يۈسۈپ
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكايىسى
ئەرەبچىىسى: يوسف
ئېنگلىزچىسى: Yusuf
100 ئايەت
1 سۈرە
0 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
يۈسۈف سۈرىسى
100 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
نَحْنُ نَقُصُّ عَلَيْكَ أَحْسَنَ الْقَصَصِ بِمَا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ هَٰذَا الْقُرْآنَ وَإِنْ كُنْتَ مِنْ قَبْلِهِ لَمِنَ الْغَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھىي قىلىش ئارقىلىق ئەڭ چىرايلىق قىسسەنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قىسسەدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدىڭ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھيى قىلىش ئارقىلىق ئەڭ چىرايلىق قىسسىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قىسسىدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدىڭ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى ۋەھىي قىلىش ئارقىلىق، ساڭا ئەڭ گۈزەل قىسسەنى بايان قىلىپ بېرىمىز. شۈبھىسىزكى، سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ قىسسەدىن بىخەۋەر كىشىلەردىن ئىدىڭ.
12 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ يُوسُفُ لِأَبِيهِ يَا أَبَتِ إِنِّي رَأَيْتُ أَحَدَ عَشَرَ كَوْكَبًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ رَأَيْتُهُمْ لِي سَاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈف ئۆز ئاتىسىغا: «ئى ئاتا! مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېدى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈف ئۆز ئاتىسىغا: «ئى ئاتا!مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇف ئاتىسىغا: «ئى دادىكا! مەن چۈشۈمدە ئون بىر پلانېتا، قۇياش ۋە ئاينى كۆردۈم. ئۇلارنى ماڭا سەجدە قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆردۈم» دېگەن ئىدى1،
12 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا بُنَيَّ لَا تَقْصُصْ رُؤْيَاكَ عَلَىٰ إِخْوَتِكَ فَيَكِيدُوا لَكَ كَيْدًا ۖ إِنَّ الشَّيْطَانَ لِلْإِنْسَانِ عَدُوٌّ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاتىسى (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام): «ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ سالمىسۇن، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېدى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاتىسى - يەئقۇب ئەلەيھىسسالام-: «ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ قالمىسۇن، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاتىسى مۇنداق دېدى: «ئى ئوغۇلچىقىم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن. ئەگەر ئېيتساڭ ئۇلار ساڭا سۇيىقەست قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، شەيتان ئىنسانغا ئاشكارا دۈشمەندۇر.
12 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ يَجْتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَعَلَىٰ آلِ يَعْقُوبَ كَمَا أَتَمَّهَا عَلَىٰ أَبَوَيْكَ مِنْ قَبْلُ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭغا (يەنى ساڭا ئۇلۇغ چۈش كۆرسەتكىنىگە) ئوخشاش، پەرۋەردىگارىڭ سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئۆز مەرھەمىتىگە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭغا ئوخشاش، رەببىڭ سېنى - پەيغەمبەرلىككە- تاللايدۇ، ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆز مەرھەمىتىگە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: چۈشۈڭدە كۆرگىنىڭدەك رەببىڭ سېنى تاللايدۇ، ساڭا چۈشلەرنىڭ تەبىرىدىن ئۆگىتىدۇ، بۇرۇن ئىككى ئاتاڭ ئىبراھىم ۋە ئىسھاققا نېمىتىنى تاماملىغاندەك، ساڭىمۇ ۋە يەئقۇبنىڭ ئەۋلادىغىمۇ نېمىتىنى تاماملايدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».
12 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَانَ فِي يُوسُفَ وَإِخْوَتِهِ آيَاتٌ لِلسَّائِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈفنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ (قىسسەسىدە) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈفنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ -قىسسىسىدە- سورىغۇچىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن -ئىبرەتلىك- ئايەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدا سورىغۇچىلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
12 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالُوا لَيُوسُفُ وَأَخُوهُ أَحَبُّ إِلَىٰ أَبِينَا مِنَّا وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّ أَبَانَا لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى بۇنيامىن) ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى، بىز (كۈچلۈك) جامائەدۇرمىز، ئاتىمىز(نىڭ ئۇ ئىككىسىنى بىزدىن ئارتۇق كۆرۈشى) ئەلۋەتتە روشەن خاتادۇر» دېيىشتى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى - بۇنيامىن- ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى، بىز -كۈچلۈك- جامائەدۇرمىز، ئاتىمىز ئەلۋەتتە روشەن خاتالىق ئىچىدىدۇر» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئۆزئارا مۇنداق دېيىشكەن ئىدى: «شۈبھىسىزكى، يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئاتىمىزغا بىزدىن بەك سۆيۈملۈكتۇر. ھالبۇكى، بىز كۈچلۈك جامائەمىز. شۈبھىسىزكى، ئاتىمىز ئاشكارا خاتالىق ئىچىدىدۇر.
12 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
اقْتُلُوا يُوسُفَ أَوِ اطْرَحُوهُ أَرْضًا يَخْلُ لَكُمْ وَجْهُ أَبِيكُمْ وَتَكُونُوا مِنْ بَعْدِهِ قَوْمًا صَالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار) «يۈسۈفنى ئۆلتۈرۋېتىڭلار ياكى ئۇنى يىراق بىر چەت جايغا تاشلىۋېتىڭلار، (شۇ چاغدا) ئاتاڭلارنىڭ مۇھەببىتى سىلەرگە قالىدۇ، بۇ (گۇناھ) تىن كېيىن (تەۋبە قىلىپ) ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىسىلەر» دېيىشتى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلار- «يۈسۈفنى ئۆلتۈرۋېتىڭلار، ياكى ئۇنى يىراق بىر جايغا تاشلىۋېتىڭلار، -شۇ چاغدا- ئاتاڭلارنىڭ مۇھەببىتى سىلەرگە قالىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن -تەۋبە قىلىپ- ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىسىلەر» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇفنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار ياكى ئۇنى بىر يەرگە تاشلىۋېتىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ مېھىر - مۇھەببىتى سىلەرگىلا قالسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن تەۋبە قىلىپ ياخشى قەۋم بولىسىلەر».
12 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ قَائِلٌ مِنْهُمْ لَا تَقْتُلُوا يُوسُفَ وَأَلْقُوهُ فِي غَيَابَتِ الْجُبِّ يَلْتَقِطْهُ بَعْضُ السَّيَّارَةِ إِنْ كُنْتُمْ فَاعِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن بىرى سۆز قىلىپ: «يۈسۈفنى ئۆلتۈرمەڭلار، (ئەگەر ئۇنى ئاتىسىدىن يىراق قىلماقچى بولساڭلار،) ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، ئۇنى يولدىن ئۆتكەن كارۋان ئېلىۋالسۇن» دېدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بىرى سۆز قىلىپ: «يۈسۈفنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، ئۇنى يولدىن ئۆتكەن كارۋانلارنىڭ بىرى ئېلىۋالسۇن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سۆزى ئۆتىدىغان بىرى: «يۇسۇفنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئۇنى قۇدۇقنىڭ تېگىگە تاشلىۋېتىڭلار، كارۋانلارنىڭ بەزىسى تېپىۋالسۇن. قىلساڭلار مۇشۇنداق قىلىڭلار» دېدى.
12 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا أَبَانَا مَا لَكَ لَا تَأْمَنَّا عَلَىٰ يُوسُفَ وَإِنَّا لَهُ لَنَاصِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئى ئاتىمىز! نېمىشقا يۈسۈف توغرىسىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياخشى نىيەتتىمىز[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئى ئاتىمىز! نېمىشقا يۈسۈف توغرىسىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياخشى نىيەتتىمىز
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى ئاتىمىز! ساڭا نېمە بولدىكىن، يۇسۇف توغرۇلۇق بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا راستتىنلا كۆيۈنگۈچى كىشىلەرمىز.
12 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
أَرْسِلْهُ مَعَنَا غَدًا يَرْتَعْ وَيَلْعَبْ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ كىرسۇن، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز»[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ كىرسۇن، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز»
ئەنەس ئالىم: ئەتە ئۇنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، يەپ - ئىچىپ يايرىسۇن، ئوينىسۇن. بىز ئۇنى چوقۇم قوغدايمىز».
12 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنِّي لَيَحْزُنُنِي أَنْ تَذْهَبُوا بِهِ وَأَخَافُ أَنْ يَأْكُلَهُ الذِّئْبُ وَأَنْتُمْ عَنْهُ غَافِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب: «ئۇنى (يەنى يۈسۈفنى) ئېلىپ كەتسەڭلار راستتىنلا خاتىرجەم بولالمايمەن، سىلەر غەپلەتتە قېلىپ، ئۇنى بۆرە يەپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن» دېدى[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب: «ئۇنى ئېلىپ كەتسەڭلار راستتىنلا خاتىرجەم بولالمايمەن، سىلەر غەپلەتتە قېلىپ، ئۇنى بۆرە يەپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئاتىسى: «ئۇنى ئېلىپ كەتسەڭلار خاتىرجەم بولالمايمەن. سىلەر ئۇنىڭدىن بىخەۋەر قېلىپ، ئۇنى بۆرىنىڭ يەپ قويۇشىدىن قورقىمەن» دېدى.
12 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا لَئِنْ أَكَلَهُ الذِّئْبُ وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّا إِذًا لَخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز (كۈچلۈك) بىر جامائە تۇرۇقلۇق، ئۇنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق، ئۇ چاغدا بىز ئەلۋەتتە ـ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز بىر جامائە تۇرۇقلۇق، ئۇنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق، ئۇ چاغدا بىز ئەلۋەتتە ـ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز كۈچلۈك جامائە تۇرۇقلۇق ئۇنى بۆرە يەپ قويسا، ئۇ تەقدىردە بىز قولىدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغان كىشىلەرمىز دېمەكتۇر» دېدى .
12 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا ذَهَبُوا بِهِ وَأَجْمَعُوا أَنْ يَجْعَلُوهُ فِي غَيَابَتِ الْجُبِّ ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِ لَتُنَبِّئَنَّهُمْ بِأَمْرِهِمْ هَٰذَا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇنى قۇدۇققا تاشلاشنى بىردەك قارار قىلىشقان چاغدا، بىز يۈسۈفكە: «كەلگۈسىدە ئۇلارغا بۇ ئىشنى (سېنىڭ يۈسۈف ئىكەنلىكىڭنى) ئۇلار ئۇقمايدىغان پەيتتە خەۋەر بېرىسەن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇنى قۇدۇققا تاشلاشنى بىردەك قارار قىلىشقان چاغدا، بىز يۈسۈفكە: «كەلگۈسىدە ئۇلارغا بۇ ئىشنى ئۇلار ئۇقمايدىغان پەيتتە ئېيتقىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇسۇفنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى قۇدۇقنىڭ تېگىگە تاشلىۋېتىشنى بىردەك قارار قىلىشقان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «شۈبھىسىزكى، سەن ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى كەلگۈسىدە ئۇلارغا، ئۇلار سېنىڭ يۇسۇف ئىكەنلىكىڭنى ئاڭقارمايدىغان پەيتتە ئېيتىپ بېرىسەن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
12 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءُوا أَبَاهُمْ عِشَاءً يَبْكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشتى[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاخشىمى ئاتىلىرىنىڭ يېنىغا يىغلاشقان ھالدا كېلىپ:
12 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا أَبَانَا إِنَّا ذَهَبْنَا نَسْتَبِقُ وَتَرَكْنَا يُوسُفَ عِنْدَ مَتَاعِنَا فَأَكَلَهُ الذِّئْبُ ۖ وَمَا أَنْتَ بِمُؤْمِنٍ لَنَا وَلَوْ كُنَّا صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! يۈسۈفنى نەرسىلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قېلىپتۇق، ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! يۈسۈفنى نەرسىلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قېلىپتۇق، ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: «ئى ئاتىمىز! بىز يۇسۇفنى نەرسە - كېرەكلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ مۇسابىقىلەشكىلى كەتكەن ئىدۇق، ئۇ ئەسنادا ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ! راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى.
12 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءُوا عَلَىٰ قَمِيصِهِ بِدَمٍ كَذِبٍ ۚ قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ وَاللَّهُ الْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بۇ ئىشنى نەپسىڭلار سىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ قىلغۇزۇپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، سىلەرنىڭ (مۇشۇ يالغان) سۆزۈڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە ئاللاھ مەدەتكاردۇر» دېدى[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بۇ ئىشنى نەپسىڭلار سىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ قىلغۇزۇپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، سىلەرنىڭ -مۇشۇ يالغان- سۆزۈڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە ئاللاھ مەدەتكاردۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئۈستىدە يالغان قان ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاتىلىرى ئۇلارغا: «ياق، نەپسىڭلار سىلەرنى بىر ئىشقا كۈشكۈرتۈپتۇ. چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن ۋە سىلەرنىڭ بۇ يالغان سۆزۈڭلارغا قارشى پەقەت ئاللاھتىنلا ياردەم تىلەيمەن» دېدى.
12 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَتْ سَيَّارَةٌ فَأَرْسَلُوا وَارِدَهُمْ فَأَدْلَىٰ دَلْوَهُ ۖ قَالَ يَا بُشْرَىٰ هَٰذَا غُلَامٌ ۚ وَأَسَرُّوهُ بِضَاعَةً ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِمَا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتتى، ئۇلار سۇچىسىنى (سۇ ئېلىپ كېلىشكە) ئەۋەتتى، ئۇ سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلىدى ۋە: «خۇشخەۋەر! مانا بىر ئوغۇل بالا» دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپىتىدە مەخپىي تۇتۇشتى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتتى، ئۇلار سۇچىسىنى -سۇ ئېلىپ كېلىشكە- ئەۋەتتى، ئۇ سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلىدى ۋە: «خۇش خەۋەر! مانا بىر ئوغۇل بالا» دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپىتىدە مەخپىي تۇتۇشتى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: يۇسۇفنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئۇ يەرگە بىر كارۋان كېلىپ سۇچىسىنى سۇغا ئەۋەتكەن ئىدى. سۇچى بېرىپ سوغىسىنى قۇدۇققا ساڭگىلاتتى ۋە: «خۇش خەۋەر! بۇ بىر ئوغۇل بالا!» دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپىتىدە يوشۇردى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇراتتى.
12 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَشَرَوْهُ بِثَمَنٍ بَخْسٍ دَرَاهِمَ مَعْدُودَةٍ وَكَانُوا فِيهِ مِنَ الزَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنى ساناقلىق بىر قانچە تەڭگىگە ئەرزان باھادا سېتىۋەتتى، چۈنكى ئۇلار يۈسۈفكە قىزىقمىغان ئىدى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنى ساناقلىق بىر قانچە تەڭگىگە ئەرزان باھادا سېتىۋەتتى، چۈنكى ئۇلار يۈسۈفكە قىزىقمىغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇنى ئەرزان باھادا، بىر قانچە دىرھەمگە ساتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا قىزىقمىغۇچىلاردىن ئىدى.
12 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِي اشْتَرَاهُ مِنْ مِصْرَ لِامْرَأَتِهِ أَكْرِمِي مَثْوَاهُ عَسَىٰ أَنْ يَنْفَعَنَا أَوْ نَتَّخِذَهُ وَلَدًا ۚ وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي الْأَرْضِ وَلِنُعَلِّمَهُ مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ ۚ وَاللَّهُ غَالِبٌ عَلَىٰ أَمْرِهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى ياخشى كۈتكىن، بىزگە ئەسقاتار ياكى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. شۇنىڭدەك (يەنى يۈسۈفنى قۇدۇقتىن قۇتقۇزغىنىمىزدەك) يۈسۈفنى (مىسىر) زېمىنىغا يەرلەشتۈردۈق، ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى ئۈگەتتۇق، ئاللاھ (خالىغان) ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى ياخشى كۈتكىن، بىزگە ئەسقاتار ياكى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. شۇنىڭدەك يۈسۈفنى - مىسىر- زېمىنىغا يەرلەشتۈردۈق، ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى ئۈگەتتۇق، ئاللاھ خالىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى ئۇقمايدۇ[
ئەنەس ئالىم: ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى قەدىرلىگىن، ئوبدان باققىن! كەلگۈسىدە بىزگە ئەسقاتار ياكى ئۇنى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. بىز يۇسۇفنى ئۇ يەرگە ئەنە شۇنداق يەرلەشتۈردۇق. ئۇنىڭغا چۈشلەرنىڭ تەبىرىدىن ئۆگەتتۇق. ئاللاھ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چوقۇم غالىبتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
12 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُ آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئاشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
12 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَاوَدَتْهُ الَّتِي هُوَ فِي بَيْتِهَا عَنْ نَفْسِهِ وَغَلَّقَتِ الْأَبْوَابَ وَقَالَتْ هَيْتَ لَكَ ۚ قَالَ مَعَاذَ اللَّهِ ۖ إِنَّهُ رَبِّي أَحْسَنَ مَثْوَايَ ۖ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال (يەنى زۈلەيخا) يۈسۈفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: «بېرى كەل!» دېدى. يۈسۈف: «خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ(يەنى ئېرىڭ) ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ» دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال - زۈلەيخا-، يۈسۈفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: «بېرى كەل» دېدى. يۈسۈف: «خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ - ئېرىڭ- ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى، يۇسۇفنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇندى، ئىشىكلەرنى مەھكەم تاقىۋەتتى ۋە: «قېنى، كەلسەڭچۇ!» دېدى. يۇسۇف: «ئاللاھ ساقلىسۇن! شۈبھىسىزكى، ئۇ مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. زالىملار ئەسلا مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ» دېدى.
12 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ هَمَّتْ بِهِ ۖ وَهَمَّ بِهَا لَوْلَا أَنْ رَأَىٰ بُرْهَانَ رَبِّهِ ۚ كَذَٰلِكَ لِنَصْرِفَ عَنْهُ السُّوءَ وَالْفَحْشَاءَ ۚ إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُخْلَصِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى زۈلەيخا) يۈسۈفكە (يېقىنچىلىق قىلىشقا) بەل باغلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا، يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغان بولاتتى. بىز يۈسۈفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق، شۈبھىسىزكى، يۈسۈف بىزنىڭ سادىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۈلەيخا يۈسۈفكە يېقىنچىلىق قىلىشقا بەل باغلىدى، رەببىنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا، يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا بەل باغلىغان ئىدى. بىز يۈسۈفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق، شۈبھىسىزكى، يۈسۈف بىزنىڭ سادىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇ ئايال يۇسۇفكە يامانلىق قىلىشنى قەستلىدى، رەببىنىڭ ئوچۇق دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا يۇسۇفمۇ ئۇنىڭغا يامانلىق قىلىشنى قەستلىگەن بولاتتى. بىز يۇسۇفتىن يامانلىقنى ۋە پاھىشىنى ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاشۇنداق دەلىل كۆرسەتتۇق. چۈنكى ئۇ تاللانغان بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
12 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْتَبَقَا الْبَابَ وَقَدَّتْ قَمِيصَهُ مِنْ دُبُرٍ وَأَلْفَيَا سَيِّدَهَا لَدَى الْبَابِ ۚ قَالَتْ مَا جَزَاءُ مَنْ أَرَادَ بِأَهْلِكَ سُوءًا إِلَّا أَنْ يُسْجَنَ أَوْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى (يۈسۈف چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، زۈلەيخا ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن) ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى. (بۇ چاغدا) ئۇ (يەنى زۈلەيخا) يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىن (تارتىپ) يىرتىۋەتتى، ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ (يەنى زۈلەيخانىڭ) ئېرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشتى. ئۇ (يەنى زۈلەيخا): «سېنىڭ ئەھلىيەڭنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق قىيناش بىلەن جازالاش كېرەك» دېدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى -يۈسۈف چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، زۈلەيخا ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن- ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى. -بۇ چاغدا زۈلەيخا يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىن تارتىپ يىرتىۋەتتى، ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ ئېرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشتى. ئۇ: «سېنىڭ ئەھلىيەڭنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق قىيناش بىلەن جازالاش كېرەك» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى، ئايال يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىدىن يىرتىۋەتتى ۋە ئىككىسى ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئايالنىڭ خوجىسىنى ئۇچراتتى. ئايال دەرھال: «سېنىڭ ئەھلىڭنى ئاياغ ئاستى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ جازاسى نېمە؟ زىندانغا تاشلىنىش ياكى ئىسكەنجىگە ئېلىنىش ئەمەسمۇ؟» دېدى.
12 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هِيَ رَاوَدَتْنِي عَنْ نَفْسِي ۚ وَشَهِدَ شَاهِدٌ مِنْ أَهْلِهَا إِنْ كَانَ قَمِيصُهُ قُدَّ مِنْ قُبُلٍ فَصَدَقَتْ وَهُوَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف: «ئۇ (يەنى زۈلەيخا) مەندىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى» دېدى. ئۇ (يەنى زۈلەيخا) نىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرسى گۇۋاھلىق بېرىپ: «يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا، ئۇنىڭ (يەنى زۈلەيخا) نىڭ سۆزى راست، يۈسۈفنىڭ سۆزى يالغان[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف: «ئۇ مەندىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى» دېدى. زۈلەيخانىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرى گۇۋاھلىق بېرىپ: «يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا، ئۇنىڭ زۈلەيخانىڭ سۆزى راست، يۈسۈفنىڭ سۆزى يالغان
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف: «ئۇ، كۆڭلۈمنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇندى» دېدى. ئايالنىڭ ئائىلىسىدىن بىر گۇۋاھچى مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: «ئەگەر يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا خانىم توغرا سۆزلىگەن بولىدۇ، يۇسۇف يالغانچىلاردىن بولغان بولىدۇ.
12 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَانَ قَمِيصُهُ قُدَّ مِنْ دُبُرٍ فَكَذَبَتْ وَهُوَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا، ئۇ(يەنى زۈلەيخانىڭ) سۆزى يالغان، يۈسۈفنىڭ سۆزى راست» دېدى[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا، زۈلەيخانىڭ سۆزى يالغان يۈسۈفنىڭ سۆزى راست» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىدىن يىرتىلغان بولسا خانىم يالغان سۆزلىگەن بولىدۇ، يۇسۇف راستچىللاردىن بولغان بولىدۇ».
12 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَأَىٰ قَمِيصَهُ قُدَّ مِنْ دُبُرٍ قَالَ إِنَّهُ مِنْ كَيْدِكُنَّ ۖ إِنَّ كَيْدَكُنَّ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى زۈلەيخانىڭ ئېرى) يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئەي ئاياللار جامائەسى!بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇر، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر» دېدى[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۈلەيخانىڭ ئېرى يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئەي ئاياللار جامائەسى!بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇر، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئايالنىڭ ئېرى يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «ئى ئاياللار! شۈبھىسىزكى، بۇ سىلەرنىڭ ھىيلەڭلەردىندۇر. سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر.
12 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
يُوسُفُ أَعْرِضْ عَنْ هَٰذَا ۚ وَاسْتَغْفِرِي لِذَنْبِكِ ۖ إِنَّكِ كُنْتِ مِنَ الْخَاطِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (يەنە ئېيتتى) «يۈسۈف! بۇنى سۆزلەپ يۈرمىگىن. (ئايالىم) سەن ئۆز گۇناھىڭغا كەچۈرۈم سورىغىن، سەن ھەقىقەتەن خاتالاشتىڭ»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: -يەنە ئېيتتى-: «يۈسۈف! بۇنى سۆزلەپ يۈرمىگىن. -ئى ئايالىم- سەنمۇ ئۆز گۇناھىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىن، سەن ھەقىقەتەن خاتالاشقانلاردىن بولدۇڭ»
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف! سەن بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنمىغىن. خوتۇن! سەن گۇناھىڭغا ئەپۇ تىلىگىن، چۈنكى سەن خاتالاشقۇچىلاردىن بولدۇڭ».
