غافىر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 85 ئايەت
مەنىسى: مەغپىرەت قىلغۇچى. ئاتىلىش سەۋەبى: سۈرە بېشىدىلا ئاللاھنىڭ مەزكۇر ئىسمى زىكىر قىلىنغان
  1. (40-سۈرە غافىر، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ حم
    ھامىم

    ھا، مىم (بۇ قۇرئاننىڭ سىرلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ) [1].

    .
  2. (40-سۈرە غافىر، 2-ئايەت)
    تَنْزِيلُ الْكِتَابِ مِنَ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
    (بۇ) كىتاب (يەنى قۇرئان) غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

    بۇ قۇرئان ھەممىگە قادىر، ھەممىنى بىلگۈچى، گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچى ،، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى، ئازابى قاتتىق، ئىنئام ئىگىسى — ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان كىتابتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاقىۋەت قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر [2-3].

  3. (40-سۈرە غافىر، 3-ئايەت)
    غَافِرِ الذَّنْبِ وَقَابِلِ التَّوْبِ شَدِيدِ الْعِقَابِ ذِي الطَّوْلِ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ إِلَيْهِ الْمَصِيرُ
    (ئاللاھ) گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر، (ئاللاھ) ئىنئام ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاقىۋەت قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر

    بۇ قۇرئان ھەممىگە قادىر، ھەممىنى بىلگۈچى، گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچى ،، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى، ئازابى قاتتىق، ئىنئام ئىگىسى — ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان كىتابتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاقىۋەت قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر [2-3].

  4. (40-سۈرە غافىر، 4-ئايەت)
    مَا يُجَادِلُ فِي آيَاتِ اللَّهِ إِلَّا الَّذِينَ كَفَرُوا فَلَا يَغْرُرْكَ تَقَلُّبُهُمْ فِي الْبِلَادِ
    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى (يەنى قۇرئان) توغرىسىدا پەقەت كاپىرلار مۇجادىلە قىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ شەھەرلەردە بېرىپ ـ كېلىپ يۈرۈشلىرىگە مەغرۇر بولۇپ كەتمىگىن

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى توغرىسىدا پەقەت كافىرلارلا تالاش-تارتىش قىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ شەھەرلەردە كېزىپ يۈرگىنىگە قاراپ ئالدىنىپ كەتمىگىن [4].

  5. (40-سۈرە غافىر، 5-ئايەت)
    كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَالْأَحْزَابُ مِنْ بَعْدِهِمْ ۖ وَهَمَّتْ كُلُّ أُمَّةٍ بِرَسُولِهِمْ لِيَأْخُذُوهُ ۖ وَجَادَلُوا بِالْبَاطِلِ لِيُدْحِضُوا بِهِ الْحَقَّ فَأَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
    ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئۇيۇشقان ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش) جامائەلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن) ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرى بىلەن) مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟

    ئۇلاردىن (يەنى مەككە مۇشرىكلىرىدىن) بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى جامائەلار (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان ئىدى. ھەربىر ئۈممەت ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئۇلار ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل سۆزلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق بوپتۇ؟ [5]

  6. (40-سۈرە غافىر، 6-ئايەت)
    وَكَذَٰلِكَ حَقَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّهُمْ أَصْحَابُ النَّارِ
    شۇنىڭدەك (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە تېگىشلىك بولغاندەك) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى. ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر

    شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارىڭنىڭ كافىرلار توغرىسىدا «ھەقىقەتەن ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر» دېگەن سۆزى ھەق بولدى [6].

  7. (40-سۈرە غافىر، 7-ئايەت)
    الَّذِينَ يَحْمِلُونَ الْعَرْشَ وَمَنْ حَوْلَهُ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيُؤْمِنُونَ بِهِ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِلَّذِينَ آمَنُوا رَبَّنَا وَسِعْتَ كُلَّ شَيْءٍ رَحْمَةً وَعِلْمًا فَاغْفِرْ لِلَّذِينَ تَابُوا وَاتَّبَعُوا سَبِيلَكَ وَقِهِمْ عَذَابَ الْجَحِيمِ
    ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۆمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن

    ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۆمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «ئى رەببىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن [7].

  8. (40-سۈرە غافىر، 8-ئايەت)
    رَبَّنَا وَأَدْخِلْهُمْ جَنَّاتِ عَدْنٍ الَّتِي وَعَدْتَهُمْ وَمَنْ صَلَحَ مِنْ آبَائِهِمْ وَأَزْوَاجِهِمْ وَذُرِّيَّاتِهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن

    ئى رەببىمىز! سەن ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى، خوتۇنلىرى، ئەۋلادلىرى ئىچىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن. سەن ھەقىقەتەن ھەممىدىن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن [8].

  9. (40-سۈرە غافىر، 9-ئايەت)
    وَقِهِمُ السَّيِّئَاتِ ۚ وَمَنْ تَقِ السَّيِّئَاتِ يَوْمَئِذٍ فَقَدْ رَحِمْتَهُ ۚ وَذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
    پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، سەن كىمنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدىكەنسەن، شۈبھىسىزكى، بۇ كۈندە سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن، بۇ چوڭ بەختتۇر»

    ئى رەببىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلىرىنىڭ جازاسىدىن ساقلىغىن، بۇ كۈندە سەن كىمنى يامان ئىشلىرىنىڭ جازاسىدىن ساقلايدىكەنسەن، شۈبھىسىزكى، سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن، بۇ چوڭ بەختتۇر» [9].

