داۋۇت ۋە سۇلايمان
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىقتەك ئۆزگىچە سوۋغاتلار بېرىلگەن داۋۇت ۋە سۇلايماننىڭ ھېكايىلىرى.
ئەرەبچىىسى: داود وسليمان
ئېنگلىزچىسى: Dawud and Sulayman
53 ئايەت
7 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 پەيغەمبەرلەر ھېكايىلىرى (قىسسەسۇل ئەنبىيا) /
- 📄 داۋۇت ۋە سۇلايمان
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 251 - ئايەت
كۆرۈش
فَهَزَمُوهُمْ بِإِذْنِ اللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُودُ جَالُوتَ وَآتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَهُ مِمَّا يَشَاءُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لَفَسَدَتِ الْأَرْضُ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى (پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرىنى (پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابلىققا يۈزلىنەتتى، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[251].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كافىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرى (يەنى پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابىلىككە ئايلىناتتى، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كافىرلارنىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلدى. داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى70. ئاللاھ داۋۇدقا ھۆكۈمدارلىقنى ۋە ھېكمەتنى71 ئاتا قىلدى، ئۇنىڭغا خالىغىنىنى ئۆگەتتى. ئەگەر ئاللاھ بەزى ئىنسانلارنى بەزى ئىنسانلار بىلەن توسۇپ تۇرمىسا ئىدى، دۇنيانىڭ ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئالەملەرگە ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر.
مائىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
لُعِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَلَىٰ لِسَانِ دَاوُودَ وَعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ ۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بەنى ئىسرائىلدىن كاپىر بولغانلارغا داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن (يەنى زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) لەنەت قىلىندى. بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىشى) ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرىدىن بولدى[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىكى كافىرلارغا (زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەت قىلىندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئىسرائىل ئەۋلادىدىن كافىر بولغانلار، داۋۇدنىڭ ۋە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەتلەندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقىدىن بولدى.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۚ كُلًّا هَدَيْنَا ۚ وَنُوحًا هَدَيْنَا مِنْ قَبْلُ ۖ وَمِنْ ذُرِّيَّتِهِ دَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ وَأَيُّوبَ وَيُوسُفَ وَمُوسَىٰ وَهَارُونَ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. (ئىبراھىمدىن) ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلدۇق. ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلايمان، ئەييۇب، يۈسۈف، مۇسا، ھارۇنلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى بەخش ئەتتۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. بىز ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلغان، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۈسۈف، مۇسا، ھارۇنلارنى ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ھەممىسىنى ھىدايەت قىلدۇق. بىز ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. بىز ئۇنىڭ نەسلىدىن داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا ۋە ھارۇنلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
ئەنبىيا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ إِذْ يَحْكُمَانِ فِي الْحَرْثِ إِذْ نَفَشَتْ فِيهِ غَنَمُ الْقَوْمِ وَكُنَّا لِحُكْمِهِمْ شَاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: داۋۇت بىلەن سۇلايماننىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋمنىڭ قويى كېچىسى زىرائەتنى يەپ (بۇزۇۋەتكەندە)، ئۇ ئىككىسى زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھۆكمىگە بىز شاھىت ئىدۇق.(ئىزاھات:بىر ئادەمنىڭ قويلىرى كېچىسى يەنە بىر ئادەمنىڭ زىرائىتىنى پۈتۈنلەي يەپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار دەۋالىشىپ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، داۋۇد ئەلەيھىسسالام بۇزۇلغان زىرائەتنىڭ بەدىلىگە قوينى زىرائەتنىڭ ئىگىسىگە بېرىشنى بۇيرۇيدۇ، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام مەسىلىگە باشقىچىراق قاراپ، قوي ئىگىسى زىرائەتنى قايتا تېرىپ بۇرۇنقىدەك ئۆستۈرۈپ بەرگەنگە قەدەر قوينىڭ زىرائەت ئىگىسىگە قالدۇرۇلۇشىنى، ئاڭغىچە زىرائەت ئىگىسىنىڭ قوينىڭ يۇڭى، تېرىسى ۋە تۆلىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇشىنى ئېيتىدۇ.)[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: داۋۇت بىلەن سۇلايماننىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن. ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋمنىڭ قويى كېچىسى زىرائەتنى يەپ بۇزۇۋەتكەندە، ئۇ ئىككىسى زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى[1]. ئۇلارنىڭ ھۆكمىگە بىز شاھىت ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز داۋۇد بىلەن سۇلەيماننىمۇ يېتەكچى قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئىككىيلەن كېچىسى بىر قەۋمنىڭ قويلىرى كىرىپ يەپ كەتكەن زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمىگە شاھىت ئىدۇق.
21 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
فَفَهَّمْنَاهَا سُلَيْمَانَ ۚ وَكُلًّا آتَيْنَا حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَسَخَّرْنَا مَعَ دَاوُودَ الْجِبَالَ يُسَبِّحْنَ وَالطَّيْرَ ۚ وَكُنَّا فَاعِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلايمانغا بىلدۈردۇق، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ھېكمەتنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق. تاغلارنى، قۇشلارنى داۋۇد بىلەن تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، (شۇنداق قىلىشقا) بىز قادىر ئىدۇق[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلايمانغا بىلدۈردۇق، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ھېكمەتنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، تاغلارنى، قۇشلارنى داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق، بۇلارنى بىز قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز بۇ مەسىلە توغرىسىدا قانداق ھۆكۈم قىلىشنى سۇلەيمانغا چۈشەندۈردۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز تاغلارنى ۋە قۇشلارنى داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق. بۇلارنى بىز قىلدۇق.
