ھىجىر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 99 ئايەت
مەنىسى: جاي ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: سالىھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھىجر دېگەن جايدا ياشايدىغان قەۋمنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (80~82-ئايەتلەر)
  1. (15-سۈرە ھىجىر، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الر ۚ تِلْكَ آيَاتُ الْكِتَابِ وَقُرْآنٍ مُبِينٍ
    ئەلىف، لام، را. بۇ، كىتابنىڭ ـ روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر

    ئەلىف، لام، را (بۇنىڭ مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ). بۇ كىتابنىڭ ـ روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر [1].

  2. (15-سۈرە ھىجىر، 2-ئايەت)
    رُبَمَا يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ كَانُوا مُسْلِمِينَ
    كاپىرلار (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەندە، دۇنيادىكى چېغىمىزدا) مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ

    كافىرلار (قىيامەت كۈنى) كاشكى بىز مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارزۇ قىلىدۇ [2].

  3. (15-سۈرە ھىجىر، 3-ئايەت)
    ذَرْهُمْ يَأْكُلُوا وَيَتَمَتَّعُوا وَيُلْهِهِمُ الْأَمَلُ ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى (يەنى كۇففارلارنى مەيلىگە) قويۇۋەت، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى مەيلىگە قويۇۋەتكىن، ئۇلار يەپ ـ ئىچىپ، دۇنيا لەززىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرسۇن، بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىدۇ [3].

  4. (15-سۈرە ھىجىر، 4-ئايەت)
    وَمَا أَهْلَكْنَا مِنْ قَرْيَةٍ إِلَّا وَلَهَا كِتَابٌ مَعْلُومٌ
    بىز قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلمايلى، پەقەت ئۇنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ

    بىز قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلايلى، ئۇنىڭ مۇئەييەن بىر ۋاقتى بولىدۇ [4].

  5. (15-سۈرە ھىجىر، 5-ئايەت)
    مَا تَسْبِقُ مِنْ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسْتَأْخِرُونَ
    ھەرقانداق ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان ۋاقتى) ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ، ھەم كېچىكتۈرۈلمەيدۇ

    ھەرقانداق ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان ۋاقتى) ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ ھەم كېچىكتۈرۈلمەيدۇ [5].

  6. (15-سۈرە ھىجىر، 6-ئايەت)
    وَقَالُوا يَا أَيُّهَا الَّذِي نُزِّلَ عَلَيْهِ الذِّكْرُ إِنَّكَ لَمَجْنُونٌ
    ئۇلار ئېيتتى: «ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن ھەقىقەتەن مەجنۇنسەن

    ئۇلار (زاڭلىق قىلىپ) ئېيتتى: «ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن ھەقىقەتەن مەجنۇنسەن [6].

  7. (15-سۈرە ھىجىر، 7-ئايەت)
    لَوْ مَا تَأْتِينَا بِالْمَلَائِكَةِ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
    ئەگەر سەن (مەن رەسۇلۇللاھ دېگەن سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، (پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان) پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭچۇ؟»

    ئەگەر سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭ راست بولسا، نېمىشقا پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلمەيسەن؟» [7].

  8. (15-سۈرە ھىجىر، 8-ئايەت)
    مَا نُنَزِّلُ الْمَلَائِكَةَ إِلَّا بِالْحَقِّ وَمَا كَانُوا إِذًا مُنْظَرِينَ
    پەرىشتىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدا (يەنى ئازاب نازىل قىلىشىمىز مۇقەررەر بولغان چاغدىلا) نازىل قىلىمىز، بۇ چاغدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ئازابى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ)

    (ئاللاھ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «پەرىشتىلەرنى پەقەت ھەقىقىي ئازاب بىلەن چۈشۈرىمىز، بۇ چاغدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ» [8].

  9. (15-سۈرە ھىجىر، 9-ئايەت)
    إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ
    قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز

    بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئۆزىمىز نازىل قىلغان ئىكەنمىز، ئۇنى ئەلۋەتتە ھەقىقەتەن ئۆزىمىز قوغدايمىز [9].

  10. (15-سۈرە ھىجىر، 10-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ فِي شِيَعِ الْأَوَّلِينَ
    شۈبھىسىزكى، سېنىڭدىن ئىلگىرى بۇرۇنقى ھەرقايسى تائىپىلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق

    شۈبھىسىزكى، سېنىڭدىن ئىلگىرىكى بۇرۇنقى ھەرقايسى تائىپىلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق [10].

  11. (15-سۈرە ھىجىر، 11-ئايەت)
    وَمَا يَأْتِيهِمْ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
    ئۇلار ئۆزلىرىگە پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى

    ئۇلار ئۆزلىرىگە پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى [11].

  12. (15-سۈرە ھىجىر، 12-ئايەت)
    كَذَٰلِكَ نَسْلُكُهُ فِي قُلُوبِ الْمُجْرِمِينَ
    شۇنداق مەسخىرە قىلىشنى بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا سالىمىز

    ئۇلار ئىنكار قىلغۇچى بولغاچقا، شۇنداق مەسخىرە قىلىشنى بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا سالىمىز [12].