  10. (40-سۈرە غافىر، 10-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا يُنَادَوْنَ لَمَقْتُ اللَّهِ أَكْبَرُ مِنْ مَقْتِكُمْ أَنْفُسَكُمْ إِذْ تُدْعَوْنَ إِلَى الْإِيمَانِ فَتَكْفُرُونَ
    شۈبھىسىزكى، كاپىرلارغا: «ئاللاھنىڭ (دۇنيادا) سىلەرگە بولغان غەزىپى سىلەرنىڭ (ئاخىرەتتە) بىر ـ بىرىڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ، چۈنكى سىلەر ئىمانغا دەۋەت قىلىناتتىڭلار، لېكىن ئىمان ئېيتمايتتىڭلار» دەپ نىدا قىلىنىدۇ

    شۈبھىسىزكى، كافىرلارغا: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە بولغان غەزىپى سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ، چۈنكى سىلەر ئىمانغا دەۋەت قىلىنىپ تۇرساڭلارمۇ ئىمان ئېيتمايتتىڭلار» دەپ نىدا قىلىنىدۇ [10].

  11. (40-سۈرە غافىر، 11-ئايەت)
    قَالُوا رَبَّنَا أَمَتَّنَا اثْنَتَيْنِ وَأَحْيَيْتَنَا اثْنَتَيْنِ فَاعْتَرَفْنَا بِذُنُوبِنَا فَهَلْ إِلَىٰ خُرُوجٍ مِنْ سَبِيلٍ
    ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى تېپىلارمۇ؟» دەيدۇ

    ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلۈك قىلىپ، ئىككى قېتىم تىرىك قىلدىڭ ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار بولدۇق، ئەمدى (دوزاختىن) چىقىش يولى تېپىلارمۇ؟» دەيدۇ [11].

  12. (40-سۈرە غافىر، 12-ئايەت)
    ذَٰلِكُمْ بِأَنَّهُ إِذَا دُعِيَ اللَّهُ وَحْدَهُ كَفَرْتُمْ ۖ وَإِنْ يُشْرَكْ بِهِ تُؤْمِنُوا ۚ فَالْحُكْمُ لِلَّهِ الْعَلِيِّ الْكَبِيرِ
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، سىلەر ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە چاقىرىلغاندا (بۇنى) ئىنكار قىلدىڭلار، ئەگەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلسە (يەنى لات، ئۇززا قاتارلىق بۇتلارغا چوقۇنۇشقا چاقىرىلساڭلار) ئۇنى تەستىق قىلىسىلەر (يەنى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلىسىلەر)، ھۆكۈم يۈكسەك، بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، سىلەر ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە چاقىرىلغاندا ئىنكار قىلدىڭلار، ئەگەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلسە، ئۇنى ئېتىراپ قىلىپ تۇردۇڭلار. ھۆكۈم قىلىش يۈكسەك، بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر [12].

  13. (40-سۈرە غافىر، 13-ئايەت)
    هُوَ الَّذِي يُرِيكُمْ آيَاتِهِ وَيُنَزِّلُ لَكُمْ مِنَ السَّمَاءِ رِزْقًا ۚ وَمَا يَتَذَكَّرُ إِلَّا مَنْ يُنِيبُ
    ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەرگە كۆكتىن يامغۇر بىلەن رىزىق چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ تائىتىگە قايتقان كىشىلەرلا (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن) ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ

    ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەرگە ئاسماندىن رىزىق (يەنى يامغۇر) چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ تائىتىگە يۈزلەنگەن كىشىلەرلا بۇنى ئويلىيالايدۇ [13].

  14. (40-سۈرە غافىر، 14-ئايەت)
    فَادْعُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ
    دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ

    كافىرلارنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي، دىننى ئاللاھقا خاس قىلىپ ئىبادەت قىلىڭلار [14].

  15. (40-سۈرە غافىر، 15-ئايەت)
    رَفِيعُ الدَّرَجَاتِ ذُو الْعَرْشِ يُلْقِي الرُّوحَ مِنْ أَمْرِهِ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ لِيُنْذِرَ يَوْمَ التَّلَاقِ
    ئاللاھنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرىدۇر، (ئاللاھ) ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، (خالايىق) مۇلاقات بولۇشىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆز ھۆكمى بويىچە بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە ۋەھىي چۈشۈرىدۇ

    ئاللاھنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرىدۇر، ئاللاھ ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر. ئاللاھ ھەممە خالايىق ئۇچرىشىدىغان قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، خالىغان بەندىسىگە ئۆز ھۆكمى بويىچە ۋەھيى چۈشۈرىدۇ [15].

  16. (40-سۈرە غافىر، 16-ئايەت)
    يَوْمَ هُمْ بَارِزُونَ ۖ لَا يَخْفَىٰ عَلَى اللَّهِ مِنْهُمْ شَيْءٌ ۚ لِمَنِ الْمُلْكُ الْيَوْمَ ۖ لِلَّهِ الْوَاحِدِ الْقَهَّارِ
    ئۇلار قەبرىلەردىن چىققان كۈندە ئاللاھقا ئۇلاردىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن، ئەمەللىرىدىن، سىرلىرىدىن) ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ غالىب بىر ئاللاھقا خاستۇر

    خالايىق قەبرىلەردىن چىققان كۈندە ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىسى مەخپىي قالمايدۇ، بۇ كۈندە پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ قەھرلىك بىر ئاللاھقىلا خاستۇر [16].

  17. (40-سۈرە غافىر، 17-ئايەت)
    الْيَوْمَ تُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ ۚ لَا ظُلْمَ الْيَوْمَ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
    بۈگۈن ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ، بۈگۈن زۇلۇم يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر

    بۇ كۈندە ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپات ۋە جازا بېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ھېچكىمگە ئۇۋال قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر [17].

  18. (40-سۈرە غافىر، 18-ئايەت)
    وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْآزِفَةِ إِذِ الْقُلُوبُ لَدَى الْحَنَاجِرِ كَاظِمِينَ ۚ مَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ حَمِيمٍ وَلَا شَفِيعٍ يُطَاعُ
    ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ چاغدا يۈرەكلەر (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىپ قالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ. (ئىمان ئېيتماي) ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغانلارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ [18].

