پەيغەمبەرلەر ھېكايىلىرى (قىسسەسۇل ئەنبىيا)
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
پەيغەمبەرلىك ۋە سىيرەت: پەيغەمبەرلەر ھېكايىلىرى (قىسسەسۇل ئەنبىيا)
ئېنگلىزچىسى: Stories of Prophets (Qasas al-Anbiya)
873 ئايەت
50 سۈرە
12 تارماق تېما
تېمىلار
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
39 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي جَاعِلٌ فِي الْأَرْضِ خَلِيفَةً ۖ قَالُوا أَتَجْعَلُ فِيهَا مَنْ يُفْسِدُ فِيهَا وَيَسْفِكُ الدِّمَاءَ وَنَحْنُ نُسَبِّحُ بِحَمْدِكَ وَنُقَدِّسُ لَكَ ۖ قَالَ إِنِّي أَعْلَمُ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيەلەيمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە بىر خەلىپە*[1] يارىتىمەن» دېگەن ئىدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان ئىنساننى (خەلىپە قىلىپ) يارىتامسەن؟ ھالبۇكى، بىز بولساق سىنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن زېمىندا خەلىپە قىلىمەن»15 دېگەن ئىدى، پەرىشتىلەر: «ئۇ يەردە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە قان تۆكىدىغان كىشىنى خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى، بىز سېنى ھەمد ئېيتىپ ئۇلۇغلاۋاتىمىز ۋە سېنى پاك دەپ تونۇۋاتىمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن سىلەر بىلمەيدىغاننى بىلىمەن» دېدى.
2 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَلَّمَ آدَمَ الْأَسْمَاءَ كُلَّهَا ثُمَّ عَرَضَهُمْ عَلَى الْمَلَائِكَةِ فَقَالَ أَنْبِئُونِي بِأَسْمَاءِ هَٰؤُلَاءِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ: «(خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارىشىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بارلىق شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە بىلدۈردى، ئاندىن ئۇ شەيئىلەرنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «دېگەنلىرىڭلار راست بولسا بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئادەمگە ئىسىملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەتتى. ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «قېنى، راستچىل بولساڭلار شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى.
2 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا آدَمُ أَنْبِئْهُمْ بِأَسْمَائِهِمْ ۖ فَلَمَّا أَنْبَأَهُمْ بِأَسْمَائِهِمْ قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ إِنِّي أَعْلَمُ غَيْبَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَأَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا كُنْتُمْ تَكْتُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا، ئاللاھ: «مەن سىلەرگە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا، ئاللاھ: «مەن سىلەرگە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى ئادەم! بۇلارغا شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم پەرىشتىلەرگە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى، ئاللاھ: «مەن سىلەرگە، مەن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى بىلىمەن، مەن سىلەر ئاشكارا قىلغان نەرسىنى ۋە سىلەر يوشۇرۇن قىلغان نەرسىنى بىلىمەن دېمىگەنمىدىم؟» دېدى.
2 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ وَاسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلغىلى ئۇنىمىدى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كافىرلاردىن بولۇپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى، ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى، ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كافىرلاردىن بولدى.
2 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلْنَا يَا آدَمُ اسْكُنْ أَنْتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ وَكُلَا مِنْهَا رَغَدًا حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَٰذِهِ الشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئادەمگە: «ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ ـ ئىچىڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار (يەنى مېۋىسىدىن يېمەڭلار)، بولمىسا (ئۆزۈڭلارغا) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدۇق[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز(ئادەمگە): «ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرغىن! سىلەر جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىن يولىماڭلار (يەنى مېۋىسىدىن يېمەڭلار)، بولمىسا (ئۆزۈڭلارغا) ئۇۋالچىلىق تېپىۋالسىلەر» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز «ئى ئادەم! سەن جۈپتىڭ بىلەن بىرلىكتە جەننەتكە يەرلەشكىن، ئىككىڭلار ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغان يېرىڭلاردا كەڭتاشا يەڭلار. شۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، بولمىسا زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر!» دېدۇق.
2 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَزَلَّهُمَا الشَّيْطَانُ عَنْهَا فَأَخْرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِ ۖ وَقُلْنَا اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇردى (يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ خاتالاشتۇردى)، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى. (ئادەمگە، ھەۋۋاغا، ئىبلىسقا) «بىر ـ بىرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا (جەننەتتىن يەر يۈزىگە) چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق (ئەجىلىڭلار توشقۇچە) يەرلىشىڭلار ۋە (نېمەتلەردىن) بەھرىمەن بولۇڭلار» دېدۇق[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇرۇپ (يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ)، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقارغۇزۋەتتى. بىز (ئادەمگە، ھەۋۋاغا، ئىبلىسقا): «بىر ـ بىرىڭلار بىلەن دۈشمەنلەشكەن ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق يەرلىشىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولىسىلەر» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: لېكىن شەيتان ئۇ ئىككىسىنى ئۇ دەرەخ ئارقىلىق خاتالاشتۇرۇپ، تۇرۇۋاتقان ماقاملىرىدىن چىقىرىۋەتتى16. بىز ئۇلارغا: «چۈشۈڭلار. بەزىڭلار بەزىڭلارنىڭ دۈشمىنى بولىسىلەر. سىلەر ئۈچۈن زېمىندا قارارگاھ ۋە بىر مۇددەتكىچە مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار» دېدۇق17.
2 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَلَقَّىٰ آدَمُ مِنْ رَبِّهِ كَلِمَاتٍ فَتَابَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّهُ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە سۆز تەلىم ئالدى (يەنى گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە كەلىمە تەلىم ئالدى (ۋە تەۋبە قىلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئەسنادا ئادەم رەببىدىن بىرقانچە سۆز ئېلىپ دەرھال تەۋبە قىلدى18، رەببى ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
2 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ نَجَّيْنَاكُمْ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ يُذَبِّحُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ ۚ وَفِي ذَٰلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى قاتتىق قىينىغان، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى (پايدىلىنىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇرغان پىرئەۋن گۇرۇھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدۇق. بۇ، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ (ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنى ئايرىيدىغان) چوڭ سىنىقى ئىدى[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى قاتتىق قىينىغان، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى تىرىك قالدۇرغان پىرئەۋن گۇرۇھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزغان ئىدۇق. بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ (ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىيدىغان) چوڭ سىنىقى ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى فىرئەۋن خانىدانىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق. ئۇلار سىلەرگە ئەڭ يامان ئازابنى تېتىتاتتى: ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاتقۇزۇپ، قىزلىرىڭلارنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. بۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چوڭ سىناق بار ئىدى.
2 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ فَرَقْنَا بِكُمُ الْبَحْرَ فَأَنْجَيْنَاكُمْ وَأَغْرَقْنَا آلَ فِرْعَوْنَ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزدۇق (يەنى دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ، قۇرۇق يول ھاسىل قىلىپ، شۇ يەردىن سىلەرنى سالامەت ئۆتكۈزدۇق) ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلدۇق[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ (يول ئېچىپ) سىلەرنى قۇتقۇزغان ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۈچۈن دېڭىزنى يېرىپ، سىلەرنى قۇتقۇزغان ۋە كۆز ئالدىڭلاردا فىرئەۋن خانىدانىنى غەرق قىلىۋەتكەن ئىدۇق.
2 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ وَاعَدْنَا مُوسَىٰ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً ثُمَّ اتَّخَذْتُمُ الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِهِ وَأَنْتُمْ ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا 40 كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى نازىل قىلىشنى) ۋەدە قىلدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزەڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز مۇساغا قېرىق كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى نازىل قىلىش)نى ۋەدە قىلغان ئىدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىلەر كۇفرلىق قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالغان ئىدىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز مۇسا بىلەن قىرىق كېچىنى ۋەدىلەشكەن ئىدۇق. سىلەر ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزايغا چوقۇنغان ئىدىڭلار.
2 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَالْفُرْقَانَ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن، دەپ مۇساغا ھەقنى، كىتابنى ۋە فۇرقاننى بەردۇق[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، مۇساغا ھەقنى باتىلدىن ئايرىغۇچى كىتاب (يەنى تەۋرات) نى بەرگەن ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ مۇساغا كىتابنى ۋە فۇرقاننى22 بەرگەن ئىدۇق.
2 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْتُمْ يَا مُوسَىٰ لَنْ نُؤْمِنَ لَكَ حَتَّىٰ نَرَى اللَّهَ جَهْرَةً فَأَخَذَتْكُمُ الصَّاعِقَةُ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا: «ئى مۇسا! ئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگۈچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار ـ دە، (سىلەرگە نازىل بولغان ئازابنى) كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردا سىلەرنى چاقماق سوقتى[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر: «ئى مۇسا! بىزئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېگەن ئىدىڭلار، سىلەر قاراپ تۇرغاندا سىلەرنى چاقماق سوقتى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر «ئى مۇسا! بىز ئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگۈچە ساڭا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېگەن ئىدىڭلار، سىلەرنى دەرھال شىددەتلىك گۈلدۈرماما باسقان ئىدى. سىلەر قاراپ تۇراتتىڭلار.
2 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَظَلَّلْنَا عَلَيْكُمُ الْغَمَامَ وَأَنْزَلْنَا عَلَيْكُمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ ۖ كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ ۖ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (بىز سىلەرگە) «رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، شېرىن نەرسىلەردىن يەپ ـ ئىچىڭلار» (دېدۇق). ئۇلار (نېمەتلىرىمىزگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە ئەمەس، پەقەت ئۆزلىرىگىلا زۇلۇم قىلدى[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، سىلەرگە تەرەنجىۋىل بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بېرىپ: «بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، شېرىن نەرسىلەردىن يەڭلار» دېدۇق. ئۇلار (تۇزكورلۇق قىلىپ) بىزگە ئەمەس، بەلكى ئۆزىگىلا زۇلۇم قىلدى
ئەنەس ئالىم: بۇلۇتنى ئۈستۈڭلارغا سايىۋەن قىلدۇق، سىلەرگە تەييار ھالۋا بىلەن بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بەردۇق: «بىز سىلەرگە بەرگەن پاك رىزىقلاردىن يەڭلار» دېدۇق. ئۇلار بىزگە زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ئىدى.
2 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا ادْخُلُوا هَٰذِهِ الْقَرْيَةَ فَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ رَغَدًا وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُولُوا حِطَّةٌ نَغْفِرْ لَكُمْ خَطَايَاكُمْ ۚ وَسَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا (مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ ـ ئىچىڭلار، (بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار ۋە: (پەرۋەردىگارىمىز) گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز» دېدۇق[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا (مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەڭلار، ئۇنىڭ دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار، (ئى رەببىمىز) گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، شۇنداق قىلساڭلار گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز» دېگەن ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز: «شۇ يۇرتقا كىرىڭلار، ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغان يېرىڭلاردا كەڭتاشا يەڭلار، دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلىپ كىرىڭلار، ‹بىزنى ئەپۇ قىل› دەڭلار، گۇناھلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىمىز. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلىمىز» دېدۇق.
2 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذِ اسْتَسْقَىٰ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ فَقُلْنَا اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْحَجَرَ ۖ فَانْفَجَرَتْ مِنْهُ اثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَشْرَبَهُمْ ۖ كُلُوا وَاشْرَبُوا مِنْ رِزْقِ اللَّهِ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. تاشتىن 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەممە ئادەم (يەنى ھەر بىر قەبىلە) ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا) «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق)[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. تاشتىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا) «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق)
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمى ئۈچۈن سۇ ئىزدىگەن ئىدى، بىز ئۇنىڭغا «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن!» دېگەن ئىدۇق. مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇردى - دە، تاشتىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. ھەر قەبىلە سۇ ئىچىدىغان يېرىنى بىلدى. بىز ئۇلارغا: «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار!» دېدۇق.
2 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تَذْبَحُوا بَقَرَةً ۖ قَالُوا أَتَتَّخِذُنَا هُزُوًا ۖ قَالَ أَعُوذُ بِاللَّهِ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْجَاهِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن (يەنى مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن) بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «سەن بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «مەن (باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ) نادانلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھ سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى، قەۋمى ئۇنىڭغا: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سېغىنىمەن» دېدى.
2 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ ۚ قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا فَارِضٌ وَلَا بِكْرٌ عَوَانٌ بَيْنَ ذَٰلِكَ ۖ فَافْعَلُوا مَا تُؤْمَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە قانداق كالا ئىكەنلىكىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا: «ئاللاھ ئۇنى قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن، دەپ ئېيتتى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ قانداق كالا ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا: «ئاللاھ ئۇنى چوقۇم قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن دېدى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇساغا: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇ قانداق كالا؟» دېگەن ئىدى، مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بىر كالا› دەيدۇ. بۇيرۇلغىنىڭلارنى قىلىڭلار» دېدى.
2 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا لَوْنُهَا ۚ قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ صَفْرَاءُ فَاقِعٌ لَوْنُهَا تَسُرُّ النَّاظِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ رەڭگىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى، «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ رەڭگى قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ قانداق رەڭدە ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى، «ئاللاھ ئۇ كالىنىڭ رەڭگى چوقۇم قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇنىڭ رەڭگى قانداق؟» دېگەن ئىدى. مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ رەڭگى ساپسېرىق، كۆرگەنلەرنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر كالا› دەيدۇ» دېدى.
2 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ إِنَّ الْبَقَرَ تَشَابَهَ عَلَيْنَا وَإِنَّا إِنْ شَاءَ اللَّهُ لَمُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن، ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىزگە بايان قىلسۇن، (يەنى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلگەن كالىمۇ، ياكى سەمرىتىش ئۈچۈن بېقىلغان كالىمۇ؟) بۇ بىزگە مۈجمەل بولۇپ قالدى (بۇ ئېنىق بولىدىغان بولسا) خۇدا خالىسا (ئۇنى) بىز چوقۇم تاپىمىز» دېدى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن، بىزگە ئۇنىڭ قانداق كالا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق دەپ بەرسۇن، بۇ بىزگە تازا ئېنىق بولماي قالدى، (ئېنىق بولغاندىن كېيىن) خۇدا خالىسا ئۇنى بىز چوقۇم تاپىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇ قانداق كالا؟ چۈنكى بىزنىڭچە كالىلار ئوخشىشىپ قالدى، ئىنشائاللاھ ئۇنى تاپىمىز» دېدى.
2 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا ذَلُولٌ تُثِيرُ الْأَرْضَ وَلَا تَسْقِي الْحَرْثَ مُسَلَّمَةٌ لَا شِيَةَ فِيهَا ۚ قَالُوا الْآنَ جِئْتَ بِالْحَقِّ ۚ فَذَبَحُوهَا وَمَا كَادُوا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «ئاللاھ ئۇنىڭ يەر ھەيدەپ، ئېكىن سۇغىرىپ كۆندۈرۈلگەن بولماسلىقىنى، بېجىرىم، ئالىسى يوق (يەنى رەڭگىدە سېرىقلىقتىن باشقا رەڭ يوق) بولۇشىنى ئېيتتى» دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئۇلار (كالىنى) تېپىپ كېلىپ بوغۇزلىدى، (ئۇلار سوئال سوراۋەرگەنلىكتىن) بۇنى ئورۇنلىيالمىغىلى تاس قالدى[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «ئاللاھ ئۇ يەر ھەيدەشكە، زىرائەت سۇغىرىشقا كۆندۈرۈلمىگەن، بېجىرىم، ئالىسى يوق كالا بولسۇن دەيدۇ» دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئۇلار كالىنى (تېپىپ كېلىپ) بوغۇزلىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بوغۇزلىيالمىغىلى تاس قالغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ تېخى بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ يەر ھەيدىمىگەن ۋە ئېكىن سۇغارمىغان، ئەركىن قويۇۋېتىلگەن ۋە ھېچ ئالىسى بولمىغان بىر كالا› دەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «مانا ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئاندىن ئۇ كالىنى تېپىپ بوغۇزلىدى. ئۇلار بۇنى قىلمىغىلى تاس قالغان ئىدى.
2 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَقَفَّيْنَا مِنْ بَعْدِهِ بِالرُّسُلِ ۖ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ ۗ أَفَكُلَّمَا جَاءَكُمْ رَسُولٌ بِمَا لَا تَهْوَىٰ أَنْفُسُكُمُ اسْتَكْبَرْتُمْ فَفَرِيقًا كَذَّبْتُمْ وَفَرِيقًا تَقْتُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقىمۇئارقا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەر بەردۇق، ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇددۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن يۆلىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەرنى بەردۇق ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن قوللىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دېدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ئىدۇق. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغىمۇ روشەن دەلىللەرنى26 بەرگەن ئىدۇق، ئۇنى روھۇلقۇدۇس بىلەن قوللىغان ئىدۇق. لېكىن سىلەر قاچانىكى ئەلچى كۆڭلۈڭلار ياقتۇرمايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلدىڭلار ئەمەسمۇ؟! ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچى دېدىڭلار، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار.
2 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جَاءَكُمْ مُوسَىٰ بِالْبَيِّنَاتِ ثُمَّ اتَّخَذْتُمُ الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِهِ وَأَنْتُمْ ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا سىلەرگە ھەقىقەتەن ئېنىق مۆجىزىلەرنى كەلتۈردى، مۇسا (تۇر تېغىغا كەتكەن) دىن كېيىن، ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا سىلەرگە ھەقىقەتەن ئېنىق مۆجىزىلەرنى كەلتۈردى، مۇسا (تۇر تېغىغا كەتكەن) دىن كېيىن، سىلەر ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار
ئەنەس ئالىم: مۇسا سىلەرگە روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. سىلەر بولساڭلار، ئۇ يوق چاغدا موزايغا چوقۇنغان ئىدىڭلار. سىلەر ئەنە شۇنداق زالىمسىلەر!
2 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اذْكُرُوا نِعْمَتِيَ الَّتِي أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَنِّي فَضَّلْتُكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى (بىر زامانلاردا) ھەممە جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە ئەينى ۋاقىتتا سىلەرنى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ۋە ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى زامانداشلىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار.
2 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذِ ابْتَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ رَبُّهُ بِكَلِمَاتٍ فَأَتَمَّهُنَّ ۖ قَالَ إِنِّي جَاعِلُكَ لِلنَّاسِ إِمَامًا ۖ قَالَ وَمِنْ ذُرِّيَّتِي ۖ قَالَ لَا يَنَالُ عَهْدِي الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى پەرۋەردىگارى بىر قانچە ئەمىرلەر (شەرىئەت تەكلىپلىرى) بىلەن سىنىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى بەجا كەلتۈردى. ئاللاھ (ئۇنىڭغا): «سېنى چوقۇم كىشىلەرگە (دىندا) پېشۋا قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «مېنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىمنىمۇ پېشۋا قىلساڭ» دېدى. ئاللاھ: «مېنىڭ (پېشۋا قىلىش) ئەھدەمگە زالىملار (يەنى كاپىرلار) ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى[124].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى پەرۋەردىگارى بىر قانچە پەرمان بىلەن سىنىغان ئىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى بەجا كەلتۈردى. ئاللاھ (ئۇنىڭغا): «سېنى چوقۇم كىشىلەرگە پېشۋا قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «مېنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىمنىمۇ پېشۋا قىلساڭ» دېدى. ئاللاھ: «يامان ئىش قىلغۇچىلار مېنىڭ بۇ ۋەدەمگە ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى رەببى بىرقانچە كەلىمە39 بىلەن سىنىغان ئىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى تولۇق ئورۇنداپ بولغاندا رەببى ئۇنىڭغا: «مەن سېنى ئىنسانلارغا يېتەكچى قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «نەسلىمدىنمۇ...» دېگەن ئىدى، رەببى: «ئەھدىم زالىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ» دېدى.
2 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ جَعَلْنَا الْبَيْتَ مَثَابَةً لِلنَّاسِ وَأَمْنًا وَاتَّخِذُوا مِنْ مَقَامِ إِبْرَاهِيمَ مُصَلًّى ۖ وَعَهِدْنَا إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ أَنْ طَهِّرَا بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْعَاكِفِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان ۋە تىنچ جاي قىلىپ بەردۇق. (كىشىلەرگە) ماقامى ئىبراھىمنى نامازگاھ قىلىڭلار (يەنى شۇ يەردە ناماز ئوقۇڭلار دېدۇق). ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى (يەنى كەبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرۇدۇق[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز كەئبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان جاي ۋە ئامان – ئېسەن تۇرىدىغان جاي قىلىپ بەرگەن ۋە ئۇلارغا ماقامى ئىبراھىمدا ناماز ئوقۇڭلار دېگەن ئىدۇق. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: «مېنىڭ ئۆيۈم (كەئبەم)نى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇڭلار» دەپ تاپىلىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن جەم بولىدىغان ۋە ئامانلىقتا بولىدىغان يەر قىلغان ۋە ئۇلارغا: «ئىبراھىمنىڭ ماقامىدىن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ناماز ئۆتەيدىغان جاي قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: «ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇڭلار» دەپ تاپىلىغان ئىدۇق.
2 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ اجْعَلْ هَٰذَا بَلَدًا آمِنًا وَارْزُقْ أَهْلَهُ مِنَ الثَّمَرَاتِ مَنْ آمَنَ مِنْهُمْ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۖ قَالَ وَمَنْ كَفَرَ فَأُمَتِّعُهُ قَلِيلًا ثُمَّ أَضْطَرُّهُ إِلَىٰ عَذَابِ النَّارِ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! بۇ يەرنى (مەككىنى) تېنىچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېدى. ئاللاھ: «كاپىر بولغان ئادەمنىمۇ (رىزىقتىن) ئازغىنا مۇددەت (ھاياتلىقىدا) بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) دوزاخقا ھەيدەيمەن» دېدى. (بۇ) نېمىدېگەن يامان ئاقىۋەت![126]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! بۇ شەھەر (مەككىنى) تىنچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېگەن ئىدى. ئاللاھ: «كافىرنىمۇ بۇ مېۋىلەردىن ئازغىنا مۇددەت (يەنى دۇنيادا) بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى دوزاخ ئازابىغا مەجبۇرلايمەن. بۇ دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي-ھە!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «رەببىم! بۇ يەرنى ئامان شەھەر قىلغىن. بۇ يەرنىڭ ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەنلەرگە مېۋىلەردىن رىزىق بەرگىن» دېگەن ئىدى. رەببى: «ئۇلاردىن كافىر بولغانلارنىمۇ ئازراق ۋاقىت مەنپەئەتلەندۈرىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا ھەيدەيمەن. بۇ ئاقىۋەت نېمىدېگەن يامان!» دېدى.
2 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يَرْفَعُ إِبْرَاهِيمُ الْقَوَاعِدَ مِنَ الْبَيْتِ وَإِسْمَاعِيلُ رَبَّنَا تَقَبَّلْ مِنَّا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەئبىنىڭ ئۇلىنى سېلىۋېتىپ: «ئى رەببىمىز! بىزنىڭ ئىشىمىزنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئىسمائىل بىلەن بىرلىكتە كەبىنىڭ ئۇللىرنى كۆتۈرۈۋېتىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «رەببىمىز! قىلغان بۇ ئىشىمىزنى قوبۇل قىلغىن! سەن چوقۇم ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، بىلىپ تۇرغۇچىسەن.
2 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا وَاجْعَلْنَا مُسْلِمَيْنِ لَكَ وَمِنْ ذُرِّيَّتِنَا أُمَّةً مُسْلِمَةً لَكَ وَأَرِنَا مَنَاسِكَنَا وَتُبْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى تولىمۇ قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگىلا ئىتائەتمەن قىلغىن، نەسلىمىزدىنمۇ ساڭىلا ئىتائەت قىلىدىغان ئۇممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج ئىبادىتىمىزنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتكىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن. شۈبھىسىزكى، تەۋبىلەرنى پەقەت سەنلا قوبۇل قىلغۇچىسەن، پەقەت سەنلا كۆپ ئىنئام قىلغۇچىسەن.
2 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا وَابْعَثْ فِيهِمْ رَسُولًا مِنْهُمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِكَ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُزَكِّيهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى (قۇرئاننى)، ھېكمەتنى (يەنى سەھىھ سۈننەتنى) ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن...) پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتاب ۋە ھېكمەتنى ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن. سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى پاكلايدىغان بىر ئەلچى ئەۋەتكىن. شۈبھىسىزكى، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».
2 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَرْغَبُ عَنْ مِلَّةِ إِبْرَاهِيمَ إِلَّا مَنْ سَفِهَ نَفْسَهُ ۚ وَلَقَدِ اصْطَفَيْنَاهُ فِي الدُّنْيَا ۖ وَإِنَّهُ فِي الْآخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزىنى ئۆزى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن باش تارتىدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ياخشىلار قاتارىدا بولىدىغانلىقىدا شەك يوق
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن ئۆزىنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ئەخمەقلەردىن باشقا كىم يۈز ئۆرۈيدۇ؟ بىز ئىبراھىمنى دۇنيادا تاللىدۇق. شۈبھىسزكى، ئىبراھىم ئاخىرتتىمۇ ياخشىلاردىن بولىدۇ.
2 : 131 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ لَهُ رَبُّهُ أَسْلِمْ ۖ قَالَ أَسْلَمْتُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن» دېدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى[131].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «سەن ئىتائەت قىلغىن» دېگەن ئىدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى
ئەنەس ئالىم: چۈنكى رەببى ئۇنىڭغا: «تەسلىم بول» دېگەندە، ئۇ دەرھال: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە تەسلىم بولدۇم!» دېگەن ئىدى.
2 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَصَّىٰ بِهَا إِبْرَاهِيمُ بَنِيهِ وَيَعْقُوبُ يَا بَنِيَّ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَىٰ لَكُمُ الدِّينَ فَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىنىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)» دېدى[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا بۇنى ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىننى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، شۇڭا پەقەت مۇسۇلمان ھالىتىڭلار بىلەنلا ئۆلۈڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: بۇ دىنغا ئەمەل قىلىشنى ئىبراھىم ئۆز بالىلىرىغا ۋەسىيەت قىلدى، يەئقۇبمۇ شۇنداق قىلدى، ئۇلار: «ئى بالىلىرىم! ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن بۇ دىننى تاللىدى. ئاخىرقى نەپىسىڭلارغا قەدەر مۇسۇلمان بولۇڭلار!» دېدى.
2 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا كُونُوا هُودًا أَوْ نَصَارَىٰ تَهْتَدُوا ۗ قُلْ بَلْ مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۖ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «يەھۇدىي ياكى ناسارا بولۇڭلار، توغرا يول تاپىسىلەر» دەيدۇ. «ئۇنداق ئەمەس، بىز ئىبراھىمنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېگىن[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار: «يەھۇدىي بولۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، توغرا يول تاپقان بولىسىلەر» دېدى. ناسارالارمۇ: «ناسارا بولۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، توغرا يول تاپقان بولىسىلەر» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) سەن: «بىز ئۇنداق قىلمايمىز، بەلكى توغرا يول بولغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېگىن
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلار: «يەھۇدىي بولۇڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» دېدى، ناسارالار: «ناسارا بولۇڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» دېدى. سەن ئېيتقىنكى: «ياق! بىز ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز. ئىبراھىم ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى».
2 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ تَقُولُونَ إِنَّ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطَ كَانُوا هُودًا أَوْ نَصَارَىٰ ۗ قُلْ أَأَنْتُمْ أَعْلَمُ أَمِ اللَّهُ ۗ وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ كَتَمَ شَهَادَةً عِنْدَهُ مِنَ اللَّهِ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئېيتقىنكى، «(ئۇلارنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى) سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا ئاللاھ نازىل قىلغان دەلىل ـ ئىسپات تۇرۇپ ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىن زالىم كىم بار؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى دەمسىلەر؟» ئېيتقىنكى، «بۇنى سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا ئاللاھ نازىل قىلغان دەلىل ـ ئىسپات تۇرۇپ، ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»
ئەنەس ئالىم: ياكى سىلەر: «ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھمۇ؟». يېنىدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى بار تۇرۇقلۇق، ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس43.
2 : 246 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الْمَلَإِ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنْ بَعْدِ مُوسَىٰ إِذْ قَالُوا لِنَبِيٍّ لَهُمُ ابْعَثْ لَنَا مَلِكًا نُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ قَالَ هَلْ عَسَيْتُمْ إِنْ كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِتَالُ أَلَّا تُقَاتِلُوا ۖ قَالُوا وَمَا لَنَا أَلَّا نُقَاتِلَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَقَدْ أُخْرِجْنَا مِنْ دِيَارِنَا وَأَبْنَائِنَا ۖ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقِتَالُ تَوَلَّوْا إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا مۇسا (نىڭ ۋاپاتى) دىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان بىر جامائەنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە: «بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، (ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەرگە قارشى) ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشتى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ئوغۇللىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسى جىھادتىن باش تارتتى. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر[246].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا مۇسا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ياشىغان ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە؛ «بىزگە بىر پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشكەن ئىدى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد قىلىش پەرز قىلىنسا، جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە بالىۋاقىلىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا ئۇرۇش قىلىش پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسى جىھاد قىلىشتىن باش تارتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ مۇسادىن كېيىنكى دەۋردە ياشىغان كاتتىلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەبىيىسىگە: «بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلايلى!» دېگەن ئىدى. ئۇ نەبىي ئۇلارغا: «سىلەرگە ئۇرۇش پەرز قىلىنسا، ئۇرۇش قىلمىساڭلارچۇ؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئاللاھ يولىدا نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلمايلى؟ بىز يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، بالا - چاقىلىرىمىزدىن ئايرىۋېتىلگەن تۇرساق!» دېدى. لېكىن ئۇلارغا ئۇرۇش پەرز قىلىنغان ئىدى، ئازغىنىسىدىن باشقىسى يۈز ئۆرۈدى. ئاللاھ زالىملارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 251 - ئايەت
كۆرۈش
فَهَزَمُوهُمْ بِإِذْنِ اللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُودُ جَالُوتَ وَآتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَهُ مِمَّا يَشَاءُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لَفَسَدَتِ الْأَرْضُ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى (پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرىنى (پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابلىققا يۈزلىنەتتى، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[251].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كافىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرى (يەنى پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابىلىككە ئايلىناتتى، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كافىرلارنىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلدى. داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى70. ئاللاھ داۋۇدقا ھۆكۈمدارلىقنى ۋە ھېكمەتنى71 ئاتا قىلدى، ئۇنىڭغا خالىغىنىنى ئۆگەتتى. ئەگەر ئاللاھ بەزى ئىنسانلارنى بەزى ئىنسانلار بىلەن توسۇپ تۇرمىسا ئىدى، دۇنيانىڭ ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئالەملەرگە ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر.
2 : 253 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ الرُّسُلُ فَضَّلْنَا بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۘ مِنْهُمْ مَنْ كَلَّمَ اللَّهُ ۖ وَرَفَعَ بَعْضَهُمْ دَرَجَاتٍ ۚ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ ۗ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا اقْتَتَلَ الَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ وَلَٰكِنِ اخْتَلَفُوا فَمِنْهُمْ مَنْ آمَنَ وَمِنْهُمْ مَنْ كَفَرَ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا اقْتَتَلُوا وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسى (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالام) بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مەريەم ئوغلى ئىيساغا (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش) روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام) بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى؛ بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كاپىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ[253].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسى بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مەريەم ئوغلى ئىيساغا (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش) روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن كۈچلەندۈردۇق، ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەر ئۆزىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى ئىمان ئېيتمىدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئەلچىلەردۇر. بىز ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە گەپ قىلدى، بەزىلىرىنىڭ دەرىجىلىرىنى ئۈستۈن قىلدى. بىز مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، ئۇنى رۇھۇلقۇدۇس بىلەن قوللىدۇق72. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىنكىلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشمەيتتى. لېكىن ئۇلار بۆلۈندى: بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كافىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشمەيتتى. لېكىن ئاللاھ ئىرادە قىلغىنىنى قىلىدۇ.
2 : 258 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِي حَاجَّ إِبْرَاهِيمَ فِي رَبِّهِ أَنْ آتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ إِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّيَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ قَالَ أَنَا أُحْيِي وَأُمِيتُ ۖ قَالَ إِبْرَاهِيمُ فَإِنَّ اللَّهَ يَأْتِي بِالشَّمْسِ مِنَ الْمَشْرِقِ فَأْتِ بِهَا مِنَ الْمَغْرِبِ فَبُهِتَ الَّذِي كَفَرَ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ: «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى (نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كېلىپ، بىرىنى ئۆلتۈردى، يەنە بىرىنى قويۇپ بەردى). ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىنى كۆرۈپ): «ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، (خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ) سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. (بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[258].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان پادىشاھلىق تۈپەيلى، ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ئادەمنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، تىرىكنى ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇ: «مەنمۇ تىرىلدۈرەلەيمەن، ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى. ئىبراھىم: «ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرىدۇ، سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېۋىدى، ئۇ كافىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھۆكۈمدارلىق ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىبراھىم بىلەن رەببى توغرىسىدا دەتالاش قىلقان كىشى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «مېنىڭ رەببىم تىرىلدۈرىدىغان، ئۆلتۈرىدىغان زاتتۇر» دېگەن ئىدى، ئۇ: «مەنمۇ تىرىلدۈرىمەن، ئۆلتۈرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم: «ئۇنداق بولسا، ئاللاھ قۇياشنى مەشرىقتىن چىقىرىدۇ. قېنى، سەن ئۇنى مەغرىبتىن چىقىرىپ باق!» دېدى. ئۇ كافىر تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
2 : 260 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ أَرِنِي كَيْفَ تُحْيِي الْمَوْتَىٰ ۖ قَالَ أَوَلَمْ تُؤْمِنْ ۖ قَالَ بَلَىٰ وَلَٰكِنْ لِيَطْمَئِنَّ قَلْبِي ۖ قَالَ فَخُذْ أَرْبَعَةً مِنَ الطَّيْرِ فَصُرْهُنَّ إِلَيْكَ ثُمَّ اجْعَلْ عَلَىٰ كُلِّ جَبَلٍ مِنْهُنَّ جُزْءًا ثُمَّ ادْعُهُنَّ يَأْتِينَكَ سَعْيًا ۚ وَاعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تاپسۇن ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «قۇشتىن تۆتنى ئالغىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە توپلىغىن (يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن)، ئاندىن ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار چاپسان كېلىدۇ». بىلگىنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[260].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «ئى رەببىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا بىر كۆرسەتسەڭ» دېۋىدى. ئاللاھ: «ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم تېخىمۇ تەسكىن تاپسۇن دەيمەن» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «قۇشتىن تۆتنى تۇتۇپ ئۆزۈڭگە ئۆگەتكىن، ئاندىن (ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ پارچىلاپ)، ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويۇپ قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، ئۇلار دەرھال سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىدۇ». بىلگىنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «رەببىم! ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىسەن، ماڭا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى، رەببى: «ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئەلۋەتتە ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم ئارام تاپسۇن دەپ بۇنى تەلەپ قىلىۋاتىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەببى مۇنداق دېدى: «ئۇنداق بولسا تۆت دانە قۇش تۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە كۆندۈرگىن. ئاندىن ئۇلارنى كېسىپ ئارىلاشتۇرۇپ ھەر تاغنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردىن بىرەر پارچە قويغىن. ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، دەرھال يېنىڭغا كېلىدۇ. بىلگىنكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».
ئال ئىمران سۈرىسى
21 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَىٰ آدَمَ وَنُوحًا وَآلَ إِبْرَاهِيمَ وَآلَ عِمْرَانَ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللاپ، (ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىگە ئۈستۈن قىلىپ تاللىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادەمنى9، نۇھنى10، ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىنى11 ۋە ئىمراننىڭ ئائىلىسىنى12 تاللاپ ئالەملەردىن ئۈستۈن قىلدى13.
3 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
هُنَالِكَ دَعَا زَكَرِيَّا رَبَّهُ ۖ قَالَ رَبِّ هَبْ لِي مِنْ لَدُنْكَ ذُرِّيَّةً طَيِّبَةً ۖ إِنَّكَ سَمِيعُ الدُّعَاءِ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ ۋاقىتتا (ئاللاھنىڭ مەريەمگە قىلغان ئىنئامىنى كۆرگەن چاغدا) زەكەرىيا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن دۇئانى ئىشىتكۈچىسەن» دېدى[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ ۋاقىتتا (يەنى مەريەمگە بېرىلگەن كارامەتنى كۆرگەندە) زەكەرىييا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «ئى رەببىم! سەن ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇ يەردە زەكەرىييا رەببىگە مۇنداق دۇئا قىلدى: «رەببىم! ماڭا ئۆز تەرىپىڭدىن پاك نەسىل ئاتا قىلغىن. سەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن!».
3 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَنَادَتْهُ الْمَلَائِكَةُ وَهُوَ قَائِمٌ يُصَلِّي فِي الْمِحْرَابِ أَنَّ اللَّهَ يُبَشِّرُكَ بِيَحْيَىٰ مُصَدِّقًا بِكَلِمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَسَيِّدًا وَحَصُورًا وَنَبِيًّا مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: «ساڭا ئاللاھنىڭ كەلىمىسى (يەنى ئىيسا) نى تەستىق قىلغۇچى، سەييىد، پەرھىزكار ۋە ياخشىلاردىن بولغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» دەپ نىدا قىلدى[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: « ئاللاھ ھەقىقەتەن ساڭا ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدقا كەل دېگەن كەلىمىسى(ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىيسانىڭ پەيغەمبەرلىكى) نى ئىسپاتلىغۇچى، سەييىد(يولباشچى)، پەرھىزكار ۋە سالىھ پەيغەمبەر بولىدىغان يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» دەپ نىدا قىلدى
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدى: «ئاللاھ ساڭا يەھيا بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ14. ئۇ ئاللاھنىڭ كەلىمىسنى15 تەستىقلىغۇچىدۇر، ئېسىلدۇر، نومۇسچاندۇر ۋە سالىھلاردىن بىر نەبىيدۇر».
3 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَقَدْ بَلَغَنِيَ الْكِبَرُ وَامْرَأَتِي عَاقِرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكَ اللَّهُ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: «پەرۋەردىگارىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغۇتتىن قالغان تۇرسا قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» دېدى. پەرىشتىلەر: «ئاللاھ شۇنىڭدەك خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى قۇدرىتى ئىلاھىييە ھېچ نەرسىدىن ئاجىز ئەمەس)» دېدى[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «ئى رەببىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغماس تۇرسا، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» دېدى. پەرىشتىلەر: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇركى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟ مەن قېرىپ كەتكەن تۇرسام، ئايالىم تۇغماس تۇرسا!» دېدى. ئاللاھ: «شۇنداق، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ» دېدى.
3 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اجْعَلْ لِي آيَةً ۖ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَةَ أَيَّامٍ إِلَّا رَمْزًا ۗ وَاذْكُرْ رَبَّكَ كَثِيرًا وَسَبِّحْ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: ‹‹پەرۋەردىگارىم! ماڭا (ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر نىشانە ئاتا قىلغىن» دېدى. ئاللاھ: ‹‹ساڭا بولىدىغان نىشانە شۇكى، ئۈچ كۈنگۈچە كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن (يەنى زىكرى - تەسبىھ ئېيتىشتىن باشقا سۆزگە تىلىڭ كەلمەيدۇ). پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن، (نېمىتىمگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەت، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيت» دېدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «ئى رەببىم! ماڭا ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر بەلگە ئاتا قىلغىن» دېدى. ئاللاھ: «ساڭا بېرىلىدىغان بەلگە شۇكى، سەن ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە گەپ قىلالمايسەن،. پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن. پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەتكىن، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيتقىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا: «رەببىم! ئۇنداق بولسا ماڭا بىرەر ئالامەت بەرگىن» دېدى. ئاللاھ: «ئالامىتىڭ شۇ: سەن ئىنسانلارغا ئۈچ كۈن سۆز قىلالمايسەن. لېكىن مەقسىدىڭنى ئىشارەت بىلەن ئۇقتۇرالايسەن. رەببىڭنى كۆپ زىكىر قىلغىن، چۈشتىن كېيىن ۋە ئىلگىرى ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن» دېدى.
3 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَتِ الْمَلَائِكَةُ يَا مَرْيَمُ إِنَّ اللَّهَ يُبَشِّرُكِ بِكَلِمَةٍ مِنْهُ اسْمُهُ الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ وَجِيهًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز) ئاللاھنىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى، مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسادۇر. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا ۋۇجۇدقا كەل دېگەن كەلىمىسى ئارقىلىق تۆرىلىدىغان بىر پەرزەنت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسادۇر، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مەريەمگە يەنە مۇنداق دېدى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا ئۆزىنىڭ بىر كەلىمىسى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى ئىيسا مەسىھتۇر. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق بولىدۇ. ئۇ ئاللاھقا يېقىن بەندىلەردىن بولىدۇ.
3 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا وَمِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ بۆشۈكتىمۇ (يەنى بوۋاقلىق چېغىدىمۇ)، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى) سۆزلەيدۇ ۋە (تەقۋادارلىقتا كامىل) ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ»[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش ۋاقتىدىمۇ كىشىلەرگە (ھەقىقەتنى) سۆزلەيدۇ ۋە ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئۇ بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش چېغىدىمۇ ئىنسانلارغا گەپ قىلىدۇ ۋە ئۇ ياخشىلاردىن بولىدۇ».
3 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي وَلَدٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكِ اللَّهُ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ إِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ (يەنى ئاتا ـ ئانا ئارقىلىقمۇ ۋە ئۇنىڭسىزمۇ يارىتىدۇ). بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ‹ۋۇجۇدقا كەل› دەيدۇ – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم: «ئى رەببىم! ماڭا ھېچبىر ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا، قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ. بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، < ۋۇجۇدقا كەل > دەيدۇ-دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: مەريەم: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ بالام بولسۇن؟ مەن بىلەن ھېچكىم بىر يەردە بولمىغان تۇرسا!» دېدى. ئاللاھ: «شۇنداق. لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئۇ بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلسا ئۇنىڭغا پەقەتلا: ‹بول› دەيدۇ. ئۇ بولىدۇ» دېدى.
3 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُعَلِّمُهُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنىڭغا خەتنى، ھېكمەتنى (يەنى سۆز - ھەرىكەتتە توغرا بولۇشنى)، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ
ئەنەس ئالىم: پەرىشتىلەر مەريەمگە بالىسى توغرىسىدا يەنە مۇنداق دېدى: «ئاللاھ ئۇنىڭغا يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ.
3 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَسُولًا إِلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ أَنِّي قَدْ جِئْتُكُمْ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ أَنِّي أَخْلُقُ لَكُمْ مِنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ فَأَنْفُخُ فِيهِ فَيَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِ اللَّهِ ۖ وَأُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ وَأُحْيِي الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِ اللَّهِ ۖ وَأُنَبِّئُكُمْ بِمَا تَأْكُلُونَ وَمَا تَدَّخِرُونَ فِي بُيُوتِكُمْ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ:) «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە مەن رەببىڭلار تەرىپىدىن بولغان (پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن ـ دە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن (يەنى سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئەھۋالىڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن). شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى مەن كەلتۈرگەن مۆجىزىلەردە) سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ راستلىقىمنى كۆرسىتىدىغان روشەن) ئالامەت بار[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ) «شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە پەرۋاردىگارىڭلار ھۇزۇرىدىن بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، مەن سىلەر ئۈچۈن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن ـ دە، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇ مۆجىزىلەردە سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار
ئەنەس ئالىم: ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەرگە رەببىڭلاردىن ئايەت ئېلىپ كەلدىم. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا لايدىن قۇش شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ ئىچىگە پۈۋلەيمەن - دە، ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن قۇش بولىدۇ. مەن يەنە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن تۇغما كورنى ۋە ئاقكېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەمنى ساقايتىمەن، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن. مەن يەنە ئۆيلىرىڭلاردا نېمە يەپ، نېمە ساقلايدىغانلىقىڭلار توغرۇلۇق سىلەرگە خەۋەر بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۈچۈن بۇنىڭدا ئايەت بار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار.
3 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَمُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَلِأُحِلَّ لَكُمْ بَعْضَ الَّذِي حُرِّمَ عَلَيْكُمْ ۚ وَجِئْتُكُمْ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم)، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن (كەلدىم). سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە (مېنىڭ ئەمرىمگە) ئىتائەت قىلىڭلار[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان ھالدا كەلدىم، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن كەلدىم. مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: مەن ئالدىمدىكى تەۋراتنى تەستىقلاش ۋە سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم. مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن ئايەت ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
3 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۗ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مېنىڭمۇ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر›».
3 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَحَسَّ عِيسَىٰ مِنْهُمُ الْكُفْرَ قَالَ مَنْ أَنْصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنْصَارُ اللَّهِ آمَنَّا بِاللَّهِ وَاشْهَدْ بِأَنَّا مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىيسا ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ ئۈچۈن (ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟» دېدى. ھەۋارىيلار (يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۆمىنلەر) ئېيتتى: «ئاللاھ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز بويسۇنغۇچىلارمىز[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىيسا يەھۇدىيلارنىڭ كۇفردا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ يولىدا ماڭا كىملەر ياردەمچى بولىدۇ؟» دېدى. ھاۋارىيلار[1] ئېيتتى: «ئاللاھ يولىدا بىز ساڭا ياردەمچى بولىمىز، بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. سەن بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزغا گۇۋاھ بولغىن
ئەنەس ئالىم: ئىيسا ئۇلاردىن كۇفرىلىقنى سېزىپ: «كىملەر ئاللاھ يولىدا مېنىڭ ياردەمچىلىرىمدۇر؟» دېگەن ئىدى. ھەۋارىيلار مۇنداق دېدى: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز16. بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز مۇسۇلمانمىز.
3 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَكَرُوا وَمَكَرَ اللَّهُ ۖ وَاللَّهُ خَيْرُ الْمَاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مىكىر ئىشلەتتى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى (ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى قۇتقۇزۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار (ئىيسانى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ) ھىيلە-مىكىر ئىشلەتتى، ئاللاھ ئۇلارغا قارشى (ئىيسانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن) تەدبىر قوللاندى. ئاللاھ (ھىيلە-مىكىرگە قارشى) ئەڭ ياخشى تەدبىر قوللانغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: باشقىلىرى بولسا ئىيساغا سۇيىقەست قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بەربات قىلدى. ئاللاھ سۇيىقەستلەرنى ئەڭ ئوبدان بەربات قىلغۇچىدۇر.
3 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَىٰ إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا وَجَاعِلُ الَّذِينَ اتَّبَعُوكَ فَوْقَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۖ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأَحْكُمُ بَيْنَكُمْ فِيمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىيسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى ئېلىپ كېتىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن. سېنى كافىرلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلايمەن، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كافىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىيسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىيساغا مۇنداق دېدى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى ۋاپات قىلدۇرىمەن ۋە سېنى ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن، سېنى كافىرلاردىن قۇتقۇزىمەن، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەت كۈنىگىچە كافىرلاردىن ئۈستۈن تۇتىمەن. ئاخىرىدا ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرىمغا قايتىسلەر. ئۇ چاغدا مەن ئاراڭلاردىكى ئىختىلاپ توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن.
3 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ مَثَلَ عِيسَىٰ عِنْدَ اللَّهِ كَمَثَلِ آدَمَ ۖ خَلَقَهُ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ قَالَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىيسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا ـ ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىيسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس)[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىيسانىڭ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقى ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) يارىتىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېۋىدى، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىيسانىڭ ئەھۋالى ئادەمنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ئۇنى تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «بول!» دېدى، ئۇ بولدى.
3 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تُحَاجُّونَ فِي إِبْرَاهِيمَ وَمَا أُنْزِلَتِ التَّوْرَاةُ وَالْإِنْجِيلُ إِلَّا مِنْ بَعْدِهِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولدى. (سۆزۈڭلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى) چۈشەنمەمسىلەر؟[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولغان تۇرسا، سىلەر بۇنى ئويلاپ باقمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! ئىبراھىم توغرىسىدا نېمە ئۈچۈن دەتالاش قىلىشىسىلەر؟ تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل قىلىنغان تۇرسا! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
3 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ إِبْرَاهِيمُ يَهُودِيًّا وَلَا نَصْرَانِيًّا وَلَٰكِنْ كَانَ حَنِيفًا مُسْلِمًا وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ۋەلېكىن توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، ئاللاھقا بويسۇنغۇچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس، لېكىن توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، ئاللاھقا بويسۇنغۇچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۇ ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇسۇلمان ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى.
3 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ أَوْلَى النَّاسِ بِإِبْرَاهِيمَ لَلَّذِينَ اتَّبَعُوهُ وَهَٰذَا النَّبِيُّ وَالَّذِينَ آمَنُوا ۗ وَاللَّهُ وَلِيُّ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمغا ئەڭ يېقىن بولغانلار، شۈبھىسىزكى، (ئىبراھىمنىڭ زامانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن) ئۇنىڭغا (يەنى ئۇنىڭ يولىغا) ئەگەشكەنلەردۇر، بۇ پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) دۇر، (بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بولغان) مۆمىنلەردۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئىبراھىمغا ئەڭ يېقىن كىشىلەر ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەردۇر، بۇ پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە مۆمىنلەردۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلار ئىچىدە ئىبراھىمغا ئەڭ يېقىن بولغانلار ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر، بۇ ئەلچى ۋە مۇئمىنلاردۇر. ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ ۋەلىيسىدۇر17.
3 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ صَدَقَ اللَّهُ ۗ فَاتَّبِعُوا مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئاللاھ راست ئېيتتى، (ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت) ئىبراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئۇ (يەنى ئىبراھىم) مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «ئاللاھ راست ئېيتتى، ئىبراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئاللاھ راست ئېيتتى. ئۇنداقتا ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگىشىڭلار. ئىبراھىم ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى».
3 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
فِيهِ آيَاتٌ بَيِّنَاتٌ مَقَامُ إِبْرَاهِيمَ ۖ وَمَنْ دَخَلَهُ كَانَ آمِنًا ۗ وَلِلَّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا ۚ وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم (شۇلارنىڭ بىرى)، بەيتۇللاھقا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم شۇلارنىڭ بىرىدۇر، بەيتۇللاھغا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەئبىنى تاۋاپ قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى بۇنى ئىنكار قىلىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەردە روشەن ئايەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. بەيتۇللاھقا بېرىشقا يول تاپالىغان كىشىلەرنىڭ ھەج قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. كىم كافىر بولسا، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ئالەملەردىن بىھاجەتتۇر.
نىسا سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ يَحْسُدُونَ النَّاسَ عَلَىٰ مَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ ۖ فَقَدْ آتَيْنَا آلَ إِبْرَاهِيمَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَآتَيْنَاهُمْ مُلْكًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىككە) ھەسەت قىلىشامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئىبىراھىم ئەۋلادىغا كىتاب، ھېكمەت بەردۇق ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق بەردۇق[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز مەرھەمىتىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نېمەتلەرگە ھەسەت قىلىشامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئىبىراھىم ئەۋلادىغا كىتاب، ھېكمەت بەرگەن ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق ئاتا قىلغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسە تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ھەسەت قىلامدۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىغىمۇ كىتابنى، ھېكمەتنى بەرگەن ئىدۇق ۋە ئۇلارغا كاتتا پادىشاھلىق بەرگەن ئىدۇق.
4 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَحْسَنُ دِينًا مِمَّنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ وَاتَّبَعَ مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۗ وَاتَّخَذَ اللَّهُ إِبْرَاهِيمَ خَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلغان)، باتىل دىنلاردىن بۇرالغان ھالدا ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىن دىنىي جەھەتتە ياخشىراق ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان، ئىبىراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ياخشىراق ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى
ئەنەس ئالىم: دىن جەھەتتە سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ۋە ھەقكە يۆنەلگەن ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ياخشى ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى.
4 : 153 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُكَ أَهْلُ الْكِتَابِ أَنْ تُنَزِّلَ عَلَيْهِمْ كِتَابًا مِنَ السَّمَاءِ ۚ فَقَدْ سَأَلُوا مُوسَىٰ أَكْبَرَ مِنْ ذَٰلِكَ فَقَالُوا أَرِنَا اللَّهَ جَهْرَةً فَأَخَذَتْهُمُ الصَّاعِقَةُ بِظُلْمِهِمْ ۚ ثُمَّ اتَّخَذُوا الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ فَعَفَوْنَا عَنْ ذَٰلِكَ ۚ وَآتَيْنَا مُوسَىٰ سُلْطَانًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن بىر كىتاب چۈشۈرۈشنى سورايدۇ، ئۇلار مۇسادىن بۇنىڭدىنمۇ چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە ئاللاھنى ئاپئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ زۇلمى سەۋەبلىك ئۇلارنى چاقماق سوقتى (يەنى ئاسماندىن بىر ئوت كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى). ئۇلار روشەن مۆجىزىلەر كەلگەندىن كېيىن موزاينى مەبۇد قىلىۋالدى. كېيىن بىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلدۇق. بىز مۇساغا (ئۇنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەردىن) روشەن پاكىت ئاتا قىلدۇق[153].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەھلى كىتاب سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن بىر كىتاب چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار مۇسادىن بۇنىڭدىنمۇ چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە ئاللاھنى ئاپئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى چاقماق سوقتى. روشەن مۆجىزىلەر كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇلار موزاينى مەبۇد قىلىۋالدى. كېيىن بىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلدۇق. بىز مۇسانى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىلگە ئىگە قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەھلى كىتاب سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن كىتاب چۈشۈرۈشىڭنى سورايدۇ. ئۇلار مۇسادىن ئۇنىڭدىن چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە ئاللاھنى ئوچۇق كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى زۇلۇم64 قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇ شىددەتلىك گۈلدۈرماما باستى. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن موزايغا چوقۇندى. ئاندىن بىز ئۇنى ئەپۇ قىلدۇق، بىز مۇساغا روشەن دەلىل بەردۇق.
4 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَفَعْنَا فَوْقَهُمُ الطُّورَ بِمِيثَاقِهِمْ وَقُلْنَا لَهُمُ ادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُلْنَا لَهُمْ لَا تَعْدُوا فِي السَّبْتِ وَأَخَذْنَا مِنْهُمْ مِيثَاقًا غَلِيظًا
مۇھەممەد سالىھ: (تەۋرات شەرىئىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقلىرى سەۋەبلىك) ئۇلاردىن ئەھدە ئالماق ئۈچۈن ئۈستىگە تۇر (تېغى) نى تىكلەپ قويدۇق، ئۇلارغا: «(بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاڭلار (يەنى شەنبىدە بېلىق تۇتۇش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار)» دېدۇق. ئۇلاردىن (بۇ ھەقتە) مەھكەم ۋەدە ئالدۇق[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئەھدە ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇر تېغىنى تىكلەپ قويۇپ: «سىلەر بەيتۇلمۇقەددەس دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار» دېگەن ھەمدە: «شەنبىدە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار (يەنى بېلىق تۇتماڭلار)» دەپ، ئۇلاردىن مەھكەم ۋەدە ئالغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىن ئەھدە ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇر تېغىنى كۆتۈردۇق ۋە ئۇلارغا: «دەرۋازىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبە كۈنىدە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار» دېدۇق ۋە ئۇلاردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق.
4 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
وَبِكُفْرِهِمْ وَقَوْلِهِمْ عَلَىٰ مَرْيَمَ بُهْتَانًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق)[156].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق)
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كافىر بولغانلىقى ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق.
4 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَوْلِهِمْ إِنَّا قَتَلْنَا الْمَسِيحَ عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ رَسُولَ اللَّهِ وَمَا قَتَلُوهُ وَمَا صَلَبُوهُ وَلَٰكِنْ شُبِّهَ لَهُمْ ۚ وَإِنَّ الَّذِينَ اخْتَلَفُوا فِيهِ لَفِي شَكٍّ مِنْهُ ۚ مَا لَهُمْ بِهِ مِنْ عِلْمٍ إِلَّا اتِّبَاعَ الظَّنِّ ۚ وَمَا قَتَلُوهُ يَقِينًا
مۇھەممەد سالىھ: يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋەلېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (يەنى ئىيسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى). ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسىلىسى) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى ھەرگىزمۇ ئۆلتۈرمىدى[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇلار) يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلار ئىيسانى ئۆلتۈرگەنمۇ ئەمەس، دارغا ئاسقانمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇلارغا (باشقا بىرى ئىيساغا) ئوخشاش كۆرسىتىلدى (يەنى ئۇلار ئىيسانى ئاستۇق دەپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرىنى ئاستى)، ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى زادى ئۆلتۈرەلىگىنى يوق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «مەريەمنىڭ ئوغلى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىيسا مەسىھنى چوقۇم بىز ئۆلتۈردۇق» دېگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرمىدى ۋە دارغا ئاسمىدى، لېكىن ئۇلارغا شۇنداق كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ئەلۋەتتە شەك ئىچىدىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىلىمى يوق، لېكىن ئۇلار گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. ئۇلار ئۇنى قەتئىي ئۆلتۈرمىدى.
4 : 158 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ رَفَعَهُ اللَّهُ إِلَيْهِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ھۇزۇرىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[158].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز ھۇزۇرىغا كۆتۈردى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ إِلَّا لَيُؤْمِنَنَّ بِهِ قَبْلَ مَوْتِهِ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكُونُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلارنىڭ ئىيسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى) غا گۇۋاھ بولىدۇ[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ (ئۇلارنىڭ ئىمانى ئەسقاتمايدۇ). ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن ھەربىرى ئۆلۈمىدىن بۇرۇن ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھچى بولىدۇ.
4 : 163 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ كَمَا أَوْحَيْنَا إِلَىٰ نُوحٍ وَالنَّبِيِّينَ مِنْ بَعْدِهِ ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَعِيسَىٰ وَأَيُّوبَ وَيُونُسَ وَهَارُونَ وَسُلَيْمَانَ ۚ وَآتَيْنَا دَاوُودَ زَبُورًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھىي قىلدۇق ھەمدە ئىبىراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىيساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلايمانغا ۋەھىي قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق[163].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھيى قىلدۇق ھەمدە ئىبىراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىيساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلەيمانغا ۋەھيى قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەبىيلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك ساڭا ۋەھىي قىلدۇق. بىز ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى، ئىيسا، ئەييۇب، يۇنۇس، ھارۇن ۋە سۇلەيمانلارغىمۇ ۋەھىي قىلغان ئىدۇق. بىز داۋۇدقا زەبۇر بەرگەن ئىدۇق.
4 : 164 - ئايەت
كۆرۈش
وَرُسُلًا قَدْ قَصَصْنَاهُمْ عَلَيْكَ مِنْ قَبْلُ وَرُسُلًا لَمْ نَقْصُصْهُمْ عَلَيْكَ ۚ وَكَلَّمَ اللَّهُ مُوسَىٰ تَكْلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا بايان قىلغانلىرىمىزمۇ بار، ساڭا بايان قىلمىغانلىرىمىزمۇ بار، ئاللاھ مۇساغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلدى[164].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىز نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى ساڭا بايان قىلغانلىرىمىزمۇ بار، ساڭا بايان قىلمىغانلىرىمىزمۇ بار. ئاللاھ مۇساغا (بىۋاسىتە) گەپ قىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلغان ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. بىز قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلمىغان ئەلچىلەرنىمۇ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئاللاھ مۇساغا گەپ قىلدى.
4 : 171 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَا تَغْلُوا فِي دِينِكُمْ وَلَا تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ ۚ إِنَّمَا الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ رَسُولُ اللَّهِ وَكَلِمَتُهُ أَلْقَاهَا إِلَىٰ مَرْيَمَ وَرُوحٌ مِنْهُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ ۖ وَلَا تَقُولُوا ثَلَاثَةٌ ۚ انْتَهُوا خَيْرًا لَكُمْ ۚ إِنَّمَا اللَّهُ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ سُبْحَانَهُ أَنْ يَكُونَ لَهُ وَلَدٌ ۘ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى ناسارالار جامائەسى) دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھنىڭ شەنىگە ھەق (سۆز) دىن باشقىنى ئېيتماڭلار (يەنى ئاللاھقا شېرىكى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار). مەسىھ ئىيسا ـ مەريەمنىڭ ئوغلى، پەقەت ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئاللاھنىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)، مەريەمگە ئاللاھنىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز، ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ (ئىيسا، مەريەمدىن ئىبارەت) ئۈچتۇر دېمەڭلار، (خۇدا ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن) قايتىڭلار، (بۇ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر، ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر)، ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر[171].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلار ھەققىدە ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھ توغرىسىدا پەقەت ھەق گەپنىلا قىلىڭلار. مەسىھ ـ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئاللاھنىڭ مەريەمگە چۈشكەن كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز، ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھنى(ئىيسا بىلەن مەريەمنى قوشۇپ) ئۈچ دېمەڭلار، بۇ ئېتىقادىڭلاردىن يېنىڭلار، بۇ سىلەرگە پايدىلىقتۇر. ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، بالىلىق بولۇشتىن (ئىبارەت مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپىتىدىن) پاك زاتتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار، ئاللاھ توغرىسىدا پەقەت ھەقنىلا سۆزلەڭلار. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا مەسىھ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئۇ ئاللاھنىڭ مەريەمگە يەتكۈزگەن «بول» دېگەن سۆزى بىلەن بار بولغان. ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن روھتۇر. ئۇنداقتا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشىنىڭلار. «ئۈچتۇر» دېمەڭلار68، بۇنداق دېيىشتىن يېنىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئاللاھ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر.
4 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
لَنْ يَسْتَنْكِفَ الْمَسِيحُ أَنْ يَكُونَ عَبْدًا لِلَّهِ وَلَا الْمَلَائِكَةُ الْمُقَرَّبُونَ ۚ وَمَنْ يَسْتَنْكِفْ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيَسْتَكْبِرْ فَسَيَحْشُرُهُمْ إِلَيْهِ جَمِيعًا
مۇھەممەد سالىھ: مەسىھمۇ، (ئاللاھقا) يېقىن پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ. كىملەركى ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ[172].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەسىھمۇ، ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرىمۇ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ
ئەنەس ئالىم: مەسىھ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىزمۇ باش تارتمايدۇ. ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇلغان پەرىشتىلەرمۇ باش تارتمايدۇ. كىم ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھۇزۇرىغا يىغىدۇ.
مائىد سۈرىسى
20 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ ۚ قُلْ فَمَنْ يَمْلِكُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا إِنْ أَرَادَ أَنْ يُهْلِكَ الْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا ۗ وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۚ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھتۇر دېگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن كاپىر بولدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ (نىڭ ئىرادىسى) دىن بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغىنىنى خەلق ئېتىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىيسا) نى ئاللاھتۇر دەۋالغان كىشىلەر ھەقىقەتەن كافىر بولدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ ئىرادە قىلغان بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېگەنلەر كافىر بولدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھنى، ئۇنىڭ ئانىسىنى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھقا قارشى كىم نېمە قىلالايدۇ؟ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر».
5 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ جَعَلَ فِيكُمْ أَنْبِيَاءَ وَجَعَلَكُمْ مُلُوكًا وَآتَاكُمْ مَا لَمْ يُؤْتِ أَحَدًا مِنَ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد قىلىڭلار، ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردا (سىلەرنى توغرا دىنغا يېتەكلەيدىغان) نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. سىلەردىن پادىشاھلار قىلدى (يەنى ئۆزەڭلارنى ئۆزەڭلارغا خوجا قىلدى). سىلەرگە جاھان ئەھلىدىن ھېچ كىشىگە بەرمىگەن (دەريانى يېرىپ ئوتتۇرىسىدىن يول ئېچىپ بېرىش، بۇلۇتلارنى سايىۋەن قىلىپ بېرىش، ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بېرىش قاتارلىق) نېمەتلەرنى بەردى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمگە ئېيتقان ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن، سىلەردىن پادىشاھلارنى چىقارغان، سىلەرگە جاھان ئەھلىدىن ھېچ كىشىگە بەرمىگەن نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار: ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردا نەبىيلەر قىلغان، سىلەرنى ھۆكۈمدارلار قىلغان ۋە ئالەملەردىن ھېچكىمگە بەرمىگىنىنى سىلەرگە بەرگەن ئىدى.
5 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
يَا قَوْمِ ادْخُلُوا الْأَرْضَ الْمُقَدَّسَةَ الَّتِي كَتَبَ اللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَرْتَدُّوا عَلَىٰ أَدْبَارِكُمْ فَتَنْقَلِبُوا خَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان (يەنى سىلەرنى كىرىشكە ئەمر قىلغان) مۇقەددەس زېمىنغا (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئارقاڭلارغا چېكىنمەڭلار، بولمىسا (ئىككىلا دۇنيادا) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر»[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە كىرىشنى بۇيرۇغان مۇقەددەس زېمىنغا (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئارقاڭلارغا چېكىنمەڭلار، بولمىسا، زىيان تارتقۇچى بولۇپ قالىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە يازغان مۇقەددەس زېمىنغا كىرىڭلار ۋە ئارقاڭلارغا يانماڭلار. بولمىسا زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ قالىسىلەر».
5 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِنَّ فِيهَا قَوْمًا جَبَّارِينَ وَإِنَّا لَنْ نَدْخُلَهَا حَتَّىٰ يَخْرُجُوا مِنْهَا فَإِنْ يَخْرُجُوا مِنْهَا فَإِنَّا دَاخِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى مۇسا! مۇقەددەس زېمىندا كۈچلۈك (يەنى جاسامەتلىك، قامەتلىك) بىر قەۋم بار (ئۇلار ئاد قەۋمىنىڭ قالدۇقى بولغان ئەمالىقەلەر بولۇپ)، ئۇلار چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇيەردىن چىقىپ كەتسە چوقۇم كىرىمىز» دېدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى مۇسا! مۇقەددەس زېمىندا كۈچلۈك بىر قەۋم بار، ئۇلار چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە چوقۇم كىرىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، ئۇ يەردە زومىگەر بىر قەۋم بار. ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيمىز. ئەگەر ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە، چوقۇم كىرىمىز» دېدى.
5 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَجُلَانِ مِنَ الَّذِينَ يَخَافُونَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمَا ادْخُلُوا عَلَيْهِمُ الْبَابَ فَإِذَا دَخَلْتُمُوهُ فَإِنَّكُمْ غَالِبُونَ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَتَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن بولغان، ئاللاھنىڭ (ئىمان بىلەن تائەتتىن ئىبارەت) نېمىتىگە ئېرىشكەن ئىككى ئادەم (يەنى كالب ئىبن يەفۇننە بىلەن يۇشە ئىبن نۇن) ئۇلارغا: «(شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، (شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئەگەر (ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغان ياردىمىگە) ئىشەنسەڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن بولغان، ئاللاھنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشكەن ئىككى ئادەم*[1] ئۇلارغا: «شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، دەرۋازىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھتىن قورقىدىغانلاردىن ئاللاھ ئىنئام قىلغان ئىككى ئەر كىشى: «ئۇلارغا شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار چوقۇم غالىب كېلىسىلەر. ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار» دېدى13.
5 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِنَّا لَنْ نَدْخُلَهَا أَبَدًا مَا دَامُوا فِيهَا ۖ فَاذْهَبْ أَنْتَ وَرَبُّكَ فَقَاتِلَا إِنَّا هَاهُنَا قَاعِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: « ئى مۇسا! مادامىكى، ئۇلار مۇقەددەس يەردە ئىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادى: «ئى مۇسا! ئۇلار ئۇ يەردىلا بولىدىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋاردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى مۇسا! ئۇلار ئۇ مۇقەددەس زېمىندىلا بولىدىكەن، بىز ئۇ يەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيمىز. سەن رەببىڭ بىلەن بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار. بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى.
5 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي لَا أَمْلِكُ إِلَّا نَفْسِي وَأَخِي ۖ فَافْرُقْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا دېدى: «پەرۋەردىگارىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىنداشلىرىمغىلا ئىگىمەن، سەن بىز بىلەن (ئىتائىتىڭدىن باش تارتقان) قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن»[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا دېدى: «ئى رەببىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىندىشىمغىلا ئىگە، سەن بىز بىلەن بۇ پاسىق قەۋم ئارىسىدا بىر ھۆكۈم قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىندىشىمغا ئىگە بولالايمەن14. بىز بىلەن بۇ فاسىق قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن» دېدى.
5 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَإِنَّهَا مُحَرَّمَةٌ عَلَيْهِمْ ۛ أَرْبَعِينَ سَنَةً ۛ يَتِيهُونَ فِي الْأَرْضِ ۚ فَلَا تَأْسَ عَلَى الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ دېدى: « ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىشى 40 يىلغىچە ھارام قىلىندى، (بۇ جەرياندا) ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ . پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن»(ئىزاھات: مۇسا ئەلەيھسىسالامنىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ ئىجابەت قىلدى، ئۇلارنى زېمىندا 40 يىل ئاداشتۇردى.)[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ دېدى: «(ئى مۇسا!) ئۇلارنىڭ مۇقەددەس زېمىنغا كىرىشى 40 يىلغىچە چەكلەندى، بۇ جەرياندا ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ*[1]. پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرما»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ مۇقەددەس زېمىن بۇلارغا قىرىق يىل ھارام قىلىندى. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ. سەن ئۇ فاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن».
5 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ ابْنَيْ آدَمَ بِالْحَقِّ إِذْ قَرَّبَا قُرْبَانًا فَتُقُبِّلَ مِنْ أَحَدِهِمَا وَلَمْ يُتَقَبَّلْ مِنَ الْآخَرِ قَالَ لَأَقْتُلَنَّكَ ۖ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى ئەھلى كىتابقا ۋە قەۋمىڭگە) ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) نىڭ ھېكايىسىنى راستلىق بىلەن ئوقۇپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرسى (يەنى ھابىل) نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرسى (يەنى قابىل) نىڭ قوبۇل بولمىدى. (قابىل ھابىلغا) «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېدى، ھابىل نېمىشقا؟ دېۋىدى، قابىل: «ئاللاھ سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلىپ، مېنىڭكىنى قوبۇل قىلمىدى» دېدى. (ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (قۇربانلىقىنى) قوبۇل قىلىدۇ»[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) نىڭ خەۋىرىنى ئەينەن ئېيتىپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرى (يەنى ھابىل) نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرى (يەنى قابىل) نىڭ قوبۇل بولمىدى. ئۇ (يەنى قابىل): «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېۋىدى، ئۇ (يەنى ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنى قوبۇل قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن بىردىن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرىنىڭ قوبۇل قىلىندى، يەنە بىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمىدى. قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغىنى: «مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېۋىدى، قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغىنى مۇنداق دېدى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنىلا قوبۇل قىلىدۇ.
5 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَعَثَ اللَّهُ غُرَابًا يَبْحَثُ فِي الْأَرْضِ لِيُرِيَهُ كَيْفَ يُوَارِي سَوْءَةَ أَخِيهِ ۚ قَالَ يَا وَيْلَتَا أَعَجَزْتُ أَنْ أَكُونَ مِثْلَ هَٰذَا الْغُرَابِ فَأُوَارِيَ سَوْءَةَ أَخِي ۖ فَأَصْبَحَ مِنَ النَّادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. قاغا (تۇمشۇقى ۋە ئىككى پۇتى بىلەن) يەرنى كولىدى. ئۇ (يەنى قابىل بۇنى كۆرۈپ): «ۋاي مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇشتىن ئاجىز كەلدىممۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نادامەت قىلغۇچىلاردىن بولدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. ئۇ (قاغا بىر ئۆلۈك قاغىنى كۆمۈش ئۈچۈن) يەرنى كولىدى. ئۇ (قابىل بۇننى كۆرۈپ): «ۋاي ئېسىت! مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىكمۇ بولالماپتىمەنا؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئەسنادا ئاللاھ بىر قاغا ئەۋەتتى، قاغا يەرنى چوقۇيتتى. بۇ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ: «ۋاي ئىسىت! مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇپ، قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمەلمەپتىمەن!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.
5 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَفَّيْنَا عَلَىٰ آثَارِهِمْ بِعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ التَّوْرَاةِ ۖ وَآتَيْنَاهُ الْإِنْجِيلَ فِيهِ هُدًى وَنُورٌ وَمُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ التَّوْرَاةِ وَهُدًى وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ) ئارقىسىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى (يەنى ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى) تەستىقلىغۇچى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ئەۋەتتۇق. ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، (ئىنجىل) ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى تەستىقلىغۇچىدۇر (يەنى ئۇنىڭغا مۇۋاپىقتۇر)، تەقۋادارلارغا ھىدايەت ۋە پەند ـ نەسىھەتتۇر[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ كەينىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلغۇچى ئىيسا ئىبن مەريەمنى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلىدىغان، تەقۋادارارغا ھىدايەت ۋە پەند-نەسىھەت بولغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ئىدى. بىز ئۇنىڭغا ئىچىدە ھىدايەت ۋە نۇر بولغان، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەۋراتنى تەستىقلايدىغان، تەقۋادارلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نەسىھەت بولغان ئىنجىلنى بەردۇق.
5 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
مَا الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِ الرُّسُلُ وَأُمُّهُ صِدِّيقَةٌ ۖ كَانَا يَأْكُلَانِ الطَّعَامَ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُبَيِّنُ لَهُمُ الْآيَاتِ ثُمَّ انْظُرْ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەت (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش) پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايالدۇر، ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى (يەنە ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا گۆش، سۆڭەك، تومۇر ۋە پەيلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى). ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ باتىللىقىغا) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغىمۇ قارىغىن[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەتلا پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايال ئىدى، ئۇ ئىككىسى (باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا) تاماق يەيتتى. بىزنىڭ ئۇلارغا (يەنى ناسارالارغا) بۇ ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىۋاتقانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغىمۇ قارىغىن
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ پەقەتلا ئەلچىدۇر. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئەلچىلەر ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايالدۇر. ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى. قارىغىنا، ئۇلارغا ئايەتلەرنى قانداق بايان قىلىۋاتىمىز. ئاندىن يەنە قارىغىنا، ئۇلار قانداق بۇرۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ.
5 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
لُعِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَلَىٰ لِسَانِ دَاوُودَ وَعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ ۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بەنى ئىسرائىلدىن كاپىر بولغانلارغا داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن (يەنى زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) لەنەت قىلىندى. بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىشى) ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرىدىن بولدى[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىكى كافىرلارغا (زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەت قىلىندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئىسرائىل ئەۋلادىدىن كافىر بولغانلار، داۋۇدنىڭ ۋە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەتلەندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقىدىن بولدى.
