ئەيسا
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىسا (ئەيسا) ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكايىسى
ئەرەبچىىسى: عيسى
ئېنگلىزچىسى: Isa
47 ئايەت
10 سۈرە
0 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَقَفَّيْنَا مِنْ بَعْدِهِ بِالرُّسُلِ ۖ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ ۗ أَفَكُلَّمَا جَاءَكُمْ رَسُولٌ بِمَا لَا تَهْوَىٰ أَنْفُسُكُمُ اسْتَكْبَرْتُمْ فَفَرِيقًا كَذَّبْتُمْ وَفَرِيقًا تَقْتُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقىمۇئارقا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەر بەردۇق، ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇددۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن يۆلىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەرنى بەردۇق ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن قوللىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دېدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ئىدۇق. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغىمۇ روشەن دەلىللەرنى26 بەرگەن ئىدۇق، ئۇنى روھۇلقۇدۇس بىلەن قوللىغان ئىدۇق. لېكىن سىلەر قاچانىكى ئەلچى كۆڭلۈڭلار ياقتۇرمايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلدىڭلار ئەمەسمۇ؟! ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچى دېدىڭلار، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار.
2 : 253 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ الرُّسُلُ فَضَّلْنَا بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۘ مِنْهُمْ مَنْ كَلَّمَ اللَّهُ ۖ وَرَفَعَ بَعْضَهُمْ دَرَجَاتٍ ۚ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ ۗ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا اقْتَتَلَ الَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ وَلَٰكِنِ اخْتَلَفُوا فَمِنْهُمْ مَنْ آمَنَ وَمِنْهُمْ مَنْ كَفَرَ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا اقْتَتَلُوا وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسى (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالام) بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مەريەم ئوغلى ئىيساغا (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش) روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام) بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى؛ بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كاپىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ[253].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسى بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مەريەم ئوغلى ئىيساغا (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش) روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن كۈچلەندۈردۇق، ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەر ئۆزىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى ئىمان ئېيتمىدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئەلچىلەردۇر. بىز ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە گەپ قىلدى، بەزىلىرىنىڭ دەرىجىلىرىنى ئۈستۈن قىلدى. بىز مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، ئۇنى رۇھۇلقۇدۇس بىلەن قوللىدۇق72. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىنكىلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشمەيتتى. لېكىن ئۇلار بۆلۈندى: بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كافىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشمەيتتى. لېكىن ئاللاھ ئىرادە قىلغىنىنى قىلىدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَتِ الْمَلَائِكَةُ يَا مَرْيَمُ إِنَّ اللَّهَ يُبَشِّرُكِ بِكَلِمَةٍ مِنْهُ اسْمُهُ الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ وَجِيهًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز) ئاللاھنىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى، مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسادۇر. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا ۋۇجۇدقا كەل دېگەن كەلىمىسى ئارقىلىق تۆرىلىدىغان بىر پەرزەنت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسادۇر، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مەريەمگە يەنە مۇنداق دېدى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا ئۆزىنىڭ بىر كەلىمىسى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى ئىيسا مەسىھتۇر. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق بولىدۇ. ئۇ ئاللاھقا يېقىن بەندىلەردىن بولىدۇ.
3 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا وَمِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ بۆشۈكتىمۇ (يەنى بوۋاقلىق چېغىدىمۇ)، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى) سۆزلەيدۇ ۋە (تەقۋادارلىقتا كامىل) ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ»[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش ۋاقتىدىمۇ كىشىلەرگە (ھەقىقەتنى) سۆزلەيدۇ ۋە ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئۇ بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش چېغىدىمۇ ئىنسانلارغا گەپ قىلىدۇ ۋە ئۇ ياخشىلاردىن بولىدۇ».
3 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي وَلَدٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكِ اللَّهُ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ إِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ (يەنى ئاتا ـ ئانا ئارقىلىقمۇ ۋە ئۇنىڭسىزمۇ يارىتىدۇ). بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ‹ۋۇجۇدقا كەل› دەيدۇ – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم: «ئى رەببىم! ماڭا ھېچبىر ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا، قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ. بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، < ۋۇجۇدقا كەل > دەيدۇ-دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: مەريەم: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ بالام بولسۇن؟ مەن بىلەن ھېچكىم بىر يەردە بولمىغان تۇرسا!» دېدى. ئاللاھ: «شۇنداق. لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئۇ بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلسا ئۇنىڭغا پەقەتلا: ‹بول› دەيدۇ. ئۇ بولىدۇ» دېدى.
3 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُعَلِّمُهُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنىڭغا خەتنى، ھېكمەتنى (يەنى سۆز - ھەرىكەتتە توغرا بولۇشنى)، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ
ئەنەس ئالىم: پەرىشتىلەر مەريەمگە بالىسى توغرىسىدا يەنە مۇنداق دېدى: «ئاللاھ ئۇنىڭغا يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ.
3 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَسُولًا إِلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ أَنِّي قَدْ جِئْتُكُمْ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ أَنِّي أَخْلُقُ لَكُمْ مِنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ فَأَنْفُخُ فِيهِ فَيَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِ اللَّهِ ۖ وَأُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ وَأُحْيِي الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِ اللَّهِ ۖ وَأُنَبِّئُكُمْ بِمَا تَأْكُلُونَ وَمَا تَدَّخِرُونَ فِي بُيُوتِكُمْ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ:) «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە مەن رەببىڭلار تەرىپىدىن بولغان (پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن ـ دە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن (يەنى سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئەھۋالىڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن). شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى مەن كەلتۈرگەن مۆجىزىلەردە) سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ راستلىقىمنى كۆرسىتىدىغان روشەن) ئالامەت بار[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ) «شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە پەرۋاردىگارىڭلار ھۇزۇرىدىن بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، مەن سىلەر ئۈچۈن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن ـ دە، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇ مۆجىزىلەردە سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار
ئەنەس ئالىم: ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەرگە رەببىڭلاردىن ئايەت ئېلىپ كەلدىم. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا لايدىن قۇش شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ ئىچىگە پۈۋلەيمەن - دە، ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن قۇش بولىدۇ. مەن يەنە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن تۇغما كورنى ۋە ئاقكېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەمنى ساقايتىمەن، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن. مەن يەنە ئۆيلىرىڭلاردا نېمە يەپ، نېمە ساقلايدىغانلىقىڭلار توغرۇلۇق سىلەرگە خەۋەر بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۈچۈن بۇنىڭدا ئايەت بار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار.
3 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَمُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَلِأُحِلَّ لَكُمْ بَعْضَ الَّذِي حُرِّمَ عَلَيْكُمْ ۚ وَجِئْتُكُمْ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم)، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن (كەلدىم). سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە (مېنىڭ ئەمرىمگە) ئىتائەت قىلىڭلار[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان ھالدا كەلدىم، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن كەلدىم. مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: مەن ئالدىمدىكى تەۋراتنى تەستىقلاش ۋە سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم. مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن ئايەت ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
3 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۗ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مېنىڭمۇ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر›».
3 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَحَسَّ عِيسَىٰ مِنْهُمُ الْكُفْرَ قَالَ مَنْ أَنْصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنْصَارُ اللَّهِ آمَنَّا بِاللَّهِ وَاشْهَدْ بِأَنَّا مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىيسا ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ ئۈچۈن (ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟» دېدى. ھەۋارىيلار (يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۆمىنلەر) ئېيتتى: «ئاللاھ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز بويسۇنغۇچىلارمىز[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىيسا يەھۇدىيلارنىڭ كۇفردا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ يولىدا ماڭا كىملەر ياردەمچى بولىدۇ؟» دېدى. ھاۋارىيلار[1] ئېيتتى: «ئاللاھ يولىدا بىز ساڭا ياردەمچى بولىمىز، بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. سەن بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزغا گۇۋاھ بولغىن
ئەنەس ئالىم: ئىيسا ئۇلاردىن كۇفرىلىقنى سېزىپ: «كىملەر ئاللاھ يولىدا مېنىڭ ياردەمچىلىرىمدۇر؟» دېگەن ئىدى. ھەۋارىيلار مۇنداق دېدى: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز16. بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز مۇسۇلمانمىز.
3 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَكَرُوا وَمَكَرَ اللَّهُ ۖ وَاللَّهُ خَيْرُ الْمَاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مىكىر ئىشلەتتى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى (ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى قۇتقۇزۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار (ئىيسانى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ) ھىيلە-مىكىر ئىشلەتتى، ئاللاھ ئۇلارغا قارشى (ئىيسانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن) تەدبىر قوللاندى. ئاللاھ (ھىيلە-مىكىرگە قارشى) ئەڭ ياخشى تەدبىر قوللانغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: باشقىلىرى بولسا ئىيساغا سۇيىقەست قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بەربات قىلدى. ئاللاھ سۇيىقەستلەرنى ئەڭ ئوبدان بەربات قىلغۇچىدۇر.