  19. (40-سۈرە غافىر، 19-ئايەت)
    يَعْلَمُ خَائِنَةَ الْأَعْيُنِ وَمَا تُخْفِي الصُّدُورُ
    ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ

    ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرىدۇ [19].

  20. (40-سۈرە غافىر، 20-ئايەت)
    وَاللَّهُ يَقْضِي بِالْحَقِّ ۖ وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ لَا يَقْضُونَ بِشَيْءٍ ۗ إِنَّ اللَّهَ هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ
    ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار ھېچ نەرسىگە ھۆكۈم چىقىرىشقا قادىر ئەمەس، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

    ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلار ھېچ نەرسىگە ھۆكۈم چىقىرىشقا قادىر ئەمەس. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [20].

  21. (40-سۈرە غافىر، 21-ئايەت)
    أَوَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ كَانُوا مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا هُمْ أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً وَآثَارًا فِي الْأَرْضِ فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ وَمَا كَانَ لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَاقٍ
    ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بولسا زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي ـ ئىمارەت قۇرۇش) جەھەتتە بۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرى) دىن ئۈستۈن ئىدى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى

    ئۇلار زېمىننى كېزىپ، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بولسا زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە قالدۇرغان ئىزنالىرى جەھەتتە مەككە مۇشرىكلىرىدىن كۆپ ئۈستۈن ئىدى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئۇلارنى ھېچكىم ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالالمىدى [21].

  22. (40-سۈرە غافىر، 22-ئايەت)
    ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانَتْ تَأْتِيهِمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَكَفَرُوا فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ ۚ إِنَّهُ قَوِيٌّ شَدِيدُ الْعِقَابِ
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىشەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار بۇنىڭغا ئىشەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈك، ئازابى قاتتىق زاتتۇر [22].

  23. (40-سۈرە غافىر، 23-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ
    بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى

    بىز ھەقىقەتەن مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇنى يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى [23ـ24].

  24. (40-سۈرە غافىر، 24-ئايەت)
    إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَهَامَانَ وَقَارُونَ فَقَالُوا سَاحِرٌ كَذَّابٌ
    بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى

    بىز ھەقىقەتەن مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇنى يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى [23ـ24].

  25. (40-سۈرە غافىر، 25-ئايەت)
    فَلَمَّا جَاءَهُمْ بِالْحَقِّ مِنْ عِنْدِنَا قَالُوا اقْتُلُوا أَبْنَاءَ الَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ وَاسْتَحْيُوا نِسَاءَهُمْ ۚ وَمَا كَيْدُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ
    مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن ھەق (يەنى پەيغەمبەرلىك) بىلەن كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى (نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن) ئۆلتۈرۈڭلار، ئاياللىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى پەقەت بەربات بولىدۇ

    مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن مۆجىزە ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى (نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن) ئۆلتۈرۈڭلار، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) قالدۇرۇڭلار» دېدى. كافىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى چوقۇم بەربات بولىدۇ [25].

  26. (40-سۈرە غافىر، 26-ئايەت)
    وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِي أَقْتُلْ مُوسَىٰ وَلْيَدْعُ رَبَّهُ ۖ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَنْ يُظْهِرَ فِي الْأَرْضِ الْفَسَادَ
    پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن»

    پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى مۇسانى ئۆلتۈرگىلى قويۇڭلار، ئۇ پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىنىمىزدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن ئەنسىرەيمەن» [26].

  27. (40-سۈرە غافىر، 27-ئايەت)
    وَقَالَ مُوسَىٰ إِنِّي عُذْتُ بِرَبِّي وَرَبِّكُمْ مِنْ كُلِّ مُتَكَبِّرٍ لَا يُؤْمِنُ بِيَوْمِ الْحِسَابِ
    مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار (بولغان ئاللاھ) قا سىغىنىپ، ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) گە ئىشەنمەيدىغان ھەر بىر مۇتەكەببىر (نىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى) دىن پاناھ تىلەيمەن»

    مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا سېغىنىپ، ھېساب بېرىدىغان كۈنگە ئىشەنمەيدىغان ھەربىر مۇتەكەببىرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن» [27].

  28. (40-سۈرە غافىر، 28-ئايەت)
    وَقَالَ رَجُلٌ مُؤْمِنٌ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَكْتُمُ إِيمَانَهُ أَتَقْتُلُونَ رَجُلًا أَنْ يَقُولَ رَبِّيَ اللَّهُ وَقَدْ جَاءَكُمْ بِالْبَيِّنَاتِ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ وَإِنْ يَكُ كَاذِبًا فَعَلَيْهِ كَذِبُهُ ۖ وَإِنْ يَكُ صَادِقًا يُصِبْكُمْ بَعْضُ الَّذِي يَعِدُكُمْ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ
    پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر "پەرۋەردىگارىم ئاللاھ" دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ (پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا) يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ

    پىرئەۋن جەمەتىگە مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر بىر ئادەمنى <پەرۋەردىگارىم ئاللاھ> دېگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ [28].

  29. (40-سۈرە غافىر، 29-ئايەت)
    يَا قَوْمِ لَكُمُ الْمُلْكُ الْيَوْمَ ظَاهِرِينَ فِي الْأَرْضِ فَمَنْ يَنْصُرُنَا مِنْ بَأْسِ اللَّهِ إِنْ جَاءَنَا ۚ قَالَ فِرْعَوْنُ مَا أُرِيكُمْ إِلَّا مَا أَرَىٰ وَمَا أَهْدِيكُمْ إِلَّا سَبِيلَ الرَّشَادِ
    ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىدۇر، (مىسىر) زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن»

    ئى قەۋمىم! بۈگۈنكى كۈندە سىلەر بۇ زېمىندا غالىبلارچە سەلتەنەت سۈرۈۋاتىسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم قىلالايدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. مەن سىلەرنى پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن» [29].