5 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ اذْكُرْ نِعْمَتِي عَلَيْكَ وَعَلَىٰ وَالِدَتِكَ إِذْ أَيَّدْتُكَ بِرُوحِ الْقُدُسِ تُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا ۖ وَإِذْ عَلَّمْتُكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ ۖ وَإِذْ تَخْلُقُ مِنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ بِإِذْنِي فَتَنْفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِي ۖ وَتُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ تُخْرِجُ الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ كَفَفْتُ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَنْكَ إِذْ جِئْتَهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن؛ ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە) بۆشۈكتە ۋە (پەيغەمبەر بولغان) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ. ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم. ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ ـ دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزنىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى. مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ. ئەينى زاماندا، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقىراتتىڭ. ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: «بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر» دېدى[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ ۋاقتىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن: شۇ چاغدا سېنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن قوللىغان ئىدىم، بۆشۈكتىكى چېغىڭدا ۋە ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرچە) سۆزلەيتتىڭ؛ شۇ چاغدا ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى بىلدۈرگەن ئىدىم. شۇ چاغدا مېنىڭ ئىرادەم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ، ئۇنى پۈۋلىسەڭ، ئۇ مېنىڭ ئىرادەم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى؛ سەن مېنىڭ ئىرادەم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ؛ شۇ چاغدا سەن مېنىڭ ئىرادەم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقىراتتىڭ؛ شۇ چاغدا مەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى ساڭا چېقىلىشتىن توسقان ئىدىم. سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چېغىڭدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كافىرلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! مېنىڭ ساڭا ۋە ئاناڭغا ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئەتكىن. سېنى روھۇلقۇدۇس بىلەن كۈچلەندۈرگەن ئىدىم. سەن ئىنسانلارغا بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش چېغىڭدىمۇ گەپ قىلاتتىڭ. ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتكەن ئىدىم. مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن لايدىن قۇش شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ ئىچىگە پۈۋلەيتتىڭ، ئۇ مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن قۇش بولاتتى. تۇغما كور ئادەمنى ۋە ئاقكېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەمنى مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن ساقايتاتتىڭ. مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن چىقىراتتىڭ. ئىسرائىل ئەۋلادىنى سەندىن توسقان ئىدىم، ئۇ چاغدا سەن ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدىڭ، ئۇلاردىن كافىر بولغانلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن ئىدى.
5 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَوْحَيْتُ إِلَى الْحَوَارِيِّينَ أَنْ آمِنُوا بِي وَبِرَسُولِي قَالُوا آمَنَّا وَاشْهَدْ بِأَنَّنَا مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز» دېدى[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ چاغدا مەن ھاۋارىيلارغا(سەن ئارقىلىق) : «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھيى چۈشۈرگەن ئىدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، سەن بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزغا گۇۋاھ بولغىن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ ئەلچىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلغان ئىدىم. ئۇلار: «ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز مۇسۇلمانمىز» دېگەن ئىدى.
5 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ هَلْ يَسْتَطِيعُ رَبُّكَ أَنْ يُنَزِّلَ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ ۖ قَالَ اتَّقُوا اللَّهَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېدى. ئىيسا: «ئەگەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنسەڭلار (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېدى[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ چاغدا ھاۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئاسماندىن تاماق بار بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى. ئىيسا: «ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى، ئىيسا: «مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دېدى.
5 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا نُرِيدُ أَنْ نَأْكُلَ مِنْهَا وَتَطْمَئِنَّ قُلُوبُنَا وَنَعْلَمَ أَنْ قَدْ صَدَقْتَنَا وَنَكُونَ عَلَيْهَا مِنَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، كۆڭلىمىزنىڭ تىنچلىنىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى بىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا (يەنى داستىخانغا) گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، (بۇ ئارقىلىق) كۆڭلىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ۋە شۇ داستىخاننىڭ چۈشكەنلىكىگە گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى خالايمىز» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، قەلبلىرىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سېنىڭ بىزگە راست سۆزلىگەنلىكىڭنى بىلىشنى ۋە شاھىتلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى.
5 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا أَنْزِلْ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ تَكُونُ لَنَا عِيدًا لِأَوَّلِنَا وَآخِرِنَا وَآيَةً مِنْكَ ۖ وَارْزُقْنَا وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرگىن، بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە (قۇدرىتىڭنى ۋە پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن» دېدى[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە تائام بار بىر داستىخان چۈشۈرگىنكى، بۇ كۈن بىزگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەن بىزگە ئاتا قىلغان بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئېيتتى: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرۈپ بەرگىنكى، بىز ئۈچۈن، ئاۋۋىلىمىز ۋە ئاخىرىمىز ئۈچۈن بايرام، سەندىن بىر ئايەت بولسۇن34. بىزگە رىزىق بەرگىن. سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».
5 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ أَأَنْتَ قُلْتَ لِلنَّاسِ اتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَٰهَيْنِ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ قَالَ سُبْحَانَكَ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أَقُولَ مَا لَيْسَ لِي بِحَقٍّ ۚ إِنْ كُنْتُ قُلْتُهُ فَقَدْ عَلِمْتَهُ ۚ تَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِي وَلَا أَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِكَ ۚ إِنَّكَ أَنْتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟» ئىيسا ئېيتتى: «(رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن. ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن (يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق). سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېگەنمىدىڭ؟» ئىيسا ئېيتىدۇ: «(ئى رەببىم!) سېنىڭ شەنىڭگە لايىق ئەمەس سۈپەتلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، مەن ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن، ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلەتتىىڭ. سەن مېنىڭ دىلىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىلمىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلگۈچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار» دېدىڭمۇ؟ ئىيسا ئېيتىدۇ: «ياق! مەن سېنى پاك دەپ بىلىمەن. مەن ئۈچۈن توغرا بولمىغان سۆزنى ئېيتىشقا ھەددىم ئەمەس. ئەگەر ئۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىچىڭدىكىنى بىلمەيمەن. شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىسەن.
5 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
مَا قُلْتُ لَهُمْ إِلَّا مَا أَمَرْتَنِي بِهِ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ ۚ وَكُنْتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَا دُمْتُ فِيهِمْ ۖ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنْتَ أَنْتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنْتَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان: <مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار> دېگەن سۆزنىلا ئېيتقان ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى ئېلىپ كەتكىنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ. سەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: ‹مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار›. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتكۈچى پەقەتلا سەن ئىدىڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن.
ئەنئام سۈرىسى
14 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ لِأَبِيهِ آزَرَ أَتَتَّخِذُ أَصْنَامًا آلِهَةً ۖ إِنِّي أَرَاكَ وَقَوْمَكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئۆز ئاتىسى ئازەرگە: «(سەن ئۆزۈڭنى ياراتقان ئاللاھنى قويۇپ) بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا كۆرۈمەن» دېدى[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە: «سەن بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا دەپ قارايمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە: «بۇتلارنى ئىلاھلار قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئاشكارا ئازغۇنلۇقتا دەپ قارايمەن» دېدى.
6 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ نُرِي إِبْرَاهِيمَ مَلَكُوتَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلِيَكُونَ مِنَ الْمُوقِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمنىڭ (تەۋھىد بارىسىدا) قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، (ئۇنىڭغا ئاتىسى بىلەن قەۋمنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسەتكىنىمىزدەك) بىز ئىبراھىمغا ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ئاجايىپلىرىنى كۆرسەتتۇق[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك ئىبراھىمنىڭ قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بىز ئۇنىڭغا ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىنى كۆرسەتتۇق
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك بىز ئىبراھىمغا قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ باشقۇرۇلۇشىنى كۆرسىتەتتۇق.
6 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَنَّ عَلَيْهِ اللَّيْلُ رَأَىٰ كَوْكَبًا ۖ قَالَ هَٰذَا رَبِّي ۖ فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَا أُحِبُّ الْآفِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ (قەۋمىنىڭ سۆزىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى (يەنى يۇلتۇزلارغا ئىبادەت قىلىشنى) ياقتۇرمايمەن» دېدى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياقتۇرمايمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋېدى: «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن» دېدى.
6 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَأَى الْقَمَرَ بَازِغًا قَالَ هَٰذَا رَبِّي ۖ فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَئِنْ لَمْ يَهْدِنِي رَبِّي لَأَكُونَنَّ مِنَ الْقَوْمِ الضَّالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولىدىكەنمەن» دېدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاينىڭ چىققانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولۇپ قالىدىكەنمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن چىقىۋاتقان ئاينى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. ئۇمۇ پېتىپ كېتىۋېدى: «رەببىم ماڭا توغرا يولنى كۆرسەتمىسە، مەن چوقۇم ئېزىپ كەتكۈچى قەۋمدىن بولۇپ كېتىمەن» دېدى.
6 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَأَى الشَّمْسَ بَازِغَةً قَالَ هَٰذَا رَبِّي هَٰذَا أَكْبَرُ ۖ فَلَمَّا أَفَلَتْ قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي بَرِيءٌ مِمَّا تُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ ھەممىدىن (يەنى يۇلتۇز بىلەن ئايدىن) چوڭدۇر» دېدى. قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئادا ـ جۇدامەن[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ ھەممىدىن چوڭ ئىكەن» دېدى؛ قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئۈزۈل-كېسىل يىراقمەن
ئەنەس ئالىم: ئاندىن چىقىۋاتقان قۇياشنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر. بۇ تېخىمۇ چوڭدۇر!» دېدى. ئۇمۇ پېتىپ كېتىۋېدى، مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا -جۇدامەن.
6 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ حَنِيفًا ۖ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن، باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن باتىل دىنلاردىن يىراق بولۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مەن يۈزۈمنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، ھەقكە يۆنەلدىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن».
6 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَاجَّهُ قَوْمُهُ ۚ قَالَ أَتُحَاجُّونِّي فِي اللَّهِ وَقَدْ هَدَانِ ۚ وَلَا أَخَافُ مَا تُشْرِكُونَ بِهِ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ رَبِّي شَيْئًا ۗ وَسِعَ رَبِّي كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا ۗ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، مەن بىلەن ئاللاھ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن، پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭلا خالىغان نەرسىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، (مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ماڭا ھېچبىر زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى) ئويلىمامسىلەر؟[80]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، سىلەر مەن بىلەن ئاللاھ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەلەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن؛ پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىرادە قىلغىنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇنى ئويلىمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن دەتالاش قىلىشتى. ئىبراھىم دېدىكى: «سىلەر مەن بىلەن ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشامسىلەر؟ ئۇ مېنى ھىدايەت قىلغان تۇرسا. مەن سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك قىلغان نەرسىلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. لېكىن رەببىمنىڭ بىرەر نەرسە خالىشىدىن قورقىمەن8. رەببىمنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئويلىمامسىلەر؟9.
6 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَيْفَ أَخَافُ مَا أَشْرَكْتُمْ وَلَا تَخَافُونَ أَنَّكُمْ أَشْرَكْتُمْ بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ عَلَيْكُمْ سُلْطَانًا ۚ فَأَيُّ الْفَرِيقَيْنِ أَحَقُّ بِالْأَمْنِ ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇش ھەققىدە ئاللاھ سىلەرگە ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن قورقمايۋاتساڭلار، سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن مەن قانداقمۇ قورقاتتىم! ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ئېيتىڭلارچۇ)، بىز بۇ ئىككى گۇرۇھ ئادەمدىن زادى قايسىمىز قورقماسلىققا ئەڭ تېگىشلىك؟»[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىش ھەققىدە ئاللاھ سىلەرگە ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن ئەھۋالدا، سىلەر بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتىن قورقمايۋاتساڭلار، سىلەرنىڭ شېرىك قىلىۋالغان بۇتلىرىڭلاردىن مەن قانداقمۇ قورقاتتىم! ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ئېيتىڭلارچۇ)، بىز بۇ ئىككى گۇرۇھ ئادەمدىن زادى قايسىمىز (قىيامەتنىڭ ئازابىدىن) ئەڭ خاتىرجەم بولۇشقا تېگىشلىك؟»
ئەنەس ئالىم: مەن قانداقمۇ سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن قورقاتتىم! ھالبۇكى، سىلەر ئاللاھ ئۆزىنىڭ شېرىكى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشتىن قورقمايۋاتىسىلەر. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ قايسىسى خاتىرجەم بولۇشقا ئەڭ ھەقلىق؟ ئەگەر بىلسەڭلار دەپ بېقىڭلار».
6 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَتِلْكَ حُجَّتُنَا آتَيْنَاهَا إِبْرَاهِيمَ عَلَىٰ قَوْمِهِ ۚ نَرْفَعُ دَرَجَاتٍ مَنْ نَشَاءُ ۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز قەۋمىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىبراھىمغا بەرگەن دەلىلىمىز ئەنە شۇدۇر، خالىغان كىشىمىزنى بىر قانچە دەرىجە كۆتۈرىمىز، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز قەۋمىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىبراھىمغا بەرگەن دەلىلىمىز ئەنە شۇدۇر. بىز خالىغان كىشىنى بىر قانچە دەرىجە كۆتۈرىمىز، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ بىزنىڭ دەلىلىمىزدۇر. بىز ئۇنى ئىبراھىمغا قەۋمىگە قارشى بەردۇق. بىز ئۆزىمىز خالىغان كىشىنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
6 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۚ كُلًّا هَدَيْنَا ۚ وَنُوحًا هَدَيْنَا مِنْ قَبْلُ ۖ وَمِنْ ذُرِّيَّتِهِ دَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ وَأَيُّوبَ وَيُوسُفَ وَمُوسَىٰ وَهَارُونَ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. (ئىبراھىمدىن) ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلدۇق. ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلايمان، ئەييۇب، يۈسۈف، مۇسا، ھارۇنلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى بەخش ئەتتۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. بىز ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلغان، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۈسۈف، مۇسا، ھارۇنلارنى ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ھەممىسىنى ھىدايەت قىلدۇق. بىز ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. بىز ئۇنىڭ نەسلىدىن داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا ۋە ھارۇنلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
6 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَزَكَرِيَّا وَيَحْيَىٰ وَعِيسَىٰ وَإِلْيَاسَ ۖ كُلٌّ مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياس قاتارلىقلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر
ئەنەس ئالىم: بىز زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ھەممىسى ياخشىلاردىن ئىدى.
6 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِسْمَاعِيلَ وَالْيَسَعَ وَيُونُسَ وَلُوطًا ۚ وَكُلًّا فَضَّلْنَا عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىسمائىل، ئىليەسە، يۇنۇس ۋە لۇتلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنى (ئۆز زامانىدىكى) تامامى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسمائىل، ئەليەسەئ، يۇنۇس ۋە لۇتلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسمائىل، ئەليەسەئـ، يۇنۇس ۋە لۇتلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ھەربىرىنى زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق.
6 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ تَمَامًا عَلَى الَّذِي أَحْسَنَ وَتَفْصِيلًا لِكُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لَعَلَّهُمْ بِلِقَاءِ رَبِّهِمْ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدىغان نېمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ دىنىي ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولغان) ھەر بىر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) ئاتا قىلدۇق[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدىغان نېمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان) ھەربىر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، (ئۇلارنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ياخشىلىق قىلغان كىشىگە نېمەتنى تاماملاش، ھەر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، توغرا يولنى كۆرسىتىش ۋە مەرھەمەت قىلىش ئۈچۈن مۇساغا كىتابنى ئاتا قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇلارنى رەببىگە مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ قىلدۇق.
6 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّنِي هَدَانِي رَبِّي إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ دِينًا قِيَمًا مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۚ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يەنى توغرا دىنغا، باتىل دىنلاردىن توغرا دىنغا بۇرالغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا باشلىدى، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»[161].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا، يەنى توغرا دىنغا - توغرا دىنغا ماڭغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا باشلىدى، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم مېنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلىدى، يەنى رەببىم مېنى توغرا دىنغا، ھەقكە يۆنەلگەن ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئېرىشتۈردى».
ئەئراف سۈرىسى
101 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ خَلَقْنَاكُمْ ثُمَّ صَوَّرْنَاكُمْ ثُمَّ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ لَمْ يَكُنْ مِنَ السَّاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «سىلەر ئادەمگە (ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «سىلەر ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئۇلار سەجدە قىلدى. پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلمىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن كېيىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق. ئاندىن كېيىن پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى. ئىبلىس مۇستەسنا، ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى.
7 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مَا مَنَعَكَ أَلَّا تَسْجُدَ إِذْ أَمَرْتُكَ ۖ قَالَ أَنَا خَيْرٌ مِنْهُ خَلَقْتَنِي مِنْ نَارٍ وَخَلَقْتَهُ مِنْ طِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىبلىسقا): ‹‹سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: ‹‹مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىبلىسقا): «مەن سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا، سەن نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى، مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ساڭا نېمە توسالغۇ بولدى، ساڭا ئەمر قىلغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى.
7 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَاهْبِطْ مِنْهَا فَمَا يَكُونُ لَكَ أَنْ تَتَكَبَّرَ فِيهَا فَاخْرُجْ إِنَّكَ مِنَ الصَّاغِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇ يەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردە ئۆزەڭنى چوڭ تۇتۇشۇڭغا بولمايدۇ، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەردىنسەن» [13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇيەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردىن ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشقا ھەققىڭ يوق، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەرنىڭ بىرىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئۇ يەردىن چۈشۈپ كەت! سېنىڭ ئۇ يەردە چوڭچىلىق قىلىدىغان ھەققىڭ يوق. چىق، سەن چوقۇم خار بولغۇچىلاردىنسەن» دېدى.
7 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا آدَمُ اسْكُنْ أَنْتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ فَكُلَا مِنْ حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَٰذِهِ الشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ‹‹ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ بىلەن ئىككىڭلار بىللە جەننەتتە تۇرۇڭلار، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، (ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭلار) زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر» [19].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ بىلەن بىللە جەننەتتە تۇرغىن، (ئىككىڭلار) جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار؛ بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئۇۋالچىلىق تېپىۋالىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: «ئى ئادەم! سەن جۈپتىڭ بىلەن بىللە جەننەتكە يەرلەشكىن. ئىككىڭلار ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار. لېكىن شۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، بولمىسا زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر».
7 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَسْوَسَ لَهُمَا الشَّيْطَانُ لِيُبْدِيَ لَهُمَا مَا وُورِيَ عَنْهُمَا مِنْ سَوْآتِهِمَا وَقَالَ مَا نَهَاكُمَا رَبُّكُمَا عَنْ هَٰذِهِ الشَّجَرَةِ إِلَّا أَنْ تَكُونَا مَلَكَيْنِ أَوْ تَكُونَا مِنَ الْخَالِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلدى، شەيتان ئېيتتى: ‹‹پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر››[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن، شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن شەيتان ئۇ ئىككىسىگە ۋەسۋەسە قىلدى، مەقسىتى ئۇلارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى ئۇلارغا ئاشكارىلاش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «رەببىڭلار ئىككىڭلارغا بۇ دەرەخنى پەقەت ئىككى پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى مەڭگۈ ياشىغۇچىلاردىن بولۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈنلا چەكلىدى».
7 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَاسَمَهُمَا إِنِّي لَكُمَا لَمِنَ النَّاصِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك ئۇلارغا: ‹‹مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن›› دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەمدە ئۇلارغا: «مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى
ئەنەس ئالىم: ھەمدە ئۇلارغا: «مەن ئىككىڭلارغا ھەقىقەتەن كۆيۈنگۈچىلەردىنمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى.
7 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
فَدَلَّاهُمَا بِغُرُورٍ ۚ فَلَمَّا ذَاقَا الشَّجَرَةَ بَدَتْ لَهُمَا سَوْآتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِنْ وَرَقِ الْجَنَّةِ ۖ وَنَادَاهُمَا رَبُّهُمَا أَلَمْ أَنْهَكُمَا عَنْ تِلْكُمَا الشَّجَرَةِ وَأَقُلْ لَكُمَا إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمَا عَدُوٌّ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن تۆۋەن مەرتىۋىگە) چۈشۈردى. دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى (ئۇلارغا كايىپ): «مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنى (يەنى مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر، دېمىگەنمىدىم؟›› دەپ نىدا قىلدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن) چۈشۈرۈۋەتتى. ئۇلار دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندە ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى (ئۇلارغا): «مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ (مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر دېمىگەنمىدىم؟» دەپ نىدا قىلدى
ئەنەس ئالىم: شەيتان شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى ئالداپ تۆۋەنگە چۈشۈردى. ئىككىسى ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى تېتىغان ھامان ئۇياتلىق يەرلىرى ئۆزلىرىگە ئاشكارا بولدى، ئىككىسى ئۈستىلىرىگە جەننەتنىڭ ياپراقلىرىدىن قاتمۇقات چاپلاشقا باشلىدى، رەببى ئۇلارغا: «مەن ئىككىڭلارغا بۇ دەرەخنى چەكلىمىگەنمۇ ۋە ئىككىڭلارغا، شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر دېمىگەنمۇ؟» دەپ نىدا قىلدى.
7 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَا رَبَّنَا ظَلَمْنَا أَنْفُسَنَا وَإِنْ لَمْ تَغْفِرْ لَنَا وَتَرْحَمْنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز›› دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئىككىسى: «رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە بىزگە مەرھەمەت قىلمىساڭ، بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز» دېدى.
7 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: ‹‹سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر››[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «چۈشۈڭلار. بەزىڭلارنىڭ دۈشمىنى بولىدىلەر. سىلەر ئۈچۈن زېمىندا قارارگاھ ۋە بىر مۇددەتكىچە مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار.
7 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِي آدَمَ لَا يَفْتِنَنَّكُمُ الشَّيْطَانُ كَمَا أَخْرَجَ أَبَوَيْكُمْ مِنَ الْجَنَّةِ يَنْزِعُ عَنْهُمَا لِبَاسَهُمَا لِيُرِيَهُمَا سَوْآتِهِمَا ۗ إِنَّهُ يَرَاكُمْ هُوَ وَقَبِيلُهُ مِنْ حَيْثُ لَا تَرَوْنَهُمْ ۗ إِنَّا جَعَلْنَا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ لِلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا ـ ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالغۇزۇۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا ـ ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرۋەتمىسۇن. شەيتان ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى ئادەم ئەۋلادى! شەيتان ئاتا - ئاناڭلارنىڭ7 ئەۋرەت يەرلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئالدىمىسۇن، چۈنكى شەيتان ۋە ئۇنىڭ قەبىلىسى سىلەر ئۇلارنى كۆرمەيدىغان يەردىن سىلەرنى كۆرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ۋەلىيلىرى قىلدۇق8.
7 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: شەك - شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: ‹‹ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن›› دېدى[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك-شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقتۇر، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوق، مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقىۋاتىمەن».
7 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِهِ إِنَّا لَنَرَاكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: قەۋمىنىڭ چوڭلىرى: ‹‹بىز سېنى ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا كۆرۈمىز›› دېدى[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەۋمىنىڭ چوڭلىرى: «بىز ھەقىقەتەن سېنى روشەن گۇمراھلىقتا دەپ قارايمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: نۇھنىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.
7 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ لَيْسَ بِي ضَلَالَةٌ وَلَٰكِنِّي رَسُولٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: ‹‹ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن
ئەنەس ئالىم: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەندە ھېچقانداق ئازغۇنلۇق يوق. لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن.
7 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
أُبَلِّغُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَأَنْصَحُ لَكُمْ وَأَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن ئاللاھنىڭ ۋەھىي قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن[62]
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن ئاللاھنىڭ ۋەھيى قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىۋاتىمەن ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن.
7 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَعَجِبْتُمْ أَنْ جَاءَكُمْ ذِكْرٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَلَىٰ رَجُلٍ مِنْكُمْ لِيُنْذِرَكُمْ وَلِتَتَّقُوا وَلَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۇفرىدىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھىيسى كېلىشىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟››[63]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۇفردىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسى كەلگەنلىكىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، يامانلىقتىن ساقلىنىشىڭلار ۋە رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاراڭلاردىن بىر كىشى ئارقىلىق سىلەرگە رەببىڭلاردىن زىكىر كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟».
7 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَأَنْجَيْنَاهُ وَالَّذِينَ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ وَأَغْرَقْنَا الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا عَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلدى، نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ھەقنى كۆرۈشتىن دىللىرى) كور قەۋم ئىدى[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار نۇھنى يالغانچى، دېدى. بىز نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (دىللىرى) كور قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نۇھنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرنى غەرق قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار كور قەۋم ئىدى.
7 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ عَادٍ أَخَاهُمْ هُودًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۚ أَفَلَا تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاد (قەۋمى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد: ‹‹ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. (ئۇنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟›› دېدى[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ھۇد: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. سىلەر (ئۇنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئاد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر، ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا تەقۋادار بولمامسىلەر؟» دېدى.
7 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ إِنَّا لَنَرَاكَ فِي سَفَاهَةٍ وَإِنَّا لَنَظُنُّكَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغان چوڭلىرى: ‹‹بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەق ھېسابلايمىز، بىز سېنى، ئەلۋەتتە، (پەيغەمبەرلىك دەۋايىڭدا) يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمىز›› دېدى[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغان چوڭلىرى: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەق ھېسابلايمىز، بىز سېنى ئەلۋەتتە يالغانچىلاردىن دەپ قارايمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەقلىق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمىز، ھەمدە سېنى يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىۋاتىمىز» دېدى.
7 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ لَيْسَ بِي سَفَاهَةٌ وَلَٰكِنِّي رَسُولٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھۇد ئېيتتى: ‹‹ئى قەۋمىم! مەن ئەخمەق ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھۇد ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ئەخمەق ئەمەس، بەلكى مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن
ئەنەس ئالىم: ھۇد ئېيتتى: «قەۋمىم! مەندە ھېچقانداق ئەخمەقلىق يوق. لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن.
7 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
أُبَلِّغُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَأَنَا لَكُمْ نَاصِحٌ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، مەن سىلەرگە ئىشەنچىلىك نەسىھەتچىمەن[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىمەن، مەن سىلەرگە ئىشەنچىلىك نەسىھەتچىمەن
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىمەن. مەن سىلەرگە ئىشەنچلىك نەسىھەتچىمەن.
7 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَعَجِبْتُمْ أَنْ جَاءَكُمْ ذِكْرٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَلَىٰ رَجُلٍ مِنْكُمْ لِيُنْذِرَكُمْ ۚ وَاذْكُرُوا إِذْ جَعَلَكُمْ خُلَفَاءَ مِنْ بَعْدِ قَوْمِ نُوحٍ وَزَادَكُمْ فِي الْخَلْقِ بَسْطَةً ۖ فَاذْكُرُوا آلَاءَ اللَّهِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھىيسى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىچىڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟›› ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغانلىقىنى، ۋۇجۇدۇڭلارنى قامەتلىك، بەستلىك قىلغانلىقىنى ياد ئېتىڭلار، سىلەر بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسىنىڭ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىچىڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق كەلگەنلىكىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟» ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورنىدا ياشايدىغان قىلغانلىقىنى، سىلەرنى قامەتلىك قىلغانلىقىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. سىلەر بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاراڭلاردىن بىر كىشى ئارقىلىق سىلەرگە رەببىڭلاردىن زىكىر16 كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ ياد ئېتىڭلاركى، ئۇ رەببىڭلار سىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمىدىن كېيىن ئورۇنباسارلار قىلدى، سىلەرنى يارىتىلىشتا تېخىمۇ بەستلىك قىلدى. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر».
7 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَجِئْتَنَا لِنَعْبُدَ اللَّهَ وَحْدَهُ وَنَذَرَ مَا كَانَ يَعْبُدُ آبَاؤُنَا ۖ فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: ‹‹(ئى ھۇد!) ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەبۇدلارنى تاشلاپ، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشىمىزغا دەۋەت قىلغىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرگىن›› دېدى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «(ئى ھۇد!) بىزنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەبۇدلارنى تاشلاپ، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر ئېيتقانلىرىڭ راست بولسا، سەن بىزگە ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باققىنا قېنى؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سەن بىزگە يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشىمىز ۋە ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن مەبۇدلارنى تەرك ئېتىشىمىز ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، سەن بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان ئازابنى ھازىرلا بېشىمىزغا كەلتۈرۈپ باققىن» دېدى.
7 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ قَدْ وَقَعَ عَلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ رِجْسٌ وَغَضَبٌ ۖ أَتُجَادِلُونَنِي فِي أَسْمَاءٍ سَمَّيْتُمُوهَا أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ مَا نَزَّلَ اللَّهُ بِهَا مِنْ سُلْطَانٍ ۚ فَانْتَظِرُوا إِنِّي مَعَكُمْ مِنَ الْمُنْتَظِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھۇد: ‹‹سىلەرگە چوقۇم پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئازابى ۋە غەزىپى نازىل بولىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئات قويۇۋالغان، بۇ ھەقتە (ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل نازىل قىلمىغان (بۇتلارنىڭ) ئىسىملىرى ئۈستىدە مەن بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ كۈتۈڭلار مەنمۇ ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىرلىكتە (سىلەرگە نازىل بولىدىغان ئازابنى) كۈتىمەن›› دېدى[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھۇد: «سىلەرگە چوقۇم پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئازابى ۋە غەزىپى چۈشىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار نام قويۇۋالغان، (ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن (ئاشۇ بۇتلارنىڭ) ئىسىملىرى ئۈستىدە مەن بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ (ئاللاھنىڭ ئازابىنى) كۈتۈڭلار، مەنمۇ ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىرلىكتە (سىلەرگە چۈشىدىغان ئازابنى) كۈتىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ھۇد: «سىلەرگە چوقۇم رەببىڭلار تەرىپىدىن پاسكىنىلىق ۋە غەزەپ چۈشىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭلار ئاتىۋالغان ئىسىملار توغرىسىدا مەن بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ئاللاھ ئۇ ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن. كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتكۈچىلەردىنمەن» دېدى.
7 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَنْجَيْنَاهُ وَالَّذِينَ مَعَهُ بِرَحْمَةٍ مِنَّا وَقَطَعْنَا دَابِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۖ وَمَا كَانُوا مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى (يەنى مۆمىنلەرنى) رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ئىمان ئېيتمىغان ئىدى[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى (يەنى مۆمىنلەرنى) رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدۇق. ئۇلار ئىمان ئېيتمىغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە مۇئمىن بولمىغان كىشىلەرنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتتۇق.
7 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَالِحًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ قَدْ جَاءَتْكُمْ بَيِّنَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ هَٰذِهِ نَاقَةُ اللَّهِ لَكُمْ آيَةً ۖ فَذَرُوهَا تَأْكُلْ فِي أَرْضِ اللَّهِ ۖ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق). ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى. مانا بۇ ـ ئاللاھ (بىۋاسىتە) ياراتقان چىشى تۆگىمۇ سىلەرگە مېنىڭ مۆجىزەمدۇر. ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارىي ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەڭلار. بولمىسا سىلەرنى قاتتىق ئازاب ھالاك قىلىدۇ[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى. مانا بۇ ئاللاھنىڭ تاشتىن چىقارغان ھىنگان تۆگىسىمۇ سىلەر ئۈچۈن بىر مۆجىزىدۇر، ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارىي ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى قاتتىق ئازاب ھالاك قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز سەمۇد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل كەلدى: ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ چىشى تۆگىسى، سىلەر ئۈچۈن ئايەت. ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، ئاللاھنىڭ زېمىنىدا يېسۇن. ئۇنىڭغا ھېچ يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىسىلەر.
7 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرُوا إِذْ جَعَلَكُمْ خُلَفَاءَ مِنْ بَعْدِ عَادٍ وَبَوَّأَكُمْ فِي الْأَرْضِ تَتَّخِذُونَ مِنْ سُهُولِهَا قُصُورًا وَتَنْحِتُونَ الْجِبَالَ بُيُوتًا ۖ فَاذْكُرُوا آلَاءَ اللَّهِ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدى، سىلەرنى (ھىجر) زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇنىڭ تۈزلەڭلىرىگە ئىمارەتلەر سالدىڭلار، تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەر ياسىدىڭلار. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېدى[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ (ھىجر) زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى، ئۇنىڭ تۈزلەڭلىرىگە ئىمارەتلەر سالغان ئىدىڭلار، تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەرنى ياسىغان ئىدىڭلار. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئورۇنباسارلار قىلدى، سىلەرنى بۇ زېمىنغا يەرلەشتۈردى. سىلەر ئۇنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىگە سارايلار سالىسىلەر. تاغلىرىنى يونۇپ ئۆيلەر ياسايسىلەر. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار ۋە بۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار».
7 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا مِنْ قَوْمِهِ لِلَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِمَنْ آمَنَ مِنْهُمْ أَتَعْلَمُونَ أَنَّ صَالِحًا مُرْسَلٌ مِنْ رَبِّهِ ۚ قَالُوا إِنَّا بِمَا أُرْسِلَ بِهِ مُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ تەكەببۇر چوڭلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ھاكاۋۇر كاتتىباشلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا - ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: قەۋمىنىڭ تەكەببۇر چوڭلىرى، بوزەك قىلىنغانلارغا يەنى ئۆز ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە: «سىلەر سالىھنىڭ راستتىنلا رەببى تەرىپىدىن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «ئەلۋەتتە، بىز ئۇنىڭ ئەلچىلىكىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەرمىز» دېدى.
7 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا بِالَّذِي آمَنْتُمْ بِهِ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھېلىقى تەكەببۇرلار: «سىلەر ئىشەنگەنگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېلىقى ھاكاۋۇرلار: «سىلەر ئىشەنگەنگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھاكاۋۇرلار: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەر ئىشەنگەن نەرسىنى ئىنكار قىلغۇچى كىشىلەرمىز» دېدى،
7 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَقَرُوا النَّاقَةَ وَعَتَوْا عَنْ أَمْرِ رَبِّهِمْ وَقَالُوا يَا صَالِحُ ائْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشتىن باش تارتتى ۋە ئى سالىھ «راستتىنلا پەيغەمبەرلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق» دېدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھېلىقى ھىنگان تۆگىنى بوغۇزلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشتىن باش تارتتى ۋە: «ئى سالىھ! پەيغەمبەرلىكىڭ راست بولسا، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلار ئۇ چىشى تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى، رەببىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتتى ۋە: «ئى سالىھ! ئەگەر ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلەردىن بولساڭ، سەن بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان ئازابنى ھازىرلا بېشىمىزغا كەلتۈرۈپ باققىن» دېدى.
7 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا قاتتىق ئازاب يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى دەرھال ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.
7 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا قَوْمِ لَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ رِسَالَةَ رَبِّي وَنَصَحْتُ لَكُمْ وَلَٰكِنْ لَا تُحِبُّونَ النَّاصِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن) ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلدى ۋە: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمىدىڭلار» دېدى[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: سالىھ ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ پەرمانىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمىدىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: سالىھ بولسا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم ۋە سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم. لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيسىلەر!» دېدى.
7 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَلُوطًا إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ أَتَأْتُونَ الْفَاحِشَةَ مَا سَبَقَكُمْ بِهَا مِنْ أَحَدٍ مِنَ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لۇتنى (ئەھلى سەدومغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئۆز قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر شۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟ مۇنداق قەبىھ ئىشنى سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن ھېچقانداق ئادەم قىلمىغان ئىدى[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇتنى (سەدۇم قەۋمىگە) پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئۆز قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر شۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟ بۇنداق قەبىھ ئىشنى سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن باشقا ھېچقانداق ئادەم قىلمىغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز لۇتنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «سىلەردىن ئىلگىرى ئالەملەردىن ھېچكىم قىلمىغان قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟
7 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الرِّجَالَ شَهْوَةً مِنْ دُونِ النِّسَاءِ ۚ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ مُسْرِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ھەقىقەتەن ئاياللارنى تاشلاپ قويۇپ، ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرىسىلەر، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر»[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ھەقىقەتەن ئاياللارنى تاشلاپ قويۇپ، ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرۇۋاتىسىلەر، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر»
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئاياللىرىڭلارنى قويۇپ شەھۋەت ئۈچۈن ئەرلەرگە كېلىۋاتىسىلەر. دېمەك، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى.
7 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا أَخْرِجُوهُمْ مِنْ قَرْيَتِكُمْ ۖ إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: لۇتنىڭ قەۋمىنىڭ بىردىنبىر جاۋابى: «لۇتنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن قوشۇپ شەھىرىڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇتنىڭ قەۋمىنىڭ بىردىنبىر جاۋابى: «ئۇلارنى (يەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىئ9 شەھرىڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار (بىز قىلىۋاتقان ئىشنى پاسكىنا دەپ) ئۆزىنى پاك ھېسابلايدىغان كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى
ئەنەس ئالىم: قەۋمىنىڭ لۇتقا بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «ئۇلارنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا بەك ھېرىسمەن كىشىلەردۇر!17».
7 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَنْجَيْنَاهُ وَأَهْلَهُ إِلَّا امْرَأَتَهُ كَانَتْ مِنَ الْغَابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لۇتنى ئۇنىڭ خوتۇنىدىن باشقا، تەۋە كىشىلىرى بىلەن بىللە (ئۇنىڭ قەۋمىگە نازىل بولغان ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، پەقەت خوتۇنىلا (شەھەردە) قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولدى[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇتنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىللە (ئۇنىڭ قەۋمىگە چۈشكەن ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، پەقەت ئۇنىڭ خوتۇنىنىلا قۇتقۇزمىدۇق، ئۇ شەھەردە قىلىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى قۇتقۇزدۇق، ئايالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولدى.
7 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ مَطَرًا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىر تۈرلۈك يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق، گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىر تۈرلۈك يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق. گۇناھلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر تۈرلۈك يامغۇر ياغدۇردۇق. قارىغىنا، ئۇ گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
7 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ قَدْ جَاءَتْكُمْ بَيِّنَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ فَأَوْفُوا الْكَيْلَ وَالْمِيزَانَ وَلَا تَبْخَسُوا النَّاسَ أَشْيَاءَهُمْ وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەديەن (خەلقىگە) ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۇ (ئۆز قەۋمىگە) ئېيتتى: « ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەقىقەتەن (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) مۆجىزە كەلدى، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرىلاڭلار، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار. (ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، زېمىندا (گۇناھلار قىلىپ) بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئەنە شۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەديەن (خەلقى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ (ئۆز قەۋمىگە) ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەقىقەتەن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى. ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا ئىشلىتىڭلار، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار. (ئاللاھ پەيغەمبەر ئەۋەتىپ) زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئەگەر ئىشەنسەڭلار، شۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز مەديەن ئاھالىسىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل كەلدى: كەمچەننى ۋە مىزاننى تولۇق تۇتۇڭلار، ئىنسانلارغا نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار، ئاللاھ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن سىلەر ئۇنىڭدا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. ئەنە شۇلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار.
7 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقْعُدُوا بِكُلِّ صِرَاطٍ تُوعِدُونَ وَتَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ مَنْ آمَنَ بِهِ وَتَبْغُونَهَا عِوَجًا ۚ وَاذْكُرُوا إِذْ كُنْتُمْ قَلِيلًا فَكَثَّرَكُمْ ۖ وَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرىلىكىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار. ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ياد ئېتىڭلار، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراڭلار[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار. ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئېسىڭلاردا ئېتىڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار
ئەنەس ئالىم: ھەر يولدا ئولتۇرۇپ ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە تەھدىت سالماڭلار، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسماڭلار ۋە ئۇ يولنى ئەگرى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭلار. ئويلاپ بېقىڭلاركى، سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتكەن. قاراڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
7 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَانَ طَائِفَةٌ مِنْكُمْ آمَنُوا بِالَّذِي أُرْسِلْتُ بِهِ وَطَائِفَةٌ لَمْ يُؤْمِنُوا فَاصْبِرُوا حَتَّىٰ يَحْكُمَ اللَّهُ بَيْنَنَا ۚ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنگەن، يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارغىچە سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنگەن، يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارغۇچە سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ مېنىڭ ئەلچىلىكىمگە ئىشىنىپ يەنە بىر گۇرۇھ ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ ئارىمىزدا ھۆكۈم قىلغانغا قەدەر سەۋر قىلىڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».
7 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا مِنْ قَوْمِهِ لَنُخْرِجَنَّكَ يَا شُعَيْبُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَكَ مِنْ قَرْيَتِنَا أَوْ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَا ۚ قَالَ أَوَلَوْ كُنَّا كَارِهِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇئەيب قەۋمىنىڭ (ئىماندىن باش تارتقان) تەكەببۇر چوڭلىرى: «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ئەگەشكۈچىلىرىڭ (يەنى ساڭا ئىمان ئېيتقانلار) بىلەن قوشۇپ شەھىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز (بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى) يامان كۆرىدىغان تۇرساق (بىزنى يەنىلا شۇنىڭغا مەجبۇر قىلامسىلەر؟)» دېدى[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇئەيب قەۋمىنىڭ (ئىماندىن باش تارتقان) ھاكاۋۇر كاتتىباشلىرى: «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ساڭا ئىمان ئېيتقانلار بىلەن قوشۇپ شەھرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز ئۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان تۇرساق» دېدى
ئەنەس ئالىم: قەۋمىنىڭ ھاكاۋۇر چوڭلىرى: «ئى شۇئەيب! يا بىز سېنى ۋە سەن بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى چوقۇم يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىمىز ياكى سىلەر چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىسىلەر» دېدى. شۇئەيب مۇنداق دېدى: «بىز خالىمىساقمۇ شۇنداق قىلامسىلەر؟
7 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
قَدِ افْتَرَيْنَا عَلَى اللَّهِ كَذِبًا إِنْ عُدْنَا فِي مِلَّتِكُمْ بَعْدَ إِذْ نَجَّانَا اللَّهُ مِنْهَا ۚ وَمَا يَكُونُ لَنَا أَنْ نَعُودَ فِيهَا إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّنَا ۚ وَسِعَ رَبُّنَا كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا ۚ عَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْنَا ۚ رَبَّنَا افْتَحْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ قَوْمِنَا بِالْحَقِّ وَأَنْتَ خَيْرُ الْفَاتِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (شۇئەيب يەنە ئېيتتى) «ئاللاھ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىمىز. پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ خالىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاللاھقا تەۋۋەككۈل قىلدۇق (يەنى ھەممە ئىشىمىزنى ئاللاھقا تاپشۇرىمىز). پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن»[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: (شۇئەيب يەنى ئېيتتى) «ئاللاھ بىزنى دىنىڭلاردىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتقان بولىمىز. پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ خالىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھقا تەۋۋەككۈل قىلدۇق. ئى رەببىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن بىز يەنە ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىمىز. رەببىمىز ئاللاھ خالىمىغىچە ئۇنىڭغا قايتىشىمىز بىز ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ. رەببىمىزنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق. رەببىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىنى ھەق بىلەن ئايرىغىن18. سەن ئايرىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».
7 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ لَئِنِ اتَّبَعْتُمْ شُعَيْبًا إِنَّكُمْ إِذًا لَخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمانسىز چوڭلىرى: «ئەگەر سىلەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار، شۈبھىسىزكى، چوقۇم زىيان تارتىسىلەر» دېدى[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمانسىز كاتتىباشلىرى: «ئەگەر سىلەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار، شۈبھىسىزكى، چوقۇم زىيان تارتىسىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى: «ئەگەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار چوقۇم زىيان تارتىپ كېتىسىلەر» دېدى.
7 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا قاتتىق يەر تەۋرەشكە ئۇچراپ، ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى دەرھال ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.
7 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ كَذَّبُوا شُعَيْبًا كَأَنْ لَمْ يَغْنَوْا فِيهَا ۚ الَّذِينَ كَذَّبُوا شُعَيْبًا كَانُوا هُمُ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار (ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشى بىلەن) گويا بۇ يەردە تۇرمىغاندەك (يەنى ياشىمىغاندەك) بولۇپ قالدى. شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: (شۇنىڭ بىلەن) شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر ھالاك بولۇپ، گويا بۇ يەردە ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر، گويا يۇرتلىرىدا باياشاتچىلىق ئىچىدە ئۇزۇن ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ كەتتى.
7 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا قَوْمِ لَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَنَصَحْتُ لَكُمْ ۖ فَكَيْفَ آسَىٰ عَلَىٰ قَوْمٍ كَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇئەيب ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلىپ: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە مەن ھەقىقەتەن پەرۋەدىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم، مەن قانداقمۇ كاپىر قەۋمگە قايغۇراي!» دېدى[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇئەيب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە مەن، ئەلۋەتتە، پەرۋەدىگارىمنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم، مەن قانداقمۇ كافىر قەۋمگە قايغۇراي!» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇئەيب بولسا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىمنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزدۈم ۋە سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم. مەن كافىر قەۋمگە قانداقمۇ قايغۇراي؟» دېدى.
7 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ بَعَثْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَظَلَمُوا بِهَا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەزكۇز پەيغەمبەرلەردىن كېيىن، مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، (مىسىرنىڭ مۇسا زامانىدىكى پادىشاھى) پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق. ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەزكۇز پەيغەمبەرلەردىن كېيىن، مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. يامان ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراپ باققىن
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىن كېيىن مۇسانى فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە ئايەتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. لېكىن ئۇلار ئۇ ئايەتلىرىمىزگە زۇلۇم قىلدى. قارىغىنا، ئۇ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
7 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ يَا فِرْعَوْنُ إِنِّي رَسُولٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرمەن[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرمەن
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئېيتتى: «ئى فىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن.
7 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
حَقِيقٌ عَلَىٰ أَنْ لَا أَقُولَ عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ ۚ قَدْ جِئْتُكُمْ بِبَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ فَأَرْسِلْ مَعِيَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتتىن باشقىنى ئېيتماسلىققا لايىقمەن. راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن قويۇپ بەرگىن (مەن بىلەن بىللە ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ۋەتىنى مۇقەددەس زېمىنغا بارسۇن)»[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتنىلا ئېيتىشقا لايىقمەن، راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقنىلا سۆزلىشىم كېرەك. شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن».
7 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنْ كُنْتَ جِئْتَ بِآيَةٍ فَأْتِ بِهَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن (پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، (بۇ دەۋايىڭدا) راستچىللاردىن بولساڭ، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، سېنىڭ بۇ گېپىڭ راست بولسا، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «روشەن دەلىل ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، قېنى ئۇنى ئوتتۇرىغا قويغىن. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ» دېدى.
7 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَلْقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعْبَانٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ ناگاھان ئاشكارا بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ شۇ ھامان ئېنىق بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال ھاسىسىنى تاشلىدى. ئۇ بىردىنلا ھەقىقىي چوڭ يىلانغا ئايلاندى
7 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَزَعَ يَدَهُ فَإِذَا هِيَ بَيْضَاءُ لِلنَّاظِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قولىنى (قولتۇقىدىن) چىقىرىۋىدى، ئۇ ناگاھان قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولىنى (قوينىدىن) چىقىرىۋىدى، ئۇ شۇ ھامان قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان) ئاپپاق بولۇپ كۆرۈندى
ئەنەس ئالىم: ۋە قولىنى چىقاردى -دە، كۆرگۈچىلەرگە ئاپئاق كۆرۈندى.
7 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِ فِرْعَوْنَ إِنَّ هَٰذَا لَسَاحِرٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن قەۋمنىڭ چوڭلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن قەۋمنىڭ كاتتىباشلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن.
7 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُ أَنْ يُخْرِجَكُمْ مِنْ أَرْضِكُمْ ۖ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سىلەرنى زېمىنىڭلار (يەنى مىسىر زېمىنى) دىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»[110]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى. نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟»20.
7 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَرْجِهْ وَأَخَاهُ وَأَرْسِلْ فِي الْمَدَائِنِ حَاشِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ بىر پىكىرگە كەلگۈچە) تەخىر قىلغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغقۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئاكىسىغا بىر ئاز ۋاقىت بەرگىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتكىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنى ۋە قېرىندىشىنى نەزەربەند قىلغىن ۋە پۈتۈن شەھەرلەرگە ئادەم يىغىپ كەلگۈچىلەر ئەۋەتكىن.
7 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
يَأْتُوكَ بِكُلِّ سَاحِرٍ عَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن»[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن»
ئەنەس ئالىم: ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يېنىڭغا ئېلىپ كەلسۇن».
7 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَ السَّحَرَةُ فِرْعَوْنَ قَالُوا إِنَّ لَنَا لَأَجْرًا إِنْ كُنَّا نَحْنُ الْغَالِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (پىرئەۋن سېھىرگەرلىرىنى يىغىشقا ئادەملىرىنى ئەۋەتتى) سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: سېھىرگەرلەر فىرئەۋننىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئەگەر غالىب كەلگۈچىلەر بىز بولساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟» دېدى.
7 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ نَعَمْ وَإِنَّكُمْ لَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن: «ھەئە، (مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىم بولۇپ قالىسىلەر» دېدى[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن: «ھەئە، (ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىم بولۇپ قالىسىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «ئەلۋەتتە، ھەمدە چوقۇم يېقىنلىرىمدىن بولىسىلەر» دېدى.
7 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِمَّا أَنْ تُلْقِيَ وَإِمَّا أَنْ نَكُونَ نَحْنُ الْمُلْقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى سېھىرگەرلەر): «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن، ياكى بىز (ئۆزىمىزنىڭكىنى) ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» دېدى[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن، ياكى بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى مۇسا! ئاۋۋال سەن تاشلامسەن ياكى بىز تاشلامدۇق؟» دېدى.
7 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَلْقُوا ۖ فَلَمَّا أَلْقَوْا سَحَرُوا أَعْيُنَ النَّاسِ وَاسْتَرْهَبُوهُمْ وَجَاءُوا بِسِحْرٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى (يەنى كىشىلەرنى) قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى، ئۇلار (كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە) چوڭ (كۆرۈنىدىغان) سېھىرنى كۆرسەتتى[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى. ئۇلار ھەيۋەتلىك سېھىرنى كۆرسەتتى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار» دېدى. ئۇلار تاشلىغان ئىدى، ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى چۆچۈتۈۋەتتى ۋە چوڭ سېھىر كۆرسەتتى.
7 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَلْقِ عَصَاكَ ۖ فَإِذَا هِيَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن » دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسانىڭ ھاسىسى ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ساختا نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا «ھاساڭنى تاشلا» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسانىڭ تاشلىشى بىلەن ھاسا ئۇلارنىڭ ئويدۇرغان نەرسىلىرىنى بىردىنلا يالماپ يۇتۇۋەتتى.
7 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَقَعَ الْحَقُّ وَبَطَلَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەت ئاشكارا بولدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرى بەربات بولدى[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت ئاشكارا بولدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرى بەربات بولدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى بەربات بولدى.
7 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
فَغُلِبُوا هُنَالِكَ وَانْقَلَبُوا صَاغِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ يەردە ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمى) مەغلۇپ بولدى، خار بولغان ھالدا (شەھەرگە قايتتى)[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ يەردە پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمى مەغلۇپ بولۇپ، خار بولغان ھالدا قايتتى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن ۋە ئادەملىرى شۇ يەردە مەغلۇپ بولدى ۋە كىچىكلىگەن ھالدا قايتتى21.
7 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سَاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سېھىرگەرلەر سەجدىگە باردى[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر سەجدىگە باش قويدى
ئەنەس ئالىم: سېھىرگەرلەر بولسا، ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە كەتتى.
7 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا آمَنَّا بِرَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دېدى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق[121].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دېدى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىغا ئىمان ئېيتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق،
7 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا (ئىمان ئېيتتۇق)»[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق»
ئەنەس ئالىم: يەنى مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە!».
7 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فِرْعَوْنُ آمَنْتُمْ بِهِ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّ هَٰذَا لَمَكْرٌ مَكَرْتُمُوهُ فِي الْمَدِينَةِ لِتُخْرِجُوا مِنْهَا أَهْلَهَا ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەر (يەنى مىسىر) دىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلاردۇر. (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەردىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلار ئىكەن. سىلەر مېنىڭ (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلماستىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار. دېمەككى، بۇ سىلەر شەھەردە پىلانلىغان ھىيلىدۇر، شەھەردىن ئاھالىسىنى چىقىرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭلار. يېقىندا كۆرگۈلۈكىڭلارنى كۆرىسىلەر.
7 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
لَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ مِنْ خِلَافٍ ثُمَّ لَأُصَلِّبَنَّكُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول پۇتۇڭلار بىلەن ئوڭ قولۇڭلارنى) چوقۇم كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىمەن»[124].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارن ئوڭ ـ سول قىلىپ (ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى ئوڭ پۇتۇڭلار بىلەن سول قولۇڭلارنى) چوقۇم كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن»
ئەنەس ئالىم: چوقۇم قوللىرىڭلارنى ۋە پۇتلىرىڭلارنى چاپراس شەكىلدە كەستۈرىمەن. ئاندىن چوقۇم ھەممىڭلارنى دارغا ئاستۇرىمەن» دېدى.
7 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا إِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا مُنْقَلِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر ئېيتتى: «بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، بىز رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچى كىشىلەرمىز.
7 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تَنْقِمُ مِنَّا إِلَّا أَنْ آمَنَّا بِآيَاتِ رَبِّنَا لَمَّا جَاءَتْنَا ۚ رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَتَوَفَّنَا مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن بىزنى پەقەت پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن»[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىزنى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. ئى رەببىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ جېنىمىزنى مۇسۇلمان ھالىتىمىزدە ئالغىن»
ئەنەس ئالىم: سەن رەببىمىزنىڭ بىزگە كەلگەن ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىزگە نەپرەت قىلىۋاتىسەن. رەببىمىز! ئۈستىمىزگە سەۋر ياغدۇرغىن ۋە بىزنى مۇسۇلمانلار ھالىتىمىزدە ۋاپات قىلدۇرغىن».
7 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِ فِرْعَوْنَ أَتَذَرُ مُوسَىٰ وَقَوْمَهُ لِيُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَيَذَرَكَ وَآلِهَتَكَ ۚ قَالَ سَنُقَتِّلُ أَبْنَاءَهُمْ وَنَسْتَحْيِي نِسَاءَهُمْ وَإِنَّا فَوْقَهُمْ قَاهِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمنىدا پىتنە ـ پاسات تۇغدۇرۇشقا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلاشقا قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرىمىز، ئاياللىرىنى بولسا (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرۇپ قويىمىز، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ زېمىندا پىتنە ـ پاسات تۇغدۇرۇشىغا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلىشىغا يول قويامسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرىمىز، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرۇپ قويىمىز. بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر: «مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشلىرىغا، بولۇپمۇ مۇسانى، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلىۋېتىشىگە قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى22. فىرئەۋن: «بىز ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرگۈزىمىز، قىزلىرىنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلىشى ئۈچۈن تىرىك قالدۇرىمىز. ئەلۋەتتە بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈمران كىشىلەرمىز» دېدى.
7 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ اسْتَعِينُوا بِاللَّهِ وَاصْبِرُوا ۖ إِنَّ الْأَرْضَ لِلَّهِ يُورِثُهَا مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ئىگە قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار ۋە سەۋر قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، زېمىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە مىراس قىلىپ بېرىدۇ. ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارنىڭ بولىدۇ» دېدى.
7 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أُوذِينَا مِنْ قَبْلِ أَنْ تَأْتِيَنَا وَمِنْ بَعْدِ مَا جِئْتَنَا ۚ قَالَ عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَنْ يُهْلِكَ عَدُوَّكُمْ وَيَسْتَخْلِفَكُمْ فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرَ كَيْفَ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قېلىشى، (مىسىر) زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىشى، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇھەققەقتۇر» دېدى[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سەن بىزگە (پەيغەمبەر بولۇپ) كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلار دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىپ، مىسىر زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىپ، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇمكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بولسا: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ بىزگە ئەزىيەت قىلىندى» دېدى. مۇسا: «رەببىڭلار دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىشى ۋە سىلەرنى بۇ يەردە ئورۇنباسار قىلىشى، ئاندىن سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇمكىن» دېدى.
7 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَخَذْنَا آلَ فِرْعَوْنَ بِالسِّنِينَ وَنَقْصٍ مِنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز فىرئەۋن خانىدانىنى ئويلانسۇن دەپ ئۇلارنى يىللارچە قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك بىلەن جازالىدۇق.
7 : 131 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا جَاءَتْهُمُ الْحَسَنَةُ قَالُوا لَنَا هَٰذِهِ ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَطَّيَّرُوا بِمُوسَىٰ وَمَنْ مَعَهُ ۗ أَلَا إِنَّمَا طَائِرُهُمْ عِنْدَ اللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئەگەر (پاراۋانلىق ـ مولچىلىقتەك) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز، دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى»، دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق (مۇسانىڭ شۇملۇقىدىن ئەمەس) ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى (يەنى ئۇلارغا كەلگەن بالا ـ قازانىڭ ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى) ئۇقمايدۇ[131].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئەگەر بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز» دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى» دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر. لېكىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى بۇنى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە ياخشىلىق كەلگەن چاغدا: «بىزنىڭ تەلىيىمىزدىن كەلدى» دەيتتى. باشلىرىغا بىرەر يامانلىق يەتكەندە بولسا، «مۇسا ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى» دېيىشەتتى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ شۇملۇقى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ23.
7 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا مَهْمَا تَأْتِنَا بِهِ مِنْ آيَةٍ لِتَسْحَرَنَا بِهَا فَمَا نَحْنُ لَكَ بِمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى پىرئەۋن قەۋمى): «كۆزىمىزنى باغلاش ئۈچۈن ھەرقانداق مۆجىزە كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار (يەنى پىرئەۋن قەۋمى): «سەن بىزنىڭ كۆزىمىزنى باغلاش ئۈچۈن ھەرقانداق مۆجىزە كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇساغا: «بىزنى سېھىرلەش ئۈچۈن قانداق ئايەت كەلتۈرسەڭ كەلتۈرگىن، بىز ساڭا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېدى.
7 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ الطُّوفَانَ وَالْجَرَادَ وَالْقُمَّلَ وَالضَّفَادِعَ وَالدَّمَ آيَاتٍ مُفَصَّلَاتٍ فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا سۇ ئاپىتىنى، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان (بالالىرىنى) روشەن مۆجىزىلەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا) ئۇلارنىڭ گەدەنكەشلىكى يول قويمىدى، ئۇلار گۇناھكار قەۋم بولدى[133].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىز كەلكۈن، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان ئاپەتلىرىنى روشەن مۆجىزە قىلىپ ئەۋەتتۇق، (شۇنداقتىمۇ) ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، گۇناھكار قەۋمگە ئايلاندى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا سۇ تاشقىنىنى، چېكەتكىلەرنى، پىتلارنى، پاقىلارنى ۋە قاننى، ھەر بىرىنى ئايرىم مۆجىزە قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇلار يەنىلا چوڭچىلىق قىلدى ۋە گۇناھكار قەۋم بولدى.
7 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا وَقَعَ عَلَيْهِمُ الرِّجْزُ قَالُوا يَا مُوسَى ادْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِنْدَكَ ۖ لَئِنْ كَشَفْتَ عَنَّا الرِّجْزَ لَنُؤْمِنَنَّ لَكَ وَلَنُرْسِلَنَّ مَعَكَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بالا نازىل بولغاندا، ئۇلار: «ئى مۇسا! پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدى بىلەن (يەنى ساڭا بەرگەن پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى بىلەن بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشكە) دۇئا قىلساڭ، ئاللاھقا قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئاپەت كەلگەندە، ئۇلار: «ئى مۇسا! سەن پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدىسى بىلەن بىزدىن (ئاپەتنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تىلەپ) دۇئا قىلغىن. قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن ئاپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، بىز ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار، ئۈستىلىرىگە ئۇ پاسكىنىلىق چۈشكەندە: «ئى مۇسا! رەببىڭنىڭ ساڭا قىلغان ئەھدىسىگە ئاساسەن بىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىن. ئەگەر بىزدىن بۇ پاسكىنىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىشىنىمىز ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن كەتكىلى قويىمىز» دېدى.
7 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُمُ الرِّجْزَ إِلَىٰ أَجَلٍ هُمْ بَالِغُوهُ إِذَا هُمْ يَنْكُثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن بالانى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن ئەھدىلىرىنى بۇزدى[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئاپەتنى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن يۇقىرىقى ۋەدىسىنى بۇزدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئۇ پاسكىنىلىقنى ئۇلار تولدۇرىدىغان بىر مۇددەتنىڭ ئاخىرىغىچە كۆتۈرۈۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلار بىردىنلا سۆزلىرىدىن يېنىۋالدى.
7 : 136 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْتَقَمْنَا مِنْهُمْ فَأَغْرَقْنَاهُمْ فِي الْيَمِّ بِأَنَّهُمْ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا عَنْهَا غَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق[136].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلىكى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلدۇق! چۈنكى ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە ئۇلاردىن غاپىل بولغان.
7 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْرَثْنَا الْقَوْمَ الَّذِينَ كَانُوا يُسْتَضْعَفُونَ مَشَارِقَ الْأَرْضِ وَمَغَارِبَهَا الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا ۖ وَتَمَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ الْحُسْنَىٰ عَلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ بِمَا صَبَرُوا ۖ وَدَمَّرْنَا مَا كَانَ يَصْنَعُ فِرْعَوْنُ وَقَوْمُهُ وَمَا كَانُوا يَعْرِشُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان (شام) زېمىننىڭ شەرق تەرەپلىرىگە ۋە غەرب تەرەپلىرىگە (يەنى ھەممە تەرەپكە) ۋارىس قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغانلىرى (يەنى ئىمارەتلىرى) نى ۋە ياسىغانلىرى (يەنى باغلىرى ۋە ئېكىنزارلىقلىرى) نى ۋەيران قىلدۇق[137].
تەرجىمە ھەيئىتى: بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى ئىسرائى ئەۋلادىنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىن (شام) نىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىگە ئىگە قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغان ئىمارەتلىرىنى ۋە باراڭ قىلغان بىنالىرىنى ۋەيران قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بوزەك قىلىنغان قەۋمنى بولسا، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىننىڭ مەشرىقلىرىگە ۋە مەغرىبلىرىگە مىراسچى قىلدۇق. رەببىڭنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىغا بەرگەن گۈزەل سۆزى ئەمەلگە ئاشتى24، چۈنكى ئۇلار سەۋر قىلدى. بىز فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغان ئىمارەتلىرىنى ۋە ياسىغان باغباراڭلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق.
7 : 138 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاوَزْنَا بِبَنِي إِسْرَائِيلَ الْبَحْرَ فَأَتَوْا عَلَىٰ قَوْمٍ يَعْكُفُونَ عَلَىٰ أَصْنَامٍ لَهُمْ ۚ قَالُوا يَا مُوسَى اجْعَلْ لَنَا إِلَٰهًا كَمَا لَهُمْ آلِهَةٌ ۚ قَالَ إِنَّكُمْ قَوْمٌ تَجْهَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز (قۇلزۇم) دېڭىزىدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى[138].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! سەن بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئاندىن ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئوخشاش ئىلاھ قىلىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا ئېيتتى: «سىلەر ھەقىقەتەن جاھىللىق قىلىدىغان قەۋم ئىكەنسىلەر!
7 : 139 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰؤُلَاءِ مُتَبَّرٌ مَا هُمْ فِيهِ وَبَاطِلٌ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ باتىل دىنلىرى گۇمران بولغۇسىدۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر[139].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ باتىل دىنلىرى گۇمران بولغۇسىدۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئويدۇرما دىنى چوقۇم ھالاك قىلىنغۇچىدۇر، قىلىۋاتقان ئىشلىرى باتىلدۇر».
7 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَغَيْرَ اللَّهِ أَبْغِيكُمْ إِلَٰهًا وَهُوَ فَضَّلَكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «ئاللاھ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟» دېدى[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «ئاللاھ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىمەن؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟ ئاللاھ سىلەرنى زامانداشلىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلغان تۇرسا!».
7 : 141 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَنْجَيْنَاكُمْ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ ۖ يُقَتِّلُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ ۚ وَفِي ذَٰلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، ئاياللىرىڭلارنى (خورلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى، بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى[141].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، قىزلىرىڭلارنى (خارلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى. بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى فىرئەۋن خانىدانىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق. ئۇلار سىلەرگە ئەڭ يامان ئازابنى تېتىتاتتى: ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرگۈزۈپ، قىزلىرىڭلارنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. بۇ رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چوڭ سىناق ئىدى.
7 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَاعَدْنَا مُوسَىٰ ثَلَاثِينَ لَيْلَةً وَأَتْمَمْنَاهَا بِعَشْرٍ فَتَمَّ مِيقَاتُ رَبِّهِ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً ۚ وَقَالَ مُوسَىٰ لِأَخِيهِ هَارُونَ اخْلُفْنِي فِي قَوْمِي وَأَصْلِحْ وَلَا تَتَّبِعْ سَبِيلَ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇساغا (بىزگە مۇناجات قىلىشقا) ئوتتۇز كېچىنى ۋەدە قىلدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارىنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى 40 كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇنباسارىم بولۇپ تۇرغىن، (ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تۈزىگىن، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن» دېدى[142].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇساغا ئوتتۇز كېچىنى (ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سۆزلىشىشنى) ۋەدە قىلغان ئىدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى قىرىق كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇنباسارىم بولۇپ تۇرغىن، (ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تۈزىگىن، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسا بىلەن ئوتتۇز كېچىنى ۋەدىلەشتۇق. ئۇنى يەنە ئون بىلەن تاماملىدۇق. شۇنىڭ بىلەن رەببىنىڭ تەيىنلىگەن ۋاقتى تولۇق قىرىق كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «قەۋمىمنىڭ ئىچىدە ئورۇنباسارىم بولغىن، ئىسلاھ قىلغىن ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىغا ئەگەشمىگىن» دېدى.
7 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَ مُوسَىٰ لِمِيقَاتِنَا وَكَلَّمَهُ رَبُّهُ قَالَ رَبِّ أَرِنِي أَنْظُرْ إِلَيْكَ ۚ قَالَ لَنْ تَرَانِي وَلَٰكِنِ انْظُرْ إِلَى الْجَبَلِ فَإِنِ اسْتَقَرَّ مَكَانَهُ فَسَوْفَ تَرَانِي ۚ فَلَمَّا تَجَلَّىٰ رَبُّهُ لِلْجَبَلِ جَعَلَهُ دَكًّا وَخَرَّ مُوسَىٰ صَعِقًا ۚ فَلَمَّا أَفَاقَ قَالَ سُبْحَانَكَ تُبْتُ إِلَيْكَ وَأَنَا أَوَّلُ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان چاغدا: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈپ ئالاي» دېدى. ئاللاھ: «مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ بۇ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايدۇ). لېكىن تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا تەجەللى قىلىش بىلەن، تاغنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: « (پەرۋەرىگارىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئەۋۋىلىمەن» دېدى[143].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان چاغدا: «ئى رەببىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈۋالاي» دېدى. ئاللاھ: «سەن مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ). لېكىن، تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئۆز ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا ئۆز نۇرىنى غىل-پال چۈشۈرۈشى بىلەن تاغ تۈپتۈز بولۇپ كەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: « (ئى رەببىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (مۇشۇ دەۋردىكىلەر ئىچىدە سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ تۇنجىسىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا بىز تەيىنلىگەن ۋاقىتتا كېلىپ، رەببى ئۇنىڭغا سۆز قىلغان چاغدا: «رەببىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، ساڭا قاراي!» دېدى. رەببى: «مېنى ھەرگىز كۆرەلمەيسەن. لېكىن شۇ تاغقا قارىغىن. ئەگەر ئۇ ئورنىدا تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. ئاندىن ئۇنىڭ رەببى ئۇ تاغقا تەجەللى قىلغان ئىدى، ئۇنى كۇكۇم - تالقان قىلىۋەتتى. مۇسا ھوشىدىن كېتىپ يىقىلدى. ھوشىغا كېلىپ: «سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن مۇئمىنلارنىڭ ئاۋۋىلىمەن» دېدى.
7 : 144 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا مُوسَىٰ إِنِّي اصْطَفَيْتُكَ عَلَى النَّاسِ بِرِسَالَاتِي وَبِكَلَامِي فَخُذْ مَا آتَيْتُكَ وَكُنْ مِنَ الشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى (زامانىڭدىكى) كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە ۋە مەن بىلەن (بىۋاسىتە) سۆزلىشىشكە تاللىدىم. ساڭا مەن ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىكنى قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن»[144].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى (زامانىڭدىكى) كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە ۋە مەن بىلەن (بىۋاسىتە) سۆزلىشىشكە تاللىدىم، مەن ساڭا ئاتا قىلغان نەرسىنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، ساڭا ئەلچىلىك ۋەزىپىلىرىنى بېرىشىم بىلەن ۋە سەن بىلەن سۆزلىشىشىم بىلەن سېنى ئىنسانلاردىن ئۈستۈن قىلدىم. ئۇ ھالدا مەن ساڭا بەرگەن نەرسىلەرنى ئالغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دېدى.
7 : 145 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَتَبْنَا لَهُ فِي الْأَلْوَاحِ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ مَوْعِظَةً وَتَفْصِيلًا لِكُلِّ شَيْءٍ فَخُذْهَا بِقُوَّةٍ وَأْمُرْ قَوْمَكَ يَأْخُذُوا بِأَحْسَنِهَا ۚ سَأُرِيكُمْ دَارَ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا (ئىسرائىل ئەۋلادى دىنىدا موھتاج بولغان) ۋەز ـ نەسىھەت، (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يازدۇق. (ئى مۇسا) ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن، سىلەرگە پاسىقلار (يەنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى) نىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن[145].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا ۋەز ـ نەسىھەت، (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يازدۇق. (ئى مۇسا) سەن ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن، پات ئارىدا سىلەرگە پاسىقلار (يەنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى) نىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسا ئۈچۈن تەۋراتنىڭ تاختىلىرىدا ھەر نەرسە توغرىسىدا نەسىھەت ۋە ھەر نەرسىنىڭ تەپسىلاتىنى يازدۇق. ئاندىن دېدۇقكى: «بۇلارنى چىڭ تۇتقىن ۋە قەۋمىڭنى بۇيرۇغىن، بۇلارنىڭ ئەڭ گۈزەلىنى تۇتسۇن. مەن يېقىندا سىلەرگە فاسىقلارنىڭ يۇرتىنى كۆرسىتىمەن.
7 : 148 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّخَذَ قَوْمُ مُوسَىٰ مِنْ بَعْدِهِ مِنْ حُلِيِّهِمْ عِجْلًا جَسَدًا لَهُ خُوَارٌ ۚ أَلَمْ يَرَوْا أَنَّهُ لَا يُكَلِّمُهُمْ وَلَا يَهْدِيهِمْ سَبِيلًا ۘ اتَّخَذُوهُ وَكَانُوا ظَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ قەۋمى مۇسادىن كېيىن (يەنى مۇسا پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىش ئۈچۈن تۇر تېغىغا كەتكەندىن كېيىن)، زىننەت بۇيۇملىرىدىن موزايدەك ئاۋاز چىقىرىدىغان بىر جانسىز موزاي ياسىدى. ئۇلار موزاينىڭ ئۆزلىرىگە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، يول كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى مەبۇد قىلىۋالدى، ئۇلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچى بولدى[148].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ قەۋمى مۇسا (پەرۋەردىگارى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن كەتكەن) دىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ (پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئارىيەت ئالغان) زىبۇ-زىننەتلىرىدىن مۆرەيدىغان بىر موزاي ھەيكىلىنى ياسىدى. ئۇلار بۇ موزاينىڭ ئۇلارغا سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، يول كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى مەبۇد قىلىۋېلىپ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلدى
ئەنەس ئالىم: مۇسانىڭ قەۋمى مۇسادىن كېيىن25 ئۆزلىرىنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىدىن ياسالغان، مۆرەيدىغان موزاي ھەيكىلىنى ئىلاھ قىلىۋالدى. ئۇلار ئۇ ھەيكەلنىڭ ئۆزلىرىگە گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە يول كۆرسىتەلمەيغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى ئىلاھ قىلىۋالدى ۋە زالىملار بولدى.
7 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا سُقِطَ فِي أَيْدِيهِمْ وَرَأَوْا أَنَّهُمْ قَدْ ضَلُّوا قَالُوا لَئِنْ لَمْ يَرْحَمْنَا رَبُّنَا وَيَغْفِرْ لَنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (موزايغا چوقۇنغانلىقلىرىغا) پۇشايمان قىلغان ۋە راست ئازغانلىقلىرىنى چۈشەنگەن چاغدا: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى[149].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پۇشايمان قىلغان ۋە ھەقىقىي ئازغانلىقىنى چۈشەنگەن چاغدا: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پۇشايمان قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ راستتىنلا ئېزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن چېغىدا: «ئەگەر رەببىمىز بىزگە مەرھەمەت قىلمىسا ۋە بىزگە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز» دېدى.
7 : 150 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا رَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا قَالَ بِئْسَمَا خَلَفْتُمُونِي مِنْ بَعْدِي ۖ أَعَجِلْتُمْ أَمْرَ رَبِّكُمْ ۖ وَأَلْقَى الْأَلْوَاحَ وَأَخَذَ بِرَأْسِ أَخِيهِ يَجُرُّهُ إِلَيْهِ ۚ قَالَ ابْنَ أُمَّ إِنَّ الْقَوْمَ اسْتَضْعَفُونِي وَكَادُوا يَقْتُلُونَنِي فَلَا تُشْمِتْ بِيَ الْأَعْدَاءَ وَلَا تَجْعَلْنِي مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا غەزەپلەنگەن، غەمكىن ھالدا قەۋمىگە قايتىپ كېلىپ: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار ـ ھە! (كۈتۈپ تۇرماي) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلىدى، قېرىندىشىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. (ھارۇن) ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! (بۇ) قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەر ئالدىدا كۈلكىگە قويمىغىن. مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن»[150].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا غەزەپلەنگەن ۋە ئېچىنغان ھالدا قايتىپ كېلىپ، قەۋمىگە: «سىلەر مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) بەكمۇ يامان ئىش قىپسىلەر ـ ھە!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمرىنى كۈتۈپ تۇرماي ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلاپ، قېرىندىشى (ھارۇن) نىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. ھارۇن ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! بۇ قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەرگە كۈلكە قىلىپ بەرمىگىن؟ مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا قەۋمىنىڭ يېنىغا غەزەپلەنگەن ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا قايتىپ كېلىپ: «مەندىن كېيىن، يوق چېغىمدا بەك يامان ئىش قىلىپسىلەر! رەببىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى، تاختىلارنى تاشلىدى ۋە قېرىندىشىنىڭ بېشىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. قېرىندىشى: «ئانامنىڭ ئوغلى! شۈبھىسىزكى، بۇ قەۋم مېنى بوزەك قىلدى ۋە مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. ئەمدى سەنمۇ ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىپ دۈشمەنلەرنى سۆيۈندۈرمىگىن، مېنى بۇ زالىم قەۋمنىڭ قاتارىدا قىلمىغىن!» دېدى.
