مائارىج سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 44 ئايەتمەنىسى: ئاسمان شوتىلىرى. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاللاھنىڭ ئاسمان شوتىلىرىغا ئىگە ئىكەنلىگى بايان قىلىنغان (3-ئايەت)
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَأَلَ سَائِلٌ بِعَذَابٍ وَاقِعٍ
بىر تىلىگۈچى (يەنى نەزر ئىبن ھارىس) كاپىرلارغا چوقۇم بولىدىغان ئازابنىڭ (چۈشۈشىنى) تىلىدى — مۇھەممەد سالىھ
بىر تىلىگۈچى كاپىرلارغا چوقۇم بولىدىغان ئازابنىڭ چۈشۈشىنى تىلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
سورىغۇچى چوقۇم بولىدىغان ئازابنى سورىدى، — ئەنەس ئالىم
(1-4) بىر سورىغۇچى ئاسمان شوتىلىرىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن كافىرلارغا قىيامەت كۈنى چوقۇم چۈشىدىغان ۋە ھېچكىم توسۇپ قالالمايدىغان ئازابنى ھازىر سورىدى؛ بىر كافىر ئۆزىگە چۈشىدىغان ئازابنىڭ تېز چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى، پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل ئۇ شوتىلاردا مىقدارى ئەللىك مىڭ يىل بولغان ئۇ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆرلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِلْكَافِرِينَ لَيْسَ لَهُ دَافِعٌ
ئۇ (ئازاب) نى ھېچ ئادەم قايتۇرالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنى قايتۇرغۇچى يوقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئازاب كافىرلارغا بولىدۇ، ئۇ ئازابنى دەپئى قىلغۇچى يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم
-
مِنَ اللَّهِ ذِي الْمَعَارِجِ
ئۇ (ئازاب) ئۆرلەش يوللىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئازاب، ئاسمان شوتىلىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئازاب ئاسمان شوتىلىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
تَعْرُجُ الْمَلَائِكَةُ وَالرُّوحُ إِلَيْهِ فِي يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُ خَمْسِينَ أَلْفَ سَنَةٍ
پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
پەرىشتىلەر ۋە روھ - جىبرىئىل- ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
پەرىشتىلەر ۋە رۇھ، مىقدارى ئەللىك مىڭ يىل بولغان كۈندە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈكسىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
فَاصْبِرْ صَبْرًا جَمِيلًا
(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنداقتا سەن چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ھالدا چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن. — ئەنەس ئالىم
(5-7) ئى مۇھەممەد! ئۇنداقتا، كافىرلارنىڭ مەسخىرە ۋە ئەزىيەتلىرىگە چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن؛ خورسىنمىغىن، مەيۈسلەنمىگىن، ھېچ بوشىماستىن دەۋىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن. چۈنكى كافىرلار قىيامەت كۈنىنى يىراق كۆرىدۇ، بىز ئۇ كۈننى يېقىن كۆرىمىز؛ كافىرلار ئۇ كۈننى يىراق كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ساڭا قارشى چىقىدۇ، بىز ئۇ كۈننىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز ۋە سەن بۇنىڭغا ئىشىنىسەن، شۇڭا سەن چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّهُمْ يَرَوْنَهُ بَعِيدًا
ئۇلار ئۇ ئازابنى يىراق دەپ قارايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۇ ئازابنى يىراق دەپ قارايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئۇنى يىراق كۆرىدۇ، — ئەنەس ئالىم
-
وَنَرَاهُ قَرِيبًا
بىز ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز — مۇھەممەد سالىھ
ھالبۇكى، بىز ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇنى يېقىن كۆرىمىز. — ئەنەس ئالىم
-
يَوْمَ تَكُونُ السَّمَاءُ كَالْمُهْلِ
ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى ئاسمان مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(8-14) ئۇ كۈنى ئاسمان مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش بولىدۇ، تاغلار رەڭگارەڭ يۇڭدەك بولىدۇ. دوست دوستتىن ھال سورىمايدۇ، ھالبۇكى ئۇلار بىر - بىرىگە كۆرسىتىلىدۇ. گۇناھكار ئادەم ئۇ كۈننىڭ ئازابىدىن فىديە بېرىپ قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ: ئۆزىنىڭ ئورنىغا بالىلىرىنى، رەپىقىسىنى، قېرىندىشىنى، ئۆزىنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان قەبىلىسىنى ۋە زېمىندىكى بارلىق كىشىلەرنى بېرىپ ئۆزىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَتَكُونُ الْجِبَالُ كَالْعِهْنِ
