دىللاردىكى كېسەللىك
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
روھنى بۇزىدىغان ھەسەتخورلۇق، رىيا ۋە قەلبنىڭ قاتتىقلىقى قاتارلىق مەنىۋىي كېسەللىكلەر.
ئەرەبچىىسى: عمراد القلوب
ئېنگلىزچىسى: Diseases of the Heart
28 ئايەت
10 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 كۆڭۈل ۋە روھ /
- 📄 دىللاردىكى كېسەللىك
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلارنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ.
2 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَهُمُ اللَّهُ مَرَضًا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى (يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت) كېسىلى بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى؛ ئۇلار (ئىمان ئېيتتۇق دەپ) يالغان سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە كېسەل بار. ئاللاھ ئۇلارغا يەنە بىر كېسەل زىيادە قىلدى. ئۇلارغا يالغانچىلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەلەملىك ئازاب بار.
2 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ قَسَتْ قُلُوبُكُمْ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ فَهِيَ كَالْحِجَارَةِ أَوْ أَشَدُّ قَسْوَةً ۚ وَإِنَّ مِنَ الْحِجَارَةِ لَمَا يَتَفَجَّرُ مِنْهُ الْأَنْهَارُ ۚ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَشَّقَّقُ فَيَخْرُجُ مِنْهُ الْمَاءُ ۚ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَهْبِطُ مِنْ خَشْيَةِ اللَّهِ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى يەھۇدىيلار جامائەسى!) شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى شانلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن) دىلىڭلار قېتىپ كەتتى، تاشتەك ياكى تاشتىنمۇ قاتتىق قېتىپ كەتتى. تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن (سۇ ئېتىلىپ چىقىپ) ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدىغانلىرىمۇ بار؛ ئاللاھتىن قورقۇپ (تاغ چوققىلىرىدىن) دومىلاپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار (دېمەك، تاش يۇمشايدۇ، سىلەرنىڭ دىلىڭلار بولسا يۇمشىمايدۇ ۋە تەسىرلەنمەيدۇ)، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى يەھۇدىيلار جامائەسى!) شۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار تاشتەك ياكى تاشتىنمۇ بەك قېتىپ كەتتى، ھالبۇكى، تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن سۇ ئېتىلىپ چىقىپ ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدىغانلىرىمۇ بار؛ ئاللاھتىن قورقۇپ ئېگىزدىن دومىلاپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن قەلبلىرىڭلار يەنە قېتىپ كەتتى. تاشتەك، ھەتتا تاشتىنمۇ قاتتىق بولۇپ كەتتى -شۇنداق تاشلار باركى، ئىچىدىن دەريالارنىڭ سۇلىرى ئېتىلىپ چىقىدۇ. يەنە شۇنداق تاشلار باركى، يېرىلىدۇ - دە، باغرىدىن سۇ چىقىدۇ. يەنە شۇنداق تاشلارمۇ باركى، ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۆۋەن تەرەپكە چۈشىدۇ - ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن ھەرگىزمۇ خەۋەرسىز ئەمەس.
2 : 204 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يُعْجِبُكَ قَوْلُهُ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيُشْهِدُ اللَّهَ عَلَىٰ مَا فِي قَلْبِهِ وَهُوَ أَلَدُّ الْخِصَامِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ (لېكىن ئۇ يالغانچى مۇناپىقتۇر)، ئۇ دىلىدىكى نەرسىگە (دىلى باشقا، تىلى باشقا ئەمەسلىكىگە) ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكۈچىلەرگە) ئەشەددىي دۈشمەندۇر (كۆرۈنۈشتە ئۇ شېرىن سۆزى ئارقىلىق دىندار قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ)[204].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ، ئۇ ئەشەددىي دۈشمەن تۇرۇپ دىلىدىكى نەرسىگە ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ.
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشى باركى، دۇنيا ھاياتىغا دائىر قىلغان سۆزى سېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئۇ تېخى سەمىمىي ئىكەنلىكىگە ئاللاھنى شاھىت قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئەڭ ئەشەددىي خۇسۇمەتچىدۇر.
2 : 206 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُ اتَّقِ اللَّهَ أَخَذَتْهُ الْعِزَّةُ بِالْإِثْمِ ۚ فَحَسْبُهُ جَهَنَّمُ ۚ وَلَبِئْسَ الْمِهَادُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا (ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىپ يامان سۆز ـ ھەرىكەتلىرىڭدىن قايتىپ) ئاللاھتىن قورققىن، دېيىلسە، غۇرۇرى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ (يەنى ھەقتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتىپ، پىتنە ـ پاساتتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر[206].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا ئاللاھتىن قورققىن دېيىلسە، تەكەببۇرلۇقى تۇتۇپ، گۇناھقا پاتىدۇ، بۇنداق ئادەمگە جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن!» دېيىلسە، گۇناھى بىلەن مەغرۇرلىنىپ تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ ۖ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ ۗ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ ۗ وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ رَبِّنَا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى - خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (مەنىسى ئېنىق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (مەنىسى ئىنسانلارغا ئېنىق ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرى ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەن كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ. بۇنداق ئايەتلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا يېتىشكەنلەر: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان» دەيدۇ. بۇنىڭدىن پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا نەسىھەت ئالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ساڭا بۇ كىتابنى نازىل قىلدى. ئۇنىڭ بىر قىسمى مۇھكەم ئايەتلەردۇر1. ئۇلار كىتابنىڭ ئاساسىدۇر. يەنە بىر قىسمى بولسا مۇتەشابىھ ئايەتلەردۇر2. قەلبلىرىدە ئەگرىلىك بار كىشىلەر ئۇنىڭ مۇتەشابىھ بولغانلىرىغا ئەگىشىدۇ. ئۇلار پىتنە چىقىرىش ۋە ئۇلارنى تەئۋىل3 قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ تەئۋىلىنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدۇ. ئىلىمدە چوڭقۇرلاشقان كىشىلەر: «بىز بۇنىڭغا ئىمان كەلتۈردۇق، ھەممىسى رەببىمىز تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان» دەيدۇ. بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى تونۇپ يېتەلەيدۇ4.
نىسا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَيْسَتِ التَّوْبَةُ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ حَتَّىٰ إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ إِنِّي تُبْتُ الْآنَ وَلَا الَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمْ كُفَّارٌ ۚ أُولَٰئِكَ أَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كافىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا بىز قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: يامانلىقلارنى قىلىپ، تاكى بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا: «ئەمدى تەۋبە قىلدىم» دېگۈچىلەرنىڭ ۋە كافىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. بىز ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق.
4 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ يُرِيدُ أَنْ يَتُوبَ عَلَيْكُمْ وَيُرِيدُ الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الشَّهَوَاتِ أَنْ تَمِيلُوا مَيْلًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ (بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەكرارلاندى). شەھۋەتلەرگە ئەگىشىدىغانلار (يەنى شەيتانغا ئەگىشىدىغانلار) توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشىڭلارنى (شۇلارغا ئوخشاش فاجىر بولۇشۇڭلارنى) خالايدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىدىغانلار سىلەرنىڭ توغرا يولدىن تولۇق چىقىپ كېتىشىڭلارنى خالايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكۈچىلەر سىلەرنىڭ تامامەن يولدىن چىقىشىڭلارنى خالايدۇ.
4 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُجَادِلْ عَنِ الَّذِينَ يَخْتَانُونَ أَنْفُسَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَنْ كَانَ خَوَّانًا أَثِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: . (گۇناھ قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلغۇچىلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن. خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا چۆمگەن كىشىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: خىيانەت قىلىپ ئۆزىگە زىيان سالغۇچىلارغا بولۇشمىغىن. خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا پاتقان كىشىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن مۇنازىرىلەشمىگىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خائىنلىققا ئادەتلەنگۈچىنى ۋە گۇناھ قىلغۇچىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
4 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْتَخْفُونَ مِنَ النَّاسِ وَلَا يَسْتَخْفُونَ مِنَ اللَّهِ وَهُوَ مَعَهُمْ إِذْ يُبَيِّتُونَ مَا لَا يَرْضَىٰ مِنَ الْقَوْلِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (خىيانەتلىرىنى) ئىنسانلاردىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرىدۇ، ئاللاھتىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرمايدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى (يەنى بوھتان چاپلاش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ۋە يالغان قەسەمنى) پىلانلىغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇراتتى، سۆزىنى ئاڭلاپ تۇراتتى). ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تامامەن بىلگۈچىدۇر[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىلمىشلىرىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرالىغىنى بىلەن، ئاللاھتىن يوشۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان گەپ قىلىشنى مەسلىھەتلەشكەن چاغدا، ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تامامەن بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قىلمىشىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ، ئاللاھتىن يوشۇرۇشقا تىرىشمايدۇ51. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى كېچىدە پىلانلاۋاتقان چاغدا ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُنَافِقِينَ يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَهُوَ خَادِعُهُمْ وَإِذَا قَامُوا إِلَى الصَّلَاةِ قَامُوا كُسَالَىٰ يُرَاءُونَ النَّاسَ وَلَا يَذْكُرُونَ اللَّهَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كۈتىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: « بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ (كاپىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ (ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ)، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ (يەنى رىياكارلىق قىلىدۇ)، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ[142]
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار نامازغا تۇرغاندا خۇشياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، ئاللاھنى ئازلا ياد ئېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇنافىقلار ئاللاھنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىغا جازا بەرگۈچىدۇر. ئۇلار نامازغا تۇرغاندا ھۇرۇنلۇق قىلىشقان ھالدا تۇرىدۇ، ئىنسانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆتەيدۇ ۋە ئاللاھنى بەك ئاز ياد ئېتىدۇ.
مائىد سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِمَا نَقْضِهِمْ مِيثَاقَهُمْ لَعَنَّاهُمْ وَجَعَلْنَا قُلُوبَهُمْ قَاسِيَةً ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَنْ مَوَاضِعِهِ ۙ وَنَسُوا حَظًّا مِمَّا ذُكِّرُوا بِهِ ۚ وَلَا تَزَالُ تَطَّلِعُ عَلَىٰ خَائِنَةٍ مِنْهُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاصْفَحْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ئىماننى قوبۇل قىلىشقا يۇمشىمايدىغان دەرىجىدە) قاتتىق قىلدۇق، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، (ئەگەر تەۋبە قىلسا) ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، (ئەگەر ئىمان ئېيتسا) ئۇلارنى كەچۈرگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ۋەدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلدۇق. ئۇلار تەۋراتتىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلارنى كەچۈرگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇستەھكەم ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى قاتتىق قىلدۇق. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن خائىنلىق بايقاپ تۇرىسەن، ئۇلاردىن ئازغىنە كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا10. سەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن11. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
5 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَطَوَّعَتْ لَهُ نَفْسُهُ قَتْلَ أَخِيهِ فَقَتَلَهُ فَأَصْبَحَ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى قابىل) نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى (يەنى ھابىلنى) ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ (قابىل) نىڭ نەپسى خاھىشى ئۇنى قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ (قابىل) ئۇنى ئۆلتۈرۈپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئاخىرى نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشنى قوبۇل قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.
5 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ لَا يَحْزُنْكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ مِنَ الَّذِينَ قَالُوا آمَنَّا بِأَفْوَاهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِنْ قُلُوبُهُمْ ۛ وَمِنَ الَّذِينَ هَادُوا ۛ سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّاعُونَ لِقَوْمٍ آخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ مِنْ بَعْدِ مَوَاضِعِهِ ۖ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَٰذَا فَخُذُوهُ وَإِنْ لَمْ تُؤْتَوْهُ فَاحْذَرُوا ۚ وَمَنْ يُرِدِ اللَّهُ فِتْنَتَهُ فَلَنْ تَمْلِكَ لَهُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَمْ يُرِدِ اللَّهُ أَنْ يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ ۚ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا (پۇرسەت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئۆلىمالىرى توقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ. ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزئورنىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار ۋە يەھۇدىيلار ئىچىدىكى كۇفرغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار (ئۆلىمالىرى ئوقۇغان) يالغانغا بەك قۇلاق سالىدۇ، سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان باشقا بىر قەۋمنىڭ سۆزىگىمۇ بەك قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتىكى) سۆزلەرنى ئەسلى مەنىسىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر بۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. دىللىرىنى (كۇفردىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى ئەلچى! كۇفرىلىقتا بەسلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار قەلبلىرى ئىمان ئېيتمىغان تۇرۇپ، ئېغىزلىرى بىلەن «ئىمان ئېيتتۇق» دېگەنلەر ۋە يەھۇدىيلاردۇر. ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ساڭا كەلمىگەن باشقا بىر قەۋمگە قۇلاق سالغۇچىلاردۇر. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى تۇتۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلمىسە ساقلىنىڭلار» دەيدۇ. ئاللاھ بىر كىشىنى ئېزىپ كېتىشىنى ئىرادە قىلسا، سەن ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى ھېچ نەرسە قىلالمايسەن. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى پاكلاشنى ئىرادە قىلمىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.
5 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَرَى الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ يُسَارِعُونَ فِيهِمْ يَقُولُونَ نَخْشَىٰ أَنْ تُصِيبَنَا دَائِرَةٌ ۚ فَعَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَ بِالْفَتْحِ أَوْ أَمْرٍ مِنْ عِنْدِهِ فَيُصْبِحُوا عَلَىٰ مَا أَسَرُّوا فِي أَنْفُسِهِمْ نَادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: دىللىرىدا كېسەللىك (يەنى مۇناپىقلىق) بارلارنىڭ (زامان ئۆزگىرىپ كاپىرلار زەپەر تاپسا) ئۆزىمىزگە بىر پالاكەتچىلىك كېلىشىدىن قورقىمىز دەپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىرىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ (رەسۇلۇللاھقا، مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىشنى) ئاتا قىلىدۇ ياكى بىر ئىشنى (يەنى ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشنى) مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ـ دە، كۆڭلىدە يوشۇرغىنى (يەنى مۆمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتقانلىقى) ئۈچۈن ئۇلار نادامەت چېكىدۇ[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: دىللىرىدا كېسەللىك بارلار (مۇناپىقلار) نىڭ بىزگە بىرەر پالاكەتچىلىك كېلىپ قالمىسۇن دەپ، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ يېقىندا (مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە ئاتا قىلىدۇ ياكى بىرەر ھۆكۈمنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ـ دە، دىلىدا كېسىلى بارلار ئۇلارنى كۆڭلىدە يۇشۇرۇن دوست تۇتقانلىقى ئۈچۈن نادامەت چېكىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن قەلبلىرىدە كېسەل بار كىشىلەرنىڭ: «بىزگە پالاكەت كېلىشىدىن قورقىمىز» دەپ ئۇلارنى ۋەلىي قىلىۋېلىشتا بەسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. يېقىندا ئاللاھ پەتىھنى ياكى ئۆز تەرىپىدىن بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى، ئاندىن ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوشۇرغان نەرسىگە پۇشايمان قىلغۇچىلار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن17.
5 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَىٰ كَثِيرًا مِنْهُمْ يُسَارِعُونَ فِي الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَأَكْلِهِمُ السُّحْتَ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![62]
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ تولىسىنى گۇناھ قىلىشتا، دۈشمەنلىك قىلىشتا ۋە ھارام يېيىشتە بەسلىشىۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
5 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
كَانُوا لَا يَتَنَاهَوْنَ عَنْ مُنْكَرٍ فَعَلُوهُ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر ـ بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![79]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر ـ بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىر - بىرىنى قىلغان يامانلىقىدىن توسۇشمايتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنئام سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ بَدَا لَهُمْ مَا كَانُوا يُخْفُونَ مِنْ قَبْلُ ۖ وَلَوْ رُدُّوا لَعَادُوا لِمَا نُهُوا عَنْهُ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى ئۇلارغا ئاشكارا بولدى، ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئىمان ئېيتاتتۇق دېگەن ۋەدىسىدە) يالغانچىلاردۇر[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى ئۆزىگە ئاشكارا بولدى. ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ياق، ئۇلارغا ئىلگىرى يوشۇرغان نەرسىلىرى ئاشكارا بولدى. ئەگەر ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلسا ئىدى، ئۆزلىرى چەكلەنگەن نەرسىگە يەنە قايتاتتى. ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
6 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا إِذْ جَاءَهُمْ بَأْسُنَا تَضَرَّعُوا وَلَٰكِنْ قَسَتْ قُلُوبُهُمْ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ ئۇلارنىڭ دىللىرى قەساۋەتلەشتى (ئىمانغا يۇمشىمىدى)، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ ھەقىقەت شۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن، شەيتان ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتكەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نېمىشقا ھېچبولمىغاندا ئۆزلىرىگە قاتتىق ئازابىمىز كەلگەن چاغدا يېلىنىپ -يالۋۇرۇشمىدى؟ لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قېتىپ كەتتى ۋە شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى.
6 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِتَصْغَىٰ إِلَيْهِ أَفْئِدَةُ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ وَلِيَرْضَوْهُ وَلِيَقْتَرِفُوا مَا هُمْ مُقْتَرِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دىللىرى ئۇلارنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە مايىل بولسۇن، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە ئۇلار قىلىۋاتقان گۇناھلارنى بۇلارمۇ قىلسۇن، دەپ ۋەسۋەسە قىلىدۇ[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دىللىرى ئۇ شېرىن-شېكەر سۆزلەرگە مايىل بولسۇن، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە قىلىۋاتقان گۇناھلىرىنى قىلىۋەرسۇن (ئاخىرى ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ)
ئەنەس ئالىم: ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرى ئۇ شېرىن سۆزلەرگە مايىل بولسۇن، ئۇلار ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە قىلىۋاتقان گۇناھلارنى قىلىۋەرسۇن دەپ شۇنداق پىسىلدايدۇ.
6 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَمَنْ كَانَ مَيْتًا فَأَحْيَيْنَاهُ وَجَعَلْنَا لَهُ نُورًا يَمْشِي بِهِ فِي النَّاسِ كَمَنْ مَثَلُهُ فِي الظُّلُمَاتِ لَيْسَ بِخَارِجٍ مِنْهَا ۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلْكَافِرِينَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كافىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم بىلەن زۇلمەتتە قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم ئوخشاشمۇ؟ كافىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۆلۈك ئىكەن بىز تىرىلدۈرگەن، بىز ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا مېڭىشى ئۈچۈن نۇر بەرگەن كىشى، قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە قېلىپ ئۇلاردىن ھېچ چىقالمىغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كافىرلارغا ئۆز قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى.
تەۋبە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدِ ابْتَغَوُا الْفِتْنَةَ مِنْ قَبْلُ وَقَلَّبُوا لَكَ الْأُمُورَ حَتَّىٰ جَاءَ الْحَقُّ وَظَهَرَ أَمْرُ اللَّهِ وَهُمْ كَارِهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلگىرى ئۇلار تاكى ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغان، ساڭا ھىيلە ـ مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشىنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئىلگىرى ئۇلار تاكى ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئورۇنغان، ساڭا ھىيلە ـ مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى، ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشىنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئىلگىرىمۇ بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغان ۋە ساڭا ھىيلە - مىكىرلەرنى قىلىشقان ئىدى. ئاخىرىدا ھەق كەلدى ۋە ئۇلار يامان كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى غەلىبە قىلدى.