3 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَىٰ إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا وَجَاعِلُ الَّذِينَ اتَّبَعُوكَ فَوْقَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۖ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأَحْكُمُ بَيْنَكُمْ فِيمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىيسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى ئېلىپ كېتىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن. سېنى كافىرلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلايمەن، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كافىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىيسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىيساغا مۇنداق دېدى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى ۋاپات قىلدۇرىمەن ۋە سېنى ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن، سېنى كافىرلاردىن قۇتقۇزىمەن، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەت كۈنىگىچە كافىرلاردىن ئۈستۈن تۇتىمەن. ئاخىرىدا ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرىمغا قايتىسلەر. ئۇ چاغدا مەن ئاراڭلاردىكى ئىختىلاپ توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن.
3 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ مَثَلَ عِيسَىٰ عِنْدَ اللَّهِ كَمَثَلِ آدَمَ ۖ خَلَقَهُ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ قَالَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىيسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا ـ ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىيسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس)[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىيسانىڭ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقى ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) يارىتىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېۋىدى، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىيسانىڭ ئەھۋالى ئادەمنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ئۇنى تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «بول!» دېدى، ئۇ بولدى.
نىسا سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
وَبِكُفْرِهِمْ وَقَوْلِهِمْ عَلَىٰ مَرْيَمَ بُهْتَانًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق)[156].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق)
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كافىر بولغانلىقى ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق.
4 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَوْلِهِمْ إِنَّا قَتَلْنَا الْمَسِيحَ عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ رَسُولَ اللَّهِ وَمَا قَتَلُوهُ وَمَا صَلَبُوهُ وَلَٰكِنْ شُبِّهَ لَهُمْ ۚ وَإِنَّ الَّذِينَ اخْتَلَفُوا فِيهِ لَفِي شَكٍّ مِنْهُ ۚ مَا لَهُمْ بِهِ مِنْ عِلْمٍ إِلَّا اتِّبَاعَ الظَّنِّ ۚ وَمَا قَتَلُوهُ يَقِينًا
مۇھەممەد سالىھ: يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋەلېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (يەنى ئىيسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى). ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسىلىسى) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى ھەرگىزمۇ ئۆلتۈرمىدى[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇلار) يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلار ئىيسانى ئۆلتۈرگەنمۇ ئەمەس، دارغا ئاسقانمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇلارغا (باشقا بىرى ئىيساغا) ئوخشاش كۆرسىتىلدى (يەنى ئۇلار ئىيسانى ئاستۇق دەپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرىنى ئاستى)، ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى زادى ئۆلتۈرەلىگىنى يوق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «مەريەمنىڭ ئوغلى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىيسا مەسىھنى چوقۇم بىز ئۆلتۈردۇق» دېگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرمىدى ۋە دارغا ئاسمىدى، لېكىن ئۇلارغا شۇنداق كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ئەلۋەتتە شەك ئىچىدىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىلىمى يوق، لېكىن ئۇلار گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. ئۇلار ئۇنى قەتئىي ئۆلتۈرمىدى.
4 : 158 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ رَفَعَهُ اللَّهُ إِلَيْهِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ھۇزۇرىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[158].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز ھۇزۇرىغا كۆتۈردى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ إِلَّا لَيُؤْمِنَنَّ بِهِ قَبْلَ مَوْتِهِ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكُونُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلارنىڭ ئىيسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى) غا گۇۋاھ بولىدۇ[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ (ئۇلارنىڭ ئىمانى ئەسقاتمايدۇ). ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن ھەربىرى ئۆلۈمىدىن بۇرۇن ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھچى بولىدۇ.
