رېتورىكىلىق سوئاللار
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھ سوئاللارنى جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئويلىنىشقا ئۈندەش، دەلىل-ئىسپاتلارنى تېپىش ياكى ئىنكار قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قويغان ئايەتلەر.
ئېنگلىزچىسى: Rhetorical Questions
57 ئايەت
11 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 سىتلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر /
- 📄 رېتورىكىلىق سوئاللار
قۇرئان ئايەتلىرى
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 195 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَهُمْ أَرْجُلٌ يَمْشُونَ بِهَا ۖ أَمْ لَهُمْ أَيْدٍ يَبْطِشُونَ بِهَا ۖ أَمْ لَهُمْ أَعْيُنٌ يُبْصِرُونَ بِهَا ۖ أَمْ لَهُمْ آذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا ۗ قُلِ ادْعُوا شُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ كِيدُونِ فَلَا تُنْظِرُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى بۇتلار) نىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ ياكى تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ ياكى كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ ۋە ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «شېرىكلىرىڭلارنى (يەنى بۇتلىرىڭلارنى ماڭا قارشى) چاقىرىڭلار، ئاندىن (قولۇڭلاردىن كېلىشىچە) ماڭا زىيانكەشلىك قىلىڭلار، ئازراقمۇ مۆھلەت بەرمەڭلار (مەن ئاللاھقا يۆلەنگەنلىكىم ئۈچۈن سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن)[195].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان پۇتى بارمۇ ياكى تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ ۋە ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغانلارنى چاقىرىڭلار، ئاندىن ماڭا ئازراقمۇ مۆھلەت بەرمەي زىيانكەشلىك قىلىپ بېقىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان شېرىكلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئاندىن كېيىن ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار».
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَلْ فَعَلَهُ كَبِيرُهُمْ هَٰذَا فَاسْأَلُوهُمْ إِنْ كَانُوا يَنْطِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئىبراھىم: «(ياق) بەلكى ئۇلارنىڭ مۇنۇ چوڭى شۇنداق قىلدى، ئەگەر ئۇلار سۆزلىيەلىسە، (كىمنىڭ چاققانلىقىنى) ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئىبراھىم-: «-ياق-، بەلكى ئۇلارنىڭ مۇنۇ چوڭى شۇنداق قىلدى، ئۇلار سۆزلىيەلەيدىغان بولسا، كىمنىڭ چاققانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «ياق، بۇ ئىشنى ئاشۇ چوڭى قىلغان بولسا كېرەك. بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن سوراڭلار، ئەگەر گەپ قىلالىسا!» دېدى.
ساففات سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَفْتِهِمْ أَهُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَمْ مَنْ خَلَقْنَا ۚ إِنَّا خَلَقْنَاهُمْ مِنْ طِينٍ لَازِبٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن) سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ يا بىزنىڭ ياراتقانلىرىمىز (يەنى ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرىشتىلەر ۋە چوڭ مەخلۇقاتلار) نى يارىتىش قىيىنمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەسلى بولغان ئادەمنى) يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ ياكى بىزنىڭ ياراتقانلىرىمىزنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن سوراپ باققىن: ئۇلارنى يارىتىش تەسمۇ ياكى بىزنىڭ باشقا مەخلۇقاتلىرىمىزنى يارىتىش تەسمۇ؟ بىز ئۇلارنى يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق.
37 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
أَذَٰلِكَ خَيْرٌ نُزُلًا أَمْ شَجَرَةُ الزَّقُّومِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى) ياخشى زىياپەتمۇ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟[62]
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ياخشى زىياپەتمۇ؟ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇنداق كۈتۈلۈش ياخشىمۇ؟ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟
37 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَفْتِهِمْ أَلِرَبِّكَ الْبَنَاتُ وَلَهُمُ الْبَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە) دىن سوراپ باققىنكى، قىزلار پەرۋەردىگارىڭغا، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟[149]
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، قىزلار رەببىڭگە، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن سوراپ باققىن: قىزلار رەببىڭنىڭ، ئوغۇللار ئۆزلىرىنىڭمۇ؟
37 : 153 - ئايەت
كۆرۈش
أَصْطَفَى الْبَنَاتِ عَلَى الْبَنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟[153]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئوغۇللارنى قويۇپ قىزلارنى تاللىدىمۇ؟
37 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟[154]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە نېمە بولدىكىن؟ قانداقمۇ بۇنداق ھۆكۈم قىلىسىلەر؟
37 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئويلاپ باقمامسىلەر؟[155]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبرەت ئالمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئويلاپ باقمامسىلەر؟
37 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ لَكُمْ سُلْطَانٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى (ئاللاھنىڭ بالىسى بارلىقىغا) ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟[156]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى سىلەرنىڭ ئوچۇق دەلىلىڭلار بارمۇ؟
ساد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ عِنْدَهُمْ خَزَائِنُ رَحْمَةِ رَبِّكَ الْعَزِيزِ الْوَهَّابِ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلاردا غالىب، ناھايىتى كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلاردا غالىب، ناھايىتى كەرەملىك رەببىڭنىڭ رەھمىتىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى ئەزىز ۋە كۆپ بېغىشلىغۇچى رەببىڭنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى ئۇلارنىڭ يېنىدىمۇ؟
38 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ لَهُمْ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ فَلْيَرْتَقُوا فِي الْأَسْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگىمۇ؟ (ئەگەر ئۇلار ئىگە بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىدىغان) شوتىلارغا چىقسۇن[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋەياكى ئۇلار ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگىمۇ؟ شۇنداق بولىدىغان بولسا سەۋەبلىرىنى قىلىپ يۈكسىلىپ باقسۇن
ئەنەس ئالىم: ياكى ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا ئۇلار سەۋەبلەردە يۈكسەلسۇن2.