9 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَزَالُ بُنْيَانُهُمُ الَّذِي بَنَوْا رِيبَةً فِي قُلُوبِهِمْ إِلَّا أَنْ تَقَطَّعَ قُلُوبُهُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: تاكى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە ـ پارە بولۇپ ئۆلمىگۈچە، ئۇلارنىڭ سالغان مەسجىدى (يەنى مەسجىدى زىرار) دىللىرىدىكى گۇمان (مۇناپىقلىق) نىڭ يىلتىزى بولۇپ قىلىۋېرىدۇ، ئاللاھ (مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىگە ئاساسەن، ئۇلارنى جازالاشتا) ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاكى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە ـ پارە بولۇپ ئۆلمىگىچە، ئۇلارنىڭ سالغان مەسجىدى -مەسجىدى زىرار-، دىللىرىدىكى گۇماننىڭ يىلتىزى بولۇپ قىلىۋېرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ سالغان بىناسى، قەلبلىرى پارچە - پارچە بولۇپ كەتكەنگە قەدەر قەلبلىرىدە داۋاملىق شەك بولۇپ تۇرىدۇ. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
9 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَتْهُمْ رِجْسًا إِلَىٰ رِجْسِهِمْ وَمَاتُوا وَهُمْ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) غا كېلىدىغان بولساق، بۇ (سۈرە) ئۇلارنىڭ كۇفرىغا كۇفرى قوشتى (يەنى ئۇلار مۇناپىقلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى، تېخىمۇ گۇمراھلاشتى)، ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلدى[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: دىللىرىدا كېسەل بار - مۇناپىق- لارغا كېلىدىغان بولساق، بۇ سۈرە ئۇلارنىڭ كۇفرىغا كۇفرى قوشتى، ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلدى[
ئەنەس ئالىم: قەلبلىرىدە كېسەل بارلارغا كەلسەك، ئۇ سۈرە ئۇلارنىڭ مەينەتچىلىكىگە مەينەتچىلىك قوشتى ۋە ئۇلار كافىر پېتى ئۆلدى.
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَجْعَلَ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ فِتْنَةً لِلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ وَالْقَاسِيَةِ قُلُوبُهُمْ ۗ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ لَفِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھتائالانىڭ مۇنداق قىلىشى) دىللىرىدا كېسەل بارلارنى، دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلەرنى (يەنى ئاللاھنىڭ زىكرىگە دىلى ئېرىمەسلەرنى) شەيتاننىڭ سالغان شۈبھىسى بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر. زالىملار (يەنى يۇقىرىدىكى مۇناپىقلار، مۇشرىكلار) ھەقىقەتەن (ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە) قاتتىق ئاداۋەتتىدۇر[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، دىللىرىدا مۇناپىقلىق كېسىلى بارلارنى، دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلەرنى شەيتاننىڭ سالغان ۋەسۋەسىسى بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر، شۈبھىسىزكى، زالىملار ھەقىقەتەن قاتتىق ئاداۋەتتىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ، ئاللاھنىڭ قەلبلىرىدە كېسەل بولغانلارنى ۋە قەلبلىرى قېتىپ كەتكەنلەرنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن سىنىشى ئۈچۈندۇر. زالىملار ھەقتىن بەك يىراقتىدۇر.
نۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
أَفِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ أَمِ ارْتَابُوا أَمْ يَخَافُونَ أَنْ يَحِيفَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَرَسُولُهُ ۚ بَلْ أُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) ئىللىتى بارمۇ؟ ياكى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن) گۇمانلىنامدۇ؟ يا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىدىن قورقامدۇ؟ ياق، ئۇلار (رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن) زالىمدۇر[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ دىللىرىدا -مۇناپىقلىق- ئىللىتى بارمۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇلار گۇمانلىنامدۇ؟ يا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىدىن قورقامدۇ؟ ياق، ئەنە ئاشۇلار زالىمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە بىرەر كېسەل بارمۇ؟ ياكى ئۇلار شۈبھە ئىچىدىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىزگە زۇلۇم قىلىدۇ دەپ قورقۇۋاتامدۇ؟ ياق، ئەسلىدە ئۇلار زالىملاردۇر.
مۇتەففىفىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
83 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا ۖ بَلْ ۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن
ئەنەس ئالىم: ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى قەلبلىرىنى داتلاشتۇرۇۋەتكەن.
شەمس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
91 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ أَفْلَحَ مَنْ زَكَّاهَا
مۇھەممەد سالىھ: نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: نەپسىنى كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: نەفسىنى بۇلغىغان كىشى ئەلۋەتتە زىيان تارتىدۇ.