قۇرئانغا ئەگىشىش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئان كەرىم تەلىماتلىرىغا ئاساسەن ياشاش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش.
ئەرەبچىىسى: الاتّباع
ئېنگلىزچىسى: Following the Quran
10 ئايەت
9 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 قۇرئاننى ئوقۇش ۋە ئويلىنىش /
- 📄 قۇرئانغا ئەگىشىش
قۇرئان ئايەتلىرى
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَدْ نَزَّلَ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ أَنْ إِذَا سَمِعْتُمْ آيَاتِ اللَّهِ يُكْفَرُ بِهَا وَيُسْتَهْزَأُ بِهَا فَلَا تَقْعُدُوا مَعَهُمْ حَتَّىٰ يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ ۚ إِنَّكُمْ إِذًا مِثْلُهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ جَامِعُ الْمُنَافِقِينَ وَالْكَافِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار. بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە: «سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلار) باشقا پاراڭغا يۆتكەلمىگۈچە، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر» دەپ ھۆكۈم چۈشۈردى. ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ ھەممىسىنى جەھەننەمگە توپلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىتابتا سىلەرگە شۇنى نازىل قىلدى60: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئىنكار قىلغۇچىلار ۋە مەسخىرە قىلغۇچىلار باشقا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار. بولمىسا ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇنافىقلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ ھەممىسىنى جەھەننەمگە توپلايدۇ.
مائىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ الْكِتَابِ وَمُهَيْمِنًا عَلَيْهِ ۖ فَاحْكُمْ بَيْنَهُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ ۖ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ عَمَّا جَاءَكَ مِنَ الْحَقِّ ۚ لِكُلٍّ جَعَلْنَا مِنْكُمْ شِرْعَةً وَمِنْهَاجًا ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَٰكِنْ لِيَبْلُوَكُمْ فِي مَا آتَاكُمْ ۖ فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ ۚ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. (ئى ئۈممەتلەر!) سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر دىندا قىلاتتى). لېكىن ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى). ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرنى (ئۇنىڭ قايسى ھەق، قايسى ناھەق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتاب (قۇرئان) نى نازى قىلدۇق. سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن چەتلەپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. (ئى ئۈممەتلەر!) سىلەردىن ھەر بىر ئۈممەتكە بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە، سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى. لېكىن، ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بويىچە، سىلەرنى سىناش ئۈچۈن كۆپ ئۈممەت قىلدى. ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر (نىڭ قايسىسىنىڭ ھەق، قايسىسىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكى) توغرىسىدا ئاللاھ سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارنى كونترول قىلغۇچى ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن بۇ ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. بىز سىلەردىن ھەر بىرىڭلار ئۈچۈن بىر شەرىئەت ۋە بىر يول بەلگىلىدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن سىلەرگە بەرگەن نەرسىسىدە16 سىلەرنى سىناش ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدى. ئۇنداقتا، ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ.
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
اتَّبِعُوا مَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ وَلَا تَتَّبِعُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ ۗ قَلِيلًا مَا تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، ئاللاھنى قويۇپ، (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز ـ نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، ئاللاھتىن باشقا كىشىگە ئىگەم دەپ ئەگەشمەڭلار. سىلەر ۋەز ـ نەسىھەتنى بەكمۇ ئاز قوبۇل قىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئەگىشىڭلار، رەببىڭلارنى قويۇپ ۋەلىيلەرگە ئەگەشمەڭلار. بەك ئاز ئويلىنىسىلەر.
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ ۙ قَالَ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا ائْتِ بِقُرْآنٍ غَيْرِ هَٰذَا أَوْ بَدِّلْهُ ۚ قُلْ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أُبَدِّلَهُ مِنْ تِلْقَاءِ نَفْسِي ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ ۖ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز روشەن تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار): «بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن (يەنى ئازابقا دائىر ئايەتنى رەھمەت ئايىتىگە ئۆزگەرت، ئىلاھلىرىمىزنى سۆككەننىڭ ئورنىغا مەدھىيەلە، ھارامنى ھالال قىل)» دەيدۇ. «مەن ئۇنى ئۆزۈمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەمەل قىلىمەن؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، ئەلۋەتتە، بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن قورقىمەن» دېگىن[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز روشەن ھالدا تىلاۋەت قىلىنسا، بىز بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «مەن ئۇنى ئۆزۈمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەمەل قىلىمەن؛ ئەگەر مەن رەببىمغا ئاسىيلىق قىلسام، ئەلۋەتتە، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «بۇنىڭدىن باشقا قۇرئان كەلتۈرگىن ياكى بۇنى ئالماشتۇرغىن» دېدى. ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئۇنى مەن ئۆز خاھىشىمچە ئالماشتۇرالمايمەن. مەن ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەگىشىمەن. چۈنكى مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن».
فۇرقان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الرَّسُولُ يَا رَبِّ إِنَّ قَوْمِي اتَّخَذُوا هَٰذَا الْقُرْآنَ مَهْجُورًا
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەر ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى»[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەر ئېيتتى: «ئى رەببىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى»
ئەنەس ئالىم: رەسۇلۇللاھ: «ئى رەببىم! قەۋمىم بۇ قۇرئاننى ئۆزىدىن يىراق تۇتتى» دېدى.
25 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا تُطِعِ الْكَافِرِينَ وَجَاهِدْهُمْ بِهِ جِهَادًا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى (پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ) بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن سەن كافىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن ۋە ئۇلارغا قارشى بۇ قۇرئان بىلەن چوڭ جىھاد قىلغىن.
قەسەس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَصُدُّنَّكَ عَنْ آيَاتِ اللَّهِ بَعْدَ إِذْ أُنْزِلَتْ إِلَيْكَ ۖ وَادْعُ إِلَىٰ رَبِّكَ ۖ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئايەتلەرگە (ئەمەل قىلىش) تىن كاپىرلار سېنى توسمىسۇن، پەرۋەردىگارىڭغا (يەنى ئۇنى بىردەپ بىلىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا) دەۋەت قىلغىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن (يەنى ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ماسلاشمىغىن)[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، كاپىرلار سېنى ئۇ ئايەتلەردىن توسمىسۇن، سەن ئىنسانلارنى رەببىڭگە دەۋەت قىلغىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ساڭا نازىل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلار سېنى ئۇ ئايەتلەردىن توسمىسۇن، رەببىڭگە دەۋەت قىلغىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن،
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّبِعْ مَا يُوحَىٰ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگە (يەنى قۇرئانغا) ئەگەشكىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغان نەرسە -قۇرئان- غا ئەگەشكىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: رەببىڭدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّبِعُوا أَحْسَنَ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ بَغْتَةً وَأَنْتُمْ لَا تَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار»[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار»
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ چىرايلىق قۇرئانغا ئەگىشىڭلار6. بۇنى ئازاب سىلەرگە تۇيماي قالغان چېغىڭلاردا ئۇشتۇمتۇت كېلىشتىن بۇرۇن قىلىڭلار.
زۇخرۇف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَمْسِكْ بِالَّذِي أُوحِيَ إِلَيْكَ ۖ إِنَّكَ عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن، سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇرسەن[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ساڭا ۋەھيى قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن، سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن. سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىسەن.