قۇرئاننى ئوقۇش ۋە ئويلىنىش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئان ۋە ۋەھىي: ئوقۇش ۋە تەپەككۇر
ئېنگلىزچىسى: Recitation and Reflection
38 ئايەت
23 سۈرە
3 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَتْلُونَهُ حَقَّ تِلَاوَتِهِ أُولَٰئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِ ۗ وَمَنْ يَكْفُرْ بِهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئاتا قىلغان كىتابنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئوقۇيدىغانلار بار، ئەنە شۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. كىملەركى كىتابنى (قۇرئاننى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر[121].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار كىتابنى تەلەپكە لايىق ئوقۇيدۇ، ئەنە شۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. كىمدىكىم كىتاب (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: بىز كىتابنى بەرگەنلەر ئۇنى ئۆز لايىقىدا تىلاۋەت37 قىلىدۇ، ئەنە شۇلار ئۇ كىتابقا ئىشىنىدۇ. كىمكى ئۇ كىتابقا كافىر بولىدىكەن، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
نىسا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآنَ ۚ وَلَوْ كَانَ مِنْ عِنْدِ غَيْرِ اللَّهِ لَوَجَدُوا فِيهِ اخْتِلَافًا كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) ئاللاھتىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار ئويلىغاندەك) ئاللاھتىن باشقا بىر كىشى تەرىپىدىن كەلگەن بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشىنىشكە تىرىشمامدۇ؟ ئەگەر قۇرئان ئاللاھتىن باشقىسى تەرىپىدىن بولسا ئىدى، ئۇلار ئۇنىڭدا نۇرغۇن زىتلىق تاپقان بولاتتى.
4 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَدْ نَزَّلَ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ أَنْ إِذَا سَمِعْتُمْ آيَاتِ اللَّهِ يُكْفَرُ بِهَا وَيُسْتَهْزَأُ بِهَا فَلَا تَقْعُدُوا مَعَهُمْ حَتَّىٰ يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ ۚ إِنَّكُمْ إِذًا مِثْلُهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ جَامِعُ الْمُنَافِقِينَ وَالْكَافِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار. بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە: «سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلار) باشقا پاراڭغا يۆتكەلمىگۈچە، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر» دەپ ھۆكۈم چۈشۈردى. ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ ھەممىسىنى جەھەننەمگە توپلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىتابتا سىلەرگە شۇنى نازىل قىلدى60: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئىنكار قىلغۇچىلار ۋە مەسخىرە قىلغۇچىلار باشقا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار. بولمىسا ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇنافىقلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ ھەممىسىنى جەھەننەمگە توپلايدۇ.
مائىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ الْكِتَابِ وَمُهَيْمِنًا عَلَيْهِ ۖ فَاحْكُمْ بَيْنَهُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ ۖ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ عَمَّا جَاءَكَ مِنَ الْحَقِّ ۚ لِكُلٍّ جَعَلْنَا مِنْكُمْ شِرْعَةً وَمِنْهَاجًا ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَٰكِنْ لِيَبْلُوَكُمْ فِي مَا آتَاكُمْ ۖ فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ ۚ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. (ئى ئۈممەتلەر!) سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر دىندا قىلاتتى). لېكىن ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى). ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرنى (ئۇنىڭ قايسى ھەق، قايسى ناھەق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتاب (قۇرئان) نى نازى قىلدۇق. سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن چەتلەپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. (ئى ئۈممەتلەر!) سىلەردىن ھەر بىر ئۈممەتكە بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە، سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى. لېكىن، ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بويىچە، سىلەرنى سىناش ئۈچۈن كۆپ ئۈممەت قىلدى. ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر (نىڭ قايسىسىنىڭ ھەق، قايسىسىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكى) توغرىسىدا ئاللاھ سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارنى كونترول قىلغۇچى ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن بۇ ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. بىز سىلەردىن ھەر بىرىڭلار ئۈچۈن بىر شەرىئەت ۋە بىر يول بەلگىلىدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن سىلەرگە بەرگەن نەرسىسىدە16 سىلەرنى سىناش ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدى. ئۇنداقتا، ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ.
ئەئراف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
اتَّبِعُوا مَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ وَلَا تَتَّبِعُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ ۗ قَلِيلًا مَا تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، ئاللاھنى قويۇپ، (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز ـ نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، ئاللاھتىن باشقا كىشىگە ئىگەم دەپ ئەگەشمەڭلار. سىلەر ۋەز ـ نەسىھەتنى بەكمۇ ئاز قوبۇل قىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئەگىشىڭلار، رەببىڭلارنى قويۇپ ۋەلىيلەرگە ئەگەشمەڭلار. بەك ئاز ئويلىنىسىلەر.
7 : 204 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَأَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار (يەنى سۆز قىلماڭلار)[204].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ۋە جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار (يەنى سۆز قىلماڭلار)
ئەنەس ئالىم: قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا رەببىڭلارنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇنى دىققەت بىلەن جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار.
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ ۙ قَالَ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا ائْتِ بِقُرْآنٍ غَيْرِ هَٰذَا أَوْ بَدِّلْهُ ۚ قُلْ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أُبَدِّلَهُ مِنْ تِلْقَاءِ نَفْسِي ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ ۖ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز روشەن تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار): «بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن (يەنى ئازابقا دائىر ئايەتنى رەھمەت ئايىتىگە ئۆزگەرت، ئىلاھلىرىمىزنى سۆككەننىڭ ئورنىغا مەدھىيەلە، ھارامنى ھالال قىل)» دەيدۇ. «مەن ئۇنى ئۆزۈمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەمەل قىلىمەن؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، ئەلۋەتتە، بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن قورقىمەن» دېگىن[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز روشەن ھالدا تىلاۋەت قىلىنسا، بىز بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «مەن ئۇنى ئۆزۈمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەمەل قىلىمەن؛ ئەگەر مەن رەببىمغا ئاسىيلىق قىلسام، ئەلۋەتتە، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «بۇنىڭدىن باشقا قۇرئان كەلتۈرگىن ياكى بۇنى ئالماشتۇرغىن» دېدى. ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئۇنى مەن ئۆز خاھىشىمچە ئالماشتۇرالمايمەن. مەن ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەگىشىمەن. چۈنكى مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن».
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا قَرَأْتَ الْقُرْآنَ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن
ئەنەس ئالىم: قۇرئان ئوقۇيدىغان چېغىڭدا قوغلاندى شەيتاندىن ئاللاھقا سېغىنغىن.
ئىسرا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قَرَأْتَ الْقُرْآنَ جَعَلْنَا بَيْنَكَ وَبَيْنَ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ حِجَابًا مَسْتُورًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا قۇرئاننى ئوقۇغان چېغىڭدا ئۇلار بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا يوشۇرۇن پەردە پەيدا قىلدۇق[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەن قۇرئاننى ئوقۇغان چېغىڭدا ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا يوشۇرۇن پەردە پەيدا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: قۇرئاننى ئوقۇغان چېغىڭدا سەن بىلەن ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇن پەردە تارتتۇق.
17 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
أَقِمِ الصَّلَاةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَىٰ غَسَقِ اللَّيْلِ وَقُرْآنَ الْفَجْرِ ۖ إِنَّ قُرْآنَ الْفَجْرِ كَانَ مَشْهُودًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇغىن . بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، (كۈندۈزنىڭ ۋە كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى) چوقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بولىدۇ.(ئىزاھات: بۇ يەردە پېشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن نامازلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇغىن[1]. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، چۈنكى كۈندۈزنىڭ ۋە كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى چوقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! نامازلارنى كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن. سەھەرنىڭ قۇرئانىنىمۇ9 ئۆتىگىن، چۈنكى سەھەرنىڭ قۇرئانى كۆرۈلگۈچىدۇر.