4 : 171 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَا تَغْلُوا فِي دِينِكُمْ وَلَا تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ ۚ إِنَّمَا الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ رَسُولُ اللَّهِ وَكَلِمَتُهُ أَلْقَاهَا إِلَىٰ مَرْيَمَ وَرُوحٌ مِنْهُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ ۖ وَلَا تَقُولُوا ثَلَاثَةٌ ۚ انْتَهُوا خَيْرًا لَكُمْ ۚ إِنَّمَا اللَّهُ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ سُبْحَانَهُ أَنْ يَكُونَ لَهُ وَلَدٌ ۘ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى ناسارالار جامائەسى) دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھنىڭ شەنىگە ھەق (سۆز) دىن باشقىنى ئېيتماڭلار (يەنى ئاللاھقا شېرىكى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار). مەسىھ ئىيسا ـ مەريەمنىڭ ئوغلى، پەقەت ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئاللاھنىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)، مەريەمگە ئاللاھنىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز، ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ (ئىيسا، مەريەمدىن ئىبارەت) ئۈچتۇر دېمەڭلار، (خۇدا ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن) قايتىڭلار، (بۇ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر، ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر)، ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر[171].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلار ھەققىدە ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھ توغرىسىدا پەقەت ھەق گەپنىلا قىلىڭلار. مەسىھ ـ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئاللاھنىڭ مەريەمگە چۈشكەن كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز، ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھنى(ئىيسا بىلەن مەريەمنى قوشۇپ) ئۈچ دېمەڭلار، بۇ ئېتىقادىڭلاردىن يېنىڭلار، بۇ سىلەرگە پايدىلىقتۇر. ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، بالىلىق بولۇشتىن (ئىبارەت مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپىتىدىن) پاك زاتتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار، ئاللاھ توغرىسىدا پەقەت ھەقنىلا سۆزلەڭلار. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا مەسىھ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئۇ ئاللاھنىڭ مەريەمگە يەتكۈزگەن «بول» دېگەن سۆزى بىلەن بار بولغان. ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن روھتۇر. ئۇنداقتا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشىنىڭلار. «ئۈچتۇر» دېمەڭلار68، بۇنداق دېيىشتىن يېنىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئاللاھ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر.
4 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
لَنْ يَسْتَنْكِفَ الْمَسِيحُ أَنْ يَكُونَ عَبْدًا لِلَّهِ وَلَا الْمَلَائِكَةُ الْمُقَرَّبُونَ ۚ وَمَنْ يَسْتَنْكِفْ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيَسْتَكْبِرْ فَسَيَحْشُرُهُمْ إِلَيْهِ جَمِيعًا
مۇھەممەد سالىھ: مەسىھمۇ، (ئاللاھقا) يېقىن پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ. كىملەركى ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ[172].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەسىھمۇ، ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرىمۇ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ
ئەنەس ئالىم: مەسىھ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىزمۇ باش تارتمايدۇ. ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇلغان پەرىشتىلەرمۇ باش تارتمايدۇ. كىم ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھۇزۇرىغا يىغىدۇ.
مائىد سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ ۚ قُلْ فَمَنْ يَمْلِكُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا إِنْ أَرَادَ أَنْ يُهْلِكَ الْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا ۗ وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۚ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھتۇر دېگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن كاپىر بولدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ (نىڭ ئىرادىسى) دىن بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغىنىنى خەلق ئېتىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىيسا) نى ئاللاھتۇر دەۋالغان كىشىلەر ھەقىقەتەن كافىر بولدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ ئىرادە قىلغان بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېگەنلەر كافىر بولدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھنى، ئۇنىڭ ئانىسىنى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھقا قارشى كىم نېمە قىلالايدۇ؟ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر».
5 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَفَّيْنَا عَلَىٰ آثَارِهِمْ بِعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ التَّوْرَاةِ ۖ وَآتَيْنَاهُ الْإِنْجِيلَ فِيهِ هُدًى وَنُورٌ وَمُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ التَّوْرَاةِ وَهُدًى وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ) ئارقىسىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى (يەنى ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى) تەستىقلىغۇچى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ئەۋەتتۇق. ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، (ئىنجىل) ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى تەستىقلىغۇچىدۇر (يەنى ئۇنىڭغا مۇۋاپىقتۇر)، تەقۋادارلارغا ھىدايەت ۋە پەند ـ نەسىھەتتۇر[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ كەينىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلغۇچى ئىيسا ئىبن مەريەمنى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلىدىغان، تەقۋادارارغا ھىدايەت ۋە پەند-نەسىھەت بولغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ئىدى. بىز ئۇنىڭغا ئىچىدە ھىدايەت ۋە نۇر بولغان، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەۋراتنى تەستىقلايدىغان، تەقۋادارلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نەسىھەت بولغان ئىنجىلنى بەردۇق.
5 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
مَا الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِ الرُّسُلُ وَأُمُّهُ صِدِّيقَةٌ ۖ كَانَا يَأْكُلَانِ الطَّعَامَ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُبَيِّنُ لَهُمُ الْآيَاتِ ثُمَّ انْظُرْ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەت (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش) پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايالدۇر، ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى (يەنە ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا گۆش، سۆڭەك، تومۇر ۋە پەيلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى). ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ باتىللىقىغا) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغىمۇ قارىغىن[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەتلا پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايال ئىدى، ئۇ ئىككىسى (باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا) تاماق يەيتتى. بىزنىڭ ئۇلارغا (يەنى ناسارالارغا) بۇ ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىۋاتقانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغىمۇ قارىغىن
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ پەقەتلا ئەلچىدۇر. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئەلچىلەر ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايالدۇر. ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى. قارىغىنا، ئۇلارغا ئايەتلەرنى قانداق بايان قىلىۋاتىمىز. ئاندىن يەنە قارىغىنا، ئۇلار قانداق بۇرۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ.