  30. (40-سۈرە غافىر، 30-ئايەت)
    وَقَالَ الَّذِي آمَنَ يَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ مِثْلَ يَوْمِ الْأَحْزَابِ
    مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ

    مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن. ئاللاھ بەندىلىرىگە ئۇۋال قىلىشنى خالىمايدۇ [30ـ31].

  31. (40-سۈرە غافىر، 31-ئايەت)
    مِثْلَ دَأْبِ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَالَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ ۚ وَمَا اللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِلْعِبَادِ
    مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ

    مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن. ئاللاھ بەندىلىرىگە ئۇۋال قىلىشنى خالىمايدۇ [30ـ31].

  32. (40-سۈرە غافىر، 32-ئايەت)
    وَيَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ يَوْمَ التَّنَادِ
    ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن

    ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن ئەنسىرەيمەن [32].

  33. (40-سۈرە غافىر، 33-ئايەت)
    يَوْمَ تُوَلُّونَ مُدْبِرِينَ مَا لَكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۗ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
    ئۇ كۈندە (دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ

    سىلەر ئارقاڭلارغا بۇرىلىپ قاچىدىغان ئۇ كۈندە سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. ئاللاھ كىمنى گۇمراھلىقىدا قويىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ [33].

  34. (40-سۈرە غافىر، 34-ئايەت)
    وَلَقَدْ جَاءَكُمْ يُوسُفُ مِنْ قَبْلُ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا زِلْتُمْ فِي شَكٍّ مِمَّا جَاءَكُمْ بِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا هَلَكَ قُلْتُمْ لَنْ يَبْعَثَ اللَّهُ مِنْ بَعْدِهِ رَسُولًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ مُرْتَابٌ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن) روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، (دەلىل ـ پاكىتسىز) ھالدا، ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ دېدىڭلار، ئاللاھ (گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، (دىندا) شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ»

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈفمۇ روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىللەردىن سىلەر ھەمىشە گۇمانلىناتتىڭلار. ئۇ ۋاپات بولۇۋىدى، سىلەر <ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ> دېدىڭلار. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، (ئاللاھنىڭ بىرلىكىدىن) گۇمانلانغۇچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ» [34].

  35. (40-سۈرە غافىر، 35-ئايەت)
    الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَانٍ أَتَاهُمْ ۖ كَبُرَ مَقْتًا عِنْدَ اللَّهِ وَعِنْدَ الَّذِينَ آمَنُوا ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ قَلْبِ مُتَكَبِّرٍ جَبَّارٍ
    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۆمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ (ئىماندىن باش تارتقان)، (بەندىلەرگە) زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزىگە ھېچقانداق دەلىل كەلمىگەن تۇرۇپ تالاش-تارتىش قىلىدىغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۆمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ. ھەرقانداق زومىگەر مۇتەكەببىر ئادەمنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ [35].

  36. (40-سۈرە غافىر، 36-ئايەت)
    وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَا هَامَانُ ابْنِ لِي صَرْحًا لَعَلِّي أَبْلُغُ الْأَسْبَابَ
    پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى

    پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! سەن ماڭا بىر ئېگىز مۇنار ياسىتىپ بەرگىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن يوللارغا — ئاسماننىڭ يوللىرىغا ئۇلىشىپ مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرۈشۈم مۇمكىن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ ئويلايمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى. پىرئەۋن ھىدايەت يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى [36ـ37].

  37. (40-سۈرە غافىر، 37-ئايەت)
    أَسْبَابَ السَّمَاوَاتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُ كَاذِبًا ۚ وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوءُ عَمَلِهِ وَصُدَّ عَنِ السَّبِيلِ ۚ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِي تَبَابٍ
    پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى

    پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! سەن ماڭا بىر ئېگىز مۇنار ياسىتىپ بەرگىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن يوللارغا — ئاسماننىڭ يوللىرىغا ئۇلىشىپ مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرۈشۈم مۇمكىن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ ئويلايمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى. پىرئەۋن ھىدايەت يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى [36ـ37].

  38. (40-سۈرە غافىر، 38-ئايەت)
    وَقَالَ الَّذِي آمَنَ يَا قَوْمِ اتَّبِعُونِ أَهْدِكُمْ سَبِيلَ الرَّشَادِ
    (پىرئەۋن خانىدانىدىن) ئىمان ئېيتقان كىشى ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن

    ئىمان ئېيتقان ھېلىقى كىشى مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن [38].

  39. (40-سۈرە غافىر، 39-ئايەت)
    يَا قَوْمِ إِنَّمَا هَٰذِهِ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا مَتَاعٌ وَإِنَّ الْآخِرَةَ هِيَ دَارُ الْقَرَارِ
    ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (ۋاقىتلىق) پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن (مەڭگۈلۈك) قارارگاھتۇر

    ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىق پەقەت (ۋاقىتلىق) ھۇزۇر-ھالاۋەتتۇر، ئاخىرەتلا ھەقىقىي قارارگاھتۇر [39].

  40. (40-سۈرە غافىر، 40-ئايەت)
    مَنْ عَمِلَ سَيِّئَةً فَلَا يُجْزَىٰ إِلَّا مِثْلَهَا ۖ وَمَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولَٰئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ يُرْزَقُونَ فِيهَا بِغَيْرِ حِسَابٍ
    كىمكى (بۇ دۇنيادا) بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) شۇنىڭغا لايىق جازا بېرىلىدۇ، مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، كىمكى ئۆزى مۆمىن تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا ھېسابسىز رىزىق بېرىلىدۇ

    كىمكى بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا شۇنىڭغا لايىق جازا بېرىلىدۇ. مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، كىمكى مۆمىنلىك ھالەتتە بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا ھېسابسىز رىزىق بېرىلىدۇ [40].