38 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ نَجْعَلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ كَالْمُفْسِدِينَ فِي الْأَرْضِ أَمْ نَجْعَلُ الْمُتَّقِينَ كَالْفُجَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق ياكى تەقۋادارلارنى فاجىرلارغا ئوخشاش قىلامدۇق؟[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟ ياكى تەقۋادارلارنى فاجىرلارغا ئوخشاش قىلامدۇق؟
ئەنەس ئالىم: ياكى بىز ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلار بىلەن ئوخشاش كۆرەمدۇق؟ ياكى تەقۋادارلارنى گۇناھكارلار بىلەن ئوخشاش كۆرەمدۇق؟
زۇمەر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ هُوَ قَانِتٌ آنَاءَ اللَّيْلِ سَاجِدًا وَقَائِمًا يَحْذَرُ الْآخِرَةَ وَيَرْجُو رَحْمَةَ رَبِّهِ ۗ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ ۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)». ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ»[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مۇشۇنداق ئادەم ياخشىمۇ؟- ياكى ئاخىرەت ئازابىدىن قورقۇپ، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم ياخشىمۇ؟». ئېيتقىنكى: «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا ئىبرەت ئالىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كافىر ياخشىمۇ؟ ياكى ئاخىرەت ئەندىشىسى ۋە رەببىنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن كېچىنىڭ ۋاقىتلىرىنى سەجدە قىلىپ ۋە قىيامدا تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن كىشى ياخشىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟» بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ.
39 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ حَقَّ عَلَيْهِ كَلِمَةُ الْعَذَابِ أَفَأَنْتَ تُنْقِذُ مَنْ فِي النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: كىمگە ئازاب ۋەدىسى تېگىشلىك بولسا (ئۇ چوقۇم دوزاخقا كىرىدۇ)، سەن دوزاختىكى ئادەمنى قۇتقۇزالامسەن؟[19]
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمگە ئازاب ۋەدىسى تېگىشلىك بولسا -ئۇ چوقۇم دوزاخقا كىرىدۇ-، سەن دوزاختىكى ئادەمنى قۇتقۇزالامسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولغان، دوزاختىكى كىشىنى سەن قۇتقۇزالامسەن؟
39 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
أَمِ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ شُفَعَاءَ ۚ قُلْ أَوَلَوْ كَانُوا لَا يَمْلِكُونَ شَيْئًا وَلَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار پىكىر يۈرگۈزمىدى) بەلكى ئاللاھنى قويۇپ، شاپائەتچىلەرنى تۇتتى. ئېيتقىنكى، «ئۇلار (يەنى شاپائەتچى قىلىنغانلار) ھېچ نەرسىگە قادىر بولالمايدىغان ۋە (ھېچ نەرسىنى) سەزمەيدىغان تۇرسىمۇ (ئۇلارنى شاپائەتچى تۇتامدۇ؟)[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن شاپائەتچىلەرنى قىلىۋالدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «ئۇلار ھېچ نەرسىگە قادىر بولالمايدىغان ۋە ئەقلىنى ئىشلىتەلمەيدىغان تۇرسىمۇ ئۇلارنى شاپائەتچى قىلىۋالامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن غەيرىينى شاپائەتچىلەر قىلىۋالدىمۇ؟ ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئۇ شاپائەتچىلىرىڭلار ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدىغان ۋە ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدىغان بولسىمۇ شۇنداق قىلامسىلەر؟».
غافىر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا قَوْمِ مَا لِي أَدْعُوكُمْ إِلَى النَّجَاةِ وَتَدْعُونَنِي إِلَى النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىكى، سىلەرنى مەن (دوزاختىن) قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىۋاتسام، سىلەر مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلىۋاتىسىلەرغۇ![41]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىدۇركى، مەن سىلەرنى دوزاختىن قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىۋاتىمەن، سىلەر بولساڭلار مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلىۋاتىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنى قۇتۇلۇشقا چاقىرىۋاتىمەن، سىلەر مېنى دوزاخقا چاقىرىۋاتىسىلەر:
40 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَلَا الْمُسِيءُ ۚ قَلِيلًا مَا تَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەما بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن بىلەن كاپىر) باراۋەر بولمايدۇ، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغۇچى ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر ئاز ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەما بىلەن كۆزى كۆرىدىغان ئادەم باراۋەر بولمايدۇ، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغۇچى ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر ئاز ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: كور ئادەم بىلەن كۆرىدىغان ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار بىلەن يامان ئىش قىلغۇچى ئوخشاش بولمايدۇ. بەكمۇ ئاز ئويلىنىسىلەر.
