يامان ئادەتلەر
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئەخلاق (ئەخلاق ۋە خاراكتېر): يامان ئادەتلەر
ئەرەبچىىسى: الرذائل
ئېنگلىزچىسى: Vices
357 ئايەت
80 سۈرە
8 تارماق تېما
تېمىلار
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
24 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلارنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ.
2 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَهُمُ اللَّهُ مَرَضًا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى (يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت) كېسىلى بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى؛ ئۇلار (ئىمان ئېيتتۇق دەپ) يالغان سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە كېسەل بار. ئاللاھ ئۇلارغا يەنە بىر كېسەل زىيادە قىلدى. ئۇلارغا يالغانچىلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەلەملىك ئازاب بار.
2 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ آمِنُوا كَمَا آمَنَ النَّاسُ قَالُوا أَنُؤْمِنُ كَمَا آمَنَ السُّفَهَاءُ ۗ أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ السُّفَهَاءُ وَلَٰكِنْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا): «ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك (چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن) ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەخمەقلەر، لېكىن (بۇنى) ئۇلار تۇيمايدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «ھەقىقىي ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «بىز ئەخمەقلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى ئۇلارنىڭ ئۆزى ئەخمەق، لېكىن ئۇلار (بۇنى) بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «شۇ ئىنسانلار ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «ئۇ ئەخمەقلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئەسلىدە ئەخمەقلەر ئۇلاردۇر، لېكىن ئۇلار بىلمەيدۇ.
2 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ وَاسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلغىلى ئۇنىمىدى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كافىرلاردىن بولۇپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى، ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى، ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كافىرلاردىن بولدى.
2 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَدَّلَ الَّذِينَ ظَلَمُوا قَوْلًا غَيْرَ الَّذِي قِيلَ لَهُمْ فَأَنْزَلْنَا عَلَى الَّذِينَ ظَلَمُوا رِجْزًا مِنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى، زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقلىرى (يەنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق
ئەنەس ئالىم: لېكىن زالىملار ئۆزلىرىگە دېيىلگەن سۆزنى باشقا سۆز بىلەن ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ زالىملارغا ئاسماندىن پاسكىنىلىق چۈشۈردۇق، چۈنكى ئۇلار يولدىن چىققان ئىدى23.
2 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ الَّذِينَ اعْتَدَوْا مِنْكُمْ فِي السَّبْتِ فَقُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى (بېلىق تۇتماسلىق) توغرىسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى (قانداق قىلغانلىقىمىزنى)، ئەلۋەتتە بىلىسىلەر، بىز ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى (بېلىق تۇتماسلىق) توغرىسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنىڭ سىلەرگە مەلۇم، بىز ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېگەن ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئىچىڭلاردىن شەنبە كۈنى ھەددىدىن ئاشقانلارنى ئەلۋەتتە بىلىسىلەر. ئۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارغا «خار مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!» دېگەن ئىدۇق.
2 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ يَكْتُبُونَ الْكِتَابَ بِأَيْدِيهِمْ ثُمَّ يَقُولُونَ هَٰذَا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ لِيَشْتَرُوا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۖ فَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا كَتَبَتْ أَيْدِيهِمْ وَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ ئۇنى ئاز پۇلغا سېتىش (دۇنيانىڭ ئازغىنا مەنپەئىتى) ئۈچۈن، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرگە ۋاي! قولى بىلەن يازغانلىرى (يەنى تەۋراتنى ئۆزگەرتكەنلىكلىرى) ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي! (بۇنىڭ بىلەن) ئېرىشكەن (ھارام) نەرسىلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي![79]
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتابنى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئاز پۇلغا (يەنى دۇنيانىڭ ئازغىنا مەنپەئىتىگە) سېتىۋېتىش ئۈچۈن، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۆز قولى بىلەن يېزىۋالغان نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئازغىنە پۇلغا سېتىش ئۈچۈن: «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىندۇر» دېگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! قوللىرى يازغان نەرسە سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئېرىشكەن نەرسىلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
2 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَكُمْ لَا تَسْفِكُونَ دِمَاءَكُمْ وَلَا تُخْرِجُونَ أَنْفُسَكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ ثُمَّ أَقْرَرْتُمْ وَأَنْتُمْ تَشْهَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىر ـ بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر ـ بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئېتىراپ قىلغان ئىدىڭلار، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھسىلەر[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىر ـ بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر ـ بىرىڭلارنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن بۇنى ئېتىراپ قىلغان ئىدىڭلار، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن يەنە: «بىر - بىرىڭلارنىڭ قانلىرىنى تۆكمەيسىلەر، بىر - بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەيسىلەر» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. بۇنىڭغا سىلەرمۇ ئەھدە بەرگەن ئىدىڭلار، بۇنى ئوبدان بىلىسىلەرغۇ!
2 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ تَقْتُلُونَ أَنْفُسَكُمْ وَتُخْرِجُونَ فَرِيقًا مِنْكُمْ مِنْ دِيَارِهِمْ تَظَاهَرُونَ عَلَيْهِمْ بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَإِنْ يَأْتُوكُمْ أُسَارَىٰ تُفَادُوهُمْ وَهُوَ مُحَرَّمٌ عَلَيْكُمْ إِخْرَاجُهُمْ ۚ أَفَتُؤْمِنُونَ بِبَعْضِ الْكِتَابِ وَتَكْفُرُونَ بِبَعْضٍ ۚ فَمَا جَزَاءُ مَنْ يَفْعَلُ ذَٰلِكَ مِنْكُمْ إِلَّا خِزْيٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يُرَدُّونَ إِلَىٰ أَشَدِّ الْعَذَابِ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كېيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ) بىر ـ بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىر چۈشۈپ كەلسە، فىدىيە بېرىپ قۇتقۇزۇۋالىسىلەر؛ ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرۈسىلەرۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر). سىلەر كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتىي دۇنيادا خارلىققا قېلىش، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ) بىر ـ بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىرگە چۈشۈپ كەلگەندە بولسا، فىديە بېرىپ قۇتقۇزۇۋېلىۋاتىسىلەر، ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى. سىلەر كىتاب (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىدا شەرمەندە بولۇش ، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىسىلەر، ئىچىڭلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋاتىسىلەر، ئۇلارغا قىلىنغان يامانلىق ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملىشىۋاتىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلار ئەسىرگە چۈشۈپ يېنىڭلارغا كەلسە، فىدىيەلىرىنى بېرىپ قۇتقۇزىۋاتىسىلەر. ئەسىلىدە ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى. ياكى سىلەر كىتابنىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، بىر قىسمىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن بۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋاچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار قىيامەت كۈنىمۇ ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس.
2 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَقَفَّيْنَا مِنْ بَعْدِهِ بِالرُّسُلِ ۖ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ ۗ أَفَكُلَّمَا جَاءَكُمْ رَسُولٌ بِمَا لَا تَهْوَىٰ أَنْفُسُكُمُ اسْتَكْبَرْتُمْ فَفَرِيقًا كَذَّبْتُمْ وَفَرِيقًا تَقْتُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقىمۇئارقا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەر بەردۇق، ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇددۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن يۆلىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەرنى بەردۇق ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن قوللىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دېدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ئىدۇق. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغىمۇ روشەن دەلىللەرنى26 بەرگەن ئىدۇق، ئۇنى روھۇلقۇدۇس بىلەن قوللىغان ئىدۇق. لېكىن سىلەر قاچانىكى ئەلچى كۆڭلۈڭلار ياقتۇرمايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلدىڭلار ئەمەسمۇ؟! ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچى دېدىڭلار، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار.
2 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
بِئْسَمَا اشْتَرَوْا بِهِ أَنْفُسَهُمْ أَنْ يَكْفُرُوا بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ بَغْيًا أَنْ يُنَزِّلَ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ فَبَاءُوا بِغَضَبٍ عَلَىٰ غَضَبٍ ۚ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۆز پەزلىنى (پەيغەمبەرلىكنى) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى (ئىمانىنى) كۇفرىغا سېتىشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى ـ ئۈستىگە غەزەپكە تېگىشلىك بولدى. كاپىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۆز پەزلىنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كېچىپ كۇفرغا تۇرۇشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى ـ ئۈستىگە غەزەپكە ئۇچرىدى. كافىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بەدىلىگە ئۆزلىرىنى ساتقان نەرسە نېمىدېگەن يامان! ئۇ بولسا ئۇلارنىڭ، ئاللاھنىڭ خالىغان بەندىسىگە ئۆز ئېھسانىدىن نازىل قىلغانلىقىغا قىزغىنىپ، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى ئىنكار قىلىشىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار قاتمۇقات غەزەپكە يولۇقتى. كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
2 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَتَجِدَنَّهُمْ أَحْرَصَ النَّاسِ عَلَىٰ حَيَاةٍ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا ۚ يَوَدُّ أَحَدُهُمْ لَوْ يُعَمَّرُ أَلْفَ سَنَةٍ وَمَا هُوَ بِمُزَحْزِحِهِ مِنَ الْعَذَابِ أَنْ يُعَمَّرَ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِمَا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى ھاياتقا ھەممە كىشىدىن، ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ ھېرىس كۆرۈسەن؛ ھەر بىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ۋەھالەنكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ ھاياتقا ھەممە كىشىدىن، ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ ئامراق ئىكەنلىكىنى كۆرۈسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇلارنى ئازابتىن قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: چوقۇم كۆرىسەن، ئۇلار دۇنيا ھاياتىغا پۈتكۈل ئىنسانلاردىن بەك ھېرىسمەندۇر. ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ بەكرەك ھېرىسمەندۇر. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆمرۈم مىڭ يىل بولغان بولسا دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنى بۇ قەدەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىمۇ ئازاپتىن قۇتقۇزالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَّ كَثِيرٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَوْ يَرُدُّونَكُمْ مِنْ بَعْدِ إِيمَانِكُمْ كُفَّارًا حَسَدًا مِنْ عِنْدِ أَنْفُسِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْحَقُّ ۖ فَاعْفُوا وَاصْفَحُوا حَتَّىٰ يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر (يەنى ئاللاھ سىلەرگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغىچە) ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىگە ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئىچ-ئىچىدىن ھەسەت قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى پەرمانى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن نۇرغۇن كىشىلەر ھەق ئۆزلىرىگە ئېنىق ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ئىچ - ئىچىدىن ھەسەت قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن ئايرىپ قايتا كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ ئەمرىنى كەلتۈرگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار31. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
2 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ مَنَعَ مَسَاجِدَ اللَّهِ أَنْ يُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ وَسَعَىٰ فِي خَرَابِهَا ۚ أُولَٰئِكَ مَا كَانَ لَهُمْ أَنْ يَدْخُلُوهَا إِلَّا خَائِفِينَ ۚ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسجىدلەرگە ئۇلارنىڭ پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشى لايىق ئىدى. ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ. ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) دۇچار بولىدۇ[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇ مەسجىدلەرنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەنە شۇلار (ئەسلىدە) مەسجىدلەرگە پەقەت ئاللاھتىن قورققان ھالدىلا كىرسە بولاتتى، ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىلى قويمىغان32 ۋە ئۇلارنى خاراب قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەسلىدە ئۇلار ئۇ مەسجىدلەرگە قورقۇپ كىرىشى لازىم ئىدى. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.
2 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ تَقُولُونَ إِنَّ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطَ كَانُوا هُودًا أَوْ نَصَارَىٰ ۗ قُلْ أَأَنْتُمْ أَعْلَمُ أَمِ اللَّهُ ۗ وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ كَتَمَ شَهَادَةً عِنْدَهُ مِنَ اللَّهِ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئېيتقىنكى، «(ئۇلارنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى) سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا ئاللاھ نازىل قىلغان دەلىل ـ ئىسپات تۇرۇپ ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىن زالىم كىم بار؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى دەمسىلەر؟» ئېيتقىنكى، «بۇنى سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا ئاللاھ نازىل قىلغان دەلىل ـ ئىسپات تۇرۇپ، ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»
ئەنەس ئالىم: ياكى سىلەر: «ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھمۇ؟». يېنىدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى بار تۇرۇقلۇق، ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس43.
2 : 145 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَتَيْتَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ بِكُلِّ آيَةٍ مَا تَبِعُوا قِبْلَتَكَ ۚ وَمَا أَنْتَ بِتَابِعٍ قِبْلَتَهُمْ ۚ وَمَا بَعْضُهُمْ بِتَابِعٍ قِبْلَةَ بَعْضٍ ۚ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ ۙ إِنَّكَ إِذًا لَمِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كىتاب بېرىلگەنلەرگە بارچە دەلىلنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سېنىڭ قىبلەڭگە بويسۇنمايدۇ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە بويسۇنمايسەن؛ ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ھەم ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنىڭ قىبلىسىگە بويسۇنمايدۇ. ساڭا ئىلىم (ۋەھىي) كەلگەندىن كېيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا بويسۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم زۇلۇم قىلغانلاردىن بولىسەن[145].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كىتاب بېرىلگەنلەرگە بارچە دەلىلنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سېنىڭ قىبلەڭگە يۈزلەنمەيدۇ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈزلەنمەيسەن؛ ئۇلار ھەم ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈزلەنمەيدۇ. ساڭا ئىلىم (يەنى ۋەھيى) كەلگەندىن كېيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن
ئەنەس ئالىم: كىتاب بېرىلگەنلەرگە پۈتكۈل دەلىللەرنى كەلتۈرسەڭمۇ ئۇلار يەنىلا سېنىڭ قىبلەڭگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيسەن. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى يەنە بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. ئەگەر سەن ئۆزۈڭگە كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، بىلىپ قويغىنكى سەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ كېتىسەن.
2 : 169 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا يَأْمُرُكُمْ بِالسُّوءِ وَالْفَحْشَاءِ وَأَنْ تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەيتان سىلەرنى ھەقىقەتەن يامانلىقلارغا، قەبىھ گۇناھلارغا ۋە ئاللاھ نامىدىن، يالغاندىن (ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ ۋە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال دەپ) سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ[169].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەيتان سىلەرنى ھەقىقەتەن يامانلىقلارغا، قەبىھ گۇناھلارغا ۋە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەمدە ئۇ سىلەرنى داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىشقا، ھاياسىزلىق قىلىشقا ۋە ئاللاھ توغرىسىدا بىلمەي گەپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.
2 : 174 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ الْكِتَابِ وَيَشْتَرُونَ بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۙ أُولَٰئِكَ مَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ إِلَّا النَّارَ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ اللَّهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كىتابتا نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئازغىنا پۇلغا ساتىدىغانلارنىڭ قارنىغا يېگىنى پەقەت ئوتتۇر (چۈنكى ئۇلارنىڭ يېگەن شۇ ھارام مېلى ئۇلارنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[174].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كىتابتا نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئازغىنا پۇلغا سېتىۋېتىدىغانلار ___ ئەنە شۇلار قارنىغا پەقەت دوزاخ ئوتىنىلا يەيدۇ*[1]، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتىن بىرەر نەرسىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلار قورساقلىرىنى ئوتقا تولدۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
2 : 181 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ بَدَّلَهُ بَعْدَمَا سَمِعَهُ فَإِنَّمَا إِثْمُهُ عَلَى الَّذِينَ يُبَدِّلُونَهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ۋەسىيەتنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، كىمكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى ئۆزگەرتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[181].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋەسىيەتنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، كىمكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى پەقەت ئۇنى ئۆزگەرتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: كىمكى ئۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ گۇناھى ئۇنى ئۆزگەرتىۋەتكۈچىلەرگە بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 188 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ وَتُدْلُوا بِهَا إِلَى الْحُكَّامِ لِتَأْكُلُوا فَرِيقًا مِنْ أَمْوَالِ النَّاسِ بِالْإِثْمِ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا پارا بەرمەڭلار[188].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر ـ بىرىڭلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم پۇل-ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پارا بەرمەڭلار
ئەنەس ئالىم: بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى ناھەق يەۋېلىش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پارا بەرمەڭلار.
2 : 204 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يُعْجِبُكَ قَوْلُهُ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيُشْهِدُ اللَّهَ عَلَىٰ مَا فِي قَلْبِهِ وَهُوَ أَلَدُّ الْخِصَامِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ (لېكىن ئۇ يالغانچى مۇناپىقتۇر)، ئۇ دىلىدىكى نەرسىگە (دىلى باشقا، تىلى باشقا ئەمەسلىكىگە) ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكۈچىلەرگە) ئەشەددىي دۈشمەندۇر (كۆرۈنۈشتە ئۇ شېرىن سۆزى ئارقىلىق دىندار قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ)[204].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ، ئۇ ئەشەددىي دۈشمەن تۇرۇپ دىلىدىكى نەرسىگە ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ.
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشى باركى، دۇنيا ھاياتىغا دائىر قىلغان سۆزى سېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئۇ تېخى سەمىمىي ئىكەنلىكىگە ئاللاھنى شاھىت قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئەڭ ئەشەددىي خۇسۇمەتچىدۇر.
2 : 205 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا تَوَلَّىٰ سَعَىٰ فِي الْأَرْضِ لِيُفْسِدَ فِيهَا وَيُهْلِكَ الْحَرْثَ وَالنَّسْلَ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الْفَسَادَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەلدە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زىرائەتلەرسىز ۋە ھايۋاناتلارسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس). ئاللاھ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ[205].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ھۇزۇرۇڭدىن قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئاللاھ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ، يېنىڭدىن ئايرىلسا زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، ئېكىن ۋە نەسىللەرنى ھالاك قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىقنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
2 : 206 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُ اتَّقِ اللَّهَ أَخَذَتْهُ الْعِزَّةُ بِالْإِثْمِ ۚ فَحَسْبُهُ جَهَنَّمُ ۚ وَلَبِئْسَ الْمِهَادُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا (ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىپ يامان سۆز ـ ھەرىكەتلىرىڭدىن قايتىپ) ئاللاھتىن قورققىن، دېيىلسە، غۇرۇرى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ (يەنى ھەقتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتىپ، پىتنە ـ پاساتتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر[206].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا ئاللاھتىن قورققىن دېيىلسە، تەكەببۇرلۇقى تۇتۇپ، گۇناھقا پاتىدۇ، بۇنداق ئادەمگە جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن!» دېيىلسە، گۇناھى بىلەن مەغرۇرلىنىپ تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
2 : 231 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ سَرِّحُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ ۚ وَلَا تُمْسِكُوهُنَّ ضِرَارًا لِتَعْتَدُوا ۚ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ ۚ وَلَا تَتَّخِذُوا آيَاتِ اللَّهِ هُزُوًا ۚ وَاذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمَا أَنْزَلَ عَلَيْكُمْ مِنَ الْكِتَابِ وَالْحِكْمَةِ يَعِظُكُمْ بِهِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىپ، (ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا) تۇتۇڭلار، ياكى ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار، زۇلۇم قىلىش مەقسىتىدە زىيان يەتكۈزۈپ ئۇلارنى تۇتۇۋالماڭلار. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇش نىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىددىتىنى ئۇزارتىپ زۇلۇم قىلىش نىيىتىدە خوتۇنى بىلەن يارىشىدىكەن)، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى كۈلكە قىلىۋالماڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى خىلاپلىق قىلىش يولى بىلەن مەسخىرە قىلماڭلار)، ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ۋە سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتابنى، ھېكمەتنى (كىتابتىكى ئەھكاملارنى) ياد ئېتىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[231].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر خوتۇنلىرىڭلارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا، (ئۇلار بىلەن يارىشىپ) ئۇلارنى چىرايلىقچە نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار، زۇلۇم قىلىش مەقسىتىدە زىيان يەتكۈزۈپ ئۇلارنى تۇتۇۋالماڭلار. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى كۈلكە-چاقچاق قىلىۋالماڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ۋە سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتابىنى، ھېكمىتى(يەنى ئەھكاملىرى) نى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلار ئىددىتىنىڭ ئاخىرىغا يەتسە، يا ئۇلارنى مەئرۇف بىلەن نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى مەئرۇف بىلەن قويۇۋېتىڭلار. ئۇلارنى ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن نىكاھىڭلاردا تۇتماڭلار. بۇنداق قىلغانلار ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى، سىلەرگە نازىل قىلغان كىتاب ۋە ھېكمىتىنى ياد ئېتىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ بىلەن نەسىھەت قىلماقتىدۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ النَّبِيِّينَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَيَقْتُلُونَ الَّذِينَ يَأْمُرُونَ بِالْقِسْطِ مِنَ النَّاسِ فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلار، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغانلار، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلار (يەنى ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىلار) نى ئۆلتۈرىدىغانلارغا چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلارنى ئۆلتۈرىدىغان كىشىلەرگە چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن بىشارەت بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولىدىغان، نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغان ۋە ئادالەتكە بۇيرۇيدىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
3 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مَنْ إِنْ تَأْمَنْهُ بِقِنْطَارٍ يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ وَمِنْهُمْ مَنْ إِنْ تَأْمَنْهُ بِدِينَارٍ لَا يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ إِلَّا مَا دُمْتَ عَلَيْهِ قَائِمًا ۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لَيْسَ عَلَيْنَا فِي الْأُمِّيِّينَ سَبِيلٌ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭدا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تۇرمىغىچە (يەنى قايتا ـ قايتا سۈيلىمىگۈچە) ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ئۇممىيلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس)» دەيدۇ، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ پۇل-مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭغا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا سۈيلەپ تۇرمىغىچە، ئۇ ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ساۋاتسىزلار (بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلار) نىڭ پۇل-مېلىغا خىيانەت قىلساق، بىزگە گۇناھ بولمايدۇ» دەيدۇ، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن شۇنداق كىشى باركى، ئۇنىڭغا بىرەر خەزىنە ئامانەت قويساڭ ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلاردىن شۇنداق كىشىمۇ باركى، ئۇنىڭغا بىرەر دىنار ئامانەت قويساڭ بېشىدا تىكىلىپ تۇرمىغىچە ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: «بىزدىن بولمىغانلارنىڭ مېلىنى يەۋالساق گۇناھكار بولمايمىز» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا بوھتان چاپلايدۇ.
3 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ مِنْهُمْ لَفَرِيقًا يَلْوُونَ أَلْسِنَتَهُمْ بِالْكِتَابِ لِتَحْسَبُوهُ مِنَ الْكِتَابِ وَمَا هُوَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَقُولُونَ هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَمَا هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن (يەنى يەھۇدىيلاردىن) بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى، سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن تىللىرىنى ئەگرى ـ بۈگرى قىلىپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن، تىللىرىنى تولغاپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان، دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن شۇنداق بىر پىرقىمۇ باركى، ئۆزلىرى ئويدۇرغان سۆزلەرنى تىللىرىنى ئېگىپ كىتابنى ئوقۇغاندەك ئوقۇيدۇ. ئۇلار بۇنى سىلەرنىڭ ئۇ سۆزلەرنى كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ سۆزلەر كىتابتا يوقتۇر. ئۇلار: «بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن نازىل قىلىنغان» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن نازىل قىلىنمىغان. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا بوھتان چاپلايدۇ.
3 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىل مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن)، كىمكى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىن، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغانلار، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭدىن كېيىن كىمكى ئاللاھقا بوھتان چاپلايدىكەن، ئەنە شۇلار زالىملاردۇر.
3 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
ضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الذِّلَّةُ أَيْنَ مَا ثُقِفُوا إِلَّا بِحَبْلٍ مِنَ اللَّهِ وَحَبْلٍ مِنَ النَّاسِ وَبَاءُوا بِغَضَبٍ مِنَ اللَّهِ وَضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الْمَسْكَنَةُ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانُوا يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ الْأَنْبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ ۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ قەيەردە بولمىسۇن ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا پېتىپ قالدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى. موھتاجلىققا چۆمدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ پەرمانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكلىرى ۋە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەيەردە بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا پېتىپ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، موھتاجلىققا چۆمىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى، ئاللاھنىڭ پەرمانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قەيەردە بولسا بولسۇن ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە ۋە مۇئمىنلارنىڭ ھىمايىسىگە سېغىنمىغىچە خارلىققا چۆمىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ ۋە موھتاجىلىققا چۆمىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈندۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈندۇر.
3 : 180 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَبْخَلُونَ بِمَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ هُوَ خَيْرًا لَهُمْ ۖ بَلْ هُوَ شَرٌّ لَهُمْ ۖ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُوا بِهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ وَلِلَّهِ مِيرَاثُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە (يەنى پۇل ـ مالغا) بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئەمەلدە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇلار پانىي بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). ئاللاھ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[180].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلىمىسۇن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە بېخىللىق قىلىدىغانلار، بۇ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ھېسابلىمىسۇن. بەلكى بۇ ئۇلار ئۈچۈن يامانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىلىرى قىيامەت كۈنى بويۇنلىرىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر29. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
3 : 188 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَفْرَحُونَ بِمَا أَتَوْا وَيُحِبُّونَ أَنْ يُحْمَدُوا بِمَا لَمْ يَفْعَلُوا فَلَا تَحْسَبَنَّهُمْ بِمَفَازَةٍ مِنَ الْعَذَابِ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) قىلغان ئىشلىرىدىن (يەنى ھەقنى ياپقانلىقىدىن) خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن مەدھىيەلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[188].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز قىلمىشىدىن خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن مەدھىيىلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن، قىلغان ئىشى بىلەن خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشى بىلەن ماختىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى ئازابتىن قۇتۇلىدۇ دەپ ھېسابلىمىغىن31. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
نىسا سۈرىسى
27 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتُوا الْيَتَامَىٰ أَمْوَالَهُمْ ۖ وَلَا تَتَبَدَّلُوا الْخَبِيثَ بِالطَّيِّبِ ۖ وَلَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَهُمْ إِلَىٰ أَمْوَالِكُمْ ۚ إِنَّهُ كَانَ حُوبًا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ئۇلار بالاغەتكە يەتكەن چاغدا) بېرىڭلار، ياخشىسىنى يامانغا (يەنى ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ياخشىسىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىڭلارنىڭ يامىنىغا) تېگىشىۋالماڭلار؛ ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مال ـ مۈلكىگە قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ئۇلار بالاغەتكە يەتكەن چاغدا) بېرىڭلار، ياخشىسىنى ناچارغا تېگىشىۋالماڭلار؛ ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مال ـ مۈلكىگە قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر
ئەنەس ئالىم: يېتىملەرگە ماللىرىنى بېرىڭلار، ناچارنى ئوبدانغا تېگىشىۋالماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىغا قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر.
4 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَأْكُلُونَ أَمْوَالَ الْيَتَامَىٰ ظُلْمًا إِنَّمَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ نَارًا ۖ وَسَيَصْلَوْنَ سَعِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى ناھەق يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا يېنىپ تۇرىدىغان ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان دوزاخقا كىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: يېتىملەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالىدىغانلار قورساقلىرىغا چوقۇم ئوت يەيدۇ ۋە يېقىندا دوزاخقا كىرىپ كۆيىدۇ.
4 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا يَحِلُّ لَكُمْ أَنْ تَرِثُوا النِّسَاءَ كَرْهًا ۖ وَلَا تَعْضُلُوهُنَّ لِتَذْهَبُوا بِبَعْضِ مَا آتَيْتُمُوهُنَّ إِلَّا أَنْ يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ ۚ وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِنْ كَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَىٰ أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئًا وَيَجْعَلَ اللَّهُ فِيهِ خَيْرًا كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق (يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس ئورنىدا قىلىۋالماق سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشىنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىنىڭ بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشتا ئاللاھ كۆپ ياخشىلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاياللارغا زورلۇق بىلەن ۋارىس بولۇشۇڭلار سىلەرگە ھالال بولمايدۇ. ئۇلارغا بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ بەزىسىنى ئېلىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار. ئۇلارنىڭ ئاشكارا پاھىشە قىلغان ھالەتلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلار بىلەن مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار. ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، بىلىڭلاركى سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئاللاھ ئۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
4 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ أَرَدْتُمُ اسْتِبْدَالَ زَوْجٍ مَكَانَ زَوْجٍ وَآتَيْتُمْ إِحْدَاهُنَّ قِنْطَارًا فَلَا تَأْخُذُوا مِنْهُ شَيْئًا ۚ أَتَأْخُذُونَهُ بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ، ئورنىغا يەنە بىر خوتۇننى ئالماقچى بولساڭلار، قويۇۋەتمەكچى بولغان خوتۇنغا (مەھرى قىلىپ) كۆپ مال بەرگەن بولساڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرۇۋالماڭلار. ئۇنى (ئايالغا) قارا چاپلاپ ۋە ئوچۇق زۇلۇم قىلىپ ئالامسىلەر؟[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ، ئورنىغا يەنە بىر خوتۇننى ئالماقچى بولساڭلار، قويۇۋەتمەكچى بولغان خوتۇنغا ئىلگىرى كۆپ تويلۇق بەرگەن بولساڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرۇۋالماڭلار. ئۇنى خوتۇنغا قارا چاپلاپ ۋە ئوچۇق ئۇۋال قىلىپ ئالامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ ئورنىغا باشقا بىر خوتۇن ئالماقچى بولساڭلار ۋە خوتۇنلىرىڭلارنىڭ ئىچىدىن قويۇۋەتمەكچى بولغىنىڭلارغا كۆپ مال بەرگەن بولساڭلار، ئۇ مالدىن ھېچ نەرسە ئېلىۋالماڭلار. ئۇنى بوھتان چاپلاپ ۋە ئوچۇق گۇناھ قىلىپ تۇرۇپ ئېلىۋالامسىلەر؟
4 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَنْكِحُوا مَا نَكَحَ آبَاؤُكُمْ مِنَ النِّسَاءِ إِلَّا مَا قَدْ سَلَفَ ۚ إِنَّهُ كَانَ فَاحِشَةً وَمَقْتًا وَسَاءَ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاتىلىرىڭلار ئالغان ئاياللارنى ئالماڭلار، لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالغان بولساڭلار (ئەپۇ قىلىنىدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن يامان ئىشتۇر، ئۆچ كۆرۈلىدىغان قىلىقتۇر، بۇ نېمىدېگەن يامان ئادەت![22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاتىلىرىڭلار ئالغان خوتۇنلارنى ئالماڭلار، لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالغان بولساڭلار ئەپۇ قىلىنىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن يامان ئىشتۇر، ئۆچ كۆرۈلىدىغان قىلىقتۇر، بۇ نېمىدېگەن يامان ئادەت!
ئەنەس ئالىم: ئاتىلىرىڭلار نىكاھىغا ئالغان ئاياللارنى سىلەر نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. ئۆتۈپ كەتكىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، ئۇ ناھايىتى قەبىھ ئىش، نەپرەتلىنەرلىك قىلمىش ۋە يامان يولدۇر.