  41. (40-سۈرە غافىر، 41-ئايەت)
    وَيَا قَوْمِ مَا لِي أَدْعُوكُمْ إِلَى النَّجَاةِ وَتَدْعُونَنِي إِلَى النَّارِ
    ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىكى، سىلەرنى مەن (دوزاختىن) قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىۋاتسام، سىلەر مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلىۋاتىسىلەرغۇ!

    ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنى (دوزاختىن) قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىۋاتسام، سىلەرنىڭ مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلغىنىڭلار قانداق ئىش؟ [41].

  42. (40-سۈرە غافىر، 42-ئايەت)
    تَدْعُونَنِي لِأَكْفُرَ بِاللَّهِ وَأُشْرِكَ بِهِ مَا لَيْسَ لِي بِهِ عِلْمٌ وَأَنَا أَدْعُوكُمْ إِلَى الْعَزِيزِ الْغَفَّارِ
    سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، (بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى (ئاللاھ) قا دەۋەت قىلىمەن

    سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىۋاتىسىلەر، مەن بولسام سىلەرنى ھەممىدىن غالىب، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىۋاتىمەن [42].

  43. (40-سۈرە غافىر، 43-ئايەت)
    لَا جَرَمَ أَنَّمَا تَدْعُونَنِي إِلَيْهِ لَيْسَ لَهُ دَعْوَةٌ فِي الدُّنْيَا وَلَا فِي الْآخِرَةِ وَأَنَّ مَرَدَّنَا إِلَى اللَّهِ وَأَنَّ الْمُسْرِفِينَ هُمْ أَصْحَابُ النَّارِ
    ھەقىقەتەن سىلەر مېنى ئۇنىڭغا (يەنى بۇتقا) ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىسىلەر، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە (ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا) چاقىرغىنى يوق، بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئەھلى دوزاختۇر

    ھەقىقەت شۇكى، سىلەر مېنى ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان بۇتلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھېچقانداق بىر تەلەپنى ئورۇنلاپ بېرەلمەيدۇ. بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، ھەددىدىن ئاشقۇچىلار چوقۇم دوزىخىيدۇر [43].

  44. (40-سۈرە غافىر، 44-ئايەت)
    فَسَتَذْكُرُونَ مَا أَقُولُ لَكُمْ ۚ وَأُفَوِّضُ أَمْرِي إِلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ
    (سىلەرگە ئازاب نازىل بولغان چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»

    سىلەر پات ئارىدا مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنى ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» [44].

  45. (40-سۈرە غافىر، 45-ئايەت)
    فَوَقَاهُ اللَّهُ سَيِّئَاتِ مَا مَكَرُوا ۖ وَحَاقَ بِآلِ فِرْعَوْنَ سُوءُ الْعَذَابِ
    ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب چۈشتى

    ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب چۈشتى [45].

  46. (40-سۈرە غافىر، 46-ئايەت)
    النَّارُ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا غُدُوًّا وَعَشِيًّا ۖ وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ أَدْخِلُوا آلَ فِرْعَوْنَ أَشَدَّ الْعَذَابِ
    ئۇلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ)

    ئۇلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى دوزاخقا قاقلىنىپ تۇرىدۇ. قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «(ئى پەرىشتىلەر) پىرئەۋن جامائەسىنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا (يەنى دوزاخقا) كىرگۈزۈڭلار!» (دېيىلىدۇ) [46].

  47. (40-سۈرە غافىر، 47-ئايەت)
    وَإِذْ يَتَحَاجُّونَ فِي النَّارِ فَيَقُولُ الضُّعَفَاءُ لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنْتُمْ مُغْنُونَ عَنَّا نَصِيبًا مِنَ النَّارِ
    ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىز (ئەگەشكۈچىلەر) ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىدىن بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ

    ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ: ئاجىزلار ھاكاۋۇر باشلامچىلىرىغا: «بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىنىڭ بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ [47].

  48. (40-سۈرە غافىر، 48-ئايەت)
    قَالَ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُلٌّ فِيهَا إِنَّ اللَّهَ قَدْ حَكَمَ بَيْنَ الْعِبَادِ
    ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرى): «شۈبھىسىزكى، بىز ھەممىمىز دوزاختادۇرمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقاردى» دەيدۇ

    ھاكاۋۇر باشلامچىلار: «شۈبھىسىزكى، بىز ھەممىمىز دوزاختىدۇرمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقاردى» دەيدۇ [48]؛

  49. (40-سۈرە غافىر، 49-ئايەت)
    وَقَالَ الَّذِينَ فِي النَّارِ لِخَزَنَةِ جَهَنَّمَ ادْعُوا رَبَّكُمْ يُخَفِّفْ عَنَّا يَوْمًا مِنَ الْعَذَابِ
    دوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن» دەيدۇ

    دوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا بىر دۇئا قىلساڭلار، ئۇ بىزدىن ئازابنى بىر كۈن بولسىمۇ يېنىكلىتىپ بەرسە» دەيدۇ [49].

  50. (40-سۈرە غافىر، 50-ئايەت)
    قَالُوا أَوَلَمْ تَكُ تَأْتِيكُمْ رُسُلُكُمْ بِالْبَيِّنَاتِ ۖ قَالُوا بَلَىٰ ۚ قَالُوا فَادْعُوا ۗ وَمَا دُعَاءُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ
    ئۇلار (يەنى دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر): «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار): «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، (لېكىن) كاپىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» دەيدۇ

    پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئەمەسمىدى؟» دەيدۇ؛ ئۇلار: «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ؛ پەرىشتىلەر: «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، لېكىن كافىرلارنىڭ دۇئاسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ» دەيدۇ [50].