40 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ أَنَّىٰ يُصْرَفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە جاڭجاللىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟[69]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە جاڭجاللىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تارتىشىدىغانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟
40 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُرِيكُمْ آيَاتِهِ فَأَيَّ آيَاتِ اللَّهِ تُنْكِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) قايسى ئالامەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[81]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ قايسى ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى كۆرسەتمەكتىدۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن قايسىسىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
فۇسسىلەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَئِنَّكُمْ لَتَكْفُرُونَ بِالَّذِي خَلَقَ الْأَرْضَ فِي يَوْمَيْنِ وَتَجْعَلُونَ لَهُ أَنْدَادًا ۚ ذَٰلِكَ رَبُّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (سەن ئۇلارغا) «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان ئاللاھنى ئىنكار قىلامسىلەر ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەر كەلتۈرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان ئاللاھنى ئىنكار قىلامسىلەر ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەر كەلتۈرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان زاتقا تۇزكورلۇق قىلامسىلەر؟ بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش كۆرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر.
41 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كَانَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ثُمَّ كَفَرْتُمْ بِهِ مَنْ أَضَلُّ مِمَّنْ هُوَ فِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ (قۇرئان مەن ئېيتقاندەك) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا، سىلەر (ئويلىماستىنلا ئۇنى ئىنكار قىلساڭلار، ھالىڭلار قانداق بولىدۇ). (ھەقتىن) يىراق ئىختىلاپتا بولغان كىشىدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ (يەنى سىلەردىنمۇ گۇمراھ ئادەم يوق)»[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا ۋە سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، ھەقىقەتەن –ھەقتىن- يىراق بىر ئىختىلاپتا بولغان كىشىدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر بۇ قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بولۇپ، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، ھەقتىن بەك يىراقلىشىپ كەتكۈچى بولغان سىلەردىنمۇ ئازغۇن ئادەم بولامدۇ؟».
زۇخرۇف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
أَمِ اتَّخَذَ مِمَّا يَخْلُقُ بَنَاتٍ وَأَصْفَاكُمْ بِالْبَنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مەخلۇقاتتىن ئۆزى ئۈچۈن قىزلارنى (بالا) تۇتۇپ، سىلەرنى ئوغۇللارغا خاس قىلدىمۇ؟[16]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ مەخلۇقاتتىن ئۆزى ئۈچۈن قىزلارنى بالا تۇتۇپ، سىلەرگە ئوغۇللارنى خاس قىلدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى ئاللاھ مەخلۇقاتىنىڭ ئىچىدىن قىزلارنى ئۆزىگە ئېلىپ، ئوغۇللارنى سىلەرگە ئايرىدىمۇ؟
43 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَأَنْتَ تُسْمِعُ الصُّمَّ أَوْ تَهْدِي الْعُمْيَ وَمَنْ كَانَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ يا كورلارنى توغرا يولغا سالالامسەن؟ (يەنى كۇففارلار گاسلارغا، كورلارغا ئوخشايدۇ) ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلالامسەن؟[40]
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ ياكى كورلارنى توغرا يولغا سالالامسەن؟ ياكى بولمىسا ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلالامسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ ياكى كورلارنى ۋە ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغانلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟
43 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَهُمْ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن ئۇلاردىن ئۇلارنى كىم خەلق ئەتكەنلىكلىرىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەيدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى كىمنىڭ ياراتقانلىقىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەيدۇ، شۇنداق تۇرۇغلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلاردىن «سىلەرنى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمِنْ هَٰذَا الْحَدِيثِ تَعْجَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) مەسخىرە قىلىپ بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر بۇ سۆزدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: بۇ سۆزدىن ئەجەبلىنىۋاتامسىلەر؟
قەمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
أَكُفَّارُكُمْ خَيْرٌ مِنْ أُولَٰئِكُمْ أَمْ لَكُمْ بَرَاءَةٌ فِي الزُّبُرِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئەرەب جامائەسى!) ئۇلار (يەنى مەن ھالاك قىلغان ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) دىن سىلەرنىڭ كۇففارلىرىڭلار ئارتۇقمۇ؟ ياكى سىلەرگە ساماۋى كىتابلاردا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) كەچۈرۈم قىلىنىش بارمۇ؟[43]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ كۇففارلىرىڭلار ئۇلاردىن ئارتۇقمۇ؟ ياكى بولمىسا سىلەر ئۈچۈن كىتابلاردا كەچۈرۈم قىلىنىش بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ كافىرلىرىڭلار ئۇلاردىن ياخشىمۇ؟ ياكى ئىلگىرىكى كىتابلاردا سىلەرنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغانلىقىڭلار توغرۇلۇق بىرەر ھۆكۈم بارمۇ؟
رەھمان سۈرىسى
31 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[13]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[16]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[18]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[21]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[23]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[25]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[28]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[30]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[32]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[34]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[36]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[38]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[40]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[42]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[45]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[47]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[49]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[51]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[53]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[55]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[57]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[59]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[61]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[63]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[65]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[67]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[69]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[71]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[73]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[75]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟[77]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