7 : 151 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِأَخِي وَأَدْخِلْنَا فِي رَحْمَتِكَ ۖ وَأَنْتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن»[151].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم! مېنى ۋە قېرىندىشىمنى كەچۈرگىن ۋە بىزنى رەھمىتىڭگە كىرگۈزگىن. سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسدۇرسەن» دېدى.
7 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ اتَّخَذُوا الْعِجْلَ سَيَنَالُهُمْ غَضَبٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَذِلَّةٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُفْتَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، (ئاللاھقا) بوھتان قىلغۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز[152].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، يالغاننى توقۇپ چىققۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، موزايغا چوقۇنغانلارغا يېقىندا رەببىدىن غەزەپ ۋە دۇنيا ھاياتىدا خارلىق يېتىدۇ. بىز بوھتان چاپلىغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.
7 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا سَكَتَ عَنْ مُوسَى الْغَضَبُ أَخَذَ الْأَلْوَاحَ ۖ وَفِي نُسْخَتِهَا هُدًى وَرَحْمَةٌ لِلَّذِينَ هُمْ لِرَبِّهِمْ يَرْهَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردە ياتقان تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا ‹پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ› دەپ يېزىلغان ئىدى[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردىكى تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ دەپ يېزىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا غەزىپى بېسىققاندا تاختىلارنى ئالدى. ئۇلارغا يېزىلغانلاردا رەببىدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەت بار ئىدى.
7 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
وَاخْتَارَ مُوسَىٰ قَوْمَهُ سَبْعِينَ رَجُلًا لِمِيقَاتِنَا ۖ فَلَمَّا أَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ قَالَ رَبِّ لَوْ شِئْتَ أَهْلَكْتَهُمْ مِنْ قَبْلُ وَإِيَّايَ ۖ أَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ السُّفَهَاءُ مِنَّا ۖ إِنْ هِيَ إِلَّا فِتْنَتُكَ تُضِلُّ بِهَا مَنْ تَشَاءُ وَتَهْدِي مَنْ تَشَاءُ ۖ أَنْتَ وَلِيُّنَا فَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا ۖ وَأَنْتَ خَيْرُ الْغَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا، بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىدىن 70 كىشىنى تاللىدى؛ ئۇلارغا زىلزىلە يۈزلەنگەندە، مۇسا: «پەرۋەردىگارىم! خالىغان بولساڭ ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر، شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى ئازدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن[155].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا (تۇر تېغىغا) ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆز قەۋمىدىن يەتمىش كىشىنى تاللىدى؛ ئۇلار يەر تەۋرەشكە دۇچ كەلگەندە، مۇسا دېدى: «ئى رەببىم! خالىغان بولساڭ، ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن، بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر. شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى گۇمراھلىقىدا قالدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: مۇسا بىز تەيىنلىگەن ۋاقىت ئۈچۈن قەۋمىدىن يەتمىش كىشىنى تاللىدى. ئاندىن ئۇلارنى ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باسقان چاغدا، مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! خالىغان بولساڭ، بۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلىۋەتكەن بولاتتىڭ. ئىچىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر. سەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىسەن، ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىسەن. سەن بىزنىڭ ۋەلىيىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە مەرھەمەت قىلغىن. سەن مەغپىرەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسدۇرسەن.
7 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
وَاكْتُبْ لَنَا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ إِنَّا هُدْنَا إِلَيْكَ ۚ قَالَ عَذَابِي أُصِيبُ بِهِ مَنْ أَشَاءُ ۖ وَرَحْمَتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ ۚ فَسَأَكْتُبُهَا لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالَّذِينَ هُمْ بِآيَاتِنَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك ياخشىلىق قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئازابىم بىلەن (بەندىلىرىمدىن) خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، (ماللىرىنىڭ) زاكىتىنى بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن»[156].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك ياخشىلىق قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «مەن ئازابىم بىلەن خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفردىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، زاكات بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن»
ئەنەس ئالىم: بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يازغىن. بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەتكۈزىدىغان توغرا يولغا كىردۇق». ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئازابىمنى ئۆزۈم خالىغان كىشىگە يەتكۈزىمەن. رەھمىتىم ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. يېقىندا ئۇنى تەقۋادارلىق قىلىدىغان ۋە زاكاتنى بېرىدىغانلارغا، ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغا يازىمەن.
7 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ قَوْمِ مُوسَىٰ أُمَّةٌ يَهْدُونَ بِالْحَقِّ وَبِهِ يَعْدِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ) ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان، ھەق بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر جامائە بار[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان، ھەق بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر جامائە بار
ئەنەس ئالىم: مۇسانىڭ قەۋمى ئىچىدە ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئادىللىق قىلىدىغان بىر ئۇممەت بار.
7 : 160 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَطَّعْنَاهُمُ اثْنَتَيْ عَشْرَةَ أَسْبَاطًا أُمَمًا ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ إِذِ اسْتَسْقَاهُ قَوْمُهُ أَنِ اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْحَجَرَ ۖ فَانْبَجَسَتْ مِنْهُ اثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَشْرَبَهُمْ ۚ وَظَلَّلْنَا عَلَيْهِمُ الْغَمَامَ وَأَنْزَلْنَا عَلَيْهِمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ ۖ كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ ۚ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ۇلار (بەنى ئىسرائىل) نى 12 تارماققا (يەنى قەبىلىگە) جامائەلەر قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن (قەبىلىلەرنىڭ سانى بويىچە) 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار». (ئۇلار بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە زىيان سالغىنى يوق، (ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم سالدى[160].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) نى ئون ئىككى تارماق، يەنى قەبىلە قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىۋىل بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا): «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار» (دېدۇق). ئۇلار (بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىش ئارقىلىق) بىزگە زىيان سالمىدى، لېكىن ئۆزىگە زىيان سالدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى پارچە - پارچە ئۇممەتلەر ھالىتىدە ئون ئىككى قەبىلىگە ئايرىدۇق. مۇسادىن قەۋمى سۇ تەلەپ قىلغان چاغدا بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن شۇ تاشقا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسا ھاسىسىنى ئۇ تاشقا ئۇرغان ئىدى، دەرھال ئۇنىڭدىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. ھەر قەبىلە سۇ ئىچىدىغان يېرىنى بىلدى. شۇنىڭدەك، بىز ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق ۋە ئۇلارغا تەييار ھالۋا بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. «بىز سىلەرگە بەرگەن رىزىقلارنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار» دېدۇق. ئۇلار بىزگە زۇلۇم قىلمىدى. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلاتتى.
7 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قِيلَ لَهُمُ اسْكُنُوا هَٰذِهِ الْقَرْيَةَ وَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ وَقُولُوا حِطَّةٌ وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا نَغْفِرْ لَكُمْ خَطِيئَاتِكُمْ ۚ سَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا (بىز ئۇلارغا) (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دە تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دەڭلار، جىمى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) زىيادە بېرىمىز» دېدۇق[161].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەردە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەستە) تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئىگىلگەن ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، (شۇ ۋاقتىدا) بىز بارلىق گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) ئاشۇرۇپ بېرىمىز» دېيىلگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «شۇ يۇرتقا يەرلىشىڭلار، ئۇنىڭدىن خالىغان يېرىڭلاردا يەڭلار، ‹بىزنى ئەپۇ قىل› دەڭلار ۋە دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغا ھالدا كىرىڭلار26. شۇنداق قىلساڭلار، خاتالىقلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلىمىز» دېيىلگەن ئىدى.
7 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَدَّلَ الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ قَوْلًا غَيْرَ الَّذِي قِيلَ لَهُمْ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِجْزًا مِنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۇلارغا ئېيتىلغان سۆز (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق[162].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۆزىگە ئېيتىلغان سۆزلەرنى باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى، مۇشۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئىچىدىن زۇلۇم قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىگە دېيىلگەن سۆزنى باشقا سۆز بىلەن ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا ئاسماندىن پاسكىنىلىق چۈشۈردۇق، چۈنكى ئۇلار زۇلۇم قىلغان ئىدى.
7 : 171 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ نَتَقْنَا الْجَبَلَ فَوْقَهُمْ كَأَنَّهُ ظُلَّةٌ وَظَنُّوا أَنَّهُ وَاقِعٌ بِهِمْ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُمْ بِقُوَّةٍ وَاذْكُرُوا مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا (تۇر) تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق، ئۇلار تاغنى ئۈستىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «تەقۋادارلار قاتارىدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار»[171].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا تۇر تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق. ئۇلار تاغ ئۈستىمىزگە چۈشۈپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «سىلەرنىڭ تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز تۇر تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەن ئىدۇق، تاغ خۇددى سايىۋەندەك ئىدى. ئۇلار بۇ تاغ ئۈستىمىزگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى. بىز بۇ ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارغا: «بىز سىلەرگە بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، تەقۋادار بولالايسىلەر!» دېگەن ئىدۇق.
تەۋبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ اسْتِغْفَارُ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ إِلَّا عَنْ مَوْعِدَةٍ وَعَدَهَا إِيَّاهُ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ أَنَّهُ عَدُوٌّ لِلَّهِ تَبَرَّأَ مِنْهُ ۚ إِنَّ إِبْرَاهِيمَ لَأَوَّاهٌ حَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاتىسى بىلەن ئادا ـ جۇدا بولدى. ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆپ ئاھ چەككۈچى (يەنى كۆڭلى يۇمشاق)، (يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) چىداملىق ئىدى[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى، ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندا، ئۇ ئاتىسى بىلەن ئادا ـ جۇدا بولدى. ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆپ ئاھ چەككۈچى -كۆڭلى يۇمشاق- ۋە چىداملىق بىر كىشى ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى، پەقەت ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىسى ئۈچۈن ئىدى. كېيىن ئىبراھىمغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندا، ئۇنىڭدىن ئادا - جۇدا بولدى. شۈبھىسىزكى، ئىبراھىم باغرى يۇمشاق، ئېغىر - بېسىق كىشى ئىدى.
يۇنۇس سۈرىسى
23 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ نُوحٍ إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ إِنْ كَانَ كَبُرَ عَلَيْكُمْ مَقَامِي وَتَذْكِيرِي بِآيَاتِ اللَّهِ فَعَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْتُ فَأَجْمِعُوا أَمْرَكُمْ وَشُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُنْ أَمْرُكُمْ عَلَيْكُمْ غُمَّةً ثُمَّ اقْضُوا إِلَيَّ وَلَا تُنْظِرُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسەسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ ئىچىڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىتىشىم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىم، سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن). سىلەر بۇتلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە (مېنى قەستلەيدىغان) ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە غۇۋا بولۇپ قالمىسۇن (يەنى مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلار ئاشكارا بولسۇن)، ئاندىن مېنى بىردەممۇ كېچىكتۈرمەي، مېنىڭ ھەققىمدە (خالىغىنىڭلارنى) ئىجرا قىلىۋېرىڭلار[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ ئىچىڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن قورقۇتۇشۇم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم. سىلەر شېرىكلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن، ئاندىن مېنىڭ ھەققىمدە خالىغىنىڭلارنى ئىجرا قىلىۋېرىڭلار، بىردەممۇ كېچىكتۈرمەڭلار!
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا نۇھنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئەگەر مېنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىتىشىم سىلەرگە ئېغىر كەلگەن بولسا مەن پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە ئىشىڭلارنى قارارلاشتۇرۇڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن. ئاندىن ماڭا ھېچ مۆھلەت بەرمەستىن ھەققىمدىكى ھۆكۈمىڭلارنى ئىجرا قىلىڭلار.
10 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَمَا سَأَلْتُكُمْ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر (مېنىڭ نەسىھىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن (ئاللاھقا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر مېنىڭ نەسىھىتىمدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، مەن سىلەردىن ھېچقانداق ئەجىر سورىمىدىم. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم».
10 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَنَجَّيْنَاهُ وَمَنْ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ وَجَعَلْنَاهُمْ خَلَائِفَ وَأَغْرَقْنَا الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُنْذَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن ئۇلار نۇھنى يالغانچى قىلدى. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغۇچى (مۆمىن) لەرنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى (يەنى بىز قۇتقۇزغان كىشىلەرنى) (غەرق بولغانلارنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدۇق، بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى (توپان بالاسى بىلەن) غەرق قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلار (يەنى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانچى قىلغانلار) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن ئۇلار نۇھنى يالغانچى قىلدى. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى غەرق بولغانلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدۇق، بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى توپان بالاسى بىلەن غەرق قىلدۇق، -ئى مۇھەممەد!- ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن[
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نۇھنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزۇپ ئورۇنباسارلار قىلدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرنى بولسا غەرق قىلدۇق. قارىغىنا، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
10 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ بَعَثْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ مُوسَىٰ وَهَارُونَ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ بِآيَاتِنَا فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: . ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق. ئۇلار (ئىمان ئېيتىشتىن) بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار گۇناھكار قەۋم ئىدى[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئىمان ئېيتىشتىن بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار گۇناھكار قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە ئايەتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. لېكىن ئۇلار چوڭچىلىق قىلدى ۋە گۇناھكار قەۋم بولدى.
10 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَهُمُ الْحَقُّ مِنْ عِنْدِنَا قَالُوا إِنَّ هَٰذَا لَسِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت كەلگەن چاغدا ئۇلار: «بۇ ھەقىقەتەن روشەن سېھىردۇر» دېدى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت نازىل بولغان چاغدا ئۇلار: «بۇ ھەقىقەتەن روشەن سېھىردۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ھەق كەلگەندە، «شۈبھىسىزكى، بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى.
10 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مُوسَىٰ أَتَقُولُونَ لِلْحَقِّ لَمَّا جَاءَكُمْ ۖ أَسِحْرٌ هَٰذَا وَلَا يُفْلِحُ السَّاحِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «سىلەرگە ھەقىقەت كەلسە ئۇنى سېھىر دەمسىلەر؟ ئەجەبا بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «سىلەرگە ھەقىقەت كەلسە ئۇنى سېھىر دەمسىلەر؟ ئەجەبا بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «سىلەر ئۆزۈڭلارغا كەلگەن ھەق توغرۇلۇق مۇشۇنداق دەمسىلەر؟ بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ» دېدى.
10 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَجِئْتَنَا لِتَلْفِتَنَا عَمَّا وَجَدْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا وَتَكُونَ لَكُمَا الْكِبْرِيَاءُ فِي الْأَرْضِ وَمَا نَحْنُ لَكُمَا بِمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «سەن بىزگە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋاز كەچتۈرۈش ۋە زېمىن (يەنى مىسىر زېمىنى) نىڭ سەلتەنىتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز ئىككىڭلارغا ئىشەنمەيمىز» دېدى[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سەن بىزگە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋاز كەچتۈرۈش ۋە مىسىر زېمىنىنىڭ سەلتەنىتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز ئىككىڭلارغا ئىشەنمەيمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سەن بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىدىن چىقىرىش ۋە قېرىندىشىڭ بىلەن بۇ يەرنىڭ چوڭلىرى بولۇش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز سەنلەرگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېدى.
10 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ ائْتُونِي بِكُلِّ سَاحِرٍ عَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن: «مېنىڭ ئالدىمغا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن: «مېنىڭ ئالدىمغا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار» دېدى.
10 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَ السَّحَرَةُ قَالَ لَهُمْ مُوسَىٰ أَلْقُوا مَا أَنْتُمْ مُلْقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سېھىرگەرلەر يېتىپ كەلگەندە، مۇسا ئۇلارغا: «(ئارغامچا ۋە ھاسىلىرىڭلاردىن) تاشلىماقچى بولغىنىڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر يېتىپ كەلگەندە، مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغىنىڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: سېھىرگەرلەر كەلگەندە مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى.
10 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَلْقَوْا قَالَ مُوسَىٰ مَا جِئْتُمْ بِهِ السِّحْرُ ۖ إِنَّ اللَّهَ سَيُبْطِلُهُ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُصْلِحُ عَمَلَ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئەلۋەتتە تۈزىمەيدۇ» دېدى[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئەلۋەتتە تۈزىمەيدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تاشلىغان ئىدى، مۇسا مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە سېھىر سىلەرنىڭ كەلتۈرگىنىڭلاردۇر، ئاللاھ ئۇنى چوقۇم بەربات قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى تۈزەتمەيدۇ،
10 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُحِقُّ اللَّهُ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ
ئەنەس ئالىم: گۇناھكارلار ياقتۇرمىسىمۇ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ».
10 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا آمَنَ لِمُوسَىٰ إِلَّا ذُرِّيَّةٌ مِنْ قَوْمِهِ عَلَىٰ خَوْفٍ مِنْ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِمْ أَنْ يَفْتِنَهُمْ ۚ وَإِنَّ فِرْعَوْنَ لَعَالٍ فِي الْأَرْضِ وَإِنَّهُ لَمِنَ الْمُسْرِفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇساغا پەقەت ئۆز قەۋمىدىن (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادىدىن) ئازغىنىسى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورققان ھالدا ئىمان ئېيتتى. پىرئەۋن زېمىندا (يەنى مىسىر زېمىنىدا) شەك ـ شۈبھىسىز مۇتەكەببىردۇر، ئۇ ئەلۋەتتە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىندۇر[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇساغا پەقەت ئۆز قەۋمىدىن ئازغىنىسى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورققان ھالدا ئىمان ئېيتتى. پىرئەۋن زېمىندا شەك ـ شۈبھىسىز مۇتەكەببىردۇر، ئۇ ئەلۋەتتە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىندۇر
ئەنەس ئالىم: مۇساغا ئۆز قەۋمىدىن پەقەت بىر بۆلۈك ياشلار، فىرئەۋن ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىنىڭ قىينىشىدىن قورقۇپ تۇرۇپ ئىشەندى. چۈنكى فىرئەۋن ئۇ يەردە ھەقىقەتەن زومىگەر ئىدى ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى.
10 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ يَا قَوْمِ إِنْ كُنْتُمْ آمَنْتُمْ بِاللَّهِ فَعَلَيْهِ تَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار (يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار)» دېدى[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، ئەگەر مۇسۇلمان بولىدىغان بولساڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى.
10 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالُوا عَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْنَا رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق، رەببىمىز، زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدۇق، رەببىمىز! بىزنى زالىم قەۋمنىڭ قىينىشى بىلەن ئىمتىھان قىلمىغىن،
10 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَجِّنَا بِرَحْمَتِكَ مِنَ الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنى رەھمىتىڭ بىلەن زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن»[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنى رەھمىتىڭ بىلەن زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن»
ئەنەس ئالىم: بىزنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن كافىر قەۋمدىن قۇتقۇزغىن».
10 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ وَأَخِيهِ أَنْ تَبَوَّآ لِقَوْمِكُمَا بِمِصْرَ بُيُوتًا وَاجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قِبْلَةً وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۆمىنلەرگە (دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلدۇق: «ئىككىڭلار مىسىردا قەۋمىڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر تەييارلاڭلار. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھ قىلىڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار. ئى مۇسا! مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن».
10 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ رَبَّنَا إِنَّكَ آتَيْتَ فِرْعَوْنَ وَمَلَأَهُ زِينَةً وَأَمْوَالًا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا رَبَّنَا لِيُضِلُّوا عَنْ سَبِيلِكَ ۖ رَبَّنَا اطْمِسْ عَلَىٰ أَمْوَالِهِمْ وَاشْدُدْ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُوا حَتَّىٰ يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ھاياتىي دۇنيادا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال ـ مۈلۈكلەرنى بەردىڭ.ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلار بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئازدۇردى. ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمايدۇ »[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىمىز! كىشىلەرنى يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈن ـ ئى رەببىمىز! - پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ھاياتىي دۇنيادا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال ـ مۈلۈكلەرنى بەردىڭ، رەببىمىز! ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان ئېيتماي قاتتىق ئازابنى كۆرسۇن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىمىز! سەن فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا زىننەت ۋە ھەر خىل مال - مۈلۈك بەردىڭ. رەببىمىز! بۇ ئۇلارنىڭ سېنىڭ يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ؟ رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ماللىرىنى قۇرۇتىۋەتكىن، قەلبلىرىنى قاتتىق قىلىۋەتكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمىسۇن» دېدى.
10 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ قَدْ أُجِيبَتْ دَعْوَتُكُمَا فَاسْتَقِيمَا وَلَا تَتَّبِعَانِّ سَبِيلَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، دەۋىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار»[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، دەۋىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «دۇئايىڭلار ئىجابەت قىلىندى. توغرا يولدا ئۇدۇل مېڭىڭلار ۋە بىلمەيدىغانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار» دېدى.
10 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاوَزْنَا بِبَنِي إِسْرَائِيلَ الْبَحْرَ فَأَتْبَعَهُمْ فِرْعَوْنُ وَجُنُودُهُ بَغْيًا وَعَدْوًا ۖ حَتَّىٰ إِذَا أَدْرَكَهُ الْغَرَقُ قَالَ آمَنْتُ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا الَّذِي آمَنَتْ بِهِ بَنُو إِسْرَائِيلَ وَأَنَا مِنَ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىش يۈزىسىدىن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىش يۈزىسىدىن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئۇ ئەسنادا فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى زۇلۇم قىلىش ۋە تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن ئىدى. ئاخىرى فىرئەۋن غەرق بولۇۋېتىپ: «مەن ئىمان ئېيتتىم: شۈبھىسىزكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان زاتتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى.
10 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
آلْآنَ وَقَدْ عَصَيْتَ قَبْلُ وَكُنْتَ مِنَ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنىڭغا دېيىلدىكى) «(ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە) ئەمدى (ئىمان ئېيتامسەن؟) ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنىڭغا دېيىلدىكى-: «ئەمدى ئىمان ئېيتامسەن؟ ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئەمدىمۇ؟ ھالبۇكى، سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ.
10 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْيَوْمَ نُنَجِّيكَ بِبَدَنِكَ لِتَكُونَ لِمَنْ خَلْفَكَ آيَةً ۚ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ عَنْ آيَاتِنَا لَغَافِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىتىڭنى قۇتقۇزىمىز (يەنى سېنىڭ جەسىتىڭنى دېڭىزدىن چىقىرىپ قويىمىز)». نۇرغۇن كىشىلەر، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىتىڭنى قۇتقۇزىمىز». نۇرغۇن كىشىلەر، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر
ئەنەس ئالىم: ئارقاڭدىكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈن جەسىتىڭنى قۇتقۇزۇپ ساھىلدا ئېگىز يەرگە چىقىرىمىز». شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر.
10 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ بَوَّأْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ مُبَوَّأَ صِدْقٍ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ فَمَا اخْتَلَفُوا حَتَّىٰ جَاءَهُمُ الْعِلْمُ ۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِي بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى (ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن) ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى پاك نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارغا ئىلىم (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىچىگە ئالغان تەۋرات) كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار (دىن ئىشىدا)ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى شېرىن نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى. رەببىڭ قىيامەت كۈنى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئۇلارغا پاك رىزىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن ئىختىلاپ قىلىشتى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
10 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا كَانَتْ قَرْيَةٌ آمَنَتْ فَنَفَعَهَا إِيمَانُهَا إِلَّا قَوْمَ يُونُسَ لَمَّا آمَنُوا كَشَفْنَا عَنْهُمْ عَذَابَ الْخِزْيِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَمَتَّعْنَاهُمْ إِلَىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ھالاك بولغان شەھەرلەر ئاھالىلىرى ئىچىدە) يۇنۇس قەۋمىدىن باشقىسىغا (ئازابنىڭ ئالامىتىنى كۆرۈپ) ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولغىنى يوق، يۇنۇس قەۋمى ئىمان ئېيتقاندا، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر دۇنيادىكى شەيئىلەردىن) بەھرىمەن قىلدۇق[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: نېمە ئۈچۈن ئازاب كەلگەندە ئىمان ئېيتىپ، ئىمانىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن بىرەر يۇرت ئاھالىسى بولمىدى؟! لېكىن يۇنۇسنىڭ قەۋمى ئىمان ئېيتقان ئىدى، بىز ئۇلاردىن بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنى كۆتۈرۈۋەتتۇق ۋە ئۇلارغا يەنە بىر مۇددەت ياشاش ئىمكانىيىتى بەردۇق.
ھۇد سۈرىسى
38 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ إِنِّي لَكُمْ نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «مەن سىلەر ئۈچۈن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
11 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كُنْتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّي وَآتَانِي رَحْمَةً مِنْ عِنْدِهِ فَعُمِّيَتْ عَلَيْكُمْ أَنُلْزِمُكُمُوهَا وَأَنْتُمْ لَهَا كَارِهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان (دەۋىتىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە (يەنى پەيغەمبەرلىككە) سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، سىلەر ئۇنى يامان كۆرسەڭلار، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟[28]
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، مەن رەببىم تەرىپىدىن نازىل بولغان ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە -پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىگە- سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، سىلەر ئۇنى يامان كۆرۈپ تۇرساڭلارمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟
ئەنەس ئالىم: نۇھ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى، مەن رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان بولسام، ئۇ ماڭا ئۆز تەرىپىدىن رەھمەت ئاتا قىلغان بولسا، سىلەر بۇنى كۆرەلمىگەن بولساڭلار، بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ سىلەر ئۇنى يامان كۆرۈۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بىز سىلەرنى ئۇنى قوبۇل قىلىشقا زورلامدۇق؟
11 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا قَوْمِ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مَالًا ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۚ وَمَا أَنَا بِطَارِدِ الَّذِينَ آمَنُوا ۚ إِنَّهُمْ مُلَاقُو رَبِّهِمْ وَلَٰكِنِّي أَرَاكُمْ قَوْمًا تَجْهَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! سىلەرگە (دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل ـ مال تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى (يېنىمدىن) قوغلىۋەتمەيمەن. (چۈنكى) ئۇلار، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدۇ، لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرۈمەن[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! سىلەرگە -دىننى- تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل ـ مال تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى يېنىمدىن قوغلىۋەتمەيمەن، چۈنكى ئۇلار، رەببىگە مۇلاقات بولىدۇ، لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرۈمەن
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! مەن بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن مال - مۈلۈك سورىمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. مەن ئىمان ئېيتقانلارنى يېنىمدىن قوغلىۋېتىدىغان كىشى ئەمەس. چۈنكى ئۇلار رەببىگە مۇلاقات بولىدىغان كىشىلەردۇر. لېكىن سىلەر مېنىڭچە جاھىللىق قىلىۋاتقان قەۋمسىلەر.
11 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا قَوْمِ مَنْ يَنْصُرُنِي مِنَ اللَّهِ إِنْ طَرَدْتُهُمْ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى يېنىمدىن قوغلىۋەتسەم، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلانمامسىلەر؟
11 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا أَقُولُ لَكُمْ عِنْدِي خَزَائِنُ اللَّهِ وَلَا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلَا أَقُولُ إِنِّي مَلَكٌ وَلَا أَقُولُ لِلَّذِينَ تَزْدَرِي أَعْيُنُكُمْ لَنْ يُؤْتِيَهُمُ اللَّهُ خَيْرًا ۖ اللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا فِي أَنْفُسِهِمْ ۖ إِنِّي إِذًا لَمِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن، غەيبنى بىلىمەن، دېمەيمەن، مەن ئەلۋەتتە (ئۆزۈمنى) پەرىشتە دەپمۇ ئېيتمايمەن ھەمدە سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنى ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق بەرمەيدۇ دېمەيمەن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، بولمىسا مەن چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن»[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن سىلەرگە: «مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار» دېمەيمەن، «غەيبنى بىلىمەن» دېمەيمەن، مەن ئەلۋەتتە «ئۆزۈمنى پەرىشتە» دەپمۇ ئېيتمايمەن ھەمدە سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنى «ئاللاھ ئۇلارغا ئەسلا ياخشىلىق بەرمەيدۇ» دېمەيمەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، بولمىسا مەن چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن»
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە: ‹يېنىمدا ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار› دېمەيمەن، غەيبنى بىلمەيمەن، ‹مەن پەرىشتە› دېمەيمەن، سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەر توغرۇلۇق: ‹ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلمايدۇ› دېمەيمەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. چۈنكى مەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن».
11 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا نُوحُ قَدْ جَادَلْتَنَا فَأَكْثَرْتَ جِدَالَنَا فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار(يەنى نۇھنىڭ قەۋمى): «ئى نۇھ! بىز بىلەن مۇنازىرلەشتىڭ، ناھايىتى كۆپ مۇنازىرلەشتىڭ. ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈرۈپ باققىن» دېدى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى نۇھ ! بىز بىلەن مۇنازىرلەشتىڭ، ناھايىتى كۆپ مۇنازىرلەشتىڭ. ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈرۈپ باققىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى نۇھ! بىز بىلەن ھەقىقەتەن مۇنازىرىلەشتىڭ! مۇنازىرىمىزنى بەك ئۇزارتىۋەتتىڭ. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، سەن كېلەچەكتە بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان ئازابنى ھازىر بېشىمىزغا كەلتۈرگىن» دېدى.
11 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّمَا يَأْتِيكُمْ بِهِ اللَّهُ إِنْ شَاءَ وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «ئۇنى (يەنى ئازابنى) ئەگەر خالىسا پەقەت ئاللاھلا چۈشۈرەلەيدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «ئۇنى ئەگەر خالىسا ئاللاھ لا چۈشۈرەلەيدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: نۇھ مۇنداق دېدى: «ئۇنى بېشىڭلارغا ئەگەر خالىسا پەقەت ئاللاھلا كەلتۈرىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.
11 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَنْفَعُكُمْ نُصْحِي إِنْ أَرَدْتُ أَنْ أَنْصَحَ لَكُمْ إِنْ كَانَ اللَّهُ يُرِيدُ أَنْ يُغْوِيَكُمْ ۚ هُوَ رَبُّكُمْ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر»[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا، مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھتىمنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولسا، مېنىڭ نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە ھېچ پايدىسى بولمايدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرىلىسىلەر».
11 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُوحِيَ إِلَىٰ نُوحٍ أَنَّهُ لَنْ يُؤْمِنَ مِنْ قَوْمِكَ إِلَّا مَنْ قَدْ آمَنَ فَلَا تَبْتَئِسْ بِمَا كَانُوا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھقا (مۇنداق) ۋەھىي قىلىندى: «قەۋمىڭدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئىمان ئېيتقۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن قايغۇرمىغىن[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھقا ۋەھىي قىلىندى: «قەۋمنىڭدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئىمان ئىېيتقۇچىلار ھەرگىز بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك قايغۇرمىغىن
ئەنەس ئالىم: نۇھقا مۇنداق ۋەھىي قىلىندى: «قەۋمىڭدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا ھېچكىم ئىمان ئېيتمايدۇ. ئۇ ھالدا ئۇ كافىرلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك قايغۇرمىغىن.
11 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَاصْنَعِ الْفُلْكَ بِأَعْيُنِنَا وَوَحْيِنَا وَلَا تُخَاطِبْنِي فِي الَّذِينَ ظَلَمُوا ۚ إِنَّهُمْ مُغْرَقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھىيمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن ، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ»[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ كۆز ئوڭىمىزدا ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن، چۈنكى ئۇلار چوقۇم غەرق قىلىنىدۇ»[
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن. ئۇ زالىملار توغرۇلۇق ماڭا ئېغىز ئاچمىغىن. چۈنكى ئۇلار غەرق قىلىنىدىغان كىشىلەردۇر».
11 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَصْنَعُ الْفُلْكَ وَكُلَّمَا مَرَّ عَلَيْهِ مَلَأٌ مِنْ قَوْمِهِ سَخِرُوا مِنْهُ ۚ قَالَ إِنْ تَسْخَرُوا مِنَّا فَإِنَّا نَسْخَرُ مِنْكُمْ كَمَا تَسْخَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ كېمە ياساۋاتاتتى، قەۋمىنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ھەر قېتىم ئۆتكەندە ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى. نۇھ ئېيتتى: « سىلەر (بۈگۈن) بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار (كېلەچەكتە سىلەر غەرق قىلىنغاندا)، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك بىزمۇ سىلەرنى چوقۇم مەسخىرە قىلىمىز[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ كېمىنى ياساۋاتاتتى، قەۋمنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى، نۇھ ئېيتتى: «ئەگەر سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك بىزمۇ سىلەرنى چوقۇم مەسخىرە قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: نۇھ كېمىنى ياساشقا باشلىدى. قەۋمىنىڭ كاتتىۋاشلىرى قاچانىكى ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «ئەگەر بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار، بىزمۇ سىلەرنى كېلەچەكتە، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك مەسخىرە قىلىمىز.
11 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ مَنْ يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيْهِ عَذَابٌ مُقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: خار قىلغۇچى ئازاب (يەنى توپان بالاسى بىلەن غەرق بولۇش) نىڭ كىمنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغانلىقىنى، دائىمىي ئازاب(يەنى جەھەننەم ئازابى) نىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى كېلەچەكتە بىلىسىلەر»[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: خار قىلغۇچى ئازابنىڭ كىمنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغانلىقىنى، دائىمىي ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى پات-يېقىندا بىلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: يېقىندا رەسۋا قىلغۇچى ئازاب كېلىدىغان ۋە مۇقىم ئازاب چۈشىدىغان كىشىنى بىلىسىلەر».
11 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا جَاءَ أَمْرُنَا وَفَارَ التَّنُّورُ قُلْنَا احْمِلْ فِيهَا مِنْ كُلٍّ زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ وَأَهْلَكَ إِلَّا مَنْ سَبَقَ عَلَيْهِ الْقَوْلُ وَمَنْ آمَنَ ۚ وَمَا آمَنَ مَعَهُ إِلَّا قَلِيلٌ
مۇھەممەد سالىھ: (توپان بالاسى توغرىسىدىكى) بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە يەر يۈزىدىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا: «كېمىگە ھايۋاناتلاردىن (ئەركەك، چىشى بولۇپ) بىر جۇپتىن ئېلىۋالغىن،
تەرجىمە ھەيئىتى: -توپان بالاسى توغرىسىدىكى- بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە يەر يۈزىدىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا: «كېمىگە ھايۋاناتلاردىن -ئەركەك چىشى بولۇپ- بىر جۇپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن ھالاك بولۇشى ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا ـ ۋە ئىمان ئېيتقانلار بىلەن كېمىگە چىققىن» دېدۇق، ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئازغىنا كىشىلەر ئىمان ئېيتتى
ئەنەس ئالىم: ئاخىرى ئەمرىمىز كەلگەن ۋە تونۇر قاينىغان3 چاغدا نۇھقا: «ھەر تۈرلۈك ھايۋاندىن ئەركەك -چىشى بولۇپ بىر جۈپنى يەنى ئىككىنى، ئائىلەڭنى - ئۇلارنىڭ ئىچىدىن غەرق قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار مۇستەسنا - ۋە ئىمان ئېيتقانلارنى كېمىگە ئېلىپ چىققىن!» دېدۇق. ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئازغىنە كىشىلەر ئىمان ئېيتقان ئىدى.
11 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ ارْكَبُوا فِيهَا بِسْمِ اللَّهِ مَجْرَاهَا وَمُرْسَاهَا ۚ إِنَّ رَبِّي لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ (ئىمان ئېيتقان تەۋەلىرىگە) ئېيتتى: «كېمىگە چىقىڭلار، كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى) ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر»[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «كېمىگە چىقىڭلار، كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مۇئمىنلارغا ناھايىتى مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: نۇھ: «كېمىگە چىقىڭلار! كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر. شۈبھىسىزكى، رەببىم مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» دېدى.
11 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَهِيَ تَجْرِي بِهِمْ فِي مَوْجٍ كَالْجِبَالِ وَنَادَىٰ نُوحٌ ابْنَهُ وَكَانَ فِي مَعْزِلٍ يَا بُنَيَّ ارْكَبْ مَعَنَا وَلَا تَكُنْ مَعَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغدەك دولقۇنلار ئىچىدە ئۈزۈپ باراتتى، نۇھ كېمە مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆزىدىن يىراقتا تۇرغان ئوغلىنى: «ئى ئوغلۇم، بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىققىن، كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن» دەپ توۋلىدى[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغدەك دولقۇنلار ئىچىدە ئۈزۈپ باراتتى، نۇھ كېمە مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆزىدىن يىراقتا تۇرغان ئوغلىنى: «ئى ئوغلۇم، بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىققىن، كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن» دەپ توۋلىدى
ئەنەس ئالىم: كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغلاردەك دولقۇن ئىچىدە ئۈزەتتى. نۇھ بىر چەتتە تۇرغان ئوغلىغا «ئى ئوغۇلچىقىم! بىز بىلەن بىرلىكتە كېمىگە چىققىن، كافىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن!» دەپ توۋلىدى.
11 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَآوِي إِلَىٰ جَبَلٍ يَعْصِمُنِي مِنَ الْمَاءِ ۚ قَالَ لَا عَاصِمَ الْيَوْمَ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ إِلَّا مَنْ رَحِمَ ۚ وَحَالَ بَيْنَهُمَا الْمَوْجُ فَكَانَ مِنَ الْمُغْرَقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: «مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچ ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى ـ دە، ئۇ غەرق بولۇپ كەتتى[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچقانداق ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى ـ دە، ئۇ غەرق بولۇپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «مېنى سۇدىن ساقلايدىغان بىر تاغقا چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن ساقلايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. پەقەت ئاللاھ مەرھەمەت قىلغان كىشىلەرلا قۇتۇلۇپ قالىدۇ» دېدى. بۇ ئەسنادا ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا دولقۇن كىردى - دە، ئۇ غەرق قىلىنغۇچىلاردىن بولدى.
11 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَقِيلَ يَا أَرْضُ ابْلَعِي مَاءَكِ وَيَا سَمَاءُ أَقْلِعِي وَغِيضَ الْمَاءُ وَقُضِيَ الْأَمْرُ وَاسْتَوَتْ عَلَى الْجُودِيِّ ۖ وَقِيلَ بُعْدًا لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: «ئى زېمىن! سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت، تارقىغىن» دېيىلدى ، سۇ سوغۇلدى، ئاللاھنىڭ (كاپىرلارنى غەرق قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى، «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى زېمىن سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت تارقىغىن» دېيىلدى، سۇ سوغۇلدى، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى، «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى
ئەنەس ئالىم: «ئى زېمىن! سۈيىڭنى يۇتقىن، ئى ئاسمان! سۈيىڭنى تۇتقىن» دېيىلدى. سۇ سىڭدۈرۈلدى. ئىش تاماملاندى. كېمە جۇدىي تېغىغا ئولتۇردى. بۇ ئەسنادا «يوقالسۇن زالىملار گۇرۇھى!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
11 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَادَىٰ نُوحٌ رَبَّهُ فَقَالَ رَبِّ إِنَّ ابْنِي مِنْ أَهْلِي وَإِنَّ وَعْدَكَ الْحَقُّ وَأَنْتَ أَحْكَمُ الْحَاكِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «پەرۋەردىگارىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى (سەن ماڭا ئۇلارنىڭ نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان ئىدىڭ)، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دېدى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ رەببىغا دۇئا قىلىپ: «رەببىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: نۇھ رەببىگە نىدا قىلىپ: «رەببىم! شۈبھىسىزكى، غەرق قىلىنغان ئوغلۇممۇ ئائىلەمدىن ئىدى، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئادىلىسەن!» دېدى.
11 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا نُوحُ إِنَّهُ لَيْسَ مِنْ أَهْلِكَ ۖ إِنَّهُ عَمَلٌ غَيْرُ صَالِحٍ ۖ فَلَا تَسْأَلْنِ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ ۖ إِنِّي أَعِظُكَ أَنْ تَكُونَ مِنَ الْجَاهِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئۇ(مەن نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان) ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلى ياماندۇر، سەن ئېنىق بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن، مەن سېنىڭ جاھىللاردىن بولماسلىقىڭنى نەسىھەت قىلىمەن»[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئۇ ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلى ياماندۇر، شۇڭا سەن ئېنىق بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن، مەن سېنىڭ جاھىللاردىن بولماسلىقىڭنى نەسىھەت قىلىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى نۇھ! ئۇ ھەرگىزمۇ سېنىڭ ئائىلەڭدىن ئەمەس. چۈنكى ئۇ ياخشى بولمىغان ئەمەلدۇر. سەن بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن. مەندىن ساڭا نەسىھەت: جاھىللاردىن بولمىغىن» دېدى.
11 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ أَنْ أَسْأَلَكَ مَا لَيْسَ لِي بِهِ عِلْمٌ ۖ وَإِلَّا تَغْفِرْ لِي وَتَرْحَمْنِي أَكُنْ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن بىلمىگەن نەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سىغىنىمەن، ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە رەھىم قىلمىساڭ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن»[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم!مەن بىلمىگەن نەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن، ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن»
ئەنەس ئالىم: نۇھ: «رەببىم! مەن بىلمىگەن نەرسەمنى سەندىن سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن. ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە ماڭا مەرھەمەت قىلمىساڭ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى.
11 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
قِيلَ يَا نُوحُ اهْبِطْ بِسَلَامٍ مِنَّا وَبَرَكَاتٍ عَلَيْكَ وَعَلَىٰ أُمَمٍ مِمَّنْ مَعَكَ ۚ وَأُمَمٌ سَنُمَتِّعُهُمْ ثُمَّ يَمَسُّهُمْ مِنَّا عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتىلدى (يەنى ئاللاھ ئېيتتى): «ئى نۇھ! ساڭا، سەن بىلەن (كېمىدە) بىللە بولغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىغا بىز تەرەپتىن نازىل بولغان ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن (كېمىدىن) چۈشكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەۋلادىنى (ھاياتىي دۇنيادىن) بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ»[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: دېيىلدىكى: «ئى نۇھ !ساڭا ۋە سەن بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىغا بىز تەرەپتىن نازىل بولغان ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن كېمىدىن چۈشكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەۋلادىنى -ھاياتىي دۇنيادىن- بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ»
ئەنەس ئالىم: «ئى نۇھ! كېمىدىن چۈشكىن. بىزدىن ساڭا ۋە سەن بىلەن بىللە بولغان ئۇممەتلەرگە سالام ۋە بەرىكەتلەر بولسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق ئۇممەتلەر كېلىدۇكى، بىز ئۇلارنى ئاۋۋال باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشىتىمىز، ئاندىن ئۇلارنى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىمىز» دېيىلدى.
11 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهَا إِلَيْكَ ۖ مَا كُنْتَ تَعْلَمُهَا أَنْتَ وَلَا قَوْمُكَ مِنْ قَبْلِ هَٰذَا ۖ فَاصْبِرْ ۖ إِنَّ الْعَاقِبَةَ لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەنە شۇ (قىسسە) غەيبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر، ساڭا ئۇنى ۋەھىي قىلدۇق، سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار، سەۋر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئەنە شۇ -قىسسە-، غەيبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر، ساڭا ئۇنى بىز ۋەھيى قىلدۇق، سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار، سەۋر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قىسسە غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. بۇلارنى ساڭا بىز ۋەھىي قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇلارنى سەنمۇ بىلمەيتتىڭ، قەۋمىڭمۇ بىلمەيتتى. ئۇ ھالدا سەۋر قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارنىڭدۇر.
11 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جَاءَتْ رُسُلُنَا إِبْرَاهِيمَ بِالْبُشْرَىٰ قَالُوا سَلَامًا ۖ قَالَ سَلَامٌ ۖ فَمَا لَبِثَ أَنْ جَاءَ بِعِجْلٍ حَنِيذٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلەر) ئىبراھىمغا خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇلار: «ساڭا ئامانلىق تىلەيمىز» دېدى. ئىبراھىم : «مەنمۇ سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمەن» دېدى. ئۇ ئۇزاققا قالماي بىر موزاينى كاۋاپ قىلىپ ئېلىپ كەلدى[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز ئىبراھىمغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇلار: «ساڭا ئامانلىق تىلەيمىز» دېدى. ئىبراھىم : «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمەن» دېدى. ئۇ ئۇزاققا قالماي بىر موزاينى كاۋاپ قىلىپ ئېلىپ كەلدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئەلچىلىرىمىز ئىبراھىمغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىپ: «سالام» دېگەن ئىدى، ئىبراھىم: «سالام بولسۇن!» دېدى، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي كاۋاپ قىلىنغان بىر موزاي ئېلىپ كەلدى.
11 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَأَىٰ أَيْدِيَهُمْ لَا تَصِلُ إِلَيْهِ نَكِرَهُمْ وَأَوْجَسَ مِنْهُمْ خِيفَةً ۚ قَالُوا لَا تَخَفْ إِنَّا أُرْسِلْنَا إِلَىٰ قَوْمِ لُوطٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ) ئۇنىڭغا قول ئۇزاتمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى خوش كۆرمىدى، ئۇلاردىن قورقۇنچ ھېس قىلدى، ئۇلار: «قورقمىغىن (بىز رەببىڭنىڭ پەرىشتىلىرى، تاماق يېمەيمىز)، بىز ھەقىقەتەن لۇتنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق» دېدى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا قول ئۇزاتمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى خوش كۆرمىدى، ئۇلاردىن قورقۇنچ ھېس قىلدى، ئۇلار: «قورقمىغىن، بىز ھەقىقەتەن لۇتنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتىلدۇق» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم ئۇلارنىڭ كاۋاپقا قول ئۇزاتمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى يات كۆردى ۋە ئۇلاردىن قورقۇشقا باشلىدى. ئۇلار: «قورقمىغىن! بىز لۇتنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتىلدۇق» دېدى.
11 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَامْرَأَتُهُ قَائِمَةٌ فَضَحِكَتْ فَبَشَّرْنَاهَا بِإِسْحَاقَ وَمِنْ وَرَاءِ إِسْحَاقَ يَعْقُوبَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ ئايالى (يەنى سارە) بىر تەرەپتە تۇرۇپ (لۇت قەۋمىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىدىن خۇشاللىنىپ) كۈلدى، بىز ئۇنىڭغا (يەنى سارەگە) ئىسھاق (ئاتلىق بالىسى بولىدىغانلىقى) بىلەن ۋە ئىسھاقتىن كېيىن كېلىدىغان يەئقۇب (ئاتلىق نەۋرىسى بولىدىغانلىقى) بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ ئايالى -سارا- بىر تەرەپتە تۇرۇپ كۈلدى، بىز ئۇنىڭغا ئىسھاق -ئاتلىق بالىسى بولىدىغانلىقى- بىلەن ۋە ئىسھاقتىن كېيىن كېلىدىغان يەئقۇب -ئاتلىق نەۋرىسى بولىدىغانلىقى- بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بۇ ئەسنادا ئىبراھىمنىڭ ئايالى ئۆرە تۇراتتى، كۈلدى. بىز ئۇنىڭغا ئىسھاق بىلەن ۋە ئىسھاقتىن كېيىن كېلىدىغان يەئقۇب بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.
11 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ يَا وَيْلَتَىٰ أَأَلِدُ وَأَنَا عَجُوزٌ وَهَٰذَا بَعْلِي شَيْخًا ۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيْءٌ عَجِيبٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى سارە): «ۋىيەي! مەن بىر موماي تۇرسام، ئېرىم بىر بوۋاي تۇرسا، تۇغامدىمەن؟ بۇ ھەقىقەتەن قىزىق ئىشقۇ!» دېدى[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «ۋىيەي! مەن بىر موماي تۇرسام، ئېرىم بىر بوۋاي تۇرسا، تۇغامدىمەن؟ بۇ ھەقىقەتەن قىزىق ئىشقۇ!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئايال: «ۋىيەي! تۇغامدىمەن؟ مەن بىر موماي، شۇ بوۋاي مېنىڭ ئېرىم تۇرسا. بۇ ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىشقۇ!» دېدى .
11 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَتَعْجَبِينَ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ ۖ رَحْمَتُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ عَلَيْكُمْ أَهْلَ الْبَيْتِ ۚ إِنَّهُ حَمِيدٌ مَجِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن (يەنى قۇدرىتىدىن) ئەجەبلىنەمسەن؟ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارغا (يەنى ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە) نازىل بولسۇن. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەدھىيەەلەشكە لايىقتۇر، ئۇلۇغلاشقا لايىقتۇر» دېدى[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەمسەن؟ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارغا بولسۇن. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەدھىيىلەشكە لايىقتۇر، ئۇلۇغلاشقا لايىقتۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن ئەجەبلىنەمسەن؟ ئى بۇ ئۆينىڭ ئەھلى! ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى سىلەرگە بولسۇن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەدھىيەگە لايىقتۇر، ئۇلۇغدۇر» دېدى.
11 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا ذَهَبَ عَنْ إِبْرَاهِيمَ الرَّوْعُ وَجَاءَتْهُ الْبُشْرَىٰ يُجَادِلُنَا فِي قَوْمِ لُوطٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمدىن قورقۇنچ يوقالغان ھەمدە خۇشخەۋەر ئۇنىڭغا يەتكەن چاغدا، ئۇ بىز بىلەن لۇتنىڭ قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشكە كىرىشتى[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمدىن قورقۇنچ يوقالغان ھەمدە خۇش خەۋەر ئۇنىڭغا يەتكەن چاغدا، ئۇ بىز بىلەن لۇتنىڭ قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشىگە كىرىشتى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم ئۆزىدىن قورقۇنچ كەتكەن ۋە ئۆزىگە ئۇ خۇش خەۋەر كەلگەن چاغدا لۇتنىڭ قەۋمى توغرىسىدا بىز بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى .
11 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ إِبْرَاهِيمَ لَحَلِيمٌ أَوَّاهٌ مُنِيبٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆڭلى - كۆكسى كەڭ، كۆپ ئاھ چەككۈچى(يەنى دىلى يۇمشاق)، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلغۇچى زاتتۇر[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆڭلى كۆكسى كەڭ، كۆپ ئاھ چەككۈچى -دىلى يۇمشاق ۋە ھەممە ئىشتا- ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلغۇچى زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئىبراھىم ھەقىقەتەن ئېغىر - بېسىق، باغرى يۇمشاق ۋە ئۆزىنى ئاللاھقا ئاتىغان كىشى ئىدى.
11 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
يَا إِبْرَاهِيمُ أَعْرِضْ عَنْ هَٰذَا ۖ إِنَّهُ قَدْ جَاءَ أَمْرُ رَبِّكَ ۖ وَإِنَّهُمْ آتِيهِمْ عَذَابٌ غَيْرُ مَرْدُودٍ
مۇھەممەد سالىھ: (پەرىشتىلەر ئېيتتى) «ئى ئىبراھىم! بۇنى (يەنى لۇت قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشنى) قويغىن، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش توغرىسىدىكى) ئەمرى ئاللىقاچان چۈشتى، ئۇلارغا چوقۇم (مۇنازىرىلىشىش ياكى شاپائەت قىلىش بىلەن) قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئازاب چۈشىدۇ»[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: -پەرىشتىلەر ئېيتتى- :«ئى ئىبراھىم! بۇنى -يەنى لۇت قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشنى- قويغىن، شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ ئەمرى ئاللىقاچان چۈشتى، ئۇلارغا چوقۇم قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئازاب چۈشىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئەلچىلىرىمىز: «ئى ئىبراھىم! مۇنازىرىلىشىشنى قويغىن. شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ ئەمرى كەلدى، ئۇلارغا قايتۇرۇلمايدىغان ئازاب كەلمەكتە» دېدى.
11 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَتْ رُسُلُنَا لُوطًا سِيءَ بِهِمْ وَضَاقَ بِهِمْ ذَرْعًا وَقَالَ هَٰذَا يَوْمٌ عَصِيبٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلەر) لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەن چاغدا (لۇت ئۆز قەۋمىنىڭ ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇشىدىن قورقۇپ) قىيىن ئەھۋالدا قالدى، ئۇلار توغرىسىدا يۈرىكى سىقىلدى ۋە: «بۇ بىر دىشۋار كۈندۇر» دېدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەن چاغدا لۇت قىيىن ئەھۋالدا قالدى، ئۇلار توغرىسىدا يۈرىكى سىقىلدى ۋە: «بۇ بىر دىشۋار كۈندۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەلچىلىرىمىز لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، لۇت ئۇلار توغرۇلۇق قايغۇردى، ئىچى پۇشتى ۋە: «بۇ ئېغىر كۈندۇر!» دېدى .
11 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَهُ قَوْمُهُ يُهْرَعُونَ إِلَيْهِ وَمِنْ قَبْلُ كَانُوا يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ ۚ قَالَ يَا قَوْمِ هَٰؤُلَاءِ بَنَاتِي هُنَّ أَطْهَرُ لَكُمْ ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَلَا تُخْزُونِ فِي ضَيْفِي ۖ أَلَيْسَ مِنْكُمْ رَجُلٌ رَشِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىشتى، ئۇلار بۇرۇنلا يامان ئىشلارنى قىلاتتى (يەنى لىۋاتەت قىلاتتى). لۇت ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ بۇ قىزلىرىم سىلەرگە ئەڭ پاكتۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېھمانلىرىم ئالدىدا مېنى رەسۋا قىلماڭلار، ئاراڭلاردا قەبىھ ئىشتىن توسىدىغان بىرەر كاللىسى جايىدا ئادەم يوقمۇ؟»(ئىزاھات: قەۋمدىكى ئاياللارنى دېمەكچى، چۈنكى پەيغەمبەر دېگەن ئۈممىتىنىڭ ئاتىسى ئورنىدا بولىدۇ.)[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىشتى، ئۇلار بۇرۇن يامان ئىشلارنى قىلاتتى. لۇت ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ بۇ قىزلىرىم[1] سىلەرگە ئەڭ پاكتۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېھمانلىرىمنىڭ ئارىسىدا مېنى رەسۋا قىلماڭلار، ئاراڭلاردا قەبىھ ئىشتىن توسىدىغان بىرەر كاللىسى جايىدا ئادەم يوقمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: لۇتنىڭ قەۋمى يۈگۈرۈشۈپ لۇتنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار بۇرۇنمۇ يامان ئىشلارنى قىلاتتى. لۇت مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئەنە شۇ ئاياللار، مېنىڭ قىزلىرىمدۇر7. ئۇلار بىلەن ئۆيلىنىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پاك ئىشتۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە مېھمانلىرىمنىڭ ئالدىدا مېنى رەسۋا قىلماڭلار! ئاراڭلاردا ئەقلى - ھوشى جايىدا ئادەم يوقمۇ؟».
11 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا لَقَدْ عَلِمْتَ مَا لَنَا فِي بَنَاتِكَ مِنْ حَقٍّ وَإِنَّكَ لَتَعْلَمُ مَا نُرِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (لۇتقا) ئېيتتى: «قىزلىرىڭغا بىزنىڭ ھاجىتىمىز يوق ئىكەنلىكىنى سەن ئوبدان بىلىسەن، شۇنىڭدەك بىزنىڭ مەقسىتىمىزنىمۇ ئوبدان بىلىسەن»[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «قىزلىرىڭغا ھاجىتىمىز يوق ئىكەنلىكىنى سەن ئوبدان بىلىسەن، شۇنىڭدەك بىزنىڭ مەقسىتىمىزنىمۇ ئوبدان بىلىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سەن ئوبدان بىلىسەنكى، قىزلىرىڭدا بىز ئۈچۈن ھېچقانداق ھەق يوق8. سەن بىزنىڭ مەقسىتىمىزنى ئوبدان بىلىسەن» دېدى.
11 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَوْ أَنَّ لِي بِكُمْ قُوَّةً أَوْ آوِي إِلَىٰ رُكْنٍ شَدِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: لۇت ئېيتتى: «كاشكى مېنىڭ (سىلەرگە قارشى تۇرىدىغان) كۈچ- قۇۋۋىتىم بولسا ئىدى ياكى ئىلتىجا قىلىدىغان كۈچلۈك جەمەتىم بولسا ئىدى (چوقۇم سىلەرگە زەربە بەرگەن بولاتتىم)»[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇت ئېيتتى: «كاشكى مېنىڭ -سىلەرگە قارشى تۇرىدىغان- كۈچ قۇۋۋىتىم بولسا ئىدى، ياكى ئىلتىجا قىلىدىغان كۈچلۈك جەمەتىم بولسا ئىدى...»
ئەنەس ئالىم: لۇت: «كاشكى، مېنىڭ سىلەرگە قارشى كۈچۈم بولغان بولسا ياكى مۇستەھكەم يۆلەنچۈككە يۆلەنگەن بولسام!» دېدى.
11 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا لُوطُ إِنَّا رُسُلُ رَبِّكَ لَنْ يَصِلُوا إِلَيْكَ ۖ فَأَسْرِ بِأَهْلِكَ بِقِطْعٍ مِنَ اللَّيْلِ وَلَا يَلْتَفِتْ مِنْكُمْ أَحَدٌ إِلَّا امْرَأَتَكَ ۖ إِنَّهُ مُصِيبُهَا مَا أَصَابَهُمْ ۚ إِنَّ مَوْعِدَهُمُ الصُّبْحُ ۚ أَلَيْسَ الصُّبْحُ بِقَرِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «ئى لۇت! شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىدۇرمىز، ئۇلار ھەرگىزمۇ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) چىقىپ كەتكىن. ئايالىڭدىن باشقا، سىلەردىن ھېچ كىشى ئارقىسىغا قارىمىسۇن، ئۇ (يەنى ئايالىڭ) ئۇلار بىلەن بىرگە ھالاك بولغۇچىدۇر، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا ئازاب چۈشىدىغان چاغ تاڭ ۋاقتىدۇر، تاڭ يېقىن ئەمەسمۇ؟» دېدى[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى لۇت! شۈبھىسىزكى، بىز رەببىڭنىڭ ئەلچىلىرىدۇرمىز، ئۇلار ھەرگىزمۇ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چىقىپ كەتكىن، ئايالىڭدىن باشقا، سىلەردىن ھېچ كىشى ئارقىسىغا قارىمىسۇن، ئايالىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە ھالاك بولغۇچىدۇر، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا ئازاب چۈشىدىغان چاغ تاڭ ۋاقتىدۇر، تاڭ يېقىن ئەمەسمۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەلچىلەر: «ئى لۇت! شۈبھىسىزكى، بىز رەببىڭنىڭ ئەلچىلىرىدۇرمىز. ئۇلار ساڭا ھەرگىزمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. سەن كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئائىلەڭنى ئېلىپ يولغا چىققىن. سىلەردىن ھېچكىم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، ئايالىڭ مۇستەسنا. چۈنكى قەۋمىڭنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلار ئۇنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇش زامانى سۈبھى ۋاقتىدۇر. سۈبھى ۋاقتى يېقىن ئەمەسمۇ؟» دېدى.
11 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَ أَمْرُنَا جَعَلْنَا عَالِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهَا حِجَارَةً مِنْ سِجِّيلٍ مَنْضُودٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ (جازالاش) ئەمرىمىز چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (يەنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق)، ئۇ يۇرتلارغا بىز ئۈستى ـ ئۈستىلەپ ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئەمرىمىز چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق، ئۇ يۇرتلارغا بىز ئۈستى ـ ئۈستىلەپ ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئەمرىمىز كەلگەن چاغدا بىز ئۇ يەرنى كۆمتۈرۈپ، ئۈستىگە بۇرۇن تەييارلاپ قويۇلغان ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق.
11 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
مُسَوَّمَةً عِنْدَ رَبِّكَ ۖ وَمَا هِيَ مِنَ الظَّالِمِينَ بِبَعِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ساپال تاشلارغا پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا بەلگە سېلىنغان ئىدى، ئۇ يۇرتلار زالىملار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) دىن يىراق ئەمەس[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ساپال تاشلارغا رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا بەلگە سېلىنغان ئىدى، ئۇ يۇرتلار بۇ زالىملاردىن يىراق ئەمەس
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا بەلگە سېلىنغان تاشلار ئىدى. ئۇلار زالىملاردىن يىراق ئەمەس.
11 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى ھەقىقەتەن ئايەتلىرىمىز (يەنى ئاللاھتىن نازىل بولغان دىنىي ئەھكاملار) ۋە روشەن دەلىللەر (يەنى مۆجىزىلەر) بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى[96 ـ 97].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇسانى ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن دەلىللەر بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق،
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز مۇسانى ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق،
يۈسۈف سۈرىسى
100 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
نَحْنُ نَقُصُّ عَلَيْكَ أَحْسَنَ الْقَصَصِ بِمَا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ هَٰذَا الْقُرْآنَ وَإِنْ كُنْتَ مِنْ قَبْلِهِ لَمِنَ الْغَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھىي قىلىش ئارقىلىق ئەڭ چىرايلىق قىسسەنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قىسسەدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدىڭ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھيى قىلىش ئارقىلىق ئەڭ چىرايلىق قىسسىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قىسسىدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدىڭ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى ۋەھىي قىلىش ئارقىلىق، ساڭا ئەڭ گۈزەل قىسسەنى بايان قىلىپ بېرىمىز. شۈبھىسىزكى، سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ قىسسەدىن بىخەۋەر كىشىلەردىن ئىدىڭ.
12 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ يُوسُفُ لِأَبِيهِ يَا أَبَتِ إِنِّي رَأَيْتُ أَحَدَ عَشَرَ كَوْكَبًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ رَأَيْتُهُمْ لِي سَاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈف ئۆز ئاتىسىغا: «ئى ئاتا! مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېدى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈف ئۆز ئاتىسىغا: «ئى ئاتا!مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇف ئاتىسىغا: «ئى دادىكا! مەن چۈشۈمدە ئون بىر پلانېتا، قۇياش ۋە ئاينى كۆردۈم. ئۇلارنى ماڭا سەجدە قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆردۈم» دېگەن ئىدى1،
12 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا بُنَيَّ لَا تَقْصُصْ رُؤْيَاكَ عَلَىٰ إِخْوَتِكَ فَيَكِيدُوا لَكَ كَيْدًا ۖ إِنَّ الشَّيْطَانَ لِلْإِنْسَانِ عَدُوٌّ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاتىسى (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام): «ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ سالمىسۇن، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېدى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاتىسى - يەئقۇب ئەلەيھىسسالام-: «ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ قالمىسۇن، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاتىسى مۇنداق دېدى: «ئى ئوغۇلچىقىم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن. ئەگەر ئېيتساڭ ئۇلار ساڭا سۇيىقەست قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، شەيتان ئىنسانغا ئاشكارا دۈشمەندۇر.
12 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ يَجْتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَعَلَىٰ آلِ يَعْقُوبَ كَمَا أَتَمَّهَا عَلَىٰ أَبَوَيْكَ مِنْ قَبْلُ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭغا (يەنى ساڭا ئۇلۇغ چۈش كۆرسەتكىنىگە) ئوخشاش، پەرۋەردىگارىڭ سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئۆز مەرھەمىتىگە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭغا ئوخشاش، رەببىڭ سېنى - پەيغەمبەرلىككە- تاللايدۇ، ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆز مەرھەمىتىگە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: چۈشۈڭدە كۆرگىنىڭدەك رەببىڭ سېنى تاللايدۇ، ساڭا چۈشلەرنىڭ تەبىرىدىن ئۆگىتىدۇ، بۇرۇن ئىككى ئاتاڭ ئىبراھىم ۋە ئىسھاققا نېمىتىنى تاماملىغاندەك، ساڭىمۇ ۋە يەئقۇبنىڭ ئەۋلادىغىمۇ نېمىتىنى تاماملايدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».
12 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَانَ فِي يُوسُفَ وَإِخْوَتِهِ آيَاتٌ لِلسَّائِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈفنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ (قىسسەسىدە) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈفنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ -قىسسىسىدە- سورىغۇچىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن -ئىبرەتلىك- ئايەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدا سورىغۇچىلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
12 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالُوا لَيُوسُفُ وَأَخُوهُ أَحَبُّ إِلَىٰ أَبِينَا مِنَّا وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّ أَبَانَا لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى بۇنيامىن) ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى، بىز (كۈچلۈك) جامائەدۇرمىز، ئاتىمىز(نىڭ ئۇ ئىككىسىنى بىزدىن ئارتۇق كۆرۈشى) ئەلۋەتتە روشەن خاتادۇر» دېيىشتى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى - بۇنيامىن- ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى، بىز -كۈچلۈك- جامائەدۇرمىز، ئاتىمىز ئەلۋەتتە روشەن خاتالىق ئىچىدىدۇر» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئۆزئارا مۇنداق دېيىشكەن ئىدى: «شۈبھىسىزكى، يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئاتىمىزغا بىزدىن بەك سۆيۈملۈكتۇر. ھالبۇكى، بىز كۈچلۈك جامائەمىز. شۈبھىسىزكى، ئاتىمىز ئاشكارا خاتالىق ئىچىدىدۇر.
12 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
اقْتُلُوا يُوسُفَ أَوِ اطْرَحُوهُ أَرْضًا يَخْلُ لَكُمْ وَجْهُ أَبِيكُمْ وَتَكُونُوا مِنْ بَعْدِهِ قَوْمًا صَالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار) «يۈسۈفنى ئۆلتۈرۋېتىڭلار ياكى ئۇنى يىراق بىر چەت جايغا تاشلىۋېتىڭلار، (شۇ چاغدا) ئاتاڭلارنىڭ مۇھەببىتى سىلەرگە قالىدۇ، بۇ (گۇناھ) تىن كېيىن (تەۋبە قىلىپ) ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىسىلەر» دېيىشتى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلار- «يۈسۈفنى ئۆلتۈرۋېتىڭلار، ياكى ئۇنى يىراق بىر جايغا تاشلىۋېتىڭلار، -شۇ چاغدا- ئاتاڭلارنىڭ مۇھەببىتى سىلەرگە قالىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن -تەۋبە قىلىپ- ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىسىلەر» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇفنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار ياكى ئۇنى بىر يەرگە تاشلىۋېتىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ مېھىر - مۇھەببىتى سىلەرگىلا قالسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن تەۋبە قىلىپ ياخشى قەۋم بولىسىلەر».
12 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ قَائِلٌ مِنْهُمْ لَا تَقْتُلُوا يُوسُفَ وَأَلْقُوهُ فِي غَيَابَتِ الْجُبِّ يَلْتَقِطْهُ بَعْضُ السَّيَّارَةِ إِنْ كُنْتُمْ فَاعِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن بىرى سۆز قىلىپ: «يۈسۈفنى ئۆلتۈرمەڭلار، (ئەگەر ئۇنى ئاتىسىدىن يىراق قىلماقچى بولساڭلار،) ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، ئۇنى يولدىن ئۆتكەن كارۋان ئېلىۋالسۇن» دېدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بىرى سۆز قىلىپ: «يۈسۈفنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، ئۇنى يولدىن ئۆتكەن كارۋانلارنىڭ بىرى ئېلىۋالسۇن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سۆزى ئۆتىدىغان بىرى: «يۇسۇفنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئۇنى قۇدۇقنىڭ تېگىگە تاشلىۋېتىڭلار، كارۋانلارنىڭ بەزىسى تېپىۋالسۇن. قىلساڭلار مۇشۇنداق قىلىڭلار» دېدى.
12 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا أَبَانَا مَا لَكَ لَا تَأْمَنَّا عَلَىٰ يُوسُفَ وَإِنَّا لَهُ لَنَاصِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئى ئاتىمىز! نېمىشقا يۈسۈف توغرىسىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياخشى نىيەتتىمىز[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئى ئاتىمىز! نېمىشقا يۈسۈف توغرىسىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياخشى نىيەتتىمىز
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى ئاتىمىز! ساڭا نېمە بولدىكىن، يۇسۇف توغرۇلۇق بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا راستتىنلا كۆيۈنگۈچى كىشىلەرمىز.
12 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
أَرْسِلْهُ مَعَنَا غَدًا يَرْتَعْ وَيَلْعَبْ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ كىرسۇن، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز»[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ كىرسۇن، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز»
ئەنەس ئالىم: ئەتە ئۇنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، يەپ - ئىچىپ يايرىسۇن، ئوينىسۇن. بىز ئۇنى چوقۇم قوغدايمىز».
12 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنِّي لَيَحْزُنُنِي أَنْ تَذْهَبُوا بِهِ وَأَخَافُ أَنْ يَأْكُلَهُ الذِّئْبُ وَأَنْتُمْ عَنْهُ غَافِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب: «ئۇنى (يەنى يۈسۈفنى) ئېلىپ كەتسەڭلار راستتىنلا خاتىرجەم بولالمايمەن، سىلەر غەپلەتتە قېلىپ، ئۇنى بۆرە يەپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن» دېدى[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب: «ئۇنى ئېلىپ كەتسەڭلار راستتىنلا خاتىرجەم بولالمايمەن، سىلەر غەپلەتتە قېلىپ، ئۇنى بۆرە يەپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئاتىسى: «ئۇنى ئېلىپ كەتسەڭلار خاتىرجەم بولالمايمەن. سىلەر ئۇنىڭدىن بىخەۋەر قېلىپ، ئۇنى بۆرىنىڭ يەپ قويۇشىدىن قورقىمەن» دېدى.
12 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا لَئِنْ أَكَلَهُ الذِّئْبُ وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّا إِذًا لَخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز (كۈچلۈك) بىر جامائە تۇرۇقلۇق، ئۇنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق، ئۇ چاغدا بىز ئەلۋەتتە ـ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز بىر جامائە تۇرۇقلۇق، ئۇنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق، ئۇ چاغدا بىز ئەلۋەتتە ـ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز كۈچلۈك جامائە تۇرۇقلۇق ئۇنى بۆرە يەپ قويسا، ئۇ تەقدىردە بىز قولىدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغان كىشىلەرمىز دېمەكتۇر» دېدى .
12 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا ذَهَبُوا بِهِ وَأَجْمَعُوا أَنْ يَجْعَلُوهُ فِي غَيَابَتِ الْجُبِّ ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِ لَتُنَبِّئَنَّهُمْ بِأَمْرِهِمْ هَٰذَا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇنى قۇدۇققا تاشلاشنى بىردەك قارار قىلىشقان چاغدا، بىز يۈسۈفكە: «كەلگۈسىدە ئۇلارغا بۇ ئىشنى (سېنىڭ يۈسۈف ئىكەنلىكىڭنى) ئۇلار ئۇقمايدىغان پەيتتە خەۋەر بېرىسەن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇنى قۇدۇققا تاشلاشنى بىردەك قارار قىلىشقان چاغدا، بىز يۈسۈفكە: «كەلگۈسىدە ئۇلارغا بۇ ئىشنى ئۇلار ئۇقمايدىغان پەيتتە ئېيتقىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇسۇفنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى قۇدۇقنىڭ تېگىگە تاشلىۋېتىشنى بىردەك قارار قىلىشقان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «شۈبھىسىزكى، سەن ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى كەلگۈسىدە ئۇلارغا، ئۇلار سېنىڭ يۇسۇف ئىكەنلىكىڭنى ئاڭقارمايدىغان پەيتتە ئېيتىپ بېرىسەن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
12 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءُوا أَبَاهُمْ عِشَاءً يَبْكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشتى[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاخشىمى ئاتىلىرىنىڭ يېنىغا يىغلاشقان ھالدا كېلىپ:
12 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا أَبَانَا إِنَّا ذَهَبْنَا نَسْتَبِقُ وَتَرَكْنَا يُوسُفَ عِنْدَ مَتَاعِنَا فَأَكَلَهُ الذِّئْبُ ۖ وَمَا أَنْتَ بِمُؤْمِنٍ لَنَا وَلَوْ كُنَّا صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! يۈسۈفنى نەرسىلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قېلىپتۇق، ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! يۈسۈفنى نەرسىلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قېلىپتۇق، ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: «ئى ئاتىمىز! بىز يۇسۇفنى نەرسە - كېرەكلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ مۇسابىقىلەشكىلى كەتكەن ئىدۇق، ئۇ ئەسنادا ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ! راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى.
12 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءُوا عَلَىٰ قَمِيصِهِ بِدَمٍ كَذِبٍ ۚ قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ وَاللَّهُ الْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بۇ ئىشنى نەپسىڭلار سىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ قىلغۇزۇپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، سىلەرنىڭ (مۇشۇ يالغان) سۆزۈڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە ئاللاھ مەدەتكاردۇر» دېدى[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بۇ ئىشنى نەپسىڭلار سىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ قىلغۇزۇپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، سىلەرنىڭ -مۇشۇ يالغان- سۆزۈڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە ئاللاھ مەدەتكاردۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئۈستىدە يالغان قان ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاتىلىرى ئۇلارغا: «ياق، نەپسىڭلار سىلەرنى بىر ئىشقا كۈشكۈرتۈپتۇ. چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن ۋە سىلەرنىڭ بۇ يالغان سۆزۈڭلارغا قارشى پەقەت ئاللاھتىنلا ياردەم تىلەيمەن» دېدى.
12 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَتْ سَيَّارَةٌ فَأَرْسَلُوا وَارِدَهُمْ فَأَدْلَىٰ دَلْوَهُ ۖ قَالَ يَا بُشْرَىٰ هَٰذَا غُلَامٌ ۚ وَأَسَرُّوهُ بِضَاعَةً ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِمَا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتتى، ئۇلار سۇچىسىنى (سۇ ئېلىپ كېلىشكە) ئەۋەتتى، ئۇ سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلىدى ۋە: «خۇشخەۋەر! مانا بىر ئوغۇل بالا» دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپىتىدە مەخپىي تۇتۇشتى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتتى، ئۇلار سۇچىسىنى -سۇ ئېلىپ كېلىشكە- ئەۋەتتى، ئۇ سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلىدى ۋە: «خۇش خەۋەر! مانا بىر ئوغۇل بالا» دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپىتىدە مەخپىي تۇتۇشتى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: يۇسۇفنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئۇ يەرگە بىر كارۋان كېلىپ سۇچىسىنى سۇغا ئەۋەتكەن ئىدى. سۇچى بېرىپ سوغىسىنى قۇدۇققا ساڭگىلاتتى ۋە: «خۇش خەۋەر! بۇ بىر ئوغۇل بالا!» دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپىتىدە يوشۇردى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇراتتى.
