ئۆلۈم پەرىشتىسى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئۆلۈم پەرىشتىسى — بەلگىلەنگەن ئۆلۈم ۋاقتىدا روھلارنى چىقىرىۋېلىش ۋەزىپىسىگە ئىگە پەرىشتىلەر.
ئەرەبچىىسى: ملاك الموت
ئېنگلىزچىسى: Angel of Death
10 ئايەت
5 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئۆلۈم ۋە قەبرە /
- 📄 ئۆلۈم پەرىشتىسى
قۇرئان ئايەتلىرى
ئەنئام سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الْقَاهِرُ فَوْقَ عِبَادِهِ ۖ وَيُرْسِلُ عَلَيْكُمْ حَفَظَةً حَتَّىٰ إِذَا جَاءَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ تَوَفَّتْهُ رُسُلُنَا وَهُمْ لَا يُفَرِّطُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى (يەنى قىلغان ـ ئەتكەننى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتىدۇ، بىرىڭلارغا ئۆلۈم كەلسە، ئۇنى بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قەبزى روھ قىلىدۇ. ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاشتا) بىپەرۋالىق قىلمايدۇ[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدىن تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ سىلەرگە كۆزەتكۈچى پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىدۇ، بېرىڭلارغا ئۆلۈم كەلسە، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي ئۇنى قەبزى روھ قىلىدۇ.
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە تولۇق ھۆكۈمراندۇر. ئاللاھ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىدۇ. ئاخىرى سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز سۇسلۇق قىلماستىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇرىدۇ.
6 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ قَالَ أُوحِيَ إِلَيَّ وَلَمْ يُوحَ إِلَيْهِ شَيْءٌ وَمَنْ قَالَ سَأُنْزِلُ مِثْلَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ ۗ وَلَوْ تَرَىٰ إِذِ الظَّالِمُونَ فِي غَمَرَاتِ الْمَوْتِ وَالْمَلَائِكَةُ بَاسِطُو أَيْدِيهِمْ أَخْرِجُوا أَنْفُسَكُمُ ۖ الْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ الْهُونِ بِمَا كُنْتُمْ تَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ وَكُنْتُمْ عَنْ آيَاتِهِ تَسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ماڭا ۋەھىي قىلىندى دېگەن ياكى ئاللاھ نازىل قىلغاندەك مەنمۇ كىتاب نازىل قىلالايمەن دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشىلەر بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە، قورقۇنچلۇق ھالىنى كۆرۈسەن). پەرىشتىلەر (يەنى ئازاب پەرىشتىلىرى) قوللىرىنى سوزۇپ: «سىلەر جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ھەقسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىپتىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەت بەرگەنلىكىڭلار) ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھيى قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ماڭا ۋەھيى قىلىندى دېگەن، ياكى مەنمۇ ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتەك كىتاب نازىل قىلالايمەن دېگەن كىشىلەردىنمۇ قەبىھ كىشىلەر بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) سەن بۇ قەبىھ كىشىلەرنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتىدا كۆرگەن بولساڭ (ئەلۋەتتە، قورقۇنچلۇق بىر ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، شۇ چاغدا پەرىشتىلەر قوللىرىنى سوزۇپ ئۇلارغا: «سىلەر جېنىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ناتوغرا سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىختىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەتەن بەرگەنلىكىڭلار) ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خارلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق: «ماڭا ۋەھىي قىلىندى» دېگەن ۋە: «مەنمۇ ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنىڭ ئوخشىشىنى نازىل قىلالايمەن» دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئى مۇھەممەد! بۇ زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا بىر كۆرسەڭ! ئۇ چاغدا پەرىشتىلەر ئۇلارغا قوللىرىنى سوزۇپ: «قېنى روھلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر. چۈنكى سىلەر ئاللاھقا نالايىق سۆزلەرنى قىلاتتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمەيتتىڭلار» دەيدۇ.
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ تَرَىٰ إِذْ يَتَوَفَّى الَّذِينَ كَفَرُوا ۙ الْمَلَائِكَةُ يَضْرِبُونَ وُجُوهَهُمْ وَأَدْبَارَهُمْ وَذُوقُوا عَذَابَ الْحَرِيقِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرىشتىلەر (بەدرى ئۇرۇشىدا) كاپىرلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرگەن بولاتتىڭ). (پەرىشتىلەر ئۇلارغا): «دوزاخنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئازابىنى تېتىڭلار!» (دەيتتى)[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەر (بەدرى ئۇرۇشىدا) كافىرلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرۇپ، (ئۇلارغا) «دوزاخنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئازابىنى تېتىڭلار!» دەپ جانلىرىنى ئېلىۋاتقان ھالەتنى كۆرگەن بولساڭ، (ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)
ئەنەس ئالىم: سەن ئۇ كافىرلارنىڭ پەرىشتىلەر ۋاپات قىلدۇرغان چاغدىكى ئەھۋالىنى بىر كۆرگەن بولساڭ! ئۇ ئەسنادا پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَتَوَفَّاكُمْ مَلَكُ الْمَوْتِ الَّذِي وُكِّلَ بِكُمْ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ (جېنىڭلارنى ئېلىشقا) مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر»[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەرگە مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «سىلەرنى، سىلەرگە مۇئەككەل قىلىنغان ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋاپات قىلدۇرىدۇ، ئاندىن رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر».
ۋاقىئە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا إِذَا بَلَغَتِ الْحُلْقُومَ
مۇھەممەد سالىھ: جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر[83ـ84].
تەرجىمە ھەيئىتى: جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: نېمىشقا جان ھەلقۇمغا يەتكەندە -
56 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْتُمْ حِينَئِذٍ تَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر[83ـ84].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر قاراپ تۇرىسىلەر!
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۇ ئەسنادا قاراپ تۇرىسىلەر،
قىيامەت سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا إِذَا بَلَغَتِ التَّرَاقِيَ
مۇھەممەد سالىھ: راستتىنلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ[26ـ27].
تەرجىمە ھەيئىتى: راستتىنلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە
ئەنەس ئالىم: ياق7، جان ئوقۇرەك سۆڭەكلىرىگە يەتكەن،
75 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَقِيلَ مَنْ ۜ رَاقٍ
مۇھەممەد سالىھ: راستتىنلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ[26ـ27].
تەرجىمە ھەيئىتى: «كىم داۋالىيالايدۇ؟» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: «كىم ئىلاج قىلالايدۇ؟» دېيىلگەن،
75 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَظَنَّ أَنَّهُ الْفِرَاقُ
مۇھەممەد سالىھ: (سەكراتتا ياتقان ئادەم) بۇنىڭ (دۇنيادىن) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئۇ بۇنىڭ بىر ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەكراتتىكى ئادەم بۇنىڭ دۇنيادىن ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى بىلگەن
75 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْتَفَّتِ السَّاقُ بِالسَّاقِ
مۇھەممەد سالىھ: (سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ۋە پاچاق پاچاققا كىرىشكەن چاغدا،