21 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَلَّمْنَاهُ صَنْعَةَ لَبُوسٍ لَكُمْ لِتُحْصِنَكُمْ مِنْ بَأْسِكُمْ ۖ فَهَلْ أَنْتُمْ شَاكِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: جەڭلەردە سىلەرنى (يارىدار بولۇشتىن) ساقلاش مەقسىتىدە، داۋۇدقا سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق، سىلەر (بۇنىڭغا) شۈكۈر قىلامسىلەر؟ (يەنى شۈكۈر قىلىڭلار ۋە نېمەتنىڭ قەدرىنى بىلىڭلار)[80]
تەرجىمە ھەيئىتى: جەڭلەردە سىلەرنى ساقلاش مەقسىتىدە، داۋۇدقا سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق، سىلەر شۈكۈر قىلامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: بىز داۋۇدقا، ئۇرۇشتا سىلەرنى زەربىدىن ساقلىسۇن دەپ سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق. شۈكۈر قىلامسىلەر؟
21 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِسُلَيْمَانَ الرِّيحَ عَاصِفَةً تَجْرِي بِأَمْرِهِ إِلَى الْأَرْضِ الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا ۚ وَكُنَّا بِكُلِّ شَيْءٍ عَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا (يەنى شامغا) باراتتى، بىز ھەممىنى بىلگۈچىمىز[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا باراتتى، بىز ھەممىنى بىلگۈچىمىز
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىن تەرەپكە قاراپ چىقاتتى. بىز ھەر نەرسىنى بىلەتتۇق.
21 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ الشَّيَاطِينِ مَنْ يَغُوصُونَ لَهُ وَيَعْمَلُونَ عَمَلًا دُونَ ذَٰلِكَ ۖ وَكُنَّا لَهُمْ حَافِظِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمانغا يەنە بىر قىسىم شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۇنىڭغا ئۈنچە ـ مارجان (گۆھەرلەرنى سۈزۈپ چىقاتتى)، ئۇلار يەنە (شەھەرلەرنى، ئېگىز سارايلارنى سېلىشتەك) باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى، بىز ئۇلارنى (سۇلايماننىڭ ئىتائىتىدىن چىقىشتىن) ساقلايتتۇق[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمانغا يەنە بىر قىسىم شەيتانلارنى مۇسەخخەر قىلىپ بەردۇق، ئۇلار دېڭىزلاردا چۆكۈپ ئۇنىڭغا ئۈنچە ـ مارجان - گۆھەرلەرنى- سۈزۈپ چىقاتتى، ئۇلار يەنە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى، بىز ئۇلارنى كۆزىتەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز يەنە سۇلەيمانغا بىر قىسىم شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. ئۇلار سۇلەيمان ئۈچۈن دېڭىزغا چۆكەتتى ۋە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى. بىز ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇراتتۇق.
نەمىل سۈرىسى
19 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا دَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ عِلْمًا ۖ وَقَالَا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي فَضَّلَنَا عَلَىٰ كَثِيرٍ مِنْ عِبَادِهِ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا، سۇلايمانغا (دۇنيا ۋە دىن ئىلىملىرىدىن كەڭ) ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى نۇرغۇن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلغان ئاللاھقا خاستۇر!»[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا، سۇلايمانغا ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئېيتتى: «ھەمدۇسانا بىزنى نۇرغۇن مۇئمىن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلغان ئاللاھقا خاستۇر!»
ئەنەس ئالىم: بىز داۋۇدقا ۋە سۇلەيمانغا ئىلىم ئاتا قىلدۇق. ئۇ ئىككىسى: «بىزنى مۇئمىن بەندىلىرىنىڭ تولىسىدىن ئۈستۈن قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دېدى.
27 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَرِثَ سُلَيْمَانُ دَاوُودَ ۖ وَقَالَ يَا أَيُّهَا النَّاسُ عُلِّمْنَا مَنْطِقَ الطَّيْرِ وَأُوتِينَا مِنْ كُلِّ شَيْءٍ ۖ إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ الْفَضْلُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان (پەيغەمبەرلىكتە، ئىلىمدە، پادىشاھلىقتا ئاتىسى) داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى تەلىم بېرىلدى. (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ھەممە نەرسە ئاتا قىلىندى، بۇ ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ) روشەن ئېھسانىدۇر» دېدى[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمان داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى تەلىم بېرىلدى ۋە ھەممە نەرسىدىن ئاتا قىلىندى، شۈبھىسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە روشەن ئېھساندۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمان داۋۇدقا ۋارىس بولدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى ئۆگىتىلدى، بىزگە ھەر نەرسىدىن بېرىلدى. بۇ ئاشكارا ئىلتىپاتتۇر».
27 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَحُشِرَ لِسُلَيْمَانَ جُنُودُهُ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ وَالطَّيْرِ فَهُمْ يُوزَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى توپلاندى (سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالدىدا دەبدەبە بىلەن ماڭاتتى). ئۇلار تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى توپلاندى ئۇنىڭ ئۈچۈن توپلاندى، ئۇلار تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: سۇلەيماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى ھۇزۇرىدا توپلىنىپ، قىسىملارغا ئايرىلغان ئىدى.
27 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا أَتَوْا عَلَىٰ وَادِ النَّمْلِ قَالَتْ نَمْلَةٌ يَا أَيُّهَا النَّمْلُ ادْخُلُوا مَسَاكِنَكُمْ لَا يَحْطِمَنَّكُمْ سُلَيْمَانُ وَجُنُودُهُ وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (شامدىكى بىر) چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر (چىشى) چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن»[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىنتىزاملىق ھالدا مېڭىپ، چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا كەلگەندە، بىر چىشى چۈمۈلە مۇنداق دېدى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلەيمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى تۇيماستىن سىلەرنى ئېزىۋەتمىسۇن».
27 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَبَسَّمَ ضَاحِكًا مِنْ قَوْلِهَا وَقَالَ رَبِّ أَوْزِعْنِي أَنْ أَشْكُرَ نِعْمَتَكَ الَّتِي أَنْعَمْتَ عَلَيَّ وَعَلَىٰ وَالِدَيَّ وَأَنْ أَعْمَلَ صَالِحًا تَرْضَاهُ وَأَدْخِلْنِي بِرَحْمَتِكَ فِي عِبَادِكَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن»[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە ئېيتتى: «رەببىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن»
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمان چۈمۈلىنىڭ بۇ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە مۇنداق دېدى: «رەببىم! مېنى، ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا ئىنئام قىلغان نېمىتىڭگە شۈكۈر ئېيتىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا قىزىقتۇرغىن. مېنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن».