17 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُرْآنًا فَرَقْنَاهُ لِتَقْرَأَهُ عَلَى النَّاسِ عَلَىٰ مُكْثٍ وَنَزَّلْنَاهُ تَنْزِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە ـ دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ ـ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە ـ دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ ـ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز قۇرئاننى ئىنسانلارغا ئالدىرىماي10 ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئايەتلەرگە ۋە سۈرىلەرگە ئايرىدۇق. بىز ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق.
17 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ آمِنُوا بِهِ أَوْ لَا تُؤْمِنُوا ۚ إِنَّ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ مِنْ قَبْلِهِ إِذَا يُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ يَخِرُّونَ لِلْأَذْقَانِ سُجَّدًا
مۇھەممەد سالىھ: «قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار (مەيلى، چۈنكى ئىشىنىشىڭلار قۇرئانغا كامالەت، ئىشەنمەسلىكىڭلار قۇرئانغا نۇقسان ئېلىپ كەلمەيدۇ)» دېگىن. شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (تەسىرلىنىپ) دەرھال سەجدىگە بارىدۇ[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيقىنكى، «قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار بەرىبىر». شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا دەرھال سەجدىگە بارىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: قۇرئانغا خالىساڭلار ئىشىنىڭلار، خالىساڭلار ئىشەنمەڭلار. شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىلىم بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىلگەن چاغدا، دەرھال سەجدىگە بارىدۇ،
17 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَخِرُّونَ لِلْأَذْقَانِ يَبْكُونَ وَيَزِيدُهُمْ خُشُوعًا ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يىغلىغان ھالدا سەجدە قىلىشقا يىقىلىدۇ (قۇرئاننى ئاڭلاش بىلەن ئۇلار ئاللاھتىن) تېخىمۇ ئەيمىنىدۇ[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يىغلىغان ھالدا سەجدە قىلىشقا يىقىلىدۇ قۇرئاننى ئاڭلاش بىلەن ئۇلار ئاللاھقا تېخىمۇ تەزەررۇ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە يىغلىغان ھالدا سەجدىگە بارىدۇ. قۇرئان ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بولغان ھۆرمىتىنى زىيادە قىلىدۇ.
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنْ كِتَابِ رَبِّكَ ۖ لَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَاتِهِ وَلَنْ تَجِدَ مِنْ دُونِهِ مُلْتَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغاننى ئوقۇغىن، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچ كىشى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، سەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن بۆلەك ئىلتىجاگاھ تاپالمايسەن[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەن رەببىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا ۋەھيى قىلىنغاننى ئوقۇغىن، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچ كىشى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، سەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن باشقا ئىلتىجاگاھ تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىنى تىلاۋەت قىلغىن. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. سەن ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ باشپاناھ تاپالمايسەن.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَمْ يَدَّبَّرُوا الْقَوْلَ أَمْ جَاءَهُمْ مَا لَمْ يَأْتِ آبَاءَهُمُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ھەق) كالام (يەنى ئۇلۇغ قۇرئان) ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر قىلمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا (ئاللاھ تەرىپىدىن) ئاتا ـ بوۋىلىرىغا كەلمىگەن (يېڭى) نەرسە كەلدىمۇ؟[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بۇ كالام - قۇرئان- ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر قىلمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىغا كەلمىگەن بىر نەرسە كەلدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى چۈشىنىشكە تىرىشمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىغا كەلمىگەن نەرسە كەلدىمۇ؟
فۇرقان سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الرَّسُولُ يَا رَبِّ إِنَّ قَوْمِي اتَّخَذُوا هَٰذَا الْقُرْآنَ مَهْجُورًا
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەر ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى»[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەر ئېيتتى: «ئى رەببىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى»
ئەنەس ئالىم: رەسۇلۇللاھ: «ئى رەببىم! قەۋمىم بۇ قۇرئاننى ئۆزىدىن يىراق تۇتتى» دېدى.
25 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا تُطِعِ الْكَافِرِينَ وَجَاهِدْهُمْ بِهِ جِهَادًا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى (پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ) بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن سەن كافىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن ۋە ئۇلارغا قارشى بۇ قۇرئان بىلەن چوڭ جىھاد قىلغىن.
25 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُوا بِآيَاتِ رَبِّهِمْ لَمْ يَخِرُّوا عَلَيْهَا صُمًّا وَعُمْيَانًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا، گاس، كور بولۇۋالمايدۇ (يەنى ئۇنى بېرىلىپ ئىخلاس بىلەن ئاڭلايدۇ)[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە، گاس، كور بولۇۋالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە، ئۇ ئايەتلەرنىڭ ئۈستىگە گاسلار ۋە كورلار بولۇپ يىقىلمايدىغان كىشىلەردۇر4.
قەسەس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَصُدُّنَّكَ عَنْ آيَاتِ اللَّهِ بَعْدَ إِذْ أُنْزِلَتْ إِلَيْكَ ۖ وَادْعُ إِلَىٰ رَبِّكَ ۖ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئايەتلەرگە (ئەمەل قىلىش) تىن كاپىرلار سېنى توسمىسۇن، پەرۋەردىگارىڭغا (يەنى ئۇنى بىردەپ بىلىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا) دەۋەت قىلغىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن (يەنى ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ماسلاشمىغىن)[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، كاپىرلار سېنى ئۇ ئايەتلەردىن توسمىسۇن، سەن ئىنسانلارنى رەببىڭگە دەۋەت قىلغىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ساڭا نازىل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلار سېنى ئۇ ئايەتلەردىن توسمىسۇن، رەببىڭگە دەۋەت قىلغىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن،
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
اتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ وَأَقِمِ الصَّلَاةَ ۖ إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَىٰ عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ ۗ وَلَذِكْرُ اللَّهِ أَكْبَرُ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَصْنَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتاب- قۇرئان- نى تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى تەئدىل ئەركان بىلەن ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، ئاللاھ نى ياد ئېتىش ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان ھەممە ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ناماز قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلەردىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنىڭ زىكرى ئەڭ بۈيۈكتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىدۇ.
ئەھزاب سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّبِعْ مَا يُوحَىٰ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگە (يەنى قۇرئانغا) ئەگەشكىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغان نەرسە -قۇرئان- غا ئەگەشكىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: رەببىڭدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
33 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْنَ مَا يُتْلَىٰ فِي بُيُوتِكُنَّ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ وَالْحِكْمَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ لَطِيفًا خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆيلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى) دىن ئوقۇلۇۋاتقان نەرسىلەرنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىرلارنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆيلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەتتىن ئوقۇلۇۋاتقان نەرسىلەرنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىرلەرنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆيلىرىڭلاردا تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ھېكمەتنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پۈتۈن ئىنچىكىلىكلەرنى ۋە مەخپىيەتلىكلەرنى بىلگۈچىدۇر، ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر.
فاتىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَتْلُونَ كِتَابَ اللَّهِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَنْفَقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً يَرْجُونَ تِجَارَةً لَنْ تَبُورَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارغا ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر[30]. ساڭا بىز ۋەھىي قىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر. ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ (راستلىقىنى) ئىسپاتلىغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەر، ئەسلا كاسات بولمايدىغان بىر تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، بىز بەرگەن رىزىقتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلىدىغان كىشىلەر، ھەرگىزمۇ كاساتلاشمايدىغان تىجارەت ئۈمىد قىلسا بولىدۇ.
ساد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِيَدَّبَّرُوا آيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ قۇرئان، ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ۋە ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بۇ بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر، بەرىكەتلىكتۇر. ئىنسانلار ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئەتراپلىق چۈشىنىشكە تىرىشسۇن ۋە ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئويلانسۇن.
