونَ
    جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر قاراپ تۇرىسىلەر! — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ئۇ ئەسنادا قاراپ تۇرىسىلەر، — ئەنەس ئالىم

  85. (56-سۈرە ۋاقىئە، 85-ئايەت) ئۆلۈم پەرىشتىلەر
    وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْكُمْ وَلَٰكِنْ لَا تُبْصِرُونَ
    بىز (ئىلمىمىز ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن) ئۇنىڭغا سىلەردىن يېقىنمىز، لېكىن سىلەر (ئۇنى) كۆرمەيسىلەر (يەنى بىلمەيسىلەر) — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ھالەنكى بىز ئۇنىڭغا سىلەردىن تېخىمۇ يېقىنمىز، لېكىن سىلەر كۆرمەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سەكراتتىكى ئادەمگە سىلەردىن يېقىن، لېكىن سىلەر كۆرمەيسىلەر - — ئەنەس ئالىم

  86. (56-سۈرە ۋاقىئە، 86-ئايەت) ھىساب تىرىلىش
    فَلَوْلَا إِنْ كُنْتُمْ غَيْرَ مَدِينِينَ
    ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە) قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    نېمىشقا ئەگەر جازالاندۇرۇلمايدىغان بولساڭلار، — ئەنەس ئالىم

  87. (56-سۈرە ۋاقىئە، 87-ئايەت) تىرىلىش ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى
    تَرْجِعُونَهَا إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە) قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    نېمىشقا ئۇنى قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ھەلقۇمغا يەتكەن جاننى قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار. — ئەنەس ئالىم

  88. فَأَمَّا إِنْ كَانَ مِنَ الْمُقَرَّبِينَ
    ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت ـ ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت ـ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇ مېيىت –ئاللاھقا- يېقىن كىشىلەردىن بولىدىغان بولسا — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇ يېقىنلاشتۇرۇلغۇچىلاردىن بولسا، — ئەنەس ئالىم

    (88-89) ئۆلگەن ئۇ ئادەمنىڭ ئاقىۋىتىگە كەلسەك، ئەگەر ئۇ ھايات چېغىدا ئىمان ۋە ئەمەلدە ئالدى سەپتە مېڭىپ، ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇۇلغان بەندىلەرىدىن بولسا، ئۇ راھەتكە، خۇشاللىققا ۋە جەننەتتە نېمەت باغچىلىرىغا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  89. فَرَوْحٌ وَرَيْحَانٌ وَجَنَّتُ نَعِيمٍ
    ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت ـ ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت ـ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇنىڭ مۇكاپاتى-، راھەت ـ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا راھەت، ياخشى رىزىق ۋە نەئىم جەننەتلىرى بار. — ئەنەس ئالىم

  90. وَأَمَّا إِنْ كَانَ مِنْ أَصْحَابِ الْيَمِينِ
    ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا«ساڭا سالام، سەن سائادەتمەنلەردىن ئىكەنسەن» دېيىلىدۇ. — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئەمەل دەپتىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەردىن بولسا، — ئەنەس ئالىم

    (90-91) ئەگەر ئەمەل دەپتىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەردىن بولسا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئۆلۈمى ئەسناسىدا، قەبرىسىدە قايتا تىرىلگەن چېغىدا، مەھشەردە ۋە جەننەتتە: «ساڭا سالام، سەن ئوڭ تەرەپنىڭ ئىگىلىرىدىنسەن» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  91. فَسَلَامٌ لَكَ مِنْ أَصْحَابِ الْيَمِينِ
    ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا«ساڭا سالام، سەن سائادەتمەنلەردىن ئىكەنسەن» دېيىلىدۇ. — مۇھەممەد سالىھ

    سائادەتمەنلەردىن ساڭا سالام! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ساڭا ئوڭ تەرەپنىڭ ئىگىلىرىدىن سالام! — ئەنەس ئالىم

  92. (56-سۈرە ۋاقىئە، 92-ئايەت) كاپىرلىق ئازغۇنلۇق
    وَأَمَّا إِنْ كَانَ مِنَ الْمُكَذِّبِينَ الضَّالِّينَ
    ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇ ئىنكار قىلغۇچى ئازغۇن گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇ ئازغۇن كاززاپلاردىن بولسا، — ئەنەس ئالىم

    (92-94) ئەگەر ئۇ ئازغۇن كاززاپلاردىن بولسا، ئۇنىڭغا قايناق سۇدىن زىياپەت بېرىلىدۇ ۋە دوزاخقا تاشلىنىپ كۆيدۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  93. (56-سۈرە ۋاقىئە، 93-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    فَنُزُلٌ مِنْ حَمِيمٍ
    ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا قايناق سۇدىن زىياپەت — ئەنەس ئالىم

  94. (56-سۈرە ۋاقىئە، 94-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    وَتَصْلِيَةُ جَحِيمٍ
    جەھەننەمدە كۆيدۈرۈلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    جەھەننەمدە كۆيدۈرۈلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە دوزاخقا تاشلىنىپ كۆيۈش بار. — ئەنەس ئالىم

  95. (56-سۈرە ۋاقىئە، 95-ئايەت) شەكسىز ئىتىقاد ھەق
    إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ حَقُّ الْيَقِينِ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بۇ قەتئىي ھەقىقەتتۇر. — ئەنەس ئالىم

    (95-96) ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ خەۋەرلەر قەتئىي ھەقىقەتتۇر. ئۇنداقتا، سەن بۇ مۇشرىكلارنىڭ تەرسالىقىغا پەرۋا قىلمىغىن، ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىشنى ۋە پاكلىقىنى سۆز ھەرىكىتىڭ بىلەن ئىپادىلەشنى داۋاملاشتۇرغىن ؛ ئىبادەت ۋە دەۋەت پائالىيەتلىرىڭدىن بوشاشمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  96. فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ
    ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئېتىرازلىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنداق بولسا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ھالدا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن.‏ — ئەنەس ئالىم