ئۈمىدسىزلىك ۋە يالۋۇرۇش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەر قانداق نەرسىسىنى فىدىيە قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كاپىرنىڭ ئۈمىدسىز ھالىتى.
ئېنگلىزچىسى: Desperation and Pleading
12 ئايەت
7 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلار /
- 📄 ئۈمىدسىزلىك ۋە يالۋۇرۇش
قۇرئان ئايەتلىرى
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا أَخْرِجْنَا مِنْهَا فَإِنْ عُدْنَا فَإِنَّا ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن)، ئەگەر بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز»[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن، ئەگەر بىز يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! بىزنى بۇ يەردىن چىقارغىن. ئەگەر قايتا ئەسكىلىك قىلساق، ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغان بولىمىز».
فۇرقان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا أُلْقُوا مِنْهَا مَكَانًا ضَيِّقًا مُقَرَّنِينَ دَعَوْا هُنَالِكَ ثُبُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زەنجىر بىلەن باغلانغان ھالدا دوزاخنىڭ تار يېرىگە تاشلانغان چاغدا، بۇ يەردە ئۇلار (ئۆزلىرىنىڭ) ئۆلۈمىنى تىلەيدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زەنجىر بىلەن باغلانغان ھالدا دوزاخنىڭ تار يېرىگە تاشلانغان چاغدا، بۇ يەردە ئۇلار ئۆلۈمنى تىلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قوللىرى بويۇنلىرىغا باغلىنىپ، ئۇنىڭ تار يېرىگە تاشلانغان چېغىدا، شۇ يەردە يوق بولۇپ كېتىشنى تىلەيدۇ.
25 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَدْعُوا الْيَوْمَ ثُبُورًا وَاحِدًا وَادْعُوا ثُبُورًا كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈمنى ئەمەس، تالاي ئۆلۈملەرنى تىلەڭلار (دېيىلىدۇ)[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلارغا- بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈمنى ئەمەس، تالاي ئۆلۈملەرنى تىلەڭلار -دېيىلىدۇ-
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «بۈگۈن بىر قېتىم يوق بولۇشنى تىلىمەڭلار، كۆپ قېتىم يوق بولۇشنى تىلەڭلار» دېيىلىدۇ.
ساففات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
مَا لَكُمْ لَا تَنَاصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاندىن) ئۇلارغا: «نېمىشقا (دۇنيادىكى ھالىتىڭلارغا ئوخشاش) بىر ـ بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەر؟» (دېيىلىدۇ)[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «نېمىشقا بىر ـ بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەر؟ » -دېيىلىدۇ-
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە نېمە بولدى؟ بىر - بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايۋاتىسىلەرغۇ؟!».
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لَافْتَدَوْا بِهِ مِنْ سُوءِ الْعَذَابِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ وَبَدَا لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مَا لَمْ يَكُونُوا يَحْتَسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كۆپ نەرسە بولىدىغان بولسا، قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب ئۈچۈن ئۇنى فىدىيە بەرگەن بولاتتى، ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن (بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا) ئويلاپ باقمىغان ئازابلار ئاشكارا بولىدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كۆپ نەرسە بولىدىغان بولسا، قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب ئۈچۈن ئۇ-نىڭ ھەممىسى-نى فىدىيە بەرگەن بولاتتى، ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا ئويلاپ باقمىغان ئازابلار ئاشكارا بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ بىر ئوخشىشى زالىملارنىڭ بولسا ئىدى، ئۇلار قىيامەت كۈنىدىكى ئەڭ يامان ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ بايلىقلىرىنى ئەلۋەتتە فىديە قىلىپ بېرەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇلار ھېچ ئويلىمىغان نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ.
مائارىج سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يُبَصَّرُونَهُمْ ۚ يَوَدُّ الْمُجْرِمُ لَوْ يَفْتَدِي مِنْ عَذَابِ يَوْمِئِذٍ بِبَنِيهِ
مۇھەممەد سالىھ: (ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ[10ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى بىر-بىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. گۇناھكارلار بۇ كۈندىكى ئازابنىڭ بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىنى فىدا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىر - بىرىگە كۆرسىتىلىدۇ. گۇناھكار ئادەم ئۇ كۈننىڭ ئازابىدىن فىديە بېرىپ قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ: ئورنىغا بالىلىرىنى،
70 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَصَاحِبَتِهِ وَأَخِيهِ
مۇھەممەد سالىھ: (ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ[10ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئايالىنى، قېرىندىشىنى
ئەنەس ئالىم: ئايالىنى، قېرىندىشىنى،
70 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَفَصِيلَتِهِ الَّتِي تُؤْوِيهِ
مۇھەممەد سالىھ: (ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ[10ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى
ئەنەس ئالىم: ئۆزىنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان قەبىلىسىنى
70 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا ثُمَّ يُنْجِيهِ
مۇھەممەد سالىھ: (ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ[10ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى فىدا قىلىپ بولسىمۇ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ۋە زېمىندىكى بارلىق كىشىلەرنى بېرىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
قىيامەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
يَقُولُ الْإِنْسَانُ يَوْمَئِذٍ أَيْنَ الْمَفَرُّ
مۇھەممەد سالىھ: كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ[7ـ10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسان ئەنە شۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ.
75 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا لَا وَزَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ياق، (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياق، قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: ياق، ھېچ پاناھگاھ يوقتۇر!
تارىق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
86 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا لَهُ مِنْ قُوَّةٍ وَلَا نَاصِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىنساندىن ئازابنى كۆتۈرۋېتدىغان ھېچقانداق كۈچ ۋە ياردەمچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئىنساننىڭ ھېچقانداق كۈچى ۋە ھېچقانداق ياردەمچىسى بولمايدۇ.