4 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ إِلَّا أَنْ تَكُونَ تِجَارَةً عَنْ تَرَاضٍ مِنْكُمْ ۚ وَلَا تَقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ مال-مۈلكىنى ھارام يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈۋالماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. لېكىن ئۇ ماللارنى ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ قىلىشقان تىجارەت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈپ يېسەڭلار بولىدۇ. ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
4 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ عُدْوَانًا وَظُلْمًا فَسَوْفَ نُصْلِيهِ نَارًا ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى (يەنە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى) قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە ھەقتىن چەتلەپ، چەكلەنگەن بۇ ئىشلارنى قىلىدىكەن، ئۇنى ئۇزاققا قالماي دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر
ئەنەس ئالىم: كىم ھەددىدىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى قىلىدىكەن، بىز يېقىندا ئۇ كىشىنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرىمىز. بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر.
4 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَتَمَنَّوْا مَا فَضَّلَ اللَّهُ بِهِ بَعْضَكُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ لِلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبُوا ۖ وَلِلنِّسَاءِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبْنَ ۚ وَاسْأَلُوا اللَّهَ مِنْ فَضْلِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەردىكى بىر ـ بىرىڭلاردىن ئارتۇق قىلغان نەرسىلەرنى (ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئارزۇ قىلماڭلار، ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ. ئاللاھتىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار (ئاللاھ بېرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ بىرىڭلارنى بىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلىپ بەرگەن ئالاھىدىلىكلەرنى تەمە قىلماڭلار. ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھتىن ئۇنىڭ مەرھەمىتىنى تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن پەرقلەندۈرۈشكە ۋاسىتە قىلغان نەرسىنى ئارزۇ قىلماڭلار14. ئەرلەرگە ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار، ئاياللارغىمۇ ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھتىن ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىشىنى تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَبْخَلُونَ وَيَأْمُرُونَ النَّاسَ بِالْبُخْلِ وَيَكْتُمُونَ مَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ ۗ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇتەكەببىرلەر ، ماختانچاقلار) بېخىللىق قىلىدۇ، كىشىلەرنى بېخىللىققا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرىدۇ، (ئاللاھنىڭ نېمىتىنى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا خورلىغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداقلار بېخىللىق قىلىدۇ، كىشىلەرنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرىدۇ، بىز بۇنداق كافىرلارغا خارلىغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان، ئىنسانلارنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغان ۋە ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىنى يوشۇرىدىغان كىشىلەردۇر. بىز ئۇ كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق.
4 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يُزَكُّونَ أَنْفُسَهُمْ ۚ بَلِ اللَّهُ يُزَكِّي مَنْ يَشَاءُ وَلَا يُظْلَمُونَ فَتِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرىنى پاك دەپ قارايدىغانلار (يەنى ئۆزلىرىنى تەقۋادارلىق بىلەن مەدھىيەلەيدىغانلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس)، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ زۇلۇم قىلىنمايدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆزىنى پاك دەپ قارايدىغانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلارنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرىنى پاك ھېسابلايدىغان كىشىلەرگە قارىمامسەن؟27 بەلكى ئاللاھ خالىغان كىشىنى پاكلايدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
4 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
انْظُرْ كَيْفَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ ۖ وَكَفَىٰ بِهِ إِثْمًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئاللاھقا تۆھمەت چاپلاۋاتقانلىقىغا قارىغىن! بۇ ئوپئوچۇق گۇناھتۇر[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى قانداق توقۇۋاتقانلىقىغا قارىغىن! بۇ ئوپئوچۇق گۇناھتۇر
ئەنەس ئالىم: قارىغىنا! ئۇلار ئاللاھقا يالغاننى قانداق چاپلاۋاتىدۇ! بۇ ئوپئوچۇق گۇناھتۇر.
4 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ لَهُمْ نَصِيبٌ مِنَ الْمُلْكِ فَإِذًا لَا يُؤْتُونَ النَّاسَ نَقِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن نېسىۋىسى بارمۇ؟ (ھېچقانداق نېسىۋىسى يوق) ئەگەر بولىدىغان بولسا، (زىيادە بېخىللىقتىن) ئۇلار كىشىلەرگە قىلچىلىك نەرسە بەرمەيدۇ[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن نېسىۋىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار كىشىلەرگە قىلچىلىك نەرسىنىمۇ بەرمەيتتى
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھاكىمىيىتىدىن بىرەر نېسىۋىسى بارمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا ئىدى، ئۇلار ئىنسانلارغا قىلچىلىك نەرسىنىمۇ بەرمەيتتى.
4 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ يَحْسُدُونَ النَّاسَ عَلَىٰ مَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ ۖ فَقَدْ آتَيْنَا آلَ إِبْرَاهِيمَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَآتَيْنَاهُمْ مُلْكًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىككە) ھەسەت قىلىشامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئىبىراھىم ئەۋلادىغا كىتاب، ھېكمەت بەردۇق ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق بەردۇق[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز مەرھەمىتىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نېمەتلەرگە ھەسەت قىلىشامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئىبىراھىم ئەۋلادىغا كىتاب، ھېكمەت بەرگەن ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق ئاتا قىلغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسە تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ھەسەت قىلامدۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىغىمۇ كىتابنى، ھېكمەتنى بەرگەن ئىدۇق ۋە ئۇلارغا كاتتا پادىشاھلىق بەرگەن ئىدۇق.
4 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَيْفَ إِذَا أَصَابَتْهُمْ مُصِيبَةٌ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ ثُمَّ جَاءُوكَ يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ إِنْ أَرَدْنَا إِلَّا إِحْسَانًا وَتَوْفِيقًا
مۇھەممەد سالىھ: قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز بېشىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەندە، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغان ھالدا: «بىز پەقەت ياخشىلىق ۋە يارىشىشنىلا ئىرادە قىلغان ئىدۇق» دېگەنلەرنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز بېشىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغان ھالدا: «بىز پەقەت ياخشىلىق ۋە يارىشىشنىلا ئىرادە قىلغان ئىدۇق» دېگەنلەرنىڭ ھالى قانداق بولار؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن باشلىرىغا بىرەر مۇسىبەت يەتكەن، ئاندىن : «بىز پەقەت ياخشىلاشنى ۋە ياراشتۇرۇشنى ئىرادە قىلغان» دەپ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغان ھالدا يېنىڭغا كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟30.
4 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُونَ طَاعَةٌ فَإِذَا بَرَزُوا مِنْ عِنْدِكَ بَيَّتَ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ غَيْرَ الَّذِي تَقُولُ ۖ وَاللَّهُ يَكْتُبُ مَا يُبَيِّتُونَ ۖ فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار): «ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلدۇق» دەيدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى ئۆزلىرىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى ئەمرىڭگە خىلاپلىق قىلىدۇ)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆزگەرتكەنلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن (يەنى كەچۈرگىن)، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (تەۋەككۈل قىلغۇچىغا) ئاللاھنىڭ ھامىيلىقى يېتەرلىكتۇر[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلار: «سېنىڭ ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلىمىز» دەيدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا بولسا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى يوشۇرۇن ھالدا سېنىڭ دېگىنىڭنىڭ ئەكسىنى قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى (پەرىشتىلەر ئارقىلىق) خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. سەن ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ ساڭا يېتەرلىك ھامىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئىتائەت قىلىمىز» دەيدۇ. ئاندىن يېنىڭدىن ئايرىلىپ چىققاندا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ سېنىڭ دېگىنىڭدىن باشقىسىنى كېچىدە پىلانلايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېچىدە پىلانلىغان نەرسىسىنى يازىدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر.
4 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَقْتُلْ مُؤْمِنًا مُتَعَمِّدًا فَجَزَاؤُهُ جَهَنَّمُ خَالِدًا فِيهَا وَغَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَلَعَنَهُ وَأَعَدَّ لَهُ عَذَابًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ
ئەنەس ئالىم: كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ، لەنەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ ئازاب تەييارلايدۇ.
4 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ تَوَفَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ ظَالِمِي أَنْفُسِهِمْ قَالُوا فِيمَ كُنْتُمْ ۖ قَالُوا كُنَّا مُسْتَضْعَفِينَ فِي الْأَرْضِ ۚ قَالُوا أَلَمْ تَكُنْ أَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةً فَتُهَاجِرُوا فِيهَا ۚ فَأُولَٰئِكَ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى ھىجرەتنى تەرك ئېتىپ كۇففارلار بىلەن بىللە تۇرغۇچىلار) نىڭ جانلىرى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان چاغدا، پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «(دىنىڭلارنىڭ ئىشىدا) قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «زېمىندا (يەنى مەككە زېمىنىدا) بىز (دىننى بەرپا قىلىشتىن) بوزەك قىلىنغان ئىدۇق» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ھىجرەت قىلساڭلار ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟» دەيدۇ. ئەنە شۇ (ھىجرەت قىلمىغان) لارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى ھىجرەتنى تەرك ئەتكۈچىلەر) نىڭ جانلىرى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان چاغدا، پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەر بۇرۇن قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «زېمىندا بىز بوزەك قىلىنغان ئىدۇق» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ھىجرەت قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟» دەيدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلارنى ۋاپات قىلدۇرغان چاغدا ئۇلارغا: «قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟» دەيدۇ. ئۇلار: «زېمىندا بوزەك قىلىنغۇچىلار ئىدۇق» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟ ئۇ زېمىندا ھىجرەت قىلساڭلار بولماسمىدى!» دەيدۇ47. ئەنە شۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
4 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُجَادِلْ عَنِ الَّذِينَ يَخْتَانُونَ أَنْفُسَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَنْ كَانَ خَوَّانًا أَثِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: . (گۇناھ قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلغۇچىلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن. خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا چۆمگەن كىشىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: خىيانەت قىلىپ ئۆزىگە زىيان سالغۇچىلارغا بولۇشمىغىن. خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا پاتقان كىشىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن مۇنازىرىلەشمىگىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خائىنلىققا ئادەتلەنگۈچىنى ۋە گۇناھ قىلغۇچىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
4 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَكْسِبْ خَطِيئَةً أَوْ إِثْمًا ثُمَّ يَرْمِ بِهِ بَرِيئًا فَقَدِ احْتَمَلَ بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى كىچىك بىر گۇناھ ياكى چوڭ بىر گۇناھ قىلىپ قويۇپ، ئۇنى بىگۇناھ ئادەمگە چاپلىسا، ئۇ شۇ بوھتاننى ۋە ئوپئوچۇق بىر گۇناھنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان بولىدۇ[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى سەۋەنلىك بىلەن ياكى قەستەن بىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، ئۇنى بىگۇناھ ئادەمگە چاپلىسا، ئۇ شۇ بوھتاننى ۋە ئوپئوچۇق بىر گۇناھنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىمكى بىرەر خاتالىقنى ياكى بىرەر گۇناھنى قىلىپ ئاندىن ئۇنى گۇناھسىز بىرەر ئادەمگە ئارتىپ قويسا، ئۇ ئەلۋەتتە بوھتان ۋە ئوچۇق گۇناھ يۈدۈۋالغان بولىدۇ.
4 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنِ امْرَأَةٌ خَافَتْ مِنْ بَعْلِهَا نُشُوزًا أَوْ إِعْرَاضًا فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا أَنْ يُصْلِحَا بَيْنَهُمَا صُلْحًا ۚ وَالصُّلْحُ خَيْرٌ ۗ وَأُحْضِرَتِ الْأَنْفُسُ الشُّحَّ ۚ وَإِنْ تُحْسِنُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كېلىشىشى ھېچ گۇناھ ئەمەس، كېلىشىش (ئۈزلۈشۈپ كېتىشتىن) ياخشى. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن، ئەگەر (ئاياللىرىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار، (ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار (ئاللاھ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇپ قېلىشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كېلىشىشى ھېچ گۇناھ ئەمەس، كېلىشىپ قېلىش (ئاجرىشىپ كېتىشتىن) ياخشى. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەندۇر، ئەگەر سىلەر (خوتۇنلىرىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار ۋە (ئۇلارغا ئۇۋال قىلىشتىن) ساقلانساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغانلىرىڭلارنى تولۇق ئۇقۇپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىر ئايال ئېرىنىڭ نۇشۇزىدىن57 ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن قورقسا، ئەر - خوتۇن ئۆزئارا كېلىشسە ئىككىسىگە ھېچ گۇناھ يوق. كېلىشىش ياخشىدۇر. نەفسلەرگە بېخىللىق ۋە ئاچ كۆزلۈك سىڭىپ كەتكەن. ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
4 : 148 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يُحِبُّ اللَّهُ الْجَهْرَ بِالسُّوءِ مِنَ الْقَوْلِ إِلَّا مَنْ ظُلِمَ ۚ وَكَانَ اللَّهُ سَمِيعًا عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىدىن باشقا (ھەر قانداق كىشىنىڭ) ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ زالىمدىن شىكايەت قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا دۇئايىبەت قىلىشىغا بولىدۇ)، ئاللاھ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىنى) ئاڭلىغۇچىدۇر، (زالىمنى) بىلگۈچىدۇر[148].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى (نىڭ زالىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلغىنى) دىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يامان سۆزنى ئاشكارا سۆزلەشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى مۇستەسنا63. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
وَبِكُفْرِهِمْ وَقَوْلِهِمْ عَلَىٰ مَرْيَمَ بُهْتَانًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق)[156].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق)
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كافىر بولغانلىقى ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق.
4 : 160 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِظُلْمٍ مِنَ الَّذِينَ هَادُوا حَرَّمْنَا عَلَيْهِمْ طَيِّبَاتٍ أُحِلَّتْ لَهُمْ وَبِصَدِّهِمْ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق[160ـ161].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان يولسۇزلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كافىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلار زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا، بۇرۇن ئۆزلىرىگە ھالال قىلىنغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق66. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدىن كۆپ كىشىنى توسقانلىقى،
4 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَخْذِهِمُ الرِّبَا وَقَدْ نُهُوا عَنْهُ وَأَكْلِهِمْ أَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِ ۚ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق[160ـ161].
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرى چەكلەنگەن تۇرۇپ ئۆسۈمنى ئالغانلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالغانلىقى ئۈچۈنمۇ بىز ئۇلارغا ئۇ پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق. بىز ئۇلاردىن كافىر بولغۇچىلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق.
4 : 168 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَظَلَمُوا لَمْ يَكُنِ اللَّهُ لِيَغْفِرَ لَهُمْ وَلَا لِيَهْدِيَهُمْ طَرِيقًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار ۋە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ، توغرا يولغىمۇ (يەنى جەننەتنىڭ يولىغىمۇ) باشلىمايدۇ[168].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ھەقنى ئىنكار قىلىپ) كافىر بولغان ۋە (كۇفرلىقتا چىڭ تۇرۇپ) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلمايدۇ، توغرا يولغىمۇ باشلىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىر بولغان ۋە زۇلۇم قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ھەرگىزمۇ يول كۆرسەتمەيدۇ.
4 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
لَنْ يَسْتَنْكِفَ الْمَسِيحُ أَنْ يَكُونَ عَبْدًا لِلَّهِ وَلَا الْمَلَائِكَةُ الْمُقَرَّبُونَ ۚ وَمَنْ يَسْتَنْكِفْ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيَسْتَكْبِرْ فَسَيَحْشُرُهُمْ إِلَيْهِ جَمِيعًا
مۇھەممەد سالىھ: مەسىھمۇ، (ئاللاھقا) يېقىن پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ. كىملەركى ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ[172].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەسىھمۇ، ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرىمۇ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ
ئەنەس ئالىم: مەسىھ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىزمۇ باش تارتمايدۇ. ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇلغان پەرىشتىلەرمۇ باش تارتمايدۇ. كىم ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھۇزۇرىغا يىغىدۇ.
4 : 173 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَيُوَفِّيهِمْ أُجُورَهُمْ وَيَزِيدُهُمْ مِنْ فَضْلِهِ ۖ وَأَمَّا الَّذِينَ اسْتَنْكَفُوا وَاسْتَكْبَرُوا فَيُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا وَلَا يَجِدُونَ لَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ، نېمىتىنى ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، (ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن) باش تارتقان ۋە كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ[173].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتقان ۋە كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى قاتتىق ئازابلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەجرىلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە ئۆز پەزلىدىن ئۇلارغا زىيادە ئىنئام ئاتا قىلىدۇ. باش تارتقان ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازاب قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ۋەلىي ۋە ياردەمچى تاپالمايدۇ69.
مائىد سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِمَا نَقْضِهِمْ مِيثَاقَهُمْ لَعَنَّاهُمْ وَجَعَلْنَا قُلُوبَهُمْ قَاسِيَةً ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَنْ مَوَاضِعِهِ ۙ وَنَسُوا حَظًّا مِمَّا ذُكِّرُوا بِهِ ۚ وَلَا تَزَالُ تَطَّلِعُ عَلَىٰ خَائِنَةٍ مِنْهُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاصْفَحْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ئىماننى قوبۇل قىلىشقا يۇمشىمايدىغان دەرىجىدە) قاتتىق قىلدۇق، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، (ئەگەر تەۋبە قىلسا) ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، (ئەگەر ئىمان ئېيتسا) ئۇلارنى كەچۈرگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ۋەدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلدۇق. ئۇلار تەۋراتتىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلارنى كەچۈرگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇستەھكەم ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى قاتتىق قىلدۇق. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن خائىنلىق بايقاپ تۇرىسەن، ئۇلاردىن ئازغىنە كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا10. سەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن11. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
5 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِنَّ فِيهَا قَوْمًا جَبَّارِينَ وَإِنَّا لَنْ نَدْخُلَهَا حَتَّىٰ يَخْرُجُوا مِنْهَا فَإِنْ يَخْرُجُوا مِنْهَا فَإِنَّا دَاخِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى مۇسا! مۇقەددەس زېمىندا كۈچلۈك (يەنى جاسامەتلىك، قامەتلىك) بىر قەۋم بار (ئۇلار ئاد قەۋمىنىڭ قالدۇقى بولغان ئەمالىقەلەر بولۇپ)، ئۇلار چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇيەردىن چىقىپ كەتسە چوقۇم كىرىمىز» دېدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى مۇسا! مۇقەددەس زېمىندا كۈچلۈك بىر قەۋم بار، ئۇلار چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە چوقۇم كىرىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، ئۇ يەردە زومىگەر بىر قەۋم بار. ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيمىز. ئەگەر ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە، چوقۇم كىرىمىز» دېدى.
5 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي أُرِيدُ أَنْ تَبُوءَ بِإِثْمِي وَإِثْمِكَ فَتَكُونَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك (يەنى مېنى ئۆلتۈرگەنلىك) ۋە ئۆزۈڭنىڭ (ئىلگىرىكى) گۇناھىڭنى (يەنى ئاتاڭ ئادەمنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق گۇناھىڭنى) ئۈستۈڭگە ئېلىپ ئەھلى دوزاخلاردىن بولۇشۇڭنى تىلەيمەن، (كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن (ئامالسىزلىقتىن) سېنىڭ مېنىڭ گۇناھىمنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ ئەھلى دوزاخ بولۇشۇڭنى خالايمەن، زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر»
ئەنەس ئالىم: مەن سېنىڭ، مېنىڭ گۇناھىم بىلەن ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشۇڭنى تىلەيمەن. مانا بۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر».
5 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَطَوَّعَتْ لَهُ نَفْسُهُ قَتْلَ أَخِيهِ فَقَتَلَهُ فَأَصْبَحَ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى قابىل) نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى (يەنى ھابىلنى) ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ (قابىل) نىڭ نەپسى خاھىشى ئۇنى قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ (قابىل) ئۇنى ئۆلتۈرۈپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئاخىرى نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشنى قوبۇل قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.
5 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ أَكَّالُونَ لِلسُّحْتِ ۚ فَإِنْ جَاءُوكَ فَاحْكُمْ بَيْنَهُمْ أَوْ أَعْرِضْ عَنْهُمْ ۖ وَإِنْ تُعْرِضْ عَنْهُمْ فَلَنْ يَضُرُّوكَ شَيْئًا ۖ وَإِنْ حَكَمْتَ فَاحْكُمْ بَيْنَهُمْ بِالْقِسْطِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، (پارا ۋە جازانىغا ئوخشاش) ھارامنى يېگۈچىلەردۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا (دەۋالىشىپ) كەلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ قويساڭ ياكى ئۇنى رەت قىلساڭ بولىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ياكى ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈش سېنىڭ ئىختىيارىڭ)، ئەگەر ئۇلارنى رەت قىلساڭ، ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ (چۈنكى ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ)، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلساڭ، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يالغانغا بەك قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ھارامنى بەك يېگۈچىلەردۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا (دەۋالىشىپ) كەلسە ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ قويساڭمۇ ياكى ئۇنى رەت قىلساڭمۇ بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنى رەت قىلساڭ، ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلماقچى بولساڭ، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار دائىم يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ھارامنى كۆپ يېگۈچىلەردۇر. ئەگەر ئۇلار يېنىڭغا كەلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغىن ياكى ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. ئەگەر ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈسەڭ، ئۇلار ساڭا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر ھۆكۈم قىلساڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
5 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُ الَّذِينَ آمَنُوا أَهَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ أَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ ۙ إِنَّهُمْ لَمَعَكُمْ ۚ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فَأَصْبَحُوا خَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان ھىيلە ـ مىكرى پاش قىلىنغاندا) مۆمىنلەر (بىر ـ بىرىگە): «سىلەر بىلەن چوقۇم بىللە ئىكەنلىكلىرىگە ئاللاھ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشكەنلەر مۇشۇ كىشىلەرمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچى بولدى[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ چاغدا مۆمىنلەر: «بىز قەتئىي سىلەر بىلەن بىللە دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم ئىچىەنلەر شۇ كىشىلەرمۇ؟» دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولدى، شۇڭا ئۇلار زىيان تارتقۇچى بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا مۇئمىنلار: «بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلغانلار شۇلارمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ قالدى.
5 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَىٰ كَثِيرًا مِنْهُمْ يُسَارِعُونَ فِي الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَأَكْلِهِمُ السُّحْتَ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![62]
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ تولىسىنى گۇناھ قىلىشتا، دۈشمەنلىك قىلىشتا ۋە ھارام يېيىشتە بەسلىشىۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
5 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْلَا يَنْهَاهُمُ الرَّبَّانِيُّونَ وَالْأَحْبَارُ عَنْ قَوْلِهِمُ الْإِثْمَ وَأَكْلِهِمُ السُّحْتَ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى، ئۆلىمالىرى نېمىشقا ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![63]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى، ئۆلىمالىرى نېمىشقا ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: زاھىتلار ۋە ئۆلىمالار نېمىشقا ئۇلارنى گۇناھ سۆزنى ئېيتىشتىن ۋە ھارامنى يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
5 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
كَانُوا لَا يَتَنَاهَوْنَ عَنْ مُنْكَرٍ فَعَلُوهُ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر ـ بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![79]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر ـ بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىر - بىرىنى قىلغان يامانلىقىدىن توسۇشمايتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
5 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُحَرِّمُوا طَيِّبَاتِ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَعْتَدُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزۈڭلارغا) ھارام قىلماڭلار، (ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ (ئىزاھات: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋېتىش، گۆش يېمەسلىك، ئاياللارغا يېقىن يولىماسلىق نىيىتىگە كەلگەن ئىدى، بۇ توغرىدا بۇ ئايەت نازىل بولغان.) [87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ئۆزۈڭلارغا ھارام قىلماڭلار،بەلگىلەنگەن چەكتىن ئاشماڭلار. ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلماڭلار ۋە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
5 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ عُثِرَ عَلَىٰ أَنَّهُمَا اسْتَحَقَّا إِثْمًا فَآخَرَانِ يَقُومَانِ مَقَامَهُمَا مِنَ الَّذِينَ اسْتَحَقَّ عَلَيْهِمُ الْأَوْلَيَانِ فَيُقْسِمَانِ بِاللَّهِ لَشَهَادَتُنَا أَحَقُّ مِنْ شَهَادَتِهِمَا وَمَا اعْتَدَيْنَا إِنَّا إِذًا لَمِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ (يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىك ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىق) گۇناھى بىلىنسە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارىسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ: «بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىنمۇ توغرىدۇر، بىز شەرىئەتتىن چىقىپ كەتمىدۇق، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ (يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىك ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىق) گۇناھى بىلىنسە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارىسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ: «بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىنمۇ توغرىدۇر، بىز شەرىئەتتىن چىقىپ كەتمىدۇق، بولمىسا بىز چوقۇم ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغۇچى بولۇپ قالىمىز » دەپ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ بىرەر گۇناھ قىلغانلىقى بايقالسا32، زىيانغا ئۇچرىتىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن گۇۋاھلىق بېرىشكە ئەڭ لايىق بولغان باشقا ئىككى كىشى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ، مۇنداق دەپ قەسەم قىلىدۇ: «ئەلۋەتتە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىن توغرىدۇر، بىز ھەددىمىزدىن ئاشمىدۇق. ئەگەر ئۇنداق قىلساق بىز چوقۇم زالىملاردىن بولىمىز».
ئەنئام سۈرىسى
21 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِآيَاتِهِ ۗ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم ئادەملەر بارمۇ؟ زالىملار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ قەبىھ ئادەم بارمۇ؟ بۇنداق قەبىھ ئادەملەر ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ زالىملار ئەسلا مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ.
6 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ لَمْ تَكُنْ فِتْنَتُهُمْ إِلَّا أَنْ قَالُوا وَاللَّهِ رَبِّنَا مَا كُنَّا مُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار پەقەت ئۆزرە ئېيتىپ (دۇنيادىكى چاغلىرىدىكىگە ئوخشاش يالغانغا ئىلتىجا قىلىپ): «پەرۋەردىگارىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق» دەيدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار پەقەت ئۆزرە ئېيتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن ئىدۇق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارنىڭ يالغان جاۋابى مۇنداق بولىدۇ: «رەببىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق».
6 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
انْظُرْ كَيْفَ كَذَبُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ ۚ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (بىز مۇشرىك بولمىغان دەپ) ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ) بوھتان چاپلىغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىنىڭ ئەكسىچە قانداق يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارىغىن. ئۇلارنىڭ ئىلاھ دەۋالغان بۇتلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ
ئەنەس ئالىم: قارىغىنا، ئۇلار ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىدى ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.
6 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ بَدَا لَهُمْ مَا كَانُوا يُخْفُونَ مِنْ قَبْلُ ۖ وَلَوْ رُدُّوا لَعَادُوا لِمَا نُهُوا عَنْهُ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى ئۇلارغا ئاشكارا بولدى، ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئىمان ئېيتاتتۇق دېگەن ۋەدىسىدە) يالغانچىلاردۇر[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى ئۆزىگە ئاشكارا بولدى. ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ياق، ئۇلارغا ئىلگىرى يوشۇرغان نەرسىلىرى ئاشكارا بولدى. ئەگەر ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلسا ئىدى، ئۆزلىرى چەكلەنگەن نەرسىگە يەنە قايتاتتى. ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
6 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُطِعَ دَابِرُ الْقَوْمِ الَّذِينَ ظَلَمُوا ۚ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى (يەنى ئۇلار پۈتۈنلەي ھالاك قىلىندى). جىمى ھەمدۇسانا (پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بېرىپ، كۇففارلارنى ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر![45]
تەرجىمە ھەيئىتى: كۇفرلىق قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى. بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھقا خاستۇر!
ئەنەس ئالىم: زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.
6 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتَكُمْ إِنْ أَتَاكُمْ عَذَابُ اللَّهِ بَغْتَةً أَوْ جَهْرَةً هَلْ يُهْلَكُ إِلَّا الْقَوْمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋمدىن باشقا يەنە كىملەر ھالاك قىلىنىدۇ؟»[47]
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، ھالاك قىلىنىدىغىنى دەل شۇ كۇفرلىق قىلغان قەۋم بولماي كىملەر بولسۇن؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋمدىن باشقىسى ھالاك قىلىنامدۇ؟».
6 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَوْ أَنَّ عِنْدِي مَا تَسْتَعْجِلُونَ بِهِ لَقُضِيَ الْأَمْرُ بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ ۗ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِالظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ قولۇمدىن كەلسە ئىدى، ئۇ چاغدا مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش چوقۇم ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان بولاتتى (يەنى سىلەردىن ئارام تېپىش ئۈچۈن، سىلەرنى ھالاك قىلغان بولاتتىم)». ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «سىلەر بالدۇر چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ قولۇمدىن كەلسە ئىدى، ئۇ چاغدا مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش چوقۇم ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان بولاتتى». ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسە مېنىڭ يېنىمدا بولسا ئىدى، مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش ئاللىقاچان تۈگەپ بولغان بولاتتى»4. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
6 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ آمَنُوا وَلَمْ يَلْبِسُوا إِيمَانَهُمْ بِظُلْمٍ أُولَٰئِكَ لَهُمُ الْأَمْنُ وَهُمْ مُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئازابتىن ئەمىن بولۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا شېرىك ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا كۇفرلىق ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە ئەمىنلىك باردۇر. ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانىغا زۇلۇم10 ئارىلاشتۇرمىغانلارغا خاتىرجەملىك بار. ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى كىشىلەردۇر.
6 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ قَالَ أُوحِيَ إِلَيَّ وَلَمْ يُوحَ إِلَيْهِ شَيْءٌ وَمَنْ قَالَ سَأُنْزِلُ مِثْلَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ ۗ وَلَوْ تَرَىٰ إِذِ الظَّالِمُونَ فِي غَمَرَاتِ الْمَوْتِ وَالْمَلَائِكَةُ بَاسِطُو أَيْدِيهِمْ أَخْرِجُوا أَنْفُسَكُمُ ۖ الْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ الْهُونِ بِمَا كُنْتُمْ تَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ وَكُنْتُمْ عَنْ آيَاتِهِ تَسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ماڭا ۋەھىي قىلىندى دېگەن ياكى ئاللاھ نازىل قىلغاندەك مەنمۇ كىتاب نازىل قىلالايمەن دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشىلەر بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە، قورقۇنچلۇق ھالىنى كۆرۈسەن). پەرىشتىلەر (يەنى ئازاب پەرىشتىلىرى) قوللىرىنى سوزۇپ: «سىلەر جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ھەقسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىپتىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەت بەرگەنلىكىڭلار) ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھيى قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ماڭا ۋەھيى قىلىندى دېگەن، ياكى مەنمۇ ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتەك كىتاب نازىل قىلالايمەن دېگەن كىشىلەردىنمۇ قەبىھ كىشىلەر بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) سەن بۇ قەبىھ كىشىلەرنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتىدا كۆرگەن بولساڭ (ئەلۋەتتە، قورقۇنچلۇق بىر ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، شۇ چاغدا پەرىشتىلەر قوللىرىنى سوزۇپ ئۇلارغا: «سىلەر جېنىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ناتوغرا سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىختىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەتەن بەرگەنلىكىڭلار) ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خارلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق: «ماڭا ۋەھىي قىلىندى» دېگەن ۋە: «مەنمۇ ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنىڭ ئوخشىشىنى نازىل قىلالايمەن» دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئى مۇھەممەد! بۇ زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا بىر كۆرسەڭ! ئۇ چاغدا پەرىشتىلەر ئۇلارغا قوللىرىنى سوزۇپ: «قېنى روھلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر. چۈنكى سىلەر ئاللاھقا نالايىق سۆزلەرنى قىلاتتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمەيتتىڭلار» دەيدۇ.