12 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ نِسْوَةٌ فِي الْمَدِينَةِ امْرَأَتُ الْعَزِيزِ تُرَاوِدُ فَتَاهَا عَنْ نَفْسِهِ ۖ قَدْ شَغَفَهَا حُبًّا ۖ إِنَّا لَنَرَاهَا فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: شەھەردىكى بەزى ئاياللار: «ئەزىز (يەنى مىسىرنىڭ ۋەزىرى) نىڭ خوتۇنى قۇلىغا كۆيۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ، بىز ئۇنى، ئەلۋەتتە ئاشكارا ئازغان دەپ قارايمىز» دېيىشتى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەھەردىكى بەزى ئاياللار: «ئەزىزنىڭ خوتۇنى قۇلىغا كۆيۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ، بىز ئۇنى، ئەلۋەتتە، ئاشكارا ئازغان دەپ قارايمىز» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: شەھەردىكى بىر قىسىم خوتۇنلار: «ئەزىز2نىڭ ئايالى ياش خىزمەتكارىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇنۇپتۇ! ئۇ ئايال ئۇنىڭغا كۆيۈپ قاپتۇ! بىزچە ئۇ خوتۇن ھەقىقەتەن ئېزىپتۇ!» دېيىشتى.
12 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا سَمِعَتْ بِمَكْرِهِنَّ أَرْسَلَتْ إِلَيْهِنَّ وَأَعْتَدَتْ لَهُنَّ مُتَّكَأً وَآتَتْ كُلَّ وَاحِدَةٍ مِنْهُنَّ سِكِّينًا وَقَالَتِ اخْرُجْ عَلَيْهِنَّ ۖ فَلَمَّا رَأَيْنَهُ أَكْبَرْنَهُ وَقَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ وَقُلْنَ حَاشَ لِلَّهِ مَا هَٰذَا بَشَرًا إِنْ هَٰذَا إِلَّا مَلَكٌ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى زۈلەيخا) ئۇلارنىڭ گەپ ـ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا (مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ) ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا (يۆلىنىدىغان) تەكىيە، ياستۇقلارنى تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. (زۈلەيخا يۈسۈفكە) «سەن چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىن، دېدى، ئۇلار يۈسۈفنى كۆرۈپ ھاڭ -تاڭ بولۇپ قېلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى. ئۇلار: «(بۇنداق چىرايلىق ئىنساننى ياراتقان) ئاللاھ پاكتۇر، بۇ ئادەمزات ئەمەس، پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتىدۇر» دېيىشتى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۈلەيخا ئۇلارنىڭ گەپ ـ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا -مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ- ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا - يۆلىنىدىغان- تەكىيە ياستۇقلارنى تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. -زۈلەيخا يۈسۈفكە: «سەن چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىن» دېدى، ئۇلار يۈسۈفنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ بولۇپ قېلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى ۋە: «-بۇنداق چىرايلىق ئىنساننى ياراتقان- ئاللاھ پاكتۇر، بۇ ئادەمزات ئەمەس، پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتىدۇر» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئەزىزنىڭ ئايالى، ئۇ خوتۇنلارنىڭ بۇ سۆز - چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى سارىيىغا چاقىرتتى. ئۇلار ئۈچۈن يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان يەرلەرنى تەييارلاتقۇزدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن بىردىن پىچاق بەرگۈزدى3. ئۇ ئەسنادا4 يۇسۇفكە: «شۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىن!» دېدى. خوتۇنلار يۇسۇفنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ بولۇپ قېلىشتى، ئۇنىڭ گۈزەللىكى بىلەن بولۇپ كېتىپ تۇيماستىن ئۆز قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى ۋە: «ئاللاھ پاكتۇر. بۇ ئادەمزات ئەمەس. بۇ پەقەت ھۆرمەتلىك پەرىشتە!» دېيىشتى.
12 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ فَذَٰلِكُنَّ الَّذِي لُمْتُنَّنِي فِيهِ ۖ وَلَقَدْ رَاوَدْتُهُ عَنْ نَفْسِهِ فَاسْتَعْصَمَ ۖ وَلَئِنْ لَمْ يَفْعَلْ مَا آمُرُهُ لَيُسْجَنَنَّ وَلَيَكُونًا مِنَ الصَّاغِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (يەنى زۈلەيخا): «مانا بۇ سىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىگەن ھېلىقى ئادەم، مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمنى قىلمىسا، چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ، چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ» دېدى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۈلەيخا: «مانا بۇ سىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىگەن ھېلىقى ئادەم، مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمنى قىلمىسا، چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ، چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەزىزنىڭ ئايالى: «مانا بۇ ئۇ يىگىتتۇر، سىلەر مېنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەيىبلىدىڭلار. شۈبھىسىزكى، مەن بۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە تارتىشقا ئۇرۇندۇم، لېكىن بۇ ئۆزىنى ساقلىدى. ئەگەر بۇ مېنىڭ بۇيرۇقۇمنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىجرا قىلمىسا چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ ۋە چوقۇم خار ئادەملەردىن بولىدۇ» دېدى.
12 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ السِّجْنُ أَحَبُّ إِلَيَّ مِمَّا يَدْعُونَنِي إِلَيْهِ ۖ وَإِلَّا تَصْرِفْ عَنِّي كَيْدَهُنَّ أَصْبُ إِلَيْهِنَّ وَأَكُنْ مِنَ الْجَاهِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، (ئىنسانچىلىقتا) ئۇلارغا مايىل بولۇپ ، نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف: «ئى رەببىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، ئۇلارغا مايىل بولۇپ نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف: «رەببىم! ماڭا زىندان بۇلار مېنى دەۋەت قىلغان نەرسىدىن سۆيۈملۈكتۇر. ئەگەر بۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، بۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن ۋە جاھىللاردىن5 بولۇپ قالىمەن» دېدى.
12 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَجَابَ لَهُ رَبُّهُ فَصَرَفَ عَنْهُ كَيْدَهُنَّ ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۈسۈفتىن دەپئى قىلدى. ئاللاھ (ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى) ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۈسۈفتىن دەپئى قىلدى. ئاللاھ -ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى- ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەببى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇ خوتۇنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئۇنىڭدىن دەپئى قىلدى. چۈنكى ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
12 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ بَدَا لَهُمْ مِنْ بَعْدِ مَا رَأَوُا الْآيَاتِ لَيَسْجُنُنَّهُ حَتَّىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار (يۈسۈفنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىگە دائىر) پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى بىرمەھەل قاماپ قويۇشنى لايىق تاپتى[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار -يۈسۈفنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىگە دائىر- پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى بىرمەھەل قاماپ قويۇشنى لايىق تاپتى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئەزىز ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى دەلىللەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى بىر مۇددەت قاماپ قويۇش ئويىغا كېلىشتى6.
12 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَخَلَ مَعَهُ السِّجْنَ فَتَيَانِ ۖ قَالَ أَحَدُهُمَا إِنِّي أَرَانِي أَعْصِرُ خَمْرًا ۖ وَقَالَ الْآخَرُ إِنِّي أَرَانِي أَحْمِلُ فَوْقَ رَأْسِي خُبْزًا تَأْكُلُ الطَّيْرُ مِنْهُ ۖ نَبِّئْنَا بِتَأْوِيلِهِ ۖ إِنَّا نَرَاكَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زىندانغا يۈسۈف بىلەن ئىككى يىگىت بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن (ئۈزۈمدىن) ھاراق سىقىۋاتقان كۆرۈپتىمەن» دېدى. ئىككىنچىسى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغان، ناننى قۇشلار يەۋاتقان كۆرۈپتىمەن، تەبىرىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن (يەنى چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلاردىن) دەپ قارايمىز» دېدى[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: زىندانغا يۈسۈف بىلەن ئىككى يىگىت بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى: «ھەقىقەتەن مەن چۈشۈمدە -ئۈزۈمدىن- ھاراق سىقىۋېتىپ چۈشەپ قېلىپتىمەن» دېدى. ئىككىنچىسى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغان، ناننى قۇشلار يەۋاتقان كۆرۈپتىمەن، تەبىرىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن دەپ قارايمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: زىندانغا يۇسۇف بىلەن بىرلىكتە ئىككى يىگىتمۇ كىرگەن ئىدى. بۇلارنىڭ بىرى: «مەن ھاراق سىقىۋېتىپ چۈش كۆرۈۋاتىمەن» دېدى. يەنە بىرى: «مەن مۇنداق بىر چۈشنى كۆرۈۋاتىمەن: بېشىمنىڭ ئۈستىدە نان كۆتۈرۈۋاتقۇدەكمەن، قۇشلار ئۇ ناندىن يەۋاتقۇدەكمىش» دېدى. ئاندىن ئىككىسى: «ئى يۇسۇف! بىزگە بۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بەرگىن. كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىنسەن» دېدى.
12 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَا يَأْتِيكُمَا طَعَامٌ تُرْزَقَانِهِ إِلَّا نَبَّأْتُكُمَا بِتَأْوِيلِهِ قَبْلَ أَنْ يَأْتِيَكُمَا ۚ ذَٰلِكُمَا مِمَّا عَلَّمَنِي رَبِّي ۚ إِنِّي تَرَكْتُ مِلَّةَ قَوْمٍ لَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف ئېيتتى: «ئىككىڭلارغا سىرتتىن تاماق كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەلەيمەن، بۇ پەرۋەردىگارىم ماڭا بىلدۈرگەن نەرسىلەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تاشلىدىم[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف ئېيتتى: «ئىككىڭلارغا سىرتتىن تاماق كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىمەن، بۇ رەببىم ماڭا بىلدۈرگەن نەرسىلەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تاشلىدىم
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف مۇنداق دېدى: «ئىككىكلارغا بېرىلىدىغان تاماق يېنىڭلارغا كېلىشتىن ئىلگىرى، مەن ئۇنىڭ تەبىرىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىمەن. بۇ رەببىم ماڭا ئۆگەتكەن ئىلىملەردىندۇر. چۈنكى مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تەرك ئەتتىم،
12 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّبَعْتُ مِلَّةَ آبَائِي إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۚ مَا كَانَ لَنَا أَنْ نُشْرِكَ بِاللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ عَلَيْنَا وَعَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئەجدادلىرىم ـ ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇبلارنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىزگە لايىق ئەمەس، بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئەجدادلىرىم ـ ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇبلارنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىزگە لايىق ئەمەس، بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاتىلىرىم ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم. ئاللاھقا بىرەر نەرسە شېرىك قىلىشىمىز بىز ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ. بۇ ئېتىقاد ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان ئىلتىپاتىدىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
12 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
يَا صَاحِبَيِ السِّجْنِ أَأَرْبَابٌ مُتَفَرِّقُونَ خَيْرٌ أَمِ اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
مۇھەممەد سالىھ: تۈرمىداش ئاغىنىلەر! تارقاق، كۆپ مەبۇدلار ياخشىمۇ ياكى قۇدرەتلىك بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟[39]
تەرجىمە ھەيئىتى: تۈرمىداش ئاغىنىلەر! تارقاق كۆپ مەبۇدلار ياخشىمۇ؟ ياكى قۇدرەتلىك بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى ئىككى زىنداندىشىم! پەرقلىق بىرقانچە رەب ياخشىمۇ، ياكى چەكسىز قۇدرەتلىك، يالغۇز بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟
12 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
مَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِهِ إِلَّا أَسْمَاءً سَمَّيْتُمُوهَا أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ بِهَا مِنْ سُلْطَانٍ ۚ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۚ أَمَرَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ ۚ ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان (بۇتلارنىڭ ۋە غەيرىينىڭ) ناملىرىدىنلا ئىبارەت، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشى توغرىسىدا) ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگىنى يوق، ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى(بۇنى) بىلمەيدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان ناملاردىنلا ئىبارەتتۇر، ئاللاھ -ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشى توغرىسىدا- ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگىنى يوق، ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى - بۇنى- بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۇنى قويۇپ پەقەت ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭلار ئاتىۋالغان ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر. ئاللاھ ئۇ ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن. ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدى. مانا بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
12 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
يَا صَاحِبَيِ السِّجْنِ أَمَّا أَحَدُكُمَا فَيَسْقِي رَبَّهُ خَمْرًا ۖ وَأَمَّا الْآخَرُ فَيُصْلَبُ فَتَأْكُلُ الطَّيْرُ مِنْ رَأْسِهِ ۚ قُضِيَ الْأَمْرُ الَّذِي فِيهِ تَسْتَفْتِيَانِ
مۇھەممەد سالىھ: تۈرمىداش ئاغىنىلەر! سىلەرنىڭ بىرىڭلار (زىنداندىن چىقىپ) خوجايىنغا ھاراق قۇيۇپ بېرىدۇ (يەنى ساقىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ)، يەنە بىرىڭلار دارغا ئېسىلىدۇ، كاللىسىنى قۇشلار يەيدۇ، سىلەر سورىغان ئىشلار ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى»[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: تۈرمىداش ئاغىنىلەر! سىلەرنىڭ بېرىڭلار -زىنداندىن چىقىپ- خوجايىنىغا ھاراق قۇيۇپ بېرىدۇ، يەنە بېرىڭلار دارغا ئېسىلىدۇ، كاللىسىنى قۇشلار يەيدۇ، سىلەر سورىغان ئىشلار ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى»
ئەنەس ئالىم: ئى ئىككى زىنداندىشىم! چۈشلىرىڭلارغا كەلسەك، ئىككىڭلاردىن بىرى خوجايىنىغا ھاراق سۇنىدۇ. يەنە بىرى دارغا ئېسىلىدۇ، قۇشلار ئۇنىڭ بېشىدىن يەيدۇ. سىلەر تەبىرىنى سورىغان چۈشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش چوقۇم بۇ شەكىلدە ئەمەلگە ئاشىدۇ».