5 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
لُعِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَلَىٰ لِسَانِ دَاوُودَ وَعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ ۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بەنى ئىسرائىلدىن كاپىر بولغانلارغا داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن (يەنى زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) لەنەت قىلىندى. بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىشى) ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرىدىن بولدى[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىكى كافىرلارغا (زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەت قىلىندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئىسرائىل ئەۋلادىدىن كافىر بولغانلار، داۋۇدنىڭ ۋە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەتلەندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقىدىن بولدى.
5 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ اذْكُرْ نِعْمَتِي عَلَيْكَ وَعَلَىٰ وَالِدَتِكَ إِذْ أَيَّدْتُكَ بِرُوحِ الْقُدُسِ تُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا ۖ وَإِذْ عَلَّمْتُكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ ۖ وَإِذْ تَخْلُقُ مِنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ بِإِذْنِي فَتَنْفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِي ۖ وَتُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ تُخْرِجُ الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ كَفَفْتُ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَنْكَ إِذْ جِئْتَهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن؛ ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە) بۆشۈكتە ۋە (پەيغەمبەر بولغان) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ. ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم. ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ ـ دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزنىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى. مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ. ئەينى زاماندا، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقىراتتىڭ. ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: «بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر» دېدى[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ ۋاقتىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن: شۇ چاغدا سېنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن قوللىغان ئىدىم، بۆشۈكتىكى چېغىڭدا ۋە ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرچە) سۆزلەيتتىڭ؛ شۇ چاغدا ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى بىلدۈرگەن ئىدىم. شۇ چاغدا مېنىڭ ئىرادەم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ، ئۇنى پۈۋلىسەڭ، ئۇ مېنىڭ ئىرادەم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى؛ سەن مېنىڭ ئىرادەم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ؛ شۇ چاغدا سەن مېنىڭ ئىرادەم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقىراتتىڭ؛ شۇ چاغدا مەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى ساڭا چېقىلىشتىن توسقان ئىدىم. سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چېغىڭدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كافىرلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! مېنىڭ ساڭا ۋە ئاناڭغا ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئەتكىن. سېنى روھۇلقۇدۇس بىلەن كۈچلەندۈرگەن ئىدىم. سەن ئىنسانلارغا بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش چېغىڭدىمۇ گەپ قىلاتتىڭ. ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتكەن ئىدىم. مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن لايدىن قۇش شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ ئىچىگە پۈۋلەيتتىڭ، ئۇ مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن قۇش بولاتتى. تۇغما كور ئادەمنى ۋە ئاقكېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەمنى مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن ساقايتاتتىڭ. مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن چىقىراتتىڭ. ئىسرائىل ئەۋلادىنى سەندىن توسقان ئىدىم، ئۇ چاغدا سەن ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدىڭ، ئۇلاردىن كافىر بولغانلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن ئىدى.
5 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَوْحَيْتُ إِلَى الْحَوَارِيِّينَ أَنْ آمِنُوا بِي وَبِرَسُولِي قَالُوا آمَنَّا وَاشْهَدْ بِأَنَّنَا مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز» دېدى[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ چاغدا مەن ھاۋارىيلارغا(سەن ئارقىلىق) : «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھيى چۈشۈرگەن ئىدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، سەن بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزغا گۇۋاھ بولغىن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ ئەلچىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلغان ئىدىم. ئۇلار: «ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز مۇسۇلمانمىز» دېگەن ئىدى.
5 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ هَلْ يَسْتَطِيعُ رَبُّكَ أَنْ يُنَزِّلَ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ ۖ قَالَ اتَّقُوا اللَّهَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېدى. ئىيسا: «ئەگەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنسەڭلار (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېدى[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ چاغدا ھاۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئاسماندىن تاماق بار بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى. ئىيسا: «ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى، ئىيسا: «مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دېدى.