تاغلار ئېتىلغان رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
تاغلار ئېرىتىلگەن رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
تاغلار رەڭگارەڭ يۇڭدەك بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَا يَسْأَلُ حَمِيمٌ حَمِيمًا
(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
دوست دوستىدىن ھال سورىمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
دوست دوستتىن ھال سورىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
يُبَصَّرُونَهُمْ ۚ يَوَدُّ الْمُجْرِمُ لَوْ يَفْتَدِي مِنْ عَذَابِ يَوْمِئِذٍ بِبَنِيهِ
(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنى بىر-بىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. گۇناھكارلار بۇ كۈندىكى ئازابنىڭ بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىنى فىدا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بىر - بىرىگە كۆرسىتىلىدۇ. گۇناھكار ئادەم ئۇ كۈننىڭ ئازابىدىن فىديە بېرىپ قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ: ئورنىغا بالىلىرىنى، — ئەنەس ئالىم
-
وَصَاحِبَتِهِ وَأَخِيهِ
(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئايالىنى، قېرىندىشىنى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئايالىنى، قېرىندىشىنى، — ئەنەس ئالىم
-
وَفَصِيلَتِهِ الَّتِي تُؤْوِيهِ
(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆزىنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان قەبىلىسىنى — ئەنەس ئالىم
-
وَمَنْ فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا ثُمَّ يُنْجِيهِ
(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى فىدا قىلىپ بولسىمۇ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە زېمىندىكى بارلىق كىشىلەرنى بېرىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
كَلَّا ۖ إِنَّهَا لَظَىٰ
ياق، ئۇ مۇقەررەر دوزاختۇر — مۇھەممەد سالىھ
ياق، ئۇ مۇقەررەر دوزاختۇركى، — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. شۈبھىسىزكى، دوزاخ يالقۇندۇر، — ئەنەس ئالىم
(15-18) گۇناھكارلارنىڭ بۇ ئارزۇلىرى ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. دوزاخ ئوتى يالقۇنجاپ كۆيۈپ تۇرغۇچىدۇر، باشنىڭ تېرىلىرىنى شىلىپ تاشلىغۇچىدۇر، ئۇ ھەقىقەتتىن باش تارتقان، تائەتتىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە مال يىغىپ ھەققىنى بەرمەي ساقلىغان كىشىنى ئۆزىگە چاقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
نَزَّاعَةً لِلشَّوَىٰ
(يەنى بۇ گۇناھكار كاپىر مۇنداق ئارزۇدىن يانسۇن، پىدا قىلىنغان ھېچقانداق نەرسە ئۇنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا دوزاخ يېنىپ تۇرىدۇ). (ئۇ ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقىدىن) باشنىڭ تېرىسىنى شىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
تېرىلەرنى كۆيدۈرۈپ سويىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
باشنىڭ تېرىلىرىنى شىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
تَدْعُو مَنْ أَدْبَرَ وَتَوَلَّىٰ
ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل ـ مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ يۈز ئۆرۈپ بۇرالغانلارنى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ مۇنۇ كىشىنى چاقىرىدۇ: ھەقكە ئارقىسىنى قىلغان، ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن — ئەنەس ئالىم
-
وَجَمَعَ فَأَوْعَىٰ
ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل ـ مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ۋە پۇل ـ مال يىغىپ ساقلىغانلارنى چاقىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە مال يىغىپ ھەققىنى بەرمەي ساقلىغان كىشىنى. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ الْإِنْسَانَ خُلِقَ هَلُوعًا
ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئىنسان بەك چىدامسىز ۋە ئاچ كۆز يارىتىلدى. — ئەنەس ئالىم
(19-21) ئىنسان بەك چىدامسىز ۋە ئاچ كۆز يارىتىلدى؛ ئۇ يامانلىققا يولۇقسا زارلانغۇچىدۇر؛ كېسەللىك، قىيىنچىلىق، كۆڭۈلسىز ۋە ئوڭۇشسىزلىقتەك بىرەر مۇسىبەتكە ئۇچرىسا چېچىلىدۇ، خاپا بولىدۇ، ھەسرەت چېكىدۇ. ئۇ ياخشىلىققا ئېرىشسە مەنئى قىلىدۇ؛ ساقلىق، بايلىق، ھوقۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەتتەك بىرەر نېمەتكە ئېرىشسە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ، ھېچكىمگە نەپ بەرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ جَزُوعًا