  13. (15-سۈرە ھىجىر، 13-ئايەت)
    لَا يُؤْمِنُونَ بِهِ ۖ وَقَدْ خَلَتْ سُنَّةُ الْأَوَّلِينَ
    ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، بۇ بۇرۇندىن ئادەت بولۇپ قالغان (يەنى بۇرۇندىن تارتىپ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋملەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشى ئادەت بولۇپ كېلىۋاتقان) ئىش

    ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، بۇ بۇرۇنقى مۇشرىكلاردىن ئادەت بولۇپ قالغان ئىشتۇر [13].

  14. (15-سۈرە ھىجىر، 14-ئايەت)
    وَلَوْ فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ بَابًا مِنَ السَّمَاءِ فَظَلُّوا فِيهِ يَعْرُجُونَ
    بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئىشىك ئېچىپ بەرگەن، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاسمانغا ئۆرلەپ (ئالەمى ئەرۋاھنى، پەرىشتىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ)

    بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئىشىك ئېچىپ بەرگەن، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاسمانغا ئۆرلىگەن (يەنى تاشقى ئالەمنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ) [14].

  15. (15-سۈرە ھىجىر، 15-ئايەت)
    لَقَالُوا إِنَّمَا سُكِّرَتْ أَبْصَارُنَا بَلْ نَحْنُ قَوْمٌ مَسْحُورُونَ
    ئۇلار چوقۇم: «كۆزلىرىمىز باغلىنىپ قالدى، بەلكىم سېھىرلەنگەن قەۋم بولۇپ قالساق كېرەك» دېيىشىدۇ

    ئۇلار چوقۇم: «كۆزلىرىمىز باغلىنىپ قالدى، بەلكىم بىز سېھىرلەنگەن بولساق كېرەك» دېيىشىدۇ [15].

  16. (15-سۈرە ھىجىر، 16-ئايەت)
    وَلَقَدْ جَعَلْنَا فِي السَّمَاءِ بُرُوجًا وَزَيَّنَّاهَا لِلنَّاظِرِينَ
    بىز ئاسماندا بۇرۇجلارنى ياراتتۇق ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىدۇق

    بىز ئاسماندا ئوربىتىلارنى ياراتتۇق ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى زىننەتلىدۇق [16].

  17. (15-سۈرە ھىجىر، 17-ئايەت)
    وَحَفِظْنَاهَا مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ رَجِيمٍ
    ھەر بىر قوغلاندى شەيتاندىن ئاسماننى قوغدىدۇق

    بىز ھەربىر قوغلاندى شەيتاندىن ئاسماننى قوغدىدۇق [17].

  18. (15-سۈرە ھىجىر، 18-ئايەت)
    إِلَّا مَنِ اسْتَرَقَ السَّمْعَ فَأَتْبَعَهُ شِهَابٌ مُبِينٌ
    لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىگە) ئوغرىلىقچە قۇلاق سالماقچى بولغان شەيتاننى روشەن ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ يېتىدۇ (يەنى ھالاك قىلىدۇ)

    لېكىن، ئۇلارنىڭ (ئاسمان خەۋەرلىرىنى) ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋالغانلىرىغا روشەن ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ يېتىدۇ [18].

  19. (15-سۈرە ھىجىر، 19-ئايەت)
    وَالْأَرْضَ مَدَدْنَاهَا وَأَلْقَيْنَا فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ شَيْءٍ مَوْزُونٍ
    يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق

    يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق [19].

  20. (15-سۈرە ھىجىر، 20-ئايەت)
    وَجَعَلْنَا لَكُمْ فِيهَا مَعَايِشَ وَمَنْ لَسْتُمْ لَهُ بِرَازِقِينَ
    يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ۋە سىلەر رىزقىنى بېرەلمەيدىغانلار (يەنى خادىملار ۋە ھايۋانلار) ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياراتتۇق (ئۇلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەكلىرىنى سىلەر ئەمەس، بىز يارىتىمىز)

    يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ۋە سىلەر رىزقىنى بېرەلمەيدىغانلار (يەنى باشقا جانلىقلار) ئۈچۈن ھاياتلىق لازىمەتلىكلىرىنى ياراتتۇق [20].

  21. (15-سۈرە ھىجىر، 21-ئايەت)
    وَإِنْ مِنْ شَيْءٍ إِلَّا عِنْدَنَا خَزَائِنُهُ وَمَا نُنَزِّلُهُ إِلَّا بِقَدَرٍ مَعْلُومٍ
    قانداق نەرسە بولمىسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى (يەنى خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز

    قانداق نەرسە بولسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز [21].

  22. (15-سۈرە ھىجىر، 22-ئايەت)
    وَأَرْسَلْنَا الرِّيَاحَ لَوَاقِحَ فَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَسْقَيْنَاكُمُوهُ وَمَا أَنْتُمْ لَهُ بِخَازِنِينَ
    بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر

    بىز بۇلۇتلارنى يامغۇرلۇق قىلىدىغان شاماللارنى ئەۋەتىپ، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەس [22].

  23. (15-سۈرە ھىجىر، 23-ئايەت)
    وَإِنَّا لَنَحْنُ نُحْيِي وَنُمِيتُ وَنَحْنُ الْوَارِثُونَ
    بىز (ھەممىنى) تىرىلدۈرىمىز، (ھەممىنى) ئۆلتۈرىمىز ۋە (ھەممىگە) ۋارىسلىق قىلىمىز

    بىز ھەقىقەتەن تىرىلدۈرەلەيمىز، ئۆلتۈرەلەيمىز ۋە ھەممىگە ۋارىسلىق قىلىمىز [23].