27 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَفَقَّدَ الطَّيْرَ فَقَالَ مَا لِيَ لَا أَرَى الْهُدْهُدَ أَمْ كَانَ مِنَ الْغَائِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۆپنى كۆرمەيمەنغۇ! ياكى ئۇ يوقاپ كەتتىمۇ.(ئىزاھات:سۇلايمان ئەلەيھىسسالام قوشۇنى بىلەن چۈمۈلىلەر ۋادىسىدىن ئايرىلىپ سۇسىز بىر قاقاس چۆلگە كېلىپ چۈشتى، قوشۇنى تەشنا بولۇپ ئۇنىڭدىن سۇ سورىدى، ھۆپۈپ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا سۇ بار جاينى تېپىپ بېرەتتى. شۇ كۈنى ئۇ ھۆپۈپنى ئىزدەپ تاپالمىدى.)[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۆپنى كۆرمەيمەنغۇ! يا ئۇ يوقاپ كەتكەنلەردىن بولدىمۇ[1]
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمان قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «ماڭا نېمە بولدىكىن، ھۆپۈپنى كۆرمەيۋاتىمەنغۇ! ياكى ئۇ غايىب بولغۇچىلاردىن بولدىمۇ؟
27 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
لَأُعَذِّبَنَّهُ عَذَابًا شَدِيدًا أَوْ لَأَذْبَحَنَّهُ أَوْ لَيَأْتِيَنِّي بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى چوقۇم قاتتىق جازالايمەن، يا ئۇنى چوقۇم بوغۇزلايمەن، يا چوقۇم (يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاقلايدىغان) بىر روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ»[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى چوقۇم قاتتىق جازالايمەن؛ يا ئۇنى چوقۇم بوغۇزلايمەن ياكى چوقۇم بىر روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئۇنى چوقۇم قاتتىق ئازابلايمەن ياكى ئۇنى چوقۇم بوغۇزلىۋېتىمەن ياكى ئۇ ماڭا چوقۇم روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ».
27 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَكَثَ غَيْرَ بَعِيدٍ فَقَالَ أَحَطْتُ بِمَا لَمْ تُحِطْ بِهِ وَجِئْتُكَ مِنْ سَبَإٍ بِنَبَإٍ يَقِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇزاق ئۆتمەي ھۆپۈپ كەلدى، ئۇ ئېيتتى: «مەن سەن بىلمىگەن ئىشنى بىلىپ (كەلدىم)، ساڭا مەن سەبەدىن (يەنى يەمەندىكى سەبە شەھرىدىن) مۇھىم بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇزاق ئۆتمەي ھۆپۆپ كېلىپ: «مەن سەن بىلمىگەن ئىشنى بىلىپ كەلدىم ۋە ساڭا مەن سەبەدىن مۇھىم بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم
ئەنەس ئالىم: ھۆپۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كېلىپ مۇنداق دېدى: «سەن ئەتراپلىق بىلمىگەن بىر نەرسىنى مەن ئەتراپلىق بىلدىم ۋە ساڭا سەبەئدىن توغرا خەۋەر ئېلىپ كەلدىم:
27 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي وَجَدْتُ امْرَأَةً تَمْلِكُهُمْ وَأُوتِيَتْ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ وَلَهَا عَرْشٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا (يەنى سەبە ئاھالىسىگە) بىر ئايالنىڭ (يەنى بىلقىسنىڭ) پادىشاھلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا (ئۆزىگە ۋە سەلتەنەتىگە كېرەكلىك) ھەممە نەرسە بېرىلگەن ئىكەن، ئۇ چوڭ تەختكە ئىگە ئىكەن[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا پادىشاھلىق قىلىۋاتقان بىر ئايالنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا ھەممە نەرسىدىن بېرىلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ چوڭ بىر تەختى بار ئىكەن
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇ يەرنىڭ ئاھالىسىگە پادىشاھلىق قىلىۋاتقان بىر ئايالنى ئۇچراتتىم، ئۇنىڭغا ھەر نەرسىدىن بېرىلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ چوڭ تەختى بار ئىكەن.
27 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَنَنْظُرُ أَصَدَقْتَ أَمْ كُنْتَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان ئېيتتى: «سەن راست دەۋاتامسەن، يا يالغانمۇ؟ قارايمىز[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمان ئېيتتى: «سەن راست دەۋاتامسەن، يا يالغانچىلاردىنمۇسەن؟ قارايمىز
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمان مۇنداق دېدى: «راست سۆزلىدىڭمۇ ياكى يالغانچىلاردىن بولدۇڭمۇ؟ كۆرىمىز.
27 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبْ بِكِتَابِي هَٰذَا فَأَلْقِهْ إِلَيْهِمْ ثُمَّ تَوَلَّ عَنْهُمْ فَانْظُرْ مَاذَا يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن نېرىراق (جايدا يوشۇرۇنۇپ) تۇر، ئۇلارنىڭ قانداق جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىغا قارىغىن»[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن نېرىراق تۇر، ئۇلارنىڭ قانداق جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىغا قارىغىن»
ئەنەس ئالىم: بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن يىراقلىشىپ نېمە دېيىشىدىغانلىقىغا قارىغىن».
27 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُ مِنْ سُلَيْمَانَ وَإِنَّهُ بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلايماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭ مەزمۇنى شۇكى) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[29ـ30].
تەرجىمە ھەيئىتى: خەت سۈلايماندىن بولۇپ، ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلانغان
ئەنەس ئالىم: ئۇ خەت سۇلەيماندىن كەلدى ۋە مۇنداق يېزىلغان ئىكەن: ‹بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم.