12 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَشَرَوْهُ بِثَمَنٍ بَخْسٍ دَرَاهِمَ مَعْدُودَةٍ وَكَانُوا فِيهِ مِنَ الزَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنى ساناقلىق بىر قانچە تەڭگىگە ئەرزان باھادا سېتىۋەتتى، چۈنكى ئۇلار يۈسۈفكە قىزىقمىغان ئىدى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنى ساناقلىق بىر قانچە تەڭگىگە ئەرزان باھادا سېتىۋەتتى، چۈنكى ئۇلار يۈسۈفكە قىزىقمىغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇنى ئەرزان باھادا، بىر قانچە دىرھەمگە ساتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا قىزىقمىغۇچىلاردىن ئىدى.
12 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِي اشْتَرَاهُ مِنْ مِصْرَ لِامْرَأَتِهِ أَكْرِمِي مَثْوَاهُ عَسَىٰ أَنْ يَنْفَعَنَا أَوْ نَتَّخِذَهُ وَلَدًا ۚ وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي الْأَرْضِ وَلِنُعَلِّمَهُ مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ ۚ وَاللَّهُ غَالِبٌ عَلَىٰ أَمْرِهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى ياخشى كۈتكىن، بىزگە ئەسقاتار ياكى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. شۇنىڭدەك (يەنى يۈسۈفنى قۇدۇقتىن قۇتقۇزغىنىمىزدەك) يۈسۈفنى (مىسىر) زېمىنىغا يەرلەشتۈردۈق، ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى ئۈگەتتۇق، ئاللاھ (خالىغان) ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى ياخشى كۈتكىن، بىزگە ئەسقاتار ياكى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. شۇنىڭدەك يۈسۈفنى - مىسىر- زېمىنىغا يەرلەشتۈردۈق، ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى ئۈگەتتۇق، ئاللاھ خالىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى ئۇقمايدۇ[
ئەنەس ئالىم: ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى قەدىرلىگىن، ئوبدان باققىن! كەلگۈسىدە بىزگە ئەسقاتار ياكى ئۇنى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. بىز يۇسۇفنى ئۇ يەرگە ئەنە شۇنداق يەرلەشتۈردۇق. ئۇنىڭغا چۈشلەرنىڭ تەبىرىدىن ئۆگەتتۇق. ئاللاھ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چوقۇم غالىبتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
12 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُ آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئاشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
12 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَاوَدَتْهُ الَّتِي هُوَ فِي بَيْتِهَا عَنْ نَفْسِهِ وَغَلَّقَتِ الْأَبْوَابَ وَقَالَتْ هَيْتَ لَكَ ۚ قَالَ مَعَاذَ اللَّهِ ۖ إِنَّهُ رَبِّي أَحْسَنَ مَثْوَايَ ۖ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال (يەنى زۈلەيخا) يۈسۈفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: «بېرى كەل!» دېدى. يۈسۈف: «خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ(يەنى ئېرىڭ) ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ» دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال - زۈلەيخا-، يۈسۈفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: «بېرى كەل» دېدى. يۈسۈف: «خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ - ئېرىڭ- ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى، يۇسۇفنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇندى، ئىشىكلەرنى مەھكەم تاقىۋەتتى ۋە: «قېنى، كەلسەڭچۇ!» دېدى. يۇسۇف: «ئاللاھ ساقلىسۇن! شۈبھىسىزكى، ئۇ مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. زالىملار ئەسلا مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ» دېدى.
12 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ هَمَّتْ بِهِ ۖ وَهَمَّ بِهَا لَوْلَا أَنْ رَأَىٰ بُرْهَانَ رَبِّهِ ۚ كَذَٰلِكَ لِنَصْرِفَ عَنْهُ السُّوءَ وَالْفَحْشَاءَ ۚ إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُخْلَصِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى زۈلەيخا) يۈسۈفكە (يېقىنچىلىق قىلىشقا) بەل باغلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا، يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغان بولاتتى. بىز يۈسۈفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق، شۈبھىسىزكى، يۈسۈف بىزنىڭ سادىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۈلەيخا يۈسۈفكە يېقىنچىلىق قىلىشقا بەل باغلىدى، رەببىنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا، يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا بەل باغلىغان ئىدى. بىز يۈسۈفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق، شۈبھىسىزكى، يۈسۈف بىزنىڭ سادىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇ ئايال يۇسۇفكە يامانلىق قىلىشنى قەستلىدى، رەببىنىڭ ئوچۇق دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا يۇسۇفمۇ ئۇنىڭغا يامانلىق قىلىشنى قەستلىگەن بولاتتى. بىز يۇسۇفتىن يامانلىقنى ۋە پاھىشىنى ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاشۇنداق دەلىل كۆرسەتتۇق. چۈنكى ئۇ تاللانغان بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
12 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْتَبَقَا الْبَابَ وَقَدَّتْ قَمِيصَهُ مِنْ دُبُرٍ وَأَلْفَيَا سَيِّدَهَا لَدَى الْبَابِ ۚ قَالَتْ مَا جَزَاءُ مَنْ أَرَادَ بِأَهْلِكَ سُوءًا إِلَّا أَنْ يُسْجَنَ أَوْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى (يۈسۈف چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، زۈلەيخا ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن) ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى. (بۇ چاغدا) ئۇ (يەنى زۈلەيخا) يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىن (تارتىپ) يىرتىۋەتتى، ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ (يەنى زۈلەيخانىڭ) ئېرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشتى. ئۇ (يەنى زۈلەيخا): «سېنىڭ ئەھلىيەڭنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق قىيناش بىلەن جازالاش كېرەك» دېدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى -يۈسۈف چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، زۈلەيخا ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن- ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى. -بۇ چاغدا زۈلەيخا يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىن تارتىپ يىرتىۋەتتى، ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ ئېرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشتى. ئۇ: «سېنىڭ ئەھلىيەڭنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق قىيناش بىلەن جازالاش كېرەك» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى، ئايال يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىدىن يىرتىۋەتتى ۋە ئىككىسى ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئايالنىڭ خوجىسىنى ئۇچراتتى. ئايال دەرھال: «سېنىڭ ئەھلىڭنى ئاياغ ئاستى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ جازاسى نېمە؟ زىندانغا تاشلىنىش ياكى ئىسكەنجىگە ئېلىنىش ئەمەسمۇ؟» دېدى.
12 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هِيَ رَاوَدَتْنِي عَنْ نَفْسِي ۚ وَشَهِدَ شَاهِدٌ مِنْ أَهْلِهَا إِنْ كَانَ قَمِيصُهُ قُدَّ مِنْ قُبُلٍ فَصَدَقَتْ وَهُوَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف: «ئۇ (يەنى زۈلەيخا) مەندىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى» دېدى. ئۇ (يەنى زۈلەيخا) نىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرسى گۇۋاھلىق بېرىپ: «يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا، ئۇنىڭ (يەنى زۈلەيخا) نىڭ سۆزى راست، يۈسۈفنىڭ سۆزى يالغان[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف: «ئۇ مەندىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى» دېدى. زۈلەيخانىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرى گۇۋاھلىق بېرىپ: «يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا، ئۇنىڭ زۈلەيخانىڭ سۆزى راست، يۈسۈفنىڭ سۆزى يالغان
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف: «ئۇ، كۆڭلۈمنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇندى» دېدى. ئايالنىڭ ئائىلىسىدىن بىر گۇۋاھچى مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: «ئەگەر يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا خانىم توغرا سۆزلىگەن بولىدۇ، يۇسۇف يالغانچىلاردىن بولغان بولىدۇ.
12 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَانَ قَمِيصُهُ قُدَّ مِنْ دُبُرٍ فَكَذَبَتْ وَهُوَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا، ئۇ(يەنى زۈلەيخانىڭ) سۆزى يالغان، يۈسۈفنىڭ سۆزى راست» دېدى[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا، زۈلەيخانىڭ سۆزى يالغان يۈسۈفنىڭ سۆزى راست» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىدىن يىرتىلغان بولسا خانىم يالغان سۆزلىگەن بولىدۇ، يۇسۇف راستچىللاردىن بولغان بولىدۇ».
12 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَأَىٰ قَمِيصَهُ قُدَّ مِنْ دُبُرٍ قَالَ إِنَّهُ مِنْ كَيْدِكُنَّ ۖ إِنَّ كَيْدَكُنَّ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى زۈلەيخانىڭ ئېرى) يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئەي ئاياللار جامائەسى!بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇر، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر» دېدى[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۈلەيخانىڭ ئېرى يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئەي ئاياللار جامائەسى!بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇر، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئايالنىڭ ئېرى يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «ئى ئاياللار! شۈبھىسىزكى، بۇ سىلەرنىڭ ھىيلەڭلەردىندۇر. سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر.
12 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
يُوسُفُ أَعْرِضْ عَنْ هَٰذَا ۚ وَاسْتَغْفِرِي لِذَنْبِكِ ۖ إِنَّكِ كُنْتِ مِنَ الْخَاطِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (يەنە ئېيتتى) «يۈسۈف! بۇنى سۆزلەپ يۈرمىگىن. (ئايالىم) سەن ئۆز گۇناھىڭغا كەچۈرۈم سورىغىن، سەن ھەقىقەتەن خاتالاشتىڭ»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: -يەنە ئېيتتى-: «يۈسۈف! بۇنى سۆزلەپ يۈرمىگىن. -ئى ئايالىم- سەنمۇ ئۆز گۇناھىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىن، سەن ھەقىقەتەن خاتالاشقانلاردىن بولدۇڭ»
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف! سەن بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنمىغىن. خوتۇن! سەن گۇناھىڭغا ئەپۇ تىلىگىن، چۈنكى سەن خاتالاشقۇچىلاردىن بولدۇڭ».
12 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ نِسْوَةٌ فِي الْمَدِينَةِ امْرَأَتُ الْعَزِيزِ تُرَاوِدُ فَتَاهَا عَنْ نَفْسِهِ ۖ قَدْ شَغَفَهَا حُبًّا ۖ إِنَّا لَنَرَاهَا فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: شەھەردىكى بەزى ئاياللار: «ئەزىز (يەنى مىسىرنىڭ ۋەزىرى) نىڭ خوتۇنى قۇلىغا كۆيۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ، بىز ئۇنى، ئەلۋەتتە ئاشكارا ئازغان دەپ قارايمىز» دېيىشتى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەھەردىكى بەزى ئاياللار: «ئەزىزنىڭ خوتۇنى قۇلىغا كۆيۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ، بىز ئۇنى، ئەلۋەتتە، ئاشكارا ئازغان دەپ قارايمىز» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: شەھەردىكى بىر قىسىم خوتۇنلار: «ئەزىز2نىڭ ئايالى ياش خىزمەتكارىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇنۇپتۇ! ئۇ ئايال ئۇنىڭغا كۆيۈپ قاپتۇ! بىزچە ئۇ خوتۇن ھەقىقەتەن ئېزىپتۇ!» دېيىشتى.
12 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا سَمِعَتْ بِمَكْرِهِنَّ أَرْسَلَتْ إِلَيْهِنَّ وَأَعْتَدَتْ لَهُنَّ مُتَّكَأً وَآتَتْ كُلَّ وَاحِدَةٍ مِنْهُنَّ سِكِّينًا وَقَالَتِ اخْرُجْ عَلَيْهِنَّ ۖ فَلَمَّا رَأَيْنَهُ أَكْبَرْنَهُ وَقَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ وَقُلْنَ حَاشَ لِلَّهِ مَا هَٰذَا بَشَرًا إِنْ هَٰذَا إِلَّا مَلَكٌ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى زۈلەيخا) ئۇلارنىڭ گەپ ـ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا (مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ) ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا (يۆلىنىدىغان) تەكىيە، ياستۇقلارنى تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. (زۈلەيخا يۈسۈفكە) «سەن چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىن، دېدى، ئۇلار يۈسۈفنى كۆرۈپ ھاڭ -تاڭ بولۇپ قېلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى. ئۇلار: «(بۇنداق چىرايلىق ئىنساننى ياراتقان) ئاللاھ پاكتۇر، بۇ ئادەمزات ئەمەس، پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتىدۇر» دېيىشتى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۈلەيخا ئۇلارنىڭ گەپ ـ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا -مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ- ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا - يۆلىنىدىغان- تەكىيە ياستۇقلارنى تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. -زۈلەيخا يۈسۈفكە: «سەن چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىن» دېدى، ئۇلار يۈسۈفنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ بولۇپ قېلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى ۋە: «-بۇنداق چىرايلىق ئىنساننى ياراتقان- ئاللاھ پاكتۇر، بۇ ئادەمزات ئەمەس، پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتىدۇر» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئەزىزنىڭ ئايالى، ئۇ خوتۇنلارنىڭ بۇ سۆز - چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى سارىيىغا چاقىرتتى. ئۇلار ئۈچۈن يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان يەرلەرنى تەييارلاتقۇزدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن بىردىن پىچاق بەرگۈزدى3. ئۇ ئەسنادا4 يۇسۇفكە: «شۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىن!» دېدى. خوتۇنلار يۇسۇفنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ بولۇپ قېلىشتى، ئۇنىڭ گۈزەللىكى بىلەن بولۇپ كېتىپ تۇيماستىن ئۆز قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى ۋە: «ئاللاھ پاكتۇر. بۇ ئادەمزات ئەمەس. بۇ پەقەت ھۆرمەتلىك پەرىشتە!» دېيىشتى.
12 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ فَذَٰلِكُنَّ الَّذِي لُمْتُنَّنِي فِيهِ ۖ وَلَقَدْ رَاوَدْتُهُ عَنْ نَفْسِهِ فَاسْتَعْصَمَ ۖ وَلَئِنْ لَمْ يَفْعَلْ مَا آمُرُهُ لَيُسْجَنَنَّ وَلَيَكُونًا مِنَ الصَّاغِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (يەنى زۈلەيخا): «مانا بۇ سىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىگەن ھېلىقى ئادەم، مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمنى قىلمىسا، چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ، چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ» دېدى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۈلەيخا: «مانا بۇ سىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىگەن ھېلىقى ئادەم، مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمنى قىلمىسا، چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ، چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەزىزنىڭ ئايالى: «مانا بۇ ئۇ يىگىتتۇر، سىلەر مېنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەيىبلىدىڭلار. شۈبھىسىزكى، مەن بۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە تارتىشقا ئۇرۇندۇم، لېكىن بۇ ئۆزىنى ساقلىدى. ئەگەر بۇ مېنىڭ بۇيرۇقۇمنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىجرا قىلمىسا چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ ۋە چوقۇم خار ئادەملەردىن بولىدۇ» دېدى.
12 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ السِّجْنُ أَحَبُّ إِلَيَّ مِمَّا يَدْعُونَنِي إِلَيْهِ ۖ وَإِلَّا تَصْرِفْ عَنِّي كَيْدَهُنَّ أَصْبُ إِلَيْهِنَّ وَأَكُنْ مِنَ الْجَاهِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، (ئىنسانچىلىقتا) ئۇلارغا مايىل بولۇپ ، نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف: «ئى رەببىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، ئۇلارغا مايىل بولۇپ نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف: «رەببىم! ماڭا زىندان بۇلار مېنى دەۋەت قىلغان نەرسىدىن سۆيۈملۈكتۇر. ئەگەر بۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، بۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن ۋە جاھىللاردىن5 بولۇپ قالىمەن» دېدى.
12 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَجَابَ لَهُ رَبُّهُ فَصَرَفَ عَنْهُ كَيْدَهُنَّ ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۈسۈفتىن دەپئى قىلدى. ئاللاھ (ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى) ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۈسۈفتىن دەپئى قىلدى. ئاللاھ -ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى- ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەببى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇ خوتۇنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئۇنىڭدىن دەپئى قىلدى. چۈنكى ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
12 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ بَدَا لَهُمْ مِنْ بَعْدِ مَا رَأَوُا الْآيَاتِ لَيَسْجُنُنَّهُ حَتَّىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار (يۈسۈفنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىگە دائىر) پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى بىرمەھەل قاماپ قويۇشنى لايىق تاپتى[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار -يۈسۈفنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىگە دائىر- پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى بىرمەھەل قاماپ قويۇشنى لايىق تاپتى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئەزىز ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى دەلىللەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى بىر مۇددەت قاماپ قويۇش ئويىغا كېلىشتى6.
12 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَخَلَ مَعَهُ السِّجْنَ فَتَيَانِ ۖ قَالَ أَحَدُهُمَا إِنِّي أَرَانِي أَعْصِرُ خَمْرًا ۖ وَقَالَ الْآخَرُ إِنِّي أَرَانِي أَحْمِلُ فَوْقَ رَأْسِي خُبْزًا تَأْكُلُ الطَّيْرُ مِنْهُ ۖ نَبِّئْنَا بِتَأْوِيلِهِ ۖ إِنَّا نَرَاكَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زىندانغا يۈسۈف بىلەن ئىككى يىگىت بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن (ئۈزۈمدىن) ھاراق سىقىۋاتقان كۆرۈپتىمەن» دېدى. ئىككىنچىسى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغان، ناننى قۇشلار يەۋاتقان كۆرۈپتىمەن، تەبىرىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن (يەنى چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلاردىن) دەپ قارايمىز» دېدى[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: زىندانغا يۈسۈف بىلەن ئىككى يىگىت بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى: «ھەقىقەتەن مەن چۈشۈمدە -ئۈزۈمدىن- ھاراق سىقىۋېتىپ چۈشەپ قېلىپتىمەن» دېدى. ئىككىنچىسى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغان، ناننى قۇشلار يەۋاتقان كۆرۈپتىمەن، تەبىرىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن دەپ قارايمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: زىندانغا يۇسۇف بىلەن بىرلىكتە ئىككى يىگىتمۇ كىرگەن ئىدى. بۇلارنىڭ بىرى: «مەن ھاراق سىقىۋېتىپ چۈش كۆرۈۋاتىمەن» دېدى. يەنە بىرى: «مەن مۇنداق بىر چۈشنى كۆرۈۋاتىمەن: بېشىمنىڭ ئۈستىدە نان كۆتۈرۈۋاتقۇدەكمەن، قۇشلار ئۇ ناندىن يەۋاتقۇدەكمىش» دېدى. ئاندىن ئىككىسى: «ئى يۇسۇف! بىزگە بۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بەرگىن. كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىنسەن» دېدى.
12 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَا يَأْتِيكُمَا طَعَامٌ تُرْزَقَانِهِ إِلَّا نَبَّأْتُكُمَا بِتَأْوِيلِهِ قَبْلَ أَنْ يَأْتِيَكُمَا ۚ ذَٰلِكُمَا مِمَّا عَلَّمَنِي رَبِّي ۚ إِنِّي تَرَكْتُ مِلَّةَ قَوْمٍ لَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف ئېيتتى: «ئىككىڭلارغا سىرتتىن تاماق كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەلەيمەن، بۇ پەرۋەردىگارىم ماڭا بىلدۈرگەن نەرسىلەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تاشلىدىم[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف ئېيتتى: «ئىككىڭلارغا سىرتتىن تاماق كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىمەن، بۇ رەببىم ماڭا بىلدۈرگەن نەرسىلەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تاشلىدىم
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف مۇنداق دېدى: «ئىككىكلارغا بېرىلىدىغان تاماق يېنىڭلارغا كېلىشتىن ئىلگىرى، مەن ئۇنىڭ تەبىرىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىمەن. بۇ رەببىم ماڭا ئۆگەتكەن ئىلىملەردىندۇر. چۈنكى مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تەرك ئەتتىم،
12 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّبَعْتُ مِلَّةَ آبَائِي إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۚ مَا كَانَ لَنَا أَنْ نُشْرِكَ بِاللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ عَلَيْنَا وَعَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئەجدادلىرىم ـ ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇبلارنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىزگە لايىق ئەمەس، بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئەجدادلىرىم ـ ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇبلارنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىزگە لايىق ئەمەس، بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاتىلىرىم ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم. ئاللاھقا بىرەر نەرسە شېرىك قىلىشىمىز بىز ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ. بۇ ئېتىقاد ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان ئىلتىپاتىدىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
12 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
يَا صَاحِبَيِ السِّجْنِ أَأَرْبَابٌ مُتَفَرِّقُونَ خَيْرٌ أَمِ اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
مۇھەممەد سالىھ: تۈرمىداش ئاغىنىلەر! تارقاق، كۆپ مەبۇدلار ياخشىمۇ ياكى قۇدرەتلىك بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟[39]
تەرجىمە ھەيئىتى: تۈرمىداش ئاغىنىلەر! تارقاق كۆپ مەبۇدلار ياخشىمۇ؟ ياكى قۇدرەتلىك بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى ئىككى زىنداندىشىم! پەرقلىق بىرقانچە رەب ياخشىمۇ، ياكى چەكسىز قۇدرەتلىك، يالغۇز بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟
12 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
مَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِهِ إِلَّا أَسْمَاءً سَمَّيْتُمُوهَا أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ بِهَا مِنْ سُلْطَانٍ ۚ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۚ أَمَرَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ ۚ ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان (بۇتلارنىڭ ۋە غەيرىينىڭ) ناملىرىدىنلا ئىبارەت، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشى توغرىسىدا) ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگىنى يوق، ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى(بۇنى) بىلمەيدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان ناملاردىنلا ئىبارەتتۇر، ئاللاھ -ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشى توغرىسىدا- ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگىنى يوق، ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى - بۇنى- بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۇنى قويۇپ پەقەت ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭلار ئاتىۋالغان ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر. ئاللاھ ئۇ ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن. ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدى. مانا بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
12 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
يَا صَاحِبَيِ السِّجْنِ أَمَّا أَحَدُكُمَا فَيَسْقِي رَبَّهُ خَمْرًا ۖ وَأَمَّا الْآخَرُ فَيُصْلَبُ فَتَأْكُلُ الطَّيْرُ مِنْ رَأْسِهِ ۚ قُضِيَ الْأَمْرُ الَّذِي فِيهِ تَسْتَفْتِيَانِ
مۇھەممەد سالىھ: تۈرمىداش ئاغىنىلەر! سىلەرنىڭ بىرىڭلار (زىنداندىن چىقىپ) خوجايىنغا ھاراق قۇيۇپ بېرىدۇ (يەنى ساقىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ)، يەنە بىرىڭلار دارغا ئېسىلىدۇ، كاللىسىنى قۇشلار يەيدۇ، سىلەر سورىغان ئىشلار ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى»[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: تۈرمىداش ئاغىنىلەر! سىلەرنىڭ بېرىڭلار -زىنداندىن چىقىپ- خوجايىنىغا ھاراق قۇيۇپ بېرىدۇ، يەنە بېرىڭلار دارغا ئېسىلىدۇ، كاللىسىنى قۇشلار يەيدۇ، سىلەر سورىغان ئىشلار ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى»
ئەنەس ئالىم: ئى ئىككى زىنداندىشىم! چۈشلىرىڭلارغا كەلسەك، ئىككىڭلاردىن بىرى خوجايىنىغا ھاراق سۇنىدۇ. يەنە بىرى دارغا ئېسىلىدۇ، قۇشلار ئۇنىڭ بېشىدىن يەيدۇ. سىلەر تەبىرىنى سورىغان چۈشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش چوقۇم بۇ شەكىلدە ئەمەلگە ئاشىدۇ».
12 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ لِلَّذِي ظَنَّ أَنَّهُ نَاجٍ مِنْهُمَا اذْكُرْنِي عِنْدَ رَبِّكَ فَأَنْسَاهُ الشَّيْطَانُ ذِكْرَ رَبِّهِ فَلَبِثَ فِي السِّجْنِ بِضْعَ سِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ قۇتۇلۇشىغا ئىشەنگەن بىرسىگە (يەنى ساقىيغا): «مېنى خوجايىنىڭنىڭ ئالدىدا ئەسلەپ قويغىن» دېگەن ئىدى. خوجايىنىنىڭ ئالدىدا يۈسۈفنى ئەسلەپ قويۇشنى شەيتان ئۇنىڭغا ئۇنتۇلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن يۈسۈف زىنداندا بىر نەچچە يىل يېتىپ قالدى[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف ئۆزىنىڭ قۇتۇلۇشىغا ئىشەنگەن تۈرمىدېشىغا: «مېنى خۇجايىنىڭنىڭ ئالدىدا ئەسلەپ قويغىن» دېدى. بىراق شەيتان ئۇنىڭغا خوجايىنىنىڭ ئالدىدا يۈسۈفنى ئەسلەپ قويۇشنى ئۇنتۇلدۇردى، -شۇنداق قىلىپ- يۈسۈف زىنداندا بىر نەچچە يىل يېتىپ قالدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف ئۇ ئىككىسىدىن، قۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلگەن ئاغىنىسىگە: «خوجايىنىڭنىڭ يېنىدا مەن توغرۇلۇق گەپ قىلىپ قويغىن» دېدى. لېكىن شەيتان ئۇ كىشىگە يۇسۇف توغرۇلۇق خوجايىنىغا گەپ قىلىشنى ئۇنتۇلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن يۇسۇف زىنداندا بىرقانچە يىل يېتىپ قالدى.
12 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِي نَجَا مِنْهُمَا وَادَّكَرَ بَعْدَ أُمَّةٍ أَنَا أُنَبِّئُكُمْ بِتَأْوِيلِهِ فَأَرْسِلُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ھېلىقى ئىككىسىدىن (تۈرمىدىن) قۇتۇلغان ۋە ئۇزاق مۇددەتتىن كېيىن (يۈسۈفنى) ئەسلىگەن كىشى: «مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، مېنى (يۈسۈفنىڭ يېنىغا) ئەۋەتىڭلار» دېدى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېلىقى ئىككىسىدىن تۈرمىدىن قۇتۇلغان ۋە ئۇزاق مۇددەتتىن كېيىن يۈسۈفنى ئەسلىگەن كىشى: «مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، مېنى -يۈسۈفنىڭ يېنىغا- ئەۋەتىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇفنىڭ ھېلىقى ئىككى ئاغىنىسىدىن، قۇتۇلغىنى ئۇزۇن مۇددەتتىن كېيىن يۇسۇفنى ئەسلىدى ۋە: «مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىمەن. مېنى دەرھال زىندانغا ئەۋەتىڭلار» دېدى.
12 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
يُوسُفُ أَيُّهَا الصِّدِّيقُ أَفْتِنَا فِي سَبْعِ بَقَرَاتٍ سِمَانٍ يَأْكُلُهُنَّ سَبْعٌ عِجَافٌ وَسَبْعِ سُنْبُلَاتٍ خُضْرٍ وَأُخَرَ يَابِسَاتٍ لَعَلِّي أَرْجِعُ إِلَى النَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنى ئەۋەتىشتى، ئۇ تۈرمىگە بېرىپ يۈسۈفنىڭ يېنىغا كىردى ـ دە) «ئى راستچىل يۈسۈف! يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى (كۆرۈپ چۈشىگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى) بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، مەن ئۇنى كىشىلەرگە (يەنى پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ دۆلەت ئەربابلىرىغا) خەۋەر قىلسام، ئۇلار (سېنىڭ پەزلىڭنى،بىلىمىڭنى) بىلسۇن» دېدى[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنى ئەۋەتىشتى، ئۇ تۈرمىگە بېرىپ يۈسۈفنىڭ يېنىغا كىردى ـ دە : «ئى راستچىل يۈسۈف! يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى -كۆرۈپ چۈشىگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى- بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، ئۈمىدىم شۇكى، مەن ئۇ ئادەملەرنىڭ يېنىغا -توغرا تەبىر بىلەن - قايتامەن، ئۇلارمۇ - سېنىڭ قەدرىڭنى-بىلىپ قالا» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ كىشىنى زىندانغا ئەۋەتتى. بۇ كىشى زىندانغا بېرىپ: «يۇسۇف! ئى راستچىل كىشى! بىزگە يەتتە دانە ئورۇق كالا يەۋاتقان يەتتە دانە سېمىز كالىنى ۋە يەتتە دانە يېشىل باشاق بىلەن باشقا قۇرۇق باشاقلارنى كۆرۈپ چۈشىگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى بايان قىلىپ بەرگىن. ئۈمىد قىلىمەنكى، توغرا تەبىرىڭنى ئاڭلاپ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە يەتكۈزىمەن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ سېنىڭ قەدىرىڭنى بىلەر» دېدى.
12 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ تَزْرَعُونَ سَبْعَ سِنِينَ دَأَبًا فَمَا حَصَدْتُمْ فَذَرُوهُ فِي سُنْبُلِهِ إِلَّا قَلِيلًا مِمَّا تَأْكُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف ئېيتتى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىڭلار، ئالغان ھوسۇلۇڭلاردىن يېيىش ئۈچۈن ئازغىنىسىنى خامان تەپكەندىن تاشقىرى، قالغىنىنى (مىتە چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) باشىقى بىلەن قويۇڭلار[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف ئېيتتى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىسىلەر، ئالغان ھوسۇلۇڭلاردىن يېيىش ئۈچۈن ئازغىنىسىنى خامان تەپكەندىن تاشقىرى، قالغىنىنى باشىقى بىلەن قويۇسىلەر
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف مۇنداق دېدى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىسىلەر. يىغقان ھوسۇلۇڭلارنى باشاق پېتى قويۇڭلار، لېكىن ئۆزۈڭلار يەيدىغان ئازغىنىسىنى ئۇنداق قويمىساڭلارمۇ بولىدۇ.
12 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ يَأْتِي مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ سَبْعٌ شِدَادٌ يَأْكُلْنَ مَا قَدَّمْتُمْ لَهُنَّ إِلَّا قَلِيلًا مِمَّا تُحْصِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ، (بۇ يىللاردا) ئىلگىرى توپلىۋالغان ئاشلىقىڭلاردىن (ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن) ساقلاپ قويۇلىدىغان ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسىنى يەپ تۈگىتىسىلەر[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ، -بۇ يىللاردا- ئىلگىرى توپلىۋالغان ئاشلىقىڭلاردىن -ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن- ساقلاپ قويۇلىدىغان ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسىنى يەپ تۈگىتىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ. بۇ يەتتە يىل ئىچىدە، ئىلگىرى ساقلىۋالغان ئاشلىقىڭلارنى يەپ تۈگىتىسىلەر. ئايرىپ قويىدىغان ئازغىنە ئۇرۇقلۇقۇڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
12 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ يَأْتِي مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ عَامٌ فِيهِ يُغَاثُ النَّاسُ وَفِيهِ يَعْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدىن كېيىن (مولچىلىق) يىللار كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ھۆل ـ يېغىن كۆپ بولىدۇ، كىشىلەر مېۋىلەردىن تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى سىقىپ چىقىرىدۇ»[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدىن كېيىن مولچىلىق يىللار كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ھۆل ـ يېغىن كۆپ بولىدۇ، كىشىلەر مېۋىلەردىن تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى سىقىپ چىقىرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئىنسانلار يامغۇرغا ئېرىشىدىغان يىل كېلىدۇ. ئۇلار ئۇ يىلدا مېۋە سۇلىرى ۋە ياغلارنى سىقىدۇ، ھايۋانلارنى ساغىدۇ».
12 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الْمَلِكُ ائْتُونِي بِهِ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُ الرَّسُولُ قَالَ ارْجِعْ إِلَىٰ رَبِّكَ فَاسْأَلْهُ مَا بَالُ النِّسْوَةِ اللَّاتِي قَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ ۚ إِنَّ رَبِّي بِكَيْدِهِنَّ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ساقىي پادىشاھقا بېرىپ يۈسۈفنىڭ ئۇنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەبىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن) پادىشاھ: «ئۇنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. (پادىشاھنىڭ) ئەلچىسى يۈسۈفنىڭ ئالدىغا بارغاندا، يۈسۈف ئەلچىگە: «خوجايىنىڭغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى قوللىرىنى كېسىۋالغان خوتۇنلارنىڭ ئىشىنى (بىلەمدۇ؟) سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ساقىي پادىشاھقا بېرىپ يۈسۈفنىڭ ئۇنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەبىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن- پادىشاھ: «ئۇنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. ئەلچى يۈسۈفنىڭ ئالدىغا بارغاندا، يۈسۈف ئەلچىگە: «خوجايىنىڭغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى قوللىرىنى كېسىۋالغان خوتۇنلارنىڭ ئىشىنى سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى مېنىڭ رەببىم ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ: «ئۇنى يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار!» دېدى. پادىشاھنىڭ ئەلچىسى يۇسۇفنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى، يۇسۇف ئەلچىگە: «خوجايىنىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن، قوللىرىنى كېسىۋالغان ھېلىقى خوتۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. شۈبھىسىزكى، رەببىم ئۇ خوتۇنلارنىڭ ھىيلىسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېدى.
12 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مَا خَطْبُكُنَّ إِذْ رَاوَدْتُنَّ يُوسُفَ عَنْ نَفْسِهِ ۚ قُلْنَ حَاشَ لِلَّهِ مَا عَلِمْنَا عَلَيْهِ مِنْ سُوءٍ ۚ قَالَتِ امْرَأَتُ الْعَزِيزِ الْآنَ حَصْحَصَ الْحَقُّ أَنَا رَاوَدْتُهُ عَنْ نَفْسِهِ وَإِنَّهُ لَمِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پادىشاھ (ھېلىقى خوتۇنلارنى يىغىپ ۋە ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ): «سىلەر يۈسۈفتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭلاردا، ھەقىقىي ئەھۋالىڭلار قانداق بولغان؟» دېدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر، يۈسۈفتە ئازراقمۇ گۇناھ بار دەپ بىلمەيمىز» دېدى. ئەزىزنىڭ خوتۇنى: «ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم، يۈسۈف ھەقىقەتەن راستچىللاردىن ئىدى» دېدى[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: -پادىشاھ ھېلىقى خوتۇنلارنى يىغىپ ۋە ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ-: «سىلەر يۈسۈفتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭلاردا، ھەقىقىي ئەھۋالىڭلار قانداق بولغان؟ دېدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر؛ يۈسۈفتە ئازراقمۇ گۇناھ بار دەپ بىلمەيمىز» دېدى. ئەزىزنىڭ خوتۇنى: «ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم، يۈسۈف ھەقىقەتەن راستچىللاردىن ئىدى» دېدى
ئەنەس ئالىم: پادىشاھ ئۇ خوتۇنلارنى يىغىپ: «يۇسۇفنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈڭلارغا تارتىشقا ئۇرۇنغان چېغىڭلاردا نېمە ئىش بولغان؟» دېدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر. بىز ئۇنىڭدا ھېچ يامانلىق بىلمىدۇق» دېدى. ئەزىزنىڭ ئايالى بولسا: «ئەمدى ھەقىقەت ئايدىڭلاشتى. مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە تارتىشقا ئۇرۇنغان ئىدىم. شۈبھىسىزكى، ئۇ راستچىللاردىن ئىدى» دېدى.
12 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ لِيَعْلَمَ أَنِّي لَمْ أَخُنْهُ بِالْغَيْبِ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي كَيْدَ الْخَائِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (يۈسۈف ئېيتتى) «بۇ (يەنى پادىشاھنىڭ ئەلچىسىنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكىم) ئەزىز يوق چاغدا خوتۇنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قىلىشى ئۈچۈندۇر»[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: -يۈسۈف ئېيتتى-: «بۇ، ئەزىز يوق چاغدا خوتۇنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى ئەزىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر»
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف مۇنداق دېدى: «زىنداندىن ئالدىراپ چىقماسلىقىم ئەزىزنىڭ شۇنى بىلىشى ئۈچۈنكى: مەن ئۇنىڭغا يوق چېغىدا خىيانەت قىلمىدىم، ئاللاھ خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ.
12 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أُبَرِّئُ نَفْسِي ۚ إِنَّ النَّفْسَ لَأَمَّارَةٌ بِالسُّوءِ إِلَّا مَا رَحِمَ رَبِّي ۚ إِنَّ رَبِّي غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: «مەن ئۆزەمنى ئاقلىمايمەن، نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: «مەن ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن: نەپىس ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، رەببىم رەھمەت قىلىپ - ساقلىغان- ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ رەببىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر؛ ناھايىتى مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: مەن ئۆز نەپسىمنى ئاقلىمايمەن. چۈنكى نەپسلەر يامانلىققا بۇيرۇپ تۇرغۇچىدۇر. رەببىم رەھىم قىلغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، رەببىم مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
12 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الْمَلِكُ ائْتُونِي بِهِ أَسْتَخْلِصْهُ لِنَفْسِي ۖ فَلَمَّا كَلَّمَهُ قَالَ إِنَّكَ الْيَوْمَ لَدَيْنَا مَكِينٌ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: پادىشاھ: «يۈسۈفنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. يۈسۈف ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇ: «سەن بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەقىقەتەن مەرتىۋىلىك، ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: پادىشاھ: «يۈسۈفنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. يۈسۈف ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇ: «سەن بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەقىقەتەن مەرتىۋىلىك، ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: پادىشاھ: «ئۇنى يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار، خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. ئاندىن پادىشاھ يۇسۇف بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنىڭغا: «شۈبھىسىزكى، سەن بۈگۈن يېنىمىزدا يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى.
12 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اجْعَلْنِي عَلَىٰ خَزَائِنِ الْأَرْضِ ۖ إِنِّي حَفِيظٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف: «مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن (ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى) بىلىدىغان، ئوبدان ساقلىيالايدىغان ئادەممەن» دېدى[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف: «مېنى - مىسىر- زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، ھەقىقەتەن مەن ئوبدان ساقلىيالايمەن، -ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى- بىلىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف: «مېنى مەملىكەتنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئوبدان ساقلايدىغان ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ئوبدان بىلىدىغان ئادەممەن» دېدى.
12 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي الْأَرْضِ يَتَبَوَّأُ مِنْهَا حَيْثُ يَشَاءُ ۚ نُصِيبُ بِرَحْمَتِنَا مَنْ نَشَاءُ ۖ وَلَا نُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز يۈسۈفنى (مىسىر) زېمىنىدا خالىغان جايدا تۇرىدىغان (مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) قىلىپ يەرلەشتۈردۇق، خالىغان بەندىلىرىمىزنى رەھمىتىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز يۈسۈفنى -مىسىر- زېمىنىدا خالىغان جايدا تۇرىدىغان قىلىپ يەرلەشتۈردۇق، رەھمىتىمىزنى خالىغان بەندىلىرىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، بىز يۇسۇفكە ئۇ مەملىكەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردۇق. ئۇ مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلاتتى7. بىز رەھمىتىمىزنى ئۆزىمىز خالىغان كىشىگە يەتكۈزىمىز ۋە ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز.
12 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَأَجْرُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ لِلَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە، (بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ئارتۇقتۇر[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە ئارتۇقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاخىرەتتىكى ئەجىر، ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر.
12 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَ إِخْوَةُ يُوسُفَ فَدَخَلُوا عَلَيْهِ فَعَرَفَهُمْ وَهُمْ لَهُ مُنْكِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىردى. يۈسۈف ئۇلارنى تونۇدى، ئۇلار بولسا يۈسۈفنى تونۇمىدى[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىردى. يۈسۈف ئۇلارنى تونۇدى، ئۇلار بولسا يۈسۈفنى تونۇمىدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. يۇسۇف ئۇلارنى تونۇدى، ئۇلار يۇسۇفنى تونۇمىدى.
12 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَهَّزَهُمْ بِجَهَازِهِمْ قَالَ ائْتُونِي بِأَخٍ لَكُمْ مِنْ أَبِيكُمْ ۚ أَلَا تَرَوْنَ أَنِّي أُوفِي الْكَيْلَ وَأَنَا خَيْرُ الْمُنْزِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئاشلىقنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا ئاتا بىر ئۇكاڭلارنى (يەنى بۇنيامىننى) ئېلىپ كېلىڭلار، مېنىڭ (ئاشلىقنى) تولۇق ئۆلچەپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ۋە ناھايىتى مېھماندوست ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئاشلىقنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا ئاتا بىر ئۇكاڭلار-بۇنيامىن-نى ئېلىپ كېلىڭلار، مېنىڭ ئاشلىقنى تولۇق ئۆلچەپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ۋە ناھايىتى مېھماندوست ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف ئۇلارغا يول جابدۇقلىرىنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «كېلەر قېتىم يېنىمغا ئاتا بىر قېرىندىشىڭلارنىمۇ ئېلىپ كېلىڭلار. كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ مەن ئاشلىقنى تولۇق كەمچەنلەپ بېرىمەن، مەن مېھمان قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىمەن.
12 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ لَمْ تَأْتُونِي بِهِ فَلَا كَيْلَ لَكُمْ عِنْدِي وَلَا تَقْرَبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، سىلەرگە بېرىدىغان ئاشلىقىم يوق، مېنىڭ يېنىمغا يېقىن يولىماڭلار»[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، سىلەرگە بېرىدىغان ئاشلىقىم يوق، مېنىڭ يېنىمغا يېقىن يولىماڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇنى يېنىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، مەندىن بىر كەمچەنمۇ ئاشلىق ئالالمايسىلەر، يېنىمغا يېقىنلاشماڭلار!».
12 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا سَنُرَاوِدُ عَنْهُ أَبَاهُ وَإِنَّا لَفَاعِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۇنى ئاتىسىدىن سوراپ (سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىشكە) تىرىشىمىز، بىز چوقۇم مۇشۇنداق قىلىمىز» دېدى[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۇنى ئاتىسىدىن سوراپ -سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىشكە- تىرىشىمىز، بىز چوقۇم مۇشۇنداق قىلىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ئۇنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئاتىسىنى قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىز بۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمىز» دېيىشتى.
12 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ لِفِتْيَانِهِ اجْعَلُوا بِضَاعَتَهُمْ فِي رِحَالِهِمْ لَعَلَّهُمْ يَعْرِفُونَهَا إِذَا انْقَلَبُوا إِلَىٰ أَهْلِهِمْ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف خىزمەتچىلىرىگە: «ئۇلارنىڭ (بىزدىن ئاشلىق سېتىۋالغان) مال ـ مۈلۈكلىرىنى يۈك ـ تاقىلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئۇلار ئائىلىسىگە قايتىپ بارغاندا، ئۇنى تونۇپ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن» دېدى[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف خىزمەتچىلىرىگە: «ئۇلارنىڭ -ئاشلىق سېتىۋالغان- مال ـ مۈلۈكلىرىنى يۈك ـ تاقىلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئۇلار ئائىلىسىگە قايتىپ بارغاندا، ئۇنى تونۇپ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف خىزمەتچىلىرىگە: «ئۇلارنىڭ ئاشلىق سېتىۋالغان سەرمايىلىرىنى يۈكلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئائىلىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغان چېغىدا بۇنى تونۇپ يەنە كېلىشلىرى مۇمكىن» دېدى.
12 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَجَعُوا إِلَىٰ أَبِيهِمْ قَالُوا يَا أَبَانَا مُنِعَ مِنَّا الْكَيْلُ فَأَرْسِلْ مَعَنَا أَخَانَا نَكْتَلْ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارغىنىدا: «ئى ئاتىمىز! (مىسىرنىڭ خەزىنىدارى) بىزگە قايتا ئاشلىق بەرمەس بولدى، ئۇكىمىزنى (يەنى بۇنيامىننى) بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، (شۇنداق قىلساڭ) ئاشلىق ئالالايمىز، ئۇنى بىز چوقۇم ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارغىنىدا: «ئى ئاتىمىز! بىزگە قايتا ئاشلىق بېرىلمەس بولدى، ئۇكىمىز-بۇنيامىن-نى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، شۇنداق قىلساڭ ئاشلىق ئالالايمىز، ئۇنى بىز چوقۇم ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە: «ئى ئاتىمىز! ئاشلىق ئېلىشىمىز مەنئى قىلىندى. بۇ نۆۋەت قېرىندىشىمىزنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، شۇنداق قىلساڭ ئاشلىق ئالالايمىز. بىز ئۇنى چوقۇم مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى.
12 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هَلْ آمَنُكُمْ عَلَيْهِ إِلَّا كَمَا أَمِنْتُكُمْ عَلَىٰ أَخِيهِ مِنْ قَبْلُ ۖ فَاللَّهُ خَيْرٌ حَافِظًا ۖ وَهُوَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (يەئقۇب) ئۇلارغا ئېيتتى: «ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىلگىرى سىلەرگە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى يۈسۈف) توغرىسىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ (مەن سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئۇنى ساقلىشىڭلارغا ئىشەنمەيمەن) ئاللاھ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر»[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: -يەئقۇب- ئۇلارغا ئېيتتى: «ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىلگىرى سىلەرگە ئۇنىڭ قېرىندىشى-يۈسۈف- توغرىسىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ ئاللاھ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: ئاتىسى ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بۇنىڭ توغرىسىدا قانداقمۇ ئىشىنىمەن؟ ئىلگىرى سىلەرگە بۇنىڭ قېرىندىشى توغرىسىدا ئىشەنگىنىمدەكمۇ؟ ئاللاھ ئەڭ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر. ئۇ رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسىدۇر!» دېدى.
12 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا فَتَحُوا مَتَاعَهُمْ وَجَدُوا بِضَاعَتَهُمْ رُدَّتْ إِلَيْهِمْ ۖ قَالُوا يَا أَبَانَا مَا نَبْغِي ۖ هَٰذِهِ بِضَاعَتُنَا رُدَّتْ إِلَيْنَا ۖ وَنَمِيرُ أَهْلَنَا وَنَحْفَظُ أَخَانَا وَنَزْدَادُ كَيْلَ بَعِيرٍ ۖ ذَٰلِكَ كَيْلٌ يَسِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈكلىرىنى ئاچقاندا (ئاشلىق سېتىۋالغان) مال مۈلۈكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى، ئۇلار: «ئاتىمىز! بىز (بۇنىڭدىن ئارتۇق) يەنە نېمە تەلەپ قىلىمىز؟ بۇ مال ـ مۈلۈكلىرىمىز بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىپتۇ، (ئۇكىمىزنى ئېلىپ يەنە بارساق) ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز، ئۇكىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىمىز، بىر تۆگە ئاشلىقىنى ئارتۇق ئالىمىز، بۇ (يەنى بىر تۆگە ئاشلىق پادىشاھ ئۈچۈن) ئازغىنا ئاشلىقتۇر» دېدى[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈكلىرىنى ئاچقاندا -ئاشلىق سېتىۋالغان- مال - مۈلۈكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى، ئۇلار: «ئاتىمىز! بىز يەنە نېمە تەلەپ قىلىمىز؟ بۇ مال ـ مۈلۈكلىرىمىز بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىپتۇ، -ئۇكىمىزنى ئېلىپ يەنە بارساق- ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز، ئۇكىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىمىز ۋە بىر تۆگە ئاشلىقنى ئارتۇق ئالىمىز، بۇ ئازغىنا ئاشلىقتۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يۈكلىرىنى ئاچقان ئىدى، ئاشلىق سېتىۋالغان سەرمايىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى ۋە دېدىلەركى: «ئى ئاتىمىز! يەنە نېمە تەلەپ قىلىمىز؟ مانا بۇ ئاشلىق سېتىۋالغان سەرمايىمىز، بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىپتۇ! ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز، قېرىندىشىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىمىز ۋە بىر تۆگە ئاشلىق ئارتۇق ئالىمىز. چۈنكى بۇ قېتىم ئېلىپ كەلگىنىمىز ئازغىنە ئاشلىقتۇر».
12 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَنْ أُرْسِلَهُ مَعَكُمْ حَتَّىٰ تُؤْتُونِ مَوْثِقًا مِنَ اللَّهِ لَتَأْتُنَّنِي بِهِ إِلَّا أَنْ يُحَاطَ بِكُمْ ۖ فَلَمَّا آتَوْهُ مَوْثِقَهُمْ قَالَ اللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٌ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب ئېيتتى: «بۇنيامىننى قوغداشتا ھەممىڭلار ھالاك بولمىساڭلارلا چوقۇم ماڭا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرمىگۈچە ئۇنى سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمەيمەن». ئۇلار (يەنى ئوغۇللىرى) ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، يەئقۇب: «بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر» دېدى[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب ئېيتتى: «بۇنيامىننى قوغداشتا ھەممىڭلار ھالاك بولمىساڭلارلا چوقۇم ماڭا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ چىڭ ۋەدە بەرمىگۈچە ئۇنى سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمەيمەن». ئۇلار ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، يەئقۇب: «بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاتىسى: «ئۇنى ماڭا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىڭلارغا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مۇستەھكەم ئەھدە بەرمىگۈچە، ئۇنى سىلەر بىلەن ھەرگىزمۇ ئەۋەتمەيمەن. ھەممىڭلار بىرلىكتە ھالاك بولۇپ كەتسەڭلار ئامال يوق» دېدى. ئۇلار ئاتىسىغا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مۇستەھكەم ئەھدە بەرگەن ئىدى، ئاتىسى: «ئاللاھ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە گۇۋاھتۇر» دېدى.
12 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ يَا بَنِيَّ لَا تَدْخُلُوا مِنْ بَابٍ وَاحِدٍ وَادْخُلُوا مِنْ أَبْوَابٍ مُتَفَرِّقَةٍ ۖ وَمَا أُغْنِي عَنْكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۖ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَعَلَيْهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُتَوَكِّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ يەنە) «ئى ئوغۇللىرىم! (مىسىرغا) ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا- باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاس، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇ يەنە: «ئى ئوغۇللىرىم! - مىسىرغا- ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ قازاسى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاس، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەنە: «ئى ئوغۇللىرىم! شەھەرگە ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا - باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. مەن ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچ نەرسىنى سىلەردىن دەپئى قىلالمايمەن. ھۆكۈم قىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر8. مەن ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمۇ ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن» دېدى.
12 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا دَخَلُوا مِنْ حَيْثُ أَمَرَهُمْ أَبُوهُمْ مَا كَانَ يُغْنِي عَنْهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ إِلَّا حَاجَةً فِي نَفْسِ يَعْقُوبَ قَضَاهَا ۚ وَإِنَّهُ لَذُو عِلْمٍ لِمَا عَلَّمْنَاهُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە باشقا ـ باشقا دەرۋازىلاردىن كىرگەندە، (بۇ) ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە دال بولالمىدى، بۇ پەقەت يەئقۇبنىڭ كۆڭلىدىكى ئۈمىدىنىلا ئىپادىلىدى، خالاس. بىز يەئقۇبقا (ۋەھىي ئارقىلىق) بىلدۈرگەن ئىدۇق، شۇڭا ئۇ كەڭ بىلىم ئىگىسىدۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار -ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە باشقا ـ باشقا دەرۋازىلاردىن كىرگەندە، ئاللاھنىڭ قازاسى ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە دال بولالمىدى، بۇ پەقەت يەئقۇبنىڭ كۆڭلىدىكى ئۈمىدىنىلا ئىپادىلىدى، خالاس. بىز يەئقۇبقا -ۋەھيى ئارقىلىق- بىلدۈرگەن ئىدۇق، شۇڭا ئۇ كەڭ بىلىم ئىگىسىدۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى -بۇنى- بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شەھەرگە ئاتىسى بۇيرۇغان يەردىن كىرگەندە، بۇ ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچ نەرسىنى ئۇلاردىن دەپئى قىلالمايتتى. لېكىن يەئقۇب، كۆڭلىدىكى ئارزۇنى ئوتتۇرىغا قويغان بولدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئىلىم ئىگىسى ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭغا بىز ئۆگەتكەن ئىدۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
12 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا دَخَلُوا عَلَىٰ يُوسُفَ آوَىٰ إِلَيْهِ أَخَاهُ ۖ قَالَ إِنِّي أَنَا أَخُوكَ فَلَا تَبْتَئِسْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەئقۇبنىڭ بالىلىرى) يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئۇكىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولىمەن، ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان ئىشلىرىدىن قايغۇرمىغىن» دېدى[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئۇكىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولىمەن، ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان ئىشلىرىدىن قايغۇرمىغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يۇسۇفنىڭ يېنىغا كىرگەندە، يۇسۇف ئۆز قېرىندىشىنى باغرىغا باستى ۋە: «مەن راستتىنلا سېنىڭ قېرىندىشىڭمەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا ئىچىڭنى پۇشۇرمىغىن!» دېدى.
12 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَهَّزَهُمْ بِجَهَازِهِمْ جَعَلَ السِّقَايَةَ فِي رَحْلِ أَخِيهِ ثُمَّ أَذَّنَ مُؤَذِّنٌ أَيَّتُهَا الْعِيرُ إِنَّكُمْ لَسَارِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف ئۇلارنى ئېھتىياجلىق ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، قەدەھنى ئۇكىسىنىڭ يۈكى ئىچىگە سېلىپ قويدى. ئاندىن بىر جاكاچى چىقىپ: «ئى كارۋانلار! سىلەر چوقۇم ئوغرى ئىكەنسىلەر» دەپ توۋلىدى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف ئۇلارنى ئېھتىياجلىق ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، قەدەھنى ئۇكىسىنىڭ يۈكى ئىچىگە سېلىپ قويدى. ئاندىن بىر جاكاچى چىقىپ: «ئى كارۋانلار! سىلەر چوقۇم ئوغرى ئىكەنسىلەر» دەپ توۋلىدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف ئۇلارنىڭ يۈكلىرىنى تەييارلاتقاندا سۇ قاچىسىنى قېرىندىشىنىڭ يۈكىنىڭ ئىچىگە قويدۇردى. ئاندىن كېيىن بىر جاكارچى: «ئى كارۋان! سىلەر ھەقىقەتەن ئوغرى ئىكەنسىلەر!» دەپ توۋلىدى.
12 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا وَأَقْبَلُوا عَلَيْهِمْ مَاذَا تَفْقِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (كارۋاندىكىلەر) ئۇلارغا قاراپ: «نېمەڭلارنى يوقىتىپ قويدۇڭلار؟» دېدى[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: -كارۋاندىكىلەر- ئۇلارغا قاراپ: «نېمەڭلارنى يوقىتىپ قويدۇڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بۇلارغا قاراپ: «نېمەڭلارنى يوقىتىپ قويدۇڭلار؟» دېدى.
12 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا نَفْقِدُ صُوَاعَ الْمَلِكِ وَلِمَنْ جَاءَ بِهِ حِمْلُ بَعِيرٍ وَأَنَا بِهِ زَعِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پادىشاھنىڭ (تامغىسى بېسىلغان) قەدەھنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى تېپىپ كەلگەن كىشىگە (مۇكاپات ئۈچۈن) بىر تۆگە ئاشلىق بېرىلىدۇ، مەن بۇنىڭغا كېپىل» دېدى[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «پادىشاھنىڭ قەدىھىنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى تېپىپ كەلگەن كىشىگە بىر تۆگە ئاشلىق بېرىلىدۇ، مەن بۇنىڭغا كېپىل» دېدى
ئەنەس ئالىم: بۇلار: «پادىشاھنىڭ قاچىسىنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى ئېلىپ كەلگەن كىشىگە بىر تۆگە يۈك مۇكاپات بېرىلىدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى: «مەن بۇنىڭغا كېپىل» دېدى.
12 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا تَاللَّهِ لَقَدْ عَلِمْتُمْ مَا جِئْنَا لِنُفْسِدَ فِي الْأَرْضِ وَمَا كُنَّا سَارِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، بىز ئوغرى ئەمەسمىز» دېدى[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، بىز ئوغرى ئەمەسمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئوبدان بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغىلى كەلمىدۇق، بىز ئوغرىمۇ ئەمەس» دېدى.
12 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا فَمَا جَزَاؤُهُ إِنْ كُنْتُمْ كَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يۈسۈفنىڭ خىزمەتچىلىرى): «سىلەرنىڭ شەرىئىتىڭلاردا ئوغرىنىڭ جازاسى نېمە؟ (ئەگەر قەدەھ يۈكۈڭلاردىن چىقىپ قېلىپ) يالغانچى بولۇپ قالساڭلارچۇ؟» دېدى[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈفنىڭ خىزمەتچىلىرى: « يالغانچى بولۇپ قالساڭلار، ئوغرىنىڭ جازاسى نېمە؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: بۇلار: «ئەگەر سىلەر يالغان ئېيتقۇچىلار بولساڭلار، يەنى ئۇنى ئوغرىلىغان كىشى سىلەردىن چىقىپ قالسا، ئۇنىڭ جازاسى نېمە؟» دېدى.
12 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا جَزَاؤُهُ مَنْ وُجِدَ فِي رَحْلِهِ فَهُوَ جَزَاؤُهُ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئۇنىڭ جازاسى يۈكىدىن قەدەھ تېپىلغان ئادەمنى قۇل قىلىش، زالىملارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز» دېدى[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئۇنىڭ جازاسى قەدەھ بىلەن تېپىلغان ئادەمنى قۇل قىلىش، زالىملارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «جازاسى شۇ: قاچا كىمنىڭ يۈكىدىن تېپىلسا، ئۇ كىشى ئۇنىڭ جازاسىدۇر. بىز بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز9» دېدى.
12 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَدَأَ بِأَوْعِيَتِهِمْ قَبْلَ وِعَاءِ أَخِيهِ ثُمَّ اسْتَخْرَجَهَا مِنْ وِعَاءِ أَخِيهِ ۚ كَذَٰلِكَ كِدْنَا لِيُوسُفَ ۖ مَا كَانَ لِيَأْخُذَ أَخَاهُ فِي دِينِ الْمَلِكِ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ نَرْفَعُ دَرَجَاتٍ مَنْ نَشَاءُ ۗ وَفَوْقَ كُلِّ ذِي عِلْمٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىدىن قەدەھنى تېپىپ چىقتى. بىز يۈسۈفكە مۇشۇ تەدبىرنى كۆرسەتتۇق، (مىسىر) پادىشاھىنىڭ قانۇنى بويىچە يۈسۈف ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالىدى، بىز خالىغان ئادەمنى (يۈسۈفنى كۆتۈرگەندەك) يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز، ھەربىر بىلىمدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار زات بار[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىدىن قەدەھنى تېپىپ چىقتى. بىز يۈسۈفكە مۇشۇ تەدبىرنى كۆرسەتتۇق، پادىشاھنىڭ قانۇنى بويىچە يۈسۈف ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتى، لېكىن ئاللاھ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالىدى، بىز خالىغان ئادەمنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز، ھەربىر بىلىمدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار زات بار
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن يۇسۇف قېرىندىشىنىڭ يۈكىدىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ يۈكلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى، ئاخىرىدا قاچىنى قېرىندىشىنىڭ يۈكىدىن تېپىپ چىقاردى. بىز يۇسۇفكە ئەنە شۇنداق پىلان كۆرسەتتۇق. ئاللاھ مۇشۇنداق خالىمىسا ئىدى، يۇسۇف قېرىندىشىنى پادىشاھنىڭ دىنى بويىچە ئېلىپ قالالمايتتى10. بىز ئۆزىمىز خالىغان كىشىنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز. ھەر بىلىمدارنىڭ ئۈستىدە تېخىمۇ ئوبدان بىلىدىغان بىرى بار.
12 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا إِنْ يَسْرِقْ فَقَدْ سَرَقَ أَخٌ لَهُ مِنْ قَبْلُ ۚ فَأَسَرَّهَا يُوسُفُ فِي نَفْسِهِ وَلَمْ يُبْدِهَا لَهُمْ ۚ قَالَ أَنْتُمْ شَرٌّ مَكَانًا ۖ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا تَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئەگەر ئۇ ئوغرىلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قېرىندىشىمۇ (يەنى يۈسۈفمۇ) ئىلگىرى ئوغرىلىق قىلغان» دېيىشتى. يۈسۈف (ئۇلارنىڭ) بۇ سۆزىنى ئىچىدە بىلدى، لېكىن ئۇلارغا مەلۇم قىلمىدى، يۈسۈف (ئىچىدە): «سىلەرنىڭ مەۋقەيىڭلار ئەڭ ياماندۇر، سىلەرنىڭ (يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسى توغرىسىدا) قىلغان سۆزۈڭلارنىڭ يالغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ» دېدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئەگەر ئۇ، ئوغرىلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قېرىندىشى-يۈسۈف-مۇ ئىلگىرى ئوغرىلىق قىلغان» دېيىشتى. يۈسۈف - ئۇلارنىڭ- بۇ سۆزىنى ئىچىدە بىلدى، لېكىن ئۇلارغا مەلۇم قىلمىدى، يۈسۈف - ئىچىدە-: «سىلەرنىڭ مەۋقەيىڭلار ئەڭ ياماندۇر، سىلەرنىڭ قىلغان سۆزۈڭلارنىڭ يالغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بۇ ئوغرىلىغان بولسا، ئىلگىرى بۇنىڭ قېرىندىشىمۇ ئوغرىلىق قىلغان» دېيىشتى. يۇسۇف بۇنى ئىچىدە يوشۇردى11، ئۇلارغا مەلۇم قىلمىدى، ئىچىدە «سىلەرنىڭ ئورنۇڭلار بەك يامان!12 بۇ سۆزلىرىڭلارنىڭ ماھىيىتىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ» دېدى.
12 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا أَيُّهَا الْعَزِيزُ إِنَّ لَهُ أَبًا شَيْخًا كَبِيرًا فَخُذْ أَحَدَنَا مَكَانَهُ ۖ إِنَّا نَرَاكَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى ئالىيجاناب زات! ئۇنىڭ (ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان) بىر قېرى ئاتىسى بار، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ بىرىمىزنى ئېلىپ قالغىن، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن ھېسابلايمىز» دېدى[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى ئالىيجاناب زات! ئۇنىڭ -ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان- بىر قېرى ئاتىسى بار، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ بىرىمىزنى ئېلىپ قالغىن، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن ھېسابلايمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى ئەزىز! بۇنىڭ بەك قېرىپ كەتكەن ئاتىسى بار، شۇڭا بۇنىڭ ئورنىغا بىرىمىزنى ئېلىپ قالغىن. كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىنسەن!» دېدى.
12 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مَعَاذَ اللَّهِ أَنْ نَأْخُذَ إِلَّا مَنْ وَجَدْنَا مَتَاعَنَا عِنْدَهُ إِنَّا إِذًا لَظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف: «خۇدا ساقلىسۇن، نەرسىمىزنى كىمنىڭ يۈكىدىن تاپقان بولساق، شۇنى ئېلىپ قالىمىز، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف: «خۇدا ساقلىسۇن، نەرسىمىزنى كىمنىڭ يۈكىدىن تاپقان بولساق، شۇنى ئېلىپ قالىمىز، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف: «ئاللاھ ساقلىسۇن! بىز نەرسىمىزنى كىمنىڭ يۈكىدىن تاپقان بولساق، پەقەت شۇنى ئېلىپ قالىمىز. بولمىسا بىز زالىم بولۇپ قالىمىز» دېدى.
12 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا اسْتَيْأَسُوا مِنْهُ خَلَصُوا نَجِيًّا ۖ قَالَ كَبِيرُهُمْ أَلَمْ تَعْلَمُوا أَنَّ أَبَاكُمْ قَدْ أَخَذَ عَلَيْكُمْ مَوْثِقًا مِنَ اللَّهِ وَمِنْ قَبْلُ مَا فَرَّطْتُمْ فِي يُوسُفَ ۖ فَلَنْ أَبْرَحَ الْأَرْضَ حَتَّىٰ يَأْذَنَ لِي أَبِي أَوْ يَحْكُمَ اللَّهُ لِي ۖ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (بۇنيامىننىڭ ئورنىغا ئۆز ئارىسىدىن بىرسىنى ئېلىپ قېلىشقا يۈسۈفنىڭ ماقۇل بولۇشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن قەسەم قىلدۇرۇپ ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۈسۈف توغرىسىدىكى خاتالىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغىچە ياكى ئاللاھ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغىچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن قەسەم قىلدۇرۇپ ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۈسۈف توغرىسىدىكى خاتالىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغىچە ياكى ئاللاھ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغۇچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تەلەپلىرىنى يۇسۇفنىڭ قوبۇل قىلىشىدىن ئۈمىدلىرىنى ئۈزگەندە، ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئايرىم بىر تەرەپكە بېرىشتى. ئۇلارنىڭ چوڭى مۇنداق دېدى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى يۇسۇفكە قىلغان ئەسكىلىكىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاتامنىڭ رۇخسىتى ياكى ئاللاھنىڭ ھۆكمى كەلمىگۈچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن. ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
12 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
ارْجِعُوا إِلَىٰ أَبِيكُمْ فَقُولُوا يَا أَبَانَا إِنَّ ابْنَكَ سَرَقَ وَمَا شَهِدْنَا إِلَّا بِمَا عَلِمْنَا وَمَا كُنَّا لِلْغَيْبِ حَافِظِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر قايتىپ كېتىپ ئاتاڭلار بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئاندىن ئېيتىڭلاركى، «ئى ئاتىمىز! سېنىڭ ئوغلۇڭ راستتىنلا ئوغرىلىق قىلدى، بىز پەقەت بىلگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز، بىز غەيبنى بىلمەيمىز (يەنى ساڭا ۋەدە بەرگەن چېغىمىزدا ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدۇق)[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر قايتىپ كېتىپ ئاتاڭلار بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئاندىن ئېيتىڭلاركى، ئى ئاتىمىز! سېنىڭ ئوغلۇڭ راستتىنلا ئوغرىلىق قىلدى، بىز پەقەت بىلگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز، بىز غەيبنى بىلمەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئاتاڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ مۇنداق دەڭلار: ئى ئاتىمىز! شۈبھىسىزكى، ئوغلىڭىز ئوغرىلىق قىلدى. بىز پەقەت بىلگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بەردۇق. بىز غەيبنى بىلمىدۇق13.
12 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْأَلِ الْقَرْيَةَ الَّتِي كُنَّا فِيهَا وَالْعِيرَ الَّتِي أَقْبَلْنَا فِيهَا ۖ وَإِنَّا لَصَادِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز تۇرغان شەھەردىن (يەنى مىسىردىن) ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سۆزىمىز چوقۇم راست»[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز تۇرغان شەھەردىن ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سۆزىمىز چوقۇم راست»
ئەنەس ئالىم: بىز تۇرغان ئۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسىدىن ۋە بىز بىلەن بىللە كەلگەن كارۋاندىن سوراپ بېقىڭ. بىز ھەقىقەتەن راست سۆزلەۋاتىمىز».
12 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَنِي بِهِمْ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈچ ئوغلۇمنىڭ) ھەممىسىنى ماڭا دەرقەمتە قىلىپ بېرىشنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مېنىڭ ھالىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، بەلكىدە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئاكىسى دېگەن سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتقان ئىدى ئۇ: «ياق، يەنە نەپسىڭلار سىلەرنى بىر ئىشقا كۈشكۈرتۈپتۇ. ئەمدى مەن چىرايلىقچە سەۋر قىلىشىم كېرەك. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېنىمغا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دېدى،
12 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا أَسَفَىٰ عَلَىٰ يُوسُفَ وَابْيَضَّتْ عَيْنَاهُ مِنَ الْحُزْنِ فَهُوَ كَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئىسىت يۈسۈف!» دېدى. قايغۇدىن (كۆپ يىغلاپ) ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى (يەنى ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى)، ئۇ تولۇپ تاشقان ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتقان ئىدى[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئىسىت يۈسۈف!» دېدى. قايغۇدىن -كۆپ يىغلاپ- ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى، ئۇ تولۇپ تاشقان ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتقان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى، «ئى مېنىڭ يۇسۇفكە چەككەن قاتتىق ھەسرىتىم!»14 دەپ پەرياد قىلدى ۋە قايغۇدىن ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى. ئۇ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دەردىنى يۇتاتتى.
12 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا تَاللَّهِ تَفْتَأُ تَذْكُرُ يُوسُفَ حَتَّىٰ تَكُونَ حَرَضًا أَوْ تَكُونَ مِنَ الْهَالِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن يۈسۈفنى ياد ئېتىۋېرىپ (ھەسرەتتىن) ھالاك بولۇشقا تاس قالىدىغان ياكى ھالاك بولىدىغان بولدۇڭ» دېدى[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن يۈسۈفنى ياد ئېتىۋېرىپ ھالاك بولۇشقا تاس قالىدىغان ياكى ھالاك بولىدىغان بولدۇڭ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن يۇسۇفنى ياد ئېتىۋېرىپ ئاخىرى يا بەكلا ئاجىزلاپ كېتىسەن ياكى ھالاك بولغۇچىلاردىن بولۇپ كېتىسەن» دېدى.
12 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّمَا أَشْكُو بَثِّي وَحُزْنِي إِلَى اللَّهِ وَأَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب ئېيتتى: «مەن قايغۇ ـ ھەسرىتىمنى پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب ئېيتتى: «مەن قايغۇ ـ ھەسرىتىمنى پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن چىدىغۇسىز ئەلىمىمنى ۋە قايغۇ - ھەسرىتىمنى ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن.
12 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِيَّ اذْهَبُوا فَتَحَسَّسُوا مِنْ يُوسُفَ وَأَخِيهِ وَلَا تَيْأَسُوا مِنْ رَوْحِ اللَّهِ ۖ إِنَّهُ لَا يَيْأَسُ مِنْ رَوْحِ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ»[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۇسۇفنى ۋە قېرىندىشىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كافىر قەۋملا نائۈمىد بولىدۇ».
12 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا دَخَلُوا عَلَيْهِ قَالُوا يَا أَيُّهَا الْعَزِيزُ مَسَّنَا وَأَهْلَنَا الضُّرُّ وَجِئْنَا بِبِضَاعَةٍ مُزْجَاةٍ فَأَوْفِ لَنَا الْكَيْلَ وَتَصَدَّقْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّ اللَّهَ يَجْزِي الْمُتَصَدِّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، (ئالدىڭغا) ناچار، ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، -ئالدىڭغا- ناچار، ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىرغا قايتىپ بېرىپ يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەن چېغىدا: «ئى ئەزىز! بىز ۋە ئائىلىمىز يەنە قىيىنچىلىقتا قالدۇق. بۇ قېتىم ئەرزىمەس سەرمايە ئېلىپ كەلدۇق. لېكىن سەن بىزگە ئاشلىقنى يەنىلا تولۇق بەرگىن ۋە بىزگە سەدىقە قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ» دېدى.
12 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هَلْ عَلِمْتُمْ مَا فَعَلْتُمْ بِيُوسُفَ وَأَخِيهِ إِذْ أَنْتُمْ جَاهِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف: «سىلەر نادان ۋاقتىڭلاردا يۈسۈفكە ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىغا نېمىلەر قىلغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟» دېدى[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف: «سىلەر نادان ۋاقتىڭلاردا يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف: «سىلەر نادان چېغىڭلاردا يۇسۇفكە ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟»15 دېدى.
12 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَإِنَّكَ لَأَنْتَ يُوسُفُ ۖ قَالَ أَنَا يُوسُفُ وَهَٰذَا أَخِي ۖ قَدْ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْنَا ۖ إِنَّهُ مَنْ يَتَّقِ وَيَصْبِرْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «سەن راستتىنلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «مەن يۈسۈف، بۇ مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن (ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سەن راستتىنلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «مەن يۈسۈف، بۇ بولسا مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن - بىلسۈنكى-، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سەن، سەن راستىنلا يۇسۇفمۇ؟» دېدى. يۇسۇف: «ھەئە مەن يۇسۇف، بۇ بولسا قېرىندىشىم. ئاللاھ بىزگە ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلدى. چۈنكى كىم تەقۋادارلىق قىلسا ۋە سەۋر قىلسا، ئاللاھ بۇنداق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى.
12 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا تَاللَّهِ لَقَدْ آثَرَكَ اللَّهُ عَلَيْنَا وَإِنْ كُنَّا لَخَاطِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ھەقىقەتەن بىزدىن ئارتۇق قىلىپتۇ، بىز جەزمەن خاتا قىلىپتۇق» دېيىشتى[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ھەقىقەتەن بىزدىن ئارتۇق قىلىپتۇ، بىز جەزمەن خاتا قىلىپتۇق» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى بىزدىن ئۈستۈن قىلدى. بىز خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئىدۇق» دېدى.
12 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَا تَثْرِيبَ عَلَيْكُمُ الْيَوْمَ ۖ يَغْفِرُ اللَّهُ لَكُمْ ۖ وَهُوَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف ئېيتتى: «بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن، ئاللاھ ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف ئېيتتى: «بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن، ئاللاھ مەرھەتلىكلەرنىڭ ئەڭ مەرھەمەتلىكىدۇر
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ھېچ ئەيىبلەنمەيسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن! ئۇ رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسىدۇر.
12 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبُوا بِقَمِيصِي هَٰذَا فَأَلْقُوهُ عَلَىٰ وَجْهِ أَبِي يَأْتِ بَصِيرًا وَأْتُونِي بِأَهْلِكُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە تاشلاڭلار، كۆزى ئېچىلىدۇ، پۈتۈن ئائىلەڭلاردىكىلەرنى ئېلىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار» دېدى[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە تاشلاڭلار، كۆزى ئېچىلىدۇ، پۈتۈن ئائىلەڭلاردىكىلەرنى ئىلىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە تاشلاڭلار، كۆزلىرى كۆرىدىغان بولىدۇ. ئاندىن پۈتۈن ئائىلەڭلارنى ئېلىپ يېنىمغا كېلىڭلار».
12 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا فَصَلَتِ الْعِيرُ قَالَ أَبُوهُمْ إِنِّي لَأَجِدُ رِيحَ يُوسُفَ ۖ لَوْلَا أَنْ تُفَنِّدُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ب ئەلەيھىسسالام): «مەن چوقۇم يۈسۈفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن، سىلەر مېنى ئالجىپ قالغان دېمەيدىغان بولساڭلار (يۈسۈفنى ئەلۋەتتە ھايات دەيتتىم)» دېدى[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: كارۋان -مىسىردىن شامغا قاراپ- قوزغالغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاتىسى -يەئقۇب ئەلەيھىسسالام-: «مەن چوقۇم يۈسۈفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن، سىلەر مېنى ئالجىپ قالغان دېمەيدىغان بولساڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: كارۋان مىسىردىن ئايرىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاتىسى يېنىدىكىلەرگە: «شۈبھىسىزكى، مەن يۇسۇفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن. مېنى ئالجىپ قالدى دېمىگەيسىلەر!» دېدى.
