كۆڭۈل ۋە روھ
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
تەزكىيە (روھىي پاكلىنىش): قەلب ۋە روھ
ئېنگلىزچىسى: Heart and Soul
112 ئايەت
34 سۈرە
5 تارماق تېما
تېمىلار
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ الْكِتَابُ لَا رَيْبَ ۛ فِيهِ ۛ هُدًى لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ (قۇرئان) مۇقەددەس كىتابتۇر، ئۇنىڭدا شەك-شۈبھە يوقتۇر، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇركى
ئەنەس ئالىم: ئۇ - بۇ كىتابتۇر1، ئىچىدە ھېچ شەك يوقتۇر، تەقۋادارلارنى2 توغرا يولغا يېتەكلىگۈچىدۇر3.
2 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلارنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ.
2 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَهُمُ اللَّهُ مَرَضًا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى (يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت) كېسىلى بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى؛ ئۇلار (ئىمان ئېيتتۇق دەپ) يالغان سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە كېسەل بار. ئاللاھ ئۇلارغا يەنە بىر كېسەل زىيادە قىلدى. ئۇلارغا يالغانچىلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەلەملىك ئازاب بار.
2 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ قَسَتْ قُلُوبُكُمْ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ فَهِيَ كَالْحِجَارَةِ أَوْ أَشَدُّ قَسْوَةً ۚ وَإِنَّ مِنَ الْحِجَارَةِ لَمَا يَتَفَجَّرُ مِنْهُ الْأَنْهَارُ ۚ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَشَّقَّقُ فَيَخْرُجُ مِنْهُ الْمَاءُ ۚ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَهْبِطُ مِنْ خَشْيَةِ اللَّهِ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى يەھۇدىيلار جامائەسى!) شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى شانلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن) دىلىڭلار قېتىپ كەتتى، تاشتەك ياكى تاشتىنمۇ قاتتىق قېتىپ كەتتى. تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن (سۇ ئېتىلىپ چىقىپ) ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدىغانلىرىمۇ بار؛ ئاللاھتىن قورقۇپ (تاغ چوققىلىرىدىن) دومىلاپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار (دېمەك، تاش يۇمشايدۇ، سىلەرنىڭ دىلىڭلار بولسا يۇمشىمايدۇ ۋە تەسىرلەنمەيدۇ)، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى يەھۇدىيلار جامائەسى!) شۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار تاشتەك ياكى تاشتىنمۇ بەك قېتىپ كەتتى، ھالبۇكى، تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن سۇ ئېتىلىپ چىقىپ ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدىغانلىرىمۇ بار؛ ئاللاھتىن قورقۇپ ئېگىزدىن دومىلاپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن قەلبلىرىڭلار يەنە قېتىپ كەتتى. تاشتەك، ھەتتا تاشتىنمۇ قاتتىق بولۇپ كەتتى -شۇنداق تاشلار باركى، ئىچىدىن دەريالارنىڭ سۇلىرى ئېتىلىپ چىقىدۇ. يەنە شۇنداق تاشلار باركى، يېرىلىدۇ - دە، باغرىدىن سۇ چىقىدۇ. يەنە شۇنداق تاشلارمۇ باركى، ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۆۋەن تەرەپكە چۈشىدۇ - ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن ھەرگىزمۇ خەۋەرسىز ئەمەس.
2 : 151 - ئايەت
كۆرۈش
كَمَا أَرْسَلْنَا فِيكُمْ رَسُولًا مِنْكُمْ يَتْلُو عَلَيْكُمْ آيَاتِنَا وَيُزَكِّيكُمْ وَيُعَلِّمُكُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُعَلِّمُكُمْ مَا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك (سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزگىنىمدەك) ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھتىن) پاك قىلىدىغان، سىلەرگە كىتابنى (قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سەھىھ سۈننەتنى) ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق[151].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ (كەئبىنى قىبلە قىلىپ، نېمىتىمىزنى كامالەتكە يەتكۈزۈشىمىز) ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى پاك قىلىدىغان، سىلەرگە قۇرئاننى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىنىمىزگە ئوخشاشتۇر
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئەلچى ئەۋەتىشىمىزمۇ شۇنداق ئىدى47. ئۇ ئەلچى سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ، سىلەرنى پاكلايدۇ، سىلەرگە كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ، سىلەرگە يەنە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگىتىدۇ.
2 : 183 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان) روزىسى پەرز قىلىندى[183].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا پەرز قىلىندى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى. خۇددى سىلەردىن بۇرۇنقىلارغا پەرز قىلىنغاندەك. تەقۋادار بولغايسىلەر!
2 : 197 - ئايەت
كۆرۈش
الْحَجُّ أَشْهُرٌ مَعْلُومَاتٌ ۚ فَمَنْ فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ يَعْلَمْهُ اللَّهُ ۗ وَتَزَوَّدُوا فَإِنَّ خَيْرَ الزَّادِ التَّقْوَىٰ ۚ وَاتَّقُونِ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقىگە مۇناسىۋەتلىك سۆز قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (ھەج ئۈچۈن) ئوزۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار[197].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەجگە ئېھرام باغلىغان ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقىگە دائىر سۆزلەرنى قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جىدەل-ماجىرا قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. (ھەج ئۈچۈن) ئوزۇقلۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! مەندىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ھەج مەلۇم ئايلاردىدۇر. كىم بۇ ئايلاردا ھەجگە ئېھرام باغلىسا، بىلسۇنكى ھەج ئەسناسىدا ئەر - خوتۇن بىر يەردە بولۇشقا، گۇناھ قىلىشقا ۋە جېدەللىشىشكە قەتئىي بولمايدۇ. ياخشىلىقتىن نېمە قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئوزۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋالىقتۇر. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى، ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار!
2 : 204 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يُعْجِبُكَ قَوْلُهُ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيُشْهِدُ اللَّهَ عَلَىٰ مَا فِي قَلْبِهِ وَهُوَ أَلَدُّ الْخِصَامِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ (لېكىن ئۇ يالغانچى مۇناپىقتۇر)، ئۇ دىلىدىكى نەرسىگە (دىلى باشقا، تىلى باشقا ئەمەسلىكىگە) ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكۈچىلەرگە) ئەشەددىي دۈشمەندۇر (كۆرۈنۈشتە ئۇ شېرىن سۆزى ئارقىلىق دىندار قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ)[204].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ، ئۇ ئەشەددىي دۈشمەن تۇرۇپ دىلىدىكى نەرسىگە ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ.
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشى باركى، دۇنيا ھاياتىغا دائىر قىلغان سۆزى سېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئۇ تېخى سەمىمىي ئىكەنلىكىگە ئاللاھنى شاھىت قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئەڭ ئەشەددىي خۇسۇمەتچىدۇر.
2 : 206 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُ اتَّقِ اللَّهَ أَخَذَتْهُ الْعِزَّةُ بِالْإِثْمِ ۚ فَحَسْبُهُ جَهَنَّمُ ۚ وَلَبِئْسَ الْمِهَادُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا (ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىپ يامان سۆز ـ ھەرىكەتلىرىڭدىن قايتىپ) ئاللاھتىن قورققىن، دېيىلسە، غۇرۇرى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ (يەنى ھەقتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتىپ، پىتنە ـ پاساتتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر[206].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا ئاللاھتىن قورققىن دېيىلسە، تەكەببۇرلۇقى تۇتۇپ، گۇناھقا پاتىدۇ، بۇنداق ئادەمگە جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن!» دېيىلسە، گۇناھى بىلەن مەغرۇرلىنىپ تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
2 : 223 - ئايەت
كۆرۈش
نِسَاؤُكُمْ حَرْثٌ لَكُمْ فَأْتُوا حَرْثَكُمْ أَنَّىٰ شِئْتُمْ ۖ وَقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ مُلَاقُوهُ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر). ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالدىنئالا ياخشى ئەمەل تەييارلاڭلار، (گۇناھتىن چەكلىنىش بىلەن) ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھقا مۇلاقات بولۇسىلەر، مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن[223].
تەرجىمە ھەيئىتى: خوتۇنلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر. ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالدىنئالا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھقا مۇلاقات بولۇسىلەر. مۆمىنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر ئېتىزلىقتۇر. ئېتىزلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالدىنئالا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىڭلار63، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھقا چوقۇم مۇلاقات بولىسىلەر. مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
ئال ئىمران سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ ۖ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ ۗ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ ۗ وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ رَبِّنَا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى - خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (مەنىسى ئېنىق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (مەنىسى ئىنسانلارغا ئېنىق ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرى ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەن كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ. بۇنداق ئايەتلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا يېتىشكەنلەر: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان» دەيدۇ. بۇنىڭدىن پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا نەسىھەت ئالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ساڭا بۇ كىتابنى نازىل قىلدى. ئۇنىڭ بىر قىسمى مۇھكەم ئايەتلەردۇر1. ئۇلار كىتابنىڭ ئاساسىدۇر. يەنە بىر قىسمى بولسا مۇتەشابىھ ئايەتلەردۇر2. قەلبلىرىدە ئەگرىلىك بار كىشىلەر ئۇنىڭ مۇتەشابىھ بولغانلىرىغا ئەگىشىدۇ. ئۇلار پىتنە چىقىرىش ۋە ئۇلارنى تەئۋىل3 قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ تەئۋىلىنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدۇ. ئىلىمدە چوڭقۇرلاشقان كىشىلەر: «بىز بۇنىڭغا ئىمان كەلتۈردۇق، ھەممىسى رەببىمىز تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان» دەيدۇ. بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى تونۇپ يېتەلەيدۇ4.
3 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنْ تُخْفُوا مَا فِي صُدُورِكُمْ أَوْ تُبْدُوهُ يَعْلَمْهُ اللَّهُ ۗ وَيَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «دىلىڭلاردىكىنى مەيلى يوشۇرۇڭلار، مەيلى ئاشكارىلاڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «دىلىڭلاردىكىنى مەيلى يوشۇرۇڭلار، مەيلى ئاشكارىلاڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «دىلىڭلاردىكىنى يوشۇرساڭلارمۇ ياكى ئاشكارا قىلساڭلارمۇ، ئاللاھ ئۇنى بىلىدۇ. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىمۇ بىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر».
3 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ھەقىقىي رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا، لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ئاخىرقى نەپىسىڭلارغا قەدەر مۇسۇلمان بولۇڭلار.
3 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تَمْسَسْكُمْ حَسَنَةٌ تَسُؤْهُمْ وَإِنْ تُصِبْكُمْ سَيِّئَةٌ يَفْرَحُوا بِهَا ۖ وَإِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا لَا يَضُرُّكُمْ كَيْدُهُمْ شَيْئًا ۗ إِنَّ اللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەرگە (كەڭچىلىك، مولچىلىق، نۇسرەت، غەنىيمەت قاتارلىق) بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە (ئېغىرچىلىق، قەھەتچىلىك ۋە مەغلۇبىيەت قاتارلىق) بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر (ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە) سەۋر قىلساڭلار ۋە (سۆزۈڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر سەۋر قىلساڭلار ۋە ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدۇ. ئەگەر سىلەرگە بىرەر يامانلىق كەلسە ئۇلار خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
بَلَىٰ ۚ إِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا وَيَأْتُوكُمْ مِنْ فَوْرِهِمْ هَٰذَا يُمْدِدْكُمْ رَبُّكُمْ بِخَمْسَةِ آلَافٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُسَوِّمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنداق، ئۇ يېتىدۇ. ئەگەر (جەڭدە) سەۋر قىلساڭلار، (ئاللاھتىن) قورقۇپ (ئەمرىگە ئىتائەت قىلساڭلار)، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە بەش مىڭ نىشانلىق پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق، ئۇ يېتىدۇ. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، تەقۋادار بولساڭلار، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ئالاھىدە بەلگىلىك بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەلۋەتتە يېتىدۇ. ئەگەر سىلەر سەۋر قىلساڭلار، تەقۋادارلىق قىلساڭلار ۋە دۈشمىنىڭلار ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ كەلسە، رەببىڭلار سىلەرگە نىشانلىق بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ22.
3 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا الرِّبَا أَضْعَافًا مُضَاعَفَةً ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، مەقسىدىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھتىن (نەھيى قىلغان ئىشلارنى تەرك ئېتىپ) قورقۇڭلار[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، مەقسىدىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! قاتمۇقات ئۆسۈمنى يېمەڭلار ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
3 : 138 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا بَيَانٌ لِلنَّاسِ وَهُدًى وَمَوْعِظَةٌ لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (قۇرئان) (پۈتكۈل) ئىنسانلارغا باياندۇر (يەنى ھالال بىلەن ھارامنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ)، تەقۋادارلارغا توغرا يول كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە ۋەز ـ نەسىھەتتۇر[138].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ قۇرئان ئىنسانلارغا باياندۇر، تەقۋادارلارغا توغرا يول كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە ۋەز ـ نەسىھەتتۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ ئىنسانلار ئۈچۈن بايان، تەقۋادارلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نەسىھەتتۇر.
3 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَنْزَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ بَعْدِ الْغَمِّ أَمَنَةً نُعَاسًا يَغْشَىٰ طَائِفَةً مِنْكُمْ ۖ وَطَائِفَةٌ قَدْ أَهَمَّتْهُمْ أَنْفُسُهُمْ يَظُنُّونَ بِاللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ ظَنَّ الْجَاهِلِيَّةِ ۖ يَقُولُونَ هَلْ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ مِنْ شَيْءٍ ۗ قُلْ إِنَّ الْأَمْرَ كُلَّهُ لِلَّهِ ۗ يُخْفُونَ فِي أَنْفُسِهِمْ مَا لَا يُبْدُونَ لَكَ ۖ يَقُولُونَ لَوْ كَانَ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ شَيْءٌ مَا قُتِلْنَا هَاهُنَا ۗ قُلْ لَوْ كُنْتُمْ فِي بُيُوتِكُمْ لَبَرَزَ الَّذِينَ كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقَتْلُ إِلَىٰ مَضَاجِعِهِمْ ۖ وَلِيَبْتَلِيَ اللَّهُ مَا فِي صُدُورِكُمْ وَلِيُمَحِّصَ مَا فِي قُلُوبِكُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە ئەمىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقىي مۆمىنلەرنى) مۈگدەك باستى، يەنە بىر قىسمىڭلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆزلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى (يەنى كۇففارلار قايتا ھۇجۇم قىلارمۇ، دەپ جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى). بۇلار، جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھقا قارىتا ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى، ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدە». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىدە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ (ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ قازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ). (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى پاكلاش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كۆڭۈللەردىكىنى (ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) بىلگۈچىدۇر»[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقىي مۆمىنلەر) مۈگدەپ قالدى، يەنە بىر قىسىملار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز غېمىدە قالدى، بۇلار جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھقا قارىتا بەتگۇماندا بولدى، ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بىز بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيۈڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغان جايىغا بارغان بولاتتى. (ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى تازىلاش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كۆڭۈللەردىكىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇ غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە شۇنداق بىر خاتىرجەملىك تۇيغۇسى چۈشۈرۈپ بەردىكى، ئىچىڭلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى مۈگدەك باستى. بىر قىسىم كىشىلەر بولسا جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى، ئاللاھ توغرىسىدا جاھىلىيەت دەۋرىدىكى گۇمانلىرىغا ئوخشاش ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى ۋە: «بۇ ئىشتىن بىزگە بىرەر نېسىۋە بارمۇ؟» دېيىشتى. ئېيتقىنكى: «پۈتۈن ئىش ئاللاھقا ئائىتتۇر». ئۇلار ساڭا ئوچۇق دېمىگەن نەرسىلىرىنى ئىچىدە ساقلايدۇ ۋە ئۆزئارا: «ئەگەر بۇ ئىشتىن بىزگە بىرەر نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمىگەن بولاتتۇق» دېيىشىدۇ26. ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان بولساڭلارمۇ ئۆلتۈرۈلۈشى يېزىلغان كىشىلەر چوقۇم ئۆلىدىغان يەرلىرىگە چىقاتتى. ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكىنى پاكلاش ئۈچۈن بۇلارنى بېشىڭلارغا كەلتۈردى. ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر».
3 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِلَّهِ وَالرَّسُولِ مِنْ بَعْدِ مَا أَصَابَهُمُ الْقَرْحُ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا مِنْهُمْ وَاتَّقَوْا أَجْرٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇھۇد غازىتىدا) يارىلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلار، ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) دىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ[172].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇھۇد ئۇرۇشىدا) يارىلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان مۆمىنلەر ئىچىدىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە تەقۋادار بولغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۇرۇشتا يارىدار بولغاندىن كېيىنمۇ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلدى. مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدىن مانا مۇشۇنداق ياخشى ئىش قىلغان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ مۇكاپات بار.
3 : 186 - ئايەت
كۆرۈش
لَتُبْلَوُنَّ فِي أَمْوَالِكُمْ وَأَنْفُسِكُمْ وَلَتَسْمَعُنَّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا أَذًى كَثِيرًا ۚ وَإِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ماللىرىڭلاردا (سەدىقىغە بۇيرۇلۇش ۋە ئاپەت يېتىشى بىلەن) ۋە جانلىرىڭلاردا (قەتل قىلىنىش، ئەسىر ئېلىنىش، كېسەل بولۇش بىلەن) چوقۇم سىنىلىسىلەر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن ۋە مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر (يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەۋر قىلساڭلار (سۆزۈڭلار ۋە ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر[186].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر مال-مۈلكۈڭلار ۋە جانلىرىڭلار ئۈستىدە چوقۇم سىنىلىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن، مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، ئاللاھتىن قورقساڭلار، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ھەقىقەتەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر مال ۋە جانلىرىڭلاردا ئەلۋەتتە سىناققا دۇچ كېلىسىلەر، كىتاب بېرىلگەنلەردىن ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەردىن كۆپ ھاقارەت ئاڭلايسىلەر. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، بۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر.
3 : 200 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اصْبِرُوا وَصَابِرُوا وَرَابِطُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! تائەت ـ ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە قارشى زىيادە چىداملىق بولۇڭلار، (چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ) جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار)[200].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! چىداملىق بولۇڭلار، باتۇرلۇق كۆرسىتىڭلار، (جىھادقا) تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلىرىڭلاردىنمۇ بەك چىداملىق بولۇڭلار، ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇڭلار ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
نىسا سۈرىسى
13 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالًا كَثِيرًا وَنِسَاءً ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي تَسَاءَلُونَ بِهِ وَالْأَرْحَامَ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَيْكُمْ رَقِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر ـ بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنسان (ئادەم ئەلەيھىسسالام) دىن ياراتقان، شۇ ئىنساندىن ئۇنىڭ جۈپتى (يەنى ھەۋۋا) نى ياراتقان ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر ـ بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامىنى شېپى كەلتۈرىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئۇ رەببىڭلار شۇنداق زاتكى، سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى، ئۇ نەفسنىڭ جۈپتىنى ئۇ نەفستىن ياراتتى، ئۇ ئىككىسىدىن كۆپ ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى تۆرەلدۈرۈپ تارقاتتى. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلاركى، سىلەر بىر - بىرىڭلاردىن بىر نەرسە سورىغاندا ئۇنىڭ نامى بىلەن سورايسىلەر. تۇغقانلىرىڭلارغا سىيلە - رەھىم قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَلْيَخْشَ الَّذِينَ لَوْ تَرَكُوا مِنْ خَلْفِهِمْ ذُرِّيَّةً ضِعَافًا خَافُوا عَلَيْهِمْ فَلْيَتَّقُوا اللَّهَ وَلْيَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: (كىملەركى) ئۆزلىرىدىن قېلىپ قالىدىغان كىچىك بالىلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن قانداق ئەندىشە قىلىدىغان بولسا، باشقىلارنىڭ قېلىپ قالغان كىچىك بالىلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئەندىشە قىلسۇن، (يېتىملەرنىڭ ئىشىدا) ئاللاھتىن قورقسۇن ۋە توغرا سۆزنى ئېيتسۇن[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزىدىن كېيىن قالىدىغان كىچىك بالىلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلار باشقىلارنىڭ قېلىپ قالغان كىچىك بالىلىرى ئۈچۈنمۇ ئەندىشە قىلسۇن، (يېتىملەرنىڭ ئىشىدا) ئاللاھتىن قورقسۇن ۋە لىللا گەپ قىلسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۆزىنىڭ كۈچسىز بالىلىرى ئۈچۈن بۇلار مەندىن كېيىن قالسا ھالى نېمە بولار؟ دەپ ئەندىشە قىلىدىغانلار، يېتىملەرگە ھەقسىزلىق قىلىشتىن قورقۇپ تىترىسۇن. ئۇلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسۇن ۋە توغرا گەپ قىلسۇن.
4 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَيْسَتِ التَّوْبَةُ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ حَتَّىٰ إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ إِنِّي تُبْتُ الْآنَ وَلَا الَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمْ كُفَّارٌ ۚ أُولَٰئِكَ أَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كافىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا بىز قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: يامانلىقلارنى قىلىپ، تاكى بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا: «ئەمدى تەۋبە قىلدىم» دېگۈچىلەرنىڭ ۋە كافىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. بىز ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق.
4 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ يُرِيدُ أَنْ يَتُوبَ عَلَيْكُمْ وَيُرِيدُ الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الشَّهَوَاتِ أَنْ تَمِيلُوا مَيْلًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ (بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەكرارلاندى). شەھۋەتلەرگە ئەگىشىدىغانلار (يەنى شەيتانغا ئەگىشىدىغانلار) توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشىڭلارنى (شۇلارغا ئوخشاش فاجىر بولۇشۇڭلارنى) خالايدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىدىغانلار سىلەرنىڭ توغرا يولدىن تولۇق چىقىپ كېتىشىڭلارنى خالايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكۈچىلەر سىلەرنىڭ تامامەن يولدىن چىقىشىڭلارنى خالايدۇ.
4 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تَجْتَنِبُوا كَبَائِرَ مَا تُنْهَوْنَ عَنْهُ نُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَنُدْخِلْكُمْ مُدْخَلًا كَرِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىمىز[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىمىز
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر چەكلەنگەن گۇناھلارنىڭ چوڭلىرىدىن ساقلانساڭلار، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل جايغا كىرگۈزىمىز.
4 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يُزَكُّونَ أَنْفُسَهُمْ ۚ بَلِ اللَّهُ يُزَكِّي مَنْ يَشَاءُ وَلَا يُظْلَمُونَ فَتِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرىنى پاك دەپ قارايدىغانلار (يەنى ئۆزلىرىنى تەقۋادارلىق بىلەن مەدھىيەلەيدىغانلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس)، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ زۇلۇم قىلىنمايدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆزىنى پاك دەپ قارايدىغانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلارنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرىنى پاك ھېسابلايدىغان كىشىلەرگە قارىمامسەن؟27 بەلكى ئاللاھ خالىغان كىشىنى پاكلايدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
4 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُجَادِلْ عَنِ الَّذِينَ يَخْتَانُونَ أَنْفُسَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَنْ كَانَ خَوَّانًا أَثِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: . (گۇناھ قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلغۇچىلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن. خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا چۆمگەن كىشىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: خىيانەت قىلىپ ئۆزىگە زىيان سالغۇچىلارغا بولۇشمىغىن. خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا پاتقان كىشىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن مۇنازىرىلەشمىگىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خائىنلىققا ئادەتلەنگۈچىنى ۋە گۇناھ قىلغۇچىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
4 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْتَخْفُونَ مِنَ النَّاسِ وَلَا يَسْتَخْفُونَ مِنَ اللَّهِ وَهُوَ مَعَهُمْ إِذْ يُبَيِّتُونَ مَا لَا يَرْضَىٰ مِنَ الْقَوْلِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (خىيانەتلىرىنى) ئىنسانلاردىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرىدۇ، ئاللاھتىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرمايدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى (يەنى بوھتان چاپلاش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ۋە يالغان قەسەمنى) پىلانلىغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇراتتى، سۆزىنى ئاڭلاپ تۇراتتى). ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تامامەن بىلگۈچىدۇر[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىلمىشلىرىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرالىغىنى بىلەن، ئاللاھتىن يوشۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان گەپ قىلىشنى مەسلىھەتلەشكەن چاغدا، ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تامامەن بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قىلمىشىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ، ئاللاھتىن يوشۇرۇشقا تىرىشمايدۇ51. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى كېچىدە پىلانلاۋاتقان چاغدا ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنِ امْرَأَةٌ خَافَتْ مِنْ بَعْلِهَا نُشُوزًا أَوْ إِعْرَاضًا فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا أَنْ يُصْلِحَا بَيْنَهُمَا صُلْحًا ۚ وَالصُّلْحُ خَيْرٌ ۗ وَأُحْضِرَتِ الْأَنْفُسُ الشُّحَّ ۚ وَإِنْ تُحْسِنُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كېلىشىشى ھېچ گۇناھ ئەمەس، كېلىشىش (ئۈزلۈشۈپ كېتىشتىن) ياخشى. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن، ئەگەر (ئاياللىرىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار، (ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار (ئاللاھ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇپ قېلىشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كېلىشىشى ھېچ گۇناھ ئەمەس، كېلىشىپ قېلىش (ئاجرىشىپ كېتىشتىن) ياخشى. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەندۇر، ئەگەر سىلەر (خوتۇنلىرىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار ۋە (ئۇلارغا ئۇۋال قىلىشتىن) ساقلانساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغانلىرىڭلارنى تولۇق ئۇقۇپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىر ئايال ئېرىنىڭ نۇشۇزىدىن57 ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن قورقسا، ئەر - خوتۇن ئۆزئارا كېلىشسە ئىككىسىگە ھېچ گۇناھ يوق. كېلىشىش ياخشىدۇر. نەفسلەرگە بېخىللىق ۋە ئاچ كۆزلۈك سىڭىپ كەتكەن. ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
4 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنْ تَسْتَطِيعُوا أَنْ تَعْدِلُوا بَيْنَ النِّسَاءِ وَلَوْ حَرَصْتُمْ ۖ فَلَا تَمِيلُوا كُلَّ الْمَيْلِ فَتَذَرُوهَا كَالْمُعَلَّقَةِ ۚ وَإِنْ تُصْلِحُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا (مۇھەببەتتە ۋە دىلنىڭ مايىللىقىدا) باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرسىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ، ئىككىنچىسىنى (ئېرى باردەكمۇ ئەمەس، يوقتەكمۇ ئەمەس) ئېسىپ قويۇلغان ئايالدەك تاشلاپ قويماڭلار، ئەگەر (بۇ جەھەتتىكى قۇسۇرلىرىڭلارنى) تۈزەتسەڭلار، (ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار، ئاللاھ ئەلۋەتتە (سىلەرگە) مەغپىرەت قىلىدۇ، رەھىم قىلىدۇ[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: قانچە تىرىشساڭلارمۇ خوتۇنلىرىڭلارغا (دىلنىڭ مايىللىقىدا) باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ، ئىككىنچىسىنى (ئېرى باردەكمۇ ئەمەس، يوقتەكمۇ ئەمەس) ئېسىپ قويۇلغان خوتۇندەك تاشلاپ قويماڭلار، ئەگەر (بۇ جەھەتتىكى قۇسۇرلىرىڭلارنى) تۈزەتسەڭلار، (ئۇلارغا ئۇۋال قىلىشتىن) ساقلانساڭلار، ئاللاھ ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاياللىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىشقا ھەرگىزمۇ قادىر بولالمايسىلەر. بۇنىڭغا قانچە ئىنتىلسەڭلەرمۇ كۈچۈڭلار يەتمەيدۇ. ئۇنداقتا بىرىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ كېتىپ يەنە بىرىنى ئېسىپ قويۇلغان ئايالغا ئوخشاش قىلىپ قويماڭلار. ئەگەر ئىسلاھ قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار58، بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
4 : 131 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَلَقَدْ وَصَّيْنَا الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَإِيَّاكُمْ أَنِ اتَّقُوا اللَّهَ ۚ وَإِنْ تَكْفُرُوا فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ غَنِيًّا حَمِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق. ئەگەر كاپىر بولساڭلار (كۇفرىڭلار ئاللاھقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ). ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭ (مۈلكى ۋە مەخلۇقاتى)دۇر. ئاللاھ (مەخلۇقاتتىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر[131].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق، ئەگەر كافىر بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ (مەخلۇقاتتىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. بىز سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە سىلەرگە: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دەپ ۋەزىپە تاپشۇردۇق. ئەگەر كافىر بولساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
4 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ بِالْقِسْطِ شُهَدَاءَ لِلَّهِ وَلَوْ عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ أَوِ الْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ ۚ إِنْ يَكُنْ غَنِيًّا أَوْ فَقِيرًا فَاللَّهُ أَوْلَىٰ بِهِمَا ۖ فَلَا تَتَّبِعُوا الْهَوَىٰ أَنْ تَعْدِلُوا ۚ وَإِنْ تَلْوُوا أَوْ تُعْرِضُوا فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا ـ ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار. (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا بولۇشماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار. ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىن يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغۇساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار) ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا ـ ئاناڭلارنىڭ ۋە تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىشكە توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتتە چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھ رازى بولغۇدەك گۇۋاھلىق بېرىڭلار. ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىن يېقىندۇر، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ ھەقىقەتتىن بۇرىلىپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغىساڭلار (يەنى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار) ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ھەققانىيەتتە مۇستەھكەم تۇرغۇچىلار، ئاللاھ ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بولۇڭلار. بېرىدىغان گۇۋاھلىقىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا -ئاناڭلارنىڭ ۋە ياكى ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. ئەگەر زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى كىشى باي ياكى پېقىر بولسا، ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىن يېقىندۇر. ئۇنداقتا ئادىل بولۇشۇڭلار ئۈچۈن نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەڭلار. ئەگەر ئەگرى - بۈگرى قىلساڭلار ياكى يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
4 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُنَافِقِينَ يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَهُوَ خَادِعُهُمْ وَإِذَا قَامُوا إِلَى الصَّلَاةِ قَامُوا كُسَالَىٰ يُرَاءُونَ النَّاسَ وَلَا يَذْكُرُونَ اللَّهَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كۈتىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: « بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ (كاپىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ (ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ)، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ (يەنى رىياكارلىق قىلىدۇ)، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ[142]
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار نامازغا تۇرغاندا خۇشياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، ئاللاھنى ئازلا ياد ئېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇنافىقلار ئاللاھنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىغا جازا بەرگۈچىدۇر. ئۇلار نامازغا تۇرغاندا ھۇرۇنلۇق قىلىشقان ھالدا تۇرىدۇ، ئىنسانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆتەيدۇ ۋە ئاللاھنى بەك ئاز ياد ئېتىدۇ.
مائىد سۈرىسى
20 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِمَا نَقْضِهِمْ مِيثَاقَهُمْ لَعَنَّاهُمْ وَجَعَلْنَا قُلُوبَهُمْ قَاسِيَةً ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَنْ مَوَاضِعِهِ ۙ وَنَسُوا حَظًّا مِمَّا ذُكِّرُوا بِهِ ۚ وَلَا تَزَالُ تَطَّلِعُ عَلَىٰ خَائِنَةٍ مِنْهُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاصْفَحْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ئىماننى قوبۇل قىلىشقا يۇمشىمايدىغان دەرىجىدە) قاتتىق قىلدۇق، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، (ئەگەر تەۋبە قىلسا) ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، (ئەگەر ئىمان ئېيتسا) ئۇلارنى كەچۈرگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ۋەدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلدۇق. ئۇلار تەۋراتتىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلارنى كەچۈرگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇستەھكەم ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى قاتتىق قىلدۇق. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن خائىنلىق بايقاپ تۇرىسەن، ئۇلاردىن ئازغىنە كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا10. سەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن11. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
5 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
لَئِنْ بَسَطْتَ إِلَيَّ يَدَكَ لِتَقْتُلَنِي مَا أَنَا بِبَاسِطٍ يَدِيَ إِلَيْكَ لِأَقْتُلَكَ ۖ إِنِّي أَخَافُ اللَّهَ رَبَّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭنى سوزىدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇمنى سوزمايمەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقىمەن[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭنى سوزىدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇمنى سوزمايمەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھتىن قورقىمەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزاتساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزاتمايمەن. چۈنكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن.