12 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ لِلَّذِي ظَنَّ أَنَّهُ نَاجٍ مِنْهُمَا اذْكُرْنِي عِنْدَ رَبِّكَ فَأَنْسَاهُ الشَّيْطَانُ ذِكْرَ رَبِّهِ فَلَبِثَ فِي السِّجْنِ بِضْعَ سِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ قۇتۇلۇشىغا ئىشەنگەن بىرسىگە (يەنى ساقىيغا): «مېنى خوجايىنىڭنىڭ ئالدىدا ئەسلەپ قويغىن» دېگەن ئىدى. خوجايىنىنىڭ ئالدىدا يۈسۈفنى ئەسلەپ قويۇشنى شەيتان ئۇنىڭغا ئۇنتۇلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن يۈسۈف زىنداندا بىر نەچچە يىل يېتىپ قالدى[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف ئۆزىنىڭ قۇتۇلۇشىغا ئىشەنگەن تۈرمىدېشىغا: «مېنى خۇجايىنىڭنىڭ ئالدىدا ئەسلەپ قويغىن» دېدى. بىراق شەيتان ئۇنىڭغا خوجايىنىنىڭ ئالدىدا يۈسۈفنى ئەسلەپ قويۇشنى ئۇنتۇلدۇردى، -شۇنداق قىلىپ- يۈسۈف زىنداندا بىر نەچچە يىل يېتىپ قالدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف ئۇ ئىككىسىدىن، قۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلگەن ئاغىنىسىگە: «خوجايىنىڭنىڭ يېنىدا مەن توغرۇلۇق گەپ قىلىپ قويغىن» دېدى. لېكىن شەيتان ئۇ كىشىگە يۇسۇف توغرۇلۇق خوجايىنىغا گەپ قىلىشنى ئۇنتۇلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن يۇسۇف زىنداندا بىرقانچە يىل يېتىپ قالدى.
12 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِي نَجَا مِنْهُمَا وَادَّكَرَ بَعْدَ أُمَّةٍ أَنَا أُنَبِّئُكُمْ بِتَأْوِيلِهِ فَأَرْسِلُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ھېلىقى ئىككىسىدىن (تۈرمىدىن) قۇتۇلغان ۋە ئۇزاق مۇددەتتىن كېيىن (يۈسۈفنى) ئەسلىگەن كىشى: «مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، مېنى (يۈسۈفنىڭ يېنىغا) ئەۋەتىڭلار» دېدى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېلىقى ئىككىسىدىن تۈرمىدىن قۇتۇلغان ۋە ئۇزاق مۇددەتتىن كېيىن يۈسۈفنى ئەسلىگەن كىشى: «مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، مېنى -يۈسۈفنىڭ يېنىغا- ئەۋەتىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇفنىڭ ھېلىقى ئىككى ئاغىنىسىدىن، قۇتۇلغىنى ئۇزۇن مۇددەتتىن كېيىن يۇسۇفنى ئەسلىدى ۋە: «مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىمەن. مېنى دەرھال زىندانغا ئەۋەتىڭلار» دېدى.
12 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
يُوسُفُ أَيُّهَا الصِّدِّيقُ أَفْتِنَا فِي سَبْعِ بَقَرَاتٍ سِمَانٍ يَأْكُلُهُنَّ سَبْعٌ عِجَافٌ وَسَبْعِ سُنْبُلَاتٍ خُضْرٍ وَأُخَرَ يَابِسَاتٍ لَعَلِّي أَرْجِعُ إِلَى النَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنى ئەۋەتىشتى، ئۇ تۈرمىگە بېرىپ يۈسۈفنىڭ يېنىغا كىردى ـ دە) «ئى راستچىل يۈسۈف! يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى (كۆرۈپ چۈشىگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى) بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، مەن ئۇنى كىشىلەرگە (يەنى پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ دۆلەت ئەربابلىرىغا) خەۋەر قىلسام، ئۇلار (سېنىڭ پەزلىڭنى،بىلىمىڭنى) بىلسۇن» دېدى[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنى ئەۋەتىشتى، ئۇ تۈرمىگە بېرىپ يۈسۈفنىڭ يېنىغا كىردى ـ دە : «ئى راستچىل يۈسۈف! يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى -كۆرۈپ چۈشىگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى- بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، ئۈمىدىم شۇكى، مەن ئۇ ئادەملەرنىڭ يېنىغا -توغرا تەبىر بىلەن - قايتامەن، ئۇلارمۇ - سېنىڭ قەدرىڭنى-بىلىپ قالا» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ كىشىنى زىندانغا ئەۋەتتى. بۇ كىشى زىندانغا بېرىپ: «يۇسۇف! ئى راستچىل كىشى! بىزگە يەتتە دانە ئورۇق كالا يەۋاتقان يەتتە دانە سېمىز كالىنى ۋە يەتتە دانە يېشىل باشاق بىلەن باشقا قۇرۇق باشاقلارنى كۆرۈپ چۈشىگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى بايان قىلىپ بەرگىن. ئۈمىد قىلىمەنكى، توغرا تەبىرىڭنى ئاڭلاپ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە يەتكۈزىمەن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ سېنىڭ قەدىرىڭنى بىلەر» دېدى.
12 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ تَزْرَعُونَ سَبْعَ سِنِينَ دَأَبًا فَمَا حَصَدْتُمْ فَذَرُوهُ فِي سُنْبُلِهِ إِلَّا قَلِيلًا مِمَّا تَأْكُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف ئېيتتى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىڭلار، ئالغان ھوسۇلۇڭلاردىن يېيىش ئۈچۈن ئازغىنىسىنى خامان تەپكەندىن تاشقىرى، قالغىنىنى (مىتە چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) باشىقى بىلەن قويۇڭلار[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف ئېيتتى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىسىلەر، ئالغان ھوسۇلۇڭلاردىن يېيىش ئۈچۈن ئازغىنىسىنى خامان تەپكەندىن تاشقىرى، قالغىنىنى باشىقى بىلەن قويۇسىلەر
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف مۇنداق دېدى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىسىلەر. يىغقان ھوسۇلۇڭلارنى باشاق پېتى قويۇڭلار، لېكىن ئۆزۈڭلار يەيدىغان ئازغىنىسىنى ئۇنداق قويمىساڭلارمۇ بولىدۇ.
12 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ يَأْتِي مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ سَبْعٌ شِدَادٌ يَأْكُلْنَ مَا قَدَّمْتُمْ لَهُنَّ إِلَّا قَلِيلًا مِمَّا تُحْصِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ، (بۇ يىللاردا) ئىلگىرى توپلىۋالغان ئاشلىقىڭلاردىن (ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن) ساقلاپ قويۇلىدىغان ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسىنى يەپ تۈگىتىسىلەر[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ، -بۇ يىللاردا- ئىلگىرى توپلىۋالغان ئاشلىقىڭلاردىن -ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن- ساقلاپ قويۇلىدىغان ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسىنى يەپ تۈگىتىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ. بۇ يەتتە يىل ئىچىدە، ئىلگىرى ساقلىۋالغان ئاشلىقىڭلارنى يەپ تۈگىتىسىلەر. ئايرىپ قويىدىغان ئازغىنە ئۇرۇقلۇقۇڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
12 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ يَأْتِي مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ عَامٌ فِيهِ يُغَاثُ النَّاسُ وَفِيهِ يَعْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدىن كېيىن (مولچىلىق) يىللار كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ھۆل ـ يېغىن كۆپ بولىدۇ، كىشىلەر مېۋىلەردىن تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى سىقىپ چىقىرىدۇ»[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدىن كېيىن مولچىلىق يىللار كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ھۆل ـ يېغىن كۆپ بولىدۇ، كىشىلەر مېۋىلەردىن تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى سىقىپ چىقىرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئىنسانلار يامغۇرغا ئېرىشىدىغان يىل كېلىدۇ. ئۇلار ئۇ يىلدا مېۋە سۇلىرى ۋە ياغلارنى سىقىدۇ، ھايۋانلارنى ساغىدۇ».
12 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الْمَلِكُ ائْتُونِي بِهِ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُ الرَّسُولُ قَالَ ارْجِعْ إِلَىٰ رَبِّكَ فَاسْأَلْهُ مَا بَالُ النِّسْوَةِ اللَّاتِي قَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ ۚ إِنَّ رَبِّي بِكَيْدِهِنَّ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ساقىي پادىشاھقا بېرىپ يۈسۈفنىڭ ئۇنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەبىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن) پادىشاھ: «ئۇنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. (پادىشاھنىڭ) ئەلچىسى يۈسۈفنىڭ ئالدىغا بارغاندا، يۈسۈف ئەلچىگە: «خوجايىنىڭغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى قوللىرىنى كېسىۋالغان خوتۇنلارنىڭ ئىشىنى (بىلەمدۇ؟) سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ساقىي پادىشاھقا بېرىپ يۈسۈفنىڭ ئۇنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەبىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن- پادىشاھ: «ئۇنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. ئەلچى يۈسۈفنىڭ ئالدىغا بارغاندا، يۈسۈف ئەلچىگە: «خوجايىنىڭغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى قوللىرىنى كېسىۋالغان خوتۇنلارنىڭ ئىشىنى سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى مېنىڭ رەببىم ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ: «ئۇنى يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار!» دېدى. پادىشاھنىڭ ئەلچىسى يۇسۇفنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى، يۇسۇف ئەلچىگە: «خوجايىنىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن، قوللىرىنى كېسىۋالغان ھېلىقى خوتۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. شۈبھىسىزكى، رەببىم ئۇ خوتۇنلارنىڭ ھىيلىسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېدى.
12 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مَا خَطْبُكُنَّ إِذْ رَاوَدْتُنَّ يُوسُفَ عَنْ نَفْسِهِ ۚ قُلْنَ حَاشَ لِلَّهِ مَا عَلِمْنَا عَلَيْهِ مِنْ سُوءٍ ۚ قَالَتِ امْرَأَتُ الْعَزِيزِ الْآنَ حَصْحَصَ الْحَقُّ أَنَا رَاوَدْتُهُ عَنْ نَفْسِهِ وَإِنَّهُ لَمِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پادىشاھ (ھېلىقى خوتۇنلارنى يىغىپ ۋە ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ): «سىلەر يۈسۈفتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭلاردا، ھەقىقىي ئەھۋالىڭلار قانداق بولغان؟» دېدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر، يۈسۈفتە ئازراقمۇ گۇناھ بار دەپ بىلمەيمىز» دېدى. ئەزىزنىڭ خوتۇنى: «ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم، يۈسۈف ھەقىقەتەن راستچىللاردىن ئىدى» دېدى[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: -پادىشاھ ھېلىقى خوتۇنلارنى يىغىپ ۋە ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ-: «سىلەر يۈسۈفتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭلاردا، ھەقىقىي ئەھۋالىڭلار قانداق بولغان؟ دېدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر؛ يۈسۈفتە ئازراقمۇ گۇناھ بار دەپ بىلمەيمىز» دېدى. ئەزىزنىڭ خوتۇنى: «ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم، يۈسۈف ھەقىقەتەن راستچىللاردىن ئىدى» دېدى
ئەنەس ئالىم: پادىشاھ ئۇ خوتۇنلارنى يىغىپ: «يۇسۇفنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈڭلارغا تارتىشقا ئۇرۇنغان چېغىڭلاردا نېمە ئىش بولغان؟» دېدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر. بىز ئۇنىڭدا ھېچ يامانلىق بىلمىدۇق» دېدى. ئەزىزنىڭ ئايالى بولسا: «ئەمدى ھەقىقەت ئايدىڭلاشتى. مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە تارتىشقا ئۇرۇنغان ئىدىم. شۈبھىسىزكى، ئۇ راستچىللاردىن ئىدى» دېدى.