12 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا تَاللَّهِ إِنَّكَ لَفِي ضَلَالِكَ الْقَدِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەئقۇبنىڭ نەۋرىلىرى ۋە يېنىدىكى كىشىلەر): «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن سەن تېخى يەنىلا بۇرۇنقى قايمۇقۇشۇڭدا ئىكەنسەن» دېدى[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇبنىڭ نەۋرىلىرى ۋە يېنىدىكى كىشىلەر: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن سەن تېخى يەنىلا بۇرۇنقى قايمۇقۇشۇڭدا ئىكەنسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: يېنىدىكىلەر: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك تېنەۋاتىسەن» دېدى.
12 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَنْ جَاءَ الْبَشِيرُ أَلْقَاهُ عَلَىٰ وَجْهِهِ فَارْتَدَّ بَصِيرًا ۖ قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ إِنِّي أَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: خۇشخەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلدى، يەئقۇب: «مەن سىلەرگە، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم!» دېدى[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن خۇش خەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلاپ، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىۋىدى، يەئقۇب: «مەن سىلەرگە، ئاللاھنىڭ بىلدۈرىشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن خۇش خەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلىغان ئىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى قايتا كۆرىدىغان بولدى، دېدىكى: «مەن سىلەرگە: ‹مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن› دېمىگەنمۇ؟».
12 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا أَبَانَا اسْتَغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا إِنَّا كُنَّا خَاطِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن، بىز ھەقىقەتەن خاتالاشتۇق» دېيىشتى[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن، بىز ھەقىقەتەن خاتالاشتۇق» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلىگىن. بىز ھەقىقەتەن خاتالىق ئۆتكۈزدۇق» دېدى.
12 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَوْفَ أَسْتَغْفِرُ لَكُمْ رَبِّي ۖ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب: «پەرۋەردىگارىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن. ئاللاھ گۇناھلارنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر» دېدى[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب: «رەببىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن. ئاللاھ گۇناھلارنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: يەئقۇب: «سىلەر ئۈچۈن رەببىمدىن مەغپىرەت تىلەيمەن. شۈبھىسىزكى، ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» دېدى.
12 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا دَخَلُوا عَلَىٰ يُوسُفَ آوَىٰ إِلَيْهِ أَبَوَيْهِ وَقَالَ ادْخُلُوا مِصْرَ إِنْ شَاءَ اللَّهُ آمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئاتا ـ ئانىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «خۇدا خالىسا، مىسىرغا ئامان ـ ئېسەن كىرىڭلار» دېدى[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئاتا ـ ئانىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «ئاللاھ خالىسا، مىسىرغا ئاما ـ ئېسەن كىرىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلار ھەممىسى بىرلىكتە يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەن چاغدا، يۇسۇف ئاتا - ئانىسىنى باغرىغا باستى، «ئاللاھ خالىسا مىسىرغا خاتىرجەملىك ئىچىدە كىرىڭلار» دېدى،
12 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَفَعَ أَبَوَيْهِ عَلَى الْعَرْشِ وَخَرُّوا لَهُ سُجَّدًا ۖ وَقَالَ يَا أَبَتِ هَٰذَا تَأْوِيلُ رُؤْيَايَ مِنْ قَبْلُ قَدْ جَعَلَهَا رَبِّي حَقًّا ۖ وَقَدْ أَحْسَنَ بِي إِذْ أَخْرَجَنِي مِنَ السِّجْنِ وَجَاءَ بِكُمْ مِنَ الْبَدْوِ مِنْ بَعْدِ أَنْ نَزَغَ الشَّيْطَانُ بَيْنِي وَبَيْنَ إِخْوَتِي ۚ إِنَّ رَبِّي لَطِيفٌ لِمَا يَشَاءُ ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاتا ـ ئانىسىنى تەختىدە (يېنىدا) ئولتۇرغۇزدى، ئۇلار (شاھلارغا تازىم قىلىش ئادىتى بويىچە) يۈسۈفكە سەجدە قىلىشتى. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ، بۇرۇن (كىچىك ۋاقتىمدا) كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، ئۇ چۈشۈمنى پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى. پەرۋەردىگارىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش بىلەن، قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كېيىن، سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى. پەرۋەردىگارىم خالىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.(ئىزاھات:ئۇلارنىڭ ئادىتىدە سەجدە قىلىش ئىبادەت ئەمەس ھۆرمەت ھېسابلىناتتى.)[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاتا ـ ئانىسىنى تەخت ئۈستىدە ئولتۇرغۇزدى، ئۇلارمۇ يۈسۈفكە سەجدە قىلىشتى[1]. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ، بۇرۇن كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، ئۇ چۈشۈمنى رەببىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى. رەببىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش بىلەن، قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كېيىن، سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى، رەببىم خالىغىنىنى -ئىشقا ئاشۇرۇشقا- ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاتا -ئانىسىنى تەختىگە چىقاردى، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىشتى. بۇ چاغدا يۇسۇف مۇنداق دېدى: «ئى دادىكا! مانا بۇ ئىلگىرى كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، رەببىم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. رەببىم ماڭا ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلدى: مېنى زىنداندىن چىقاردى ۋە شەيتان مەن بىلەن قېرىنداشلىرىمنىڭ ئارىسىنى بۇزغاندىن كېيىن سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە كەلتۈردى. شۈبھىسىزكى، رەببىم خالىغىنىنى ناھايىتى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر. چۈنكى ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
12 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ قَدْ آتَيْتَنِي مِنَ الْمُلْكِ وَعَلَّمْتَنِي مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ ۚ فَاطِرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ أَنْتَ وَلِيِّي فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ تَوَفَّنِي مُسْلِمًا وَأَلْحِقْنِي بِالصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: رەببىم! سەن ماڭا پادىشاھلىقتىن نېسىۋە ئاتا قىلدىڭ ۋە ماڭا چۈش تەبىرىدىن ئۆگەتتىڭ. ئى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى! سەن مېنىڭ بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ۋەلىيىمسەن! مېنى مۇسۇلمان ھالىتىمدە ۋاپات قىلدۇرغىن، مېنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قىلغىن!».
12 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهِ إِلَيْكَ ۖ وَمَا كُنْتَ لَدَيْهِمْ إِذْ أَجْمَعُوا أَمْرَهُمْ وَهُمْ يَمْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مانا بۇلار (يەنى يۈسۈف قىسسەسى) بىر قىسىم غەيب خەۋەرلىرى بولۇپ، بىز ئۇنى ساڭا ۋەھىي قىلدۇق. ئۇلار (يەنى يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى) (ئۇنىڭغا قارشى) چارە -تەدبىر تۈزۈپ بىر قارارغا كېلىشكەندە، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: مانا بۇلار غەيب خەۋەرلىرىدىن بولۇپ، بىز ئۇنى ساڭا ۋەھيى قىلدۇق. ئۇلار چارە تەدبىر تۈزۈپ بىر قارارغا كېلىشكەندە سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قىسسە غەيىب خەۋەرلىرىدىندۇر. ئۇنى ساڭا بىز ۋەھىي قىلىۋاتىمىز. بولمىسا، ئۇلار سۇيىقەست قىلىش ئۈچۈن بىر قارارغا كېلىشكەندە سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدىڭ.
12 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَكْثَرُ النَّاسِ وَلَوْ حَرَصْتَ بِمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ ،(لېكىن) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ - لېكىن- ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ تولىسى - سەن ھېرىس بولساڭمۇ - ئىمان ئېيتمايدۇ.
12 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تَسْأَلُهُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىڭغا ئۇلاردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايسەن، قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىڭغا ئۇلاردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايسەن، قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر
ئەنەس ئالىم: بولمىسا سەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن ئۇلاردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايسەن. بۇ قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن پەقەت ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىمدىنلا ئىبارەتتۇر.
ئىبراھىم سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا أَنْ أَخْرِجْ قَوْمَكَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ وَذَكِّرْهُمْ بِأَيَّامِ اللَّهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتەن (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (ئۇنىڭغا دېدۇقكى) «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا (يەنى ئىمانغا) چىقارغىن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەتكىن». بۇنىڭدا (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى، (نېمەتكە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر (بەندە) ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، -ئۇنىڭغا دېدۇقكى-، «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقارغىن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەتكىن». بۇنىڭدا سەۋر قىلغۇچى ۋە شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسانى، «قەۋمىڭنى زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقارغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى1 ئەسلەتكىن» دەپ ئايەتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا سەۋر قىلغۇچىلار ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
14 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ أَنْجَاكُمْ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ وَيُذَبِّحُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ ۚ وَفِي ذَٰلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۆز ۋاقتىدا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن قەۋمىدىن قۇتقۇزدى، ئۇلار سىلەرنى قاتتىق قىينايتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلايتتى، خوتۇن كىشىلىرىڭلارنى (خىزمەت قىلدۇرۇشقا) قالدۇراتتى. بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (سىلەرگە) چوڭ سىناق بار ئىدى» دېدى[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن ئائىلىسىدىن قۇتقۇزدى، ئۇلار سىلەرنى قاتتىق قىينايتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلايتتى، خوتۇن كىشىلىرىڭلارنى خىزمەت قىلدۇرۇشقا قالدۇراتتى. بۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چوڭ سىناق بار ئىدى» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار. ئۇ سىلەرنى فىرئەۋن خانىدانىدىن قۇتقۇزدى. ئۇلار سىلەرگە ئەڭ يامان ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاتقۇزۇپ، قىزلىرىڭلارنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. بۇ رەببىڭلاردىن سىلەرگە چوڭ سىناق ئىدى.
14 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ إِنْ تَكْفُرُوا أَنْتُمْ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا فَإِنَّ اللَّهَ لَغَنِيٌّ حَمِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا (ئۆز قەۋمىگە): «ئەگەر سىلەر ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى كىشىلەر كاپىر بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر)، چۈنكى ئاللاھ ئەلۋەتتە (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەلەشكە لايىقتۇر» دېدى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «ئەگەر سىلەر ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى كىشىلەر كاپىر بولۇپ كەتسەڭلارمۇ، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەلۋەتتە بىھاجەتتۇر، مەدھىيىلەشكە لايىقتۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىلەر ۋە زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، ئاللاھ يەنىلا غەنىيدۇر، مەدھىيەلەنگۈچىدۇر».
14 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَبَأُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ ۛ وَالَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ ۛ لَا يَعْلَمُهُمْ إِلَّا اللَّهُ ۚ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَرَدُّوا أَيْدِيَهُمْ فِي أَفْوَاهِهِمْ وَقَالُوا إِنَّا كَفَرْنَا بِمَا أُرْسِلْتُمْ بِهِ وَإِنَّا لَفِي شَكٍّ مِمَّا تَدْعُونَنَا إِلَيْهِ مُرِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن، (سانىنى) پەقەت ئاللاھ بىلىدىغان ئۈممەتلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە يەتمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار قوللىرى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېغىزلىرىغا ئىشارەت قىلىپ (يەنى ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى كۆرسىتىپ): «بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز، بىز سىلەر دەۋەت قىلىۋاتقان ئىشقا ھەقىقەتەن زور گۇماندىمىز» دېدى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن، سانىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدىغان ئۈممەتلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە يەتمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار قوللىرى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېغىزلىرىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز، بىز سىلەر دەۋەت قىلىۋاتقان ئىشقا ھەقىقەتەن زور گۇماندىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ، يەنى نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ، ئاد، سەمۇد ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە كەلمىدىمۇ؟ ئۇ كېيىنكىلەرنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدۇ. ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار قوللىرىنى ئېغىزلىرىغا قويۇپ2: «بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارنى قەتئىي ئىنكار قىلىمىز، بىزنى چاقىرغان نەرسەڭلەردىن قاتتىق شەك قىلىۋاتىمىز!» دېدى.
14 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ اجْعَلْ هَٰذَا الْبَلَدَ آمِنًا وَاجْنُبْنِي وَبَنِيَّ أَنْ نَعْبُدَ الْأَصْنَامَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! بۇ جاينى (يەنى مەككىنى) تىنچ (جاي) قىلىپ بەرگىن، مېنى ۋە مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق قىلغىن[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئېيتتى: «رەببىم! بۇ - مەككەدىن ئىبارەت - بۇ جاينى تىنچ قىلىپ بەرگىن، مېنى ۋە مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «رەببىم! بۇ شەھەرنى ئامان قىلغىن، مېنى ۋە بالىلىرىمنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ساقلىغىن!
14 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضْلَلْنَ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ ۖ فَمَنْ تَبِعَنِي فَإِنَّهُ مِنِّي ۖ وَمَنْ عَصَانِي فَإِنَّكَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! ئۇلار (يەنى بۇتلار) نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى (يەنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېزىشىغا سەۋەبچى بولدى)، كىمكى ماڭا ئەگەشكەن ئىكەن، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر، كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئىكەن، سەن ئەلۋەتتە (ئۇنىڭغا) مەغپىرەت قىلىشقا ۋە مەرھەمەت قىلىشقا (قادىرسەن)[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، كىمكى ماڭا ئەگەشكەن ئىكەن، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر، كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئىكەن، سەن ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىسەن
ئەنەس ئالىم: رەببىم! ھەقىقەتەن ئۇ بۇتلار نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئېزىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىم ماڭا ئەگەشسە مەندىندۇر، كىم ماڭا ئاسىيلىق قىلسا سەن ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىسەن.
14 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا إِنِّي أَسْكَنْتُ مِنْ ذُرِّيَّتِي بِوَادٍ غَيْرِ ذِي زَرْعٍ عِنْدَ بَيْتِكَ الْمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُوا الصَّلَاةَ فَاجْعَلْ أَفْئِدَةً مِنَ النَّاسِ تَهْوِي إِلَيْهِمْ وَارْزُقْهُمْ مِنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسىمىنى (يەنى بالام ئىسمائىل بىلەن ئايالىم ھاجەرنى) ناماز ئوقۇسۇن (يەنى ساڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ) سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادىغا (يەنى مەككىگە) ئورۇنلاشتۇردۇم. پەرۋەردىگارىمىز! بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگىن[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسمى- بولغان بالام ئىسمائىل بىلەن ئايالىم ھاجەر-نى ناماز ئوقۇسۇن دەپ سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادى-مەككە-گە ئورۇنلاشتۇردۇم، رەببىمىز! بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگىن، شۈكرى قىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس!
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! مەن ئائىلەمنىڭ بىر قىسمىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ يېنىدىكى تېرىقچىلىققا ناباب قاقاس ۋادىغا يەرلەشتۈردۈم. رەببىمىز! ئۇلارنى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم. شۇڭا بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارغا ھەر خىل مېۋە ۋە مەھسۇلاتلاردىن رىزىق ئاتا قىلغىن. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئۇلار شۈكۈر قىلغاي.
14 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا إِنَّكَ تَعْلَمُ مَا نُخْفِي وَمَا نُعْلِنُ ۗ وَمَا يَخْفَىٰ عَلَى اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! سەن بىزنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىمىزنى بىلىپ تۇرىسەن، ئاسمان ـ زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! سەن بىزنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىمىزنى بىلىپ تۇرىسەن، ئاسمان ـ زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! سەن بىزنىڭ يوشۇرۇن قىلغان نەرسىمىزنى ۋە ئاشكارا قىلغان نەرسىمىزنى بىلىپ تۇرىسەن. زېمىندا بولسۇن، ئاسماندا بولسۇن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي بولۇپ قالمايدۇ.
14 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي وَهَبَ لِي عَلَى الْكِبَرِ إِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ ۚ إِنَّ رَبِّي لَسَمِيعُ الدُّعَاءِ
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇسانا ياشانغىنىمدا ماڭا ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى بەرگەن ئاللاھقا خاستۇر! پەرۋەردىگارىم! ھەقىقەتەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (يەنى دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر)[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىمى ھەمدۇسانا ياشانغىنىمدا ماڭا ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى بەرگەن ئاللاھقا خاستۇر! شۈبھىسىزكى رەببىم! ھەقىقەتەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ياشىنىپ قالغان چېغىمدا ماڭا ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. شۈبھىىسزكى، مېنىڭ رەببىم دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.
14 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ اجْعَلْنِي مُقِيمَ الصَّلَاةِ وَمِنْ ذُرِّيَّتِي ۚ رَبَّنَا وَتَقَبَّلْ دُعَاءِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! مېنى ۋە بىر قىسىم ئەۋلادىمنى نامازنى ئادا قىلغۇچى قىلغىن، پەرۋەردىگارىمىز! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! مېنى ۋە بىر قىسىم ئەۋلادىمنى نامازنى ئادا قىلغۇچى قىلغىن، رەببىمىز! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن
ئەنەس ئالىم: رەببىم! مېنى نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچى قىلغىن، نەسلىمدىنمۇ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچى كىشىلەر چىقارغىن. رەببىمىز! دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن.
14 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِلْمُؤْمِنِينَ يَوْمَ يَقُومُ الْحِسَابُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! ھېساب ئالىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا ۋە مۆمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن»[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! ھېساب ئالىدىغان قىيامەت كۈنىدە ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا ۋە مۇئمىنلارغا مەغپىرەت قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! ھېساب ئېلىنىدىغان كۈندە ماڭا، ئاتا - ئانامغا ۋە مۇئمىنلارغا مەغپىرەت قىلغىن».
ھىجىر سۈرىسى
24 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَبِّئْهُمْ عَنْ ضَيْفِ إِبْرَاهِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرى ھەققىدىكى (ھېكايىنى) ئېيتىپ بەرگىن[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرىدىن خەۋەر بەرگىن:
15 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ دَخَلُوا عَلَيْهِ فَقَالُوا سَلَامًا قَالَ إِنَّا مِنْكُمْ وَجِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەردى، ئىبراھىم: «بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز» دېدى[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەردى، ئىبراھىم: «بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ مېھمانلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەرگەندە ئىبراھىم: «بىز سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز» دېگەن ئىدى.
15 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا لَا تَوْجَلْ إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ عَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: « قورقمىغىن، (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز)، ھەقىقەتەن ساڭا (ئۆسۈپ چوڭ بولغىنىدا) ناھايىتى بىلىملىك (بولىدىغان) بىر ئوغۇل (يەنى ئىسھاق) بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز» دېدى[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «قورقمىغىن، ھەقىقەتەن بىز ساڭا ناھايىتى بىلىملىك بولىدىغان بىر ئوغۇل - ئىسھاق- بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «قورقمىغىن! بىز ساڭا ئىلىملىك بىر ئوغلۇڭ بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز» دېدى.
15 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَبَشَّرْتُمُونِي عَلَىٰ أَنْ مَسَّنِيَ الْكِبَرُ فَبِمَ تُبَشِّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم: «مەن قېرىغان تۇرسام، ماڭا (بالا بىلەن) خۇشخەۋەر بەردىڭلارمۇ؟ ماڭا نېمە بىلەن خۇشخەۋەر بېرىۋاتىسىلەر؟» دېدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم: «مەن قېرىغان تۇرسام، ماڭا بالا بىلەن خۇش خەۋەر بەردىڭلارمۇ؟ ماڭا نېمە بىلەن خۇش خەۋەر بېرىۋاتىسىلەر؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم: «ماڭا خۇش خەۋەر بېرەمسىلەر، مەن ياشىنىپ قالغان تۇرسام؟ نېمە بىلەن خۇش خەۋەر بېرىسىلەر؟» دېدى.
15 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا بَشَّرْنَاكَ بِالْحَقِّ فَلَا تَكُنْ مِنَ الْقَانِطِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ساڭا راست خۇشخەۋەر بەردۇق، نائۈمىد بولمىغىن» دېدى[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ساڭا راست خۇش خەۋەر بەردۇق، نائۈمىد بولمىغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ساڭا ھەق بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن سەن نائۈمىد بولغۇچىلاردىن بولمىغىن!» دېدى.
15 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ وَمَنْ يَقْنَطُ مِنْ رَحْمَةِ رَبِّهِ إِلَّا الضَّالُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىدىن گۇمراھلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دېدى[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم: «رەببىنىڭ رەھمىتىدىن گۇمراھلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم: «رەببىنىڭ رەھمىتىدىن ئازغۇنلاردىن باشقا كىم نائۈمىد بولىدۇ؟» دېدى.
15 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَمَا خَطْبُكُمْ أَيُّهَا الْمُرْسَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟» دېدى[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم يەنە: «ئى ئەلچىلەر! يەنە قانداق ۋەزىپەڭلار بار؟» دېدى.
15 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا آلَ لُوطٍ إِنَّا لَمُنَجُّوهُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىز ئۇلار (يەنى لۇتنىڭ تەۋەلىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر) نىڭ ھەممىسىنى (ئازابتىن) چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز
ئەنەس ئالىم: لۇتنىڭ ئائىلىسى گۇناھكار ئەمەس. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزىمىز.
15 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا امْرَأَتَهُ قَدَّرْنَا ۙ إِنَّهَا لَمِنَ الْغَابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت لۇتنىڭ خوتۇنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنىڭ چوقۇم باشقىلار بىلەن بىللە ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن بېكىتتۇق»[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت لۇتنىڭ خوتۇنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنىڭ چوقۇم باشقىلار بىلەن بىللە ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن بېكىتتۇق»
ئەنەس ئالىم: لېكىن لۇتنىڭ ئايالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇنىڭ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولۇشىنى قارار قىلدۇق».
15 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَ آلَ لُوطٍ الْمُرْسَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن چاغدا[61]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەندە،
15 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّكُمْ قَوْمٌ مُنْكَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش ئادەملەرغۇ؟» دېدى[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش ئادەملەرغۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش قەۋمغۇ!» دېدى.
15 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَسْرِ بِأَهْلِكَ بِقِطْعٍ مِنَ اللَّيْلِ وَاتَّبِعْ أَدْبَارَهُمْ وَلَا يَلْتَفِتْ مِنْكُمْ أَحَدٌ وَامْضُوا حَيْثُ تُؤْمَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ يولغا چىققىن، ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭغىن، سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، سىلەر بۇيرۇلغان يەرگە يەتكۈچە ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىڭلار»[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: «كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ يولغا چىققىن، ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭغىن، سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، سىلەر بۇيرۇلغان يەرگە يەتكۈچە ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىڭلار
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئائىلەڭنى ماڭدۇرغىن، سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغىن، سىلەردىن ھېچكىم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، بۇيرۇلغان يېرىڭلارغا قاراپ مېڭىڭلار».
15 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَضَيْنَا إِلَيْهِ ذَٰلِكَ الْأَمْرَ أَنَّ دَابِرَ هَٰؤُلَاءِ مَقْطُوعٌ مُصْبِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەھەردە بۇلار (يەنى لۇتنىڭ قەۋمى) نىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلىدۇ (يەنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىنىدۇ) دېگەن ھۆكۈمنى لۇتقا ۋەھىي قىلدۇق[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەھەردە بۇلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلىدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى لۇتقا ۋەھىي قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز لۇتقا شۇ قەتئىي بۇيرۇقنى ۋەھىي قىلدۇق: «ئۇلار ئەتىگەنگە ئۇلاشقاندا يىلتىزى قۇرۇتىلىدۇ!».
15 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَ أَهْلُ الْمَدِينَةِ يَسْتَبْشِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (سەدۇم) شەھرىنىڭ ئاھالىسى (يەنى لۇتنىڭ قەۋمى) خۇشال بولۇشۇپ يېتىپ كېلىشتى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: شەھەر خەلقى خۇشاللىق ئىچىدە لۇتنىڭ ئۆيىگە كەلدى.
15 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّ هَٰؤُلَاءِ ضَيْفِي فَلَا تَفْضَحُونِ
مۇھەممەد سالىھ: لۇت ئېيتتى: «بۇلار مېنىڭ مېھمىنىم، (ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا) مېنى رەسۋا قىلماڭلار[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇت ئېيتتى: «بۇلار مېنىڭ مېھمىنىم، مېنى رەسۋا قىلماڭلار
ئەنەس ئالىم: لۇت ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «بۇلار مېنىڭ مېھمانلىرىم، مېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا رەسۋا قىلماڭلار.
15 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّقُوا اللَّهَ وَلَا تُخْزُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن قورقۇڭلار (مېھمىنىمنى خارلاش ئارقىلىق) مېنى خارلىماڭلار»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە مېنى خارلىماڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مېنى خىجىل قىلماڭلار».
15 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَوَلَمْ نَنْهَكَ عَنِ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز سېنى كەلگەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىشتىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز سېنى كەلگەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىشتىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز سېنى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشتىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى.
15 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هَٰؤُلَاءِ بَنَاتِي إِنْ كُنْتُمْ فَاعِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لۇت: «بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم (يەنى قەۋمىمنىڭ قىزلىرى) دۇر. ئەگەر (چېقىلماقچى) بولساڭلار (ئۇلارنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار)» دېدى[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇت: « ئەگەر نىكاھلانماقچى بولساڭلار، بۇلار مېنىڭ قىزلىرىمدۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: لۇت: «ئەنە شۇ ئاياللار مېنىڭ قىزلىرىم، خالىساڭلار ئۇلار بىلەن ئۆيلىنىڭلار» دېدى.
15 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
لَعَمْرُكَ إِنَّهُمْ لَفِي سَكْرَتِهِمْ يَعْمَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئەلۋەتتە گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئەلۋەتتە گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار خۇدىنى يوقاتقان ھالەتتە تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى.
15 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذَتْهُمُ الصَّيْحَةُ مُشْرِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كۈن چىقار ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق چۇقان يۈزلەندى[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈن چىقار ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق چۇقان يۈزلەندى
ئەنەس ئالىم: كۈن چىقىۋاتقاندا ئۇلارنى دەھشەتلىك ئاۋاز باستى.
15 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
فَجَعَلْنَا عَالِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ حِجَارَةً مِنْ سِجِّيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇ شەھەرنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (يەنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق) ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (يامغۇردەك) ساپال تاش ياغدۇردۇق[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇ شەھەرنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىىگە ساپال تاش ياغدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى كۆمتۈرۈپ، ئۈستىگە ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق.
15 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِلْمُتَوَسِّمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭدا (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازابتا) كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇنىڭدا كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭدا دىققەت بىلەن كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەتلەر بار.
15 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّهَا لَبِسَبِيلٍ مُقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ شەھەر (قۇرەيشلەر شامغا بارىدىغان) يول ئۈستىدە ھەقىقەتەن ھېلىمۇ مەۋجۇت تۇرماقتا[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ شەھەر-قۇرەيشلەر شامغا بارىدىغان- يول ئۈستىدە ھەقىقەتەن ھېلىمۇ مەۋجۇت تۇرماقتا
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇ يۇرتنىڭ خارابىلىكى ھازىرمۇ ئىنسانلار ئۆتۈپ تۇرىدىغان يول ئۈستىدىدۇر.
15 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِلْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇنىڭدا مۇئمىنلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار
ئەنەس ئالىم: ئۇ خارابىلىكتە مۇئمىنلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار.
نەھىل سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ إِبْرَاهِيمَ كَانَ أُمَّةً قَانِتًا لِلَّهِ حَنِيفًا وَلَمْ يَكُ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ھەقىقەتەن (ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگۈچى) پېشىۋا، ئاللاھقا ئىتائەتمەن (باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىدى. ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ھەقىقەتەن ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگۈچى بىر پېشىۋا، ئاللاھقا ئىتائەتمەن ۋە ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئىدى. ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئىبراھىم بىر ئۇممەت ئىدى، ئاللاھقا ئىتائەتمەن ئىدى، ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى،
16 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
شَاكِرًا لِأَنْعُمِهِ ۚ اجْتَبَاهُ وَهَدَاهُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى ۋە ئۇنى توغرا يولغا باشلىدى[121].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدى ۋە ئۇنى توغرا يولغا باشلىدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى تاللىدى ۋە توغرا يولغا باشلىدى.
16 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتَيْنَاهُ فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً ۖ وَإِنَّهُ فِي الْآخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق. ئۇ ئاخىرەتتىمۇ چوقۇم ياخشىلارنىڭ قاتارىدا بولىدۇ.
16 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ أَنِ اتَّبِعْ مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۖ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ساڭا: «باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى (يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكىن، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ساڭا: «باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكىن، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن بىز ساڭا: «ھەقكە يۆنەلگەن ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
ئىسرا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
ذُرِّيَّةَ مَنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَبْدًا شَكُورًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى) بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چۈشۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى! (ئەجدادىڭلارنى غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتقۇزدۇق، ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار) نۇھ ھەقىقەتەن كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چۈشۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى! نۇھ ھەقىقەتەن كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئى بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چىقىرىپ قۇتقۇزغانلارنىڭ نەسلى! نۇھ ھەقىقەتەن شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى.
17 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ قَالَ أَأَسْجُدُ لِمَنْ خَلَقْتَ طِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: يەنە شۇنىمۇ ئەسلىگىنكى، ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى. لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلمىدى. ئۇ: «مەن، سەن لايدىن ياراتقان كىشىگە سەجدە قىلامتىم؟» دېدى.
17 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَرَأَيْتَكَ هَٰذَا الَّذِي كَرَّمْتَ عَلَيَّ لَئِنْ أَخَّرْتَنِ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ لَأَحْتَنِكَنَّ ذُرِّيَّتَهُ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىبلىس: «ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، سەن مەندىن ئۈستۈن قىلغان ئادەم مۇشۇمۇ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەتكىچە مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنى (ئازدۇرۇپ) تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىمەن (يەنى ئۇلارنى خالىغانچە يېتىلەيمەن)» دېدى[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبلىس: «ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، سەن مەندىن ئۈستۈن قىلغان ئادەم مۇشۇمۇ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەتكىچە مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنى ئازدۇرۇپ تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «سېنىڭ مەندىن ئۈستۈن قىلغىنىڭ بۇمۇ؟ بۇنىڭ نېمىسىنى دەپ مەندىن ئۈستۈن قىلدىڭ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەت كۈنىگە قەدەر مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، بۇنىڭ بالىلىرىدىن ئازغىنە بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسىنى بۇرنىدىن يېتىلەيمەن».
17 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَىٰ تِسْعَ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ ۖ فَاسْأَلْ بَنِي إِسْرَائِيلَ إِذْ جَاءَهُمْ فَقَالَ لَهُ فِرْعَوْنُ إِنِّي لَأَظُنُّكَ يَا مُوسَىٰ مَسْحُورًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇساغا ھەقىقەتەن توققۇز روشەن مۆجىزە ئاتا قىلدۇق، مۇسا پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كەلگەن چاغدا بىز مۇساغا: «(ئۇلاردىن) ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قويۇۋېتىشنى) سورىغىن» (دېدۇق). پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! سېنى مەن چوقۇم جادۇ قىلىنغان دەپ ئويلايمەن» دېدى[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇساغا ھەقىقەتەن توققۇز روشەن مۆجىزە ئاتا قىلدۇق، مۇسا پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كەلگەن چاغدا بىز مۇساغا: «ئۇلاردىن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋېتىشنى سورىغىن» -دېدۇق-. پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! مەن سېنى چوقۇم جادۇ قىلىنغان دەپ ئويلايمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا روشەن توققۇز مۆجىزە بەردۇق. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىن: مۇسا ئۇلارغا كەلگەندە فىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن سېنى سېھىرلەنگەن ئادەم دەپ ئويلايمەن» دېگەن ئىدى.
17 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَقَدْ عَلِمْتَ مَا أَنْزَلَ هَٰؤُلَاءِ إِلَّا رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ بَصَائِرَ وَإِنِّي لَأَظُنُّكَ يَا فِرْعَوْنُ مَثْبُورًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «(ئى پىرئەۋن!) بۇلار (يەنى توققۇز مۆجىزە) نى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) دەلىل قىلىپ نازىل قىلغانلىقىنى سەن (گەرچە تىلىڭدا ئىقرار قىلمىساڭمۇ دىلىڭدا ئەلۋەتتە) ئوبدان بىلىسەن، مەن سېنى، ئى پىرئەۋن، ھەقىقەتەن، ھالاك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «-ئى پىرئەۋن!- بۇلارنى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل قىلىپ نازىل قىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەن، مەن سېنى، ئى پىرئەۋن، ھەقىقەتەن، ھالاك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «سەن بۇ مۆجىزىلەرنى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى ھەقىقەتنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر قىلىپ نازىل قىلغانلىقىنى ئوبدان بىلىسەن. ئى فىرئەۋن! شۈبھىسىزكى، مەن سېنى ھالاك قىلىنىدىغان ئادەم دەپ ئويلايمەن».
كەھف سۈرىسى
13 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ كَانَ مِنَ الْجِنِّ فَفَسَقَ عَنْ أَمْرِ رَبِّهِ ۗ أَفَتَتَّخِذُونَهُ وَذُرِّيَّتَهُ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِي وَهُمْ لَكُمْ عَدُوٌّ ۚ بِئْسَ لِلظَّالِمِينَ بَدَلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۇ (سەجدە قىلمىغانلىقتىن) پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئىبلىس زالىملار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان بەدەل! (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا شەيتانغا چوقۇنۇش نېمىدېگەن يامان!)[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۈ رەببىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئىبلىس زالىملار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان بەدەل!
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى، ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ جىنلاردىن ئىدى. ئۇ رەببىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتتى. ئى ئىنسانلار! سىلەر يەنىلا مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ نەسلىنى ۋەلىي قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. زالىملارنىڭ بۇ ۋەلىي ئالماشتۇرۇشى نېمىدېگەن يامان!
18 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِفَتَاهُ لَا أَبْرَحُ حَتَّىٰ أَبْلُغَ مَجْمَعَ الْبَحْرَيْنِ أَوْ أَمْضِيَ حُقُبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ياش خادىمىغا (يەنى يۇشەئ ئىبنى نۇنغا): «ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يەتمىگۈچە مېڭىشىمنى توختاتمايمەن، (شۇ جايغا يەتكەنگە قەدەر) ئۇزاققىچە مېڭىۋېرىمەن» دېدى[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ياش خادىمى-يۇشەئ ئىبىن نۇنغا-: «ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يەتمىگىچە مېڭىشىمنى توختاتمايمەن، -شۇ جايغا يەتكەنگە قەدەر- ئۇزاققىچە مېڭىۋېرىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆزىنىڭ ياش خادىمىغا: «مەن ئىككى دېڭىزنىڭ بىرلەشكەن يېرىگە يېتىپ بارمىغىچە ياكى بۇ يولدا ئۇزۇن زامان ئۆتكۈزمىگۈچە ھېچ توختىماستىن ماڭىمەن» دېگەن ئىدى.
18 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَهُ مُوسَىٰ هَلْ أَتَّبِعُكَ عَلَىٰ أَنْ تُعَلِّمَنِ مِمَّا عُلِّمْتَ رُشْدًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟ (يەنى سۆھبىتىڭدە بولايمۇ؟)» دېدى[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئۇنىڭغا: «ساڭا ئۆگىتىلگەن ئىلىملەردىن ماڭا توغرىنى كۆرسىتىدىغان ئىلىم ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگەشسەم بولامدۇ؟» دېدى.
18 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ صَابِرًا وَلَا أَعْصِي لَكَ أَمْرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى كۆرىسەن، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلمايمەن»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى كۆرىسەن، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلمايمەن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئىنشائاللاھ، مېنى سەۋرچان كۆرىسەن، سېنىڭ ھېچ ئىشىڭغا قارشى چىقمايمەن» دېدى.
18 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا رَكِبَا فِي السَّفِينَةِ خَرَقَهَا ۖ قَالَ أَخَرَقْتَهَا لِتُغْرِقَ أَهْلَهَا لَقَدْ جِئْتَ شَيْئًا إِمْرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە مېڭىپ كېلىپ بىر كېمىگە چىقىشتى، (خىزىر) كېمىنى تېشىۋەتتى (يەنى كېمىنىڭ بىر تاختىسىنى سۇغۇرۇۋەتتى)، مۇسا (ئۇنىڭغا): «كېمىدىكىلەرنى غەرق بولۇپ كەتسۇن، دەپ كېمىنى تەشتىڭمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن (قورقۇنچلۇق) چوڭ بىر ئىشنى قىلدىڭ» دېدى[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە مېڭىپ كېلىپ بىر كېمىگە چىقىشتى، ئۇ كېمىنى تېشىۋەتتى، مۇسا -ئۇنىڭغا-: «كېمىدىكىلەرنى غەرق بولۇپ كەتسۇن دەپ كېمىنى تەشتىڭمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن - قورقۇنچلۇق- چوڭ بىر ئىشنى قىلدىڭ» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى يۈرۈپ، ئاخىرى بىر كېمىگە چىقىشتى. ئۇ بەندىمىز بۇ كېمىنى تېشىۋەتتى. مۇسا ئۇنىڭغا: «بۇ كېمىنى ئىچىدىكى يولۇچىلارنى غەرق قىلىش ئۈچۈن تېشىۋەتتىڭمۇ؟ شۈبھىسىزكى، سەن ئاجايىپ ئىش قىلدىڭ!» دېدى.
18 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَا تُؤَاخِذْنِي بِمَا نَسِيتُ وَلَا تُرْهِقْنِي مِنْ أَمْرِي عُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئەھدىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمغا مېنى ئەيىبلىمە، سەن بىلەن بىللە بولۇشتا مېنى قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويما»[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئەھدىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمغا مېنى ئەيىبلىمە، سەن بىلەن بىللە بولۇشتا مېنى قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويما»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئۇنتۇپ قېلىپ دەپ سالغان بۇ سۆزۈم ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمىگىن. بىلىمىڭدىن ئۆگىنىۋېلىشمنى قىيىنلاشتۇرمىغىن!» دېدى.
18 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا لَقِيَا غُلَامًا فَقَتَلَهُ قَالَ أَقَتَلْتَ نَفْسًا زَكِيَّةً بِغَيْرِ نَفْسٍ لَقَدْ جِئْتَ شَيْئًا نُكْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىككىسى يەنە بىرلىكتە ماڭدى، ئۇلار بىر بالىنى ئۇچراتتى، (خىزىر) ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا: «سەن بىر بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈردۈڭ، سەن ھەقىقەتەن ياۋۇز ئىشنى قىلدىڭ»[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىككىسى يەنە بىرلىكتە ماڭدى، ئۇلار بىر بالىنى ئۇچراتتى، ئۇ -بەندە- ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا: «سەن بىر بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈردۈڭ، سەن ھەقىقەتەن ياۋۇز ئىشنى قىلدىڭ»دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇ ئىككىسى يەنە يۈرۈپ، بىر مۇددەتتىن كېيىن بىر ئوغۇل بالىنى ئۇچرىتىشتى. ئۇ بەندىمىز ئۇ بالىنى ئۆلتۈردى. مۇسا: «سەن بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈرەمسەن؟ سەن ھەقىقەتەن يامان ئىش قىلدىڭ» دېدى.
18 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنْ سَأَلْتُكَ عَنْ شَيْءٍ بَعْدَهَا فَلَا تُصَاحِبْنِي ۖ قَدْ بَلَغْتَ مِنْ لَدُنِّي عُذْرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەندىن بىرەر ئىش توغرۇلۇق سورىسام (يەنى قىلغان ئىشىڭغا ئېتىراز بىلدۈرسەم)، مېنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمىغىن، (ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە ئۈچ قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن مېنىڭ ئالدىمدا (ماڭا ھەمراھ بولماسلىقتا) مەزۇرسەن»[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەندىن بىرەر ئىش توغرۇلۇق سورىسام، مېنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمىغىن، -ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە ئۈچ قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن- مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزرىنىڭ ئاخىرقى چەكلىمىسىگە يەتتىڭ!»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئەگەر سەندىن بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر نەرسە سورىسام، مېنى يېنىڭدا ئېلىپ ماڭمىغىن. ساڭا ئېيتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۆزرەم مۇشۇ بولۇپ قالسۇن» دېدى.
18 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا أَتَيَا أَهْلَ قَرْيَةٍ اسْتَطْعَمَا أَهْلَهَا فَأَبَوْا أَنْ يُضَيِّفُوهُمَا فَوَجَدَا فِيهَا جِدَارًا يُرِيدُ أَنْ يَنْقَضَّ فَأَقَامَهُ ۖ قَالَ لَوْ شِئْتَ لَاتَّخَذْتَ عَلَيْهِ أَجْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىككىسى يەنە بىللە مېڭىپ بىر شەھەرگە يېتىپ كەلدى، شەھەر ئاھالىسىدىن تاماق سورىدى، شەھەر ئاھالىسى ئۇلارنى مېھمان قىلىشتىن باش تارتتى، ئۇلار بۇ شەھەردە ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى، تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر خالىساڭ بۇ ئىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىش ھەققى ئالغان بولاتتىڭ»[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىككىسى يەنە بىللە مېڭىپ بىر شەھەرگە يېتىپ كەلدى، شەھەر ئاھالىسىدىن تاماق سورىدى، شەھەر ئاھالىسى ئۇلارنى مېھمان قىلىشتىن باش تارتتى، ئۇلار بۇ شەھەردە ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى ۋە ئۇنى تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر خالىساڭ بۇ ئىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىش ھەققى ئالغان بولاتتىڭ»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى يەنە يۈردى، تاكى بىر يۇرت ئاھالىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇلاردىن تاماق سورىدى. لېكىن يۇرت ئاھالىسى ئۇلارنىڭ مېھمان بولۇش تەلىپىنى رەت قىلدى. بۇ ئەسنادا ئىككىسى ئۇ يۇرتتا ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى. ئۇ بەندە دەرھال ئۇ تامنى تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «خالىساڭ بۇنىڭغا ھەق ئالالايتتىڭ» دېدى.
18 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْأَلُونَكَ عَنْ ذِي الْقَرْنَيْنِ ۖ قُلْ سَأَتْلُو عَلَيْكُمْ مِنْهُ ذِكْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سورىشىدۇ. «سىلەرگە مەن ئۇنىڭ قىسسەسىنى (ۋەھىي ئاساسىدا) بايان قىلىمەن» دېگىن[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سورىشىدۇ. «سىلەرگە مەن ئۇنىڭ قىسسىسىنى -ۋەھيى ئاساسىدا- بايان قىلىمەن» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سوئال سورايدۇ. ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە ئۇنىڭ توغرىسىدا زىكىر6 تىلاۋەت قىلىمەن» دېگىن.
18 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ مَغْرِبَ الشَّمْسِ وَجَدَهَا تَغْرُبُ فِي عَيْنٍ حَمِئَةٍ وَوَجَدَ عِنْدَهَا قَوْمًا ۗ قُلْنَا يَا ذَا الْقَرْنَيْنِ إِمَّا أَنْ تُعَذِّبَ وَإِمَّا أَنْ تَتَّخِذَ فِيهِمْ حُسْنًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈنپېتىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، كۈننىڭ قارا لايلىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ بۇلاقنىڭ يېنىدا بىر تۈرلۈك قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز: «ئى زۇلقەرنەين! سەن ئۇلارنى جازالىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن» دېدۇق.(ئىزاھات:ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولمىسىمۇ، كىشىگە كۈن خۇددى دېڭىزغا، تاغقا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.)[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈنپېتىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، كۈننىڭ قارا لايلىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى[1]. ئۇ بۇلاقنىڭ يېنىدا بىر تۈرلۈك قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز: «ئى زۇلقەرنەين! سەن ئۇلارنى جازالىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: تاكى قۇياشنىڭ پاتىدىغان يېرىگە بارغاندا، كۈننىڭ قارا پاتقاقلىق بۇلاققا پاتقانلىقىنى كۆردى ۋە قىرغاقتا بىر قەۋم ئۇچراتتى. بىز ئۇنىڭغا: «ئى زۇلقەرنەين! خالىساڭ ئازابلىغىن، خالىساڭ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغىن» دېدۇق.
18 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ مَطْلِعَ الشَّمْسِ وَجَدَهَا تَطْلُعُ عَلَىٰ قَوْمٍ لَمْ نَجْعَلْ لَهُمْ مِنْ دُونِهَا سِتْرًا
مۇھەممەد سالىھ: زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپكە بارغاندا، كۈن نۇرىنىڭ شۇنداق بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، ئۇ قەۋمگە بىز (كۈننىڭ ھارارىتىدىن) ساقلىنىدىغان (كىيىم، ئىمارەت قاتارلىق) نەرسىلەرنى ئاتا قىلمىدۇق[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپكە بارغاندا، كۈننىڭ شۇنداق بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، ئۇ قەۋمگە بىز -كۈننىڭ ھارارىتىدىن- ساقلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئاتا قىلمىدۇق
ئەنەس ئالىم: تاكى كۈننىڭ چىقىدىغان يېرىگە بارغاندا، كۈننىڭ شۇنداق قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، بىز ئۇ قەۋم بىلەن كۈننىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەردە قىلمىغان.
18 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ بَيْنَ السَّدَّيْنِ وَجَدَ مِنْ دُونِهِمَا قَوْمًا لَا يَكَادُونَ يَفْقَهُونَ قَوْلًا
مۇھەممەد سالىھ: زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى تاغ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى چۈشەنمەيدىغان (يەنى ئۆزىنىڭ تىلىدىن غەيرى تىلنى بىلمەيدىغان) بىر قەۋمنى ئۇچراتتى[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى تاغ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى چۈشەنمەيدىغان بىر قەۋمنى ئۇچراتتى
ئەنەس ئالىم: تاكى ئىككى سېپىلنىڭ ئارىسىغا بارغاندا، ئۇ يەردە ئاسانلىقچە سۆز چۈشىنەلمەيدىغان بىر قەۋم ئۇچراتتى.
مەريەم سۈرىسى
31 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھەمىتىنىڭ بايانىدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، رەببىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھىمىتىنىڭ بايانىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ رەببىڭنىڭ، بەندىسى زەكەرىيياغا ئاتا قىلغان رەھمىتىنى زىكىر قىلىشىدۇر.
19 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ الْعَظْمُ مِنِّي وَاشْتَعَلَ الرَّأْسُ شَيْبًا وَلَمْ أَكُنْ بِدُعَائِكَ رَبِّ شَقِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم، چېچىم ئاقاردى. پەرۋەردىگارىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم، چېچىم ئاقاردى. رەببىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق
ئەنەس ئالىم: مۇنداق دېگەن ئىدى: «رەببىم! سۆڭەكلىرىم بوشىشىپ كەتتى، چاچلىرىم ئاقىرىپ كەتتى. رەببىم! مەن ساڭا دۇئا قىلىپ، بەختسىز بولمىدىم1.
19 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنِّي خِفْتُ الْمَوَالِيَ مِنْ وَرَائِي وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا فَهَبْ لِي مِنْ لَدُنْكَ وَلِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنۇمنى باسالماسلىقلىرىدىن (يەنى دىننى قولدىن بېرىپ قويۇشلىرىدىن) ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، (پەزلىڭدىن) ماڭا بىر (ياخشى) پەرزەنت ئاتا قىلغىن[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنۇمنى باسالماسلىقلىرىدىن ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، پەزلىڭدىن ماڭا بىر ياردەمچى ئاتا قىلغىن
ئەنەس ئالىم: مەن، تۇغقانلىرىمنىڭ ئىزىمنى باسماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن، ئايالىم بولسا تۇغماس، ماڭا ئۆز تەرىپىڭدىن بىر ۋەلىي2 ئاتا قىلغىن.
19 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنْ آلِ يَعْقُوبَ ۖ وَاجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ماڭا ۋارىس بولغاي ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغا ۋارىس بولغاي، پەرۋەردىگارىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن»[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ماڭا ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغا ۋارىس بولغاي، رەببىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھەم ماڭا ۋارىسلىق قىلسۇن ھەم يەئقۇبنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتىغا ۋارىسلىق قىلسۇن. رەببىم! ئۇنى سۆيۈملۈك بىرى قىلغىن».
19 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
يَا زَكَرِيَّا إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ اسْمُهُ يَحْيَىٰ لَمْ نَجْعَلْ لَهُ مِنْ قَبْلُ سَمِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ ئېيتتىكى) «ئى زەكەرىيا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا (پەرىشتىلەر ئارقىلىق) يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق»[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتىكى-: «ئى زەكەرىيا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق»
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئى زەكەرىييا! ساڭا خۇش خەۋەر: يەھيا ئىسىملىك ئوغلۇڭ بولىدۇ. بىز ئىلگىرى ھېچكىمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق».
19 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ الْكِبَرِ عِتِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيا ئېيتتى: «ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟»[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىيا ئېيتتى: «ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟»
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟ ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىلىقنىڭ ئاخىرقى چېكىگە يەتكەن تۇرسام!» دېدى.
19 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اجْعَلْ لِي آيَةً ۚ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَ لَيَالٍ سَوِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! (ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا) ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «سېنىڭ ئالامىتىڭ (شۇكى)، ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن»[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىيا ئېيتتى: «رەببىم! -ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا- ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «سېنىڭ ئالامىتىڭ - شۇكى-؛ ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن»
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا: «ئۇنداق بولسا، ماڭا بىرەر ئالامەت قىلىپ بەرگىن» دېدى. ئاللاھ: «ئالامىتىڭ شۇ: سەن ساق - سالامەت تۇرۇقلۇق ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئىنسانلارغا گەپ قىلالمايسەن» دېدى.
19 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوْمِهِ مِنَ الْمِحْرَابِ فَأَوْحَىٰ إِلَيْهِمْ أَنْ سَبِّحُوا بُكْرَةً وَعَشِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن زەكەرىييا ئىبادەتخانىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا: «چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن تەسبىھ ئېيتىڭلار» دەپ ئىشارەت قىلدى.
19 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَا يَحْيَىٰ خُذِ الْكِتَابَ بِقُوَّةٍ ۖ وَآتَيْنَاهُ الْحُكْمَ صَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (يەھيا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا) «ئى يەھيا! كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تىرىشىپ ئوقۇغىن» (دېدۇق). ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل ـ پاراسەت ئاتا قىلدۇق[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: -يەھيا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا-: «ئى يەھيا! كىتاب-تەۋرات-نى تىرىشىپ ئوقۇغىن» -دېدۇق-. ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل ـ پاراسەت ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: «ئى يەھيا كىتابنى چىڭ تۇتقىن!». بىز ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى بەردۇق.
19 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنِّي عَبْدُ اللَّهِ آتَانِيَ الْكِتَابَ وَجَعَلَنِي نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى (يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ) ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ)[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى
ئەنەس ئالىم: بوۋاق ئېيتتى: «مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى. ئاللاھ ماڭا كىتابنى بەردى، مېنى نەبىي قىلدى،
19 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلَنِي مُبَارَكًا أَيْنَ مَا كُنْتُ وَأَوْصَانِي بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ مَا دُمْتُ حَيًّا
مۇھەممەد سالىھ: قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى
ئەنەس ئالىم: مېنى قەيەردە بولسام ئىنسانلارغا پايدىلىق بىرى قىلدى، ھاياتلا بولسام نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇدى،
19 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَرًّا بِوَالِدَتِي وَلَمْ يَجْعَلْنِي جَبَّارًا شَقِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى بەدبەخ مۇتەكەببىر قىلمىدى
ئەنەس ئالىم: ئانامغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدى، مېنى قوپال ۋە بەختسىز بىرى قىلمىدى.
19 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّلَامُ عَلَيَّ يَوْمَ وُلِدْتُ وَيَوْمَ أَمُوتُ وَيَوْمَ أُبْعَثُ حَيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە (ئاللاھتائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىمەن»[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە ئامانلىققا ئېرىشىمەن»
ئەنەس ئالىم: تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ئۆلىدىغان كۈنۈمدە ۋە قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنۈمدە ماڭا سالام بولسۇن».
19 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ ۚ قَوْلَ الْحَقِّ الَّذِي فِيهِ يَمْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ ئىيسا ئىبىن مەريەمنىڭ (قىسسەسىدۇر). ئىيسا ئۇلار دەتالاش قىلىۋاتقان ئۆزىنڭ ئىشىنىڭ (ھەقىقىتى) ئۈستىدە ھەق گەپنى قىلدى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ ئىسا ئىبىن مەريەمنىڭ قىسسىسىدۇر. ئىسا ئۇلار دەتالاش قىلىۋاتقان ئۆزىنڭ ئىشىنىڭ ھەقىقىتى ئۈستىدە ھەق گەپنى قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ، مەريەم ئوغلى ئىيسادۇر، ئۇلار دەتالاش قىلىشقان مەسىلە توغرىسىدىكى ھەق سۆزدۇر.
19 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ اللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»
ئەنەس ئالىم: «ئاللاھ مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. ئۇنداقتا ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر».
19 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِبْرَاهِيمَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىبراھىم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- كىتاب-قۇرئان-دا ئىبراھىم قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا ئىبراھىمنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل بىرى ئىدى، نەبىي ئىدى.
19 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ يَا أَبَتِ لِمَ تَعْبُدُ مَا لَا يَسْمَعُ وَلَا يُبْصِرُ وَلَا يُغْنِي عَنْكَ شَيْئًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «جېنىم ئاتا! سەن نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ھېچبىر ئىشىڭغا ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن؟
19 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَبَتِ إِنِّي قَدْ جَاءَنِي مِنَ الْعِلْمِ مَا لَمْ يَأْتِكَ فَاتَّبِعْنِي أَهْدِكَ صِرَاطًا سَوِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئاتا! ماڭا سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر نازىل بولدى، ماڭا ئەگەشكىن، سېنى توغرا يولغا باشلايمەن[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئاتا! ماڭا سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر نازىل بولدى، ماڭا ئەگەشكىن، سېنى توغرا يولغا باشلايمەن
ئەنەس ئالىم: جېنىم ئاتا! ماڭا، ساڭا كەلمىگەن ئىلىم كەلدى. ماڭا ئەگەشكىن، سېنى توغرا يولغا باشلاي.
19 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَبَتِ لَا تَعْبُدِ الشَّيْطَانَ ۖ إِنَّ الشَّيْطَانَ كَانَ لِلرَّحْمَٰنِ عَصِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئاتا! شەيتانغا چوقۇنمىغىن، شەيتان مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاسىيلىق قىلدى[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئاتا! شەيتانغا چوقۇنمىغىن، شەيتان مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاسىيلىق قىلدى
ئەنەس ئالىم: جېنىم ئاتا! شەيتانغا چوقۇنمىغىن. چۈنكى شەيتان رەھمانغا ئاسىيلىق قىلغۇچىدۇر.
19 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَبَتِ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يَمَسَّكَ عَذَابٌ مِنَ الرَّحْمَٰنِ فَتَكُونَ لِلشَّيْطَانِ وَلِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئاتا! سېنىڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن قورقىمەن»[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئاتا! سېنىڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: جېنىم ئاتا! مەن بېشىڭغا رەھمان تەرىپىدىن ئازاب كېلىپ شەيتاننىڭ ۋەلىيسى بولۇپ قېلىشىڭدىن قورقۇۋاتىمەن».
19 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَرَاغِبٌ أَنْتَ عَنْ آلِهَتِي يَا إِبْرَاهِيمُ ۖ لَئِنْ لَمْ تَنْتَهِ لَأَرْجُمَنَّكَ ۖ وَاهْجُرْنِي مَلِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئازەر) ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن، ئەگەر سەن (مۇنداق قىلىشتىن) يانمىساڭ، چوقۇم سېنى تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن»[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن؟ ئەگەر سەن -مۇنداق قىلىشتىن- يانمىساڭ، چوقۇم سېنى تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن»
ئەنەس ئالىم: ئاتىسى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇ؟ ئەگەر ئۇلارغا تىل ئۇزارتىشتىن ۋاز كەچمىسەڭ، بىلىپ قويغىنكى، سېنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن. يوقال، سېنى ئۇزۇنغىچە كۆزۈم كۆرمىسۇن!» دېدى.
19 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَلَامٌ عَلَيْكَ ۖ سَأَسْتَغْفِرُ لَكَ رَبِّي ۖ إِنَّهُ كَانَ بِي حَفِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئېيتتى: «ساڭا ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئېيتتى: «ساڭا ئامانلىق بولسۇن، رەببىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «خوش ئەمىسە ئاتا! سەن ئۈچۈن رەببىمدىن مەغپىرەت تىلەيمەن. ئۇ ماڭا بەك مەرھەمەتلىكتۇر.
19 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَعْتَزِلُكُمْ وَمَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَأَدْعُو رَبِّي عَسَىٰ أَلَّا أَكُونَ بِدُعَاءِ رَبِّي شَقِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق بولىمەن، پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن»[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق بولىمەن، رەببىمغا ئىبادەت قىلىمەن، رەببىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن»
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئايرىلىمەن. رەببىمگە دۇئا قىلىمەن. ئۈمىد قىلىمەنكى، رەببىمگە دۇئا قىلىش بىلەن بەختسىز بولمىغايمەن6».
19 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا اعْتَزَلَهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۖ وَكُلًّا جَعَلْنَا نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىدىن يىراقلاشتى، ئۇنىڭغا بىز ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، ئۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرسىنى پەيغەمبەر قىلدۇق[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىدىن يىراقلاشتى، ئۇنىڭغا بىز ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، ئۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرسىنى پەيغەمبەر قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئۇلاردىن ۋە ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئايرىلدى، بىز ئۇنىڭغا ئىسھاق بىلەن يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق ۋە ھەر بىرىنى نەبىي قىلدۇق.
19 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مُوسَىٰ ۚ إِنَّهُ كَانَ مُخْلَصًا وَكَانَ رَسُولًا نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) مۇسا (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئىبادىتىگە خاس قىلغان ھەم رەسۇل (يەنى ئەلچى)، ھەم پەيغەمبەر ئىدى[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتاب-قۇرئان-دا مۇسا -قىسىسى-نى بايان قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئىبادىتىگە خاس قىلغان ھەم رەسۇل-ئەلچى-، ھەم پەيغەمبەر ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا مۇسانىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ تاللانغان بىرى ئىدى، رەسۇل ۋە نەبىي ئىدى7.
19 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَادَيْنَاهُ مِنْ جَانِبِ الطُّورِ الْأَيْمَنِ وَقَرَّبْنَاهُ نَجِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا بىز تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى بىز مۇناجات ئۈچۈن (دەرگاھىمىزغا) يېقىنلاشتۇردۇق[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بىز تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى بىز مۇناجات ئۈچۈن - دەرگاھىمىزغا- يېقىنلاشتۇردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى سىردىشىش ئۈچۈن ئۆزىمىزگە يېقىنلاشتۇردۇق.
19 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَهَبْنَا لَهُ مِنْ رَحْمَتِنَا أَخَاهُ هَارُونَ نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا بىز مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى پەيغەمبەر قىلىپ بەردۇق[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بىز مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى پەيغەمبەر قىلىپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا رەھمىتىمىزدىن ئاتا قىلىپ، قېرىندىشى ھارۇننى نەبىي قىلىپ بەردۇق.
19 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِسْمَاعِيلَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صَادِقَ الْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىسمائىل (نىڭ قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل، ھەم پەيغەمبەر ئىدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- كىتاب-قۇرئان-دا ئىسمائىل-نىڭ قىسىسى-نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل-ئەلچى-، ھەم پەيغەمبەر ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا ئىسمائىلنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە تۇرغۇچى ئىدى، رەسۇل ۋە نەبىي ئىدى.
19 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَانَ يَأْمُرُ أَهْلَهُ بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ وَكَانَ عِنْدَ رَبِّهِ مَرْضِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى، رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئائىلىسىنى نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇيتتى. ئۇ رەببىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن بىرى ئىدى.
19 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِدْرِيسَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىدرىس (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتاب-قۇرئان-دا ئىدرىس-قىسىسى-نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا ئىدرىسنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل بىرى ئىدى، نەبىي ئىدى.
19 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَفَعْنَاهُ مَكَانًا عَلِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى بىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى بىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنى ئالىي ماكانغا كۆتۈردۇق.
تاھا سۈرىسى
60 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَهَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ قىسسەسىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟[9]
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ قىسسىسىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
20 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ رَأَىٰ نَارًا فَقَالَ لِأَهْلِهِ امْكُثُوا إِنِّي آنَسْتُ نَارًا لَعَلِّي آتِيكُمْ مِنْهَا بِقَبَسٍ أَوْ أَجِدُ عَلَى النَّارِ هُدًى
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا (بىر جايدا) ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە: «تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردۈم، مەن بېرىپ (ئۇنىڭدىن) بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوت بار يەردە بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن» دېدى. (ئىزاھات:مۇسا ئەلەيھىسسالام ئايالى بىلەن بىرگە مەديەندىن مىسىرغا كېتىۋېتىپ كېچىدە يولدىن ئادىشىپ قالىدۇ، ئوت ياقاي دېسىە چاقمىقى يانمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يولنىڭ سول تەرىپىدە يىراقتىن بىر ئوت كۆرۈنىدۇ، بۇ ئوت ئەمەس، ئاللاھنىڭ نۇرى ئىدى.)[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردى[1]. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە: «تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردۈم، مەن بېرىپ ئۇنىڭدىن بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوت بار يەردە بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ بىر ئوت كۆرۈپ ئائىلىسىگە: «توختاپ تۇرۇڭلار، مەن بىر ئوت بايقىدىم. يا ئۇنىڭدىن سىلەرگە چوغ ئېلىپ كېلىمەن ياكى ئوتنىڭ يېنىدا بىرەر يول كۆرسەتكۈچى تاپىمەن» دېگەن ئىدى.
20 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَتَاهَا نُودِيَ يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىدا قىلىندىكى، ئى مۇسا![11]
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىدا قىلىندىكى، ئى مۇسا!
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلىندى: «ئى مۇسا!
20 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي أَنَا رَبُّكَ فَاخْلَعْ نَعْلَيْكَ ۖ إِنَّكَ بِالْوَادِ الْمُقَدَّسِ طُوًى
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس ۋادى تۇۋادىسەن[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ رەببىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس ۋادى بولغان تۇۋادا سەن
ئەنەس ئالىم: مەن سېنىڭ رەببىڭدۇرمەن! كەشلىرىڭنى سىلىۋەتكىن! چۈنكى سەن مۇقەددەس ۋادى تۇۋادىسەن.
20 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَا اخْتَرْتُكَ فَاسْتَمِعْ لِمَا يُوحَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مەن سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدىم، سەن ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن سېنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدىم، سەن ۋەھيىگە قۇلاق سالغىن
ئەنەس ئالىم: مەن سېنى تاللىدىم. ھازىر ساڭا قىلىنىدىغان ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن:
20 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تِلْكَ بِيَمِينِكَ يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟»[17]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە؟».
20 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هِيَ عَصَايَ أَتَوَكَّأُ عَلَيْهَا وَأَهُشُّ بِهَا عَلَىٰ غَنَمِي وَلِيَ فِيهَا مَآرِبُ أُخْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، ئۇنىڭدا مېنىڭ يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىممۇ بار»[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، مېنىڭ يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىممۇ بار»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، ئۇنىڭ بىلەن يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىمنىمۇ قامدايمەن» دېدى.
20 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَلْقِهَا يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى (يەرگە) تاشلىغىن» دېدى[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى يەرگە تاشلىغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى يەرگە تاشلىغىن» دېدى.
20 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَلْقَاهَا فَإِذَا هِيَ حَيَّةٌ تَسْعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇنى تاشلىۋىدى، ئۇ ناگاھان مېڭىۋاتقان بىر يىلانغا ئايلاندى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇنى تاشلىۋىدى، ئۇ ناگاھان مېڭىۋاتقان بىر يىلانغا ئايلاندى
ئەنەس ئالىم: مۇسا ھاسىسىنى يەرگە تاشلىغان ئىدى، ئۇ بىردىنلا يىلان بولۇپ تېز مېڭىشقا باشلىدى.
20 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ خُذْهَا وَلَا تَخَفْ ۖ سَنُعِيدُهَا سِيرَتَهَا الْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: « ئۇنى تۇتۇۋالغىن، قورقمىغىن، ئۇنى دەسلەپكى (يەنى ھاسىلىق) ھالىتىگە قايتۇرىمىز[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: « ئۇنى تۇتۇۋالغىن، قورقمىغىن، ئۇنى دەسلەپكى ھالىتىگە قايتۇرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئۇنى تۇتۇۋالغىن، قورقمىغىن، بىز ئۇنى دەسلەپكى ھالىتىگە قايتۇرىمىز.
20 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَاضْمُمْ يَدَكَ إِلَىٰ جَنَاحِكَ تَخْرُجْ بَيْضَاءَ مِنْ غَيْرِ سُوءٍ آيَةً أُخْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا سالغىن (ئاندىن چىقارغىن)، ئۇ ھېچقانداق ئەيىب ـ نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق (نۇرلۇق بولۇپ) چىقىدۇ، (بۇ) ئىككىنچى مۆجىزىدۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا سالغىن -ئاندىن چىقارغىن-، ئۇ ھېچقانداق ئەيىب ـ نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، بۇ ئىككىنچى مۆجىزىدۇر
ئەنەس ئالىم: قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا تىققىن، نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق چىقىپ، باشقا بىر مۆجىزە بولسۇن.
20 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبْ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋنگە بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋنگە بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى».
20 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اشْرَحْ لِي صَدْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ كۆڭۈل-كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! مېنىڭ قەلبىمنى كەڭ قىلغىن
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن،
20 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسِّرْ لِي أَمْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن
ئەنەس ئالىم: ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن،
20 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَاحْلُلْ عُقْدَةً مِنْ لِسَانِي
مۇھەممەد سالىھ: تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن
ئەنەس ئالىم: تىلىمنى راۋان قىلغىن،
20 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يَفْقَهُوا قَوْلِي
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مېنىڭ سۆزۇمنى چۈشەنسۇن[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار مېنىڭ سۆزۇمنى چۈشەنسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سۆزۈمنى چۈشەنسۇن.
20 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَاجْعَلْ لِي وَزِيرًا مِنْ أَهْلِي
مۇھەممەد سالىھ: ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن[30 ـ 29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ماڭا ئائىلەمدىن بىر ياردەمچى قىلىپ بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئائىلەمدىن بىرىنى ماڭا ياردەمچى قىلىپ بەرگىن:
20 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
هَارُونَ أَخِي
مۇھەممەد سالىھ: ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن[30 ـ 29].
تەرجىمە ھەيئىتى: قېرىندىشىم ھارۇننى
ئەنەس ئالىم: قېرىندىشىم ھارۇننى.
20 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
اشْدُدْ بِهِ أَزْرِي
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ بىلەن مېنى كۈچلەندۈرگىن،
20 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَشْرِكْهُ فِي أَمْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى شېرىك قىلغىن[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى شېرىك قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنى ۋەزىپەمدە ماڭا شېرىك قىلغىن،
20 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
كَيْ نُسَبِّحَكَ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتايلى،
20 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَذْكُرَكَ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا كۆپ زىكرى ئېيتقايمىز[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا كۆپ زىكرى ئېيتقايمىز
ئەنەس ئالىم: سېنى كۆپ زىكىر قىلايلى،
20 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكَ كُنْتَ بِنَا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: سەن ھەقىقەتەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ھەقىقەتەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن»
ئەنەس ئالىم: سەن بىزنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسەن».
20 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ مَنَنَّا عَلَيْكَ مَرَّةً أُخْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇنىڭدىن باشقا) ساڭا يەنە بىر قېتىم ئىنئام قىلغان ئىدۇق[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا يەنە بىر قېتىم ئىنئام قىلغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ساڭا ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم ياخشىلىق قىلغان ئىدۇق.
20 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ أَوْحَيْنَا إِلَىٰ أُمِّكَ مَا يُوحَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق بىلىنىدىغان نەرسىلەرنى سالدۇق»[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق بىلىنىدىغان نەرسىلەرنى سالدۇق»
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ چاغدا ئاناڭغا مۇنداق ۋەھىي قىلغان ئىدۇق:
20 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
أَنِ اقْذِفِيهِ فِي التَّابُوتِ فَاقْذِفِيهِ فِي الْيَمِّ فَلْيُلْقِهِ الْيَمُّ بِالسَّاحِلِ يَأْخُذْهُ عَدُوٌّ لِي وَعَدُوٌّ لَهُ ۚ وَأَلْقَيْتُ عَلَيْكَ مَحَبَّةً مِنِّي وَلِتُصْنَعَ عَلَىٰ عَيْنِي
مۇھەممەد سالىھ: (ئېيتتۇقكى) «ئۇنى (يەنى بالىنى) ساندۇققا سالغىن، ئاندىن ئۇنى (ساندۇق بىلەن) دەرياغا تاشلىغىن، دەريا ئۇنى قىرغاققا تاشلىسۇن، ئۇنى مېنىڭ دۈشمىنىم ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان (پىرئەۋن) ئېلىپ (باقسۇن)». مېنىڭ قوغدىشىم ئاستىدا تەربىيەلىنىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئېيتتۇقكى-: «ئۇ بالىنى ساندۇققا سالغىن، ئاندىن ئۇنى ساندۇق بىلەن دەرياغا تاشلىغىن، دەريا ئۇنى قىرغاققا تاشلىسۇن، ئۇنى مېنىڭ دۈشمىنىم ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان - پىرئەۋن- ئېلىپ باقسۇن». مېنىڭ قوغدىشىم ئاستىدا تەربىيىلىنىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم
ئەنەس ئالىم: ‹ئۇنى ساندۇققا سېلىپ، دەرياغا قويۇپ بەرگىن. دەريا ئۇنى قىرغىقىغا تاشلىسۇن. ئۇنى مېنىڭمۇ دۈشمىنىم، ئۇنىڭمۇ دۈشمىنى بولغان بىرى ئالسۇن›. ئى مۇسا! سېنى كۆز ئالدىمدا يېتىشسۇن دەپ سۆيۈملۈك قىلدىم.
20 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ تَمْشِي أُخْتُكَ فَتَقُولُ هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ مَنْ يَكْفُلُهُ ۖ فَرَجَعْنَاكَ إِلَىٰ أُمِّكَ كَيْ تَقَرَّ عَيْنُهَا وَلَا تَحْزَنَ ۚ وَقَتَلْتَ نَفْسًا فَنَجَّيْنَاكَ مِنَ الْغَمِّ وَفَتَنَّاكَ فُتُونًا ۚ فَلَبِثْتَ سِنِينَ فِي أَهْلِ مَدْيَنَ ثُمَّ جِئْتَ عَلَىٰ قَدَرٍ يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ (پىرئەۋىننىڭ ئائىلىسىگە) بېرىپ: «سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. بىز سېنىڭ ئاناڭنى خۇش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك بالالار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللار تۇردۇڭ، ئاندىن، ئى مۇسا! تەقدىر بىلەن (بۇ يەرگە) كەلدىڭ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ -پىر ئەۋىننىڭ ئائىلىسىگە- بېرىپ: «سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. بىز سېنىڭ ئاناڭنى خۇش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك بالالار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللار تۇردۇڭ، ئاندىن، ئى مۇسا! تەقدىر بىلەن بۇ يەرگە كەلدىڭ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇسا! ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ئىز - دېرىكىڭنى ئېلىشقا چىققان ھەمشىرەڭ، دەريادىن سېنى ئالغانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ: ‹سىلەرگە، بۇ بالىنى ئوبدان باقىدىغان بىرىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟› دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئاناڭنى خۇش بولسۇن ۋە قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدىڭ، بىز سېنى ئۇ ۋەقەنىڭ غېمىدىن قۇتقۇزدۇق ۋە سېنى نۇرغۇن قىيىنچىلىق بىلەن سىنىدۇق، مەديەن خەلقى ئىچىدە بىرقانچە يىل تۇردۇڭ. ئاندىن بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۇ يەردىن قايتىپ كەلدىڭ.
20 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَاصْطَنَعْتُكَ لِنَفْسِي
مۇھەممەد سالىھ: سېنى مېنىڭ مۇھەببىتىمگە (يەنى پەيغەمبەر قىلىپ ۋەھىي نازىل قىلىشىمغا) تاللىدىم[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن سېنى ئۆزۈم ئۈچۈن تاللىدىم
ئەنەس ئالىم: مەن سېنى ئۆزۈم ئۈچۈن يېتىشتۈردۈم.
20 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبْ أَنْتَ وَأَخُوكَ بِآيَاتِي وَلَا تَنِيَا فِي ذِكْرِي
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇسا!) سەن ۋە سېنىڭ قېرىندىشىڭ (ھارۇن) مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ زىكرىمگە سۇسلۇق قىلىپ قالماڭلار[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇسا!- سەن ۋە سېنىڭ قېرىندىشىڭ - ھارۇن- مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ زىكرىمگە سۇسلۇق قىلىپ قالماڭلار
ئەنەس ئالىم: سەن ۋە قېرىندىشىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ زىكىرىمدە بوشاڭلىق قىلماڭلار.
20 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى
ئەنەس ئالىم: ئىككىڭلار بىرلىكتە فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.
20 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُولَا لَهُ قَوْلًا لَيِّنًا لَعَلَّهُ يَتَذَكَّرُ أَوْ يَخْشَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىن[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى، ياكى قورقۇشى مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، نەسىھەت ئېلىشى ياكى ئەيمىنىشى مۇمكىن».
20 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَا رَبَّنَا إِنَّنَا نَخَافُ أَنْ يَفْرُطَ عَلَيْنَا أَوْ أَنْ يَطْغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىزنى ئالدىراپ جازالىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېيىشتى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىزنى ئالدىراپ جازالىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: مۇسا بىلەن ھارۇن: «رەببىمىز! ئۇنىڭ دەۋىتىمىزنى ئاڭلىمايلا بىزگە يامانلىق قىلىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېدى.
20 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
فَأْتِيَاهُ فَقُولَا إِنَّا رَسُولَا رَبِّكَ فَأَرْسِلْ مَعَنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ وَلَا تُعَذِّبْهُمْ ۖ قَدْ جِئْنَاكَ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكَ ۖ وَالسَّلَامُ عَلَىٰ مَنِ اتَّبَعَ الْهُدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، بىز ئىككىمىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋەتكىن، بىز بىلەن كەتسۇن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. ساڭا بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەم (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئامان قالىدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، بىز ئىككىمىز رەببىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋەتكىن، بىز بىلەن كەتسۇن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. ساڭا بىز ھەقىقەتەن رەببىڭنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەمگە ئامانلىق بولسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: ‹بىز ئىككىمىز رەببىڭنىڭ ئەلچىلىرى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن كەتكىلى قويغىن، ئۇلارنى ئازابلىمىغىن. بىز ساڭا رەببىڭدىن مۆجىزە ئېلىپ كەلدۇق. ھىدايەتكە ئەگەشكەن كىشىگە سالام.
20 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبُّنَا الَّذِي أَعْطَىٰ كُلَّ شَيْءٍ خَلْقَهُ ثُمَّ هَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى) كۆرسەتتى»[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە -ئۆزىگە مۇناسىپ- شەكىل ئاتا قىلدى، ئاندىن -ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى- كۆرسەتتى»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «بىزنىڭ رەببىمىز، ھەر نەرسىنى ئايرىم شەكىل ۋە پەرقلىق خۇسۇسىيەت بىلەن ياراتقان، ئاندىن ئۇ نەرسىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكەن زاتتۇر» دېدى.
20 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ عِلْمُهَا عِنْدَ رَبِّي فِي كِتَابٍ ۖ لَا يَضِلُّ رَبِّي وَلَا يَنْسَى
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىدا لەۋھۇلمەھپۇزدا (خاتىرىلەكلىكتۇر)، پەرۋەردىگارىم ھەم خاتالاشمايدۇ ھەم ئۇنتۇمايدۇ[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات رەببىمنىڭ دەرگاھىدا، رەببىم ھەم خاتالاشمايدۇ ھەم ئۇنتۇمايدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىدىكى كىتابتىدۇر. رەببىم خاتالاشمايدۇ ۋە ئۇنتۇمايدۇ» دېدى.
20 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مَوْعِدُكُمْ يَوْمُ الزِّينَةِ وَأَنْ يُحْشَرَ النَّاسُ ضُحًى
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغ بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن»[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغ بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «سىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىمىز زىننەت كۈنى بولسۇن، خەلق چاشگاھ ۋاقتىدا يىغىلسۇن» دېدى.
20 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَهُمْ مُوسَىٰ وَيْلَكُمْ لَا تَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ كَذِبًا فَيُسْحِتَكُمْ بِعَذَابٍ ۖ وَقَدْ خَابَ مَنِ افْتَرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋاي! ئاللاھقا يالغاننى چاپلىماڭلار (يەنى سېھرىڭلار ئارقىلىق مۆجىزىلىرىمگە تاقابىل تۇرۇشنى دەۋا قىلماڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەم مەغلۇب بولىدۇ»[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلار غا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋاي! ئاللاھقا يالغاننى چاپلىماڭلار، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەم مەغلۇب بولىدۇ»
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئۇلارغا: «ئىسىت سىلەرگە! ئاللاھقا يالغان چاپلىماڭلار، بولمىسا ئاللاھ سىلەرگە ئازاب ئەۋەتىپ يىلتىزىڭلارنى قۇرۇتىۋېتىدۇ. بوھتان چاپلىغانلار ئەلۋەتتە مەغلۇپ بولىدۇ» دېدى.
20 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَلْ أَلْقُوا ۖ فَإِذَا حِبَالُهُمْ وَعِصِيُّهُمْ يُخَيَّلُ إِلَيْهِ مِنْ سِحْرِهِمْ أَنَّهَا تَسْعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «ئۇنداقتا سىلەر ئالدىدا تاشلاڭلار!» دېدى. (ئۇلار تاشلىغان ئىدى) ناگاھان ئۇلارنىڭ ئاغامچىلىرى، ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھىرىدىن (يەنى سېھىرنىڭ تەسىرىدىن) ئۇنىڭغا ھەرىكەتلىنىپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلدى[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «بەلكى سىلەر ئاۋۋال تاشلاڭلار!» دېدى. -ئۇلار تاشلىغان ئىدى- ناگاھان ئۇلارنىڭ ئاغامچىلىرى، ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھرىدىن ئۇنىڭغا ھەرىكەتلىنىپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ياق، ئاۋۋال سىلەر تاشلاڭلار» دېدى. ئۇلار تاشلىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارغامچىلىرى ۋە ھاسىلىرى، ئۇلارنىڭ سېھىرلىرى تەسىرىدىن بىردىنلا مۇساغا مېڭىۋاتقاندەك كۆرۈندى.
20 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَوْجَسَ فِي نَفْسِهِ خِيفَةً مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇنىڭدىن) مۇسا ئۆزىدە قورقۇنچ ھېس قىلدى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: بۇ سەۋەبتىن ئۇ، ئىچىدە قورقۇش ھېس قىلدى.
20 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَلْقِ مَا فِي يَمِينِكَ تَلْقَفْ مَا صَنَعُوا ۖ إِنَّمَا صَنَعُوا كَيْدُ سَاحِرٍ ۖ وَلَا يُفْلِحُ السَّاحِرُ حَيْثُ أَتَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭدىكىنى تاشلىغىن، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر، سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭدىكىنى تاشلىغىن، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر، سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئوڭ قولۇڭدىكىنى تاشلغىن، ئۇلارنىڭ قىلغان سېھىرلىرىنى يۇتۇۋەتسۇن. ئۇلارنىڭ قىلغىنى پەقەت سېھىرگەر ھىيلىسىدىنلا ئىبارەتتۇر. سېھىرگەر ھېچقانداق يەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ».
20 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِي فَاضْرِبْ لَهُمْ طَرِيقًا فِي الْبَحْرِ يَبَسًا لَا تَخَافُ دَرَكًا وَلَا تَخْشَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بىز شەك ـ شۈبھىسىز مۇساغا ۋەھىي قىلدۇقكى، «سەن مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە (مىسىردىن) ئېلىپ چىقىپ كەت، سەن (ھاساڭنى) دېڭىزغا ئۇرۇپ ئۇلارغا بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، (پىرئەۋننىڭ ئارقاڭدىن قوغلاپ) يېتىۋېلىشىدىن قورقمىغىن، (دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ) قورقمىغىن»[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز شەك ـ شۈبھىسىز مۇساغا ۋەھيى قىلدۇقكى، «سەن مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە - مىسىردىن- ئېلىپ چىقىپ كەت، سەن - ھاساڭنى- دېڭىزغا ئۇرۇپ ئۇلارغا بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، -پىرئەۋننىڭ ئارقاڭدىن قوغلاپ- يېتىۋېلىشىدىن قورقمىغىن، -دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ- قورقمىغىن»
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا: «بەندىلىرىم بىلەن بىرلىكتە كېچىسى يولغا چىققىن، دېڭىزدا ئۇلارغا قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، بۇ ئەسنادا تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقمىغىن، غەرق بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىمىگىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
20 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ قَدْ أَنْجَيْنَاكُمْ مِنْ عَدُوِّكُمْ وَوَاعَدْنَاكُمْ جَانِبَ الطُّورِ الْأَيْمَنَ وَنَزَّلْنَا عَلَيْكُمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرنى ھەقىقەتەن دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، (مۇناجات ئۈچۈن ۋە مۇساغا تەۋراتنى نازىل قىلىش ئۈچۈن) سىلەرگە (تۇرسىنا) نىڭ ئوڭ تەرىپىنى ۋەدە قىلدۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرنى ھەقىقەتەن دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، -مۇناجات ئۈچۈن ۋە مۇساغا تەۋراتنى نازىل قىلىش ئۈچۈن- سىلەرگە - تۇرسىنا- نىڭ ئوڭ تەرىپىنى ۋەدە قىلدۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! بىز سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، سىلەر بىلەن سىينا تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئەھدىلەشتۇق، سىلەرگە تەييار ھالۋا بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق.
20 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَعْجَلَكَ عَنْ قَوْمِكَ يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: «ئى مۇسا! ئالدىراپ (تۇرسىناغا) قەۋمىڭدىن ئىلگىرى كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدۇق[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى مۇسا! ئالدىراپ - تۇرسىناغا- قەۋمىڭدىن ئىلگىرى كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى مۇسا! نېمىشقا قەۋمىڭدىن ئايرىلىپ ئالدىراپ كەلدىڭ؟» دېدى.
20 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هُمْ أُولَاءِ عَلَىٰ أَثَرِي وَعَجِلْتُ إِلَيْكَ رَبِّ لِتَرْضَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار ئىزىمنى قوغلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، پەرۋەردىگارىم! سېنى رازى بولسۇن دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم»[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار ئىزىمنى قوغلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، رەببىم! سېنى رازى بولسۇن دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئۇلار مېنىڭ ئىزىمدىدۇر. مەن رازىلىقىڭغا ئېرىشەي دەپ ئالدىراپ كەلدىم رەببىم!» دېدى.
20 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَإِنَّا قَدْ فَتَنَّا قَوْمَكَ مِنْ بَعْدِكَ وَأَضَلَّهُمُ السَّامِرِيُّ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «سەندىن (يەنى سەن كەتكەندىن) كېيىن قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئۇلارنى سامىرى ئازدۇردى»[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «سەن كەتكەندىن كېيىن قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئۇلارنى سامىرى ئازدۇردى»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «بىز سەندىن كېيىن قەۋمىڭنى سىنىدۇق. سامىرىي ئۇلارنى ئازدۇردى» دېدى.
20 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
فَرَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ أَلَمْ يَعِدْكُمْ رَبُّكُمْ وَعْدًا حَسَنًا ۚ أَفَطَالَ عَلَيْكُمُ الْعَهْدُ أَمْ أَرَدْتُمْ أَنْ يَحِلَّ عَلَيْكُمْ غَضَبٌ مِنْ رَبِّكُمْ فَأَخْلَفْتُمْ مَوْعِدِي
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا قەۋمىگە غەزەپلەنگەن ھالدا خاپا قايتتى، ئۇ ئېيتتى: «سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار چىرايلىق ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ (سىلەر ئەھدىنى ئۇنتۇغۇدەك) ۋاقىت شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى ئىرادە قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟»[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا قەۋمىگە غەزەپلەنگەن ھالدا خاپا قايتتى، ئۇ ئېيتتى: «سىلەرگە رەببىڭلار ياخشىلىقنى ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ -سىلەر ئەھدىنى ئۇنتۇغۇدەك- ۋاقىت شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار رەببىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى ئىرادە قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا قەۋمىنىڭ يېنىغا غەزەپلەنگەن ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا قايتىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! رەببىڭلار سىلەرگە چىرايلىق ۋەدە قىلمىدىمۇ؟ ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتىمۇ؟ ياكى ئۈستۈڭلارغا رەببىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشنى ئىرادە قىلىپ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟».
20 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخْرَجَ لَهُمْ عِجْلًا جَسَدًا لَهُ خُوَارٌ فَقَالُوا هَٰذَا إِلَٰهُكُمْ وَإِلَٰهُ مُوسَىٰ فَنَسِيَ
مۇھەممەد سالىھ: سامىرى (ئېرىتىلگەن زىبۇ - زىننەتلەردىن) ئۇلار ئۈچۈن بىر موزاي ھەيكەل ياسىدى، ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقاتتى، ئۇلار (يەنى سامىرى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرى) ئېيتتى: «بۇ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلاردۇر ۋە مۇسانىڭ ئىلاھىدۇر، مۇسا (ئىلاھنى بۇ يەردە) ئۇنتۇپ قېلىپ (ئۇنى ئىزدەپ تۇرسىناغا كەتتى)»[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: سامىرى -ئېرىتىلگەن زىبۇزىننەتلەردىن- ئۇلار ئۈچۈن بىر موزاي ھەيكەل ياسىدى، ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقاتتى، ئۇلار ئېيتتى: «بۇ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلاردۇر ۋە مۇسانىڭ ئىلاھىدۇر، مۇسا -ئىلاھنى بۇ يەردە- ئۇنتۇپ قېلىپ -ئۇنى ئىزدەپ تۇرسىناغا كەتتى-»
ئەنەس ئالىم: سامىرىي ئۇلارغا، ئىچىدىن مۆرىگەندەك ئاۋاز چىقىدىغان موزاي ھەيكىلى ياساپ چىقتى. ئاندىن سامىرىي ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى: «بۇ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلاردۇر. بۇ مۇسانىڭمۇ ئىلاھىدۇر، لېكىن ئۇ ئۇنتۇدى» دېدى.
20 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ قَالَ لَهُمْ هَارُونُ مِنْ قَبْلُ يَا قَوْمِ إِنَّمَا فُتِنْتُمْ بِهِ ۖ وَإِنَّ رَبَّكُمُ الرَّحْمَٰنُ فَاتَّبِعُونِي وَأَطِيعُوا أَمْرِي
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ھارۇن ئۇلارغا (مۇسا قايتىپ كېلىشتىن) بۇرۇن: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاي بىلەن قايمۇقتۇرۇلدۇڭلار، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مەرھەمەتلىك ئاللاھتۇر، ماڭا بويسۇنۇڭلار، (موزايغا چوقۇنۇشنى تەرك ئېتىش بىلەن) بۇيرۇقىمغا ئىتائەت قىلىڭلار!» دېدى[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ھارۇن ئۇلارغا -مۇسا قايتىپ كېلىشتىن- بۇرۇن: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاي بىلەن قايمۇقتۇرۇلدۇڭلار، سىلەرنىڭ رەببىڭلار مەرھەمەتلىك ئاللاھدۇر، ماڭا بوي سۇنۇڭلار، بۇيرىقىمغا ئىتائەت قىلىڭلار!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىلگىرى ھارۇن ئۇلارغا: «ئى قەۋمىم! سىلەر بۇنىڭ بىلەن ئىمتىھان قىلىنىۋاتىسىلەر. شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار رەھماندۇر. ماڭا ئەگىشىڭلار ۋە بۇيرۇقۇمغا بويسۇنۇڭلار» دېگەن ئىدى.
20 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا هَارُونُ مَا مَنَعَكَ إِذْ رَأَيْتَهُمْ ضَلُّوا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا (خۇدالىق ئۈچۈن غەزەپلىنىشتە) ماڭا ئەگىشىشتىن نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرۇقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟»[92 ـ 93].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا نېمە توسالغۇ بولدى؟
ئەنەس ئالىم: مۇسا قايتىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى ھارۇن! بۇلارنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن چېغىڭدا نېمە ئۈچۈن توسمىدىڭ؟
20 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَّا تَتَّبِعَنِ ۖ أَفَعَصَيْتَ أَمْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا (خۇدالىق ئۈچۈن غەزەپلىنىشتە) ماڭا ئەگىشىشتىن نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرۇقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟»[92 ـ 93].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ماڭا ئەگەشمەمسەن؟ ياكى بولمىسا مېنىڭ بۇيرىقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: نېمە ئۈچۈن مېنىڭ يولۇمدا ماڭمىدىڭ؟ سەن مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟».
20 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا ابْنَ أُمَّ لَا تَأْخُذْ بِلِحْيَتِي وَلَا بِرَأْسِي ۖ إِنِّي خَشِيتُ أَنْ تَقُولَ فَرَّقْتَ بَيْنَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَلَمْ تَرْقُبْ قَوْلِي
مۇھەممەد سالىھ: ھارۇن ئېيتتى: « ئى قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە دىققەت قىلماپسەن، دېيىشىڭدىن قورقتۇم»[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھارۇن ئېيتتى: « ئى قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە دىققەت قىلماپسەن، دېيىشىڭدىن قورقتۇم»
ئەنەس ئالىم: ھارۇن مۇساغا مۇنداق دېدى: «ئى ئانامنىڭ ئوغلى! ساقىلىمدىن ۋە چېچىمدىن تارتمىغىن. مەن سېنىڭ: ‹ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە رىئايە قىلماپسەن!› دېيىشىڭدىن قورقتۇم».
20 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَمَا خَطْبُكَ يَا سَامِرِيُّ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى سامىرى! سەن نېمە بولدۇڭ؟ (يەنى مۇنداق يامان ئىشنى قىلىشىڭدىن غەرىزىڭ نېمە؟)»[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى سامىرى! سەن نېمە بولدۇڭ؟»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا سامىرىيغا قاراپ: «ئى سامىرىي! بۇ قىلغىنىڭ نېمە ئىش؟» دېدى.
20 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَصُرْتُ بِمَا لَمْ يَبْصُرُوا بِهِ فَقَبَضْتُ قَبْضَةً مِنْ أَثَرِ الرَّسُولِ فَنَبَذْتُهَا وَكَذَٰلِكَ سَوَّلَتْ لِي نَفْسِي
مۇھەممەد سالىھ: سامىرى ئېيتتى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئەلچى (يەنى جىبرىئىل) نىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپىنى ئالدىم ـ دە، ئۇنى (موزايغا) چاچتىم، (شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقتى)، شۇنىڭدەك (بۇنى) ماڭا نەپسىم چىرايلىق كۆرسەتتى»[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: سامىرى ئېيتتى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئەلچىنىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپىنى ئالدىم ـ دە، ئۇنى - موزايغا- چاچتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقتى، شۇنىڭدەك بۇنى ماڭا نەپسىم چىرايلىق كۆرسەتتى»
ئەنەس ئالىم: سامىرىي مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلنىڭ ئىزىدىن بىر تۇتام ئالدىم - دە، ئۇنى ئاتتىم. مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا نەپسىم كۈشكۈرتتى».
20 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَاذْهَبْ فَإِنَّ لَكَ فِي الْحَيَاةِ أَنْ تَقُولَ لَا مِسَاسَ ۖ وَإِنَّ لَكَ مَوْعِدًا لَنْ تُخْلَفَهُ ۖ وَانْظُرْ إِلَىٰ إِلَٰهِكَ الَّذِي ظَلْتَ عَلَيْهِ عَاكِفًا ۖ لَنُحَرِّقَنَّهُ ثُمَّ لَنَنْسِفَنَّهُ فِي الْيَمِّ نَسْفًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا (سامىرىغا) ئېيتتى: «سەن بارغىن! سەن ئۆمۈرۋايەت (كۆرگەنلا كىشىگە) ماڭا يېقىنلاشماڭلار! دېگەيسەن (يەنى سېنىڭ كىشىگە يېقىنلاشماسلىقىڭ، كىشىنىڭ ساڭا يېقىنلاشماسلىقى بۇ دۇنيادا ساڭا بېرىلگەن جازادۇر)، شۈبھىسىزكى (ئاخىرەتتە جازالىنىدىغان) مۇئەييەن بىر ۋاقتىڭ بار، ئاللاھ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، سەن ھامان چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى چوقۇم (ئوتتا) كۆيدۈرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭ (كۈلىنى) دېڭىزغا چېچىۋېتىمىز»[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا - سامىرىغا- ئېيتتى: «سەن بارغىن! سەن ئۆمۈرۋايەت -كۆرگەنلا كىشىگە- ماڭا يېقىنلاشماڭلار! دېگەيسەن، شۈبھىسىزكى مۇئەييەن بىر ۋاقتىڭ بار، ئاللاھ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، سەن ھامان چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى چوقۇم ئوتتا كۆيدۈرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭ كۈلىنى دېڭىزغا چېچىۋېتىمىز»
ئەنەس ئالىم: مۇسا سامىرىيغا مۇنداق دېدى: «كۆزۈمدىن يوقال! بۇندىن ئېتىبارەن سەن ئۆمۈر بويى ئىنسانلارغا: ‹ماڭا يېقىنلاشماڭلار! مەندىن نېرى تۇرۇڭلار› دېيىشكە مەھكۇم قىلىندىڭ. سەن ئۈچۈن ۋەدە قىلىنغان باشقا بىر ۋاقىت باركى، ساڭا قىلىنغان بۇ ۋەدىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلىنمايدۇ4. چوقۇنۇۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمىز، ئاندىن كۈلىنى دېڭىزغا سورۇۋىتىمىز.
20 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ عَهِدْنَا إِلَىٰ آدَمَ مِنْ قَبْلُ فَنَسِيَ وَلَمْ نَجِدْ لَهُ عَزْمًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىلگىرى ئادەمگە (دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى) تەۋسىيە قىلدۇق، ئۇ (بۇ تەۋسىيەنى) يادىدىن چىقاردى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىلگىرى ئادەمگە تەۋسىيە قىلدۇق، بىراق ئۇ -بۇ تەۋسىيەنى- يادىدىن چىقاردى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرى ئادەمدىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. لېكىن ئۇ ئۇنتۇدى. بىز ئۇنى ئىرادىلىك كۆرمىدۇق.
20 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى، ئۇ (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى، ئۇ -سەجدە قىلىشتىن- باش تارتتى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار سەجدە قىلدى. ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى.
20 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُلْنَا يَا آدَمُ إِنَّ هَٰذَا عَدُوٌّ لَكَ وَلِزَوْجِكَ فَلَا يُخْرِجَنَّكُمَا مِنَ الْجَنَّةِ فَتَشْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بىز دېدۇق: «ئى ئادەم! بۇ ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭدۇر، خوتۇنۇڭنىڭ دۈشمىنىدۇر، ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، (ئۇ چاغدا) سىلەر جاپا - مۇشەققەتتە قالىسىلەر[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز دېدۇق: «ئى ئادەم! بۇ ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭدۇر، خوتۇنۇڭنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، -ئۇ چاغدا- سىلەر جاپا مۇشەققەتتە قالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئادەمگە مۇنداق دېدۇق: «ئى ئادەم! مانا بۇ سېنىڭمۇ دۈشمىنىڭدۇر، جۈپتىڭنىڭمۇ دۈشمىنىدۇر. بۇ، ئىككىڭلارنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتمىسۇن. بولمىسا، بەختسىز بولۇپ قالىسەن.
20 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَكَلَا مِنْهَا فَبَدَتْ لَهُمَا سَوْآتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِنْ وَرَقِ الْجَنَّةِ ۚ وَعَصَىٰ آدَمُ رَبَّهُ فَغَوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت (دەرەخلىرىنىڭ) يوپۇرماقلىرى بىلەن سەترى ئەۋرەت قىلىشقا كىرىشتى، ئادەم پەرۋەردىگارىنىڭ (ئەمرىگە) خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازدى[121].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرى بىلەن سەترى ئەۋرەت قىلىشقا كىرىشتى، ئادەم رەببىنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئادەم ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېگەن ئىدى، ئۇياتلىق يەرلىرى ئۆزلىرىگە ئاشكارا بولۇپ قالدى، ئىككىسى ئۈستىلىرىگە جەننەتنىڭ ياپراقلىرىدىن قاتمۇقات چاپلاشقا باشلىدى. ئادەم رەببىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ ئازدى.
20 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ اجْتَبَاهُ رَبُّهُ فَتَابَ عَلَيْهِ وَهَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلدى[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن رەببى ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن رەببى ئۇنى تاللىدى، تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، ھىدايەت قىلدى ۋە
20 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اهْبِطَا مِنْهَا جَمِيعًا ۖ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ مِنِّي هُدًى فَمَنِ اتَّبَعَ هُدَايَ فَلَا يَضِلُّ وَلَا يَشْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ -ئادەم بىلەن ھەۋۋاغا- ئېيتتى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بەزىڭلار بەزىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇنداق دېدى: «ئىككىڭلار بىرلىكتە ئۇ يەردىن چۈشۈپ كېتىڭلار. بەزىڭلار بەزىڭلارنىڭ دۈشمىنى بولىسىلەر. مەندىن سىلەرگە ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلار ئازمايدۇ ۋە بەختسىز بولمايدۇ.
ئەنبىيا سۈرىسى
31 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَىٰ وَهَارُونَ الْفُرْقَانَ وَضِيَاءً وَذِكْرًا لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا فۇرقاننى (يەنى ھەق بىلەن باتىلنى، ھالال بىلەن ھارامنى، ھىدايەت بىلەن گۇمراھلىقنى ئايرىغۇچى تەۋراتنى)، نۇرنى، تەقۋادارلارغا (پايدىلىنىدىغان) ۋەز ـ نەسىھەتنى بەردۇق[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن موسا بىلەن ھارۇنغا فۇرقاننى[1]، نۇرنى، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتنى بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھەق - ناھەقنى ئايرىيدىغان، تەقۋادارلارنىڭ يولىنى يورۇتىدىغان ۋە ۋەزىپىسنى ئەسلىتىدىغان كىتابنى بەردۇق.
21 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا إِبْرَاهِيمَ رُشْدَهُ مِنْ قَبْلُ وَكُنَّا بِهِ عَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇسا، ھارۇنلاردىن بۇرۇن) بىز ئىبراھىمغا ھەقىقەتەن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھىدايەت ئاتا قىلغان ئىدۇق، بىز ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىكنىڭ ئەھلى) ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلگىرى بىز ئىبراھىمغا ھەقىقەتەن ھىدايەت ئاتا قىلغان ئىدۇق، بىز ئۇنى بىلەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرى ئىبراھىمغا ئەقلىي كامالىتىنى بەرگەن ئىدۇق. بىز ئۇنى بىلەتتۇق.
21 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ مَا هَٰذِهِ التَّمَاثِيلُ الَّتِي أَنْتُمْ لَهَا عَاكِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم (كۇففارلار چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنى مەنسىتمەي) ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: « سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟ (يەنى نېمە ئۈچۈن بۇ بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر؟)» دېدى[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «شۇ ھەيكەللەرگە نېمە ئۈچۈن چوقۇنىسىلەر؟» دېگەن ئىدى.
21 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَقَدْ كُنْتُمْ أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم: «سىلەرمۇ، ئاتا ـ بوۋاڭلارمۇ (پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان، جانسىز بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىڭلار ئۈچۈن) ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا سىلەر» دېدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم: «سىلەرمۇ، ئاتا ـ بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا سىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «سىلەرمۇ، ئاتا - بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن ئېزىپ كەتكەن ئىكەنسىلەر!» دېدى.
21 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَجِئْتَنَا بِالْحَقِّ أَمْ أَنْتَ مِنَ اللَّاعِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «سەن راست دەۋاتامسەن ياكى چاقچاق قىلىۋاتامسەن؟» دېدى[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سەن بىزگە توغرىنى ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟ ياكى چاقچاقچىلاردىن بىرىمۇسەن؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سەن بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدىڭمۇ ياكى چاقچاق قىلغۇچىلاردىنمۇسەن؟» دېدى.
21 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَلْ رَبُّكُمْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ الَّذِي فَطَرَهُنَّ وَأَنَا عَلَىٰ ذَٰلِكُمْ مِنَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ (ئىبادەت قىلىشىڭلارغا لايىق) پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇلارنى ئۇ ياراتقان، مەنمۇ ئۇنىڭغا (قەتئىي دەلىللەر بىلەن) گۇۋاھلىق قىلغۇچىلاردىنمەن[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى بولغان ۋە ئۇلارنى ئۇ ياراتقان زاتتۇر، مەنمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق قىلغۇچىلاردىنمەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەقنى ئېلىپ كەلدىم، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببىدۇر. ئۇلارنى ئۇ ياراتقان. مەن بولسام بۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن بىرىمەن».
21 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَاللَّهِ لَأَكِيدَنَّ أَصْنَامَكُمْ بَعْدَ أَنْ تُوَلُّوا مُدْبِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم بۇتلىرىڭلارنى (چېقىۋېتىشنىڭ) ئامالىنى قىلىمەن»[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم بۇتلىرىڭلارنىڭ ئامالىنى قىلىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كۆڭلىدە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر كەتكەندىن كېيىن بۇتلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلاش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن» دېدى.
21 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
فَجَعَلَهُمْ جُذَاذًا إِلَّا كَبِيرًا لَهُمْ لَعَلَّهُمْ إِلَيْهِ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم بۇتلارنى چېقىپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىپ (بۇتلارنى كىمنىڭ چاققانلىقىنى سورىشى ئۈچۈن) پەقەت چوڭ بۇتنى (چاقماي) قالدۇردى[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم بۇتلارنى چېقىپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىپ بۇتلارنى كىمنىڭ چاققانلىقىنى سورىشى ئۈچۈن پەقەت چوڭ بۇتنى چاقماي قالدۇردى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كەتكەندىن كېيىن بۇتلارنى چېقىپ پارچە - پارچە قىلىۋەتتى. پەقەت ئۇلار قايتىپ كېلىپ سورىسۇن دەپ چوڭ بۇتنىلا چاقماي قالدۇرۇپ قويدى.
21 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا سَمِعْنَا فَتًى يَذْكُرُهُمْ يُقَالُ لَهُ إِبْرَاهِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنىڭ بەزىسى) «ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق (يەنى شۇ قىلغان بولۇشى مۇمكىن)» دېدى[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ بەزىسى :«ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ بەزىسى: «بىز ‹ئىبراھىم› دېيىلىدىغان بىر يىگىتنىڭ ئۇلارغا تىل تەگكۈزىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان» دېدى.
21 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا فَأْتُوا بِهِ عَلَىٰ أَعْيُنِ النَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَشْهَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى نەمرۇد ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرى): «ئىبراھىمنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىڭلار، (ئىبراھىمنىڭ بۇتلارنى ئەيىبلىگەنلىكىگە) ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسۇن» دېدى)[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئۇنداقتا ئىبراھىمنى دەرھال كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇلارمۇ گۇۋاھلىق بېرىشى مۇمكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: يەنە بەزىسى: «ئۇنداقتا ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىغا چىقىرىڭلار، شاھىتلىق قىلىشلىرى مۇمكىن» دېدى.
21 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَأَنْتَ فَعَلْتَ هَٰذَا بِآلِهَتِنَا يَا إِبْرَاهِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟» دېدى.[62]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟» دېدى.
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم كەلتۈرۈلدى، ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! ئىلاھلىرىمىزغا بۇنى سەن قىلدىڭمۇ؟» دېدى.
21 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَلْ فَعَلَهُ كَبِيرُهُمْ هَٰذَا فَاسْأَلُوهُمْ إِنْ كَانُوا يَنْطِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئىبراھىم: «(ياق) بەلكى ئۇلارنىڭ مۇنۇ چوڭى شۇنداق قىلدى، ئەگەر ئۇلار سۆزلىيەلىسە، (كىمنىڭ چاققانلىقىنى) ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئىبراھىم-: «-ياق-، بەلكى ئۇلارنىڭ مۇنۇ چوڭى شۇنداق قىلدى، ئۇلار سۆزلىيەلەيدىغان بولسا، كىمنىڭ چاققانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «ياق، بۇ ئىشنى ئاشۇ چوڭى قىلغان بولسا كېرەك. بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن سوراڭلار، ئەگەر گەپ قىلالىسا!» دېدى.
21 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَفَتَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنْفَعُكُمْ شَيْئًا وَلَا يَضُرُّكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟»[66]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «ئۇنداقتا سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، سىلەرگە ھېچ پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟
21 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
أُفٍّ لَكُمْ وَلِمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا تۈفى! سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟»[67]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ۋە ئاللاھ نى قويۇپ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا تۈفى! سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارغا تۈفى! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟».
21 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا حَرِّقُوهُ وَانْصُرُوا آلِهَتَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ فَاعِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈڭلار، ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار، ئەگەر ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار»[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈڭلار ۋە ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار، ئەگەر ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئۇنى كۆيدۈرۈڭلار ۋە ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار. ئەگەر بىرەر ئىش قىلماقچى بولساڭلار» دېيىشتى.
21 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَرَادُوا بِهِ كَيْدًا فَجَعَلْنَاهُمُ الْأَخْسَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ زىيان تارتقۇچىلار قىلدۇق[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ زىيان تارتقۇچىلار قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، ئەمما بىز ئۇلارنى ناھايىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتۇق.
21 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَجَّيْنَاهُ وَلُوطًا إِلَى الْأَرْضِ الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا لِلْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىبراھىم بىلەن لۇتنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى بىز ئەھلى جاھان ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا كۆچۈردۇق[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىبراھىم بىلەن لۇتنى قۇتقۇزدۇق، بىز ئۇلارنى ئەھلى جاھان ئۈچۈن بەرىكەتلىك زېمىنغا كۆچۈردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىبراھىمنى ۋە لۇتنى قۇتقۇزۇپ، بىز ئالەملەر ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلغان يۇرتقا يەرلەشتۈردۇق.
21 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ نَافِلَةً ۖ وَكُلًّا جَعَلْنَا صَالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭغا (يەنى ئىبراھىمغا) ئىسھاقنى بەردۇق، (ئۇ پەرۋەردىگارىدىن سورىمىسىمۇ) يەئقۇبنى ئوشۇق بەردۇق (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنى نەۋرە قىلىپ ياكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىۋىدىن زىيادە قىلىپ بەردۇق)، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى ئادەملەر قىلدۇق[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنىڭغا ئىسھاقنى بەردۇق، يەئقۇبنى ئوشۇق بەردۇق[1]، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى ئادەملەر قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە ئارتۇق ھەدىيە سۈپىتىدە يەئقۇبنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشىلار قىلدۇق.
21 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَلُوطًا آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا وَنَجَّيْنَاهُ مِنَ الْقَرْيَةِ الَّتِي كَانَتْ تَعْمَلُ الْخَبَائِثَ ۗ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمَ سَوْءٍ فَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لۇتقا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق (لۇت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان، ئەگەشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھىجرەت قىلغان ئىدى)، ئۇنى (ئاھالىسى بەچچىۋازلىق، قاراقچىلىق قاتارلىق) يامان قىلىقلارنى قىلىدىغان شەھەردىن قۇتقۇزدۇق، ھەقىقەتەن ئۇلار يامان، پاسىق قەۋم ئىدى[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇتقا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق ۋە ئۇنى يامان قىلىقلارنى قىلىدىغان شەھەردىن قۇتقۇزدۇق، ھەقىقەتەن ئۇلار يامان پاسىق قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز لۇتقا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇنى ئاھالىسى قەبىھ ئىشلارنى قىلىدىغان يۇرتتىن قۇتقۇزدۇق. ئۇلار ھەقىقەتەن يامان ۋە فاسىق قەۋم ئىدى.
21 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَدْخَلْنَاهُ فِي رَحْمَتِنَا ۖ إِنَّهُ مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ياخشىلاردىن ئىدى[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ياخشىلاردىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنى رەھمىتىمىزگە چۆمدۈردۇق، چۈنكى ئۇ ياخشىلاردىن ئىدى.
21 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُوحًا إِذْ نَادَىٰ مِنْ قَبْلُ فَاسْتَجَبْنَا لَهُ فَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھنىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (مەزكۇر پەيغەمبەرلەردىن) بۇرۇن (قەۋمىگە، پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كۇففارلاردىن بىرنىمۇ قويمىغىن، دەپ بەتدۇئا قىلغان ئىدى)، بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى (ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى) بۈيۈك بالادىن (يەنى توپان بالاسىدا غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزدۇق (يەنى نۇھنى قەۋمىنىڭ شەررىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق)[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ مەزكۇر پەيغەمبەرلەردىن بۇرۇن دۇئا قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بۈيۈك بالادىن قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنىمۇ يېتەكچى قىلدۇق. ئۇ ئىلگىرى بىزگە دۇئا قىلغان ئىدى. بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان ئىدۇق. ئۇنى ۋە ئائىلىسىنى چوڭ بالادىن قۇتقۇزدۇق.
21 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ إِذْ يَحْكُمَانِ فِي الْحَرْثِ إِذْ نَفَشَتْ فِيهِ غَنَمُ الْقَوْمِ وَكُنَّا لِحُكْمِهِمْ شَاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: داۋۇت بىلەن سۇلايماننىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋمنىڭ قويى كېچىسى زىرائەتنى يەپ (بۇزۇۋەتكەندە)، ئۇ ئىككىسى زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھۆكمىگە بىز شاھىت ئىدۇق.(ئىزاھات:بىر ئادەمنىڭ قويلىرى كېچىسى يەنە بىر ئادەمنىڭ زىرائىتىنى پۈتۈنلەي يەپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار دەۋالىشىپ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، داۋۇد ئەلەيھىسسالام بۇزۇلغان زىرائەتنىڭ بەدىلىگە قوينى زىرائەتنىڭ ئىگىسىگە بېرىشنى بۇيرۇيدۇ، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام مەسىلىگە باشقىچىراق قاراپ، قوي ئىگىسى زىرائەتنى قايتا تېرىپ بۇرۇنقىدەك ئۆستۈرۈپ بەرگەنگە قەدەر قوينىڭ زىرائەت ئىگىسىگە قالدۇرۇلۇشىنى، ئاڭغىچە زىرائەت ئىگىسىنىڭ قوينىڭ يۇڭى، تېرىسى ۋە تۆلىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇشىنى ئېيتىدۇ.)[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: داۋۇت بىلەن سۇلايماننىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن. ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋمنىڭ قويى كېچىسى زىرائەتنى يەپ بۇزۇۋەتكەندە، ئۇ ئىككىسى زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى[1]. ئۇلارنىڭ ھۆكمىگە بىز شاھىت ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز داۋۇد بىلەن سۇلەيماننىمۇ يېتەكچى قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئىككىيلەن كېچىسى بىر قەۋمنىڭ قويلىرى كىرىپ يەپ كەتكەن زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمىگە شاھىت ئىدۇق.
21 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
فَفَهَّمْنَاهَا سُلَيْمَانَ ۚ وَكُلًّا آتَيْنَا حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَسَخَّرْنَا مَعَ دَاوُودَ الْجِبَالَ يُسَبِّحْنَ وَالطَّيْرَ ۚ وَكُنَّا فَاعِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلايمانغا بىلدۈردۇق، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ھېكمەتنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق. تاغلارنى، قۇشلارنى داۋۇد بىلەن تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، (شۇنداق قىلىشقا) بىز قادىر ئىدۇق[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلايمانغا بىلدۈردۇق، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ھېكمەتنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، تاغلارنى، قۇشلارنى داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق، بۇلارنى بىز قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز بۇ مەسىلە توغرىسىدا قانداق ھۆكۈم قىلىشنى سۇلەيمانغا چۈشەندۈردۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز تاغلارنى ۋە قۇشلارنى داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق. بۇلارنى بىز قىلدۇق.
21 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَلَّمْنَاهُ صَنْعَةَ لَبُوسٍ لَكُمْ لِتُحْصِنَكُمْ مِنْ بَأْسِكُمْ ۖ فَهَلْ أَنْتُمْ شَاكِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: جەڭلەردە سىلەرنى (يارىدار بولۇشتىن) ساقلاش مەقسىتىدە، داۋۇدقا سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق، سىلەر (بۇنىڭغا) شۈكۈر قىلامسىلەر؟ (يەنى شۈكۈر قىلىڭلار ۋە نېمەتنىڭ قەدرىنى بىلىڭلار)[80]
تەرجىمە ھەيئىتى: جەڭلەردە سىلەرنى ساقلاش مەقسىتىدە، داۋۇدقا سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق، سىلەر شۈكۈر قىلامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: بىز داۋۇدقا، ئۇرۇشتا سىلەرنى زەربىدىن ساقلىسۇن دەپ سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق. شۈكۈر قىلامسىلەر؟
21 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِسُلَيْمَانَ الرِّيحَ عَاصِفَةً تَجْرِي بِأَمْرِهِ إِلَى الْأَرْضِ الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا ۚ وَكُنَّا بِكُلِّ شَيْءٍ عَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا (يەنى شامغا) باراتتى، بىز ھەممىنى بىلگۈچىمىز[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا باراتتى، بىز ھەممىنى بىلگۈچىمىز
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىن تەرەپكە قاراپ چىقاتتى. بىز ھەر نەرسىنى بىلەتتۇق.
21 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ الشَّيَاطِينِ مَنْ يَغُوصُونَ لَهُ وَيَعْمَلُونَ عَمَلًا دُونَ ذَٰلِكَ ۖ وَكُنَّا لَهُمْ حَافِظِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمانغا يەنە بىر قىسىم شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۇنىڭغا ئۈنچە ـ مارجان (گۆھەرلەرنى سۈزۈپ چىقاتتى)، ئۇلار يەنە (شەھەرلەرنى، ئېگىز سارايلارنى سېلىشتەك) باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى، بىز ئۇلارنى (سۇلايماننىڭ ئىتائىتىدىن چىقىشتىن) ساقلايتتۇق[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمانغا يەنە بىر قىسىم شەيتانلارنى مۇسەخخەر قىلىپ بەردۇق، ئۇلار دېڭىزلاردا چۆكۈپ ئۇنىڭغا ئۈنچە ـ مارجان - گۆھەرلەرنى- سۈزۈپ چىقاتتى، ئۇلار يەنە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى، بىز ئۇلارنى كۆزىتەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز يەنە سۇلەيمانغا بىر قىسىم شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. ئۇلار سۇلەيمان ئۈچۈن دېڭىزغا چۆكەتتى ۋە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى. بىز ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇراتتۇق.
21 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الضُّرُّ وَأَنْتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئەييۇبنىڭ قسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا: «ھەقىقەتەن مېنى بالا (يەنى قاتتىق كېسەل) ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن» دەپ دۇئا قىلدى[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئەييۇب-نىڭ قسسسى-نى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ رەببىغا: «ھەقىقەتەن مېنى بالا ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن» دەپ دۇئا قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئەييۇبنىمۇ يېتەكچى قىلغان ئىدۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «مېنى بالا ئورىۋالدى، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسدۇرسەن» دەپ نىدا قىلدى.
21 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِسْمَاعِيلَ وَإِدْرِيسَ وَذَا الْكِفْلِ ۖ كُلٌّ مِنَ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفللارنىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن). (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى سەۋرلىك ئىدى (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا چىداملىق ئىدى ۋە گۇناھلار ئالدىدا ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالاتتى)[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفللار-نىڭ قىسسىسى-نى باياق قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەۋرلىك ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفللارنىمۇ يېتەكچىلەر قىلغان ئىدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەۋرلىك كىشىلەردىن ئىدى.
21 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَذَا النُّونِ إِذْ ذَهَبَ مُغَاضِبًا فَظَنَّ أَنْ لَنْ نَقْدِرَ عَلَيْهِ فَنَادَىٰ فِي الظُّلُمَاتِ أَنْ لَا إِلَٰهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۇنۇسنىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن) . ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) خاپا بولۇپ (شەھىرىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى (بېلىقنىڭ قارنىدا) ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئۇ قاراڭغۇلۇقتا (يەنى بېلىقنىڭ قارنىدا): «(پەرۋەردىگارىم) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ نىدا قىلدى[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۇنۇس-نىڭ قىسسى-نى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ خاپا بولۇپ - شەھىرىدىن- چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئۇ قاراڭغۇلۇقتا: «-رەببىم!- سەندىن بۆلەك ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سەن جىمى كەمچىلىكلەردىن پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ نىدا قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىز يۇنۇسنىمۇ يېتەكچى قىلغان ئىدۇق. ئۇ غەزەپلىنىپ يۇرتىدىن ئايرىلغاندا، ئاللاھ مېنى قىيىنچىلىققا ئۇچراتمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. لېكىن ئۇ قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە: «سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، سەن ئۇلۇغسەن، مەن زالىملاردىن بولدۇم!» دەپ نىدا قىلدى.
21 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
وَزَكَرِيَّا إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْدًا وَأَنْتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيانىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى (بالىسىز، ۋارىسسىز) يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن (يەنى ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، سەنلا باقىي قالىسەن)» دەپ نىدا قىلدى[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىيا-نىڭ قىسسى-نى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى رەببىم! مېنى يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن» دەپ نىدا قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىز زەكەرىييانىمۇ يېتەكچى قىلغان ئىدۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «رەببىم! مېنى يالغۇز قويمىغىن! سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن» دەپ نىدا قىلدى.
21 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَوَهَبْنَا لَهُ يَحْيَىٰ وَأَصْلَحْنَا لَهُ زَوْجَهُ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَيَدْعُونَنَا رَغَبًا وَرَهَبًا ۖ وَكَانُوا لَنَا خَاشِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا خوتۇنىنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق. (يۇقىرىقى پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىمىز) شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىكى، ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، (رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا خوتۇنىنى ئىلاھ قىلىپ بەردۇق. چۈنكى ئۇلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، رەھمىتىمىزنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىمىزدىن قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق ۋە ئايالىنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق. ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، ئۈمىد ۋە ئەندىشە ئىچىدە بىزگە دۇئا قىلاتتى، كەمتەرلىك بىلەن بىزگە ئىتائەت قىلاتتى.
ھەج سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَصْحَابُ مَدْيَنَ ۖ وَكُذِّبَ مُوسَىٰ فَأَمْلَيْتُ لِلْكَافِرِينَ ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟[42 ـ 44]
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە مەديەن ئاھالىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان ئىدى. چۈنكى مەن كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ جازايىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: ۋە مەديەن ئاھالىسىمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېگەن ئىدى. مۇسامۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. مەن ئۇ كافىرلارغا باشتا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم. ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟
22 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاهِدُوا فِي اللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِ ۚ هُوَ اجْتَبَاكُمْ وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ ۚ مِلَّةَ أَبِيكُمْ إِبْرَاهِيمَ ۚ هُوَ سَمَّاكُمُ الْمُسْلِمِينَ مِنْ قَبْلُ وَفِي هَٰذَا لِيَكُونَ الرَّسُولُ شَهِيدًا عَلَيْكُمْ وَتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ ۚ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَاعْتَصِمُوا بِاللَّهِ هُوَ مَوْلَاكُمْ ۖ فَنِعْمَ الْمَوْلَىٰ وَنِعْمَ النَّصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن) تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە جىھاد قىلىڭلار، ئاللاھ (دىنغا ياردەم بېرىشكە ئۈممەتلەر ئارىسىدىن) سىلەرنى تاللىدى. (ئەڭ مۇكەممەل شەرىئەت ۋە ئۇلۇغ پەيغەمبەرنى سىلەرگە خاس قىلدى). سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى). (بۇ) ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر (بۇ توغرا دىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مەھكەم ئۇچلاڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرى (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرىكى كىتابلاردا) مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان ئىدى. قۇرئاندىمۇ شۇنداق ئاتىدى. (ئاللاھ) پەيغەمبەرنى سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا ۋە سىلەرنى كىشىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا (تاللىدى)، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا يېپىشىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە! نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار![78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ يولىدا لايىق رەۋىشتە جىھاد قىلىڭلار، سىلەرنى ئاللاھ تاللىدى ۋە سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى. بۇ، ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشى ۋە سىلەرنىڭ ئىنسانلارغا گۇۋاھ بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرىمۇ ۋە بۇ قۇرئاندىمۇ مۇسۇلمان دەپ ئاتىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار ۋە ئاللاھقا ئېسىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە! نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا ئۆز لايىقىدا جىھاد قىلىڭلار. ئۇ سىلەرنى بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن تاللىدى. دىندا سىلەرنى ھېچبىر ئېغىر ئىشقا تەكلىپ قىلمىدى. بۇ ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرىكى كىتابلاردا ۋە قۇرئاندا «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىدى. ئاللاھ بۇنى، ئەلچىسىنى سىلەرگە شاھىت بولسۇن، سىلەرنى باشقا ئىنسانلارغا شاھىت بولسۇن دەپ قىلدى. ئۇنداقتا نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە ۋە نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچىدۇر!
مۆئمىنۇن سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ أَفَلَا تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! (يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟»[23]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھيوق، ئاللاھ -نىڭ ئازابى-دىن قورقمامسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر، ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا تەقۋادار بولمامسىلەر؟».
23 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ انْصُرْنِي بِمَا كَذَّبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ (ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن): «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ: «رەببىم! ئۇلار مېنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: نۇھ: «رەببىم! ئۇلار مېنى يالغانچى دېيىشتى، ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى.
23 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِ أَنِ اصْنَعِ الْفُلْكَ بِأَعْيُنِنَا وَوَحْيِنَا فَإِذَا جَاءَ أَمْرُنَا وَفَارَ التَّنُّورُ ۙ فَاسْلُكْ فِيهَا مِنْ كُلٍّ زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ وَأَهْلَكَ إِلَّا مَنْ سَبَقَ عَلَيْهِ الْقَوْلُ مِنْهُمْ ۖ وَلَا تُخَاطِبْنِي فِي الَّذِينَ ظَلَمُوا ۖ إِنَّهُمْ مُغْرَقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز نۇھقا: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھىيمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا، ھايۋانلاردىن (ئەركەك ـ چىشى بولۇپ) بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەرنىمۇ ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن (يەنى ئۇلارغا شاپائەت قىلمىغىن)، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز نۇھقا: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا، ھايۋانلاردىن بىر جۈپتىن ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن، ئۇلار چوقۇم غەرق قىلىنغۇچىلاردۇر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز نۇھقا مۇنداق ۋەھىي قىلدۇق: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن. بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز كېلىپ تونۇر قاينىغاندا ھەر ھايۋاندىن ئەركەك - چىشى بولۇپ بىر جۈپتىن ئالغىن. ئائىلەڭنىمۇ ئالغىن. ئۇلاردىن غەرق قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار مۇستەسنا. ماڭا زالىملار توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىغىن. شۈبھىسىزكى، ئۇلار غەرق قىلىنىدىغان كىشىلەردۇر.
23 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا اسْتَوَيْتَ أَنْتَ وَمَنْ مَعَكَ عَلَى الْفُلْكِ فَقُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي نَجَّانَا مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر بىلەن كېمىگە چىققان چېغىڭدا: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا خاستۇر» دېگىن[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلار بىلەن كېمىگە چىققان چېغىڭدا: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا خاستۇر» دېگىن
ئەنەس ئالىم: سەن يېنىڭدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە كېمىگە ئورۇنلىشىپ بولغان چېغىڭدا: ‹بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!› دېگىن».
23 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ وَأَخَاهُ هَارُونَ بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى[45ـ46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن پاكىت بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىر قىسىم ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق،
23 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب-تەۋرات-نى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ مۇساغا كىتابنى بەردۇق.
23 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا ابْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُ آيَةً وَآوَيْنَاهُمَا إِلَىٰ رَبْوَةٍ ذَاتِ قَرَارٍ وَمَعِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مەريەمنىڭ ئوغلىنى (يەنى ئىيسانى) ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) (كامالى قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلدۇق، ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مەريەمنىڭ ئوغلى-ئىسا-نى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى-مەريەم-نى بىرەر دەلىل قىلدۇق؛ ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىيسانى ۋە مەريەمنى بىر ئايەت قىلدۇق، ئۇلارنى ياشاشقا ئۇيغۇن ۋە ئېقىن سۈيى بولغان ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق.
فۇرقان سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَجَعَلْنَا مَعَهُ أَخَاهُ هَارُونَ وَزِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلدۇق[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب -تەۋرات-نى ئاتا قىلدۇق ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەردۇق ۋە قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلىپ بەردۇق.
25 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُلْنَا اذْهَبَا إِلَى الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَدَمَّرْنَاهُمْ تَدْمِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە بېرىڭلار» دېدۇق، (ئۇ قەۋم كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن) ئۇلارنى دەھشەتلىك تۈردە ھالاك قىلدۇق[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە بېرىڭلار» دېدۇق، ئاخىرىدا ئۇلارنى دەھشەتلىك تۈردە ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇ ئىككىسىگە: «ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ يېنىغا بېرىڭلار» دېدۇق. ئاخىرىدا بىز ئۇ قەۋمنى تەلتۈكۈس ھالاك قىلىۋەتتۇق.
25 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَوْمَ نُوحٍ لَمَّا كَذَّبُوا الرُّسُلَ أَغْرَقْنَاهُمْ وَجَعَلْنَاهُمْ لِلنَّاسِ آيَةً ۖ وَأَعْتَدْنَا لِلظَّالِمِينَ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا ئۇلارنى غەرق قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنى كىشىلەرگە ئىبرەت قىلدۇق، زالىملارغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا ئۇلارنى غەرق قىلدۇق ۋە ئۇلارنى كىشىلەرگە ئىبرەت قىلدۇق. زالىملارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلدۇق. بىز ئۇلارنى، ئەلچىلىرىمىزنى ئىنكار قىلىشقان چاغلىرىدا سۇغا غەرق قىلدۇق ۋە ئۇلارنى ئىنسانلار ئۈچۈن ئىبرەت قىلدۇق. زالىملارغا ناھايىتى ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق.
شۇئەرا سۈرىسى
42 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ نَادَىٰ رَبُّكَ مُوسَىٰ أَنِ ائْتِ الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ مۇساغا نىدا قىلدى: «سەن زالىم قەۋمگە بارغىن[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ مۇساغا نىدا قىلدى: «سەن زالىم قەۋمگە بارغىن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ مۇساغا مۇنداق نىدا قىلدى: «زالىم قەۋمنىڭ يېنىغا بارغىن،
26 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُكَذِّبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! ئۇلارنىڭ مېنى ‹يالغانچى› دېيىشىدىن قورقىمەن.
26 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَضِيقُ صَدْرِي وَلَا يَنْطَلِقُ لِسَانِي فَأَرْسِلْ إِلَىٰ هَارُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن) يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم كېكەچ، شۇڭا (ماڭا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن) ھارۇننى (پەيغەمبەر) قىلىپ ئەۋەتكىن[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈرىكىم سىقىلىۋاتىدۇ، تىلىم كېكەچ، شۇڭا ھارۇننى -پەيغەمبەر- قىلىپ ئەۋەتكىن
ئەنەس ئالىم: يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم راۋان بولمايدۇ. شۇڭا ھارۇنغىمۇ ئەلچىلىك بەرگىن.
26 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُمْ عَلَيَّ ذَنْبٌ فَأَخَافُ أَنْ يَقْتُلُونِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنىڭ دەۋاسىچە) ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇناھىم بار، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن»[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇناھىم بار، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئالدىدا گۇناھىممۇ بار. شۇڭا ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن».
26 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَأْتِيَا فِرْعَوْنَ فَقُولَا إِنَّا رَسُولُ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر پىرئەۋنگە بېرىپ: بىز ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىسىمىز[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر پىرئەۋنگە بېرىپ: «بىز ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمىز
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: ‹بىز ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىدۇرمىز.
26 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ أَرْسِلْ مَعَنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قۇللۇقۇڭدىن) بوشاتقىن، ئۇلار بىز بىلەن (شامغا) كەتسۇن دەڭلار»[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادىنى -قۇللۇقۇڭدىن- بوشاتقىن، ئۇلار بىز بىلەن كەتسۇن دەڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن بىللە كەتكىلى قويغىن›».
26 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَعَلْتُهَا إِذًا وَأَنَا مِنَ الضَّالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا نادانلاردىن ئىدىم[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا نادانلاردىن ئىدىم
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا گۇمراھلاردىن ئىدىم.
26 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَفَرَرْتُ مِنْكُمْ لَمَّا خِفْتُكُمْ فَوَهَبَ لِي رَبِّي حُكْمًا وَجَعَلَنِي مِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن قورقۇپ، سىلەردىن قاچتىم، پەرۋەردىگارىم ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مېنى پەيغەمبەر قىلدى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن قورقۇپ، سىلەردىن قاچتىم، مانا ئەمەدى رەببىم ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى ۋە مېنى پەيغەمبەرلەردىن قىلدى
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن قاچتىم، چۈنكى سىلەردىن قورققان ئىدىم. رەببىم ماڭا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلدى ۋە مېنى ئەلچىلىرىدىن قىلدى.
26 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ إِنْ كُنْتُمْ مُوقِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر جەزمەن ئىشىنىدىغان بولساڭلار» دېدى.
26 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبُّكُمْ وَرَبُّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «(ئۇ) سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئيتتى: «ئۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ رەببىدۇر»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر» دېدى.
26 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبُّ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «(ئۇ) مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار»[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر سىلەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭمۇ رەببىدۇر. ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىدىغان بولساڭلار» دېدى.
26 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَوَلَوْ جِئْتُكَ بِشَيْءٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «(مېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ (زىندانغا تاشلامسەن؟)»[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ شۇنداق قىلامسەن؟»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ شۇنداق قىلامسەن؟» دېدى.
26 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَلْقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعْبَانٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئوپئوچۇق ئەجدىھاغا ئايلاندى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئوپئوچۇق ئەجدىھاغا ئايلاندى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال ھاسىسىنى تاشلىدى. ئۇ بىردىنلا ھەقىقىي چوڭ يىلانغا ئايلاندى
26 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَزَعَ يَدَهُ فَإِذَا هِيَ بَيْضَاءُ لِلنَّاظِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا (قوينىدىن) قولىنى چىقىرىۋىدى، ناگاھان ئۇ قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقناپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا قولىنى چىقىرىۋىدى، ناگاھان ئۇ قارىغۇچىلارغا ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى
ئەنەس ئالىم: ۋە قولىنى چىقاردى - دە، كۆرگۈچىلەرگە ئاپئاق كۆرۈندى.
26 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَهُمْ مُوسَىٰ أَلْقُوا مَا أَنْتُمْ مُلْقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارغا: «تاشلايدىغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار!» دېدى[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلارغا: «تاشلايدىغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار!» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغان نەرسەڭلەرنى تاشلاڭلار» دېدى.
26 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَلْقَىٰ مُوسَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى، (ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى يۇتۇۋەتتى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئۇ ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى يۈتۈشقا باشلىدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى. ھاسا ئۇلارنىڭ ئويدۇرغان نەرسىلىرىنى بىردىنلا يالماپ يۇتۇۋەتتى.
26 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ ئىمان ئېيتتۇق» دېدى[47ـ48].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە
ئەنەس ئالىم: مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە!».
26 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِي إِنَّكُمْ مُتَّبَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇساغا: «كېچىدە بەندىلىرىمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) ئېلىپ ئاتلانغىن. سىلەر ئەلۋەتتە قوغلىنىسىلەر، (يەنى پىرئەۋن ئۆز قەۋمى بىلەن سىلەرنى قوغلاپ چىقىدۇ)» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇساغا: «كېچىدە بەندىلىرىم-بەنى ئىسرائىل-نى ئېلىپ ئاتلانغىن. سىلەر ئەلۋەتتە قوغلىنىسىلەر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا: «بەندىلىرىم بىلەن بىرلىكتە كېچىدە يولغا چىققىن، چۈنكى سىلەر قوغلىنىسىلەر2» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
26 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ كَلَّا ۖ إِنَّ مَعِيَ رَبِّي سَيَهْدِينِ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئۇنداق بولمايدۇ (يەنى ھەرگىز يېتىشەلمەيدۇ) پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، مېنى (قۇتۇلۇش يولىغا) باشلايدۇ»[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇنداق بولمايدۇ، رەببىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، ماڭا يول كۆرسىتىدۇ»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىم مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ ماڭا چوقۇم يول كۆرسىتىدۇ» دېدى.
26 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنِ اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْبَحْرَ ۖ فَانْفَلَقَ فَكَانَ كُلُّ فِرْقٍ كَالطَّوْدِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسى بىلەن ئۇرۇۋېدى) دەريا يېرىلدى، (ھەر بىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن دەريا يېرىلدى، ھەر بىر يېرىلغان قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسانىڭ ئۇرۇشى بىلەن دېڭىز ئىككىگە ئايرىلىپ، ھەر قىسمى چوڭ تاغدەك بولدى.
26 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْجَيْنَا مُوسَىٰ وَمَنْ مَعَهُ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى پۈتۈنلەي قۇتقۇزدۇق[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ھەمراھلىرىنى قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: مۇسانى ۋە ھەمراھلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق.
26 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ إِبْرَاهِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسسەسىنى ئوقۇپ بەرگىن[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن:
26 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ مَا تَعْبُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دېدى(70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «نېمىگە چوقۇنىسىلەر؟» دېگەن ئىدى.
26 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي خَلَقَنِي فَهُوَ يَهْدِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مېنى ياراتقان، ئۇ مېنى ھىدايەت قىلىدۇ[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مېنى ياراتقان بولۇپ، ماڭا يول كۆرسىتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ مېنى ياراتقان زاتتۇر. ئۇ مېنى توغرا يولغا باشلايدۇ.
26 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِي هُوَ يُطْعِمُنِي وَيَسْقِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مېنى تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇسسۇلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مېنى تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇسسۇلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، ماڭا يېمەكلىك بېرىدۇ، ماڭا ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ،
26 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا مَرِضْتُ فَهُوَ يَشْفِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاغرىپ قالسام ئۇ مېنى ساقايتىدۇ[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاغرىپ قالسام ئۇ مېنى ساقايتىدۇ
ئەنەس ئالىم: كېسەل بولسام شىپالىق بېرىدۇ.
26 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِي يُمِيتُنِي ثُمَّ يُحْيِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مېنى قەبزى روھ قىلىدۇ، كېيىن يەنە تىرىلدۈرىدۇ[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مېنى قەبزى روھ قىلىدۇ، كېيىن يەنە تىرىلدۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، مېنى ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ.
26 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِي أَطْمَعُ أَنْ يَغْفِرَ لِي خَطِيئَتِي يَوْمَ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، مەن ئۇنىڭ جازا ۋە مۇكاپات كۈنى خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
26 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَوْمُ نُوحٍ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: نۇھنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى.
26 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ نُوحٌ أَلَا تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىنداشلىرى نۇھ ئېيتتى: «سىلەر قورقمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟
26 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق بىر پەيغەمبەرمەن[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك بىر پەيغەمبەرمەن
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن.
26 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
26 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدىن تىلەيمەن
ئەنەس ئالىم: مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ.
26 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار»[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار».
26 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ وَمَا عِلْمِي بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن
ئەنەس ئالىم: نۇھ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن.
26 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ حِسَابُهُمْ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّي ۖ لَوْ تَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىلسەڭلار ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى پەقەت پەرۋەردىگارىم ئۈستىگە ئالغان[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىلسەڭلار ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى پەقەت رەببىم ئۈستىگە ئالغان
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش رەببىمنىڭ ئىشىدۇر. كاشكى ھېس قىلساڭلارچۇ!
26 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَنَا بِطَارِدِ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن مۆمىنلەرنى قوغلىۋەتمەيمەن[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن مۇئمىنلارنى قوغلىۋەتمەيمەن
ئەنەس ئالىم: مەن مۇئمىنلارنى يېنىمدىن قوغلىۋىتىدىغان كىشى ئەمەس.
26 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن پەقەت ئوچۇق ـ ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن پەقەت ئوچۇق ـ ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: مەن پەقەت ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
26 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنَّ قَوْمِي كَذَّبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! قەۋمىم مېنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلدى[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! قەۋمىم مېنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: نۇھ مۇنداق دېدى: «رەببىم! قەۋمىم مېنى يالغانچى دېدى.
26 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
فَافْتَحْ بَيْنِي وَبَيْنَهُمْ فَتْحًا وَنَجِّنِي وَمَنْ مَعِيَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى قۇتقۇزغىن»[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى قۇتقۇزغىن»
ئەنەس ئالىم: شۇڭا مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى قۇتقۇزغىن».
26 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَنْجَيْنَاهُ وَمَنْ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنى ۋە (ئادەملەر، ھايۋانلار بىلەن) لىق تولغان كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە لىق تولغان كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى توشقۇزۇلغان كېمىدە قۇتقۇزدۇق.
26 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَغْرَقْنَا بَعْدُ الْبَاقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن) كېيىن ئاندىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن كېيىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق.
نەمىل سۈرىسى
26 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِأَهْلِهِ إِنِّي آنَسْتُ نَارًا سَآتِيكُمْ مِنْهَا بِخَبَرٍ أَوْ آتِيكُمْ بِشِهَابٍ قَبَسٍ لَعَلَّكُمْ تَصْطَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەھلىسىگە: «مەن ھەقىقەتەن ئوت كۆردۈم، مەن ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ (يول توغرۇلۇق) بىرەر خەۋەر ئۇقۇپ كېلەي ياكى سىلەرنىڭ ئىسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئائىلىسىگە: «مەن ھەقىقەتەن ئوت كۆردۈم، مەن ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ بىرەر خەۋەر ئۇقۇپ كېلەي، ياكى سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئائىلىسىگە: «مەن بىر ئوت كۆردۈم. بېرىپ ئۇنىڭ يېنىدىن سىلەرگە خەۋەر ئېلىپ كېلەي، ياكى سىلەرگە ئۇنىڭدىن بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي، ئىسسىنارسىلەر» دېدى.
27 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَلْقِ عَصَاكَ ۚ فَلَمَّا رَآهَا تَهْتَزُّ كَأَنَّهَا جَانٌّ وَلَّىٰ مُدْبِرًا وَلَمْ يُعَقِّبْ ۚ يَا مُوسَىٰ لَا تَخَفْ إِنِّي لَا يَخَافُ لَدَيَّ الْمُرْسَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھاساڭنى تاشلىغىن!» مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چېكىندى، كەينىگە (يەنى قورققىنىدىن ئەجدىھاغا) قارىيالمىدى. (ئاللاھ ئېيتتى) «ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر ئەلۋەتتە قورقمايدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھاساڭنى تاشلىغىن!» مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چېكىندى، كەينىگە قارىيالمىدى. -ئاندىن نېدا قىلىندىكى- :«ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر ئەلۋەتتە قورقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا يەرگە چۈشكەن ھاسىسىنىڭ خۇددى يىلاندەك تولغىنىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قېچىشقا باشلىدى ۋە كەينىگە قايتمىدى. بۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەلچىلىرىم قورقمايدۇ.
27 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَدْخِلْ يَدَكَ فِي جَيْبِكَ تَخْرُجْ بَيْضَاءَ مِنْ غَيْرِ سُوءٍ ۖ فِي تِسْعِ آيَاتٍ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَقَوْمِهِ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، (بۇ) مېنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن توققۇز مۆجىزەمنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى »[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، -بۇ- مېنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن توققۇز مۆجىزەمنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى»
ئەنەس ئالىم: قولۇڭنى قوينۇڭغا تىققىن، نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق چىقىپ فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كۆرسىتىلىدىغان توققۇز مۆجىزىنىڭ بىرى بولسۇن. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋمدۇر».
27 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا دَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ عِلْمًا ۖ وَقَالَا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي فَضَّلَنَا عَلَىٰ كَثِيرٍ مِنْ عِبَادِهِ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا، سۇلايمانغا (دۇنيا ۋە دىن ئىلىملىرىدىن كەڭ) ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى نۇرغۇن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلغان ئاللاھقا خاستۇر!»[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا، سۇلايمانغا ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئېيتتى: «ھەمدۇسانا بىزنى نۇرغۇن مۇئمىن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلغان ئاللاھقا خاستۇر!»
ئەنەس ئالىم: بىز داۋۇدقا ۋە سۇلەيمانغا ئىلىم ئاتا قىلدۇق. ئۇ ئىككىسى: «بىزنى مۇئمىن بەندىلىرىنىڭ تولىسىدىن ئۈستۈن قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دېدى.
27 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَرِثَ سُلَيْمَانُ دَاوُودَ ۖ وَقَالَ يَا أَيُّهَا النَّاسُ عُلِّمْنَا مَنْطِقَ الطَّيْرِ وَأُوتِينَا مِنْ كُلِّ شَيْءٍ ۖ إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ الْفَضْلُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان (پەيغەمبەرلىكتە، ئىلىمدە، پادىشاھلىقتا ئاتىسى) داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى تەلىم بېرىلدى. (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ھەممە نەرسە ئاتا قىلىندى، بۇ ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ) روشەن ئېھسانىدۇر» دېدى[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمان داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى تەلىم بېرىلدى ۋە ھەممە نەرسىدىن ئاتا قىلىندى، شۈبھىسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە روشەن ئېھساندۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمان داۋۇدقا ۋارىس بولدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى ئۆگىتىلدى، بىزگە ھەر نەرسىدىن بېرىلدى. بۇ ئاشكارا ئىلتىپاتتۇر».
27 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَحُشِرَ لِسُلَيْمَانَ جُنُودُهُ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ وَالطَّيْرِ فَهُمْ يُوزَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى توپلاندى (سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالدىدا دەبدەبە بىلەن ماڭاتتى). ئۇلار تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى توپلاندى ئۇنىڭ ئۈچۈن توپلاندى، ئۇلار تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: سۇلەيماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى ھۇزۇرىدا توپلىنىپ، قىسىملارغا ئايرىلغان ئىدى.
27 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا أَتَوْا عَلَىٰ وَادِ النَّمْلِ قَالَتْ نَمْلَةٌ يَا أَيُّهَا النَّمْلُ ادْخُلُوا مَسَاكِنَكُمْ لَا يَحْطِمَنَّكُمْ سُلَيْمَانُ وَجُنُودُهُ وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (شامدىكى بىر) چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر (چىشى) چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن»[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىنتىزاملىق ھالدا مېڭىپ، چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا كەلگەندە، بىر چىشى چۈمۈلە مۇنداق دېدى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلەيمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى تۇيماستىن سىلەرنى ئېزىۋەتمىسۇن».
27 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَبَسَّمَ ضَاحِكًا مِنْ قَوْلِهَا وَقَالَ رَبِّ أَوْزِعْنِي أَنْ أَشْكُرَ نِعْمَتَكَ الَّتِي أَنْعَمْتَ عَلَيَّ وَعَلَىٰ وَالِدَيَّ وَأَنْ أَعْمَلَ صَالِحًا تَرْضَاهُ وَأَدْخِلْنِي بِرَحْمَتِكَ فِي عِبَادِكَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن»[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە ئېيتتى: «رەببىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن»
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمان چۈمۈلىنىڭ بۇ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە مۇنداق دېدى: «رەببىم! مېنى، ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا ئىنئام قىلغان نېمىتىڭگە شۈكۈر ئېيتىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا قىزىقتۇرغىن. مېنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن».
27 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَفَقَّدَ الطَّيْرَ فَقَالَ مَا لِيَ لَا أَرَى الْهُدْهُدَ أَمْ كَانَ مِنَ الْغَائِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۆپنى كۆرمەيمەنغۇ! ياكى ئۇ يوقاپ كەتتىمۇ.(ئىزاھات:سۇلايمان ئەلەيھىسسالام قوشۇنى بىلەن چۈمۈلىلەر ۋادىسىدىن ئايرىلىپ سۇسىز بىر قاقاس چۆلگە كېلىپ چۈشتى، قوشۇنى تەشنا بولۇپ ئۇنىڭدىن سۇ سورىدى، ھۆپۈپ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا سۇ بار جاينى تېپىپ بېرەتتى. شۇ كۈنى ئۇ ھۆپۈپنى ئىزدەپ تاپالمىدى.)[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۆپنى كۆرمەيمەنغۇ! يا ئۇ يوقاپ كەتكەنلەردىن بولدىمۇ[1]
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمان قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «ماڭا نېمە بولدىكىن، ھۆپۈپنى كۆرمەيۋاتىمەنغۇ! ياكى ئۇ غايىب بولغۇچىلاردىن بولدىمۇ؟
27 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
لَأُعَذِّبَنَّهُ عَذَابًا شَدِيدًا أَوْ لَأَذْبَحَنَّهُ أَوْ لَيَأْتِيَنِّي بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى چوقۇم قاتتىق جازالايمەن، يا ئۇنى چوقۇم بوغۇزلايمەن، يا چوقۇم (يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاقلايدىغان) بىر روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ»[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى چوقۇم قاتتىق جازالايمەن؛ يا ئۇنى چوقۇم بوغۇزلايمەن ياكى چوقۇم بىر روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئۇنى چوقۇم قاتتىق ئازابلايمەن ياكى ئۇنى چوقۇم بوغۇزلىۋېتىمەن ياكى ئۇ ماڭا چوقۇم روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ».
27 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَكَثَ غَيْرَ بَعِيدٍ فَقَالَ أَحَطْتُ بِمَا لَمْ تُحِطْ بِهِ وَجِئْتُكَ مِنْ سَبَإٍ بِنَبَإٍ يَقِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇزاق ئۆتمەي ھۆپۈپ كەلدى، ئۇ ئېيتتى: «مەن سەن بىلمىگەن ئىشنى بىلىپ (كەلدىم)، ساڭا مەن سەبەدىن (يەنى يەمەندىكى سەبە شەھرىدىن) مۇھىم بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇزاق ئۆتمەي ھۆپۆپ كېلىپ: «مەن سەن بىلمىگەن ئىشنى بىلىپ كەلدىم ۋە ساڭا مەن سەبەدىن مۇھىم بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم
ئەنەس ئالىم: ھۆپۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كېلىپ مۇنداق دېدى: «سەن ئەتراپلىق بىلمىگەن بىر نەرسىنى مەن ئەتراپلىق بىلدىم ۋە ساڭا سەبەئدىن توغرا خەۋەر ئېلىپ كەلدىم:
27 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي وَجَدْتُ امْرَأَةً تَمْلِكُهُمْ وَأُوتِيَتْ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ وَلَهَا عَرْشٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا (يەنى سەبە ئاھالىسىگە) بىر ئايالنىڭ (يەنى بىلقىسنىڭ) پادىشاھلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا (ئۆزىگە ۋە سەلتەنەتىگە كېرەكلىك) ھەممە نەرسە بېرىلگەن ئىكەن، ئۇ چوڭ تەختكە ئىگە ئىكەن[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا پادىشاھلىق قىلىۋاتقان بىر ئايالنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا ھەممە نەرسىدىن بېرىلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ چوڭ بىر تەختى بار ئىكەن
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇ يەرنىڭ ئاھالىسىگە پادىشاھلىق قىلىۋاتقان بىر ئايالنى ئۇچراتتىم، ئۇنىڭغا ھەر نەرسىدىن بېرىلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ چوڭ تەختى بار ئىكەن.
27 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَنَنْظُرُ أَصَدَقْتَ أَمْ كُنْتَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان ئېيتتى: «سەن راست دەۋاتامسەن، يا يالغانمۇ؟ قارايمىز[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمان ئېيتتى: «سەن راست دەۋاتامسەن، يا يالغانچىلاردىنمۇسەن؟ قارايمىز
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمان مۇنداق دېدى: «راست سۆزلىدىڭمۇ ياكى يالغانچىلاردىن بولدۇڭمۇ؟ كۆرىمىز.
27 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبْ بِكِتَابِي هَٰذَا فَأَلْقِهْ إِلَيْهِمْ ثُمَّ تَوَلَّ عَنْهُمْ فَانْظُرْ مَاذَا يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن نېرىراق (جايدا يوشۇرۇنۇپ) تۇر، ئۇلارنىڭ قانداق جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىغا قارىغىن»[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن نېرىراق تۇر، ئۇلارنىڭ قانداق جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىغا قارىغىن»
ئەنەس ئالىم: بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن يىراقلىشىپ نېمە دېيىشىدىغانلىقىغا قارىغىن».
27 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُ مِنْ سُلَيْمَانَ وَإِنَّهُ بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلايماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭ مەزمۇنى شۇكى) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[29ـ30].
تەرجىمە ھەيئىتى: خەت سۈلايماندىن بولۇپ، ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلانغان
ئەنەس ئالىم: ئۇ خەت سۇلەيماندىن كەلدى ۋە مۇنداق يېزىلغان ئىكەن: ‹بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم.
27 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَ سُلَيْمَانَ قَالَ أَتُمِدُّونَنِ بِمَالٍ فَمَا آتَانِيَ اللَّهُ خَيْرٌ مِمَّا آتَاكُمْ بَلْ أَنْتُمْ بِهَدِيَّتِكُمْ تَفْرَحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەلچى سۇلايماننىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، سۇلايمان ئېيتتى: «سىلەر ماڭا مال بىلەن ياردەم قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەنلىرى سىلەرنىڭ بەرگەنلىرىڭلاردىن ياخشىدۇر، بەلكى سىلەر سوۋغاڭلار بىلەن كۆرەڭلەپ كېتىسىلەر[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلچى سۇلايماننىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، سۇلايمان ئېيتتى: «سىلەر ماڭا مال بىلەن ياردەم قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەنلىرى سىلەرنىڭ بەرگەنلىرىڭلاردىن ياخشىدۇر، بەلكى سىلەر سوغاڭلار بىلەن خۇشال بولۇسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئەلچى سۇلەيماننىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەندە، سۇلەيمان مۇنداق دېدى: «سىلەر ماڭا ئىقتىسادىي ياردەم قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگىنى، سىلەرگە بەرگىنىدىن ياخشىدۇر. سوۋغىتىڭلار بىلەن مەن ئەمەس، سىلەر سۆيۈنىسىلەر.
27 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
ارْجِعْ إِلَيْهِمْ فَلَنَأْتِيَنَّهُمْ بِجُنُودٍ لَا قِبَلَ لَهُمْ بِهَا وَلَنُخْرِجَنَّهُمْ مِنْهَا أَذِلَّةً وَهُمْ صَاغِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن قايتىپ كەتكىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان بىر قوشۇن بىلەن چوقۇم بارىمىز، ئۇلارنى يۇرتىدىن خار، كەمسىتىلگەن ھالدا چوقۇم چىقىرىۋېتىمىز»[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتكىن، بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان بىر قوشۇن بىلەن چوقۇم بارىمىز ۋە ئۇلارنى يۇرتىدىن خار، كەمسىتىلگەن ھالدا چوقۇم چىقىرىۋېتىمىز»
ئەنەس ئالىم: ئى ئەلچى! ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتقىن. ئۇلار شۇنى بىلىپ قويسۇنكى، بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان قوشۇنلار بىلەن كېلىمىز، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن خار ۋە بوينى پۈكۈك ھالدا چىقىرىۋېتىمىز».
27 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ أَيُّكُمْ يَأْتِينِي بِعَرْشِهَا قَبْلَ أَنْ يَأْتُونِي مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ئۇلار مېنىڭ قېشىمغا مۇسۇلمان بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، (سىلەردىن) كىم ئۇنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلىدۇ»[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمان ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ئۇلار مېنىڭ قېشىمغا تەسلىم بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، قايسىڭلار ئۇنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلىدۇ؟»
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمان: «ئى دۆلەت ئەركانلىرى! ئۇلار تەسلىم بولۇپ يېنىمغا كېلىشتىن بۇرۇن قايسىڭلار ئۇ ئايالنىڭ تەختىنى ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىسىلەر؟» دېدى.
27 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ عِفْرِيتٌ مِنَ الْجِنِّ أَنَا آتِيكَ بِهِ قَبْلَ أَنْ تَقُومَ مِنْ مَقَامِكَ ۖ وَإِنِّي عَلَيْهِ لَقَوِيٌّ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: جىندىن بولغان ئىفرىت ئېيتتى: «مەن ئۇنى ئورنۇڭدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ساڭا ئېلىپ كېلىمەن، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن»[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىندىن بولغان ئىفرىت ئېيتتى: «مەن ئۇنى ئورنۇڭدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ساڭا ئېلىپ كېلىمەن، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن»
ئەنەس ئالىم: جىنلاردىن يامان بىرى: «مەن ئۇنى سەن ئورنۇڭدىن تۇرغۇچە ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كېلىمەن. بۇنىڭغا كۈچۈم يېتىدۇ، ئۇنى زايە قىلماستىن ساق - سالامەت ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىشەنچلىك بىرىمەن» دېدى.
27 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الَّذِي عِنْدَهُ عِلْمٌ مِنَ الْكِتَابِ أَنَا آتِيكَ بِهِ قَبْلَ أَنْ يَرْتَدَّ إِلَيْكَ طَرْفُكَ ۚ فَلَمَّا رَآهُ مُسْتَقِرًّا عِنْدَهُ قَالَ هَٰذَا مِنْ فَضْلِ رَبِّي لِيَبْلُوَنِي أَأَشْكُرُ أَمْ أَكْفُرُ ۖ وَمَنْ شَكَرَ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ رَبِّي غَنِيٌّ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (نازىل بولغان) كىتابنى چوڭقۇر بىلىدىغان زات (يەنى ئاسەف ئىبن بۇرخىيا): «ئۇنى مەن ساڭا كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى (ئۇ دۇئا قىلىۋېدى، تەخت دەرھال ئالدىدا ھازىر بولدى). سۇلايمان تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە: «بۇ پەرۋەردىگارىمنىڭ (ماڭا قىلغان) ئېھسانىدۇر، ئۇ شۈكۈر قىلامدىم، يا تۇزكورلۇق قىلامدىم، بۇنىڭ بىلەن مېنى سىنىدى، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، (بىلىش كېرەككى) ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم (ئۇنىڭ شۈكۈر قىلىشىدىن بىھاجەتتۇر)، (ئاللاھنىڭ) كەرىمى كەڭدۇر» دېدى[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتابتىن ئىلمى بار بىر زات[1]: «مەن ئۇنى ساڭا كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى. سۇلايمان تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە: «بۇ رەببىمنىڭ ئېھسانىدىندۇركى، شۈكۈر قىلامدىم، يا تۇزكورلۇق قىلامدىم، بۇنىڭ بىلەن مېنى سىناش ئۈچۈندۇر، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن رەببىم بىھاجەتتۇر، كەرىمى كەڭدۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: كىتابتىن ئىلمى بولغان زات: «مەن ئۇنى سەن كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى. سۇلەيمان ئۇ ئاندا تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ رەببىمنىڭ پەزلىدىندۇر. رەببىم ماڭا ئۇنى شۈكۈر قىلامدىمەن ياكى تۇزكورلۇق قىلامدىمەن، مېنى سىناش ئۈچۈن ئاتا قىلدى. كىم شۈكۈر قىلسا ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىم تۇزكورلۇق قىلسا بىلسۇنكى رەببىم غەنىيدۇر، سېخىيدۇر».
27 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ نَكِّرُوا لَهَا عَرْشَهَا نَنْظُرْ أَتَهْتَدِي أَمْ تَكُونُ مِنَ الَّذِينَ لَا يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان (بىلقىسنىڭ يېتىپ كېلىشى يېقىنلاشقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەقلىنى سىناش يۈزىسىدىن) ئېيتتى: «ئۇنىڭ (يەنى بىلقىسنىڭ) تەختىنىڭ (شەكلىنى) ئۆزگەرتىڭلار، ئۇ تەختىنى تونۇمدۇ، تونىمامدۇ؟ قارايمىز»[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمان ئېيتتى: «ئۇنىڭ تەختىنى ئۆزگەرتىڭلار، ئۇ تەختىنى تونۇمدۇ، ياكى تونىمامدۇ، قارايمىز»
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمان يەنە: «ئۇنىڭ تەختىنى ئۆزگەرتىڭلار. تونۇيالامدۇ، تونۇيالمامدۇ؟ قارايلى» دېدى.
27 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَتْ قِيلَ أَهَٰكَذَا عَرْشُكِ ۖ قَالَتْ كَأَنَّهُ هُوَ ۚ وَأُوتِينَا الْعِلْمَ مِنْ قَبْلِهَا وَكُنَّا مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىلقىس كەلگەندە (ئۇنىڭغا): «سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمۇ؟» دېيىلدى. ئۇ: «شۇدەك تۇرىدۇ» دېدى. (سۇلايمان ئاللاھنىڭ نېمىتىنى سۆزلەش يۈزىسىدىن ئېيتتى.) ئۇنىڭدىن (يەنى بىلقىستىن) بۇرۇن بىزگە (ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بىلدۈرىدىغان) ئىلىم بېرىلدى، بىز مۇسۇلمان بولدۇق[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلقىس كەلگەندە ئۇنىڭغا: «سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمۇ؟» دېيىلدى. ئۇ: «شۇدەك تۇرىدۇ» دېدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىزگە ئىلىم بېرىلگەنىدى، شۇڭا بىز تەسلىم بولغانىدۇق
ئەنەس ئالىم: مەلىكە كەلگەندە: «سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمۇ؟» دېيىلدى. ئۇ: «بەئەينى شۇ! بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۈچۈڭلارنىڭ نېمىلەرگە يېتىدىغانلىقىدىن ۋاقىپلانغان ئىدۇق ۋە تەسلىم بولدۇق» دېدى.
27 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا إِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَالِحًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ فَإِذَا هُمْ فَرِيقَانِ يَخْتَصِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن سەمۇدقا (يەنى سەمۇد قەبىلىسىگە نەسەب جەھەتتىن) قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (سالىھ) «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار» (دېدى)، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار جېدەللىشىدىغان (يەنى دىن بارىسىدا جىدەللىشىدىغان مۆمىنلەر ۋە كاپىرلاردىن ئىبارەت) ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن سەمۇدقا قېرىنداشلىرى سالىھنى «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار» دېيىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ناگاھان ئۇلار جېدەللىشىدىغان ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: بىز سەمۇد قەۋمىگە قېرىندىشى سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار» دېگەن ئىدى، ئۇلار بىردىنلا ئۆزئارا جېدەللىشىدىغان ئىككى پىرقە بولدى.
27 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ لِمَ تَسْتَعْجِلُونَ بِالسَّيِّئَةِ قَبْلَ الْحَسَنَةِ ۖ لَوْلَا تَسْتَغْفِرُونَ اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، سىلەر نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازابنىڭ كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمايسىلەر؟»[46]
تەرجىمە ھەيئىتى: سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، سىلەر نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازابنىڭ كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمايسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: سالىھ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! نېمىشقا ياخشىلىقنى قويۇپ يامانلىققا ئالدىرايسىلەر؟ نېمىشقا رەھمەتكە ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىمەيسىلەر؟».
27 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَلُوطًا إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ أَتَأْتُونَ الْفَاحِشَةَ وَأَنْتُمْ تُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (لۇتنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن) ئەينى زاماندا لۇت ئۆزىنىڭ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ قەبىھ ئىشلارنى قىلامسىلەر؟[54]
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇتنىمۇ، ئەينى زاماندا لۇت ئۆزىنىڭ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ قەبىھ ئىشلارنى قىلامسىلەر
ئەنەس ئالىم: بىز لۇتنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟
27 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَنْجَيْنَاهُ وَأَهْلَهُ إِلَّا امْرَأَتَهُ قَدَّرْنَاهَا مِنَ الْغَابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنى ۋە خوتۇنىدىن باشقا تەۋەلىرىنى قۇتقۇزدۇق، تەقدىرىمىز بىلەن ئۇنى (يەنى سالىھنىڭ خوتۇنىنى ئازابقا) قالغۇچىلاردىن قىلدۇق[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنى ۋە خوتۇنىدىن باشقا تەۋەلىرىنى قۇتقۇزدۇق، لېكىن خۇتۇنىنىڭ ئازاپقا قالغۇچىلاردىن بولۇشىنى تەقدىر قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز لۇتنى ۋە ئائىلىسىنى قۇتقۇزدۇق، ئايالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇنىڭ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولۇشىنى ئالدىن بېكىتتۇق.
قەسەس سۈرىسى
37 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
نَتْلُو عَلَيْكَ مِنْ نَبَإِ مُوسَىٰ وَفِرْعَوْنَ بِالْحَقِّ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ساڭا مۇسا ۋە پىرئەۋن قىسسەسىنى ھەقلىق ئاساستا ئوقۇپ بېرىمىز[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ساڭا مۇسا ۋە پىرئەۋن قىسسىسىنى توغرا رەۋىشتە ئوقۇپ بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ساڭا مۇسا بىلەن فىرئەۋننىڭ بىر قىسىم خەۋەرلىرىنى ئىمان ئېيتىدىغانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئەينەن ئوقۇپ بېرىمىز.
28 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ أُمِّ مُوسَىٰ أَنْ أَرْضِعِيهِ ۖ فَإِذَا خِفْتِ عَلَيْهِ فَأَلْقِيهِ فِي الْيَمِّ وَلَا تَخَافِي وَلَا تَحْزَنِي ۖ إِنَّا رَادُّوهُ إِلَيْكِ وَجَاعِلُوهُ مِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن، (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز»[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى دەرياغا تاشلىغىن، قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن، چۈنكى بىز ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز»
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسانىڭ ئانىسىغا مۇنداق ۋەھىي قىلدۇق: «ئۇنى ئېمىتكىن. ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق كېلىشتىن قورقساڭ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىغىن، قورقمىغىن، قايغۇرمىغىن. بىز ئۇنى چوقۇم ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمىز، ئۇنى چوقۇم ئەلچىلىرىمىزدىن قىلىمىز».
28 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْتَقَطَهُ آلُ فِرْعَوْنَ لِيَكُونَ لَهُمْ عَدُوًّا وَحَزَنًا ۗ إِنَّ فِرْعَوْنَ وَهَامَانَ وَجُنُودَهُمَا كَانُوا خَاطِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى. ئاقىۋەت (مۇسا) ئۇلارغا دۈشمەن ۋە خاپىلىق بولدى. شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى ئاقىۋەت ئۆزلىرىگە دۈشمەن، ۋە خاپىلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇنى سۈزۈۋالدى. شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسانى فىرئەۋننىڭ ئائىلىسى تېپىۋالدى. ئۇ، ئاقىۋەت ئۇلارغا دۈشمەن ۋە باشلىرىغا دەرد بولاتتى. فىرئەۋن، ھامان ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ قوشۇنلىرى ھەقىقەتەن خاتالاشقان ئىدى.
28 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتِ امْرَأَتُ فِرْعَوْنَ قُرَّتُ عَيْنٍ لِي وَلَكَ ۖ لَا تَقْتُلُوهُ عَسَىٰ أَنْ يَنْفَعَنَا أَوْ نَتَّخِذَهُ وَلَدًا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋننىڭ ئايالى: «(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا كۆز نۇرى (يەنى خۇشاللىق) بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار (پىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى) ئۇقمايتتى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋننىڭ ئايالى: «-بۇ بالا- ماڭا ۋە ساڭا كۆزنۇرى بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار -ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى- ئۇقمايتتى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ ئايالى: «بۇ ماڭىمۇ، ساڭىمۇ خۇشاللىق مەنبەسى بولىدىغان ئوماق بىر بالا! ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، كەلگۈسىدە بىزگە ئەسقېتىشى مۇمكىن ياكى ئۇنى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن خاتا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى تۇيمايتتى.
28 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَصْبَحَ فُؤَادُ أُمِّ مُوسَىٰ فَارِغًا ۖ إِنْ كَادَتْ لَتُبْدِي بِهِ لَوْلَا أَنْ رَبَطْنَا عَلَىٰ قَلْبِهَا لِتَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ ئانىسى (مۇسانىڭ پىرئەۋننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ) ئەس ـ ھوشىنى يوقاتتى، (ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بالىنى قايتۇرۇش ۋەدىسىگە) ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ ئانىسى ئەس ـ ھوشىنى يوقاتتى، ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: مۇسانىڭ ئانىسى بالىسىنىڭ فىرئەۋننىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئەس - ھوشىنى يوقاتتى، بالىسىدىن باشقا ھەر نەرسىنى ئۇنتۇدى. ئۇ، مۇسانىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالدى. ئەگەر بىز ئۇنىڭ ۋەدىمىزگە ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن قەلبىنى مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بۇنى ئاشكارىلاپ قوياتتى.
28 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتْ لِأُخْتِهِ قُصِّيهِ ۖ فَبَصُرَتْ بِهِ عَنْ جُنُبٍ وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئانىسى مۇسانىڭ ھەمشىرىسىگە: «(خەۋەرنى ئۇقۇش ئۈچۈن) مۇساغا ئەگەشكىن» دېدى. ھەمشىرىسى مۇسانى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى. ھالبۇكى، ئۇلار (ئۇنى) تۇيمايتتى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئانىسى مۇسانىڭ ھەمشىرىسىگە: «مۇساغا ئەگەشكىن» دېدى. ھەمشىرىسىمۇ ئۇلارغا تۇيدۇرماستىن مۇسانى كۆزىتىپ تۇردى
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇسانىڭ ئاچىسىغا: «ئۇنى ئىزدىگىن» دېدى. ئاچىسى مۇسانى يىراقتىن كۆزەتتى. فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇنى تۇيمايتتى.
28 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَرَّمْنَا عَلَيْهِ الْمَرَاضِعَ مِنْ قَبْلُ فَقَالَتْ هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ أَهْلِ بَيْتٍ يَكْفُلُونَهُ لَكُمْ وَهُمْ لَهُ نَاصِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۆز ئانىسى كېلىشتىن) ئىلگىرى مۇسانى سۈت ئەمگۈزگۈچى ئاياللارنىڭ ئېمىتىشىدىن توستۇق، مۇسانىڭ ھەمشىرىسى: «سىلەرگە مۇسانى ئوبدان باقىدىغان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ» دېدى[12
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىلگىرى مۇسانىڭ سۈت ئەمگۈزگۈچى ئاياللارنى ئېمىشىگە رۇخسەت قىلمىدۇق، مۇسانىڭ ھەمشىرىسى: «سىلەرگە مۇسانى باقىدىغان ئوبدان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسانى ئانىسى كەلمەستىن سۈت ئانىلىرىنى ئېمىشتىن توستۇق. مۇسانىڭ ئاچىسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە، بۇ بالىنى سىلەر ئۈچۈن بېقىپ بېرىدىغان، بۇنى ئوبدان يېتىشتۈرىدىغان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى.
28 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَرَدَدْنَاهُ إِلَىٰ أُمِّهِ كَيْ تَقَرَّ عَيْنُهَا وَلَا تَحْزَنَ وَلِتَعْلَمَ أَنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق، لېكىن ئىنسالارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز مۇسانى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردۇق. بىز بۇنى مۇسانىڭ ئانىسىنى خۇشال بولسۇن، قايغۇرمىسۇن ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلسۇن دەپ قىلدۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
28 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُ وَاسْتَوَىٰ آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۆسۈپ يېتىلگەندە، ئەقلى توشقاندا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، بىز ياخشىلارغا مۇشۇنداق مۇكاپات بېرىمىز[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۆسۈپ يېتىلگەندە، ئەقلى توشقاندا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، بىز ياخشىلارغا مۇشۇنداق مۇكاپات بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: مۇسا قىرانلىق دەۋرىگە يېتىپ ئەقلىگە تولغاندا، بىز ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
28 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَخَلَ الْمَدِينَةَ عَلَىٰ حِينِ غَفْلَةٍ مِنْ أَهْلِهَا فَوَجَدَ فِيهَا رَجُلَيْنِ يَقْتَتِلَانِ هَٰذَا مِنْ شِيعَتِهِ وَهَٰذَا مِنْ عَدُوِّهِ ۖ فَاسْتَغَاثَهُ الَّذِي مِنْ شِيعَتِهِ عَلَى الَّذِي مِنْ عَدُوِّهِ فَوَكَزَهُ مُوسَىٰ فَقَضَىٰ عَلَيْهِ ۖ قَالَ هَٰذَا مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ ۖ إِنَّهُ عَدُوٌّ مُضِلٌّ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا شەھەر ئاھالىسىدىن ھېچ كىشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا (يەنى چۈشلۈك ئۇيقۇدىكى چاغدا) شەھەرگە كىردى، ئۇ شەھەردە ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. (ئۇرۇشۇۋاتقانلاردىن) بىرى ئۆز قەۋمىدىن بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنى ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم دۈشمىنىگە قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر»[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا شەھەر ئاھالىسىدىن ھېچ كىشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا شەھەرگە كىردى، ئۇ شەھەردە ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇرۇشۇۋاتقانلاردىن بىرى ئۆز قەۋمىدىن بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنى ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم دۈشمىنىگە قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر»
ئەنەس ئالىم: مۇسا شەھەر ئاھالىسى غاپىللىق ئىچىدە بولۇۋاتقان ئەسنادا شەھەرگە كىردى، شەھەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى كىشىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆز تەرەپدارىدىن ئىدى، يەنە بىرى دۈشمىنىدىن ئىدى. مۇسانىڭ تەرەپدارىدىن بولغان كىشى مۇسانىڭ دۈشمىنىدىن بولغان كىشىگە قارشى مۇسادىن ياردەم تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا دۈشمىنىدىن بولغان كىشىنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. ئاندىن: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېدى.
28 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي فَاغْفِرْ لِي فَغَفَرَ لَهُ ۚ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم. ماڭا مەغپىرەت قىلغىن». ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم. ماڭا مەغپىرەت قىلغىن». ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم! مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، ماڭا مەغپىرەت قىلغىن!» دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
28 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ بِمَا أَنْعَمْتَ عَلَيَّ فَلَنْ أَكُونَ ظَهِيرًا لِلْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا (مەغپىرەت قىلغانلىق) نېمىتىڭ سەۋەبى بىلەن مەن ھەرگىز گۇناھكارلارغا ياردەمچى بولمايمەن»[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! نېمىتىڭ سەۋەبى بىلەن مەن ھەرگىز گۇناھكارلارغا ياردەمچى بولمايمەن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم ماڭا ئىنئام قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھكارلارغا ھەرگىزمۇ ياردەمچى بولمايمەن» دېدى.
28 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَصْبَحَ فِي الْمَدِينَةِ خَائِفًا يَتَرَقَّبُ فَإِذَا الَّذِي اسْتَنْصَرَهُ بِالْأَمْسِ يَسْتَصْرِخُهُ ۚ قَالَ لَهُ مُوسَىٰ إِنَّكَ لَغَوِيٌّ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئەتىسى ئەتىگەندە قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپىغا قاراپ شەھەر ئارىلاپ يۈرەتتى. توساتتىن تۈنۈگۈن ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىگەن ئادەم (بىر قىبتى بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان ھالدا) مۇسادىن يەنە ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «سەن ھەقىقەتەن ئاشكارا گۇمراھ ئىكەنسەن» دېدى[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئەتىسى ئەتىگەندە قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپىغا قاراپ شەھەر ئارىلاپ يۈرەتتى، ناگاھان تۈنۈگۈن ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىگەن ئادەم مۇسادىن يەنە ياردەم تىلىدى، مۇسا ئۇنىڭغا: «سەن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئازغۇن ئىكەنسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئەتىسى ئەتىگەن شەھەردە، قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپنى كۆزەتكەن ھالدا ئايلىنىپ يۈرەتتى، تۈنۈگۈن ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلغان كىشى بىردىنلا ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ توۋلىدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «شۈبھىسىزكى، سەن ئوچۇق - ئاشكارا ئازغۇنسەن!» دېدى.
28 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَنْ أَرَادَ أَنْ يَبْطِشَ بِالَّذِي هُوَ عَدُوٌّ لَهُمَا قَالَ يَا مُوسَىٰ أَتُرِيدُ أَنْ تَقْتُلَنِي كَمَا قَتَلْتَ نَفْسًا بِالْأَمْسِ ۖ إِنْ تُرِيدُ إِلَّا أَنْ تَكُونَ جَبَّارًا فِي الْأَرْضِ وَمَا تُرِيدُ أَنْ تَكُونَ مِنَ الْمُصْلِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئىككىسىنىڭ (ئورتاق) دۈشمىنى بولغان ئادەم (يەنى قىبتى) گە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ياردەم تىلىگەن ئادەم: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنى ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ سەن زېمىندا ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى خالىماي، پەقەت زومىگەر بولۇشنىلا خالايسەن» دېدى[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئىككىسىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان ئادەم- قىبتى- گە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ئۇ ئادەم: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن، سەن زېمىندا تۈزىگۈچىلەردىن بولۇشنى خالىماي، پەقەت زومىگەر بولۇشنىلا خالايسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆزىنىڭ ۋە ئۇ ياردەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ دۈشمىنى بولغان كىشىنى تۇتماقچى بولغان ئىدى، ئۇ: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك، مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ سەن بۇ يەردە زومىگەر بولۇشنىلا ئىرادە قىلىسەن، ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلمايسەن» دېدى.
28 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَ رَجُلٌ مِنْ أَقْصَى الْمَدِينَةِ يَسْعَىٰ قَالَ يَا مُوسَىٰ إِنَّ الْمَلَأَ يَأْتَمِرُونَ بِكَ لِيَقْتُلُوكَ فَاخْرُجْ إِنِّي لَكَ مِنَ النَّاصِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىر ئادەم شەھەرنىڭ يىراق يېرىدىن ئالدىراپ كېلىپ: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، كاتتىلار سېنى ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەت قىلىشىۋاتىدۇ، (شەھەردىن دەرھال) چىقىپ كەتكىن، مەن ئەلۋەتتە ساڭا سادىق كىشىلەردىنمەن» دېدى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر ئادەم شەھەرنىڭ يىراق يېرىدىن ئالدىراپ كېلىپ: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، كاتتىلار سېنى ئۆلتۈرۈشكە مەسلىھەت قىلىشىۋاتىدۇ، -شەھەردىن دەرھال- چىقىپ كەتكىن، مەن ئەلۋەتتە ساڭا نەسىھەت قىلغۇچىلاردىنمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شەھەرنىڭ ئەڭ يىراق تەرىپىدىن بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى مۇسا! ئەمەلدارلار سېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ھەققىڭدە كېڭىشىۋاتىدۇ. بۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كەتكىن. مەن ھەقىقەتەن ساڭا كۆيۈنگۈچىلەردىنمەن».
28 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَخَرَجَ مِنْهَا خَائِفًا يَتَرَقَّبُ ۖ قَالَ رَبِّ نَجِّنِي مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا باققان ھالدا شەھەردىن چىقتى، ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېدى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا باققان ھالدا شەھەردىن چىقتى، ئۇ: «ئى رەببىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپنى كۆزەتكەن ھالدا ئۇ يەردىن چىقتى ۋە: «رەببىم! مېنى شۇ زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن!» دېدى.
28 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا تَوَجَّهَ تِلْقَاءَ مَدْيَنَ قَالَ عَسَىٰ رَبِّي أَنْ يَهْدِيَنِي سَوَاءَ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چاغدا: «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى مۇمكىن» دېدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چاغدا: «رەببىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى مۇمكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چېغىدا: «رەببىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىگەي» دېدى.
28 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا وَرَدَ مَاءَ مَدْيَنَ وَجَدَ عَلَيْهِ أُمَّةً مِنَ النَّاسِ يَسْقُونَ وَوَجَدَ مِنْ دُونِهِمُ امْرَأَتَيْنِ تَذُودَانِ ۖ قَالَ مَا خَطْبُكُمَا ۖ قَالَتَا لَا نَسْقِي حَتَّىٰ يُصْدِرَ الرِّعَاءُ ۖ وَأَبُونَا شَيْخٌ كَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا مەديەندىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە (ماللىرىنى) سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنى كۆردى. ئۇلاردىن باشقا يەنە (قويلىرىنى سۇدىن) توسۇپ تۇرغان ئىككى ئايالنى كۆردى. مۇسا ئۇلارغا: «سىلەرگە نېمە بولدى؟ (يەنى قويلىرىڭلارنى سۇدىن توسۇپ تۇرۇپ تۇرۇپسىلەرغۇ؟)» دېدى، ئۇلار: «پادىچىلار قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن بىز سۇغىرىمىز، ئاتىمىز بولسا ياشىنىپ قالغان بوۋايدۇر» دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا مەديەندىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە ماللىرىنى سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنى كۆردى. ئۇلاردىن باشقا يەنە -قويلىرىنى سۇدىن- توسۇپ تۇرغان ئىككى ئايالنى كۆردى. مۇسا ئۇلارغا: «سىلەرگە نېمە بولدى؟» دېدى، ئۇلار: «پادىچىلار قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن بىز سۇغىرىمىز، ئاتىمىز بولسا ياشىنىپ قالغان بوۋايدۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ مەديەن سۈيىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ماللىرىنى سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىنى ئۇچراتتى، ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ماللىرىنى سۇدىن توسۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى ئايال كۆردى ۋە ئۇلارغا: «ئىككىڭلار نېمىشقا ئۇ يەردە تۇرۇۋاتىسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «پادىچىلار ئايرىلمىغۇچە بىز سۇغىرالمايمىز. ئاتىمىز بەك ياشىنىپ كەتكەن كىشىدۇر» دېدى.
28 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَقَىٰ لَهُمَا ثُمَّ تَوَلَّىٰ إِلَى الظِّلِّ فَقَالَ رَبِّ إِنِّي لِمَا أَنْزَلْتَ إِلَيَّ مِنْ خَيْرٍ فَقِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارنىڭ قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى، ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ (بىر دەرەخنىڭ) سايىسىگە بېرىپ (ئولتۇرۇپ): «پەرۋەردىگارىم! ماڭا رىزىقتىن نېمىنىلا بەرسەڭ، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا موھتاج» دېدى[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلارنىڭ قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى، ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ بىر دەرەخنىڭ سايىسىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ: «رەببىم! ماڭا رىزىقتىن نېمىنىلا بەرسەڭ، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا موھتاج» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارنىڭ ماللىرىنى سۇغىرىپ بەردى، ئاندىن سايىغا بېرىپ: «رەببىم! ماڭا قانداق ياخشىلىق ئاتا قىلساڭ، مەن ئۇنىڭغا موھتاجمەن!» دېدى.
28 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَجَاءَتْهُ إِحْدَاهُمَا تَمْشِي عَلَى اسْتِحْيَاءٍ قَالَتْ إِنَّ أَبِي يَدْعُوكَ لِيَجْزِيَكَ أَجْرَ مَا سَقَيْتَ لَنَا ۚ فَلَمَّا جَاءَهُ وَقَصَّ عَلَيْهِ الْقَصَصَ قَالَ لَا تَخَفْ ۖ نَجَوْتَ مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى ئۇ ئىككى ئايالنىڭ) بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ئۇياتچانلىق بىلەن مېڭىپ كېلىپ: «(قويلىرىمىزنى) سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن ئاتام سېنى راستتىنلا چاقىرىدۇ» دېدى. مۇسا ئۇنىڭ (يەنى شۇئەيبنىڭ) قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى ھېكايە قىلىپ بەردى، شۇئەيب: « قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ» دېدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ئۇياتچانلىق بىلەن مېڭىپ كېلىپ: «-قويلىرىمىزنى- سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن ئاتام سېنى راستتىنلا چاقىرىدۇ» دېدى. مۇسا ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى ھېكايە قىلىپ بەردى، ئۇ: « قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ» دېدى
ئەنەس ئالىم: بۇ ئەسنادا ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ھايا قىلغان ھالدا بىلەن مېڭىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «سېنى ئاتام چاقىرىدۇ. ساڭا ماللىرىمىزنى سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىدىكەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ بېشىدىن ئۆتكەن ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى، ئۇ كىشى: «قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ» دېدى.
28 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ إِحْدَاهُمَا يَا أَبَتِ اسْتَأْجِرْهُ ۖ إِنَّ خَيْرَ مَنِ اسْتَأْجَرْتَ الْقَوِيُّ الْأَمِينُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللارنىڭ) بىرى ئېيتتى: «ئى ئاتا، ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك، ئىشەنچلىكتۇر»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېلىقى ئىككى ئاياللارنىڭ بىرى ئېيتتى: «ئى ئاتا، ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىكتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئىككى ئايالنىڭ بىرى: «ئى دادىكا! بۇ كىشىنى ھەق بېرىپ ئىشلەتكىن. سەن ھەق بېرىپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك بولغان بۇ كىشىدۇر» دېدى.
28 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنِّي أُرِيدُ أَنْ أُنْكِحَكَ إِحْدَى ابْنَتَيَّ هَاتَيْنِ عَلَىٰ أَنْ تَأْجُرَنِي ثَمَانِيَ حِجَجٍ ۖ فَإِنْ أَتْمَمْتَ عَشْرًا فَمِنْ عِنْدِكَ ۖ وَمَا أُرِيدُ أَنْ أَشُقَّ عَلَيْكَ ۚ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى شۇئەيب) ئېيتتى: «ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ بەدىلىگە ساڭا بۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى بېرىشنى خالايمەن، ئەگەر ئون يىلنى توشقۇزۇۋەتسەڭ (ئۇمۇ) ئىختىيارىڭ، (ئون يىلنى شەرت قىلىپ) سېنى مۇشەققەتكە سېلىپ قويۇشنى خالىمايمەن، خۇدا خالىسا، مېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىمنى بايقايسەن»[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ بەدىلىگە ساڭا بۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى بېرىشنى خالايمەن، ئەگەر ئون يىلنى توشقۇزۇۋەتسەڭ ئۇ ياخشىلىق بولۇپ قالىدۇ، سېنى مۇشەققەتكە سېلىپ قويۇشنى خالىمايمەن، خۇدا خالىسا، مېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىمنى بايقايسەن»
ئەنەس ئالىم: ياشانغان ئادەم مۇنداق دېدى: «ساڭا شۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى نىكاھلاپ بېرىشنى ئىرادە قىلىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىسەن، ئەگەر مۇددەتنى ئون يىل قىلىپ تاماملىساڭ، بۇ سېنىڭ ياخشىلىقىڭ بولىدۇ. مەن سېنى مۇشەققەتكە سېلىشنى ئىرادە قىلمايمەن. ئىنشائاللاھ مېنىڭ ياخشى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن».
28 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ ذَٰلِكَ بَيْنِي وَبَيْنَكَ ۖ أَيَّمَا الْأَجَلَيْنِ قَضَيْتُ فَلَا عُدْوَانَ عَلَيَّ ۖ وَاللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «بۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدىكى توختامدۇر، ئىككى مۇددەت (يەنى سەككىز يىل بىلەن ئون يىل) نىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام توشقۇزاي، ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاللاھ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر»[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «بۇ، ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدىكى توختامدۇر، ئىككى مۇددەتنىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام توشقۇزاي، ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاللاھ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر»
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «بۇ دېگەنلىرىڭىز ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا توختام بولسۇن. مەن ئىككى مۇددەتنىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام، ماڭا ھەقسىزلىق قىلىنمايدۇ. ئاللاھ دېيىشكەن سۆزلىرىمىزگە گۇۋاھتۇر».
28 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا قَضَىٰ مُوسَى الْأَجَلَ وَسَارَ بِأَهْلِهِ آنَسَ مِنْ جَانِبِ الطُّورِ نَارًا قَالَ لِأَهْلِهِ امْكُثُوا إِنِّي آنَسْتُ نَارًا لَعَلِّي آتِيكُمْ مِنْهَا بِخَبَرٍ أَوْ جَذْوَةٍ مِنَ النَّارِ لَعَلَّكُمْ تَصْطَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا (ئۆز ئارا كېلىشكەن) مۇددەتنى (يەنى كېلىشكەن مۇددەتنىڭ تولۇقراقى بولغان ئون يىلنى) توشقۇزغاندىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ (مىسىرغا قاراپ) يولغا چىقتى، ئۇ تۇر تېغى تەرىپىدە ئوت كۆردى، ئۇ ئايالىغا: «شۈبھىسىزكى، مەن (يىراقتىن) ئوت كۆردۈم، ئۇ يەردىن مەن سىلەرگە بىر خەۋەر ئېلىپ كېلەي، يا سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى (مۇسا ئەلەيھىسسالام ئوتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئوت ئەمەس نۇر ئىكەنلىكىنى بىلدى)(ئىزاھات:بۇ سوغۇق كېچىدە ئۇلار يولدىن ئادىشىپ كەتتى، قاتتىق بوران چىقىپ، مۇسا ئەلەيھسسالامنىڭ پادىسىنى تارقىتىۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىنىڭ تولغىقى تۇتۇپ قالدى. مۇشۇنداق چاغدا مۇسا ئەلەيھىسىسالامغا يىراقتىن بىر ئوت كۆرۈندى.)[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ مۇسا مۇددەتنى توشقۇزغاندىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ -مىسىرغا قاراپ- يولغا چىقتى، ئۇ تۇر تېغى تەرىپىدە ئوت كۆردى[1]، ئۇ ئايالىغا: «شۈبھىسىزكى، مەن بىر ئوت بايقىدىم، ئۇ يەردىن مەن سىلەرگە بىر خەۋەر ئېلىپ كېلەي، يا سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇددەتنى توشقۇزۇپ ئائىلىسى بىلەن كېتىۋاتقاندا، تۇر تېغى تەرىپىدە بىر ئوت كۆردى ۋە ئائىلىسىگە: «سىلەر بۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇڭلار، مەن ئوت كۆردۈم. بەلكى سىلەرگە ئۇ يەردىن خەۋەر ياكى بىر پارچە ئوت ئېلىپ كېلەرمەن، ئىسسىنارسىلەر» دېدى.
28 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَتَاهَا نُودِيَ مِنْ شَاطِئِ الْوَادِ الْأَيْمَنِ فِي الْبُقْعَةِ الْمُبَارَكَةِ مِنَ الشَّجَرَةِ أَنْ يَا مُوسَىٰ إِنِّي أَنَا اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە ۋادىنىڭ ئوڭ تەرىپىنىڭ گىرۋىكىگە توغرا كېلىدىغان مۇبارەك جايدىكى دەرەخ تەرەپتىن (مۇنداق) نىدا ئاڭلاندى: «ئى مۇسا، (ساڭا سۆز قىلىۋاتقان) مەن، ھەقىقەتەن، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتۇرمەن[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە ۋادىنىڭ ئوڭ تەرىپىنىڭ گىرۋىكىگە توغرا كېلىدىغان مۇبارەك جايدىكى دەرەخ تەرەپتىن -مۇنداق- بىر نىدا ئاڭلاندى: «ئى مۇسا، مەن، ھەقىقەتەن، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھدۇرمەن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى، ئۇنىڭغا بەرىكەتلىك جايدىكى ۋادىنىڭ ئوڭ گىرۋىكىدىكى دەرەختىن مۇنداق نىدا كەلدى: «ئى مۇسا! مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتۇرمەن.
28 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْ أَلْقِ عَصَاكَ ۖ فَلَمَّا رَآهَا تَهْتَزُّ كَأَنَّهَا جَانٌّ وَلَّىٰ مُدْبِرًا وَلَمْ يُعَقِّبْ ۚ يَا مُوسَىٰ أَقْبِلْ وَلَا تَخَفْ ۖ إِنَّكَ مِنَ الْآمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى، كەينىگە قارىمىدى، (نىدا قىلىندىكى) «ئى مۇسا! ئالدىڭغا ماڭغىن، قورقمىغىن، سەن ھەقىقەتەن (قورقۇنچتىن) ئەمىن بولغۇچىلاردىنسەن[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى، كەينىگە قارىمىدى، -نىدا قىلىندىكى،- «ئى مۇسا! ئالدىڭغا ماڭغىن، قورقمىغىن، سەن ھەقىقەتەن بىخەتەرلىككە ئېرىشكۈچىلەردىنسەن
ئەنەس ئالىم: ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا يەرگە چۈشكەن ھاسىسىنىڭ يىلاندەك تولغۇنۇپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى ۋە كەينىگە قايتمىدى. بۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئى مۇسا! قايتىپ كەلگىن، قورقمىغىن، سەن خاتىرجەم بولغۇچىلاردىنسەن.
28 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
اسْلُكْ يَدَكَ فِي جَيْبِكَ تَخْرُجْ بَيْضَاءَ مِنْ غَيْرِ سُوءٍ وَاضْمُمْ إِلَيْكَ جَنَاحَكَ مِنَ الرَّهْبِ ۖ فَذَانِكَ بُرْهَانَانِ مِنْ رَبِّكَ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز (بىر پارچە ئايدەك پارلاپ) ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭنى يىغىۋالغىن (يەنى قوينۇڭغا سېلىۋالغىن)، بۇ ئىككىسى پىرئەۋنگە (ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ) چوڭلىرىغا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن (بىزنىڭ ئىتائىتىمىزدىن چىققۇچى) پاسىق قەۋم ئىدى»[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭنى يىغىۋالغىن، بۇ ئىككىسى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى»
ئەنەس ئالىم: قولۇڭنى قوينۇڭغا تىققىن، نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق چىقىدۇ. قورققانلىقىڭ ئۈچۈن ئېچىلغان قوللىرىڭنى يىغىۋالغىن. ئەنە شۇ ئىككىسى، فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە قارشى رەببىڭ ساڭا بەرگەن ئىككى دەلىلدۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋمدۇر».
28 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي قَتَلْتُ مِنْهُمْ نَفْسًا فَأَخَافُ أَنْ يَقْتُلُونِ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلاردىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلاردىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! مەن ئۇلاردىن بىرىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدىم، بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن.
28 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَخِي هَارُونُ هُوَ أَفْصَحُ مِنِّي لِسَانًا فَأَرْسِلْهُ مَعِيَ رِدْءًا يُصَدِّقُنِي ۖ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُكَذِّبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭدىن راۋاندۇر، ئۇنى مەن بىلەن (پەيغەمبەرلىكىمنى) تەستىقلايدىغان ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن»[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭدىن راۋاندۇر، ئۇنى مېنى تەستىقلايدىغان ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭكىدىن راۋان. شۇڭلاشقا ئۇنىمۇ مەن بىلەن بىرلىكتە ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، مېنى تەستىقلىسۇن. مەن ئۇلارنىڭ مېنى يالغانچى دېيىشىدىن بەك قورقىمەن».
28 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَنَشُدُّ عَضُدَكَ بِأَخِيكَ وَنَجْعَلُ لَكُمَا سُلْطَانًا فَلَا يَصِلُونَ إِلَيْكُمَا ۚ بِآيَاتِنَا أَنْتُمَا وَمَنِ اتَّبَعَكُمَا الْغَالِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «قېرىندىشىڭ ئارقىلىق سېنى كۈچەيتىمىز، ئىككىڭلارنى غالىب قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىككىڭلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىككىڭلارغا ئەگەشكەنلەر بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئارقىلىق غەلىبە قىلىسىلەر»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «قېرىندىشىڭ ئارقىلىق سېنى كۈچەيتىمىز ۋە ئىككىڭلارنى غالىب قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز سەۋەبلىك ئىككىڭلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىككىڭلارغا ئەگەشكەنلەر غەلىبە قىلغۇچىلارسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «قېرىندىشىڭ بىلەن سېنى كۈچلەندۈرىمىز، ئىككىڭلارغا كۈچ بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىلەرگە چېقىلالمايدۇ. ئايەتلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىڭلار، سىلەر ۋە سىلەرگە ئەگەشكەنلەر چوقۇم غالىب كېلىسىلەر».
28 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَهُمْ مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا بَيِّنَاتٍ قَالُوا مَا هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُفْتَرًى وَمَا سَمِعْنَا بِهَٰذَا فِي آبَائِنَا الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردۇر، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ (زامانىدا) بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدۇق» دېدى[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردۇر، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىدا بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدۇق» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا روشەن ئايەتلىرىمىزنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «بۇ پەقەت ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردىنلا ئىبارەت. بىز بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا بۇنداق نەرسە بارلىقىنى ئاڭلىمىدۇق» دېدى.
28 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ رَبِّي أَعْلَمُ بِمَنْ جَاءَ بِالْهُدَىٰ مِنْ عِنْدِهِ وَمَنْ تَكُونُ لَهُ عَاقِبَةُ الدَّارِ ۖ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم ئۆزىنىڭ دەرگاھىدىن كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئاخىرەتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىگە كىمنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، زالىملار (يەنى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغۇچى فاجىرلار) چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىم ئۆزىنىڭ دەرگاھىدىن كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئاخىرەتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىگە كىمنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، زالىملار چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم، ھىدايەتنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىن كىمنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ يۇرتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتى كىمنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. زالىملار مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ».
28 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ مِنْ بَعْدِ مَا أَهْلَكْنَا الْقُرُونَ الْأُولَىٰ بَصَائِرَ لِلنَّاسِ وَهُدًى وَرَحْمَةً لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز (نۇھنىڭ قەۋمى ئاد، سەمۇد ۋە لۇتنىڭ قەۋمى قاتارلىق) ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) نىڭ دىللىرىغا (ھەقىقەتنى كۆرىدىغان) نۇر بېرىپ، ئۇلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلدۇق، ئۇلار ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، مۇساغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ دىللىرىغا نۇر، ھىدايەت رەھبىرى ۋە رەھمەت بولۇشى ئۈچۈن مۇساغا كىتابنى بەردۇق، ئۇمىتكى ئۇلار ۋەز ـ نەسىھەت ئالغايلار
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرىكى نەسىللەرنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن مۇساغا، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل كۆزلىرىنى ئاچىدىغان دەلىللەر، ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان كىتابنى بەردۇق. بۇنى ئۇلارنى ئويلانسۇن دەپ قىلدۇق.
28 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كُنْتَ بِجَانِبِ الْغَرْبِيِّ إِذْ قَضَيْنَا إِلَىٰ مُوسَى الْأَمْرَ وَمَا كُنْتَ مِنَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بىز غەربىي تاغنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا ۋەھىي نازىل قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، (بۇنى) ئۆز كۆزۈڭ بىلەنمۇ كۆرمىگەن ئىدىڭ[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- بىز غەربىي تاغنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا ھۆكمىمىزنى بىلدۈرگەن ۋاختىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، -بۇنى- ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەنلەردىنمۇ ئەمەسسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز مۇساغا ئەمرىمىزنى ۋەھىي قىلغان چاغدا سەن ۋادىنىڭ غەرب تەرىپىدە يوق ئىدىڭ، سەن كۆرگەنلەردىنمۇ ئەمەس ئىدىڭ.
28 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَٰكِنَّا أَنْشَأْنَا قُرُونًا فَتَطَاوَلَ عَلَيْهِمُ الْعُمُرُ ۚ وَمَا كُنْتَ ثَاوِيًا فِي أَهْلِ مَدْيَنَ تَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِنَا وَلَٰكِنَّا كُنَّا مُرْسِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن بىز نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغۇچى بولغىنىڭ يوق، لېكىن بىز (سېنى ئۇلاردىن باشقا بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن بىز نۇرغۇن نەسىللەرنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغۇچى بولغىنىڭ يوق، لېكىن بىز ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكۈچىلەرمىز
ئەنەس ئالىم: لېكىن بىز نۇرغۇن نەسىللەر ياراتتۇق. ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇزۇن زامانلار ئۆتتى. سېنىڭ مەديەن ئاھالىسى ئىچىدە ياشاپ، ئۇلارغا ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلغىنىڭ يوق. لېكىن سېنى بىز ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
28 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كُنْتَ بِجَانِبِ الطُّورِ إِذْ نَادَيْنَا وَلَٰكِنْ رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ لِتُنْذِرَ قَوْمًا مَا أَتَاهُمْ مِنْ نَذِيرٍ مِنْ قَبْلِكَ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز تۇر تېغىنىڭ بىر تەرىپىدە (مۇساغا) سۆز قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، لېكىن بۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان رەھمەتتۇر[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز تۇر تېغىنىڭ بىر تەرىپىدە -مۇساغا- سۆز قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، لېكىن بۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان رەھمەتتۇر، ئۈمىتكى ئۇلار ۋەز ـ نەسىھەت ئالغايلار
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا نىدا قىلغان چاغدا سەن تۇر تېغىنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ. لېكىن بۇ رەببىڭنىڭ رەھمىتى بولۇپ، سەندىن ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ساڭا نازىل قىلىندى. ئۇلار ئويلانغاي!
28 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَهُمُ الْحَقُّ مِنْ عِنْدِنَا قَالُوا لَوْلَا أُوتِيَ مِثْلَ مَا أُوتِيَ مُوسَىٰ ۚ أَوَلَمْ يَكْفُرُوا بِمَا أُوتِيَ مُوسَىٰ مِنْ قَبْلُ ۖ قَالُوا سِحْرَانِ تَظَاهَرَا وَقَالُوا إِنَّا بِكُلٍّ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىز ۋەھىي قىلغان ھەقىقەت نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «(تەۋرات بىلەن قۇرئان) بىر ـ بىرىنى تەستىق قىلىدىغان سېھىردۇر» دېدى. ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن (ئىككى كىتابنىڭ) ھەربىرىنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېدى[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىزنىڭ تەرىپىدىن ھەقىقەت كەلگەندە ئۇلار: «ئۇنىڭغا نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەنلەر بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەنلەرنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «تەۋرات بىلەن قۇرئان، بىر ـ بىرىنى تەستىق قىلىدىغان سېھىرلەردۇر» دېدى. ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن ھەممىسىنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلارغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ھەق كەلگەندە: «بۇنىڭغا، نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىلەرگە ئوخشاش مۆجىزىلەر بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «بىر - بىرى بىلەن ياردەملەشكەن ئىككى سېھىر1» دېدى ۋە: «بىز ھېچبىرىگە ئىشەنمەيمىز» دېدى.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
15 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَلَبِثَ فِيهِمْ أَلْفَ سَنَةٍ إِلَّا خَمْسِينَ عَامًا فَأَخَذَهُمُ الطُّوفَانُ وَهُمْ ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، نۇھ (قەۋمىنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىپ) ئۇلارنىڭ ئىچىدە 50 يىل كەم 1000 يىل تۇردى (نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بۇتپەرەس بولۇپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە چىنپۈتمىدى). ئۇلار زالىم بولغانلىقلىرى (يەنى كۇفرىدا ۋە گۇمراھلىقتا چىڭ تۇرۇپ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى توپان (بالاسى) بىلەن ھالاك قىلدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە 50 يىل كەم 1000 يىل تۇردى. كېيىن زۇلۇم قىلىۋاتقان ئۇ قەۋمنى توپان ھالاك قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەللىك يىل كەم مىڭ يىل تۇردى2. ئاندىن ئۇلارنى توپان ھالاك قىلدى. ئۇلار بۇ ئەسنادا زۇلۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.
29 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِبْرَاهِيمَ إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاتَّقُوهُ ۖ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمنىمۇ (قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمنىمۇ -قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق-، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئىبراھىمنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
29 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا وَتَخْلُقُونَ إِفْكًا ۚ إِنَّ الَّذِينَ تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَا يَمْلِكُونَ لَكُمْ رِزْقًا فَابْتَغُوا عِنْدَ اللَّهِ الرِّزْقَ وَاعْبُدُوهُ وَاشْكُرُوا لَهُ ۖ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغىلا ئىبادەت قىلىسىلەر (بۇتلارنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغانسىلەر، بۇتلارنىڭ قولىدىن پايدا ـ زىيان كەلمەيدۇ) ۋە يالغاننىلا ئويدۇرىسىلەر، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار (يەنى بۇتلار) سىلەرگە رىزىق بېرىشكە قادىر ئەمەس، رىزىقنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن تەلەپ قىلىڭلار (رىزىق بېرىشكە پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزى قادىردۇر)، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن بۇتلارغىلا ئىبادەت قىلىسىلەر ۋە يالغاننىلا ئويدۇرىسىلەر، سىلەرنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار، سىلەرگە رىزىق بېرىشكە قادىر ئەمەس، شۇڭا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقنى تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ پەقەت بۇتلارغىلا چوقۇنۇۋاتىسىلەر ۋە بوھتان توقۇۋاتىسىلەر. سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان زاتلار سىلەرگە رىزىق بېرەلمەيدۇ. ئۇنداقتا رىزىقنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن ئىزدەڭلار، ئاللاھقا چوقۇنۇڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
29 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا اقْتُلُوهُ أَوْ حَرِّقُوهُ فَأَنْجَاهُ اللَّهُ مِنَ النَّارِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار!» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى. ئاللاھ ئۇنى ئوتتىن قۇتۇلدۇردى (ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتقا تاشلىغاندا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئوتنى سۈرۈن ۋە ئامان جاي قىلىپ بەردى). ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار!» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى ئوتتىن قۇتۇلدۇردى. ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: قەۋمىنىڭ ئىبراھىمغا بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار». لېكىن ئاللاھ ئىبراھىمنى ئوتتىن قۇتقۇزدى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
29 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ إِنَّمَا اتَّخَذْتُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا مَوَدَّةَ بَيْنِكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ ثُمَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُ بَعْضُكُمْ بِبَعْضٍ وَيَلْعَنُ بَعْضُكُمْ بَعْضًا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئېيتتى: «بۇ دۇنيادا (بۇتلارغا چوقۇنۇش مەقسىتىدە يىغىلىشىڭلارنىڭ) ئاراڭلاردىكى دوستلۇققا سەۋەب بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار، ئاندىن قىيامەت كۈنى بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئىنكار قىلىسىلەر، بەزىڭلارغا بەزىڭلار لەنەت ئوقۇيسىلەر (يەنى قىيامەت كۈنى مەزكۇر دوستلۇق دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ، ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا ـ جۇدا بولىدۇ، ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى دوستلۇقى ئاللاھ ئۈچۈن بولغان ئەمەس)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرنى (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ»[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئېيتتى: «بۇ دۇنيادا ئاراڭلاردىكى دوستلۇققا سەۋەب بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار، ئاندىن قىيامەت كۈنى بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئىنكار قىلىسىلەر، بەزىڭلار بەزىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: «سىلەر بۇ دۇنيا ھاياتىدا ئاراڭلاردىكى دوستلۇقنى دەپلا ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىسىلەر. ئاندىن كېيىن قىيامەت كۈنى بىر - بىرىڭلارنى ئىنكار قىلىسىلەر، بىر - بىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچ ياردەمچى يوقتۇر».
29 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
فَآمَنَ لَهُ لُوطٌ ۘ وَقَالَ إِنِّي مُهَاجِرٌ إِلَىٰ رَبِّي ۖ إِنَّهُ هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: لۇت ئىبراھىمغا ئىمان ئېيتتى. ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن چوقۇم پەرۋەردىگارىم تەرىپىگە ھىجرەت قىلىمەن (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش يۈزىسىدىن ۋەتىنىمنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھ ئەمر قىلغان جايغا ھىجرەت قىلىپ بارىمەن). ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇنى چۈشەنگەن لۇت ئىبراھىمغا ئىمان ئېيتتى[1]. ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن چوقۇم رەببىم تەرىپىگە ھىجرەت قىلىمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىمغا لۇت ئىشەندى. ئىبراھىم: «مەن رەببىمگە ھىجرەت قىلىمەن. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دېدى.
29 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَجَعَلْنَا فِي ذُرِّيَّتِهِ النُّبُوَّةَ وَالْكِتَابَ وَآتَيْنَاهُ أَجْرَهُ فِي الدُّنْيَا ۖ وَإِنَّهُ فِي الْآخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق (يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام خۇدالىق ئۈچۈن قەۋمىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ياخشى پەرزەنت ئىسھاقنى بەردۇق ۋە ئىسھاقنىڭ ئوغلى بولغان نەۋرىسى يەئقۇبنى بەردۇق)، (ئۇنىڭدىن كېيىن) پەيغەمبەرلىكنى، كىتابنى (يەنى ساماۋى كىتابلارنى) ئۇنىڭ ئەۋلادىغا خاس قىلدۇق، دۇنيادىكى مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدۇق (يەنى جىمى دىنلاردا ئۇنى ياخشى نامغا ئىگە قىلدۇق)، ئۇ ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە ياخشى بەندىلەردىندۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن كەلگەنلەرگە پەيغەمبەرلىك ۋە كىتاب بەردۇق، دۇنيادىكى مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە ياخشى بەندىلەردىندۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، نەبىيلىكنى ۋە كىتابنى ئۇنىڭ نەسلىگە بەردۇق. ئۇنى دۇنيادا مۇكاپاتلىدۇق. ئۇ ئاخىرەتتىمۇ چوقۇم ياخشىلاردىن بولىدۇ.
29 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَلُوطًا إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ إِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الْفَاحِشَةَ مَا سَبَقَكُمْ بِهَا مِنْ أَحَدٍ مِنَ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لۇتنى (قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر ھەقىقەتەن قەبىھ ئىش قىلىۋاتىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن بىرىمۇ مۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلغان ئەمەس[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇتنىمۇ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر ھەقىقەتەن قەبىھ ئىش قىلىۋاتىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن بىرىمۇ مۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلغان ئەمەس
ئەنەس ئالىم: بىز لۇتنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر ھازىرغىچە پۈتۈن ئالەم ئىچىدىن ھېچكىم قىلمىغان قەبىھ ئىشنى قىلىۋاتىسىلەر.
29 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
أَئِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الرِّجَالَ وَتَقْطَعُونَ السَّبِيلَ وَتَأْتُونَ فِي نَادِيكُمُ الْمُنْكَرَ ۖ فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا ائْتِنَا بِعَذَابِ اللَّهِ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ھەقىقەتەن لىۋاتە قىلامسىلەر؟ يوللارنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلامسىلەر؟ سورۇنلىرىڭلاردا ئوپئوچۇق يامان ئىشلارنى قىلىۋېرەمسىلەر؟» ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئەلەر بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ، يوللارنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلامسىلەر؟ سورۇنلىرىڭلاردا ئوپئوچۇق يامان ئىشلارنى قىلىۋېرەمسىلەر؟ » ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئەرلەر بىلەن بىر يەردە بولۇۋاتىسىلەر، نەسىلنىڭ يولىنى ئۈزۈۋاتىسىلەر، سورۇنلىرىڭلاردا يامان ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر، شۇنداق ئەمەسمۇ!» شۇنىڭ بىلەن قەۋمىنىڭ لۇتقا بەرگەن بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن!».
29 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ انْصُرْنِي عَلَى الْقَوْمِ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لۇت: «پەرۋەردىگارىم! بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ماڭا ياردەم بەرگىن، ئۇلار بۇزغۇنچى ئەخمەقلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈزىلىشى ئۈمىد قىلىنمايدۇ، ئۇلار گۇمراھلىققا، بۇزۇقچىلىققا چۆمۈپ كەتكەن)» دېدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇت: «رەببىم! بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: لۇت: «رەببىم! بۇ بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم قىلغىن» دېدى.
29 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَتْ رُسُلُنَا إِبْرَاهِيمَ بِالْبُشْرَىٰ قَالُوا إِنَّا مُهْلِكُو أَهْلِ هَٰذِهِ الْقَرْيَةِ ۖ إِنَّ أَهْلَهَا كَانُوا ظَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلەر) ئىبراھىمغا (پەرزەنت بېرىلىشتىن ئىبارەت) خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز بۇ شەھەر ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز، ئۇنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم ئىدى» دېدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلچىلىرىمىز ئىبراھىمغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز بۇ شەھەر ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز، ئۇنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم ئىدى» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەلچىلىرىمىز ئىبراھىمغا خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا: «بىز شۇ يۇرت ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز. چۈنكى ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم بولدى» دېدى.
29 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّ فِيهَا لُوطًا ۚ قَالُوا نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَنْ فِيهَا ۖ لَنُنَجِّيَنَّهُ وَأَهْلَهُ إِلَّا امْرَأَتَهُ كَانَتْ مِنَ الْغَابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم: «ئۇ شەھەردە لۇت بارغۇ (يەنى لۇتقا ئوخشاش بىر ياخشى پەيغەمبەر تۇرۇۋاتقان شەھەر ئاھالىسىنى قانداقمۇ ھالاك قىلىسىلەر؟)» دېدى. پەرىشتىلەر ئېيتتى: «بۇ شەھەردە بار كىشىلەرنى بىز (يەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەرنى) ئوبدان بىلىمىز، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىدىن باشقا كىشىلىرىنى ئەلۋەتتە قۇتۇلدۇرىمىز، پەقەت ئايالى (كۇفرىدا قەۋمىگە ھەمنەپەس بولغانلىقى ئۈچۈن) قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ»[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم: «ئۇ شەھەردە لۇت بارغۇ؟-» دېدى. پەرىشتىلەر ئېيتتى: «بۇ شەھەردە بار كىشىلەرنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىدىن باشقا كىشىلىرىنى ئەلۋەتتە قۇتۇلدۇرىمىز، چۈنكى ئايالى قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم: «ئۇ يەردە لۇت بارغۇ!» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇ يەردە كىمنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قۇتقۇزىمىز. لېكىن ئۇنىڭ ئايالى ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ» دېدى.
29 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا أَنْ جَاءَتْ رُسُلُنَا لُوطًا سِيءَ بِهِمْ وَضَاقَ بِهِمْ ذَرْعًا وَقَالُوا لَا تَخَفْ وَلَا تَحْزَنْ ۖ إِنَّا مُنَجُّوكَ وَأَهْلَكَ إِلَّا امْرَأَتَكَ كَانَتْ مِنَ الْغَابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز لۇتقا كەلگەن چاغدا، لۇت ئۇلارنى قوغداپ قالالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ قايغۇردى ۋە يۈرىكى سىقىلدى، ئۇلار ئېيتتى: «سەن قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن، بىز چوقۇم سېنى ۋە ئايالىڭدىن بۆلەك كىشىلىرىڭنى چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز، پەقەت ئۇ قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ»[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز لۇتقا كەلگەن چاغدا، لۇت ئۇلارنى قوغداپ قالالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ قايغۇردى ۋە يۈرىكى سىقىلدى، ئۇلار ئېيتتى: «سەن قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن، بىز چوقۇم سېنى ۋە ئايالىڭدىن بۆلەك كىشىلىرىڭنى چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز، پەقەت ئۇ- لۇتنىڭ ئايالى- قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئەلچىلىرىمىز لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، لۇت ئۇلار توغرۇلۇق قايغۇردى ۋە چارىسىز قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلچىلىرىمىز مۇنداق دېدى: «قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن. بىز سېنى ۋە ئائىلەڭنى قۇتقۇزىمىز. لېكىن ئايالىڭ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ.
29 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا مُنْزِلُونَ عَلَىٰ أَهْلِ هَٰذِهِ الْقَرْيَةِ رِجْزًا مِنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىز چوقۇم ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرىمىز[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىز چوقۇم ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز شۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئۈستىگە ئاسماندىن پاسكىنىلىق چۈشۈرىمىز. چۈنكى ئۇلار فاسىق بولدى».
29 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَارْجُوا الْيَوْمَ الْآخِرَ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەديەن (ئاھالىسىگە) ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، شۇئەيب: «ئى قەۋمىم! بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىدىن قورقۇڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار» دېدى[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەديەنگە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىدىن قورقۇڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز مەديەن ئاھالىسىگە ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىڭلار، بۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار».
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ فَلَا تَكُنْ فِي مِرْيَةٍ مِنْ لِقَائِهِ ۖ وَجَعَلْنَاهُ هُدًى لِبَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) سەن مۇساغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلەنمىگىن، بىز تەۋراتنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب -تەۋرات- نى ئاتا قىلدۇق. -ئى مۇھەممەد!- سەن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلەنمىگىن، بىز تەۋراتنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەردۇق. ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشتىن شۈبھىلەنمىگىن، بىز ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھىدايەت رەھبىرى قىلغان ئىدۇق.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ آذَوْا مُوسَىٰ فَبَرَّأَهُ اللَّهُ مِمَّا قَالُوا ۚ وَكَانَ عِنْدَ اللَّهِ وَجِيهًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! مۇساغا ئەزىيەت قىلغانلاردەك بولماڭلار. ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئاقلىغان. ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئېتىبارلىق ئىدى.
سەبەئ سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا دَاوُودَ مِنَّا فَضْلًا ۖ يَا جِبَالُ أَوِّبِي مَعَهُ وَالطَّيْرَ ۖ وَأَلَنَّا لَهُ الْحَدِيدَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز داۋۇدقا دەرگاھىمىزدىن ھەقىقەتەن پەزل (يەنى پەيغەمبەرلىك، زەبۇر، تاغلارنىڭ ۋە قۇشلارنىڭ بويسۇنۇشى، تۆمۈرنىڭ يۇمشاق بولۇپ بېرىشى، ساۋۇت ياساشنى بىلدۈرۈشلەر) ئاتا قىلدۇق. «ئى تاغلار! ئى قۇشلار! داۋۇت بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىڭلار» (دېدۇق). تۆمۈرنى داۋۇدقا يۇمشاق قىلىپ بەردۇق[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز داۋۇدقا دەرگاھىمىزدىن ھەقىقەتەن ئۈستۈنلۈك ئاتا قىلدۇق. «ئى تاغلار! ئى قۇشلار! داۋۇت بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىڭلار» -دېدۇق-. تۆمۈرنى داۋۇدقا يۇمشاق قىلىپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز داۋۇتقا ئۆز تەرىپىمىزدىن پەزل ئاتا قىلدۇق: «ئى تاغلار! ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭا يۆنىلىڭلار، ئى قۇشلار! سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار» دېدۇق. ئۇنىڭغا تۆمۈرنى يۇمشاق قىلىپ بەردۇق.
34 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
أَنِ اعْمَلْ سَابِغَاتٍ وَقَدِّرْ فِي السَّرْدِ ۖ وَاعْمَلُوا صَالِحًا ۖ إِنِّي بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (بىز ئۇنىڭغا ئېيتتۇق) «مۇكەممەل ساۋۇتلارنى ياسىغىن، ساۋۇتلارنى ياساشتا (ھالقىلىرىنى بىر ـ بىرىگە) تەكشى قىلغىن، (ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر!) ياخشى ئىش قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىمەن»[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: -بىز ئۇنىڭغا ئېيتتۇق-كى، «مۇكەممەل ساۋۇتلارنى ياسىغىن، ساۋۇتلارنى ياساشتا ھالقىلىرىنى بىر ـ بىرىگە تەكشى قىلغىن، -ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر!- ياخشى ئىش قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا: «كەڭ ساۋۇتلار ياسىغىن، ئۇلارنىڭ توقۇلۇشىنى ئۆلچەملىك ۋە مۇستەھكەم قىلغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. ئۇنىڭغا ۋە ئائىلىسىگە ئېيتتۇق: «ياخشى ئەمەل قىلىڭلار. مەن قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن».
34 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِسُلَيْمَانَ الرِّيحَ غُدُوُّهَا شَهْرٌ وَرَوَاحُهَا شَهْرٌ ۖ وَأَسَلْنَا لَهُ عَيْنَ الْقِطْرِ ۖ وَمِنَ الْجِنِّ مَنْ يَعْمَلُ بَيْنَ يَدَيْهِ بِإِذْنِ رَبِّهِ ۖ وَمَنْ يَزِغْ مِنْهُمْ عَنْ أَمْرِنَا نُذِقْهُ مِنْ عَذَابِ السَّعِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمانغا شامالنى (بويسۇندۇرۇپ بەردۇق)، شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس (چىقىدىغان) بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، بەزى جىنلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بويىچە سۇلايماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس چىقىدىغان بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، بەزى جىنلار رەببىنىڭ ئەمرى بويىچە سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، بىز ئۇنىڭغا دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. سۇلەيمان ئۇ شامال بىلەن چۈشتىن بۇرۇن بىر ئايلىق، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتەتتى. بىز يەنە ئۇنىڭغا مىس بۇلىقىنى ئېقىتىپ بەردۇق. جىنلارنىڭ بىر قىسمى رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى. ئۇلاردىن كىم ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇنىڭغا يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئازابىدىن تېتىتىمىز.
34 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
يَعْمَلُونَ لَهُ مَا يَشَاءُ مِنْ مَحَارِيبَ وَتَمَاثِيلَ وَجِفَانٍ كَالْجَوَابِ وَقُدُورٍ رَاسِيَاتٍ ۚ اعْمَلُوا آلَ دَاوُودَ شُكْرًا ۚ وَقَلِيلٌ مِنْ عِبَادِيَ الشَّكُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سۇلايمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، (مىستىن ـ ئەينەكتىن ئاجايىپ) ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، (چوڭلۇقتىن) مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى، (ئېيتتۇقكى) «ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! (ئاللاھنىڭ بۇ چوڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار»، مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئاز[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سۇلەيمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى، -ئېيتتۇقكى،- «ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! شۈكۈر قىلىڭلار»، مېنىڭ بەندىلىرىمدىن شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئازدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سۇلەيمان ئۈچۈن سۇلەيماننىڭ تەلىپى بويىچە سارايلار، ھەيكەللەر، كۆلدەك لېگەنلەر ۋە مۇقىم قازانلارنى ياسايتتى. «ئى داۋۇد ئائىلىسى! ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار» دېدۇق. بەندىلىرىمدىن شۈكۈر قىلغۇچىلار بەك ئاز.
34 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا قَضَيْنَا عَلَيْهِ الْمَوْتَ مَا دَلَّهُمْ عَلَىٰ مَوْتِهِ إِلَّا دَابَّةُ الْأَرْضِ تَأْكُلُ مِنْسَأَتَهُ ۖ فَلَمَّا خَرَّ تَبَيَّنَتِ الْجِنُّ أَنْ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ الْغَيْبَ مَا لَبِثُوا فِي الْعَذَابِ الْمُهِينِ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايماننىڭ ۋاپاتىنى ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا (يەنى ئۇنى ۋاپات قىلدۇرغىنىمىزدا) سۇلايماننىڭ ئۆلگەنلىكىدىن جىنلارنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرۇت خەۋەردار قىلدى. سۇلايمان (ھاسىسىنى قۇرۇت يەپ) يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئېنىق بولدىكى، ئەگەر ئۇلار غەيبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، خار قىلغۇچى ئازابتا (يەنى شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئېغىر ئەمگەكتە) قالمىغان بولاتتى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلەيماننىڭ ۋاپاتىنى ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا سۇلەيماننىڭ ئۆلگەنلىكىدىن ئۇلارنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرۇتلار خەۋەردار قىلدى. سۇلەيمان يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئېنىق بولدىكى، ئەگەر ئۇلار غەيبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، خار قىلغۇچى ئازابتا قالمىغان بولاتتى
ئەنەس ئالىم: بىز سۇلەيماننى ۋاپات قىلدۇرغاندا، جىنلارغا ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن بىر ياغاچ قۇرتى ئاشكارىلاپ قويدى. سۇلەيمان يىقىلغاندا جىنلارنىڭ غەيبنى بىلمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئۇلار خورلىغۇچى ئازابنىڭ ئىچىدە قالمىغان بولاتتى.
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَآيَةٌ لَهُمْ أَنَّا حَمَلْنَا ذُرِّيَّتَهُمْ فِي الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (بىزنىڭ كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت شۇكى، بىز ئۇلارنىڭ ئورۇق - ئەۋلادىنى (يۈكلەر بىلەن) توشقۇزۇلغان كېمىسىگە چۈشۈردۇق[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا يەنە بىر دەلىل شۇكى، بىز ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىنى توشقۇزۇلغان كېمىگە چۈشۈردۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۈچۈن يەنە بىر دەلىل شۇكى، بىز ئۇلارنىڭ نەسلىنى توشقۇزۇلغان كېمىدە توشۇدۇق.
ساففات سۈرىسى
63 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ نَادَانَا نُوحٌ فَلَنِعْمَ الْمُجِيبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز (ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى) نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز![75].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز!
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا نۇھ بىزگە نىدا قىلغان ئىدى، بىز ياخشى ئىجابەت قىلغان ئىدۇق.
37 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن (يەنى سۇدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنى ۋە ئەھلىنى بۈيۈك بالادىن قۇتقۇزدۇق.
37 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا ذُرِّيَّتَهُ هُمُ الْبَاقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ نەسلىنى باقىي قالدۇردۇق[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ نەسلىنى باقىي قالدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: پەقەت ئۇنىڭ نەسلىنىلا داۋاملاشقۇچى قىلدۇق.
37 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كېيىنكىلەر (يەنى كېيىنكى ئەۋلادلار) ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق،
37 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
سَلَامٌ عَلَىٰ نُوحٍ فِي الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئالەملەرنىڭ ئىچىدە نۇھقا سالام يوللىنىدۇ.
37 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: چۈنكى نۇھ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
37 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَغْرَقْنَا الْآخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن بىز باشقىلارنى (يەنى نۇھ قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىنى سۇدا) غەرق قىلدۇق[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن بىز باشقىلارنى غەرق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن بىز باشقىلارنى غەرق قىلدۇق.
37 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ مِنْ شِيعَتِهِ لَإِبْرَاهِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، نۇھنىڭ يولىدا ماڭغۇچىلاردىن بىرى ئىبراھىمدۇر.
37 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ جَاءَ رَبَّهُ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام (يەنى مۇشرىكلىكتىن، شەكتىن پاك) دىل بىلەن كەلگەن ئىدى[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم رەببىغا ساغلام دىل بىلەن كەلگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەن ئىدى.
37 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ مَاذَا تَعْبُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسى (ئازەر) گە ۋە قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەپ) ئېيتتى: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟[85]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسى -ئازەر- گە ۋە قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟
37 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
أَئِفْكًا آلِهَةً دُونَ اللَّهِ تُرِيدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟[86]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنى قويۇپ بىر قىسىم ئويدۇرما ئىلاھلارنى ئارزۇ قىلامسىلەر؟
37 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا ظَنُّكُمْ بِرَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان (ئاللاھقا) نېمىشقا گۇمان قىلىسىلەر؟»[87]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ھەققىدە نېمە چاغلايسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئالەملەرنىڭ رەببى توغرىسىدىكى گۇمانىڭلار نېمە؟».
37 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
فَنَظَرَ نَظْرَةً فِي النُّجُومِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى[88 ـ 89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى،
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئىبراھىم يۇلتۇزلارغا قارىدى
37 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالَ إِنِّي سَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى[88 ـ 89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەلمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ۋە: «مەن كېسەل» دېدى.
37 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَوَلَّوْا عَنْهُ مُدْبِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى (يەنى ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى)[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىبراھىمنى قويۇپ كېتىشتى.
37 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
فَرَاغَ إِلَىٰ آلِهَتِهِمْ فَقَالَ أَلَا تَأْكُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى[91ـ92].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دېدى: «يېمەمسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئېيتتى: «يېمەمسىلەر؟3
37 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
مَا لَكُمْ لَا تَنْطِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى[91ـ92].
تەرجىمە ھەيئىتى: «نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە نېمە بولدىكىن گەپ قىلمايۋاتىسىلەر؟»،
37 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
فَرَاغَ عَلَيْهِمْ ضَرْبًا بِالْيَمِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇردى.
37 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَقْبَلُوا إِلَيْهِ يَزِفُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى قەۋمى) ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ ـ سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇلارغا چوقۇنۇۋاتساق، سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن؟» دېدى[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ ـ سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇلارغا چوقۇنۇۋاتساق، سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئىبراھىمنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى.
37 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَتَعْبُدُونَ مَا تَنْحِتُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئېيتتى: «(ئۆزۈڭلار) ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئېيتتى: «ئۆزۈڭلار ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر ئۆزۈڭلار ئويۇپ ياسىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟
37 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ خَلَقَكُمْ وَمَا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقاندۇر»[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقاندۇر»
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ئىشلىگەن نەرسەڭلەرنى4 ئاللاھ ياراتتى!».
37 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا ابْنُوا لَهُ بُنْيَانًا فَأَلْقُوهُ فِي الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، (ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىڭلار، ئوت يانغاندا) ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. (ئۇلار ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلاش بىلەن) ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار ۋە ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. شۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، ئاندىن ئۇنى ئوتنىڭ ئىچىگە ئېتىڭلار».
37 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرَادُوا بِهِ كَيْدًا فَجَعَلْنَاهُمُ الْأَسْفَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز (ئىبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتقۇزۇش بىلەن) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ تۆۋەن بولغۇچىلار قىلدۇق.
37 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ إِنِّي ذَاهِبٌ إِلَىٰ رَبِّي سَيَهْدِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن رەببىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن رەببىم بۇيرۇغان يەرگە كېتىمەن. ئۇ ماڭا يول كۆرسىتىدۇ.
37 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ هَبْ لِي مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن»[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: رەببىم! ماڭا ياخشىلاردىن بولىدىغان پەرزەنت ئاتا قىلغىن».
37 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَشَّرْنَاهُ بِغُلَامٍ حَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بەردۇق[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا زېرەك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.
37 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ السَّعْيَ قَالَ يَا بُنَيَّ إِنِّي أَرَىٰ فِي الْمَنَامِ أَنِّي أَذْبَحُكَ فَانْظُرْ مَاذَا تَرَىٰ ۚ قَالَ يَا أَبَتِ افْعَلْ مَا تُؤْمَرُ ۖ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ مِنَ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا مېنى (ئۇنىڭغا) سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن»[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ چۈشەپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئوغۇل چوڭىيىپ ئاتىسى ئىبراھىم بىلەن بىللە ئىش قىلغۇدەك بولغاندا ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئى ئوغۇلچىقىم! مەن چۈشۈمدە سېنى قۇربانلىق قىلغانلىقىمنى كۆرۈۋاتىمەن، ئويلاپ باققىنا، سەن قانداق قارايسەن!» دېدى. ئوغۇل: «ئى دادىكا! ساڭا بۇيرۇلغاننى قىلغىن، ئىنشائاللاھ مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن!» دېدى.
37 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَسْلَمَا وَتَلَّهُ لِلْجَبِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى يېنى ياتقۇزدى
ئەنەس ئالىم: ئاتا - بالا ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تەسلىم بولۇپ، ئىبراھىم ئوغلىنى دۈم ياتقۇزغاندا،
37 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَادَيْنَاهُ أَنْ يَا إِبْرَاهِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[104ـ105].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدۇق: «ئى ئىبراھىم!
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدۇق: «ئى ئىبراھىم!
37 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ صَدَّقْتَ الرُّؤْيَا ۚ إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[104ـ105].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ». بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: چۈشۈڭنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ». شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
37 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ الْبَلَاءُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بۇ ئوپئوچۇق ئىمتىھان ئىدى.
37 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
وَفَدَيْنَاهُ بِذِبْحٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئبراھىمغا ئوغلىنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىق ئاتا قىلدۇق.
37 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق،
37 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
سَلَامٌ عَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمغا سالام بولسۇن![109]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!
37 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئىبراھىم مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
37 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَشَّرْنَاهُ بِإِسْحَاقَ نَبِيًّا مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇشخەۋەر بەردۇق[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا نەبىي بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.
37 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ مَنَنَّا عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا (پەيغەمبەرلىك بىلەن) ئېھسان قىلدۇق[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا ياخشىلىق ئېھسان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغىمۇ ياخشىلىق قىلغان ئىدۇق.
37 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَجَّيْنَاهُمَا وَقَوْمَهُمَا مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) چوڭ غەمدىن (يەنى پىرئەۋننىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىدىن) خالاس تاپقۇزدۇق[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ غەمدىن خالاس تاپقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ بالادىن قۇتقۇزدۇق.
37 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَصَرْنَاهُمْ فَكَانُوا هُمُ الْغَالِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ياردەم بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غالىب كەلدى.
37 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتَيْنَاهُمَا الْكِتَابَ الْمُسْتَبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى بەردۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ناھايىتى روشەن كىتابنى بەردۇق.
37 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
وَهَدَيْنَاهُمَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى توغرا يولغا ئېرىشتۈردۇق.
37 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِمَا فِي الْآخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق،
37 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
سَلَامٌ عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇساغا ۋە ھارۇنغا (بىزدىن) سالام بولسۇن![120]
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇساغا ۋە ھارۇنغا سالام بولسۇن!
ئەنەس ئالىم: مۇساغا ۋە ھارۇنغا سالام بولسۇن!
37 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمَا مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر[122]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئۇ ئىككىسى مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
37 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ إِلْيَاسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئىلياسمۇ ئەلچىلىرىمدىن ئىدى.
37 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ أَلَا تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟[124]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «ئاللاھتىن قورقمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟
37 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
أَتَدْعُونَ بَعْلًا وَتَذَرُونَ أَحْسَنَ الْخَالِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى (ئاللاھنى) تەرك ئېتىپ، بەئلى (ناملىق بۇت) قا چوقۇنامسىلەر؟[125]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىنى تەرك ئېتىپ، بەئلى-ناملىق بۇت- قا چوقۇنامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى قويۇپ، بەئلگە5 دۇئا قىلامسىلەر؟
37 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلار جەھەننەمگە ھازىر قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىلياسنى يالغانچى دېدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئەلۋەتتە ئازابقا ھازىر قىلىنىدۇ.
37 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى ئىلياسقا) ياخشى نام قالدۇردۇق[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئىلياسقا ياخشى نام قالدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق،
37 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
سَلَامٌ عَلَىٰ إِلْ يَاسِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلياسقا (بىزدىن) سالام بولسۇن![130].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلياسقا سالام بولسۇن!
ئەنەس ئالىم: ئىلياسقا سالام بولسۇن!
37 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئىلياس مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
37 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ لُوطًا لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر[133].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، لۇتمۇ ئەلچىلىرىمدىن ئىدى.
37 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ نَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق.
37 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا عَجُوزًا فِي الْغَابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت موماي (يەنى لۇتنىڭ ئايالى) نى قالدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت موماي –يەنى لۇتنىڭ ئايالى- نى قالدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ھالاك بولغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا قالغان موماي مۇستەسنا.
37 : 139 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ يُونُسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر[139]
تەرجىمە ھەيئىتى: يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، يۇنۇسمۇ ئەلچىلىرىمدىن ئىدى.
37 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ أَبَقَ إِلَى الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ (كىشىلەر بىلەن) توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ لىقمۇ-لىق توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا توشقۇزۇلغان كېمىگە قاچقان ئىدى،
37 : 141 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ الْمُدْحَضِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (كېمىدىكىلەر چەك چىققان ئادەمنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن) چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى)[141].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چەك تاشلاشتى، يۇنۇس چەكتە مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ دېڭىزغا تاشلاندى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېمىدىكىلەر بىلەن چەك تاشلاشتى ۋە يېڭىلىپ كەتكۈچىلەردىن بولدى.
37 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْتَقَمَهُ الْحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ (قەۋمىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز چىققانلىقى ئۈچۈن) ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى[142].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇنى بېلىق يۇتتى. ئۇ بۇ ئەسنادا ئۆزىگە مالامەت قىلىۋاتاتتى.
37 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا أَنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُسَبِّحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى[143-144].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى،
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى،
37 : 144 - ئايەت
كۆرۈش
لَلَبِثَ فِي بَطْنِهِ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى[143-144].
تەرجىمە ھەيئىتى: بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى
ئەنەس ئالىم: بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر قالاتتى.
37 : 145 - ئايەت
كۆرۈش
فَنَبَذْنَاهُ بِالْعَرَاءِ وَهُوَ سَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى بىز (دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق يەرگە (بېلىقنىڭ قارنىدىن) ئاتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى[145].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى بىز بىر قۇرغاق يەرگە ئاتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن بىز ئۇنى قاقاس يەرگە ئاتتۇق. ئۇ بۇ چاغدا كېسەل ئىدى.
37 : 146 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْبَتْنَا عَلَيْهِ شَجَرَةً مِنْ يَقْطِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرۇش ئۈچۈن) بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق[146]. ئ
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭ ئۈستىگە كاۋا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر تۈرلۈك دەرەخ ئۈندۈردۇق.
37 : 147 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَرْسَلْنَاهُ إِلَىٰ مِائَةِ أَلْفٍ أَوْ يَزِيدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى بىز 100 مىڭ، بەلكى (بۇنىڭدىنمۇ) كۆپ (بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق[147].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى بىز سانى 100 مىڭ، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنى يۈز مىڭ ياكى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
ساد سۈرىسى
29 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
اصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَاذْكُرْ عَبْدَنَا دَاوُودَ ذَا الْأَيْدِ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، (دىندا) كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن ۋە كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا كۆپ تەۋبە قىلغۇچى ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى زىكىر قىلغىن. ئۇ داۋاملىق بىزگە يۆنىلەتتى.
38 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا سَخَّرْنَا الْجِبَالَ مَعَهُ يُسَبِّحْنَ بِالْعَشِيِّ وَالْإِشْرَاقِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن تاغلارنى (داۋۇدقا) بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار داۋۇد بىلەن ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى تەسبىھ ئېيتاتتى[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن تاغلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار داۋۇد بىلەن ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى تەسبىھ ئېيتاتتى
ئەنەس ئالىم: بىز تاغلارنى كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا ۋە كۈن چىقىپ نۇر چاچقاندا داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق.
38 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَالطَّيْرَ مَحْشُورَةً ۖ كُلٌّ لَهُ أَوَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلارمۇ (تەرەپ ـ تەرەپتىن) توپلىنىپ، داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى، (تاغلارنىڭ، قۇشلارنىڭ) ھەممىسى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلارمۇ توپلىنىپ، داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى، ھەممىسى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: توپلانغان قۇشلارنىمۇ بويسۇندۇردۇق. ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىزگە يۆنىلەتتى.
38 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَشَدَدْنَا مُلْكَهُ وَآتَيْنَاهُ الْحِكْمَةَ وَفَصْلَ الْخِطَابِ
مۇھەممەد سالىھ: داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە (ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان) روشەن سۆز ـ ئىبارىلەرنى ئاتا قىلدۇق[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە دانە - دانە سۆز قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈردۇق. ئۇنىڭغا ھېكمەت، توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ياخشى سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى بەردۇق.
38 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَهَلْ أَتَاكَ نَبَأُ الْخَصْمِ إِذْ تَسَوَّرُوا الْمِحْرَابَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ قىسسەسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (داۋۇد ئىبادەت قىلىۋاتقان) مەسجىدنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈشتى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ قىسسىسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار -داۋۇد ئىبادەت قىلىۋاتقان- مەسجىدنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈشتى
ئەنەس ئالىم: ساڭا دەۋاچىلارنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئىبادەتخانىنىڭ تېمىدىن ئاتلاپ،
38 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ دَخَلُوا عَلَىٰ دَاوُودَ فَفَزِعَ مِنْهُمْ ۖ قَالُوا لَا تَخَفْ ۖ خَصْمَانِ بَغَىٰ بَعْضُنَا عَلَىٰ بَعْضٍ فَاحْكُمْ بَيْنَنَا بِالْحَقِّ وَلَا تُشْطِطْ وَاهْدِنَا إِلَىٰ سَوَاءِ الصِّرَاطِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا كىردى. داۋۇد ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار (داۋۇدقا): «قورقمىغىن، بىز بىرىمىز ـ بىرىمىزگە چېقىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا كىردى. داۋۇد ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار -داۋۇدقا-: «قورقمىغىن، بىز بىرىمىز ـ بىرىمىزگە چېقىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: داۋۇدنىڭ يېنىغا ئۇشتۇمتۇت كىرگەن ئىدى، داۋۇد ئۇلاردىن چۆچۈپ كەتتى. ئۇلار مۇنداق دېدى: «قورقمىغىن، بىز بىر - بىرىمىزگە زۇلۇم قىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز. بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، زۇلۇم قىلمىغىن ۋە بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن»،
38 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰذَا أَخِي لَهُ تِسْعٌ وَتِسْعُونَ نَعْجَةً وَلِيَ نَعْجَةٌ وَاحِدَةٌ فَقَالَ أَكْفِلْنِيهَا وَعَزَّنِي فِي الْخِطَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنىڭ بىرى) «شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر ساغلىقىم بار، قېرىندىشىم ئۇ بىر ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دەيدۇ، (ئارىمىزدا بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرە بولۇپ) ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى» دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلارنىڭ بىرى-:«شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر ساغلىقىم بار، قېرىندىشىم ئۇ بىر ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دەيدۇ، -ئارىمىزدا بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرە بولۇپ- ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ بىرى مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ قېرىندىشىم بولىدۇ، بۇنىڭ 99 تۇياق ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر تۇياق ساغلىقىم بار. بۇ قېرىندىشىم ئۇ ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دېدى ۋە مېنى سۆزدە يەڭدى».
38 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَقَدْ ظَلَمَكَ بِسُؤَالِ نَعْجَتِكَ إِلَىٰ نِعَاجِهِ ۖ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ الْخُلَطَاءِ لَيَبْغِي بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَقَلِيلٌ مَا هُمْ ۗ وَظَنَّ دَاوُودُ أَنَّمَا فَتَنَّاهُ فَاسْتَغْفَرَ رَبَّهُ وَخَرَّ رَاكِعًا وَأَنَابَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: داۋۇد ئېيتتى: «ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستتىنلا سېنى بوزەك قىلىپتۇ، نۇرغۇن شېرىكلەر (يەنى دوستلار)، شۈبھىسىزكى، بىر ـ بىرىنىڭ (ھەققىگە) چېقىلىدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارلا (بىر ـ بىرىنىڭ ھەققىگە چېقىلمايدۇ) بۇلار ئازدۇر». داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلدى. پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى، سەجدىگە باردى. (ئاللاھقا) تەۋبە قىلدى[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: داۋۇد ئېيتتى: «ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستتىنلا سېنى بوزەك قىلىپتۇ، نۇرغۇن يېقىن دوستلار بىر ـ بىرىگە چېقىلىدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارلا بولاردىن مۇستەسنا، بۇلار ئازدۇر». داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەببىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى ۋە سەجدىگە باردى؛ تەۋبە قىلدى
ئەنەس ئالىم: داۋۇد مۇنداق دېدى: «بۇ قېرىندىشىڭ، سېنىڭ بىر ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى سوراپ، ساڭا ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلىپتۇ. شۈبھىسىزكى، شېرىكلەرنىڭ تولىسى بىر - بىرىگە ھەقسىزلىق قىلماقتىدۇر. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، لېكىن ئۇلار بەك ئازدۇر». داۋۇد ئۆزىنى بىزنىڭ سىنىغانلىقىمىزنى چۈشەندى - دە، رەببىدىن مەغپىرەت تىلىدى، ئېگىلىپ سەجدىگە يىقىلدى ۋە رەببىگە يۆنەلدى.
38 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَغَفَرْنَا لَهُ ذَٰلِكَ ۖ وَإِنَّ لَهُ عِنْدَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَآبٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدۇق، ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى مەغپىرەت قىلدۇق، ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى مەغپىرەت قىلدۇق. ئۇنى ھۇزۇرىمىزدا ئۆزىمىزگە يېقىنلاشتۇرىمىز ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە قىلىمىز.
38 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
يَا دَاوُودُ إِنَّا جَعَلْنَاكَ خَلِيفَةً فِي الْأَرْضِ فَاحْكُمْ بَيْنَ النَّاسِ بِالْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ الْهَوَىٰ فَيُضِلَّكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَضِلُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا نَسُوا يَوْمَ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) نى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە سەندىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمدار قىلدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنىنى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ئى داۋۇد! بىز سېنى زېمىندا خەلىپە قىلدۇق4. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، نەپسى خاھىشىڭغا ئەگەشمىگىن. ئەگەر نەپسى خاھىشىڭغا ئەگەشسەڭ، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلارغا ھېساب كۈنىنى ئۇنتۇغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بار».
38 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَهَبْنَا لِدَاوُودَ سُلَيْمَانَ ۚ نِعْمَ الْعَبْدُ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز داۋۇدقا سۇلايماننى ئاتا قىلدۇق، سۇلايمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە! ئۇ (ئاللاھقا) ھەقىقەتەن ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز داۋۇدقا سۇلەيماننى ئاتا قىلدۇق، سۇلەيمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە! ئۇ ئاللاھقا- ھەقىقەتەن ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز داۋۇدقا سۇلەيماننى ئاتا قىلدۇق. سۇلەيمان بەك ياخشى بەندە ئىدى. چۈنكى ئۇ داۋاملىق بىزگە يۆنىلەتتى.
38 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ عُرِضَ عَلَيْهِ بِالْعَشِيِّ الصَّافِنَاتُ الْجِيَادُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا كەچقۇرۇنلىقى ئۇنىڭغا ياخشى يۈگۈرۈك ئاتلار توغرىلاندى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا كەچقۇرۇنلىقى ئۇنىڭغا ياخشى يۈگۈرۈك ئاتلار توغرىلاندى
ئەنەس ئالىم: كەچقۇرۇندا ئۇنىڭ ئالدىدىن ئېسىل ۋە يۈگۈرۈك ئاتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
38 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالَ إِنِّي أَحْبَبْتُ حُبَّ الْخَيْرِ عَنْ ذِكْرِ رَبِّي حَتَّىٰ تَوَارَتْ بِالْحِجَابِ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاتلارنى پەرۋەردىگارىمنى ئەسلەش ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم، ئۇلار (كۆزۈمدىن) غايىب بولغىچە (ئۇلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش بىلەن بولدۇم)»[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلەيمان ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاتلارنى رەببىمنى ئەسلەش ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم، ئاخىرىدا ئۇلار كۆزۈمدىن غايىب بولدى»
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «مەن بۇ ياخشى ماللارنى رەببىمنى ئەسلەتكەنلىكى ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم» دېدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاتلار كۆزىدىن غايىب بولغۇچە تەكرارلاپ تۇردى.
38 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
رُدُّوهَا عَلَيَّ ۖ فَطَفِقَ مَسْحًا بِالسُّوقِ وَالْأَعْنَاقِ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان ئېيتتى: «ئاتلارنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار». (ئاتلار ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن) سۇلايمان ئۇلارنىڭ پاچاقلىرىنى، بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلەيمان ئېيتتى: «ئاتلارنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار». -ئاتلار ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن- سۇلەيمان ئۇلارنىڭ پاچاقلىرىنى، بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «ئاتلارنى ئالدىمدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈڭلار» دېدى، ئاندىن ئاتلارنىڭ پاچاقلىرىنى ۋە بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى.
38 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ فَتَنَّا سُلَيْمَانَ وَأَلْقَيْنَا عَلَىٰ كُرْسِيِّهِ جَسَدًا ثُمَّ أَنَابَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن سۇلايماننى سىنىدۇق، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەتنى تاشلىدۇق، ئاندىن ئۇ (بۇنىڭ سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىپ) تەۋبە قىلدى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن سۇلەيماننى سىنىدۇق؛ ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەتنى تاشلىدۇق، ئاندىن ئۇ تەۋبە قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىز سۇلەيماننى سىنىدۇق، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەت تاشلىدۇق. ئاندىن ئۇ بىزگە يۆنەلدى.
38 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَهَبْ لِي مُلْكًا لَا يَنْبَغِي لِأَحَدٍ مِنْ بَعْدِي ۖ إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن (مەندىن باشقا) ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلەيمان ئېيىتتى: «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنداق دېدى: «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچكىمگە نېسىپ بولمايدىغان پادىشاھلىق ئاتا قىلغىن، سەن ناھايىتى كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن».
38 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَخَّرْنَا لَهُ الرِّيحَ تَجْرِي بِأَمْرِهِ رُخَاءً حَيْثُ أَصَابَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سۇلايمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلايماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان يەرگە سىلىق ماڭاتتى.
38 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَالشَّيَاطِينَ كُلَّ بَنَّاءٍ وَغَوَّاصٍ
مۇھەممەد سالىھ: ھەمدە ئۇنىڭغا (كاتتا بىنالارنى سالالايدىغان) قۇرغۇچى ۋە (دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۈنچە ـ مارجانلارنى ئېلىپ چىقالايدىغان) غەۋۋاس شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەمدە ئۇنىڭغا -كاتتا بىنالارنى سالالايدىغان- قۇرغۇچى ۋە -دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۈنچە ـ مارجانلارنى ئېلىپ چىقالايدىغان- غەۋۋاس شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا يەنە بىناكار، غەۋۋاس شەيتانلارنىڭ ھەممىسىنى
38 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَآخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِي الْأَصْفَادِ
مۇھەممەد سالىھ: يەنە نۇرغۇن شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنغاندۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە نۇرغۇن شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنغاندۇر
ئەنەس ئالىم: ۋە ئىشكەل سېلىنغان باشقىلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق.
38 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا عَطَاؤُنَا فَامْنُنْ أَوْ أَمْسِكْ بِغَيْرِ حِسَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: (بىز سۇلايمانغا ئېيتتۇقكى) «بۇ بىزنىڭ (ساڭا بەرگەن كەڭ) ئاتايىمىز، (ئۇنىڭدىن سەن خالىغان كىشىگە) بەرگىن ياكى بەرمىگىن، (بۇ ھەقتە سەندىن) ھېساب ئېلىنمايدۇ»[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: -بىز سۇلەيمانغا ئېيتتۇقكى-، «بۇ بىز بەرگەن نېمەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن سەن مەيلى بەرگىن ياكى بەرمىگىن، ھېسابسىزدۇر»
ئەنەس ئالىم: «بۇ بىزنىڭ ئىنئامىمىزدۇر، باشقىلارغا بەرگىن ياكى بەرمىگىن، ھېسابى ئېلىنمايدۇ».
38 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ لَهُ عِنْدَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَآبٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن يېقىنلىق ۋە ياخشى ئاقىۋەت باردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا ھۇزۇرىمىزدا يېقىنلىق ۋە ياخشى ئاقىۋەت بار.
38 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ عَبْدَنَا أَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الشَّيْطَانُ بِنُصْبٍ وَعَذَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: بەندىمىز ئەييۇبنى ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا (ئىلتىجا قىلىپ): «شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەندىمىز ئەييۇبنىمۇ ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىغا -ئىلتىجا قىلىپ-: «شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلدى
ئەنەس ئالىم: بەندىمىز ئەييۇبنى زىكىر قىلغىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «شەيتان ماڭا ھارغىنلىق ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلغان ئىدى.
38 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
ارْكُضْ بِرِجْلِكَ ۖ هَٰذَا مُغْتَسَلٌ بَارِدٌ وَشَرَابٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا: «پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن» دېدۇق، ئۇ پۇتى بىلەن يەرنى تېپىۋىدى، سۈزۈك بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. (بىز ئۇنىڭغا) «بۇ يۇيۇنسىمۇ بولىدىغان، ئىچسىمۇ بولىدىغان سوغۇق سۇدۇر» (دېدۇق)[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنىڭغا-: «پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن، مانا بۇ يۇيۇنسىمۇ بولىدىغان، ئىچسىمۇ بولىدىغان سوغۇق سۇدۇر» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا «پۇتۇڭنى يەرگە ئۇرغىن، ئەنە سوغۇق سۇ! يۇيۇنىسەن ۋە ئىچىسەن» دېدۇق.
38 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَهَبْنَا لَهُ أَهْلَهُ وَمِثْلَهُمْ مَعَهُمْ رَحْمَةً مِنَّا وَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭ (كېسەل ۋاقتىدا ئاپەتكە ئۇچراپ يوق بولغان) ئەھلى ـ ئەۋلادىنى (يېڭىدىن) بەردۇق، ئۇلار بىلەن بىللە بىر باراۋەر ئارتۇق بەردۇق، (بۇ) بىزنىڭ نازىل قىلغان رەھمىتىمىزدۇر، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن رەھمەت ۋە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت بولسۇن ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا ئەھلى ـ ئەۋلادىنى يېڭىدىن- بەردۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بىر باراۋەر ئارتۇق بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر ئوخشىشىنى ئاتا قىلدۇق. بۇنى ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى ساپ ئەقىل ئىگىلىرىگە ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن قىلدۇق.
38 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَخُذْ بِيَدِكَ ضِغْثًا فَاضْرِبْ بِهِ وَلَا تَحْنَثْ ۗ إِنَّا وَجَدْنَاهُ صَابِرًا ۚ نِعْمَ الْعَبْدُ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: قەسىمىڭنى بۇزمىغىن» (دېدۇق). بىز ئەييۇبنى ھەقىقەتەن سەۋرچان بايقىدۇق، ئۇ نېمىدېگەن ئوبدان بەندە! ھەقىقەتەن ئۇ (ئاللاھقا) تەۋبە بىلەن يۈزلەنگۈچىدۇر (ئىزاھات: ئەييۇب ئايالىنى 100 دەررە ئۇرۇشقا قەسەم قىلغان ئىدى.)[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنىڭغا- «قولۇڭ بىلەن بىر باغلام چۆپنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرغىن[1]. قەسىمىڭنى بۇزمىغىن» -دېدۇق-. بىز ئەييۇبنى ھەقىقەتەن سەۋرچان بايقىدۇق، ئۇ نېمىدېگەن ئوبدان بەندە! ھەقىقەتەن ئۇ ئاللاھقا تەۋبە بىلەن يۈزلەنگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا يەنە: «قولۇڭغا بىر باغلام چۆپ ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرغىن، گۇناھكار بولمىغىن» دېدۇق. بىز ئۇنى سەۋرچان كۆردۇق. ئۇ بەك ياخشى بەندە ئىدى، چۈنكى داۋاملىق بىزگە يۆنىلەتتى.
38 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ عِبَادَنَا إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ أُولِي الْأَيْدِي وَالْأَبْصَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا) بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈچلۈك ۋە بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنىمۇ ئەسلىگىن
ئەنەس ئالىم: بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبلارنىمۇ زىكىر قىلغىن، ئۇلار كۈچلۈك ۋە ئاڭلىق كىشىلەر ئىدى.
38 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَخْلَصْنَاهُمْ بِخَالِصَةٍ ذِكْرَى الدَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى بىز پاك ـ خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشىلەر قىلدۇق[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى بىز پاك ـ خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشلەر قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى ئاخىرەتنى ئويلاپ تۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلدۇق.
38 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّهُمْ عِنْدَنَا لَمِنَ الْمُصْطَفَيْنَ الْأَخْيَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن ئالاھىدە تاللانغان كىشىلەردۇر، ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەردۇر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن ئالاھىدە تاللانغان كىشىلەردۇر، ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھۇزۇرىمىزدا تاللانغانلاردىن ۋە ياخشىلاردىندۇر.
38 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ إِسْمَاعِيلَ وَالْيَسَعَ وَذَا الْكِفْلِ ۖ وَكُلٌّ مِنَ الْأَخْيَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىسمائىلنى، ئىليەسەنى ۋە زۇلكىفلنى ئەسلىگىن، (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسمائىلنى، ئىليەسەنى ۋە زۇلكىفلنىمۇ ئەسلىگىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىسمائىل، ئەليەسەئـ ۋە زۇلكىفلىلەرنىمۇ زىكىر قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىن ئىدى.
غافىر سۈرىسى
22 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَالْأَحْزَابُ مِنْ بَعْدِهِمْ ۖ وَهَمَّتْ كُلُّ أُمَّةٍ بِرَسُولِهِمْ لِيَأْخُذُوهُ ۖ وَجَادَلُوا بِالْبَاطِلِ لِيُدْحِضُوا بِهِ الْحَقَّ فَأَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئۇيۇشقان ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش) جامائەلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن) ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرى بىلەن) مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟[5]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن جامائەلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى گۇرۇھلار راستنى يالغان دېدى، ھەر ئۇممەت ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىنى جازالاشقا ئۇرۇندى ۋە ھەقنى باتىل بىلەن يوق قىلىشقا تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى جازالىدىم. جازالىشىم قانداق بولدى؟
40 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى[23ـ24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز مۇسانى ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق،
40 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَهَامَانَ وَقَارُونَ فَقَالُوا سَاحِرٌ كَذَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى[23ـ24].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا. بىراق، ئۇلار مۇسانى يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن، ھامان ۋە قارۇنلارغا. ئۇلار: «بۇ سېھىرگەردۇر، يالغانچىدۇر» دېدى.
40 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَهُمْ بِالْحَقِّ مِنْ عِنْدِنَا قَالُوا اقْتُلُوا أَبْنَاءَ الَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ وَاسْتَحْيُوا نِسَاءَهُمْ ۚ وَمَا كَيْدُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن ھەق (يەنى پەيغەمبەرلىك) بىلەن كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى (نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن) ئۆلتۈرۈڭلار، ئاياللىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى پەقەت بەربات بولىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن ھەق بىلەن كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى -نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن- ئۆلتۈرۈڭلار، ئاياللىرىنى قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى پەقەت بەربات بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «مۇسا بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلىشى ئۈچۈن تىرىك قالدۇرۇڭلار» دېدى. كافىرلارنىڭ ھىيلىسى بەربات بولۇشقا مەھكۇمدۇر.
40 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِي أَقْتُلْ مُوسَىٰ وَلْيَدْعُ رَبَّهُ ۖ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَنْ يُظْهِرَ فِي الْأَرْضِ الْفَسَادَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا -ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن- رەببىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار مۇسانى ئۆلتۈرۈۋېتەي. مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن».
40 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ إِنِّي عُذْتُ بِرَبِّي وَرَبِّكُمْ مِنْ كُلِّ مُتَكَبِّرٍ لَا يُؤْمِنُ بِيَوْمِ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار (بولغان ئاللاھ) قا سىغىنىپ، ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) گە ئىشەنمەيدىغان ھەر بىر مۇتەكەببىر (نىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى) دىن پاناھ تىلەيمەن»[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھغا سېغىنىپ، ھېساب كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەر بىر مۇتەكەببىرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «مەن ھېساب كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەر مۇتەكەببىردىن، مېنىڭمۇ رەببىم سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا سېغىندىم».
40 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ رَجُلٌ مُؤْمِنٌ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَكْتُمُ إِيمَانَهُ أَتَقْتُلُونَ رَجُلًا أَنْ يَقُولَ رَبِّيَ اللَّهُ وَقَدْ جَاءَكُمْ بِالْبَيِّنَاتِ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ وَإِنْ يَكُ كَاذِبًا فَعَلَيْهِ كَذِبُهُ ۖ وَإِنْ يَكُ صَادِقًا يُصِبْكُمْ بَعْضُ الَّذِي يَعِدُكُمْ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر "پەرۋەردىگارىم ئاللاھ" دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ (پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا) يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر «رەببىم ئاللاھ» دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن خانىدانىدىن بولۇپ شۇ ۋاقىتقىچە ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «سىلەر بىر ئادەمنى ‹رەببىم ئاللاھتۇر› دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى! ئەگەر ئۇ يالغان سۆزلىگەن بولسا، يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە. ناۋادا ئۇ راست سۆزلىگەن بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى بېشىڭلارغا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە يالغانچى كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ.
40 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
يَا قَوْمِ لَكُمُ الْمُلْكُ الْيَوْمَ ظَاهِرِينَ فِي الْأَرْضِ فَمَنْ يَنْصُرُنَا مِنْ بَأْسِ اللَّهِ إِنْ جَاءَنَا ۚ قَالَ فِرْعَوْنُ مَا أُرِيكُمْ إِلَّا مَا أَرَىٰ وَمَا أَهْدِيكُمْ إِلَّا سَبِيلَ الرَّشَادِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىدۇر، (مىسىر) زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلگىڭلاردىدۇر، -مىسىر- زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! سىلەر بۈگۈن بۇ مەملىكەتتە ھۆكۈمرانسىلەر، غالىبسىلەر. ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، بىزنى ئۇنىڭدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟». فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە پەقەت ئۆزۈم توغرا كۆرگەن نەرسىنى توغرا دەپ كۆرسىتىۋاتىمەن. مەن سىلەرنى پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن».
40 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِي آمَنَ يَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ مِثْلَ يَوْمِ الْأَحْزَابِ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ[30ـ31].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنىڭ جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە، ئەلچىلەرگە قارشى بىرلەشكەن گۇرۇھلارغا كەلگەن مۇسىبەت كۈنىگە ئوخشاش كۈننىڭ كېلىشىدىن قورقىمەن،
40 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
مِثْلَ دَأْبِ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَالَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ ۚ وَمَا اللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِلْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ[30ـ31].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش! ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: يەنى نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد، سەمۇد ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى قەۋملەر دۇچار بولغان جازاغا ئوخشاش جازاغا دۇچار بولۇشىڭلاردىن قورقىمەن. ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى ئىرادە قىلمايدۇ.
40 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ يَوْمَ التَّنَادِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن پەرياد كۈنىدىن قورقىمەن،
40 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تُوَلُّونَ مُدْبِرِينَ مَا لَكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۗ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە (دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە -دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ- ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ھېچ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئارقاڭلارنى قىلىپ قاچىدىغان كۈندىن. ئۇ كۈنى سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.
40 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جَاءَكُمْ يُوسُفُ مِنْ قَبْلُ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا زِلْتُمْ فِي شَكٍّ مِمَّا جَاءَكُمْ بِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا هَلَكَ قُلْتُمْ لَنْ يَبْعَثَ اللَّهُ مِنْ بَعْدِهِ رَسُولًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ مُرْتَابٌ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن) روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، (دەلىل ـ پاكىتسىز) ھالدا، ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ دېدىڭلار، ئاللاھ (گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، (دىندا) شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ»[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، دەلىل ـ پاكىتسىز ھالدا، «ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ» دېدىڭلار، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ئىلگىرى يۇسۇف روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. سىلەر ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىللەردىن داۋاملىق شۈبھىلەندىڭلار. تاكى ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا: ‹ئاللاھ يۇسۇفتىن كېيىن ئەلچى ئەۋەتمەيدۇ› دېدىڭلار. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە شۈبھىلەنگۈچى كىشىلەرنى مانا مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ.
40 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَا هَامَانُ ابْنِ لِي صَرْحًا لَعَلِّي أَبْلُغُ الْأَسْبَابَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى[36ـ37].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى ھامان! ماڭا ئېگىز بىر بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا؛ ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى ھامان! مەن ئۈچۈن بىر ساراي سالغىن، يوللارنى تاپاي،
40 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
أَسْبَابَ السَّمَاوَاتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُ كَاذِبًا ۚ وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوءُ عَمَلِهِ وَصُدَّ عَنِ السَّبِيلِ ۚ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِي تَبَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى[36ـ37].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەلەشىم مۇمكىن. چۈنكى مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن». پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى ۋە يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى بىكارغىلا كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ يوللىرىنى. ئاندىن چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. مەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن». فىرئەۋنگە ئۆزىنىڭ يامان ئەمىلى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇ توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. فىرئەۋننىڭ ھىيلىسى بەربات بولدى.
40 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِي آمَنَ يَا قَوْمِ اتَّبِعُونِ أَهْدِكُمْ سَبِيلَ الرَّشَادِ
مۇھەممەد سالىھ: (پىرئەۋن خانىدانىدىن) ئىمان ئېيتقان كىشى ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېلىقى ئىمان ئېيتقان كىشى ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن
ئەنەس ئالىم: مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ماڭا ئەگىشىڭلار، سىلەرنى توغرا يولغا باشلاي.
40 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
يَا قَوْمِ إِنَّمَا هَٰذِهِ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا مَتَاعٌ وَإِنَّ الْآخِرَةَ هِيَ دَارُ الْقَرَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (ۋاقىتلىق) پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن (مەڭگۈلۈك) قارارگاھتۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ۋاقىتلىق پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن مەڭگۈلۈك قارارگاھتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا ھاياتى ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاخىرەت بولسا، ئەبەدىي قارارگاھتۇر.
40 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا قَوْمِ مَا لِي أَدْعُوكُمْ إِلَى النَّجَاةِ وَتَدْعُونَنِي إِلَى النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىكى، سىلەرنى مەن (دوزاختىن) قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىۋاتسام، سىلەر مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلىۋاتىسىلەرغۇ![41]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىدۇركى، مەن سىلەرنى دوزاختىن قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىۋاتىمەن، سىلەر بولساڭلار مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلىۋاتىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنى قۇتۇلۇشقا چاقىرىۋاتىمەن، سىلەر مېنى دوزاخقا چاقىرىۋاتىسىلەر:
40 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
تَدْعُونَنِي لِأَكْفُرَ بِاللَّهِ وَأُشْرِكَ بِهِ مَا لَيْسَ لِي بِهِ عِلْمٌ وَأَنَا أَدْعُوكُمْ إِلَى الْعَزِيزِ الْغَفَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، (بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى (ئاللاھ) قا دەۋەت قىلىمەن[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىۋاتىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھغا دەۋەت قىلىۋاتىمەن
ئەنەس ئالىم: سىلەر مېنى ئاللاھقا كافىر بولۇشقا ۋە مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشقا چاقىرىۋاتىسىلەر. مەن سىلەرنى ئەزىز ۋە كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھنىڭ يولىغا چاقىرىۋاتىمەن.
40 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَتَذْكُرُونَ مَا أَقُولُ لَكُمْ ۚ وَأُفَوِّضُ أَمْرِي إِلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: (سىلەرگە ئازاب نازىل بولغان چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقانلىرىمنى پات يېقىندا ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: سىلەر سۆزلىرىمنى پات يېقىندا ئەسلەيسىلەر. مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
40 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَقَاهُ اللَّهُ سَيِّئَاتِ مَا مَكَرُوا ۖ وَحَاقَ بِآلِ فِرْعَوْنَ سُوءُ الْعَذَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب چۈشتى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب نازىل بولدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇ مۇئمىن ئادەمنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. فىرئەۋن خانىدانىنى بولسا ئەڭ يامان ئازاب قورشىۋالدى.
40 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْهُدَىٰ وَأَوْرَثْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ الْكِتَابَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق، ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى مىراس قىلىپ بەردۇق[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق، ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابنى مىراس قىلىپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا ھىدايەتنى ئاتا قىلدۇق ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى كىتابقا ۋارىس قىلدۇق.
زۇخرۇف سۈرىسى
14 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ إِنَّنِي بَرَاءٌ مِمَّا تَعْبُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلاردىن مەن راستتىنلا ئادا ـ جۇدامەن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە ئېيتتى: «مەن سىلەرنىڭ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلاردىن راستتىنلا ئادا ـ جۇدامەن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا - جۇدامەن.
43 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِي فَطَرَنِي فَإِنَّهُ سَيَهْدِينِ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ مېنى (توغرا يولغا) باشلايدۇ»[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ مېنى توغرا يولغا باشلايدۇ»
ئەنەس ئالىم: مېنى ياراتقان زات مۇستەسنا. چۈنكى ئۇ مېنى چوقۇم توغرا يولغا باشلايدۇ».
43 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلَهَا كَلِمَةً بَاقِيَةً فِي عَقِبِهِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم كەلىمە تەۋھىدنى ئەۋلادىدىن (شېرىك كەلتۈرگەنلەر) ئىمانغا قايتسۇن دەپ ئەۋلادى ئىچىدە قالدۇرۇپ كەتتى[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم كەلىمە تەۋھىدنى ئىمانغا قايتىپ قېلىشلىرى ئۈمىدى بىلەن ئۆزىدىن كېيىن قالدۇرۇپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم بۇ سۆزىنى ئۆزىنىڭ نەسلى ئىچىدە داۋاملاشقۇچى سۆز سۈپىتىدە قالدۇردى. ئۇ كېيىنكىلەرنى توغرا يولغا قايتار دەپ شۇنداق قىلدى.
43 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَقَالَ إِنِّي رَسُولُ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە (ئۇنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان شانلىق) مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق، مۇسا (پىرئەۋنگە): «مەن ھەقىقەتەن جىمى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ (سېنى ۋە قەۋمىڭنى بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) ئەلچىسىمەن» دېدى[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق، مۇسا پىرئەۋنگە: «مەن ھەقىقەتەن جىمى ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسانى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. مۇسا ئۇلارغا: «مەن ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى.
43 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا نُرِيهِمْ مِنْ آيَةٍ إِلَّا هِيَ أَكْبَرُ مِنْ أُخْتِهَا ۖ وَأَخَذْنَاهُمْ بِالْعَذَابِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىر ـ بىرىدىن كاتتا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق، ئۇلارنى (كۇفرىدىن) قايتسۇن دەپ (تۈرلۈك) ئازابلار بىلەن جازالىدۇق[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىر ـ بىرىدىن كاتتا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق، ئۇلارنى كۇفرىدىن قايتسۇن دەپ تۈرلۈك ئازابلار بىلەن جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا كۆرسەتكەن ھەر مۆجىزە ئىلگىرىكسىدىن چوڭ ئىدى. بىز ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ ئازابلار بىلەن جازالىدۇق.
43 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا يَا أَيُّهَ السَّاحِرُ ادْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِنْدَكَ إِنَّنَا لَمُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە) «ئى سېھىرگەر! پەرەۋردىگارىڭغا ئۇنىڭ ساڭا بەرگەن (دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشتىن ئىبارەت) ئەھدى بويىچە بىز ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ (ئەگەر ئۇ دۇئايىڭ بىلەن بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتسە)، بىز چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز» دېدى[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە: «ئى سېھىرگەر! پەرەۋردىگارىڭغا ئۇنىڭ ساڭا بەرگەن ئەھدى بويىچە بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغىن، بىز چوقۇم توغرا يول تاپىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى سېھىرگەر! رەببىڭنىڭ ساڭا بەرگەن ئەھدىسى بويىچە بىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىن، بىز ئەلۋەتتە توغرا يولغا كېلىمىز» دېدى.
43 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ أَنَا خَيْرٌ مِنْ هَٰذَا الَّذِي هُوَ مَهِينٌ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە (پەخىرلەنگەن ھالدا) نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ (مېنىڭ بۇ بۈيۈكلۈكۈمنى) كۆرمەمسىلەر؟ بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن»[51ـ52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا، مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەم- مۇسا- دىن ياخشىراق ئەمەسمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ياكى مەن بۇ ئەرزىمەس ۋە ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان ئادەمدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟
43 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا أُلْقِيَ عَلَيْهِ أَسْوِرَةٌ مِنْ ذَهَبٍ أَوْ جَاءَ مَعَهُ الْمَلَائِكَةُ مُقْتَرِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا (ئاسماندىن) ئالتۇن بىلەيزۈكلەر تاشلانمىدى؟ ياكى نېمىشقا (ئۇنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟»[53]
تەرجىمە ھەيئىتى: نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاسماندىن ئالتۇن بىلەيزۈكلەر تاشلانمىدى؟ ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟»
ئەنەس ئالىم: نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەزۈكلەر تاشلاپ بېرىلمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟».
43 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا ضُرِبَ ابْنُ مَرْيَمَ مَثَلًا إِذَا قَوْمُكَ مِنْهُ يَصِدُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: (قۇرئاندا) مەريەمنىڭ ئوغلى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام) مىسال كەلتۈرۈلسە، ناگاھان سېنىڭ قەۋمىڭ (خۇشاللىقتىن) سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاندا مەريەمنىڭ ئوغلى - ئىسا - مىسال كەلتۈرۈلسە، ناگاھان سېنىڭ قەۋمىڭ -خۇشاللىقتىن- سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! قۇرئاندا مەريەم ئوغلى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلسە، سېنىڭ قەۋمىڭ ئۇ مىسالدىن خۇشال بولۇپ بىردىنلا سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ
43 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ هُوَ إِلَّا عَبْدٌ أَنْعَمْنَا عَلَيْهِ وَجَعَلْنَاهُ مَثَلًا لِبَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئىيسا) (ناسارالار گۇمان قىلغاندەك ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى ئەمەس) پەقەت پەيغەمبەرلىك نېمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر دەلىل قىلدۇق[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسا پەقەت پەيغەمبەرلىك نېمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا بىر دەلىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى بىز ئىنئام قىلغان بىر بەندىدىنلا ئىبارەتتۇر. بىز ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۈلگە قىلدۇق.
43 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّهُ لَعِلْمٌ لِلسَّاعَةِ فَلَا تَمْتَرُنَّ بِهَا وَاتَّبِعُونِ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئىيسا) ئەلۋەتتە قىيامەتنىڭ ئالامىتىدۇر، ئۇنىڭغا (يەنى قىيامەتكە) شەك كەلتۈرمەڭلار. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) «ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ (مېنىڭ دەۋەت قىلغىنىم) توغرا يولدۇر[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى ئۇ ئەلۋەتتە قىيامەت ئۈچۈن بىر ئالامەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەتكە شەك كەلتۈرمەڭلار ۋە ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى قىيامەت ئۈچۈن بىر ئىلىمدۇر3. ئۇ ھالدا قىيامەت توغرۇلۇق شۈبھىلەنمەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر.
43 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَ عِيسَىٰ بِالْبَيِّنَاتِ قَالَ قَدْ جِئْتُكُمْ بِالْحِكْمَةِ وَلِأُبَيِّنَ لَكُمْ بَعْضَ الَّذِي تَخْتَلِفُونَ فِيهِ ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىيسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: «سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ (يەنى دىنىي ئىشلارنىڭ) بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىمەن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: «سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىمەن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئىيسا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە ھېكمەتنى ئېلىپ كەلدىم. سىلەر ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بەزىسىنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلدىم. ئۇ ھالدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
43 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ هُوَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر ۋە سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىمدۇر ۋە سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مېنىڭمۇ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. ئۇنداقتا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر».
43 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
فَاخْتَلَفَ الْأَحْزَابُ مِنْ بَيْنِهِمْ ۖ فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْ عَذَابِ يَوْمٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ناسارالار) نىڭ پىرقىلىرى (ئىيسا توغرىسىدا) ئۆز ـ ئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، زالىملارغا قاتتىق كۈن (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن ۋاي![65]
تەرجىمە ھەيئىتى: ناسارالارنىڭ پىرقىلىرى ئۆز ـ ئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، زالىملارغا قاتتىق كۈننىڭ ئازابىدىن ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان گۇرۇھلار يەنىلا ئىختىلاپ قىلىشتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ زالىملارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار ئەلەملىك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىنىدۇ.
دۇخان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَسْرِ بِعِبَادِي لَيْلًا إِنَّكُمْ مُتَّبَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ ئېيتتى) «مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، سىلەر ھەقىقەتەن قوغلىنىسىلەر[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداق بولسا مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە تىزدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، سىلەر ھەقىقەتەن قوغلىنىسىلەر
ئەنەس ئالىم: رەببى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «بەندىلىرىمنى ئېلىپ كېچىدە يولغا چىققىن. شۈبھىسىزكى، سىلەر قوغلىنىسىلەر3.
44 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ نَجَّيْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنَ الْعَذَابِ الْمُهِينِ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋن (ئازابى) دىن قۇتقۇزدۇق، پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى[30 ـ 31].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خورلىغۇچى ئازابتىن قۇتقۇزدۇق،
ئەھقاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ أَخَا عَادٍ إِذْ أَنْذَرَ قَوْمَهُ بِالْأَحْقَافِ وَقَدْ خَلَتِ النُّذُرُ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئادنىڭ قېرىندىشى (يەنى ھۇد ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئۆز قەۋمى بىلەن بولغان قىسسەسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئەھقاف (دېگەن يەر) دىكى قەۋمىنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردى، ئۇنىڭدىن (يەنى ھۇدتىن) ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتتى. ئۇ (يەنى ھۇد) (قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرۇپ) ئېيتتى: «سىلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ (ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلساڭلار) بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن»[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئادنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئۆز قەۋمى بىلەن بولغان قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئەھقاف -دېگەن يەر- دىكى قەۋمىنى ئاگاھلاندۇردى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتتى. ئۇ ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئادنىڭ قېرىندىشىنى زىكىر قىلغىن2. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قۇم دۆۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ نۇرغۇن ئاگاھلاندۇرغۇچىلار ئۆتتى. ئۇ ئۇلارغا: «ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقۇۋاتىمەن» دېگەن ئىدى.
قاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَادٌ وَفِرْعَوْنُ وَإِخْوَانُ لُوطٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى[12ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئاد قەۋمى، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قىرىنداشلىرى
ئەنەس ئالىم: ئاد3، فىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى،
زارىيات سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ ضَيْفِ إِبْرَاهِيمَ الْمُكْرَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ؟[24]
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
51 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ دَخَلُوا عَلَيْهِ فَقَالُوا سَلَامًا ۖ قَالَ سَلَامٌ قَوْمٌ مُنْكَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام دېدى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى. (ئىچىدە) «ناتونۇش ئادەملەرغۇ» دېدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ «سالام» بەردى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى. -ئىچىدە- «ناتونۇش ئادەملەرغۇ!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ: «سالام» دېگەن ئىدى، ئىبراھىم: «سالام بولسۇن! ناتونۇش قەۋمغۇ!» دېدى.
51 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
فَرَاغَ إِلَىٰ أَهْلِهِ فَجَاءَ بِعِجْلٍ سَمِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر» دېدى[26ـ27].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ پىشۇرۇلغان بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىردى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن تۇيدۇرماستىن ئائىلىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، سېمىز بىر موزاي ئېلىپ كەلدى.
51 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَرَّبَهُ إِلَيْهِمْ قَالَ أَلَا تَأْكُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر» دېدى[26ـ27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قويۇپ: «قېنى، تاماققا بېقىڭلار!» دېدى.
51 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَوْجَسَ مِنْهُمْ خِيفَةً ۖ قَالُوا لَا تَخَفْ ۖ وَبَشَّرُوهُ بِغُلَامٍ عَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنىڭ تاماق يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ) دىلىدا ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار «قورقمىغىن (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز)» دېدى، ئۇلار ئىبراھىمغا بىلىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بەردى[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن دىلىدا ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار: «قورقمىغىن» دېدى ۋە ئىبراھىمغا بىلىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردى
ئەنەس ئالىم: بۇ ئەسنادا ئىبراھىم ئۇلاردىن قورقۇشقا باشلىدى. ئۇلار: «قورقمىغىن!» دېدى ۋە ئۇنىڭغا بىلىملىك بىر ئوغلى بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەردى.
51 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَقْبَلَتِ امْرَأَتُهُ فِي صَرَّةٍ فَصَكَّتْ وَجْهَهَا وَقَالَتْ عَجُوزٌ عَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كېلىپ (ئەجەبلەنگەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ) يۈزىنى كاچاتلاپ: «مەن تۇغماس موماي تۇرسام (قانداق تۇغىمەن؟)» دېدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كېلىپ يۈزىنى كاچاتلاپ: «مەن تۇغماس موماي تۇرسام؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كەلدى، يۈزىگە ئۇردى ۋە: «مەن ياشانغان ۋە تۇغماس ئايال تۇرسام!» دېدى.
51 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ ۖ إِنَّهُ هُوَ الْحَكِيمُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» دېدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىڭ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئۇ شۇنداق. لېكىن بۇنى رەببىڭ دېدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر» دېدى.
51 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَمَا خَطْبُكُمْ أَيُّهَا الْمُرْسَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! سىلەر نېمە ئىش بىلەن ئەۋەتىلدىڭلار» دېدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! سىلەر نېمە ئىش بىلەن ئەۋەتىلدىڭلار؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! يەنە قانداق ۋەزىپەڭلار بار؟» دېدى.
51 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِي مُوسَىٰ إِذْ أَرْسَلْنَاهُ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ (قىسسەسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى بىز پىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ قىسسىسىدىمۇ ئىبرەتلەر بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى بىز پىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسادىمۇ ئايەت قالدۇردۇق. بىز ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا فىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق.
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِبْرَاهِيمَ الَّذِي وَفَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ)[37 ـ 38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋاپادار ئىبراھىمنىڭكىدىنچۇ؟
ئەنەس ئالىم: ۋاپادار ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى نەرسىدىنچۇ؟
قەمەر سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ فَكَذَّبُوا عَبْدَنَا وَقَالُوا مَجْنُونٌ وَازْدُجِرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئىنكار قىلدى، ئۇلار بەندىمىزنى (يەنى نۇھنى) ئىنكار قىلىپ، مەجنۇن دېدى. ئۇ (دىنغا دەۋەت قىلىشتىن) ھەيۋە بىلەن مەنئى قىلىندى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئىنكار قىلدى، ئۇلار بەندىمىز - نۇھ - نى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى «مەجنۇن» دېدى. ئۇ ھەيۋە بىلەن مەنئى قىلىندى
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى «يالغانچى» دېدى، ئۇلار بىزنىڭ بەندىمىزنى «يالغانچى» دېدى ۋە ئۇنىڭ توغرىسىدا: «بۇ جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېيىشتى. بەندىمىز مەنئى قىلىندى.
54 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَدَعَا رَبَّهُ أَنِّي مَغْلُوبٌ فَانْتَصِرْ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ پەرۋەردىگارىڭغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ رەببىغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ، رەببىگە « مەن يېڭىلدىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى.
54 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَفَتَحْنَا أَبْوَابَ السَّمَاءِ بِمَاءٍ مُنْهَمِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قويۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قاتتىق تۆكۈلگۈچى سۇ بىلەن ئاچتۇق.
54 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَفَجَّرْنَا الْأَرْضَ عُيُونًا فَالْتَقَى الْمَاءُ عَلَىٰ أَمْرٍ قَدْ قُدِرَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى (بىر ـ بىرىگە) قوشۇلدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى بەلگىلەنگەن بىر پىرىنسىپ بويىچە بىر ـ بىرىگە قوشۇلدى
ئەنەس ئالىم: زېمىندىن بۇلاقلار ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق. شۇنىڭ بىلەن سۇلار پىلانلانغان ئىش ئۈچۈن بىرلەشتى.
54 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَمَلْنَاهُ عَلَىٰ ذَاتِ أَلْوَاحٍ وَدُسُرٍ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە سالدۇق[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە سالدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ بەندىمىزنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىنىڭ ئۈستىدە توشۇدۇق.
54 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
تَجْرِي بِأَعْيُنِنَا جَزَاءً لِمَنْ كَانَ كُفِرَ
مۇھەممەد سالىھ: كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، ئىنكار قىلىنغاننى (يەنى نۇھنى) مۇكاپاتلاش ئۈچۈن (نۇھنىڭ قەۋمىنى غەرق قىلدۇق)[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، بۇ ئىنكار قىلىنغان - نۇھ - نى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: كېمە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئاقاتتى. بۇ ئىنكار قىلىنغان كىشىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئىدى.
ھەدىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا وَإِبْرَاهِيمَ وَجَعَلْنَا فِي ذُرِّيَّتِهِمَا النُّبُوَّةَ وَالْكِتَابَ ۖ فَمِنْهُمْ مُهْتَدٍ ۖ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ فَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى، ئىبراھىمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەرلىكنى ۋە كىتابنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادىغا (ئاتا) قىلدۇق، ئۇلاردىن ھىدايەت تاپقانلىرى بار، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى، ئىبراھىمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەرلىكنى ۋە كىتابنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ئارىسىدا قىلدۇق، ئۇلاردىن ھىدايەت تاپقانلىرى بار، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنى ۋە ئىبراھىمنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، نەبىيلىكنى ۋە كىتابنى ئۇ ئىككىسىنىڭ نەسلىگە بەردۇق. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، تولىسى فاسىقلاردۇر.
57 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ قَفَّيْنَا عَلَىٰ آثَارِهِمْ بِرُسُلِنَا وَقَفَّيْنَا بِعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ وَآتَيْنَاهُ الْإِنْجِيلَ وَجَعَلْنَا فِي قُلُوبِ الَّذِينَ اتَّبَعُوهُ رَأْفَةً وَرَحْمَةً وَرَهْبَانِيَّةً ابْتَدَعُوهَا مَا كَتَبْنَاهَا عَلَيْهِمْ إِلَّا ابْتِغَاءَ رِضْوَانِ اللَّهِ فَمَا رَعَوْهَا حَقَّ رِعَايَتِهَا ۖ فَآتَيْنَا الَّذِينَ آمَنُوا مِنْهُمْ أَجْرَهُمْ ۖ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ فَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتتۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، رەھبانىيەتنى (تەركىدۇنيالىقنى) ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ (پەيدا قىلدى)، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بەردۇق، ئۇلاردىن نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتتۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، رەھبانىيەتنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ پەيدا قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغىمۇ لايىق دەرىجىدە رىئايەت قىلمىدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بەردۇق، ئۇلاردىن نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەلچىلىرىمىزنى ئارقا -ئارقىدىن ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچىلەرنىڭ كەينىدىن مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى بەردۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ قەلبلىرىگە شەپقەت ۋە مەرھەمەت سالدۇق. ئۇلار پەيدا قىلغان راھىبلىققا كەلسەك، بىز ئۇنى ئۇلارغا پەرز قىلمىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ پەيدا قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا رىئايە قىلمىدى. بىز ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارغا مۇكاپاتىنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقلاردۇر.
مۇمتەھىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
60 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ كَانَتْ لَكُمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ فِي إِبْرَاهِيمَ وَالَّذِينَ مَعَهُ إِذْ قَالُوا لِقَوْمِهِمْ إِنَّا بُرَآءُ مِنْكُمْ وَمِمَّا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ كَفَرْنَا بِكُمْ وَبَدَا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةُ وَالْبَغْضَاءُ أَبَدًا حَتَّىٰ تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَحْدَهُ إِلَّا قَوْلَ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ لَأَسْتَغْفِرَنَّ لَكَ وَمَا أَمْلِكُ لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۖ رَبَّنَا عَلَيْكَ تَوَكَّلْنَا وَإِلَيْكَ أَنَبْنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان (مۆمىنلەر) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوبدان نەمۇنىدۇر، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار قەۋمىگە: «ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقانلىرىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامىز، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلارغا قەدەر ئەبەدىي ساقلىنىپ قالىدۇ» دېدى. لېكىن ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان «ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزىنى سىلەرنىڭ نەمۇنە قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر ئېيتتى) «پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭا قايتتۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىللە بولغان مۇئمىنلاردە سىلەرگە ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىلەر بار؛ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار قەۋمىگە: «ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا ـ جۇدامىز، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلارغا قەدەر ئەبەدىي ساقلىنىپ قالىدۇ» دېدى. پەقەت ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان: «ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزىنى سىلەرنىڭ نەمۇنە قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلغان ئىدى:«رەببىمىز ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭا قايتتۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار سىلەرگە ياخشى ئۈلگىدۇر. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە: «بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا - جۇدامىز، سىلەردىن تاندۇق، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا، سىلەر پەقەت ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانغا قەدەر ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك مەڭگۈ ئاشكارا بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن ئىدى - لېكىن ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا: «ساڭا ئەلۋەتتە مەغپىرەت تىلەيمەن، ئەمما ئاللاھتىن كەلگەن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزى ئۈلگە بولمايدۇ - «رەببىمىز! بىز ساڭا تەۋەككۇل قىلدۇق، ساڭا يۆنەلدۇق، سېنىڭ ھۇزۇرىڭغا بارىمىز.
سەپ سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
61 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ لِمَ تُؤْذُونَنِي وَقَدْ تَعْلَمُونَ أَنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ ۖ فَلَمَّا زَاغُوا أَزَاغَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ سىلەر ماڭا نېمىشقا ئازار بېرىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ سىلەر ماڭا نېمىشقا ئازار بېرىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىشقا ئەزىيەت قىلىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى ئىكەنلىكىمنى ئوبدان بىلىسىلەر» دېگەن ئىدى. ئۇلار باتىلغا مايىل بولغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى باتىلغا مايىل قىلدى. ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
61 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَمُبَشِّرًا بِرَسُولٍ يَأْتِي مِنْ بَعْدِي اسْمُهُ أَحْمَدُ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ قَالُوا هَٰذَا سِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىيسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن، مەن، مەندىن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ۋە مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك ئەلچى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى بولۇپ كەلدىم». ئىيسا ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى.
61 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا أَنْصَارَ اللَّهِ كَمَا قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ لِلْحَوَارِيِّينَ مَنْ أَنْصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنْصَارُ اللَّهِ ۖ فَآمَنَتْ طَائِفَةٌ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَكَفَرَتْ طَائِفَةٌ ۖ فَأَيَّدْنَا الَّذِينَ آمَنُوا عَلَىٰ عَدُوِّهِمْ فَأَصْبَحُوا ظَاهِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ھاۋارىيلار (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپتە ئىمان ئېيتقانلار) دەك ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇڭلار، مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ھەۋارىيلارغا: « ئاللاھقا (دەۋەت قىلىشتا) كىملەر ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېدى، ھەۋارىيلار: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېدى. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى، مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا يار ـ يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۆمىنلەر غالىب بولدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى! قانداقكى مەريەم ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالام مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا ھەۋارىيۇنلارغا: «ئاللاھقا كىملەر ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېدى، ھەۋارىيۇنلار: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا مۇئمىنلارغا يار ـ يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۇئمىنلار غالىب بولدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇڭلار1. ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ھەۋارىيلارغا: «كىم ئاللاھ يولىدا مېنىڭ ياردەمچىلىرىمدۇر؟» دېگەندە، ھەۋارىيلار: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېگەن ئىدى، سىلەرمۇ شۇلاردەك بولۇڭلار. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر جامائە ئىمان ئېيتتى، بىر جامائە كافىر بولدى. بىز ئىمان ئېيتقانلارنى دۈشمەنلىرىگە قارشى قوللىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غالىب كەلدى.
تەھرىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
66 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا لِلَّذِينَ كَفَرُوا امْرَأَتَ نُوحٍ وَامْرَأَتَ لُوطٍ ۖ كَانَتَا تَحْتَ عَبْدَيْنِ مِنْ عِبَادِنَا صَالِحَيْنِ فَخَانَتَاهُمَا فَلَمْ يُغْنِيَا عَنْهُمَا مِنَ اللَّهِ شَيْئًا وَقِيلَ ادْخُلَا النَّارَ مَعَ الدَّاخِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كۇففارلارغا (ئۇلارنىڭ مۆمىنلەر بىلەن تۇغقانچىلىقىنىڭ پايدا بەرمەسلىكىدە) نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇلار بولسا بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ ئەمرىدە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئەرلىرىگە (ئىمان ئېيتماسلىق بىلەن) خىيانەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى (يەنى نۇھ بىلەن لۇت) (پەيغەمبەر تۇرۇقلۇق) ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى. (ئۇ ئىككىسىگە) «دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار» دېيىلدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كۇففارلارغا نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇلار بولسا بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ ئەمرىدە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئەرلىرىگە خىيانەت قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككىسىگە: «دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار» دېيىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كافىرلارغا نۇھ ۋە لۇتنىڭ ئاياللىرىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئىككى ئايال، بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىنىڭ نىكاھىدا ئىدى، ئۇ ئىككى ئايال ئۇ ئىككى ياخشى بەندىگە خىيانەت قىلدى، ئۇ ئىككى ياخشى بەندە ئاللاھتىن كەلگەن ھېچ نەرسىنى ئۇ ئىككى ئايالدىن دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككى ئايالغا: «كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە دوزاخقا كىرىڭلار!» دېيىلدى.
قەلەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُنْ كَصَاحِبِ الْحُوتِ إِذْ نَادَىٰ وَهُوَ مَكْظُومٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، (ئالدىراڭغۇلۇقتا، زېرىككەكلىكتە) بېلىقنىڭ ساھىبىغا (يەنى يۇنۇسقا) ئوخشاش بولمىغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ) غەمكىن ھالدا پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلدى[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، بېلىقنىڭ ساھىبى- يۇنۇس- قا ئوخشاش بولمىغىنكى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ غەمكىن ھالدا رەببىغا ئىلتىجا قىلدى
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، بېلىقنىڭ ھەمراھىدەك بولمىغىن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىگە ئاچچىق تولغان ھالدا رەببىگە نىدا قىلغان ئىدى.
68 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْلَا أَنْ تَدَارَكَهُ نِعْمَةٌ مِنْ رَبِّهِ لَنُبِذَ بِالْعَرَاءِ وَهُوَ مَذْمُومٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نېمىتىگە ئېرىشمىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ (قىلمىشىغا) مالامەت قىلىنغان ھالدا (دەرەخمۇ يوق، تاغمۇ يوق) بىر دالىغا تاشلانغان بولاتتى[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇ رەببىنىڭ نېمىتىگە ئېرىشمىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ مالامەت قىلىنغان ھالدا بىر دالىغا تاشلانغان بولاتتى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇنىڭغا رەببىدىن نېمەت يېتىشمىگەن بولسا ئىدى، ئۇ ئەيىبلەنگەن ھالدا ئوچۇقچىلىق جايغا ئېتىلغان بولاتتى.
ھاققە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا لَمَّا طَغَى الْمَاءُ حَمَلْنَاكُمْ فِي الْجَارِيَةِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق. سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، ئېسىدە تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق)[11ـ12].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى بىز كېمىگە سالدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! توپان بالاسى يۈز بەرگەندە سىلەرنى كېمىدە بىز توشۇدۇق4.
نوھ سۈرىسى
18 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِنَّا أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ أَنْ أَنْذِرْ قَوْمَكَ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە: «قەۋمىڭگە قاتتىق ئازاب (يەنى دۇنيادىكى چاغلىرىدا توپان بالاسى، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابى) كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ ئەۋەتتۇق[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە: «قەۋمىڭگە قاتتىق ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، «قەۋمىڭگە ئەلەملىك ئازاب كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دېدۇق.
71 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي لَكُمْ نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئەۋەتىلگەن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن
ئەنەس ئالىم: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
71 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
71 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
يَغْفِرْ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرْكُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۚ إِنَّ أَجَلَ اللَّهِ إِذَا جَاءَ لَا يُؤَخَّرُ ۖ لَوْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ (يەنى ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىدۇ). شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ (ئىنسانغا بېكىتكەن) ئەجىلى كەلگەن چاغدا (ئەجەل) كېچىكتۈرۈلمەيدۇ»[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ ئىنسانغا بېكىتكەن ئەجىلى كەلگەن چاغدا ئەجەل كېچىكتۈرۈلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە كېچىكتۈرىدۇ. ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەجەل كەلسە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، ئەگەر بىلسەڭلار».
71 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي دَعَوْتُ قَوْمِي لَيْلًا وَنَهَارًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە ـ كۈندۈز (ئىمانغا) دەۋەت قىلدىم[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە ـ كۈندۈز ئىمانغا دەۋەت قىلدىم
ئەنەس ئالىم: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! مەن قەۋمىمنى كېچە - كۈندۈز دەۋەت قىلدىم.
71 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمْ يَزِدْهُمْ دُعَائِي إِلَّا فِرَارًا
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى
ئەنەس ئالىم: لېكىن مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارغا پەقەت قېچىشنىلا زىيادە قىلدى.
71 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنِّي كُلَّمَا دَعَوْتُهُمْ لِتَغْفِرَ لَهُمْ جَعَلُوا أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ وَاسْتَغْشَوْا ثِيَابَهُمْ وَأَصَرُّوا وَاسْتَكْبَرُوا اسْتِكْبَارًا
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، (دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن) بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى. (سۆزۈمنى ئاڭلىماسلىق ياكى مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن) كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى. (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى، چوڭچىلىق قىلىپ (ئىماندىن) تېخىمۇ باش تارتتى[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى ۋە كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى، كۇفرىدا چىڭ تۇردى ۋە چوڭچىلىق قىلىپ تېخىمۇ باش تارتتى
ئەنەس ئالىم: سېنىڭ ئۇلارغا مەغپىرەت قىلىشىڭ ئۈچۈن مەن قاچانىكى ئۇلارنى دەۋەت قىلسام، ئۇلار بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالدى، كىيىملىرىگە يۆگىنىۋالدى، چىڭ تۇردى ۋە بەك چوڭچىلىق قىلدى.
71 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ إِنِّي دَعَوْتُهُمْ جِهَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن مەن ئۇلارنى توۋلاپ دەۋەت قىلدىم[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن مەن ئۇلارنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن دەۋەت قىلدىم
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارنى ئۈنلۈك دەۋەت قىلدىم.
71 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ إِنِّي أَعْلَنْتُ لَهُمْ وَأَسْرَرْتُ لَهُمْ إِسْرَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم ۋە يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم ۋە يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم
ئەنەس ئالىم: ئاندىن مەن ئۇلارنى ئاشكارىمۇ دەۋەت قىلدىم، يوشۇرۇنمۇ دەۋەت قىلدىم.
71 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُلْتُ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّارًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتتىمكى: «رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: دېدىمكى: رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئۇ كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
71 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ[11]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ سىلەرگە يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بېرىدۇ،
71 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُمْدِدْكُمْ بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَيَجْعَلْ لَكُمْ جَنَّاتٍ وَيَجْعَلْ لَكُمْ أَنْهَارًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ[12]،
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە مال ۋە ئوغۇللار بىلەن ياردەم بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى ئاتا قىلىدۇ، ئۆستەڭلەرنى ئېقىتىپ بېرىدۇ.
71 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ نُوحٌ رَبِّ إِنَّهُمْ عَصَوْنِي وَاتَّبَعُوا مَنْ لَمْ يَزِدْهُ مَالُهُ وَوَلَدُهُ إِلَّا خَسَارًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، مېلىغا، بالىسىغا ۋە ئۆزلىرىگە زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمىغان كىشىلەرگە (يەنى بايلىرىغا، كاتتىباشلىرىغا) ئەگەشتى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، مېلىغا، بالىسىغا ۋە ئۆزلىرىگە زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمىغان كىشىلەرگە ئەگەشتى
ئەنەس ئالىم: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، مېلى ۋە بالىچاقىسى ئۆزىگە پەقەت زىيانلا ئارتتۇرغان كىشىگە ئەگەشتى،
71 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَكَرُوا مَكْرًا كُبَّارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى كاتتىباشلار) (ماڭا چىنپۈتمىدى، ماڭا ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈپ) چوڭ ھىيلە تۈزدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چوڭ ھىيلە تۈزدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ناھايىتى چوڭ ھىيلە - مىكىر قىلدى،
71 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَا تَذَرُنَّ آلِهَتَكُمْ وَلَا تَذَرُنَّ وَدًّا وَلَا سُوَاعًا وَلَا يَغُوثَ وَيَعُوقَ وَنَسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: ‹مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار› دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئىلاھلىرىڭلارنى ھەرگىزمۇ تەرك ئەتمەڭلار. بولۇپمۇ ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرنى ھەرگىزمۇ تەرك ئەتمەڭلار» دېدى1،
71 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ نُوحٌ رَبِّ لَا تَذَرْ عَلَى الْأَرْضِ مِنَ الْكَافِرِينَ دَيَّارًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن
ئەنەس ئالىم: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! زېمىندا كافىرلاردىن بىرىنىمۇ قويمىغىن!
71 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكَ إِنْ تَذَرْهُمْ يُضِلُّوا عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوا إِلَّا فَاجِرًا كَفَّارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت فاجىر، كاپىر بولىدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى ئۇلار بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت ئەخلاقسىز ۋە كاپىر بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: چۈنكى سەن ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ ۋە فاجىر، تۇزكورلاردىن باشقىسىنى تۇغمايدۇ.
71 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِمَنْ دَخَلَ بَيْتِيَ مُؤْمِنًا وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا تَبَارًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۆمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۆمىن ئەرلەرگە، مۆمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن»[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۇئمىن ئەرلەرگە، مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: رەببىم! ماڭا، ئاتا - ئانامغا، ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا ھالاكەتتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمىغىن!».
مۇزەممىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَرْسَلْنَا إِلَيْكُمْ رَسُولًا شَاهِدًا عَلَيْكُمْ كَمَا أَرْسَلْنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ رَسُولًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەندەك، سىلەرگە (ئەمەلىڭلارغا) گۇۋاھلىق بەرگۈچى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەندەك، سىلەرگىمۇ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە، بۇرۇن فىرئەۋنگە ئەلچى ئەۋەتكىنىمىزدەك زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان ئەلچى ئەۋەتتۇق.
نازىئات سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟[15]
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
79 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ نَادَاهُ رَبُّهُ بِالْوَادِ الْمُقَدَّسِ طُوًى
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى پەرۋەردىگارى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا (مۇنداق دەپ) چاقىردى:[16]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى رەببى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببى ئۇنىڭغا مۇقەددەس ۋادى تۇۋادا مۇنداق دەپ نىدا قىلدى:
79 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبْ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: «سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: «سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى
ئەنەس ئالىم: «فىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇ بەك ھەددىدىن ئاشتى.
79 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُلْ هَلْ لَكَ إِلَىٰ أَنْ تَزَكَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا :<كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن>پاك بولۇشنى خالامسەن.18
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا ئېيتقىنكى: «پاك بولۇشنى خالامسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا ئېيتقىن: «پاكلىنىشقا مەيلىڭ بارمۇ؟
79 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَهْدِيَكَ إِلَىٰ رَبِّكَ فَتَخْشَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سېنى پەرۋەردىگارىمنى تونۇشقا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ (ئۇنى تونۇساڭ پەرۋەردىگارىڭدىن) قورقىسەن ـ دە، (ياخشى ئەمەللەرنى قىلىسەن)، دېگىن»[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنى رەببىڭنىڭ تەرىپىگە يېتەكلىشىمنىچۇ؟ شۇنداق بولغاندا قورقارسەن»
ئەنەس ئالىم: سېنى رەببىڭنى تونۇشقا يېتەكلەيمۇ؟ تونۇساڭ ئۇنىڭدىن ئەيمىنىسەن!»6.
79 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرَاهُ الْآيَةَ الْكُبْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ بىر مۆجىزىنى كۆرسەتتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا فىرئەۋنگە ئەڭ بۈيۈك ئايەتنى كۆرسەتتى،
ئەئلا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
صُحُفِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر[18ـ19].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنى ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىمنىڭ ۋە مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدە.
بەلەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
90 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَالِدٍ وَمَا وَلَدَ
مۇھەممەد سالىھ: ئادەم (ئەلەيھىسسالام) ۋە (ئۇنىڭ ياخشى) پەرزەنتلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاتا ۋە پەرزەنتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى
ئەنەس ئالىم: ئاتا ۋە ئۇنىڭ بالىسى بىلەن قەسەم قىلىمەن،