ھەسەت
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ھەسەت — ئاچچىقلىنىش ياكى ئۆچ ئېلىش سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ يوقىتىلىشىنى تىلەش.
ئەرەبچىىسى: الحسد
ئېنگلىزچىسى: Envy
5 ئايەت
3 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 يامان ئادەتلەر /
- 📄 ھەسەت
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
بِئْسَمَا اشْتَرَوْا بِهِ أَنْفُسَهُمْ أَنْ يَكْفُرُوا بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ بَغْيًا أَنْ يُنَزِّلَ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ فَبَاءُوا بِغَضَبٍ عَلَىٰ غَضَبٍ ۚ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۆز پەزلىنى (پەيغەمبەرلىكنى) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى (ئىمانىنى) كۇفرىغا سېتىشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى ـ ئۈستىگە غەزەپكە تېگىشلىك بولدى. كاپىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۆز پەزلىنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كېچىپ كۇفرغا تۇرۇشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى ـ ئۈستىگە غەزەپكە ئۇچرىدى. كافىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بەدىلىگە ئۆزلىرىنى ساتقان نەرسە نېمىدېگەن يامان! ئۇ بولسا ئۇلارنىڭ، ئاللاھنىڭ خالىغان بەندىسىگە ئۆز ئېھسانىدىن نازىل قىلغانلىقىغا قىزغىنىپ، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى ئىنكار قىلىشىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار قاتمۇقات غەزەپكە يولۇقتى. كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
2 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَّ كَثِيرٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَوْ يَرُدُّونَكُمْ مِنْ بَعْدِ إِيمَانِكُمْ كُفَّارًا حَسَدًا مِنْ عِنْدِ أَنْفُسِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْحَقُّ ۖ فَاعْفُوا وَاصْفَحُوا حَتَّىٰ يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر (يەنى ئاللاھ سىلەرگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغىچە) ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىگە ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئىچ-ئىچىدىن ھەسەت قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى پەرمانى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن نۇرغۇن كىشىلەر ھەق ئۆزلىرىگە ئېنىق ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ئىچ - ئىچىدىن ھەسەت قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن ئايرىپ قايتا كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ ئەمرىنى كەلتۈرگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار31. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
نىسا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَتَمَنَّوْا مَا فَضَّلَ اللَّهُ بِهِ بَعْضَكُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ لِلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبُوا ۖ وَلِلنِّسَاءِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبْنَ ۚ وَاسْأَلُوا اللَّهَ مِنْ فَضْلِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەردىكى بىر ـ بىرىڭلاردىن ئارتۇق قىلغان نەرسىلەرنى (ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئارزۇ قىلماڭلار، ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ. ئاللاھتىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار (ئاللاھ بېرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ بىرىڭلارنى بىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلىپ بەرگەن ئالاھىدىلىكلەرنى تەمە قىلماڭلار. ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھتىن ئۇنىڭ مەرھەمىتىنى تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن پەرقلەندۈرۈشكە ۋاسىتە قىلغان نەرسىنى ئارزۇ قىلماڭلار14. ئەرلەرگە ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار، ئاياللارغىمۇ ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھتىن ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىشىنى تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ يَحْسُدُونَ النَّاسَ عَلَىٰ مَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ ۖ فَقَدْ آتَيْنَا آلَ إِبْرَاهِيمَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَآتَيْنَاهُمْ مُلْكًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىككە) ھەسەت قىلىشامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئىبىراھىم ئەۋلادىغا كىتاب، ھېكمەت بەردۇق ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق بەردۇق[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز مەرھەمىتىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نېمەتلەرگە ھەسەت قىلىشامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئىبىراھىم ئەۋلادىغا كىتاب، ھېكمەت بەرگەن ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق ئاتا قىلغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسە تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ھەسەت قىلامدۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىغىمۇ كىتابنى، ھېكمەتنى بەرگەن ئىدۇق ۋە ئۇلارغا كاتتا پادىشاھلىق بەرگەن ئىدۇق.
فەلەق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
113 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ
مۇھەممەد سالىھ: «مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى يامانلىقىدىن تاڭ نۇرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ۋە ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى يامانلىقىدىن قاچىمەن».