27 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَ سُلَيْمَانَ قَالَ أَتُمِدُّونَنِ بِمَالٍ فَمَا آتَانِيَ اللَّهُ خَيْرٌ مِمَّا آتَاكُمْ بَلْ أَنْتُمْ بِهَدِيَّتِكُمْ تَفْرَحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەلچى سۇلايماننىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، سۇلايمان ئېيتتى: «سىلەر ماڭا مال بىلەن ياردەم قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەنلىرى سىلەرنىڭ بەرگەنلىرىڭلاردىن ياخشىدۇر، بەلكى سىلەر سوۋغاڭلار بىلەن كۆرەڭلەپ كېتىسىلەر[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلچى سۇلايماننىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، سۇلايمان ئېيتتى: «سىلەر ماڭا مال بىلەن ياردەم قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەنلىرى سىلەرنىڭ بەرگەنلىرىڭلاردىن ياخشىدۇر، بەلكى سىلەر سوغاڭلار بىلەن خۇشال بولۇسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئەلچى سۇلەيماننىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەندە، سۇلەيمان مۇنداق دېدى: «سىلەر ماڭا ئىقتىسادىي ياردەم قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگىنى، سىلەرگە بەرگىنىدىن ياخشىدۇر. سوۋغىتىڭلار بىلەن مەن ئەمەس، سىلەر سۆيۈنىسىلەر.
27 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
ارْجِعْ إِلَيْهِمْ فَلَنَأْتِيَنَّهُمْ بِجُنُودٍ لَا قِبَلَ لَهُمْ بِهَا وَلَنُخْرِجَنَّهُمْ مِنْهَا أَذِلَّةً وَهُمْ صَاغِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن قايتىپ كەتكىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان بىر قوشۇن بىلەن چوقۇم بارىمىز، ئۇلارنى يۇرتىدىن خار، كەمسىتىلگەن ھالدا چوقۇم چىقىرىۋېتىمىز»[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتكىن، بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان بىر قوشۇن بىلەن چوقۇم بارىمىز ۋە ئۇلارنى يۇرتىدىن خار، كەمسىتىلگەن ھالدا چوقۇم چىقىرىۋېتىمىز»
ئەنەس ئالىم: ئى ئەلچى! ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتقىن. ئۇلار شۇنى بىلىپ قويسۇنكى، بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان قوشۇنلار بىلەن كېلىمىز، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن خار ۋە بوينى پۈكۈك ھالدا چىقىرىۋېتىمىز».
27 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ أَيُّكُمْ يَأْتِينِي بِعَرْشِهَا قَبْلَ أَنْ يَأْتُونِي مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ئۇلار مېنىڭ قېشىمغا مۇسۇلمان بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، (سىلەردىن) كىم ئۇنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلىدۇ»[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمان ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ئۇلار مېنىڭ قېشىمغا تەسلىم بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، قايسىڭلار ئۇنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلىدۇ؟»
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمان: «ئى دۆلەت ئەركانلىرى! ئۇلار تەسلىم بولۇپ يېنىمغا كېلىشتىن بۇرۇن قايسىڭلار ئۇ ئايالنىڭ تەختىنى ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىسىلەر؟» دېدى.
27 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ عِفْرِيتٌ مِنَ الْجِنِّ أَنَا آتِيكَ بِهِ قَبْلَ أَنْ تَقُومَ مِنْ مَقَامِكَ ۖ وَإِنِّي عَلَيْهِ لَقَوِيٌّ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: جىندىن بولغان ئىفرىت ئېيتتى: «مەن ئۇنى ئورنۇڭدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ساڭا ئېلىپ كېلىمەن، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن»[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىندىن بولغان ئىفرىت ئېيتتى: «مەن ئۇنى ئورنۇڭدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ساڭا ئېلىپ كېلىمەن، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن»
ئەنەس ئالىم: جىنلاردىن يامان بىرى: «مەن ئۇنى سەن ئورنۇڭدىن تۇرغۇچە ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كېلىمەن. بۇنىڭغا كۈچۈم يېتىدۇ، ئۇنى زايە قىلماستىن ساق - سالامەت ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىشەنچلىك بىرىمەن» دېدى.
27 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الَّذِي عِنْدَهُ عِلْمٌ مِنَ الْكِتَابِ أَنَا آتِيكَ بِهِ قَبْلَ أَنْ يَرْتَدَّ إِلَيْكَ طَرْفُكَ ۚ فَلَمَّا رَآهُ مُسْتَقِرًّا عِنْدَهُ قَالَ هَٰذَا مِنْ فَضْلِ رَبِّي لِيَبْلُوَنِي أَأَشْكُرُ أَمْ أَكْفُرُ ۖ وَمَنْ شَكَرَ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ رَبِّي غَنِيٌّ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (نازىل بولغان) كىتابنى چوڭقۇر بىلىدىغان زات (يەنى ئاسەف ئىبن بۇرخىيا): «ئۇنى مەن ساڭا كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى (ئۇ دۇئا قىلىۋېدى، تەخت دەرھال ئالدىدا ھازىر بولدى). سۇلايمان تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە: «بۇ پەرۋەردىگارىمنىڭ (ماڭا قىلغان) ئېھسانىدۇر، ئۇ شۈكۈر قىلامدىم، يا تۇزكورلۇق قىلامدىم، بۇنىڭ بىلەن مېنى سىنىدى، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، (بىلىش كېرەككى) ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم (ئۇنىڭ شۈكۈر قىلىشىدىن بىھاجەتتۇر)، (ئاللاھنىڭ) كەرىمى كەڭدۇر» دېدى[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتابتىن ئىلمى بار بىر زات[1]: «مەن ئۇنى ساڭا كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى. سۇلايمان تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە: «بۇ رەببىمنىڭ ئېھسانىدىندۇركى، شۈكۈر قىلامدىم، يا تۇزكورلۇق قىلامدىم، بۇنىڭ بىلەن مېنى سىناش ئۈچۈندۇر، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن رەببىم بىھاجەتتۇر، كەرىمى كەڭدۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: كىتابتىن ئىلمى بولغان زات: «مەن ئۇنى سەن كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى. سۇلەيمان ئۇ ئاندا تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ رەببىمنىڭ پەزلىدىندۇر. رەببىم ماڭا ئۇنى شۈكۈر قىلامدىمەن ياكى تۇزكورلۇق قىلامدىمەن، مېنى سىناش ئۈچۈن ئاتا قىلدى. كىم شۈكۈر قىلسا ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىم تۇزكورلۇق قىلسا بىلسۇنكى رەببىم غەنىيدۇر، سېخىيدۇر».