5 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا نُرِيدُ أَنْ نَأْكُلَ مِنْهَا وَتَطْمَئِنَّ قُلُوبُنَا وَنَعْلَمَ أَنْ قَدْ صَدَقْتَنَا وَنَكُونَ عَلَيْهَا مِنَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، كۆڭلىمىزنىڭ تىنچلىنىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى بىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا (يەنى داستىخانغا) گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، (بۇ ئارقىلىق) كۆڭلىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ۋە شۇ داستىخاننىڭ چۈشكەنلىكىگە گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى خالايمىز» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، قەلبلىرىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سېنىڭ بىزگە راست سۆزلىگەنلىكىڭنى بىلىشنى ۋە شاھىتلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى.
5 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا أَنْزِلْ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ تَكُونُ لَنَا عِيدًا لِأَوَّلِنَا وَآخِرِنَا وَآيَةً مِنْكَ ۖ وَارْزُقْنَا وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرگىن، بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە (قۇدرىتىڭنى ۋە پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن» دېدى[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە تائام بار بىر داستىخان چۈشۈرگىنكى، بۇ كۈن بىزگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەن بىزگە ئاتا قىلغان بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئېيتتى: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرۈپ بەرگىنكى، بىز ئۈچۈن، ئاۋۋىلىمىز ۋە ئاخىرىمىز ئۈچۈن بايرام، سەندىن بىر ئايەت بولسۇن34. بىزگە رىزىق بەرگىن. سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».
5 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ أَأَنْتَ قُلْتَ لِلنَّاسِ اتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَٰهَيْنِ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ قَالَ سُبْحَانَكَ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أَقُولَ مَا لَيْسَ لِي بِحَقٍّ ۚ إِنْ كُنْتُ قُلْتُهُ فَقَدْ عَلِمْتَهُ ۚ تَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِي وَلَا أَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِكَ ۚ إِنَّكَ أَنْتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟» ئىيسا ئېيتتى: «(رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن. ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن (يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق). سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېگەنمىدىڭ؟» ئىيسا ئېيتىدۇ: «(ئى رەببىم!) سېنىڭ شەنىڭگە لايىق ئەمەس سۈپەتلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، مەن ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن، ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلەتتىىڭ. سەن مېنىڭ دىلىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىلمىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلگۈچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار» دېدىڭمۇ؟ ئىيسا ئېيتىدۇ: «ياق! مەن سېنى پاك دەپ بىلىمەن. مەن ئۈچۈن توغرا بولمىغان سۆزنى ئېيتىشقا ھەددىم ئەمەس. ئەگەر ئۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىچىڭدىكىنى بىلمەيمەن. شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىسەن.
5 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
مَا قُلْتُ لَهُمْ إِلَّا مَا أَمَرْتَنِي بِهِ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ ۚ وَكُنْتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَا دُمْتُ فِيهِمْ ۖ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنْتَ أَنْتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنْتَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان: <مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار> دېگەن سۆزنىلا ئېيتقان ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى ئېلىپ كەتكىنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ. سەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: ‹مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار›. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتكۈچى پەقەتلا سەن ئىدىڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَزَكَرِيَّا وَيَحْيَىٰ وَعِيسَىٰ وَإِلْيَاسَ ۖ كُلٌّ مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياس قاتارلىقلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر
ئەنەس ئالىم: بىز زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ھەممىسى ياخشىلاردىن ئىدى.
مەريەم سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنِّي عَبْدُ اللَّهِ آتَانِيَ الْكِتَابَ وَجَعَلَنِي نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى (يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ) ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ)[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى
ئەنەس ئالىم: بوۋاق ئېيتتى: «مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى. ئاللاھ ماڭا كىتابنى بەردى، مېنى نەبىي قىلدى،
19 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلَنِي مُبَارَكًا أَيْنَ مَا كُنْتُ وَأَوْصَانِي بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ مَا دُمْتُ حَيًّا
مۇھەممەد سالىھ: قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى
ئەنەس ئالىم: مېنى قەيەردە بولسام ئىنسانلارغا پايدىلىق بىرى قىلدى، ھاياتلا بولسام نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇدى،
19 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَرًّا بِوَالِدَتِي وَلَمْ يَجْعَلْنِي جَبَّارًا شَقِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى بەدبەخ مۇتەكەببىر قىلمىدى
ئەنەس ئالىم: ئانامغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدى، مېنى قوپال ۋە بەختسىز بىرى قىلمىدى.