  51. (40-سۈرە غافىر، 51-ئايەت)
    إِنَّا لَنَنْصُرُ رُسُلَنَا وَالَّذِينَ آمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيَوْمَ يَقُومُ الْأَشْهَادُ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبەرلىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە دۇنيا ھاياتىدا ۋە گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز [51].

  52. (40-سۈرە غافىر، 52-ئايەت)
    يَوْمَ لَا يَنْفَعُ الظَّالِمِينَ مَعْذِرَتُهُمْ ۖ وَلَهُمُ اللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوءُ الدَّارِ
    ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ

    ئۇ كۈندە كافىرلارنىڭ ئۆزرىسى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلار لەنەتكە ئۇچراپ، يامان جاي-دوزاختا قالىدۇ [52].

  53. (40-سۈرە غافىر، 53-ئايەت)
    وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْهُدَىٰ وَأَوْرَثْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ الْكِتَابَ
    شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق، ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى مىراس قىلىپ بەردۇق

    بىز ھەقىقەتەن مۇساغا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق. بىز ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نەسىھەت بولغان تەۋراتنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا مىراس قىلىپ بەردۇق [53-54].

  54. (40-سۈرە غافىر، 54-ئايەت)
    هُدًى وَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
    (ئۇ) ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە نەسىھەتتۇر

    بىز ھەقىقەتەن مۇساغا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق. بىز ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نەسىھەت بولغان تەۋراتنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا مىراس قىلىپ بەردۇق [53-54].

  55. (40-سۈرە غافىر، 55-ئايەت)
    فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَاسْتَغْفِرْ لِذَنْبِكَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ
    (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ساڭا ۋە سېنىڭ تەۋەلىرىڭگە ياردەم بېرىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ـ ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن

    (ئى مۇھەممەد!) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن راستتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ـ ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن [55].

  56. (40-سۈرە غافىر، 56-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَانٍ أَتَاهُمْ ۙ إِنْ فِي صُدُورِهِمْ إِلَّا كِبْرٌ مَا هُمْ بِبَالِغِيهِ ۚ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ
    شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار، ئۇلار (ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت) مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ئاللاھقا سىغىنىپ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن)، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى توغرىسىدا ئۆزىگە ھېچقانداق بىر دەلىل كەلمىگەن تۇرۇپ، تالاش-تارتىش قىلىدىغانلارنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشلا بار. ئۇلار بۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. سەن ئاللاھقا سىغىنىپ (ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن) پاناھ تىلىگىن. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [56].

  57. (40-سۈرە غافىر، 57-ئايەت)
    لَخَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ أَكْبَرُ مِنْ خَلْقِ النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن كۆپ قىيىندۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (بۇنى) ئۇقمايدۇ

    (ئىنسانىي تەپەككۇر بويىچە ئېيتقاندا) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن كۆپ قىيىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى بۇنى ئۇقمايدۇ [57].

  58. (40-سۈرە غافىر، 58-ئايەت)
    وَمَا يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَلَا الْمُسِيءُ ۚ قَلِيلًا مَا تَتَذَكَّرُونَ
    ئەما بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن بىلەن كاپىر) باراۋەر بولمايدۇ، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغۇچى ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر ئاز ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر

    ئەما بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم) باراۋەر بولمايدۇ، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغان ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر نەسىھەتنى ناھايىتى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر [58].

  59. (40-سۈرە غافىر، 59-ئايەت)
    إِنَّ السَّاعَةَ لَآتِيَةٌ لَا رَيْبَ فِيهَا وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
    قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ (شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى، قىيامەت كۈنى بېرىلىدىغان مۇكاپات بىلەن جازانى ئىنكار قىلىدۇ)

    قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇنى بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ [59].

  60. (40-سۈرە غافىر، 60-ئايەت)
    وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ
    پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ»

    پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن قوبۇل قىلىمەن. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ» [60]

  61. (40-سۈرە غافىر، 61-ئايەت)
    اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَالنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
    (كۈندۈزى ئىشلەپ يەتكەن ھارغىنلىقتىن) ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ قىلىپ) ياراتتى، (تىرىكچىلىك يولىدا ھەرىكەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق ياراتتى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ئېھسانىغا شۈكۈر قىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە نېمەتلىرىگە نانكورلۇق قىلىدۇ)

    ئاللاھ سىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە كېچىنى ياراتتى، (تىرىكچىلىك قىلىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق قىلىپ بەردى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر. لېكىن، ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇنى شۈكۈر قىلمايدۇ [61].

  62. (40-سۈرە غافىر، 62-ئايەت)
    ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
    ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟

    ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. سىلەر قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) بۇرىلىپ كېتىسىلەر؟ [62]

  63. (40-سۈرە غافىر، 63-ئايەت)
    كَذَٰلِكَ يُؤْفَكُ الَّذِينَ كَانُوا بِآيَاتِ اللَّهِ يَجْحَدُونَ
    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ھىدايەتتىن ۋە ھەقىقەتتىن) شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا قايغۇرۇپ كەتمىگىن، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ شۇنداق قىلغان)

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار شۇنداق بۇرىلىپ كېتىدۇ [63].

  64. (40-سۈرە غافىر، 64-ئايەت)
    اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ قَرَارًا وَالسَّمَاءَ بِنَاءً وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ وَرَزَقَكُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ فَتَبَارَكَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ
    ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە (تۈرلۈك) پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر

    ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى تورۇس قىلىپ بەردى، سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزۈپ، تۇرقۇڭلارنى چىرايلىق قىلدى، سىلەرگە تۈرلۈك پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى كۆپتۇر [64].