6 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا فِي كُلِّ قَرْيَةٍ أَكَابِرَ مُجْرِمِيهَا لِيَمْكُرُوا فِيهَا ۖ وَمَا يَمْكُرُونَ إِلَّا بِأَنْفُسِهِمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىشلىرى ئۈچۈن (مەككىدە قۇرەيشنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلغىنىمىزدەك)، ھەر بىر شەھەرنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى ئۆزلىرىگە يانىدۇ (يەنى ئۇلار شۇ ھىيلە ـ مىكىرلەرنىڭ ۋابالىغا قالىدۇ)، ئۇلار (بۇنى) سەزمەيدۇ[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك ھەربىر شەھەردە ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىدىغان باش گۇناھكار پەيدا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى ئۆزىگە يانىدۇ، ئۇلار بۇنى سەزمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: مەككىدە قىلغىنىمىزدەك، بىز ھەر يۇرتنىڭ گۇناھكارلىرىنى كاتتىۋاشلار قىلدۇق. بۇنى ئۇلارنىڭ ئۇ يۇرتتا ھىيلە - مىكىر قىلىشلىرى ئۈچۈن قىلدۇق. ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىگىلا ھىيلە -مىكىر قىلىدۇ.
6 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا جَاءَتْهُمْ آيَةٌ قَالُوا لَنْ نُؤْمِنَ حَتَّىٰ نُؤْتَىٰ مِثْلَ مَا أُوتِيَ رُسُلُ اللَّهِ ۘ اللَّهُ أَعْلَمُ حَيْثُ يَجْعَلُ رِسَالَتَهُ ۗ سَيُصِيبُ الَّذِينَ أَجْرَمُوا صَغَارٌ عِنْدَ اللَّهِ وَعَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا كَانُوا يَمْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) بىزگىمۇ پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورنىتىشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭ ئەھلى بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[124].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) «بىزگە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭغا لايىق بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزى ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر ئايەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە بېرىلگەن نەرسىنىڭ ئوخشىشى بىزگىمۇ بېرىلمىگۈچە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى. ئاللاھ ئەلچىلىكنى كىمگە بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. گۇناھ قىلغانلارغا يېقىندا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا خورلۇق ۋە قاتتىق ئازاب يېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھىيلە -مىكىر قىلغان.
6 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ نُوَلِّي بَعْضَ الظَّالِمِينَ بَعْضًا بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭغا (يەنى ئىنسانلار بىلەن جىنلارنى ئۆزئارا پايدىلاندۇرغىنىمىزغا) ئوخشاش، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن زالىملارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە سېلىپ قويىمىز[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭغا (يەنى ئىنسانلار بىلەن جىنلارنى ئۆزئارا پايدىلاندۇرغىنىمىزغا) ئوخشاش، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن زالىملارنى بىر-بىرىگە يېقىن قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز زالىملارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىر - بىرىگە ئاشۇنداق ۋەلىي قىلىمىز.
6 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا قَوْمِ اعْمَلُوا عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنِّي عَامِلٌ ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ مَنْ تَكُونُ لَهُ عَاقِبَةُ الدَّارِ ۗ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئىشلەڭلار (يەنى كۇفرىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار)، مەنمۇ چوقۇم كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىشلەيمەن (يەنى مەنمۇ ئۆز دەۋىتىمدە چىڭ تۇرىمەن). ئاخىرەتتە كىمنىڭ ئاقىۋېتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، زالىملار ئەلۋەتتە مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ»[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ئەقىدەڭلار بويىچە قىلىدىغىنىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار، مەنمۇ قىلىدىغىنىمنى قىلىۋېرەي. ئاخىرەتتە كىمنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر. كۇفرلىق قىلغۇچىلار ئەلۋەتتە مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى قەۋمىم! قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار. مەنمۇ قىلىمەن. بۇ دۇنيا يۇرتىنىڭ ئاقىۋىتى كىمگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر. زالىملار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ».
6 : 136 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلُوا لِلَّهِ مِمَّا ذَرَأَ مِنَ الْحَرْثِ وَالْأَنْعَامِ نَصِيبًا فَقَالُوا هَٰذَا لِلَّهِ بِزَعْمِهِمْ وَهَٰذَا لِشُرَكَائِنَا ۖ فَمَا كَانَ لِشُرَكَائِهِمْ فَلَا يَصِلُ إِلَى اللَّهِ ۖ وَمَا كَانَ لِلَّهِ فَهُوَ يَصِلُ إِلَىٰ شُرَكَائِهِمْ ۗ سَاءَ مَا يَحْكُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە چاھارپايلاردىن (يەنى تۆگە، كالا، قويلاردىن) ئاللاھ ئۈچۈن بىر ھەسسە (بۇتلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە) ئايرىپ قويۇپ، ئۆز گۇمانلىرىچە (ھېچقانداق دەلىلسىزلا): «بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر، بۇ مەبۇدلىرىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى. بۇتلىرىنىڭ نېسىۋېسىدىن ئاللاھنىڭكىگە قوشۇشقا بولمايتتى، ئاللاھنىڭ نېسىۋېسىدىن بۇتلىرىنىڭكىگە قوشۇشقا بولاتتى (مۇشرىكلار ئاللاھقا ئاتىغان ھەسسىسىدىن بۇتلارغا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسى ئىچىدە قالدۇراتتى ۋە ئاللاھ باي، بۇنىڭغا موھتاج ئەمەس، دەيتتى. بۇتلىرىغا ئاتىغان ھەسسىسىدىن ئاللاھقا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسىگە قايتۇرۇۋېتەتتى). ئۇلارنىڭ قارارى نېمىدېگەن قەبىھ![136].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە چارۋىلاردىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر نېسىۋە (بۇتلىرى ئۈچۈن بىر نېسىۋە) ئايرىپ قويۇپ، ئۆزلىرىچە: «بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر، بۇ مەبۇدلىرىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى. (ئۇلارنىڭ قارىشىچە) بۇتلىرىنىڭ نېسىۋېسىدىن ئاللاھنىڭكىگە قوشۇشقا بولمايتتى، ئاللاھنىڭ نېسىۋېسىدىن بۇتلىرىنىڭكىگە قوشۇشقا بولاتتى. ئۇلارنىڭ ھۆكمى نېمىدېگەن قەبىھ!
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلەردىن ئاللاھ ئۈچۈن نېسىۋە ئايرىپ، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ باتىل چۈشەنچىسى بويىچە: «بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر. بۇ بىز ئاللاھقا شېرىك قىلغان شېرىكلىرىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى20. ئۇلارنىڭ باتىل چۈشەنچىسى بويىچە شېرىكلىرىنىڭ نېسىۋىسى ئاللاھنىڭكىگە قوشۇلمايتتى. ئاللاھنىڭ نېسىۋىسى شېرىكلىرىنىڭكىگە قوشۇلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!21.
6 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ زَيَّنَ لِكَثِيرٍ مِنَ الْمُشْرِكِينَ قَتْلَ أَوْلَادِهِمْ شُرَكَاؤُهُمْ لِيُرْدُوهُمْ وَلِيَلْبِسُوا عَلَيْهِمْ دِينَهُمْ ۖ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا فَعَلُوهُ ۖ فَذَرْهُمْ وَمَا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى (يەنى شەيتانلار) مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى، شۇنىڭدەك (يەنى ئاللاھقا ۋە بۇتلارغا ھەسسە ئايرىپ قويۇشتەك تەقسىماتنى شەيتانلارغا ۋە مۇشرىكلارغا چىرايلىق كۆرسەتكەندەك) چىرايلىق كۆرسەتتى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار بۇ (قەبىھ) ئىشنى قىلمايتتى، ئۇلارنى ئاللاھقا چاپلىغان يالغانلىرى بىلەن بىللە تەرك ئەت[137].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى (يەنى شەيتانلار) مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يۇقىرىقىدەك (يەنى ئاللاھقا ۋە نېسىۋە ئايرىپ قويۇشنى چىرايلىق كۆرسەتكەندەك) ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئەگەر ئاللاھ ئىرادە قىلغان بولسا ئىدى، ئۇلار بۇ (قەبىھ) ئىشنى قىلمايتتى، ئۇلارنى ئاللاھ نامىدىن توقۇغان يالغانلىرى بىلەن بىللە قويۇپ تۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى مۇشرىكلارنىڭ تولىسىغا ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئۇلار بۇنى مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارغا ئۆز دىنلىرىنى مۈجمەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قىلدى22. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار بۇنى قىلالمايتتى. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئويدۇرغان بوھتانلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن.
6 : 138 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا هَٰذِهِ أَنْعَامٌ وَحَرْثٌ حِجْرٌ لَا يَطْعَمُهَا إِلَّا مَنْ نَشَاءُ بِزَعْمِهِمْ وَأَنْعَامٌ حُرِّمَتْ ظُهُورُهَا وَأَنْعَامٌ لَا يَذْكُرُونَ اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهَا افْتِرَاءً عَلَيْهِ ۚ سَيَجْزِيهِمْ بِمَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇمانىچە: «بۇ ھايۋانلار ۋە ئېكىنلەر (مەبۇدلىرىمىزغا خاس بولۇپ، باشقىلارغا) ھارامدۇر، ئۇلارنى پەقەت بىز خالىغان ئادەملەرلا يەيدۇ، بۇ ھايۋانلارنى مىنىش ھارامدۇر، بۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىشقا بولمايدۇ» دېدى. ئۇلار ئاللاھقا يالغان چاپلىدى، ئاللاھ ئۇلارنى يالغان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ[138].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قارىشى بويىچە، ئاللاھنىڭ ئۈستىدىن يالغاننى ئويدۇرۇپ: «بۇ ھايۋانلار ۋە ئېكىنلەر (مەبۇدلىرىمىزغا خاس ، باشقىلارغا) ھارامدۇر، ئۇلارنى پەقەت بىز خالىغان ئادەملەرلا يەيدۇ، بۇ ھايۋانلارنى مىنىش ھارامدۇر، بۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىشقا بولمايدۇ» دېدى. ئاللاھ ئۇلارنى يالغاننى ئويدۇرغانلىقى ئۈچۈن جازالايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باتىل چۈشەنچىسى بويىچە: «بۇ چەكلەنگەن تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە ۋە ئېكىنلەردۇر، ئۇلارنى بىز خالىغان كىشىلەرلا يېيەلەيدۇ. شۇ مىنىش ھارام قىلىنغان تۆگىلەردۇر23. شۇ بوغۇزلىغاندا بىسمىللاھ دېيىشكە بولمايدىغان تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردۇر» دېدى. ئۇلار بۇنى ئاللاھقا بوھتان چاپلاپ قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن يېقىندا جازالايدۇ.
6 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ قَتَلُوا أَوْلَادَهُمْ سَفَهًا بِغَيْرِ عِلْمٍ وَحَرَّمُوا مَا رَزَقَهُمُ اللَّهُ افْتِرَاءً عَلَى اللَّهِ ۚ قَدْ ضَلُّوا وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھاماقەتلىك ۋە نادانلىقلىرىدىن بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتىپ، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ھارام بىلگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن زىيان تارتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن (توغرا يولدىن) ئاداشتى، ھىدايەت تاپمىدى[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھاماقەتلىكى ۋە نادانلىقىدىن بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتىپ، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ھارام بىلگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن زىيان تارتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئاداشتى، ھىدايەت تاپمىدى
ئەنەس ئالىم: بىلىمسىزلىكىدىن، ئەخمەقلىق قىلىپ بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەنلەر ۋە ئاللاھ بەرگەن رىزىقنى ئاللاھقا بوھتان چاپلاپ ھارام قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتتى. ئۇلار ئېزىپ كەتتى ۋە ھىدايەت تاپمىدى.
6 : 141 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي أَنْشَأَ جَنَّاتٍ مَعْرُوشَاتٍ وَغَيْرَ مَعْرُوشَاتٍ وَالنَّخْلَ وَالزَّرْعَ مُخْتَلِفًا أُكُلُهُ وَالزَّيْتُونَ وَالرُّمَّانَ مُتَشَابِهًا وَغَيْرَ مُتَشَابِهٍ ۚ كُلُوا مِنْ ثَمَرِهِ إِذَا أَثْمَرَ وَآتُوا حَقَّهُ يَوْمَ حَصَادِهِ ۖ وَلَا تُسْرِفُوا ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بىدىشلىك ۋە بىدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلدى، مېۋىلىرى، دانلىرى (رەڭگى، تەمى، ھەجمى ۋە پۇرىقى) بىر ـ بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، (رەڭگى ۋە شەكلى) بىر ـ بىرىگە ئوخشايدىغان، (تەمى) ئوخشىمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارنى ياراتتى. مېۋىسى پىشقاندا، ئۇلاردىن يەڭلار، مېۋە (نىڭ ھوسۇلى) نى يىغقان كۈندە (يەنى يىغقان ۋاقىتتا)، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ[141].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بېدىشلىك ۋە بېدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلدى، مېۋىلىرى، دانلىرى (رەڭگى، تەمى، ھەجمى ۋە پۇرىقى) بىر ـ بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، (رەڭگى ۋە شەكلى) بىر ـ بىرىگە ئوخشايدىغان، (تەمى) ئوخشىمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارنى ياراتتى، مېۋىلىگەندە ئۇلاردىن يەڭلار، مېۋىنى يىغقان كۈندە ئۇنىڭ ھەققىنى (ئۆشرىسىنى) ئادا قىلىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، باراڭلىق ۋە باراڭسىز باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر -بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى، ئانارلارنى بار قىلدى. ھەربىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار24، ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
6 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
ثَمَانِيَةَ أَزْوَاجٍ ۖ مِنَ الضَّأْنِ اثْنَيْنِ وَمِنَ الْمَعْزِ اثْنَيْنِ ۗ قُلْ آلذَّكَرَيْنِ حَرَّمَ أَمِ الْأُنْثَيَيْنِ أَمَّا اشْتَمَلَتْ عَلَيْهِ أَرْحَامُ الْأُنْثَيَيْنِ ۖ نَبِّئُونِي بِعِلْمٍ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ سىلەرگە يېيىش ھالال قىلىنغان) سەككىز خىل چاھارپاينى ياراتتى: قويدىن ئىككى (قوچقار ۋە ساغلىق)، ئۆچكىدىن ئىككى (تېكە ۋە ئۇرغاچى). (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (قوي بىلەن ئۆچكىدىن) ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنىمۇ؟ ئەگەر (سىلەر ئاللاھ بۇلارنى بىزگە ھارام قىلدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، قېنى ماڭا بىلىپ ئېيتىپ بېرىڭلار!»[143].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئاللاھ سىلەرگە يېيىش ھالال قىلىنغان) ئەركەك-چىشى سەككىز چاھارپاينى ياراتتى: قويدىن ئىككى (قوچقار ۋە ساغلىق)، ئۆچكىدىن ئىككى (تېكە ۋە ئۇرغاچى ئۆچكە). (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (قوي بىلەن ئۆچكىدىن) ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنى ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنى ھارام قىلدىمۇ؟ ئەگەر سۆزۈڭلار راست بولسا، قېنى ماڭا توغرىسىنى ئېيتىپ بېرىڭلار!»
ئەنەس ئالىم: يەنى ئاللاھ سەككىز جۈپنى ياراتتى26: قويدىن ئىككىنى، ئۆچكىدىن ئىككىنى ياراتتى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ بالىياتقۇلىرىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنىمۇ؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار ماڭا ئىلىم بىلەن ئېيتىپ بېرىڭلار».
6 : 144 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ الْإِبِلِ اثْنَيْنِ وَمِنَ الْبَقَرِ اثْنَيْنِ ۗ قُلْ آلذَّكَرَيْنِ حَرَّمَ أَمِ الْأُنْثَيَيْنِ أَمَّا اشْتَمَلَتْ عَلَيْهِ أَرْحَامُ الْأُنْثَيَيْنِ ۖ أَمْ كُنْتُمْ شُهَدَاءَ إِذْ وَصَّاكُمُ اللَّهُ بِهَٰذَا ۚ فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا لِيُضِلَّ النَّاسَ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ سىلەرگە) تۆگىدىن ئىككىنى (يەنى ئەركەك بىلەن چىشىنى)، كالىدىن ئىككىنى (يەنى ئەركەك بىلەن چىشىنى) ياراتتى. (مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى بوتىلاق بىلەن موزاينىمۇ ؟ ياكى ئاللاھ بۇنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلغان چاغدا سىلەر ھازىرمىدىڭلار؟ كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن، بىلمەي تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتقان ئادەمدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»[144].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئاللاھ سىلەرگە) تۆگىدىن ئىككىنى (يەنى بۇغرا بىلەن ھىنگاننى)، كالىدىن ئىككىنى (يەنى بۇقا بىلەن ئىنەكنى) ياراتتى، (مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنى ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى بوتىلاق بىلەن موزاينى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئاللاھ بۇنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلغان چاغدا سىلەر ھازىرمىدىڭلار؟ كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھ نامىدىن قارىسىغا يالغان ئېيتقان ئادەمدىنمۇ قەبىھ كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ تۆگىدىن ئىككىنى، كالىدىن ئىككىنى ياراتتى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ بالىياتقۇلىرىدىكى بوتىلاق بىلەن موزاينىمۇ؟ ياكى ئاللاھ سىلەرگە بۇلارنى بۇيرۇغاندا سىلەر ئاللاھنىڭ يېنىدىمىدىڭلار؟». ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن، ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
6 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ تَقُولُوا لَوْ أَنَّا أُنْزِلَ عَلَيْنَا الْكِتَابُ لَكُنَّا أَهْدَىٰ مِنْهُمْ ۚ فَقَدْ جَاءَكُمْ بَيِّنَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ ۚ فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ كَذَّبَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَصَدَفَ عَنْهَا ۗ سَنَجْزِي الَّذِينَ يَصْدِفُونَ عَنْ آيَاتِنَا سُوءَ الْعَذَابِ بِمَا كَانُوا يَصْدِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى سىلەرنىڭ، ئەگەر بىزگە كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا، بىز ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەقىقەتەن پاكىت، ھىدايەت ۋە رەھمەت نازىل بولدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايمىز[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى سىلەرنىڭ «ئەگەر بىزگە كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا، بىز ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەقىقەتەن پاكىت، ھىدايەت ۋە رەھمەت نازىل بولدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايمىز
ئەنەس ئالىم: ياكى «ئەگەر بىزگىمۇ كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. مانا سىلەرگىمۇ رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل، ھىدايەت ۋە رەھمەت كەلدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرنى، يۈز ئۆرۈگەنلىكلىرى ئۈچۈن يېقىندا ئەڭ يامان ئازاب بىلەن جازالايمىز.
ئەئراف سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَٰئِكَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ بِمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى ئەمەللىرى يېنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى ئەمەللىرى يېنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: مىزاندا ياخشىلىقلىرى يېنىك كەلگەنلەر ئايەتلىرىمىزگە زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە زىيان سالغان كىشىلەردۇر.
7 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مَا مَنَعَكَ أَلَّا تَسْجُدَ إِذْ أَمَرْتُكَ ۖ قَالَ أَنَا خَيْرٌ مِنْهُ خَلَقْتَنِي مِنْ نَارٍ وَخَلَقْتَهُ مِنْ طِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىبلىسقا): ‹‹سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: ‹‹مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىبلىسقا): «مەن سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا، سەن نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى، مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ساڭا نېمە توسالغۇ بولدى، ساڭا ئەمر قىلغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى.
7 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَاهْبِطْ مِنْهَا فَمَا يَكُونُ لَكَ أَنْ تَتَكَبَّرَ فِيهَا فَاخْرُجْ إِنَّكَ مِنَ الصَّاغِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇ يەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردە ئۆزەڭنى چوڭ تۇتۇشۇڭغا بولمايدۇ، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەردىنسەن» [13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇيەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردىن ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشقا ھەققىڭ يوق، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەرنىڭ بىرىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئۇ يەردىن چۈشۈپ كەت! سېنىڭ ئۇ يەردە چوڭچىلىق قىلىدىغان ھەققىڭ يوق. چىق، سەن چوقۇم خار بولغۇچىلاردىنسەن» دېدى.
7 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَاسَمَهُمَا إِنِّي لَكُمَا لَمِنَ النَّاصِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك ئۇلارغا: ‹‹مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن›› دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەمدە ئۇلارغا: «مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى
ئەنەس ئالىم: ھەمدە ئۇلارغا: «مەن ئىككىڭلارغا ھەقىقەتەن كۆيۈنگۈچىلەردىنمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى.
7 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا حَرَّمَ رَبِّيَ الْفَوَاحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ وَالْإِثْمَ وَالْبَغْيَ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَأَنْ تُشْرِكُوا بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا وَأَنْ تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، (كىشىلەرگە) ناھەق چېقىلىشنى، (ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشقا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى، ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى››[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، (كىشىلەرگە) ناھەق چېقىلىشنى، ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قېلىۋېلىشىڭلارنى، ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر ھەققىدە ئاللاھ نامىدا قالايمىقان سۆزلىشىڭلارنى ھارام قىلدى»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قەبىھ ئىشلارنى، گۇناھلارنى، ناھەقچىلىك قىلىشنى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ شېرىكى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشىڭلارنى ۋە ئاللاھ ھەققىدە ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىنى سۆزلىشىڭلارنى ھارام قىلدى».
7 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار ھەمىشە دوزاختا قالغۇسىدۇر[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار ھەمىشە دوزاختا قالغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇلاردىن باش تارتقان كىشىلەر دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
7 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِآيَاتِهِ ۚ أُولَٰئِكَ يَنَالُهُمْ نَصِيبُهُمْ مِنَ الْكِتَابِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءَتْهُمْ رُسُلُنَا يَتَوَفَّوْنَهُمْ قَالُوا أَيْنَ مَا كُنْتُمْ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ قَالُوا ضَلُّوا عَنَّا وَشَهِدُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ أَنَّهُمْ كَانُوا كَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئۇلار لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان (رىزىقتىن ۋە ئەجەلدىن) ئۆز نېسىۋىسىنى كۆرىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندىمۇ، ئۇلارغا: ‹‹ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟›› دەيدۇ، ئۇلار: ‹‹ئۇلار بىزدىن غايىب بولۇپ كەتتى›› دەيدۇ. ئۇلار كاپىر بولغانلىقلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى كاپىر بولغانلىقلىرىغا ئىقرار قىلىدۇ)[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ قەبىھ كىشى بارمۇ؟ ئۇلار ئۆزىنىڭ لەۋھۇلمەھفۇزدا يېزىلغان نېسىۋىلىرىگە ئېرىشىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندىمۇ، ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيدۇ، ئۇلار: «ئۇلار بىزدىن غايىب بولۇپ كەتتى» دەيدۇ. ئۇلار كافىر بولغانلىقىغا (ئىقرار قىلىپ)، ئۆزىنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كىتابتىكى نېسىۋىسى يېتىدۇ9. ئاخىرى ئەلچىلىرىمىز ئۇلارنى ۋاپات قىلدۇرغىلى كەلگەندە: «سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان نەرسىلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيدۇ. ئۇلار: «بىزنى تاشلىۋەتتى» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كافىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
7 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا لَا تُفَتَّحُ لَهُمْ أَبْوَابُ السَّمَاءِ وَلَا يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ حَتَّىٰ يَلِجَ الْجَمَلُ فِي سَمِّ الْخِيَاطِ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەلى ۋە دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ)، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ (يەنى ئۇلار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ)، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇ ئايەتلەرگە ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ (رەھمەت) دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇلاردىن باش تارتقان كىشىلەرگە ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ھەرگىزمۇ ئېچىلمايدۇ، ئۇلار تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتمىگۈچە جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. بىز گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق جازالايمىز.
7 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا مِنْ قَوْمِهِ لِلَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِمَنْ آمَنَ مِنْهُمْ أَتَعْلَمُونَ أَنَّ صَالِحًا مُرْسَلٌ مِنْ رَبِّهِ ۚ قَالُوا إِنَّا بِمَا أُرْسِلَ بِهِ مُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ تەكەببۇر چوڭلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ھاكاۋۇر كاتتىباشلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا - ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: قەۋمىنىڭ تەكەببۇر چوڭلىرى، بوزەك قىلىنغانلارغا يەنى ئۆز ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە: «سىلەر سالىھنىڭ راستتىنلا رەببى تەرىپىدىن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «ئەلۋەتتە، بىز ئۇنىڭ ئەلچىلىكىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەرمىز» دېدى.
7 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا بِالَّذِي آمَنْتُمْ بِهِ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھېلىقى تەكەببۇرلار: «سىلەر ئىشەنگەنگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېلىقى ھاكاۋۇرلار: «سىلەر ئىشەنگەنگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھاكاۋۇرلار: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەر ئىشەنگەن نەرسىنى ئىنكار قىلغۇچى كىشىلەرمىز» دېدى،
7 : 146 - ئايەت
كۆرۈش
سَأَصْرِفُ عَنْ آيَاتِيَ الَّذِينَ يَتَكَبَّرُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَإِنْ يَرَوْا كُلَّ آيَةٍ لَا يُؤْمِنُوا بِهَا وَإِنْ يَرَوْا سَبِيلَ الرُّشْدِ لَا يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا وَإِنْ يَرَوْا سَبِيلَ الْغَيِّ يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا عَنْهَا غَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى ئايەتلىرىمنى چۈشىنىشتىن يىراقلاشتۇرىمەن. ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى[146].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەر يۈزىدە ئورۇنسىز ھالدا تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى مېنىڭ ئايەتلىرىمدىن يىراقلاشتۇرىمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى
ئەنەس ئالىم: مەن زېمىندا ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى يېقىندا ئايەتلىرىمدىن ئۇزاقلاشتۇرىمەن. ئۇلار بارلىق ئايەتلەرنى كۆرسىمۇ ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ، توغرا يولنى كۆرسە ئۇنى يول قىلىۋالمايدۇ، ئازغۇنلۇق يولىنى كۆرسە ئۇنى يول قىلىۋالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن غاپىل بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ خَرَجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ بَطَرًا وَرِئَاءَ النَّاسِ وَيَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ وَاللَّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطٌ
مۇھەممەد سالىھ: يۇرتلىرىدىن چوڭچىلىق ۋە رىيا بىلەن چىققان كىشىلەر (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرى) گە ئوخشاش بولماڭلار، ئۇلار (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۇرتلىرىدىن چوڭچىلىق ۋە رىيا بىلەن چىققان كىشىلەرگە ئوخشاش بولماڭلار، ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: يۇرتلىرىدىن كۆرەڭلىك قىلغان ۋە ئىنسانلارغا رىيا قىلغان ھالەتتە چىققان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش بولماڭلار. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قورشاپ تۇرماقتىدۇر.
تەۋبە سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ كَثِيرًا مِنَ الْأَحْبَارِ وَالرُّهْبَانِ لَيَأْكُلُونَ أَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِ وَيَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۗ وَالَّذِينَ يَكْنِزُونَ الذَّهَبَ وَالْفِضَّةَ وَلَا يُنْفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ھىبرىلەر ۋە راھىبلاردىن (يەھۇدىي ۋە ناسارا ئۆلىمالىرىدىن) نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ھارام يەيدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن توسىدۇ، ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارا ئۆلىمالىرىدىن نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ھارام يەيدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن توسىدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئۆلىما ۋە راھىبلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ناھەق يەۋالىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ. ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىدا چىقىم قىلمايدىغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
9 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ إِنَّهُمْ لَمِنْكُمْ وَمَا هُمْ مِنْكُمْ وَلَٰكِنَّهُمْ قَوْمٌ يَفْرَقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز چوقۇم سىلەر (يەنى سىلەرگە ئوخشاش مۇسۇلمانلار) دىن» دەپ، ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ئۇلار سىلەردىن ئەمەس، لېكىن ئۇلار (زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچراشتىن قورقۇپ، ئاغزىدا مۇسۇلمان بولغان) قورقۇنچاق قەۋمدۇر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز چوقۇم سىلەردىن» دەپ، ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ھالبۇكى ئۇلار سىلەردىن ئەمەس، لېكىن ئۇلار قورقۇنچاق قەۋمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ: «بىز ئەلۋەتتە سىلەردىنمىز» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار سىلەردىن ئەمەس. لېكىن ئۇلار قورقۇنچاق قەۋمدۇر.
9 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ مَا قَالُوا وَلَقَدْ قَالُوا كَلِمَةَ الْكُفْرِ وَكَفَرُوا بَعْدَ إِسْلَامِهِمْ وَهَمُّوا بِمَا لَمْ يَنَالُوا ۚ وَمَا نَقَمُوا إِلَّا أَنْ أَغْنَاهُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ مِنْ فَضْلِهِ ۚ فَإِنْ يَتُوبُوا يَكُ خَيْرًا لَهُمْ ۖ وَإِنْ يَتَوَلَّوْا يُعَذِّبْهُمُ اللَّهُ عَذَابًا أَلِيمًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَمَا لَهُمْ فِي الْأَرْضِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزىنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كاپىر بولدى، ئۇلار ئىشقا ئاشمايدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى)، ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) يامان كۆرۈشى پەقەت ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئەگەر ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلسا، ئۆزلىرىگە ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن داۋاملىق) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ، يەر يۈزىدە ئۇلارغا (ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزىنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كاپىر بولدى، ئۇلار قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورۇندى، ئۇلارنىڭ ئىنتىقام ئالماقچى بولۇشلىرى، پەقەت ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ئۆزلىرىگە ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ، يەر يۈزىدە ئۇلارغا بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ «بىز ئۇنداق دېمىدۇق» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇ كۇفرى سۆزنى ئېيتتى، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كافىر بولدى ۋە ئۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇندى15. ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن ئۆزلىرىنى باي قىلىپ قويغانلىقىنىلا يامان كۆردى16. ئۇلار ئەگەر تەۋبە قىلسا ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئەگەر يۈز ئۆرۈسە ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ. ئۇلارغا يەر يۈزىدە ھېچبىر ۋەلىي ۋە ھېچبىر ياردەمچى يوقتۇر.
9 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا آتَاهُمْ مِنْ فَضْلِهِ بَخِلُوا بِهِ وَتَوَلَّوْا وَهُمْ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان (يەنى باي قىلغان) چاغدا، بېخىللىق قىلىشتى (يەنى ئەھدىنى بۇزۇپ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈشتى)[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان چاغدا، بېخللىق قىلىشتى ۋە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈشتى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن ئىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا بېخىللىق قىلدى ۋە يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر.
9 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَعْقَبَهُمْ نِفَاقًا فِي قُلُوبِهِمْ إِلَىٰ يَوْمِ يَلْقَوْنَهُ بِمَا أَخْلَفُوا اللَّهَ مَا وَعَدُوهُ وَبِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (سەدىقە قىلىمىز، ياخشىلاردىن بولىمىز دەپ) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى، (ئىمانىنى، ئېھسانىنى دەۋا قىلىشتىكى) يالغانچىلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) گە قەدەر مۇناپىقلىقنىڭ دىللىرىدا (يىلتىز تارتىپ) تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئىشىنىڭ) ئاقىۋىتى قىلدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى، يالغانچىلىقلىرى تۈپەيلى، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان قىيامەت كۈنىگە قەدەر مۇناپىقلىقنىڭ دىللىرىدا يىلتىز تارتىپ تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ ئاقىۋىتى قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە، ئۇلار ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان كۈنگە قەدەر داۋاملىشىدىغان مۇنافىقلىقنى يەرلەشتۈردى. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلدى ۋە يالغانچىلىق قىلدى.
9 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا السَّبِيلُ عَلَى الَّذِينَ يَسْتَأْذِنُونَكَ وَهُمْ أَغْنِيَاءُ ۚ رَضُوا بِأَنْ يَكُونُوا مَعَ الْخَوَالِفِ وَطَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرى باي تۇرۇپ، (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سورىغانلار ئەيىبلىنىشى كېرەك، ئۇلار (جىھادقا چىقمىغان ئاياللار، كېسەللەر، ئاجىزلار) بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، (شۇنىڭ ئۈچۈن) ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) بىلمەيدۇ[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرى باي تۇرۇپ، جىھادقا چىقماسلىققا رۇخسەت سورىغانلار ئەيىبلىنىشى كېرەك. ئۇلار، جىھادقا چىقمىغان ئاياللار، كېسەللەر، ئاجىزلار بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: باي تۇرۇپ سەندىن رۇخسەت سورايدىغان كىشىلەرنىلا ئەيىبلەشكە يول بار. ئۇلار ئۇرۇشتىن ئايرىلىپ قالغۇچى ئاياللار بىلەن بىللە قېلىشقا رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋەتتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار بىلمەيدۇ.
يۇنۇس سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِآيَاتِهِ ۚ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ گۇناھكارلار ھەرگىز بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقارغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ گۇناھكارلار ھەرگىز بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ئادەمدىنىمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ گۇناھكارلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ.
10 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَنْجَاهُمْ إِذَا هُمْ يَبْغُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ ۗ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّمَا بَغْيُكُمْ عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ ۖ مَتَاعَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ ثُمَّ إِلَيْنَا مَرْجِعُكُمْ فَنُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنى (ئۇ بالادىن) قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، (سىلەر) بۇ دۇنيا (نىڭ ئۆتكۈنچى نېمەتلىرى) دىن بەھرىمەن بولىسىلەر (بۇنىڭ ھەسرىتى ئاخىرەتكە قالىدۇ)، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزۇقچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ باقاسى يوق شەھۋەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر، بۇنىڭ ھەسرىتى ئاخىرەتكە قالىدۇ، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قويسا، ئۇلار دەرھال زېمىندا ناھەقچىلىك بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! قىلغان بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ زىيىنى ئۆزۈڭلارغىلا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق قىسقا مۇددەتلىك ھاياتنىڭ مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرىسىلەر. ئاخىرىدا قايتىپ بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا كېلىسىلەر. ئاندىن بىز سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمىز.
10 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَا يَظْلِمُ النَّاسَ شَيْئًا وَلَٰكِنَّ النَّاسَ أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار (كۇفرى ۋە گۇناھ ئارقىلىق) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ. لېكىن ئىنسانلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ.
10 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا ظَنُّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار قىيامەت كۈنى قانداق ئويلايدۇ؟ (يەنى جازاغا تارتىلمايمىز، دەپ ئويلامدۇ؟) شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا مەرھەمەتلىكتۇر (چۈنكى ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى كېچىكتۈردى)، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار قىيامەت كۈنى ھەققىدە قانداق ئويلايدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يالغاننى چاپلاۋاتقانلار قىيامەت كۈنىنى نېمە چاغلايدۇ؟ ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
10 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار ھەقىقەتەن نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار ھەقىقەتەن نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار ھەرگىز مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ».
ھۇد سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَذَقْنَاهُ نَعْمَاءَ بَعْدَ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُ لَيَقُولَنَّ ذَهَبَ السَّيِّئَاتُ عَنِّي ۚ إِنَّهُ لَفَرِحٌ فَخُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز (پېقىرلىق ، كېسەللىك، قاتتىقچىلىق قاتارلىق) بالالارغا مۇپتىلا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نېمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «مەندىن بالالار كۆتۈرۈلۈپ كەتتى (ئەمدى كەلمەيدۇ)» دەپ شەك -شۈبھىسىز خۇشاللىنىپ، مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز ئۇنى بالالارغا مۇپتىلا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نېمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «مەندىن بالالار كۆتۈرۈلۈپ كەتتى» دەپ شەك شۈبھىسىز خۇشاللىنىپ، مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇنىڭغا بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقتىن كېيىن نېمەت تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «يامانلىقلار مەندىن كەتتى» دەيدۇ، خۇشال بولۇپ ئەركىلەيدۇ، كۆرەڭلەيدۇ.
11 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا ۚ أُولَٰئِكَ يُعْرَضُونَ عَلَىٰ رَبِّهِمْ وَيَقُولُ الْأَشْهَادُ هَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ كَذَبُوا عَلَىٰ رَبِّهِمْ ۚ أَلَا لَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئەنە شۇلار(قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىغا توغرىلىنىدۇ. گۇۋاھچىلار: «بۇلار پەرۋەردىگارى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر» دەيدۇ. راستتىنلا ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ (يەنى ئاللاھ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئەنە شۇلار رەببىغا توغرىلىنىدۇ، گۇۋاھچىلار: «بۇلار رەببى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر» دەيدۇ. راستتىنلا ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بۇنداق ئادەملەر رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىدۇ ۋە گۇۋاھچىلار: «بۇلار رەببىگە يالغان چاپلىغان كىشىلەردۇر!» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارنىڭ ئۈستىگە ياغىدۇ.
11 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۖ قُلْ إِنِ افْتَرَيْتُهُ فَعَلَيَّ إِجْرَامِي وَأَنَا بَرِيءٌ مِمَّا تُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار (يەنى قۇرەيشنىڭ كاپىرلىرى) قۇرئاننى ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان دېيىشەمدۇ؟ «ئەگەر ئۇنى مەن ئويدۇرۇپ چىققان بولسام، ئۆز گۇناھىمغا ئۆزۈم مەسئۇل، مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامەن» دېگىن[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار «قۇرئاننى ئۇ ئۆزى توقۇپ چىقتى» دېيىشەمدۇ؟ «ئەگەر ئۇنى مەن توقۇپ چىققان بولسام، ئۇ گۇناھىمغا ئۆزۈم مەسئۇل، مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلاردىن ئادا ـ جۇدا مەن» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئەكسىچە ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئويدۇرۇپ چىقتى» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئۇنى مەن ئۆزۈم ئويدۇرغان بولسام، ئۆز گۇناھىم ئۆزۈمگە. مەن سىلەر ئۆتكۈزگەن گۇناھلاردىن ئادا - جۇدامەن».
11 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ عَادٍ أَخَاهُمْ هُودًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا مُفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سىلەر(ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن) پەقەت (ئاللاھقا) يالغاننى توقۇغۇچىلارسىلەر»[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، سىلەر پەقەت يالغاننى توقۇغۇچىلارسىلەر»
ئەنەس ئالىم: بىز ئاد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. سىلەر بوھتانچى كىشىلەرسىلەر4.
11 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا ظَلَمْنَاهُمْ وَلَٰكِنْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ۖ فَمَا أَغْنَتْ عَنْهُمْ آلِهَتُهُمُ الَّتِي يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ لَمَّا جَاءَ أَمْرُ رَبِّكَ ۖ وَمَا زَادُوهُمْ غَيْرَ تَتْبِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش) پەرمانى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى، ئۇلارغا پەقەت زىيان سالدى[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. رەببىڭنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش پەرمانى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى، ئۇلارغا پەقەت زىيان سالدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. رەببىڭنىڭ ئەمرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان ئىلاھلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى، زىيانلىرىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا ھېچ ئىشقا يارىمىدى.
11 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَىٰ وَهِيَ ظَالِمَةٌ ۚ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ زالىم يۇرتلار ئاھالىسىنى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ ئاھالىسى زالىم يۇرتلارنى جازالىغاندا ئەنە شۇنداق جازالايدۇ. ئۇنىڭ جازالىشى بەك ئەلەملىك، بەك قاتتىق بولىدۇ.
11 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَرْكَنُوا إِلَى الَّذِينَ ظَلَمُوا فَتَمَسَّكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ أَوْلِيَاءَ ثُمَّ لَا تُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زالىملارغا مايىل بولماڭلار، (مايىل بولساڭلار) دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچى يوقتۇر، ئاندىن كېيىن ھېچ ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: زالىملارغا مايىل بولماڭلار، مايىل بولساڭلار دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ياردەمچى يوقتۇر، ئاندىن كېيىن ھېچ ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: زالىملارغا مايىل بولماڭلار، بولمىسا دوزاخ ئوتى سىلەرنىمۇ كۆيدۈرىدۇ. سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھەرگىمۇ ۋەلىيلىرىڭلار بولمايدۇ14، ياردەممۇ كۆرەلمەيسىلەر.
11 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا كَانَ مِنَ الْقُرُونِ مِنْ قَبْلِكُمْ أُولُو بَقِيَّةٍ يَنْهَوْنَ عَنِ الْفَسَادِ فِي الْأَرْضِ إِلَّا قَلِيلًا مِمَّنْ أَنْجَيْنَا مِنْهُمْ ۗ وَاتَّبَعَ الَّذِينَ ظَلَمُوا مَا أُتْرِفُوا فِيهِ وَكَانُوا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمىشقا (يامانلارنى) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان ئەقىل ئىگىلىرى بولمىدى؟ ئۇلار ئارىسىدىن بۇزغۇنچىلىقنى توسۇپ، بىزنىڭ نىجاتلىقىمىزغا ئېرىشكەن ئازغىنا كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئەيش ـ ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدۇ. ئۇلار گۇناھكار ئادەملەردۇر[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمىشقا يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان ئەقىل ئىلگىرى بولمىدى؟ ئۇلار ئارىسىدىن بۇزۇقچىلىقنى توسۇپ بىزنىڭ نىجاتلىقىمىزغا ئېرىشكەن ئازغىنا كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئەيش ـ ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدۇ. ئۇلار گۇناھكار ئادەملەردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن بۇرۇنقى ئۇممەتلەرنىڭ ئىچىدە نېمىشقا زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن مەنئى قىلىدىغان پەزىلەتلىك كىشىلەر بولمىدى؟ ئۇلاردىن بىز قۇتقۇزغان ئازغىنە كىشىلەر مۇستەسنا. زۇلۇم قىلغانلار ئۆزلىرىنى ئەركىلەتكەن باياشاتلىققا بېرىلدى ۋە گۇناھكار ئادەملەر بولدى.
يۈسۈف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالُوا لَيُوسُفُ وَأَخُوهُ أَحَبُّ إِلَىٰ أَبِينَا مِنَّا وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّ أَبَانَا لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى بۇنيامىن) ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى، بىز (كۈچلۈك) جامائەدۇرمىز، ئاتىمىز(نىڭ ئۇ ئىككىسىنى بىزدىن ئارتۇق كۆرۈشى) ئەلۋەتتە روشەن خاتادۇر» دېيىشتى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى - بۇنيامىن- ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى، بىز -كۈچلۈك- جامائەدۇرمىز، ئاتىمىز ئەلۋەتتە روشەن خاتالىق ئىچىدىدۇر» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئۆزئارا مۇنداق دېيىشكەن ئىدى: «شۈبھىسىزكى، يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئاتىمىزغا بىزدىن بەك سۆيۈملۈكتۇر. ھالبۇكى، بىز كۈچلۈك جامائەمىز. شۈبھىسىزكى، ئاتىمىز ئاشكارا خاتالىق ئىچىدىدۇر.
12 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءُوا أَبَاهُمْ عِشَاءً يَبْكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشتى[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاخشىمى ئاتىلىرىنىڭ يېنىغا يىغلاشقان ھالدا كېلىپ:
12 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا أَبَانَا إِنَّا ذَهَبْنَا نَسْتَبِقُ وَتَرَكْنَا يُوسُفَ عِنْدَ مَتَاعِنَا فَأَكَلَهُ الذِّئْبُ ۖ وَمَا أَنْتَ بِمُؤْمِنٍ لَنَا وَلَوْ كُنَّا صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! يۈسۈفنى نەرسىلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قېلىپتۇق، ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! يۈسۈفنى نەرسىلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قېلىپتۇق، ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: «ئى ئاتىمىز! بىز يۇسۇفنى نەرسە - كېرەكلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ مۇسابىقىلەشكىلى كەتكەن ئىدۇق، ئۇ ئەسنادا ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ! راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى.
12 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءُوا عَلَىٰ قَمِيصِهِ بِدَمٍ كَذِبٍ ۚ قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ وَاللَّهُ الْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بۇ ئىشنى نەپسىڭلار سىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ قىلغۇزۇپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، سىلەرنىڭ (مۇشۇ يالغان) سۆزۈڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە ئاللاھ مەدەتكاردۇر» دېدى[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بۇ ئىشنى نەپسىڭلار سىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ قىلغۇزۇپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، سىلەرنىڭ -مۇشۇ يالغان- سۆزۈڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە ئاللاھ مەدەتكاردۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئۈستىدە يالغان قان ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاتىلىرى ئۇلارغا: «ياق، نەپسىڭلار سىلەرنى بىر ئىشقا كۈشكۈرتۈپتۇ. چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن ۋە سىلەرنىڭ بۇ يالغان سۆزۈڭلارغا قارشى پەقەت ئاللاھتىنلا ياردەم تىلەيمەن» دېدى.
12 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
ارْجِعُوا إِلَىٰ أَبِيكُمْ فَقُولُوا يَا أَبَانَا إِنَّ ابْنَكَ سَرَقَ وَمَا شَهِدْنَا إِلَّا بِمَا عَلِمْنَا وَمَا كُنَّا لِلْغَيْبِ حَافِظِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر قايتىپ كېتىپ ئاتاڭلار بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئاندىن ئېيتىڭلاركى، «ئى ئاتىمىز! سېنىڭ ئوغلۇڭ راستتىنلا ئوغرىلىق قىلدى، بىز پەقەت بىلگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز، بىز غەيبنى بىلمەيمىز (يەنى ساڭا ۋەدە بەرگەن چېغىمىزدا ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدۇق)[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر قايتىپ كېتىپ ئاتاڭلار بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئاندىن ئېيتىڭلاركى، ئى ئاتىمىز! سېنىڭ ئوغلۇڭ راستتىنلا ئوغرىلىق قىلدى، بىز پەقەت بىلگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز، بىز غەيبنى بىلمەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئاتاڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ مۇنداق دەڭلار: ئى ئاتىمىز! شۈبھىسىزكى، ئوغلىڭىز ئوغرىلىق قىلدى. بىز پەقەت بىلگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بەردۇق. بىز غەيبنى بىلمىدۇق13.
رەئد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَنْقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ ۙ أُولَٰئِكَ لَهُمُ اللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوءُ الدَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھنىڭ سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە (ئۇلارنىڭ) ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھنىڭ سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزىدىغان، ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمر قىلغان نەرسىنى ئۈزىدىغان ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار لەنەتكە ۋە ئاخرەتتە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ.
ئىبراھىم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَرَزُوا لِلَّهِ جَمِيعًا فَقَالَ الضُّعَفَاءُ لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنْتُمْ مُغْنُونَ عَنَّا مِنْ عَذَابِ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۚ قَالُوا لَوْ هَدَانَا اللَّهُ لَهَدَيْنَاكُمْ ۖ سَوَاءٌ عَلَيْنَا أَجَزِعْنَا أَمْ صَبَرْنَا مَا لَنَا مِنْ مَحِيصٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى خالايىقلار) نىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن) چىقىپ، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرى) مۇتەكەببىرلىرىگە (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە ـ پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەرىبىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن چىقىپ، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى مۇتەكەببىر-ئەگەشتۈرگۈچى-لىرىگە: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە ـ پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەرىبىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ. ئاجىزلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلارغا: «ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار ئىدۇق، ھازىر سىلەر بىزدىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن بىرەر نەرسە دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئەگەر ئاللاھ بىزگە توغرا يولنى كۆرسەتسە ئىدى، بىزمۇ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكەن بولاتتۇق. ھازىر نالە - پەرياد قىلساقمۇ، سەۋر قىلساقمۇ ئوخشاش. قاچىدىغان ھېچقانداق يېرىمىز يوق» دەيدۇ.
14 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتَاكُمْ مِنْ كُلِّ مَا سَأَلْتُمُوهُ ۚ وَإِنْ تَعُدُّوا نِعْمَتَ اللَّهِ لَا تُحْصُوهَا ۗ إِنَّ الْإِنْسَانَ لَظَلُومٌ كَفَّارٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، ئىنسان، شەك ـ شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، كاپىر ئادەم، شەك ـ شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، -ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە- كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە سىلەر ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بەردى. ئەگەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى سانىغىلى تۇرساڭلار، ئۇلارنى ساناپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن زالىمدۇر، تۇزكوردۇر.
ھىجىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَانَ أَصْحَابُ الْأَيْكَةِ لَظَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەيكەلىكلەر (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، شۈبھىسىزكى، زالىم ئىدى (يەنى كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقانلار ئىدى)[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەيكە خەلقى، شۈبھىسىزكى، زالىم ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئەيكەلىكلەرمۇ زالىم كىشىلەر ئىدى.
نەھىل سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۚ فَالَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ قُلُوبُهُمْ مُنْكِرَةٌ وَهُمْ مُسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ (ئىبادەت قىلىشقا لايىق) ئىلاھىڭلار بىردۇر، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى) ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ، (ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن) باش تارتقۇچىلاردۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىردۇر، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى بۇنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ، باش تارتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قەلبلىرى بۇ ھەقىقەتنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار چوڭچىلىق قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
16 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
لَا جَرَمَ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْتَكْبِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى راستتىنلا بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى راستتىنلا بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شەك - شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغان نەرسىلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ چوڭچىلىق قىلغۇچىلارنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.
16 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَادْخُلُوا أَبْوَابَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ فَلَبِئْسَ مَثْوَى الْمُتَكَبِّرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر (ئىچىدە) مەڭگۈ قالىدىغان جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، چوڭچىلىق قىلىپ، (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتقۇچىلارنىڭ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان![29]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدىغان جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، چوڭچىلىق قىلىپ، -ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن- باش تارتقۇچىلارنىڭ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر» دېيىلىدۇ. مۇتەكەببىرلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى نېمىدېگەن يامان!
16 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُمْ بِالْأُنْثَىٰ ظَلَّ وَجْهُهُ مُسْوَدًّا وَهُوَ كَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خوشخەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە خوتۇنىنىڭ قىز تۇغقانلىق خوش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ بىرىگە قىز بالا بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلسە5، ئاچچىقىدىن يۈزى قاپقارا بولۇپ كېتىدۇ.
16 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
يَتَوَارَىٰ مِنَ الْقَوْمِ مِنْ سُوءِ مَا بُشِّرَ بِهِ ۚ أَيُمْسِكُهُ عَلَىٰ هُونٍ أَمْ يَدُسُّهُ فِي التُّرَابِ ۗ أَلَا سَاءَ مَا يَحْكُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نومۇسقا چىداپ قىزنى ساقلاپ قالامدۇ ياكى ئۇنى توپا ئاستىغا (تىرىك) كۆمەمدۇ؟ (شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ) ئۇلارنىڭ ھۆكمى (يەنى ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىپ، قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىشى) ھەقىقەتەن نېمىدېگەن قەبىھ![59]
تەرجىمە ھەيئىتى: يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نومۇسقا چىداپ قىزنى ساقلاپ قالامدۇ؟ ياكى ئۇنى توپا ئاستىغا تىرىك كۆمەمدۇ؟ شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى ھەقىقەتەن نېمىدېگەن قەبىھ!
ئەنەس ئالىم: ئۇ كەلگەن بۇ يامان خەۋەر تۈپەيلى قەۋمىگە كۆرۈنمەسلىككە تىرىشىدۇ. ئۇنى نومۇسقا چىداپ باقايمۇ ياكى تۇپىغا كۆمىۋىتەيمۇ دەپ ئويلايدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!
16 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَجْعَلُونَ لِلَّهِ مَا يَكْرَهُونَ وَتَصِفُ أَلْسِنَتُهُمُ الْكَذِبَ أَنَّ لَهُمُ الْحُسْنَىٰ ۖ لَا جَرَمَ أَنَّ لَهُمُ النَّارَ وَأَنَّهُمْ مُفْرَطُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرى يامان كۆرۈدىغاننى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى بىلەن جۆيلۈيدۇ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار (دوزاختا) تاشلىنىپ قالغۇچىلاردۇر[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرى يامان كۆرۈدىغاننى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاقىۋەتلىرىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى بىلەن جۆيلۈيدۇ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار دوزاختا تاشلىنىپ قالغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرى يامان كۆرىدىغان نەرسىنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىدۇ6. بۇنىڭغا قارىماي تېخى «ئەڭ ياخشى ئاقىۋەت بىزنىڭ بولىدۇ» دەپ بىلجىرلايدۇ. شەك - شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئوتى ئۇلارنىڭ بولىدۇ، ئۇلار ئۇ ئوتقا تۇنجى قېتىم تاشلىنىدىغان كىشىلەردۇر.
16 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا رَأَى الَّذِينَ أَشْرَكُوا شُرَكَاءَهُمْ قَالُوا رَبَّنَا هَٰؤُلَاءِ شُرَكَاؤُنَا الَّذِينَ كُنَّا نَدْعُو مِنْ دُونِكَ ۖ فَأَلْقَوْا إِلَيْهِمُ الْقَوْلَ إِنَّكُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلار (دۇنيادا چوقۇنغان) بۇتلىرىنى كۆرگەن چاغدا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بولسا بىزنىڭ سېنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىمىزدۇر» دەيدۇ. مەبۇدلىرى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «شۈبھىسىزكى، سىلەر ھەقىقەتەن يالغانچىسىلەر» دەيدۇ[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار دۇنيادا ئاللاھ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىنى كۆرگەن چاغدا: «ئى رەببىمىز! بۇلار بولسا بىزنىڭ سېنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان شېركلىرىمىزدۇر» دەيدۇ، شېرىكلىرى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ؛ «شۈبھىسىزكى، سىلەر ھەقىقەتەن يالغانچىسىلەر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا كەلتۈرگەن شېرىكلىرىنى كۆرگەندە: «رەببىمىز! ئەنە شۇلار بىزنىڭ سېنى قويۇپ دۇئا قىلغان شېرىكلىرىمىزدۇر» دەيدۇ. ئۇ شېرىكلەر بولسا بۇ مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىپ: «سىلەر ھەقىقەتەن يالغانچىسىلەر!» دەيدۇ.
16 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَكُونُوا كَالَّتِي نَقَضَتْ غَزْلَهَا مِنْ بَعْدِ قُوَّةٍ أَنْكَاثًا تَتَّخِذُونَ أَيْمَانَكُمْ دَخَلًا بَيْنَكُمْ أَنْ تَكُونَ أُمَّةٌ هِيَ أَرْبَىٰ مِنْ أُمَّةٍ ۚ إِنَّمَا يَبْلُوكُمُ اللَّهُ بِهِ ۚ وَلَيُبَيِّنَنَّ لَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ مَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار. بىر جامائە (سان ۋە مال ـ مۈلۈك جەھەتتە) يەنە بىر جامائەدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىسىلەر (يەنى ئۆز ئارا ياردەملىشىش ئۈستىدە بىر جامائە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەندىن كېيىن، سانى، پۇل ـ مېلى كۆپرەك يەنە بىر جامائەنى كۆرۈپلا ئىلگىرىكى جامائە بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىنى بۇزۇپ، كېيىنكى جامائە بىلەن ئەھدى تۈزىسىلەر)، ئاللاھ سىلەرنى ھەقىقەتەن بۇنىڭ (يەنى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئەمرى) بىلەن سىنايدۇ، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق ـ ناھەقنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە چوقۇم ئېنىق ئايرىپ بېرىدۇ.(ئىزاھات:بۇ، قەسەم ئىچىپ چىڭ ئەھدە قىلىشقاندىن كېيىن ئۆز ئەھدىنى بۇزغان ئادەمنىڭ مىسالىدۇر.)[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار[1]. بىر جامائە سان ۋە مال ـ مۈلۈك جەھەتتە يەنە بىر جامائەدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى ھەقىقەتەن بۇنىڭ بىلەن سىنايدۇ، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق ـ ناھەقنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە چوقۇم ئايرىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: يىپىنى پىششىق ئېگىرىپ بولۇپ چۇۋۇۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار. يەنى بىر ئۇممەتنىڭ يەنە بىر ئۇممەتتىن ئۈستۈن بولغانلىقىغا قاراپ، قەسەملىرىڭلار بىلەن بىر - بىرىڭلارنى ئالدىماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى بۇنىڭ بىلەن ئىمتىھان قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىدۇ.
16 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا بَدَّلْنَا آيَةً مَكَانَ آيَةٍ ۙ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يُنَزِّلُ قَالُوا إِنَّمَا أَنْتَ مُفْتَرٍ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز بىر ئايەتنى يەنە بىر ئايەتنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغىنىمىزدا (يەنى بىر ھۆكۈمنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ھۆكۈمنى چۈشۈرگىنىمىزدە)، ـ ئاللاھ ئۆزى نازىل قىلغاننى (يەنى شۇ ھۆكۈمدە بەندىگە نېمە مەنپەئەت ۋە ھېكمەت بارلىقىنى) ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ ـ ئۇلار: «(ئى مۇھەممەد!) سەن (ئاللاھقا) يالغان چاپلىدىڭ» دەيدۇ، ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى) ئۇقمايدۇ[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز بىر ئايەتنى يەنە بىر ئايەتنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغىنىمىزدا -يەنى بىر ھۆكۈمنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ھۆكۈمنى چۈشۈرگىنىمىزدە-، ـ ئاللاھ ئۆزى نازىل قىلغاننى ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ ـ ئۇلار: «-ئى مۇھەممەد!- سەن ئاللاھقا يالغان چاپلىدىڭ» دەيدۇ، ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تولىسى ئۇقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز بىر ئايەتنى يەنە بىر ئايەتكە ئالماشتۇرغاندا - ئاللاھ ئۆزىنىڭ نازىل قىلىدىغان ئايەتلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ -، ئۇ مۇشرىكلار ساڭا: «شۈبھىسىزكى، سەن ئويدۇرمىچىسەن» دېيىشتى. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
16 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا يَفْتَرِي الْكَذِبَ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارلا (ئاللاھقا) يالغان چاپلايدۇ، (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يالغانچى ئەمەس) دەل ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يالغانچىدۇر[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارلا ئاللاھقا يالغان چاپلايدۇ، ئەنە ئاشۇلار يالغانچىدۇر
ئەنەس ئالىم: يالغاننى پەقەت ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرلا توقۇيدۇ. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
16 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جَاءَهُمْ رَسُولٌ مِنْهُمْ فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمُ الْعَذَابُ وَهُمْ ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى، ئۇنى ئۇلار ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا ئازاب (يەنى قاتتىقچىلىق ۋە ئوقۇبەت) يۈزلەندى، ئۇلار (گۇناھلارغا چۆمگەنلىك تۈپەيلىدىن) زالىم ئىدى[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر كىلىۋىدى، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زالىملىق قىلىۋاتقاندا ئۇلارغا ئازاب يۈزلەندى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئەلچى كەلدى، ئۇلار ئۇ ئەلچىنى يالغانچى دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازابقا يولۇقتى، ئۇلار ئۇ چاغدا زۇلۇم قىلۋاتقان ئىدى.
16 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقُولُوا لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَٰذَا حَلَالٌ وَهَٰذَا حَرَامٌ لِتَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدورغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدورۇش ئۈچۈن ئاغزىڭلارغا كەلگەننى سۆزلەش ئۈچۈن :«بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدورغۇچىلار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ «ئۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغان چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ.
ئىسرا سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَدْعُ الْإِنْسَانُ بِالشَّرِّ دُعَاءَهُ بِالْخَيْرِ ۖ وَكَانَ الْإِنْسَانُ عَجُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان (ئۆزىگە ۋە بالا ـ چاقىلىرىغا) خەيرلىك دۇئا قىلغاندەك، (ئاچچىقى كەلگەندە) بەتدۇئا قىلىدۇ، ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان -ئۆزىگە ۋە بالا ـ چاقىلىرىغا- خەيرىلىك دۇئا قىلغاندەك، بەتدۇئامۇ قىلىدۇ، ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسان ياخشىلىقنى تىلىگەندەك يامانلىقنىمۇ تىلەيدۇ. ئىنسان بەك ئالدىراڭغۇدۇر.