  24. (15-سۈرە ھىجىر، 24-ئايەت)
    وَلَقَدْ عَلِمْنَا الْمُسْتَقْدِمِينَ مِنْكُمْ وَلَقَدْ عَلِمْنَا الْمُسْتَأْخِرِينَ
    بىز سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنى ھەقىقەتەن بىلىمىز ۋە كېيىن كېلىدىغانلارنىمۇ ھەقىقەتەن بىلىمىز

    بىز سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنى ئەلۋەتتە بىلىمىز ۋە كېيىن كېلىدىغانلارنىمۇ ئەلۋەتتە بىلىمىز [24].

  25. (15-سۈرە ھىجىر، 25-ئايەت)
    وَإِنَّ رَبَّكَ هُوَ يَحْشُرُهُمْ ۚ إِنَّهُ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
    پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن (ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۇلارنى يىغىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر

    پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنى چوقۇم يىغىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر [25].

  26. (15-سۈرە ھىجىر، 26-ئايەت)
    وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنْ صَلْصَالٍ مِنْ حَمَإٍ مَسْنُونٍ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام) نى قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىنسان (ئادەم) نى تاراڭشىغۇدەك قۇرۇغان قارا لايدىن ياراتتۇق [26].

  27. (15-سۈرە ھىجىر، 27-ئايەت)
    وَالْجَانَّ خَلَقْنَاهُ مِنْ قَبْلُ مِنْ نَارِ السَّمُومِ
    جىنلار (يەنى شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىبلىس) نى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق

    جىنلارنى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتتۇق [27].

  28. (15-سۈرە ھىجىر، 28-ئايەت)
    وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي خَالِقٌ بَشَرًا مِنْ صَلْصَالٍ مِنْ حَمَإٍ مَسْنُونٍ
    پەرۋەردىگارىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام) نى يارىتىمەن

    پەرۋەردىگارىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن تاراڭشىغۇدەك قۇرۇغان قارا لايدىن ئىنسان (يەنى ئادەم) نى يارىتىمەن [28].

  29. (15-سۈرە ھىجىر، 29-ئايەت)
    فَإِذَا سَوَّيْتُهُ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِنْ رُوحِي فَقَعُوا لَهُ سَاجِدِينَ
    مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار) »

    مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چاغدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار» [29].

  30. (15-سۈرە ھىجىر، 30-ئايەت)
    فَسَجَدَ الْمَلَائِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ
    پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ ئايرىلىپ قالماي ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى

    پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي سەجدە قىلدى [30].

  31. (15-سۈرە ھىجىر، 31-ئايەت)
    إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ أَنْ يَكُونَ مَعَ السَّاجِدِينَ
    پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى

    پەقەت ئىبلىسلا ئۇلار بىلەن بىللە سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى [31].

  32. (15-سۈرە ھىجىر، 32-ئايەت)
    قَالَ يَا إِبْلِيسُ مَا لَكَ أَلَّا تَكُونَ مَعَ السَّاجِدِينَ
    ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى

    ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى [32].

  33. (15-سۈرە ھىجىر، 33-ئايەت)
    قَالَ لَمْ أَكُنْ لِأَسْجُدَ لِبَشَرٍ خَلَقْتَهُ مِنْ صَلْصَالٍ مِنْ حَمَإٍ مَسْنُونٍ
    ئىبلىس: «قارا لايدىن ياساپ شەكىلگە كىرگۈزۈپ (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن يارىتىلغان ئىنسان مېنىڭ سەجدە قىلىشىمغا لايىق ئەمەس» دېدى

    ئىبلىس: «تاراڭشىغۇدەك قۇرۇغان قارا لايدىن يارىتىلغان ئىنسان مېنىڭ سەجدە قىلىشىمغا لايىق ئەمەس» دېدى [33].

  34. (15-سۈرە ھىجىر، 34-ئايەت)
    قَالَ فَاخْرُجْ مِنْهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٌ
    ئاللاھ ئېيتتى: «سەن جەننەتتىن يوقال، ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ

    ئاللاھ ئېيتتى: «سەن جەننەتتىن يوقال، ھەقىقەتەن سەن قوغلاندى بولدۇڭ [34].

  35. (15-سۈرە ھىجىر، 35-ئايەت)
    وَإِنَّ عَلَيْكَ اللَّعْنَةَ إِلَىٰ يَوْمِ الدِّينِ
    ساڭا قىيامەت كۈنىگۈچە ھەقىقەتەن لەنەت بولسۇن»

    سەن قىيامەت كۈنىگىچە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايسەن» [35].

  36. (15-سۈرە ھىجىر، 36-ئايەت)
    قَالَ رَبِّ فَأَنْظِرْنِي إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
    ئىبلىس: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا خالايىقلار تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) گۈچە مۆھلەت بەرگىن (مېنى ھايات قالدۇرغىن)» دېدى

    ئىبلىس: « ئى رەببىم! مېنى خالايىقلار تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگىچە ھايات قالدۇرغىن» دېدى [36].

