ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە سەخاۋىتىگە بولغان ئۈمىد
ئەرەبچىىسى: راجا
ئېنگلىزچىسى: Hope in Allah's Mercy
23 ئايەت
12 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 تەۋبە ۋە قايتىش /
- 📄 ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 201 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى كىشىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ[201].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى كىشىلەر: «ئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى: «رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ.
2 : 218 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَاجَرُوا وَجَاهَدُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُولَٰئِكَ يَرْجُونَ رَحْمَتَ اللَّهِ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار- ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[218].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار __ ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلسا بولىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
2 : 268 - ئايەت
كۆرۈش
الشَّيْطَانُ يَعِدُكُمُ الْفَقْرَ وَيَأْمُرُكُمْ بِالْفَحْشَاءِ ۖ وَاللَّهُ يَعِدُكُمْ مَغْفِرَةً مِنْهُ وَفَضْلًا ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقىتىدۇ، يامان ئىشلارغا (يەنى بېخىللىققا، زاكات بەرمەسلىككە) بۇيرۇيدۇ؛ ئاللاھ سىلەرگە ئۆز مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[268].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقىتىدۇ، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ؛ ئاللاھ سىلەرگە ئۆز مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقۇتۇپ، قەبىھ ئىشقا76 بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئۆز تەرىپىدىن مەغپىرەت ۋە ئىلتىپات ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا إِنَّنَا آمَنَّا فَاغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ تەقۋادارلار: «ئى رەببىمىز! بىز شۈبھىسىز ساڭا ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى: «رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ.
3 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَارِعُوا إِلَىٰ مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار[133].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىشكە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە كىرىشكە ئالدىراڭلار
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارغا ۋە زېمىنغا تەڭ كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ئالدىراڭلار! ئۇ جەننەت تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان.
نىسا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
فَأُولَٰئِكَ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَعْفُوَ عَنْهُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَفُوًّا غَفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلغاي. ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشىدىن ئۈمىد بار. ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
4 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَعْمَلْ سُوءًا أَوْ يَظْلِمْ نَفْسَهُ ثُمَّ يَسْتَغْفِرِ اللَّهَ يَجِدِ اللَّهَ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، ئۇ ئاللاھنىڭ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىمكى بىرەر يامانلىق قىلىپ ياكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.
مائىد سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا مِنْ قَبْلِ أَنْ تَقْدِرُوا عَلَيْهِمْ ۖ فَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر تۇتۇۋېلىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر تۇتۇۋېلىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
5 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ تَابَ مِنْ بَعْدِ ظُلْمِهِ وَأَصْلَحَ فَإِنَّ اللَّهَ يَتُوبُ عَلَيْهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى (ئوغرىلىق قىلىپ كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا، (ئەمەلىنى) تۈزىسە (يەنى ئوغرىلىق قىلىشتىن يانسا)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى (ئوغرىلىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلىپ (قىلمىشىنى) تۈزەتسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: كىمكى زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزىتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
5 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَا يَتُوبُونَ إِلَى اللَّهِ وَيَسْتَغْفِرُونَهُ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلمامدۇ؟ ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمامدۇ؟ ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا بولمامدۇ؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلمامدۇ ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىمەمدۇ؟ ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
5 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا لَنَا لَا نُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَمَا جَاءَنَا مِنَ الْحَقِّ وَنَطْمَعُ أَنْ يُدْخِلَنَا رَبُّنَا مَعَ الْقَوْمِ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز نېمىشقا ئاللاھقا، بىزگە كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمەيلى؟ ھالبۇكى، بىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى ياخشى كىشىلەر قاتارىدا (جەننەتكە) كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز»[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز نېمىشقا ئاللاھقا، بىزگە كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمەيلى؟ ھالبۇكى، بىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى ياخشى كىشىلەر بىلەن بىللە (جەننەتكە) كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز»
ئەنەس ئالىم: بىز نېمىشقا ئاللاھقا ۋە بىزگە كەلگەن ھەقكە ئىمان ئېيتمايمىز؟ ھالبۇكى، بىز رەببىمىزنىڭ بىزنى ياخشى قەۋمنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈشىنى تەمە قىلىمىز».
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ يُصْرَفْ عَنْهُ يَوْمَئِذٍ فَقَدْ رَحِمَهُ ۚ وَذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشۇ كۈندە كىمكى ئازابتىن قۇتۇلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىدۇ، ئەنە شۇ روشەن نىجات تاپقانلىقتۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشۇ كۈندە كىمكى ئازابتىن قۇتۇلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىدۇ، ئەنە شۇ روشەن نىجات تاپقانلىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈندە كىمدىن ئازاب قايتۇرۇلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلغان بولىدۇ. مانا بۇ ئوچۇق - ئاشكارا مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا سُقِطَ فِي أَيْدِيهِمْ وَرَأَوْا أَنَّهُمْ قَدْ ضَلُّوا قَالُوا لَئِنْ لَمْ يَرْحَمْنَا رَبُّنَا وَيَغْفِرْ لَنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (موزايغا چوقۇنغانلىقلىرىغا) پۇشايمان قىلغان ۋە راست ئازغانلىقلىرىنى چۈشەنگەن چاغدا: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى[149].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پۇشايمان قىلغان ۋە ھەقىقىي ئازغانلىقىنى چۈشەنگەن چاغدا: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پۇشايمان قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ راستتىنلا ئېزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن چېغىدا: «ئەگەر رەببىمىز بىزگە مەرھەمەت قىلمىسا ۋە بىزگە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز» دېدى.
تەۋبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
وَآخَرُونَ اعْتَرَفُوا بِذُنُوبِهِمْ خَلَطُوا عَمَلًا صَالِحًا وَآخَرَ سَيِّئًا عَسَى اللَّهُ أَنْ يَتُوبَ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: يەنە بىر قىسىم كىشىلەر گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلدى (يەنى باشقىلارغا ئوخشاش جىھادقا چىقمىغانلىقىغا يالغان ئۆزرە ئېيتمىدى). ئۇلار ياخشى ئىشقا يامان ئىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە بىر قىسىم كىشىلەر گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇلار ياخشى ئىشقا يامان ئىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويدى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈمىدلىكتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلغان باشقىلىرىمۇ بار. ئۇلار ياخشى ئىشنى يامان ئىش بىلەن ئارىلاشتۇردى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
يۈسۈف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِيَّ اذْهَبُوا فَتَحَسَّسُوا مِنْ يُوسُفَ وَأَخِيهِ وَلَا تَيْأَسُوا مِنْ رَوْحِ اللَّهِ ۖ إِنَّهُ لَا يَيْأَسُ مِنْ رَوْحِ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ»[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۇسۇفنى ۋە قېرىندىشىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كافىر قەۋملا نائۈمىد بولىدۇ».
ھىجىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ وَمَنْ يَقْنَطُ مِنْ رَحْمَةِ رَبِّهِ إِلَّا الضَّالُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىدىن گۇمراھلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دېدى[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم: «رەببىنىڭ رەھمىتىدىن گۇمراھلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم: «رەببىنىڭ رەھمىتىدىن ئازغۇنلاردىن باشقا كىم نائۈمىد بولىدۇ؟» دېدى.
تاھا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
مَا أَنْزَلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآنَ لِتَشْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئاننى ساڭا سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس[2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاننى ساڭا سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا قۇرئاننى جاپا تارتىشىڭ ئۈچۈن نازىل قىلمىدۇق.
20 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَا رَبَّنَا إِنَّنَا نَخَافُ أَنْ يَفْرُطَ عَلَيْنَا أَوْ أَنْ يَطْغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىزنى ئالدىراپ جازالىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېيىشتى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىزنى ئالدىراپ جازالىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: مۇسا بىلەن ھارۇن: «رەببىمىز! ئۇنىڭ دەۋىتىمىزنى ئاڭلىمايلا بىزگە يامانلىق قىلىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېدى.
20 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَا تَخَافَا ۖ إِنَّنِي مَعَكُمَا أَسْمَعُ وَأَرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر قورقماڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (ئۇنىڭ سىلەرگە بەرگەن جاۋابىنى) ئاڭلاپ تۇرىمەن، (ئۇنىڭ سىلەرگە قىلىدىغانلىرىنى) كۆرۈپ تۇرىمەن[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر قورقماڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە، ئاڭلاپ تۇرىمەن، ۋە كۆرۈپ تۇرىمەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «قورقماڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن. ئاڭلاپ تۇرىمەن، كۆرۈپ تۇرىمەن.
20 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْنَا لَا تَخَفْ إِنَّكَ أَنْتَ الْأَعْلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بىز (ئۇنىڭغا) ئېيتتۇقكى، «قورقمىغىن، سەن چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسەن[68]،
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز -ئۇنىڭغا- ئېيتتۇقكى، «قورقمىغىن، سەن چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسەن
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «قورقمىغىن! سەن ئەلۋەتتە غالىپ كېلىسەن.
ئەنبىيا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَجَبْنَا لَهُ فَكَشَفْنَا مَا بِهِ مِنْ ضُرٍّ ۖ وَآتَيْنَاهُ أَهْلَهُ وَمِثْلَهُمْ مَعَهُمْ رَحْمَةً مِنْ عِنْدِنَا وَذِكْرَىٰ لِلْعَابِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقىمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئىبرەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر باراۋەرنى زىيادە ئاتا قىلدۇق (يەنى ئۇنىڭ ئۆلگەن بالىلىرىنىڭ ۋە يوقالغان ماللىرىنىڭ ئورنىغا بىر ھەسسە كۆپ بالا، بىر ھەسسە كۆپ مال بەردۇق)[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقىمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئىبرەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر باراۋەرنى زىيادە ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر ئوخشىشىنى ئاتا قىلدۇق. بۇنى ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن قىلدۇق.
21 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَسْمَعُونَ حَسِيسَهَا ۖ وَهُمْ فِي مَا اشْتَهَتْ أَنْفُسُهُمْ خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاخنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىمايدۇ، كۆڭلى تارتقان نازۇ - نېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاخنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىمايدۇ، كۆڭلى تارتقان نازۇنېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: دوزاخنىڭ شەپىسىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار كۆڭلى تارتقان نازۇنېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ،
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئى گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنىڭ جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تۆۋەندىكى سۆزۈمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگىن: «ئى ئۆزلىرىگە يامانلىق قىلىشتا ھەددىدىن ئاشقان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پۈتۈن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.