19 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّلَامُ عَلَيَّ يَوْمَ وُلِدْتُ وَيَوْمَ أَمُوتُ وَيَوْمَ أُبْعَثُ حَيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە (ئاللاھتائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىمەن»[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە ئامانلىققا ئېرىشىمەن»
ئەنەس ئالىم: تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ئۆلىدىغان كۈنۈمدە ۋە قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنۈمدە ماڭا سالام بولسۇن».
19 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ ۚ قَوْلَ الْحَقِّ الَّذِي فِيهِ يَمْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ ئىيسا ئىبىن مەريەمنىڭ (قىسسەسىدۇر). ئىيسا ئۇلار دەتالاش قىلىۋاتقان ئۆزىنڭ ئىشىنىڭ (ھەقىقىتى) ئۈستىدە ھەق گەپنى قىلدى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ ئىسا ئىبىن مەريەمنىڭ قىسسىسىدۇر. ئىسا ئۇلار دەتالاش قىلىۋاتقان ئۆزىنڭ ئىشىنىڭ ھەقىقىتى ئۈستىدە ھەق گەپنى قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ، مەريەم ئوغلى ئىيسادۇر، ئۇلار دەتالاش قىلىشقان مەسىلە توغرىسىدىكى ھەق سۆزدۇر.
19 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ اللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»
ئەنەس ئالىم: «ئاللاھ مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. ئۇنداقتا ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر».
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا ابْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُ آيَةً وَآوَيْنَاهُمَا إِلَىٰ رَبْوَةٍ ذَاتِ قَرَارٍ وَمَعِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مەريەمنىڭ ئوغلىنى (يەنى ئىيسانى) ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) (كامالى قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلدۇق، ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مەريەمنىڭ ئوغلى-ئىسا-نى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى-مەريەم-نى بىرەر دەلىل قىلدۇق؛ ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىيسانى ۋە مەريەمنى بىر ئايەت قىلدۇق، ئۇلارنى ياشاشقا ئۇيغۇن ۋە ئېقىن سۈيى بولغان ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق.
زۇخرۇف سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا ضُرِبَ ابْنُ مَرْيَمَ مَثَلًا إِذَا قَوْمُكَ مِنْهُ يَصِدُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: (قۇرئاندا) مەريەمنىڭ ئوغلى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام) مىسال كەلتۈرۈلسە، ناگاھان سېنىڭ قەۋمىڭ (خۇشاللىقتىن) سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاندا مەريەمنىڭ ئوغلى - ئىسا - مىسال كەلتۈرۈلسە، ناگاھان سېنىڭ قەۋمىڭ -خۇشاللىقتىن- سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! قۇرئاندا مەريەم ئوغلى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلسە، سېنىڭ قەۋمىڭ ئۇ مىسالدىن خۇشال بولۇپ بىردىنلا سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ
43 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ هُوَ إِلَّا عَبْدٌ أَنْعَمْنَا عَلَيْهِ وَجَعَلْنَاهُ مَثَلًا لِبَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئىيسا) (ناسارالار گۇمان قىلغاندەك ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى ئەمەس) پەقەت پەيغەمبەرلىك نېمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر دەلىل قىلدۇق[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسا پەقەت پەيغەمبەرلىك نېمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا بىر دەلىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى بىز ئىنئام قىلغان بىر بەندىدىنلا ئىبارەتتۇر. بىز ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۈلگە قىلدۇق.
43 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّهُ لَعِلْمٌ لِلسَّاعَةِ فَلَا تَمْتَرُنَّ بِهَا وَاتَّبِعُونِ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئىيسا) ئەلۋەتتە قىيامەتنىڭ ئالامىتىدۇر، ئۇنىڭغا (يەنى قىيامەتكە) شەك كەلتۈرمەڭلار. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) «ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ (مېنىڭ دەۋەت قىلغىنىم) توغرا يولدۇر[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى ئۇ ئەلۋەتتە قىيامەت ئۈچۈن بىر ئالامەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەتكە شەك كەلتۈرمەڭلار ۋە ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى قىيامەت ئۈچۈن بىر ئىلىمدۇر3. ئۇ ھالدا قىيامەت توغرۇلۇق شۈبھىلەنمەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر.
43 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَ عِيسَىٰ بِالْبَيِّنَاتِ قَالَ قَدْ جِئْتُكُمْ بِالْحِكْمَةِ وَلِأُبَيِّنَ لَكُمْ بَعْضَ الَّذِي تَخْتَلِفُونَ فِيهِ ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىيسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: «سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ (يەنى دىنىي ئىشلارنىڭ) بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىمەن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: «سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىمەن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئىيسا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە ھېكمەتنى ئېلىپ كەلدىم. سىلەر ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بەزىسىنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلدىم. ئۇ ھالدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
43 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ هُوَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر ۋە سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىمدۇر ۋە سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مېنىڭمۇ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. ئۇنداقتا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر».