  37. (15-سۈرە ھىجىر، 37-ئايەت)
    قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ الْمُنْظَرِينَ
    ئاللاھ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى

    ئاللاھ: «سەن ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە ھايات قالدۇرۇلىسەن» دېدى [37ـ38].

  38. (15-سۈرە ھىجىر، 38-ئايەت)
    إِلَىٰ يَوْمِ الْوَقْتِ الْمَعْلُومِ
    ئاللاھ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى

    ئاللاھ: «سەن ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە ھايات قالدۇرۇلىسەن» دېدى [37ـ38].

  39. (15-سۈرە ھىجىر، 39-ئايەت)
    قَالَ رَبِّ بِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأُزَيِّنَنَّ لَهُمْ فِي الْأَرْضِ وَلَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ
    ئىبلىس ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى گۇمراھ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا (گۇناھلارنى) ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن

    ئىبلىس ئېيتتى: « ئى رەببىم! سەن مېنى گۇمراھ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا گۇناھ ئىشلارنى چوقۇم چىرايلىق كۆرسىتىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن [39].

  40. (15-سۈرە ھىجىر، 40-ئايەت)
    إِلَّا عِبَادَكَ مِنْهُمُ الْمُخْلَصِينَ
    ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرالمايمەن)»

    ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تاللىغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا» [40].

  41. (15-سۈرە ھىجىر، 41-ئايەت)
    قَالَ هَٰذَا صِرَاطٌ عَلَيَّ مُسْتَقِيمٌ
    ئاللاھ ئېيتتى: «بۇ (تاللانغان بەندىلەرنىڭ يولى) مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر

    ئاللاھ ئېيتتى: «بۇ مېنىڭ رازىلىقىمغا ئېرىشتۈرىدىغان توغرا يولدۇر [41].

  42. (15-سۈرە ھىجىر، 42-ئايەت)
    إِنَّ عِبَادِي لَيْسَ لَكَ عَلَيْهِمْ سُلْطَانٌ إِلَّا مَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْغَاوِينَ
    مېنىڭ بەندىلىرىمگە (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا) سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرگىلا (سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ)»

    مېنىڭ بەندىلىرىمگە سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا» [42].

  43. (15-سۈرە ھىجىر، 43-ئايەت)
    وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمَوْعِدُهُمْ أَجْمَعِينَ
    شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئۇلار (يەنى ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرى) نىڭ ھەممىسىگە ۋەدە قىلىنغان جايدۇر

    شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە تەيىن قىلىنغان جايدۇر [43].

  44. (15-سۈرە ھىجىر، 44-ئايەت)
    لَهَا سَبْعَةُ أَبْوَابٍ لِكُلِّ بَابٍ مِنْهُمْ جُزْءٌ مَقْسُومٌ
    جەھەننەمنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن كىرىدىغان مۇئەييەن بىر بۆلۈك (ئادەم) بار

    جەھەننەمنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن كىرىدىغان مۇئەييەن بىر بۆلەك ئادەم بار [44].

  45. (15-سۈرە ھىجىر، 45-ئايەت)
    إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ
    تەقۋادارلار ھەقىقەتەن (ئاخىرەتتە ياپيېشىل) باغ ـ بوستانلاردىن، (سۇ، ھەسەل ۋە مەي ئېقىپ تۇرىدىغان) بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    تەقۋادارلار ھەقىقەتەن (ئاخىرەتتە) باغ ـ بوستانلاردىن ۋە بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ [45].

  46. (15-سۈرە ھىجىر، 46-ئايەت)
    ادْخُلُوهَا بِسَلَامٍ آمِنِينَ
    (ئۇلارغا) جەننەتكە ئامان ـ ئېسەن، تىنچ كىرىڭلار! دېيىلىدۇ

    ئۇلارغا جەننەتكە ئامان ـ ئېسەن، تىنچ كىرىڭلار! دېيىلىدۇ [46].

  47. (15-سۈرە ھىجىر، 47-ئايەت)
    وَنَزَعْنَا مَا فِي صُدُورِهِمْ مِنْ غِلٍّ إِخْوَانًا عَلَىٰ سُرُرٍ مُتَقَابِلِينَ
    ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى دۈشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداش بولغان ھالدا تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ

    ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى دۈشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداش بولۇپ تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ [47].

  48. (15-سۈرە ھىجىر، 48-ئايەت)
    لَا يَمَسُّهُمْ فِيهَا نَصَبٌ وَمَا هُمْ مِنْهَا بِمُخْرَجِينَ
    جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ

    جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن ھەرگىز چىقىرىۋېتىلمەيدۇ [48].

  49. (15-سۈرە ھىجىر، 49-ئايەت)
    نَبِّئْ عِبَادِي أَنِّي أَنَا الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
    (ئى مۇھەممەد!) مېنىڭ (مۆمىن) بەندىلىرىمگە خەۋەر قىلغىنكى، مەن تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىمەن

    (ئى مۇھەممەد!) مېنىڭ بەندىلىرىمگە خەۋەر قىلغىنكى، مەن تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىمەن [49].

  50. (15-سۈرە ھىجىر، 50-ئايەت)
    وَأَنَّ عَذَابِي هُوَ الْعَذَابُ الْأَلِيمُ
    مېنىڭ ئازابىم قاتتىقتۇر

    مېنىڭ ئازابىم ناھايىتى قاتتىقتۇر [50].