12 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ لِيَعْلَمَ أَنِّي لَمْ أَخُنْهُ بِالْغَيْبِ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي كَيْدَ الْخَائِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (يۈسۈف ئېيتتى) «بۇ (يەنى پادىشاھنىڭ ئەلچىسىنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكىم) ئەزىز يوق چاغدا خوتۇنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قىلىشى ئۈچۈندۇر»[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: -يۈسۈف ئېيتتى-: «بۇ، ئەزىز يوق چاغدا خوتۇنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى ئەزىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر»
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف مۇنداق دېدى: «زىنداندىن ئالدىراپ چىقماسلىقىم ئەزىزنىڭ شۇنى بىلىشى ئۈچۈنكى: مەن ئۇنىڭغا يوق چېغىدا خىيانەت قىلمىدىم، ئاللاھ خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ.
12 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أُبَرِّئُ نَفْسِي ۚ إِنَّ النَّفْسَ لَأَمَّارَةٌ بِالسُّوءِ إِلَّا مَا رَحِمَ رَبِّي ۚ إِنَّ رَبِّي غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: «مەن ئۆزەمنى ئاقلىمايمەن، نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: «مەن ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن: نەپىس ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، رەببىم رەھمەت قىلىپ - ساقلىغان- ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ رەببىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر؛ ناھايىتى مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: مەن ئۆز نەپسىمنى ئاقلىمايمەن. چۈنكى نەپسلەر يامانلىققا بۇيرۇپ تۇرغۇچىدۇر. رەببىم رەھىم قىلغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، رەببىم مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
12 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الْمَلِكُ ائْتُونِي بِهِ أَسْتَخْلِصْهُ لِنَفْسِي ۖ فَلَمَّا كَلَّمَهُ قَالَ إِنَّكَ الْيَوْمَ لَدَيْنَا مَكِينٌ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: پادىشاھ: «يۈسۈفنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. يۈسۈف ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇ: «سەن بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەقىقەتەن مەرتىۋىلىك، ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: پادىشاھ: «يۈسۈفنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. يۈسۈف ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇ: «سەن بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەقىقەتەن مەرتىۋىلىك، ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: پادىشاھ: «ئۇنى يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار، خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. ئاندىن پادىشاھ يۇسۇف بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنىڭغا: «شۈبھىسىزكى، سەن بۈگۈن يېنىمىزدا يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى.
12 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اجْعَلْنِي عَلَىٰ خَزَائِنِ الْأَرْضِ ۖ إِنِّي حَفِيظٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف: «مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن (ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى) بىلىدىغان، ئوبدان ساقلىيالايدىغان ئادەممەن» دېدى[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف: «مېنى - مىسىر- زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، ھەقىقەتەن مەن ئوبدان ساقلىيالايمەن، -ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى- بىلىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف: «مېنى مەملىكەتنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئوبدان ساقلايدىغان ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ئوبدان بىلىدىغان ئادەممەن» دېدى.
12 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي الْأَرْضِ يَتَبَوَّأُ مِنْهَا حَيْثُ يَشَاءُ ۚ نُصِيبُ بِرَحْمَتِنَا مَنْ نَشَاءُ ۖ وَلَا نُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز يۈسۈفنى (مىسىر) زېمىنىدا خالىغان جايدا تۇرىدىغان (مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) قىلىپ يەرلەشتۈردۇق، خالىغان بەندىلىرىمىزنى رەھمىتىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز يۈسۈفنى -مىسىر- زېمىنىدا خالىغان جايدا تۇرىدىغان قىلىپ يەرلەشتۈردۇق، رەھمىتىمىزنى خالىغان بەندىلىرىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، بىز يۇسۇفكە ئۇ مەملىكەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردۇق. ئۇ مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلاتتى7. بىز رەھمىتىمىزنى ئۆزىمىز خالىغان كىشىگە يەتكۈزىمىز ۋە ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز.
12 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَأَجْرُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ لِلَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە، (بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ئارتۇقتۇر[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە ئارتۇقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاخىرەتتىكى ئەجىر، ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر.
12 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَ إِخْوَةُ يُوسُفَ فَدَخَلُوا عَلَيْهِ فَعَرَفَهُمْ وَهُمْ لَهُ مُنْكِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىردى. يۈسۈف ئۇلارنى تونۇدى، ئۇلار بولسا يۈسۈفنى تونۇمىدى[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىردى. يۈسۈف ئۇلارنى تونۇدى، ئۇلار بولسا يۈسۈفنى تونۇمىدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. يۇسۇف ئۇلارنى تونۇدى، ئۇلار يۇسۇفنى تونۇمىدى.
12 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَهَّزَهُمْ بِجَهَازِهِمْ قَالَ ائْتُونِي بِأَخٍ لَكُمْ مِنْ أَبِيكُمْ ۚ أَلَا تَرَوْنَ أَنِّي أُوفِي الْكَيْلَ وَأَنَا خَيْرُ الْمُنْزِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئاشلىقنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا ئاتا بىر ئۇكاڭلارنى (يەنى بۇنيامىننى) ئېلىپ كېلىڭلار، مېنىڭ (ئاشلىقنى) تولۇق ئۆلچەپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ۋە ناھايىتى مېھماندوست ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئاشلىقنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا ئاتا بىر ئۇكاڭلار-بۇنيامىن-نى ئېلىپ كېلىڭلار، مېنىڭ ئاشلىقنى تولۇق ئۆلچەپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ۋە ناھايىتى مېھماندوست ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف ئۇلارغا يول جابدۇقلىرىنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «كېلەر قېتىم يېنىمغا ئاتا بىر قېرىندىشىڭلارنىمۇ ئېلىپ كېلىڭلار. كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ مەن ئاشلىقنى تولۇق كەمچەنلەپ بېرىمەن، مەن مېھمان قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىمەن.
12 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ لَمْ تَأْتُونِي بِهِ فَلَا كَيْلَ لَكُمْ عِنْدِي وَلَا تَقْرَبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، سىلەرگە بېرىدىغان ئاشلىقىم يوق، مېنىڭ يېنىمغا يېقىن يولىماڭلار»[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، سىلەرگە بېرىدىغان ئاشلىقىم يوق، مېنىڭ يېنىمغا يېقىن يولىماڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇنى يېنىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، مەندىن بىر كەمچەنمۇ ئاشلىق ئالالمايسىلەر، يېنىمغا يېقىنلاشماڭلار!».
12 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا سَنُرَاوِدُ عَنْهُ أَبَاهُ وَإِنَّا لَفَاعِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۇنى ئاتىسىدىن سوراپ (سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىشكە) تىرىشىمىز، بىز چوقۇم مۇشۇنداق قىلىمىز» دېدى[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۇنى ئاتىسىدىن سوراپ -سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىشكە- تىرىشىمىز، بىز چوقۇم مۇشۇنداق قىلىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ئۇنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئاتىسىنى قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىز بۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمىز» دېيىشتى.
12 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ لِفِتْيَانِهِ اجْعَلُوا بِضَاعَتَهُمْ فِي رِحَالِهِمْ لَعَلَّهُمْ يَعْرِفُونَهَا إِذَا انْقَلَبُوا إِلَىٰ أَهْلِهِمْ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف خىزمەتچىلىرىگە: «ئۇلارنىڭ (بىزدىن ئاشلىق سېتىۋالغان) مال ـ مۈلۈكلىرىنى يۈك ـ تاقىلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئۇلار ئائىلىسىگە قايتىپ بارغاندا، ئۇنى تونۇپ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن» دېدى[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف خىزمەتچىلىرىگە: «ئۇلارنىڭ -ئاشلىق سېتىۋالغان- مال ـ مۈلۈكلىرىنى يۈك ـ تاقىلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئۇلار ئائىلىسىگە قايتىپ بارغاندا، ئۇنى تونۇپ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف خىزمەتچىلىرىگە: «ئۇلارنىڭ ئاشلىق سېتىۋالغان سەرمايىلىرىنى يۈكلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئائىلىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغان چېغىدا بۇنى تونۇپ يەنە كېلىشلىرى مۇمكىن» دېدى.
12 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَجَعُوا إِلَىٰ أَبِيهِمْ قَالُوا يَا أَبَانَا مُنِعَ مِنَّا الْكَيْلُ فَأَرْسِلْ مَعَنَا أَخَانَا نَكْتَلْ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارغىنىدا: «ئى ئاتىمىز! (مىسىرنىڭ خەزىنىدارى) بىزگە قايتا ئاشلىق بەرمەس بولدى، ئۇكىمىزنى (يەنى بۇنيامىننى) بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، (شۇنداق قىلساڭ) ئاشلىق ئالالايمىز، ئۇنى بىز چوقۇم ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارغىنىدا: «ئى ئاتىمىز! بىزگە قايتا ئاشلىق بېرىلمەس بولدى، ئۇكىمىز-بۇنيامىن-نى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، شۇنداق قىلساڭ ئاشلىق ئالالايمىز، ئۇنى بىز چوقۇم ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە: «ئى ئاتىمىز! ئاشلىق ئېلىشىمىز مەنئى قىلىندى. بۇ نۆۋەت قېرىندىشىمىزنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، شۇنداق قىلساڭ ئاشلىق ئالالايمىز. بىز ئۇنى چوقۇم مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى.
12 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هَلْ آمَنُكُمْ عَلَيْهِ إِلَّا كَمَا أَمِنْتُكُمْ عَلَىٰ أَخِيهِ مِنْ قَبْلُ ۖ فَاللَّهُ خَيْرٌ حَافِظًا ۖ وَهُوَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (يەئقۇب) ئۇلارغا ئېيتتى: «ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىلگىرى سىلەرگە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى يۈسۈف) توغرىسىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ (مەن سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئۇنى ساقلىشىڭلارغا ئىشەنمەيمەن) ئاللاھ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر»[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: -يەئقۇب- ئۇلارغا ئېيتتى: «ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىلگىرى سىلەرگە ئۇنىڭ قېرىندىشى-يۈسۈف- توغرىسىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ ئاللاھ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: ئاتىسى ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بۇنىڭ توغرىسىدا قانداقمۇ ئىشىنىمەن؟ ئىلگىرى سىلەرگە بۇنىڭ قېرىندىشى توغرىسىدا ئىشەنگىنىمدەكمۇ؟ ئاللاھ ئەڭ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر. ئۇ رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسىدۇر!» دېدى.