5 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَطَوَّعَتْ لَهُ نَفْسُهُ قَتْلَ أَخِيهِ فَقَتَلَهُ فَأَصْبَحَ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى قابىل) نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى (يەنى ھابىلنى) ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ (قابىل) نىڭ نەپسى خاھىشى ئۇنى قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ (قابىل) ئۇنى ئۆلتۈرۈپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئاخىرى نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشنى قوبۇل قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.
5 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ لَا يَحْزُنْكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ مِنَ الَّذِينَ قَالُوا آمَنَّا بِأَفْوَاهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِنْ قُلُوبُهُمْ ۛ وَمِنَ الَّذِينَ هَادُوا ۛ سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّاعُونَ لِقَوْمٍ آخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ مِنْ بَعْدِ مَوَاضِعِهِ ۖ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَٰذَا فَخُذُوهُ وَإِنْ لَمْ تُؤْتَوْهُ فَاحْذَرُوا ۚ وَمَنْ يُرِدِ اللَّهُ فِتْنَتَهُ فَلَنْ تَمْلِكَ لَهُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَمْ يُرِدِ اللَّهُ أَنْ يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ ۚ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا (پۇرسەت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئۆلىمالىرى توقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ. ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزئورنىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار ۋە يەھۇدىيلار ئىچىدىكى كۇفرغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار (ئۆلىمالىرى ئوقۇغان) يالغانغا بەك قۇلاق سالىدۇ، سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان باشقا بىر قەۋمنىڭ سۆزىگىمۇ بەك قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتىكى) سۆزلەرنى ئەسلى مەنىسىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر بۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. دىللىرىنى (كۇفردىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى ئەلچى! كۇفرىلىقتا بەسلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار قەلبلىرى ئىمان ئېيتمىغان تۇرۇپ، ئېغىزلىرى بىلەن «ئىمان ئېيتتۇق» دېگەنلەر ۋە يەھۇدىيلاردۇر. ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ساڭا كەلمىگەن باشقا بىر قەۋمگە قۇلاق سالغۇچىلاردۇر. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى تۇتۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلمىسە ساقلىنىڭلار» دەيدۇ. ئاللاھ بىر كىشىنى ئېزىپ كېتىشىنى ئىرادە قىلسا، سەن ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى ھېچ نەرسە قىلالمايسەن. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى پاكلاشنى ئىرادە قىلمىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.
5 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَرَى الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ يُسَارِعُونَ فِيهِمْ يَقُولُونَ نَخْشَىٰ أَنْ تُصِيبَنَا دَائِرَةٌ ۚ فَعَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَ بِالْفَتْحِ أَوْ أَمْرٍ مِنْ عِنْدِهِ فَيُصْبِحُوا عَلَىٰ مَا أَسَرُّوا فِي أَنْفُسِهِمْ نَادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: دىللىرىدا كېسەللىك (يەنى مۇناپىقلىق) بارلارنىڭ (زامان ئۆزگىرىپ كاپىرلار زەپەر تاپسا) ئۆزىمىزگە بىر پالاكەتچىلىك كېلىشىدىن قورقىمىز دەپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىرىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ (رەسۇلۇللاھقا، مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىشنى) ئاتا قىلىدۇ ياكى بىر ئىشنى (يەنى ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشنى) مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ـ دە، كۆڭلىدە يوشۇرغىنى (يەنى مۆمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتقانلىقى) ئۈچۈن ئۇلار نادامەت چېكىدۇ[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: دىللىرىدا كېسەللىك بارلار (مۇناپىقلار) نىڭ بىزگە بىرەر پالاكەتچىلىك كېلىپ قالمىسۇن دەپ، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ يېقىندا (مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە ئاتا قىلىدۇ ياكى بىرەر ھۆكۈمنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ـ دە، دىلىدا كېسىلى بارلار ئۇلارنى كۆڭلىدە يۇشۇرۇن دوست تۇتقانلىقى ئۈچۈن نادامەت چېكىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن قەلبلىرىدە كېسەل بار كىشىلەرنىڭ: «بىزگە پالاكەت كېلىشىدىن قورقىمىز» دەپ ئۇلارنى ۋەلىي قىلىۋېلىشتا بەسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. يېقىندا ئاللاھ پەتىھنى ياكى ئۆز تەرىپىدىن بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى، ئاندىن ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوشۇرغان نەرسىگە پۇشايمان قىلغۇچىلار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن17.
5 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَىٰ كَثِيرًا مِنْهُمْ يُسَارِعُونَ فِي الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَأَكْلِهِمُ السُّحْتَ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![62]
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ تولىسىنى گۇناھ قىلىشتا، دۈشمەنلىك قىلىشتا ۋە ھارام يېيىشتە بەسلىشىۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
5 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّ أَهْلَ الْكِتَابِ آمَنُوا وَاتَّقَوْا لَكَفَّرْنَا عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَأَدْخَلْنَاهُمْ جَنَّاتِ النَّعِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) (ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەقىقىي) ئىمان ئېيتسا ۋە (ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن) پەرھىز قىلسا ئىدى، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بىز چوقۇم كەچۈرەتتۇق، ئۇلارنى چوقۇم نازۇ-نېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزەتتۇق[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئەھلى كىتاب ئىمان ئېيتسا ۋە تەقۋادار بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بىز چوقۇم كەچۈرەتتۇق، ئۇلارنى چوقۇم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئەھلى كىتاب ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىۋېتەتتۇق ۋە ئۇلارنى نەئىم20 جەننەتلىرىگە كىرگۈزەتتۇق.
5 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
كَانُوا لَا يَتَنَاهَوْنَ عَنْ مُنْكَرٍ فَعَلُوهُ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر ـ بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![79]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر ـ بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىر - بىرىنى قىلغان يامانلىقىدىن توسۇشمايتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
5 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا سَمِعُوا مَا أُنْزِلَ إِلَى الرَّسُولِ تَرَىٰ أَعْيُنَهُمْ تَفِيضُ مِنَ الدَّمْعِ مِمَّا عَرَفُوا مِنَ الْحَقِّ ۖ يَقُولُونَ رَبَّنَا آمَنَّا فَاكْتُبْنَا مَعَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ھەقىقەتنى تونۇغانلىقلىرىدىن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز، بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى (پەيغەمبىرىڭنى، كىتابىڭنى) ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتارىدا قىلغىن[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغدا ھەقىقەتنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ياش قويۇلغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئى رەببىمىز، بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى (پەيغەمبىرىڭنى، كىتابىڭنى) ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتارىدا قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەسۇلۇللاھقا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ھەقنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ25 قاتارىغا يازغىن.
5 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُحَرِّمُوا طَيِّبَاتِ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَعْتَدُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزۈڭلارغا) ھارام قىلماڭلار، (ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ (ئىزاھات: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋېتىش، گۆش يېمەسلىك، ئاياللارغا يېقىن يولىماسلىق نىيىتىگە كەلگەن ئىدى، بۇ توغرىدا بۇ ئايەت نازىل بولغان.) [87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ئۆزۈڭلارغا ھارام قىلماڭلار،بەلگىلەنگەن چەكتىن ئاشماڭلار. ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلماڭلار ۋە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
5 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
وَكُلُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ حَلَالًا طَيِّبًا ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي أَنْتُمْ بِهِ مُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقان ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ھالال ۋە پاك رىزىقتىن يەڭلار، ئۆزۈڭلار ئىمان ئېيتقان ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.
5 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ عَلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جُنَاحٌ فِيمَا طَعِمُوا إِذَا مَا اتَّقَوْا وَآمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ ثُمَّ اتَّقَوْا وَآمَنُوا ثُمَّ اتَّقَوْا وَأَحْسَنُوا ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر (ھارام قىلىنمىغان نەرسىلەرنى) يېسە، ئىچسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، قاچانكى ئۇلار (ھارام نەرسىلەردىن) ساقلانسا، ئىمانىدا ۋە ياخشى ئەمەللىرىدە ئىزچىل بولسا، ئاندىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) يەنە ساقلانسا ۋە ھارام دەپ ئېتىقاد قىلسا، ئاندىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن داۋاملىق) ساقلانسا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلسا، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئەگەر (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ساقلىنىپ ئىمانىدا چىڭ تۇرغان ھەم ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسا، ئاندىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) داۋاملىق ساقلىنىپ ئىمانىدا چىڭ تۇرغان بولسا، ئاندىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ئىزچىل تۈردە ساقلىنىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ (ئىلگىرى) يېگەن-ئىچكەنلىرىدە ئۇلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار يەپ - ئىچكىنىدە ھېچ گۇناھكار بولمايدۇ28. بۇ ئۇلار تەقۋادارلىق قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن يەنە تەقۋادارلىق قىلغان ۋە ئىمان ئېيتقان، ئاندىن يەنە تەقۋادارلىق قىلغان ۋە ياخشىلىق قىلغان تەقدىردە مۇشۇنداقتۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
5 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَيَبْلُوَنَّكُمُ اللَّهُ بِشَيْءٍ مِنَ الصَّيْدِ تَنَالُهُ أَيْدِيكُمْ وَرِمَاحُكُمْ لِيَعْلَمَ اللَّهُ مَنْ يَخَافُهُ بِالْغَيْبِ ۚ فَمَنِ اعْتَدَىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَلَهُ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! كۆرمەي تۇرۇپ ئاللاھتىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەن ئوۋلىنىدىغان بىر ئاز ئوۋ بىلەن ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم سىنايدۇ، كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورقىدىغانلارنى ئايرىش ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەنلا ئوۋلىغىلى بولغۇدەك ئوۋ بىلەن چوقۇم سىنايدۇ. كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى قوللىرىڭلار ۋە نەيزىلىرىڭلار بىلەن ئوۋلىيالىغۇدەك ئوۋ بىلەن سىنايدۇ. ئاللاھ بۇنى، كۆرمەي تۇرۇپ ئۆزىدىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن قىلىدۇ. كىم بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشىدىكەن، ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
5 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْتُلُوا الصَّيْدَ وَأَنْتُمْ حُرُمٌ ۚ وَمَنْ قَتَلَهُ مِنْكُمْ مُتَعَمِّدًا فَجَزَاءٌ مِثْلُ مَا قَتَلَ مِنَ النَّعَمِ يَحْكُمُ بِهِ ذَوَا عَدْلٍ مِنْكُمْ هَدْيًا بَالِغَ الْكَعْبَةِ أَوْ كَفَّارَةٌ طَعَامُ مَسَاكِينَ أَوْ عَدْلُ ذَٰلِكَ صِيَامًا لِيَذُوقَ وَبَالَ أَمْرِهِ ۗ عَفَا اللَّهُ عَمَّا سَلَفَ ۚ وَمَنْ عَادَ فَيَنْتَقِمُ اللَّهُ مِنْهُ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ ذُو انْتِقَامٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئىشنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر ياكى كەففارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە ئاش بېرىشتۇر ياكى ھەر مىسكىنگە بېرىدىغان ئاشنىڭ باراۋىرىگە بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. ئۆتكەنكى گۇناھنى (يەنى بۇ ئايەت چۈشۈشتىن بۇرۇن ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئۆلتۈرگەن بولساڭلار، بۇنى) ئاللاھ ئەپۇ قىلدى، كىمكى قايتا گۇناھ ئۆتكۈزسە (يەنى قايتىدىن ئوۋ ئۆلتۈرسە)، ئاللاھ ئۇنى جازالايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) جازالىغۇچىدۇر[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا تەڭداش كەلگۈدەك چارۋىدىن بىرنى كەئبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر، ياكى كەفارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە ئاش بېرىشتۇر، ياكى ھەر مىسكىنگە بېرىدىغان ئاشنىڭ باراۋىرىگە بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. (ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئۆلتۈرگەن) بۇرۇنقى گۇناھنى ئاللاھ ئەپۇ قىلدى، كىمكى بۇ گۇناھنى قايتا ئۆتكۈزسە، ئاللاھ ئۇنى جازالايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، گۇناھكارلارنى) جازالىغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا ئوۋنى ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىم ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن جازاسى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئۇ كىشى ئۆلتۈرگەن ئوۋغا تەڭ كېلىدىغان بىر ھايۋاندۇر - بۇنىڭغا سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشى ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ ھايۋاننى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىش لازىم - ياكى مىسكىنلەرگە تائام بېرىش كەففارىتىدۇر ياكى ئۇنىڭ باراۋىرىگە روزا تۇتۇشتۇر. بۇ جازا ئۇ كىشىنىڭ ئۆز قىلمىشىنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئىلگىرىكى گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلدى. كىمكى قايتا گۇناھ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ئىنتىقام ئىگىسىدۇر.