  51. (15-سۈرە ھىجىر، 51-ئايەت)
    وَنَبِّئْهُمْ عَنْ ضَيْفِ إِبْرَاهِيمَ
    ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرى ھەققىدىكى (ھېكايىنى) ئېيتىپ بەرگىن

    ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرى ھەققىدىكى خەۋەرنى يەتكۈزگىن [51].

  52. (15-سۈرە ھىجىر، 52-ئايەت)
    إِذْ دَخَلُوا عَلَيْهِ فَقَالُوا سَلَامًا قَالَ إِنَّا مِنْكُمْ وَجِلُونَ
    ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەردى، ئىبراھىم: «بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز» دېدى

    ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەرگەن ئىدى، ئىبراھىم: «بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز» دېدى [52].

  53. (15-سۈرە ھىجىر، 53-ئايەت)
    قَالُوا لَا تَوْجَلْ إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ عَلِيمٍ
    ئۇلار: « قورقمىغىن، (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز)، ھەقىقەتەن ساڭا (ئۆسۈپ چوڭ بولغىنىدا) ناھايىتى بىلىملىك (بولىدىغان) بىر ئوغۇل (يەنى ئىسھاق) بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز» دېدى

    پەرىشتىلەر: «قورقمىغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا ناھايىتى بىلىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز» دېدى [53].

  54. (15-سۈرە ھىجىر، 54-ئايەت)
    قَالَ أَبَشَّرْتُمُونِي عَلَىٰ أَنْ مَسَّنِيَ الْكِبَرُ فَبِمَ تُبَشِّرُونَ
    ئىبراھىم: «مەن قېرىغان تۇرسام، ماڭا (بالا بىلەن) خۇشخەۋەر بەردىڭلارمۇ؟ ماڭا نېمە بىلەن خۇشخەۋەر بېرىۋاتىسىلەر؟» دېدى

    ئىبراھىم: «مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ماڭا خۇش خەۋەر بەردىڭلارمۇ؟ ماڭا نېمە بىلەن خۇش خەۋەر بېرىۋاتىسىلەر؟» دېدى [54].

  55. (15-سۈرە ھىجىر، 55-ئايەت)
    قَالُوا بَشَّرْنَاكَ بِالْحَقِّ فَلَا تَكُنْ مِنَ الْقَانِطِينَ
    ئۇلار: «بىز ساڭا راست خۇشخەۋەر بەردۇق، نائۈمىد بولمىغىن» دېدى

    ئۇلار: «بىز ساڭا راستتىنلا خۇش خەۋەر بەردۇق، نائۈمىد بولمىغىن» دېدى [55].

  56. (15-سۈرە ھىجىر، 56-ئايەت)
    قَالَ وَمَنْ يَقْنَطُ مِنْ رَحْمَةِ رَبِّهِ إِلَّا الضَّالُّونَ
    ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىدىن گۇمراھلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دېدى

    ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىدىن گۇمراھلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دېدى [56].

  57. (15-سۈرە ھىجىر، 57-ئايەت)
    قَالَ فَمَا خَطْبُكُمْ أَيُّهَا الْمُرْسَلُونَ
    ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟» دېدى

    ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟» دېدى [57].

  58. (15-سۈرە ھىجىر، 58-ئايەت)
    قَالُوا إِنَّا أُرْسِلْنَا إِلَىٰ قَوْمٍ مُجْرِمِينَ
    ئۇلار ئېيتتى: «بىز ھەقىقەتەن گۇناھكار بىر قەۋم (نى جازالاش) ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق

    ئۇلار ئېيتتى: «بىز ھەقىقەتەن گۇناھكار بىر قەۋمگە (ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق [58].

  59. (15-سۈرە ھىجىر، 59-ئايەت)
    إِلَّا آلَ لُوطٍ إِنَّا لَمُنَجُّوهُمْ أَجْمَعِينَ
    پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىز ئۇلار (يەنى لۇتنىڭ تەۋەلىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر) نىڭ ھەممىسىنى (ئازابتىن) چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز

    بىز پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىنىلا جازالىمايمىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم قۇتقۇزىمىز [59].

  60. (15-سۈرە ھىجىر، 60-ئايەت)
    إِلَّا امْرَأَتَهُ قَدَّرْنَا ۙ إِنَّهَا لَمِنَ الْغَابِرِينَ
    پەقەت لۇتنىڭ خوتۇنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنىڭ چوقۇم باشقىلار بىلەن بىللە ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن بېكىتتۇق»

    پەقەت لۇتنىڭ خوتۇنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنىڭ چوقۇم باشقىلار بىلەن بىللە ئازابقا قالىدىغانلىقىنى ئالدىن بېكىتتۇق» [60].

  61. (15-سۈرە ھىجىر، 61-ئايەت)
    فَلَمَّا جَاءَ آلَ لُوطٍ الْمُرْسَلُونَ
    ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن چاغدا

    ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن چاغدا [61].

  62. (15-سۈرە ھىجىر، 62-ئايەت)
    قَالَ إِنَّكُمْ قَوْمٌ مُنْكَرُونَ
    لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش ئادەملەرغۇ؟» دېدى

    لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش ئادەملەرغۇ؟» دېدى [62].

