زەكەرىيا ۋە يەھيا
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئاندا زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىس ئۈچۈن دۇئا قىلىشى، يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىۋى تۇغۇلۇشى ۋە ئىككى پەيغەمبەرنىڭ ئىبادەتلىرى بايان قىلىنغان
ئەرەبچىىسى: زكريا ويحيى
ئېنگلىزچىسى: Zakariyya and Yahya
11 ئايەت
2 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 پەيغەمبەرلەر ھېكايىلىرى (قىسسەسۇل ئەنبىيا) /
- 📄 زەكەرىيا ۋە يەھيا
قۇرئان ئايەتلىرى
مەريەم سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھەمىتىنىڭ بايانىدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، رەببىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھىمىتىنىڭ بايانىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ رەببىڭنىڭ، بەندىسى زەكەرىيياغا ئاتا قىلغان رەھمىتىنى زىكىر قىلىشىدۇر.
19 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ الْعَظْمُ مِنِّي وَاشْتَعَلَ الرَّأْسُ شَيْبًا وَلَمْ أَكُنْ بِدُعَائِكَ رَبِّ شَقِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم، چېچىم ئاقاردى. پەرۋەردىگارىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم، چېچىم ئاقاردى. رەببىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق
ئەنەس ئالىم: مۇنداق دېگەن ئىدى: «رەببىم! سۆڭەكلىرىم بوشىشىپ كەتتى، چاچلىرىم ئاقىرىپ كەتتى. رەببىم! مەن ساڭا دۇئا قىلىپ، بەختسىز بولمىدىم1.
19 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنِّي خِفْتُ الْمَوَالِيَ مِنْ وَرَائِي وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا فَهَبْ لِي مِنْ لَدُنْكَ وَلِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنۇمنى باسالماسلىقلىرىدىن (يەنى دىننى قولدىن بېرىپ قويۇشلىرىدىن) ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، (پەزلىڭدىن) ماڭا بىر (ياخشى) پەرزەنت ئاتا قىلغىن[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنۇمنى باسالماسلىقلىرىدىن ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، پەزلىڭدىن ماڭا بىر ياردەمچى ئاتا قىلغىن
ئەنەس ئالىم: مەن، تۇغقانلىرىمنىڭ ئىزىمنى باسماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن، ئايالىم بولسا تۇغماس، ماڭا ئۆز تەرىپىڭدىن بىر ۋەلىي2 ئاتا قىلغىن.
19 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنْ آلِ يَعْقُوبَ ۖ وَاجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ماڭا ۋارىس بولغاي ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغا ۋارىس بولغاي، پەرۋەردىگارىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن»[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ماڭا ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغا ۋارىس بولغاي، رەببىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھەم ماڭا ۋارىسلىق قىلسۇن ھەم يەئقۇبنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتىغا ۋارىسلىق قىلسۇن. رەببىم! ئۇنى سۆيۈملۈك بىرى قىلغىن».
19 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
يَا زَكَرِيَّا إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ اسْمُهُ يَحْيَىٰ لَمْ نَجْعَلْ لَهُ مِنْ قَبْلُ سَمِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ ئېيتتىكى) «ئى زەكەرىيا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا (پەرىشتىلەر ئارقىلىق) يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق»[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتىكى-: «ئى زەكەرىيا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق»
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئى زەكەرىييا! ساڭا خۇش خەۋەر: يەھيا ئىسىملىك ئوغلۇڭ بولىدۇ. بىز ئىلگىرى ھېچكىمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق».
19 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ الْكِبَرِ عِتِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيا ئېيتتى: «ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟»[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىيا ئېيتتى: «ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟»
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟ ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىلىقنىڭ ئاخىرقى چېكىگە يەتكەن تۇرسام!» دېدى.
19 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اجْعَلْ لِي آيَةً ۚ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَ لَيَالٍ سَوِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! (ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا) ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «سېنىڭ ئالامىتىڭ (شۇكى)، ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن»[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىيا ئېيتتى: «رەببىم! -ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا- ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «سېنىڭ ئالامىتىڭ - شۇكى-؛ ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن»
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا: «ئۇنداق بولسا، ماڭا بىرەر ئالامەت قىلىپ بەرگىن» دېدى. ئاللاھ: «ئالامىتىڭ شۇ: سەن ساق - سالامەت تۇرۇقلۇق ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئىنسانلارغا گەپ قىلالمايسەن» دېدى.
19 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوْمِهِ مِنَ الْمِحْرَابِ فَأَوْحَىٰ إِلَيْهِمْ أَنْ سَبِّحُوا بُكْرَةً وَعَشِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن زەكەرىييا ئىبادەتخانىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا: «چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن تەسبىھ ئېيتىڭلار» دەپ ئىشارەت قىلدى.
19 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَا يَحْيَىٰ خُذِ الْكِتَابَ بِقُوَّةٍ ۖ وَآتَيْنَاهُ الْحُكْمَ صَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (يەھيا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا) «ئى يەھيا! كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تىرىشىپ ئوقۇغىن» (دېدۇق). ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل ـ پاراسەت ئاتا قىلدۇق[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: -يەھيا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا-: «ئى يەھيا! كىتاب-تەۋرات-نى تىرىشىپ ئوقۇغىن» -دېدۇق-. ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل ـ پاراسەت ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: «ئى يەھيا كىتابنى چىڭ تۇتقىن!». بىز ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى بەردۇق.
ئەنبىيا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
وَزَكَرِيَّا إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْدًا وَأَنْتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيانىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى (بالىسىز، ۋارىسسىز) يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن (يەنى ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، سەنلا باقىي قالىسەن)» دەپ نىدا قىلدى[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىيا-نىڭ قىسسى-نى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى رەببىم! مېنى يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن» دەپ نىدا قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىز زەكەرىييانىمۇ يېتەكچى قىلغان ئىدۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «رەببىم! مېنى يالغۇز قويمىغىن! سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن» دەپ نىدا قىلدى.
21 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَوَهَبْنَا لَهُ يَحْيَىٰ وَأَصْلَحْنَا لَهُ زَوْجَهُ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَيَدْعُونَنَا رَغَبًا وَرَهَبًا ۖ وَكَانُوا لَنَا خَاشِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا خوتۇنىنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق. (يۇقىرىقى پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىمىز) شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىكى، ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، (رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا خوتۇنىنى ئىلاھ قىلىپ بەردۇق. چۈنكى ئۇلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، رەھمىتىمىزنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىمىزدىن قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق ۋە ئايالىنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق. ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، ئۈمىد ۋە ئەندىشە ئىچىدە بىزگە دۇئا قىلاتتى، كەمتەرلىك بىلەن بىزگە ئىتائەت قىلاتتى.