زۇمەر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَسْتَمِعُونَ الْقَوْلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحْسَنَهُ ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ هَدَاهُمُ اللَّهُ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمْ أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: تاغۇتقا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھقا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇشخەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر[17 ـ 18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىلىرىم سۆزنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلاردۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىدۇر.
39 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّبِعُوا أَحْسَنَ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ بَغْتَةً وَأَنْتُمْ لَا تَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار»[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار»
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ چىرايلىق قۇرئانغا ئەگىشىڭلار6. بۇنى ئازاب سىلەرگە تۇيماي قالغان چېغىڭلاردا ئۇشتۇمتۇت كېلىشتىن بۇرۇن قىلىڭلار.
زۇخرۇف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَمْسِكْ بِالَّذِي أُوحِيَ إِلَيْكَ ۖ إِنَّكَ عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن، سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇرسەن[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ساڭا ۋەھيى قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن، سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن. سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىسەن.
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآنَ أَمْ عَلَىٰ قُلُوبٍ أَقْفَالُهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ)[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قۇرئاننى چۈشىنىشكە تىرىشمامدۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشىنىشكە تىرىشمامدۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قۇلۇپلانغانمۇ؟
قاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِمَنْ كَانَ لَهُ قَلْبٌ أَوْ أَلْقَى السَّمْعَ وَهُوَ شَهِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: بۇنىڭدا (ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان) قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى (ۋەز ـ نەسىھەتكە) ھۇزۇرى قەلب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز ـ نەسىھەت بار[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇنىڭدا ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى ۋەز ـ نەسىھەتكە ھۇزۇرىي قەلب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز ـ نەسىھەت بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدا قەلبى بولغان8 ياكى زەن قويۇپ دىققەت بىلەن قۇلاق سالغان كىشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئەسلىتىش بار.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَذَكِّرْ فَإِنَّ الذِّكْرَىٰ تَنْفَعُ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ـ نەسىھەت قىلغىن، ۋەز ـ نەسىھەت مۆمىنلەرگە پايدىلىق[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، ۋەز ـ نەسىھەت مۇئمىنلارغا پايدا بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن ئەسلەتكىن، چۈنكى ئەسلىتىش مۇئمىنلارغا پايدا بېرىدۇ.
قەمەر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ يَسَّرْنَا الْقُرْآنَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟[17]
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى ۋەز-نەسىىھەت ئېلىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىز قۇرئاننى توغرا ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئۇ ئىلىمنى ئالغۇچى يوقمۇ؟
54 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ يَسَّرْنَا الْقُرْآنَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى ھىپزى ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟[22]
ئەنەس ئالىم: بىز قۇرئاننى توغرا ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئۇ ئىلىمنى ئالغۇچى يوقمۇ؟
54 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ يَسَّرْنَا الْقُرْآنَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟[32]
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى ۋەز-نەسىىھەت ئېلىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىز قۇرئاننى توغرا ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئۇ ئىلىمنى ئالغۇچى يوقمۇ؟
54 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ يَسَّرْنَا الْقُرْآنَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى ۋەز-نەسىىھەت ئېلىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىز قۇرئاننى توغرا ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئۇ ئىلىمنى ئالغۇچى يوقمۇ؟
مۇزەممىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ زِدْ عَلَيْهِ وَرَتِّلِ الْقُرْآنَ تَرْتِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە ـ دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن[2ـ4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە -ئورنۇڭدىن تۇرغىن- ۋە قۇرئاننى تەرتىل بىلەن - دانە ـ دانە، ئوچۇق- ئوقۇغىن
ئەنەس ئالىم: ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ئورنۇڭدىن تۇرغىن، قۇرئاننى تەرتىل قىلغىن2.