27 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ نَكِّرُوا لَهَا عَرْشَهَا نَنْظُرْ أَتَهْتَدِي أَمْ تَكُونُ مِنَ الَّذِينَ لَا يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان (بىلقىسنىڭ يېتىپ كېلىشى يېقىنلاشقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەقلىنى سىناش يۈزىسىدىن) ئېيتتى: «ئۇنىڭ (يەنى بىلقىسنىڭ) تەختىنىڭ (شەكلىنى) ئۆزگەرتىڭلار، ئۇ تەختىنى تونۇمدۇ، تونىمامدۇ؟ قارايمىز»[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمان ئېيتتى: «ئۇنىڭ تەختىنى ئۆزگەرتىڭلار، ئۇ تەختىنى تونۇمدۇ، ياكى تونىمامدۇ، قارايمىز»
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمان يەنە: «ئۇنىڭ تەختىنى ئۆزگەرتىڭلار. تونۇيالامدۇ، تونۇيالمامدۇ؟ قارايلى» دېدى.
27 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَتْ قِيلَ أَهَٰكَذَا عَرْشُكِ ۖ قَالَتْ كَأَنَّهُ هُوَ ۚ وَأُوتِينَا الْعِلْمَ مِنْ قَبْلِهَا وَكُنَّا مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىلقىس كەلگەندە (ئۇنىڭغا): «سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمۇ؟» دېيىلدى. ئۇ: «شۇدەك تۇرىدۇ» دېدى. (سۇلايمان ئاللاھنىڭ نېمىتىنى سۆزلەش يۈزىسىدىن ئېيتتى.) ئۇنىڭدىن (يەنى بىلقىستىن) بۇرۇن بىزگە (ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بىلدۈرىدىغان) ئىلىم بېرىلدى، بىز مۇسۇلمان بولدۇق[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلقىس كەلگەندە ئۇنىڭغا: «سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمۇ؟» دېيىلدى. ئۇ: «شۇدەك تۇرىدۇ» دېدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىزگە ئىلىم بېرىلگەنىدى، شۇڭا بىز تەسلىم بولغانىدۇق
ئەنەس ئالىم: مەلىكە كەلگەندە: «سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمۇ؟» دېيىلدى. ئۇ: «بەئەينى شۇ! بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۈچۈڭلارنىڭ نېمىلەرگە يېتىدىغانلىقىدىن ۋاقىپلانغان ئىدۇق ۋە تەسلىم بولدۇق» دېدى.
سەبەئ سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا دَاوُودَ مِنَّا فَضْلًا ۖ يَا جِبَالُ أَوِّبِي مَعَهُ وَالطَّيْرَ ۖ وَأَلَنَّا لَهُ الْحَدِيدَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز داۋۇدقا دەرگاھىمىزدىن ھەقىقەتەن پەزل (يەنى پەيغەمبەرلىك، زەبۇر، تاغلارنىڭ ۋە قۇشلارنىڭ بويسۇنۇشى، تۆمۈرنىڭ يۇمشاق بولۇپ بېرىشى، ساۋۇت ياساشنى بىلدۈرۈشلەر) ئاتا قىلدۇق. «ئى تاغلار! ئى قۇشلار! داۋۇت بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىڭلار» (دېدۇق). تۆمۈرنى داۋۇدقا يۇمشاق قىلىپ بەردۇق[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز داۋۇدقا دەرگاھىمىزدىن ھەقىقەتەن ئۈستۈنلۈك ئاتا قىلدۇق. «ئى تاغلار! ئى قۇشلار! داۋۇت بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىڭلار» -دېدۇق-. تۆمۈرنى داۋۇدقا يۇمشاق قىلىپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز داۋۇتقا ئۆز تەرىپىمىزدىن پەزل ئاتا قىلدۇق: «ئى تاغلار! ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭا يۆنىلىڭلار، ئى قۇشلار! سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار» دېدۇق. ئۇنىڭغا تۆمۈرنى يۇمشاق قىلىپ بەردۇق.
34 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
أَنِ اعْمَلْ سَابِغَاتٍ وَقَدِّرْ فِي السَّرْدِ ۖ وَاعْمَلُوا صَالِحًا ۖ إِنِّي بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (بىز ئۇنىڭغا ئېيتتۇق) «مۇكەممەل ساۋۇتلارنى ياسىغىن، ساۋۇتلارنى ياساشتا (ھالقىلىرىنى بىر ـ بىرىگە) تەكشى قىلغىن، (ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر!) ياخشى ئىش قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىمەن»[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: -بىز ئۇنىڭغا ئېيتتۇق-كى، «مۇكەممەل ساۋۇتلارنى ياسىغىن، ساۋۇتلارنى ياساشتا ھالقىلىرىنى بىر ـ بىرىگە تەكشى قىلغىن، -ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر!- ياخشى ئىش قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا: «كەڭ ساۋۇتلار ياسىغىن، ئۇلارنىڭ توقۇلۇشىنى ئۆلچەملىك ۋە مۇستەھكەم قىلغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. ئۇنىڭغا ۋە ئائىلىسىگە ئېيتتۇق: «ياخشى ئەمەل قىلىڭلار. مەن قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن».
34 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِسُلَيْمَانَ الرِّيحَ غُدُوُّهَا شَهْرٌ وَرَوَاحُهَا شَهْرٌ ۖ وَأَسَلْنَا لَهُ عَيْنَ الْقِطْرِ ۖ وَمِنَ الْجِنِّ مَنْ يَعْمَلُ بَيْنَ يَدَيْهِ بِإِذْنِ رَبِّهِ ۖ وَمَنْ يَزِغْ مِنْهُمْ عَنْ أَمْرِنَا نُذِقْهُ مِنْ عَذَابِ السَّعِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمانغا شامالنى (بويسۇندۇرۇپ بەردۇق)، شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس (چىقىدىغان) بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، بەزى جىنلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بويىچە سۇلايماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس چىقىدىغان بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، بەزى جىنلار رەببىنىڭ ئەمرى بويىچە سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، بىز ئۇنىڭغا دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. سۇلەيمان ئۇ شامال بىلەن چۈشتىن بۇرۇن بىر ئايلىق، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتەتتى. بىز يەنە ئۇنىڭغا مىس بۇلىقىنى ئېقىتىپ بەردۇق. جىنلارنىڭ بىر قىسمى رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى. ئۇلاردىن كىم ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇنىڭغا يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئازابىدىن تېتىتىمىز.
34 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
يَعْمَلُونَ لَهُ مَا يَشَاءُ مِنْ مَحَارِيبَ وَتَمَاثِيلَ وَجِفَانٍ كَالْجَوَابِ وَقُدُورٍ رَاسِيَاتٍ ۚ اعْمَلُوا آلَ دَاوُودَ شُكْرًا ۚ وَقَلِيلٌ مِنْ عِبَادِيَ الشَّكُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سۇلايمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، (مىستىن ـ ئەينەكتىن ئاجايىپ) ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، (چوڭلۇقتىن) مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى، (ئېيتتۇقكى) «ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! (ئاللاھنىڭ بۇ چوڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار»، مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئاز[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سۇلەيمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى، -ئېيتتۇقكى،- «ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! شۈكۈر قىلىڭلار»، مېنىڭ بەندىلىرىمدىن شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئازدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سۇلەيمان ئۈچۈن سۇلەيماننىڭ تەلىپى بويىچە سارايلار، ھەيكەللەر، كۆلدەك لېگەنلەر ۋە مۇقىم قازانلارنى ياسايتتى. «ئى داۋۇد ئائىلىسى! ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار» دېدۇق. بەندىلىرىمدىن شۈكۈر قىلغۇچىلار بەك ئاز.
34 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا قَضَيْنَا عَلَيْهِ الْمَوْتَ مَا دَلَّهُمْ عَلَىٰ مَوْتِهِ إِلَّا دَابَّةُ الْأَرْضِ تَأْكُلُ مِنْسَأَتَهُ ۖ فَلَمَّا خَرَّ تَبَيَّنَتِ الْجِنُّ أَنْ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ الْغَيْبَ مَا لَبِثُوا فِي الْعَذَابِ الْمُهِينِ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايماننىڭ ۋاپاتىنى ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا (يەنى ئۇنى ۋاپات قىلدۇرغىنىمىزدا) سۇلايماننىڭ ئۆلگەنلىكىدىن جىنلارنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرۇت خەۋەردار قىلدى. سۇلايمان (ھاسىسىنى قۇرۇت يەپ) يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئېنىق بولدىكى، ئەگەر ئۇلار غەيبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، خار قىلغۇچى ئازابتا (يەنى شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئېغىر ئەمگەكتە) قالمىغان بولاتتى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلەيماننىڭ ۋاپاتىنى ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا سۇلەيماننىڭ ئۆلگەنلىكىدىن ئۇلارنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرۇتلار خەۋەردار قىلدى. سۇلەيمان يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئېنىق بولدىكى، ئەگەر ئۇلار غەيبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، خار قىلغۇچى ئازابتا قالمىغان بولاتتى
ئەنەس ئالىم: بىز سۇلەيماننى ۋاپات قىلدۇرغاندا، جىنلارغا ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن بىر ياغاچ قۇرتى ئاشكارىلاپ قويدى. سۇلەيمان يىقىلغاندا جىنلارنىڭ غەيبنى بىلمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئۇلار خورلىغۇچى ئازابنىڭ ئىچىدە قالمىغان بولاتتى.
ساد سۈرىسى
21 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
اصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَاذْكُرْ عَبْدَنَا دَاوُودَ ذَا الْأَيْدِ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، (دىندا) كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن ۋە كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا كۆپ تەۋبە قىلغۇچى ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى زىكىر قىلغىن. ئۇ داۋاملىق بىزگە يۆنىلەتتى.
38 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا سَخَّرْنَا الْجِبَالَ مَعَهُ يُسَبِّحْنَ بِالْعَشِيِّ وَالْإِشْرَاقِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن تاغلارنى (داۋۇدقا) بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار داۋۇد بىلەن ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى تەسبىھ ئېيتاتتى[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن تاغلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار داۋۇد بىلەن ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى تەسبىھ ئېيتاتتى
ئەنەس ئالىم: بىز تاغلارنى كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا ۋە كۈن چىقىپ نۇر چاچقاندا داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق.
38 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَالطَّيْرَ مَحْشُورَةً ۖ كُلٌّ لَهُ أَوَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلارمۇ (تەرەپ ـ تەرەپتىن) توپلىنىپ، داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى، (تاغلارنىڭ، قۇشلارنىڭ) ھەممىسى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلارمۇ توپلىنىپ، داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى، ھەممىسى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: توپلانغان قۇشلارنىمۇ بويسۇندۇردۇق. ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىزگە يۆنىلەتتى.
38 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَشَدَدْنَا مُلْكَهُ وَآتَيْنَاهُ الْحِكْمَةَ وَفَصْلَ الْخِطَابِ
مۇھەممەد سالىھ: داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە (ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان) روشەن سۆز ـ ئىبارىلەرنى ئاتا قىلدۇق[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە دانە - دانە سۆز قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈردۇق. ئۇنىڭغا ھېكمەت، توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ياخشى سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى بەردۇق.