  65. (40-سۈرە غافىر، 65-ئايەت)
    هُوَ الْحَيُّ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ ۗ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!

    ئاللاھ مەڭگۈ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. دىننى ئاللاھقا خاس قىلىپ ئىبادەت قىلىڭلار. بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھقا خاستۇر! [65]

  66. (40-سۈرە غافىر، 66-ئايەت)
    قُلْ إِنِّي نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَمَّا جَاءَنِيَ الْبَيِّنَاتُ مِنْ رَبِّي وَأُمِرْتُ أَنْ أُسْلِمَ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم»

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا، مەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم، ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم» [66].

  67. (40-سۈرە غافىر، 67-ئايەت)
    هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ يُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوا أَشُدَّكُمْ ثُمَّ لِتَكُونُوا شُيُوخًا ۚ وَمِنْكُمْ مَنْ يُتَوَفَّىٰ مِنْ قَبْلُ ۖ وَلِتَبْلُغُوا أَجَلًا مُسَمًّى وَلَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
    ئاللاھ سىلەرنى (يەنى ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، (ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن ياراتتى، ئاندىن ئۇ سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن (كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە ئەقىلدە كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر- بەزىڭلار بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر- ئاندىن سىلەر مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ياشايسىلەر، سىلەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) چۈشەنگەيسىلەر

    پەرۋەردىگار سىلەرنى دەسلەپتە تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن ياراتقان زاتتۇر؛ ئاندىن ئۇ سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر– سىلەردىن بەزىلەر بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ–ئاندىن سىلەر مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ياشايسىلەر. بۇ سىلەرنىڭ (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر [67].

  68. (40-سۈرە غافىر، 68-ئايەت)
    هُوَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ ۖ فَإِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
    ئاللاھ تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئۆلتۈرۈشكە قادىر، ئۇ بىرەر ئىشنى (قىلىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ

    ئاللاھ تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئۆلتۈرۈشكە قادىر، ئۇ بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا <ۋۇجۇدقا كەل> دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» [68].

  69. (40-سۈرە غافىر، 69-ئايەت)
    أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ أَنَّىٰ يُصْرَفُونَ
    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە جاڭجاللىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟

    (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن) بۇرىلىپ كېتىدۇ؟ [69]

  70. (40-سۈرە غافىر، 70-ئايەت)
    الَّذِينَ كَذَّبُوا بِالْكِتَابِ وَبِمَا أَرْسَلْنَا بِهِ رُسُلَنَا ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
    ئۇلار كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، پەيغەمبەرلىرىمىزگە بىز نازىل قىلغان مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىنكار قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ

    ئۇلار كىتاب (قۇرئان) نى ۋە پەيغەمبەرلىرىمىزگە بىز چۈشۈرگەن مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار ئۇزاققا قالماي بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ قالىدۇ [70].

  71. (40-سۈرە غافىر، 71-ئايەت)
    إِذِ الْأَغْلَالُ فِي أَعْنَاقِهِمْ وَالسَّلَاسِلُ يُسْحَبُونَ
    ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ

    شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرگۈزۈلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ [71ـ72].

  72. (40-سۈرە غافىر، 72-ئايەت)
    فِي الْحَمِيمِ ثُمَّ فِي النَّارِ يُسْجَرُونَ
    ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ

    شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرگۈزۈلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ [71ـ72].

  73. (40-سۈرە غافىر، 73-ئايەت)
    ثُمَّ قِيلَ لَهُمْ أَيْنَ مَا كُنْتُمْ تُشْرِكُونَ
    ئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ مەبۇدلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ

    ئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلار قېنى؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ بۇتلار ھېچنىمىگە ئەسقاتمىدى، ئەسلىدە بىز ئىلگىرى ئەرزىگۈدەك بىرەر نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان ئىكەنمىز» دەيدۇ. ئاللاھ كافىرلارنى گۇمراھلىقىدا مۇشۇنداق قالدۇرىدۇ [73ـ74].

  74. (40-سۈرە غافىر، 74-ئايەت)
    مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ قَالُوا ضَلُّوا عَنَّا بَلْ لَمْ نَكُنْ نَدْعُو مِنْ قَبْلُ شَيْئًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ الْكَافِرِينَ
    ئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ مەبۇدلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ

    ئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلار قېنى؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ بۇتلار ھېچنىمىگە ئەسقاتمىدى، ئەسلىدە بىز ئىلگىرى ئەرزىگۈدەك بىرەر نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان ئىكەنمىز» دەيدۇ. ئاللاھ كافىرلارنى گۇمراھلىقىدا مۇشۇنداق قالدۇرىدۇ [73ـ74].

  75. (40-سۈرە غافىر، 75-ئايەت)
    ذَٰلِكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَفْرَحُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَبِمَا كُنْتُمْ تَمْرَحُونَ
    بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە (گۇناھ قىلىپ پۇل ـ مالنى ھارام يوللارغا سەرپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن) خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر

    بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ زېمىندا ئورۇنسىز خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە كۆرەڭلەپ كەتكەنلىكىڭلار سەۋەبىدىندۇر [75].

  76. (40-سۈرە غافىر، 76-ئايەت)
    ادْخُلُوا أَبْوَابَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ فَبِئْسَ مَثْوَى الْمُتَكَبِّرِينَ
    سىلەر دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ ئۇ يەردە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببۇرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!