17 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتِ ذَا الْقُرْبَىٰ حَقَّهُ وَالْمِسْكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَلَا تُبَذِّرْ تَبْذِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: تۇغقانغا، مىسكىنگە، ئىبىن ـ سەبىلگە (خەيرى ـ ساخاۋەتتىن) ھەققىنى بەرگىن، (پۇل ـ مېلىڭنى ناتوغرا يوللارغا) ئىسراپ قىلمىغىن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: تۇغقانغا، مىسكىنگە، ئىبىن ـ سەبىلگە خەيرى ـ ساخاۋەتتىن ھەققىنى بەرگىن، ئىسراپ قىلمىغىن
ئەنەس ئالىم: تۇغقانلىرىڭنىڭ ھەققىنى بەرگىن. مىسكىنلەرنىڭمۇ، يولۇچىلارنىڭمۇ ھەققىنى بەرگىن. بۇزۇپ چاچمىغىن.
17 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُبَذِّرِينَ كَانُوا إِخْوَانَ الشَّيَاطِينِ ۖ وَكَانَ الشَّيْطَانُ لِرَبِّهِ كَفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىسراپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر، شەيتان پەرۋەردىگارىغا تولىمۇ كۇفرانى نېمەت قىلغان ئىدى[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسراپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر، شەيتان رەببىغا تولىمۇ كۇفرانى نېمەت قىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بۇزۇپ چاچقۇچىلار شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر. شەيتان بولسا، رەببىگە تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر.
17 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَجْعَلْ يَدَكَ مَغْلُولَةً إِلَىٰ عُنُقِكَ وَلَا تَبْسُطْهَا كُلَّ الْبَسْطِ فَتَقْعُدَ مَلُومًا مَحْسُورًا
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن (يەنى بېخىللىق قىلمىغىن)، قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىپمۇۋەتمىگىن (يەنى ئىسراپ قىلمىغىن)، (ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قېلىپ) مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋېلىپ-بېخىللىق قىلمىغىن-، قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىۋېتىپ-ئىسراپ قىلمىغىن-، ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قېلىپ مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن
ئەنەس ئالىم: قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن5، بەك قولى ئوچۇقمۇ بولمىغىن. بولمىسا مالامەتكە قالىسەن ۋە ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسەن.
17 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ قَالَ أَأَسْجُدُ لِمَنْ خَلَقْتَ طِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: يەنە شۇنىمۇ ئەسلىگىنكى، ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى. لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلمىدى. ئۇ: «مەن، سەن لايدىن ياراتقان كىشىگە سەجدە قىلامتىم؟» دېدى.
17 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَوْ أَنْتُمْ تَمْلِكُونَ خَزَائِنَ رَحْمَةِ رَبِّي إِذًا لَأَمْسَكْتُمْ خَشْيَةَ الْإِنْفَاقِ ۚ وَكَانَ الْإِنْسَانُ قَتُورًا
مۇھەممەد سالىھ: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولسا، چىقىمدىن (يەنى تۈگەپ كېتىشىدىن) قورقۇپ، چوقۇم بېخىللىق قىلاتتىڭلار، ئىنسان بېخىل كېلىدۇ» دېگىن[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئەگەر رەببىمنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولسا، تۈگەپ كېتىشىدىن قورقۇپ، چوقۇم بېخىللىق قىلاتتىڭلار، ئىنسان بېخىل كېلىدۇ» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر رەببىڭلارنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولسا ئىدى، ئۇ خەزىنىلەرنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن قورقۇپ ھېچكىمگە ھېچ نەرسە بەرمىگەن بولاتتىڭلار. ئىنسان ناھايىتى بېخىلدۇر».
كەھف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
مَا لَهُمْ بِهِ مِنْ عِلْمٍ وَلَا لِآبَائِهِمْ ۚ كَبُرَتْ كَلِمَةً تَخْرُجُ مِنْ أَفْوَاهِهِمْ ۚ إِنْ يَقُولُونَ إِلَّا كَذِبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى بۇ بوھتانلىرىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەت يالغاننىلا ئېيتىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇنداق دېگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى بۇ بوھتانلىرىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، ئۇلارنىڭمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭمۇ بۇ بوھتانلىرى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىلمى يوق. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىقىۋاتقان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەتلا يالغان سۆزلىمەكتە.
18 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَانَ لَهُ ثَمَرٌ فَقَالَ لِصَاحِبِهِ وَهُوَ يُحَاوِرُهُ أَنَا أَكْثَرُ مِنْكَ مَالًا وَأَعَزُّ نَفَرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى باغ ئىگىسى) نۇرغۇن مال ـ مۈلۈككە ئىگە ئىدى، ئۇ بۇرادىرىگە پەخىرلىنىپ: « مەن سەندىن باي، ئادەملىرىم (يەنى خىزمەتچىلىرىم، بالىلىرىم، ياردەمچىلىرىم) سېنىڭدىن كۆپ» دېدى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ نۇرغۇن مال ـ مۈلۈككە ئىگە ئىدى، ئۇ بۇرادىرىگە پەخىرلىنىپ: « مەن سەندىن باي، ئادەملىرىم سېنىڭدىن كۆپ» دېدى
ئەنەس ئالىم: بۇ ئادەمنىڭ باشقا مال - مۈلكىمۇ بار ئىدى. ئۇ بۇرادىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىۋېتىپ ئۇنىڭغا: «مەن ئىقتىسادىي جەھەتتە سەندىن باي، ئادەم سانى جەھەتتە سەندىن كۈچلۈكمەن» دېدى.
18 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَخَلَ جَنَّتَهُ وَهُوَ ظَالِمٌ لِنَفْسِهِ قَالَ مَا أَظُنُّ أَنْ تَبِيدَ هَٰذِهِ أَبَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (مۆمىن بۇرادىرىنى يېتىلەپ) بېغىغا كىرىپ (كۇفرىلىق قىلىش بىلەن) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا ئېيتتى: «بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بېغىغا كىرىپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا ئېيتتى: «بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا بېغىغا كىرىپ مۇنداق دېدى: «بۇنى يوق بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئويلىمايمەن.
18 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَظُنُّ السَّاعَةَ قَائِمَةً وَلَئِنْ رُدِدْتُ إِلَىٰ رَبِّي لَأَجِدَنَّ خَيْرًا مِنْهَا مُنْقَلَبًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك قىيامەت بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ (يەنى قىيامەت بولغاندىمۇ) ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن»[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك قىيامەت بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن رەببىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن»
ئەنەس ئالىم: قىيامەت قايىم بولىدۇ دەپمۇ ئويلىمايمەن. ناۋادا قىيامەت قايىم بولۇپ، مەن رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلغان تەقدىردە ئۇ يەردە چوقۇم بۇنىڭدىن ياخشىسىنى تاپىمەن».
مەريەم سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ قَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلَّذِينَ آمَنُوا أَيُّ الْفَرِيقَيْنِ خَيْرٌ مَقَامًا وَأَحْسَنُ نَدِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، كاپىرلار مۆمىنلەرگە: «ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسىنىڭ ئورنى ياخشى، سورۇنى گۈزەل؟» دېدى[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، كاپىرلار مۇئمىنلارغا: «ئىككى گۇرۇھتىن قايسىنىڭ ئورنى ياخشى، سورۇنى گۈزەل؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، كافىرلار مۇئمىنلارغا: «قايسىمىزنىڭ ئورنى ياخشى، گۇرۇپپىسى كۈچلۈك؟» دېدى.
19 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَرَأَيْتَ الَّذِي كَفَرَ بِآيَاتِنَا وَقَالَ لَأُوتَيَنَّ مَالًا وَوَلَدًا
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ماڭا (ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە مال ـ مۈلۈك، ئەۋلاد بېرىلىدۇ دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟[77]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ماڭا ئەلۋەتتە مال ـ مۈلۈك، ئەۋلاد بېرىلىدۇ دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، «ماڭا چوقۇم مال ۋە بالا بېرىلىدۇ» دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟
19 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
أَطَّلَعَ الْغَيْبَ أَمِ اتَّخَذَ عِنْدَ الرَّحْمَٰنِ عَهْدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ غەيبنى بىلگەنمۇ ياكى مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە ئېرىشكەنمۇ؟[78]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ غەيبنى بىلگەنمۇ؟ ياكى مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ غەيبنى بىلگەنمۇ ياكى رەھماندىن ئەھدە ئالغانمۇ؟
تاھا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا إِنْ هَٰذَانِ لَسَاحِرَانِ يُرِيدَانِ أَنْ يُخْرِجَاكُمْ مِنْ أَرْضِكُمْ بِسِحْرِهِمَا وَيَذْهَبَا بِطَرِيقَتِكُمُ الْمُثْلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «بۇ ئىككىسى راستتىنلا سېھىرگەر بولۇپ، سېھىر بىلەن سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە توغرا دىنىڭلارنى يوقاتماقچى بولىدۇ[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «بۇ ئىككىسى راستتىنلا سېھرىگەر بولۇپ، سېھىر بىلەن سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە توغرا دىنىڭلارنى يوقاتماقچى بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «بۇلار ئىككى سېھىرگەر بولۇپ، سېھىرلىرى بىلەن سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە سىلەرنىڭ ئۈلگىلىك يولۇڭلارنى يوقاتماقچى!
20 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَعْجَلَكَ عَنْ قَوْمِكَ يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: «ئى مۇسا! ئالدىراپ (تۇرسىناغا) قەۋمىڭدىن ئىلگىرى كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدۇق[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى مۇسا! ئالدىراپ - تۇرسىناغا- قەۋمىڭدىن ئىلگىرى كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى مۇسا! نېمىشقا قەۋمىڭدىن ئايرىلىپ ئالدىراپ كەلدىڭ؟» دېدى.
20 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَصُرْتُ بِمَا لَمْ يَبْصُرُوا بِهِ فَقَبَضْتُ قَبْضَةً مِنْ أَثَرِ الرَّسُولِ فَنَبَذْتُهَا وَكَذَٰلِكَ سَوَّلَتْ لِي نَفْسِي
مۇھەممەد سالىھ: سامىرى ئېيتتى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئەلچى (يەنى جىبرىئىل) نىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپىنى ئالدىم ـ دە، ئۇنى (موزايغا) چاچتىم، (شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقتى)، شۇنىڭدەك (بۇنى) ماڭا نەپسىم چىرايلىق كۆرسەتتى»[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: سامىرى ئېيتتى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئەلچىنىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپىنى ئالدىم ـ دە، ئۇنى - موزايغا- چاچتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقتى، شۇنىڭدەك بۇنى ماڭا نەپسىم چىرايلىق كۆرسەتتى»
ئەنەس ئالىم: سامىرىي مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلنىڭ ئىزىدىن بىر تۇتام ئالدىم - دە، ئۇنى ئاتتىم. مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا نەپسىم كۈشكۈرتتى».
ئەنبىيا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ قَالُوا أَضْغَاثُ أَحْلَامٍ بَلِ افْتَرَاهُ بَلْ هُوَ شَاعِرٌ فَلْيَأْتِنَا بِآيَةٍ كَمَا أُرْسِلَ الْأَوَّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (كاپىرلار قۇرئان سېھرىدۇر دەپلا قالماستىن) «بەلكى ئۇ (مۇھەممەتنىڭ ) قالايمىقان چۈشلىرىدۇر، بەلكى ئۇنى ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقارغاندۇر، بەلكى ئۇ شائىردۇر، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن» دېيىشتى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى ئۇلار: «ئۇ شائىردۇر، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئۇلار: «مۇھەممەدنىڭ سۆزلىرى قالايمىقان چۈشلەردۇر. بەلكى ئۇ سۆزلەرنى مۇھەممەد ئۆزى ئويدۇردى. بەلكى مۇھەممەد شائىردۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇ بىزگە بۇرۇنقى ئەلچىلەرنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئوخشاش بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن» دېيىشتى.
21 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
خُلِقَ الْإِنْسَانُ مِنْ عَجَلٍ ۚ سَأُرِيكُمْ آيَاتِي فَلَا تَسْتَعْجِلُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان ئالدىراڭغۇ يارىتىلغان، سىلەرگە ئالامەتلىرىمنى (يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالىيالايدىغانلىقىمنى) كۆرسىتىمەن. (ئۇنىڭ ۋاقتى سائىتىدىن بۇرۇن) مېنى ئالدىرىتىپ كەتمەڭلار[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان ئالدىراڭغۇ يارىتىلغان، سىلەرگە ئايەتلىرىمنى كۆرسىتىمەن. مېنى ئالدىرىتىپ كەتمەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئىنسان ئالدىراقسانلىقتىن يارىتىلغان5. مەن يېقىندا سىلەرگە ئايەتلىرىمنى كۆرسىتىمەن. مەندىن تېز كۆرسىتىشىمنى تەلەپ قىلماڭلار.
21 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا مَنْ فَعَلَ هَٰذَا بِآلِهَتِنَا إِنَّهُ لَمِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار بايرىمىدىن قايتىپ كېلىپ بۇتلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ) «بۇتلىرىمىزنى مۇنداق قىلغان كىم؟ ئۇ ھەقىقەتەن زالىم ئىكەن» دېدى[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار:«بۇتلىرىمىزنى مۇنداق قىلغان كىم؟ ئۇ ھەقىقەتەن زالىملاردىن ئىكەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بارغان يېرىدىن قايتىپ كېلىپ: «ئىلاھلىرىمىزغا بۇنى كىم قىلدى؟ كىم قىلغان بولسا ئۇنىڭ زالىملاردىن بىرى ئىكەنلىكىدە شەك يوق» دېيىشتى.
21 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَأَنْتَ فَعَلْتَ هَٰذَا بِآلِهَتِنَا يَا إِبْرَاهِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟» دېدى.[62]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟» دېدى.
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم كەلتۈرۈلدى، ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! ئىلاھلىرىمىزغا بۇنى سەن قىلدىڭمۇ؟» دېدى.
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
ثَانِيَ عِطْفِهِ لِيُضِلَّ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۖ لَهُ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَنُذِيقُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَذَابَ الْحَرِيقِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەغرۇرانە يۈرىدۇ، ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەغرۇرانە يۈرىدۇ، ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇ، مۇنازىرە ئەسناسىدا مەغرۇرانە كەيپىيات بىلەن سۆز قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى باشقىلارنى ئاللاھ يولىدىن ئازدۇرۇشتۇر. بىز ئۇنى دۇنيادا رەسۋا قىلىمىز، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىتىمىز.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ مَا هَٰذَا إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُرِيدُ أَنْ يَتَفَضَّلَ عَلَيْكُمْ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَأَنْزَلَ مَلَائِكَةً مَا سَمِعْنَا بِهَٰذَا فِي آبَائِنَا الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قەۋمىدىكى ئىمانسىز كاتتىلار ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولۇۋالماقچى، ئەگەر ئاللاھ (پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى ئەۋەتەتتى، بۇنداق سۆزنى بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ قەۋمىدىكى ئىمانسىز كاتتىۋاشلار ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولۇۋالماقچى، ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرگەن بولاتتى، بۇنداق سۆزنى بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى مۇنداق دېدى: «بۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنسان، مەقسىتى سىلەردىن ئۈستۈن بولۇشتۇر. ئاللاھ خالىسا ئىدى، پەرىشتىلەرنى چۈشۈرەتتى4. بىز بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن بۇنداق نەرسە ئاڭلىمىدۇق.
23 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ هُوَ إِلَّا رَجُلٌ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا وَمَا نَحْنُ لَهُ بِمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ پەقەت ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز»[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ پەقەت ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز»
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەمدۇر. بىز ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز».
23 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا عَالِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى[45ـ46].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا. ئۇلار بولسا ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئىماندىن باش تارتتى، ئۇلار مۇتەكەببىر قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە. ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ ئىمان ئېيتمىدى. ئۇلار تەكەببۇر قەۋم ئىدى.
23 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالُوا أَنُؤْمِنُ لِبَشَرَيْنِ مِثْلِنَا وَقَوْمُهُمَا لَنَا عَابِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئاددى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ (قۇلغا ئوخشاش) خىزمەتچىلىرىمىزدۇر» دېيىشتى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئاددى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىزدۇر» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئىنسانغا ئىشىنەمدۇق؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزگە قۇل تۇرسا!» دېيىشتى.
23 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
مُسْتَكْبِرِينَ بِهِ سَامِرًا تَهْجُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەرەم ئەھلى بولغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىپ ئىماندىن يۈز ئۆرۈيدۇ، كەچلىك پاراڭلىرىدا يامان سۆزلەرنى قىلىدۇ، (يەنى قۇرئانغا تەنە قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆكىدۇ)[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇتەكەببىرلىك قىلغان ھالدا، كەچلىك پاراڭلىرىدا قالايمىقان پاراڭلارنى قىلاتتىڭلار
ئەنەس ئالىم: قۇرئانغا تەكەببۇرلۇق قىلاتتىڭلار، كېچىلىرى يىغىلىپ ئۇ توغرۇلۇق ئېغىزىڭلارغا كەلگەننى دەيتتىڭلار».
23 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ رَحِمْنَاهُمْ وَكَشَفْنَا مَا بِهِمْ مِنْ ضُرٍّ لَلَجُّوا فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) غا رەھىم قىلساق، ئۇلارغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، چوقۇم گۇمراھلىقلىرىدا داۋاملىق تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارغا رەھىم قىلساق ۋە ئۇلارغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەكمۇ، ئۇلار چوقۇم گۇمراھلىقلىرىدا داۋاملىق تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ، باشلىرىدىكى بالانى كۆتۈرۈۋەتكەن بولساق، ئۇلار يەنىلا ھەددىدىن ئېشىشلىرىدا ئەزۋەيلەيتتى، تېڭىرقايتتى.
23 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ أَتَيْنَاهُمْ بِالْحَقِّ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا بىز ھەق سۆزنى ئېلىپ كەلدۇق، ئۇلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا بىز ھەق سۆزنى ئېلىپ كەلدۇق، لېكىن ئۇلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەسلىدە بىز ئۇلارغا ھەقنى سۆزلىدۇق، لېكىن ئۇلار يالغان سۆزلىمەكتە.
نۇر سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَرْمُونَ الْمُحْصَنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَأْتُوا بِأَرْبَعَةِ شُهَدَاءَ فَاجْلِدُوهُمْ ثَمَانِينَ جَلْدَةً وَلَا تَقْبَلُوا لَهُمْ شَهَادَةً أَبَدًا ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، (بۇنىڭ راستلىقىغا ئادىل) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار (يەنى بىراۋغا زىنا بىلەن تۆھمەت چاپلىغان ھەربىر ئادەمنى قامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن 80 نى ئۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار ئىپپەتلىك ئاياللارغا يالغاندىن تۆھمەت چاپلىغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەن ئادەملەردۇر). ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى (ئۇلار يالغانچىلىق ۋە تۆھمەت چاپلاش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلا بولسا) ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار، ئۇلار پاسىقلاردۇر (يەنى ئۇلار بوھتان چاپلاشتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھنى ئىشلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر)[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، ئاندىن تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئەبەدىي قوبۇل قىلماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلاپ، ئاندىن تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرەلمىگەنلەرنىڭ ھەر بىرىنى سەكسەن دەررىدىن ئۇرۇڭلار. ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار. ئۇلار فاسىقلاردۇر.
24 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ جَاءُوا بِالْإِفْكِ عُصْبَةٌ مِنْكُمْ ۚ لَا تَحْسَبُوهُ شَرًّا لَكُمْ ۖ بَلْ هُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۚ لِكُلِّ امْرِئٍ مِنْهُمْ مَا اكْتَسَبَ مِنَ الْإِثْمِ ۚ وَالَّذِي تَوَلَّىٰ كِبْرَهُ مِنْهُمْ لَهُ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (ئائىشەگە) بوھتان چاپلىدى. بۇنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يامان دەپ گۇمان قىلماڭلار، (سەۋر قىلغانلىقىڭلار بىلەن ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ۋە ئائىشە، سەفۋانلارنىڭ پاكلىقى ئاشكارا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن) بەلكى ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. بوھتان چاپلىغۇچىلاردىن كىمنىڭ قانچىلىك گۇناھى بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك جازا بېرىلىدۇ، بوھتاننىڭ چوڭ قىسمىنى تارقاتقان ئادەم (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەي) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بۆھتان چاپلىغانلار سىلەردىن بىر گۇرۇھ كىشىدۇر. ئۇنى سىلەر ئۈچۈن يامان دەپ گۇمان قىلماڭلار، بەلكى ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. بوھتان چاپلىغۇچىلاردىن ھەر بىرىگە ئىشلىگەن گۇناھىغا يارىشا جازا باردۇر، بوھتاننىڭ چوڭ قىسمىنى ئۈستىگە ئالغان ئادەم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇ بوھتاننى چاپلىغانلار سىلەردىن بىر گۇرۇھتۇر. بۇنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يامانلىق ھېسابلىماڭلار، بەلكى ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىلىقتۇر. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى قىلغان گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ كاتتىۋېشى چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
24 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْلَا جَاءُوا عَلَيْهِ بِأَرْبَعَةِ شُهَدَاءَ ۚ فَإِذْ لَمْ يَأْتُوا بِالشُّهَدَاءِ فَأُولَٰئِكَ عِنْدَ اللَّهِ هُمُ الْكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار نېمىشقا تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەن ئىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يالغانچى ھېسابلىنىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار نېمىشقا تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ ئۇلار گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەن ئىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يالغانچى ھېسابلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرمىدى؟ ئۇلار گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا يالغاچىلاردۇر.
24 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ تَلَقَّوْنَهُ بِأَلْسِنَتِكُمْ وَتَقُولُونَ بِأَفْوَاهِكُمْ مَا لَيْسَ لَكُمْ بِهِ عِلْمٌ وَتَحْسَبُونَهُ هَيِّنًا وَهُوَ عِنْدَ اللَّهِ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بوھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار، بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار، ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە، ئۇ چوڭ گۇناھتۇر[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بوھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار، بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار، ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە، ئۇ چوڭ گۇناھتۇر
ئەنەس ئالىم: چۈنكى سىلەر ئۇ بوھتاننى ئېغىزدىن ئېغىزغا توشۇدۇڭلار. ئۇنى ئەسلىنى ھېچ بىلمەستىن ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، بۇنى ئاددىي چاغلىدىڭلار. ھالبۇكى، بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا چوڭ ۋەقە ئىدى.
24 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْلَا إِذْ سَمِعْتُمُوهُ قُلْتُمْ مَا يَكُونُ لَنَا أَنْ نَتَكَلَّمَ بِهَٰذَا سُبْحَانَكَ هَٰذَا بُهْتَانٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، نېمىشقا مۇنداق سۆزلەرنى قىلىش بىزگە مۇناسىپ ئەمەس، (ئى ئاللاھ!) سەن پاكتۇرسەنكى، بۇ چوڭ بوھتاندۇر دېمىدىڭلار[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، نېمىشقا «مۇنداق سۆزلەرنى قىلىش بىزگە مۇناسىپ ئەمەس، -ئى ئاللاھ!- سەن پاكتۇرسەنكى، بۇ چوڭ بوھتاندۇر» دېمىدىڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۇ بوھتاننى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا نېمىشقا «بۇنى سۆزلەش بىزگە لايىق بولمايدۇ، سۇبھانەللاھ، بۇ نېمىدېگەن چوڭ بوھتان!» دېمىدىڭلار؟
24 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يُحِبُّونَ أَنْ تَشِيعَ الْفَاحِشَةُ فِي الَّذِينَ آمَنُوا لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار ئارىسىدا يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغانلارغا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازاب باردۇر، ئاللاھ بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىدا پاھىشەنىڭ يېيىلىشىنى ئارزۇ قىلغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.
24 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَرْمُونَ الْمُحْصَنَاتِ الْغَافِلَاتِ الْمُؤْمِنَاتِ لُعِنُوا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: يامان ئىشتىن بىخەۋەر، ئىپپەتلىك، مۆمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىدۇ)، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: يامان ئىشتىن بىخەۋەر ئىپپەتلىك مۇئمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىپپەتلىك ۋە يامان ئىشتىن خەۋەرسىز مۇئمىن ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
فۇرقان سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا إِفْكٌ افْتَرَاهُ وَأَعَانَهُ عَلَيْهِ قَوْمٌ آخَرُونَ ۖ فَقَدْ جَاءُوا ظُلْمًا وَزُورًا
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار: «بۇ (يەنى قۇرئان) پەقەت ئۇ (يەنى مۇھەممەد) ئۆزى توقۇغان يالغاندۇر، ئۇنىڭغا ئۇنى توقۇشقا باشقا بىر قەۋم (يەنى ئەھلى كىتاب) ياردەم بەرگەن» دەيدۇ، ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بوھتان چاپلاش بىلەن ئۇنىڭغا) زۇلۇم قىلدى ۋە يالغاننى چاپلىدى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىر بولغانلار: «بۇ -قۇرئان-، پەقەت ئۇ-مۇھەممەد- ئۆزى توقۇغان يالغاندۇر، ئۇنىڭغا ئۇنى توقۇشقا باشقا بىر قەۋم ياردەم بەرگەن» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زۇلۇم ئىشلىدى ۋە يالغان چاپلىدى
ئەنەس ئالىم: كافىرلار: «بۇ قۇرئان مۇھەممەد توقۇپ چىققان ئويدۇرمىدۇر. بۇ ئىشتا باشقا بىر قەۋم ئۇنىڭغا ياردەم بەردى» دېيىشتى. ئۇلار بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلىشتى ۋە يالغان ئېيتىشتى.
25 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْنَا الْمَلَائِكَةُ أَوْ نَرَىٰ رَبَّنَا ۗ لَقَدِ اسْتَكْبَرُوا فِي أَنْفُسِهِمْ وَعَتَوْا عُتُوًّا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى مۇشرىكلار): «نېمىشقا بىزگە پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمەيدۇ، ياكى (بىز نېمىشقا) پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرمەيمىز؟» دېيىشتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتتى ۋە تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «نېمىشقا بىزگە پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمەيدۇ، ياكى بىز نېمىشقا رەببىمىزنى كۆرمەيمىز؟» دېيىشتى. شۈبھىسىزكى ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتتى ۋە تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا چىقىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «بىزگە نېمىشقا پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمىدى ياكى بىز نېمىشقا رەببىمىزنى كۆرمەيمىز؟» دېيىشتى. ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى.
25 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اسْجُدُوا لِلرَّحْمَٰنِ قَالُوا وَمَا الرَّحْمَٰنُ أَنَسْجُدُ لِمَا تَأْمُرُنَا وَزَادَهُمْ نُفُورًا ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «رەھمانغا (يەنى مەرھەمەتلىك ئاللاھقا) سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ سۆز ئۇلارنى (ئىماندىن) تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «رەھمان-مەرھەمەتلىك ئاللاھ- غا سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ نەپرىتىنى تېخىمۇ زىيارە قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا «رەھمانغا سەجدە قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ بۇيرۇق ئۇلارنى تېخىمۇ ئۈركۈتىۋېتىدۇ.
25 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ إِذَا أَنْفَقُوا لَمْ يُسْرِفُوا وَلَمْ يَقْتُرُوا وَكَانَ بَيْنَ ذَٰلِكَ قَوَامًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا خىراجەت قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار خىراجەتلىرىدە ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدىغان، بېخىللىقمۇ قىلمايدىغان، بەلكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا يول تۇتىدىغان كىشىلەردۇر.
شۇئەرا سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَتِلْكَ نِعْمَةٌ تَمُنُّهَا عَلَيَّ أَنْ عَبَّدْتَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلدىڭ، سېنىڭ ماڭا مىننەت قىلغان نېمىتىڭ ئەنە شۇدۇر»[
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ ماڭا مىننەت قىلغان ئۇ نېمىتىڭ» سېنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلىشىڭدۇر
ئەنەس ئالىم: سېنىڭ ماڭا مىننىتىنى قىلغان ياخشىلىقىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلىشىڭدىن بولغان».
26 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ آمَنْتُمْ لَهُ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّهُ لَكَبِيرُكُمُ الَّذِي عَلَّمَكُمُ السِّحْرَ فَلَسَوْفَ تَعْلَمُونَ ۚ لَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ مِنْ خِلَافٍ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن: «مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ سىلەر مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول قولۇڭلار بىلەن ئوڭ پۇتۇڭلارنى) كېسىمەن، ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن» دېدى[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن: «مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ سىلەر مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، مەن قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ كېسىمەن ۋە ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلماستىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار. دېمەككى، ئۇ سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن بۈيۈكۈڭلاردۇر. يېقىندا كۆرگۈلۈكىڭلارنى كۆرىسىلەر. قوللىرىڭلارنى ۋە پۇتلىرىڭلارنى چوقۇم چاپراس شەكىلدە كەستۈرىمەن. ئاندىن كېيىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاستۇرىمەن».
26 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَنُؤْمِنُ لَكَ وَاتَّبَعَكَ الْأَرْذَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «(ئى نۇھ!) ساڭا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، ساڭا بىز ئىمان ئېيتامدۇق؟» دېدى[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «-ئى نۇھ!- ساڭا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، ساڭا بىز ئىمان ئېيتامدۇق؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ساڭا ئىشىنەمدۇق؟ ساڭا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا!» دېيىشتى.
26 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
أَتَبْنُونَ بِكُلِّ رِيعٍ آيَةً تَعْبَثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ھەر بىر ئېگىز جايغا ئويۇن ـ كۈلكە ئۈچۈن بىر ئالامەت (يەنى ئېگىز بىنا) سالامسىلەر؟[128]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ھەر بىر ئېگىز جايغا ئويۇن ـ كۈلكە ئۈچۈن بىر ئالامەت سالامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: سىلەر ھەر ئېگىز جايغا ئويۇن - تاماشا ئۈچۈن ھەيۋەتلىك بىنا سالامسىلەر؟
26 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَتَّخِذُونَ مَصَانِعَ لَعَلَّكُمْ تَخْلُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (گويا سىلەر ئۆلمەيدىغاندەك) دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر؟[129]
تەرجىمە ھەيئىتى: دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۆلمەسلىك ئۈمىدى بىلەن مۇستەھكەم سارايلار سالامسىلەر؟
26 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا بَطَشْتُمْ بَطَشْتُمْ جَبَّارِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (بىراۋنى) جازالىساڭلار، زالىملاردەك جازالايسىلەر[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىراۋنى جازالىساڭلار، زالىملاردەك جازالايسىلەر
ئەنەس ئالىم: جازالىساڭلار، زۇلۇم قىلغان ھالدا جازالايسىلەر!
26 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَنْحِتُونَ مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا فَارِهِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇستىلىق بىلەن تاغلارنى تېشىپ ئۆي ياسامسىلەر؟[149]
تەرجىمە ھەيئىتى: خۇشال ھالدا تاغلارنى تېشىپ ئۆي ياسامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: تاغلاردىن ئۇستىلىق بىلەن ئويۇپ ئۆيلەر ياسارمىز دەمسىلەر؟
26 : 186 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَنْتَ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا وَإِنْ نَظُنُّكَ لَمِنَ الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش (ئاددى) ئادەمسەن، سېنى بىز ھەقىقەتەن يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمىز[186].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمسەن، سېنى بىز ھەقىقەتەن يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: سەن خۇددى بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان. بىزنىڭچە سەن چوقۇم يالغانچىلاردىن.
26 : 222 - ئايەت
كۆرۈش
تَنَزَّلُ عَلَىٰ كُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەربىر ئىغۋا توقۇغۇچى، گۇناھكارغا چۈشىدۇ[222].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەربىر ئىغۋا توقۇغۇچى، گۇناھكارغا چۈشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بوھتان چاپلاشقا ۋە گۇناھ قىلىشقا ھېرىسمەن ھەر كىشىگە چۈشىدۇ.
26 : 223 - ئايەت
كۆرۈش
يُلْقُونَ السَّمْعَ وَأَكْثَرُهُمْ كَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە) ئاڭلايدۇ، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) نىڭ تولىسى يالغانچىلاردۇر[223].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاڭلايدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شەيتانلارغا قۇلاق سالىدۇ. ئۇلارنىڭ تولىسى يالغانچىدۇر.
26 : 225 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّهُمْ فِي كُلِّ وَادٍ يَهِيمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (سۆز) ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟[225]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ھەر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ: ئۇلار ھەر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرۈيدۇ.
26 : 226 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُمْ يَقُولُونَ مَا لَا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ[226].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرى قىلمىغان ۋە قىلمايدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەيدۇ.
نەمىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَحَدُوا بِهَا وَاسْتَيْقَنَتْهَا أَنْفُسُهُمْ ظُلْمًا وَعُلُوًّا ۚ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن تاندى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىچىدە ئۇ مۆجىزىلەرگە قەتئىي ئىشىنىپ تۇرۇپ، زالىملىقىدىن ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلىقىدىن ئۇلارنى ئىنكار قىلدى. قارىغىنا، ئۇ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى.
27 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا تَقَاسَمُوا بِاللَّهِ لَنُبَيِّتَنَّهُ وَأَهْلَهُ ثُمَّ لَنَقُولَنَّ لِوَلِيِّهِ مَا شَهِدْنَا مَهْلِكَ أَهْلِهِ وَإِنَّا لَصَادِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئۆز ئارا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىڭلار» دېدى. ئۇلار ئېيتتى: «بىر كېچىدە سالىھنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوقۇم ئۆلتۈرەيلى، ئاندىن چوقۇم ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنىڭ) ئىگىسىگە، ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا بىز ئۈستىدە ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن راستچىلمىز، دەيلى»[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆز ئارا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشىپ دېيىشتىكى، «بىر كېچىدە سالىھنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوقۇم ئۆلتۈرەيلى، ئاندىن چوقۇم ئۇنىڭ ئىگىسىگە، ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا بىز ئۈستىدە ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن راستچىلمىز دەيلى»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز بىر كېچىدە سالىھنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى ئۆلتۈرەيلى، ئاندىن ئۇنىڭ ۋەلىيسىگە ‹ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن خەۋىرىمىز يوق. بىز ھەقىقەتەن راست سۆزلەۋاتىمىز› دەيلى».
قەسەس سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِرْعَوْنَ عَلَا فِي الْأَرْضِ وَجَعَلَ أَهْلَهَا شِيَعًا يَسْتَضْعِفُ طَائِفَةً مِنْهُمْ يُذَبِّحُ أَبْنَاءَهُمْ وَيَسْتَحْيِي نِسَاءَهُمْ ۚ إِنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن (مىسىر) زېمىنىدا (زومىگەرلىكتە) ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپە (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى بوزەك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇردى، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن -مىسىر- زېمىنىدا -زومىگەرلىكتە- ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپە -ئىسرائىل- نى بوزەك قىلدى. ئۇلاردىن ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى تىرىك قالدۇردى، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مەملىكىتىدە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ زومىگەرلىك قىلدى، مەملىكىتىنىڭ خەلقىنى پىرقىلەرگە ئايرىدى. ئۇ ئۇلاردىن بىر تائىپىنى بوزەك قىلاتتى: ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى بوغۇزلاتقۇزۇپ، قىزلىرىنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. ئۇ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى.
28 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَنْ أَرَادَ أَنْ يَبْطِشَ بِالَّذِي هُوَ عَدُوٌّ لَهُمَا قَالَ يَا مُوسَىٰ أَتُرِيدُ أَنْ تَقْتُلَنِي كَمَا قَتَلْتَ نَفْسًا بِالْأَمْسِ ۖ إِنْ تُرِيدُ إِلَّا أَنْ تَكُونَ جَبَّارًا فِي الْأَرْضِ وَمَا تُرِيدُ أَنْ تَكُونَ مِنَ الْمُصْلِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئىككىسىنىڭ (ئورتاق) دۈشمىنى بولغان ئادەم (يەنى قىبتى) گە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ياردەم تىلىگەن ئادەم: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنى ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ سەن زېمىندا ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى خالىماي، پەقەت زومىگەر بولۇشنىلا خالايسەن» دېدى[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئىككىسىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان ئادەم- قىبتى- گە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ئۇ ئادەم: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن، سەن زېمىندا تۈزىگۈچىلەردىن بولۇشنى خالىماي، پەقەت زومىگەر بولۇشنىلا خالايسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆزىنىڭ ۋە ئۇ ياردەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ دۈشمىنى بولغان كىشىنى تۇتماقچى بولغان ئىدى، ئۇ: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك، مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ سەن بۇ يەردە زومىگەر بولۇشنىلا ئىرادە قىلىسەن، ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلمايسەن» دېدى.
28 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ مَا عَلِمْتُ لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرِي فَأَوْقِدْ لِي يَا هَامَانُ عَلَى الطِّينِ فَاجْعَلْ لِي صَرْحًا لَعَلِّي أَطَّلِعُ إِلَىٰ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُ مِنَ الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ۋن ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان، مېنىڭ ئۈچۈن پىششىق خىش پىشۇرۇپ ئېگىز بىر بىنا سالغىن، مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرۈشۈم مۇمكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى (ئاسماندا بىر پەرۋەردىگار بار دېگەن دەۋاسىدا) يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمەن»[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان، مېنىڭ ئۈچۈن پىششىق خىش پىشۇرۇپ ئېگىز بىر بىنا سالغىن، مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرۈشۈم مۇمكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى يالغانچىلاردىن بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمەن»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى جانابلار! سىلەرنىڭ مەندىن باشقا ئىلاھىڭلار بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان! مەن ئۈچۈن لاينىڭ ئۈستىگە ئوت ياققىن. ئاندىن مەن ئۈچۈن ساراي سالغىن، چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. مەن مۇسانى يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمەن».
28 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْتَكْبَرَ هُوَ وَجُنُودُهُ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ إِلَيْنَا لَا يُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى (مىسىر) زېمىنىدا زۇلۇم قىلىپ (ئىمان ئېيتىشقا) بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى بىز تەرەپكە قايتۇرۇلمايمىز (يەنى قىيامەت ۋە قايتا تىرىلىش يوق، ھېساب ئېلىنىشمۇ، جازاغا تارتىلىشمۇ يوق) دەپ گۇمان قىلدى[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى زېمىندا زۇلۇم قىلىپ بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىزتەرەپكە قايتۇرۇلمايدىغانلىقلىرىنى گۇمان قىلدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۇ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشقا ھەققى يوق ئىدى. ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا «قايتۇرۇلمايمىز» دەپ گۇمان قىلدى.
28 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَرْيَةٍ بَطِرَتْ مَعِيشَتَهَا ۖ فَتِلْكَ مَسَاكِنُهُمْ لَمْ تُسْكَنْ مِنْ بَعْدِهِمْ إِلَّا قَلِيلًا ۖ وَكُنَّا نَحْنُ الْوَارِثِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز نۇرغۇن شەھەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى كەيىپ ـ ساپالىق تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدۇر، ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن (ئۇ جايلاردا) ئازغىنا ۋاقىتتىن تاشقىرى ئادەم تۇرغان ئەمەس، ئۇلار (نىڭ مال ـ مۈلكى ۋە يۇرتىغا) بىز ۋارىسلىق قىلدۇق[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز نۇرغۇن شەھەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى كەيىپ ـ ساپالىق تۇرمۇش كۆچۈرەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدۇر، ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن ئازغىنا ۋاقىتتىن تاشقىرى ئادەم تۇرغان ئەمەس، ئۇلارغا بىز ۋارىسلىق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئاھالىسى باياشاتچىلىق ئىچىدە كەيپ - ساپا سۈرگەن نۇرغۇن يۇرتلارنى ھالاك قىلدۇق. ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ ماكانلىرى! ئۇلاردىن كېيىن ئۇ يەرلەرنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ھېچكىمگە قارارگاھ بولمىدى. ئۇلارغا بىز ۋارىس بولدۇق.
28 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ قَارُونَ كَانَ مِنْ قَوْمِ مُوسَىٰ فَبَغَىٰ عَلَيْهِمْ ۖ وَآتَيْنَاهُ مِنَ الْكُنُوزِ مَا إِنَّ مَفَاتِحَهُ لَتَنُوءُ بِالْعُصْبَةِ أُولِي الْقُوَّةِ إِذْ قَالَ لَهُ قَوْمُهُ لَا تَفْرَحْ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْفَرِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قارۇن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. قارۇن ئۇلارغا يوغانلىق قىلدى، قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر كۆپ بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى (كۆتۈرۈش) كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتا قارۇنغا قەۋمى ئېيتتى: «كۆرەڭلەپ كەتمە، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارۇن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. لېكىن قارۇن ئۇلارغا زۇلۇم سالدى، قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرى كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتا قارۇنغا قەۋمى ئېيتتى: «كۆرەڭلەپ كەتمە، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: قارۇن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى، قەۋمىنى ئېزەتتى. بىز ئۇنىڭغا شۇنداق خەزىنىلەر بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى كۈچلۈك بىر جامائە ئاران توشۇيتتى. قەۋمى ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «كۆرەڭلىك قىلمىغىن! ئاللاھ كۆرەڭلىك قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
28 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّمَا أُوتِيتُهُ عَلَىٰ عِلْمٍ عِنْدِي ۚ أَوَلَمْ يَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ قَدْ أَهْلَكَ مِنْ قَبْلِهِ مِنَ الْقُرُونِ مَنْ هُوَ أَشَدُّ مِنْهُ قُوَّةً وَأَكْثَرُ جَمْعًا ۚ وَلَا يُسْأَلُ عَنْ ذُنُوبِهِمُ الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قارۇن: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېدى. قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان (مېلى) تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى ئۇ بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ سورىلىشى (ئاللاھ بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن) ھاجەتسىزدۇر[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارۇن: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېدى. قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان پۇل-مېلى تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى ئۇ بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلار گۇناھلىرىدىن سورالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: قارۇن: «مەن بۇ بايلىققا ئۆزۈمنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بىلەن ئېرىشتىم» دېدى. قارۇن بىلمەمدۇكى، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭدىن كۈچلۈك ۋە باي نەسىللەرنى ھالاك قىلغان. گۇناھكارلار گۇناھلىرى توغرۇلۇق سورالمايدۇ.
28 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوْمِهِ فِي زِينَتِهِ ۖ قَالَ الَّذِينَ يُرِيدُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا يَا لَيْتَ لَنَا مِثْلَ مَا أُوتِيَ قَارُونُ إِنَّهُ لَذُو حَظٍّ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: قارۇن ئۆز قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارلىق زىننىتى بىلەن ھەشەمەتلىك ھالدا چىقتى. دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەيدىغانلار: «كاشكى بىزگە قارۇنغا بېرىلگەندەك بايلىق بېرىلسىچۇ! ئۇ ھەقىقەتەن (دۇنيالىقتىن) چوڭ نېسىۋىگە ئىگە ئىكەن» دېدى[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارۇن ئۆز قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارلىق زىننىتى بىلەن ھەشەمەتلىك ھالدا چىقتى. دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەيدىغانلار: «كاشكى بىزگە قارۇنغا بېرىلگەن بايلىق بېرىلسىچۇ، ئۇ ھەقىقەتەن چوڭ نېسىۋىگە ئىگە ئىكەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: قارۇن بىر كۈنى ئۆزىنىڭ زىننىتى ئىچىدە قەۋمىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقتى. دۇنيا ھاياتىنى كۆزلەيدىغانلار: «كاشكى بىزنىڭمۇ قارۇننىڭكىگە ئوخشاش بايلىقىمىز بولسا! ئۇ نېمىدېگەن چوڭ باي-ھە!» دېيىشتى.
28 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
فَخَسَفْنَا بِهِ وَبِدَارِهِ الْأَرْضَ فَمَا كَانَ لَهُ مِنْ فِئَةٍ يَنْصُرُونَهُ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُنْتَصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قارۇننى ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلىدىغان بىر جامائە بولمىدى. قارۇن ئۆزىنى قوغدىيالمىدى[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارۇننى ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلىدىغان بىر جامائە بولمىدى. قارۇن ئۆزىنى قوغدىيالمىدى
ئەنەس ئالىم: ئاخىرىدا بىز قارۇننى پۈتۈن ئۆي - جايلىرى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاللاھقا قارشى ياردەم بېرىدىغان جامائەسىمۇ بولمىدى. ئۇ ئۆزىگە ئۆزى ياردەم قىلغۇچىلاردىنمۇ بولمىدى.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلَّذِينَ آمَنُوا اتَّبِعُوا سَبِيلَنَا وَلْنَحْمِلْ خَطَايَاكُمْ وَمَا هُمْ بِحَامِلِينَ مِنْ خَطَايَاهُمْ مِنْ شَيْءٍ ۖ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار مۆمىنلەرگە: «بىزنىڭ يولىمىز (يەنى دىنىمىز) غا ئەگىشىڭلار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى بىز ئۈستىمىزگە ئالىمىز» دېدى. كاپىرلار مۆمىنلەرنىڭ گۇناھلىرىدىن ئازراقمۇ ئۈستىگە ئالالمايدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار مۇئمىنلارغا: «بىزنىڭ يولىمىزغا ئەگىشىڭلار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى بىز ئۈستىمىزگە ئالىمىز» دېدى. كاپىرلار مۇئمىنلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ئازراقمۇ ئۈستىگە ئالالمايدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: كافىرلار مۇئمىنلارغا: «بىزنىڭ يولىمىزغا كىرىڭلار، گۇناھىڭلارنى بىز ئۈستىمىزگە ئالايلى» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار بۇلارنىڭ ھېچبىر گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
29 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَارُونَ وَفِرْعَوْنَ وَهَامَانَ ۖ وَلَقَدْ جَاءَهُمْ مُوسَىٰ بِالْبَيِّنَاتِ فَاسْتَكْبَرُوا فِي الْأَرْضِ وَمَا كَانُوا سَابِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (دۇنيا ـ دەپنىسى نۇرغۇن) قارۇننى، پىرئەۋننى ۋە (ئۇنىڭ زۇلۇمدا ياردەمچى بولغان ۋەزىرى) ھاماننى (ھالاك قىلدۇق)، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن بويۇنتاۋلىق قىلدى)، ئۇلار (ئازابىمىزدىن) قېچىپ كېتەلمىدى[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارۇننى، پىرئەۋننى ۋە ھاماننىمۇ -ھالاك قىلدۇق-، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى، ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمىدى
ئەنەس ئالىم: قارۇن، فىرئەۋن ۋە ھاماننىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولدى. مۇسا ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى. لېكىن بىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.
29 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِالْحَقِّ لَمَّا جَاءَهُ ۚ أَلَيْسَ فِي جَهَنَّمَ مَثْوًى لِلْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ياكى ھەق كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا جاي يوقمىدۇ؟ (ئەلۋەتتە بار)[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ياكى ھەق كەلگەندە ئۇنى يالغانغا چىقارغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا جاي يوقمىدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە كەلگەن ھەقنى يالغان دېگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە كافىرلارغا ئورۇن يوقمۇ!
لوقمان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ آيَاتُنَا وَلَّىٰ مُسْتَكْبِرًا كَأَنْ لَمْ يَسْمَعْهَا كَأَنَّ فِي أُذُنَيْهِ وَقْرًا ۖ فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) ئوقۇپ بېرىلسە، گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئىككى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئىككى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك تەكەببۇرلۇق بىلەن يۈز ئۆرۈيدۇ، -ئى مۇھەممەد!- ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا تەكەببۇرلۇق قىلىپ يۈز ئۆرۈيدۇ، گويا ئۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك، گويا ئىككى قۇلىقىدا ئېغىرلىق باردەك ئىش قىلىدۇ. سەن ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
31 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُصَعِّرْ خَدَّكَ لِلنَّاسِ وَلَا تَمْشِ فِي الْأَرْضِ مَرَحًا ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ ئىنسانلارنى كەمسىتمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھاكاۋۇرلارنى ۋە مەنمەنچىلەرنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ ذُكِّرَ بِآيَاتِ رَبِّهِ ثُمَّ أَعْرَضَ عَنْهَا ۚ إِنَّا مِنَ الْمُجْرِمِينَ مُنْتَقِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز گۇناھكارلارنى چوقۇم جازالايمىز[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز گۇناھكارلارنى چوقۇم جازالايمىز
ئەنەس ئالىم: رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز گۇناھكارلاردىن ئەلۋەتتە ئىنتىقام ئالىمىز!
ئەھزاب سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَشِحَّةً عَلَيْكُمْ ۖ فَإِذَا جَاءَ الْخَوْفُ رَأَيْتَهُمْ يَنْظُرُونَ إِلَيْكَ تَدُورُ أَعْيُنُهُمْ كَالَّذِي يُغْشَىٰ عَلَيْهِ مِنَ الْمَوْتِ ۖ فَإِذَا ذَهَبَ الْخَوْفُ سَلَقُوكُمْ بِأَلْسِنَةٍ حِدَادٍ أَشِحَّةً عَلَى الْخَيْرِ ۚ أُولَٰئِكَ لَمْ يُؤْمِنُوا فَأَحْبَطَ اللَّهُ أَعْمَالَهُمْ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سىلەرگە (ياردەمدە بولۇشقا) بېخىلدۇر، ئەگەر (ئۇلارغا دۈشمەن تەرەپتىن) خەۋپ كېلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ساڭا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك (قورقۇنچتىن) كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. قورقۇنچ كەتكەندە، ئۇلار پۇل ـ مالغا ئاچكۆز بولغان ھالدا سىلەرنى كەسكىن تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ. ئۇلار (چىن دىللىرى بىلەن) ئىمان ئېيتقان ئەمەس. (ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلدى، بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ئاساندۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سىلەرگە قارىتا بېخىلدۇر، ئەگەر -ئۇلارغا دۈشمەن تەرەپتىن- خەۋپ كېلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ساڭا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. قورقۇنچ كەتكەندە، ئۇلار پۇل ـ مالغا ئاچكۆز بولغان ھالدا سىلەرنى كەسكىن تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ. ئۇلار ئىمان ئېيتقان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى، بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ئاساندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇرۇشقا قانتاشسا سىلەرگە قىزغانچۇقلۇق قىلىدۇ، ئۇرۇش ئەسناسىدا خەۋپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ساڭا خۇددى سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. خەۋپ كەتكەندە بولسا، ئۇلار مالغا ئاچ كۆزلۈك قىلىشىپ سىلەرنى نەشتەردەك تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ. ئەنە شۇلار ئىمان ئېيتمىدى، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتتى. بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر.
33 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر ۋە مۆمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلار ۋە مۇئمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى چاپلاپ ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار شۇ بۇھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى، ئۇلار قىلمىغان ئىشلار بىلەن قارىلاپ رەنجىتكەنلەر بولسا، بوھتان ۋە ئوچۇق گۇناھ يۈدۈۋېلىشقان بولىدۇ.
33 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا رَبَّنَا إِنَّا أَطَعْنَا سَادَتَنَا وَكُبَرَاءَنَا فَأَضَلُّونَا السَّبِيلَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى، پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن» دەيدۇ[67 ـ 68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى،
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىز ئۇلۇغلىرىمىزغا ۋە كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلىپتۇق. ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپتۇ.
33 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ آذَوْا مُوسَىٰ فَبَرَّأَهُ اللَّهُ مِمَّا قَالُوا ۚ وَكَانَ عِنْدَ اللَّهِ وَجِيهًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! مۇساغا ئەزىيەت قىلغانلاردەك بولماڭلار. ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئاقلىغان. ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئېتىبارلىق ئىدى.
سەبەئ سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
أَفْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَمْ بِهِ جِنَّةٌ ۗ بَلِ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ فِي الْعَذَابِ وَالضَّلَالِ الْبَعِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئاللاھقا يالغاننى توقۇدىمۇ؟ يا ئۇ ئېلىشىپ قالدىمۇ؟» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلار ئازابتا ۋە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاللاھقا يالغاننى توقۇدىمۇ؟ ياكى ئۇ ئېلىشىپ قالدىمۇ؟» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئەكسىچە ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلار ئازابتا ۋە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھقا يالغان چاپلاۋاتامدۇ؟ ياكى ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىۋالدىمۇ؟». ياق! ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئازابنىڭ ۋە چوڭقۇر ئازغۇنلۇقنىڭ ئىچىدىدۇر.
34 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا لِلَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا أَنَحْنُ صَدَدْنَاكُمْ عَنِ الْهُدَىٰ بَعْدَ إِذْ جَاءَكُمْ ۖ بَلْ كُنْتُمْ مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كۈچلۈكلەر ئاجىزلارغا: «سىلەرگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن بىز سىلەرنى ئۇنىڭدىن توستۇقمۇ؟ ھەرگىز توسمىدۇق، سىلەر ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلغۇچى بولدۇڭلار» دەيدۇ[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: چوڭچىلىق قىلغانلار بوزەك قىلىنغانلارغا: «سىلەرگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن بىز سىلەرنى ئۇنىڭدىن توستۇقمۇ؟ بەلكى سىلەر ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلغۇچى بولدۇڭلار» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: چوڭچىلىق قىلغانلار بوزەك قىلىنغانلارغا: «سىلەرگە توغرا يول كۆرسىتىلگەندە سىلەرنى ئۇنىڭدىن بىز توستۇقمۇ؟ ياق، بەلكى ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلاتتىڭلار» دەيدۇ.
34 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا بَلْ مَكْرُ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ إِذْ تَأْمُرُونَنَا أَنْ نَكْفُرَ بِاللَّهِ وَنَجْعَلَ لَهُ أَنْدَادًا ۚ وَأَسَرُّوا النَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ وَجَعَلْنَا الْأَغْلَالَ فِي أَعْنَاقِ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، (سىلەرنىڭ بىزگە) كېچە ـ كۈندۈز قىلغان ھىيلە ـ مىكرىڭلار (بىزنى ئىماندىن توستى)، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتۇڭلار» دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار (ھەر ئىككى گۇرۇھ ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرىغا) ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ بىزگە كېچە ـ كۈندۈز قىلغان ھىيلە ـ مىكرىڭلار بىزنى ئىماندىن توستى؛ ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھ نى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتۇڭلار» دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىلا بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ياق، بىزنى سىلەرنىڭ كېچە - كۈندۈز قىلغان ھىيلە - مىكرىڭلار ئىماندىن توستى. سىلەر بىزنى ئاللاھقا كافىر بولۇشقا ۋە بەزى كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش تۇتۇشقا بۇيرۇيتتىڭلار» دەيدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە ئەلۋەتتە كۆڭلىدە پۇشايمان قىلىدۇ. بىز كافىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز. ئۇلارغا پەقەت ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
34 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا فِي قَرْيَةٍ مِنْ نَذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتْرَفُوهَا إِنَّا بِمَا أُرْسِلْتُمْ بِهِ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قايسى شەھەرگە بولمىسۇن، بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەكلا ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز» دېدى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: قايسى شەھەرگە بولمىسۇن، بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەكلا ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز قانداقلا يۇرتقا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرى: «بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېدى.
34 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا نَحْنُ أَكْثَرُ أَمْوَالًا وَأَوْلَادًا وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز ئەڭ كۆپ، بىز ئازابلانمايمىز» دېدى[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز ئەڭ كۆپ، بىز ئازابلانمايمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز كۆپ، بىز ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغان كىشىلەر ئەمەس» دېدى.
فاتىر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ كَانَ يُرِيدُ الْعِزَّةَ فَلِلَّهِ الْعِزَّةُ جَمِيعًا ۚ إِلَيْهِ يَصْعَدُ الْكَلِمُ الطَّيِّبُ وَالْعَمَلُ الصَّالِحُ يَرْفَعُهُ ۚ وَالَّذِينَ يَمْكُرُونَ السَّيِّئَاتِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ ۖ وَمَكْرُ أُولَٰئِكَ هُوَ يَبُورُ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى (دۇنيادا) شەرەپ ئىزدەيدىكەن، شەرەپنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا مەنسۇپ (ئۇنى ئاللاھتىن تىلىسۇن). ياخشى سۆز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ، (پەيغەمبەرگە قارشى) ھىيلە ـ مىكىرلەرنى تۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ئىشقا ئاشمايدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى شەرەپ ئىزدەيدىكەن، بىلسۇنكى شەرەپنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ياخشى سۆز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ، -پەيغەمبەرگە قارشى- ھىيلە ـ مىكىرلەرنى تۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ئىشقا ئاشمايدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم ئىززەتنى ئىرادە قىلىدىكەن، بىلسۇنكى، ئىززەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. پاك سۆز ئاللاھقا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ. يامان ئىشلارنى پىلانلاۋاتقانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
35 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
اسْتِكْبَارًا فِي الْأَرْضِ وَمَكْرَ السَّيِّئِ ۚ وَلَا يَحِيقُ الْمَكْرُ السَّيِّئُ إِلَّا بِأَهْلِهِ ۚ فَهَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا سُنَّتَ الْأَوَّلِينَ ۚ فَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّتِ اللَّهِ تَبْدِيلًا ۖ وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّتِ اللَّهِ تَحْوِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (بۇنداق بولۇشى) ئۇلارنىڭ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقلىرى ۋە ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەنلىكلىرىدىندۇر. ھىيلە ـ مىكىرنىڭ ۋابالى پەقەت ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئۇلار پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە قوللىنىلغان (ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت) يولىنىلا كۈتىدۇ، ئاللاھنىڭ (مەخلۇقاتلار ئۈستىدە قوللانغان) يولىدا ھەرگىزمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى كۆرمەيسەن، ئاللاھ يولىدا ھەرگىز يۆتكىلىشنىمۇ (يەنى ئازابنىڭ ئازابقا تېگىشلىك بولغانلار ئۈستىدىن باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۆتكىلىشىنى) كۆرمەيسەن[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: زېمىندا تېخىمۇ چوڭچىلىق قىلدى ۋە يامان ئىشلارنى تېخىمۇ كۆپ پىلانلىدى. ھالبۇكى، يامان پىلان پەقەت پىلانلىغۇچىسىنىلا نابۇت قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكىلەرگە ئىجرا قىلغان ئۆزگەرمەس قانۇنىنىڭ ئۆزلىرىگە ئىجرا قىلىنىشىنىلا كۈتۈۋاتىدۇ. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ تېگىشلىك بولغانلارغا ئىجرا قىلىنمغانلىقىنى كۆرەلمەيسەن. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ تېگىشلىك بولمىغانلارغا ئىجرا قىلىنغانلىقىنىمۇ كۆرەلمەيسەن.
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا طَائِرُكُمْ مَعَكُمْ ۚ أَئِنْ ذُكِّرْتُمْ ۚ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ مُسْرِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەلچىلەر: «(كۇفرىڭلار سەۋەبىدىن) شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر، سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا (شۇم پال ئالامسىلەر؟) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، سىلەر (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلچىلەر: «شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر، سىلەرگە ۋەز نەسىھەت قىلىنسا شۇم پال ئالامسىلەر؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەلچىلەر: «شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر. سىلەرگە ھەق ئەسلىتىلسىمۇ شۇنداق قىلامسىلەر؟ بەلكى سىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى.
ساففات سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمْ كَانُوا إِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ يَسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە، (كەلىمە تەۋھىدتىن) تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېيىلسە، ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئۇلارغا: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېيىلسە، تەكەببۇرلۇق قىلاتتى
37 : 151 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَا إِنَّهُمْ مِنْ إِفْكِهِمْ لَيَقُولُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر[151- 152].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ دەيدۇكى:
ئەنەس ئالىم: بىلىڭلاركى، ئۇلار يالغان گەپ توقۇپ مۇنداق دەيدۇ:
37 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَدَ اللَّهُ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر[151- 152].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار». ئۇلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: «ئاللاھ ئاتا بولدى». شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
ساد سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
بَلِ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي عِزَّةٍ وَشِقَاقٍ
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى كاپىرلار ئىماندىن باش تارتماقتا ۋە (رەسۇلۇللاھقا) مۇخالىپەتچىلىك قىلماقتا[2].
ئەنەس ئالىم: ئىش كافىرلار دېگەندەك ئەمەس، بەلكى كافىرلار مەغرۇرلانماقتا ۋە قارشى تۇرماقتا.
38 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰذَا أَخِي لَهُ تِسْعٌ وَتِسْعُونَ نَعْجَةً وَلِيَ نَعْجَةٌ وَاحِدَةٌ فَقَالَ أَكْفِلْنِيهَا وَعَزَّنِي فِي الْخِطَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنىڭ بىرى) «شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر ساغلىقىم بار، قېرىندىشىم ئۇ بىر ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دەيدۇ، (ئارىمىزدا بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرە بولۇپ) ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى» دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلارنىڭ بىرى-:«شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر ساغلىقىم بار، قېرىندىشىم ئۇ بىر ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دەيدۇ، -ئارىمىزدا بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرە بولۇپ- ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ بىرى مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ قېرىندىشىم بولىدۇ، بۇنىڭ 99 تۇياق ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر تۇياق ساغلىقىم بار. بۇ قېرىندىشىم ئۇ ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دېدى ۋە مېنى سۆزدە يەڭدى».
38 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا إِبْلِيسَ اسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت ئىبلىسلا بويۇنتاۋلىق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت ئىبلىسلا بويۇنتاۋلىق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئىبلىس سەجدە قىلمىدى. ئۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كافىرلاردىن بولدى.
38 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا إِبْلِيسُ مَا مَنَعَكَ أَنْ تَسْجُدَ لِمَا خَلَقْتُ بِيَدَيَّ ۖ أَسْتَكْبَرْتَ أَمْ كُنْتَ مِنَ الْعَالِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى (ئۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭدىنمۇ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىنمۇ؟»[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى؛ ئۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭدىنمۇ؟ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىنمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان نەرسىگە سەجدە قىلىشتىن سېنى نېمە توستى؟ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتتۇڭمۇ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىنمىدىڭ؟» دېدى.
38 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَنَا خَيْرٌ مِنْهُ ۖ خَلَقْتَنِي مِنْ نَارٍ وَخَلَقْتَهُ مِنْ طِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق، مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئۈستۈن؛ مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى.
زۇمەر سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ كَذَبَ عَلَى اللَّهِ وَكَذَّبَ بِالصِّدْقِ إِذْ جَاءَهُ ۚ أَلَيْسَ فِي جَهَنَّمَ مَثْوًى لِلْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان، نازىل بولغان راست سۆزنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا ئورۇن يوقمۇ؟[32]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان، نازىل بولغان راست سۆز - قۇرئان-نى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا ئورۇن يوقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە كەلگەن راستنى يالغان دېگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە كافىرلارغا ئورۇن يوقمۇ!
39 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ ضُرٌّ دَعَانَا ثُمَّ إِذَا خَوَّلْنَاهُ نِعْمَةً مِنَّا قَالَ إِنَّمَا أُوتِيتُهُ عَلَىٰ عِلْمٍ ۚ بَلْ هِيَ فِتْنَةٌ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، بىزگە دۇئا قىلىپ (ئىلتىجا قىلىدۇ)، ئاندىن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ بىرەر نېمىتىمىزنى ئاتا قىلساق، ئۇ: «بۇ نېمەت ماڭا ئۆز ئىلمىمدىن (يەنى پەزلىمدىن، ئەمگىكىمدىن، تىرىشچانلىقىمدىن، رىزىق تېپىشنىڭ يوللىرىنى بىلگەنلىكىمدىن) كەلدى» دەيدۇ. (ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس) بەلكى ئۇ سىناقتۇر (يەنى نېمەت ئاتا قىلىش بىلەن، ئۇنى ئىتائەت قىلامدۇ؟ ئاسىيلىق قىلامدۇ؟ دەپ سىنايمىز). لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، بىزگە دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ بىرەر نېمىتىمىزنى ئاتا قىلساق، ئۇ: «بۇ نېمەت ماڭا ئۆز ئىلمىمدىن كەلدى» دەيدۇ. ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر سىناقتۇر لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانغا بىرەر زىيان يەتسە بىزگە دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن بىز ئۇنىڭغا ئۆز تەرىپىمىزدىن نېمەت ئاتا قىلساق «مەن بۇنىڭغا ئۆز بىلىمىم بىلەن ئېرىشتىم» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ سىناقتۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
39 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَصَابَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا كَسَبُوا ۚ وَالَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْ هَٰؤُلَاءِ سَيُصِيبُهُمْ سَيِّئَاتُ مَا كَسَبُوا وَمَا هُمْ بِمُعْجِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (دۇنيادا) قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغانلارمۇ قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، ئۇلار ئازابىمىزدىن قۇتۇلالمايدۇ[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ ئەڭ يامانلىرىنىڭ جازاسى كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغانلارمۇ قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، ئۇلار ئازابىمىزدىن قۇتۇلالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى باشلىرىغا بالا بولغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن زۇلۇم قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىمۇ يېقىندا باشلىرىغا بالا بولىدۇ. بۇلارمۇ ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
39 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
بَلَىٰ قَدْ جَاءَتْكَ آيَاتِي فَكَذَّبْتَ بِهَا وَاسْتَكْبَرْتَ وَكُنْتَ مِنَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: دۇرۇس، ھەقىقەتەن ساڭا مېنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىم (يەنى ھىدايەتكە سەۋەب بولىدىغان قۇرئان) كەلدى. سەن ئۇلارنى ئىنكار قىلدىڭ، بويۇنتاۋلىق قىلدىڭ، سەن كاپىرلاردىن بولدۇڭ[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: دۇرۇس، ھەقىقەتەن ساڭا مېنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىم كەلدى. سەن ئۇلارنى ئىنكار قىلدىڭ، بويۇنتاۋلىق قىلدىڭ، سەن كاپىرلادىن بولدۇڭ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: ‹ياق، ئۇنداق ئەمەس! ئۆز ۋاقتىدا ساڭا ئايەتلىرىم كەلدى، لېكىن سەن ئۇلارنى يالغان دېدىڭ، ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتتۇڭ ۋە تۇزكورلاردىن بولدۇڭ›».
39 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ تَرَى الَّذِينَ كَذَبُوا عَلَى اللَّهِ وُجُوهُهُمْ مُسْوَدَّةٌ ۚ أَلَيْسَ فِي جَهَنَّمَ مَثْوًى لِلْمُتَكَبِّرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلارنىڭ يۈزلىرىنى قاپقارا كۆرىسەن، جەھەننەمدە مۇتەكەببىرلەرگە ئورۇن يوقمۇ؟[60]
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى ئاللاھقا قارشى يالغان ئېيتقانلارنىڭ يۈزلىرىنى قاپقارا كۆرىسەن، جەھەننەمدە مۇتەكەببىرلەرگە ئورۇن يوقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا بوھتان چاپلىغانلارنى قىيامەت كۈنى يۈزلىرى قارىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن. جەھەننەمدە مۇتەكەببىرلارغا ئورۇن يوقمۇ!
39 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
قِيلَ ادْخُلُوا أَبْوَابَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ فَبِئْسَ مَثْوَى الْمُتَكَبِّرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببىرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببىرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار! سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر. مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ.
غافىر سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْآزِفَةِ إِذِ الْقُلُوبُ لَدَى الْحَنَاجِرِ كَاظِمِينَ ۚ مَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ حَمِيمٍ وَلَا شَفِيعٍ يُطَاعُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار -قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن- بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى يېقىنلاشقان قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ كۈنى يۈرەكلەر غەم - قايغۇغا تولغان ھالدا ئېغىزلارغا قاپلىشىدۇ، زالىملارنىڭ ھېچبىر دوستى ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچىسى بولمايدۇ.
40 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِي أَقْتُلْ مُوسَىٰ وَلْيَدْعُ رَبَّهُ ۖ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَنْ يُظْهِرَ فِي الْأَرْضِ الْفَسَادَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا -ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن- رەببىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار مۇسانى ئۆلتۈرۈۋېتەي. مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن».
40 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَانٍ أَتَاهُمْ ۖ كَبُرَ مَقْتًا عِنْدَ اللَّهِ وَعِنْدَ الَّذِينَ آمَنُوا ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ قَلْبِ مُتَكَبِّرٍ جَبَّارٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۆمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ (ئىماندىن باش تارتقان)، (بەندىلەرگە) زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن قارىسىغا جاڭجاللىشىدىغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۇئمىنلارنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، مۇتەكەببىرلىك ۋە زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تارتىشىدىغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ۋە مۇئمىنلارنىڭ نەزىرىدە نېمىدېگەن چوڭ نەپرەتلىنەرلىك ئىش! ئاللاھ تەكەببۇرلۇق ۋە زومىگەرلىك قىلغۇچى كىشىنىڭ قەلبىنى ئەنە شۇنداق پۈتۈنلەي پېچەتلىۋېتىدۇ».
40 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَا هَامَانُ ابْنِ لِي صَرْحًا لَعَلِّي أَبْلُغُ الْأَسْبَابَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى[36ـ37].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى ھامان! ماڭا ئېگىز بىر بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا؛ ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى ھامان! مەن ئۈچۈن بىر ساراي سالغىن، يوللارنى تاپاي،
40 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
أَسْبَابَ السَّمَاوَاتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُ كَاذِبًا ۚ وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوءُ عَمَلِهِ وَصُدَّ عَنِ السَّبِيلِ ۚ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِي تَبَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى[36ـ37].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەلەشىم مۇمكىن. چۈنكى مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن». پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى ۋە يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى بىكارغىلا كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ يوللىرىنى. ئاندىن چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. مەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن». فىرئەۋنگە ئۆزىنىڭ يامان ئەمىلى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇ توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. فىرئەۋننىڭ ھىيلىسى بەربات بولدى.
40 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يَتَحَاجُّونَ فِي النَّارِ فَيَقُولُ الضُّعَفَاءُ لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنْتُمْ مُغْنُونَ عَنَّا نَصِيبًا مِنَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىز (ئەگەشكۈچىلەر) ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىدىن بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىزلار ھاكاۋۇرلارغا: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىنىڭ بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئوتنىڭ ئىچىدە بىر - بىرلىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ: ئاجىزلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلارغا: «ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار ئىدۇق. ھازىر سىلەر بىزنى بۇ ئوتنىڭ بىر قىسمىدىن بولسىمۇ قۇتقۇزالامسىلەر؟» دەيدۇ.
40 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ لَا يَنْفَعُ الظَّالِمِينَ مَعْذِرَتُهُمْ ۖ وَلَهُمُ اللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوءُ الدَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە كاپىرلارغا ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى زالىملارغا ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلارغا لەنەت ۋە يامان يۇرت بار.
40 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَانٍ أَتَاهُمْ ۙ إِنْ فِي صُدُورِهِمْ إِلَّا كِبْرٌ مَا هُمْ بِبَالِغِيهِ ۚ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار، ئۇلار (ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت) مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ئاللاھقا سىغىنىپ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن)، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن قارىسىغا جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار، ئۇلار -ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت- مەقسەتلىرىگە يېتەلمەيدۇ، شۇڭا ئاللاھ بىلەن پاناھ تىلىگىن، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرىگە كەلگەن ھېچبىر دەلىل بولماستىن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تارتىشىدىغانلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە كىبىر بار. ئۇلار ھەرگىز مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. ئۇ ھالدا ئاللاھقا سېغىنغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
40 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ»[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ھالەنكى رەببىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلار مۇنداق دېدى: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، ئىجابەت قىلاي. ماڭا ئىبادەت قىلىشتىن ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتىدىغانلار خارلىق ئىچىدە جەھەننەمگە كىرىدۇ».
40 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَفْرَحُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَبِمَا كُنْتُمْ تَمْرَحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە (گۇناھ قىلىپ پۇل ـ مالنى ھارام يوللارغا سەرپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن) خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئازاب سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۇ ئازاب سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە كۆرەڭلىگەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈندۇر.
40 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
ادْخُلُوا أَبْوَابَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ فَبِئْسَ مَثْوَى الْمُتَكَبِّرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ ئۇ يەردە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببۇرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان![76]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن مەڭگۇ قالغۇچىلار بولغان ھالدا كىرىڭلار، مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان؟
ئەنەس ئالىم: جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر». ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!
40 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَرِحُوا بِمَا عِنْدَهُمْ مِنَ الْعِلْمِ وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەندە، ئۆزلىرىدە بار ئىلىم بىلەن پەخىرلىنىپ (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە مەسخىرە قىلدى)، ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان (ۋە كەلسە دەپ ئالدىرىغان) ئازاب نازىل بولدى[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىدە بار ئىلىم بىلەن پەخىرلەندى، ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب نازىل بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىدە بار بولغان ئىلىم بىلەن كۆرەڭلەپ كېتىشتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى.
فۇسسىلەت سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا عَادٌ فَاسْتَكْبَرُوا فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَقَالُوا مَنْ أَشَدُّ مِنَّا قُوَّةً ۖ أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّ اللَّهَ الَّذِي خَلَقَهُمْ هُوَ أَشَدُّ مِنْهُمْ قُوَّةً ۖ وَكَانُوا بِآيَاتِنَا يَجْحَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاد بولسا زېمىندا (ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ھۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلارغا) ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ ـ قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاد بولسا زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ ـ قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلاتتى
ئەنەس ئالىم: ئاد بولسا، زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلدى ۋە «بىزدىن كۈچلۈك كىم بار؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلاتتى.
41 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنِ اسْتَكْبَرُوا فَالَّذِينَ عِنْدَ رَبِّكَ يُسَبِّحُونَ لَهُ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَهُمْ لَا يَسْأَمُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلىپ (ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) باش تارتسا، پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) كېچە ـ كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلسا، بىلسۇنكى، رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر كېچە - كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار چوڭچىلىق قىلسا، رەببىڭنىڭ يېنىدىكىلەر كېچە - كۈندۈز ھېچ زېرىكمەستىن ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ.
41 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَذَقْنَاهُ رَحْمَةً مِنَّا مِنْ بَعْدِ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُ لَيَقُولَنَّ هَٰذَا لِي وَمَا أَظُنُّ السَّاعَةَ قَائِمَةً وَلَئِنْ رُجِعْتُ إِلَىٰ رَبِّي إِنَّ لِي عِنْدَهُ لَلْحُسْنَىٰ ۚ فَلَنُنَبِّئَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِمَا عَمِلُوا وَلَنُذِيقَنَّهُمْ مِنْ عَذَابٍ غَلِيظٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا (قىيامەت بولۇپ) مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ سەئيى - ئىجتىھاتىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا قىيامەت بولۇپ مەن رەببىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. لېكىن ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇنىڭغا، بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ: «مەن بۇنى ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن قولغا كەلتۈردۈم. مەن قىيامەتنى قايىم بولىدۇ دەپ ئويلىمايمەن. ناۋادا قىيامەت قايىم بولۇپ مەن رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلغان تەقدىردە، مەن ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىمەن» دەيدۇ. بىز كافىرلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز ۋە ئۇلارغا دەھشەتلىك ئازابتىن تېتىتىمىز.
شۇرا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
تَرَى الظَّالِمِينَ مُشْفِقِينَ مِمَّا كَسَبُوا وَهُوَ وَاقِعٌ بِهِمْ ۗ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فِي رَوْضَاتِ الْجَنَّاتِ ۖ لَهُمْ مَا يَشَاءُونَ عِنْدَ رَبِّهِمْ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَضْلُ الْكَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارنىڭ (قىيامەت كۈنى دۇنيادا) قىلغان گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، (ئۇلار مەيلى قورقسۇن، قورقمىسۇن) جازا ئۇلارغا (چوقۇم) نازىل بولغۇسىدۇر، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتلەرنىڭ باغچىلىرىدا بولىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ كاتتا ئىنئامدۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى قىلغان گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، جازا ئۇلارغا چوقۇم نازىل بولغۇسىدۇر، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتلەرنىڭ باغچىلىرىدا بولىدۇ، ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ كاتتا ئىنئامدۇر
ئەنەس ئالىم: سەن زالىملارنى ئۆز قىلمىشلىرىدىن قورقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قورققىنى باشلىرىغا كېلىدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتلەرنىڭ باغچىلىرىدا بولىدۇ. ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا خالىغان نەرسىلىرىگە ئېرىشىدۇ. مانا بۇ بۈيۈك ئىلتىپاتتۇر.
42 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا ۖ فَإِنْ يَشَإِ اللَّهُ يَخْتِمْ عَلَىٰ قَلْبِكَ ۗ وَيَمْحُ اللَّهُ الْبَاطِلَ وَيُحِقُّ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ ۚ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «ئۇ (يەنى مۇھەممەد) ئاللاھقا يالغاننى توقۇدى» دەمدۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا (يەنى ئۇلار گۇمان قىلغاندەك، ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان بولساڭ) سېنىڭ قەلبىڭنى پېچەتلىۋەتكەن بولاتتى، ئاللاھ باتىلنى يوق قىلىدۇ، (پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان) سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا ئۇلار: «ئۇ –يەنى مۇھەممەد- ئاللاھقا يالغاننى توقۇدى» دەمدۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا سېنىڭ قەلبىڭنى پېچەتلىۋەتكەن، باتىلنى يوق قىلىۋەتكەن ۋە سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى تەدبىقلىغان بولاتتى، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار: «مۇھەممەد ئاللاھقا بوھتان چاپلىدى» دەمدۇ؟ ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سېنىڭ قەلبىڭنى پېچەتلىۋېتەتتى. ئاللاھ باتىلنى يوق قىلىدۇ. ھەقنى ئۆزىنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.
42 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ بَسَطَ اللَّهُ الرِّزْقَ لِعِبَادِهِ لَبَغَوْا فِي الْأَرْضِ وَلَٰكِنْ يُنَزِّلُ بِقَدَرٍ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّهُ بِعِبَادِهِ خَبِيرٌ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە ـ پاسات تېرىيتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر، (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە ـ پاسات تېرىيتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر، ئۇنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىگە رىزىقنى يايسا ئىدى، ئۇلار زېمىندا ھەددىدىن ئاشاتتى. لېكىن ئۇ خالىغىنىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
42 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَزَاءُ سَيِّئَةٍ سَيِّئَةٌ مِثْلُهَا ۖ فَمَنْ عَفَا وَأَصْلَحَ فَأَجْرُهُ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر (يەنى ساڭا بىر كىشى قانچىلىك چېقىلسا، شۇنچىلىك چېقىلماي ئاشۇرۇۋەتسەڭ بولمايدۇ)، كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر، كىمكى ئەپۇ قىلسا ۋە ئارىنى تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بىر يامانلىقنىڭ جازاسى، ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر. لېكىن كىم ئەپۇ قىلسا ۋە تۈزىتىش يولىنى تۇتسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
42 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا السَّبِيلُ عَلَى الَّذِينَ يَظْلِمُونَ النَّاسَ وَيَبْغُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، زېمىندا ناھەق رەۋىشتە پىتنە ـ پاسات تېرىيدىغان ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، زېمىندا ناھەق رەۋىشتە پىتنە ـ پاسات تېرىيدىغان ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىدىغان ۋە ناھەق رەۋىشتە ھەددىدىن ئاشىدىغان ئادەملەرنىلا ئەيىبلەشكە بولىدۇ. ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
زۇخرۇف سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَوْ شَاءَ الرَّحْمَٰنُ مَا عَبَدْنَاهُمْ ۗ مَا لَهُمْ بِذَٰلِكَ مِنْ عِلْمٍ ۖ إِنْ هُمْ إِلَّا يَخْرُصُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «مەرھەمەتلىك ئاللاھ خالىسا، بىز ئۇلارغا (يەنى پەرىشتىلەرگە) چوقۇنمايتتۇق» دېدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ بىلىمى (يەنى ئاساسى) يوق، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «مەرھەمەتلىك ئاللاھ خالىسا، بىز ئۇلارغا چوقۇنمايتتۇق» دېدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ بىلىمى يوق، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئەگەر رەھمان خالىسا ئىدى، بىز بۇلارغا چوقۇنمايتتۇق» دېدى. ئۇلار بۇ سۆزىدە ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلار پەقەت بىلجىرلايدۇ.
43 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَوْلَا نُزِّلَ هَٰذَا الْقُرْآنُ عَلَىٰ رَجُلٍ مِنَ الْقَرْيَتَيْنِ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر (يەنى مەككە بىلەن تائىف ئادەملىرىدىن) بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟ » دېيىشتى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر -مەككە بىلەن تائىف ئادەملىرىدىن- بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرئان نېمىشقا شۇ ئىككى يۇرتتىن كاتتا بىر ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى.
43 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنْ يَنْفَعَكُمُ الْيَوْمَ إِذْ ظَلَمْتُمْ أَنَّكُمْ فِي الْعَذَابِ مُشْتَرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) «(دۇنيادىكى چاغدا) زۇلۇم قىلغانلىقىڭلار (يەنى شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار) ئۈچۈن بۈگۈن سىلەرنىڭ ئازابتا ئورتاق بولغانلىقىڭلار سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ» دېيىلىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «دۇنيادىكى چاغدا زۇلۇم قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن سىلەرنىڭ ئازابتا ئورتاق بولغانلىقىڭلار سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «بۈگۈنكى پۇشايمىنىڭلار سىلەرگە ھېچ پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى سىلەر زۇلۇم قىلدىڭلار. سىلەر ئازابتا ئورتاق بولىسىلەر» دېيىلىدۇ.
43 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَادَىٰ فِرْعَوْنُ فِي قَوْمِهِ قَالَ يَا قَوْمِ أَلَيْسَ لِي مُلْكُ مِصْرَ وَهَٰذِهِ الْأَنْهَارُ تَجْرِي مِنْ تَحْتِي ۖ أَفَلَا تُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە (پەخىرلەنگەن ھالدا) نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ (مېنىڭ بۇ بۈيۈكلۈكۈمنى) كۆرمەمسىلەر؟ بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن»[51ـ52].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە پەخىرلەنگەن ھالدا نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن قەۋمىنىڭ ئىچىدە نىدا قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى مەندە ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۆستەڭلەر مېنىڭ ئاستىمدىن ئېقىۋاتمامدۇ؟ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟
43 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ أَنَا خَيْرٌ مِنْ هَٰذَا الَّذِي هُوَ مَهِينٌ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە (پەخىرلەنگەن ھالدا) نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ (مېنىڭ بۇ بۈيۈكلۈكۈمنى) كۆرمەمسىلەر؟ بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن»[51ـ52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا، مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەم- مۇسا- دىن ياخشىراق ئەمەسمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ياكى مەن بۇ ئەرزىمەس ۋە ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان ئادەمدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟
43 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَخَفَّ قَوْمَهُ فَأَطَاعُوهُ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن، قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن، قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن قەۋمىنى بۇ شەكىلدە ئەخمەق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىرئەۋنگە ئىتائەت قىلدى. چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋم ئىدى.
43 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا ظَلَمْنَاهُمْ وَلَٰكِنْ كَانُوا هُمُ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق ۋەلېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق ۋە لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق. لېكىن ئۇلار زالىم كىشىلەر ئىدى.
دۇخان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ فِرْعَوْنَ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَالِيًا مِنَ الْمُسْرِفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋن (ئازابى) دىن قۇتقۇزدۇق، پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى[30 ـ 31].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنى پىرئەۋندىن قۇتقۇزدۇق. پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋندىن قۇتقۇزدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ زومىگەر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى.
44 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
ذُقْ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْكَرِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنىڭغا خارلاش ۋە مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) «(بۇ ئازابنى) تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات ئىدىڭ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنىڭغا- : «بۇ ئازابنى تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات ئىدىڭ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «تېتىغىن، سەن ئۆزۈڭچە كۈچلۈك ۋە ئۇلۇغ ئىدىڭ.
جاسىيە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَيْلٌ لِكُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر بىر گۇناھكار يالغانچىغا ۋاي![7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر بىر گۇناھكار يالغانچىغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: بوھتان چاپلىغۇچى ۋە گۇناھ قىلغۇچى ھەر قانداق كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي!
45 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْمَعُ آيَاتِ اللَّهِ تُتْلَىٰ عَلَيْهِ ثُمَّ يُصِرُّ مُسْتَكْبِرًا كَأَنْ لَمْ يَسْمَعْهَا ۖ فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك (كۇفرىدا) چىڭ تۇرىدۇ (گۇمراھلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك كۇفرىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە تىلاۋەت قىلىنغان ئايەتلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ خۇددى ئۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
45 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا أَفَلَمْ تَكُنْ آيَاتِي تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَاسْتَكْبَرْتُمْ وَكُنْتُمْ قَوْمًا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارغا كەلسەك، (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلمىدىمۇ؟ سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتىڭلار، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار» (دېيىلىدۇ)[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلمىدىمۇ؟ سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتتىڭلار، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەرگە ئايەتلىرىم تىلاۋەت قىلىنغان ئەمەسمىدى؟ لېكىن سىلەر چوڭچىلىق قىلدىڭلار ۋە گۇناھكار قەۋم بولدۇڭلار، شۇنداق ئەمەسمۇ!
ئەھقاف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كَانَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَكَفَرْتُمْ بِهِ وَشَهِدَ شَاهِدٌ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَلَىٰ مِثْلِهِ فَآمَنَ وَاسْتَكْبَرْتُمْ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان تۇرسا، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ؟) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن سالام) قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان كەلتۈرسە، سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتساڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ؟) شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئېيتقىنكى: «سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولۇپ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭلار ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى قۇرئاننىڭ بىر ئوخشىشىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان كەلتۈرسە، سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلغان بولساڭلارچۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى توغرا يولغا باشلىمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر بۇ قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بولسا، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى ئۇنىڭ ئوخشىشىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان ئېيتقان بولسا، سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ ئىمان ئېيتمىغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئۆزۈڭلار زۇلۇم قىلغان بولمامسىلەر؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ».
46 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يُعْرَضُ الَّذِينَ كَفَرُوا عَلَى النَّارِ أَذْهَبْتُمْ طَيِّبَاتِكُمْ فِي حَيَاتِكُمُ الدُّنْيَا وَاسْتَمْتَعْتُمْ بِهَا فَالْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ الْهُونِ بِمَا كُنْتُمْ تَسْتَكْبِرُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَبِمَا كُنْتُمْ تَفْسُقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن ئېيتىلىدۇ): «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر»[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە : «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: كافىرلار دوزاخ ئوتىغا توغرىلىنىدىغان كۈنى ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەر دۇنيادىكى ھاياتىڭلاردا ياخشى نەرسىلىرىڭلارنى تۈگەتتىڭلار، دۇنيادا ئۇلار بىلەن كەيپ - ساپا سۈردۈڭلار. ئەمدى بۈگۈن سىلەر خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر. چۈنكى سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلدىڭلار ۋە يولدىن چىقتىڭلار».
مۇھەممەد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
فَهَلْ عَسَيْتُمْ إِنْ تَوَلَّيْتُمْ أَنْ تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَتُقَطِّعُوا أَرْحَامَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر (ئىسلام) دىن يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: دېمەك سىلەر ھوقۇققا ئېگە بولساڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويىسىلەر، شۇنداقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇناپىقلار! دېمەككى، سىلەر ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزىسىلەر!
47 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَسْأَلْكُمُوهَا فَيُحْفِكُمْ تَبْخَلُوا وَيُخْرِجْ أَضْغَانَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇ سىلەردىن مال ـ مۈلكۈڭلارنى جىددى سورىسا، بېخىللىق قىلىسىلەر، بۇ بېخىللىق سىلەرنىڭ (ئىسلامغا بولغان) ئاداۋىتىڭلارنى ئاشكارىلايدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇ سىلەردىن مال ـ مۈلكۈڭلارنى جىددى سورىسا، بېخىللىق قىلىسىلەر، بۇ بېخىللىق سىلەرنىڭ ئاداۋىتىڭلارنى ئاشكارىلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ سىلەردىن مال - مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي تەلەپ قىلسا، بېخىللىق قىلىسىلەر ۋە ئۇ سىلەرنىڭ ئاداۋىتىڭلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.
47 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
هَا أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ تُدْعَوْنَ لِتُنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَمِنْكُمْ مَنْ يَبْخَلُ ۖ وَمَنْ يَبْخَلْ فَإِنَّمَا يَبْخَلُ عَنْ نَفْسِهِ ۚ وَاللَّهُ الْغَنِيُّ وَأَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ ۚ وَإِنْ تَتَوَلَّوْا يَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُونُوا أَمْثَالَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار، كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ، ئاللاھ (سىلەرنىڭ مال ـ مۈلكۈڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، سىلەر بولساڭلار (ئاللاھقا) موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر (ئاللاھنىڭ تائىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ (بەلكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدۇ)[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر شۇنداق كىشىلەرسلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار، كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ مال ـ مۈلكۈڭلارغا ئىتىياجلىق ئەمەس، سىلەر بولساڭلار موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئاندىن ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئەنە شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىشقا چاقىرىلىسىلەر، لېكىن سىلەردىن بەزىلەر بېخىللىق قىلىدۇ. كىم بېخىللىق قىلسا، ئۆزىگە بېخىللىق قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ غەنىيدۇر، سىلەر موھتاجسىلەر. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا قەۋم كەلتۈرىدۇ. ئاندىن ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ.
فەتىھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَقُولُ الْمُخَلَّفُونَ إِذَا انْطَلَقْتُمْ إِلَىٰ مَغَانِمَ لِتَأْخُذُوهَا ذَرُونَا نَتَّبِعْكُمْ ۖ يُرِيدُونَ أَنْ يُبَدِّلُوا كَلَامَ اللَّهِ ۚ قُلْ لَنْ تَتَّبِعُونَا كَذَٰلِكُمْ قَالَ اللَّهُ مِنْ قَبْلُ ۖ فَسَيَقُولُونَ بَلْ تَحْسُدُونَنَا ۚ بَلْ كَانُوا لَا يَفْقَهُونَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغانلار غەنىيمەت ئېلىش ئۈچۈن چىققان ۋاقىتلىرىدا: «بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ (خەيبەر غەنىيمىتى ھۇدەيبىيەگە چىققانلارغا خاس دېگەن) سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز بىلەن چىقىشىڭلارغا ھەرگىز بولمايدۇ، ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن». ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئاللاھ ئۇنداق دېمىگەن)، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (ئاللاھنىڭ كالامىنى) پەقەت يۈزەگىنە چۈشىنىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر غەنىمەت ئېلىش ئۈچۈن چىقماقچى بولغىنىڭلاردا -ھۇدەيبىيىگە چىقماي- قېلىپ قالغانلار: «بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەر قەتئىي ھالدا بىزگە ئەگىشىپ كەلمەڭلار، ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن». ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ناھايىتى ئاز چۈشىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئايرىلىپ قالغۇچىلار سىلەر غەنىيمەتلەرنى ئېلىشقا ماڭغان چېغىڭلاردا سىلەرگە: «بىزنى قويۇۋېتىڭلار، سىلەرگە ئەگىشەيلى» دەيدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەر ھەرگىزمۇ بىزگە ئەگىشەلمەيسىلەر. چۈنكى ئاللاھ بۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇنداق دېگەن». بۇ قېتىم ئۇلار: «بەلكى سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار بەكمۇ ئاز چۈشىنىدۇ.
ھۇجۇرات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
49 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا يَسْخَرْ قَوْمٌ مِنْ قَوْمٍ عَسَىٰ أَنْ يَكُونُوا خَيْرًا مِنْهُمْ وَلَا نِسَاءٌ مِنْ نِسَاءٍ عَسَىٰ أَنْ يَكُنَّ خَيْرًا مِنْهُنَّ ۖ وَلَا تَلْمِزُوا أَنْفُسَكُمْ وَلَا تَنَابَزُوا بِالْأَلْقَابِ ۖ بِئْسَ الِاسْمُ الْفُسُوقُ بَعْدَ الْإِيمَانِ ۚ وَمَنْ لَمْ يَتُبْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇۈمكىن، بىر ـ بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پىسقى بىلەن ئاتاش (يەنى مۆمىننى پاسىق) دەپ ئاتاش نېمىدېگەن يامان! (مۇنداق نەھيى قىلىنغان ئىشلاردىن) تەۋبە قىلمىغانلار زالىملاردۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى - بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى - مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۈمكىن، بىر ـ بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنى لەقەملەر بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پاسىقلىق بىلەن سۈپەتلەش نېمىدېگەن يامان! كىمكى تەۋبە قىلمىسا، ئەنە شۇلار زالىملاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! بىر قەۋم باشقا بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن، بەلكى مەسخىرە قىلىنغۇچى قەۋم مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ئاياللارمۇ باشقا ئاياللارنى مەسخىرە قىلمىسۇن، بەلكى مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. بىر - بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر -بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن فاسىق دەپ ئاتىلىش نېمىدېگەن يامان! كىمكى تەۋبە قىلمايدىكەن، ئۇلار ئەلۋەتتە زالىملاردۇر.
49 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اجْتَنِبُوا كَثِيرًا مِنَ الظَّنِّ إِنَّ بَعْضَ الظَّنِّ إِثْمٌ ۖ وَلَا تَجَسَّسُوا وَلَا يَغْتَبْ بَعْضُكُمْ بَعْضًا ۚ أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ أَنْ يَأْكُلَ لَحْمَ أَخِيهِ مَيْتًا فَكَرِهْتُمُوهُ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ تَوَّابٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، (مۆمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان) تەۋبىسىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر.(ئىزاھات:غەيۋەتنىڭ زىيادە قەبىھ ئىكەنلىكىگە تەمسىل.)[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، بىر-بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى[1] ياقتۇرامدۇ؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ تەۋبەقىلغۇچىلارنىڭ قىلغان تەۋبىسىنى بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! گۇماننىڭ تولىسىدىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى گۇماننىڭ بەزىسى گۇناھتۇر. بىر -بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىر - بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار. سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
قاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
مَنَّاعٍ لِلْخَيْرِ مُعْتَدٍ مُرِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ)[24ـ26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، شەك كەلتۈرگۈچى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ياخشىلىققا توسالغۇ بولغۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، شەك كەلتۈرگۈچى
زارىيات سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قُتِلَ الْخَرَّاصُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ (ئاخىرەت ئىشىدىن) غەپلەتتىدۇر[10ـ11].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى
ئەنەس ئالىم: ئۆلگۈر كاززاپلار!
51 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
ذُوقُوا فِتْنَتَكُمْ هَٰذَا الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تَسْتَعْجِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا) «سىلەرگە قىلىنغان ئازابنى تېتىڭلار، مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئالدىراتقان نەرسىدۇر» (دەيدۇ)[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «سىلەرگە قىلىنغان ئازابنى تېتىڭلار، مانا بۇ سىلەر ئالدىراتقان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «ئازابىڭلارنى تېتىڭلار. مانا بۇ سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ.
51 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَتَوْا عَنْ أَمْرِ رَبِّهِمْ فَأَخَذَتْهُمُ الصَّاعِقَةُ وَهُمْ يَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار (ئازابنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى) كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار رەببىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەببىنىڭ ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى شىددەتلىك گۈلدۈرماما باستى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ تۇراتتى.
تۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ تَأْمُرُهُمْ أَحْلَامُهُمْ بِهَٰذَا ۚ أَمْ هُمْ قَوْمٌ طَاغُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى مۇشۇنداق (سۆز) قىلىشقا بۇيرۇمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋمدۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى مۇشۇنداق سۆز قىلىشقا بۇيرۇمدۇ؟ ياكى ئۇلار ھەددىدىن ئاشقان قەۋممۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلارنى بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئەقىللىرى بۇيرۇۋاتامدۇ؟ ياكى ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋممۇ؟
نەجم سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَرَأَيْتَ الَّذِي تَوَلَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئىماندىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىن خەۋەر بەرگىن[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- يۈز ئۆرۈگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! شۇ ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ يۈز ئۆرۈدى
53 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَعْطَىٰ قَلِيلًا وَأَكْدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (شەرت قىلىنغان مالدىن) ئازغىنا بەردى، قالغىنىنى بەرمىدى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئازغىنا بەردى، قالغىنىنى بەرمىدى
ئەنەس ئالىم: ۋە ئازغىنە بېرىپ، توختىۋالدى.
53 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَوْمَ نُوحٍ مِنْ قَبْلُ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا هُمْ أَظْلَمَ وَأَطْغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلغان ئىدى)، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغان ئىدى، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلغان ئىدى، چۈنكى ئۇلار ناھايىتى زالىم ۋە بەك ھەددىدىن ئاشقان ئىدى.
53 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَضْحَكُونَ وَلَا تَبْكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) كۈلەمسىلەر؟ يىغلىمامسىلەر؟[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈلەمسىلەر؟ يىغلىمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: كۈلەمسىلەر، يىغلىمامىسىلەر؟
قەمەر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالُوا أَبَشَرًا مِنَّا وَاحِدًا نَتَّبِعُهُ إِنَّا إِذًا لَفِي ضَلَالٍ وَسُعُرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئارىمىزدىكى (بىزگە ئوخشاش) بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ (ئۇنداق قىلساق) ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھلىققا ۋە ساراڭلىققا مۇپتىلا بولىمىز[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئارىمىزدىكى بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھلىققا ۋە ساراڭلىققا مۇپتىلا بولىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئىچىمىزدىن بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ ئەگەر ئۇنداق قىلساق ئېزىپ كەتكەن ۋە ئۆزىمىزنى ئوتقا ئاتقان بولىمىز.
54 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
أَأُلْقِيَ الذِّكْرُ عَلَيْهِ مِنْ بَيْنِنَا بَلْ هُوَ كَذَّابٌ أَشِرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا ۋەھىي نازىل قىلىندىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يالغانچىدۇر، مۇتەكەببىردۇر»[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا ۋەھيى نازىل قىلىندىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يالغانچىدۇر، مۇتەكەببىردۇر»
ئەنەس ئالىم: ۋەھىي ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا بېرىلىپتۇمۇ؟ ياق، ئۇ ھاكاۋۇر يالغانچىدۇر».
54 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَنَادَوْا صَاحِبَهُمْ فَتَعَاطَىٰ فَعَقَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بۇرادىرىنى (تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە) چاقىردى. ئۇ قىلىچنى ئېلىپ تۆگىنى بوغۇزلىدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بۇرادىرىنى چاقىردى، ئۇ قىلىچنى ئېلىپ تۆگىنى بوغۇزلىدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلار بۇرادىرىنى چاقىردى. ئۇ ئىشقا كىرىشتى ۋە تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى.
54 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ يَقُولُونَ نَحْنُ جَمِيعٌ مُنْتَصِرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار «بىز (مۇھەممەد ئۈستىدىن) غالىب قەۋممىز» دەمدۇ؟[44]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار :«بىز ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان بىر قەۋممىز» دەمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار: «بىز غەلىبە قىلغۇچى جامائەمىز» دەمدۇ؟
ۋاقىئە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمْ كَانُوا قَبْلَ ذَٰلِكَ مُتْرَفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادا) شەھۋەتكە چۆمگەن ئىدى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى شەھۋەتكە چۆمگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملەر ئىدى،
ھەدىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
لِكَيْلَا تَأْسَوْا عَلَىٰ مَا فَاتَكُمْ وَلَا تَفْرَحُوا بِمَا آتَاكُمْ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھتائالانىڭ ئۇلارنى لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىشى) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ئاللاھ مۇتەكەببىرلەر ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق بولۇشى، قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ئاللاھ مۇتەكەببىرلەرنى ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرماسلىقىڭلار ۋە ئاللاھ ئاتا قىلغان نەرسە بىلەن كۆرەڭلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھاكاۋۇرلارنى ۋە مەنمەنچىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
57 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَبْخَلُونَ وَيَأْمُرُونَ النَّاسَ بِالْبُخْلِ ۗ وَمَنْ يَتَوَلَّ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان ۋە كىشىلەرنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغانلاردۇر، كىمكى (ئاللاھنىڭ يولىدا نەپىقە قىلىشتىن) باش تارتىدىكەن (ئاللاھقا ھېچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، چۈنكى ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان ۋە كىشىلەرنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغانلاردۇر، كىمكى يۈز ئۆرۈسە، بىلسۇنكى، ئاللاھ بىھاجەتتۇر ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان ۋە ئىنسانلارنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغان كىشىلەردۇر. كىم يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر.
مۇجادىلە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ تَوَلَّوْا قَوْمًا غَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مَا هُمْ مِنْكُمْ وَلَا مِنْهُمْ وَيَحْلِفُونَ عَلَى الْكَذِبِ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان قەۋمنى دوست تۇتقان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سىلەرگىمۇ ۋە ئۇ قەۋمگىمۇ (يەنى يەھۇدىيلارغىمۇ) مەنسۇپ ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان قەۋمنى دوست تۇتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سىلەرگىمۇ ۋە ئۇ قەۋمگىمۇ مەنسۇپ ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سىلەردىنمۇ ئەمەس، ئۇ قەۋمدىنمۇ ئەمەس. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم قىلىدۇ.
58 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَبْعَثُهُمُ اللَّهُ جَمِيعًا فَيَحْلِفُونَ لَهُ كَمَا يَحْلِفُونَ لَكُمْ ۖ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ عَلَىٰ شَيْءٍ ۚ أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ الْكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدا «بىز مۇسۇلمانمىز» دەپ يالغاندىن) سىلەرگە قەسەم ئىچكەندەك ئاللاھقا قەسەم ئىچىدۇ، ئۇلار بۇ قەسەمنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىسى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچكەندەك ئاللاھقا قەسەم ئىچىدۇ ۋە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر نەرسە ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئويلايدۇ، ئاگاھ بۇلۇڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا تىرىلدۈرگەن كۈندە، ئۇلار ھازىر سىلەرگە قەسەم قىلغاندەك ئاللاھقا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار پايدا ئالىمىز دەپ ئويلايدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
ھەشر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ نَافَقُوا يَقُولُونَ لِإِخْوَانِهِمُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَئِنْ أُخْرِجْتُمْ لَنَخْرُجَنَّ مَعَكُمْ وَلَا نُطِيعُ فِيكُمْ أَحَدًا أَبَدًا وَإِنْ قُوتِلْتُمْ لَنَنْصُرَنَّكُمْ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى) ئىنكار قىلغان ئەھلى كىتاب بۇرادەرلىرىگە: «يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىلسەڭلار، بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىرگە چىقىپ كېتىمىز، ھەرگىز سىلەرنىڭ زىيىنىڭلار ھېسابىغا باشقا ئادەمگە ئىتائەت قىلمايمىز، سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا چوقۇم سىلەرگە ياردەم بېرىمىز» دېيىشكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلارنىڭ، ئەھلى كىتابتىن ئىنكار قىلغان بۇرادەرلىرىگە: «يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىلسەڭلار، بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىرگە چىقىپ كېتىمىز، ھەرگىز سىلەرنىڭ زىيىنىڭلار ھېسابىغا باشقا ئادەمگە ئىتائەت قىلمايمىز، سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا چوقۇم سىلەرگە ياردەم بېرىمىز» دېيىشكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: شۇ مۇنافىقلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەھلى كىتابتىن بولغان كافىر قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر ھەيدەپ چىقىرىلساڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە چىقىمىز، سىلەرگە قارشى ھېچكىمگە قەتئىي ئىتائەت قىلمايمىز، سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا ئەلۋەتتە سىلەرگە ياردەم بېرىمىز». ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇنافىقلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
مۇمتەھىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
60 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ قَاتَلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَأَخْرَجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ وَظَاهَرُوا عَلَىٰ إِخْرَاجِكُمْ أَنْ تَوَلَّوْهُمْ ۚ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرنى پەقەت دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە چىقىرىشقا ياردەملەشكەن كىشىلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ. كىم ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن زالىملاردۇر.
سەپ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
61 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُوَ يُدْعَىٰ إِلَى الْإِسْلَامِ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىۋېتىپ، ئاللاھقا يالغاننى (يەنى ئاللاھنىڭ شېرىكى بار، بالىسى بار دېگەندەك سۆزلەرنى) چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئاللاھ زالىم (يەنى كاپىر) قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىۋېتىپ، ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىسلامغا چاقىرىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
جۇمۇئە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
62 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
مَثَلُ الَّذِينَ حُمِّلُوا التَّوْرَاةَ ثُمَّ لَمْ يَحْمِلُوهَا كَمَثَلِ الْحِمَارِ يَحْمِلُ أَسْفَارًا ۚ بِئْسَ مَثَلُ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِ اللَّهِ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە (يەنى ئەمەل قىلىشقا) تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر (يەنى تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلار) خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ (يەنى پايدىلىق چوڭ ـ چوڭ كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ)، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلار، خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: زىممىلىرىگە تەۋراتقا ئەمەل قىلىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن تۇرۇقلۇق، تەۋراتقا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ ئەھۋالى چوڭ - چوڭ كىتابلارنى توشۇيدىغان ئېشەكنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
62 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَتَمَنَّوْنَهُ أَبَدًا بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۆلۈمنى ھەرگىز ئارزۇ قىلمايدۇ، ئاللاھ زالىملارنى بىلگۈچىدۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۆلۈمنى ھەرگىز ئارزۇ قىلمايدۇ، ئاللاھ زالىملارنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلالمايدۇ. ئاللاھ زالىملارنى بىلگۈچىدۇر.
مۇنافىقۇن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
63 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا جَاءَكَ الْمُنَافِقُونَ قَالُوا نَشْهَدُ إِنَّكَ لَرَسُولُ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّكَ لَرَسُولُهُ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇرسەن» دەيدۇ، سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار (بۇ سۆزلىرىدە) چوقۇم يالغانچىلاردۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇرسەن» دەيدۇ، سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلار يېنىڭغا كەلگەن چاغلىرىدا ساڭا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن» دەيدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇنافىقلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
63 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا يَسْتَغْفِرْ لَكُمْ رَسُولُ اللَّهِ لَوَّوْا رُءُوسَهُمْ وَرَأَيْتَهُمْ يَصُدُّونَ وَهُمْ مُسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىپ: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ» دېيىلسە، (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) باشلىرىنى چايقايدۇ، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا (دەۋەت قىلىنغان نەرسىدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈسەن[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىپ: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ» دېيىلسە، باشلىرىنى سىلكىيدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسۇن» دېيىلگەن چاغدا، ئۇلار باشلىرىنى تولغايدۇ. ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن.
قەلەم سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
هَمَّازٍ مَشَّاءٍ بِنَمِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن[10ـ13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەيىبلىگۈچى، سۇخەنچى،
68 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
مَنَّاعٍ لِلْخَيْرِ مُعْتَدٍ أَثِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن[10ـ13].
تەرجىمە ھەيئىتى: بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكاردۇر
ئەنەس ئالىم: ياخشىلىقنى مەنئى قىلغۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار،
68 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
عُتُلٍّ بَعْدَ ذَٰلِكَ زَنِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن[10ـ13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە قوپالدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغاندۇر
ئەنەس ئالىم: قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان.
68 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
أَنِ اغْدُوا عَلَىٰ حَرْثِكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَارِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى[21ـ22].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئەگەر ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ
ئەنەس ئالىم: «ئۈزۈۋالغۇچىلار بولساڭلار مەھسۇلاتىڭلارنىڭ يېنىغا ئەتىگەن بېرىڭلار».
68 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْطَلَقُوا وَهُمْ يَتَخَافَتُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى[23 ـ 24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار مۇنداق پىچىرلاشقان ھالدا يولغا چىقىشتى:
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چۈشتى ۋە ماڭغاچ مۇنداق دەپ پىچىرلىشاتتى:
68 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ لَا يَدْخُلَنَّهَا الْيَوْمَ عَلَيْكُمْ مِسْكِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى[23 ـ 24].
تەرجىمە ھەيئىتى: «بۈگۈن باغقا بىرمۇ مىسكىن كىرمىسۇن»
ئەنەس ئالىم: «بۈگۈن باغقا، يېنىڭلارغا بىرەر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن»
68 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَغَدَوْا عَلَىٰ حَرْدٍ قَادِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «(مىسكىنلەرنى باغقا كىرىشتىن) توسىيالايمىز دېگەن ئوي بىلەن، ئەتىگەندە تۇرۇشتى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «توسىيالايمىز» دېگەن ئوي بىلەن ئەتىگەندە تۇرۇشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئەتىگەن باردى،
68 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ نَحْنُ مَحْرُومُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار باغنىڭ (كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋىسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى[26ـ27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياق! بىز قۇرۇق قېلىپتۇق!»
ئەنەس ئالىم: بەلكى بىز مەھرۇم قىلىنىپتىمىز».
68 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا سُبْحَانَ رَبِّنَا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىزكى، بىز (مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى مەنئى قىلىش بىلەن) ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇق» دېدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىمىز! سېنى پاك ئېتىقاد قىلىمىزكى، بىز ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇق» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز رەببىمىزگە تەسبىھ ئېيتىمىز. بىز زۇلۇم قىلىپتىمىز» دېدى.
68 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا وَيْلَنَا إِنَّا كُنَّا طَاغِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دېيىشتى: «ۋاي ھالىمىزغا! بىز ھەقىقەتەن ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دېيىشتى: «ۋاي بىزگە! بىز ھەقىقەتەن ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئىسىت بىزگە! بىز ھەددىمىزدىن ئېشىپتىمىز.
68 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ لَكُمْ فِيهِ لَمَا تَخَيَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى سىلەردە (ئاسماندىن نازىل بولغان) بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىلەرگە (قىيامەت كۈنى) خالىغىنىڭلار بار، دېگەننى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟[37ـ38]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭدا «خالىغىنىڭلار سىلەرنىڭدۇر»، دەپ يېزىلغانمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭدا خالىغىنىڭلار سىلەرنىڭ بولىدۇ دەپ يېزىلغانمۇ؟
مائارىج سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَمَعَ فَأَوْعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل ـ مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ[17ـ18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە پۇل ـ مال يىغىپ ساقلىغانلارنى چاقىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ۋە مال يىغىپ ھەققىنى بەرمەي ساقلىغان كىشىنى.
70 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا مَسَّهُ الْخَيْرُ مَنُوعًا
مۇھەممەد سالىھ: بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ياخشىلىق يەتكەندە مەنئى قىلغۇچىدۇر.
70 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنِ ابْتَغَىٰ وَرَاءَ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْعَادُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇشنى) بۇنىڭ سىرتىدىن تىلىگۈچىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇنىڭ سىرتىدىن تىلىگۈچىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: كىم ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئەنە شۇلار ئاشقۇچىلاردۇر.
70 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَالِ الَّذِينَ كَفَرُوا قِبَلَكَ مُهْطِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ[36ـ37].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن؟ ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە بويۇنلىرىنى سوزغان ۋە كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككەن ھالدا يۈگۈرىدۇ؟
70 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ عِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ[36ـ37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئوڭدىن ۋە سولدىن توپ - توپ ھالدا.
70 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
أَيَطْمَعُ كُلُّ امْرِئٍ مِنْهُمْ أَنْ يُدْخَلَ جَنَّةَ نَعِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ھەر بىر ئادەم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشنى تەمە قىلامدۇ؟(ئىزاھات:مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۆرىسىگە ھەلقە ـ ھەلقە بولۇپ توپلىشىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالاتتى. ئۇنى ۋە ساھابىلىرىنى مەسخىرە قىلاتتى، ئۇلار: «مۇھەممەد ئېيتقاندەك بۇلار جەننەتكە كىرىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە بۇلاردىن ئىلگىرى بىز كىرىمىز» دەيتتى، بۇ ئايەت شۇلار ھەققىدە نازىل بولغان.)[38]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ھەر بىر ئادەم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشنى تەمە قىلامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن ھەر كىشى نەئىم جەننىتىگە كىرگۈزۈلۈشىنى تەمە قىلامدۇ؟
نوھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنِّي كُلَّمَا دَعَوْتُهُمْ لِتَغْفِرَ لَهُمْ جَعَلُوا أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ وَاسْتَغْشَوْا ثِيَابَهُمْ وَأَصَرُّوا وَاسْتَكْبَرُوا اسْتِكْبَارًا
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، (دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن) بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى. (سۆزۈمنى ئاڭلىماسلىق ياكى مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن) كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى. (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى، چوڭچىلىق قىلىپ (ئىماندىن) تېخىمۇ باش تارتتى[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى ۋە كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى، كۇفرىدا چىڭ تۇردى ۋە چوڭچىلىق قىلىپ تېخىمۇ باش تارتتى
ئەنەس ئالىم: سېنىڭ ئۇلارغا مەغپىرەت قىلىشىڭ ئۈچۈن مەن قاچانىكى ئۇلارنى دەۋەت قىلسام، ئۇلار بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالدى، كىيىملىرىگە يۆگىنىۋالدى، چىڭ تۇردى ۋە بەك چوڭچىلىق قىلدى.
مۇدەسسىر سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
ذَرْنِي وَمَنْ خَلَقْتُ وَحِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرەنى) ماڭا قويۇۋەت[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى ماڭا قويۇۋەت
ئەنەس ئالىم: مېنى، مەن يالغۇز ياراتقان ئادەم بىلەن قويۇۋەتكىن.
74 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْتُ لَهُ مَالًا مَمْدُودًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال بەردىم[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال بەردىم
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇنىڭغا ئۇزىتىلغۇچى مال2 بەردىم.
74 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ يَطْمَعُ أَنْ أَزِيدَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەمما ئۇ زىيادە قىلىشىمنى تەمە قىلماقتا.
74 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى[22]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى،
74 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَدْبَرَ وَاسْتَكْبَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى (پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى[23]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئارقىسىنى قىلدى ۋە كىبىرلەندى،
قىيامەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ ذَهَبَ إِلَىٰ أَهْلِهِ يَتَمَطَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن كېرىلگەن ھالدا يېقىن - يورۇقلىرىنىڭ يېنىغا باردى.
نازىئات سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَدْبَرَ يَسْعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن پىرئەۋن (مۇسادىن) يۈز ئۆرۈپ (ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىشكە) كىرىشتى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن پىرئەۋن ئالدىرىغان ھالدا يۈز ئۆرۈپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئىشقا كىرىشىش ئۈچۈن ئارقىسىنى قىلىپ كەتتى،
79 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَحَشَرَ فَنَادَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ سېھرىگەرلەرنى، ئەسكەرلىرىنى، تەۋەلىرىنى) توپلىدى ھەم نىدا قىلىپ[23]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇ - ئادەملىرىنى- توپلىدى ھەم نىدا قىلىپ دېدىكى:
ئەنەس ئالىم: ئاندىن توپلىدى، ئاندىن نىدا قىلدى:
79 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالَ أَنَا رَبُّكُمُ الْأَعْلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: دېدى: «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك رەببىڭلاردۇرمەن»
ئەنەس ئالىم: «مەن سىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك رەببىڭلاردۇرمەن» دېدى.
79 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا مَنْ طَغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى (كۇفرىدا، گۇناھتا) چېكىدىن ئاشىدىكەن[37]،
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى چېكىدىن ئاشىدىكەن
ئەنەس ئالىم: كىمكى ھەددىدىن ئاشىدىكەن
ئەبەسە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّا مَنِ اسْتَغْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)[5ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمما ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك
ئەنەس ئالىم: ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك،
تەكۋىر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
81 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْمَوْءُودَةُ سُئِلَتْ
مۇھەممەد سالىھ: تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9]،
تەرجىمە ھەيئىتى: تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سورالغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سورالغان چاغدا،
81 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
بِأَيِّ ذَنْبٍ قُتِلَتْ
مۇھەممەد سالىھ: تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9]،
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ
ئەنەس ئالىم: قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى.
مۇتەففىفىن سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
83 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَيْلٌ لِلْمُطَفِّفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي![1]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
83 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يُكَذِّبُ بِهِ إِلَّا كُلُّ مُعْتَدٍ أَثِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى پەقەت (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان، ئىنتايىن گۇناھكار ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى پەقەت ھەددىدىن ئاشقان، ئىنتايىن گۇناھكار ئادەملا يالغانغا چىقىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنى ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە گۇناھ قىلغۇچىدىن باشقا ھېچكىم يالغان دېمەيدۇ.
83 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا مَرُّوا بِهِمْ يَتَغَامَزُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مۆمىنلەرنى كۈزىتىشكە ئەۋەتىلگىنى يوق[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھالبۇكى ئۇلار مۇئمىنلارغا كۈزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئەمەس
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، ئۇلار مۇئمىنلارغا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتىلمىگەن.
بۇرۇج سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
85 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ هُمْ عَلَيْهَا قُعُودٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى[6ـ7]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەرنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان ھالدا
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ ئوتنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ،
85 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُمْ عَلَىٰ مَا يَفْعَلُونَ بِالْمُؤْمِنِينَ شُهُودٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى[6ـ7]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرىنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلارغا سالغان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرەتتى.
فەجر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ طَغَوْا فِي الْبِلَادِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شەھەرلەردە ھەددىدىن ئاشقان
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، شەھەرلەردە ھەددىدىن ئاشتى،
89 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَكْثَرُوا فِيهَا الْفَسَادَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە كۆپ بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى.
89 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَأْكُلُونَ التُّرَاثَ أَكْلًا لَمًّا
مۇھەممەد سالىھ: مىراسنى (ھالال- ھارام دېمەستىن) ھە دەپ يەيسىلەر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: مىراسنى ھە دەپ يەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: مىراسنى ھالال-ھارام دېمەستىن يەيسىلەر.
89 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَتُحِبُّونَ الْمَالَ حُبًّا جَمًّا
مۇھەممەد سالىھ: مالنى (ھېرىسلىق بىلەن) ناھايىتى دوست تۇتىسىلەر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: پۇل - مالنى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى كۆرۈسىلەر
ئەنەس ئالىم: مالنى بەك ياخشى كۆرىسىلەر4.
بەلەد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
90 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
أَيَحْسَبُ أَنْ لَنْ يَقْدِرَ عَلَيْهِ أَحَدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟[5]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ «ماڭا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ» دەپ ئويلامدۇ؟
90 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَقُولُ أَهْلَكْتُ مَالًا لُبَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: «كۆپ مال سەرپ قىلدىم» دەيدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «كۆپ مال سەرپ قىلدىم» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «مەن دۆۋە-دۆۋە مال تۈگەتتىم» دەيدۇ4.
90 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
أَيَحْسَبُ أَنْ لَمْ يَرَهُ أَحَدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئۆزىنىڭ (مال) سەرپ قىلغانلىقىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى دەپ ئويلامدۇ؟[7]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئۆزىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى دەپ ئويلامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ «مېنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ» دەپ ئويلامدۇ؟
شەمس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
91 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِطَغْوَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئەڭ بەتبەختى ئالدىرىغاندا
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئەڭ بەتبەختى ئېتىلىپ چىقتى.
لەيل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
92 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا مَنْ بَخِلَ وَاسْتَغْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك[8ـ9]،
تەرجىمە ھەيئىتى: بېخىللىق قىلىپ، ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان ئادەمگە كەلسەك
ئەنەس ئالىم: ئەمما كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىكەن
ئەلەق سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
96 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا إِنَّ الْإِنْسَانَ لَيَطْغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ[6ـ7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياق! ھەقىقەت شۇكى، ئىنسان ھەددىدىن ئاشتى
ئەنەس ئالىم: ياق! شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەددىدىن ئاشىدۇ،
96 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ رَآهُ اسْتَغْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ[6ـ7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان ئۆز-ئۆزىگە كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى گۇمان قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۆزىنى بىھاجەت كۆرگەنلىكى ئۈچۈن.
96 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا لَئِنْ لَمْ يَنْتَهِ لَنَسْفَعًا بِالنَّاصِيَةِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن ـ يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز[15 ـ 16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق ئەمەس! ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ جەھەننەمگە سۆرەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇ يانسۇن2! ئەگەر يانمىسا ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ سۆرەيمىز،
96 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
نَاصِيَةٍ كَاذِبَةٍ خَاطِئَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن ـ يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز[15 ـ 16].
تەرجىمە ھەيئىتى: يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ جەھەننەمگە سۆرەيمىز
ئەنەس ئالىم: يالغانچى ۋە خاتالىق ئۆتكۈزگۈچى كوكۇلىسىدىن.
ئادىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
100 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّهُ لِحُبِّ الْخَيْرِ لَشَدِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان پۇل ـ مالغا ئىنتايىن ھېرىستۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان پۇل ـ مالنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بەك قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ مال-دۇنيانى بەك ياخشى كۆرگۈچىدۇر.
تەكاسۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
102 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَلْهَاكُمُ التَّكَاثُرُ
مۇھەممەد سالىھ: تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل ـ مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى[1ـ2].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى كۆپلۈك1 بىلەن پەخىرلىنىش كاشىلا قىلدى،
ھۇمەزە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
104 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَيْلٌ لِكُلِّ هُمَزَةٍ لُمَزَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: (كىشىلەرنى) ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي![1].
تەرجىمە ھەيئىتى: مال توپلاپ، ئۇنى قايتا قايتا سانىغان، كىشىلەرنى ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ھەر ئەيىبلىگۈچى غەيۋەتخورنىڭ ھالىغا ۋاي!
104 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي جَمَعَ مَالًا وَعَدَّدَهُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مال توپلىدى ۋە ئۇنى (ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلماي ساقلاش ئۈچۈن) سانىدى[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مال-مۈلكۈم مېنى مەڭگۈ ھايات قالدۇرىدۇ دەپ ئويلاپ،
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق كىشىكى، مال توپلىدى ۋە ئۇنى سانىدى.
104 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
يَحْسَبُ أَنَّ مَالَهُ أَخْلَدَهُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مېلى ئۆزىنى (دۇنيادا مەڭگۈ قالدۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ)[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: مال-مۈلۈك توپلاش ۋە ئۇنى ساناش بىلەنلا بولۇپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇ مېلىنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈ ياشىتىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ.
مائۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
107 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَٰلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر[2ـ3]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئادەم يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان،
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق كىشىكى يېتىمنى دۆشكەلەيدۇ،
فەلەق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
113 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ
مۇھەممەد سالىھ: «مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى يامانلىقىدىن تاڭ نۇرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ۋە ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى يامانلىقىدىن قاچىمەن».