38 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَهَلْ أَتَاكَ نَبَأُ الْخَصْمِ إِذْ تَسَوَّرُوا الْمِحْرَابَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ قىسسەسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (داۋۇد ئىبادەت قىلىۋاتقان) مەسجىدنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈشتى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ قىسسىسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار -داۋۇد ئىبادەت قىلىۋاتقان- مەسجىدنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈشتى
ئەنەس ئالىم: ساڭا دەۋاچىلارنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئىبادەتخانىنىڭ تېمىدىن ئاتلاپ،
38 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ دَخَلُوا عَلَىٰ دَاوُودَ فَفَزِعَ مِنْهُمْ ۖ قَالُوا لَا تَخَفْ ۖ خَصْمَانِ بَغَىٰ بَعْضُنَا عَلَىٰ بَعْضٍ فَاحْكُمْ بَيْنَنَا بِالْحَقِّ وَلَا تُشْطِطْ وَاهْدِنَا إِلَىٰ سَوَاءِ الصِّرَاطِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا كىردى. داۋۇد ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار (داۋۇدقا): «قورقمىغىن، بىز بىرىمىز ـ بىرىمىزگە چېقىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا كىردى. داۋۇد ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار -داۋۇدقا-: «قورقمىغىن، بىز بىرىمىز ـ بىرىمىزگە چېقىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: داۋۇدنىڭ يېنىغا ئۇشتۇمتۇت كىرگەن ئىدى، داۋۇد ئۇلاردىن چۆچۈپ كەتتى. ئۇلار مۇنداق دېدى: «قورقمىغىن، بىز بىر - بىرىمىزگە زۇلۇم قىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز. بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، زۇلۇم قىلمىغىن ۋە بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن»،
38 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰذَا أَخِي لَهُ تِسْعٌ وَتِسْعُونَ نَعْجَةً وَلِيَ نَعْجَةٌ وَاحِدَةٌ فَقَالَ أَكْفِلْنِيهَا وَعَزَّنِي فِي الْخِطَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنىڭ بىرى) «شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر ساغلىقىم بار، قېرىندىشىم ئۇ بىر ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دەيدۇ، (ئارىمىزدا بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرە بولۇپ) ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى» دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلارنىڭ بىرى-:«شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر ساغلىقىم بار، قېرىندىشىم ئۇ بىر ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دەيدۇ، -ئارىمىزدا بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرە بولۇپ- ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ بىرى مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ قېرىندىشىم بولىدۇ، بۇنىڭ 99 تۇياق ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر تۇياق ساغلىقىم بار. بۇ قېرىندىشىم ئۇ ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دېدى ۋە مېنى سۆزدە يەڭدى».
38 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَقَدْ ظَلَمَكَ بِسُؤَالِ نَعْجَتِكَ إِلَىٰ نِعَاجِهِ ۖ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ الْخُلَطَاءِ لَيَبْغِي بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَقَلِيلٌ مَا هُمْ ۗ وَظَنَّ دَاوُودُ أَنَّمَا فَتَنَّاهُ فَاسْتَغْفَرَ رَبَّهُ وَخَرَّ رَاكِعًا وَأَنَابَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: داۋۇد ئېيتتى: «ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستتىنلا سېنى بوزەك قىلىپتۇ، نۇرغۇن شېرىكلەر (يەنى دوستلار)، شۈبھىسىزكى، بىر ـ بىرىنىڭ (ھەققىگە) چېقىلىدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارلا (بىر ـ بىرىنىڭ ھەققىگە چېقىلمايدۇ) بۇلار ئازدۇر». داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلدى. پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى، سەجدىگە باردى. (ئاللاھقا) تەۋبە قىلدى[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: داۋۇد ئېيتتى: «ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستتىنلا سېنى بوزەك قىلىپتۇ، نۇرغۇن يېقىن دوستلار بىر ـ بىرىگە چېقىلىدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارلا بولاردىن مۇستەسنا، بۇلار ئازدۇر». داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەببىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى ۋە سەجدىگە باردى؛ تەۋبە قىلدى
ئەنەس ئالىم: داۋۇد مۇنداق دېدى: «بۇ قېرىندىشىڭ، سېنىڭ بىر ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى سوراپ، ساڭا ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلىپتۇ. شۈبھىسىزكى، شېرىكلەرنىڭ تولىسى بىر - بىرىگە ھەقسىزلىق قىلماقتىدۇر. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، لېكىن ئۇلار بەك ئازدۇر». داۋۇد ئۆزىنى بىزنىڭ سىنىغانلىقىمىزنى چۈشەندى - دە، رەببىدىن مەغپىرەت تىلىدى، ئېگىلىپ سەجدىگە يىقىلدى ۋە رەببىگە يۆنەلدى.
38 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَغَفَرْنَا لَهُ ذَٰلِكَ ۖ وَإِنَّ لَهُ عِنْدَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَآبٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدۇق، ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى مەغپىرەت قىلدۇق، ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى مەغپىرەت قىلدۇق. ئۇنى ھۇزۇرىمىزدا ئۆزىمىزگە يېقىنلاشتۇرىمىز ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە قىلىمىز.
38 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
يَا دَاوُودُ إِنَّا جَعَلْنَاكَ خَلِيفَةً فِي الْأَرْضِ فَاحْكُمْ بَيْنَ النَّاسِ بِالْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ الْهَوَىٰ فَيُضِلَّكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَضِلُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا نَسُوا يَوْمَ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) نى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە سەندىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمدار قىلدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنىنى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ئى داۋۇد! بىز سېنى زېمىندا خەلىپە قىلدۇق4. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، نەپسى خاھىشىڭغا ئەگەشمىگىن. ئەگەر نەپسى خاھىشىڭغا ئەگەشسەڭ، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلارغا ھېساب كۈنىنى ئۇنتۇغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بار».
