رەھمەت
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
رەھمەت — ئاللاھنىڭ بارلىق مەخلۇقاتلىرىغا رەھىم-شەپقەت، ھېسداشلىق ۋە غەمخورلۇق قىلىش.
ئەرەبچىىسى: الرحمة
ئېنگلىزچىسى: Compassion for Creation
4 ئايەت
4 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 مۇھەببەت ۋە مېھىر-شەپقەت /
- 📄 رەھمەت
قۇرئان ئايەتلىرى
شۇئەرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
لَعَلَّكَ بَاخِعٌ نَفْسَكَ أَلَّا يَكُونُوا مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ مۇئمىن بولمىغانلىقىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن!
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُمْ مَوَدَّةً وَرَحْمَةً ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاياللار بىلەن ئۇنسى- ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر- خوتۇن ئارىسىدا) مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاياللار بىلەن ئۇنسى -ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ سىلەرگە كۆڭلۈڭلارنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭلاردىن1 جۈپلەر يارىتىپ بېرىشى، ئاراڭلاردا مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق ئورنىتىشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
بِمَا غَفَرَ لِي رَبِّي وَجَعَلَنِي مِنَ الْمُكْرَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى[26 ـ 27].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقنى ۋە مېنى ھۈرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى» دېدى
ئەنەس ئالىم: رەببىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن قىلغانلىقىنى».
بەلەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
90 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ كَانَ مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ وَتَوَاصَوْا بِالْمَرْحَمَةِ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭ بىلەن بىللە (يەنى يۇقىرىقىلارنى قىلىش بىلەن بىللە) ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولماقتۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولوشتۇر
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىمان ئېيتقان، سەۋرگە تەۋسىيە قىلىشقان ۋە مەرھەمەتكە تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولۇشتۇر.