ساھابىلەر
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغان كىشىلەر ۋە بۇلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ يار - يۆلەك بولغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي مۆمىنلەر ئىكەنلىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر.
ئېنگلىزچىسى: The Companions (Sahabah)
13 ئايەت
6 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى /
- 📄 ساھابىلەر
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَحَسَّ عِيسَىٰ مِنْهُمُ الْكُفْرَ قَالَ مَنْ أَنْصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنْصَارُ اللَّهِ آمَنَّا بِاللَّهِ وَاشْهَدْ بِأَنَّا مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىيسا ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ ئۈچۈن (ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟» دېدى. ھەۋارىيلار (يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۆمىنلەر) ئېيتتى: «ئاللاھ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز بويسۇنغۇچىلارمىز[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىيسا يەھۇدىيلارنىڭ كۇفردا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ يولىدا ماڭا كىملەر ياردەمچى بولىدۇ؟» دېدى. ھاۋارىيلار[1] ئېيتتى: «ئاللاھ يولىدا بىز ساڭا ياردەمچى بولىمىز، بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. سەن بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزغا گۇۋاھ بولغىن
ئەنەس ئالىم: ئىيسا ئۇلاردىن كۇفرىلىقنى سېزىپ: «كىملەر ئاللاھ يولىدا مېنىڭ ياردەمچىلىرىمدۇر؟» دېگەن ئىدى. ھەۋارىيلار مۇنداق دېدى: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز16. بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز مۇسۇلمانمىز.
ئەنفال سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَهَاجَرُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَالَّذِينَ آوَوْا وَنَصَرُوا أُولَٰئِكَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَلَمْ يُهَاجِرُوا مَا لَكُمْ مِنْ وَلَايَتِهِمْ مِنْ شَيْءٍ حَتَّىٰ يُهَاجِرُوا ۚ وَإِنِ اسْتَنْصَرُوكُمْ فِي الدِّينِ فَعَلَيْكُمُ النَّصْرُ إِلَّا عَلَىٰ قَوْمٍ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ مِيثَاقٌ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقانلار، (ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيۈش يۈزىسىدىن يۇرتىنى تاشلاپ) ھىجرەت قىلغان، پۇل ـ ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يەنى مۇھاجىرلار)، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار) ـ ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە بىر ـ بىرىگە ئىگىدۇر (يەنى بىر ـ بىرىگە ياردەمچىدۇر ۋە دوستتۇر). ئىمان ئېيتقان ئەمما (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلمىغانلار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تاكى ئۇلار ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئۆزئارا ئىگە بولۇش (يەنى ياردەملىشىش) بولمايدۇ؛ ئەگەر دىن ئىشىدا ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىشىم بولمىسىلا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقانلار، يۇرتىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلغان، پۇل ـ ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يەنى مۇھاجىرلار)، ئۇلارغا جاي بەرگەن ۋە ياردەم قىلغانلار (يەنى ئەنسارلار) ـ ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە بىر ـ بىرىگە يېقىن كىشىلەردۇر. ئىمان ئېيتقان، ئەمما ھىجرەت قىلمىغانلار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تاكى ئۇلار ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئۆزئارا قىلچە يېقىنلىق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ؛ ئەگەر دىن ئىشىدا ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىشىم بولمىسىلا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان كىشىلەر ۋە بۇلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ يار - يۆلەك بولغان كىشىلەر بىر - بىرلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. ئىمان ئېيتىپ ھىجرەت قىلمىغانلارغا كەلسەك، سىلەر ئۇلار بىلەن ھېچ نەرسىدە بىر - بىرىڭلارغا ۋەلىي بولالمايسىلەر. ئەگەر ئۇلار سىلەردىن دىندا ياردەم تەلەپ قىلسا، ياردەم قىلىشىڭلار كېرەك. لېكىن بۇ ياردەم سىلەر بىلەن كېلىشىمى بولغان قەۋمگە قارشى بولماسلىقى لازىم. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
8 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَهَاجَرُوا وَجَاهَدُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَالَّذِينَ آوَوْا وَنَصَرُوا أُولَٰئِكَ هُمُ الْمُؤْمِنُونَ حَقًّا ۚ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقانلار، (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار) ـ ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (نىڭ گۇناھى) مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار (جەننەتتە) ئېسىل رىزىققا ئىگە بولىدۇ[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەن ۋە ياردەم قىلغانلار (يەنى ئەنسارلار) ـ ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر. ئۇلارنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار ئېسىل رىزىققا ئىگە بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغان كىشىلەر ۋە بۇلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ يار - يۆلەك بولغان كىشىلەرلا ھەقىقىي مۇئمىنلاردۇر. ئۇلارغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.
تەۋبە سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ آمَنُوا وَهَاجَرُوا وَجَاهَدُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ أَعْظَمُ دَرَجَةً عِنْدَ اللَّهِ ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَائِزُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقانلارنىڭ، ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر؛ ئەنە شۇلار (ساۋاب تېپىش بىلەن) مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە پۇل-ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر؛ ئەنە شۇلار ئۇتۇق قازانغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان، ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغانلارنىڭ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى دەرىجىلىرى بەك كاتتىدۇر. ئەنە شۇلار چوقۇم نىجاتلىققا ئېرىشكۈچى كىشىلەردۇر.
9 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
لَٰكِنِ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ جَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ ۚ وَأُولَٰئِكَ لَهُمُ الْخَيْرَاتُ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن، پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلار ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى، ئەنە شۇلار (ئىككىلا دۇنيانىڭ) ياخشىلىقلىرىغا نائىل بولىدۇ، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن، پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلار ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى، پۈتۈن ياخشىلىقلار ئەنە شۇلار ئۈچۈندۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: لېكىن رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلار ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى. ياخشىلىقلار ئەنە شۇلارنىڭدۇر، مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر.
9 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر تەييارلىدى، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
9 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّابِقُونَ الْأَوَّلُونَ مِنَ الْمُهَاجِرِينَ وَالْأَنْصَارِ وَالَّذِينَ اتَّبَعُوهُمْ بِإِحْسَانٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي تَحْتَهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەردىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر
ئەنەس ئالىم: مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن ياخشىلىققا ئالدىرىغان دەسلەپكى كىشىلەر22 بىلەن ئۇلارغا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا ئەگەشكەنلەردىن ئاللاھ رازى بولدى. ئۇلارمۇ ئاللاھتىن رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر تەييارلىدى، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئەنە شۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
9 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ تَابَ اللَّهُ عَلَى النَّبِيِّ وَالْمُهَاجِرِينَ وَالْأَنْصَارِ الَّذِينَ اتَّبَعُوهُ فِي سَاعَةِ الْعُسْرَةِ مِنْ بَعْدِ مَا كَادَ يَزِيغُ قُلُوبُ فَرِيقٍ مِنْهُمْ ثُمَّ تَابَ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّهُ بِهِمْ رَءُوفٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق پەيتىدە ئەگەشكەن مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. (ئەينى زاماندا) ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە تاس قالغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا تولىمۇ مەرھەمەتلىك، ناھايىتى مېھرىباندۇر[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق پەيتىدە ئەگەشكەن مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئەينى زاماندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە تاس قالغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا تولىمۇ مەرھەمەتلىك، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ نەبىنىڭ ۋە قىيىن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئەسنادا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھنىڭ قەلبلىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە تاس قالغان ئىدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارغا شەپقەتلىكتۇر ۋە ئىنئامى كۆپتۇر.
9 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَلَى الثَّلَاثَةِ الَّذِينَ خُلِّفُوا حَتَّىٰ إِذَا ضَاقَتْ عَلَيْهِمُ الْأَرْضُ بِمَا رَحُبَتْ وَضَاقَتْ عَلَيْهِمْ أَنْفُسُهُمْ وَظَنُّوا أَنْ لَا مَلْجَأَ مِنَ اللَّهِ إِلَّا إِلَيْهِ ثُمَّ تَابَ عَلَيْهِمْ لِيَتُوبُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ ئاللاھ قوبۇل قىلدى. شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ جانلىرى سىقىلغان، ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ ئاللاھ قوبۇل قىلدى. شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ جانلىرى سىقىلغان، ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھۆكۈملىرى كېچىكتۈرۈلگەن ئۈچ كىشىنىڭمۇ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاخىرىدا شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار كەلگەن، ئۆزلىرىگە ئۆزلىرىمۇ تار كەلگەن24، ئۇلار ئاللاھتىن قېچىشنىڭ ئاللاھقا سېغىنىشتىن باشقا يولى يوقلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى، تەۋبىلىرىدە تۇرسۇن دەپ ئەنە شۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن قوبۇل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