38 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَهَبْنَا لِدَاوُودَ سُلَيْمَانَ ۚ نِعْمَ الْعَبْدُ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز داۋۇدقا سۇلايماننى ئاتا قىلدۇق، سۇلايمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە! ئۇ (ئاللاھقا) ھەقىقەتەن ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز داۋۇدقا سۇلەيماننى ئاتا قىلدۇق، سۇلەيمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە! ئۇ ئاللاھقا- ھەقىقەتەن ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز داۋۇدقا سۇلەيماننى ئاتا قىلدۇق. سۇلەيمان بەك ياخشى بەندە ئىدى. چۈنكى ئۇ داۋاملىق بىزگە يۆنىلەتتى.
38 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ عُرِضَ عَلَيْهِ بِالْعَشِيِّ الصَّافِنَاتُ الْجِيَادُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا كەچقۇرۇنلىقى ئۇنىڭغا ياخشى يۈگۈرۈك ئاتلار توغرىلاندى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا كەچقۇرۇنلىقى ئۇنىڭغا ياخشى يۈگۈرۈك ئاتلار توغرىلاندى
ئەنەس ئالىم: كەچقۇرۇندا ئۇنىڭ ئالدىدىن ئېسىل ۋە يۈگۈرۈك ئاتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
38 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالَ إِنِّي أَحْبَبْتُ حُبَّ الْخَيْرِ عَنْ ذِكْرِ رَبِّي حَتَّىٰ تَوَارَتْ بِالْحِجَابِ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاتلارنى پەرۋەردىگارىمنى ئەسلەش ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم، ئۇلار (كۆزۈمدىن) غايىب بولغىچە (ئۇلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش بىلەن بولدۇم)»[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلەيمان ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاتلارنى رەببىمنى ئەسلەش ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم، ئاخىرىدا ئۇلار كۆزۈمدىن غايىب بولدى»
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «مەن بۇ ياخشى ماللارنى رەببىمنى ئەسلەتكەنلىكى ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم» دېدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاتلار كۆزىدىن غايىب بولغۇچە تەكرارلاپ تۇردى.
38 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
رُدُّوهَا عَلَيَّ ۖ فَطَفِقَ مَسْحًا بِالسُّوقِ وَالْأَعْنَاقِ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان ئېيتتى: «ئاتلارنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار». (ئاتلار ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن) سۇلايمان ئۇلارنىڭ پاچاقلىرىنى، بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلەيمان ئېيتتى: «ئاتلارنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار». -ئاتلار ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن- سۇلەيمان ئۇلارنىڭ پاچاقلىرىنى، بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «ئاتلارنى ئالدىمدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈڭلار» دېدى، ئاندىن ئاتلارنىڭ پاچاقلىرىنى ۋە بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى.
38 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ فَتَنَّا سُلَيْمَانَ وَأَلْقَيْنَا عَلَىٰ كُرْسِيِّهِ جَسَدًا ثُمَّ أَنَابَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن سۇلايماننى سىنىدۇق، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەتنى تاشلىدۇق، ئاندىن ئۇ (بۇنىڭ سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىپ) تەۋبە قىلدى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن سۇلەيماننى سىنىدۇق؛ ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەتنى تاشلىدۇق، ئاندىن ئۇ تەۋبە قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىز سۇلەيماننى سىنىدۇق، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەت تاشلىدۇق. ئاندىن ئۇ بىزگە يۆنەلدى.
38 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَهَبْ لِي مُلْكًا لَا يَنْبَغِي لِأَحَدٍ مِنْ بَعْدِي ۖ إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن (مەندىن باشقا) ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلەيمان ئېيىتتى: «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنداق دېدى: «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچكىمگە نېسىپ بولمايدىغان پادىشاھلىق ئاتا قىلغىن، سەن ناھايىتى كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن».
38 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَخَّرْنَا لَهُ الرِّيحَ تَجْرِي بِأَمْرِهِ رُخَاءً حَيْثُ أَصَابَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سۇلايمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلايماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان يەرگە سىلىق ماڭاتتى.
38 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَالشَّيَاطِينَ كُلَّ بَنَّاءٍ وَغَوَّاصٍ
مۇھەممەد سالىھ: ھەمدە ئۇنىڭغا (كاتتا بىنالارنى سالالايدىغان) قۇرغۇچى ۋە (دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۈنچە ـ مارجانلارنى ئېلىپ چىقالايدىغان) غەۋۋاس شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەمدە ئۇنىڭغا -كاتتا بىنالارنى سالالايدىغان- قۇرغۇچى ۋە -دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۈنچە ـ مارجانلارنى ئېلىپ چىقالايدىغان- غەۋۋاس شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا يەنە بىناكار، غەۋۋاس شەيتانلارنىڭ ھەممىسىنى
38 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَآخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِي الْأَصْفَادِ
مۇھەممەد سالىھ: يەنە نۇرغۇن شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنغاندۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە نۇرغۇن شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنغاندۇر
ئەنەس ئالىم: ۋە ئىشكەل سېلىنغان باشقىلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق.
38 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا عَطَاؤُنَا فَامْنُنْ أَوْ أَمْسِكْ بِغَيْرِ حِسَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: (بىز سۇلايمانغا ئېيتتۇقكى) «بۇ بىزنىڭ (ساڭا بەرگەن كەڭ) ئاتايىمىز، (ئۇنىڭدىن سەن خالىغان كىشىگە) بەرگىن ياكى بەرمىگىن، (بۇ ھەقتە سەندىن) ھېساب ئېلىنمايدۇ»[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: -بىز سۇلەيمانغا ئېيتتۇقكى-، «بۇ بىز بەرگەن نېمەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن سەن مەيلى بەرگىن ياكى بەرمىگىن، ھېسابسىزدۇر»
ئەنەس ئالىم: «بۇ بىزنىڭ ئىنئامىمىزدۇر، باشقىلارغا بەرگىن ياكى بەرمىگىن، ھېسابى ئېلىنمايدۇ».
38 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ لَهُ عِنْدَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَآبٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن يېقىنلىق ۋە ياخشى ئاقىۋەت باردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا ھۇزۇرىمىزدا يېقىنلىق ۋە ياخشى ئاقىۋەت بار.