12 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا فَتَحُوا مَتَاعَهُمْ وَجَدُوا بِضَاعَتَهُمْ رُدَّتْ إِلَيْهِمْ ۖ قَالُوا يَا أَبَانَا مَا نَبْغِي ۖ هَٰذِهِ بِضَاعَتُنَا رُدَّتْ إِلَيْنَا ۖ وَنَمِيرُ أَهْلَنَا وَنَحْفَظُ أَخَانَا وَنَزْدَادُ كَيْلَ بَعِيرٍ ۖ ذَٰلِكَ كَيْلٌ يَسِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈكلىرىنى ئاچقاندا (ئاشلىق سېتىۋالغان) مال مۈلۈكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى، ئۇلار: «ئاتىمىز! بىز (بۇنىڭدىن ئارتۇق) يەنە نېمە تەلەپ قىلىمىز؟ بۇ مال ـ مۈلۈكلىرىمىز بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىپتۇ، (ئۇكىمىزنى ئېلىپ يەنە بارساق) ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز، ئۇكىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىمىز، بىر تۆگە ئاشلىقىنى ئارتۇق ئالىمىز، بۇ (يەنى بىر تۆگە ئاشلىق پادىشاھ ئۈچۈن) ئازغىنا ئاشلىقتۇر» دېدى[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈكلىرىنى ئاچقاندا -ئاشلىق سېتىۋالغان- مال - مۈلۈكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى، ئۇلار: «ئاتىمىز! بىز يەنە نېمە تەلەپ قىلىمىز؟ بۇ مال ـ مۈلۈكلىرىمىز بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىپتۇ، -ئۇكىمىزنى ئېلىپ يەنە بارساق- ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز، ئۇكىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىمىز ۋە بىر تۆگە ئاشلىقنى ئارتۇق ئالىمىز، بۇ ئازغىنا ئاشلىقتۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يۈكلىرىنى ئاچقان ئىدى، ئاشلىق سېتىۋالغان سەرمايىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى ۋە دېدىلەركى: «ئى ئاتىمىز! يەنە نېمە تەلەپ قىلىمىز؟ مانا بۇ ئاشلىق سېتىۋالغان سەرمايىمىز، بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىپتۇ! ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز، قېرىندىشىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىمىز ۋە بىر تۆگە ئاشلىق ئارتۇق ئالىمىز. چۈنكى بۇ قېتىم ئېلىپ كەلگىنىمىز ئازغىنە ئاشلىقتۇر».
12 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَنْ أُرْسِلَهُ مَعَكُمْ حَتَّىٰ تُؤْتُونِ مَوْثِقًا مِنَ اللَّهِ لَتَأْتُنَّنِي بِهِ إِلَّا أَنْ يُحَاطَ بِكُمْ ۖ فَلَمَّا آتَوْهُ مَوْثِقَهُمْ قَالَ اللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٌ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب ئېيتتى: «بۇنيامىننى قوغداشتا ھەممىڭلار ھالاك بولمىساڭلارلا چوقۇم ماڭا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرمىگۈچە ئۇنى سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمەيمەن». ئۇلار (يەنى ئوغۇللىرى) ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، يەئقۇب: «بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر» دېدى[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب ئېيتتى: «بۇنيامىننى قوغداشتا ھەممىڭلار ھالاك بولمىساڭلارلا چوقۇم ماڭا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ چىڭ ۋەدە بەرمىگۈچە ئۇنى سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمەيمەن». ئۇلار ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، يەئقۇب: «بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاتىسى: «ئۇنى ماڭا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىڭلارغا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مۇستەھكەم ئەھدە بەرمىگۈچە، ئۇنى سىلەر بىلەن ھەرگىزمۇ ئەۋەتمەيمەن. ھەممىڭلار بىرلىكتە ھالاك بولۇپ كەتسەڭلار ئامال يوق» دېدى. ئۇلار ئاتىسىغا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مۇستەھكەم ئەھدە بەرگەن ئىدى، ئاتىسى: «ئاللاھ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە گۇۋاھتۇر» دېدى.
12 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ يَا بَنِيَّ لَا تَدْخُلُوا مِنْ بَابٍ وَاحِدٍ وَادْخُلُوا مِنْ أَبْوَابٍ مُتَفَرِّقَةٍ ۖ وَمَا أُغْنِي عَنْكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۖ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَعَلَيْهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُتَوَكِّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ يەنە) «ئى ئوغۇللىرىم! (مىسىرغا) ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا- باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاس، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇ يەنە: «ئى ئوغۇللىرىم! - مىسىرغا- ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ قازاسى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاس، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەنە: «ئى ئوغۇللىرىم! شەھەرگە ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا - باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. مەن ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچ نەرسىنى سىلەردىن دەپئى قىلالمايمەن. ھۆكۈم قىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر8. مەن ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمۇ ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن» دېدى.
12 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا دَخَلُوا مِنْ حَيْثُ أَمَرَهُمْ أَبُوهُمْ مَا كَانَ يُغْنِي عَنْهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ إِلَّا حَاجَةً فِي نَفْسِ يَعْقُوبَ قَضَاهَا ۚ وَإِنَّهُ لَذُو عِلْمٍ لِمَا عَلَّمْنَاهُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە باشقا ـ باشقا دەرۋازىلاردىن كىرگەندە، (بۇ) ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە دال بولالمىدى، بۇ پەقەت يەئقۇبنىڭ كۆڭلىدىكى ئۈمىدىنىلا ئىپادىلىدى، خالاس. بىز يەئقۇبقا (ۋەھىي ئارقىلىق) بىلدۈرگەن ئىدۇق، شۇڭا ئۇ كەڭ بىلىم ئىگىسىدۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار -ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە باشقا ـ باشقا دەرۋازىلاردىن كىرگەندە، ئاللاھنىڭ قازاسى ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە دال بولالمىدى، بۇ پەقەت يەئقۇبنىڭ كۆڭلىدىكى ئۈمىدىنىلا ئىپادىلىدى، خالاس. بىز يەئقۇبقا -ۋەھيى ئارقىلىق- بىلدۈرگەن ئىدۇق، شۇڭا ئۇ كەڭ بىلىم ئىگىسىدۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى -بۇنى- بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شەھەرگە ئاتىسى بۇيرۇغان يەردىن كىرگەندە، بۇ ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچ نەرسىنى ئۇلاردىن دەپئى قىلالمايتتى. لېكىن يەئقۇب، كۆڭلىدىكى ئارزۇنى ئوتتۇرىغا قويغان بولدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئىلىم ئىگىسى ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭغا بىز ئۆگەتكەن ئىدۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
12 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا دَخَلُوا عَلَىٰ يُوسُفَ آوَىٰ إِلَيْهِ أَخَاهُ ۖ قَالَ إِنِّي أَنَا أَخُوكَ فَلَا تَبْتَئِسْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەئقۇبنىڭ بالىلىرى) يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئۇكىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولىمەن، ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان ئىشلىرىدىن قايغۇرمىغىن» دېدى[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئۇكىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولىمەن، ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان ئىشلىرىدىن قايغۇرمىغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يۇسۇفنىڭ يېنىغا كىرگەندە، يۇسۇف ئۆز قېرىندىشىنى باغرىغا باستى ۋە: «مەن راستتىنلا سېنىڭ قېرىندىشىڭمەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا ئىچىڭنى پۇشۇرمىغىن!» دېدى.
12 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَهَّزَهُمْ بِجَهَازِهِمْ جَعَلَ السِّقَايَةَ فِي رَحْلِ أَخِيهِ ثُمَّ أَذَّنَ مُؤَذِّنٌ أَيَّتُهَا الْعِيرُ إِنَّكُمْ لَسَارِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف ئۇلارنى ئېھتىياجلىق ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، قەدەھنى ئۇكىسىنىڭ يۈكى ئىچىگە سېلىپ قويدى. ئاندىن بىر جاكاچى چىقىپ: «ئى كارۋانلار! سىلەر چوقۇم ئوغرى ئىكەنسىلەر» دەپ توۋلىدى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف ئۇلارنى ئېھتىياجلىق ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، قەدەھنى ئۇكىسىنىڭ يۈكى ئىچىگە سېلىپ قويدى. ئاندىن بىر جاكاچى چىقىپ: «ئى كارۋانلار! سىلەر چوقۇم ئوغرى ئىكەنسىلەر» دەپ توۋلىدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف ئۇلارنىڭ يۈكلىرىنى تەييارلاتقاندا سۇ قاچىسىنى قېرىندىشىنىڭ يۈكىنىڭ ئىچىگە قويدۇردى. ئاندىن كېيىن بىر جاكارچى: «ئى كارۋان! سىلەر ھەقىقەتەن ئوغرى ئىكەنسىلەر!» دەپ توۋلىدى.
12 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا وَأَقْبَلُوا عَلَيْهِمْ مَاذَا تَفْقِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (كارۋاندىكىلەر) ئۇلارغا قاراپ: «نېمەڭلارنى يوقىتىپ قويدۇڭلار؟» دېدى[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: -كارۋاندىكىلەر- ئۇلارغا قاراپ: «نېمەڭلارنى يوقىتىپ قويدۇڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بۇلارغا قاراپ: «نېمەڭلارنى يوقىتىپ قويدۇڭلار؟» دېدى.
12 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا نَفْقِدُ صُوَاعَ الْمَلِكِ وَلِمَنْ جَاءَ بِهِ حِمْلُ بَعِيرٍ وَأَنَا بِهِ زَعِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پادىشاھنىڭ (تامغىسى بېسىلغان) قەدەھنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى تېپىپ كەلگەن كىشىگە (مۇكاپات ئۈچۈن) بىر تۆگە ئاشلىق بېرىلىدۇ، مەن بۇنىڭغا كېپىل» دېدى[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «پادىشاھنىڭ قەدىھىنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى تېپىپ كەلگەن كىشىگە بىر تۆگە ئاشلىق بېرىلىدۇ، مەن بۇنىڭغا كېپىل» دېدى
ئەنەس ئالىم: بۇلار: «پادىشاھنىڭ قاچىسىنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى ئېلىپ كەلگەن كىشىگە بىر تۆگە يۈك مۇكاپات بېرىلىدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى: «مەن بۇنىڭغا كېپىل» دېدى.
12 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا تَاللَّهِ لَقَدْ عَلِمْتُمْ مَا جِئْنَا لِنُفْسِدَ فِي الْأَرْضِ وَمَا كُنَّا سَارِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، بىز ئوغرى ئەمەسمىز» دېدى[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، بىز ئوغرى ئەمەسمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئوبدان بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغىلى كەلمىدۇق، بىز ئوغرىمۇ ئەمەس» دېدى.
12 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا فَمَا جَزَاؤُهُ إِنْ كُنْتُمْ كَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يۈسۈفنىڭ خىزمەتچىلىرى): «سىلەرنىڭ شەرىئىتىڭلاردا ئوغرىنىڭ جازاسى نېمە؟ (ئەگەر قەدەھ يۈكۈڭلاردىن چىقىپ قېلىپ) يالغانچى بولۇپ قالساڭلارچۇ؟» دېدى[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈفنىڭ خىزمەتچىلىرى: « يالغانچى بولۇپ قالساڭلار، ئوغرىنىڭ جازاسى نېمە؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: بۇلار: «ئەگەر سىلەر يالغان ئېيتقۇچىلار بولساڭلار، يەنى ئۇنى ئوغرىلىغان كىشى سىلەردىن چىقىپ قالسا، ئۇنىڭ جازاسى نېمە؟» دېدى.
12 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا جَزَاؤُهُ مَنْ وُجِدَ فِي رَحْلِهِ فَهُوَ جَزَاؤُهُ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئۇنىڭ جازاسى يۈكىدىن قەدەھ تېپىلغان ئادەمنى قۇل قىلىش، زالىملارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز» دېدى[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئۇنىڭ جازاسى قەدەھ بىلەن تېپىلغان ئادەمنى قۇل قىلىش، زالىملارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «جازاسى شۇ: قاچا كىمنىڭ يۈكىدىن تېپىلسا، ئۇ كىشى ئۇنىڭ جازاسىدۇر. بىز بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز9» دېدى.