43 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
فَاخْتَلَفَ الْأَحْزَابُ مِنْ بَيْنِهِمْ ۖ فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْ عَذَابِ يَوْمٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ناسارالار) نىڭ پىرقىلىرى (ئىيسا توغرىسىدا) ئۆز ـ ئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، زالىملارغا قاتتىق كۈن (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن ۋاي![65]
تەرجىمە ھەيئىتى: ناسارالارنىڭ پىرقىلىرى ئۆز ـ ئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، زالىملارغا قاتتىق كۈننىڭ ئازابىدىن ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان گۇرۇھلار يەنىلا ئىختىلاپ قىلىشتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ زالىملارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار ئەلەملىك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىنىدۇ.
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ قَفَّيْنَا عَلَىٰ آثَارِهِمْ بِرُسُلِنَا وَقَفَّيْنَا بِعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ وَآتَيْنَاهُ الْإِنْجِيلَ وَجَعَلْنَا فِي قُلُوبِ الَّذِينَ اتَّبَعُوهُ رَأْفَةً وَرَحْمَةً وَرَهْبَانِيَّةً ابْتَدَعُوهَا مَا كَتَبْنَاهَا عَلَيْهِمْ إِلَّا ابْتِغَاءَ رِضْوَانِ اللَّهِ فَمَا رَعَوْهَا حَقَّ رِعَايَتِهَا ۖ فَآتَيْنَا الَّذِينَ آمَنُوا مِنْهُمْ أَجْرَهُمْ ۖ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ فَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتتۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، رەھبانىيەتنى (تەركىدۇنيالىقنى) ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ (پەيدا قىلدى)، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بەردۇق، ئۇلاردىن نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتتۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، رەھبانىيەتنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ پەيدا قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغىمۇ لايىق دەرىجىدە رىئايەت قىلمىدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بەردۇق، ئۇلاردىن نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەلچىلىرىمىزنى ئارقا -ئارقىدىن ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچىلەرنىڭ كەينىدىن مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى بەردۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ قەلبلىرىگە شەپقەت ۋە مەرھەمەت سالدۇق. ئۇلار پەيدا قىلغان راھىبلىققا كەلسەك، بىز ئۇنى ئۇلارغا پەرز قىلمىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ پەيدا قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا رىئايە قىلمىدى. بىز ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارغا مۇكاپاتىنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقلاردۇر.
سەپ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
61 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَمُبَشِّرًا بِرَسُولٍ يَأْتِي مِنْ بَعْدِي اسْمُهُ أَحْمَدُ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ قَالُوا هَٰذَا سِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىيسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن، مەن، مەندىن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ۋە مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك ئەلچى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى بولۇپ كەلدىم». ئىيسا ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى.
61 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا أَنْصَارَ اللَّهِ كَمَا قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ لِلْحَوَارِيِّينَ مَنْ أَنْصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنْصَارُ اللَّهِ ۖ فَآمَنَتْ طَائِفَةٌ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَكَفَرَتْ طَائِفَةٌ ۖ فَأَيَّدْنَا الَّذِينَ آمَنُوا عَلَىٰ عَدُوِّهِمْ فَأَصْبَحُوا ظَاهِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ھاۋارىيلار (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپتە ئىمان ئېيتقانلار) دەك ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇڭلار، مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ھەۋارىيلارغا: « ئاللاھقا (دەۋەت قىلىشتا) كىملەر ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېدى، ھەۋارىيلار: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېدى. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى، مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا يار ـ يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۆمىنلەر غالىب بولدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى! قانداقكى مەريەم ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالام مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا ھەۋارىيۇنلارغا: «ئاللاھقا كىملەر ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېدى، ھەۋارىيۇنلار: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا مۇئمىنلارغا يار ـ يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۇئمىنلار غالىب بولدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇڭلار1. ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ھەۋارىيلارغا: «كىم ئاللاھ يولىدا مېنىڭ ياردەمچىلىرىمدۇر؟» دېگەندە، ھەۋارىيلار: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېگەن ئىدى، سىلەرمۇ شۇلاردەك بولۇڭلار. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر جامائە ئىمان ئېيتتى، بىر جامائە كافىر بولدى. بىز ئىمان ئېيتقانلارنى دۈشمەنلىرىگە قارشى قوللىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غالىب كەلدى.