    سىلەر دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ، ئۇ يەردە مەڭگۈ قېلىڭلار. مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان؟ [76]

  77. (40-سۈرە غافىر، 77-ئايەت)
    فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ ۚ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ
    (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ئۇلارنى ئازابلاش توغرىسىدىكى) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، ساڭا بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك (بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىدۇر) ياكى سېنى (ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساق، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ، (قىيامەتتە ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ)

    (ئى مۇھەممەد!) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن راستتۇر. ساڭا بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەكمۇ ياكى سېنى (ئۇنىڭدىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساقمۇ، ئۇلار بەرىبىر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ [77].

  78. (40-سۈرە غافىر، 78-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِنْ قَبْلِكَ مِنْهُمْ مَنْ قَصَصْنَا عَلَيْكَ وَمِنْهُمْ مَنْ لَمْ نَقْصُصْ عَلَيْكَ ۗ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَنْ يَأْتِيَ بِآيَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ فَإِذَا جَاءَ أَمْرُ اللَّهِ قُضِيَ بِالْحَقِّ وَخَسِرَ هُنَالِكَ الْمُبْطِلُونَ
    سەندىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا) ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، بۇ چاغدا ھەقكە قارشى تۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) سەندىن بۇرۇن بىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار. ھېچقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى كەلگەن چاغدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، بۇ چاغدا ھەقكە قارشى تۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ [78].

  79. (40-سۈرە غافىر، 79-ئايەت)
    اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَنْعَامَ لِتَرْكَبُوا مِنْهَا وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
    مىنىشىڭلار ۋە گۆشلىرىنى يېيىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە ھايۋانلارنى ياراتتى

    ئاللاھ بەزىسىنى مىنىشىڭلار ۋە بەزىسىنىڭ گۆشىنى يېيىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە چارۋىلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر [79].

  80. (40-سۈرە غافىر، 80-ئايەت)
    وَلَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ وَلِتَبْلُغُوا عَلَيْهَا حَاجَةً فِي صُدُورِكُمْ وَعَلَيْهَا وَعَلَى الْفُلْكِ تُحْمَلُونَ
    ئۇلار سىلەرگە نۇرغۇن پايدا كەلتۈرىدۇ، ئۇلارغا مىنىپ دىلىڭلارغا پۈككەن ھاجىتىڭلاردىن چىقىسىلەر، (قۇرۇقلۇقتا يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى) ئۇلارغا ئارتىسىلەر، (دېڭىزدا) كېمىلەرگە قاچىلايسىلەر

    ئۇلار يەنە سىلەرگە نۇرغۇن پايدا كەلتۈرىدۇ. سىلەر ئۇلارغا مىنىپ كۆڭلۈڭلارغا پۈككەن يەرگە بارالايسىلەر، سىلەر ئۇلار ئارقىلىق ۋە دېڭىزدا كېمىلەر ئارقىلىق توشۇلىسىلەر [80].

  81. (40-سۈرە غافىر، 81-ئايەت)
    وَيُرِيكُمْ آيَاتِهِ فَأَيَّ آيَاتِ اللَّهِ تُنْكِرُونَ
    ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) قايسى ئالامەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

    ئاللاھ سىلەرگە قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر ئاللاھنىڭ قايسى دەلىللىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ [81].

  82. (40-سۈرە غافىر، 82-ئايەت)
    أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا أَكْثَرَ مِنْهُمْ وَأَشَدَّ قُوَّةً وَآثَارًا فِي الْأَرْضِ فَمَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ بۇلاردىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى، زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي ـ ئىمارەت) جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى

    ئۇ (ئىنكار قىلغۇچى) لار زېمىننى كېزىپ ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ بۇلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى، كۈچ ـ قۇۋۋەت جەھەتتە ئارتۇق ۋە زېمىندا قالدۇرغان ئىزنالىرى بۇلارنىڭكىدىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۆزىگە ئەسقاتمىدى [82].

  83. (40-سۈرە غافىر، 83-ئايەت)
    فَلَمَّا جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَرِحُوا بِمَا عِنْدَهُمْ مِنَ الْعِلْمِ وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
    ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەندە، ئۆزلىرىدە بار ئىلىم بىلەن پەخىرلىنىپ (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە مەسخىرە قىلدى)، ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان (ۋە كەلسە دەپ ئالدىرىغان) ئازاب نازىل بولدى

    ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۆزلىرىنى بىلىملىك چاغلاپ مەغرۇرلىنىپ كەتتى. ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب چۈشتى [83].

  84. (40-سۈرە غافىر، 84-ئايەت)
    فَلَمَّا رَأَوْا بَأْسَنَا قَالُوا آمَنَّا بِاللَّهِ وَحْدَهُ وَكَفَرْنَا بِمَا كُنَّا بِهِ مُشْرِكِينَ
    ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا: «بىز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىز بۇرۇن (ئاللاھقا) شېرىك قىلغانلىرىمىزنى ئىنكار قىلدۇق» دېدى

    ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا: «بىز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىز بۇرۇن (ئاللاھقا) شېرىك قىلغان بۇتلارنى ئىنكار قىلدۇق» دېدى [84].

  85. (40-سۈرە غافىر، 85-ئايەت)
    فَلَمْ يَكُ يَنْفَعُهُمْ إِيمَانُهُمْ لَمَّا رَأَوْا بَأْسَنَا ۖ سُنَّتَ اللَّهِ الَّتِي قَدْ خَلَتْ فِي عِبَادِهِ ۖ وَخَسِرَ هُنَالِكَ الْكَافِرُونَ
    بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، بۇ (يەنى ئازابنى كۆرگەندە ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىلىق بولماسلىقى) ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇتقان يولىدۇر، بۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتقۇچى بولدى

    بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئاندىن ئېيتقان ئىماننىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، بۇ ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرى ئارىسىدا بۇرۇندىن تۇتۇپ كەلگەن يولىدۇر. بۇ چاغدا كافىرلار زىيان تارتتى [85].