ئۇنىڭغا (يوقسۇزلۇق، ياكى كېسەللىك، يا قورقۇنچتەك) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭغا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئۆزىگە يامانلىق يەتكەندە زارلانغۇچىدۇر، — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذَا مَسَّهُ الْخَيْرُ مَنُوعًا
بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ياخشىلىق يەتكەندە مەنئى قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
إِلَّا الْمُصَلِّينَ
پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ناماز ئۆتەيدىغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇركى — تەرجىمە ھەيئىتى
ناماز ئوقۇغۇچىلار ئۇنداق ئەمەس. — ئەنەس ئالىم
(22-28) لېكىن نامىزىنى داۋاملىق ئۆتەيدىغان پۇل - ماللىرىدىن مۇئەييەن ھەق ئايرىپ، تىلىگەن ۋە تىلىمىگەن موھتاجلارغا بېرىدىغان، جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىدىغان، ئاللاھنىڭ ھېچكىم خاتىرجەم بولالمايدىغان ئازابىدىن قورقىدىغان نامازخانلار ئۇنداق چىدامسىز ۋە ئاچ كۆز ئەمەس. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَاتِهِمْ دَائِمُونَ
پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار نامىزىنى داۋاملىق ئۆتىگۈچى كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَالَّذِينَ فِي أَمْوَالِهِمْ حَقٌّ مَعْلُومٌ
ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ماللىرىدا مۇئەييەن ھەق باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ماللىرىدا مەلۇم ھەق بولغان كىشىلەردۇر، — ئەنەس ئالىم
-
لِلسَّائِلِ وَالْمَحْرُومِ
ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا — تەرجىمە ھەيئىتى
تىلىگۈچى ۋە مەھرۇم بولغۇچىلار ئۈچۈن[1]. — ئەنەس ئالىم
-
وَالَّذِينَ هُمْ مِنْ عَذَابِ رَبِّهِمْ مُشْفِقُونَ
ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار رەببىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار رەببىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچى كىشىلەردۇر، — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ عَذَابَ رَبِّهِمْ غَيْرُ مَأْمُونٍ
شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى (ئاللاھ ئەمىن قىلغاندىن باشقا ھېچبىر ئادەم ئۈچۈن) ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ رەببىنىڭ ئازابى ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
چۈنكى رەببىڭنىڭ ئازابى ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ
ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۇياتلىق يەرلىرىنى ۋە ئۇ يەرلىرىنىڭ ئەتراپىنى ساقلىغۇچى كىشىلەردۇر، — ئەنەس ئالىم
(29-31) ئۇ نامازخانلار ئىپپەتلىرىنى ساقلايدىغان كىشىلەردۇر، پەقەت ئۆز جۈپتىلىرىدىن ياكى قول ئاستىدىكىلەردىن ساقلىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا مالامەت قىلىنمايدۇ. كىم ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَّا عَلَىٰ أَزْوَاجِهِمْ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ
پەقەت خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، (ئۆزلىرىنىڭ خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانلار) مالامەت قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
پەقەت خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، -ئۇلار جۈرىلىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلغانلىقى ئۈچۈن- مالامەت قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
پەقەت ئۆز جۈپتىلىرىدىن ياكى قول ئاستىدىكىلەردىن ساقلىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا مالامەت قىلىنمايدۇ[2]، — ئەنەس ئالىم
-
فَمَنِ ابْتَغَىٰ وَرَاءَ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْعَادُونَ
(جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇشنى) بۇنىڭ سىرتىدىن تىلىگۈچىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
بۇنىڭ سىرتىدىن تىلىگۈچىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كىم ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئەنە شۇلار ئاشقۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئامانەتلىرىگە ۋە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
(32-35) ئۇ نامازخانلار ئامانەتلىرىگە ۋە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلىدىغان، گۇۋاھلىقلىرىنى توغرا ئادا قىلىدىغان، نامازلىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇ سۈپەتلەردىكى نامازخانلار قىيامەت كۈنى جەننەت باغچىلىرىدا ئىززەت - ئىكرام كۆرىدىغان، ھۆرمەت بىلەن كۈتۈلىدىغان ۋە ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەردىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولىدىغان كىشىلەردۇر. ئەسكەرتىش: بۇ (22 ~ 35 —) ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى 23 - سۈرە (مۇئمىنۇن)نىڭ 1 ~ 11- ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار شۇ ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە زىكىر قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ هُمْ بِشَهَادَاتِهِمْ قَائِمُونَ
ئۇلار توغرا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار توغرا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار گۇۋاھلىقلىرىنى توغرا ئادا قىلغۇچى كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَالَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ
ئۇلار نامىزىنى ئادا قىلغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار نامىزىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
أُولَٰئِكَ فِي جَنَّاتٍ مُكْرَمُونَ
ئەنە شۇلار جەننەتلەردە ھۆرمەت قىلىنغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇلار جەننەتلەردە ھۆرمەت قىلىنغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار جەننەتلەردە كۈتۈلگۈچى كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
فَمَالِ الَّذِينَ كَفَرُوا قِبَلَكَ مُهْطِعِينَ
(ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن؟ ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە بويۇنلىرىنى سوزغان ۋە كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككەن ھالدا يۈگۈرىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
(36-41) ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار بويۇنلىرىنى سوزۇپ ۋە كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ سەن تەرەپكە ئوڭ تەرىپىڭدىن ۋە سول تەرىپىدىن توپ - توپ ھالدا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ؟! ئۇلاردىن ھەربىر كىشى قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ نازۇنېمەتلىك باغچىلىرىغا كىرگۈزۈلۈشنى تەمە قىلامدۇ؟ ھېچ تەمە قىلمىسۇن! ئۇلار جەننەتكە ئەسلا كىرەلمەيدۇ. بىز ئۇلارنى ئۇلار بىلىدىغان تۇپراق، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم، لەختە قان، تولۇق شەكىلگە كىرگۈزۈلمىگەن بىر چاينام گۆش... قاتارلىق نەرسىلەردىن ياراتتۇق، مۇئمىنلەرنىمۇ شۇ نەرسىلەردىن ياراتتۇق، لېكىن مۇئمىنلەر لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىش ئارقىلىق جەننەتكە كىرىشكە لايىق بولدى، ئەمما بۇ كافىرلار كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەپ تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى تەمە قىلمىسۇن. ئاقىۋەت ئۇلار ئويلىغاندەك بولمايدۇ، مەشرىقلارنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ يوقتىن ياراتقۇچىسى ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسى بولغان ئۆزىمىز بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ياخشىراق قەۋمنى كەلتۈرۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز، بىز بۇنىڭدىن ئاجىز ئەمەسمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ عِزِينَ
(ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ۋە ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئوڭدىن ۋە سولدىن توپ - توپ ھالدا. — ئەنەس ئالىم
-
أَيَطْمَعُ كُلُّ امْرِئٍ مِنْهُمْ أَنْ يُدْخَلَ جَنَّةَ نَعِيمٍ
ئۇلاردىن ھەر بىر ئادەم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشنى تەمە قىلامدۇ؟(ئىزاھات:مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۆرىسىگە ھەلقە ـ ھەلقە بولۇپ توپلىشىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالاتتى. ئۇنى ۋە ساھابىلىرىنى مەسخىرە قىلاتتى، ئۇلار: «مۇھەممەد ئېيتقاندەك بۇلار جەننەتكە كىرىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە بۇلاردىن ئىلگىرى بىز كىرىمىز» دەيتتى، بۇ ئايەت شۇلار ھەققىدە نازىل بولغان.) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلاردىن ھەر بىر ئادەم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشنى تەمە قىلامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلاردىن ھەر كىشى نەئىم جەننىتىگە كىرگۈزۈلۈشىنى تەمە قىلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
-
كَلَّا ۖ إِنَّا خَلَقْنَاهُمْ مِمَّا يَعْلَمُونَ
ياق (يەنى ئۇلار جەننەتكە مەڭگۈ كىرەلمەيدۇ). شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى ئۇلار بىلىدىغان نەرسىلەردىن ياراتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
ياق. شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى ئۇلار بىلىدىغان نەرسىلەردىن ياراتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ھېچ تەمە قىلمىسۇن! بىز ئۇلارنى ئۇلار بىلىدىغان نەرسىدىن ياراتتۇق. — ئەنەس ئالىم
-
فَلَا أُقْسِمُ بِرَبِّ الْمَشَارِقِ وَالْمَغَارِبِ إِنَّا لَقَادِرُونَ
مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ئارتۇق ۋە ئاللاھقا ئىتائەتچان بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشكە) بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز (بۇنىڭدىن) ئاجىز ئەمەسمىز — مۇھەممەد سالىھ
مەشرىقلارنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىش ئۇلار دېگەندەك بولمايدۇ. مەشرىق ۋە مەغرىبلەرنىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز. — ئەنەس ئالىم
-
عَلَىٰ أَنْ نُبَدِّلَ خَيْرًا مِنْهُمْ وَمَا نَحْنُ بِمَسْبُوقِينَ
مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ئارتۇق ۋە ئاللاھقا ئىتائەتچان بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشكە) بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز (بۇنىڭدىن) ئاجىز ئەمەسمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا -قادىرمىز-، بىز ئاجىز ئەمەسمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاردىن ياخشىراقىنى كەلتۈرەلەيمىز. بىز ئاجىز ئەمەس. — ئەنەس ئالىم
-
فَذَرْهُمْ يَخُوضُوا وَيَلْعَبُوا حَتَّىٰ يُلَاقُوا يَوْمَهُمُ الَّذِي يُوعَدُونَ
(ئى مۇھەممەد) ئۇلارنى قويۇۋەتكىن، تاكى ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر (باتىلغا) چۆمسۇن، (دۇنياسىدا) ئوينىسۇن — مۇھەممەد سالىھ
#نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ھالدا ئۇلارنى تەرك ئەتكىن، ئۇلار باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر گۇناھقا چۆمسۇن، ئويناپ تۇرسۇن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! لايىق رەۋىشتە مۇئمىن بولماي تۇرۇپ قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىشنى تەمە قىلىۋاتقان ئۇ كافىرلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكىن، ئازابقا دۇچار بولىدىغان كۈن يېتىپ كەلگۈچىلىك ئۆزلىرىنىڭ گۇمراھلىقىدا تېڭىرقاپ يۈرسۇن، گۇناھ - مەئسىيەتكە چۆمسۇن، ئويناپ تۇرسۇن. ئەسكەرتىش: «ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكىن، ئۆزلىرىنىڭ گۇمراھلىقىدا تېڭىرقاپ يۈرسۇن، گۇناھ - مەئسىيەتكە چۆمسۇن، ئويناپ تۇرسۇن» دېگەن ئىپادە ئۇلارغا تەھدىت بولۇپ، بۇ خىل ئىپادە قۇرئان كەرىمدە باشقا بىرقانچە ئايەتتىمۇ ئۆتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَوْمَ يَخْرُجُونَ مِنَ الْأَجْدَاثِ سِرَاعًا كَأَنَّهُمْ إِلَىٰ نُصُبٍ يُوفِضُونَ
ئۇ كۈندە ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ، خۇددى تىكلەپ قويغان بۇتلىرىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك (مەھشەرگاھقا) يۈگۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈندە ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ، خۇددى تىكلەپ قويغان بۇتلىرىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك يۈگۈرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى ئۇلار قەبىرلىرىدىن چىقىپ، گويا تىكلەنگەن نىشانغا قاراپ مۇسابىقىلەشكەندەك يۈگۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(43-44) ئۇ كۈنى ئۇ كافىرلار قايتا تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ ۋە مەھشەر مەيدانىغا، گويا تىكلەنگەن نىشانغا قاراپ مۇسابىقىلەشكەندەك يۈگۈرىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى يەرگە تىكىلىپ قالىدۇ، ئۇلارنى خارلىق باسىدۇ. ئەنە شۇ، ئۇلار دۇنيادىكى چاغلىرىدا ئاگاھلاندۇرۇلغان كۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
خَاشِعَةً أَبْصَارُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۚ ذَٰلِكَ الْيَوْمُ الَّذِي كَانُوا يُوعَدُونَ
ئۇلار (ئاللاھتىن ئۇيىلىپ) يۇقىرى قارىيالمايدۇ، ئۇلارنى خورلۇق ئورىۋالىدۇ، ئەنە شۇ ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار يۇقىرى قارىيالمايدۇ، ئۇلارنى خورلۇق ئورىۋالىدۇ، ئەنە شۇ ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى يەرگە تىكىلىپ قالىدۇ، ئۇلارنى خارلىق باسىدۇ. ئەنە شۇ ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلغان كۈندۇر. — ئەنەس ئالىم