9 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ لِأَهْلِ الْمَدِينَةِ وَمَنْ حَوْلَهُمْ مِنَ الْأَعْرَابِ أَنْ يَتَخَلَّفُوا عَنْ رَسُولِ اللَّهِ وَلَا يَرْغَبُوا بِأَنْفُسِهِمْ عَنْ نَفْسِهِ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ لَا يُصِيبُهُمْ ظَمَأٌ وَلَا نَصَبٌ وَلَا مَخْمَصَةٌ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا يَطَئُونَ مَوْطِئًا يَغِيظُ الْكُفَّارَ وَلَا يَنَالُونَ مِنْ عَدُوٍّ نَيْلًا إِلَّا كُتِبَ لَهُمْ بِهِ عَمَلٌ صَالِحٌ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەئرابىيلارنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن جىھادقا بىللە چىقماي قېلىپ قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئارامى بىلەنلا بولۇپ، جاپادا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. بۇ (يەنى ئۇلارنى جىھادقا چىقماي قېلىپ قېلىشتىن مەنئى قىلىش) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇچرىغان ئۇسسۇزلۇق، تارتقان جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئاچلىق، ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى خاپىلىققا سالىدىغان ھەر بىر قەدىمى، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن ئېرىشكەن (ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىش، مەغلۇپ قىلىش قاتارلىق) ھەر بىر نەرسىسى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ئۇلارغا ياخشىلىق (يەنى ساۋاب) يېزىلىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەئرابىلارنىڭ، رەسۇلۇللاھ بىلەن جىھادقا بىللە چىقماي قېلىپ قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئارامى بىلەنلا بولۇپ، جاپادا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇچرىغان ئۇسسۇزلۇق، تارتقان جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئاچلىق، ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى خاپىلىققا سالىدىغان ھەر بىر قەدىمى، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن ئېرىشكەن ھەر بىر نەرسىسى ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشىلىق يېزىلىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: مەدىنە ئەھلىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ، رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلىپ قېلىشى ۋە ئۇنىڭ جېنىدىن بۇرۇن ئۆز جانلىرىنىڭ قايغۇسىغا چۈشۈشى ئۇلارغا ياراشمايدۇ. شۇنداق، چۈنكى ئۇلارغا ئاللاھ يولىدا يەتكەن ھەر ئۇسسۇزلۇق، ھەر ھارغىنلىق ۋە ھەر ئاچلىق ئۈچۈن، كافىرلارنى غەزەپلەندۈرگەن ھەر قەدىمى ۋە دۈشمەنگە قارشى قازانغان ھەر مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن چوقۇم بىر ياخشى ئەمەل يېزىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ.
فۇسسىلەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَيَّضْنَا لَهُمْ قُرَنَاءَ فَزَيَّنُوا لَهُمْ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَحَقَّ عَلَيْهِمُ الْقَوْلُ فِي أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِمْ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا خَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىز (شەيتانلاردىن) دوستلارنى مۇسەللەت قىلدۇق، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى قەبىھ ئەمەللىرىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان (گۇناھكار، شەقى) ئۈممەتلەر قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىز -شەيتانلاردىن- دوستلارنى مۇسەللەت قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن دوستلىرى ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىكى نەرسىلەرنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان گۇناھكار شەقى ئۈممەتلەر قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز دۇنيادا ئۇلارغا بىر قىسىم يېقىنلارنى ھەمراھ قىلدۇق. ئۇ يېقىنلىرى ئۇلارغا ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى ئىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى4. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇرۇن ئۆتكەن جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان ئۇممەتلەرنىڭ قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى. چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى.
فەتىھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللَّهِ ۚ وَالَّذِينَ مَعَهُ أَشِدَّاءُ عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاءُ بَيْنَهُمْ ۖ تَرَاهُمْ رُكَّعًا سُجَّدًا يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانًا ۖ سِيمَاهُمْ فِي وُجُوهِهِمْ مِنْ أَثَرِ السُّجُودِ ۚ ذَٰلِكَ مَثَلُهُمْ فِي التَّوْرَاةِ ۚ وَمَثَلُهُمْ فِي الْإِنْجِيلِ كَزَرْعٍ أَخْرَجَ شَطْأَهُ فَآزَرَهُ فَاسْتَغْلَظَ فَاسْتَوَىٰ عَلَىٰ سُوقِهِ يُعْجِبُ الزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ بِهِمُ الْكُفَّارَ ۗ وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ مِنْهُمْ مَغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئالامەتلىرى بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا (ئۇلار) شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ، (مۆمىنلەرنى مۇنداق زىرائەتكە ئوخشىتىش) كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلار كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئەسىرىدىن نىشانلار بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا -ئۇلار- شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن، دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ، بۇ، كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى
ئەنەس ئالىم: مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار كافىرلارغا قاتتىق قول، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر. ئۇلارنى رۇكۇ قىلىۋاتقان ۋە سەجدە قىلىۋاتقان ھالەتلەردە كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھتىن پەزل ۋە رازىلىق تىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ نىشانى يۈزلىرىدىكى سەجدە ئىزىدۇر. مانا بۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى مۇنداق: ئۇلار، بىخىنى چىقارغان، ئاندىن بارغانسېرى ئۇنى كۈچلەندۈرۈپ توم بولغان، ئۆز يىلتىزلىرى بىلەن تىك تۇرغان ۋە دېھقانلارنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان زىرائەتكە ئوخشاشتۇر. بۇ ئاللاھنىڭ كافىرلارنى مۇئمىنلار بىلەن تېرىكتۈرۈشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى.
ۋاقىئە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّابِقُونَ السَّابِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلارنى) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئەڭ ئالدىدا ماڭغۇچىلار، ئەڭ ئالدىدا ماڭغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئالدىدا ماڭغۇچىلار، ئالدىدا ماڭغۇچىلار2،