12 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَدَأَ بِأَوْعِيَتِهِمْ قَبْلَ وِعَاءِ أَخِيهِ ثُمَّ اسْتَخْرَجَهَا مِنْ وِعَاءِ أَخِيهِ ۚ كَذَٰلِكَ كِدْنَا لِيُوسُفَ ۖ مَا كَانَ لِيَأْخُذَ أَخَاهُ فِي دِينِ الْمَلِكِ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ نَرْفَعُ دَرَجَاتٍ مَنْ نَشَاءُ ۗ وَفَوْقَ كُلِّ ذِي عِلْمٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىدىن قەدەھنى تېپىپ چىقتى. بىز يۈسۈفكە مۇشۇ تەدبىرنى كۆرسەتتۇق، (مىسىر) پادىشاھىنىڭ قانۇنى بويىچە يۈسۈف ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالىدى، بىز خالىغان ئادەمنى (يۈسۈفنى كۆتۈرگەندەك) يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز، ھەربىر بىلىمدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار زات بار[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىدىن قەدەھنى تېپىپ چىقتى. بىز يۈسۈفكە مۇشۇ تەدبىرنى كۆرسەتتۇق، پادىشاھنىڭ قانۇنى بويىچە يۈسۈف ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتى، لېكىن ئاللاھ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالىدى، بىز خالىغان ئادەمنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز، ھەربىر بىلىمدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار زات بار
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن يۇسۇف قېرىندىشىنىڭ يۈكىدىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ يۈكلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى، ئاخىرىدا قاچىنى قېرىندىشىنىڭ يۈكىدىن تېپىپ چىقاردى. بىز يۇسۇفكە ئەنە شۇنداق پىلان كۆرسەتتۇق. ئاللاھ مۇشۇنداق خالىمىسا ئىدى، يۇسۇف قېرىندىشىنى پادىشاھنىڭ دىنى بويىچە ئېلىپ قالالمايتتى10. بىز ئۆزىمىز خالىغان كىشىنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز. ھەر بىلىمدارنىڭ ئۈستىدە تېخىمۇ ئوبدان بىلىدىغان بىرى بار.
12 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا إِنْ يَسْرِقْ فَقَدْ سَرَقَ أَخٌ لَهُ مِنْ قَبْلُ ۚ فَأَسَرَّهَا يُوسُفُ فِي نَفْسِهِ وَلَمْ يُبْدِهَا لَهُمْ ۚ قَالَ أَنْتُمْ شَرٌّ مَكَانًا ۖ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا تَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئەگەر ئۇ ئوغرىلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قېرىندىشىمۇ (يەنى يۈسۈفمۇ) ئىلگىرى ئوغرىلىق قىلغان» دېيىشتى. يۈسۈف (ئۇلارنىڭ) بۇ سۆزىنى ئىچىدە بىلدى، لېكىن ئۇلارغا مەلۇم قىلمىدى، يۈسۈف (ئىچىدە): «سىلەرنىڭ مەۋقەيىڭلار ئەڭ ياماندۇر، سىلەرنىڭ (يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسى توغرىسىدا) قىلغان سۆزۈڭلارنىڭ يالغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ» دېدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئەگەر ئۇ، ئوغرىلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قېرىندىشى-يۈسۈف-مۇ ئىلگىرى ئوغرىلىق قىلغان» دېيىشتى. يۈسۈف - ئۇلارنىڭ- بۇ سۆزىنى ئىچىدە بىلدى، لېكىن ئۇلارغا مەلۇم قىلمىدى، يۈسۈف - ئىچىدە-: «سىلەرنىڭ مەۋقەيىڭلار ئەڭ ياماندۇر، سىلەرنىڭ قىلغان سۆزۈڭلارنىڭ يالغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بۇ ئوغرىلىغان بولسا، ئىلگىرى بۇنىڭ قېرىندىشىمۇ ئوغرىلىق قىلغان» دېيىشتى. يۇسۇف بۇنى ئىچىدە يوشۇردى11، ئۇلارغا مەلۇم قىلمىدى، ئىچىدە «سىلەرنىڭ ئورنۇڭلار بەك يامان!12 بۇ سۆزلىرىڭلارنىڭ ماھىيىتىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ» دېدى.
12 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا أَيُّهَا الْعَزِيزُ إِنَّ لَهُ أَبًا شَيْخًا كَبِيرًا فَخُذْ أَحَدَنَا مَكَانَهُ ۖ إِنَّا نَرَاكَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى ئالىيجاناب زات! ئۇنىڭ (ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان) بىر قېرى ئاتىسى بار، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ بىرىمىزنى ئېلىپ قالغىن، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن ھېسابلايمىز» دېدى[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى ئالىيجاناب زات! ئۇنىڭ -ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان- بىر قېرى ئاتىسى بار، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ بىرىمىزنى ئېلىپ قالغىن، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن ھېسابلايمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى ئەزىز! بۇنىڭ بەك قېرىپ كەتكەن ئاتىسى بار، شۇڭا بۇنىڭ ئورنىغا بىرىمىزنى ئېلىپ قالغىن. كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىنسەن!» دېدى.
12 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مَعَاذَ اللَّهِ أَنْ نَأْخُذَ إِلَّا مَنْ وَجَدْنَا مَتَاعَنَا عِنْدَهُ إِنَّا إِذًا لَظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف: «خۇدا ساقلىسۇن، نەرسىمىزنى كىمنىڭ يۈكىدىن تاپقان بولساق، شۇنى ئېلىپ قالىمىز، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف: «خۇدا ساقلىسۇن، نەرسىمىزنى كىمنىڭ يۈكىدىن تاپقان بولساق، شۇنى ئېلىپ قالىمىز، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف: «ئاللاھ ساقلىسۇن! بىز نەرسىمىزنى كىمنىڭ يۈكىدىن تاپقان بولساق، پەقەت شۇنى ئېلىپ قالىمىز. بولمىسا بىز زالىم بولۇپ قالىمىز» دېدى.
12 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا اسْتَيْأَسُوا مِنْهُ خَلَصُوا نَجِيًّا ۖ قَالَ كَبِيرُهُمْ أَلَمْ تَعْلَمُوا أَنَّ أَبَاكُمْ قَدْ أَخَذَ عَلَيْكُمْ مَوْثِقًا مِنَ اللَّهِ وَمِنْ قَبْلُ مَا فَرَّطْتُمْ فِي يُوسُفَ ۖ فَلَنْ أَبْرَحَ الْأَرْضَ حَتَّىٰ يَأْذَنَ لِي أَبِي أَوْ يَحْكُمَ اللَّهُ لِي ۖ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (بۇنيامىننىڭ ئورنىغا ئۆز ئارىسىدىن بىرسىنى ئېلىپ قېلىشقا يۈسۈفنىڭ ماقۇل بولۇشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن قەسەم قىلدۇرۇپ ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۈسۈف توغرىسىدىكى خاتالىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغىچە ياكى ئاللاھ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغىچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن قەسەم قىلدۇرۇپ ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۈسۈف توغرىسىدىكى خاتالىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغىچە ياكى ئاللاھ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغۇچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تەلەپلىرىنى يۇسۇفنىڭ قوبۇل قىلىشىدىن ئۈمىدلىرىنى ئۈزگەندە، ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئايرىم بىر تەرەپكە بېرىشتى. ئۇلارنىڭ چوڭى مۇنداق دېدى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى يۇسۇفكە قىلغان ئەسكىلىكىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاتامنىڭ رۇخسىتى ياكى ئاللاھنىڭ ھۆكمى كەلمىگۈچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن. ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
12 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
ارْجِعُوا إِلَىٰ أَبِيكُمْ فَقُولُوا يَا أَبَانَا إِنَّ ابْنَكَ سَرَقَ وَمَا شَهِدْنَا إِلَّا بِمَا عَلِمْنَا وَمَا كُنَّا لِلْغَيْبِ حَافِظِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر قايتىپ كېتىپ ئاتاڭلار بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئاندىن ئېيتىڭلاركى، «ئى ئاتىمىز! سېنىڭ ئوغلۇڭ راستتىنلا ئوغرىلىق قىلدى، بىز پەقەت بىلگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز، بىز غەيبنى بىلمەيمىز (يەنى ساڭا ۋەدە بەرگەن چېغىمىزدا ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدۇق)[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر قايتىپ كېتىپ ئاتاڭلار بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئاندىن ئېيتىڭلاركى، ئى ئاتىمىز! سېنىڭ ئوغلۇڭ راستتىنلا ئوغرىلىق قىلدى، بىز پەقەت بىلگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز، بىز غەيبنى بىلمەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئاتاڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ مۇنداق دەڭلار: ئى ئاتىمىز! شۈبھىسىزكى، ئوغلىڭىز ئوغرىلىق قىلدى. بىز پەقەت بىلگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بەردۇق. بىز غەيبنى بىلمىدۇق13.
12 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْأَلِ الْقَرْيَةَ الَّتِي كُنَّا فِيهَا وَالْعِيرَ الَّتِي أَقْبَلْنَا فِيهَا ۖ وَإِنَّا لَصَادِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز تۇرغان شەھەردىن (يەنى مىسىردىن) ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سۆزىمىز چوقۇم راست»[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز تۇرغان شەھەردىن ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سۆزىمىز چوقۇم راست»
ئەنەس ئالىم: بىز تۇرغان ئۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسىدىن ۋە بىز بىلەن بىللە كەلگەن كارۋاندىن سوراپ بېقىڭ. بىز ھەقىقەتەن راست سۆزلەۋاتىمىز».
12 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَنِي بِهِمْ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈچ ئوغلۇمنىڭ) ھەممىسىنى ماڭا دەرقەمتە قىلىپ بېرىشنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مېنىڭ ھالىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، بەلكىدە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئاكىسى دېگەن سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتقان ئىدى ئۇ: «ياق، يەنە نەپسىڭلار سىلەرنى بىر ئىشقا كۈشكۈرتۈپتۇ. ئەمدى مەن چىرايلىقچە سەۋر قىلىشىم كېرەك. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېنىمغا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دېدى،
12 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا أَسَفَىٰ عَلَىٰ يُوسُفَ وَابْيَضَّتْ عَيْنَاهُ مِنَ الْحُزْنِ فَهُوَ كَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئىسىت يۈسۈف!» دېدى. قايغۇدىن (كۆپ يىغلاپ) ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى (يەنى ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى)، ئۇ تولۇپ تاشقان ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتقان ئىدى[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئىسىت يۈسۈف!» دېدى. قايغۇدىن -كۆپ يىغلاپ- ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى، ئۇ تولۇپ تاشقان ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتقان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى، «ئى مېنىڭ يۇسۇفكە چەككەن قاتتىق ھەسرىتىم!»14 دەپ پەرياد قىلدى ۋە قايغۇدىن ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى. ئۇ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دەردىنى يۇتاتتى.
12 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا تَاللَّهِ تَفْتَأُ تَذْكُرُ يُوسُفَ حَتَّىٰ تَكُونَ حَرَضًا أَوْ تَكُونَ مِنَ الْهَالِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن يۈسۈفنى ياد ئېتىۋېرىپ (ھەسرەتتىن) ھالاك بولۇشقا تاس قالىدىغان ياكى ھالاك بولىدىغان بولدۇڭ» دېدى[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن يۈسۈفنى ياد ئېتىۋېرىپ ھالاك بولۇشقا تاس قالىدىغان ياكى ھالاك بولىدىغان بولدۇڭ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن يۇسۇفنى ياد ئېتىۋېرىپ ئاخىرى يا بەكلا ئاجىزلاپ كېتىسەن ياكى ھالاك بولغۇچىلاردىن بولۇپ كېتىسەن» دېدى.
12 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّمَا أَشْكُو بَثِّي وَحُزْنِي إِلَى اللَّهِ وَأَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب ئېيتتى: «مەن قايغۇ ـ ھەسرىتىمنى پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب ئېيتتى: «مەن قايغۇ ـ ھەسرىتىمنى پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن چىدىغۇسىز ئەلىمىمنى ۋە قايغۇ - ھەسرىتىمنى ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن.
12 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِيَّ اذْهَبُوا فَتَحَسَّسُوا مِنْ يُوسُفَ وَأَخِيهِ وَلَا تَيْأَسُوا مِنْ رَوْحِ اللَّهِ ۖ إِنَّهُ لَا يَيْأَسُ مِنْ رَوْحِ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ»[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۇسۇفنى ۋە قېرىندىشىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كافىر قەۋملا نائۈمىد بولىدۇ».
12 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا دَخَلُوا عَلَيْهِ قَالُوا يَا أَيُّهَا الْعَزِيزُ مَسَّنَا وَأَهْلَنَا الضُّرُّ وَجِئْنَا بِبِضَاعَةٍ مُزْجَاةٍ فَأَوْفِ لَنَا الْكَيْلَ وَتَصَدَّقْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّ اللَّهَ يَجْزِي الْمُتَصَدِّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، (ئالدىڭغا) ناچار، ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، -ئالدىڭغا- ناچار، ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىرغا قايتىپ بېرىپ يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەن چېغىدا: «ئى ئەزىز! بىز ۋە ئائىلىمىز يەنە قىيىنچىلىقتا قالدۇق. بۇ قېتىم ئەرزىمەس سەرمايە ئېلىپ كەلدۇق. لېكىن سەن بىزگە ئاشلىقنى يەنىلا تولۇق بەرگىن ۋە بىزگە سەدىقە قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ» دېدى.