  63. (15-سۈرە ھىجىر، 63-ئايەت)
    قَالُوا بَلْ جِئْنَاكَ بِمَا كَانُوا فِيهِ يَمْتَرُونَ
    ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس (بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىمىز)، بىز سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭ) شەكلىنىۋاتقان ئازابنى ئېلىپ كەلدۇق

    ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، بىز سېنىڭ ئالدىڭغا سېنىڭ قەۋمىڭ گۇمانلىنىۋاتقان ئازابنى ئېلىپ كەلدۇق [63].

  64. (15-سۈرە ھىجىر، 64-ئايەت)
    وَأَتَيْنَاكَ بِالْحَقِّ وَإِنَّا لَصَادِقُونَ
    بىز ساڭا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدۇق، بىز ئەلۋەتتە (سۆزىمىزدە) راستچىلمىز

    بىز ساڭا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدۇق، بىز ئەلۋەتتە راستچىلمىز [64].

  65. (15-سۈرە ھىجىر، 65-ئايەت)
    فَأَسْرِ بِأَهْلِكَ بِقِطْعٍ مِنَ اللَّيْلِ وَاتَّبِعْ أَدْبَارَهُمْ وَلَا يَلْتَفِتْ مِنْكُمْ أَحَدٌ وَامْضُوا حَيْثُ تُؤْمَرُونَ
    كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ يولغا چىققىن، ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭغىن، سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، سىلەر بۇيرۇلغان يەرگە يەتكۈچە ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىڭلار»

    كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ يولغا چىققىن، ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭغىن، سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، سىلەر بۇيرۇلغان يەرگە يەتكۈچە ئالدىڭلارغا قاراپ مېڭىۋېرىڭلار» [65]،

  66. (15-سۈرە ھىجىر، 66-ئايەت)
    وَقَضَيْنَا إِلَيْهِ ذَٰلِكَ الْأَمْرَ أَنَّ دَابِرَ هَٰؤُلَاءِ مَقْطُوعٌ مُصْبِحِينَ
    سەھەردە بۇلار (يەنى لۇتنىڭ قەۋمى) نىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلىدۇ (يەنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىنىدۇ) دېگەن ھۆكۈمنى لۇتقا ۋەھىي قىلدۇق

    سەھەردە بۇلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلىدۇ، دېگەن ھۆكۈمنى لۇتقا ۋەھىي قىلدۇق [66].

  67. (15-سۈرە ھىجىر، 67-ئايەت)
    وَجَاءَ أَهْلُ الْمَدِينَةِ يَسْتَبْشِرُونَ
    (سەدۇم) شەھرىنىڭ ئاھالىسى (يەنى لۇتنىڭ قەۋمى) خۇشال بولۇشۇپ يېتىپ كېلىشتى

    شەھەر ئاھالىسى خۇشال بولۇشۇپ يېتىپ كېلىشتى [67].

  68. (15-سۈرە ھىجىر، 68-ئايەت)
    قَالَ إِنَّ هَٰؤُلَاءِ ضَيْفِي فَلَا تَفْضَحُونِ
    لۇت ئېيتتى: «بۇلار مېنىڭ مېھمىنىم، (ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا) مېنى رەسۋا قىلماڭلار

    لۇت ئېيتتى: «بۇلار ھەقىقەتەن مېنىڭ مېھمىنىم، (ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇپ) مېنى رەسۋا قىلماڭلار [68].

  69. (15-سۈرە ھىجىر، 69-ئايەت)
    وَاتَّقُوا اللَّهَ وَلَا تُخْزُونِ
    ئاللاھتىن قورقۇڭلار (مېھمىنىمنى خارلاش ئارقىلىق) مېنى خارلىماڭلار»

    ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېنى نومۇسقا قويماڭلار» [69].

  70. (15-سۈرە ھىجىر، 70-ئايەت)
    قَالُوا أَوَلَمْ نَنْهَكَ عَنِ الْعَالَمِينَ
    ئۇلار: «بىز سېنى كەلگەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىشتىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى

    ئۇلار: «بىز سېنى باشقىلارنى ھىمايە قىلىشتىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى [70].

  71. (15-سۈرە ھىجىر، 71-ئايەت)
    قَالَ هَٰؤُلَاءِ بَنَاتِي إِنْ كُنْتُمْ فَاعِلِينَ
    لۇت: «بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم (يەنى قەۋمىمنىڭ قىزلىرى) دۇر. ئەگەر (چېقىلماقچى) بولساڭلار (ئۇلارنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار)» دېدى

    لۇت: «ئەگەر كېرەك قىلماقچى بولساڭلار، مانا بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم، (نىكاھلاپ ئېلىڭلار)» دېدى [71].

  72. (15-سۈرە ھىجىر، 72-ئايەت)
    لَعَمْرُكَ إِنَّهُمْ لَفِي سَكْرَتِهِمْ يَعْمَهُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئەلۋەتتە گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئەلۋەتتە گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ [72].

  73. (15-سۈرە ھىجىر، 73-ئايەت)
    فَأَخَذَتْهُمُ الصَّيْحَةُ مُشْرِقِينَ
    كۈن چىقار ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق چۇقان يۈزلەندى

    كۈن چىقار ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى [73].