73 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ رَبَّكَ يَعْلَمُ أَنَّكَ تَقُومُ أَدْنَىٰ مِنْ ثُلُثَيِ اللَّيْلِ وَنِصْفَهُ وَثُلُثَهُ وَطَائِفَةٌ مِنَ الَّذِينَ مَعَكَ ۚ وَاللَّهُ يُقَدِّرُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ ۚ عَلِمَ أَنْ لَنْ تُحْصُوهُ فَتَابَ عَلَيْكُمْ ۖ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنَ الْقُرْآنِ ۚ عَلِمَ أَنْ سَيَكُونُ مِنْكُمْ مَرْضَىٰ ۙ وَآخَرُونَ يَضْرِبُونَ فِي الْأَرْضِ يَبْتَغُونَ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ ۙ وَآخَرُونَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنْهُ ۚ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا ۚ وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ هُوَ خَيْرًا وَأَعْظَمَ أَجْرًا ۚ وَاسْتَغْفِرُوا اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلارنىڭ (يەنى ساھابىلەر) دىن بىر توپ ئادەمنىڭ (تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن) كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ (ئۇزۇنلۇقى) نى ئاللاھ ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلدى قۇرئاندىن سىلەرگە قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار. ئاللاھ بىلىدۇكى، بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىسىلەر، بەزىلەر ئاللاھنىڭ پەزلىنى تىلەپ (يەنى تىجارەت قىلىپ) يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنى بەزىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن (يەنى تەھەججۇد نامىزىدىن) قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ مال سەرپ قىلىڭلار)، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر (دۇنيا بولسا پانىيدۇر، ئاخىرەت بولسا باقىيدۇر. ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ھەممىدىن ئارتۇقتۇر). ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- شۈبھىسىزكى، رەببىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلاردىن بىر توپ ئادەمنىڭ كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئاللاھ ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قۇبۇل قىلدى،ئەمدى قۇرئاندىن سىلەرگە قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، ئاللاھ بىلىدۇكى، بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىسىلەر، بەزىلەر ئاللاھنىڭ پەزلىنى تىلەپ يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاندىن قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! رەببىڭ بىلىپ تۇرىدۇكى، سەن كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىگە يېقىن قىسمىدا، كېچىنىڭ يېرىمىدا، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە ئورنۇڭدىن تۇرۇۋاتىسىەن. سەن بىلەن بىللە بولغانلاردىن بىر جامائەمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ مىقدارىنى ئاللاھ بەلگىلەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى بىلدى، شۇڭلاشقا سىلەرگە يىنىكلەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن قۇرئاندىن سىلەرگە ئاسان بولغان مىقدارنى ئوقۇڭلار. ئاللاھ بىلىپ تۇرىدۇكى، يېقىندا سىلەردىن كېسەل كىشىلەر، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تىلەپ زېمىندا سەپەر قىلىدىغان باشقا كىشىلەر ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇشىدىغان يەنە باشقا كىشىلەر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاندىن سىلەرگە ئاسان بولغان مىقدارنى ئوقۇڭلار. نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىڭلار. ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ ياخشى ۋە مۇكاپاتى ئەڭ بۈيۈك ھالەتتە تاپىسىلەر. ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار. شۈبھىىسزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
قىيامەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تُحَرِّكْ بِهِ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِ
مۇھەممەد سالىھ: (ساڭا جىبرىئىل ئارقىلىق ۋەھىي نازىل بولۇۋاتقاندا، ئۇنى ئېسىڭغا ئېلىۋېلىش ئۈچۈن) ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما[16].
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا ئالدىراپ تىلىڭنى ھەرىكەتلەندۈرمىگىن.
75 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا قَرَأْنَاهُ فَاتَّبِعْ قُرْآنَهُ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە (يەنى جىبرىئىل ساڭا ئوقۇپ بەرگەندە)، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئەگەشكىن[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئەگەشكىن
ئەنەس ئالىم: شۇڭا بىز ئۇنى ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئوقۇلۇشىغا ئەگەشكىن.