5 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
أُحِلَّ لَكُمْ صَيْدُ الْبَحْرِ وَطَعَامُهُ مَتَاعًا لَكُمْ وَلِلسَّيَّارَةِ ۖ وَحُرِّمَ عَلَيْكُمْ صَيْدُ الْبَرِّ مَا دُمْتُمْ حُرُمًا ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دېڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى، مادامىكى سىلەر ئېھرامدا ياكى ھەرەمدە ئىكەنسىلەر، قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش سىلەرگە ھارام قىلىندى، سىلەر (قىيامەت كۈنى) دەرگاھىغا توپلىنىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ (ئېھرامدىكىلەرنىڭ) ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ۋە ئۇلارنى يېيىش ھالال قىلىندى. سىلەر ئېھرامدا بولغان ۋاقتىڭلاردا قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش سىلەرگە ھارام قىلىندى. سىلەر دەرگاھىغا توپلىنىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە دېڭىزنىڭ ئوۋى ۋە يېمەكلىكى ھالال قىلىندى. بۇ سىلەرنى ۋە يولۇچىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. سىلەر ئېھرامدىلا بولىدىكەنسىلەر، قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋى سىلەرگە ھارام قىلىندى. سىلەر ھۇزۇرىغا يىغىلىدىغان ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.
5 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَا يَسْتَوِي الْخَبِيثُ وَالطَّيِّبُ وَلَوْ أَعْجَبَكَ كَثْرَةُ الْخَبِيثِ ۚ فَاتَّقُوا اللَّهَ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، گەرچە ھارامنىڭ كۆپلۈكى (ئى تىڭشىغۇچى) سېنى ئەجەبلەندۈرسىمۇ، ھارام بىلەن ھالال باراۋەر ئەمەس. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «گەرچە ناپاك نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكى سېنى تاڭ قالدۇرسىمۇ، ناپاك بىلەن پاك باراۋەر بولالمايدۇ». ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ناپاك بىلەن پاك باراۋەر بولمايدۇ، ناپاكنىڭ كۆپلۈكى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ شۇنداق. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! ئۇنداقتا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر».
5 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا عَلَيْكُمْ أَنْفُسَكُمْ ۖ لَا يَضُرُّكُمْ مَنْ ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ ۚ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى (گۇناھتىن) ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا ماڭساڭلار، توغرا يولدىن ئاداشقانلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ساقلاڭلار. سىلەر توغرا يولدا بولساڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەر سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
5 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَنْ يَأْتُوا بِالشَّهَادَةِ عَلَىٰ وَجْهِهَا أَوْ يَخَافُوا أَنْ تُرَدَّ أَيْمَانٌ بَعْدَ أَيْمَانِهِمْ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاسْمَعُوا ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (ئۇسۇل) گۇۋاھچىلارنى ئەڭ توغرا گۇۋاھلىق بېرىدىغان قىلىشقا، قىلغان قەسىمىنىڭ رەت قىلىنىشىدىن (يەنى ئۇلاردىن كېيىن باشقىلار قەسەم قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ رەسۋا بولۇشىدىن) قورقىدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىن (ئۇسۇل) دۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) ئاڭلاڭلار. ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئۇسۇل گۇۋاھچىلارنى ئەڭ توغرا گۇۋاھلىق بېرىدىغان قىلىشقا، قىلغان قەسىمىنىڭ كېيىنكى ئىككى گۇۋاھچىنىڭ قەسىمى بىلەن رەت قىلىنىشىدىن قورقىدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) ئاڭلاڭلار. ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقنى ئۆز يولى بىلەن ئادا قىلىشى ئۈچۈن ياكى ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىدىن كېيىن باشقا قەسەملەرنىڭ قىلىنىشىدىن قورقۇشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدۇر33. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە قۇلاق سېلىڭلار. ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
5 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ هَلْ يَسْتَطِيعُ رَبُّكَ أَنْ يُنَزِّلَ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ ۖ قَالَ اتَّقُوا اللَّهَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېدى. ئىيسا: «ئەگەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنسەڭلار (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېدى[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ چاغدا ھاۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئاسماندىن تاماق بار بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى. ئىيسا: «ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى، ئىيسا: «مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دېدى.
5 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اللَّهُ هَٰذَا يَوْمُ يَنْفَعُ الصَّادِقِينَ صِدْقُهُمْ ۚ لَهُمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر»[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ سەمىمىيىتى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ راستچىللارغا راستچىللىقى پايدا يەتكۈزىدىغان كۈندۇر. ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر».
ئەنئام سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ بَدَا لَهُمْ مَا كَانُوا يُخْفُونَ مِنْ قَبْلُ ۖ وَلَوْ رُدُّوا لَعَادُوا لِمَا نُهُوا عَنْهُ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى ئۇلارغا ئاشكارا بولدى، ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئىمان ئېيتاتتۇق دېگەن ۋەدىسىدە) يالغانچىلاردۇر[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى ئۆزىگە ئاشكارا بولدى. ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ياق، ئۇلارغا ئىلگىرى يوشۇرغان نەرسىلىرى ئاشكارا بولدى. ئەگەر ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلسا ئىدى، ئۆزلىرى چەكلەنگەن نەرسىگە يەنە قايتاتتى. ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
6 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا إِذْ جَاءَهُمْ بَأْسُنَا تَضَرَّعُوا وَلَٰكِنْ قَسَتْ قُلُوبُهُمْ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ ئۇلارنىڭ دىللىرى قەساۋەتلەشتى (ئىمانغا يۇمشىمىدى)، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ ھەقىقەت شۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن، شەيتان ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتكەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نېمىشقا ھېچبولمىغاندا ئۆزلىرىگە قاتتىق ئازابىمىز كەلگەن چاغدا يېلىنىپ -يالۋۇرۇشمىدى؟ لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قېتىپ كەتتى ۋە شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى.
6 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا عَلَى الَّذِينَ يَتَّقُونَ مِنْ حِسَابِهِمْ مِنْ شَيْءٍ وَلَٰكِنْ ذِكْرَىٰ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: تەقۋادارلارغا (قۇرئاننى مەسخىرە قىلغۇچى) كاپىرلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، لېكىن تەقۋادارلار ئۇلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشلىرى كېرەك. (شۇنداق قىلغاندا) ئۇلار (قۇرئاننى مەسخىرە قىلىشتىن) ساقلىنىشلىرى مۇمكىن[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەقۋادارلارغا ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، لېكىن تەقۋادارلار ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلمىشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشى كېرەك.
ئەنەس ئالىم: تەقۋادار بولغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچقانداق مەسئۇلىيەت يوق. لېكىن ساقلىنار دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇلارغا ئەسلىتىش كېرەك7.
6 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِتَصْغَىٰ إِلَيْهِ أَفْئِدَةُ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ وَلِيَرْضَوْهُ وَلِيَقْتَرِفُوا مَا هُمْ مُقْتَرِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دىللىرى ئۇلارنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە مايىل بولسۇن، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە ئۇلار قىلىۋاتقان گۇناھلارنى بۇلارمۇ قىلسۇن، دەپ ۋەسۋەسە قىلىدۇ[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دىللىرى ئۇ شېرىن-شېكەر سۆزلەرگە مايىل بولسۇن، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە قىلىۋاتقان گۇناھلىرىنى قىلىۋەرسۇن (ئاخىرى ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ)
ئەنەس ئالىم: ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرى ئۇ شېرىن سۆزلەرگە مايىل بولسۇن، ئۇلار ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە قىلىۋاتقان گۇناھلارنى قىلىۋەرسۇن دەپ شۇنداق پىسىلدايدۇ.
6 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَمَنْ كَانَ مَيْتًا فَأَحْيَيْنَاهُ وَجَعَلْنَا لَهُ نُورًا يَمْشِي بِهِ فِي النَّاسِ كَمَنْ مَثَلُهُ فِي الظُّلُمَاتِ لَيْسَ بِخَارِجٍ مِنْهَا ۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلْكَافِرِينَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كافىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم بىلەن زۇلمەتتە قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم ئوخشاشمۇ؟ كافىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۆلۈك ئىكەن بىز تىرىلدۈرگەن، بىز ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا مېڭىشى ئۈچۈن نۇر بەرگەن كىشى، قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە قېلىپ ئۇلاردىن ھېچ چىقالمىغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كافىرلارغا ئۆز قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى.
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 201 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ اتَّقَوْا إِذَا مَسَّهُمْ طَائِفٌ مِنَ الشَّيْطَانِ تَذَكَّرُوا فَإِذَا هُمْ مُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ ـ دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ[201].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا ئاللاھنى ئەسلەيدۇ ـ دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋالالايدۇ
ئەنەس ئالىم: تەقۋادار كىشىلەر ئۆزلىرىگە شەيتاندىن بىرەر ۋەسۋەسە تەگسە، ھوشىنى يىغىدۇ - دە، ھەقىقەتنى كۆرىدۇ.
ئەنفال سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ آيَاتُهُ زَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا كامىل مۆمىنلەردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار شۇنداق كىشىلەركى، ‹ئاللاھ› دېيىلسە قورقۇپ يۈرەكلىرى تىترەيدۇ، ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانلىرى زىيادە بولىدۇ، رەببىگىلا تەۋەككۇل قىلىدۇ.
8 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ يُغَشِّيكُمُ النُّعَاسَ أَمَنَةً مِنْهُ وَيُنَزِّلُ عَلَيْكُمْ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً لِيُطَهِّرَكُمْ بِهِ وَيُذْهِبَ عَنْكُمْ رِجْزَ الشَّيْطَانِ وَلِيَرْبِطَ عَلَىٰ قُلُوبِكُمْ وَيُثَبِّتَ بِهِ الْأَقْدَامَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھتىنچلاندۇرۇش يۈزىسىدىن سىلەرگە ئۇيقۇ بېغىشلىدى؛ (تاھارەت ئېلىپ، غۇسلى قىلىپ) پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلىپ) كۆڭلۈڭلارنىڭ توق تۇرۇشى ئۈچۈن، قەدىمىڭلارنىڭ (قۇمغا پېتىپ كەتمەي) مەزمۇت تۇرۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، سىلەرگە يەڭگىل ئۇيقۇ بېغىشلىغان ئىدى؛ سىلەرنى پاكلاش ئۈچۈن، سىلەردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن، كۆڭلۈڭلارنى توق تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، (قۇملۇقتا) قەدىمىڭلارنى مەزمۇت تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئاللاھ سىلەرنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن مۈگدەتكەن ئىدى. سىلەرنى پاكلاش، سىلەردىن شەيتاننىڭ مەينىتىنى كەتكۈزۈش، قەلبىڭلارنى پۈتۈنلەش ۋە قەدەملىرىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئۈستۈڭلارغا سۇ چۈشۈرگەن ئىدى.
تەۋبە سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدِ ابْتَغَوُا الْفِتْنَةَ مِنْ قَبْلُ وَقَلَّبُوا لَكَ الْأُمُورَ حَتَّىٰ جَاءَ الْحَقُّ وَظَهَرَ أَمْرُ اللَّهِ وَهُمْ كَارِهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلگىرى ئۇلار تاكى ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغان، ساڭا ھىيلە ـ مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشىنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئىلگىرى ئۇلار تاكى ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئورۇنغان، ساڭا ھىيلە ـ مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى، ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشىنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئىلگىرىمۇ بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغان ۋە ساڭا ھىيلە - مىكىرلەرنى قىلىشقان ئىدى. ئاخىرىدا ھەق كەلدى ۋە ئۇلار يامان كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى غەلىبە قىلدى.
9 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّهُمْ رَضُوا مَا آتَاهُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَقَالُوا حَسْبُنَا اللَّهُ سَيُؤْتِينَا اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ وَرَسُولُهُ إِنَّا إِلَى اللَّهِ رَاغِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگىنىگە رازى بولسا ۋە: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن ئاللاھتىن (ئاللاھنىڭ پەزلىنى، ئېھسانىنى) ئۆتۈنۈپ سورىغۇچىلارمىز» دېسە، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگىنىگە رازى بولسا ۋە: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن ئاللاھتىن ئاللاھنىڭ پەزلىنى، ئېھسانىنى ئۆتۈنۈپ سورىغۇچىلارمىز» دېسە، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بەرگەن نەرسىگە رازى بولغان ۋە: «ئاللاھ بىزگە يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ بىزگە يېقىندا ئۆز پەزلىدىن بېرىدۇ، ئەلچىسىمۇ بېرىدۇ، بىز ئاللاھقىلا ئۈمىد باغلىغۇچىلارمىز» دېگەن بولسا ئىدى، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى.
9 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَزَالُ بُنْيَانُهُمُ الَّذِي بَنَوْا رِيبَةً فِي قُلُوبِهِمْ إِلَّا أَنْ تَقَطَّعَ قُلُوبُهُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: تاكى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە ـ پارە بولۇپ ئۆلمىگۈچە، ئۇلارنىڭ سالغان مەسجىدى (يەنى مەسجىدى زىرار) دىللىرىدىكى گۇمان (مۇناپىقلىق) نىڭ يىلتىزى بولۇپ قىلىۋېرىدۇ، ئاللاھ (مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىگە ئاساسەن، ئۇلارنى جازالاشتا) ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاكى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە ـ پارە بولۇپ ئۆلمىگىچە، ئۇلارنىڭ سالغان مەسجىدى -مەسجىدى زىرار-، دىللىرىدىكى گۇماننىڭ يىلتىزى بولۇپ قىلىۋېرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ سالغان بىناسى، قەلبلىرى پارچە - پارچە بولۇپ كەتكەنگە قەدەر قەلبلىرىدە داۋاملىق شەك بولۇپ تۇرىدۇ. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
9 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَتْهُمْ رِجْسًا إِلَىٰ رِجْسِهِمْ وَمَاتُوا وَهُمْ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) غا كېلىدىغان بولساق، بۇ (سۈرە) ئۇلارنىڭ كۇفرىغا كۇفرى قوشتى (يەنى ئۇلار مۇناپىقلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى، تېخىمۇ گۇمراھلاشتى)، ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلدى[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: دىللىرىدا كېسەل بار - مۇناپىق- لارغا كېلىدىغان بولساق، بۇ سۈرە ئۇلارنىڭ كۇفرىغا كۇفرى قوشتى، ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلدى[
ئەنەس ئالىم: قەلبلىرىدە كېسەل بارلارغا كەلسەك، ئۇ سۈرە ئۇلارنىڭ مەينەتچىلىكىگە مەينەتچىلىك قوشتى ۋە ئۇلار كافىر پېتى ئۆلدى.
يۈسۈف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَأَجْرُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ لِلَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە، (بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ئارتۇقتۇر[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە ئارتۇقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاخىرەتتىكى ئەجىر، ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر.
12 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَإِنَّكَ لَأَنْتَ يُوسُفُ ۖ قَالَ أَنَا يُوسُفُ وَهَٰذَا أَخِي ۖ قَدْ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْنَا ۖ إِنَّهُ مَنْ يَتَّقِ وَيَصْبِرْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «سەن راستتىنلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «مەن يۈسۈف، بۇ مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن (ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سەن راستتىنلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «مەن يۈسۈف، بۇ بولسا مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن - بىلسۈنكى-، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سەن، سەن راستىنلا يۇسۇفمۇ؟» دېدى. يۇسۇف: «ھەئە مەن يۇسۇف، بۇ بولسا قېرىندىشىم. ئاللاھ بىزگە ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلدى. چۈنكى كىم تەقۋادارلىق قىلسا ۋە سەۋر قىلسا، ئاللاھ بۇنداق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى.
رەئد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَصِلُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ وَيَخَافُونَ سُوءَ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ (خىش ـ ئەقرىبالارغا) سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، قاتتىق ھېساب ئېلىنىشىدىن قورقىدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ -خىش ـ ئەقرىبالارغا- سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ ۋە ھېسابنىڭ يامان بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمر قىلغان نەرسىنى ئۇلايدىغان، رەببىدىن ئەيمىنىدىغان ۋە يامان ھېسابتىن قورقىدىغان كىشىلەردۇر.
ھىجىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّقُوا اللَّهَ وَلَا تُخْزُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن قورقۇڭلار (مېھمىنىمنى خارلاش ئارقىلىق) مېنى خارلىماڭلار»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە مېنى خارلىماڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مېنى خىجىل قىلماڭلار».
نەھىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَهُ الدِّينُ وَاصِبًا ۚ أَفَغَيْرَ اللَّهِ تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئىبادەت ھەمىشە ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا بىرىدىن قورقامسىلەر؟[52]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئىبادەت ھەمىشە ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ غەيرىيدىن قورقامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى پەقەتلا ئاللاھتۇر. دىنمۇ ھەر دائىم ئۇنىڭدۇر4. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا ئاللاھتىن غەيرىيدىن قورقامسىلەر؟
16 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ مَعَ الَّذِينَ اتَّقَوْا وَالَّذِينَ هُمْ مُحْسِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلىق قىلغانلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
خَالِدِينَ فِيهَا لَا يَبْغُونَ عَنْهَا حِوَلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار فىردەۋس جەننەتلىرىدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن يۆتكىلىشنى خالىمايدۇ[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار فىردەۋس جەننەتلىرىدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن يۆتكىلىشنى خالىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ ۋە ئۇ جەننەتلەردىن ئايرىلىشنى ھېچ ئارزۇ قىلمايدۇ.
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَنَانًا مِنْ لَدُنَّا وَزَكَاةً ۖ وَكَانَ تَقِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى (ناچار خىسلەتلەردىن) پاك قىلىش يۈزىسىدىن (شۇنداق قىلدۇق)، يەھيا تەقۋادار ئىدى[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى پاك قىلىش يۈزىسىدىن -شۇنداق قىلدۇق-، يەھيا تەقۋادار ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز يەنە ئۇنىڭغا ئۆز تەرىپىمىزدىن شەپقەت تۇيغۇسى ۋە پاكلىق ئاتا قىلدۇق. ئۇ تەقۋادار ئىدى،
تاھا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي أَنَا رَبُّكَ فَاخْلَعْ نَعْلَيْكَ ۖ إِنَّكَ بِالْوَادِ الْمُقَدَّسِ طُوًى
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس ۋادى تۇۋادىسەن[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ رەببىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس ۋادى بولغان تۇۋادا سەن
ئەنەس ئالىم: مەن سېنىڭ رەببىڭدۇرمەن! كەشلىرىڭنى سىلىۋەتكىن! چۈنكى سەن مۇقەددەس ۋادى تۇۋادىسەن.
20 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَا تَخَافَا ۖ إِنَّنِي مَعَكُمَا أَسْمَعُ وَأَرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر قورقماڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (ئۇنىڭ سىلەرگە بەرگەن جاۋابىنى) ئاڭلاپ تۇرىمەن، (ئۇنىڭ سىلەرگە قىلىدىغانلىرىنى) كۆرۈپ تۇرىمەن[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر قورقماڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە، ئاڭلاپ تۇرىمەن، ۋە كۆرۈپ تۇرىمەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «قورقماڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن. ئاڭلاپ تۇرىمەن، كۆرۈپ تۇرىمەن.