  74. (15-سۈرە ھىجىر، 74-ئايەت)
    فَجَعَلْنَا عَالِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ حِجَارَةً مِنْ سِجِّيلٍ
    بىز ئۇ شەھەرنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (يەنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق) ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (يامغۇردەك) ساپال تاش ياغدۇردۇق

    بىز ئۇ شەھەرنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ساپال تاش ياغدۇردۇق [74].

  75. (15-سۈرە ھىجىر، 75-ئايەت)
    إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِلْمُتَوَسِّمِينَ
    ئۇنىڭدا (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازابتا) كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار

    ئۇنىڭدا (پاراسەتلىك) كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەت بار [75].

  76. (15-سۈرە ھىجىر، 76-ئايەت)
    وَإِنَّهَا لَبِسَبِيلٍ مُقِيمٍ
    ئۇ شەھەر (قۇرەيشلەر شامغا بارىدىغان) يول ئۈستىدە ھەقىقەتەن ھېلىمۇ مەۋجۇت تۇرماقتا

    ئۇ شەھەر ئاساسلىق يول ئۈستىدە ھەقىقەتەن ھېلىمۇ مەۋجۇت [76].

  77. (15-سۈرە ھىجىر، 77-ئايەت)
    إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِلْمُؤْمِنِينَ
    بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار

    بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار [77].

  78. (15-سۈرە ھىجىر، 78-ئايەت)
    وَإِنْ كَانَ أَصْحَابُ الْأَيْكَةِ لَظَالِمِينَ
    ئەيكەلىكلەر (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، شۈبھىسىزكى، زالىم ئىدى (يەنى كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقانلار ئىدى)

    ئەيكەلىكلەر، شۈبھىسىزكى، كۇفرلىقتا ھەددىدىن ئاشقانلار ئىدى [78].

  79. (15-سۈرە ھىجىر، 79-ئايەت)
    فَانْتَقَمْنَا مِنْهُمْ وَإِنَّهُمَا لَبِإِمَامٍ مُبِينٍ
    (شۇئەيبنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (يەنى بۇ ئىككى شەھەر) نىڭ ھەر ئىككىلىسى، شۈبھىسىزكى، ئاشكارا يول ئۈستىدىدۇر (ئى مەككە ئاھالىسى! ئۇلاردىن ئىبرەت ئالمامسىلەر؟)

    شۇڭا، ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. بۇ ئىككى شەھەر ھەممە بىلىدىغان يول ئۈستىدىدۇر [79].

  80. (15-سۈرە ھىجىر، 80-ئايەت)
    وَلَقَدْ كَذَّبَ أَصْحَابُ الْحِجْرِ الْمُرْسَلِينَ
    ھىجرىلىكلەر ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى (يەنى ئۇلارنىڭ سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقى باشقا پەيغەمبەرلەرنىمۇ ئىنكار قىلغانلىقىدۇر)

    ھىجرلىكلەر ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دېدى [80].

  81. (15-سۈرە ھىجىر، 81-ئايەت)
    وَآتَيْنَاهُمْ آيَاتِنَا فَكَانُوا عَنْهَا مُعْرِضِينَ
    ئۇلارغا مۆجىزىلىرىمىزنى كەلتۈردۇق (يەنى تاشتىن چىشى تۆگە چىقىرىشتەك قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان مۆجىزىلەرنى ئۇلارغا كۆرسەتتۇق)، ئۇلار بۇ (مۆجىزە) لەردىن يۈز ئۆرۈدى

    ئۇلارغا مۆجىزىلىرىمىزنى كەلتۈردۇق، ئۇلار بۇ مۆجىزەلەردىن يۈز ئۆرۈدى [81].

  82. (15-سۈرە ھىجىر، 82-ئايەت)
    وَكَانُوا يَنْحِتُونَ مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا آمِنِينَ
    ئۇلار (ئازابتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تاغلارنى تېشىپ (بۇ بىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدۇ دەپ) ئۆي سالاتتى

    ئۇلار خاتىرجەم ياشايمىز دەپ تاغلارنى تېشىپ ئۆي قىلاتتى [82].

  83. (15-سۈرە ھىجىر، 83-ئايەت)
    فَأَخَذَتْهُمُ الصَّيْحَةُ مُصْبِحِينَ
    لېكىن قاتتىق چۇقان سەھەردىلا ئۇلارنى ھالاك قىلدى

    لېكىن، قاتتىق ئاۋاز سەھەردىلا ئۇلارنى ھالاك قىلدى [83].

  84. (15-سۈرە ھىجىر، 84-ئايەت)
    فَمَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى (يەنى ئۇلارنىڭ سالغان بىنالىرى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى)

    ئۇلارنىڭ (ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن) قىلغان ئەمگەكلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى [84].

  85. (15-سۈرە ھىجىر، 85-ئايەت)
    وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ ۗ وَإِنَّ السَّاعَةَ لَآتِيَةٌ ۖ فَاصْفَحِ الصَّفْحَ الْجَمِيلَ
    بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدىلا ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، (ئى مۇھەممەد! نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن، ئۇلارغا) چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن

    (ئى مۇھەممەد!) بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھېكمەت بىلەن ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن ئۇلارغا چىرايلىق مۇئامە قىلىپ تۇرغىن [85].