12 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هَلْ عَلِمْتُمْ مَا فَعَلْتُمْ بِيُوسُفَ وَأَخِيهِ إِذْ أَنْتُمْ جَاهِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف: «سىلەر نادان ۋاقتىڭلاردا يۈسۈفكە ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىغا نېمىلەر قىلغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟» دېدى[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف: «سىلەر نادان ۋاقتىڭلاردا يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف: «سىلەر نادان چېغىڭلاردا يۇسۇفكە ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟»15 دېدى.
12 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَإِنَّكَ لَأَنْتَ يُوسُفُ ۖ قَالَ أَنَا يُوسُفُ وَهَٰذَا أَخِي ۖ قَدْ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْنَا ۖ إِنَّهُ مَنْ يَتَّقِ وَيَصْبِرْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «سەن راستتىنلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «مەن يۈسۈف، بۇ مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن (ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سەن راستتىنلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «مەن يۈسۈف، بۇ بولسا مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن - بىلسۈنكى-، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سەن، سەن راستىنلا يۇسۇفمۇ؟» دېدى. يۇسۇف: «ھەئە مەن يۇسۇف، بۇ بولسا قېرىندىشىم. ئاللاھ بىزگە ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلدى. چۈنكى كىم تەقۋادارلىق قىلسا ۋە سەۋر قىلسا، ئاللاھ بۇنداق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى.
12 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا تَاللَّهِ لَقَدْ آثَرَكَ اللَّهُ عَلَيْنَا وَإِنْ كُنَّا لَخَاطِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ھەقىقەتەن بىزدىن ئارتۇق قىلىپتۇ، بىز جەزمەن خاتا قىلىپتۇق» دېيىشتى[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ھەقىقەتەن بىزدىن ئارتۇق قىلىپتۇ، بىز جەزمەن خاتا قىلىپتۇق» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى بىزدىن ئۈستۈن قىلدى. بىز خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئىدۇق» دېدى.
12 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَا تَثْرِيبَ عَلَيْكُمُ الْيَوْمَ ۖ يَغْفِرُ اللَّهُ لَكُمْ ۖ وَهُوَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف ئېيتتى: «بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن، ئاللاھ ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف ئېيتتى: «بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن، ئاللاھ مەرھەتلىكلەرنىڭ ئەڭ مەرھەمەتلىكىدۇر
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ھېچ ئەيىبلەنمەيسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن! ئۇ رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسىدۇر.
12 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبُوا بِقَمِيصِي هَٰذَا فَأَلْقُوهُ عَلَىٰ وَجْهِ أَبِي يَأْتِ بَصِيرًا وَأْتُونِي بِأَهْلِكُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە تاشلاڭلار، كۆزى ئېچىلىدۇ، پۈتۈن ئائىلەڭلاردىكىلەرنى ئېلىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار» دېدى[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە تاشلاڭلار، كۆزى ئېچىلىدۇ، پۈتۈن ئائىلەڭلاردىكىلەرنى ئىلىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە تاشلاڭلار، كۆزلىرى كۆرىدىغان بولىدۇ. ئاندىن پۈتۈن ئائىلەڭلارنى ئېلىپ يېنىمغا كېلىڭلار».
12 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا فَصَلَتِ الْعِيرُ قَالَ أَبُوهُمْ إِنِّي لَأَجِدُ رِيحَ يُوسُفَ ۖ لَوْلَا أَنْ تُفَنِّدُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ب ئەلەيھىسسالام): «مەن چوقۇم يۈسۈفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن، سىلەر مېنى ئالجىپ قالغان دېمەيدىغان بولساڭلار (يۈسۈفنى ئەلۋەتتە ھايات دەيتتىم)» دېدى[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: كارۋان -مىسىردىن شامغا قاراپ- قوزغالغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاتىسى -يەئقۇب ئەلەيھىسسالام-: «مەن چوقۇم يۈسۈفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن، سىلەر مېنى ئالجىپ قالغان دېمەيدىغان بولساڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: كارۋان مىسىردىن ئايرىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاتىسى يېنىدىكىلەرگە: «شۈبھىسىزكى، مەن يۇسۇفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن. مېنى ئالجىپ قالدى دېمىگەيسىلەر!» دېدى.
12 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا تَاللَّهِ إِنَّكَ لَفِي ضَلَالِكَ الْقَدِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەئقۇبنىڭ نەۋرىلىرى ۋە يېنىدىكى كىشىلەر): «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن سەن تېخى يەنىلا بۇرۇنقى قايمۇقۇشۇڭدا ئىكەنسەن» دېدى[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇبنىڭ نەۋرىلىرى ۋە يېنىدىكى كىشىلەر: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن سەن تېخى يەنىلا بۇرۇنقى قايمۇقۇشۇڭدا ئىكەنسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: يېنىدىكىلەر: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك تېنەۋاتىسەن» دېدى.
12 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَنْ جَاءَ الْبَشِيرُ أَلْقَاهُ عَلَىٰ وَجْهِهِ فَارْتَدَّ بَصِيرًا ۖ قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ إِنِّي أَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: خۇشخەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلدى، يەئقۇب: «مەن سىلەرگە، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم!» دېدى[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن خۇش خەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلاپ، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىۋىدى، يەئقۇب: «مەن سىلەرگە، ئاللاھنىڭ بىلدۈرىشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن خۇش خەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلىغان ئىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى قايتا كۆرىدىغان بولدى، دېدىكى: «مەن سىلەرگە: ‹مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن› دېمىگەنمۇ؟».
12 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا أَبَانَا اسْتَغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا إِنَّا كُنَّا خَاطِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن، بىز ھەقىقەتەن خاتالاشتۇق» دېيىشتى[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن، بىز ھەقىقەتەن خاتالاشتۇق» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلىگىن. بىز ھەقىقەتەن خاتالىق ئۆتكۈزدۇق» دېدى.
12 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَوْفَ أَسْتَغْفِرُ لَكُمْ رَبِّي ۖ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب: «پەرۋەردىگارىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن. ئاللاھ گۇناھلارنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر» دېدى[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب: «رەببىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن. ئاللاھ گۇناھلارنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: يەئقۇب: «سىلەر ئۈچۈن رەببىمدىن مەغپىرەت تىلەيمەن. شۈبھىسىزكى، ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» دېدى.
12 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا دَخَلُوا عَلَىٰ يُوسُفَ آوَىٰ إِلَيْهِ أَبَوَيْهِ وَقَالَ ادْخُلُوا مِصْرَ إِنْ شَاءَ اللَّهُ آمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئاتا ـ ئانىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «خۇدا خالىسا، مىسىرغا ئامان ـ ئېسەن كىرىڭلار» دېدى[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئاتا ـ ئانىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «ئاللاھ خالىسا، مىسىرغا ئاما ـ ئېسەن كىرىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلار ھەممىسى بىرلىكتە يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەن چاغدا، يۇسۇف ئاتا - ئانىسىنى باغرىغا باستى، «ئاللاھ خالىسا مىسىرغا خاتىرجەملىك ئىچىدە كىرىڭلار» دېدى،
12 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَفَعَ أَبَوَيْهِ عَلَى الْعَرْشِ وَخَرُّوا لَهُ سُجَّدًا ۖ وَقَالَ يَا أَبَتِ هَٰذَا تَأْوِيلُ رُؤْيَايَ مِنْ قَبْلُ قَدْ جَعَلَهَا رَبِّي حَقًّا ۖ وَقَدْ أَحْسَنَ بِي إِذْ أَخْرَجَنِي مِنَ السِّجْنِ وَجَاءَ بِكُمْ مِنَ الْبَدْوِ مِنْ بَعْدِ أَنْ نَزَغَ الشَّيْطَانُ بَيْنِي وَبَيْنَ إِخْوَتِي ۚ إِنَّ رَبِّي لَطِيفٌ لِمَا يَشَاءُ ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاتا ـ ئانىسىنى تەختىدە (يېنىدا) ئولتۇرغۇزدى، ئۇلار (شاھلارغا تازىم قىلىش ئادىتى بويىچە) يۈسۈفكە سەجدە قىلىشتى. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ، بۇرۇن (كىچىك ۋاقتىمدا) كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، ئۇ چۈشۈمنى پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى. پەرۋەردىگارىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش بىلەن، قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كېيىن، سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى. پەرۋەردىگارىم خالىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.(ئىزاھات:ئۇلارنىڭ ئادىتىدە سەجدە قىلىش ئىبادەت ئەمەس ھۆرمەت ھېسابلىناتتى.)[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاتا ـ ئانىسىنى تەخت ئۈستىدە ئولتۇرغۇزدى، ئۇلارمۇ يۈسۈفكە سەجدە قىلىشتى[1]. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ، بۇرۇن كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، ئۇ چۈشۈمنى رەببىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى. رەببىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش بىلەن، قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كېيىن، سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى، رەببىم خالىغىنىنى -ئىشقا ئاشۇرۇشقا- ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاتا -ئانىسىنى تەختىگە چىقاردى، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىشتى. بۇ چاغدا يۇسۇف مۇنداق دېدى: «ئى دادىكا! مانا بۇ ئىلگىرى كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، رەببىم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. رەببىم ماڭا ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلدى: مېنى زىنداندىن چىقاردى ۋە شەيتان مەن بىلەن قېرىنداشلىرىمنىڭ ئارىسىنى بۇزغاندىن كېيىن سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە كەلتۈردى. شۈبھىسىزكى، رەببىم خالىغىنىنى ناھايىتى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر. چۈنكى ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
12 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ قَدْ آتَيْتَنِي مِنَ الْمُلْكِ وَعَلَّمْتَنِي مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ ۚ فَاطِرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ أَنْتَ وَلِيِّي فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ تَوَفَّنِي مُسْلِمًا وَأَلْحِقْنِي بِالصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: رەببىم! سەن ماڭا پادىشاھلىقتىن نېسىۋە ئاتا قىلدىڭ ۋە ماڭا چۈش تەبىرىدىن ئۆگەتتىڭ. ئى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى! سەن مېنىڭ بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ۋەلىيىمسەن! مېنى مۇسۇلمان ھالىتىمدە ۋاپات قىلدۇرغىن، مېنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قىلغىن!».
12 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهِ إِلَيْكَ ۖ وَمَا كُنْتَ لَدَيْهِمْ إِذْ أَجْمَعُوا أَمْرَهُمْ وَهُمْ يَمْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مانا بۇلار (يەنى يۈسۈف قىسسەسى) بىر قىسىم غەيب خەۋەرلىرى بولۇپ، بىز ئۇنى ساڭا ۋەھىي قىلدۇق. ئۇلار (يەنى يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى) (ئۇنىڭغا قارشى) چارە -تەدبىر تۈزۈپ بىر قارارغا كېلىشكەندە، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: مانا بۇلار غەيب خەۋەرلىرىدىن بولۇپ، بىز ئۇنى ساڭا ۋەھيى قىلدۇق. ئۇلار چارە تەدبىر تۈزۈپ بىر قارارغا كېلىشكەندە سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قىسسە غەيىب خەۋەرلىرىدىندۇر. ئۇنى ساڭا بىز ۋەھىي قىلىۋاتىمىز. بولمىسا، ئۇلار سۇيىقەست قىلىش ئۈچۈن بىر قارارغا كېلىشكەندە سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدىڭ.
12 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَكْثَرُ النَّاسِ وَلَوْ حَرَصْتَ بِمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ ،(لېكىن) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ - لېكىن- ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ تولىسى - سەن ھېرىس بولساڭمۇ - ئىمان ئېيتمايدۇ.
12 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تَسْأَلُهُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىڭغا ئۇلاردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايسەن، قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىڭغا ئۇلاردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايسەن، قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر
ئەنەس ئالىم: بولمىسا سەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن ئۇلاردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايسەن. بۇ قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن پەقەت ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىمدىنلا ئىبارەتتۇر.