20 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
جَنَّاتُ عَدْنٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ مَنْ تَزَكَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (دەرىجىلەر) دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇ يەرلەردە ئۇ مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇ (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولغان ئادەمگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ - دەرىجىلەر- دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇ يەرلەردە ئۇ مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇ -كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن- پاك بولغان ئادەمگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئەدن جەننەتلىرى. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. مانا بۇ ئۆزىنى پاك تۇتقانلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
20 : 131 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَمُدَّنَّ عَيْنَيْكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعْنَا بِهِ أَزْوَاجًا مِنْهُمْ زَهْرَةَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا لِنَفْتِنَهُمْ فِيهِ ۚ وَرِزْقُ رَبِّكَ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بىز (كۇففارلاردىن) تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇ - زىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساۋابى بۇ پانىي نېمەتتىن) ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر[131].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، رەببىڭنىڭ رىزقى تېخىمۇ ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز بىر قىسىم كافىرلارنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيا زىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن. بىز ئۇلارنى ئۇ نەرسىلەر بىلەن سىنايمىز. رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى رىزىق ياخشى ۋە باقىيدۇر.
ھەج سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ وَمَنْ يُعَظِّمْ شَعَائِرَ اللَّهِ فَإِنَّهَا مِنْ تَقْوَى الْقُلُوبِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنىي ئىشلارنى (جۈملىدىن ھەجنىڭ ئەمەللىرىنى، قۇربانلىقلارنى) ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنىي ئىشلارنى ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش مانا مۇشۇنداقتۇر. كىم ئاللاھ قويغان نىشانلارغا ھۆرمەت قىلىدىكەن، بىلسۇنكى، بۇ قەلبلەرنىڭ تەقۋالىقىدىندۇر.
22 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
لَنْ يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَاؤُهَا وَلَٰكِنْ يَنَالُهُ التَّقْوَىٰ مِنْكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرَهَا لَكُمْ لِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ ۗ وَبَشِّرِ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا (ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى ئەسلا يېتىپ بارمايدۇ، لېكىن ئاللاھقا تەقۋادارلىق يېتىپ بارىدۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلىگەنلىكىنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشلىرىمۇ، قانلىرىمۇ يەتمەيدۇ. لېكىن ئاللاھقا سىلەرنىڭ تەقۋالىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
22 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَجْعَلَ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ فِتْنَةً لِلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ وَالْقَاسِيَةِ قُلُوبُهُمْ ۗ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ لَفِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھتائالانىڭ مۇنداق قىلىشى) دىللىرىدا كېسەل بارلارنى، دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلەرنى (يەنى ئاللاھنىڭ زىكرىگە دىلى ئېرىمەسلەرنى) شەيتاننىڭ سالغان شۈبھىسى بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر. زالىملار (يەنى يۇقىرىدىكى مۇناپىقلار، مۇشرىكلار) ھەقىقەتەن (ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە) قاتتىق ئاداۋەتتىدۇر[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، دىللىرىدا مۇناپىقلىق كېسىلى بارلارنى، دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلەرنى شەيتاننىڭ سالغان ۋەسۋەسىسى بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر، شۈبھىسىزكى، زالىملار ھەقىقەتەن قاتتىق ئاداۋەتتىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ، ئاللاھنىڭ قەلبلىرىدە كېسەل بولغانلارنى ۋە قەلبلىرى قېتىپ كەتكەنلەرنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن سىنىشى ئۈچۈندۇر. زالىملار ھەقتىن بەك يىراقتىدۇر.
نۇر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ وَمَنْ يَتَّبِعْ خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ فَإِنَّهُ يَأْمُرُ بِالْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ ۚ وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ مَا زَكَىٰ مِنْكُمْ مِنْ أَحَدٍ أَبَدًا وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يُزَكِّي مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، شەيتان ئۇنى قەبىھ (سۆز ـ ھەرىكەتلەر) گە، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچ ئادەم ئەبەدىي پاك بولماس ئىدى ۋەلېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، شەيتان ئۇنى قەبىھ سۆز ـ ھەرىكەتلەرگە ۋە يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچ ئادەم ئەبەدىي پاك بولماس ئىدى ۋە لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلەر بىلىپ قويسۇنكى، شەيتان ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى قەبىھ ئىشلارغا ۋە يامان سۆز - ھەرىكەتلەرگە بۇيرۇيدۇ. ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچكىم مەڭگۈ پاك بولالمايتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى پاكلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
24 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَنْزَلْنَا إِلَيْكُمْ آيَاتٍ مُبَيِّنَاتٍ وَمَثَلًا مِنَ الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلِكُمْ وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر!) بىز سىلەرگە روشەن ئايەتلەرنى، سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن مىساللارنى ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەتلەرنى شەك – شۈبھىسىز نازىل قىلدۇق[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك - شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە روشەن ئايەتلەرنى، سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن مىساللارنى ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتلەرنى نازىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ھەقىقەتنى بايان قىلغۇچى ئايەتلەر، سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەرنىڭ ئەھۋاللىرىدىن مىساللار ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن نەسىھەتلەر نازىل قىلدۇق.
24 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
أَفِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ أَمِ ارْتَابُوا أَمْ يَخَافُونَ أَنْ يَحِيفَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَرَسُولُهُ ۚ بَلْ أُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) ئىللىتى بارمۇ؟ ياكى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن) گۇمانلىنامدۇ؟ يا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىدىن قورقامدۇ؟ ياق، ئۇلار (رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن) زالىمدۇر[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ دىللىرىدا -مۇناپىقلىق- ئىللىتى بارمۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇلار گۇمانلىنامدۇ؟ يا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىدىن قورقامدۇ؟ ياق، ئەنە ئاشۇلار زالىمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە بىرەر كېسەل بارمۇ؟ ياكى ئۇلار شۈبھە ئىچىدىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىزگە زۇلۇم قىلىدۇ دەپ قورقۇۋاتامدۇ؟ ياق، ئەسلىدە ئۇلار زالىملاردۇر.
24 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَخْشَ اللَّهَ وَيَتَّقْهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَائِزُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن ئەيمەنگەن ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردۇر.
شۇئەرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا مَنْ أَتَى اللَّهَ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت (ئاللاھنىڭ دەرگاھى) غا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ»[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا پاك قەلب بىلەن كەلگەن كىشى مۇستەسنا»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا».
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
لِيُنْذِرَ مَنْ كَانَ حَيًّا وَيَحِقَّ الْقَوْلُ عَلَى الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرگە) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر[69ـ70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ، پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغاندۇر.
ئەنەس ئالىم: ئۇ قۇرئان مۇھەممەدنىڭ تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ئازاب سۆزىنىڭ كافىرلارغا تېگىشلىك بولۇشى ئۈچۈن نازىل قىلىندى.
ساففات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ جَاءَ رَبَّهُ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام (يەنى مۇشرىكلىكتىن، شەكتىن پاك) دىل بىلەن كەلگەن ئىدى[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم رەببىغا ساغلام دىل بىلەن كەلگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەن ئىدى.
زۇمەر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ شَرَحَ اللَّهُ صَدْرَهُ لِلْإِسْلَامِ فَهُوَ عَلَىٰ نُورٍ مِنْ رَبِّهِ ۚ فَوَيْلٌ لِلْقَاسِيَةِ قُلُوبُهُمْ مِنْ ذِكْرِ اللَّهِ ۚ أُولَٰئِكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى ئۈستىدە بولغان ئادەم (دىلى كور ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ؟ ئاللاھنىڭ زىكرىنى تەرك ئەتكەنلىكتىن دىللىرى قېتىپ كەتكەنلەرگە ۋاي! ئەنە شۇلار روشەن گۇمراھلىقتىدۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلامغا ئېچىۋاتقانلار، رەببىنىڭ نۇرى ئۈستىدىدۇر. قەلبى ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن يۇمشىمىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئەنە شۇلار روشەن گۇمراھلىقتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنىڭ كۆكسىنى ئىسلامغا ئاچسا، ئۇ كىشى رەببىدىن كەلگەن نۇر ئۈستىدە بولمامدۇ؟ ئاللاھنىڭ زىكرىگە قەلبى قاتتىق بولغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئەنە شۇلار ئاشكارا ئازغۇنلۇقتىدۇر.
39 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ نَزَّلَ أَحْسَنَ الْحَدِيثِ كِتَابًا مُتَشَابِهًا مَثَانِيَ تَقْشَعِرُّ مِنْهُ جُلُودُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمْ وَقُلُوبُهُمْ إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُدَى اللَّهِ يَهْدِي بِهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. (پاساھەتتە، بالاغەتتە) ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، (ۋەز ـ نەسىھەتلەر، ئەھكاملار، قىسسەلەر ئۇنىڭدا) تەكرارلىنىدۇ، (قۇرئاندىكى ئازاب ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا) پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتىگە دائىر ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا)، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشاپ (ئارام تاپىدۇ)، ئەنە شۇ (يەنى قۇرئان) ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن (ئاللاھ) خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان، تەكرارلىنىدىغان رەۋىشتە بىر كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى. رەببىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ تىرىلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشايدۇ، ئەنە شۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ ھىدايەت رەھبىرىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشى ھىدايەت تاپىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر - بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن - ئىككىدىن بولغان كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى. رەببىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ تېرىلىرى ئۇنىڭدىن تىترەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ تېرىلىرى ۋە قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۇمشايدۇ. ئەنە شۇ كىتاب ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا لَعِبٌ وَلَهْوٌ ۚ وَإِنْ تُؤْمِنُوا وَتَتَّقُوا يُؤْتِكُمْ أُجُورَكُمْ وَلَا يَسْأَلْكُمْ أَمْوَالَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ۋە تاماشادىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار (ئاللاھ) سىلەرگە ئەجرىڭلارنى بېرىدۇ، مال ـ مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى (بېرىشنى) سورىمايدۇ (پەقەت زاكاتنى بېرىشىڭلارنى سورايدۇ)[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت بىر ئويۇن ۋە تاماشادىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، -ئاللاھ- سىلەرگە ئەجرىڭلارنى بېرىدۇ، مال ـ مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى سورىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ دۇنيا ھاياتى ئويۇن ۋە بىھۇدە مەشغۇلاتتىنلا ئىبارەتتۇر. ئەگەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەجرىڭلارنى بېرىدۇ ۋە سىلەردىن مال - مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى تەلەپ قىلمايدۇ.
فەتىھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ جَعَلَ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي قُلُوبِهِمُ الْحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ الْجَاهِلِيَّةِ فَأَنْزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ وَعَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَأَلْزَمَهُمْ كَلِمَةَ التَّقْوَىٰ وَكَانُوا أَحَقَّ بِهَا وَأَهْلَهَا ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار قىزىق قانلىقىنى – جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىزىق قانلىقىنى – دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە تەمكىنلىكنى چۈشۈردى. ئۇلارغا تەقۋا كەلىمىسىنى (يەنى كەلىمە تەۋھىدنى) ئىختىيار قىلدى. مۆمىنلەر تەقۋا كەلىمىسىگە ئەڭ لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار قىزىققانلىقىنى - جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىزىققانلىقىنى - دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلارغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ تەقۋا كەلىمىسىگە رېئايە قىلىشلىرىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. مۇئمىنلار تەقۋا كەلىمىسىگە ئەڭ لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا كافىرلار قەلبلىرىگە ئەسەبىيلىكنى - جاھىلىيەت ئەسەبىيلىكىنى - پۈككەن ئىدى. ئاللاھ خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى رەھمىتىنى ئۆزىنىڭ ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا نازىل قىلدى، ئۇلارنى تەقۋا سۆزىگە باغلىق قىلدى. ئۇلار ئۇ سۆزگە لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ھۇجۇرات سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
49 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيِ اللَّهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا (ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋە سۆزنى) ئالدى بىلەن قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى ۋە ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا ئالدىپەشلىك قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئالدىغا ئۆتمەڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
49 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَغُضُّونَ أَصْوَاتَهُمْ عِنْدَ رَسُولِ اللَّهِ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ امْتَحَنَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ لِلتَّقْوَىٰ ۚ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان، ئۇلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان، ئۇلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ يېنىدا ئاۋازلىرىنى پەسەيتكەنلەر، ئاللاھ قەلبلىرىنى تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر بار.
49 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَاعْلَمُوا أَنَّ فِيكُمْ رَسُولَ اللَّهِ ۚ لَوْ يُطِيعُكُمْ فِي كَثِيرٍ مِنَ الْأَمْرِ لَعَنِتُّمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ حَبَّبَ إِلَيْكُمُ الْإِيمَانَ وَزَيَّنَهُ فِي قُلُوبِكُمْ وَكَرَّهَ إِلَيْكُمُ الْكُفْرَ وَالْفُسُوقَ وَالْعِصْيَانَ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الرَّاشِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىلىڭلاركى، ئىچىڭلاردا رەسۇلۇللاھ (يەنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى) بار، ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا، چوقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا كۆركەم قىلدى، سىلەرگە پىسقىنى، كۇفرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە نېمىتى بىلەن توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[7ـ8].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلىڭلاركى، ئىچىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بار، ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا، چوقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا كۆركەم قىلدى، سىلەرگە پىسقىنى، كۇفرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى
ئەنەس ئالىم: بىلىڭلاركى، ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ رەسۇلى بار. ئەگەر ئۇ كۆپ ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى ياخشى كۆرسەتتى، ئۇنى قەلبلىرىڭلاردا گۈزەللەشتۈردى، سىلەرگە كافىرلىقنى، فاسىقلىقنى ۋە ئاسىيلىقنى يامان كۆرسەتتى. ئەنە شۇلار توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر.
49 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ فَأَصْلِحُوا بَيْنَ أَخَوَيْكُمْ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلار ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر، شۇنداق بولغانىكەن قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار قېرىنداشتۇر. ئۇنداقتا ئىككى قېرىندىشىڭلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ قويۇڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر.
49 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اجْتَنِبُوا كَثِيرًا مِنَ الظَّنِّ إِنَّ بَعْضَ الظَّنِّ إِثْمٌ ۖ وَلَا تَجَسَّسُوا وَلَا يَغْتَبْ بَعْضُكُمْ بَعْضًا ۚ أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ أَنْ يَأْكُلَ لَحْمَ أَخِيهِ مَيْتًا فَكَرِهْتُمُوهُ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ تَوَّابٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، (مۆمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان) تەۋبىسىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر.(ئىزاھات:غەيۋەتنىڭ زىيادە قەبىھ ئىكەنلىكىگە تەمسىل.)[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، بىر-بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى[1] ياقتۇرامدۇ؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ تەۋبەقىلغۇچىلارنىڭ قىلغان تەۋبىسىنى بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! گۇماننىڭ تولىسىدىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى گۇماننىڭ بەزىسى گۇناھتۇر. بىر -بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىر - بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار. سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
قاف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
تَبْصِرَةً وَذِكْرَىٰ لِكُلِّ عَبْدٍ مُنِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بىر بەندىگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋە (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) ئەسلىتىش ئۈچۈن (شۇنداق قىلدۇق)[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بىر بەندىگە -ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى- كۆرسىتىش ۋە ئەسلىتىش ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇنى ئاللاھقا يۆنەلگەن ھەرقانداق بەندىنىڭ ئەقىل كۆزىنى ئېچىش ۋە ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق.
50 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُزْلِفَتِ الْجَنَّةُ لِلْمُتَّقِينَ غَيْرَ بَعِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: جەننەت تەقۋادارلارغا يىراق بولمىغان جايغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: جەننەت تەقۋادارلارغا يىراق بولمىغان جايغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ، يىراقتا بولمايدۇ.
تۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا إِنَّا كُنَّا قَبْلُ فِي أَهْلِنَا مُشْفِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ھەقىقەتەن (دۇنيادىكى چاغدا) ئائىلىمىزدە (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقاتتۇق[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ھەقىقەتەن دۇنيادىكى چاغدا ئائىلىمىزدە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقاتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىلگىرى ئائىلىمىزنىڭ ئىچىدىكى چېغىمىزدا قورقاتتۇق.
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَائِرَ الْإِثْمِ وَالْفَوَاحِشَ إِلَّا اللَّمَمَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ وَاسِعُ الْمَغْفِرَةِ ۚ هُوَ أَعْلَمُ بِكُمْ إِذْ أَنْشَأَكُمْ مِنَ الْأَرْضِ وَإِذْ أَنْتُمْ أَجِنَّةٌ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ ۖ فَلَا تُزَكُّوا أَنْفُسَكُمْ ۖ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اتَّقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى (ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ، ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالا) ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھەقىقەتەن رەببىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىدىغان كىشىلەردۇر. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ مەغپىرىتى كەڭ زاتتۇر. ئۇ سىلەرنىڭ، سىلەرنى ئۆزى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى ئەھۋالىڭلارنىمۇ، سىلەر ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدا تۆرەلمىلەر ھالىتىدە بولۇۋاتقان چاغدىكى ئەھۋالىڭلارنىمۇ ئوبدان بىلگۈچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار. ئاللاھ تەقۋادار بولغان كىشىنى ئوبدان بىلىدۇ.
ھەدىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَأْنِ لِلَّذِينَ آمَنُوا أَنْ تَخْشَعَ قُلُوبُهُمْ لِذِكْرِ اللَّهِ وَمَا نَزَلَ مِنَ الْحَقِّ وَلَا يَكُونُوا كَالَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلُ فَطَالَ عَلَيْهِمُ الْأَمَدُ فَقَسَتْ قُلُوبُهُمْ ۖ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ فَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرى ۋە نازىل بولغان ھەقىقەت - قۇرئان- بىلەن ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار، ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردەك بولمىسۇنكى، زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلارغا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە قەلبلىرى ئېرىيدىغان، ئىلگىرى كىتاب بېرىلىپ زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن قەلبلىرى قېتىپ كەتكەن كىشىلەردەك بولمايدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقلار ئىدى.
57 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
لِكَيْلَا تَأْسَوْا عَلَىٰ مَا فَاتَكُمْ وَلَا تَفْرَحُوا بِمَا آتَاكُمْ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھتائالانىڭ ئۇلارنى لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىشى) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ئاللاھ مۇتەكەببىرلەر ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق بولۇشى، قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ئاللاھ مۇتەكەببىرلەرنى ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرماسلىقىڭلار ۋە ئاللاھ ئاتا قىلغان نەرسە بىلەن كۆرەڭلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھاكاۋۇرلارنى ۋە مەنمەنچىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ھەشر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ أَنْزَلْنَا هَٰذَا الْقُرْآنَ عَلَىٰ جَبَلٍ لَرَأَيْتَهُ خَاشِعًا مُتَصَدِّعًا مِنْ خَشْيَةِ اللَّهِ ۚ وَتِلْكَ الْأَمْثَالُ نَضْرِبُهَا لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى تاغقا نازىل قىلغان بولساق، سەن ئۇ تاغنى ئاللاھتىن ئەيمىنىپ ئېھتىرام بىلەن باش ئەگكەن ۋە يېرىلىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرەتتىڭ. بىز بۇ مىساللارنى ئىنسانلارغا تەپەككۇر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز.
ئەبەسە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّهُ يَزَّكَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) نېمە بىلىسەن؟ (بەلكى) ئۇ (سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىشى مۇمكىن[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- نېمە بىلىسەن؟ بەلكى ئۇ پاكلىنىشى مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن نەدىن بىلىسەن؟ بەلكى ئۇ پاكلىنىدۇ
مۇتەففىفىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
83 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا ۖ بَلْ ۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن
ئەنەس ئالىم: ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى قەلبلىرىنى داتلاشتۇرۇۋەتكەن.
ئەئلا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ أَفْلَحَ مَنْ تَزَكَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: پاك بولغان ئادەم مەخسىتىگە يېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇنداق كىشى چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ: پاكلانغان
شەمس سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
91 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّاهَا
مۇھەممەد سالىھ: نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى[7ـ8]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: ئۇ زات نەفسكە فۇجۇرىنى1 ۋە تەقۋالىقىنى ئىلھام قىلدى-،
91 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: نەفسىنى پاكلىغان كىشى ئەلۋەتتە مۇرادىغا يېتىدۇ.
91 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ أَفْلَحَ مَنْ زَكَّاهَا
مۇھەممەد سالىھ: نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: نەپسىنى كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: نەفسىنى بۇلغىغان كىشى ئەلۋەتتە زىيان تارتىدۇ.
لەيل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
92 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَيُجَنَّبُهَا الْأَتْقَى
مۇھەممەد سالىھ: پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ[17ـ18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ، پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى سەرپ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ پاكلىنىش ئۈچۈن مېلىنى بېرىدىغان كىشىدۇر.
92 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ رَبِّهِ الْأَعْلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئېھسان قىلغۇچى ئادەم) (پەرۋەردىگارىنىڭ بەرگەن مۇكاپاتىدىن) چوقۇم رازى بولىدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ چوقۇم رازى بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇ يېقىندا رازىلىققا ئېرىشىدۇ.