  86. (15-سۈرە ھىجىر، 86-ئايەت)
    إِنَّ رَبَّكَ هُوَ الْخَلَّاقُ الْعَلِيمُ
    پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر، (بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

    پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [86].

  87. (15-سۈرە ھىجىر، 87-ئايەت)
    وَلَقَدْ آتَيْنَاكَ سَبْعًا مِنَ الْمَثَانِي وَالْقُرْآنَ الْعَظِيمَ
    (نامازدا) تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى (يەنى سۈرە فاتىھەنى) ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ساڭا ئاتا قىلدۇق

    (نامازدا) تەكرار ئوقۇلۇپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى (يەنى فاتىھە سۈرىسىنى) ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇلۇغ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ساڭا ئاتا قىلدۇق [87].

  88. (15-سۈرە ھىجىر، 88-ئايەت)
    لَا تَمُدَّنَّ عَيْنَيْكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعْنَا بِهِ أَزْوَاجًا مِنْهُمْ وَلَا تَحْزَنْ عَلَيْهِمْ وَاخْفِضْ جَنَاحَكَ لِلْمُؤْمِنِينَ
    بەزى كاپىرلارنىڭ بىز بەھرىمەن قىلغان نەرسىلىرىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلار (نىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) قايغۇرمىغىن، مۆمىنلەرگە كەمتەر بولغىن

    بەزى كافىرلارنىڭ بىز بەھرىمەن قىلغان تۈرلۈك نەرسىلىرىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمىغىن، مۆمىنلەرگە كەمتەر بولغىن [88].

  89. (15-سۈرە ھىجىر، 89-ئايەت)
    وَقُلْ إِنِّي أَنَا النَّذِيرُ الْمُبِينُ
    «مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن

    «مەن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن [89].

  90. (15-سۈرە ھىجىر، 90-ئايەت)
    كَمَا أَنْزَلْنَا عَلَى الْمُقْتَسِمِينَ
    پارچىلىۋەتكۈچىلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى) نازىل قىلغاندەك (ساڭا سۈرە فاتىھە بىلەن ئۇلۇغ قۇرئاننى نازىل قىلدۇق)

    ئىلاھىي كىتابنى (بەزى يېرىگە ئىشىنىپ، بەزى يېرىگە ئىشەنمەي) بۆلۈۋەتكۈچىلەرگە (تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى) نازىل قىلغاندەك، (ساڭا فاتىھە سۈرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇلۇغ قۇرئاننى نازىل قىلدۇق) [90].

  91. (15-سۈرە ھىجىر، 91-ئايەت)
    الَّذِينَ جَعَلُوا الْقُرْآنَ عِضِينَ
    ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) قۇرئاننى پارچە ـ پارچە قىلىۋەتتى (يەنى قۇرئاننىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلدى)

    ئۇ بۆلۈۋەتكۈچىلەر قۇرئاننىمۇ (بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىپ) بۆلەكلەرگە بۆلۈۋەتتى [91].

  92. (15-سۈرە ھىجىر، 92-ئايەت)
    فَوَرَبِّكَ لَنَسْأَلَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز

    (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سۈرۈشتە قىلىمىز [92 ـ 93].

  93. (15-سۈرە ھىجىر، 93-ئايەت)
    عَمَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز

    (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سۈرۈشتە قىلىمىز [92 ـ 93].

  94. (15-سۈرە ھىجىر، 94-ئايەت)
    فَاصْدَعْ بِمَا تُؤْمَرُ وَأَعْرِضْ عَنِ الْمُشْرِكِينَ
    ساڭا بۇيرۇلغاننى (يەنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى) ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلار (نىڭ مەسخىرىلىرىگە) پەرۋا قىلمىغىن

    ساڭا قىلىنغان بۇيرۇقنى ئۇچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلارغا پەرۋا قىلمىغىن [94].

  95. (15-سۈرە ھىجىر، 95-ئايەت)
    إِنَّا كَفَيْنَاكَ الْمُسْتَهْزِئِينَ
    سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز

    سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز [95].

  96. (15-سۈرە ھىجىر، 96-ئايەت)
    الَّذِينَ يَجْعَلُونَ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ ۚ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
    ئۇلار باشقا مەبۇدلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ

    ئۇلار باشقا مەبۇدلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئاقىۋىتىنى) بىلىپ قالىدۇ [96].

  97. (15-سۈرە ھىجىر، 97-ئايەت)
    وَلَقَدْ نَعْلَمُ أَنَّكَ يَضِيقُ صَدْرُكَ بِمَا يَقُولُونَ
    بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز

    بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن سېنىڭ يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز [97].

  98. (15-سۈرە ھىجىر، 98-ئايەت)
    فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَكُنْ مِنَ السَّاجِدِينَ
    پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن

    پەرۋەردىگارىڭنى مەدھىيلەپ تەسبىھ ئېيتقىن ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن [98].

  99. (15-سۈرە ھىجىر، 99-ئايەت)
    وَاعْبُدْ رَبَّكَ حَتَّىٰ يَأْتِيَكَ الْيَقِينُ
    سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن

    سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا قۇلدەك ئىتائەت قىلغىن [99].